نېئمەتلەرنىڭ بايانى، ھەقىقىتى ۋە قىسىملىرى

نېئمەتلەرنىڭ بايانى، ھەقىقىتى ۋە قىسىملىرى

شۇنى بىلگىنكى، ھەرقانداق تەلەپ قىلىنىدىغان نەرسە «نېئمەت» جۈملىسىدىندۇر. لېكىن، ھەقىقىي نېئمەت ئاخىرەتتىكى بەخت – سائادەتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقىسىنى نېئمەت دەپ ئاتاشمۇ دۇرۇستۇر. بارلىق نەرسىلەر بىزگە نىسبەتەن تۆت قىسىمغا بۆلىنىدۇ:

بىرىنچى قىسىم: ئىلىم ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئوخشاش دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تامامەن پايدىلىق بولغان نەرسە. بۇ ھەقىقىي نېئمەتتۇر.

ئىككىنچى قىسىم: دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تامامەن زىيانلىق بولغان نەرسە، ئۇ ھەقىقەتتە بالا – قازادۇر.

ئۈچىنچى قىسىم: لەززەت ئېلىش ۋە شەھۋەتلەرگە ئەگىشىشكە ئوخشاش ھازىرقى ھالىتىدە پايدا بېرىدىغان، ئاخىرەتتە زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسە. ئۇ بولسا ئەقىل ئىگىلىرى قارىشىدا بالا – مۇسىبەتتۇر. جاھىل كىشى ئۇنى نېئمەت، دەپ ئويلايدۇ.

ئۇ، بەئەينى ئاچ قالغان ئادەم زەھەر سېلىنغان ھەسەلنى تاپسا، زەھەر بارلىقىنى بىلمىسە ئۇنى نېئمەت سانىغانغا، زەھەر بارلىقىنى بىلسە، ئۇنى بالا – مۇسىبەت سانىغانغا ئوخشايدۇ.

تۆتىنچى قىسىم: شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە زىيانلىق، ئاخىرەتتە پايدىلىق نەرسە. بۇ ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ قارىشىدا نېئمەت، نادانلارنىڭ نەزەرىدە بالا – مۇسىبەتتۇر.

مەسىلەن، نەق تېتىغاندا بەك ئاچچىق، ئىچكەن كېسەللەرگە كېلەچەكتە شىپا بولىدىغان دورا كەبى. نادان بالىغا بۇنداق دورىنى ئىچىش تەكلىپ قىلىنسا، ئۇنى بالا – مۇسىبەت دەپ ئويلايدۇ، ئاقىل كىشى بولسا ئۇنى نېئمەت سانايدۇ. شۇنىڭدەك بىر سەبىي ئۈچۈن لوڭقا قويۇپ قان ئېلىش شەرت بولسا، ئاتا ئاقىۋەتتە بالىسىنىڭ كېسىلىنىڭ شىپا تېپىش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ بالىسى ئۈچۈن لوڭقا قويۇپ قان ئېلىشقا قوشۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ. ئانا بولسا لوڭقا قويۇپ قان ئېلىشتىكى مەنپەئەتنى بىلمىگەنلىكى، بالىسىغا بولغان مۇھەببىتى ۋە شەپقىتى قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن بالىسىغا قىيالمايدۇ ۋە بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. بالا ھەقىقەتنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئانىسىنىڭ شەپقىتىگە ئېسىلىدۇ، دادىسىغا ئەمەس، ئانىسغا يېپىشىدۇ ۋە دادىسىنى يامان كۆرىدۇ. ئەگەر سەبىي چۈشەنسە ئىدى، ئەلبەتتە ئانىسىنىڭ «ياخشىلىق قىلىمەن» دەپ يامانلىق قىلغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى، ئانىسىنىڭ ئۇنى لوڭقا قويۇپ قان ئېلىشتىن ساقلىشى ئۇنىڭ ئاغرىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، جاھىل دوست ئەقىللىق دۈشمەندىن ياماندۇر. ھەربىر كىشى نەپسىنىڭ دوستىدۇر. لېكىن، نەپس جاھىل دوستتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، دۈشمەن قىلمىغان ئىشنى نەپس قىلىدۇ.

پەسىل: ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئۆزئارا باغلىنىشلىق ۋە بىھېساب ئىكەنلىكى توغرىسىدا
شۇنى بىلگىنكى، نېئمەتلەر ئۆز ئەسلىدە تەلەپ قىلىنغۇچى غايە بولغان نېئمەت ۋە غايە ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان نېئمەتكە بۆلىنىدۇ.

غايە بولسا ئاخىرەتتىكى بەخت – سائادەت بولۇپ، بۇ بەخت – سائادەتنى ھاسىل قىلغۇچىلار تۆتتۇر. ئۇلار: پايانى يوق باقىيلىق، غەم – قايغۇسىز خۇشاللىق، بىلىمىسزلىك بولمىغان ئىلىم ۋە موھتاجلىق بولمايدىغان دەرىجىدە بىھاجەتلىكتىن ئىبارەتتۇر. مانا بۇ ھەقىقىي بەخت – سائادەتتۇر.

غايە ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان نېئمەت بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بەخت – سائادەتكە ۋاسىتە بولىدىغان نېئمەتلەردۇر. ئۇلار تۆت قىسىم ئېرۇر:

ئەۋۋەلا: ئىمان ئېيتىش ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئوخشاش نەپسنىڭ پەزىلەتلىرى.

ئىككىنچى: كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ساقلىققا ئوخشاش بەدەننىڭ پەزىلەتلىرى.

ئۈچىنچى: مال – مۈلك، يۈز – ئابرۇي ۋە بالىچاقىغا ئوخشاش بەدەننى ياخشىلايدىغان نېئمەتلەر.

تۆتىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايەت قىلىشى، يول كۆرسىتىشى، توغرا يولغا باشلىشى ۋە كۈچلەندۈرۈشى قاتارلىق پەزىلەتلەرگە ئۇيغۇن نەرسىلەر بىلەن باشقا نېئمەتلەرنى مۇجەسسەم قىلغان سەۋەبلەردۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈيۈك نېئمەتلەردۇر.

سوئال: ئاخىرەت يولى ئۈچۈن مال ۋە مەرتىۋىگە ئوخشاش نەرسىلەردىكى سىرتقى نېئمەتلەرگە نېمە ئۈچۈن ئېھتىياج بار؟

جاۋاب: بۇ نەرسىلەر بەجايىكى غايىگە يەتكۈزىدىغان قانات ۋە مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمانلاردۇر.

مال – مۈلككە كەلسەك، ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىدا يېتەرلىك پۇل – مال بولمىسا، قورال – ياراقسىز جەڭگاھتا يۈرگەن ئادەمگە ئوخشاپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ قورساق غېمى ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىدۇ. بۇ ئۇنى ئىلىم تەھسىل قىلىش، زىكىر ئېيتىش ۋە پىكىر قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن مەشغۇل قىلىدۇ.

مەرتىۋىگە كەلسەك، مەرتىۋە بىلەن ئىنسان خارلىق ۋە ئېزىلىشتىن قۇتۇلىدۇ. كىشى ئۆزىگە ئەزىيەت بېرىدىغان دۈشمەندىن ۋە پىتنىخور زالىمدىن خالىي بولالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلار ئۇنىڭ قەلبىنى بەند قىلىدۇ. ئىنساننىڭ قەلبى مالنىڭ بېشىدۇر. بۇ بەن قىلغۇچى ئىشلاردىن ئەزىزلىك ۋە مەرتىۋە بىلەن ساقلىنىلىدۇ.

ساقلىق، كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە كەلسەك، بۇلارمۇ نېئمەتتۇر. چۈنكى، ئىلىم ۋە ئەمەل بۇلار بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىككى نېئمەت بار بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆپ كىشىلەر ئالدىنىپ قالغۇچىدۇر، ئۇ بولسىمۇ تەن ساقلىق ۋە بوش ۋاقىت»(1).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «كىشىلەرنىڭ ياخشىسى كىم؟» دەپ سورالغاندا، «ئۆمرى ئۇزۇن بولغان ۋە ئەمىلى ياخشى بولغان كىشى» دەپ جاۋاب بەرگەن(2).

مال – مۈلك ۋە مەرتىۋىگە كەلسەك، ئىككىلىسى نېئمەت بولسىمۇ، بىز ئىلگىرى ئۇنىڭدىكى ئاپەتلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. مال – مۈلك ۋە مەرتىۋە مۇتلەق ئەيىبلەنمەيدۇ.

ھىدايەت، يول كۆرسىتىش، توغرا يولغا باشلاش ۋە كۈچلەندۈرۈشكە كەلسەك، بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ نېئمەتلەر ئىكەنلىكى ھېچكىمگە مەخپىي ئەمەس، ھېچقانداق كىشى ئاللاھ تائالانىڭ تەۋپىقىدىن بىھاجەت بولالمايدۇ.

بۇ سەۋەبتىن مۇنداق دېيىلدى:

بولمىسا گەر يىگىتكە ئاللاھ ياردىمى،

بېشىغا چىقار ئۇنىڭغا ئىجتىھادى.

 

پەسىل: ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدىكى ئۆرنەكلەرنىڭ بايانى
بىز بىر قىسىم نېئمەتلەرنى بايان قىلىپ، تەن ساقلىقىنى ئىككىنچى مەرتىۋىدىكى ساقلىغۇچى نېئمەتلەرنىڭ قاتارىدا سانىدۇق. ئەگەر بىز بۇ نېئمەتنى تاماملىغان سەۋەبلەرنى بىرمۇ – بىر ساناشنى خاھلىساق، ئۇنىڭغا قادىر بولالمايمىز. لېكىن، يېمەك يېيىش ساقلىقنى ساقلاشتىكى بىر سەۋەبتۇر. بىز بىرمۇ – بىر ساناپ ئولتۇرماي، ئىشارە قىلىش ئارقىلىق يېمەك يېيىش ئورۇندىلىدىغان بىر قىسىم سەۋەبلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز.

ئاللاھ تائالا ساڭا بەرگەن سەزگۈ ئەزالىرى ۋە ئوزۇقلىنىش ئەزالىرى ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىدىن بىرىدۇر.

بىلىش ۋاسىتىسى بولمىش بەش سەزگۈ ئەزادىكى ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمەت تەرتىپىگە قارىغىن!

بۇ سەزگۈ ئەزالارنىڭ بىرىنچىسى: ھېسسىي سېزىم ئەزاسى. بۇ بولسا ھايۋان ئۈچۈن يارىتىلغان تۇنجى سەزگۈدۇر. ئەڭ ئەقەللىي سېزىش ئۆزىگە تەگكەن نەرسىنى ھېس قىلىشتۇر. ھېچ شەك يوقكى، ئۆزىدىن يىراقتىكى نەرسىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇكەممەل ئەزا بولۇشى كېرەك. شۇڭا، ئىنسان ئۆزىدىن يىراق بولغان نەرسىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن بىر سەزگۈ ئەزاغا موھتاجدۇر. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئىنساندا پۇراش سېزىمىنى ياراتتى، كىشى ئۇ ئەزا ئارقىلىق ئۆزىدىن يىراق بولغان پۇراقلارنى ھېس قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ پۇراقنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ، ئىنسان ئۇ پۇراقنىڭ مەنبەسىنى تېپىش ئۈچۈن كۆپ ئايلىنىشقا موھتاج بولىدۇ. بەزىدە ئۇ پۇراقنى چىقارغان نەرسىنى تاپالمايدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئۆزىدىن يىراق بولغان نەرسىنى كۆرۈپ، قايسى تەرەپلىكىنى بىلىپ، ئىزدەپ تېپىشى ئۈچۈن كۆزنى ياراتتى. ئەگەر ئاللاھ تائالا پەقەت كۆزنىلا ياراتقان بولسا، ئەلبەتتە ئىنسان مۇكەممەل بولمىغان بولاتتى. چۈنكى، كىشى كۆز بىلەن تام ۋە پەردىنىڭ كەينىدىكى نەرسىلەرنى كۆرەلمەيدۇ. بەزىدە دۈشمەن پەردىلىك بىر جايدا بىرىنى تۇتقىلى كەلسە ۋە پەردىنى ئېچىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا، ئۇ قېچىپ قۇتۇلالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ھەرىكەت بولغان ھامان ھۇجرىلارنىڭ كەينىدىن كەلگەن شەپىلەرنى ھېس قىلىش ئۈچۈن قۇلاقنى ياراتتى. ئەگەر تېتىش سېزىمى بولمىسا، ئاڭلىغۇچى قۇلاقنىڭ بولۇشىلا يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى، تېتىش سېزىمى ئارقىلىق كىشى نېمىنىڭ ئۆزىگە ئۇيغۇن ۋە نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. دەل – دەرەخلەر بىلەلمەيدۇ. چۈنكى، دەرەخ تۈۋىگە قانداقلا سۇيۇقلۇق تۆكۈلسە، دەرەخنىڭ تېتىش سېزىمى بولمىغاچقا ھەرقانداق سۇيۇقلۇقنى سۈمۈرۈۋېرىدۇ. ھالبۇكى بەزى زىيانلىق سۇيۇقلۇقلار دەرەخنى قۇرۇتۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.

ئاللاھ تائالا ئىنساننى باشقا بىر سۈپەت بىلەن مۇكاپاتلىدى، ئۇ سۈپەت بارلىق سۈپەتلەردىن شەرەپلىك بولغان ئەقىلدۇر. ئەقىل بىلەن يېگۈلۈكلەر، ئۇلارنىڭ پايدىلىرى ۋە زىيانلىق تەرەپلىرىنى بىلىش مۇمكىن. ئەقىل بىلەن ئاش – تائاملار تەقلىنىدۇ، ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلىدۇ. ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن يېمەك يېيىشتە ئەقىلدىن پايدىلىنىلىدۇ. بۇ ئەقىلنىڭ پايدىلىرىنىڭ ئەڭ ئەدناسىدۇر. ئەقىلدىكى ئەڭ چوڭ ھېكمەت بولسا ئاللاھ تائالانى تونۇشتۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاشكارا بەش سەزگۈ ئەزا پەقەت قىسمىي سەزگۈ ئەزالاردۇر. بىزنى سەزگۈ ئەزالارنى تولۇق بايان قىلدى، دەپ ئويلىمىغىن. كۆرۈش قۇۋۋىتى سەزگۈ ئەزالاردىن بىر ئەزادۇر. كۆز بولسا ئۇنىڭ قورالىدۇر. كۆز بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئون تەبىقىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇ تەبىقىلەرنىڭ بەزىسى ھۆل، بەزىسى ھەرخىل پەردىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئون تەبىقىنىڭ ھەربىرىنىڭ بىر خىل سۈپىتى، سۈرىتى، شەكلى، ھالىتى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە بىرىكىشى بار. ئەگەر بۇ تەبىقىلەردىن بىر تەبىقە قالايمىقانلاشسا ياكى ئۇنىڭدىكى بىر تەرتىپ قالايمىقانلاشسا، كۆرۈش قۇۋۋىتى قالايمىقانلىشىدۇ – دە، بارلىق تېۋىپلار ئۇنى داۋالاشتىن ئاجىز كېلىدۇ. بۇ پەقەت بىر سەزگۈ ئەزادىكى نېئمەتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ قۇلاق ۋە باشقا سەزگۈ ئەزالاردىكى نېئمەتلىرىنى بۇنىڭغا قىياس قىلغىن! ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نېئمەتلىرىنى بايان قىلماق ئۈچۈن توم – توم كىتابلارنى يازساقمۇ، يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا، پۈتۈن بەدەندىكى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى قانداقمۇ يېزىپ بولغىلى بولسۇن؟!

ئاندىن كېيىن ئىستەك، ماغدۇر ۋە تەنھەرىكەت قوراللىرى بولغان تۈرلۈك نېئمەتلەرنىڭ يارىتىلىشىغا قارىغىن. ئەگەر ئاللاھ تائالا تاماقنى كۆرۈپ بىلىش ئۈچۈن كۆزنى يارىتىپ، ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن تاماققا قارىتا ئىشتىھا ياراتمىغان بولسا، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەلبەتتە بىھۇدە بولغان بولاتتى. نۇرغۇن بىمارلار باركى، ئۆزىگە ئەڭ پايدىلىق تاماقنى كۆرىدۇ، لېكىن كۆڭلى تارتمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يېمەيدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا يېمەك يېيىش ئىشتىياقىنى ياراتتى ۋە كىشىنى غىزا يېيىشكە مەجبۇرلايدىغان بىر ئىستەكنى ئۇنىڭغا ھۆكۈمران قىلدى. ئەگەر بۇ ئىستەك مەلۇم مىقداردا تاماق يېيىش بىلەن بېسىلمىسا، كىشى تاماقنى كۆپ يەپ، ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا قورساق تويغان چاغدا يېمەك يېيىشتىن توختىشى ئۈچۈن، ئىنساندا تاماقتىن زېرىكىش تەبئىتىنى ياراتتى. ئىنسان نەسلىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن جىنسىي شەھۋەت ھەققىدىمۇ يۇقىرىقىدەك بايانلارنى قىلىش مۇمكىن.

كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ھەرىكەت ئەزالىرىنى يارىتىشتىكى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى توغرىسىدا
ئاندىن ئاللاھ تائالا تاماق يېيىش ۋە باشقا نەرسىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇچى ئەزالارنى ياراتتى. ئىككى قول شۇ جۈملىدىن بولۇپ، قوللار تاياقتەك تۇرسۇن ئەمەس، بەلكى ھەر تەرەپكە ھەرىكەت قىلىشى، سوزۇلۇشى ۋە قاتلىنىشى ئۈچۈن نەچچە بوغۇم قىلىپ يارىتىلغاندۇر.

ئاللاھ تائالا ئالىقاننى كەڭرى قىلىپ، ئۇنى بەش بارماققا بۆلدى. ئۇ بارماقلارنى ئوخشىمىغان ئۇزۇن – قىسقىلىقتا ياراتتى ۋە ئۇنى ئىككى سەپكە ئايرىدى. باش بارماق بىر تەرەپتە بولۇپ، قالغان تۆت بارماقنىڭ ئۈستىدىن ئايلىنىدۇ. ئەگەر بارماقلار بىر سىزىق ئۈستىدە، بىرسى بىرسىنىڭ ئۈستىدە بولغان بولسا، مەقسەت تولۇق ھاسىل بولمىغان بولاتتى. ئاندىن ئاللاھ تائالا بارماقلارنىڭ ئۇچلىرى كۈچلۈك بولسۇن ئۈچۈن ۋە بارماقلار ئالالمايدىغان بەزى نازۇك شەيئىلەرنى ئېلىشى ئۈچۈن بارماقلارنىڭ ئۇچىغا تىرناقلارنى ياراتتى.

پەرەز قىلغىنكى، سەن قولۇڭ بىلەن تاماقنى ئالدىڭ، ئەمما تاماق قورسىقىڭغا كىرمىگۈچە ساڭا كۇپايە قىلمايدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا كىشىگە ئېغىز ۋە ئىككى جاغ سۆڭەكنى ياراتتى. جاغ سۆڭىكىگە چىشلارنى تىزدى ۋە چىشلارنى لوقمىلارغا كۆرە ئۈزگۈچى ئوتتۇرا چىشلار، يىرتقۇچى قوزۇق چىشلار، ئەزگۈچى ئېزىق چىشلار شەكلىدە بىرنەچچە قىسىمغا بۆلدى. ئاللاھ تائالا ئاستىن جاغنى ھەرىكەتچان قىلىپ ياراتتى. ئۈستۈن جاغنى بولسا مۇقىم تۇرىدىغان قىلدى. ھەيھات! ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىش ئاجايىباتلىرىغا قارىغىن! ئىنسانلار ياسىغان تۈگمەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاست تېشى ھەرىكەت قىلماي مۇقىم تۇرىدۇ، ئۈست تاش ئايلىنىدۇ. لېكىن، ئاللاھ ياراتقان ئېغىزدىن ئىبارەت بۇ تۈگمەندە دەل ئەكسىچە. ھالبۇكى، ئەگەر ئۈستى ھەرىكەت قىلسا ئىدى، ئۈست تەرەپتىكى شەرەپلىك ئەزالار زىيانغا ئۇچرىغان بولاتتى.

ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ تىلنى يارىتىش بىلەن ئىنسانغا قانداق ئىنئام قىلغانلىقىغا قارىغىن! تىل ئېغىزنىڭ ئەتراپلىرىدا ئايلىنىدۇ. خۇددى تۈگمەن سۈپۈرگىسى ئاشلىقنى تۈگمەن تۆشۈكىگە يىغقاندەك، تىل ئېغىزدىكى تاماقنى ھاجەت مىقدارىدا چىش تەرەپكە ئىتتىرىدۇ. تىلدا سۆزلەش ئاجايىباتلىرى ھەم باردۇر.

پەرەز قىلغىنكى، سەن تاماقنى پارچىلاپ، قاتتىق – قۇرۇق ئارىلاشتۇردۇڭ، ئەگەر بىر تۈرلۈك ھۆللۈك بولمىسا، ئۇنى گال تەرەپكە ئىتتىرەلمەيسەن ۋە يۇتالمايسەن. قارىغىنكى، ئاللاھ تائالا شۆلگەي ئىشلەپچىقىرىپ تۇرىدىغان ۋە چاينالغان تاماققا ھاجەت مىقدارىدا تۆكۈلىدىغان بىر بۇلاقنى ياراتتى. ئاندىن ئېغىز ئىچىدە يۇغۇرۇلغان، ئېزىلگەن بۇ تاماقنى ئاشقازانغا كىم يەتكۈزىدۇ، ئۇنى ئاشقازانغا قول بىلەن يەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئاللاھ تائالا قىزىلئۆڭگەچ ۋە بوغۇزنى تەييارلىدى. ئۇنىڭ باشلانغۇچىنى تاماقنى يۇتۇش ئۈچۈن ئېچىلىدىغان، يۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئېتىلىدىغان ۋە تاماقنى يۇمىلىتىش ئۈچۈن بىرنەچچە قەۋەت قىلدى. ئاندىن تاماق قىزىلئۆڭگەچ كارىدورىدىن ئاشقازانغا چۈشىدۇ. تاماق قۇرۇق نان، مېۋە – چېۋە ھالەتتە ئاشقازانغا كېلىدۇ، ئۇ مۇكەممەل ھەزىم قىلىنغاندىلا گۆش، سۆڭەك ۋە قانغا ئايلىنىشى مۇمكىندۇر. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئاشقازاننى ئىچىگە تاماق چۈشىدىغان قازان كەبى قىلدى. تاماق ئاشقازاننىڭ ئىچىگە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاشقازاننىڭ تۇۋىقى يېپىلىدۇ. تاماق ئاشقازان ئىچىدە تۆت ئەزادىن ئۆتىدىغان ئىسسىقلىق بىلەن ھەزىم قىلىنىدۇ. تۆت ئەزا بولسا: ئوڭ تەرەپتىن جىگەر، سول تەرەپتىن تال، ئالدى تەرەپتىن بىرىنچى ئاشقازان، ئۈچەي ۋە جىگەرنى قاپلىغان نېپىز ياغ ۋە كەينى تەرەپتىن ئومۇرتقا گۆشىدىن ئىبارەت. تاماق ھەزىم قىلىنىپ تومۇرلارغا ئۆتۈشكە لايىق بىر – بىرىگە ئوخشايدىغان سۇيۇق ماددىغا ئايلىنىدۇ. ئاندىن تاماق تومۇرلاردىن جىگەرگە تۆكۈلۈپ، يەنە بىر قېتىم ھەزىم قىلىنغۇچە جىگەردە توختايدۇ. ئاندىن باشقا ئەزالارغا تارقىلىدۇ. ئاخىرىدا قالدۇق چۆكمە قالىدۇ. ئاندىن قالدۇق چۆكمىلەرمۇ يوقىلىدۇ. ئەگەر بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى سۆزلىمەكچى بولساق گەپ بەك ئۇزىراپ كېتىدۇ.

ئىنساندا سان – ساناقىسز مۇسكۇل ۋە تومۇرلار بار. بۇ مۇسكۇل – تومۇرلارنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، ئىنچىكە – توملۇقى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بىر ھېكمەت بار. ئەگەر شۇلاردىن بىر تال تومۇر ھەرىكەتتىن توختاپ قالسا، يا جىم تۇرىدىغان مۇسكۇل ھەرىكەت قىلسا — ئەي بىچارە ئىنسان — سەن ئەلبەتتە ھالاك بولاتتىڭ.

شۈكۈر قىلىشتا بەردەم بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۈستۈڭدىكى نېئمەتلىرىگە قارا! ھالبۇكى، سەن ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىدىن پەقەت ئەڭ تۆۋەن بولغان يېيىش نېئمىتىنىلا بىلىسەن. بىلگىنىڭ، ئۇ ئارقىلىق قورسىقىڭ ئاچقاندا تاماق يەيسەن خالاس. ھايۋانمۇ ئاچ قالسا يېيىشنى، چارچىسا ئۇخلاشنى ۋە كۆڭلى تارتسا جۈپلىشىشنى بىلىدۇ. كىشىنىڭ نەپسى پەقەت ئېشەك بىلگەننى بىلسە، ئاللاھ تائالاغا قانداق شۈكۈر بەجا كەلتۈرىدۇ؟!

بىز ئىخچامغىنە ئىشارە قىلىپ ئۆتكەن بۇ نېئمەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەت دېڭىزلىرىدىن بىر تامچىدۇر. باشقا نېئمەتلەرنى بۇنىڭغا قىياس قىلغىن.

بىز ۋە جىمى مەخلۇقاتلار بىلگەن ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى بىلمىگەنلىرىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا دېڭىزدىن بىر تامچىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر﴾(14/«ئىبراھىم»: 34؛ 16/«نەھل»: 18).

پەسىل

يېمەكلىكلەر ھاسىل بولىدىغان مەنبەلەردىكى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى توغرىسىدا

يېمەكلىكلەر ناھايىتى كۆپ تۈرلۈك ۋە خىلمۇخىلدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە ساناقسىز ئاجايىباتلار مەۋجۇدتۇر.

يېمەكلىكلەر بولسا ئاشلىقلار، دورىلار، مېۋە – چېۋىلەر ۋە باشقىلارغا بۆلىنىدۇ:

ئاشلىقلار ھەققىدە سۆزلىسەك: قولۇڭدا بىر ئاز بۇغداي بولسا ئەگەر ئۇنى يېسەڭ، بۇغداي تېزلا تۈگەپ، ئاچ قالىسەن. شۇڭا، يېتەرلىك بۇغدىيىڭ بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ بۇغداينى ئۆستۈرىدىغان ۋە ھەسسىلەپ كۆپەيتىدىغان بىر ئىشنى قىلىشقا — يەنى ئۇنى تېرىشقا — نېمىدېگەن موھتاجسەن – ھە! تېرىش دېگىنىمىز: بۇغداي ئۇرۇقىنى تاۋلانغان زېمىنغا چېچىشتۇر. سۇ ۋە تۇپراق بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇرۇق نەم، ئەمما قاتتىق زېمىنغا تېرىلسا، ھاۋا بولمىغان تەقدىردە يەنىلا ئۈنمەيدۇ. شۇڭا، ئۇرۇقنى ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يۇمشاق زېمىنغا تېرىش لازىم بولىدۇ.

ھاۋا ئۆزلۈكىدىن زېمىنغا سىڭىپ كىرەلمەيدۇ. ھاۋا ئۇرۇققا ئۆتۈشى ئۈچۈن ھاۋانى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ۋە ھاۋانى مەجبۇرىي زېمىن ئۈستىدىن ماڭدۇرىدىغان شامال بولۇشى لازىم. بۇلار بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئەتىياز ۋە يازنىڭ ئىسسىقلىقى بولۇشى لازىم. چۈنكى، زىيادە سوغۇقتا ئۇرۇق ئۈنمەيدۇ.

ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ زىرائەت موھتاج بولىدىغان سۇنى قانداق ياراتقانلىقىغا قارىغىن! بۇلاقلارنى ۋە دەريالارنى قانداق ئاققۇزغانلىقىغا قارىغىن! بەزى سۇ يەتمەيدىغان تۆپىلىك زېمىنلارغا ئاللاھ يامغۇرلۇق بۇلۇتلارنى ئەۋەتىدۇ. بۇلۇتلارغا شاماللارنى ئەۋەتىپ ئۇنى زېمىننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا ھەيدەيدۇ. ئۇلار بولسا ئېغىرلاشقان يامغۇر بۇلۇتلىرىدۇر. ئاندىن ئاللاھ تائالا يامغۇرنى كېرەكلىك ۋاقتىدا زېمىنغا ياغدۇرىدۇ.

قارىغىنە، ئاللاھ تائالا تاغلارنى قانداق قىلىپ سۇ ساقلىغۇچى قىلغان! تاغلاردىن بۇلاقلار توختاۋسىز تەپچىرەپ ئاقىدۇ. ئەگەر سۇلار تاغلاردىن بىر قېتىمدىلا ئېتىلىپ چىقسا زېمىن سۇغا غەرق بولۇپ، زىرائەت ۋە باشقا نەرسىلەر ھالاك بولغان بولاتتى.

قارىغىن! ئاللاھ تائالا زېمىندىن شۇنچە يىراق بولغان قۇياشنى قانداق ياراتقان ۋە بويسۇندۇرغان! سوغۇق ۋە ئىسسىق ئېھتىياجىغا بىنائەن قۇياش زېمىننى مەلۇم مۇددەت ئىللىتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاينى ياراتتى. قۇياشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىسسىتىش قىلغاندەك، ئاينىڭ خۇسۇسىيىتىنى نەملەندۈرۈش قىلدى. قۇياش مېۋە – چېۋىلەرنى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىشى بويىچە پىشۇرىدۇ. قۇياش ۋە ئاي بويسۇندۇرۇلغاندەك، ئاسماندىكى ھەرقانداق يۇلتۇز مۇئەييەن بىر مەنپەئەت ئۈچۈن بويسۇندۇرۇلغاندۇر. ھەربىرى ئىنسان ساناپ تۈگىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە كۆپ ھېكمەتلەرگە ئىگە. قۇياش ۋە ئايدا بىز تىلغا ئالغاندىن باشقا يەنە ھېسابسىز ھېكمەتلەر باردۇر.

يېمەكلىكلەر زېمىننىڭ ھەممە يېرىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا سودىگەرلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنى مال يىغىشقا ھېرىسمەن قىلدى. ئۇلار مال توپلايدۇ، ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتتا مېلى ئۇلارغا ئەسقاتمايدۇ. ماللار يا كېمىلەر بىلەن غەرق بولىدۇ، يا بۇلاڭچىلار تەرىپىدىن بۇلىنىدۇ، ۋەيا ئۆزلىرى بىرەر شەھەردە ئۆلۈپ قېلىپ، ماللىرىنى ئەمىر – سۇلتانلار ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ماللىرىنى مىراسخورلىرىنىڭ ئېلىشى ئەڭ گۈزەلدۇر. سودىگەرلەر بىلسە، مىراسخورلىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ قاتتىق دۈشمىنىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئارزۇ ۋە غەپلەتنى قانداق مۇسەللەت قىلغانلىقىغا قارىغىن! ئۇلار پايدا ئېلىش ئۈچۈن دېڭىزدا سەپەر قىلىپ قاتتىقچىلىقلارغا، تۈرلۈك خىيىم – خەتەرلەرگە يولۇقىدۇ، نەتىجىدە مەشرىق ۋە مەغرىبنىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىدىن يېگۈلۈكلەرنى ۋە تۈرلۈك – تۈمەن كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

كىشىلەرنى شۈكۈر قىلىشتىن قايتۇرغۇچى سەۋەبلەر توغرىسىدا
بىلگىنكى، كىشىلەر بىلىمسىزلىك ۋە غەپلەت يۈزىدىن نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار نېئمەتلەرنى تونۇيالمايدۇ. كىشى نېئمەتلەرنى تونۇغاندىن كېيىنلا شۈكۈر قىلىش ھاسىل بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار نېئمەتنى بىلسە، تىللىرى بىلەن «ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن»، «ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇن» دېسە، «شۇ شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار شۈكۈر قىلىشنىڭ مەنىسىنىڭ نېئمەتنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىرادە قىلىنغان ھېكمەتنى تاماملاش ئۈچۈن ئىشلىتىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

نېئمەتلەردىن غەپلەتتە قېلىشنىڭ بىرنەچچە سەۋەبلىرى بار:

بىرىنچى: كىشىلەر بىلىمىسزلىكتىن ھەر ئەھۋالدا ئىنسانلارغا ئومۇمىي بولغان نەرسىلەرنى نېئمەت دەپ سانىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇ نېئمەتلەر پۈتۈن كىشىلەرگە ئومۇمىيدۇر ۋە ھەر ئەھۋالدا مەخلۇقاتلارغا بېرىلگۈچىدۇر. كىشىگە بىرەر نېئمەت خاس قىلىپ بېرىلمىسە، كىشى ئۇنى نېئمەت ھېسابلىمايدۇ. كىشىلەرنى راھەت ھاۋا ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغان ھالەتتە كۆرمەيسەن. ئەگەر بىراۋنىڭ گېلى سىقىلىپ، ھاۋاسىز قالسا، شۈبھىسىز ئۆلگەن بولاتتى. ئەگەر بىراۋ مۇنچا ياكى بىرەر قۇدۇق ئىچىگە قامىلىپ قالسا، غەم – قايغۇدىن ئۆلۈپ قالغان بولاتتى. ئەگەر بىر كىشى مۇشۇ ئىشلاردىن بىرى بىلەن سىنىلىپ، نىجاتلىققا ئېرىشسە شۇ نېئمەت ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكرانى نېئمەت قىلغان بولاتتى. مانا بۇ بەك نادانلىقتۇر. چۈنكى، بىراۋنىڭ شۈكۈر قىلىشى بەزى ئەھۋاللاردا نېئمەت تارتىپ ئېلىنىپ، ئاندىن قايتۇرۇپ بېرىلىشكە باغلىنىپ قالغاندۇر. دېمەك، ھەممە ئەھۋالدا شۈكرانى نېئمەت قىلىش كېرەك. كۆزى كۆرىدىغان ئادەم قارىغۇ بولۇپ قالغاندىلا ئەسلىدىكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭغا كۆزى قايتۇرۇلۇپ بېرىلسە، نېئمەتنى ھېس قىلىدۇ ۋە شۇ چاغدا نېئمەتنى تونۇپ شۈكۈرانى نېئمەت قىلىدۇ. بۇنداق كىشى دائىم دۇمبالىنىدىغان ئەسكى قۇلغا ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇ قۇل بىر سائەت ئۇرۇلماي قويۇپ بېرىلسە شۈكۈر قىلىپ، بۇنى خوجايىنىنىڭ بىر ئېھسانى ھېسابلايدۇ. ئۇنى ئەسلا ئۇرماي ئازاد قىلسا، ھاكاۋۇرلۇق غالىب كېلىپ شۈكۈر قىلىشنى تەرك ئېتىدۇ. شۇ ئارقىلىق كىشىلەر پەقەت ئاز ياكى كۆپ خاس ماللارغىلا شۈكۈر قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز ئۈستلىرىدىكى بارلىق نېئمەتلىرىنى ئۇنتۇيدۇ.

رىۋايەت

بىر كەمبەغەل ئەھلى ئىلىم بىرىگە يوقسۇللۇقتىن شىكايەت قىلىپ، دەردىنى ئېيتىپتۇ. ئالىم كىشى ئۇنىڭغا:

— سەن قارىغۇ بولۇپ قالساڭ، لېكىن ئون مىڭ تەڭگەڭنىڭ بولۇشى سېنى خۇشال قىلامدۇ؟ — دېگەندە، كەمبەغەل كىشى:

— ياق، — دەپتۇ.

— گاچا بولۇپ قالساڭ، ئەمما ئون مىڭ تەڭگەڭنىڭ بولۇشى سېنى خۇشال قىلامدۇ؟

— ياق.

— ئىككى پۇتۇڭ ۋە ئىككى قولۇڭ كېسىلىسە، بىراق 20 مىڭ تەڭگەڭ بولسا، بۇ سېنى خۇشال قىلامدۇ؟

— ياق.

— ساراڭ بولۇپ قالساڭ، بىراق ئون مىڭ تەڭگەڭنىڭ بولۇشى سېنى خۇشال قىلامدۇ؟

— ياق.

شۇنىڭ بىلەن ئالىم:

— مانا ئىلكىڭدە 50 مىڭ تەڭگىلىك مال تۇرۇپ، ياردەمچىڭ بولغان ئاللاھ تائالاغا شىكايەت قىلىشتىن ھايا قىلمامسەن؟! — دەپتۇ.

ھېكايە

بىر كىشىگە قاتتىق كەمبەغەللىك يېتىپ، كۆڭلى سىقىلىدۇ، ئاندىن چۈشىدە بىر خىتاب كېلىپ:

— بىز ساڭا «ئەنئام سۈرىسى»نى ئۇنۇتتۇرساق ۋە سەن مىڭ تىللاغا ئېرىشسەڭ، بۇنى ياخشى كۆرەمسەن؟ — دەيدۇ. ئۇ كىشى:

— ياق، — دەيدۇ.

— «ھۇد سۈرىسى»نىچۇ؟

— ياق.

— «يۈسۈف سۈرىسى»نىچۇ؟

— ياق.

شۇنىڭ بىلەن خىتاب قىلغۇچى:

— سەندە يۈز مىڭ تىللا قىممىتىدىكى نەرسە تۇرسا، يەنە نامراتلىقتىن شىكايەت قىلامسەن، — دەيدۇ. ئاندىن ئۇ كىشى كۆڭلى ئېچىلغان ھالدا تاڭ ئاتقۇزىدۇ.

ئىبنى سەمماك رەھىمەھۇللاھ ھارۇن رەشىدنىڭ يېنىغا نەسىھەت قىلغىلى كىرىپ يىغلايدۇ، ئاندىن بىر قاچا سۇ تەلەپ قىلىدۇ. سۇ كەلتۈرۈلگەندە:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مۇبادا سىز ئۇشبۇ ئىچىملىكنى ئىچىشتىن مەنئى قىلىنسىڭىز ۋە جانابىڭىز دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى بېرىش ئارقىلىقلا بۇنى ئىچىشكە قادىر بولالىسىڭىز، دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى فىدىيە بېرىپ بولسىمۇ، بۇ ئىچىملىكىنى ئىچەمتىڭىز؟ − دەيدۇ. ھارۇن رەشىد:

— ھەئە، — دەيدۇ. ئىبنى سەمماك:

— ئاللاھ تائالا سىزگە بەرىكەت بەرسۇن، مەرھەمەت، قېنىپ ئىچىڭ، — دەيدۇ. ھارۇن رەشىد سۇنى ئىچىپ بولغاندا، ئىبنى سەمماك:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بۇ ئەمدى بۇ ئىچملىكنى قورسىقىڭىزدىن چىقىرالمىسىڭىز ۋە ئۇنى پەقەت دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى بېرىش ئارقىلىقلا چىقىرىشقا قادىر بولىسىڭىز، شۇ نەرسىلەرنى فىدىيە قىلىپ بېرەرمىدىڭىز؟ — دەيدۇ. ھارۇن رەشىد:

— ھەئە، — دەيدۇ ھارۇن رەشىد. ئىبنى سەمماك:

— ئۇنداقتا، شۇ سۇچىلىك قىممىتى يوق دۇنيانى نېمە قىلىسىز؟! — دەيدۇ.

بۇ ھېكايە بىر بەندە ئۇسساپ قالغاندا، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە بەرگەن ئىچىملىكنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ مۈلكىدىنمۇ بۈيۈك نېئمەت ئىكەنلىكىنى، ئىنسان يەنە قورسىقىدىكى گەندىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ نېئمەتلەر قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

بۇلار بولسا خاس نېئمەتلەرگە قىلىنغان ئىخچام ئىشارەتتۇر.

شۇنى بىلگىنكى، ھەرقانداق ئىنسان ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ باقسا، گەدىنىدە ھەممە خالايىق ھەمشېرىك بولمىغان، گاھىدا كۆپ قىسىم كىشىلەر ھەمشېرىك بولىدىغان كۆپ نېئمەتلەرنى كۆرىدۇ.

شۇ نېئمەتلەردىن بىرى: ئەقىل نېئمىتىدۇر. ھەرقانداق بەندە ئەقلى ھەققىدە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن رازىدۇر. ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى ئەڭ ئەقىللىق كىشى، دەپ قارايدۇ. ئاللاھ تائالادىن ئەقىل بېرىشىنى سورىمايدۇ. شۇڭا، بۇ قاراشتىكى كىشىنىڭ ئەقىل نېئمىتىگە قارىتا ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشى مۇھىمدۇر.

يەنە بىرى: ئەخلاق نېئمىتىدۇر. ھەرقانداق كىشى باشقا كىشىلەردە ئۆزى يامان كۆرىدىغان ئەيىبلەرنى، ئەيىبلەيدىغان ئەخلاقلارنى كۆرىدۇ ۋە ئۆزىنى شۇ يامان ئەخلاقلاردىن پاك، دەپ قارايدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ ئەخلاقىنى گۈزەل قىلغانلىقىغا ۋە ئۆزىنى يامان ئەخلاق بىلەن سىنىمىغانلىقىغا شۈكۈر قىلىشى كېرەك.

ھەرقانداق كىشى كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن يامان ئىشلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنى بىر ئۆزىلا بىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر چۈمپەردە يىرتىلىپ ئۇنى بىراۋ بىلىپ قالسا، رەسۋا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ يوشۇرۇن يامان ئىشلىرىنى بارلىق كىشىلەر بىلىپ قالسا ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟! بۇ كىشى نېمىشقا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ يامان ئىشلىرىنى گۈزەللىك بىلەن يېپىپ، گۈزەل ئىشلىرىنى ئاشكارا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتمىسۇن؟!

تېخىمۇ ئومۇمىي بولغان دەرىجىگە چۈشسەك: ھەرقانداق كىشىگە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يا تۇرق – شەكلى، يا خۇلق – ئەخلاقى، يا پېئىل – ئەتىۋارى، يا بالىچاقىسى، يا تۇرالغۇ جايى، يا يۇرت – شەھىرى، يا يېقىن – يورۇق، يار – ھەمراھى، يا باشقا ياخشى كۆرگەن كىشىلىرى بىلەن كۆپلىگەن ئىشلارنى رىزىق قىلغاندۇر. ئەگەر ئاشۇ ئىشلار تارتىۋېلىنىپ، باشقا نەرسە ئۇنىڭغا بېرىلسە، ئۇ كىشى ئەلبەتتە ئۇنىڭغا رازى بولمىغان بولاتتى. يەنى، ئاللاھ تائالا ئۇنى مۇئمىن قىلدى، كافىر قىلمىدى. تىرىك قىلدى، جانسىز قىلمىدى. ئىنسان قىلدى، ھايۋان قىلمىدى، ئەر قىلدى، ئايال قىلمىدى. ساق قىلدى، كېسەل قىلمىدى. ساغلام قىلدى، مەجرۇھ قىلمىدى. دېمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدىلىكلەردۇر.

ئەگەر ئىنسان ئۆز ھالىنى باشقىلارنىڭ ھالىغا ئۆزگەرتىشنى خاھلىمىسا، دېمەك ئۇنىڭ ھالى باشقىلارنىڭكىدىن ئەۋزەل. ئەگەر ھەممە ئىشلاردا ياكى مەلۇم بىر ئىشتا ئۆز ھالىنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ھالنى بەكرەك ياقتۇرىدىغان ھېچ بىر كىشى تېپىلمايدىغان بولسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ ھېچبىر بەندىسىدە بولمىغان نېئمەت بار دېمەكتۇر. ئەگەر ئۇ كىشى ئۆز ھالىنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ ھال – ئەھۋالىغا ئۆزگەرتىلىشىنى خاھلىمايدىغان، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ھال – ئەھۋالىغا ئۆزگەرتىلىشىنى خاھلايدىغان بولسا، ئۇنداقتا، ئۆزى تەلەيلىك دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ سانىغا قارىسۇن، ئۇ چوقۇم ئۇلارنى باشقىلاردىن ئاز دەپ قارايدۇ. نەتىجىدە، ھالى ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەر يۇقىرى كىشىلەردىن كۆپ بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇ نېمىشقا ئۆزىدىن يۇقىرى كىشىلەرگە قاراپ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ – يۇ، ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەرگە قاراپ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى چوڭ بىلمەيدۇ؟!

«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مال ۋە يارىتىلىش جەھەتتە ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان كىشىگە قارىغاندا ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان كىشىلەرگە قارىسۇن»(3).

بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي باشقىچە رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭدا رەسۇلۇللاھ: «(پۇل – مال ۋە يارىتىلىش جەھەتتە) سىلەردىن تۆۋەن كىشىلەرگە قاراڭلار، سىلەردىن يۇقىرى كىشىلەرگە قارىماڭلار، شۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمىتىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكىڭلارغا پايدىلىق»(4) دېگەن.

كىمكى ئۆز ھالىدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۆزىگە خاس بېرىلگەن نېئمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى ئۈستىدە كۆپلىگەن نېئمەتلىرى بارلىقىنى كۆرىدۇ. بولۇپمۇ ئىمان، قۇرئان، ئىلىم، سۈننەت، ئاندىن بوش ۋاقىت، خاتىرجەملىك ۋەھاكازا نېئمەتلەر خاس بېرىلگەن كىشى ئۆز ئۈستىدە ئاللاھ تائالانىڭ كۆپلىگەن نېئمەتلىرى بارلىقىنى كۆرىدۇ. بەزى ھەدىسلەردە مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: «كىمكى قۇرئان ئوقۇسا ئۇ كىشى بايدۇر»(5). يەنە بىر لەۋزدە: «قۇرئان بايلىقتۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن كەمبەغەللىك بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بايلىق بولمايدۇ» دېيىلگەن(6).

باشقا بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ: «ئەھلىدىن خاتىرجەم، تېنى سالامەت، قېشىدا بىر كۈنلۈك يېمەكلىكى بار ھالدا تاڭ ئاتقۇزغان مۇسۇلمان دۇنيا ھەممە تەرەپتىن بېرىلگەن كىشىگە ئوخشايدۇ»(7) دېگەن.

بىر شائىر مۇنداق دېگەن:

ئاش – تاماق كېلىپ تۇرسا يېنىڭغا،

ساقلىق ۋە ئەمىنلىك ھەم تېنىڭدا،

سەن قايغۇرساڭ يەنە توختىماي،

غەم – قايغۇ سەندىن ئايرىلمىغاي.

 

سوئال: ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشتىن غاپىل قالغان قەلبلەرنى داۋالاش يولى قايسى؟

جاۋاب: ئۆتكۈر قەلبلەر ئاللاھ تائالانىڭ تۈرلۈك نېئمەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. گالۋاڭ قەلبلەر نېئمەتنى پەقەت بالا – مۇسبەت چۈشكەندىلا نېئمەت ھېسابلايدۇ. گالۋاڭ قەلب ساھىبىنىڭ شۇ گالۋاڭلىقتىن قۇتۇلۇش يولى دائىما ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان كىشىلەرگە قاراشتۇر ۋە ئۆتمۈشتىكى بىر كىشى قىلغان مۇنۇ ئىشنى قىلىشتۇر:

بىر كىشى كېسەل كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك بالالارنى كۆرۈش ئۈچۈن شىپاخانىغا باراتتى. ئاندىن ئۆزىنىڭ تەن ساقلىقى ۋە سالامەتلىكى ھەققىدە ئويلىناتتى. ئۆلتۈرۈلگەن، پۇت – قوللىرى كېسىلىپ قىينىلىۋاتقان مەھكۇملارنى كۆرسە، ئۆزىنىڭ شۇ جازالاردىن ئۇزاق ئىكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتاتتى. قەبرىستانلىقلارغا بېرىپ، قەبرىلەردە ياتقان ئۆلۈكلەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسىسىنىڭ — ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلار بولسا، ئاسىيلىقتىن يېنىش، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلار بولسا تائەت – ئىبادەتلەرنى زىيادە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇش — ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۈنكى، قىيامەت كۈنى زىيان تارتىش كۈنىدۇر.

باغرى قاتتىق كىشى قەبرىستانلىقلارنى كۆرۈپ، قەبرىدىكىلەرگە ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلسە، قالغان ئۆمرىنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى جازالىماي مۆھلەت بەرگەنلىكىگە شۈكۈر قىلىشقا ۋە ئۆمرىنى ئۆزى يارىتىلغان مەقسەتكە، يەنى ئاخىرەت ئۈچۈن ئوزۇق – تۈلۈك ئېلىشقا سەرپ قىلسۇن.

نېئمەتكە شۈكۈر قىلمىسا، نېئمەتنىڭ يوقۇلىدىغانلىقىنى بىلىش بىلەنمۇ شۈكۈر قىلىشتىن يىراق قەلبلەرنى داۋالاش كېرەك.

فۇزەيل رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «نېئمەتلەرگە داۋاملىق شۈكۈر قىلىپ تۇرۇڭلار، بىر قەۋمنىڭ قولىدىن نېئمەت كېتىپ قالسا، نېئمەتنىڭ قايتىپ كېلىشى ئاز ئۇچرايدۇ».

پەسىل: سەبر ۋە شۈكۈرنىڭ بىر يەردە بىرلىشىشىنىڭ بايانى
مۇنداق دېيىشىڭ مۇمكىن: سەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەر نەرسىدە نېئمەتلىرى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈڭ، بۇ بالا – مۇسىبەتنىڭ ئەسلا يوق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ، ئۇنداقتا سەبرنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئەگەر بالا – مۇسىبەت بار بولسا، بالا – مۇسىبەتكە شۈكۈر قىلىشنىڭ مەنىسى نېمە؟ سەبر بىلەن شۈكۈر قانداق بىرلىشىدۇ؟ چۈنكى، سەبر ئەلەم تارتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۈكۈر بولسا خۇشال بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئىككىسى بىر – بىرىگە زىتقۇ؟

شۇنى بىلگىنكى، نېئمەت مەۋجۇد بولغاندەك، بالا – مۇسىبەت ھەم مەۋجۇدتۇر. ھەرقانداق بالا – مۇسىبەتكە سەبر قىلىشقا بۇيرۇلۇۋەرمەيدۇ. مەسىلەن، كۇفۇرلۇق. كۇفۇرلۇق بولسا بالادۇر. كۇفرىلىققا سەبر قىلىش ئورۇنسىزدۇر. گۇناھ – مەئسىيەتلەرگىمۇ ھەم. لېكىن، كافىر ئۆزىنىڭ كۇفرىنىڭ بالا – مۇسىبەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزى كېسەل، ئەمما مەلۇم بىر سەۋەب بىلەن ئاغرىقنى ھېس قىلمايدىغان كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئاسىي ئۆزىنىڭ ئاسىيلىقىنى بىلسە، ئاسىيلىقىنى تاشلىشى كېرەك. ئىنسان ئۆزى دەﻓﺌ قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان ھەرقانداق بالاغا سەبر قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ. ئەگەر قاتتىق چاڭقىغان تۇرۇپ سۇ ئىچىشنى رەت قىلسا، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئاغرىقى ئېغىرلىشىپ قالىدىغان بولسا، ئۇ كىشى ئىختىيارىغا قويۇلمايدۇ. بەلكى ئۇ ساقىيىشقا ئۈندىلىدۇ. بەندە ئۆزى يوقىتىشقا قادىر بولالمايدىغان ئاغرىققا سەبر قىلىشى كېرەك.

دېمەك، دۇنيادىكى سەبر مۇتلەق بالا – مۇسىبەت بولمىغان نەرسىدە بولىدۇ. بەلكى بالانىڭ يەنە بىر تەرەپتىن نېئمەت بولۇشى مۇمكىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنساندا شۈكۈر قىلىش ۋە سەبر قىلىش ۋەزىپىلىرى تەڭ مۇجەسسەملىشىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ بايلىقى باشقىلارنىڭ ئۇ مال ئۈچۈن جېنىغا قەست قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ساقلىقمۇ ھەم شۇنداق. دۇنيا نېئمەتلىرىدىن ھەرقانداق نېئمەتنىڭ بالا – مۇسىبەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىندۇر.

بەزىدە بىر كىشىگە مەلۇم ئىشلار ھەم بالا – مۇسىبەت، ھەم نېئمەت بولىدۇ.

بۇنىڭ مىسالى: ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىمۇ بىر نېئمەتتۇر. چۈنكى، ئىنسان ئۆزىنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنىڭ تۇرمۇشى جاپالىق ئۆتكەن ۋە ئۇزۇن ۋاقىت قايغۇرغان بولاتتى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بەزى كىشىلەر ئۆزىگە قىلغان يامانلىقلارنى بىلمەسلىكىمۇ نېئمەتتۇر. چۈنكى، ئەگەر كىشى ئۇ يامانلىقلارنى بىلىپ قالسا، بەك ئۇزۇن ئەلەم تارتقان، ئاداۋەت تۇتقان، نەپرەتلەنگەن ۋە ئىنتىقام ئېلىشقا تىرىشقان بولاتتى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ يامان سۈپەتلىرىنى بىلمەسلىكىمۇ نېئمەتتۇر. چۈنكى، ئەگەر ئۇ باشقا بىراۋنىڭ يامان خۇيلىرىنى بىلسە، ئۇ كىشىنى يامان كۆرگەن، ئەزىيەت يەتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭ ۋابالىنى ئالغان بولاتتى.

قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى، قەدر كېچىسىنىڭ قايسى كېچە ئىكەنلىكىنى ۋە جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنىڭ قايسى دەم ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نېئمەتتۇر. چۈنكى، بۇلارنى بىلمەسلىك ئۇلار ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە تىرىشىشقا سەۋەب بولىدۇ. مانا بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ «بىلمەسلىك»تىكى نېئمەتلىرىدۇر. بىلىشتىكى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى قانداق بولار؟!

دېدۇقكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ھەربىر مەخلۇقاتتا نېئمىتى باردۇر. ھەتتا بەزىدە ئاغرىق ئاغرىق تارتقۇچى ئۈچۈن، بەزىدە بولسا باشقىلار ئۈچۈن نېئمەت بولىدۇ. خۇددى، كافىرلارنىڭ دوزاخ ئوتىدا ئەلەم تارتىشى دېگەندەك. كافىرلارنىڭ دوزاخ ئوتىدا ئەلەم تارتىشى جەننەت ئەھلىگە نېئمەتتۇر. چۈنكى، ئەگەر بىر قەۋمگە ئازاب كەلمىسە، نېئمەتكە چۈمگەنلەر نېئمىتىنىڭ قەدرىنى بىلەلمەيدۇ. جەننەت ئەھلىنىڭ خۇشاللىقى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەلەملىرى تىلغا ئېلىنغاندا ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. قۇياش نۇرى بارچىگە ئورتاقتۇر. ھالبۇكى دۇنيا ئەھلى قۇياش نۇرىغا شۇنچە ھاجەتمەن تۇرۇپ، ئۇلارنى بۇ نېئمەتتىن سۆيۈنمىگەن، ئاسماننىڭ زىننىتى زېمىندىكى ھەرقانداق ئۆسۈملۈكتىن گۈزەل تۇرۇپ، ئۇلارنى ئاسماننىڭ زىننىتىگە قاراش بىلەن خۇشال بولمىغان ھالدا كۆرىسەن. چۈنكى، ئۇ زىننەت ھەممىگە ئومۇمىي زىننەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار قۇياش نۇرى ۋە ئاسماننىڭ زىننىتى بىلەن خۇشال بولمايدۇ ۋە ئۇنى نېئمەت ھېس قىلمايدۇ.

بىزنىڭ «ئاللاھ تائالا بىرنەرسىنى ياراتقان بولسا، ئۇنىڭدا بارلىق بەندىلەرگە ياكى بەزى بەندىلەرگە قارىتا ئىلاھىي ھېكمىتى ۋە نېئمىتى بار» دېگەن سۆزىمىز توغرا بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ بالا – مۇسىبەتنى يارىتىشىدىمۇ ھەم سىنالغۇچىغا ياكى باشقىلارغا مەلۇم نېئمەت بار. شۇڭا، بىر بەندىدە «مۇتلەق بالا ياكى مۇتلەق نېئمەت» دەپ جەزملەشمىگەن ھەرقانداق ھالەتكە شۈكۈر قىلىش ۋە سەبر قىلىش مۇجەسسەملىنىدۇ. چۈنكى، ئىنسان بەزىدە بىرنەرسىگە بىر تەرەپتىن خۇشال بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قايغۇرىدۇ. شۇڭا، قايغۇ جەھەتتىن سەبر قىلىش، خۇشال بولۇش جەھەتتىن شۈكۈر قىلىش مەۋجۇد بولىدۇ.

بىلگىنكى، نامراتلىق، كېسەللىك، قورقۇنچ ۋە دۇنيادىكى ھەرقانداق بالا – مۇسىبەتتە ئاقىل كىشى خۇشال بولىدىغان ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىدىغان بەش نېئمەت باردۇر:

بىرىنچى: ھەرقانداق مۇسىبەت ياكى كېسەللىك ئەسلىدە بەندىگە چۈشكەندىنمۇ بەتتەر بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىلىرى چەكسىزدۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا مۇسىبەت ياكى كېسەللىكلەرنى بىر بەندىگە ھەسسىلەپ كۆپەيتسە، ئۇنى كىم توسۇيالايدۇ؟ شۇڭا، ئۇ مۇسىبەت ۋە كېسەللىكىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇپ قالمىغىنىغا شۈكۈر قىلسۇن.

ئىككىنچى: مۇسىبەتنىڭ دىنىدا بولۇپ قالمىغىنىدۇر.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بىر مۇسىبەت بىلەن سىنالغان بولسام، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا تۆت نېئمىتى بولدى: مۇسىبەت دىنىمدا بولمىدى، مۇسىبەت تېخىمۇ چوڭ بولمىدى، ئۇنىڭغا رازى بولۇشتىن مەھرۇم قالمىدىم ۋە ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلدىم».

بىر كىشى سەھل ئىبنى ئابدۇللاھقا:

— ئوغرى كىرىپ، نەرسە – كېرەكلىرىمنى ئېلىپتۇ، — دېگەنىدى، سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ ئۇنىڭغا:

— ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغىن، ئەگەر شەيتان قەلبىڭگە كىرىپ ئىمانىڭنى بۇزغان بولسا قانداق قىلاتتىڭ؟ سېنى يۈز قامچا ئۇرۇشقا قادىر تۇرۇپ، ئون قامچا ئۇرغان زات شۈكۈر قىلىشىڭغا لايىقتۇر، — دېدى.

ئۈچىنچى: ھەرقانداق جازا ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن. دۇنيانىڭ مۇسىبەتلىرىنى ئۇنۇتقىلى بولىدۇ، كېيىن ئۇ يەڭگىللىشىدۇ. لېكىن، ئاخىرەت مۇسىبىتى دائىملىقتۇر. ئۇنى يەڭگىللەشتۈرۈشكە يول يوقتۇر. دۇنيادا جازاسى بېرىلگەن كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىدە كەلگىنىدەك(8) ئىككىنچى قېتىم ئاخىرەتتە جازالانمايدۇ.

«مۇسلىم»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەرقانداق مۇسىبەت، ھەتتا پۇتلىشىپ كەتسىمۇ ياكى پۇتىغا تىكەن كىرىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ»(9).

تۆتىنچى: شۇ مۇسىبەت ئىنسانغا لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان بولىدۇ، مۇسىبەتتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. دېمەك، مۇسىبەت ئۇنىڭغا يەتتى، شۇ ئارقىلىق ئىنسان مۇسىبەتتىن راھەتلەندى. شۇڭا، بۇ نېئمەتتۇر.

بەشىنچى: مۇسىبەتنىڭ ساۋابى مۇسىبەتتىن كۆپتۇر. چۈنكى، دۇنيانىڭ مۇسىبەتلىرى ئاخىرەتكە ئېلىپ بارغۇچى يولدۇر. شۇنىڭدەك كىچىك بالىنى ئويۇن ئويناشتىن توسۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن نېئمەتتۇر. چۈنكى، كىچىك بالا ئويۇن ئويناشقا قويۇپ بېرىلسە، ئويۇن ئۇنى ئىلىم ۋە ئەدەب ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا ئۆمرىدە ئۇزۇن ۋاقىت زىيان تارتقان بولاتتى. شۇنىڭدەك مال – مۈلك، ئائىلە، يېقىن تۇغقانلار ۋە (كۆز بىلەن ئەقىلگە ئوخشىغان) تەن ئەزالىرى بەزىدە ئىنساننىڭ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. دىنسىزلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ساراڭ ياكى نارەسىدە بالا بولۇپ قېلىشلىرىنى ۋە ئەقىللىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدا ئىشلەتمىگەن بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.

يۇقىرىقىلار بىر بەندىدە تېپىلسا، ئۇ بەندىگە شۇ بارىدا دىنىي ياخشىلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇ بەندە ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق كۈتكەن بولۇشى، بېشىغا كەلگەن ئىشلاردا ياخشىلىق بارلىقىنى مۆلچەرلىشى ۋە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى كەڭدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى ئۇلاردىن بەكرەك بىلگۈچىدۇر. قىيامەت كۈنى بەندىلەر ئۆزلىرىگە يەتكەن مۇسىبەتنىڭ ساۋابلىرىنى كۆرگەن چاغدا — خۇددى كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكەندە يېتىلدۈرگەن خۇيلىرى سەۋەبلىك ئۇستازى ۋە دادىسىنىڭ ئۇنى ئەدەبلىگەنلىك ۋە قائىدە ئۆگەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقاندەك — بالا – مۇسىبەت بىلەن سىنالغانلىقىغا ئاللاھقا ھەمد ئېيتىدۇ.

دېمەك، بالا – مۇسىبەت ئاللاھ تائالا تەرەپتىن بولغان ئەدەبلەشتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە كۆيۈنۈشى دادىلارنىڭ بالىلىرىغا كۆيۈنگىنىدىن بەكرەك مۇكەممەل ۋە تولۇقتۇر.

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇئمىنگە بىرنەرسە ئىرادە قىلغان بولسىلا، چوقۇم ئۇنىڭدا مۇئمىنگە ياخشىلىق باردۇر»(10).

شۇنى بىلگىنكى، ھالاك قىلغۇچى خاتالىقلارنىڭ بېشى دۇنيانى ياخشى كۆرۈشتۇر. نىجات تېپىش سەۋەبلىرىنىڭ بېشى قەلب بىلەن دۇنيادىن يىراقلىشىشتۇر. نېئمەتلەرنىڭ بالا – مۇسىبەت ئارىلاشماستىن، ئىنساننىڭ مەقسەت قىلغىنى بويىچە ئىنسانغا بېرىلىشى قەلبنىڭ دۇنياغا خاتىرجەم بولۇشى ۋە ئۈلپەت ئېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. مۇسىبەتلەر قانچە كۆپ بولسا، قەلب دۇنيادىن شۇنچە بىئارام بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مايىل بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا قەلبكە زىندان بولىدۇ. شۇڭا، قەلبنىڭ دۇنيانى ياخشى كۆرۈشتىن قۇتۇلۇشى زىندانغا قامالغان ئادەمنىڭ زىنداندىن قۇتۇلغىنىغا ئوخشاش مەقسەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولىدۇ.

ئەلەم چېكىشكە كەلسەك، ئۇ زۆرۈردۇر. ئەلەم چېكىش خۇددى سېنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان ياكى ھېچقانداق ھەق ئالماي، ساڭا پايدىلىق دورا ئىچۈرىدىغان كىشى سەۋەبلىك خۇشال بولغىنىڭغا ئوخشايدۇ. سەن قىينىلىسەن ۋە خۇشال بولىسەن، شۇنىڭ بىلەن ئاغرىققا سەبر قىلىسەن ۋە خۇشاللىق ئۈچۈن شۈكۈر قىلىسەن. كىمكى بۇنى بىلسە، ئۇ بالا – مۇسىبەتكە شۈكۈر قىلىشى مۇمكىن. كىمكى مۇسىبەتنىڭ ساۋابىنىڭ مۇسىبەتتىن كۆپ بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتمىسا، ئۇنداق كىشىنىڭ مۇسىبەتكە شۈكۈر قىلىشى ناتايىن.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئەئرابىي ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغاندا، ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دېگەن:

سەبر قىلغىن، بىز بولىمىز دائىم سەبرچان،

سەبر قىلسا باش، پۇقرا بولغاي چىدامچان.

ئابباسقا ياخشىدۇر ھەم سەبر قىلغىنىڭ،

ھەم ياخشىدۇر ئابباسقا سەندىن ئىلاھىڭ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەن: «ھېچبىر كىشى ماڭا ئۇ تەسەللى بەرگەندىن گۈزەل تەسەللى بېرىپ باقمىدى».

بالا – مۇسىبەت تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋاب ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئىلگىرى سۆزلەندى.

بالا – مۇسىبەت ئۈستىدىكى نېئمەتنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
سوئال: سەبر قىلىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن خەۋەرلەر دۇنيادىكى بالا – مۇسىبەتنىڭ نېئمەتتىن ياخشى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بىز ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىن بالا – مۇسىبەت سورىساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىن بالا – مۇسىبەت سوراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەل بولۇپ چۈجىگە ئوخشاپ قالغان بىر مۇسۇلمان كىشىنى يوقلاپ، ئۇنىڭغا:

— سەن بىرنەرسىگە دۇئا قىلغانمىدىڭ ياكى بىرنەرسە تىلەپ دۇئا قىلغانمىدىڭ؟ — دەيدۇ. ئۇ ئادەم:

— ھەئە، مەن: ئى ئاللاھ! ئاخىرەتتە مېنى نېمە بىلەن ئازابلىماقچى بولساڭ، ئۇنىڭ بىلەن مېنى مۇشۇ دۇنيادا ئازابلىغىن، دەپ دۇئا قىلغان ئىدىم، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سۇبھانەللاھ! سەن ئۇنىڭغا تاقەت قىلالمايسەن ۋە كۆتۈرۈشكە قادىر بولالمايسەن، كاشكى ﴿پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن﴾(2/«بەقەرە»: 201) دېسەڭچۇ؟ — دەيدۇ(11).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەنە بىر ھەدىسىدە كېلىشىچە، بىر ئادەم:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! قايسى دۇئا ئەڭ ئەۋزەل؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھ تائالادىن ئەپۇ ۋە دۇنيا – ئاخىرەتتە سالامەت بولۇشنى سورىغىن، — دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى ئەتىسى يەنە كېلىپ:

— ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قايسى دۇئا ئەڭ ئەۋزەل؟ — دەپ سورىغانىدى، رەسۇلۇللاھ يەنە:

— ئاللاھ تائالادىن ئەپۇ ۋە دۇنيا – ئاخىرەتتە سالامەت بولۇشنى سورىغىن، — دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى ئۈچىنچى كۈنى يەنە كېلىپ:

— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قايسى دۇئا ئەڭ ئەۋزەل؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھ تائالادىن ئەپۇ قىلىشىنى ۋە دۇنيا – ئاخىرەتتە سالامەت بولۇشنى سورىغىن، ئەگەر ساڭا ئەپۇ ۋە دۇنيا – ئاخىرەتتە سالامەت بولۇش بېرىلسە، بەختكە ئېرىشكەن بولىسەن، — دېدى(12).

«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ قىيىن بالا – مۇسىبەتتىن، بىمەھەل بەختسىزلىكتىن، يامان قازادىن ۋە دۈشمەننى خۇشال قىلىدىغان مۇسىبەتتىن پاناھ تىلەڭلار»(13).

مۇتەررىف رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ماڭا سالامەتلىك ئاتا قىلىنىپ شۈكۈر قىلىشىم مۇسىبەت بىلەن سىنىلىپ سەبر قىلغىنىمدىن سۆيۈملۈكتۇر».

پەسىل
سەبر قىلىش بىلەن شۈكۈر قىلىشنىڭ قايسىسى ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا
سەبر قىلىش شۈكۈر قىلىشتىن ئەۋزەلمۇ ياكى شۈكۈر قىلىش سەبر قىلىشتىن ئەۋزەلمۇ؟ بۇ ھەقتە كىشىلەر ھەرخىل پىكىردە بولدى. بۇ ھەقتە ئۇزۇن گەپ – سۆزلەر بولۇپ، ئۇنى مۇئەللىف رەھىمەھۇللاھ تىلغا ئالغان.

بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنىڭ خۇلاسىسى شۇكى: سەبر قىلىش بولسۇن، شۈكۈر قىلىش بولسۇن ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا دەرىجىلىرى بولىدۇ.

ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى سەبر قىلىش يامان كۆرۈپ تۇرۇپ، شىكايەت قىلىشنى تاشلاشتۇر. ئۇنىڭ كەينىدە مەمنۇن بولۇش بولىدۇ. مەمنۇن بولۇش سەبر قىلىشنىڭ كەينىدىكى بىر ماقامدۇر. بالا – مۇسىبەتكە شۈكۈر قىلىش بولسا مەمنۇن بولۇشنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ.

شۈكۈر قىلىشنىڭ دەرىجىلىرى كۆپتۇر. بىر بەندىنىڭ ئۆزىگە ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنىڭ ئارقىمۇئارقا كەلگەنلىكىدىن ھايا قىلىشى شۈكۈر قىلغانلىقتۇر؛ نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشتا سەھۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىشى ھەم شۈكۈر قىلغانلىقتۇر؛ ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە گۇناھلارنى يېپىشىنىڭ بۈيۈكلۈكىنى بىلىشىمۇ شۈكۈر قىلغانلىقتۇر؛ نېئمەتلەرنىڭ باشتىلا ئىنسان ئۇ نېئمەتكە لايىق بولمىسىمۇ، ئاللاھ تائالا تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمۇ شۈكۈر قىلغانلىقتۇر؛ شۈكۈر قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىدىن بىر نېئمەت ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ شۈكۈردۇر؛ نېئمەت ئىچىدە تۇرۇپ كەمتەر بولۇش، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشمۇ شۈكۈر قىلغانلىقتۇر؛ ۋاسىتە – سەۋەبلەرگە شۈكۈر قىلىشمۇ شۈكۈر قىلغانلىقتۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتمىغان كىشى ئاللاھقا شۈكۈر قىلمىغان بولىدۇ»(14).

ئىنئام قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش ۋە ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمەسلىكمۇ شۈكۈر قىلغانلىقتۇر؛ نېئمەتلەرنى گۈزەل رەۋىشتە قوبۇل قىلىش، كىچىك نېئمەتلەرنىمۇ چوڭ ھېسابلاش شۈكۈر قىلغانلىقتۇر. دېمەك، شۈكۈر قىلىش دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدىغان سۆزلەر ۋە ئىش – ھەرىكەتلەر ناھايىتى كۆپتۇر. ئۇلار ھەم تۈرلۈك دەرىجىدە بولىدۇ. شۇڭا، شۈكۈر قىلىش دەرىجىلىرىنى بىرسى يەنە بىرسىدىن ئەۋزەل، دەپ تولۇق بايان قىلىپ بولۇش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟!

لېكىن، بىز دەيمىزكى: مالنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدىغان يەرگە سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت شۈكۈر قىلىشقا سەبر قىلىش قوشۇلسا، شۈكۈر قىلىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش سەبر قىلىشنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مالنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش بولىدىغان يەرگە سەرپ قىلىشتا ئاللاھنىڭ نېئمىتىدىن سۆيۈنۈش، مالنى كەمبەغەللەرگە سەرپ قىلىش ئەلىمىنى كۆتۈرۈش ۋە ئۇنى مۇباھ بولغان راھەت – پاراغەتتە ياشاشقا سەرپ قىلىشنى تەرك ئېتىش قاتارلىق سۈپەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارنى ئېتىبارغا ئېلىپ تۇرۇپ بۇنداق قىلىش سەبر قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر.

لېكىن، مال – مۈلككە شۈكۈر قىلىش گۇناھ يولىدا مال سەرپ قىلماسلىق، بەلكى مالنى مۇباھ بولغان راھەت – پاراغەتكە سەرپ قىلىش بىلەن بولسا، بۇ يەردە سەبر قىلىش شۈكۈر قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. سەبرچان كەمبەغەل مېلىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى مۇباھ يوللارغا سەرپ قىلغۇچى بايدىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، كەمبەغەل كىشى نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىپ، ئاللاھنىڭ بەرگەن سىنىقىغا ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە سەبر قىلدى.

«سەبر قىلىش قىسىملىرىنى شۈكۈر قىلىشتىن ئەۋزەل» دېگەن بارلىق قاراشلار پەقەت خاس قىلىپ تۇرۇپ بۇ مەرتىۋىنى نەزەردە تۇتقاندۇر. چۈنكى، مال – مۈلك نېئمىتىدىن ۋە مال – مۈلك بىلەن بىھاجەت بولۇشتىن كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىگە تېزلا كېلىدىغىنى ئىنساننىڭ «ئاللاھقا شۈكۈر» دېيىشىدۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن، ئومۇمىي كىشىلەر تايىنىدىغان سەبر قىلىش ئۇلار چۈشەنگەن بۇ شۈكۈر قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.

بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەنىلەر مۇلاھىزە قىلىنسا، بەزى ئەھۋاللاردا بۇ ئىككىسىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن بىر يۆنىلىش بارلىقىنى بىلىش مۇمكىن. تىلغا ئېلىنغىنىدەك، بەزىدە سەبرچان كەمبەغەل شۈكۈر قىلغۇچى بايدىن ئەۋزەلدۇر. بەزىدە شۈكۈر قىلغۇچى باي سەبر قىلغۇچى كەمبەغەلدىن ئەۋزەلدۇر. باي ئۆزىنى زۆرۈرىيەت مىقدارىلا مال تۇتىدىغان، قالغان ماللارنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدىغان كەمبەغەلگە ئوخشاش كۆرسە ياكى مالنى موھتاجلارنىڭ ئامبارچىسى سۈپىتىدە يېنىدا تۇتسا، ئۇنى موھتاجلارغا سەرپ قىلىدىغان پۇرسەتنى كۈتۈپ، مالنى سەرپ قىلغاندا يۈز – ئابرۇي ۋە مىننەت قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلمىسا، بۇنداق باي سەبرچان كەمبەغەلدىن ئەۋزەلدۇر.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد

————————————————————————-
1. بۇخارىي (6412). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
2. ئەھمەد (17716). تىرمىزىي: (2330) «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1836) «سەھىھ» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسر ۋە ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6490)؛ مۇسلىم (2963).
4. مۇسلىم (2963)؛ تىرمىزىي (2513). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
5. سەئىد ئىبنى مەنسۇر 1/32. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 1558) «زەئىف» دېگەن.
6. ئەبۇ يەئلا (2773). ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «زەئىف» دېگەن. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (737). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىيمۇ: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 4134) «زەئىف» دېگەن.
7. تىرمىزىي (2346)؛ ئىبنى ماجە (4141). ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مىھسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 6042) «سەھىھ» دېگەن.
8. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «كىمكى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ دۇنيادا جازاغا تارتىلغان بولسا، ئۇنىڭ گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ. جازاغا تارتىلمىغان بولسا، ئۇنى ئاللاھ ئۆزى بىرتەرەپ قىلىدۇ». «نەسائىي (3926)؛ ئىبنى ماجە (2603). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 2109) «سەھىھ» دېگەن.
9. مۇسلىم (2574). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
10. ئەھمەد (12929)؛ ئەبۇ يەئلا (4217). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت، ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
11. مۇسلىم (2688).
12. ئەھمەد (12313)؛ ئىبنى ماجە (3848). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن. ئالبانىي: («زەئىفۇ ئىبنى ماجە»، 839) «زەئىف» دېگەن.
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6347)؛ مۇسلىم (2707). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
14. ئەبۇ داۋۇد (4811)؛ تىرمىزىي (1954). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: