تەكەببۇرلۇقنىڭ بايانى
بۇ ئىككى پەسىلدۇر:
بىرىنچى پەسىل
تەكەببۇرلۇق قىلىشنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى ئايەتلىرىمنى چۈشىنىشتىن يىراقلاشتۇرىمەن﴾(7/«ئەئراف»: 146)، ﴿ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ﴾(16/«نەھل»: 23).
ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»(1).
«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئېيتتى: مەن تەكەببۇرلۇق، ھاكاۋۇرلۇق قىلغۇچىلارغا خاس قىلىندىم»(2).
ئاللاھ رەسۇلى يەنە: «زالىملار ۋە مۇتەكەببىرلەر قىيامەت كۈنى كىچىككىنە قىزىل چۈمۈلە سۈرىتىدە ھەشىر قىلىنىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئەرزىمەس بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇلارنى دەسسەيدۇ»(3) دېگەن.
سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «كۆڭلى تارتقانلىقتىن مەئسىيەت قىلىپ قالغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن ئۈمىدۋار بولغىن! چۈنكى، ئادەم ئەلەيھىسسالام كۆڭلى تارتقانلىقتىن (دەرەختىن يەپ) مەئسىيەت قىلىپ سېلىۋىدى، شۇ ھامان مەغپىرەت قىلىندى. قىلمىشى تەكەببۇرلۇقتىن بولسا، ئۇنىڭغا لەنەت قىلىنىشتىن قورققىن! چۈنكى، ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغانىدى، شۇ ھامان لەنەت قىلىندى».
«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— كىمكى كىيىمىنى تەكەببۇرلۇق قىلىپ سۆرەشتۈرۈپ كىيسە، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا قارىمايدۇ، — دېگەنىدى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ ئىزارىمنىڭ بىر پېشى دىققەت قىلمىسام سۆرۈلۈپ قالىدۇ، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— سەن ئۇنى تەكەببۇرلۇق بىلەن قىلىدىغان كىشىلەردىن ئەمەسسەن، — دېدى(4).
تەكەببۇرلۇقنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ ئاپىتى توغرىسىدا
شۇنى بىلگىنكى، تەكەببۇلۇق يوشۇرۇن خۇلق بولۇپ، ئۇ خۇلقتىن تەكەببۇرلۇق ئەكس ئەتكۈچى ئەمەللەر سادىر بولىدۇ. ئاندىن ئۇ ئەمەللەر بەدەندىكى ئەزالاردا ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇ يوشۇرۇن خۇلق بولسا بىراۋدىن ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈشتۇر. يەنى كىشى ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەل چاغلاپ، باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. شۇندا ئۇ كىشى مۇتەكەببىر ھېسابلىنىدۇ.
بۇ نۇقتىدىن تەكەببۇرلۇق ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتىن (العجب) ئايرىلىدۇ. چۈنكى، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ئۆزىگە تەمەننا قويغۇچىدىن باشقا بىر كىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ھەتتا ئىنسان ئۆزى يالغۇز يارىتىلغان تەقدىردىمۇ ئۆزىگە تەمەننا قويغۇچى بولۇشى تامامەن مۇمكىن. ئەمما، باشقىلار بىلەن بولغاندا ۋە ئۆزىنى باشقىلاردىن يۇقىرى كۆرگەندە، ئاندىن تەكەببۇرلۇق تۇغۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئىنسان قاچانكى ئۆزىنى چوڭ ساناش نەزەرى بىلەن قارىسا، ئۆزىدىن تۆۋەنرەك كىشىلەرنى تۆۋەن كۆرىدۇ، پەس كۆرىدۇ. بۇنداق تەكەببۇرانە قاراش بەئەينى خەلق ئاممىسىنى نادان ساناپ ۋە تۆۋەن كۆرۈپ ئېشەككە قارىغاندەك قاراشتۇر.
تەكەببۇرلۇقنىڭ ئاپىتى چوڭدۇر. تەكەببۇرلۇق بىلەن سەرخىل كىشىلەرمۇ ھالاك بولىدۇ. ئابىدلار، زاھىدلار ۋە ئالىملارمۇ تەكەببۇرلۇقتىن ساقلىنالمايدۇ. تەكەببۇرلۇقنىڭ ئاپىتى قانداقمۇ چوڭ بولمىسۇن؟! چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەلبىدە زەررىچىلىك تەكەببۇرلۇق بولغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دەپ خەۋەر بەردى(5).
تەكەببۇرلۇق شۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتكە كىرىشىتىن توسقۇچى پەردە بولۇپ قالىدۇكى، تەكەببۇرلۇق بەندە بىلەن مۇئمىنگە خاس ئەخلاقلارنىڭ ئارىسىدا توسالغۇ بولىدۇ. چۈنكى، تەكەببۇر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى مۇئمىنلەر ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرەلمەيدۇ. نەتىجىدە كەمتەر بولۇشقا، ھەسەت – ئاداۋەت ۋە غەزەپلىنىشنى تاشلاشقا، ئاچچىقىنى يۇتۇشقا ۋە نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ. كىشىلەرنى پەس كۆرۈش ۋە غەيۋەت قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئەيىب كۆرۈلىدىغان بارچە خۇلقلارنى مەجبۇرىي قىلىدۇ.
تەكەببۇرلۇق تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يامانلىرىدىن بىرى: باشقىلارنىڭ ئىلمىدىن پايدا ئېلىش، ھەقنى قوبۇل قىلىش ۋە ھەقكە بويسۇنۇشتىن توسىدىغان تەكەببۇرلۇقتۇر.
بەزىدە تەكەببۇر كىشى ئىلىم – مەرىپەتكە ئېرىشىدۇ. لېكىن، نەپسى ھەقكە بويسۇنۇشقا ئىتائەت قىلمايدۇ. خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە دېگىنىدەك: ﴿ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن﴾(27/«نەمل»: 14)، ﴿ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددىي ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ (قۇلغا ئوخشاش) خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى﴾ (23/«مۇئمىنۇن»: 47)، ﴿ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان» دېدى﴾(14/«ئىبراھىم»: 10).
بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر كۆپتۇر. مانا بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىغا قارشى تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقتۇر.
بەندىلەرگە تەكەببۇرلۇق قىلىشنىڭ ئۇلارنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە ئۆزىنى ئۇلاردىن چوڭ تۇتۇش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۆزلەندى. ئىبلىسنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا قارىتا چوڭچىلىق قىلىشى ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن ئىبارەت بۇيرۇقىغا بويسۇنماسلىققا ئېلىپ بارغىنىدەك، بۇ خىل تەكەببۇرلۇق ھەم ئىنساننى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا چوڭچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەكەببۇرلۇقنى چۈشەندۈرۈپ: «تەكەببۇرلۇق دېگەن ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىش ۋە باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈشتۇر» دېگەن(6).
يەنى كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ئۇلارنى مەنسىتمەسلىكتۇر.
ئالىملار ۋە ئابىدلارنىڭ تەكەببۇرلۇق ئاپىتى ھەققىدىكى دەرىجىلىرى
شۇنى ياخشى بىلگىنكى، ئالىملار ۋە ئابىدلارنىڭ چوڭچىلىق قىلىشنىڭ ئاپىتى بىرنەچچە دەرىجە بولىدۇ:
بىرىنچى دەرىجە: ئالىم ۋە يا ئابىد بىر كىشىنىڭ قەلبىدە تەكەببۇرلۇق يەرلەشكەن بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنى باشقىلاردىن ياخشى، دەپ قارايدۇ، لېكىن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدۇ ۋە كەمتەرلىك قىلىدۇ. مانا بۇنداق كىشى قەلبىدە تەكەببۇرلۇق دەرىخى ئۈنگەن، لېكىن ئۆزى ئۇنىڭ شاخلىرىنى كېسىۋەتكەن كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجە: بىراۋ سورۇنلاردا تۆرگە ئۆتۈۋېلىش، تەڭتۇشلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىۋېلىش ۋە ئۆزىگە قارىتا قۇسۇر ئۆتكۈزگەن كىشىگە كايىش قاتارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرى بىلەن تەكەببۇرلۇقىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ئۇنداق ئالىمنى تەكەببۇرلۇق بىلەن كىشىلەردىن يۈز ئۆرىگەندەك قىلىپ مەڭزىنى باشقا ياققا بۇرىغانلىقىنى، ئۇنداق ئابىدنى بولسا كىشىلەردىن يىرگىنگەندەك تەرىنى تۈرگەن ھالەتتە كۆرىسەن. بۇ ئىككى تۈرلۈك كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئۆگەتكەن ئەدەبنى بىلمىگەن كىشىدۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن!﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 215)
ئۈچىنچى دەرىجە: قۇرۇق دەۋا، ماختىنىش، ئۆزىنى ئاق چاغلاش ۋە ئۆز ئەھۋالىنى باشقىلارغا پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىش قاتارلىقلار بىلەن تەكەببۇرلۇقىنى تىلى ئارقىلىق ئاشكارا قىلىش.
دۇنيا ئىشلىرىدىن تەكەببۇرلۇق قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ بايانى
1) نەسەبى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلىش. نەسەبى ئۇلۇغ بولغان كىشى ئۆزىچىلىك نەسەبتە بولمىغان كىشىنى ئەمەل – ئىبادەتتە يۈكسەك بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا تۆۋەن كۆرىدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە: ‹مەن سەندىن بەكرەك ئېسىلمەن› دەيدۇ. ھالبۇكى، ھېچكىم ھېچكىمدىن بەك ئېسىل ئەمەس. ئېسىللىك پەقەت تەقۋالىق بىلەنلا بولىدۇ» دېگەن. ئاللاھ تائالا: ﴿ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾(49/«ھۇجۇرات»: 13) دەيدۇ.
2) مال – مۈلك، گۈزەللىك، كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلىش.
مال – مۈلك بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلىش پادىشاھلار ۋە سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ.
گۈزەللىك بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلىش ئاياللار ئارىسىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇ تەكەببۇرلۇق ئۇلارنى بىر – بىرىنى ئەيىبلەش، غەيۋەت قىلىش ۋە ئەيىبلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ياردەمچىلىرى سەۋەبلىك تەكەببۇرلۇق قىلىشقا كەلسەك، پادىشاھلارنىڭ ئۆزئارا ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن پەخىرلىنىشى، ئالىملارئارا بولسا ئىلمىدىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پەخىرلىنىش بىلەن بولىدۇ.
خۇلاسە كالام، «مۇكەممەللىك» دەپ ئىشىنىش مۇمكىن بولىدىغان ھەرقانداق نەرسە ئۆزى مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلىش مۇمكىندۇر. ھەتتا پاسىق كۆپ ھاراق ئىچىش ۋە گۇناھنى كۆپ قىلىشنى «مۇكەممەللىك» دەپ گۇمان قىلىپ ئىپتىخارلىنىدۇ.
كەمتەر كىشىلەرنىڭ ئەخلاقلىرى، كەمتەرلىك ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىشنىڭ ئاشكارا ئالامەتلىرى
شۇنى ياخشى بىلگىنكى، تەكەببۇرلۇق بىر كىشىنىڭ يۈزىنى باشقىلاردىن بۇرىشى، كىشىلەرگە ئالىيىپ قارىشى، بېشىنى تۆۋەن سېلىشى، باداشقان قۇرۇپ ياكى يۆلىنىپ ئولتۇرۇشى، سۆزلىرىدە، ھەتتا ئاۋازى، ئاھاڭىدا ۋە سۆز مەنىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك مېڭىش، غادىيىۋېلىش، ئۆرە تۇرۇش، ئولتۇرۇش، ھەرىكەت قىلىش، شۈك تۇرۇش ۋە باشقا بېرىپ – كېلىش ھەرىكەتلىرىدە ئاشكارا بولىدۇ.
تەكەببۇر كىشىنىڭ بىر سۈپىتى باشقىلارنىڭ ئۆز ھۇزۇرىدا ئۆرە تۇرۇشىنى ياخشى كۆرۈشىدۇر.
ئۆرە تۇرۇش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: ئۆزى ئولتۇرۇۋېلىپ، بېشىدا باشقىلارنىڭ ئۆرە تۇرۇشى. بۇ خىل ئۆرە تۇرۇشتىن چەكلىنىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى كىشىلەرنىڭ ئۆرە تۇرۇپ ھۆرمەت قىلىشىنى ئارزۇلىسا، دوزاختىن ئورۇن ئالسۇن»(7).
بۇ خىل ھالەتتە تۇرۇش ئەجەملەرنىڭ ۋە چوڭچى كىشىلەرنىڭ ئادىتىدۇر.
ئىككىنچى: بىرەر ئادەم كەلگەن چاغدا ئورنىدىن تۇرۇش. سەلەف سالىهلەر بۇنى قىلمىغان ئىدى.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ سۆيۈملۈكرەك بىر كىشى يوق ئىدى. ساھابەلەر رەسۇلۇللاھنى كۆرسە، ئۇ زات يامان كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ھۆرمەت يۈزىدىن ئورنىدىن تۇرمايتتى»(8).
ئالىملار مۇنداق دېگەن: ئاتا – ئانىغا، ئادىل خەلىپىگە ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ئورنىدىن تۇرۇش مۇستەھەبتۇر. بۇ ئەردەملىك كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. كىشى ئورنىدىن تۇرۇشقا مۇناسىپ كىشىگە ئورنىدىن تۇرمىسا، ئۇ كىشى ئورنىدىن تۇرمىغان كىشىنى «ئۇ مېنى ھۆرمەتلىمىدى» دەپ بۇنى بىھۆرمەتلىك ۋە ئۆزىگە قىلىنغان ئەدەبسىزلىك دەپ قارىشى مۇمكىن، نەتىجىدە بۇ ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
بۇنىڭ ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۆرە تۇرىدىغان كىشى ئۈچۈن مۇستەھەب بولۇشى، ھۆرمەتلەنگەن كىشىنىڭ بۇنى ياقتۇرماسلىقى ۋە «مەن بۇنىڭغا لايىق ئەمەس» دەپ ئويلىشى كېرەكلىكىنى توسۇپ قويمايدۇ.
مۇتەكەببىرنىڭ سۈپەتلىرىدىن: تەكەببۇر كىشى ماڭسا، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەينىدىرەك مېڭىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.
يەنە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھېچكىمنى يوقلىمايدۇ.
ۋە يەنە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مېڭىشى ياكى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشىنى يامان كۆرىدۇ.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ: «مەدىنەلىكلەرنىڭ دېدەكلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇ زاتنى (بىرەر ئىشىنى ھەل قىلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن) خاھلىغان يېرىگە ئېلىپ باراتتى»(9).
ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ: «مەن ئابدۇلئەزىز ئىبنى رەۋۋادنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم، مېنىڭ يوتام ئۇنىڭ يوتىسىغا تېگىپ تۇراتتى، مەن ئۆزۈمنى سەل تارتسام، ئۇ مېنىڭ كىيمىمنى تۇتۇپ، مېنى ئۆزى تەرەپكە تارتىپ: ‹سىلەر ماڭا نېمە ئۈچۈن زالىملارغا مۇئامىلە قىلغاندەك قىلىسىلەر؟! مەن ئىچىڭلاردا مەندىنمۇ يامان ئادەم يوق دەپ قارايمەن› دېدى» دەيدۇ.
تەكەببۇر كىشىنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى: ئۆيىدە ھېچ ئىشقا قول تىقماسلىق. بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننتىگە خىلاپتۇر(10).
تەكەببۇر كىشىنىڭ سۈپەتلىرىدىن يەنە بىرى: ئۆز نەرسە – كېرەكلىرىنى بازاردىن ئۆيىگە كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلمەسلىك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرنەرسىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلگەن(11).
ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەختلەرنى بازارغا ئاپىرىپ تىجارەت قىلاتتى.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ گۆش سېتىۋېلىپ، ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئېسىپ قويغان ئىدى.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خورما سېتىۋېلىپ، ئۇنى بىر بوغچىدا كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭغان ئىدى، بىر كىشى:
— مەن كۆتۈرەيمۇ؟ — دېگەندە، ئۇ:
— ياق! بۇنى كۆتۈرۈشكە بۇنى يەيدىغان بالىلارنىڭ دادىسى ئەڭ لايىق، — دېدى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى بازاردىن بىر باغلام ئوتۇن كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە شۇ كۈنلەردە خەلىفە مەرۋاننىڭ ۋالىيسى بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگە: «پوش – پوش، ئەمىرگە يول بېرىڭ!» دېگەن ئىدى.
كىمكى تەكەببۇرلۇقىنى يوقاتماقچى ۋە كەمتەر بولماقچى بولسا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئۈلگە ئالسۇن. بۇ ھەقتە «تىرىكچىلىكنىڭ ئەدەبلىرى» دېگەن تېمىدا ئىشارەت قىلىندى.
تەكەببۇرلۇقنىڭ داۋاسى ۋە كەمتەرلىككە ئېرىشىشنىڭ بايانى
شۇنى بىلگىنكى، مۇتەكەببىرلىك ھالاك قىلغۇچى ئىشلاردىن بىرىدۇر. تەكەببۇرلۇقنى داۋالاش پەرز ئەيندۇر ۋە ئۇنى داۋالاشتا ساڭا ئىككى مەرتىۋە بار:
بىرىنچى: تەكەببۇرلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش. بۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنى ۋە پەرۋەردىگارىنى تونۇشى بىلەن بولىدۇ.
ئىنسان ئۆزىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇسا، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق خار مەخلۇقتىنمۇ بەك خار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ يوقلۇقتىن بار بولۇشتا ئەزەلدە تۇپراق، ئاندىن مەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن بىر پارچە گۆش بولۇپ، ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان، ھېس قىلمايدىغان ۋە ھەرىكەتلەنمەيدىغان جانسىز بىرنەرسە ھالىتىدىن تىلغا ئېلىنىدىغان بىرنەرسىگە ئايلانغانلىقىنى، ھاياتلىقتىن ئالدىن ئۆلۈمنىڭ، كۈچتۈڭگۈرلۈكتىن ئاۋۋال ئاجىزلىقنىڭ ۋە باياشاتلىقتىن بۇرۇن نامراتلىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلىشى كۇپايە قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئىشارەت قىلغان: ﴿ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟ ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغۇچە) ئاللاھ ئۇنى بىرقانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىنپەي ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا (ماڭار) يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى﴾(80/«ئەبەسە»: 18 – 20) ۋە: ﴿شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق﴾(76/«ئىنسان»: 2) دېگەن.
ئاندىن ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئۆلۈكلۈك (يوقلۇق) ھالىتىدىن تىرىلدۈردى، ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئەڭ چىرايلىق قىلدى. ئۇنى دۇنياغا چىقاردى، ئۇنى يېمەك بېرىپ تويغۇزدى، ئىچمەك بېرىپ قاندۇردى، ئۇنىڭغا كىيىم بەردى، ھىدايەت قىلدى ۋە كۈچلەندۈردى.
ئەسلى بۇ تۇرۇپ، ئىنسان قايسى يۈزى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلار ۋە ماختىنار؟!
ئەگەر ئىنسان دۇنيادا ئۆز خاھىشى بويىچە ياشىسا ئىدى، ئۇ ئەلبەتتە ھەددىدىن ئاشاتتى. بەلكى ئۇنى بىر – بىرىگە زىت خىلىتلار، قورقۇنچلۇق كېسەللىكلەر چىرمىغان، نەۋقىرانلىققا يەتكەندە ئۇشتۇمتۇت ئاجىزلىشىپ، يىقىلغان بولاتتى. ئىنسان ئۆزىگە پايدا – زىيان يەتكۈزىدىغان ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ، بىرنەرسىنى يادقا ئالسا ئۇنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. نېمىنى لەززەتلىك ھېس قىلسا، ئۇ نەرسە ئۇنى ھالاك قىلىدۇ، نېمىنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئاندىن ئۇ بىمەھەل ئۆلۈمدىن ئەمىن بولالمايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئوتتۇرا ھالىتىدۇر. ئالدىدا سۆزلەنگىنى بولسا ئۇنىڭ دەسلەپتىكى ھالىتىدۇر.
ئۇنىڭ ئاخىرقى ھالىتىگە كەلسەك، ئۆلۈم ئۇنى ئىلگىرىكى جانسىز ھالىتىگە قايتۇرىدۇ، ئاندىن ئۇنى تۇپراققا تاشلاپ سېسىق تاپقا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى چىرىيدۇ، سۆڭەكلىرى بۇزۇلىدۇ، تېنىنى قۇرتلار يەيدۇ ۋە سۆڭەكلىرى ساپال قاچىلار ياسىلىدىغان، (كېسەك – خىش قويۇلۇپ،) بىنالار سېلىنىدىغان تۇپراققا ئايلىنىدۇ.
چىرىپ ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن، ئۇنىڭ تارقىلىپ كەتكەن ئەزالىرى توپلىنىدۇ، ئۇ ئىنسان تىرىلىپ مەھشەر مەيدانىغا ھازىر بولىدۇ. ئۆزگەرتىلگەن زېمىنلارنى، سەيرى قىلدۇرۇلغان تاغلارنى، يېرىلغان ئاسماننى، تۆكۈلگەن يۇلتۇزلارنى، نۇرى ئۆچۈرۈلگەن قۇياشنى، زۇلمەت – قاراڭغۇلۇقنى، دوزاخنىڭ نالە – پەريادىنى ۋە يېيىلغان ئەمەل دەپتەرلىرىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭغا: ﴿نامە – ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە (يەنى بۇ قىلمىشلىرىڭغا) ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ يېتەرلىكتۇر، دېيىلىدۇ﴾(17/«ئىسرائ»: 14).
ئۇ ئىنسان: «بۇ نېمە كىتاب؟» دەيدۇ. ئۇنىڭغا: «سەن خۇشال بولغان، نېئمەتلىرى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھاياتىڭدا، ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، سەن سۆزلىگەن ۋە ئەمەل قىلغان نەرسىلىرىڭنى، يېگەن – ئىچكىنىڭنى، ئولتۇرۇپ – قوپقىنىڭنى يازىدىغان ئىككى پەرىشتە ساڭا مۇئەككەل قىلىنغان ئىدى، سەن ئۇ ئەمەللەرنى ئۇنۇتتۇڭ، ئاللاھ تائالا ئۇنى ھېسابلاپ قويغاندۇر. شۇ قىلغان ئەمەللىرىڭگە ھېساب بېرىش ئۈچۈن كەلگىن ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب تەييار قىلغىن، ئەگەر جاۋاپ بېرەلمىسەڭ، دوزاخقا ھەيدىلىسەن» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئەھۋالدىكى ئىنسان تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ.
ئەگەر ئۇ ئىنسان دوزاخقا كىرسە، ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭدىن ياخشىراق ھالدىدۇر. چۈنكى، ھايۋانلار تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇ ئەھۋالدىكى ۋە خاتالىقلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىش – قىلماسلىقىدىن دەرگۇمان ئىنسان قانداقمۇ تەكەببۇرلۇق قىلسۇن؟! كىممۇ ئازابقا تارتىلىدىغان گۇناھتىن سالامەت قالالىسۇن؟! مۇتەكەببىرنىڭ مىسالى: پادىشاھقا قارشى بىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، مىڭ قامچا جازاغا بۇيرۇلۇپ، زىنداندا جازالىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئادەمگە ئوخشايدۇ. مىڭ قامچا ئۇرۇلۇشنى كۈتۈۋاتقان ئادەمنى زىنداندىكىلەرگە تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ، دەپ قارامسەن؟ دېمەك، دۇنيا زىنداندىن ئىبارەتتۇر. گۇناھ – مەئسىيەت قىلغانلار ئازابلىنىشقا لايىقتۇر.
پەرۋەردىگارىنى تونۇشتا، پەرۋەردىگارىنىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىگە ۋە ئاجايىپ يارىتىشلىرىغا قارىسا كۇپايە. بۇ قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقى ۋە ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇش ئاشكارا بولىدۇ. بۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلايدىغان شىپادۇر.
ئەمەل قىلىشقا خاس شىپالاردىن بىرى: ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئەمەلىيەتتە كەمتەر بولۇشتۇر. بۇ سۈپەت داۋاملىق كەمتەر كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن ھاسىل بولىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىغا ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىكى كەمتەرلىك ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىلگىرى ئىشارە قىلىندى.
ئىككىنچى مەرتىۋە: تەكەببۇرلۇقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان سەۋەبلەر توغرىسىدا
كىمكى نەسەبى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلسا، بىلسۇنكى، بۇ باشقىلارنىڭ مۇكەممەللىكى بىلەن ماختىنىشتۇر. ئۇ ئاتا – بوۋىسىنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالغاي. ئۇنىڭ ئاتىسى مەينەت بىر مەنىيدىن، بوۋىسى بولسا توپا – تۇپراقتىندۇر.
كىمكى كېلىشكەن چىرايى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلسا، ئىچ دۇنياسىغا ئاقىللارچە قارىسۇنكى، ئەسلا ھايۋانلارچە سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قارىمىسۇن.
كىمكى كۈچ – قۇۋۋىتى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلسا، بىلسۇنكى، ئەگەر كىشىنىڭ بىرگىنە تومۇرىغا ئاغرىق يەتسە، ئۇ ئەڭ ئاجىز ئىنسانغا ئايلىنىدۇ. بىر كۈنلۈك قىزىتما كىشىنى خېلى ئۇزۇن مۇددەتتە تولۇقلىۋالغىلى بولمايدىغان كۈچىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. پۇتىغا كىرگەن بىر تال تىكەن ئۇنى قىينايدۇ ۋە قۇلىقىغا بىر تال قۇرت كىرىۋالسا، ئۇنى بىئارام قىلىدۇ.
كىمكى بايلىقى سەۋەبلىك تەكەببۇرلۇق قىلسا، ئويلىسۇنكى، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا قارىغاندا بەكمۇ باي! يەھۇدىيلارنى ئازدۇرغان ئۇنداق شەرەپكە تۈفى! بايلىقىنى ئوغرى كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىۋالسا، مال ئىگىسى خار كىشىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
كىمكى ئىلمى سەۋەبلىك تەكەببۇرلۇق قىلسا، بىلسۇنكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئالىمغا بولغان سورىقى جاھىلغا قارىغاندا قاتتىق بولىدۇ. ئالىم ئۆزى يولۇققۇسى بۈيۈك خەتەر ھەققىدە تەپەككۇر قىلسۇن. چۈنكى، ئالىمنىڭ قەدرى باشقىلارنىڭ قەدرىگە قارىغاندا چوڭ بولغىنىدەك، ئىلىمنىڭ خەتىرى باشقا نەرسىلەرنىڭ خەتىرىگە قارىغاندا چوڭدۇر.
بۈيۈكلۈك، ئۇلۇغلۇقنىڭ پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا خاس ئىكەنلىكىنى بىلسۇن. ئىنسان تەكەببۇرلۇق، چوڭچىلىق قىلسا، ئاللاھنىڭ نەزەرىدە يامان كۆرۈلگەن، ئۆچ كۆرۈلگەن ئىنسانغا ئايلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ كەمتەر بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ. يەنى، تەكەببۇرلۇق كەمتەرلىك بىلەن داۋالىنىدۇ. شۇنىڭدەك ھەرقانداق ئىللەتنى ئۇنىڭ ئەكسى بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ.
كەمتەرلىك ئەخلاقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان مەشىقنىڭ ئۆلچىمى
بىلگىنكى، بۇ ئەخلاقنىڭمۇ باشقا ئەخلاقلارغا ئوخشاشلا ئىككى ئۇچى ۋە ئوتتۇرى بولىدۇ. ئېشىپ كەتكەن ئۇچى «تەكەببۇرلۇق» دەپ ئاتالسا، كېمەيگەن ئۇچى «ئۆزىنى پەس تۇتۇش ۋە خار قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ.
كەمتەرلىك بولسا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدۇر. كەمتەرلىك ئەردەم – پەزىلەتتۇر. ماختىلىدىغان كەمتەرلىك بولسا خار بولماستىن كەمتەرلىك قىلىشتۇر. چۈنكى، ئىشلارنىڭ ياخشىسى ئوتتۇراھال بولغىنىدۇر.
ئۆز تەڭتۇشلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىۋالغان كىشى چوڭچىدۇر. ئۇلارنىڭ كەينىدە ماڭغۇچى كەمتەردۇر. يەنى، ئۇ ئۆزىنىڭ قەدر – قىممىتىنى ئازراق تۆۋەنلىتىپ كەمتەرلىك قىلغان كىشىدۇر. ئالىمنىڭ يېنىغا مايلامچى – موزدوزدەك كىشىلەر كىرسە، ئۆز ئورنىنى بوشىتىپ، ئۇنى شۇ ئورۇندا ئولتۇرغۇزسا، (ماڭار چاغدا) ئايىغىنى ئەكىلىپ بەرسە ۋە ئۇنى ئۇزۇتۇپ ئىشىككىچە چىقسا ئۆزىنى زورمۇ زور خارلىغان ۋە پەسلەشكەن بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ماختالمايدۇ. بەلكى ماختىلىدىغىنى ئوتتۇراھال بولۇشتۇر. ئوتتۇراھال بولۇش دېگەنلىك «ھەممىگە ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىش» دېمەكتۇر. لېكىن، ئالىمنىڭ بىرنەرسە سورىغان ئاددىي كىشىگە قىزغىن بولۇشى، سۆزلىگەندە سىلىق سۆزلىشى، دەۋەتكە ئىجابەت قىلىشى، ھاجىتىنى راۋا قىلىشقا تىرىشىشى، ئۇنى تۆۋەن ۋە پەس كۆرمەسلىكى كەمتەرلىك قىلىشىدۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
ئىككىنچى پەسىل
ئۆزىگە تەمەننا قويۇش
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم بىر قۇر تونىنى كىيىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىۋاتقىنىدا، ئاللاھ ئۇنى يەرگە يۇتقۇزۇۋەتكەن بولۇپ، ئۇ تاكى قىيامەت كۈنىگىچە يەر ئاستىغا توختىماي چۆكۈپ تۇرىدۇ»(12).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ھالاكەتكە تاشلىغۇچى ئۈچ تۈرلۈك قىلمىش بار. بۇلار: ئىتائەت قىلىنىدىغان بېخىللىق، ھاۋايى – ھەۋەسكە بېرىلىش ۋە ھەركىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاش قاتارلىقلار»([13]).^
ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ھالاكەت ئىككى تۈرلۈك ئىشتا بولىدۇ: ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ئۆزىگە تەمەننا قويۇش»(14). ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىككى ئىشنى جەملەپ كەلتۈردى. چۈنكى، بەخت – سائادەتكە داۋاملىق تىرىشىش، ئىزدىنىش، ئەستايىدىل بولۇش ۋە چىڭ تۇرۇش بىلەنلا يەتكىلى بولىدۇ. ئۈمىدسىزلەنگەن ئادەم بولسا تىرىشمايدۇ ۋە ئىزدەنمەيدۇ. ئۆزىگە تەمەننا قويغان ئادەم بولسا ئۆزىنى بەختلىك بولدۇم ۋە مەقسىتىمگە يەتتىم، دەپ ئويلاپ تىرىشمايدۇ.
مۇتەررىف رەھىمەھۇللاھ: «مېنىڭ كېچىسى ئۇخلاپ قېلىپ، پۇشايمانلىقتا تاڭ ئاتقۇزۇشۇم مەن ئۈچۈن كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ، ئۆزۈمگە تەمەننا قويغان ھالدا تاڭ ئاتقۇزغىنىمدىن ياخشىدۇر» دېگەن(15).
ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ ئاپىتى
شۇنى بىلگىنكى، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش تەكەببۇرلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، ئۇ دەل تەكەببۇرلۇقنىڭ بىر سەۋەبىدۇر. دېمەك، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش تەكەببۇرلۇقنى تۇغدۇرىدۇ، تەكەببۇرلۇق تېخىمۇ كۆپ ئاپەتلەرنى تۇغدۇرىدۇ. بۇ كىشىلەر بىلەن بولغاندا ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتۇر.
ئاللاھ تائالا بىلەن بولغاندا ئۆزىگە تەمەننا قويۇش بولسا تائەت – ئىبادەتلىرىنى چوڭ ساناشتىن بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ ئىبادىتى بىلەن ئاللاھ تائالاغا مىننەت قىلغاندەك بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى نېئمەتلەندۈرۈپ ئىبادەت قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ. ئىبادەتنى بۇزىدىغان ئاپەتلەرنى كۆرمەسكە سالىدۇ.
ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولماسلىقىدىن قورققان كىشىلا قىلغان ئەمەللىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. قىلغان ئەمىلىدىن رازى ۋە خۇرسەن بولغان كىشى ئۇنداق قىلمايدۇ.
ئۆزىگە تەمەننا قويۇش تاكامۇل ئىلىم ياكى مۇكەممەل ئەمەلگە نۇقسان يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇپ ئىشەنچ بىلەن «ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدا ھەققىم بار» دەپ گۇمان قىلىشتۇر. دېمەك، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ئۆزى سۆيۈنگەن نەرسىنى چوڭ ساناشتىن كېلىدۇ. بۇ ئىشەنچ مۇكاپات كۈتۈشكە سەۋەب بولىدۇ. بۇ بەئەينى قىلغان دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولۇشىنى كۈتۈش ۋە ئۇنىڭ ئىجابەت بولماسلىقىغا ئىشەنمەسلىكتۇر.
پەسل
ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ شىپاسى
شۇنى بىلگنىكى! ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سېنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە ئەمەللىرىڭدە يول كۆرسىتىش بىلەن ساڭا ئىنئام قىلغاندۇر.
شۇڭا، ئەمەل قىلغۇچى ئەمىلى سەۋەبلىك، ئالىم ئىلمى، گۈزەل ئادەم گۈزەللىكى ۋە باي بايلىقى سەۋەبلىك ئۆزىگە تەمەننا قويۇشقا ھېچ يول يوق. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان پەزلىدۇر. ئىنسان بولسا ئاللاھ تائالانىڭ مول نېئمەتلىرىنىڭ چۈشۈش مەنزىلىدۇر. ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنىڭ چۈشۈش مەنزىلى بولۇشىمۇ باشقا بىر نېئمەتتۇر.
ئەگەر سەن: «ئىلىم مېنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىم بىلەن ھاسىل بولدى. ئىلىم مېنىڭ مەۋجۇدلۇقۇم، ئەمىلىم، ئىرادە ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىمنىڭ بار بولۇشى بىلەنلا ۋۇجۇدقا كېلىشى مۇمكىن» دېگۈدەك بولساڭ، ئېيتقىنچۇ، ئۇنداقتا سېنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىڭ قەيەردىن كەلدى؟ ئۇلارنىڭ ھېچبىرى سەندىن ئەمەس، تامامى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەندۇر.
ئەگەر قىلغان ئەمەل كۈچ – قۇۋۋەت بىلەن بولىدىغان بولسا، كۈچ – قۇۋۋەت شۇ ئەمەلنىڭ ئاچقۇچىدۇر. بۇ ئاچقۇچ ئاللاھ تائالانىڭ ئىلىكىدىدۇر. ئەگەر ساڭا ئاللاھ تائالا كۈچ – قۇۋۋەت ئاچقۇچىنى بەرمىسە، سېنىڭ ئەمەل قىلىشىڭ مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئىشىكى ئېتىك بىر ئامبار يېنىدا ئولتۇرساڭ، ئۇنىڭ ئاچقۇچى بېرىلمىسە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىشقا كۈچۈڭ يەتمىگىنىگە ئوخشاشتۇر.
«سەھىھەين»دىكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ھېچبىرىڭلارنى قىلغان ئەمىلىڭلار جەننەتكە كىرگۈزەلمەيدۇ، — دېگەنىدى، ساھابەلەر:
— سىلىنىمۇ شۇنداقمۇ؟ — دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— مېنىمۇ شۇنداق، پەقەتلا ئاللاھ مېنى ئۆز رەھمىتى ۋە پەزلى بىلەن يۆگىسە ئاندىن، — دېدى(16).
بىلگىنكى، تەكەببۇرلۇق قىلىش پەيدا بولىدىغان سەۋەبلەردىن ئۆزىگە تەمەننا قويۇشمۇ پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بايانى ۋە داۋاسى ئىلگىرى سۆزلەندى.
شۇ سەۋەبلەردىن بىرى: نەسەبى بىلەن ئۆزىگە تەمەننا قويۇش. بۇ خۇددى ئۇلۇغ ئادەم ئۆزىنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن ئازابتىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى خىيال قىلغانغا ئوخشاشتۇر.
بۇ خىل ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ شىپاسى بولسا ئۆز ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ئەمەللىرىگە يات ئەمەللەر قىلسا ۋە ئۆزىنى ئۇلار بىلەن بىللە بولىمەن، دەپ گۇمان قىلسا، بۇنىڭ نادانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىش. ئەگەر ئۇلار قىلغان ئەمەللەرنى قىلىپ ئۇلارغا ئەگەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ئەمەسلىكىنى بىلسۇن. بەلكى ئىلگىرىكىلەر ئۆزىنى تۆۋەن كۆرەتتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا قېلىشتىن قورقاتتى. ئۇلار نەسەب بىلەن ئەمەس، تائەت – ئىبادەت ۋە ماختىلىشقا سازاۋەر بولىدىغان ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەن ئىدى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق ئېيتقان: ﴿ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)﴾(49/«ھۇجۇرات»: 13).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (قىزىغا): «ئى فاتىمە! مەن سىزدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ھېچنەرسىنى دەﻓﺌ قىلالمايمەن»(17) دېگەن.
ئەگەر «ئېسىل كىشى قىيامەت كۈنى ئۆزىگە يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ شاپائەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغۇ؟!» دېسەڭ: بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، بارلىق مۇسۇلمانلار باشقىلارنىڭ شاپائەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بەزىدە بىر شەخس دوزاختا كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. بەزىدە گۇناھ كۈچلۈك كېلىپ قېلىپ، شاپائەتمۇ ئۇنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ.
«سەھىھەين»دىكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ھېچبىرىڭلارنى قىيامەت كۈنى بوينىدا بوزلاۋاتقان تۆگە بار ھالەتتە تېپىپ قالمىغايمەن. شۇندا ئۇ كىشى:
— قۇتقۇزغىن ئى رەسۇلۇللاھ! — دەيدۇ. مەن:
— سەندىن ھېچنەرسىنى دەﻓﺌ قىلىشقا قادىر بولالمايمەن، مەن ساڭا يەتكۈزگەن ئىدىم، — دەيمەن»(18).
باشقىلارنىڭ شاپائەت قىلىشىغا تايىنىۋېلىپ گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە بېرىلگۈچى كۆيۈمچان ئۇستا تېۋىپقا تايىنىۋېلىپ، كۆڭلى تارتقان نەرسىلەرگە بېرىلىدىغان كېسەلگە ئوخشايدۇ. بۇنداق قىلىش نادانلىقتۇر. چۈنكى، ئۇستا تېۋىپنىڭ تىرىشچانلىقىمۇ ھەممە كېسەلگە ئەمەس، بەزى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ.
ئۇلۇغ ساھابەلەرنىڭمۇ ئاخىرەتتىن قورقىدىغانلىقى بۇنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ھالبۇكى، ساھابەلەرنىڭ مەرتىۋىسىدە بولمىغان كىشىلەرگە قانداقمۇ تايىنىۋېلىش توغرا بولسۇن؟!
شۇ قاتارىدىن، ئۆزىنىڭ خاتا كۆزقارىشى بىلەن ئۆزىگە تەمەننا قويۇش. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى (ھىدايەت تاپقان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟)﴾(35/«فاتىر»: 8) دەيدۇ.
بۇ تۈردىكى ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى داۋالاش باشقا تۈردىكى ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى داۋالاشقا قارىغاندا قىيىندۇر.
چۈنكى، ئۆز كۆزقارىشى بىلەن ھاكاۋۇرلۇق قىلغۇچى نەسىھەتگۇينىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمايدۇ، ئۇنداقتا ئۆزى «نىجاتلىق» دەپ قارىغان نەرسىنى ئۇ قانداقمۇ تەرك ئەتسۇن؟!
بۇ تۈردىكى ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى داۋالاش «ئۆز كۆزقارىشىنى خاتامىدۇ؟» دەپ گۇمان قىلىش ۋە كۆزقارىشى بىلەن مەغرۇرلانماسلىق بىلەن بولىدۇ. لېكىن، قۇرئان ۋە ھەدىستىن ھەمدە بارلىق دەلىل شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسكىن ئەقلىي دەلىلدىن ئۆز كۆزقارىشىنىڭ توغرىلىقىغا كەسكىن دەلىل شاھىد بولسا، بۇ ھالەتتە «خاتامىدۇ؟» دەپ گۇمان قىلماسلىقى كېرەك. بۇ ھالەت پەقەت ئىلىم ئەھلى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش، قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆگىنىشكە مەشغۇل بولۇش بىلەن بىلىنىدۇ. ئۆمرىنى ئۇزۇن يىللار ئىلىم ئۆگىنشىكە سەرپ قىلمىغان كىشىنىڭ ھەرخىل مەزھەب ئىختىلاپلىرىغا كىرمىگىنى ياخشىدۇر. لېكىن، ئۇ كىشى «ئاللاھ تائالا يېگانە، شېرىكى يوق، ﴿ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەس، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(42/«شۇرا»: 11)، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ۋەھيىدە راستچىلدۇر» دەپ بىر پۈتۈن ئېتىقادتا بولۇشى، قۇرئاندا كەلگەن ھۆكۈملەرنى بەك ئىنچىكە تەكشۈرۈپ كەتمەي ئىمان كەلتۈرۈشى، ۋاقتىنى تەقۋالىق ۋە ئەمەل – ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. قاچانكى، مەزھەب ئىختىلاپلىرىغا كىرسە ۋە بىھۇدە نەرسىلەرنى بىلىشنى مەقسەت قىلسا، ھالاك بولىدۇ.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. مۇسلىم (91). ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4850)؛ مۇسلىم (2846). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
3. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەتتەۋازۇئۇ ۋەلخۇمۇل»، (224). ھافىز ئىراقىي: («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ»، 3/229) «بۇ ھەدىسنى بەززار ‹زالىملار› دېگەن كەلىمەسىز مۇشۇنداق ئىخچاملاپ رىۋايەت قىلغان، سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5784)؛ مۇسلىم (2085). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
5. مۇسلىم (91). ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
6. يۇقىرىقى ھەدىس.
7. ئەھمەد (16807)؛ ئەبۇ داۋۇد (4357، 5229). مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5957) «سەھىھ» دېگەن.
8. ئەھمەد (12367)؛ ئىمام بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (946)؛ تىرمىزىي (2754). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇل ئەدەبىل مۇفرەد»، (946) «سەھىھ» دېگەن.
9. بۇخارىي (6072).
10. چۈنكى، ھەدىسلەردە كەلگىنىدەك، رەسۇلۇللاھ ئەھلىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى (بۇخارىي (676). كەشىنى، كىيمىنى ئۆزى يامايتتى (ئەھمەد (25380). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجامىسسەغىر ۋە زىيادەتۇھۇ»، 9068) «سەھىھ» دېگەن.
11. ئەبۇ يەئلا (6162) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ئىشتاننى سېتىۋېلىپ، ئۆنى ئۆزى كۆتۈرگەنلىكىنى زەئىف سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3485)؛ مۇسلىم (2088).
13. بەززار (7293)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (5452)؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 2/160؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (745). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 453) «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن. مۇنزىرىي: («ئەتتەرغىب»، 654) «بۇ ھەدىس بىرقانچە ساھابەدىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، سەنەدلىرىنىڭ بىرىمۇ تەنقىدتىن خالىي بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جۇغلانمىسى ئىنشائاللاھ ھەسەن دەرىجىگە يېتىدۇ» دېگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
14. ئىمام ئەبۇللەيس سەمەرقەندىي: «تەنبىھۇل غافىلىن»، 485 – بەت.
15. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (448).
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5673)؛ مۇسلىم (2816).
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2753)؛ مۇسلىم (206).
18. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3073)؛ مۇسلىم (1831).