شۈكۈر قىلىش، ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە پەزىلىتى

شۈكۈر قىلىش، ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە پەزىلىتى

ئاللاھ تائالا: ﴿شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز﴾(3/«ئال ئىمران»: 145) دېگەن. ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿ئەگەر (ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 147) دەيدۇ. ۋە يەنە: ﴿مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئاز﴾(34/«سەبەﺋ»: 13) دېگەن.

ئاللاھ تائالا شۈكۈر قىلغانلىق سەۋەبلىك زىيادە نېئمەت بېرىدىغانلىقىنى كەسكىن بايان قىلىپ: ﴿ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: «نېئمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر(كۇفرانى نېئمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلبەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ» دەپ جاكارلىدى﴾(14/«ئىبراھىم»: 7) دېگەن.

لېكىن، ئاللاھ تائالا شۈكۈر قىلسا نېئمەتنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت كۆپ ئىشلارنى بەندىنىڭ ئۆز خاھىشىغا قالدۇرغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿پېقىرلىقتىن قورقساڭلار، ئاللاھ خاھلىسا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(9/«تەۋبە»: 28).

﴿ئەگەر ئاللاھ خاھلىسا، سىلەر ئاللاھنىڭ كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلغان بالانى ئاللاھ كۆتۈرۈۋېتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى قىلىۋالغىنىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر﴾(6/«ئەنئام»: 41). ﴿ئاللاھ خاھلىغان كىشىگە رىزىق بېرىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 212). ﴿ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھلارنى خاھلىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 48 ۋە 116). ﴿ئاللاھ خاھلىغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ﴾(9/«تەۋبە»: 15).

ئىبلىس شۈكۈر قىلىشنىڭ قەدر – قىممىتىنى بىلگەن چاغدا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەيىبلەپ: ﴿ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېئمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن﴾(7/«ئەئراف»: 17) دېگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامدا تۇرۇپ، ئىككى تاپىنى يېرىلىپ كەتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا:

— ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ﴿ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭىزنى مەغپىرەت قىلغان﴾(48/«فەتىھ»: 2) تۇرۇقلۇق، مۇشۇنداق ئىبادەت قىلامسىز؟ — دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— مەن ﴿شۈكۈر قىلغۇچى بەندە﴾(17/«ئىسراﺋ»: 3) بولمايمەنمۇ؟! — دېگەن ئىدى(1).

مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا دېدىكى: ‹مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، سەن: ”ئى ئاللاھ! ماڭا سېنى زىكىر قىلىشقا، ساڭا شۈكۈر قىلىشقا ۋە ساڭا گۈزەل ئىبادەت قىلىشقا ياردەم بەرگىن“ دېگىن›»(2).

پەسىل شۈكۈر قىلىشنىڭ چەك – چېگراسى ۋە ھەقىقىتى توغرىسىدا

شۈكۈر قىلىش قەلب، تىل ۋە باشقا ئەزالار بىلەن بولىدۇ:

قەلب بىلەن شۈكۈر قىلىشقا كەلسەك، بۇ ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىش ۋە بارلىق كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشىنى ئىزدەش بىلەن بولىدۇ.

تىل بىلەن شۈكۈر قىلىشقا كەلسەك، بۇ ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغانلىقنى نامايان قىلىش بىلەن بولىدۇ.

بەدەن ئەزالار بىلەن شۈكۈر قىلىشقا كەلسەك، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى ئاللاھ تائالاغا قۇللۇق قىلىشقا ئىشلىتىش ۋە ئۇنى ئاللاھ تائالاغا مەئسىيەت بولىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش بىلەن بولىدۇ. دېمەك، مۇسۇلماندىن كۆرگەن ھەرقانداق ئەيىبنى يېپىش ئىككى كۆزنىڭ شۈكرىسىدۇر. مۇسۇلمان ھەققىدە ئاڭلىغان ھەرقانداق ئەيىبنى يوشۇرۇش ئىككى قۇلاقنىڭ شۈكرىسىدۇر. مانا بۇلار ئەزالارنىڭ شۈكۈر قىلىشىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

تىل بىلەن شۈكۈر قىلىش بولسا، ئاللاھ تائالادىن رازى بولغانلىقىنى ئاغزاكى سۆزلەش بولۇپ، ئىنسان بۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغاندۇر.

رەسۇلۇللاھ: «نېئمەتلەرنى تىلغا ئېلىش شۈكۈردۇر، تىلغا ئالماسلىق كۇفۇرلۇقتۇر»(3) دېگەن.

رىۋايەت قىلىنىشىچە: «ئەنسارلاردىن ئىككى ئادەم ئۇچرىشىپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىگە:

— تىنچ قوپۇپسەنمۇ؟ — دېگەندە، يەنە بىرى:

— ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن، — دېگەن. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مۇشۇنداق دەڭلار› دېگەن»(4).

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر ئادەم ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا سالام قىلغانىدى، ئۆمەر ئۇنىڭغا سالام قايتۇردى، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا:

— تىنچ قوپۇپسەنمۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ:

— ساڭا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر: ‹ھەببەللى، مەن مۇشۇنداق جاۋاب بېرىشىڭنى خاھلىغان ئىدىم› دېدى»(5).

سەلەف سالىهلەر بىر – بىرىدىن ئەھۋال سورايتتى، ئۇلار ئەھۋال سوراش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا بولغان شۈكۈرانەسىنى نامايان قىلىشاتتى. بۇ ئارقىلىق شۈكۈر قىلغۇچىمۇ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغۇچى، سۆزلەشنى تەلەپ قىلغۇچىمۇ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغۇچى بولاتتى.

ئەبۇ ئابدۇرراھمان ھۇبۇلىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە سالام قىلسا ۋە ‹تىنچ قوپتۇڭمۇ؟› دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا ئۇ ئادەم: ‹ساڭا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن› دېسە، ئۇنىڭ سول تەرىپىدىكى پەرىشتە ئوڭ تەرىپىدىكى پەرىشتىگە:

— ئۇنى قانداق يازىسەن؟ — دەيدۇ. ئۇ پەرىشتە:

— ئۇنى ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار قاتارىدا يازىمەن، — دەيدۇ».

ئەبۇ ئابدۇرراھماندىن «تىنچ قوپتۇڭمۇ؟» دەپ سورالسا، ئۇ: «ساڭا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دەيتتى.

ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى يامان كۆرىدىغان نەرسىلەردىن ئايرىش توغرىسىدا
شۇنى بىلگىنكى، شۈكۈر قىلىش ۋە نېئمەتكە كۇفۇرلۇق قىلماسلىق پەقەت ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن نەرسىنى بىلىش ئارقىلىقلا تاماملىنىدۇ. چۈنكى، شۈكۈرنىڭ مەنىسى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئورۇنلارغا ئىشلىتىشتۇر. كۇپرانى نېئمەتنىڭ مەنىسى شۈكۈرنىڭ ئەكسىچە، نېئمەتتىن پايدىلانماسلىق ياكى ئاللاھ تائالا يامان كۆرىدىغان ئورۇنغا ئىشلىتىشتۇر.

ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى يامان كۆرىدىغان نەرسىلەردىن ئايرىشنىڭ ئىككى يولى باردۇر:

بىرىنچىسى: ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئىبارەت نەقلىي دەلىللەر.

ئىككىنچىسى: قەلبنىڭ كۆرۈشى، يەنى ئىبرەت ئېلىش نەزەرى بىلەن قاراشتۇر. بۇ ناھايىتى تەس ۋە كەم ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار ئارقىلىق مەخلۇقاتلارغا يوللارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. بۇنى بىلىش بەندىلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تامامىنى بىلىش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. كىمكى بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمىسە، شۈكۈر قىلىش ھەققىنى ئەسلا ئادا قىلالمايدۇ.

ئىبرەت ئېلىش نەزەرى بىلەن قاراش بولغان ئىككىنچىسىگە كەلسەك، ئۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىدىكى ھېكمىتىنى بىلىشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ھېكمەتنىڭ ئارقىسىدا بىر مەقسەت بار بولۇپ، ئەنە شۇ مەقسەت ياخشى كۆرۈلگۈچىدۇر.

شۇ ھېكمەت «ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھېكمەت» دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ:

ئاشكارا ھېكمەت كائىنات دۇنياسىغا ئوخشاشتۇر، قۇياشنى يارىتىشتىكى ھېكمەت كۈندۈز ۋە كېچىنىڭ ھاسىل بولۇشىدۇر. شۇ ئارقىلىق خۇددى ئاللاھ تائالا: ﴿كۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق ﴾(78/«نەبەﺋ»: 11) دەپ ئېيتقاندەك، كۈندۈز تىرىكچىلىك ۋاقتى، كېچە بولسا بەدەنگە راھەتلىك ۋاقىتىدۇر. بۇ ئارقىلىق يورۇقلۇقتا ھەرىكەت قىلىش ئاسان بولىدۇ، كېچە ۋاقتى بولسا جىمجىتلىق چۆكىدۇ. بۇ قۇياشنى يارىتىشتىكى ھېكمەتلەر ھەممىسى ئەمەس، بەلكى بىر قىسمىدۇر. يامغۇر بۇلۇتلىرى ۋە يامغۇر يېغىشتكى ھېكمەتلەرنى بىلىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

يۇلتۇزلارنى يارىتىشتىكى ھېكمەتلەرگە كەلسەك، ئۇ ھېكمەتلەر بارلىق مەخلۇقاتلار بىلىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە يوشۇرۇندۇر. بەزى كىشىلەر ئۇلارنى يارىتىشتىكى بەزى ھېكمەتلەرنى بىلەلەيدۇ. مەسىلەن: يۇلتۇزلارنىڭ ئاسمانغا زىننەت بولغىنىغا ئوخشاش ھېكمەتلەر(6).

كائىنات دۇنياسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھېچبىرى ھېكمەتتىن خالىي ئەمەستۇر. شۇنىڭدەك مەخلۇقاتنىڭ ئەزالىرىمۇ ھېكمەتتىن خالىي ئەمەستۇر. ئۇ ھېكمەتلەردىن كۆزنىڭ كۆرۈش ئۈچۈن، قولنىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، پۇتنىڭ مېڭىش ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىغا ئوخشاش ئوچۇق – ئاشكارا بولغان ھېكمەتلەر بار.

قىزىلئۆڭگەچ، بۆرەك، جىگەر، قان تومۇرلار، نېرۋىلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بوشلۇقلار ۋە بۇ ئەزالارنىڭ بەزىلىرىنىڭ نېپىز، بەزىلىرىنىڭ قېلىن بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا كەلسەك، ئۇلاردىكى ھېكمەتنى بارلىق كىشىلەر بىلىپ بولالمايدۇ. ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بىلىدىغانلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئاز مىقداردىكى ھېكمەتنى بىلىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالا ياراتقان بىرەر ئەزانى ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان تەرەپتىن باشقا بىر تەرەپكە ئىشلەتسە، ئاللاھ تائالانىڭ شۇ ئەزادىكى نېئمىتىگە كۇفۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. يەنى كىمكى باشقىلارنى ناھەق ئۇرسا، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ قول نېئمىتىگە كۇفۇرلۇقتۇر. چۈنكى، قول باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، قول ئىگىسىنىڭ ئۆزىگە ئەزىيەت بېرىدىغان نەرسىنى دەﻓﺌ قىلىش ۋە پايدىلىق نەرسىلەرگە ئىشلىتىشى ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. شۇنىڭدەك كۆز بىلەن قاراش ھارام بولىدىغان نەرسىگە قارىسا، كۆز ۋە قۇياش نېئمىتىگە كۇفۇرلۇق قىلغانلىقتۇر. چۈنكى، كۆرۈش نۇر ئاستىدىلا مۇمكىن بولىدۇ. كۆز ۋە قۇياش بولسا ئىنسان شۇلار ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىدە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى كۆرۈشى، زىيانلىق بولغان نەرسىلەردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر.

شۇنى بىلگىنكى، مەخلۇقاتلارنى، دۇنيانى ۋە دۇنيادىكى سەۋەبلەرنى يارىتىشتىن مەقسەت مەخلۇقاتلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا يېتىشتە ئۇلاردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈندۇر. ئۇ زاتقا ئۇ زاتنى سۆيۈش، دۇنيادا ئۇ زات بىلەن ئۇنس – ئۈلپەتلىشىش ۋە دۇنيانىڭ ئالدام خالتىلىرىغا چۈشمەسلىك بىلەنلا يەتكىلى بولىدۇ. ئۇ زات بىلەن ئۇنس – ئۈلپەتلىشىش پەقەت داۋاملىق زىكىر ئېيتىش ئارقىلىقلا ھاسىل بولىدۇ، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش بولسا داۋاملىق پىكىر قىلىشتىن ھاسىل بولغان ئىلىم – مەرىپەت ئارقىلىقلا ھاسىل بولىدۇ. زىكىر ۋە پىكىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش بەدەن داۋاملىق تېتىك تۇرغاندىلا مۇمكىندۇر. بەدەننىڭ داۋاملىق تېتىك تۇرۇشى تۇپراق، سۇ ۋە ھاۋا بولغاندىلا مۇمكىندۇر. بۇلار ئاسمان – زېمىن ۋە بارلىق ئاشكارا – يوشۇرۇن ئەزالارنى يارىتىش بىلەنلا مۇكەممەل بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەن ئۈچۈندۇر. بەدەن بولسا نەپسنىڭ مىنىدىغان ئۇلاغىدۇر. ئاللاھ تائالاغا قايتقۇچى نەپس بولسا ئۇزۇن ۋاقىت ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىلىم – مەرىپەت بىلەن شۇغۇللانغان نەپس بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالا: ﴿ئى ئارام تاپقۇچى جان!﴾(89/«فەجر»: 27) دەپ تەرىپلىگەندەك ئارام تاپقۇچى نەپستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا: ﴿جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم﴾(51/«زارىيات»: 56) دېگەن.

بىرنەرسىنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش بولمىغان ئورۇنغا ئىشلەتكەن ھەرقانداق كىشى شۇ مەئسىيەتنى قىلىشتا كېرەكلىك سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھ تائالاغا كۇپرانى نېئمەت قىلغان بولىدۇ.

ئىبرەت ئېلىنىشى ۋە شۈكرانى نېئمەت ياكى كۇپرانى نېئمەت يولىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن بىر قىسىم — بەكمۇ يوشۇرۇن بولمىسىمۇ — يوشۇرۇن ھېكمەتلەر ھەققىدە بىر مىسالنى بايان قىلىپ ئۆتەيلى:

دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ ئاساسى بولغان تەڭگە – تىللالار ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىدىن بولۇپ، ئۇ ئىككىسى ئەسلىدە ئۆز ئالدىغا ھېچقانداق مەنىسىز ئىككى مەدەندۇر. لېكىن، ئىنسانلار ئۇ ئىككىسىگە موھتاجدۇر. ھەربىر ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، ئات – ئۇلاغ ۋە باشقا ھاجەتلىرىدە كۆپ ماللارغا موھتاج بولىدۇ. بەزىدە ئىنسان ئۆزى موھتاج نەرسىنى تېپىشتىن ئاجىز كېلىدۇ، ھالبۇكى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ ئىلكىدە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان باشقا بىرنەرسە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ قولىدا مەلۇم مىقداردا زەپىران بار، ھالبۇكى ئۇ مىنىدىغان تۆگىگە موھتاجدۇر. يەنە بىر ئادەمنىڭ تۆگىسى بار، ھالبۇكى ئۇ كىشى تۆگىگە ئەمەس، زەپىرانغا موھتاج بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشتا ۋە ئالماشتۇرىدىغان نەرسىنىڭ مىقدارىدا بىر ئۆلچەم بولۇشى لازىم. چۈنكى، تۆگىنىڭ ئىگىسى تۆگىسىنى ئۇدۇل كەلگەن مىقداردىكى زەپىرانغا تېگىشىپ بەرمەيدۇ. زەپىران بىلەن تۆگە نە ئېغىرلىق ۋە نە كۆرۈنۈشتە قىياس مۇمكىن ئەمەستۇر.

كىيىم بېرىپ قورۇ – جاي سېتىۋالغان ياكى ئۆتۈك بېرىپ قۇل سېتىۋالغان، ياكى ئېشەك بېرىپ ئۇن سېتىۋالغان كىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. چۈنكى، بۇ نەرسىلەر ئارىسىدىمۇ كۆرۈنۈش ياكى مىقدار جەھەتتە تەڭلىك يوقتۇر. شۇڭا، ئاللاھ تائالا تەڭگە – تىللالارنى باشقا ماللار ئارىسىدا قىممەت ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىدا تۇرىدىغان ھاكىم قىلىپ ياراتتى. شۇڭا، «بۇ تۆگە 100 تەڭگىگە تەڭ، شۇ مىقداردىكى زەپىران 100 تەڭگە» دېيىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئىككى نەرسە ئارىسىدا تەڭلىك ھاسىل بولىدۇ ۋە زەپىران بىلەن تۆگە ئارىسىنى تەڭگە ياكى تىللا بىلەن تەڭشەش مۇمكىندۇر، چۈنكى مەقسەت پۇل ئەمەستۇر. تىللا ياكى تەڭگىنىڭ ئۆزىگىلا ھاجەت بولغان بولسا، ئىش تەرتىپلىك بولمايتتى (تەڭگە بىلەن تىللانىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى ئۇ پۇلغا سېتىۋالغان نەرسىلەرگە ئېھتىياج چۈشىدۇ). شۇڭا، ئاللاھ تائالا تەڭگە بىلەن تىللانى كىشىلەر ئارىسىدا قولدىن – قولغا ئۆتۈشى ۋە ماللار ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھاكىم بولۇشى ئۈچۈن نېئمەت قىلدى ھەمدە بۇ ئىككىسىنى قىممەتلىك قىلدى، بۇ ئىككىسىنىڭ باشقا ماللارغا قىممەت پىچىشى بىر ۋاسىتىدۇر، شۇڭا تەڭگە – تىللاغا ئىگە بولغان كىشى ھەممە نەرسىگە ئىگە بولغاندەك بولىدۇ.

تىللا ۋە تەڭگىنىڭ ھېكمىتىنى بىلسەڭ، ھەرقانداق كىشى بۇ پۇللار بىلەن كۆزلەنگەن مەقسەتكە قارشى ۋە ئۇ ھېكمەتكە نالايىق بىر ئىشنى قىلسا، ئاللاھ تائالاغا تىللا ۋە تەڭگە ھەققىدە كۇپرانى نېئمەت قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، كىمكى تىللا ۋە تەڭگىنى يىغىپ ساقلىۋالسا، ئىككىسىنىڭ رولىنى ۋە ئىككىسىدىكى ھېكمەتنى يوق قىلغان بولىدۇ. ئۇنداق كىشى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىدا ھۆكۈم قىلىدىغان قازىنى تۈرمىگە قاماپ قويغان ۋە بۇ سەۋەبلىك قازى ھۆكۈم قىلىش رولىنى جارىي قىلدۇرالمىغان بولىدۇ.

كۆپىنچە كىشىلەر كۆرىدىغان كۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىلىم كۆزى بىلەن كۆرۈلىدىغان ئىلاھىي خەت بىلەن كائىناتنىڭ سەھپىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان ئىلاھىي مەكتۇپلارنى ئوقۇشتىن ئاجىز كەلگەندە، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇلار ئاڭلايدىغان بىر سۆزنى خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن!﴾(9/«تەۋبە»: 34)

بۇنىڭغا بىنائەن ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەردە يەپ – ئىچىش ئۈچۈن قاچا ياسىغان ھەرقانداق كىشى تىللا ۋە تەڭگەدىكى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمىتىگە كۇفۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، تەڭگە – تىللالاردا يەپ – ئىچىش ئۈچۈن قاچا ياسىغان كىشى ئالتۇن – كۈمۈشنى يىغىپ ساقلىغان كىشىگە قارىغاندا يامان ئەھۋالدىدۇر.

بۇ، مىسالى شەھەر ھاكىمىنى رەخت توقۇش، تازىلىق قىلىش ۋە ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر قىلىدىغان ئىشلارغا سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ.

چۈنكى، تۆمۈر، مىس، ساپال ياكى باشقا قاچىلار سۇيۇقلۇقلارنى ساقلاشتا ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىلارنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ. ئۇلار ئەسلا ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە تەڭ كەلمەيدۇ ۋە قىممەت جەھەتتە ئىككىسىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، ئەمما سۇيۇقلۇقلارنى ساقلىيالايدۇ. بىراۋغا ئىلاھىي شەپقەت بولغان بۇ ھېكمەت ئايان بولمىسا، ئۇنىڭغا: «كىمكى ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىدا ئىچسە، جەھەننەمنىڭ ئوتى ئۇنىڭ قورسىقىدا گۈركىرەيدۇ»([7]) دېيىش كېرەك.

شۇنىڭدەك تەڭگە – تىللالاردا ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلغان كىشى بۇ پۇللارنى ئەسىل مەقسەتتىن يىراقلاشتۇرغان بولىدۇ. بۇ بولسا تەڭگە – تىللالارنىڭ يوشۇرۇن ھېكمەتلىرىدىندۇر.

شۇڭا، شۈكرانى نېئمەت ياكى كۇپرانى نېئمەت قىلىشنى بۇ مىسال بىلەن ئۆزۈڭ سادىر قىلغان ھەرىكەت قىلىش ياكى جىم تۇرۇش، سۆزلەش ياكى سۈكۈت قىلىش قاتارلىق ھەممە ئىشلىرىڭدا شۈكۈر قىلدىممۇ ياكى كۇفۇرلۇق قىلدىممۇ؟ دەپ ئۆلچىشىڭ ۋە ئۇ ئىشلارنىڭ بەزىسىنى يامان كۆرۈش، بەزىسىنى چەكلەش بىلەن ئېتىبارغا ئېلىشىڭ كېرەك.

شۇنىڭ جۈملىسىدىن يەنە، ئاللاھ تائالا ساڭا ئىككى قول بەردى. ئىككى قولنىڭ بىرىنى يەنە بىرسىدىن كۈچلۈك قىلدى، كۈچلۈك قول زىيادە كۈچى سەۋەبلىك يەنە بىر قولدىن ئۈستۈن بولدى. ساڭا ئىككى قول بەرگەن زات سېنى ئەمەللەرنى قىلىشقا موھتاج قىلدى. ئۇ ئەمەللەرنىڭ بەزىسى قۇرئاننى كۆتۈرۈشكە ئوخشاش شەرەپلىك، يەنە بەزىسى نىجاسەتنى تازىلاشقا ئوخشاش پەس ئەمەلدۇر. سەن قۇرئاننى سول قول بىلەن تۇتساڭ، نىجاسەتنى ئوڭ قول بىلەن تازىلىساڭ، ئىككى قولنى تامامەن ئەكسىچە ئىشلەتكەن بولىسەن ۋە شەرەپلىك قولنى پەس ئىشقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان بولىسەن.

شۇنىڭدەك ئۆتۈك كىيگەندە، سول پۇتۇڭغا باشتا كىيسەڭ، ئوڭ پۇتۇڭغا زۇلۇم قىلغان بولىسەن. چۈنكى، ئۆتۈك پۇتنى قوغدايدىغان نەرسىدۇر. باشقىلارنى بۇنىڭغا قىياس قىلغىن.

شۇنىڭدەك يەنە دەيمىزكى: مۇھىم بىرەر ھاجىتى ياكى ھەق بىر غەرەزسىزلا، دەرەختىن بىر تال شاخنى سۇندۇرغان كىشى دەرەخلەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى ھېكمەتكە قارشى ئىش قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، دەرەخلەر مەنپەئەت ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئەگەر توغرا بىر غەرەز ئۈچۈن دەرەخ شېخىنى سۇندۇرغان بولسا ھېچقىسى يوق. ئەگەر باشقىلارنىڭ مۈلكىدىكى دەرەخنى موھتاج بولۇپ سۇندۇرغان بولسىمۇ، ئۇنداق كىشى زالىمدۇر. دەرەخ ئىگىسى سۇندۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان بولسا ئۇنداق بولمايدۇ.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4837)؛ مۇسلىم (2820).
2. ئەھمەد (22179)؛ ئەبۇ داۋۇد (1522)؛ نەسائىي (1236). نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («مىشكاتۇلمەسابىھ»، 949) «سەھىھ» دېگەن.
3. ئەھمەد (18472)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (4105). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجامىئىسسەغىر ۋە زىيادەتۇھۇ»، 3014) «سەھىھ» دېگەن.
4. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (4135). ئىسھاق ئىبنى ئابدۇللاھتىن «مۇرسەل»دۇر.
5. ئىمام بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (1132)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (4136). ئالبانىي: («سەھىھۇل ئەدەبىل مۇفرەد»، 473) «سەھىھ» دېگەن.

6. ئاللاھ تائالا دېگەنكى: ﴿بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق﴾(37/«ساففات»: 6)، ﴿ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى). ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر﴾(41/«فۇسسىلەت»: 12)، ﴿بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىدۇق﴾(15/«ھىجر»: 16)، ﴿ئۇلار ئاسماننى قانداق (تۈۋرۈكسىز) بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟﴾(50/«قاف»: 6)
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5634)؛ مۇسلىم (2065). ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.

Please follow and like us: