سەبر، ئۇنىڭ ھەقىقىتى، پەزىلىتى ۋە قىسىملىرى

سەبر، ئۇنىڭ ھەقىقىتى، پەزىلىتى ۋە قىسىملىرى

سەبرنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە
ئاللاھ تائالا سەبر سۆزىنى قۇرئان كەرىمدە 90 غا يېقىن ئورۇندا تىلغا ئېلىپ، سەبر قىلىشقا ئەڭ كۆپ ياخشىلىق ۋە دەرىجىلەرنى نىسبەت بەردى ۋە ئۇلارنى سەبر قىلىشنىڭ مېۋىسى قىلدى.

ئاللا تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەبر قىلغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالار قىلدۇق﴾(32/«سەجدە»: 24).

ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى ئۇلار سەبر قىلغانلىقى سەۋەبلىك تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرى (يەنى ئىمارەتلىرى) نى ۋە ياسىغانلىرى (يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرى) نى ۋەيران قىلدۇق﴾(7/«ئەئراف»: 137) دېگەن.

ۋە يەنە: ﴿(ئى ئىنسانلار! ) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەبر قىلغۇچىلارغا، ئەلبەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز﴾(16/«نەھل»: 96) دېگەن.

يەنە بىر ئايەتتە: ﴿پەقەت سەبر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 10) دېگەن.

سەبر قىلىشتىن باشقا ھەرقانداق ئىبادەتنىڭ ساۋابى بەلگىلىنىپ ۋە ھېسابلىنىپ بېرىلىدۇ. روزا تۇتۇش سەبر قىلىش جۈملىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا: «روزا پەقەت مەن ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئۆزۈم بېرىمەن» دېگەن(1).

ئاللاھ تائالا سەبر قىلغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ۋەدە قىلغان ۋە سەبر قىلغۇچىلارغا باشقىلار جەم قىلىپ باقمىغان ئەجىرلەرنى جەملەپ كەلتۈرگەن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ، بىرئاز قەھەتچىلىك، ماللىرىڭلار، جانلىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەبر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلبەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 155 – 157).

بۇ ھەقتىكى ئايەتلەر ناھايىتى كۆپتۇر.

بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرگە كەلسەك، «سەھىھەين»دە ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھېچبىر كىشىگە سەبر قىلىشتىنمۇ بەك ياخشى ۋە كەڭرى سوۋغا بېرىلمىگەندۇر»(2).

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ: «سەبر ئىمانغا نىسبەتەن بەدەندىكى باش ئورنىدا تۇرىدۇ»(3) دېگەن.

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سەبر قىلىش ياخشىلىق خەزىنەلىرىدىن بىر خەزىنەدۇر، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇنى ئۆز ھۇزۇرىدا ھۆرمەتلىك كىشىگىلا بېرىدۇ».

ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچىلاردىن بىرىنىڭ يانچۇقىدا بىر پارچە خەت بولۇپ، ئۇنى ھەر سائەتتە چىقىرىپ ئۇنىڭغا قارايتتى. ئۇ خەتتە بۇ ئايەت يېزىلغان ئىدى: ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش) ھۆكمىگە سەبر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن﴾(52/«تۇر»: 48).

سەبر قىلىشنىڭ ھەقىقىتى ۋە مەنىسى
شۇنى بىلگىنكى، سەبر قىلىش ئىنسانىي خۇسۇسىيەتتۇر. ھايۋانلار ناقىس يارىتىلغاچقا ۋە تەبىئىي تۈرتكىلىرىگە مەھكۇم بولغاچقا، ئۇلاردا سەبر قىلىش يوقتۇر. پەرىشتىلەر مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىمۇ سەبرنىڭ بولۇشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ. چۈنكى، پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ئىبادەت قىلىشقا خاس قىلىپ يارىتىلغاندۇر. ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىن توسىدىغان بىر توسىغۇچى شەھۋەت ھۆكۈمران قىلىنمىغاندۇر.

ئىنسان بولسا بالىلىق مەزگىلىدىلا ھايۋانغا ئوخشاش نۇقسانلىق يارىتىلغاندۇر. ئۇنىڭدا بالىلىق مەزگىلىدە ئۆزى موھتاج بولىدىغان ئوزۇقلىنىش ئىستىكىلا يارىتىلغاندۇر. ئاندىن بالىدا ئويۇن – تاماشا ۋە زىننەت ئىستىكىگە ھېرىسمەنلىك كۆرۈلىدۇ، ئاندىن نىكاھلىنىش ئىستىكى ئاشكارا بولىدۇ. ئۇنىڭدا سەبر – تاقەت كۈچى بولمايدۇ. ئەقلىي كۈچى ھەرىكەت قىلىپ كۈچلەنسە، ئۇ ئاق – قارىنى پەرق ئېتىش يېشىدا ھىدايەت نۇرلىرىنى كۆرىدۇ ۋە بالاغەت يېشىغا يەتكۈچە، خۇددى قۇياش شارى زاھىر بولغانغا قەدەر تاڭ نۇرى تەدرىجىي ئاشكارا بولغاندەك، تەدرىجى ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. لېكىن، ئۇ كەمتۈك ھىدايەت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاخىرەت مەنپەئەتلىرىنى كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇ كەمتۈك ھىدايەت نۇرى شەرىئەت ئىلىم – مەرىپىتى بىلەن باغلانغاندا ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر كۆرۈنىدۇ ۋە ئۇنىڭ قورالى كۆپ بولىدۇ. لېكىن، ئىنسان تەبىئىتى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ، شەرىئەت ۋە ئەقىل بولسا ئىنسان تەبىئىتىنى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىدىن چەكلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىنسان تەبىئىتى بىلەن شەرىئەت ۋە ئەقىل ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلايدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ جەڭ مەيدانى ئىنساننىڭ قەلبىدۇر. دېمەك، سەبر قىلىش ئىستەك غەرىزىگە قارشى دىن تۈرتكىسىنىڭ مۇستەھكەم تۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر ئۇ ئىستەكنى بويسۇندۇرغۇچە مۇستەھكەم تۇرسا، سەبر قىلغۇچىلار قاتارىغا قېتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئاجىز كېلىپ، ئىستەككە يېڭىلسە ۋە شەھۋەتنى دەﻓﺌ قىلىشقا قادىر بولالمىسا، شەيتانلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قاتارىغا قېتىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، سەبر قىلىش دىنىي تۈرتكىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسكە قارشى تۇرۇشتا مۇستەھكەم تۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ قارشى تۇرۇش ئىنسانلار خۇسۇسىيتىدۇر.

پەسىل

شۇنى بىلگىنكى، سەبر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

ئۇنىڭ بىرى، بەدەنگە خاس سەبردۇر. بەدەن بىلەن ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈش ۋە ئىبادەتلەر ياكى ئۇنىڭدىن باشقا قىيىن ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشقا ئوخشاش.

يەنى بىرى بولسا نەپسنىڭ ئىنسان تەبىئىتى ۋە ھاۋايى – ھەۋىسى تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە قارشى سەبر قىلىشىدۇر. ئەگەر قورساق ۋە ئەۋرەت شەھۋىتىدىن سەبر قىلىنسا، بۇ تۈرلۈك سەبر «ئىپپەت» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر ئۇرۇش قىلىشتا سەبر قىلىنسا «باتۇرلۇق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر ئاچچىقنى يۇتۇشتا سەبر قىلىنسا «ھەلىملىك»، بىئارام قىلغۇچى ھادىسىدە سەبر قىلىنسا «كەڭ قورساقلىق»، بىرەر سىرنى يوشۇرۇشتا سەبر قىلىنسا «ئاغزى چىڭلىق»، ئەگەر تۇرمۇشنىڭ ئارتۇقچە نەرسىلىرىدىن سەبر قىلىنسا «زاھىدلىق»، ئەگەر ئازغىنە نېسىۋىگە سەبر قىلىنسا «قانائەت» دەپ ئاتىلىدۇ.

مۇسىبەت دەمىدىكى دەل سەبرچانلىقتۇر. بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن ئىمان ئەخلاقلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسىملىرى ھەرخىل بولسىمۇ، باغلىنشلىق نەرسىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ سەبر قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى ئاشكارىدۇر.

شۇنى بىلگىنكى، بەندە ھەرقانداق ھالەتتە سەبر قىلىشتىن بىھاجەت بولالمايدۇ. چۈنكى، بەندە دۇنيادا يولۇققۇسى بارلىق نەرسىلەر ئىككى تۈردىن خالىي بولمايدۇ:

بىرىنچى تۈر: تەن ساقلىق، سالامەتلىك، مال – مۈلك، يۈز – ئابرۇي، خىش – ئەقرەبا، كۆپلىگەن ئەگەشكۈچى ۋە مول دۇنيا لەززەتلىرىدىن ئىبارەت ئىنساننىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان نەرسىلەر. ئىنسان بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە سەبر قىلىشقا موھتاج. چۈنكى، سەبر قىلىش ئارقىلىق ئىنسان ئۇ نەرسىلەرگە مايىل بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن لەززەتلىنىشكە بېرىلمەيدۇ ۋە ئۆز مېلىنى سەرپ قىلىش ۋە بەدىنى بىلەن ھەقكە ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىدۇ.

ئىنسان لەززەتلەرگە بېرىلىش ۋە ئۇنىڭغا مايىل بولۇشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىسا، بۇ ئۇنى ھاكاۋۇرلۇق ۋە ھەددىدىن ئېشىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

ئارىفلار (ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇغۇچىلار) دىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن بالا – مۇسىبەتكە سەبر قىلالايدۇ، ئەمما كەڭرى تۇرمۇش سىنىقىغا پەقەت سىددىق (بەك راستچىل) كىشىلا سەبر قىلالايدۇ».

ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز قىيىنچىلىق بىلەن سىنىلىپ سەبر قىلدۇق، ئەمما كەڭرى تۇرمۇش بىلەن سىنىلىۋىدۇق، سەبر قىلالمىدۇق». شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت – ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر﴾(63/«مۇنافىقۇن»: 9).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب بار﴾(8/«ئەنفال»: 28).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغپىرەت قىلساڭلار (ئاللاھ سىلەرنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(64/«تەغابۇن»: 14).

ھەقىقىي ئەركەك كەڭرى تۇرمۇشقا سەبر قىلالايدىغان كىشىدۇر. بۇ سەبر شۈكۈر قىلىشقا باغلىنىدۇ. سەبر قىلىش بولسا مۇكەممەل شۈكۈر قىلىش بىلەن تاكامۇللىشىدۇ. كەڭرى تۇرمۇشقا سەبر قىلىش شۇنىڭ ئۈچۈن قىيىندۇركى، بۇ ھالەتتە سەبر قىلىش قۇربى يېتىپ تۇرۇپ سەبر قىلغانلىقتۇر. ئاچ قالغان ئادەم لەززەتلىك تاماق ھازىر بولغاندا سەبر قىلغانغا قارىغاندا، تاماق يوق ۋاقىتتا بەكرەك سەبر قىلالايدۇ.

ئىككىنچى تۈر: ھاۋايى – ھەۋەسنىڭ ئەكسىچە نەرسىلەر بولۇپ، ئۇ ئۈچ قىسىمدۇر:

بىرىنچى قىسىم: تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلىشتا سەبر قىلىش؛

ئىنسان تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلىشتا سەبرگە موھتاجدۇر. چۈنكى، نەپس ئۆز تەبىئىتىدە قۇللۇق قىلىشتىن قاچىدۇ.

ئىبادەتلەردىن نامازغا ئوخشاش ئىنساننىڭ ھۇرۇنلۇقى سەۋەبىدىن قىلىش ئېغىر تۇيۇلىدىغان ئىبادەتلەر باردۇر. زاكات بېرىشكە ئوخشاش بېخىللىق سەۋەبىدىن قىلىش ئېغىر تۇيۇلىدىغان ئىبادەتلەر باردۇر. ھۇرۇنلۇق ۋە بېخىللىق سەۋەبىدىن قىلىش ئېغىر تۇيۇلىدىغان ھەج ۋە جىھادقا ئوخشاش ئىبادەتلەر باردۇر.

ئاللاھ رىزالىقىنى ئىرادە قىلغۇچى ئۈچ خىل ھالەتتە رەببىنىڭ تائەت – ئىبادىتىگە سەبر قىلىشقا موھتاج بولىدۇ:

ئىبادەتتىن بۇرۇنقى ھالەت، يەنى نىيەتنى توغرىلاش، ئىخلاس قىلىش ۋە رىيا ئارىلىشىپ قېلىشتىن سەبر قىلىش (ساقلىنىش) تۇر.

ئىبادەتتىكى ھالەت، يەنى ئىبادەت جەريانىدا ئاللاھ تائالادىن غاپىل قالماسلىق، ئىبادەتنىڭ سۈننەت ۋە ئەدەبلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتىن ئېرىنمەسلىك، بۇ ئارقىلىق ئىبادەتتىن پارىغ بولغانغا قەدەر چارچاپ قالماي سەبر قىلىشنى لازىم تۇتۇشتۇر.

ئاخىرقىسى، ئىبادەتتىن كېيىنكى ھالەتتۇر. بۇ ھالەتتىكى سەبر بولسا ئىبادەتنى سەبر بىلەن يوشۇرۇش، رىيا ۋە شۆھرەت تۈپەيلىدىن ئىبادىتىنى ئاشكارىلىماسلىق ۋە ئىبادەتنى بۇزىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلماي سەبر قىلىش لازىم. كىمكى سەدىقە قىلغاندىن كېيىن سەبر قىلىپ مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ساقلانمىسا، قىلغان سەدىقىسىنىڭ ساۋابى يوققا چىقىدۇ(4).

ئىككىنچى قىسىم: گۇناھ – مەئسىيەتلەر ئالدىدا ئۇنى قىلماي سەبر قىلىش. بەندە بۇنىڭغا نېمىدېگەن موھتاج – ھە!

ئەگەر گۇناھ قىلىش، ئاسان بولغان غەيۋەت قىلىش، يالغان ئېيتىش، جېدەللىشىش قاتارلىق تىل بىلەن قىلىنىدىغان گۇناھلار بولسا، بۇ گۇناھلارنى قىلماي سەبر قىلىش قىيىندۇر. سەن باشقىلار يىپەك كىيىم كىيسە ئۇنى يامان كۆرىدىغان، ئەمما ئۆزى كۈن بويى غەيۋەت قىلسىمۇ، ئۆز قىلمىشىنى يامان كۆرمەيدىغان بىر كىشىنى كۆرىسەن. كىمكى سۆزلىگەندە تىلىنى باشقۇرۇشقا ۋە سەبر قىلىشقا قادىر بولالمايدىكەن، ئۇنداق كىشى پەقەت باشقىلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇش بىلەنلا گۇناھتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

ئۈچىنچى قىسىم: مۇسىبەتلەرگە ئوخشاش سىناق دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئىشلار. مەسىلەن، يېقىن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، مال – مۈلكلەرنىڭ يوقاپ كېتىشى، قارىغۇ بولۇپ قېلىش، ساقسىزلىق ۋە باشقا ھەرتۈرلۈك بالا – مۇسىبەتلەر. بۇلارغا سەبر قىلىش ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سەبر قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، بۇ سەبر بەرگۈچى ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەنلىكتۇر.

رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ مۇسىبەتكە دۇچار قىلىنىدۇ»(5) دېگەن.

بۇنىڭغا يېقىن بولغان يەنە بىر قىسىم بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ قىلغان ئەزىيەتلىرىگە سەبر قىلىشتۇر. بۇ خۇددى سۆز ياكى ئىش – ھەرىكەت بىلەن يا نەپسىگە، يا مېلىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈلگەن كىشىگە ئوخشاش. بۇ ئىشلارغا سەبر قىلىش ئەزىيەت يەتكۈزگۈچىگە ئوخشاش شەكىلدە ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك بىلەن بولىدۇ.

كىشىلەر يەتكۈزگەن ئەزىيەتكە سەبر قىلىش يۈكسەك مەرتىۋە جۈملىسىدىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەبر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 186).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز﴾(15/«ھىجر»: 97). ﴿ئەگەر سەبر قىلساڭلار (يەنى ئىنتىقام ئالماي كەچۈرسەڭلار)، بۇ سەبر قىلغۇچىلار (يەنى كەچۈرگۈچىلەر) ئۈچۈن (ئەلبەتتە) ياخشىدۇر﴾(16/«نەھل»: 126).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «سەبر قىلىش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلار: مۇسىبەتكە سەبر قىلىش، تائەت – ئىبادەت قىلىشتا سەبر قىلىش ۋە گۇناھ – مەئسىيەت ئالدىدا سەبر قىلىشتىن ئىبارەت. كىمكى مۇسىبەتكە سەبر قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەڭ گۈزەل شەكىلدە بەرداشلىق بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا 300 دەرىجە يازىدۇ، بىر دەرىجە بىلەن يەنە بىر دەرىجە ئارىسىدا ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ئارىسىچىلىك مۇساپە باردۇر. كىمكى تائەت – ئىبادەت قىلىشتا سەبر قىلسا، ئۇنىڭغا 600 دەرىجە يېزىلىدۇ. ھەر ئىككى دەرىجە ئارىسىدا زېمىننىڭ چېگراسىدىن ئەرشنىڭ چېكىگىچە بولغان مۇساپىدەك ئارىلىق باردۇر. كىمكى گۇناھ – مەئسىيەت ئالدىدا سەبر قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا 900 دەرىجە يازىدۇ، ھەر ئىككى دەرىجە ئارىسىدا ئىككى قېتىم زېمىننىڭ چېگراسىدىن ئەرشنىڭ چېكىگىچە بولغان مۇساپىدەك ئارىلىق بولىدۇ»(6).

سەبر قىلىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر كۆپتۇر. شۇ ھەدىسلەردىن، ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم «سەھىھەين»دە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانغا تىكەن كىرىش چاغلىق مۇسىبەت يەتسە، ئاللاھ تائالا شۇ سەۋەب ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ»(7).

يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانغا يەتكەن ھارغىنلىق ياكى كېسەللىك، ياكى ئەندىشە، ياكى قايغۇرۇش، ياكى ئەزىيەت ۋەياكى غەم – غۇسسەلەر ئۈچۈن، ھەتتا بەدىنىگە كىرىپ كەتگەن بىر تىكەن ئۈچۈنمۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيىۋېتىدۇ»(8).

يەنە بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇئمىن ئەر ۋەمۇئمىنە ئايالنىڭ ئۆزىگە، پۇل – مېلىغا ۋە بالىچاقىلىرىغا داۋاملىق مۇسىبەت يېتىپ تۇرىدۇ. ئاخىرىدا، ئاللاھ تائالا بىلەن ھېچقانداق گۇناھى يوق ھالەتتە ئۇچرىشىدۇ»(9) دېگەن.

سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن:

— ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! قايسى كىشىلەر ئەڭ قاتتىق سىنىلىدۇ؟ — دېگەنىدىم، رەسۇلۇللاھ:

— پەيغەمبەرلەر، ئاندىن سالىھلار، ئاندىن ياخشىلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى. بىر ئادەم دىنى بىلەن سىنىلىدۇ، ئەگەر كىشى قاتتىق دىندار بولسا، سىناق قاتتىق بولىدۇ، ئەگەر نورمال دىندار بولسا، سىناق يەڭگىل بولىدۇ، بىر بەندە داۋاملىق مۇسىبەت بىلەن سىنىلىدۇ، ھەتتا ئۇ بىگۇناھ ھالدا زېمىندا ماڭىدۇ»(10) دېدى.

بىزگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئاللاھ تائالا: ‹مەن بىر بەندەمنىڭ يا بەدىنىگە، يا مېلىغا ۋەيا بالىسىغا مۇسىبەت ئەۋەتسەم، ئۇ بەندە مۇسىبەتنى چىرايلىق رەۋىشتە سەبر قىلىپ قارشى ئالسا، مەن ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى مىزان تۇرغۇزۇشتىن ياكى ئۇنىڭ نامە – ئەمال دەپتىرىنى ئېچىشتىن ھايا قىلىمەن›»(11).

پەسىل: سەبر قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى توغرىسىدا
سەبرنىڭ ئەدەبلىرىدىن بىرى، مۇسىبەت يەتكەن ئاۋۋالقى ۋاقىتتا سەبر قىلىشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سەبر دېگەن مۇسىبەت يەتكەن ئاۋۋالقى پەيتتە بولىدۇ»(12) سەھىھ ھەدىس.

سەبر قىلىش ئەدەبلىرىدىن يەنە بىرى، مۇسىبەت يەتكەن چاغدا ئىستىرجا ئېيتىش («ئىننالىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن» يەنى بىز ئاللاھ ئۈچۈنمىز، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايىتقۇچىلارمىز، دېيىش). مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسدە بۇ توغرىسىدا مەزمۇن كەلگەن(13).

بەدەن – ئەزالار ۋە تىلنىڭ جىم تۇرۇشىمۇ سەبر قىلىش ئەدەبلىرىدىندۇر. ئاۋاز چىقارماي كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇش دۇرۇستۇر. ھەكىملەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مۇسىبەت يەتكەندە سەبرسىزلىك قىلىش قولدىن كەتكەن نەرسىنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ، لېكىن دۈشمەننى خۇشال قىلىدۇ».

ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ئۇممۇ سۇلەيم ئوغلى ئۆلۈپ كەتكەندە مۇسىبەتنى چاندۇرمىغاندەك، مۇسىبەت يەتكەن كىشىدە مۇسىبەت ئالامىتىنىڭ كۆرۈلمەسلىكىمۇ ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە سەبر قىلغانلىق قاتارىدىندۇر.

بۇ ھەقتىكى ھەدىس «سەھىھۇ مۇسلىم»دا مەشھۇردۇر(14).

سابىت ئەلبۇنانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئابدۇللاھ ئىبنى مۇتەررىف ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ دادىسى مۇتەررىف كىشىلەرنىڭ يېنىغا چىرايلىق كىيىم كىيىپ، چېچىنى مايلىغان ھالەتتە چىقىپ كەلدى. كىشىلەر بۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ:

— ئابدۇللاھ ئۆلگەن تۇرسا، سەن مۇشۇنداق كىيىم بىلەن چېچىڭنى مايلاپ چىقامسەن؟ — دېگەنىدى، مۇتەررىف بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

— مەن بۇ مۇسىبەت بىلەن چۈشكۈنلىشەيمۇ؟! رەببىم تەبارەكە ۋەتائالا ماڭا ئۈچ خىسلەتنى ۋەدە قىلدى، ھەربىر خىسلەت ماڭا دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلبەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 157).

مۇتەررىف يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ماڭا ئاخىرەتتە بىر غېدىر سۇ چاغلىق نەرسە بېرىلىدىغان بولسا، مەن شۇ نەرسىنىڭ ئېۋەزىگە دۇنيادا مەندىن بىر نەرسە مۇسىبەت بىلەن ئېلىنىشىنى ياخشى كۆرىمەن».

سىلە ئىبنى ئەشيەم ئوغلى بىلەن ئۇرۇشقا چىققان ئىدى. سىلە ئوغلىغا: «ئوغلۇم! ئالدىغا چىقىپ ئۇرۇشقىنكى، مەن ساڭا ساۋاب ئۈمىد قىلاي» دېدى. ئوغلى دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلدى، ئاندىن سىلەمۇ ئالدىغا چىقىپ، دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاياللار سىلەنىڭ ئانىسى مۇئازە ئەدەۋىييەنىڭ يېنىغا يىغىلغانىدى، شۇندا سىلەنىڭ ئانىسى: «سىلەر مېنى تەبرىكلىگىلى كەلگەن بولساڭلار، خۇش كەپسىلەر! ئەگەر بۇنىڭدىن باشقا ئىش ئۈچۈن كەلگەن بولساڭلار، قايتىپ كېتىڭلار!» دېدى.

ئەگەر مۇسىبەت يوشۇرغىلى بولىدىغان مۇسىبەت بولسا، ئۇنى يوشۇرۇش ئاللاھ تائالانىڭ يوشۇرۇن نېئمەتلىرىدىن بىر نېئمەتتۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر بەندە كېسەل بولۇپ قالسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىككى پەرىشتە ئەۋەتىپ: ‹سىلەر ئۇ كېسەل كىشى ئۆزىنى يوقلاپ كەلگۈچىلەرگە نېمە دەيدۇ؟ قاراپ تۇرۇڭلار!› دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، يوقلىغۇچىلار كىرگەندە ئۇ بەندە ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتسا، ئىككى پەرىشتە ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ چىقىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئوبدان بىلىپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا: ‹مەن بەندەمنى ۋاپات تاپقۇزسام، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىمەن، ئەگەر ئۇنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرسەم ئۇنىڭ گۆشىنى تېخىمۇ ياخشى بولغان باشقا بىر گۆشكە، قېنىنى تېخىمۇ ياخشى قانغا ئالماشتۇرۇپ بېرىمەن ۋە ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇيۇپ تاشلايمەن› دەيدۇ»(15).

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كېسەل بولساڭ، ئۇنى باشقىلارغا شىكايەت قىلماسلىقىڭ ۋە مۇسىبىتىڭنى تىلغا ئالماسلىقىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى تونۇغانلىقىڭ ۋە ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلىغانلىقىڭ جۈملىسىدىندۇر».

ئەھنەف رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بىر كۆزۈم قارىغۇ بولۇپ قالغىلى 40 يىل بولدى، مەن ئۇنى ھېچكىمگە دەپ باقمىدىم».

بىر كىشى ئىمام ئەھمەدكە:

— ئۆزىڭىزنى قانداقراق ھېس قىلىۋاتىسىز؟ — دېگەنىدى، ئىمام ئەھمەد:

— ياخشى، تېنىم سالامەت! — دېدى. ئۇ كىشى:

— تۈنۈگۈن ئاخشام قىزىپ قالدىڭىزمۇ؟ — دېگەنىدى، ئىمام ئەھمەد:

— ساڭا تېنىم سالامەت دېدىمغۇ؟! ساڭا بۇ سۆز يېتەرلىك، مېنى ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى سۆزلىگىلى سالمىغىن، — دېدى.

شەقىق بەلخىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆزىگە يەتكەن مۇسىبەتنى ئاللاھ تائالادىن باشقىغا دەيدىكەن، ئاللاھ تائالاغا قىلغان تائەت – ئىبادىتىدە ھەرگىز لەززەت ھېس قىلالمايدۇ».

ھەكىملەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مۇسىبەتلەرنى يوشۇرۇش ياخشىلىق خەزىنىلىرىدىن بىرىدۇر. سەلەف سالىهلەر مۇسىبەت يەتسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى ئويلاپ خۇشال بولۇشاتتى».

سەلەف سالىهلەرنىڭ سەبر قىلىش ھەققىدىكى ھېكايىلىرى مەشھۇردۇر.

شۇ ھېكايىلەردىن بىرى: شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇلمەلىك ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنى دادىسى ئۆمەر دەپنە قىلىپ، تۇپراق بىلەن قەبرىسىنى تۈزلەپ بولغاندىن كېيىن ئۆرە تۇرىدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىنى قورشىغاندا، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئوغلۇم! ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن، سەن ئاتاڭغا بەك ۋاپادار ئىدىڭ، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! ئاللاھ سېنى ماڭا سوۋغات قىلىپ بەرگەندىن بۇيان، مەن سەن سەۋەبلىك بەك خۇشال بولدۇم. ياق! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئاللاھ تائالانىڭ سېنى ۋاپات تاپقۇزغانلىقىغىمۇ بەك خۇشال بولدۇم، مەن سېنى ئاللاھ تائالا كەلتۈرگەن بۇ مەنزىلگە قويغاندىن باشلاپ، ئاللاھ تائالا تەرەپتىن بولىدىغان ساۋابتىن ئىبارەت نېسىۋەمنى ئۈمىد قىلدىم».

دېدىلەر: ئەگەر سەبر قىلىشتىن بولغان مەقسەت مۇسىبەتلەرنى يامان كۆرمەسلىك بولسا، ئىنساننىڭ بۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدۇ. بايان قىلغىنىڭىزدەك، مۇسىبەتلەر مەۋجۇد تۇرۇپ خۇشال بولۇش تامامەن ئىمكانسىزدۇر، (ئۇنداق ئەمەسمۇ)؟

جاۋاب: سەبر قىلىش پەقەت ياخشى كۆرۈلىدىغان ياكى يامان كۆرۈلىدىغان نەرسىگە قارىتا بولىدۇ. ئىنسان كۆڭلىدە بىئارام بولۇشقا ئوخشاش ئۆز ئىختىيارىدا بولمىغان ئىشتىن چەكلەنمەيدۇ. لېكىن، ياقىلىرىنى يىرتىش، يۈز – كۆزلىرىنى كاچاتلاش ۋە پەرياد – پىغان قاتارلىق ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىدىغان ئىشلاردىن چەكلىنىدۇ. بىز ھېكايىلەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بەزى كىشىلەرنىڭ مۇسىبەت يەتكەندە خۇشال بولۇشىغا كەلسەك، ئۇ ئىنسان تەبىئىتى جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى شەرئىي جەھەتتىن خۇشال بولۇشتۇر. چۈنكى، ئىنسان تەبىئىتى مۇسىبەتلەرنى يامان كۆرىدۇ.

بۇ، مىسالى بىر بىمارغا كېسىلىگە قارىتا بىر ئىچىملىك رېتسىپ قىلىپ يېزىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم بۇ بارىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مېلىنى سەرپ قىلىدۇ. ئاندىن ئىچىملىكنى ئالغۇدەك مال تاپقان چاغدا، قاتتىق خۇشال بولىدۇ ۋە تېنىنىڭ ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇ ئىچىملىكنى ئىچىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئادەمنىڭ تەبىئىتى ئەسلىدە ئۇ ئىچىملىكنى ئىچىشنى يامان كۆرىدۇ.

ئەگەر بىر پادىشاھ بىر كەمبەغەلگە: «سېنى بۇ يۇمشاق تاياق بىلەن ئۇرسام، ھەرقېتىملىق ئۇرۇشقا مىڭ تىللا بېرىمەن» دېسە، كەمبەغەل ئەلبەتتە كۆپ ئۇرۇلۇشنى ياخشى كۆرگەن بولاتتى. ئۇنىڭ كۆپ ئۇرۇلۇشنى ياخشى كۆرۈشى تاياقنىڭ ئاغرىتمايدىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى تاياق ئاغرىتسىمۇ، ئۇنىڭغا كېلىدىغان مال سەۋەبلىك ئۇرۇلۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭدەك سەلەف سالىهلەرمۇ ساۋابنى كۆزلىگەنلىكتىن ئۇلارغا كەلگەن مۇسىبەت يەڭگىل بىلىنگەن.

پەسىل: سەبر قىلىشنىڭ دورىسى ۋە سەبر قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدا
شۇنى بىلگىنكى، ئاغرىقنى چۈشۈرگەن زات دورىنىمۇ چۈشۈرۈپ، شىپالىق بېرىشنى ۋەدە قىلدى(16).

سەبر قىلىش قىيىن ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئىلىم ۋە ئەمەلنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل قىلىش مۇمكىندۇر. ئىلىم ۋە ئەمەلدىن بارلىق قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ دورىلىرى تەييار قىلىنىدۇ.

ھەرقانداق كېسەللىك ئۆز لايىقىدا ئىلىم ۋە ئەمەلگە موھتاج. دېمەك، ھەرخىل كېسەللىكلەرگە ھەرخىل دورىلار بېرىلىدۇ. چۈنكى، داۋالاشنىڭ مەنىسى: كېسەللىكنى پەيدا قىلغان سەۋەبكە قارشى تۇرۇش دېمەكتۇر.

مەسىلەن، ئىنسان ئەۋرىتىنى، كۆزىنى ۋە قەلبىنى تۇتۇۋالالمايدىغان دەرىجىدىكى جىما شەھۋىتىگە سەبر قىلىشقا موھتاج بولسا، بۇ شەھۋەت ئۈچ نەرسە بىلەن داۋالىنىلىدۇ:

بىرىنچىسى: داۋاملىق روزا تۇتۇش، ئىپتار قىلغاندا ئازغىنە تاماق يېيىش بىلەن كۇپايلىنىش.

ئىككىنچىسى: شەھۋەتنى قوزغىغۇچى سەۋەبلەرنى ئۈزۇپ تاشلاش. چۈنكى، شەھۋەت قاراش بىلەن قوزغىلىدۇ، قاراش قەلبنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، قەلب شەھۋەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. بۇنىڭ دورىسى بولسا باشقىلاردىن ئايرىلىپ يالغۇز تۇرۇش ۋە كۆڭلى تارتقان سۈرەتلەرگە كۆزىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىشتۇر. چۈنكى، قاراش ئىبلىسنىڭ زەھەرلىك ئوقلىرىدىن بىر ئوق بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆزىنى تۆۋەن قىلىش ياكى قاراشتىن قېچىش ئارقىلىقلا ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچىسى: مۇباھ بولغان نەرسىلەر ئارقىلىق كۆڭلى تارتقان نەرسىلەرنى تەسكىن قىلىش. بۇ نىكاھلىنىش بىلەن بولىدۇ. ئىنسان تەبىئىتى خاھلىغان ھەرقانداق ھارامدىن مۇباھ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلق بىھاجەت بولغىلى بولىدۇ. مانا بۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئەڭ جايىدا دورىسىدۇر. ئوزۇقلىنىشنى كېسىش بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، شەھۋەت بۇنىڭدىن باشقا ئىش بىلەن ئاجىزلاشمايدۇ.

ئىنسان نەپسىنى جىھاد قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك. چۈنكى، نەپسىنى ھاۋايى – ھەۋىسىگە قارشى جىھاد قىلىشقا ئادەتلەندۈرگەن كىشى قاچان خاھلىسا شۇ ۋاقىتتا نەپسىگە غالىب كېلەلەيدۇ.

شۇنى بىلگىنكى، سەبر ۋە جىھادنىڭ ئەڭ قىيىن تۈرى ئىچكى دۇنياسىنى خىيال قىلىشتىن توختىتىشتۇر. بىر ئىشقا بېرىلگەن ۋە خالىي يەردە تۇرغان كىشىدە خىيال كۆپ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنى ۋەسۋەسىلەر ئۆزىگە تارتىدۇ. بۇنىڭ دورىسى ئالاقىلەرنى ئۈزۈش ۋە غېمىنى بىر غەم قىلىش، تەپەككۇرىنى ئاسمان – زېمىننىڭ سەلتەنىتى، ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىش ئاجايىباتلىرى ۋە ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ بارلىق يوللىرىغا قايتۇرۇشتۇر. بۇلار قەلبنى بويسۇندۇرسا، كىشىنىڭ بۇلار بىلەن مەشغۇل بولۇشى شەيتاننىڭ ئۇنى ئۆزىگە تارتىشى ۋە ۋەسۋەسىلىرىنى دەﻓﺌ قىلىدۇ. ئەگەر كىشى يوشۇرۇن پىكىر قىلالمىسا، ئۇنى پەقەت قىرائەت قىلىش، زىكىرلەرنى ئوقۇش، نامازلارنى ئوقۇش قاتارلىق ئۈزۈلمەي قىلىنىدىغان ئىنسان ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ۋىردلەر (زىكىرلەر) قۇتقۇزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە قەلب ھۇزۇرىنى كەلتۈرۈشكە موھتاج بولىدۇ. چۈنكى، ئاشكارا ۋىردلەر ئەمەس، يوشۇرۇن پىكىر قەلبنى تولۇق ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭغا تىرىشىش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىش مۇمكىندۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ لۇتف – ئىنايىتى بىلەن زاھىر بولىدىغان ئەھۋاللار ۋە ئەمەللەردىن ئېرىشىلىدىغان ماقاملار بولسا خۇددى ئوۋلانغان ئوۋ كەبىدۇر. ئوۋ ئاللاھ تائالا بېرىدىغان رىزىق مىقدارىچە بولىدۇ. بەزىدە تىرىشچانلىق ئاز بولسىمۇ، ئوۋ كۆپ بولىدۇ. يەنە بەزىدە تىرىشچانلىق ئۇزۇن بولسىمۇ، ئوۋ غەنىيمىتى ئاز بولىدۇ. بۇ تىرىشچانلىقتا مېھرىبان ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر جەزبىسى(17) ئاساستۇر. چۈنكى، ئۇ ئىنسى – جىنلارنىڭ ئەمەللىرىگە باراۋەر كېلىدۇ. بۇ بەندىنىڭ تاللىشى بىلەن بولمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ تاللىشى قەلبىدىن دۇنيانىڭ جەزبىدار ئىشلىرىنى قومۇرۇپ تاشلاش ئارقىلىق ئاشۇ جەزبىگە يولۇقۇشنى تاللىشىدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، ئەڭ تۆۋەننىڭمۇ تۆۋىنىگە تارتىلغۇچى ئەڭ يۇقىرىنىڭ يۇقىرىسىغا جەلب قىلىنمايدۇ. دۇنياغا ھېرىسمەن كىشى دۇنياغا تارتىلىدۇ. شۇڭا، جەلب قىلغۇچى سەۋەبلەردىن ئالاقىلەرنى ئۈزۈش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەقىقەتەن، سىلەرنىڭ يىل، ئاي، كۈنلىرىڭلار ئىچىدە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سوۋغىلىرى بار، دىققەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئۆزۈڭلارنى يولۇقتۇرۇڭلار!»(18) دېگەن سۆزىدىن مەقسەتتۇر.

ئۇنداقتا بىزنىڭ مەجبۇرىيتىمىز: زېمىننى ياخشىلاپ، ئوت – چۆپلەردىن پاكىزلاپ، ئۇنىڭغا ئۇرۇق چاچقان كىشىگە ئوخشاش بولۇش ۋە رەھمەت ياغقۇسى ئورنىنى بوشىتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ چۈشۈشىنى كۈتۈشتۇر. يامغۇر بولمىسا، زېمىننى ياخشىلاپ، ئوت – چۆپلەردىن پاكىزلەش ۋە ئۇرۇق چېچىش بىھۇدەدۇر. ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ يامغۇرنى قاچان ياغدۇرۇدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بىراق، كىشى ئاللاھ تائالانىڭ بىر يىلنى يامغۇر ياغدۇرماي ئۆتكۈزۋەتمەيدىغانلىقىدەك پەزل – مەرھەمىتىگە ئىشىنىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىل، ئاي ۋە كۈنلەر ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتلىرىدىن بىر رەھمەتتىن ۋە سوۋغىلىرىدىن بىر سوۋغىدىن خالىي قالمايدۇ.

شۇڭا، بەندە قەلبىنى شەھۋەتلەرنىڭ ئوت – چۆپلىرىدىن پاكلىغان بولۇشى، قەلبىگە ئىرادە ۋە ئىخلاس ئۇرۇقىنى تېرىشى، ھەمدە قەلبىنى رەھمەت شامىلى كېلىدىغان ئورنىغا توغرىلىشى لازىم. يامغۇر بۇلۇتلىرى كۆرۈلىدىغان ئەتىياز مەزگىلىدە يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىد چوڭ بولغىنىدەك، ئەرەفات كۈنى، جۈمە كۈنى ۋە رامازان ئېيىغا ئوخشاش قەلبلەر تېتىك، ئىرادە – مەقسەتلەر مۇجەسسەم بولىدىغان ۋاقىتلار ۋە باشقا شەرەپلىك دەملەردە شۇ رەھمەتلەردىنمۇ ئۈمىد چوڭ بولۇشى كېرەك. ئىرادىلەر ۋە قىممەتلىك ۋاقىتلار ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى ۋە تەقدىرى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ مول چۈشۈشى ئۈچۈن سەۋەبتۇر.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5927)؛ مۇسلىم (1151). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1469)؛ مۇسلىم (1053). ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
3. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (40). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 3535) «بەك زەئىف» دېگەن.
4. ﴿ئى مۇئمىنلەر! پۇل ـ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق (پۇل ـ مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 264).
5. بۇخارىي (5645). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
6. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «سەبرنىڭ پەزىلىتى»، (24). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 3532) «زەئىف» دېگەن.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5640)؛ مۇسلىم (2572).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5641، 5642)؛ مۇسلىم (4573). ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
9. ئەھمەد (7846)؛ تىرمىزىي (2399). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5815) «سەھىھ» دېگەن.
10. ئەھمەد (1481)؛ تىرمىزىي (2398)؛ ئىبنى ماجە (4023). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 992) «سەھىھ» دېگەن.
11. قۇزائىي: «مۇسنەدۇششىھاب»، (1338). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 4044) «زەئىف» دېگەن.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1283)؛ مۇسلىم (926). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
13. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ھەر قانداق بىر مۇسۇلمانغا مۇسىبەت يەتكەن ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنى بويىچە: ‹بىز ئەلبەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز› دېگەن ئايەتنى ۋە: ‹ئى ئاللاھ! ماڭا يەتكەن مۇسىبەتتە ماڭا ئەجىر بەر ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بەر!› دېگەن دۇئانى ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا تىلىگىنىنى بېرىدۇ». مۇسلىم (918).
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5470)؛ مۇسلىم (2144). ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
15. مالىك (1682)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (9471). ئەتاﺋ ئىبنى يەساردىن «مۇرسەل»دۇر. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 272) «مۇرسەل سەھىھ» دېگەن.
16. بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ھەرقانداق بىر كېسەللىكنى چۈشۈرگەن بولسا، چوقۇم ئۇنىڭ داۋاسىنىمۇ چۈشۈرگەندۇر» دېگەن. بۇخارىي (5678). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
17. جەزب / جەزبە (الجَذَبُ): تەسەۋۋۇف ئاتالغۇسى بولۇپ، ئىلاھىي ئىنايەتنىڭ بەندىنى ئۆز ھۇزۇرىغا يېقىن تارتىشىدۇر. تارتىلغۇچىنىڭ جىمى مەنزىل ۋە ماقاملارنى جاپا – مۇشەققەتسىز بېسىپ ئۆتۈشى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پۈتۈن ئېھتىياجىنى تەييارلاپ بېرىدۇ. بۇ جەھەتتىن تارتىلغۇچى («مەجزۇب») يولنى رىيازەت ۋە چېنىقىش بىلەن باسىدىغان «سالىك»تىن پەرقلىنىدۇ. مەجزۇب — «مۇراد (ئىرادە قىلىنغۇچى)» دەپ ئاتالسا، سالىك — «مۇرىد (ئىرادە قىلغۇچى)» دەپ ئاتىلىدۇ. تەسەۋۋۇف شەيخلىرىنىڭ قارىشىچە، تارتىلغۇچى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يېقىن تارتىلغان «مەجزۇب» بۇ يولدا داۋاملىشىپ ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتمىسا، «ئاشىق» دەپ ئاتىلىدۇ. قايتىپ يولىنى داۋاملاشتۇرسا، «مەجزۇب سالىك» دەپ ئاتىلىدۇ. يولىنىڭ ئاخىرىدا جەزب قىلىنغان سالىك «سالىك بولغان مەجزۇب» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىككىلىسى شەيخلىك ۋە مۇرىدلەرنى تەربىيەلەش مەرتىۋىسىگە لايىق بولىدۇ. مۇتەسەۋۋىفلەرنىڭ جەزب ھەققىدىكى بايانلىرىدا ئەقىلنىڭ يوقىلىپ شەرئىي تەكلىفاتلارنى بوينىدىن ساقىت قىلىدىغان ساراڭلىق دەرىجىسىگە يېتىش توغرۇلۇق سۆز بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىزاھاتلىرى مەجزۇبنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن مەشغۇل بولۇشىغا، خۇدىنى يوقىتىشىغا ئىشارە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، جەزبە تۇتقان «مەجزۇب» كىشى ئەقلى – ھوشى جايىدا بولسىمۇ، كىشىلەرگە ئوي – پىكرى قالايمىقان، گەپ – سۆزى ئېلىشاڭغۇ كۆرۈنىدۇ. ئەللامە ئىبنى خەلدۇن «مەجزۇب»نى تەكلىف شەرتى بولغان ئەقىلنى يوقاتقان كالۋا، ساراڭلار قاتارىغا قوشۇۋېتىشكە مايىل بولغان ۋە ئۇنى مۇقەررەب ئەۋلىياﺋ دېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاۋامنىڭ دەرىجىسىدىنمۇ تۆۋەن دەپ قارىغان، — ت.
18. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (2856). مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 1917) «زەئىف» دېگەن.

Please follow and like us: