(ھ. 896 – 948 / م. 1491 – 1542)
«مۇسۇلمانلارنىڭ سۇلتانى لاپۇ لاپۇدىن پورتۇگالىيە پوپى ماگېللانغا: ئۆزۈڭلارنى ئاق تەنلىك مەدەنىيەت ئىگىلىرى، ئانا تۇپراقلىرىمىزغا ئۆزۈڭلارنى بىزدىنمۇ بەكرەك ھەقلىق دەپ دەۋا قىلىپ، تۇپراقلىرىمىزنى ساڭا تاپشۇرۇشىمىزنى مەسىھ نامى بىلەن تەلەپ قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭ ماڭا يېتىپ كەلدى. لېكىن، مەن ساڭا ئاللاھ نامى بىلەن شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەق دىن ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھى بولسا ھەرخىل ئىرق، ھەرخىل جىنىستىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىدۇر. ئەركەك بولساڭ مەيدانغا چۈش!»
_لاپۇ لاپۇنىڭ ماگېللانغا يازغان خېتى
بىزنى شۇنچە كولدۇرلىتىپ كېلىۋاتقان ساختا تارىخ كىتابلىرىمىزغا لەنەتلەر بولسۇن!
كىچىك ۋاقتىمدا پورتۇگالىيەلىك قەھرىمان ئېكسپېدىتسىيىچى ماگېللان توغرىسىدا يېزىلغان بىر پارچە كىتابنى ئوقۇغان ئىدىم. بۇ كىتاب ئاپتورىنىڭ قارىشىچە: ماگېللان يەر شارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان شەخس بولۇپ، تىنچ ئوكيانغا بېرىش ئۈچۈن كېمىلىرىنى ھەيدەپ جەنۇبىي ئامېرىكا بىلەن ئوت ئارىلى (كېيىن ماگېللان ئارىلى دەپ ئاتالغان) ئوتتۇرىسىدىكى بوغۇزدىن ئۆتكەندە، شۇ يەردىكى فىلىپپىن ئاراللىرىدا ياشايدىغان ئادەمخور قەبىلىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، بۇ پورتۇگالىيەلىك بۈيۈك ئېكسپېدىتسىيىچىنىڭ ھاياتى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان.
ئەينى ۋاقىتتا پورتۇگالىيەلىك بۇ قەھرىمان ئېكسپېدىتسىيىچىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىم ھېلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. لېكىن، ھازىر نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قانچىلىك ساددا ئىكەنلىكىمنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم.
مەيلى ئەرەب تارىخ كىتابلىرىدا بولسۇن ياكى غەرب تارىخ كىتابلىرىدا بولسۇن، ئاشۇ بۈيۈك ئېكسپېدىتسىيىچى توغرىسىدا ئوخشاشلا تىلغان ئېلىنمىغان بىر ھەقىقەت بار. بۇ ھەقىقەت شۇكى، ئەسلىدە بۇ باتۇر ئېكسپېدىتسىيىچى بىر ئوغرى خىرىستىيان پوپى بولۇپ، ئۇ پورتۇگالىيەدىكى ئۆزى تۇرۇشلۇق چېركاۋدا خىرىستىيان كەمبەغەللەرنىڭ مال – مۈلكىنى ئوغرىلاشتىن ئىبارەت بۇ سەتچىلىكى كىشىلەر تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغاندىن كېيىن چېركاۋدىن قېچىپ چىقىپ، ئەينى دەۋردە پورتۇگالىيە دۈشمىنى بولغان ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۆز دۆلىتى پورتۇگالىيىنىڭ زىيىنىغا خىزمەت قىلغان بىر جاسۇسقا ئايلانغان.
ئۇ ئىسپانىيە «تەپتىش مەھكىمىلىرى»دە بىگۇناھ مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشتە زور «تۆھپە»لەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، (ئىسپانىيە قولدىن كەتكەندىن كېيىن ئۆز دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن) ماراكەشكە قېچىپ بېرىۋالغان ياۋروپالىق مۇسۇلمانلارنى قوغلاپ بارغاندا، شۇ يەردىكى ماراكەشلىك مۇھاجىرلار تەرىپىدىن دەككىسىنى يېگەن ئىدى.
م. 1519 – يىلى بۇ پوپ ئىسپانىيە پادىشاھى بىلەن ئىپلاس بىر كېلىشىم تۈزىدۇ. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ئۇ تىنچ – ئاسايىشلىق بىلەن ئۆتۈۋاتقان مۇسۇلمان دىيارلىرىغا شەرق يولى ئارقىلىق ھۇجۇم قوزغاپ، شەرقىي – جەنۇبىي ئاسىيا تاقىم ئاراللىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى قورال كۈچى بىلەن خىرىستىيانلاشتۇرماقچى بولىدۇ.
بۇ خىرىستىيان مىسسىيونېر م. 1524 – يىلى قوشۇن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنىمىزدە «فىلىپپىن» دەپ ئاتىلىدىغان ئارالغا يېتىپ بېرىپ، بۇ ئارالدا تىنچ – ئاسايىشلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان خەلقلەرنىڭ مال – مۈلكىنى بۇلاپ – تالاپ، قىز – ئاياللىرىنىڭ نومۇسىغا تېگىپ دەپسەندە قىلىدۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان خەلقلەر تەشكىللىنىپ بۇ تاجاۋۇزچىلارغا ئىپتىدائىي قوراللىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئىسپانلار ئارالدىكى پۈتۈن پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇۋېتىدۇ. ئارالدىكى مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەردىن تەركىب تاپقان خەلق «لاپۇ لاپۇ» ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ماكتان ئارىلىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ. فىلىپپىننىڭ باشقا ئاراللىرىدىكى بارلىق بۇتپەرەس پادىشاھلارنىڭ تەسلىم بولۇشىغا قارىماي، لاپۇ لاپۇ ئۆزى يالغۇز ھالدا بۇ خىرىستىيان پوپىغا جان – جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ماگېللان ئۆزىنىڭ ئۇلار ئەندەلۇس، ماراكەشلەردە ياخشى تونۇپ يەتكەن مۇسۇلمانلار توپىدىن ئىبارەت باشقا ھەرقانداق بىر توپقا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر توپقا دۇچ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، پادىشاھ لاپۇ لاپۇغا مۇنۇ تەھدىت خېتىنى ئەۋەتىدۇ: «مەن مەسىھ نامى بىلەن سەندىن تەسلىم بولۇشۇڭنى تەلەپ قىلىمەن. چۈنكى، بىزلەر بولساق مەدەنىيەت ساھىبلىرى بولمىش ئاق تەنلىكلەردۇرمىز. بىز بۇ زېمىنلارغا سىلەردىنمۇ بەكرەك ھەقلىقدۇرمىز».
بۇ بۈيۈك ئىسلام قوماندانى ئۇلارنىڭ قەبىھ ئىرقىي كەمسىتىشكە تولغان بۇ دىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ دىننى م. 1380 – يىلى ھەزرەموتلۇق(1)، ئوممانلىق ئەرەب سودىگەرلەر، شۇنداقلا چىن ۋە سۇمەترالىق(2) دەۋەتچىلەر ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن، فىلىپپىن خەلقى ھېچقانداق زورلۇققا ئۇچرىماستىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلغان تىنچلىق دىنىغا سېلىشتۇرىدۇ ۋە پۈتۈن فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىدا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭغا چاقىرىق قىلىدۇ. ئۇ، بۇ ئىرقىي ئايرىمىچى خىرىستىيان ماگېللانغا مۇنداق مەزمۇندا خەت ئەۋەتىدۇ: «بۇ مۇسۇلمانلار ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھ ھەقىقەتەن بارلىق ئىرقتىكى خەلقلەرنىڭ ئىلاھىدۇر».
بۈيۈك ئىسلام قوماندانى ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قوراللانغان پۇقرالاردىن قوشۇن ھازىرلاپ، ئەينى دەۋردە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك قوشۇن بولغان ئىسپانىيە ئىمپېرىيەسى قوشۇنىغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىدۇ. فىلىپپىننىڭ ماكتان ئارىلىدا ئىككى قوشۇن ئۇچرىشىشى بىلەن تەڭ فىلىپپىن مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېغىزىدىن كۆتۈرۈلگەن «ئاللاھۇ ئەكبەر» سادالىرى كۆكنى لەرزىگە سالىدۇ.
بۇ بۈيۈك قوماندان لاپۇ لاپۇ تەكبىر سادالىرى ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، توخۇ يۈرەك پوپ ماگېللاننىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنى بىر – بىرلەپ يەر چىشلىتىپ، ماگېللاننىڭ بېشىغا قىلىچ ئۇرۇپ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئىسپان تاجاۋۇزچىلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىدۇ.
لاپۇ لاپۇ، قوماندانى ماگېللاننىڭ ئۆلۈكىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ بەدەر تىكىۋەتكەن خىرىستىيان قوشۇنلىرىنى قوغلاپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. سۇلتان لاپۇ لاپۇ ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىرىغا ماگېللاننىڭ ئۆلۈكىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ لاپۇ لاپۇنىڭ قولىدا ئۇچرىغان مەغلۇبىيىتىنى ئىسپان پادىشاھىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن قاچىدۇ.
ماگېللاننىڭ قەبرىسى بۇ ئىشلارغا شاھىد بولۇپ ھېلىھەم شۇ يەردە تۇرماقتا.
بۈيۈك ئىسلام سۇلتانى لاپۇ لاپۇ بولسا، پۈتۈن شەرقىي – جەنۇبىي ئاسىيا ئاراللىرىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا مىللىي قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ.
ئەھلىسەلىپ كۈچلىرىنىڭ بۇ ئېغىر مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن ئىسپان تاجاۋۇزچىلىرى زور دېڭىز قوشۇنى بىلەن بۇ ئارالغا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلدى. ئۇ تاجاۋۇزچىلار بۇ ئارالدىكى بىگۇناھ خەلقلەر ئۈستىدىن تارىخمۇ يەرگە قاراپ قالغۇدەك دەرىجىدە دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنى قورال كۈچى ئارقىلىق مەجبۇرىي خىرىستىيانلاشتۇردى.
ئۇلار بۇ ئارالدا مىليونلىغان بىگۇناھ جانلارغا زامىن بولۇش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، بۇ ئارالنىڭ نامىنى ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى فىلىپ ئىككىنچىگە نىسبەت بېرىپ «فىلىپ» قا، بۇ ئارالنىڭ ئىسلامىي پايتەختى «ئامانۇللاھ»نى بولسا «مانىللا»غا ئۆزگەرتىۋەتتى. مانىللا ھازىرمۇ فىلىپپىننىڭ پايتەختىدۇر. شۇنداق قىلىپ، فىلىپپىن ئاسىيادىكى بىردىنبىر كاتولىك دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالدى.
مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن يۈز شەخس)» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: دىلىپاك
1. ھەزرەموت: بۈگۈن يەمەندىكى بىر ۋىلايەت.
2. سۇمەترا: بۈگۈن ھېندونىزىيەگە قاراشلىق بىر ئارال.