(ھ. 900 – 974 / م. 1495 – 1566)
قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان: ئەرتۇغرۇل غازى ئوغلى ئوسمان بەگ ئوغلى ئورخان غازى ئوغلى مۇراد خۇداۋەندىگار ئوغلى يىلدىرىم بايەزىد ئوغلى مۇھەممەد چەلەبىي ئوغلى II مۇرادخان ئوغلى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئوغلى سۇلتان بايەزىد ۋەلىي ئوغلى ياۋۇز سۇلتان سەلىمخان ئوغلى قانۇنىي سۇلتان سۇلايماندۇر. ئۇ غەربتە «شەۋكەتلىك سۇلايمان» دەپ تونۇلغان بولۇپ، ئوسمانىيلار سۇلتانلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىندۇر. سۇلتان سۇلايمان ھ. 926 / م. 1520 – يىلىدىن باشلاپ 46 يىللىق ھۆكۈمدارلىقى بىلەن ئوسمانىيلار سۇلتانلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن سۇلتان ھېسابلىنىدۇ.
قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى دۆلىتىدە 46 يىل سەلتەنەت سۈرگەن. شۇ جەرياندا، دۆلەت كۈچ – قۇدرەت جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە كېڭەيگەن ئىدى. دۆلەت ئاسىيا قىتئەسى، ياۋروپا قىتئەسى ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە ھوقۇق يۈرگۈزگەن. دۆلەتنىڭ سۈر – ھەيۋىسى ھەر ياققا تارىلىپ جاھاننى قاپلىغان ۋە ھەرقايسى دۆلەت ۋە مەملىكەتلەر دوستلۇقىنى ئىزھار قىلىدىغان دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلانغان. شۇنداقلا يەنە، دۆلەتتە ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن، ھاياتلىقنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇن – تۈزۈملەر تەرەققىي قىلغان ئىدى. ئوسمانىيلار ئىسلام شەرىئىتىگە ھۆرمەت قىلاتتى ۋە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىسلام شەرىئىتىنى چىڭ تۇتاتتى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، دۆلەتتە ئىلىم – پەن ۋە ئەدەبىيات تەرەققىي قىلغان، مېمارچىلىق ۋە بىناكارلىق گۈللەنگەن ئىدى.
ئۆسۈپ يېتىلىشى
ئۇنىڭ دادىسى ياۋۇز سۇلتان سەلىمخان بولۇپ، ئانىسى قىرىم خاقانى I مەڭلى گىراي (ئۆ. م. 1514) نىڭ قىزى ھەفسە سۇلتاندۇر. سۇلتان سۇلايمان قانۇنىي ھ. 900 / م. 1495 – يىلى ترابزون(1) شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ تۇغۇلغاندا دادىسى ترابزونغا ۋالىي ئىدى. دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ ياخشى تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە، ئۇ ئىلىم – مەرىپەت ۋە ئەدەبىياتنى، ئالىم – ئەدىب ۋە فەقىھلەرنى ياخشى كۆرۈپ چوڭ بولغان. ئۇ ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا ئەستايىدىللىقى ۋە تەمكىنلىكى بىلەن داڭ چىقارغان.
ھاكىمىيەتكە ئىگە بولۇشى
قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان ھ. 926 – يىلى شەۋۋالنىڭ 9 – كۈنى / م. 1520 – يىلى 22 – سېنتەبىر ئاتىسى سۇلتان I سەلىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خەلىپىلىككە ئىگە بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى باشقۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇ مەكتۇپلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلۇغ ئايەت بىلەن باشلايتتى: «سۇلايماندىن: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن»(27/«نەمل»: 30).
سۇلتان ئۆز ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مۇھىم ئىشلارنى ئورۇندايدۇ. ئۇ ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئوڭۇشلۇق ھالدا دۆلەتنىڭ سۈر – ھەيۋىسىنى ئەتراپقا يايىدۇ، شۇنداقلا 26 ياشلىق سۇلتاننىڭ يېشىنى كىچىك چاغلاپ، مۇستەقىل بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئوبدان پۇرسىتى دەپ قاراپ دۆلەتكە قارشى چىققان، مۇستەقىللىق تەمەسىدىكى ۋالىيلارنىڭ ھەرىكىتىنى تارمار قىلىدۇ. سۇلتان ئۆزىنىڭ سۇنماس قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ، شامنىڭ ۋالىيسى جانبەردى غەزالىي، مىسىر ۋالىيسى ئەھمەد پاشا، قونيا ۋە مەرئەش (ھازىرقى قەھرامانماراش) رايونلىرىنىڭ ۋالىيسى قەلەندەر چەلەبى قاتارلىقلارنىڭ ئىسيانىنى باستۇرىدۇ. بۇ ئاخىرقى ۋالىي شىئە بولۇپ، دۆلەتكە قارشى توپىلاڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۈچ مىڭدەك كىشىنى توپلىغان ئىدى.
ئۇنىڭ جىھادى
ئوسمانىيلار دۆلىتى نوپۇزىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش سەپلىرى قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە تېخىمۇ كېڭىيىپ، ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان ھ. 927 / م. 1521 – يىلى (سىربىيەنىڭ پايتەختى) بېلگرادنى ئىگىلەيدۇ، ھ. 935 / م. 1529 – يىلى (ئاۋستىرىيەنىڭ) ۋىنا شەھرىنى قورشايدۇ، لېكىن ئۇنى فەتىھ قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. كېيىن يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، نەتىجە ئاۋۋالقىسىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋېنگىرىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئۆز دۆلىتىگە قوشۇپ، ئۇنى ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ بىر ۋىلايىتى قىلىدۇ.
سۇلتان سۇلايمان سەفەۋىيلەر دۆلىتى(2)گە قارشى ئۈچ قېتىم چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغايدۇ. بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇم ھ. 941 / م. 1534 – يىلى باشلىنىدۇ، بۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا ئىراقنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ كونتروللۇقىغا كىرگۈزىدۇ. ھ. 955 / م. 1548 – يىلى ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمنى قوزغاپ، (ئىراننىڭ) تەبرىز شەھرى، ۋان ۋە ئېرىۋان قەلئەلىرىنى دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا قوشىدۇ. ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولسا، ھ. 962 / م. 1555 – يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا سەفەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ شاھى I تەھماسسىب (م. 1514 – 1576) نى سۈلھىلىشىشكە ۋە ئوسمانىيلارنىڭ ئېرىۋان، تەبرىز ۋە شەرقىي ئاناتولىيە قاتارلىق جايلارغا ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
شۇنداقلا، ئوسمانىيلار سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە پورتۇگالىيەلىكلەرنىڭ ھىندى ئوكيان ۋە پارس قولتۇقىدىكى نوپۇزىغا تاقابىل تۇرىدۇ. (ئوسمانىيلار تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن) يەمەن ۋالىيسى ئۇۋەيس پاشا ھ. 953 / م. 1546 – يىلى (يەمەندىكى) تەئز قەلئەسىنى ئىگىلەيدۇ. سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە ئوممان، قاتار ۋە ئەھسا (سەئۇدىيدىكى بىر رايون) ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاستىغا كىرىدۇ. ئوسمانىيلارنىڭ بۇ سىياسىتى پورتۇگالىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرققە بولغان تەسىرىنى توسۇپ قالىدۇ.
يەنە بۇ دەۋردە ئافرىقىدا لىۋىيە، تۇنىسنىڭ زور قىسمى، ئېرىترىيە، جىبۇتى ۋە سومالى قاتارلىق جايلار ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتىدۇ.
ئوسمانىيلار دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى
ئوسمانىيلار دېڭىز ئارمىيىسى سۇلتان بايەزىدنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى دېڭىزلارنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە خەيرىددىن بارباروسنىڭ ئوسمانىيلارغا قوشۇلۇشى بىلەن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كۈچى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە زورىيىدۇ. خەيرىددىن بارباروس كۈچلۈك بىر فلوتقا قوماندانلىق قىلىپ، ئىسپانىيە ساھىللىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەھلىسەلىپ كېمىلىرىگە ھۇجۇم قىلاتتى. ئۇ، ئوسمانىيلار دۆلىتىگە قوشۇلغاندىن كېيىن سۇلتان سۇلايمان ئۇنىڭغا «قوماندان» دېگەن نامنى بېرىدۇ.
خەيرىددىن قانۇنىي سۇلتان سۇلايماندىن ئېرىشكەن ياردەملەر ئارقىلىق ئىسپانىيە ساھىللىرىغا زەربە بېرىدۇ ۋە ئىسپانىيەدىكى نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. ئۇ ھ. 935 / م. 1529 – يىلى يەتمىش مىڭ مۇسۇلماننى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ ئالجىرىيەگە توشۇش ئۈچۈن، ئىسپانىيە ساھىللىرىغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلىدۇ.
سۇلتان سۇلايمان غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى دېڭىز ئۇرۇشلىرىنىڭ قوماندانلىقىنى خەيرىددىن بارباروسقا تاپشۇرغان ئىدى. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ فلوتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ھەر قېتىمدا ئۆزلىرى مەغلۇپ بولاتتى ۋە ئېغىر زىيان تارتاتتى. ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ قاتتىق مەغلۇبىيىتى ھ. 945 / م. 1538 – يىلى يۈز بەرگەن پرەۋەزە ئۇرۇشى بولۇشى مۇمكىن.
خەيرىددىن فرانسىيەنىڭ ھابسىبۇرگ خانىدانلىقىغا قارشى ئۇرۇشىدا فرانسىيە فلوتىغا قوشۇلۇپ، ھ. 950 / م. 1543 – يىلى فرانسىيەلىكلەرنىڭ نىس شەھرىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن. شۇ ۋەجىدىن، فرانسىيە ئۆز رازىلىقى بىلەن فرانسىيە تولون پورتىنى ئوسمانىيلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيەنىڭ ھەربىي پورتى ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئىسلامىي ھەربىي بازىسىغا ئايلانغان.
ئۇنىڭ دەۋرىدىكى ئوسمانىيلار دۆلىتى
ئۇنىڭ دەۋرىدە ئوسمانىيلار دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، قىزىل دېڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوسمانىيلار (ئېرىترىيەنىڭ) ماسساۋا شەھرى ۋە (سۇداننىڭ) ساۋاكىن شەھرىنى ئىگىلەپ، پورتۇگالىيەلىكلەرنى قىزىل دېڭىزدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ ھەمدە يەنە ئېفىئوپىيە ساھىللىرىنىمۇ ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىسلام ئەللىرى ئارقىلىق ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەرىكىتى جانلىنىدۇ.
ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، قىرىمغا ھۆكۈمران بولغان مۇسۇلمان تاتارلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە، ئوسمانىيلار دۆلىتى ئارىلىشپ، ھ. 939 / م. 1532 – يىلى قىرىمنى ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ بىر ۋىلايىتى قىلىدۇ.
مەدەنىيەت تەرەققىياتى
قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان ئاجايىپ سەنئەت زوقى بار شائىر ۋە تالانتلىق خەتتات بولۇپ، ئەرەب تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە شەرق تىللىرىنى بىلەتتى. ئېسىل تاشلارنى بىر قاراپلا پەرقلەندۈرەلەيدىغان، بىناكارلىق ۋە مېمارچىلىققا ئىنتايىن قىزىقىدىغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ دۆلىتىدە بۇنىڭ تەسىرى ئوچۇق كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇ چوڭ ئىنشائاتلارغا ئايىماي پۇل خەجلەيتتى. رودوس (تۈركىيەنىڭ جەنۇبى ساھىلىغا يېقىن، ھازىر گرىتسىيەگە تەۋە ئارال)، بېلگراد (ھازىرقى سىربىيەنىڭ پايتەختى) ۋە بودا (ۋېنگىرىيەنىڭ بىر شەھرى) قاتارلىق جايلارغا قورغان ۋە قەلئەلەرنى سالغان، شۇنداقلا پايتەختتە گۈزەل ئىمارەتلەرنى قۇرۇش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە، بولۇپمۇ، دەمەشق، مەككە ۋە باغدادلاردا مەسجىدلەرنى، چوڭ كۆللەرنى ۋە ئەگمە كۆۋرۈكلەرنى قۇرغان.
ئىراقلىق تارىخ تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى جامالىددىن فالىھ كەيلانىي قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىنىڭ ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ھۆكۈمرانى بولغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئۇنىڭ دەۋرىدە مېمار سىنان پاشادەك ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى بارلىققا كەلگەن. سىنان پاشا ئوسمانىيلار ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ھەمدە نۇرغۇنلىغان بىناكارلىق ئۇسلۇبلىرىدىن خەۋەردار كىشى بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان. ھ. 964 / م. 1557 – يىلى ئۇنىڭ سۇلتان سۇلايمان ئۈچۈن سالغان ئىستانبۇلدىكى سۇلايمانىيە جامەسى ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر مېمارچىلىق سەنئەت ئەسەرلىرىدىندۇر.
ئۇنىڭ دەۋرىدە ئوسمانىيلار مىنياتۇرا سەنئىتى گۈللىنىپ ۋايىغا يەتكەن. سەنئەتكار ئارىفى قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى كىچىك تىپتىكى نەپىس رەسىملەر بىلەن ئىپادىلەپ جامائەتچىلىككە سۇنغان. بۇ دەۋردە يەنە نۇرغۇنلىغان كاتتا خەتتاتلار چاقنىغان بولۇپ، سۇلايمانىيە جامەسىنىڭ ھۆسنخەتلىرىنى يازغان خەتتات ھەسەن چەلەبى قاراھىسارىي ئەپەندى (ئۆ. ھ. 1002 / م. 1594 – يىلدىن كېيىن) ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستازى ئەھمەد ئىبنى قاراھىسارىي (ھ. 873 – 973 / م. 1468 – 1555) نىڭ قوليازما بىر قۇرئانى بار بولۇپ، بۇ قۇرئان ئەرەب خەتتاتلىقى ۋە گۈزەل سەنئىتىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىدىندۇر، ھازىر توپكاپى مۇزېيسىدا ساقلانماقتا.
قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە كۆپلىگەن ئالىملار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، «ئىرشادۇل ئەقلۇسسەلىم (إرشاد العقل السليم إلى مزايا الكتاب الكريم)» ناملىق تەپسىرنىڭ مۇئەللىپى شەيخۇلئىسلام ئەبۇسسۇئۇد ئەپەندى (ھ. 896 – 982 / م. 1491 – 1574) ئەنە شۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.
قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشى
قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان ئۆزىنىڭ بۈيۈك دۆلىتىدە ھاياتلىقنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇنلارنى تۈزگەنلىكتىن، «قانۇنىي» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ۋە بۇ نام ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ بېشىغا قوشۇلغان. سۇلتان بۇ قانۇنلارنى شەيخۇلئىسلام ئەبۇسسۇئۇد بىلەن بىرگە تۈزگەن بولۇپ، ئۆز دۆلىتىدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ شارائىتلىرىغا رىئايە قىلغان ھەم بۇ قانۇنلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە ۋە ئۆرپ – ئادەت قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. «سۇلتان سۇلايمان قانۇننامىسى» دەپ تونۇلغان بۇ قانۇنلار ھ. 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، م. 19 – ئەسىرگىچە تەتبىقلىنىپ كەلگەن.
خەلق سۇلتان سۇلايمانغا ئۇنىڭ پەقەت قانۇنلارنى تۈزگەنلىكى ئۈچۈنلا «قانۇنىي» دېگەن نامنى بەرمىگەن، بەلكى ئۇنىڭ بۇ قانۇنلارنى ئادالەت بىلەن يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن بەرگەن. شۇ جەھەتتىن، ئوسمانىيلار ئەينى دەۋردە ياۋروپالىقلار سۇلايمانغا قوللانغان «بۈيۈك»، «شەۋكەتلىك» دېگەندەك ناملارنى ئادالەتنىڭ يالدامىسى بولغان «قانۇنىي» دېگەن نامنىڭ ئالدىدا ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى تۆۋەن ھېسابلايتتى.
سۇلايمان قانۇنىينىڭ دەۋرى دۆلەتنىڭ چېگرالىرى ئەڭ كۆپ كېڭەيگەن دەۋر ئەمەس، بەلكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەڭ ئىلغار قانۇن – تۈزۈملەر بىلەن باشقۇرۇلغان دەۋردۇر.
ۋاپاتى
قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان جىھادنى قەتئىي تەرك ئەتمىگەن. سۇلتان سۇلايمان ئاخىرقى كۈنلىرىدە بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئات مىنەلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۆزىگە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتاتتى. قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان ھابسىبۇرگ پادىشاھىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر چېگراسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلگەن چاغدا، ئۆزىنىڭ 74 ياشقا كىرىپ ياشىنىپ قالغىنىغا ۋە كېسەل ئازابى تارتىۋاتقىنىغا قارىماي، دەرھال جىھادقا ئاتلىنىدۇ. ئۇ ئۆزى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، (ھ. 973 – يىلى 9 – شەۋۋال/ م. 1566 – يىلى 29 – ئاپرېل) زور قوشۇننى باشلاپ، ۋېنگىرىيەنىڭ زەگېتۋار شەھرىگە كېلىدۇ. زەگېتۋار خىرىستىيانلار سالغان ئەڭ چوڭ قورغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، پارتلاتقۇچ دورا ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن تولغان ئىدى. سۇلتان جىھادقا ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، خاس تىۋىپى ئۇنىڭ كېسىلىنى نەزەردە تۇتۇپ جىھادقا چىقماسلىققا نەسىھەت قىلغاندا، سۇلتان سۇلايمان تارىختا خاتىرىلەنگەن مۇنداق جاۋابنى بېرىدۇ: «مەن ئاللاھ يولىدا غازى بولۇپ ئۆلۈشنى ياخشى كۆرىمەن».
سۇبھانەللاھ! سۇلتان قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن ئىدى. دۇنيانىڭ يېرىمى ئۇنىڭ چاڭگىلىدا بولۇپ، زېمىننىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلاتتى. ئۇ قەسىر – سارايلىرىدا ھۇزۇرلىنىپ، خوتۇنلىرىنىڭ ھۇجرىلىرىنى ئارىلاپ، شېرىن لەززەتلەردىن بەھرىلەنسە بولاتتى. بىراق، ئۇ ئۇلارغا پەرۋا قىلماستىن، ئاللاھ يولىدا غازى بولۇپ چىقتى.
ئۇ ھەقىقەتەن قوشۇنغا باش بولۇپ چىقتى. ئۇنىڭ بوغۇم ياللۇغى كېسىلى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكتىن، ئات مىنەلمەيتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ھارۋىغا سېلىنىپ، زەگېتۋار شەھرى سېپىللىرىغا كەلدى. ئاندىن شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىشنى باشلاپ، ئىككى ھەپتىدىن ئاز ۋاقىتتا شەھەرنىڭ ئالدى قورغانلىرىنى ئىشغال قىلدى. ئۇرۇش باشلىنىپ ئىككى تەرەپ يۈزمۇ – يۈز ئېلىشتى. سېپىللار مۇستەھكەم بولغانلىقى ۋە خىرىستىيانلار قورغاننى قاتتىق قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۇرۇش مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن ئەڭ قىيىن ئۇرۇش بولغانىدى.
شۇنداق قىلىپ، ئۇرۇش ۋە قورشاۋ تولۇق بەش ئاي داۋاملىشىدۇ، فەتىھ قىلىش بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىدۇ. فەتىھ تەسلىشىپ كەتكەچكە، مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىمۇ ئاشىدۇ. ئۇ يەردە سۇلتاننىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. سۇلتان ئەجىلىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا قىلىدۇ. ئۇ دۇئاسىدا مۇنداق دېگەنىدى: «ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! مۇسۇلمان بەندىلىرىڭگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن ۋە ياردەم بەرگىن. كاپىرلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغىن».
ئاللاھ سۇلتان سۇلايماننىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتقان بىر توپ ئوقى قورغاننىڭ ئىچىدىكى پارتلاتقۇچ دورا ئىسكىلاتىغا تېگىپ، قورقۇنچلۇق پارتلاش يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قورغاننىڭ چوڭ بىر تەرىپى پارتلاپ كۆككە سورىلىدۇ. مۇسۇلمانلار قەلئەگە ھۇجۇم قىلىپ، قەلئەنى فەتىھ قىلىدۇ ھەمدە قەلئەنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ بايرىقى قادىلىدۇ.
سۇلتانغا فەتىھنىڭ خۇشخەۋىرى يەتكەندە خۇشاللىنىپ، بۇ كاتتا نېمەت ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى ئۆلۈم شېرىن بولىدىغان بولدى. بۇ مەڭگۈلۈك خۇشاللىقتىن خۇشال بولغانلارغا مۇبارەك بولسۇن. پەرۋەردىگارىدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىمۇ رازى بولغان جانلارغا قۇتلۇق بولسۇن!».
شۇنىڭ بىلەن (ھ. 974 – يىلى 20 – سەپەر / م. 1566 – يىلى 5 – سېنتەبىر) سۇلتان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا سەپەر قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك جەننەتلەرنى ئاتا قىلغاي!
ۋەزىر سۆگۈتلۈ مۇھەممەد پاشا سۇلتاننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى يوشۇرۇن تۇتۇپ، ۋەلىئەھدى شاھزادە سەلىمگە ئادەم ئەۋەتىدۇ. شاھزادە سەلىم كېلىپ زەگېتۋاردا تەختكە ئولتۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ شېھىد دادىسىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ ئىستانبۇلغا كىرىدۇ. بۇ شۇنداق بىر خاتىرە كۈن بولغانكى، فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدنىڭ ۋاپاتىدىن باشقىسىدا ئۇنداق بىر مەنزىرە كۆرۈلمىگەن ئىدى. مۇسۇلمانلار قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ ۋاپات خەۋىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇرىدۇ. ياۋروپا تەرەپتە بولسا، خىرىستىيانلار سۇلتان I بايەزىد ۋە فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدتىن قالسا ھېچكىمنىڭ ئۆلۈمىگە مۇجاھىد غازى – سۇلتان سۇلايماننىڭ ئۆلۈمىگە خۇشال بولغاندەك خۇشال بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ۋاپات كۈنىنى بايرام قىلىدۇ ۋە 10 – ئەسىردىكى ئۈممەتنىڭ جىھادىنى يېڭىلىغۇچى سۇلتان سۇلايماننىڭ ئۆلۈمىدىن شادلىنىپ چىركاۋلار قوڭغۇراق چېلىشىدۇ. ئاللاھ ئۇنى ئۆز رەھمىتىگە ئالغاي!
ئۇنىڭ خوتۇنى ھۆررەم (م. 1506 – 1558) نىڭ سۇيىقەستلىرى
قىرىمدىكى تاتار مۇسۇلمانلار رۇسلارغا قارشى ئېلىپ بارغان غازاتلىرىنىڭ بىرىدە روكسىلانا (Roxelana / Alexandra Lisowska) ئىسىملىك ناھايىتى گۈزەل بىر ئايالنى ئەسىر ئالىدۇ، ئاندىن ئۇنى خەلىپە سارىيىغا ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتىدۇ ۋە خەلىپە ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئۇ رۇسىيەلىك (خرىستىيان ياكى) يەھۇدىي ئىدى. ئاندىن بۇ ئايال ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلاپ، خەلىپىدىن ئەندەلۇستىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەن دۆنمە (DÖNME) يەھۇدىيلىرى(3) نىڭ ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كېيىن بۇ يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى پۈتۈن دۇنيا رەت قىلىپ، زېمىن ئۇلارغا تار كەلگەن چاغدا، ئوسمانىيلارنىڭ ئۇلارغا قۇچاق ئېچىپ، ئۇلارغا پاناھلىق بەرگەنلىك ياخشىلىقىغا يۈزسىزلىك قىلىدۇ. كېيىنچە، بۇ دۆنمە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ يىقىلىشىدا چوڭ رولى بولىدۇ.
غەرب مەنبەلىرىگە كۆرە رۇسىيەلىك روكسىلانا (Roxelana / Alexandra Lisowska)، تۈرك مەنبەلىرىگە كۆرە ھۆررەم سۇلتان كەلگۈسىدە ئوغلى سەلىمنىڭ سۇلتان سۇلايماننىڭ تەخت ۋارىسى بولۇشى ئۈچۈن يول ھازىرلاشنى پىلانلاپ، بىر قاتار سۇيىقەستلەر بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا باش ۋەزىر رۇستەم پاشا ياردەم بېرىدۇ. رۇستەم پاشا سۇلتاننىڭ پارس ئېلىغا قوزغىغان ھەربىي يۈرۈشىگە چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سۇلتان سۇلايمانغا ئۇنىڭ ئوغلى مۇستافانىڭ سەفەۋىيلەر شاھىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. نەتىجىدە، سۇلتان ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ئوغلىنى ئۆزىنىڭ چېدىرىغا چاقىرىتىدۇ ۋە كىرگەن ھامانلا ئۇنى قەتل قىلىدۇ. سۇلتان سۇلايماننىڭ جاھانگىر ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلى بار ئىدى، بۇ جاھانگىرمۇ قېرىندىشى قەتل قىلىنىپ ئاز ئۆتمەي قاتتىق ئەلەم بىلەن ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ(4).
سۇلتان سۇلايماننىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى
بەزى ياۋروپالىقلار ۋە لايىك تۈركلەر «سەلتەنەتلىك يۈز يىل (ھۆررەم)» فىلىمى ئارقىلىق سۇلتان سۇلايماننىڭ ئوبرازىنى بۇلغاشقا ئۇرۇنۇپ، فىلىمدە ئۇنى ئاياللارغا باغلىنىپ قالغان سۇلتان دەپ تەسۋىرلەيدۇ. دۆلەتتىكى ۋەزىرلەر ۋە قوماندانلارنى بولسا شارابقا ۋە ئاياللارغا بېرىلىپ كەتكەن دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ھالبۇكى، قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان بولسا ھاياتىنى داۋاملىق جىھاد بىلەن ئۆتكۈزگەن زات ئىدى.
مەنبە: تامىر بەدرنىڭ «ئۇنتۇلماس قوماندانلار (قادة لا تنسى)» ناملىق ئەسىرى.
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي
1. ھازىرقى تۈركىيەنىڭ شىمالىدىكى قارا دېڭىز بويلىرىغا جايلاشقان ئۇزا تارىخقا ئىگە بىر شەھىرى.
2. ھازىرقى ئىران قاتارلىق ئەللەردە قۇرۇلغان شىئە دۆلىتى.
3. ئوسمانىيلار دۆلىتىدىكىە ياشىغان، ئەسل دىنىنى يوشۇرۇپ، ئۇزلىرىنى مۇسۇلمان بولغان كۆرسىتىپ، مۇسۇلمانچە ئىسىم قويغان ۋە مۇسۇلمانچە كىيىنگەن يەھۇدىيلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قاراڭ: https://islamansiklopedisi.org.tr/donme.
4. ۋېكېپىدىيا.