رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ئۈممىتىم ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغان نەرسە رىيا ۋە يوشۇرۇن شەھۋەتتۇر»(1).
بۇ يوشۇرۇن شەھۋەتنىڭ (ئابرۇيپەرەسلىكنىڭ) ئاپەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتىن ئومۇمەن ئابىدلارلا ئەمەس، كاتتا ئالىملارمۇ ئاجىز كېلىدۇ. ئاخىرەت يولىدا مېڭىشقا قاتتىق تىرىشقان ئابىدلار ۋە ئالىملار بۇ يوشۇرۇن شەھۋەت بىلەن سىنىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار نەپسلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، شەھۋەتلەردىن ئايرىپ، ئۇنى تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلىغاندا، ئۇلارنىڭ نەپسلىرى ئەزالار سادىر قىلغۇسى ئاشكارا گۇناھلاردىن ئۈمىدۋار بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نەپسلىرى ئىلىم ۋە ئەمەلنى ئاشكارا قىلىش بىلەن راھەتلىنىدۇ ۋە مەخلۇقاتنىڭ نەزەرىدە مەقبۇل بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىززەت نەزەرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرىشىش مۇشەققىتىدىن قۇتۇلۇش يولىنى تاپىدۇ ھەمدە شۇندىلا نەپىس كاتتا لەززەتكە چۆمىدۇ، نەتىجىدە گۇناھ ئىشلارنى تەرك ئېتىشنى كىچىك ئىش سانايدۇ. ئارىدىن بىرى ئۆزىنى «مەن ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلغۇچىمەن» دەپ ئويلايدۇ، ھالبۇكى مۇناپىقلار تىزىملىكىگە ئۇنىڭ ئىسمى يېزىلىپ بولغان بولىدۇ. بۇ بۈيۈك ھىيلە – مىكىر بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن بەندىلەرلا سالامەت قالىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرلەركى: «سىددىقلارنىڭ بېشىدىن چىقىپ كېتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى نەرسە باشلىق بولۇشنى ياخشى كۆرۈش».
بۇ يوشۇرۇن شەھۋەت شەيتانلارنىڭ ئەڭ چوڭ قاپقىنى بولغان يوشۇرۇن كېسەل بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ سەۋەبى، ھەقىقىتى ۋە قىسىملىرى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش ۋاجىبتۇر.
شۆھرەت ۋە ئابرۇيپەرەسلىكنىڭ، داڭق قازىنىشنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى ۋە تونۇلماسلىقنىڭ پەزىلىتى
شۇنى بىلگىنكى، يۈز – ئابرۇينىڭ ئەسلى بولسا نام – شۆھرەتنىڭ تارقىلىشىنى ياخشى كۆرۈش دېمەكتۇر.
نام – شۆھرەتنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى زور خەتەردۇر. بۇ خەتەردىن سالامەت قېلىش نامى چىقماسلىق بىلەن بولىدۇ.
ياخشىلىق ئەھلى نام – شۆھرەتنى مەقسەت قىلمايدۇ. نام – شۆھرەتكە ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىگە ئارىلاشمايدۇ. ئەگەر نام – شۆھرەت ئاللاھ تەرەپتىن چۈشسىمۇ، ئۇلار نام – شۆھرەتتىن قاچىدۇ ۋە نامى چىقماسلىقنى ئەلا بىلىدۇ.
شۇنىڭدەك ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ئۆيىدىن چىقتى ۋە ئۇنىڭغا بىر تۈركۈم كىشىلەر ئەگىشىۋالدى، ئىبنى مەسئۇد ئۇلارغا قاراپ: «نېمىشقا ماڭا ئەگىشىۋالىسىلەر؟! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر نېمىشقا ئىشىكىمنى ئېتىۋالغانلىقىمنى بىلسەڭلار، ئاراڭلاردىن ھېچكىممۇ ماڭا ئەگىشىۋالمىغان بولاتتى» دېدى. يەنە بىر لەۋزىدە: «قايتىپ كېتىڭلار! باشقىلارغا ئەگىشىۋېلىش ئەگەشكۈچىگە خارلىق، ئەگىشىلگۈچىگە پىتنە بولىدۇ» دېگەن.
ئەبۇلئالىيە رەھىمەھۇللاھ قېشىدا تۆتتىن ئارتۇق ئادەم ئولتۇرغاندا، ئورنىدىن قوپۇپ كېتەتتى.
خالىد ئىبنى مەئدان رەھىمەھۇللاھنىڭ سورۇنىدا ئادەم كۆپىيىپ كەتسە، نام – شۆھرەتنى يامان كۆرۈپ، سورۇندىن چىقىپ كېتەتتى.
زۇھرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «باشلىقلىققا قىزىقماسلىق ئەڭ كەم تېپىلىدىكەن، بىراۋنىڭ يېمەك – ئىچمەك ۋە مالنى قولىدىن بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز، لېكىن باشلىقلىق ئورنى ھەققىدە تالاش – تارتىش قىلىنسا، ئۇنى قوغداپ، دۈشمەنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز».
بىر ئادەم بىشر ھافىيغا:
— ماڭا ۋەسىيەت قىلغىن! — دېگەنىدى، بىشر ھافىي:
— نام – شۆھرىتىڭنى يوشۇرغىن! يېمەك – ئىچمىكىڭنى پاك قىلغىن! دۇنيادا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇشىنى ياخشى كۆرگەن ئادەم ئاخىرەتنىڭ لەززىتىنى تاپالمايدۇ، — دېدى.
«سەھىھۇ مۇسلىم»دا رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۆمەر ئىبنى سەئد دادىسى سەئدنىڭ يېنىغا باردى، ھالبۇكى، دادىسى قويلىرىنى ئېلىپ مەدىنەنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. دادىسى ئۆمەرنى يىراقتىن كۆرگەندە: «ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ، بۇ ئۇلاغ مىنگەن كىشىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېدى. ئوغلى دادىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە: «دادا! كىشىلەر مەدىنەدە پادىشاھلىق تالىشىۋاتسا، سەن قويلىرىڭنىڭ ئارىسىدا بىر ئەئرابىيغا ئوخشاش بولۇشنى خاھلامسەن؟!» دېدى. سەئد ئوغلىنىڭ كۆكرىكىگە ئۇرۇپ: «خەپشۈك! مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ھەقىقەتەن ئاللاھ تەقۋادار، روھى باي، نامسىز بەندىنى ياخشى كۆرىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم» دېدى(2).
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، دوستلىرىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى دۇنيالىق يۈكى يەڭگىل، نامازدىن نېسىۋىسى كۆپ، پەرۋەردىگارىغا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىدىغان، ئۆزى يالغۇز يەردىمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان، خەلق ئارىسىدا ئانچە تونۇلمىغان، باشقىلارنىڭ كۆزىگە بەك چېلىقىپ كەتمەيدىغان، تۇرمۇشىغا يەتكۈدەك رىزقى بار بولۇپ، شۇنىڭغا سەبر قىلىدىغان مۇئمىندۇر». ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قولى بىلەن يەرنى چوقۇپ تۇرۇپ: «ئۇ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىغان، ئارقىسىدىن يىغلايدىغانلار ۋە مىراس قالىدىغان مال – مۈلكى ئاز بولغان كىشىدۇر» دېدى(3).
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەمراھلىرىغا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دەيتتى: «سىلەر ئىلىم بۇلاقلىرى، ھىدايەت چىراغلىرى، ئۆيلەرنىڭ بىساتلىرى، (ئۆيىگە باغلانغان) كېچىنىڭ چىراغلىرى، (كېچىدە ناماز ئوقۇيدىغان) قەلبلەرنىڭ يېڭىلىرى، (قەلبى سەگەك) كىيىملەرنىڭ كونىلىرى، (ئاددىي – ساددا) ئاسماندا تونۇشلۇق، زېمىن ئەھلىگە ناتونۇش كىشىلەردىن بولۇڭلار».
ئەگەر «بۇ بايانلاردا نامى چىقماسلىقنىڭ پەزىلىتى ۋە نام – شۆھرەتنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى سۆزلەندى، لېكىن، پەيغەمبەرلەر ۋە پېشىۋا ئالىملارنىڭ نام – شۆھرىتىدىنمۇ بەكرەك داڭلىق نام – شۆھرەت بولامدۇ؟» دېيىلسە، دەيمىزكى: «ئىنساننىڭ نام – شۆھرەتنى تەلەپ قىلىشى ئەيىبتۇر. ئەمما، نام – شۆھرەت ئىنسان تەلەپ قىلمىسىمۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن بولسا ئەيىب ئەمەس، لېكىن ئاجىز كىشىلەرنىڭ نام – شۆھرەت قازىنىشى پىتنە تۇغدۇرىدۇ. چۈنكى، ئاجىز كىشى سۇ ئۈزۈشنى ياخشى بىلمىگەنلىكتىن غەرق بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا بىرەر كىشى ئېسىلسا، ئۆزى بىلەن بىرگە باشقىلارنىمۇ سۇغا غەرق قىلىدۇ. ماھىر سۇ ئۈزگۈچىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا سۇغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتقان كۆپ كىشىلەر ئېسىلسىمۇ، ماھىر سۇ ئۈزگۈچى ئۇلارنىڭ غەرق بولۇشتىن قۇتۇلۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ».
يۈز – ئابرۇي ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىتى
شۇنى بىلگىنكى، يۈز – ئابرۇي ۋە مال – مۈلك بولسا دۇنيانىڭ ئىككى تۈۋرۈكىدۇر. مال: «مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەرگە ئىگە بولۇش» دېمەكتۇر. يۈز – ئابرۇي: «كىشىلەرنىڭ قەلبتىن ھۆرمەتلىشى، ئىتائەت قىلىشى ۋە سۆزىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىشى» دېمەكتۇر. يەنى «كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدىن ئورۇن ئېلىش» دېمەكتۇر. كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدىن ئورۇن ئېلىش بولسا ئىلىم، ئىبادەت، نەسەب، كۈچ – قۇۋۋەت، گۈزەل خۇلق ياكى شۇنىڭدەك كىشىلەر «مۇكەممەللىك» دەپ قارايدىغان ئالىي سۈپەتلەردىن بىرەر سۈپەت بىلەن خالايىقنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشتۇر.
كىشىلەرنىڭ قەلبلىرى بىر شەخستە كۆرگەن مۇكەممەللىك سۈپەتلىرىنىڭ مىقدارىغا قاراپ، ئۇ شەخسكە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىتائەت قىلىدۇ، ئۇنى ماختايدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ.
بۇ يۈز – ئابرۇينىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە سۆيۈملۈك ۋە مالنى ياخشى كۆرۈشتىنمۇ يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، مال ئەينەن بىر مەقسەتكە مۇناسىۋەتلىك بولمايدۇ، بەلكى ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشتۈرىدىغان ۋاسىتىدۇر. شۇڭا، مال ۋە يۈز – ئابرۇينىڭ سەۋەبتە شېرىك بولۇشى ياخشى كۆرۈشتە ئورتاق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، يۈز – ئابرۇينى ياخشى كۆرۈش بۇنىڭدا مالنى ياخشى كۆرۈشتىن يۇقىرى تۇرىدۇ.
يۈز – ئابرۇينى ياخشى كۆرۈشتە ماختىلىدىغان ۋە ئەيىبلىنىدىغان تەرەپلەر
شۇنى بىلگىنكى، يۈز – ئابرۇينىڭ ماختىلىدىغان ۋە ئەيىبلىنىدىغان تەرىپى بولىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، كىشى ئۈچۈن يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە شۇ قاتارلىق زۆرۈر نەرسىلەر ئۈچۈن مال بولمىسا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك جاھاندارچىلىق تەقەززاسى تۈپەيلى يۈز – ئابرۇينىڭ بولۇشىمۇ زۆرۈردۇر. چۈنكى، ئىنسان ئۆزىنى قوغدايدىغان سۇلتانغا، ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغان ھەمراھقا ۋە خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىگە موھتاج بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇلارنى ياخشى كۆرۈشى ئەيىبلەنمەيدۇ. چۈنكى، يۈز – ئابرۇي، خۇددى مال – مۈلككە ئوخشاش، كۆزلەنگەن نىشانلارغا يەتكۈزىدىغان بىر ۋاسىتىدۇر.
بۇنىڭدىكى ھەقىقەت بولسا مال ۋە يۈز – ئابرۇينىڭ ئۆزىلا سۆيۈملۈك بولۇپ قالماسلىقىدۇر. ئىنسان توغرا بىر نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۆزىدە لاياقەت سۈپىتى بار بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ: ﴿مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن﴾(12/«يۈسۈف»: 55) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش سۆزلەرنى دەپ يۈز – ئابرۇي تەلەپ قىلسا ياكى ئۆزىنىڭ ئورنى يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىرىدىن بىر ئەيىبنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ يۈز – ئابرۇي تەلەپ قىلسا رۇخسەتتۇر. ئەمما، ئۆزىدە بولمىغان ئىلىم، تەقۋالىق ۋە نەسەبكە ئوخشاش سۈپەتلەرنى دەپ تۇرۇپ مەنسەپ تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.
شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ئالدىدا كىشىلەر «نامازنى خۇشۇﺋ بىلەن ئوقۇيدىكەن» دەپ قالسۇن ئۈچۈن نامازنى گۈزەل ئوقۇسا، بۇ ئىشى بىلەن ئۇ رىيا قىلغۇچى بولىدۇ. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى يالغان بىلەن ئۆزىگە مايىل قىلىش ۋە مالغا باشقىلارنى ئېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ ئىگە بولۇش دۇرۇس ئەمەس.
يۈز – ئابرۇي قوغلىشىشنىڭ دورىسى
شۇنى بىلگىنكى، ئابرۇيپەرەس كىشى باشقىلارغا كۆپ كۆڭۈل بۆلمەس، بىراۋلارنىڭ يېنىغا بېرىپ – كېلىشكە ۋە ئۇلارغا خۇشامەت قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇپ قالىدۇ. سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدە داۋاملىق كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئۆز ئورنىنى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ بولسا مۇناپىقلىقنىڭ ئۇرۇقى ۋە بۇزۇلۇشنىڭ يىلتىزىدۇر. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالماقچى بولغان كىشى ئۆزىدە يوق نەرسىنى باردەك كۆرسىتىش بىلەن ئۇلارغا ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىشقا موھتاج بولىدۇ.
بۇ ھالەت رىيا بىلەن ئىبادەت قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش ۋە قەلبلەرنى مايىل قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاسىتە قوللىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مال ۋە شەرەپنى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ دىننى بۇزۇشىنى قويلار توپىغا قويۇۋېتىلگەن ئاچ قورساق ئىككى بۆرىگە ئوخشاتقان(4).
شۇڭا، يۈز – ئابرۇي قوغلىشىش ھالاك قىلغۇچى ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇنى داۋالاش ۋاجىبتۇر. ئۇنىڭ دورىسى ئىلىم ۋە ئەمەلنىڭ بىرىكمىسىدۇر. ئىلىم بولسا ئابرۇيپەرەستلىكنىڭ قايسى سەۋەبتىنلىكىنى بىلىشتۇر. ئابرۇي قوغلىشىشنىڭ سەۋەبى ئۆز كۈچىنىڭ كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە مۇكەممەل يېتىشىنى ئىستەشتۇر. بۇ ھەرقانچە ساپ ۋە ساغلام بولسىمۇ، ئاخىرىدا ھالاك بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، دۇنيادا يۈز – ئابرۇيلۇق كىشىلەرگە باشقىلارنىڭ ھەسەت قىلىشى ۋە ئەزىيەت بېرىشلىرى قاتارلىق ئۇلارغا يەتكەن ئاپەتلەر ۋە خەتەرلەر ھەققىدە ئويلىنىش كېرەك. سەن يۈز – ئابرۇيلۇق كىشىلەرنىڭ يۈز – ئابرۇيىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ئەنسىرەپ، داۋاملىق قورققان ۋە ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلغان ھالەتتە كۆرىسەن.
قەلبلەر قايناۋاتقان قازاندىنمۇ بەكرەك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن مەشغۇل بولۇش جىددىي قارىلىدىغان غەم بولۇپلا قالماي، يۈز – ئابرۇينى ساقلاشنى چوڭ بىلىش خاھىشىنى پەسەيتىدۇ. دۇنيانىڭ ئارزۇ قىلىنىدىغان نەرسىلىرى قورقۇنچلۇق نەرسىلىرىگە تەڭ كەلمىگىنىدەك، ئاخىرەتتە قولدىن كېتىدىغان نېئمەتلەرگە تېخىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ. بۇ بىلىش جەھەتتىندۇر.
يۈز – ئابرۇي قوغلىشىشنى ئەمەل بىلەن داۋالاش بولسا، يۈز – ئابرۇينى چۈشۈرىدىغان ئەمەللەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈرۈش بىلەن بولىدۇ. شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پادىشاھلاردىن بىرى زاھىد بىر كىشىنى زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلدى. پادىشاھ زاھىدقا يېقىنلاشقاندا، زاھىد تاماق، كۆكتات ۋە سۈت ئەكەلدۈرۈپ، لوقمىنى چوڭايتىپ، تاماقنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يېيىشكە باشلىدى. پادىشاھ بۇنى كۆرۈپلا، ئۇ كىشىنى نەزەرىدىن چۈشۈرۈۋەتتى.
ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ قازى بولۇشى ئىرادە قىلىنغاندا، قىزىل كۆينەك كىيىپ، بازاردا ئولتۇرغان ئىدى(5).
شۇنى بىلگىنكى، زاھىدنىڭ كىشىلەردىن ئايرىلىۋېلىشى ئۇنىڭ كىشىلەر نەزەرىدىكى يۈز – ئابرۇيىنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر زاھىد يۈز – ئابرۇي پىتنىسىدىن قورقسا، پىتنىدىن سالامەت قېلىش يولىنى تۇتۇپ، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتسۇن، بازارلاردا ماڭسۇن، ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى سېتىۋېلىپ ئۆزى كۆتۈرسۇن. كىشىلەر دۇنياسىدىن تەمەسىنى ئۈزسۇن، شۇندىلا مۇرادىغا ئېرىشىدۇ.
بىشر ھافىي رەھىمەھۇللاھ ئەتىر ساتقۇچىنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتى(6). ئۇ زاتلار بۈگۈنكىدەك زاھىد كۆرۈنۈۋالغانلارنىڭ ئادەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيتتى.
پەسل
ماختىلىشنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئەيىبلىنىشنى يامان كۆرۈشنى داۋالاش يولىنىڭ بايانى
شۇنى بىلگىنكى، كۆپىنچە ئادەملەر كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورققانلىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ماختىشىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ھالاك بولدى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى كىشىلەرنىڭ ماختىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىغا مۇۋاپىق بولىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ھالاك قىلغۇچى ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ، ئۇنى داۋالاش ۋاجىبتۇر.
ئۇنى داۋالاشتا، كىشىنىڭ ماختىلىشىغا سەۋەب بولغان سۈپەتكە قارىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشىدە بار سۈپەت بولسا، ئىلىم ۋە تەقۋالىققا ئوخشاش ياخشى كۆرۈلىدىغان سۈپەت ياكى يۈز – ئابرۇي ۋە مالغا ئوخشاش ياقتۇرۇشقا ئەرزىمەيدىغان سۈپەت بولۇشتىن خالىي بولمايدۇ.
ئۆزىدە بار بولغان ئىلىم ۋە تەقۋالىق سەۋەبىدىن سۆيۈنگەن بولسا، ئۆلۈمىنىڭ قايسى ھالەتتە بولۇشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئۆلۈمدىن قورقۇش ماختىلىش سەۋەبىدىن سۆيۈنۈشتىن يىراق قىلىدۇ. ئەگەر كىشى ياخشى ئۆلۈمىنى ئۈمىد قىلىپ خۇشال بولغان بولسا، كىشىلەرنىڭ ماختىشى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئاڭا بەرگەن ئىلىم ۋە تەقۋالىقتىن ئىبارەت پەزلى سەۋەبلىك خۇشال بولۇشى لازىمدۇر.
ئىككىنچىسى، يۈز – ئابرۇي ۋە مال سەۋەبىدىن سۆيۈنۈشتۇر. بۇنىڭ بىلەن سۆيۈنۈش خۇددى زېمىننىڭ پات يېقىندا قۇرۇپ پارچە – پارچە بولغۇسى ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن خۇشال بولغانغا ئوخشاشتۇر. بۇنىڭ بىلەن پەقەت ئەقلى كەم كىشىلا خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سەندە ماختىلىشقا تېگىشلىك سۈپەتلەر بولمىسىمۇ، ماختالغاندا سۆيۈنۈشۈڭ ئۇچىغا چىققان ساراڭلىقتۇر.
بىز ماخىتىلىشنىڭ ئاپەتلىرىنى ئىلگىرىكى «تىلنىڭ ئاپەتلىرى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا بايان قىلدۇق. شۇڭا، ماختالغاندا سۆيۈنۈشۈڭ توغرا ئەمەس، بەلكى ئۇنى سەلەف سالىهلەر يامان كۆرگەندەك ۋە ئۇلار ماختالغاندا سۆيۈنگەن كىشىگە غەزەپلەنگەندەك غەزەپلىنىشىڭ ۋە يامان كۆرۈشۈڭ كېرەك.
ئەيىبلىنىشنى يامان كۆرۈشنىڭ دورىسى
ئەيىبلىنىشنى يامان كۆرۈشنىڭ دورىسىنى ماختىلىشنى يامان كۆرۈشنىڭ شىپاسىدىن چۈشەنگىلى بولىدۇ. چۈنكى، بىرى يەنە بىرىنىڭ قارشىسىدۇر. ئەيىبلىنىشنى يامان كۆرۈشنىڭ دورىسى ھەققىدە ئىخچام قىلىپ ئېيتقاندا:
ئەگەر ئەيىبلىگۈچى سەمىمىي، راستچىل كىشى بولسا، ئاچچىقلانماي ئۇنىڭ ئېھسانىغا جاۋاب قايتۇرغىن. چۈنكى، ئۇ ساڭا ئەيىبلىرىڭنى ھەدىيە قىلغان كىشىدۇر. ئەگەر ئۇ سەمىمىي گەپ قىلمىغان بولسا، ئۆز دىنىغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. سەن ئۇنىڭ سۆزىدىن پايدىلىنىسەن، چۈنكى ئۇ سەن بىلمىگەن نەرسىنى ساڭا بىلدۈرۈپ قويغان ۋە ئۇنتۇپ قالغان خاتالىقلىرىڭنى ساڭا ئەسلىتىپ قويغان بولىدۇ.
ئەگەر ئۇ سەندە يوق سۈپەتلەرنى توقۇپ گەپ قىلغان بولسا، سەن ئۈچ نەرسە ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشىڭ كېرەك.
بىرىنچى: ئەگەر سەن شۇ ئەيىبنىڭ ئۆزىدىن خالىي بولساڭمۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئەيىبلەردىن خالىي ئەمەسسەن، چۈنكى ئاللاھ تائالا ساڭا كۆرسەتمىگەن ئەيىبلەر تېخىمۇ كۆپتۇر. شۇڭا، ئاللاھ تائالاغا ئۇنىڭغا سېنىڭ ئەيىبلىرىڭنى كۆرسەتمىگەنلىكىگە ۋە ئۇنى سەندىن دەﻓﺌ قىلغانلىقىغا، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ سەندە يوق سۈپەتلەرنى دەپ يالغاننى توقۇغانلىقىغا قارىتا ئاللاھ تائالاغا رەھمەت ئېيتقىن.
ئىككىنچى: ئۇنىڭدەك گەپلەرنىڭ گۇناھلىرىڭغا كەففارەت بولىدىغانلىقىنى ئويلىغىن.
ئۈچىنچى: ساڭا قارشى يالغاننى توقۇغان كىشى دىنىغا ئاسىيلىق قىلغان، ھەقتائالانىڭ غەزىپىگە ئۆزىنى دۇچار قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالادىن ئۇنى ئەپۇ قىلىشىنى سورىشىڭ كېرەك. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەمنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى، ئاندىن ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم ئۇ ئادەمگە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلدى ۋە: «مەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئەجىرگە ئېرىشتىم، ئۇنىڭ مەن سەۋەبلىك ئازابلانغۇچى بولۇشىنى خاھلىمايمەن» دېدى. بۇ ھېكايە ئىلگىرى مۇلايىملىقنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى مەزمۇندا ئۆتتى.
رىيا، ئۇنىڭ ھەقىقىتى، قىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا
قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە رىياكارلىقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەت ۋە ھەدىسلەر كەلگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ. نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ﴾(107/«مائۇن»: 4 – 6).
﴿(ئى مۇھەممەد! ) ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ماڭا ۋەھيى قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. كىمكى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن﴾(18/«كەھف»: 110).
ھەدىسلەرگە كەلسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى بىر ئەمەلنى قىلغاندا مەندىن باشقىنى ئۇنىڭغا شېرىك قىلىپ قىلسا، ئۇ ئەمەل شېرىك قىلىنغۇچى ئۈچۈن بولىدۇ، مەن ئۇ ئەمەلدىن ئادا – جۇدامەن»(7).
دېيىلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— سىلەر ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغىنىم ئەڭ كىچىك شېرىكتۇر، — دېگەنىدى، ساھابەلەر:
— ئەڭ كىچىك شېرىك دېگەن نېمە؟ — دېدىلەر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى:
— رىيا قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە ئەمەللىرى سەۋەبلىك جازا بەرگەندە، رىياكارلارغا: ‹سىلەر دۇنيادا ئەمەللىرىڭلارنى كۆرسىتىپ قىلغان كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ قېشىدا ياخشىلىق تاپالامسىلەر – قېنى!›، — دەيدۇ»(8).
بىشر ھافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «نەي چېلىپ دۇنيا تېپىشىم دىن بىلەن دۇنيا تاپقىنىمدىن سۆيۈملۈكراقتۇر».
بىلگىنكى، رىيا (كۆرسىتىش) بولسا رۇئيە (كۆرۈش) دېگەن ئىسىمدىن، سۇمئەت (ئاڭلاش، شۆھرەت) دېگەن سۆز بولسا سىماﺋ (ئاڭلاش) دېگەن ئىسىمدىن ياسالغان سۆزدۇر. دېمەك: رىياكار (كۆرسىتىپ ئەمەل قىلغۇچى) «ئۆزىگە بىرەر نېسىۋە تېگىپ قالارمىكىن» دەپ كىشىلەرگە كۆرسىتىپ ئەمەل قىلىدۇ.
رىيا بىرنەچچە تۈرلۈكتۇر:
بىرىنچى: دىندىكى رىيا. بۇمۇ بىرنەچچە خىلدۇر:
ئا) تەننىڭ رىياسى. يەنى ئورۇق ۋە سولغۇن كۆرۈنۈش بىلەن بولىدىغان رىيا بولۇپ، رىياكار ئادەم كىشىلەرگە ئۆزىنى قاتتىق ئىبادەتگۇي ۋە ئاخىرەتتىن بەك قورقىدىغان قىلىپ كۆرسىتىدۇ. چۇۋۇق چاچلىرىنى كۆز – كۆز قىلغۇچىمۇ شۇ جۈملىدىن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى دىن غېمىگە غەرق بولغان، چېچىنى تاراشقىمۇ چولىسى يوقتەك كۆرسەتكۈچىدۇر.
داۋاملىق روزا تۇتىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىش ئۈچۈن ئاۋازىنى پەسلىتىش، ئىككى كۆزىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكى ۋە لەۋلىرىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىش قاتارلىقلارمۇ بۇ خىل رىياغا يېقىندۇر.
شۇڭا، مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالام: «قايسىبىرىڭلار روزا تۇتسا، بېشىنى مايلىسۇن ۋە چېچىنى تارىسۇن» دېگەن(9). ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق دېيىشى روزىدار ئۈچۈن رىياكارلىق ئاپىتىدىن قورققانلىقى ئۈچۈندۇر. مانا بۇ دىن ئەھلىنىڭ جىسمانىي رىياسىدۇر.
دۇنيا ئەھلىنىڭ رىياكارلىقلىرى بولسا سېمىزلىك، تەن رەڭگىنىڭ سۈزۈكلۈكى، قەددى – قامەت، يۈز گۈزەللىكى ۋە جىسمانىي پاكىزلىقىنى نامايان قىلىشىدۇر.
ئە) يۈرۈش – تۇرۇشتىكى رىيا. مەسىلەن: ماڭغاندا بېشىنى تۆۋەن سېلىۋېلىش، يۈزىدە سەجدە ئىزى قالدۇرۇش، قوپال كىيىملەرنى، يۇڭ كىيىم كىيىش، كۆپىنچە يېڭىنى تۈرۈپ قويۇش ياكى يەڭلىرىنى قىسقا قىلىش ۋە كىيىمنى يۇيۇپ يامىماي، يىرتىق پېتى كىيىۋېرىش قاتارلىقلار.
سوپىلارنىڭ ئىچكى سۈپەتلىرىنى قازىنىشنى قويۇپ، سوپىلارغا ئوخشىۋېلىپ ياماق كىيىم كىيىش ۋە كۆك كىيىم كىيىشمۇ شۇ قاتاردىكى رىيادىندۇر.
ئۆزىگە خاس بىر ئادەت يېتىلدۈرۈپ، باشقىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، سەللىدىن سىرت نىقاب تاقىۋېلىشمۇ بۇ تۈرلۈك رىيانىڭ قاتارىدىندۇر.
بىر تەبىقىدىكى كىشىلەرگە رىيا قىلىپ، قوپال، كىر ۋە يىرتىق كىيىملەرنى كىيىپ، زاھىد سىياقىدا كۆرۈنۈش بىلەن ياخشىلىق ئەھلىنىڭ نەزەرىدە مەرتىۋە تەلەپ قىلىدىغانلارمۇ بار. ئەگەر بۇنداق قىلىدىغان كىشى سەلەف سالىهلەر كىيگەندەك پاكىز ۋە ئوتتۇراھال كىيىملەرنى كىيگەن تەقدىردىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە «زاھىدلىقنىڭ ئەيىبلىرى ئاشكارا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، ئۇ زاھىدلىق يولىدىن قايتىپتۇ» دېيىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەنىلا ھالاكەت مەرتىۋىسى ھېسابلىنىدۇ.
يەنە بىر تەبىقىدىكى كىشىلەر ياخشىلار، سۇلتانلار، ئەمىرلەر ۋە سودىگەرلەر كەبى ھەممىنىڭ نەزەرىدە مەقبۇل بولۇشنى ئىستەيدۇ. ئەگەر ئۇلار قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيسە، ياخشىلىق ئەھلى بولمىش قارىيلار ياقتۇرمايدۇ. ئەگەر ئاددىي، يىرتىق كىيىملەرنى كىيسە، ئەمىر – سۇلتانلار ۋە بايلار ئۇلارنى تۆۋەن كۆرىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار دىن ۋە دۇنيا ئەھلىنىڭ نەزەرىدە تەڭ مەقبۇل بولماق ئۈچۈن نېپىز – يۇپقا، يېپىنچا كىيىملەرنى كىيىدۇ ۋە قىممەت باھالىق قولياغلىقلارنى تۇتىدۇ. گاھى بىرىنىڭ كىيىمى باينىڭ كىيىمىدەك قىممەت باھالىق بولىدۇ. كىيىمىنىڭ رەڭگى ۋە تۇرقى سالىھلارنىڭ كىيىم رەڭگىگە ئوخشايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئىككىلا قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە تەڭ مەقبۇل بولۇشنى ئىستەيدۇ.
ئەگەر ئۇلاردىن يىرىك ياكى كىر كىيىم كىيىش تەكلىپ قىلىنسا، پادىشاھلار ۋە بايلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قورققانلىقىدىن، بۇمۇ ئۇلار ئۈچۈن ھالاكەتتۇر. ئەگەر ئۇلارغا نېپىز كىيىملەر، قىممەت باھالىق ئاق كاناپ رەخت ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىش تەۋسىيە قىلىنسا، ياخشىلىق ئەھلىنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، بۇنداق كىيىملەرنى كىيىشنىمۇ ئېغىر ئالىدۇ.
مەخسۇس بىر خىل كىيىم كىيىش شەكلى بىلەن رىيا قىلىدىغان كىشىگە ئۇ شەكىلدىن تۆۋەن ياكى يۇقىرى شەكىلدە كىيىنىش ئەيىبلىنىشتىن قورققانلىقتىن ئېغىر كېلىدۇ.
دۇنيا ئەھلىنىڭ رىيا قىلىشىغا كەلسەك، ئۇلار قىممەت باھالىق كىيىملەر، كۆركەم ئات – ئۇلاغلار، ئېسىل يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي ۋە ئۆي ئەسۋابلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەللىرى بىلەن رىيا قىلىدۇ. ئۇلار ئۆيلىرىدە يىرىك كىيىملەرنى كىيىدۇ، ھالبۇكى ئۆيىدە كىيگەن كىيىملىرى بىلەن سىرتلارغا چىقىشنى خاھلىمايدۇ.
ب) گەپ – سۆز بىلەن رىيا قىلىش. دىن ئەھلىنىڭ رىياكارلىقى ۋەز – نەسىھەت قىلىش، ئەسلىتىش، باشقىلار بىلەن مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن ساھابەلەردىن كەلگەن ئەسەر ۋە ھەدىسلەرنى يادقا ئېلىش، ئىلىمىنىڭ موللىقىنى كۆز – كۆز قىلىش، سەلەف سالىهلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش، كىشىلەر بار يەردە زىكىر ئېيتىپ ئىككى لېۋىنى قىمىرلىتىش، كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان مۇنكەرلەرگە ئاشكارا غەزەپلىنىش، قۇرئان ئوقۇغاندا قورققان ۋە قايغۇرغان قىياپەتتە ئاۋازىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ تۆۋەن قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولىدۇ.
دۇنيا ئەھلىنىڭ سۆزلۈك رىياكارلىقى بولسا شېئىر، مەسەللەرنى يادقا ئېلىش ۋە پاساھەت بىلەن سۆزلەش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ.
پ) ئەمەل بىلەن رىيا قىلىش. بۇ خۇددى ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇش، رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئۇزۇن قىلىش، خۇشۇﺋ قىلغانلىقىنى ئاشكارا قىلىش ياكى شۇنىڭدەك ئىشلار بىلەن رىيا قىلغىنىغا ئوخشاشتۇر. شۇنىڭدەك روزا تۇتۇش، غازات قىلىش، ھەج قىلىش ۋە سەدىقە قىلىش قاتارلىقلاردا رىيا قىلىشتۇر.
دۇنيا ئەھلىنىڭ ئەمەل بىلەن رىيا قىلىشىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق، ھاكاۋۇرلۇق، قوللىرىنى شىلتىش، تەكەببۇرانە قەدەم ئېلىش، كۆڭلىكىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىۋېتىش ۋە نوچىلىقىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن مەيدىسىنى كېرىپ مەغرۇرانە يۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ.
ت) ھەمراھلىرى ۋە زىيارەت قىلغۇچىلار بىلەن رىيا قىلىش. بۇ تۈردىكى كىشىلەر «پالانى پالانىنى زىيارەت قىپتۇ، دىن ئەھلى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ – كېلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بەرىكەت ئالىدۇ» دېيىشى ئۈچۈن، ئالىم ياكى ئابىدنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىپ كېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
شۇنىڭدەك يەنە شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار «پالانى كۆپ ئۇستاز كۆرگەن ۋە ئۇلاردىن پايدا ئالغان» دېيىلىشى ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىش ئۈچۈن ئۇستازلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن رىيا قىلىدۇ.
مانا بۇلار رىياكارلار رىيا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇلار بۇ رىياكارلىقلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە مەرتىۋە ۋە يۈز – ئابرۇيغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
شۇنداقلا پەقەت يۈز – ئابرۇينىلا قوغلىشىدىغان كىشىلەر بار. نۇرغۇن ئابىدلار باشقىلارنىڭ مېلىدىن تەمە قىلىشتىن قول ئۈزۈپ تاغقا چىقىپ، تەركىدۇنيا بولۇۋالىدۇ، راھىبلار بولسا چېركاۋلارغا بېكىنىۋالىدۇ. لېكىن، ئۇلار يۈز – ئابرۇينىلا ئىستەيدۇ.
رىياركارلارنىڭ ئىچىدە پەقەت مال – مۈلك سەۋدالىرى بار.
يەنە باشقىلارنىڭ مەدھىيەلىشى ۋە شۆھرىتىنىڭ تارقىلىشىنى مەقسەت قىلىدىغانلارمۇ بار.
ئەگەر «رىياكارلىق ھاراممۇ ياكى مەكرۇھمۇ؟ ۋەياكى مۇباھمۇ؟» دېيىلسە، جاۋابى شۇكى: تەپسىلىيراق ئېيتقاندا رىياكارلىق يا ئىبادەتلەردە، يا ئىبادەتلەردىن باشقا ئىشلاردا بولىدۇ. ئەگەر رىيا ئىبادەتتە قىلىنسا ئۇ ھارامدۇر. چۈنكى، ناماز، سەدىقە، ھەج ۋە شۇنىڭدەك ئىشلار بىلەن رىيا قىلغۇچى ئاسىي گۇناھكاردۇر. سەۋەبى، ئۇ بۇ ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىشقا لايىق يېگانە ئاللاھ تائالادىن باشقىسىنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. بۇ ئىشلار بىلەن رىيا قىلغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغۇچىلار قاتارىدا بولىدۇ.
ئەگەر رىيا ئىبادەتلەردىن باشقا ئىشلاردا قىلىنسا، ئالدىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، مال تەلەپ قىلىشقا ئوخشاش ئىشلاردا بولىدۇ. بۇ خىل رىيا كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە مەرتىۋە تەلەپ قىلىش جەھەتتىن ھارام بولمايدۇ. لېكىن، قايمۇقتۇرۇش ياكى چەكلەنگەن يوللار بىلەن مالغا ئېرىشىش مۇمكىن بولغىنىدەك، يۈز – ئابرۇيغا ئېرىشىشمۇ مۇمكىندۇر.
ئېھتىياجنى قامدىغۇدەك ئازغىنە مالغا ئېرىشىش ماختالغاندەك، ئازغىنە يۈز – ئابرۇيغا ئېرىشىشمۇ ماختىلىدۇ. بۇ يۈز – ئابرۇينى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدە تەلەپ قىلغان: ﴿يۈسۈف: «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن» دېدى﴾(12/«يۈسۈف»: 55).
زىيادە يۈز – ئابرۇي تېپىشنى ھارام دېمەيمىز، لېكىن يۈز – ئابرۇي كىشىنى — مال – مۈلكتە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك — دۇرۇس بولمايدىغان ئىشنى قىلىشقا ئېلىپ بارسا، ئۇ ۋاقىتتا زىيادە يۈز – ئابرۇي ھارامدۇر.
يۈز – ئابرۇي قوغلاشمايدىغان ۋە يۈز – ئابرۇيى يوقاپ كەتسىمۇ قايغۇرمايدىغان كىشىنىڭ يۈز – ئابرۇينىڭ كەڭ تارقىلىشىدا ھېچ زىيان يوق. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئالىملارنىڭ يۈز – ئابرۇيىدىنمۇ كەڭ تارقالغان يۈز – ئابرۇي بولمىغان ئىدى. لېكىن، ئىرادە – ھىممەتلەرنىڭ يۈز – ئابرۇي قوغلىشىشقا ئايلىنىشى دىندىكى نۇقسانلىقتۇر، لېكىن «ھارام» دېيىلمەيدۇ.
بىر ئادەم كىشىلەرنىڭ يېنىغا چىققاندا، ئۇلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن گۈزەل كىيىم كىيسە ۋە ئۇلار ئۈچۈن ھەرقانداق چىرايلىق كىيىم كىيسە، «بۇنىڭدىن چەكلىنىدۇ» دېيىلمەيدۇ.
بۇنىڭدا مەقسەتلەر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، كۆپىنچە كىشىلەر نۇقسانلىق ھالەتتە باشىقىلارغا كۆرۈنۈشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئىمام مۇسلىم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— قەلبىدە زەررىچىلىك كىبر بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ، — دېگەنىدى، ساھابەلەردىن بىرى:
— لېكىن، ئادەم كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ ۋە كەشىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ياخشى كۆرسىچۇ؟ — دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ھەقىقەتەن ئاللاھ گۈزەلدۇر. گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ. كىبر دېگەن ھەقنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە كىشىلەرنى تۆۋەن كۆرۈشتۇر، — دېدى(10).
كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمىتىنى ئاشكارا قىلىشنى تاللايدىغان كىشىلەر بار. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى ئاشكارا قىلىشقا بۇيرۇغان ئىدى(11).
پەسىل: رىيانىڭ دەرىجىلىرى
شۇنى بىلگىنكى، رىيانىڭ بەزىسى بەزىلىرىدىن چوڭدۇر. چۈنكى، رىيا بىرنەچچە دەرىجە بولىدۇ:
ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى رىيا: ئىبادەت قىلىشتا ئەسلا ساۋابنى مەقسەت قىلماسلىقتۇر. بۇ يالغۇر قالسا ناماز ئوقۇمايدىغان، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولسا ناماز ئوقۇيدىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر.
ئىككىنچى دەرىجە: رىيا قىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلىش بىلەن ساۋابنى بەك ئاجىز دەرىجىدە مەقسەت قىلىش بولۇپ، ئەگەر ساۋاب بولمايدىغان بولسا، ئۇ ئەمەلنى قىلمايدۇ. بۇمۇ ئاۋۋالقى رىيانىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ھەر ئىككى رىيا ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە يامان كۆرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجە: ئەمەل قىلغاندا رىيا قىلىش بىلەن بىرگە ساۋابنىمۇ مەقسەت قىلىش بولۇپ، ئەگەر ئىككىسىنىڭ بىرسى كەم بولسا ئەمەل قىلماسلىق. بۇ دەرىجىدىكى رىيا قىلغان ياخشى ئەمىلىنى بۇزىدۇ، بۇنداق رىيا قىلغۇچى گۇناھتىن ساقىت قالمايدۇ.
تۆتىنچى دەرىجە: قىلغان ئەمىلىنى كىشىلەر كۆرگەن ھامان ئىبادەتتە تېخىمۇ تېتىكلىشىش، ئەگەر باشقىلار كۆرمىسە، ئىبادىتىنى ئادەتتىكىدەك داۋاملاشتۇرۇش. بۇنداق رىياكارغا توغرا مەقسىتى ئۈچۈن ساۋاب يېزىلىدۇ، بۇزۇق مەقسىتىگە قارىتا جازا بېرىلىدۇ.
ئىبادەتنىڭ ئەسلىدە ئەمەس، سۈپەتلىرىدە رىيا قىلىشمۇ بۇ دەرىجىدىكى رىياغا يېقىن رىيادۇر. بۇ خىل رىيا بەئەينى ناماز ئوقۇيدىغان، رۇكۇ ۋە سەجدىنى يەڭگىل قىلىدىغان كىشى كىشىلەر كۆرسە، رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئۇزۇن ۋە ياخشى قىلىدىغان كىشىگە ئوخشاش. بۇمۇ چەكلەنگەن رىيادۇر. چۈنكى، بۇ خىل رىيا مەخلۇقنى ئۇلۇغلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن بۇ رىيا ئىبادەتلەرنىڭ ئەسلىدە رىيا قىلىشتىن تۆۋەندۇر.
چۈمۈلىنىڭ ماڭغىنىدىنمۇ يوشۇرۇن بولغان رىيانىڭ بايانى
رىيا — ئاشكارا رىيا ۋە يوشۇرۇن رىيا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
ئاشكارا رىيا بولسا: ئەمەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ۋە ئۇنى قىلدۇرىدىغان رىيادۇر.
بۇنىڭدىن سەل يوشۇرۇن رىيا بولسا ئۆزى يالغۇز ئەمەل قىلىشقا قوزغىمايدىغان، لېكىن ئاللاھ رازىلىقى كۆزلەنگەن ئەمەلنى قىلىشىنى يەڭگىللەشتۈرىدىغان رىيادۇر. بۇ خۇددى ھەر كېچىسى تەھەججۇد ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن، ئەمما تەھەججۇد ئوقۇش ئېغىر كېلىدىغان، لېكىن ئۆيىگە مېھمان چۈشسە، تەھەججۇد ئوقۇشقا تېتىكلىشىپ، تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش قولاي بولىدىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر.
بۇنىڭدىنمۇ يوشۇرۇنراقى ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى يەڭگىللەشتۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان، لېكىن قەلبتە يوشۇرۇنغان رىيادۇر. دۇئا قىلىش ئەمەل قىلىشقا تەسىر كۆرسەتمىسە، ئۇ خىل رىيا پەقەت ئالامەتلەر بىلەنلا تونۇلۇشى مۇمكىن. بۇ تۈردىكى رىيانىڭ ئەڭ روشەن ئالامىتى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىبادىتىنى كۆرگەنلىكىدىن خۇشاللىنىشتۇر. كۆپلىگەن بەندىلەر باركى، ئەمەل قىلغاندا ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ، رىيا قىلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ ۋە ئەمەلنى شۇ ھالەتتە تاماملايدۇ. لېكىن، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەمىلىنى كۆرۈشى ئۇنى سۆيۈندۈرىدۇ ۋە راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ، قەلبىدىن ئىبادەتنىڭ قاتتىقچىلىقىنى يوق قىلىدۇ. بۇ سۆيۈنۈش بولسا خۇشاللىق تەپچىرەپ چىقىدىغان يوشۇرۇن بىر رىيانىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. قەلب كىشىلەرگە قارىمىغان بولسا ئىدى، كىشلەر ئۇنىڭغا قارىغاندا، ھەرگىز بۇنداق سۆيۈنمىگەن بولاتتى. دېمەك، بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، رىيا قەلبتە يانار تاغ ئىچىدىكى ۋولقاندەك يوشۇرۇنغان ھالەتتە ئىدى، بىراۋنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى كۆرۈشى بىلەن ئۇ رىيانىڭ خۇشال بولۇشتىن ئىبارەت ئىزى مەلۇم بولغان بولدى. ئاندىن ئۇ ئەمىلىنى بىراۋنىڭ كۆرگەنلىكىدىن لەززەت ئالغىنىنى سەزگەندە, ئۇنىڭدىن بىئارام بولماقتا يوق، بەلكى تېخى بەزىدە ئازراق قىمىرلاپ قويىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەمىلىنى بىلىشكە ئوچۇق گەپ بىلەن ئەمەس، دارىتما قىلىش بىلەن كۈچەپ قالىدۇ.
بەزىدە قىلىنغان ئىبادەت مەخپىي قالىدۇ، ئۇنى ئىما – ئىشارەت ياكى ئوچۇق سۆزلەر بىلەن ئاشكارا قىلمايدۇ، لېكىن ياداش، چىرايىنىڭ سارغىيىپ كېتىشى، ئۈنىنىڭ پۈتۈپ كېتىشى، لەۋلىرىنىڭ گەز باغلاپ كېتىشى، ياش ئىزلىرى ۋە ئۇزۇن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغانلىققا دالالەت قىلىدىغان مۈگدەپ يۈرۈش قاتارلىق تەبىئىي كۆرۈنۈشلەر بىلەن ئاشكارا قىلىدۇ.
بۇنىڭدىنمۇ يوشۇرۇنراقى ھېچكىمنىڭ كۆرۈشىنى خاھلىماي، ئىبادەتنى يوشۇرۇن قىلىش. لېكىن، بۇنداق ئىبادەت قىلغۇچى كىشىلەرنى كۆرسە، كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە باشتا سالام قىلىشىنى، ئۆزى بىلەن كۆرۈشكۈچىنىڭ خۇشال – خۇرام ۋە مۇتەبەسسىم بولۇشىنى، ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىشقا تىرىشىشىنى، مۇئامىلىدە ئۆزىگە كەڭ قول بولۇشىنى ۋە ئۆزىگە كەڭ – كۇشادە جاي راسلاپ بېرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر بىرەر بىپەرۋا ئۆزىگە سەل قارىسا — خۇددى يوشۇرۇن قىلغان ئىبادىتىگە باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندەك — ئۇ ئەھۋال ئۇنىڭ قەلبىگە ئېغىر كېلىدۇ.
ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا مۇئامىلە قىلىشتا قىلغان ئىبادەتنىڭ بار – يوقلۇقىنىڭ پەرقى بولسىلا، رىيانىڭ مەخپىي شائىبىسىدىن خالىي بولمىغان بولىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئىبادەتنىڭ ئەجرىنى كېمەيتىۋېتىدۇ. بۇ خىل رىيادىن پەقەت سىددىقلارلا ساقلىنالايدۇ.
ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھتىن رىۋايەت قىلىنىپتۇكى: «بىر ئابىد كىشى ھەمراھلىرىغا: ‹بىز ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىزدىن شۇلار يۈزىدىن ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ ئايرىلدۇق. بىز مالدارغا ماللىرى سەۋەبلىك قونغان ھەددىدىن ئېشىشتىن بەكرەك، بىزگە ئابىدلىكتە ھەددىدىن ئېشىش قونۇشىدىن قورقىمىز. بەزى بىرلىرىمىز باشقىلار بىلەن ئۇچراشسا، دىنى سەۋەبلىك ئىززەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر بىرەر ھاجىتى بولسا، دىنىي ئابرۇيى سەۋەبلىك ئۇ ھاجىتىنىڭ ئادا قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىرنەرسە سېتىۋالسا، دىنىي مەرتىۋىسى سەۋەبلىك ئۇ نەرسىنىڭ ئەرزان بېرىلىشنى ئىستەيدۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپ پادىشاھىغا يەتتى. پادىشاھ ئابىد بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇلاغقا مىنىپ بىر توپ كىشىلەر بىلەن يولغا چىقتى، ھەتتا، ئالامان كۆپلۈكىدىن تۈزلەڭلىك ۋە تاغنى بىر ئالغان ئىدى. ئابىد:
— بۇ نېمە ئەھۋال؟ — دېگەنىدى، ئۇنىڭغا:
— پادىشاھ كەپتۇ، — دېيىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ھەمراھىغا:
— ماڭا تاماق كەلتۈرگىن! — دېگەنىدى، ھەمراھى كۆكتات، قۇرۇق ئۈزۈم ۋە خورما يىلىمى كەلتۈردى. ئابىد بۇ تاماقنى ئىككى قۇۋزىنى لىق توشقۇزۇپ، قاتتىق ئاچكۆزلۈك بىلەن يېيىشكە باشلىدى. ئاندىن پادىشاھ:
— سىلەرنىڭ ئابىد ھەمراھىڭلار قېنى؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:
— بۇ (كىشى)، — دېدى. پادىشاھ:
— قانداقراق ئەھۋالىڭ؟ — دېگەنىدى، ئابىد:
— كىشىلەرگە ئوخشاش، — دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ: ‹بۇ ئادەمنىڭ قېشىدا ياخشىلىق يوق› دېدى ۋە قايتىپ كەتتى. ئاندىن ئابىد: ‹پادىشاھنى مەندىن بىزار ھالەتتە قايتۇرغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن› دېدى».
ئىخلاسمەن كىشىلەر دائىم يوشۇرۇن رىيادىن قورقىدۇ. كىشىلەرنى ياخشى ئەمەللىرىنى كۆرسەتمەي ئالداپ قويىدۇ. ياخشى ئەمەللىرىنى يامان ئىشلارنى يوشۇرغاندىن بەكرەك يوشۇرىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ ئىخلاس بىلەن قىلغان ئەمەللىرى سەۋەبلىك مۇكاپات بېرىشى ئۈچۈن، ئەمەللىرىنىڭ خالىس بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىندۇر.
مەخپىي رىيانىڭ بىلىپ – بىلمەي ئارىلىشىپ قېلىشى نىھايەتتە كۆپتۇر. قاچانكى، ئىنسان ئۆز نەپسىدە كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمىلىنى كۆرۈشى بىلەن كۆرمەسلىكى ئارىسىدىكى پەرقنى سەزسە، ئۇنىڭدا رىيادىن بىر شاخچە بىخ سۈرگەن بولىدۇ. لېكىن، ئەمەلگە ئارىلاشقان رىيانىڭ ھەممىسى ئەجرنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ ۋە ئەمەلنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. قايسى رىيانىڭ ئەمەلنى بۇزىدىغانلىقى ۋە ئەجرنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى تەپسىلاتلار بار.
قىلغان ئىبادىتىنى باشقىلار بىلسە سۆيۈنمەيدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئەگەر «ئىبادىتىنى باشقىلار كۆرسە سۆيۈنۈشنىڭ ھەممىسى ئەيىبلىنەمدۇ؟» دېيىلسە، جاۋابى شۇكى: «ئىبادىتىنى باشقىلار كۆرسە سۆيۈنۈش ماختىلىدىغان سۆيۈنۈش ۋە ئەيىبلىنىدىغان سۆيۈنۈش دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ»:
ماختىلىدىغان سۆيۈنۈش: كىشىنىڭ مەقسىتى تائەت – ئىبادىتىنى يوشۇرۇش ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلىش بولسا، لېكىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئىبادىتىنى كۆرگەندە، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىبادىتىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە گۈزەل تەرەپلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ ۋەجدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقى، ھەقتائالانىڭ ئۆزىگە نەزەر سالىدىغانلىقى ۋە مېھرىبانلىقى سەۋەبلىك سۆيۈنىدۇ. ئەسلىدە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تائەت – ئىبادەتلىرىنى ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلىرىنى ياپقان ئىدى. كېيىن ئۇنىڭ تائەت – ئىبادىتىنى ئاشكارا قىلىپ، گۇناھ – مەئسىيىتىنى ياپتى. قەبىھ گۇناھلارنى يېپىش ۋە گۈزەل تەرىپىنى ئاشكارا قىلىشتىنمۇ چوڭ مېھرىبانلىق بولمايدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ خۇشاللىقى ۋە سۆيۈنۈشى بۇ سەۋەبلىك بولىدۇ. ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ماختىغانلىقىغا ياكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە مەرتىۋە تىكلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئەمەس. ياكى بولمىسا ئۇ دۇنيادا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ يامان ئەمەللىرىنى يېپىپ، گۈزەل ئەمەللىرىنى ئاشكارا قىلىش بىلەن «ئاللاھ تائالا ماڭا ئاخىرەتتىمۇ شۇنداق قىلىدۇ» دېگەننى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ خۇشال بولسا، بۇ ھەم ماختىلىدۇ. چۈنكى شۇ مەنادا ھەدىس كەلگەندۇر(12).
ئەمما، ئۇنىڭ خۇشاللىقى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمىلىنى كۆرۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ نەزەرىدە مەرتىۋىگە ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ ماختىشى، ئۇنى چوڭ بىلىشى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ بېرىشىدىن كەلگەن بولسا، بۇ ئەيىبلىنىدىغان مەكرۇھتۇر.
ئەگەر ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان: «بىر ئادەم:
— ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىر ئادەم بىر ئەمەلنى مەخپىي قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ ئەمەلنى باشقىلار كۆرۈپ قالسا، ئۇنى خۇشال قىلىدۇ، — دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇ ئادەمگە مەخپىي ۋە ئاشكارا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئەجىر بولىدۇ، — دېدى»(13) دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى نېمە؟ – دېيىلسە، جاۋاب: بۇ ھەدىس زەئىفتۇر. ئۇنى تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان. بەزى ئەھلى ئىلىملەر بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىنى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «سىلەر ئاللاھنىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرى»(14) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مەنىسى «كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق بىلەن ماختىغانلىقى ئۇنى خۇشال قىلغانلىقى» دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئىمام مۇسلىم بىر ھەدىستە، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئېيتىپ بەرسىلىچۇ، بىر ئادەم بىر ياخشى ئەمەلنى قىلسا ۋە ئۇنى كىشىلەر ماختىسا قانداق بولىدۇ؟» دېيىلگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇ بولسا مۇئمىننىڭ بېشارىتىنىڭ نەق ئېرىشىدىغىنىدۇر» دېدى(15).
ئەمما، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەل قىلغانلىقىنى بىلگەنلىكى ۋە شۇ ۋەجدىن ئۆزىگە ئىززەت – ھۆرمەت كۆرسەتكەنلىكى كىشىنى خۇشال قىلسا، بۇ رىيادۇر.
ئەمەلنى يوققا چىقىرىدىغان ۋە يوققا چىقارمايدىغان رىيا توغرىسىدا
بىر بەندىگە رىيا قىلسا، ئۇ رىيا ئىبادەتتىن كېيىن ياكى ئىبادەتتىن ئالدىن كەلگەن بولىدۇ. ئەگەر بىر بەندە ياخشى ئەمەلدىن بىرنى قىلىپ، ئەمىلىنى ئۆزى ئاشكارا قىلمىسىمۇ، ئۆزلىكىدىن ئاشكارا بولۇپ ئۇنىڭغا خۇشاللىق يەتكەن بولسا، بۇ سۆيۈنۈش ئەمەلنى يوققا چىقارمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەمەل باشتىلا خالىس ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىندى. دېمەك، بىر ئەمەل ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خالىسانە تاماملانغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن سۆيۈنۈش كەبى ئىشلار ئۇنى توغرا ئەمەل بولۇشتىن بۇرۇۋەتمەيدۇ. قىلغان ئەمىلىنى ئۆزى ئاشكارا قىلمىغان ۋە باشقىلارغا سۆزلىمىگەن بولسا، تېخىمۇ شۇنداق. ئەگەر ئەمىلىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى باشقىلارغا سۆزلىسە ۋە ئاشكارا قىلسا، ئۇ ئەمەل قورقۇنچلىق بىر ئەمەلدۇر. بۇنىڭدىن كىشىنىڭ قەلبىدە ئەمەلنى قىلغان ۋاقىتتىلا بىر تۈرلۈك رىيانىڭ بارلىقى بىلىنىدۇ. ئەگەر كىشى رىيا قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئەمىلىنى سۆزلىگەنلىكى ۋە ئاشكارا قىلغانلىقى ئۈچۈن قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابى كېمىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئاشكارا ئەمەل بىلەن يوشۇرۇن ئەمەلنىڭ ئارىسىدا 70 دەرىجە پەرق باردۇر.
لېكىن، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئوقۇلغان ناماز كەبى ئىبادەتلەرنى تاماملاش ئالدىدا رىيا كىرگەن، ئەگەر رىيا پەقەت سۆيۈنۈش بولسا، ئۇ ئەمەلگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەگەر رىيا كىشىنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تۈرتكە بولغان رىيا بولسا — ئۆزىنى باشقىلار كۆرسۈن ئۈچۈن نامازنى ئۇزۇن ئوقۇغانغا ئوخشاش — بۇنداق رىيا ئەمەلنى يوققا چىقىرىدۇ.
نامازنى رىيا مەقسىتىدە باشلاپ ئوقۇغانغا ئوخشاش ئىبادەتكە باغلىنىپ كەلگەن رىياغا كەلسەك، ئەگەر ئۇ كىشى نامازنى شۇ رىياكار ھالىتىدە تاماملىغان بولسا، ئۇ ناماز ناماز ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر ناماز ئىچىدە تۇرۇپ قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلسا، ئۇ نامازنى باشتىن قايتا ئوقۇشى لازىم بولىدۇ.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
رىياكارلىقنىڭ دورىسى ۋە قەلبنى ئۇنىڭدىن داۋالاشنىڭ يولى
رىياكارلىقنىڭ ئەمەلنى بىكار قىلىۋەتكۈچى، ئاللاھ تائالانىڭ يامان كۆرۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئەمەل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھالاك قىلغۇچى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدىڭ. شۇڭا، رىياكار كىشى رىيادىن قول ئۈزۈش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق قىلىشقا لايىقتۇر.
رىيانى داۋالاشنىڭ رىيانىڭ شاخلىنىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان يان يىلتىزلىرىنى ۋە غول يىلتىزلىرىنى قومۇرۇپ تاشلاش ۋە قوزغالغان رىيانى نەق مەيداندا دەﻓﺌ قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى مەرتىۋىسى بولىدۇ.
بىرىنچى مەرتىۋە: شۇنى بىلگىنكى، يۈز – ئابرۇي ۋە مەرتىۋە كويىدا بولۇش رىيانىڭ ئاساسىدۇر. بۇ سۆز تەپسىلى بايان قىلىنسا، ئۈچ ئاساسقا تايىنىدۇ. ئۇلار بولسا ماختىنىشنى ياخشى كۆرۈش، تەنقىدنى يامان كۆرۈش ۋە تەمەخورلۇقتىن ئىبارەت.
بۇنىڭ دەلىلى «سەھىھەين»دىكى ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدۇر. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
— ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! بىر ئادەم باتۇرلۇق قىلىپ ئۇرۇشىدۇ، يەنە بىرى غەزىپى تاشقانلىقتىن ئۇرۇش قىلىدۇ، يەنە بىرى بولسا رىيا قىلىپ ئۇرۇشىدۇ، بۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقان بولىدۇ؟ — دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىسى ئەڭ ئالىي بولۇشى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلسا، ئۇ كىشى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقان بولىدۇ، — دېدى»(16).
ئۇ كىشىنىڭ: «باتۇرلۇق قىلىپ ئۇرۇش قىلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: «كىشىلەر ئارىسىدا تىلغا ئېلىنىش ۋە ماختىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ» دېگەنلىكتۇر. «غەزىپى تاشقانلىقتىن ئۇرۇش قىلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: «ئەيىبلىنىش ياكى يېڭىلىپ قېلىشتىن يىرگىنىپ ئۇرۇش قىلىدۇ» دېگەنلىكتۇر. «رىيا قىلىپ ئۇرۇشىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى بولسا: «ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ كۆرۈلۈشى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ» دېگەنلىكتۇر. بۇ بولسا يۈز – ئابرۇي ۋە مەرتىۋىنىڭ قەلبلەردىكى لەززىتىدۇر.
بەزىدە ئىنسان ماختىلىشنى خاھلىمايدۇ، ئەمما ئۇ قورقۇنچاقلاردەك ئەيىبلىنىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ. بەزىدە بەردەم تۇرىدۇ، ھەتتا تاپا – تەنە بولمىسۇن دەپ قاچمايدۇ. بەزىدە ئىنسان بىلىمسزلىك بىلەن ئەيىبلىنىشتىن ئېھتىيات قىلىپ ئىلىمىسز ھالەتتە پەتۋا بېرىدۇ. دېمەك، بۇ ئۈچ ئىش ئىنساننى رىيا قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.
بۇنى داۋالاشنىڭ يولى تۆۋەندىكىچە: ئەگەر ئىنسان بىرنەرسىنى ئۆزىگە «دەرھال ياكى كېيىنچە ياخشى ۋە مەنپەئەتلىك» دەپ ئويلىسا، ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ ۋە مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ نەرسىنىڭ نەق شۇ پەيتتە تاتلىق، لېكىن كېيىنچە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇ كىشىگە ئۇنىڭدىن يىراق بولۇش ۋە قىزىقىشىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئاسان بولىدۇ. بۇ خۇددى ھەسەلنىڭ تاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا زەھەر بارلىقى ئاشكارىلانغان ھامان ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەندەك بىر ئىش. شۇنىڭدەك بۇ قىزىقىشتا ئۇنىڭدىكى زىيانلارنىمۇ بىلىش كېرەك. يەنى قاچانكى، ئىنسان رىيانىڭ زىيانلىرىنى ۋە رىيا سەۋەبلىك قولدىن كېتىدىغان قەلبنىڭ ئوڭشىلىشى ۋە ئاخىرەتتىكى ئۈستۈن مەرتىۋە قاتارلىق ئىشلارنى بىلسە ۋە يەنە دۇنيادا يولۇققۇسى كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش ۋەجىدىن غەم – قايغۇنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن بىرگە، ئاخىرەتتە دۇچار بولغۇسى ئازاب ۋە خارلىقلارنى بىلسە (ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش ئاسان بولىدۇ). ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى رازى قىلىش يېتىپ بولماس بىر نىشاندۇر. چۈنكى، بىر قىسىم ئىنسانلار رازى بولغان ئىشلارغا باشقا بىر تۈركۈم ئىنسانلار ئاچچىقلىنىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ رازى بولۇشىنى تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە غەزەپ قىلىدۇ ۋە باشقا ئىنسانلارنىمۇ ئۇنىڭغا غەزەپلەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ كىشى نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ مەدھىيەلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپىگە تەۋەككۈل قىلىدۇ؟! خالايىقنىڭ مەدھىيەسى رىزىقنى زىيادە قىلىپ، ئەجەلنى كېچىكتۈرەلمەيدۇ ۋە قاتتىق موھتاجلىق كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھېچقانداق مەنپەئەت قىلمايدۇ! شۇنىڭدەك كىشى نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلىشىدىن قورقىدۇ؟ ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشى ئۇ كىشىگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، نە ئەجىلىنى، نە رىزقىنى كېچىكتۈرەلمەيدۇ، چۈنكى پۈتۈن بەندىلەر ئاجىزدۇر. ﴿ئۇلار (يەنى بۇتلار) ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەﻓﺌ قىلالمايدۇ. ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، (باشقىلارنىڭ) جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ﴾(25/«فۇرقان»: 3). ئەگەر بۇ نۇقتىلار كىشىنىڭ كۆڭلىدە جايلاشسا، كىشىدە رىيا قىلىشقا بولغان قىزىقىش ئاجىزلايدۇ ۋە ئاللاھ تائالاغا قەلبى بىلەن يۈزلىنىدۇ. چۈنكى، ئەقىللىق كىشى ئۆزىگە زىيانلىق بولغان ۋە مەنپەئەتى ئاز بولغان نەرسىگە قىزىقمايدۇ.
تەمەخورلۇققا كەلسەك، بەندىدىن تەمە قىلىشنى ئاللاھ تائالانىڭ قەلبلەرنى بېرىش ۋە چەكلەش بىلەن بويسۇندۇرۇدىغانلىقىنى، ئاللاھتىن ئۆزگە رىزىق بەرگۈچىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىش بىلەن يوق قىلىش كېرەك. كىشىلەردىن تەمە قىلغان كىشى خارلىق ۋە نائۈمىد بولۇشتىن خالىي قالمايدۇ، ئەگەر مەقسىتىگە يەتكەن تەقدىردىمۇ مىننەت قىلىنىش ۋە خارلىنىشتىن خالىي بولمايدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن، بۇ تۈرلۈك قۇرۇق ئۈمىد ۋە خام خىياللار بىلەن قانداقمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋابنى تەرك ئەتكىلى بولسۇن.
رىيانى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىلىرىدىن بىرى: ئىبادەتلەرنى يوشۇرۇشقا ئادەتلىنىش ۋە پاھىشە ئىشلار ئالدىدا ئىشىكلەر ئېتىلگەندەك، رىيا ئالدىدا ئىشىكلەرنى ئېتىشتۇر. چۈنكى، رىياغا ئەمەللەرنى يوشۇرۇشتىنمۇ پايدىلىق دورا يوقتۇر. بۇ دەسلەپتە قىيىن كېلىدۇ. ئىبادەتلەرنى يوشۇرۇشقا بىر مۇددەت ئۆزىنى زورلاپ سەبر قىلسا، بارا – بارا قىيىنلىقى ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئاسانلىق بېرىدۇ. شۇڭا، بەندە بار كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق قىلىش كېرەك. تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
ئىككىنچى مەرتىۋە: ئىبادەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن رىيانى يوق قىلىش. بۇنى يوق قىلىشنىمۇ ئۆگىنىش لازىم. كىمكى نەپسىگە قارشى جىھاد قىلسا ۋە قەلبىدىكى رىيا كۆچەتلىرىنى قانائەتچانلىق ۋە نەپسىنى خارلاش، ماختىلىش ۋە ئەيىبلىنىشكە پىسەنت قىلماسلىق بىلەن قومۇرۇپ تاشلىسا، شەيتان ئۇنى ئىبادەت جەريانىدا يەنىلا تاشلىۋەتمەيدۇ. بەلكى ئۇنى تۈرلۈك خىياللارغا سېلىپ رىيا قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ. ئەگەر كىشى قەلبىگە ئۆز ئىبادىتىنى خالايىققا بىلدۈرۈش ۋە ئاڭلىتىش ۋەسۋەسىسى كىرسە، كۆڭلىدە: «كىشىلەر سېنىڭ ئەمىلىڭنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، سېنىڭ نېمە ئىشىڭ، ئاللاھ سېنىڭ ئەھۋالىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ بىلگەن ئىكەن، باشقىلارنىڭ بىلىشى نەھاجەت؟!» دېيىش بىلەن بۇ ۋەسۋەسىنى دەﻓﺌ قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.
ئەگەر كىشىدە ماختىلىش ئاپىتىگە قىزىقىش قوزغالسا، نەپسىگە رىيا ئاپەتلىرىنى ۋە يامان كۆرۈلۈشكە دۇچار بولۇشنى ئەسلەتسۇن. قىزىقىشقا يامان كۆرۈش بىلەن قارشى تۇرىدۇ. چۈنكى، ئەمەللىرىنى باشقىلارنىڭ بىلگەنلىكىنى بىلىش قىزىقىشنى قوزغايدۇ. رىيانىڭ ئاپەتلىرىنى بىلىش بولسا ئۇنى يامان كۆرۈشنى قوزغايدۇ.
تائەت – ئىبادەتلەرنى ئاشكارا قىلىشقا ۋە گۇناھلارنى يوشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان تەرەپلەرنىڭ بايانى
شۇنداقلا گۇناھىنى كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشى ۋە ئەيىبلىشىنى خاھلىماسلىق توغرىسىدا
ئەۋۋەلا شۇنى بىلگىنكى، يوشۇرۇن ئەمەللەردە ئەمەلنى پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىش ۋە رىيادىن خالىي بولۇشتەك پايدا بار. ئاشكارا ئەمەللەردە بولسا باشقىلارنىڭ ئۇ ئەمەلگە ئەگىشىشى ۋە كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقتۇرۇش پايدىسى بار.
ئەمەللەردىن ھەج ۋە جىھادقا ئوخشاش يوشۇرۇن قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئەمەللەر بار.
ئەمەلنى ئاشكارا قىلغۇچى ئۆز قەلبىدە يوشۇرۇن رىياغا مايىللىق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قەلبىنى كۆزەتكەي، قىلغان ئەمىلىگە باشقىلارنىڭ ئەگىشىشىنى كۆزلىگەي. ئاجىز كىشى ئەمىلىنى ئاشكارا قىلىش بىلەن ئۆزىنى ئالدىمىسۇن. چۈنكى، ئاجىز كىشى سۇ ئۈزۈشنى ياخشى بىلمىگەنلىكتىن غەرق بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئاجىز كىشى غەرق بولۇپ كېتىۋاتقان جامائەتنى كۆرسە، ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سۇغا سەكرەپ چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ئېسىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولىدۇ.
كۈچلۈك، ھەر ئىشتا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان، نەزەرىدە ھەممە كىشى باراۋەر، بىراۋنىڭ ماختىشى ياكى ئەيىبلىشىگە پىسەنت قىلمايدىغان مۇكەممەل كىشىگە كەلسەك، ئۇنداق كىشى ئەمىلىنى ئاشكارا قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، ياخشى ئىشقا قىزىقتۇرۇش ياخشى ئىشتۇر. سەلەف سالىهلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭمۇ ئەمىلىنى ئاشكارا قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئەگىشىشى ئۈچۈن بەزى گۈزەل ئەمەللىرىنى ئاشكارا قىلاتتى.
ئۇلاردىن بىرى جان تەسلىم قىلىۋاتقاندا ئەھلىگە: «مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار. چۈنكى، مەن مۇسۇلمان بولغاندىن بېرى گۇناھ – مەئسىيەتكە ياتىدىغان بىرەر ئېغىز سۆز قىلىپ باقمىدىم» دېگەنىكەن.
ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەيياش رەھىمەھۇللاھ ئوغلىغا مۇنداق دېگەن: «بۇ ھۇجرىدا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلانغىن. چۈنكى، مەن بۇ ھۇجرىدا 12 مىڭ قېتىم ‹خەتمە قۇرئان› قىلدىم».
سەلەف سالىهلەرنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلىرى ناھايىتى كۆپتۇر.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
گۇناھلارنى يوشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان تەرەپلەرنىڭ بايانى
گۇناھىنى كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشى ۋە ئەيىبلىشىنى خاھلىماسلىق توغرىسىدا
كىشى بەزىدە خاتالىقنى يوشۇرۇشنى رىيا دەپ گۇمان قىلىشى مۇمكىن. ھەقىقەتتە ئۇ رىيا ئەمەستۇر. راستچىل كىشى گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇنى ياپىدۇ. چۈنكى، ھەقتائالا گۇناھلارنى ئاشكارىلاشنى يامان كۆرىدۇ، ئەكسىچە يېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى (ئاللاھ چەكلىگەن) بۇ چىركىن ئىشلاردىن بىرەرسىنى قىلىپ قالسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى ياپقاندەك ئۇمۇ (ئۇنى باشقىلاردىن) يوشۇرسۇن»(17) دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
كىشى گۇناھ قىلىپ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىسىمۇ، قەلبى ئاللاھ ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرۈشتىن خالىي بولمايدۇ. بۇ بولسا ئىماننىڭ كۈچىدىندۇر.
گۇناھىنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى ھەم يامان كۆرۈش كېرەك. بۇ بولسا يامان كۆرگۈچىدىكى راستچىللىقنىڭ ئالامىتىدۇر.
كىشىلەر ئەيىب سانايدىغان ئەمەللەرنى قىلىشنى ھەم يامان كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى، باشقىلارنىڭ مالامىتى قەلبنى ۋە ئەقىلنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن توسىدۇ. ئىنسان تەبىئىتى تاپا – تەنەدىن ئەزىيەت تارتىدۇ. شۇل بائىس، ماختىنىش ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن يىراقلاشتۇرۇپ، قەلبنى مەشغۇل قىلىپ، زىكىردىن توسسا ماختىنىشنى يامان كۆرۈش كېرەك. بۇ ھەم ئىماننىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدىندۇر.
رىيا ۋە باشقا ئاپەتلەردىن قورقۇپ تائەت – ئىبادەتلەرنى تەرك ئېتىشنىڭ بايانى
ئەگەر تائەت – ئىبادەتنى قىلىشقا دىندىن ئۆزگە نەرسە تۈرتكە بولغان بولسا، ئۇنداق ئەمەلنى تەرك ئېتىش كېرەك. چۈنكى، ئۇ تائەت ئەمەس، بەلكى مەئسىيەتتۇر.
ئەگەر مەلۇم ئىبادەت دىننىڭ تۈرتكىسى بىلەن قىلىنغان بولسا ۋە ئۇ ئەمەل ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولسا، ئۇنى تەرك ئەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، ئۇ ئەمەلنى قىلىشقا دىن تۈرتكە بولغاندۇر.
شۇنداقلا، باشقىلارنىڭ «رىياكار» دەپ قېلىشدىن قورقۇپ قىلىدىغان ئەمەلنى تەرك ئەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، ئۇ شەيتاننىڭ ھىيلە – مىكرىدىندۇر.
ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «نامىزىڭدا شەيتان يېنىڭغا كېلىپ: ‹سەن رىياكارسەن› دەپ ۋەسۋەسە سالسا، نامازنى تېخىمۇ ئۇزۇن ئوقۇغىن».
بەزى سەلەف سالىهلەرنىڭ رىيا بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئىبادەت قىلىشنى تەرك ئەتكەنلىكىگە كەلسەك، ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھتىن رىۋايەت قىلىنغاندەك: ئۇ قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا، بىر كىشى ئۇنىڭغا يېنىغا كىردى. ئىبراھىم نەخەئىي قۇرئاننى يېپىۋېتىپ، قۇرئان ئوقۇشنى توختاتتى ۋە «بۇ ئادەم مېنى ھەر سائەتتە قۇرئان ئوقۇيدىكەن، دەپ ئويلاپ قالمىسۇن» دېدى. بۇ رىۋايەتتىن قارىغاندا ئۇلار كۆڭلىدە باشقىلارغا ئەمىلىنىڭ گۈزەل كۆرۈنۈپ قېلىشىنى سەزگەنلىكىدىن ئەمىلىنى توختاتقان بولسا كېرەك.
بەندىنىڭ ئەمىلىدىن كىشىلەرنىڭ كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك توغرا بولىدىغان ۋە توغرا بولمايدىغان ئىشلار
بىر كىشى بەزىدە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيدىغانلار بىلەن بىرگە قونۇپ قالىدۇ، ئاندىن ئۇلار كېچىنىڭ كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ كىشىنىڭ ئادىتى بىر سائەت قىيامدا تۇرۇش بولۇپ، ئۇلارغا قوشۇلغانىكەن ئۇزۇن كېچە قىيامدا تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ ياكى ئۇلار روزا تۇتسا ئۇ كىشىمۇ روزا تۇتىدۇ، ئۇ جامائەت بولمىسا ئىدى، ئۇ كىشى بۇنچە تېتىك بولمايتتى. بەزىلەر بۇنى رىيا دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ مۇتلەق رىيا دېيىلمەيدۇ. بەلكى بۇنىڭ رىيا بولىدىغان ۋە رىيا بولمايدىغان تەرەپلىرى باردۇر: ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقا قىزىقىدىغان، لېكىن بەزى توسالغۇلار تۈپەيلى ۋە غەپلەت مەھكۇمى ھەرقانداق مۇئمىن بەزىدە باشقىلارنى كۆرسە غەپلەتتىن قۇتۇلۇپ، توسالغۇلار كۆتۈرۈلىدۇ. چۈنكى، كىشى ئۆز ئۆيىدە بولسا يۇمشاق تۆشەكتە ئۇخلاشقا ۋە ئايالى بىلەن ھۇزۇرلىنىشقا قادىر بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ناتونۇش بىر يەردە قونۇپ قالسا، بۇ پاراغەتلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۇنى ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەيدىغان سەۋەبلەر ھاسىل بولىدۇ. ئىبادەت قىلغۇچىلارنى كۆرۈش شۇ سەۋەبلەر جۈملىسىدىندۇر. بەزىدە كىشى ئۆز ئۆيىدە يېمەك – ئىچمەك موللىقىدىن روزا تۇتالمايدۇ، ئۆزگە ئۆيىدە بولسا ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭدەك ئەھۋاللاردا شەيتان ئىنساننى ئىبادەت قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ. شەيتان ئۇنىڭغا: «سەن ئۆز ئادىتىڭدىن باشقا ئىش قىلساڭ، رىياكار بولىسەن» دەپ ۋەسۋەسە سالىدۇ. كىشى پەقەت ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسىتىگە نەزەر سېلىشى، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە باقماسلىقى كېرەك.
ئۆزى كىشىلەرنى كۆرىدىغان، ئەمما كىشىلەر ئۆزىنى كۆرمەيدىغان بىر ئورۇندا «يېنىدا كىشىلەر بار» دەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى سىناپ بېقىشى، ئەگەر نەپسىنى ئىبادەتكە بېرىلگەن ھالەتتە كۆرسە، ئۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئەگەر بېرىلمىسە، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئىبادەتكە بېرىلىشى رىيا بولىدۇ. باشقا ئىشلارنىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە ئايرىسا بولىدۇ.
مانا بۇلار رىيا ئاپەتلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر. سەن بۇ ئاپەتلەر توغرۇلۇق تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدەنگىن، نىيىتىڭنى يوقلاپ تۇرغىن. چۈنكى، رىيا چۈمۈلىنىڭ ماڭغىنىدىنمۇ يوشۇرۇندۇر.
ئاللاھ رازىلىقىنى ئىرادە قىلغۇچى ئۆزىنىڭ بارلىق تائەت – ئىبادەتلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا قەلبىنى قانائەت قىلىشقا زورلىشى لازىم.
ئاللاھ رازىلىقىنى ئىرادە قىلغۇچىنىڭ ئەمەلنىڭ ئالدى – كەينىدە ۋە ئەمەل قىلىۋاتقاندا نەپسىگە لازىم بولىدىغان سۈپەتلەرنىڭ بايانى
بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورققان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىنى ئۈمىد قىلغان كىشىلا قانائەت قىلىدۇ. ئاللاھ رازىلىقنى ئىرادە قىلغۇچى «ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەشكە پەقەت كۈچلۈك كىشىلەرلا قادىر بولالايدۇ، مەن بولسام ياخشى ئىشلار بىلەن يامان ئىشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلىدىغان كىشىلەردىنمەن» دەپ قېلىپ ئۆز نەپسىنى ھەر ئىشنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىشتىن ئىبارەت ئىخلاس قىلىشتىن ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكى كېرەك ۋە ئىخلاس سۈپىتىنى ھاسىل قىلىشنى تاشلىماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ياخشى ۋە يامان ئەمەلنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلىدىغان كىشى ئىخلاس سۈپىتىگە تېخىمۇ موھتاجدۇر.
ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىلىم – مەرىپەتنى سەمئان دېيىلىدىغان بىر راھىبتىن ئۆگەندىم. مەن ئۇنىڭ چېركاۋىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا:
— سەن بۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟ — دېگەنىدىم، ئۇ:
— 70 يىل بولدى، — دېدى.
— سەن نېمە يەيسەن؟
— ھەر كېچىسى بىر تال پۇرچاق.
— شۇ بىر تال پۇرچاقنىڭ كۇپايە بولۇشى ئۈچۈن قەلبىڭنى بويسۇندۇرغان نەرسە نېمە؟
— مۇنۇ ئۇدۇلۇڭدىكى چېركاۋنى كۆردۈڭمۇ؟
— ھەئە.
— ناسارالار مېنىڭ يېنىمغا ھەر يىلى بىر قېتىم كېلىدۇ ۋە ئىبادەتخانامنى زىننەتلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تاۋاپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇلار مېنى ئۇلۇغلايدۇ. قاچانكى نەپسىم ئىبادەت قىلىشقا ئېغىرلىق قىلسا، مەن نەپسىمگە شۇ سائەتتىكى ئەزىزىلىكنى ئەسلىتىمەن. مەن شۇ بىر سائەتلىك ئەزىزلىك ئۈچۈن بىر يىل قىيىنچىلىققا سەبر قىلىمەن. شۇڭا، سەنمۇ ئى مۇسۇلمان! مەڭگۈلۈك ئەزىزلىك ئۈچۈن بىر سائەتلىك قىيىنچىلىقنى كۆتۈرگىن. نەتىجىدە قەلبىمدە بۇ ئىلىم – مەرىپەت ئىز قالدۇردى.
ئۇ:
— يەنە سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ — دېگەنىدى، مەن:
— ماقۇل، — دېدىم. ئۇ ماڭا:
— قېنى چېركاۋدىن چۈشكىن، — دېدى. مەن چېركاۋدىن چۈشتۈم، ئۇ ماڭا ئىچىگە 20 تال پۇرچاق سېلىنغان بىر تۇلۇمنى تاشلىدى، ئاندىن ماڭا:
— ئاۋۇ ئىبادەتخانىغا كىرگىن، ئۇلار مەن ساڭا تاشلاپ بەرگەن نەرسىنى كۆردى، — دېدى. مەن چېركاۋغا كىرىۋېدىم، خىرىستىئانلار يىغىلدى ۋە:
— ئى مۇسۇلمان! راھىب ساڭا نېمە تاشلاپ بەردى؟ — دېگەنىدى، مەن:
— ئۆزىنىڭ ئوزۇقىدىن ئازراق نەرسە تاشلاپ بەردى، — دېدىم. ئۇلار:
— ئۇنى سەن نېمە قىلىسەن، بىز ئۇنىڭغا بەكرەك ئېھتىياجلىق، ئۇنى بىزگە سېتىپ بەرگىن، — دېدى. مەن:
— 20 تىللا، — دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا 20 تىللا بەردى. مەن راھىبنىڭ يېنىغا قايتىپ باردىم، ئۇ:
— سەن خاتالاشتىڭ، ئەگەر سەن ئۇلارغا ئۇنى 20 مىڭ تىللاغا سودىلاشقان بولساڭمۇ ئۇلار ئۇنى ئالاتتى. بۇ بولسا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلمايدىغان كىشىنىڭ ئەزىزلىكىدۇر، ئۇنداقتا ‹ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىنىڭ ئەزىزلىكى قانداق بولىدۇ؟› ئۇنىڭغا قارىغىن! ئى مۇسۇلمان! پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلىشىقا يۈزلەنگىن، — دېدى».
بۇنىڭدىن ئايان بولدىكى، ئىنسانلار نەپسلىرىنىڭ كىشىلەر قەلبىدە ئۇلۇغلىنىش ئەزىزىلىكىنى سەزسە، كىشىلەردىن خالىي خىلۋەتتە بولىدۇ. بۇ بۈيۈك ئاپەتتۇر. بۇ ئاپەتتىن سالامەت قېلىشنىڭ ئالامىتى بولسا: كىشى ھايۋانلار بىلەن ئادەملەرگە باراۋەر نەزەردە قارىشى ۋە قىلغان ئەمىلى زېمىن ئۈستىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم يوقتەك ئەمەل قىلىدىغان كىشىنىڭ ئەمىلىدەك بولۇشى كېرەك. ئاندىن ئۇنىڭغا ئاجىز ۋەسۋەسىلەر كىرسە ئۇنى قايتۇرالايدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (6998)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (6411). شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 508) «ھەسەن» دېگەن.
2. مۇسلىم (2965).
3. ئەھمەد (22221)؛ تىرمىزىي (2347). ئىبنۇلجەۋزىي: «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 1397) «زەئىف» دېگەن.
4. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مال ۋە مەنسەپ سەۋداسىنىڭ بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىغا بەرگەن زىيىنى ئىككى ئاچ بۆرىنىڭ بىر قوتانغا كىرىپ، يېگىنىنى يەپ، قالغىنىنى ئۆلتۈرۈپ (مال ئىگىسىگە) سالغان زىيىنىدىن تېخىمۇ چوڭدۇر» دېگەن. ئەھمەد (15822)؛ تىرمىزىي (2376). كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5620) «سەھىھ» دېگەن.
5. ئابباسىيلار خەلىفەلىكى زامانىدا ئالىملار ۋە قازىلار قارا كىيىم كىيەتتى. ئىبراھىم نەخەئىي قىزىل كىيىم كىيگەندىن كېيىن قازىلىق مەنسىپىدىن قۇتۇلغان ئىدى.
6. يەنى بازارلاردىكى ئاددىي كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ بىللە ئولتۇراتتى دېمەكچى.
7. مۇسلىم (2985) يېقىن مەزمۇندا رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ماجە (4202). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 4313) «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
8) ئەھمەد (23686)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (4179)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (6412). مەھمۇد ئىبنى لەبىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1555) «سەھىھ» دېگەن.
9. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (150).
10. مۇسلىم (91).
11. رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھنىڭ نېئمىتى ۋە ئىززەت – ئىكرامى سەندە كۆرۈلسۇن» دېگەن. ئەھمەد (15928). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىمام مۇسلىم شەرتى بويىچە سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد (4063)؛ نەسائىي (5224). ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 75) «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇلئەھۋەسنىڭ ئاتىسى مالىك ئىبنى نەزلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
12. مۇسلىم (2590). ئۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ تائالا دۇنيادا بىر بەندىسىنىڭ بىر گۇناھىنى ياپسا، ئاخىرەتتىمۇ ئۇنىڭ ئۇ گۇناھىنى ياپىدۇ» دەپ رىۋايەت قىلغان.
13. تىرمىزىي (2384) «ھەسەن، غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 4787) «زەئىف» دېگەن.
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1367)؛ مۇسلىم (949).
15. مۇسلىم (2642).
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (123، 2810 ۋە 7458)؛ مۇسلىم (1904).
17. مالىك (1508). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 7615) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. ئالبانىيمۇ: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 149) «سەھىھ» دېگەن.