مەغرۇرلىنىش (ئالدىنىش) ۋە ئۇنىڭ قىسىم - دەرىجىلىرى

مەغرۇرلىنىش (ئالدىنىش) ۋە ئۇنىڭ قىسىم – دەرىجىلىرى

كىشىلەر ئىچىدە دۇنياغا ئالدىنىپ: «‹ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى›. دۇنيا نەق، ئاخىرەت نېسىدۇر» دەيدىغانلار بار. شەيتان مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ. چۈنكى، نەق نەرسە نېسى بىلەن ئوخشاش بولسا، ئاندىن ئۇنىڭدىن ياخشى بولىدۇ.

ھەممىگە مەلۇمكى! ئىنساننىڭ تىنىقى ئۈزۈلگۈچە بولغان پۈتۈن ئۆمرى ئاخىرەت مۇددىتىگە نىسبەتەن مىليوندىن بىر پارچىغا توغرا كەلمەيدۇ.

«نەق نەرسە نېسى نەرسىدىن ياخشى» دېگەنلەر نېسى نەرسىنى نەق نەرسە بىلەن ئوخشاش كۆرگۈچىلەر بولۇپ، كافىرلار مۇشۇنداق دەپ ئۆز – ئۆزلىرىنى ئالدىغاندۇر.

ئەقىدىلىرى ساغلام تۇرۇپ، گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار بۇ خىل ئالدىنىشتا كافىرلارغا ھەمشېرىك بولغانلاردۇر. چۈنكى، ئۇلار ئاخىرەتنى قويۇپ دۇنيانى تاللىغاندۇر. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى كافىرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا يەڭگىلرەك بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىمان ئاساسى بولغانلىقى ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ئازابتىن ساقلاپ قالىدۇ.

گۇناھكار كىشىلەردىن: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن سېخىيدۇر. بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشىغا يۆلىنىمىز» دەپ ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىدىغانلىقى ۋە ئازاب قىلمايدىغانلىقى بىلەن ئالدىنىدىغان كىشىلەر بار. بەزىدە ئۇلار ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ياخشىلىقى سەۋەبلىك ئۆز – ئۆزىنى ئالدايدۇ.

ئالىملار ئېيتىدۇ: «كىمكى بىرنەرسىنى ئۈمىد قىلسا، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ، بىرنەرسىدىن قورقسا ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، داۋاملىق گۇناھ قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىشنى ئۈمىد قىلغان كىشى ئالدانغان كىشىدۇر».

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى بىلىش بىلەن بىرگە، ئازابىنىڭمۇ ھەم بەك قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك. ئاللاھ تائالاغا كافىرلارنىڭ كافىر بولغانلىقى ھېچ زىيان يەتكۈزمەيدىغان تۇرۇپ، ھەقتائالا ئۇلارنى دوزاختا مەڭگۈ قېلىشقا ھۆكۈم قىلدى. ئاللاھ تائالا دۇنيادا بەندىلىرىدىن كېسەللىك ۋە قىينچىلىقلارنى يوق قىلىۋېتىشكە قادىر تۇرۇپ، بەندىلىرىگە كېسەللىكلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى سىناق قىلدى. ئاندىن بىزنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇردى. شۇنداق بولغانىكەن، بىز قانداقمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقمايمىز؟!

قورقۇنچ بىلەن ئۈمىد ئەمەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىككى يېتەكلىگۈچىدۇر. ئەمەل قىلىشقا تۈرتكە بولمايدىغان نەرسە ئالدىنىشتۇر. بۇنى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنىڭ ئۇلارنى تەييار تاپلىققا ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى تاللاشقا ئېلىپ بارغانلىقى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرىدۇ.

ئىلگىرىكى ئەسىردىكىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلگەنلىكى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلىقى، بۇ زاماندىكىلەرنىڭ بولسا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ يەنە ئەمىن ۋە خاتىرجەم يۈرۈشىدىن ھەيرانمەن!

ئەجەبا، زامانداشلىرىمىز ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلەرمۇ بىلمىگەن سېخيلىقىنى بىلدىمۇ؟!

ئەگەر ئاخىرەت نېئمىتىگە ئېرىشىش ئارزۇ قىلىپ قويۇش بىلەنلا قولغا كېلىدىغان بولسا، پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلار نېمە ئۈچۈن چارچىدى، ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ياش تۆكتى؟! يەھۇدىي ۋە ناسارلار: «بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل – مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئېلىپ، بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەيىبلىمىدىمۇ؟!

ئۆز ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ئېسىللىكى بىلەن ئالدانغانلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئوغلى بىلەن بولغان(1)، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى بىلەن بولغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان(2) قىسسەلىرىنى ئېسىگە ئالمامدۇ؟!

بىر قىسىم كىشىلەر ھەم تائەت – ئىبادەت قىلىدۇ، ھەم گۇناھ – مەئسىيەت ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تائەت – ئىبادەتلىرىدىن كۆپ تۇرۇپ: «بىزنىڭ ياخشىلىقلىرىمىز يامانلىقلىرىمىزدىن ئارتۇق كېلىدۇ» دەپ گۇمان قىلىپ ئالدانغانلىقى بۇ تۈرلۈك ئالدىنىشقا يېقىندۇر.

بىراۋنىڭ نۇرغۇن مالنى بۇلاپ ئېلىپ يەپ تۇرۇپ، بىر تەڭگە سەدىقە قىلغانلىقىنى كۆرىسەن. سەدىقە قىلغان بىر تەڭگىمۇ بەلكىم شۇ باشقىلاردىن بۇلاپ ئېلىنغان مالدىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ شۇ بىر تەڭگە سەدىقىگە تايىنىدۇ. ئۇنداق كىشىنىڭ مىسالى بىر ئالىقىنىغا بىر تەڭگىنى قويۇپ، يەنە بىر ئالىقىنىغا مىڭ تەڭگىنى قويۇپ، بىر تەڭگىنىڭ مىڭ تەڭگىنى بېسىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ.

كىشىلەر ئىچىدە «ئۆزىنىڭ تائەت – ئىبادەتلىرىنى گۇناھ – مەئسىيەتلىرىدىن كۆپ» دەپ گۇمان قىلىدىغان كىشىلەر بار. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى سانىغانلىقى، ئۆز يامانلىقلىرىنى ھېسابقا ئالمىغانلىقى ۋە گۇناھلىرىنى ئېسىگە ئالمىغانلىقى سەۋەبتۇر. ئۇنداق كىشىنىڭ مىسالى ھەركۈنى 100 قېتىم ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيدىغان ۋە تەسبىھ ئېيتىدىغان، ئاندىن كۈندۈزدە ئۇزۇن ۋاقىت مۇسۇلمانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، ئاللاھ تائالا ياقتۇرمايدىغان سۆزلەرنى سۆزلەيدىغان ۋە تەسبىھ، ئىستىغپارنىڭ پەزىلىتىگە قاراپ، غەيۋەت ۋە نامەقبۇل سۆزلەرنىڭ جازاسىغا قارىمايدىغان كىشىگە ئوخشايدۇ.

ئالدانغۇچىلارنىڭ تۈرلىرى ۋە قىسىملىرى
ئالدىنىش (اغترار) كۆپىنچە ئالىملار، ئابىدلەر، سۇفىلەر ۋە بايلاردىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك كىشىدە يۈز بېرىدۇ.

ئالىملاردىن ئالدانغۇچىلار بىرنەچچە قىسىم بولىدۇ:

بىر قىسىمى، شەرئىي ۋە ئەقلىي ئىلىملەرنى پۇختا ئۆگىنىدۇ. لېكىن، بەدەن ئەزالىرىنى تەكشۈرۈش، ئۇلارنى گۇناھلاردىن ساقلاش ۋە تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلىشقا زورلىمايدۇ. ئەنە ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى سەۋەبلىك ئالدىنىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئاللاھ تائالا نەزەرىدە يۈكسەك بىر ئورۇندا دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر ئۇلار قەلب كۆزى بىلەن قارىسا ئىدى، مۇئامىلە ئىلمىدىن پەقەت ئەمەل قىلىشنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى بىلەتتى. ئەگەر ئەمەل قىلىش بولمىسا ئىدى، ئۇ ئىلىمنىڭ ھېچ قەدر – قىممىتى بولمىغان بولاتتى. ئاللاھ: ﴿نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ﴾(91/«شەمس»: 9) دەيدۇ. ھەقتائالا بۇ ئايەتتە: «نەپسىنى قانداق پاكلاشنى ئۆگەنگەن كىشى مۇرادىغا يېتىدۇ» دېمىدى. ئەگەر شەيتان ئىلىم ئەھلىنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئۇنىڭ ئېسىگە سالسا، گۇناھلارنى كۆپ قىلىدىغان ئالىم ھەققىدە كەلگەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە ئوخشاش ئايەتلەرنى ئېسىگە ئالسۇن:

﴿ئەگەر بىز خاھلىساق، ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار دەرىجىسىگە) كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى – خاھىشىغا بويسۇندى. ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، قوغلىۋەتمىسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر، ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى (قەۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن﴾(7/«ئەئراف»: 176).

﴿تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ – چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(62/«جۇمۇئە»: 5).

يەنە بىر قىسىم ئالىملار باركى، ئىلىم ۋە ئاشكارا ئەمەلنى پۇختا قىلىدۇ. قەلبلىرىدىكى تەكەببۇرلۇق، ھەسەتخورلۇق، رىياكارلىق، چوڭچىلىق ۋە شۆھرەتپەرەسلىك قاتارلىق يامان سۈپەتلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن قەلبلىرىنى تەكشۈرمەيدۇ. بۇلار تاشقى كۆرۈنۈشىنى زىننەتلەپ، ئىچكى تەرىپىگە بىپەرۋالىق قىلىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھ سىلەرنىڭ شەكلىڭلارغا ۋە مال – مۈلكۈڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن قەلبىڭلارغا ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ»(3) دېگەن سۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. ئۇلار بولسا ئەمەللىرىنى تەكشۈرگەن، ئەمما قەلبلىرىنى تەكشۈرمىگەن كىشىلەردۇر. قەلب بولسا بىر ئاساستۇر. چۈنكى، ﴿ئۇ كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمدىن باشقىسىغا ھېچقانداق مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 89).

بۇ ئالىملارنىڭ مىسالى: ئۇلار خۇددى زىرائەت تېرىغان بىر تېرىقچىغا ئوخشايدۇكى، زىرائەت ئۆسىدۇ ۋە زىرائەت بىلەن تەڭ ئوتمۇ ئۆسۈپ زىرائەتنى بۇزىدۇ. ئاندىن ئۇ ئادەم ئوتلارنىڭ ئۇچلىرى ۋە غوللىرىنى ئۈزۈپ يىلتىزىنى قويۇپ قويىدۇ، ئوتنىڭ يىلتىزى بولسا يوغىناپ كۈچلۈك تۇرىۋېرىدۇ.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار باركى، ئۇلار بۇ يوشۇرۇن، ئەيىبلىنىدىغان خۇلقلارنى بىلىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئۆزىگە تەمەننا قويغانلىقى سەۋەبلىك «بىزدە ئۇ يامان ئەخلاقلار يوق، بىز ئۇنداق يامان ئەخلاقلار بىلەن سىنىلىشتىن ئاللاھ تائالا نەزەرىدە يۇقىرى ئورۇندا، ئاللاھ تائالا ئۇنداق يامان ئەخلاقلار بىلەن بىزنىڭ دەرىجىمىزدىكى ئىلىم ئەھلىنى ئەمەس، ئاۋام – خەلقنى سىنايدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ئۇلاردا تەكەببۇرلۇق ۋە باش بولۇشنى ياخشى كۆرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈنسە، «بۇ تەكەببۇرلۇق ئەمەس، پەقەت دىننىڭ ئەزىزلىكىنى تەلەپ قىلىش، ئىلىمنىڭ شەرىپىنى ئاشكارا قىلىش ۋە بىدئەتچىلەرنى خار قىلىش. چۈنكى، مەن تۆۋەن دەرىجىدىكى كىيىملەرنى كىيدىم، تۆۋەن دەرىجىدىكى سورۇنلاردا ئولتۇردۇم، دىن دۈشمەنلىرى ماڭا يەتكەن ئىشلار سەۋەبلىك خۇشال بولدى، مېنىڭ خار بولغىنىمغا خۇشال بولدى ۋە مېنىڭ خار بولۇشۇم دىننىڭ خار بولۇشىدۇر» دەيدۇ ۋە ئالدىنىشنى ئۇنتۇيدۇ. ئىبلىس: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابەلىرى كەمتەر ئىدى، يوقسۇللۇق ۋە مىسكىنلىكنى تاللايتتى» دەپ ۋەسۋەسە قىلىپ، ئۇ كىشىگە بۇنى زىننەتلەيدۇ.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شامغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىغا پىيادە كېسىپ ئۆتىدىغان بىر سۇلۇق ئورۇن ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۆگىسىدىن چۈشۈپ، ئىككى ئۆتىكىنى سېلىپ قولىدا تۇتتى ۋە تۆگىسى بىلەن بىللە سۇغا كىردى. ئۇنىڭغا ئەبۇ ئۇبەيدە:

— سەن بۈگۈن زېمىن ئەھلى قارىشىدا ناھايىتى بۈيۈك بىر ئىشنى قىلدىڭ، — دېگەنىدى، ئۆمەر ئۇنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ:

— ئاھ! ئى ئەبۇ ئۇبەيدە! ئەگەر سەندىن باشقا كىشى بۇنى دېگەن بولسىچۇ! بىزلەر كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ خار ۋە تۆۋەن كىشىلەر ئىدۇق، ئاللاھ تائالا بىزنى پەيغەمبىرى سەۋەبلىك ئەزىز قىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ باشقىسدىن ئەزىزلىك تەلەپ قىلساق، ئاللاھ تائالا بىزلەرنى خار قىلىدۇ، — دېدى»(4).

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شامغا كەلگەندە، تۆگىسى ئۈستىدە تۇرغان ھالىتىدە كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالدى. ئۇنىڭغا:

— كاشكى قېچىر مىنىپ كەلگەن بولسىلىرىچۇ! مۆھتىرەم ۋە مۆتىۋەر كىشىلەر بىلەن كۆرۈشىدىلا ئەمەسمۇ! — دېگەن ئىدىلەر، ئۆمەر:

— ياق، سىلەرنى بۇ يەردە كۆرۈۋاتىمەن، مەسىلە بولسا بۇ يەردە، — دەپ ئاسمانغا ئىشارەت قىلدى ۋە:

— تۆگەمگە يول بوشىتىڭلار، — دېدى»(5).

دۇنيانىڭ ئەزىزلىكىنى ئېسىل كىيىملەر، نەسىللىك ئاتلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن تەلەپ قىلىدىغان مەغرۇر (ئالدانغان) كىشىدىن ھەيرانمەن. ئۇنىڭ خىيالىغا رىيا قىلىش كىرسە: «مەن بۇ ئارقىلىق ئىلىم ۋە ئەمىلىمنى ئاشكارا قىلايكى، كىشىلەر ماڭا دىندا ئەگەشسۇن» دەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ مەقسىتى ھەقىقەتەن بۇ بولسا، ئەلبەتتە خالايىق ئۆزىدىن باشقا كىشىلەرگە ئەگەشسە، ئۆزىگە باشقىلارنىڭ ئەگەشكىنىگە ئوخشاش خۇشال بولغان بولاتتى. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنى مەقسەت قىلغان كىشى، كىم بولسا بولسۇن، بىراۋنىڭ يېتەكلىشىدە كىشىلەر ياخشىلانسا بۇنىڭدىن سۆيۈنىدۇ.

شۇنىڭدەك ئالىملاردىن سۇلتانلارنى زىيارەت قىلىدىغان، ئۇلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلىدىغان، ماختايدىغان ۋە ئالدىدا كەمتەرلىك قىلىدىغان ئالىم كىشىمۇ: «مەن بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىرەر مۇسۇلمانغا شاپائەت قىلىمەن ياكى ئۇنى بالا – قازادىن قوغداپ قالىمەن» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا بىلىدۇكى، ئەگەر ئۇنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىدىن بىرەرسىنىڭ سۇلتان بىلەن يېقىنلىقى ئاشكارا بولسا ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدۇ.

بۇ قىسىمدىكى بەزى ئالىملارنىڭ ئالدىنىشى شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئېلىش ھارام بولىدىغان مېلىدىن ئالىدۇ. بىراۋ ئۇلارغا: «بۇ مالنىڭ ئىگىسى يوق، بۇ مال مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، سىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىدىن بىرىسىز» دەيدۇ. ئۇ كىشى ئۆز نەپسىگە بېرىلىپ بۇ ئازدۇرۇشقا ئالدىنىدۇ. «بۇ مال ئىگىسى يوق مال» دېگەن گەپنى قىلغۇچى بەزىدە بىر يالغانچى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ نىشانى ماللاردا شۈبھە تۇغدۇرۇشتۇر. بۇنداق گۇمان ئۇ مالنى ھالال قىلمايدۇ. ھەتتا بەزىدە مالنىڭ ئىگىسىنى بىلىدىغان كىشى شۇنداق گەپنى دەيدۇ.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار ئىلىمنى پۇختا ئۆگىنىدۇ، ۋۇجۇدىنى پاك تۇتىدۇ، ئەزالىرىنى تائەت – ئىبادەتلەر بىلەن زىننەتلەيدۇ. قەلبلىرىنى رىيا، ھەسەت، تەكەببۇرلۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان يامان سۈپەتلەردىن پاكلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. لېكىن، قەلبىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا شەيتاننىڭ ھىيلە – مىكىرلىرىدىن ۋە نەپسنى ئالداشتىن ئىبارەت يوشۇرۇن يامان سۈپەتلەر بولىدۇ. ئۇلار ئۇنى بىلمەيدۇ. ئۇنى يوق قىلىشقا سەل قارايدۇ. سەن ئۇلارنىڭ بىرىنى كېچىسى ئۇخلىمىغان، كۈندۈزى ئىلىملەرنى توپلاش، تەرتىپلەش ۋە ئىلىم لەۋزىلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان ھالەتتە كۆرىسەن؛ ئۇ ئۆزىنىڭ بۇلارنى قىلىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبنى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئاشكارا قىلىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكى، دەپ ئويلايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا تۈرتكە بولغان نەرسە شۆھرەتپەرەسلىك ۋە يۈز – ئابرۇي قوغلىشىش بولۇشى مۇمكىن.

شۇنىڭدەك ئۇ كىشى ئۆزى يازغان كىتابىدا كەڭ، ئۇزۇندىن – ئۇزۇن دەۋالارنى قىلىش بىلەن ئوچۇقچە ياكى يوشۇرۇن بىراۋلارنى ئەيىبلەپ، «مەن پالانىدىن پەزىلەتلىك ۋە مەن ئۇنىڭدىن بۈيۈك» دېيىشتىن، ئۆزىنى ماختاشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ ۋە بۇنىڭدەك مەخپىي ئەيىبلەرنى پەقەت ئەقىللىق كىشىلەرلا بىلەلەيدۇ. بۇ ئەيىبلەردىن پەقەت ئىمانى كۈچلۈك ئادەملەرلا ساقلىنالايدۇ. بىزگە ئوخشاش ئىمانى ئاجىز ئادەملەر ئۇنىڭدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇشنى تەمە قىلماسلىقى كېرەك. لېكىن، بۇ مەخپىي ئەيىبلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىكى ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى بىلىشى ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇشىدۇر.

كىمنىكى قىلغان ياخشى ئىشى خۇشال قىلسا ۋە يامان ئىشى قايغۇغا سالسا، ئۈمىدكى، ئۇنداق كىشىنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولغاي. ئەمما، ئۆزىنى پاك ۋە كىشىلەرنىڭ ياخشىسى دەپ ئويلايدىغان كىشىنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ.

مانا بۇلار مۇھىم ئىلىملەرنى تەھسىل قىلغان ئالىملارنىڭ ئالدىنىشىدۇر.

ئۇنداقتا مۇھىم بولمىغان ئىلىملەر بىلەن كۇپايىلەنگەن ۋە مۇھىم ئىلىملەرنى تاشلىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟!

بۇ قىسىمدىكى ئالىملارنىڭ بەزىسى ھۆكۈم ۋە ماجىرالاردا پەتۋا بېرىش ئىلمىنى ۋە تىرىكچىلىكنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان دۇنيالىق مۇئامىلە تەپسىلاتلىرىنىلا ئۆگىنىدۇ. بەزىدە ئاشكارا ئەمەللەرنى زايە قىلىدۇ، غەيۋەت قىلىش ۋە قاراش ھالال بولمايدىغان نەرسىلەرگە قاراش، بېرىش دۇرۇس بولمايدىغان يەرگە بېرىشتىن ئىبارەت گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ ۋە قەلبلىرىنى تەكەببۇرلۇق، ھەسەت، رىيا ۋە بارلىق ھالاك قىلغۇچى ئىشلاردىن ساقلىمايدۇ. بۇلار بىرى ئەمەل تەرەپتىن، ئىككىنچىسى ئىلىم تەرەپتىن ئالدانغان كىشىلەردۇر.

ئۇلار، مىسالى دورىنىڭ رېتسىپىنى بىلىپ، ئۇنى تەكرارلاش ۋە ئۆگىتىشكە مەشغۇل بولغان كېسەلگە ئوخشاش. ياكى بەئەينى كۆكرەك پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان تۇرۇپ، خۇن كېسىلى دورىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۇنى تەكرارلاۋاتقان ئادەمگە ئوخشايدۇ. بۇ بولسا چېكىگە يەتكەن ئالدىنىشتۇر.

ئۇنىڭ ئالدىنىشىنىڭ سەۋەبى شەرىئەتتە فىقھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە كەلگەن ئايەت – ھەدىسلەرنى يۈزەكى چۈشىنىۋېلىشتۇر ۋە ئۇنىڭدا تەشەببۇس قىلىنغان فىقھنىڭ ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇش، قەلبنىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇشنى ھېس قىلىشى ۋە تەقۋالىقنى لازىم تۇتۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ قورقۇتقۇچى ۋە ئۈمىد قىلدۇرغۇچى سۈپەتلىرىنى تونۇش ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مۇئمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى كېرەك ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىققان ئىكەن)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىندا ئالىم بولۇپ، قەۋملىرىگە قايتقاندا ئۇلارنى ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقسا بولمامتى؟﴾(9/«تەۋبە»: 122). ئاگاھلاندۇرۇش ھاسىل بولىدىغان ئىلىم بۇنىڭدىن باشقا ئىلىمدۇر. چۈنكى، بۇ ئىلىمنىڭ مەقسىتى مۇئامىلە شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا مال – مۈلكنى قوغداش، جانلارنى مال – مۈلك بىلەن، ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇشتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىلەن مۇھاپىزەت قىلىشتۇر.

مال ئاللاھ تائالا يولىدا مېڭىشتا بىر ۋاسىتە، بەدەن بولسا مىنىدىغان بىر ئۇلاغدۇر.

مۇھىم بولغان ئىلىم بولسا ئاخىرەت يولىدا مېڭىشنى بىلىش ۋە ئاللاھ تائالا بىلەن بەندە ئارىسىدا توسالغۇ بولىدىغان يامان سۈپەتلەردىن ئىبارەت قەلبنىڭ داۋانلىرىنى كېسىپ ئۆتۈشتۇر.

بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنگەن كىشى، مىسالى ھەج سەپىرىگە مېڭىشتا تۇلۇم ۋە ئۆتۈك تىكىشنى بىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن كىشىگە ئوخشايدۇ. شەك – شۈبھىسىزكى، ئۇمۇ بىلىش زۆرۈر بولغان ئىلىمدۇر، لېكىن ئۇ ھەج ئەمەللىرى قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ.

ئۇلاردىن پەقەت ئىختىلاپ ئىلمىنى ئۆگىنىش بىلەن كۇپايىلىنىدىغان كىشىلەر بار. ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بولىدىغىنى پەقەت جېدەل قىلىش، ئۆزىنىڭ قارىشىنى باشقىلارغا تېڭىش، باشقىلارنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش، باشقىلارنى يېڭىۋېلىش ئۈچۈن ھەقنى قوبۇل قىلماسلىق يولىدۇر. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىكى قىسىمدىكىلەرگە قارىغاندا تېخمۇ ياماندۇر.

فىقھىدا بولىدىغان بارلىق نازۇك قۇرۇق جېدەللەرنى بىلىش بىدئەت بولۇپ، بۇ ئەھۋال سەلەف سالىهلەردە يوق ئىدى. ئەھكاملارنىڭ دەلىللىرىگە كەلسەك، بۇ مەزھەب ئىلمىنىڭ قاتارىدىندۇر. ئەھكاملارنىڭ دەلىللىرى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ۋە ئىككىسىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتۇر. ئەمما، ئەكسىنى ئىسپاتلاش، تەتۈرى بىلەن تېگىش قىلىش، ھۆكۈمگە قارشى ئىسپات تىكلەش، قىياس قۇرۇلمىسىنىڭ ناتوغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۇسۇللىرى قاتارلىق دەتالاش ھىيلىلىرى بولسا باشقىلارنى يېڭىۋېلىش، ئۇلارنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن پەيدا قىلىنغاندۇر. (يەنى بەزى كىشىلەر بۇلار ئارقىلىق باشقىلارنى يېڭىۋالماقچى بولىدۇ. بۇ ئىلىمنى ئۇ مەقسەتتە ئەمەس، قۇرئان ۋە ھەدىسنى توغرا چۈشىنىش، توغرا سۆزلەش مەقسىتىدە ئۆگىنىش كېرەك).

يەنە بىر قىسىم ئالىملار باركى، ئۇلار ئىلمى كەلام، ھاۋايى – ھەۋىسگە تايىنىپ جېدەللىشىش ۋە ئۆزىگە قارشى پىكىردىكىلەرگە رەددىيە بېرىش ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.

ئاندىن بۇ ئالىملار ئىككى قىسىمدۇر. بىرى ئازغۇن، يەنە بىرى ھەق.

سۈننەتتىن باشقا يولغا چاقىرىدىغانلار ئازغۇن. سۈننەتكە چاقىرىدىغانلار ھەق قىسىمدىكىلەردۇر. مەغرۇرلىنىش (ئالدىنىش) ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئازغۇن قىسىمدىكىلەرنىڭ ئالدىنىشى ئاشكارىدۇر.

ھەق قىسىمدىكىلەرنىڭ ئالدىنىشى بولسا ئەڭ مۇھىم ئىشنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدا ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەتنى «جېدەللىشىش» دەپ گۇمان قىلىپ قېلىشىدۇر ھەمدە «ھېچقانداق ئادەمنىڭ دىنى ئىزدەنمىسە مۇكەممەل بولمايدۇ، ھەمدە ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىنى شەرتسىز تەسىتق قىلغان كىشى كامىل ئىمانلىق كىشى دەپ قارالمايدۇ» دەپ گۇمان قىلىشىدۇر.

ئۇلار بۇ بۇزۇق گۇمانى بائىس مۇنازىرىلىشىشنى ئۆگىنىش ۋە شۇ ھەقتىكى قاراشلارنى ئىزدەش بىلەن ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى كوردۇر. شۇڭا، ئۇلار ئاۋۋالقى ئەسىرگە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاۋۋالقى ئەسىردىكىلەرگە «ئەڭ ياخشى كىشىلەر» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىگە(6)، ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن بىدئەت ۋە ھاۋايى – ھەۋەسلەرنى بىلىپ تۇرۇپ ۋاقىتلىرىنى ۋە دىنلىرىنى دۈشمەنلىشىش ۋە جېدەللىشىشىلەرگە دۇچار قىلمىغانلىقىغا قارىمايدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ۋە ۋۇجۇدىنى نازارەت قىلىشتىن باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىگە، پەقەت ئازغۇنلۇققا رەددىيە بېرىش زۆرۈرىيىتى تېپىلسا ئاندىن ئېغىز ئاچقانلىقىغا قارىمايدۇ. كىشىلەرنى بىر بىدئەتنى داۋاملاشتۇرغان ھالدا كۆرسە، ئۇلار بىلەن جېدەللەشمەستىن ۋە مۇنازىرىلەشمەستىن ئۇلاردىن يىراقلاشقانلىقىغا قارىمايدۇ.

ھەدىستە كېلىشىچە: «بىر قەۋم توغرا يولدا بولغىنىدىن كېيىن ئادىشىدىكەن، ئۇلار چوقۇم تالاش – تارتىشقا مۇبتىلا قىلىنىدۇ»(7).

يەنە بىر قىسىم ئالىملار باركى، ئۇلار ۋەز – نەسىھەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. قورقۇش، ئۈمىدۋارلىق، سەبرچانلىق، شۈكۈر قىلىش، تەۋەككۈلچىلىك، زاھىدلىق، كەسكىنلىك ۋە ئىخلاسمەنلىك قاتارلىق خۇلقلار ۋە قەلبىي سۈپەتلەر ھەققىدە دەم ئۇرغۇچى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىدۇر. ئۇلار بۇ سۈپەتلەر ھەققىدە سۆزلىسە — ئۆزلىرىدە بۇ سۈپەتلەر يوق تۇرۇپ — ئۆزلىرىنى بىز مۇشۇ سۈپەتلەر ئەھلىدىنمىز، دەپ قالىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئاللاھ تائالادىن قېچىپ تۇرۇپ، باشقىلارنى ئاللاھ تائالا تەرەپكە دەۋەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر. مانا بۇلار كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئالدانغۇچىلاردۇر.

بۇ تۈردىكى كىشىلەردىن ۋەز – نەسىھەت قىلىشتىكى ۋاجىب يولدىن يىراقلىشىپ، قىزىقارلىق گەپلەرنى كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قارىغۇلارچە جۆيلۈش، شەرىئەتكە خىلاپ ۋە ئەقىلگە سىغماس سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا مايىل بولىدىغان كىشىلەر بار.

ئۇلاردىن يەنە ۋىسال ۋە ئايرىلىق ھەققىدىكى شېئىرلارنى دەلىل سۈپىتىدە سۆزلەيدىغان كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ مەقسىتى — يامان مەقسەتلەر بولۇپ — قاتناشقان سورۇنلىرىدا تولا ۋارقىراش ۋە يالغاندىن مۇھەببەت قايغۇسىنى ئاشكارا قىلىشنى كۆپ قىلىشتۇر. بۇلار بولسا ئىنسانلارنىڭ شەيتانلىرىدۇر.

ئۇلاردىن يەنە شۇنداق ئالىملار باركى، ئۇلار ۋاقىتلىرىنى ھەدىسلەرنى ئاڭلاش، ھەدىس رىۋايەتلىرىنى، ھەدىسنىڭ يات ۋە يۇقىرى سەنەدلىرىنى توپلاش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. بەزىلىرى مەقسەتلىك شەھەرلەرنى ئايلىنىپ، ئۇستازلارنى كۆرۈپ: «مەن پالانىدىن رىۋايەت قىلىمەن، پالانىغا ئۇچراشقان، مېنىڭ باشقىلاردا يوق بولغان رىۋايەت قىلىش ئاساسىم بار» دېيىشىدۇ.

يەنە ئۇلاردىن گرامماتىكا، ئەرەب تىلى ۋە شېئىر ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆزلىرىنى ئۈممەت ئالىملىرى دەپ گۇمان قىلىدىغان كىشىلەر بار. ئۇلار ۋاقىتلىرىنى گىرامماتىكا ۋە ئەرەب تىلىنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشەنسە، ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشتە ئۆمرىنى زايە قىلغۇچى تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشتە ئۆمرىنى زايە قىلغۇچىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ۋە شەرىئەتنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن كەلگەنلىكىلا تۈرك تىلىدىن ئەرەب تىلىنى ئايرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى چۈشىنىش قىيىن بولغان سۆزلەرنى ئەرەب تىلىدىن بىلىش ۋە سۆزلىگەندە تىلنى توغرىلىغۇدەك دەرىجىدە گىرامماتىكا ئىلمىنى بىلىش يېتەرلىكتۇر. چېكىگە يەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەرەب تىلىنىڭ نازۇك تەرەپلىرىگىچە چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ۋە ئېھتىياجلىق ئىلىمنى ئۆگىنىشتىن مەشغۇل قىلىدۇ.

بۇ ئىلىمدە ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە چوڭقۇرلاپ كېتىش بەئەينى قۇرئاندىكى ھەرپلەرنىڭ مەخرەجلىرىنى (چىقىش ئورۇنلىرىنى) توغرىلاش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ ئۆمرىنى زايە قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ بولسا مەغرۇرلىنىش (ئالدىنىش) تۇر. چۈنكى، ھەرپلەردىن مەقسەت مەنىلەردۇر. ھەرپلەر قاچا ۋە سايمانلارغا ئوخشاشتۇر. سەپرانى يوقىتىش ئۈچۈن ئىسكەنجىۋىل(8) ئىچىشكە موھتاج بولغان كىشى ۋاقتىنى شۇنى ئىچىدىغان قاچىنى ياخشىلاش بىلەن ئۆتكۈزسە، ئۇنداق كىشى مەغرۇر (ئالدانغان) كىشى بولىدۇ.

ھەممە نەرسىدىن ئۆزىگە مۇھىم بولغىنىنى ئېلىپ، ئەمەل قىلىشقا ئۆتكەن ۋە ئۆزىنى تۈرلۈك نۇقسانلاردىن پاكلاشقا تىرىشقان كىشى بەختلىك كىشىدۇر. بىزنىڭ سۆزىمىزنىڭ مەقسىتىمۇ مۇشۇدۇر.

يەنە باشقا بىر قىسىم ئالىملار باركى، ئۇلار چوڭ ئالدانغۇچىلاردۇر. ئۇلار ئۆز گەدىنىدىكى بېرىشكە تېگىشلىك ھەقلەرنى بەرمەسلىك ئۈچۈن ھەرخىل ھىيلە – مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ ۋە بۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى بۇ ئالدانغانلىقتۇر. چۈنكى، ئىنسان (ئۆزى زالىم تۇرۇپ) ئايالىنى ھەققىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىسا، بەرىبىر ئۆزى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا (ئۇ ئايالغا مۇناسىۋەتلىك ھەقتىن) قۇتۇلالمايدۇ. بۇ خۇددى بىر كىشىنىڭ زاكىتىنى يىل ئاخىرىدا ئايالىغا سوۋغات قىلىۋېتىشى ۋە زاكات ياتقا كەتمىسۇن ئۈچۈن ئۆزىنىڭمۇ ھىيلە بىلەن ئايالىنىڭ زاكىتىنى ھەدىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىغا ئوخشاشتۇر (بۇنىڭلىق بىلەن ئىككىلىسىنىڭ پەرز زاكىتى ئادا بولمايدۇ). ئۇلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك ھىيلە – مىكىرلەرنى قىلىدۇ.

ئىبادەتگۇي ۋە ئەمەل قىلىدىغان كىشىلەر ھەققىدە
ئىككىنچى تۈر: ئىبادەت ۋە ئەمەل قىلىدىغان كىشىلەر

ئۇلار بىرنەچچە قىسىمدۇر:

ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار پەرز ئەمەللەرگە سەل قارايدۇ، نەپلە ۋە پەزىلەت ئەمەللىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بەزىدە سۇ ئىشلىتىشتە ئىنچىكىلەپ كېتىپ، تاھارەت ئالغاندا ۋەسۋەسىگە چۈشىدۇ. بەزىدە بىرى قوپۇپ شەرئەن «پاك» سۇغا رازى بولماي، ئۇ سۇنىڭ نىجىسلىق تەرىپى ھەققىدە ھەقىقەتتىن يىراق ئېھتىماللىقلارنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى كۆرىسەن. ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ يېمىكىگە بۇ خىل قىياسلاردا بولمايدۇ. ئەگەر يېمەكتىمۇ سۇغا قىلىنغاندەك ئېھتىيات قىلىنسا ئىدى، سەلەف سالىهلەرنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش بولاتتى. چۈنكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناسارا بىر ئايالنىڭ ساپال قاچىسىدىكى سۇدا ئۇنىڭ نىجىس بولۇش ئېھتىماللىقى ئاشكارا تۇرۇپ تاھارەت ئالغان ئىدى(9). ۋەھالەنكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھارامدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىپ تۈرلۈك ھالال نەرسىلەرنىمۇ يېيىشتىن ساقلىناتتى.

سەھىھ ھەدىستە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشرىك بىر ئايالنىڭ تۇلۇمىدىكى سۇدا تاھارەت ئالغان([10]).^

ئۇلاردىن سۇنى ئىسراپ قىلىدىغان، سۇنى ئۇزۇنغىچە ئىشلىتىپ، ھەتتا نامازنىڭ ۋاقتىنى قاچۇرىدىغان كىشىلەر بار.

ئۇلاردىن يەنە نامازدىكى بىرىنچى تەكبىردىلا ۋەسۋەسە غالىب كېلىپ، ھەتتا ئىمام بىلەن بىر رەكئەتمۇ ناماز ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەر بار.

ئۇلاردىن يەنە «فاتىھە»دىكى ھەرپلەر ۋە باشقا زىكىرلەرنىڭ ھەرپلىرىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشتا ۋەسۋەسە يېتىدىغان كىشىلەر بار. ئۇلار داۋاملىق جاراڭلىق ئاۋازدا ئوقۇلىدىغان ھەرپلەر ۋە «الضاد» بىلەن «الظاء» ئارىسىدىكى پەرققە ھەددىدىن زىيادە ئېھتىيات قىلىدۇ. ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا شۇنىڭغىلا مەركەزلىشىپ ئۇنىڭدىن باشقىنى تەپەككۇر قىلمايدۇ. قۇرئاننىڭ مەنىسى ۋە قۇرئاننىڭ نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئۇنتۇيدۇ. بۇ بولسا ئالدىنىش تۈرلىرىنىڭ ئەڭ قەبىھلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى، كىشىلەر قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا، ھەرپلەرنىڭ مەخرەجلىرىنى ئادەتتە ئۆزئارا سۆزلەشكەندىكىكىدەك دەرىجىدە توغرا چىقىرىشقا بۇيرۇلغاندۇر.

بۇلار بەئەينى سۇلتاننىڭ يېنىغا مەكتۇپ ئېلىپ بارغان، ئاندىن مەكتۇپتىكى ھەرپلەرنىڭ مەخرەجلىرىنى پاساھەت بىلەن چىقىرىش ۋە تەكرارلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتۇپنىڭ مەقسىتى ۋە سورۇن ھۆرمىتىگە رىئايە قىلىشتىن غاپىل قالغان ھالدا سۇلتانغا خەتنى تاپشۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق كىشى سۇلتاننىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلىنىشقا ۋە ئەدەبلىنىشىكە نېمىدېگەن لايىق – ھە!

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئان ئوقۇشى بىلەن ئالدىنىدۇ. ئۇلار قۇرئاننى بەك تېز ئوقۇيدۇ. بەزىدە بىر كۈندە قۇرئاننى ئىككى قېتىم خەتمە قىلىدۇ. گاھى بىرى تىلىدا قۇرئان ئوقۇيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ئارزۇ – ئارمانلار ۋادىسىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ. ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلمايدۇ، نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە قۇرئاننىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلمايدۇ. بۇلار ئالدانغان كىشىلەر بولۇپ، «قۇرئان پەقەت ئوقۇلسىلا بولدى» دەپ گۇمان قىلغان كىشىلەردۇر.

بۇنىڭ مىسالى بىر قۇلنىڭ مىسالىدۇركى، خوجايىنى قۇلىنى بەزى ئىشلارغا بۇيرۇپ ۋە بەزى ئىشلاردىن توسۇپ ئۇنىڭغا خەت يازىدۇ. قۇل خەتنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بەلكى ئۇ قۇل خوجايىننىڭ بۇيرۇقىغا ۋە چەكلەشلىرىگە قارشى ئىش قىلىپ تۇرۇپ، خوجايىنىنىڭ ئۆزىگە يازغان مەكتۇپىنى پەقەت «ئوقۇلسىلا كۇپايە» دەپ گۇمان قىلىپ، مەكتۇپنى يادقا ئېلىش ۋە ئۇنى تەكرارلاش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ.

ئۇلاردىن بەزىلەر قۇرئاننىڭ مەنىلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ تۇرۇپ، قۇرئان ئوقۇغان ئاۋازىدىن لەززەت ئالىدۇ. شۇڭا، قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچى قەلبىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى، ئۇنىڭ قۇرئان ئوقۇغاندىكى لەززىتى قۇرئاننىڭ تۈزۈلۈشىدىنمۇ يا ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن بولدىمۇ، يا قۇرئاننىڭ مەنىلىرى سەۋەبلىك بولدىمۇ؟ ئۇنى بىلىشى كېرەك.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار روزا تۇتۇش بىلەن ئالدىنىدۇ. ئۇلار كۆپ روزا تۇتىدۇ، ئەمما تىللىرىنى غەيۋەت قىلىش ۋە ئارتۇقچە سۆزلەرنى سۆزلەشتىن ساقلىمايدۇ. ئىپتار قىلغان چاغدا قورساقلىرىنى ھارامدىن ۋە خىياللىرىنى رىيادىن ساقلىمايدۇ.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ھەج قىلىش بىلەن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، بويىنىدىكى قەرزلىرىنى تۆلىمەي تۇرۇپ، ئاتا – ئانىسىنى رازى قىلماي تۇرۇپ ۋە ھالال رىزىق تەلەپ قىلماي تۇرۇپلا ھەجگە بارىدۇ. ئۇلار گاھىدا بىر قېتىم پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ قايتا بارىدۇ. يولدا نامازلارنى ۋە باشقا پەرز ئىبادەتلەرنى زايە قىلىدۇ. كىيىم – كېچەك ۋە بەدىنىنى پاك تۇتالمايدۇ. ھەج جەريانىدا بولمىغۇر گەپ قىلىش ۋە جېدەل – ماجرالاردىن ساقلانمايدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇپ ئۇلار ئۆزلىرىنى بىز ياخشىلىق ئۈستىدە دەپ ئويلىشىدۇ. بۇلارمۇ ئالدانغان كىشىلەردۇر.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر (ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش) قىلىدۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى ئۇنتۇيدۇ.

ئۇلاردىن يەنە مەسجىدتە ئىمام بولىدىغان، لېكىن ئالدىغا ئۆزىدىنمۇ ئالىمراق ۋە تەقۋا بىر كىشى ئىمام بولغىلى چىقسا، ئېغىر كېلىدىغان كىشىلەر بار.

ئۇلاردىن ئەزان ئېيتىدىغان، ئېيتقان ئەزىنىنى ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن دەيدىغان، لېكىن ئۇ يوق ۋاقىتتا باشقىلار ئەزان ئېيتسا ھار كېلىپ: «ئەزان ئېيتقۇچى مەن بىلەن مۇئەززىنلىك تالاشتى» دەيدىغان كىشىلەر بار.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى يۇرتلىرىغا تەلپۈنۈپ تۇرسىمۇ، باشقىلاردىن «پالانى مەككەدە تۇرىدىكەن» دېگەن سۆزنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بەزىلىرى مەككەدە مۇقىم تۇرىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنىڭ كىرلىرىگە كۆز تىكىدۇ. ئەگەر كىشىلەردىن ئازراق پۇل – مال يىغسا، پىخسىقلىق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا خېلى كۆپ ھالاك قىلغۇچى ئاپەتلەر جەملەنگەن بولىدۇ.

ھەرقانداق ئەمەلنىڭ ئاپىتى بولىدۇ، ئۇ ئاپەتنى بىلمىگەنلەر شۇ ئاپەتكە دۇچار بولىدۇ. شۇ ئاپەتلەرنى بىلىشنى ئىرادە قىلغانلار بىزنىڭ بۇ كىتابىمىزغا قارىسۇن. بۇ كىتابتا رەتلەنگەن بابلاردىكى بارلىق ئەمەللەر ۋە ناماز، روزا ئىبادەتلىرىدە ھاسىل بولىدىغان رىيا ئاپەتلىرىگە قارىسۇن.

بۇ سۆزدىن مەقسەت ئىلگىرى ئۆتۈپ كەتكەن بىر پۈتۈن ئاپەتلەرگە ئىشارەت قىلىشتۇر.

ئۇلاردىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار پۇل – مالدا زاھىدلىق يولىنى تۇتىدۇ ۋە ئاددىي كىيىملەرنى كىيىش، غورىگىل غىزالىنىش ۋە مەسجىدلەردىلا يېتىپ قوپۇشقا قانائەت قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى زاھىدلارنىڭ مەرتىۋىسىگە يەتتىم دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يۈز – ئابرۇي ۋە باشلىق بولۇشقا قاتتىق قىزىقىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئىككى ئىشنىڭ يەڭگىلرەكىنى تەرك ئېتىپ، ئىككى ھالاكەتنىڭ چوڭراقىغا چۈشكەن بولىدۇ.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر نەپلە ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بولىدۇ – يۇ، پەرز ئىبادەتلەرگە ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. بەزىلىرىنىڭ چاشگاھ نامىزى(11) ئوقۇغانلىقى، كېچىلىرى تەھەججۇد نامىزى(12) ئوقۇغانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن خۇشال بولىدىغانلىقىنى، ئەمما پەرز نامازلار بىلەن لەززەت تاپالمايدىغانلىقىنى ۋە ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇشقا ئالدىرىمايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇنداق كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەرۋەردىگارىدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس قۇدۇسىيدا: «بەندەم مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئىبادەتلەردىنمۇ مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈكرەك بىرنەرسە بىلەن ماڭا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىغاندۇر»(13) دېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

تەسەۋۋۇف(14) ئەھلىنىڭ بايانى
ئۈچىنچى تۈر: سوپىلار

ئالدانغۇچى سوپىلار بىرنەچچە قىسىم بولىدۇ.

ئۇلاردىن قىياپىتى، گەپ – سۆزى ۋە ھالىتى بىلەن مەغرۇرلىنىپ، راستچىل سوپىلارغا تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئوخشىۋالىدىغانلار بار. ئۇلار ئۆزلىرىنى نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش ۋە مەشىق قىلىشتا چارچاتمايدۇ، بەلكى ھارامغا، شۈبھىلەرگە ۋە سۇلتانلارنىڭ ماللىرىغا دۈم چۈشىدۇ. بىر مەقسەتتە ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشىپ قالسا، بەزىسى بەزىسىنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى تۆكىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىنىشى ئوچۇق ئاشكارىدۇر.

بۇ قىسىمدىكى سوپىلار مىسالى بىر قېرى مومايغا ئوخشايدۇكى، ئۇ كەمپىر جەڭچى قەھرىمان، باتۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ بىر تىزىملىككە يېزىلغانلىقىنى، ھەربىر قەھرىمان، باتۇرنىڭ يەر يۈزىدە بىر رايوننى سەپەر بىلەن بېسىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن كەمپىرنىڭ نەپسى شۇنىڭغا ئىشتىياق قىلىپ ساۋۇت – دۇبۇلغا كىيىپ، باتۇر – قەھرىمانلارغا ئائىت بېيىتلەرنى يادلاپ، ئالپلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش، ئېسىل سۈپەتلىرىنى ئۆگىنىپ، قوشۇنغا قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىسمى قەھرىمانلارنىڭ تىزىملىكىگە يېزىلىدۇ. نۆۋەت ئۇ قېرى كەمپىر ماھارەت كۆرسىتىشكە كەلگەندە، ئۇنىڭ مۇسكۇل – پەيلىرىگە قاراپ بېقىش ۋە دوئېلغا چۈشۈش بىلەن سىناپ بېقىلىشى ئۈچۈن دۇبۇلغا ۋە ساۋۇتلىرىنى ئېلىپ تاشلىشىغا بۇيرۇلىدۇ. كەمپىر دۇبۇلغا – ساۋۇتىنى ئېلىپ تاشلىغاندا، ئۇنىڭ ئاجىزە ۋە ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر قېرى موماي ئىكەنلىكى ئاشكارا بولىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: «سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مېھمانلىرىنى مەسخىرە قىلماقچىمۇ؟!» دېيىلىدۇ ۋە: «ئۇنى تۇتۇپ پىلنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بېرىڭلار» دېيىلىدۇ.

سوپىلىقنى دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ يالغان پەردىلىرى قىيامەت كۈنى ئېچىلغاندا ۋە قىياپەت ۋە يىرتىق – ياماقلارغا ئەمەس، بەلكى قەلبكە قارايدىغان ئەڭ بۈيۈك ھاكىم ئاللاھ تائالا بىلەن يۈزلەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ.

سوپىلاردىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇش ئىلمىنى بىلىدىغانلىقىنى، ھەقنى كۆرىدىغانلىقىنى، ماقام – مەۋقە، نام – شۆھرەتكە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشقا يەتكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ پەقەت ئىسىمىنىلا بىلىدىغان كىشىلەردۇر. بەزىلىرىنى شۇ ئىلىملەرنى بۇ ئىلىم ئاۋۋالقى ۋە ئاخىرقىلارنىڭ ئىلمىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ، ئۇنى تەكرارلىغان ھالەتتە كۆرىسەن. شۇڭا، ئۇ كىشى ئاۋام خەلقتىن سىرت فەقىھلەرگە، مۇھەددىسلەرگە ۋە باشقا ئالىم – ئەللامەلەرگە ئۇلارنى تۆۋەن كۆرۈش نەزەرىدە قارايدۇ. ھەتتا بەزى ئاۋام خەلق ئۇلاردىن كۆپ كۈنلەر ئايرىلمايدۇ. ئۇلاردىن ئاشۇ يالغان – ياۋىداق سۆزلەرنى ئۆگىنىدۇ. ئۇنى خۇددى ۋەھيىدەك تەكرارلايدۇ، ئالىملارنى ۋە ئابىدلارنى تۆۋەن كۆرۈپ، «ئۇلار ئاللاھ تائالادىن پەردىلىنىپ قالغان كىشىلەردۇر، مەن بولسام ھەقكە يەتكەن، ئاللاھقا ئەڭ يېقىن كىشىلەردىنمەن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھ نەزەرىدە مۇناپىق، گۇناھكارلاردىندۇر. ساپ قەلب ئەھلىنىڭ قارىشىدا بولسا پۇختا ئىلىم ئالمىغان، ئەخلاقلىرىنى تۈزەتمىگەن، ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگىشىش ۋە بىھۇدە سۆزلەرنى يادقا ئېلىشتىن باشقا قەلبىنى نازارەت قىلمىغان جاھىل ئەخمەقلەردۇر.

ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر شەرىئەت بىساتىنى قاتلىۋېتىدۇ. ھۆكۈملەرنى رەت قىلىدۇ. ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىمايدۇ. بەزىسى «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مېنىڭ ئەمىلىمدىن بىھاجەتتۇر، نېمىشقا ئەمەل قىلىپ ئۆزۈمنى چارچاتقۇدەكمەن؟» دەيدۇ.

بەزىلىرى يەنە: «بەدەن بىلەن قىلغان ئەمەللەرنىڭ قەدر – قىممىتى يوق، پەقەت قەلبلەرگە قارىلىدۇ، قەلبلىرىمىز ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشكە ئاشىق، ئاللاھ تائالانى تونۇشقا يېتىپ بولغان، بىز دۇنياغا بەدەنلىرىمىز بىلەن چۆكىمىز، قەلبلىرىمىز بولسا ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدا مۇقىم تۇرغۇچىدۇر. شۇڭا، بىز قەلبلىرىمىز بىلەن ئەمەس، تاشقى بەدەنلىرىمىز بىلەن شەھۋەتتىمىز» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاۋام خەلق مەرتىۋىسىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، بەدەنگە خاس ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن نەپسىنى تۈزەشتىن ئۆزىنى بىھاجەت سانايدىغان، كۈچ – قۇۋۋىتى بولغانلىقى ئۈچۈن شەھۋەتلەر ئۇلارنى ئاللاھ يولىدىن توسۇيالمايدىغان كىشىلەرمىز، دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى پەيغەمبەرلەرنىڭ دەرىجىسىدىن يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەرلەر بىر خاتالىققا بىرنەچچە يىل يىغلايتتى.

ئۆزلىرىنى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكەنلەر دەپ قارايدىغانلارنىڭ ئالدىنىش تۈرلىرى ساناقسىزدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلار ئەگىشىشكە لايىق، دىندار ۋە ئىلىم ئىگىسى بىر ئۇستازغا ئەگىشىپ پۇختا ئىلىم ئىگىلىمەي تۇرۇپ نەپسى بىلەن جىھاد قىلىشقا ئۆتۈۋالغانلىقى ئۈچۈن، شەيتان ئۇلارنى ئالدىغان سەپسەتە ۋە ۋەسۋەسىلەردۇر.

ئۇلاردىن يەنە بىر قىسىم سوپىلار باركى، ئۇلار بۇ يول بىلەن نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىدۇ. ئۇلار بۇ يولغا قەدەم قويۇشى بىلەن ئۇلارغا ئىلىم – مەرىپەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. ئۇلار ئىلىم – مەرىپەت پرىنسىپلىرىنىڭ ھىدىنى ئالغاندا ھەيرەت ئىچىدە سۆيۈنىدۇ. ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئاجايىباتلىرى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ئىلىم – مەرىپەت ئىشىكىنىڭ ئۇلارغا ئېچىلىپ، باشقىلارغا قانداق ئېتىلگەنلىكىگە باغلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ يولىنىڭ ئاجايىباتلىرىنىڭ چېكى يوقتۇر. ئەگەر كىشى ھەربىر ئاجايىباتتا توختاپ تۇرۇپ قالسا، ئىلگىرىلىشى ئاستىلاپ، مەقسەتكە يېتىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇنداق كىشى بەئەينى پادىشاھنىڭ يېنىغا كېتىۋېتىپ، يول ئۈستىدە تەڭداشسىز گۈل – چېچەككە پۈركەنگەن بىر باغنى كۆرگەن ۋە توختاپ ئۇنى بېرىلىپ تاماشا قىلىپ، پادىشاھ بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن كىشىگە ئوخشايدۇ.

باي – زەردارلار ھەققىدە
تۆتىنچى تۈر: مال ئىگىلىرى — بايلار

بايلار بىرنەچچە قىسىمدۇر.

بىر قىسىم بايلار مەسجىد – مەدرىسەلەر، دەڭ – ئۆتەڭلەر، يول – كۆۋرۈكلەر ياكى كىشىلەر ئوچۇق – ئاشكارا كۆرەلەيدىغان يەرلەرنى بىنا قىلىشقا ھېرىسمەن بولىدۇ. ئۇلار شۇ يەرلەرگە ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈ ئەسلىنىپ تۇرۇشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئىش – ئىزلىرى خاتىرىلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن ئىسىملىرىنى يازىدۇ. ئۇلارغا خەير – ساخاۋىتى ئۈچۈن ئىسمى يېزىلمايدىغان بىر يەرگە بىر تىللا بولسىمۇ ساخاۋەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنسا، ئۇنىڭغا ئەلبەتتە ئېغىر كېلىدۇ. ئەگەر ئۇلار خالايىقنىڭ رازىلىقىنى ئەمەس، ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسىنى كۆزلىگەن بولسا ئىدى، نەپىقە قىلىش ئۇلارغا ھەرگىز ئېغىر كەلمىگەن بولاتتى. چۈنكى، ئسمىنى يازسۇن، يازمىسۇن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.

بەزىلىرى مېلىنى نامازخانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ۋە چەكلىنىدىغان نەقىشلەر بىلەن مەسجىدنى بېزەشكە سەرپ قىلىدۇ. چۈنكى، نامازدىكى مەقسەت خۇشۇﺋ ۋە ھۇزۇرى قەلبتۇر. نەقىش ۋە بېزەكلەر نامازخانلارنىڭ قەلبلىرىنى بۇزىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى سەرپ قىلغان مال ھارام مال بولۇپ قالسا، ئالدىنىش تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ.

مالىك ئىبنى دىنار رەھىمەھۇللاھ: «بىر كىشى مەسجىدكە كېلىپ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ: ‹مەندەك ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ› دېدى ۋە ئۇ شۇ ئورنىدىلا ‹سىددىق كىشى› دەپ يېزىلدى» دېگەن.

مەسجىدلەر ئەسلىدە مۇشۇنداق ئۇلۇغلىنىشى كېرەك. يەنى ئۆزىنىڭ مەسجىدكە كىرىشى بىلەن مەسجىدنى بۇلغىغانلىقىنى مەسجىد ھەققىدە ئىشلەنگەن بىر جىنايەت دەپ قارىشى، ھەرگىزمۇ، مەسجىدنى ھارام پۇل بىلەن ياكى دۇنيالىق زىننەتلەر بىلەن بېزەشنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلغان ساۋابلىق ئىشىم دەپ قارىۋالماسلىقى كېرەك. دېمەك، بۇ تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ئالدىنىشى مۇنكەرنى ياخشى ئىش دەپ قارىغانلىقىدىندۇر.

يەنە بىر قىسىم بايلار باركى، ئۇلار ماللىرىنى ساقلاپ، بېخىللىق قىلىپ چىڭ سىقىۋالىدۇ. ئۇلار مال سەرپ قىلىنمايدىغان روزا، ناماز، خەتمە قۇرئان كەبى ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. مانا بۇلار ئالدانغان ئىنسانلاردۇر. چۈنكى، بېخىللىق ھالاك قىلغۇچى ئىشتۇر. بۇ ھالاك قىلغۇچى ئىش ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئىگەللىۋالغان بولۇپ، ئۇلار نەپىقە قىلىش ئارقىلىق بۇ بېخىللىقنى قومۇرۇپ تاشلاشقا موھتاجدۇر. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىگە ۋاجىب بولمىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولغانلاردۇر. ئۇلار ئەينەن كىيىمىگە يىلان كىرىۋالسا، يىلاننى چىقىرىۋېتىشنىڭ ئورنىغا سەپرانى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىسكەنجىۋىل تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ.

نەپسى پەقەت زاكاتنى ئادا قىلىشقىلا رۇخسەت قىلىدىغان كىشىلەر بار. ئۇنداق كىشى زاكات بەرگەندە مالنىڭ ناچىرىنى زاكات سۈپىتىدە بېرىدۇ ياكى نامراتلاردىن ئۆزىگە خىزمەت قىلىدىغان، بېرىش – كېلىش قىلىدىغان نامراتلارغا، ياكى كېلەچەكتە ئۇنىڭغا موھتاج بولىدىغان، ياكى ئۆزىنىڭ بىرەر غەرىزى بار نامراتقىلا زاكىتىنى بېرىدۇ.

ئۇلاردىن يەنە زاكاتنى بەزى كاتتا – مۆتىۋەر كىشىلەرگە باشقىلارغا تارقىتىپ بېرىشى ئۈچۈن، بۇ ئارقىلىق ئۆزى شۇ زاتنىڭ نەزەرىدە ھۆرمەتكە ئېرىشىش ۋە ھاجەتلىرىنى راۋا قىلغان كىشى بولۇشىنى كۆزلەپ تاپشۇرۇپ بېرىدىغان كىشىلەر بار. بۇنىڭ ھەممىسى نىيەتنى بۇزغۇچى ئەمەللەردۇر ۋە بۇنداق قىلغۇچى ئالدانغان كىشىدۇر. چۈنكى، ئۇ كىشى باشقىلاردىن بەدەل ئېلىپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلغان بولىدۇ.

يەنە بىر قىسىم بايلار باركى، ئۇلار زىكىر سورۇنلىرىغا قاتناشقانلىقى بىلەن ئالدىنىدۇ. ئۇلار: «شۇنداق سورۇنلارغا قاتنىشىش ئۆزلىرىنى ئەمەل – ئىبادەتلەر ۋە نەسىھەت ئاڭلاشتىن بىھاجەت قىلىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، زىكىر سورۇنى ياخشىلىق قىلىشقا قىزىقتۇرغانلىقى ئۈچۈنلا باشقا سورۇنلاردىن ئەۋزەلدۇر. ھەرقانداق بىر ئىش بىلەن باشقا بىر ئىش كۆزلەنسە ۋە شۇ ئىش كۆزلەنگەن ئىشقا يەتكۈزمىسە ئۇنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ. بەزى بىرلىرى قورقۇتقۇچى نەسىھەتنى ئاڭلىسا: «ئى تىنچلىق بېغىشلىغۇچى ئاللاھ! سەن سالامەت قىلغىن!» ياكى «ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دەيدۇ ۋە ئۆزىنى مەقسەت قىلىنغان ئىشقا كەلدىم، دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق كىشى خۇددى تېۋىپنىڭ يېنىغا كەلگەن بىر كېسەلگە ئوخشايدۇ. كېسەل تېۋىپنىڭ دېگەنلىرىنى تولۇق ئاڭلايدۇ ياكى ئۇ ئۆزىگە لەززەتلىك يېمەكلىكلەرنى بۇيرۇپ بېرىدىغان بىر كىشىنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئاچ قورساق كىشىگە ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ كىشى قايتىپ كېتىدۇ، تېۋىپنىڭ دېگەن گېپى ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى دەﻓﺌ قىلالمايدۇ.

ئەمەل قىلماستىن، تائەت – ئىبادەتلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى ئاڭلاپ قويۇش مۇشۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. دېمەك، ھەرقانداق ۋەز – نەسىھەت سېنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىڭگە تەسىر كۆرسەتمىسە ئۇنداق ۋەز – نەسىھەت سېنىڭ زىيىنىڭغا پاكىت بولىدۇ.

سوئال: «يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالدىنىشلارنىڭ يۈز بېرىشلىرى قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر ئىشقۇ؟»

جاۋاب: ئاخىرەت مەركىزى بىر سۈپەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. ئۇ بولسىمۇ قەلبنى توغرىلاشتىن ئىبارەت. قەلبىنى توغرىلاشتىن پەقەت نىيىتى دۇرۇس بولمىغان كىشىلا ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئەگەر ئاخىرەت ئىشىغا دۇنيا ئىشىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلسە، ئەلبەتتە ئاخىرەت نىشانىغا يەتكەن بولاتتى. سەلەف سالىهلەر ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەن كىشىلەر شۇنداق قىلغان ئىدى.

مەغرۇرلىنىشتىن (ئالدىنىشتىن) قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۈچ نەرسىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:

بىرىنچى: ئەقىل. ئەقىل بولسا ئىنساننىڭ شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىدىغان ئەسلى نۇرىدۇر.

ئىككىنچى: ئىلىم – مەرىپەت. ئىلىم – مەرىپەت بىلەن ئىنسان ئۆزىنى، پەرۋەردىگارىنى، دۇنيا ۋە ئاخىرىتىنى تونۇيدۇ.

ئۇشبۇ كىتابتىكى «ياخشى كۆرۈش ھەققىدە»، «قەلبنىڭ ئاجايىباتلىرىنىڭ شەرھى»، «تەپەككۇر قىلىش توغرىسىدا»، «شۈكرى قىلىش توغرىسىدا» قاتارلىق تېمىلاردا نەپسنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ سۈپەتلىرىگە ئىشارەتلەر بار.

دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى تونۇشقا بۇ كىتابتىكى «دۇنيانى ئەيىبلەش ھەققىدە»، «ئۆلۈمنى ئەسلەش ھەققىدە» قاتارلىق تېمىلاردا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ.

بۇ ئىلىم – مەرىپەتلەر ھاسىل بولسا قەلبتە ئاللاھ تائالانى تونۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش، ئاخىرەتنى ھەقىقىي تونۇش ئارقىلىق ئاخىرەتكە قىزىقىش ۋە دۇنيانى تونۇش ئارقىلىق دۇنيادىن يۈز ئۆرۈش ھاسىل بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق كىشىگە ئەڭ مۇھىم بولىدىغان ئىش كىشىنى ئاللاھ تائالاغا يەتكۈزىدىغان، ئاخىرەتتە مەنپەئەت بېرىدىغان ئىش بولىدۇ. دۇنيادا قەلبكە بۇ ئىرادە غالىب كەلسە، ئۇ كىشىنىڭ بارلىق ئىشلاردا نىيىتى توغرا بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بارلىق مەغرۇرلىنىشلار يوقايدۇ. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇش ۋە ئۆز – ئۆزىنى تونۇش بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتى كىشىنىڭ قەلبىگە غالىب كەلسە، ئۇ كىشى ئۈچىنچى ئىشقا موھتاج بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئىلىمدۇر. يەنى، بۇ ئىلىم — ئاللاھ تائالا تەرەپكە يول ئېلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئۇ يولنىڭ ئاپەتلىرىنى بىلىش ۋە ئاللاھ تائالاغا نېمە يېقىن قىلىدۇ، ئاللاھ تائالادىن نېمە يىراق قىلىدۇ قاتارلىقلارنى بىلىش ئىلمىدۇر. بۇلارنىڭ تەپسىلاتى ئۇشبۇ كىتابىمىزدا مەۋجۇدتۇر.

كىشى ئىبادەتلەر قىسمى ۋە ئادەتلەر قىسمىدىن ئۆزى موھتاج بولىدىغان ۋە موھتاج بولمايدىغان ئىلىملەرنى ئۆگەنگەي ۋە شەرىئەت ئەدەبلىرى بىلەن قوراللانغاي.

ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى ئىشلاردىن يامان سۈپەتلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇلىدىغان ماختىلىدىغان سۈپەتلەرنى بىلسە بولىدۇ.

كىشى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بىلسە بىز ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن تۈرلۈك ئالدىنىشلاردىن ساقلىنىشى مۇمكىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

كىشى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلسا، ئۆزىنى شەيتاننىڭ ئالداپ كېتىشىدىن ۋە ئۇنى باشلىق بولۇشقا چاقىرىشىدىن، ھەمدە ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە مىكرىدىن ئەمىن بولۇشقا قىزىقتۇرۇشىدىن قورقۇشى كېرەك(15). شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىخلاس قىلغۇچىلار چوڭ خەتەر ئۈستىدە دېيىلىدۇ.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئۆلۈم ئالدىدا ئىدى، شەيتان ئۇنىڭغا:

— مەندىن قۇتۇلدۇڭ، — دېگەنىدى، ئىمام ئەھمەد:

— ياق! ھەنۈز قۇتۇلمىدىم، جان چىققاندا ئاندىن قۇتۇلىمەن، — دېدى.

شۇڭا، ئاللاھ تائالانىڭ دوستلىرىنىڭ قەلبلىرىدىن داۋاملىق ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ئايرىلماسلىقى كېرەك.

ئاللاھ تائالادىن ئالدىنىشلاردىن سالامەت قىلىشىنى ۋە ھاياتىمىزنى گۈزەل رەۋىشتە ئاخىرلاشتۇرۇشقا نېسىپ قىلىشىنى سورايمىز. ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىگە يېقىندۇر، دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر﴾(11/«ھۇد»: 61).

مەغرۇرلىنىش ھەققىدىكى تېما بۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بۇنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئى نۇھ! ئۇ (مەن نىجات تېپىشنى ۋەدە قىلغان) ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلى ياماندۇر﴾(11/«ھۇد»: 46) دېگەن سۆزىدۇر.
2. يەنى: «مەن رەببىمدىن ئانامغا مەغپىرەت تىلىشىم ئۈچۈن رۇخسەت سورىغان ئىدىم، رەببىم ماڭا رۇخسەت قىلمىدى» دېگەن ھەدىستۇر. مۇسلىم (976). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ بىر قىسىم ئالىملار: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاتا – ئانىسى مۇشرىك» دەپ قارىغان بولۇپ، مۇئەللىفمۇ شۇ قاراشنى ياقىلىغان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار: «مەزكۇر ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى ئېھتىماللىق» دەپ قاراپ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز﴾(17/«ئىسراﺋ»: 15) دېگەن ئايەتىگە ئاساسەن، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاتا – ئانىسى فەترەت ئەھلى» دەپ قارىغان.
3. مۇسلىم (2564). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
4. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (585).
5. ئىبنى ئەبى شەيبە (35584).
6. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ دەۋرىمدىكىلەر (يەنى ساھابەلەر) دۇر» دېگەن. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2651)؛ مۇسلىم (2533). ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
7. ئەھمەد (22218)؛ تىرمىزىي (3253)؛ ئىبنى ماجە (48). ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. تىرمىزىي، شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5633) «ھەسەن» دېگەن.
8. ئىسكەنجىۋىل (السَّكَنْجِبَيْنِ): چۈچۈمەل بىلەن شېرىن ئارىلاشما ئىچىملىك. فارسچە سىركا ئانكەبىن. سىركە بىلەن ھەسەل ئارىلاشمىسى. ھەسەل ئورنىغا ئاق شېكەر، سىركە ئورنىغا بىھى مۇرابباسى ياكى ئۈزۈم شىرنىسىگە ئوخشىغان باشقا نەرسىلەر ئارىلاشتۇرسىمۇ مۇشۇ ئىسىمدا ئاتىلىدۇ. ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە. قاراڭ: مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلخارەزمىي ئەلبەلخىي: «مەفاتىيھۇل ئۇلۇم»، «دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە»، بېيرۇت، 104 – بەت؛ «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/440؛ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، ۋ — ي، 256 – بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، م 1998. — ت.
9. بۇخارىي (344).
10. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (127).
11. چاشگاھ نامىزى (صَلاَةُ الضُّحَى): قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر ئوقۇلىدىغان كۈندۈزگە تەۋە نەفلە نامازدۇر. ئىككى رەكئەتتىن سەككىز رەكئەتكىچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب ۋە سۈننەت بولۇپ، چاشگاھ نامىزى يەنە «سەلاتۇل ئەۋۋابىن (ئىتائەتمەنلەر نامىزى / صَلَاةُ الْأَوَّابِينَ)»، «سەلاتۇل ئىشراق (كۈن يورۇش نامىزى / صَلَاةُ الْإِشْرَاقِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. — ت.
12. تەھەججۇد (التَّهَجُّدُ): «تەھەججۇد» سۆزلۈكتە «ئۇخلاش ۋە تۈنەش» مەنىسىدە بولۇپ، فىقھتا: كېچىسى ئۇيقۇدىن قوپۇپ تاڭ ئاتقانغا قەدەر ئوقۇلىدىغان نەفلە نامازدۇر. ئالدىدا ئۇخلىغان بولسۇن، بولمىسۇن كېچىدىكى نەفلە نامازغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئىككى رەكئەتتىن ياكى تۆت رەكئەتتىن خاھلىغانچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى سۈننەت بولۇپ، «تەراۋىھ نامىزى» ۋە «قىيامۇل لەيل (كېچىلىك ناماز)»لەرمۇ تەھەججۇد نامىزىدۇر. — ت.
13. بۇخارىي (6502). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
14. تەسەۋۋۇف (التَّصَوُّفُ): بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەبىرى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار بولۇپ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىخلاس، سەبر، تەۋەككۇل ۋە دۇنياغا بېرىلمەسلىك قاتارلىق ھالەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىمانىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، شۇنداقلا نەفسنى پاكلاپ، تەربىيەلەپ، ئۇنى پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش ۋە ئۇنى رەزىل نەفسى خاھىشتىن تازىلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە بۇنى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگىنى بويىچە «تەزكىيە (التَّزْكِيَةُ)»، ھەدىستە كەلگىنى بويىچە «ئېھسان (الإِحْسَانُ)» دەپ ئاتىساق ۋە شۇنى توغرا رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ، كامىل ئىمانغا، ئېھسان مەرتىۋىسىگە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سۈپەتلىرىگە، ئەخلاقىغا چاقىرساق تەسەۋۋۇفتىكى دەتالاش تۈگەيتتى. «تەسەۋۋۇف» ئاتالغۇسى نەفسنى پاكلاش مەنىسىدىكى «تەزكىيە» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەچكە، يەنە كېلىپ تەسەۋۋۇف مەنسۇبلىرى ئىسلامغا يات بولغان ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ھەتتا ئەقىدىلەرنى پەيدا قىلىۋالغان بولغاچقا، بۇ ئاتالغۇ ئىسلام (قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە) تەشەببۇس قىلغان «تەزكىيە»، «ئېھسان» ۋە «گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەر»نىڭ يۈزىنى قاپلىۋالغان. قاراڭ: شەيخ ئابدۇلبارىي نەدۋىينىڭ «تەسەۋۋۇف ۋە ھايات» ناملىق ئەسىرىگە شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ يازغان كىرىش سۆزى، 3 – 15 – بەتلەر. — ت.
15. ﴿ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئاللاھنىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 99).

Please follow and like us: