(ھ. 895 – 996 / م. 1490 – 1588)
مېمار سىنان مەيلى ئوسمانىيلار دۆلىتىدە بولسۇن ياكى ئىسلام دۇنياسى مىقياسىدا بولسۇن، ھ. 10 – ئەسىر، م. 16 – ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن بىناكاردۇر. ئۇ بىنا قىلغان مېمارىي ئەسەرلەر كۆپ، كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم بولۇش بىلەن بىرگە، گۈزەل ۋە كۆركەم سەنئەت مۇجەسسەملەنگەن غايەت زور كۆلەملىك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ۋېينا ئۇنىۋېرسىتېتى بىناكارلىق تارىخى ئۇستازى پروفېسسور ھ. كىلۇك (H. Klok) مۇنداق دەيدۇ: «سىنان سەنئەت جەھەتتىن ياۋروپا مەدەنيىتىدىكى ئەڭ چوڭ سەنئەتكار مايكىل ئەنگىلو (Michelangelo Buonarroti) نىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ». شۇ جەھەتتىن، تۈركلەر ئۇنىڭغا «تۈرك مېمارچىلىقىنىڭ ئاتىسى» دېگەن نامنى قوللانغان. تارىخ كىتابلىرىدا ئۇ «بۈيۈك مېمار سىنان ئاغا» دېيىلىدۇ.
بىز تۆۋەندە بۇ بۈيۈك مېمارنىڭ تارىخىنى، ئۇنىڭ دەۋرىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق يۈكسەك مېمارچىلىق سەنئەتلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز.
تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى
مېمار سىنان ئاغا نامى بىلەن مەشھۇر بولغان جالالىددىن ئوغلى خۇزرىبەگ ئوغلى يۈسۈف(1) ھ. 895 / م. 1490 – يىلى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئوغلى سۇلتان II بايەزىدنىڭ دەۋرىدە، ئاناتولىيەنىڭ قەيسەرىي ۋىلايىتى مەلىك غازى ناھىيەسى ئاغىرناس يېزىسىدا بىر خىرىستىيان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا باغلاردا ئېرىق قېزىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، كەپە ۋە قوتانلارنى ياساشقا ئامراقلىقى بىلەن تونۇلغان.
مېمار سىناننىڭ ئالغا ئىنتىلىش روھى بەك كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئوقۇۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ۋە دۆلەتتە چوڭ ۋەزىپىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئوسمانىيلار ئارمىيىسىغا قېتىلىدۇ. سىنان پايتەختكە يۆتكىلىپ، بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىدۇ ۋە ئۇ يەردە ئوقۇش – يېزىشنى، ئەمەلىي پەنلەرنى ئۆگىنىدۇ. ئاندىن ئۇ ئوجاق مەكتىپىدە ئوقۇشىنى تاماملايدۇ. ئوجاق مەخسۇس بىناكارلىق مەكتىپى بولۇپ، ئۇنىڭدا مېمار سىنان ۋە داۋۇد ئاغا قاتارلىق ئوسمانىيلار ۋە دۇنيا بىناكارلىقى تارىخىدا ئەڭ كاتتا ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن چوڭ مېمارلار تەربىيەلەنگەن ئىدى.
مېمار سىنان ئاغا سۇلتان II بايەزىد قوزغىغان ھەربىي ئۇرۇشلارغا قاتناشقان بولۇپ، تارىخچىلارنىڭ بىرى ھ. 918 / م. 1512 – يىلى ئۇنىڭ دەۋشىرمە تۈزۈمى (DEVŞİRME) (2) بويىچە مەجبۇرەن ئەسكەرلىككە ئېلىنغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ. ئۇ ئەسكەرىي تەلىمى تاماملانغاندىن كېيىن، ھ. 927 / م. 1521 – يىلى بىلگراد ئۇرۇشىدا جەڭ قىلىدۇ ۋە سۇلتان Iسەلىمنىڭ پارس، شام، ئىراق ۋە مىسىر ئەللىرىگە قارشى ئۇرۇشلىرىدا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشىدۇ. ئۇ يەنە، بالقان ئەللىرى، ۋېنگىرىيە ۋە جەنۇبىي فرانسىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.
مېمار سىنان سۇلتان Iسەلىمنىڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە (ھ. 918 – 927 / م. 1512 – 1520) بىر نەچچە خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. مېمار سىنان ئوسمانىيلار ئارمىيىسىنىڭ ئولتۇراق رايون ۋە مەركەزلىرى، ھەرخىل كۆۋرۈك، قەلئەلەر ۋە ھەربىي قورغانلارنىڭ قۇرۇلۇش لايىھەسىنى تۈزۈشتىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئارمىيە ئىچىدە چوڭ مەرتىۋىگە ئېرىشدۇ.
ئۇنىڭ مېمارچىلىقتا ئۈستۈنلۈك قازىنىپ، يۇلتۇزدەك پارلىشى ئوسمانىيلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى دەپ تونۇلغان قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. ئۇ 13 كۈندە پىرۇت دەرياسى ئۈستىگە بىر كۆۋرۈكنى ياساپ پۈتتۈرگەن. شۇنداقلا يەنە، دۇناي دەرياسى(3) ئۈستىگە يەنە بىر كۆۋرۈكنى ياسىغان. بۇنىڭ تەسىرىدە ھ. 944 / م. 1538 – يىلى قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان ئۇنىڭغا «ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ باش مېمارى» دېگەن نامنى بەرگەن.

ئۇنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار
شەكسىزكى، مېمار سىناننىڭ پارلاپ چاقنىغان مەزگىلى ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ پۈتۈن دەۋرلىرى ئىچىدە ئەڭ كۈچلەنگەن دەۋرى ئىدى. م. 15 – ئەسرنىڭ ئوتتۇرىدىن 16 – ئەسرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىل ئوسمانىيلار دۆلىتى تارىخىدىكى گۈللىنىش ۋە كۈچىيىش مەزگىلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مېمار سىنان قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ دۆلىتى سايىسىدا ئۆسۈپ – يېتىلىشى بىلەن تەڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھەرخىل ساھەلەرگە چېتىشلىق ۋەقە ۋە ھادىسەلەرنىڭ، شۇنىڭ قاتارىدا بىناكارلىق سەنئىتىنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
ئۇنىڭ بىناكارلىق ئەقلىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن تاشقى ئامىل
ئوسمانىيلارنىڭ شۇ دەۋردىكى گۈللىنىشى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، بەلكى پۈتكۈل ساھەلەرگە، شۇ جۈملىدىن مېمارچىلىققىمۇ كېڭەيگەن. ئوسمانىيلار دۆلىتى تارىخىدىكى روشەن ھەقىقەتلەردىن بىرى ھەربىي مەكتەپلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشتۇر. مېمار سىناننىڭ ئىستانبۇلدىكى ھەربىي مەكتەپنى ئوقۇپ پۈتتۈرۈشى شۇ ۋەجىدىن بولغان. مېمار سىنان ھەربىي ئىنژېنېر دەپ قارىلىپ، قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ بالقان رايونىدىكى ياۋروپا فەتىھلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش ئارقىلىق، يوغان ۋە كاتتا بېزەلگەن ياۋروپا قۇرۇلۇشلىرىدىن خەۋەردار بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. مانا بۇنى سىناننىڭ مېمارىي ئىستېدادىغا تەسىر كۆرسەتكەن تاشقى ئامىل دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇنىڭ مېمارىي ئىستېدادىغا تەسىر كۆرسەتكەن تۈركلۈك ئامىلى
ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بىناكارلىق نەزەرىيىسىگە تۈركلۈك ئامىلىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ ئاناتولىيەنىڭ ھېچبىر يېرى خالىي قالمىغان سەلجۇقىيلارغا ئائىت ئىمارەتلەرنى كۆرۈپ چوڭ بولغان. سىنان ياۋروپانى زىيارەت قىلغاندا زور ۋە ئېگىز قۇرۇلۇشلارنى سېلىش پىكرىدىن تەسىرلەنگەن بولسا، ئىسلامىي چۈشەنچىگە ئىگە پۈتۈن بىناكارلىقنى سەلجۇقىيلار مېمارچىلىقىدىن قوبۇل قىلغان.
ئاياسوفيانىڭ سىنانغا كۆرسەتكەن تەسىرى
بۇ يەردە سىناننىڭ مېمارچىلىق پىكرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئۈچىنچى بىر ئامىل بار. ئۇ بولسىمۇ ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفيادۇر. بۇ ئەسلى چېركاۋ بولۇپ، ھ. 857 / م. 1453 – يىلى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئىستانبۇلنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن بىر جامەگە ئايلانغان. مېمار سىنان ئاياسوفيا ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش ۋە تەكشۈرۈشلىرى ئارقىلىق، كاللىسىغا ئورنىغان زور كۆلەملىك دىنىي مېمارچىلىق سەنئىتى پىكرىنى ئاياسوفيادىن ئالغان. يىغىنچاقلاپ دېگىنىمىزدە، ئوسمانىيلار تۈرك مېمارى سىناننىڭ دىنىي قۇرۇلۇشلار ساھەسىدىكى ئىنژېنېرلىق پىكرى ئۈچ ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇلار تەرتىپى بويىچە: سەلجۇقىيلار بىناكارلىقى، ياۋروپا بىناكارلىقى ۋە ۋىزانتىيە بىناكارلىقى.
ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ باش مېمارى بولۇشى
ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ بۇرۇنقى باش مېمارى ئەجەم ئەلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھ. 944 / م. 1538 – يىلى مېمار سىنان ئۆزىنىڭ تالانتى بىلەن ئۇنىڭ مەنسىپىگە تەيىنلىنىدۇ. ئۇ بۇ مەنسەپكە ئىگە بولۇش بىلەن سارايلار، مەكتەپلەر، مەقبەرىلەر، سۇ يوللىرى، ھامماملار ۋە ئىمارەتخانەلەر (خەيرىيەت تائامخانىلىرى) قاتارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشقا مەسئۇل بولغان ھەمدە يەنە پايتەختتە يېڭى يوللارنى ئېچىش، پىيادىلەر يوللىرىنى ياساش، ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى چېقىۋېتىشكە ئائىت قارارلارنى چىقىرىش سالاھىيىتى بار بولۇپ، قەلئە قۇرۇلۇشلىرىغىمۇ رىياسەتچىلىك قىلاتتى.
دۆلەت مىقياسىدىكى قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئىشى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار سىناننىڭ زامانداش ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلۇش سەنئەتكارلىرى ئىدى. مەسىلەن، ئىستانبۇلدىكى «يېڭى جامى»نى ياسىغان مېمار داۋۇد ئاغا (ھ. 1007 / م. 1598 – يىلى تاماملىيالماي ۋاپات بولغان). يېڭى جامى ئۇنىڭ كاتتا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە دۇنيادىكى ئۆچمەس بىناكارلىق سەنئەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان، «كۆك جامى» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان «سۇلتان ئەھمەد جامەسى»نى قۇرۇپ چىققان مېمار مۇھەممەد ئاغا سەدەپكار (ئۆ.ھ. 1027 / م. 1618) قاتارلىقلار.

شاگىرتلىرى
ئۇنىڭ شاگىرتلىرى: ئەھمەد ئاغا، داۋۇد ئاغا، يېتىم بابا ئەلى، كىچىك سىنان ۋە مېمار يۈسۈف قاتارلىقلار. كۆپ كىشىلەر كىچىك سىنان بىلەن ئىنژېنېر چوڭ سىنان ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. يۈسۈف، سىناننىڭ ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتى دەپ قارىلىدۇ. ھىندىستاندىكى مەشھۇر موغۇل سۇلتانى جالالىددىن ئەكبەرنىڭ لاھۇر، دېھلى ۋە ئاگرا سارايلىرىنىڭ ياسىلىشى ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلىدۇ.
قۇرۇلۇش ئىشلىرى
مېمارسىنان ئىنژېنېرلىق تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، گۈمبەز تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ كەڭ بوشلۇقلىرىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ماھىر بىر ئۇستىغا ئايلانغانىدى. مېمار سىنان بىزگە 441 كاتتا يادىكارلىقنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار 80 جامە، 50 ئادەتتىكى مەسجىد، نۇرغۇن شىپاخانىلار، كاتتا سارايلار، داڭلىق تۈرك ھامماملىرى، كۆۋرۈك، مەقبەرە، كارۋانساراي، سۇ ئامبارلىرى، مەكتەپ، كۇتۇپخانا، دارۇلئەيتام، سۇ يولى قاتارلىقلاردۇر. ئۇ بىزگە ئۇنى ئۇلۇغلىغۇدەك نۇرغۇن تارىخىي ئىزنالارنى مىراس قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ مېمارچىلىق ئۇسلۇبى ۋە پاسونىنى بويلاپ ماڭىدىغان مەكتەپلەر قۇرۇلماقتا.
مېمارسىناننىڭ مېمارچىلىق پائالىيەتلىرى پايتەخت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، بەلكى ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ كۆپلىگەن تەرەپلىرىگە سوزۇلغان. ئۇ بۇگۈنكى بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيەدىكى مۇھەممەد پاشا بۇسنىي جامەسى، ھەلەبتىكى خۇسرەۋىيلەر جامەسى دەپ تونۇلغان خۇسرەۋ پاشا جامەسى، دەمەشقتىكى سۇلتان سۇلايمان جامەسى ۋە سۇلتان سۇلايمان ئىمارەتخانەسى (خەيرىيەت تائامخانىسى) قاتارلىقلارنى ياسىغان. شۇنداقلا يەنە، مەككەدىكى مەسجىدى ھەرەمنىڭ گۈمبەزلىرىنى رېمۇنت قىلغان. ھ. 945 / م. 1539 – يىلى خاسەكى سۇلتان(4) نامىدىكى بىر ئىمارەتخانەنى ياسىغان ۋە بۇ قۇرۇلۇشقا سەدەپ شەكلىدە كۆرۈنىدىغان كۆزلۈك بۇلۇڭ ئەگمە شەكىلنى قوللانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 17 يىل بۇرۇن مىسىرنىڭ سابىق ۋالىيلىرىنىڭ بىرى بولغان چوپان مۇستافا پاشا ئۈچۈن سالغان گەبزەدىكى بىر مەسجىدكىمۇ شۇ شەكىلنى قوللانغان ئىدى، سۇلتان سۇلايمان مەدرىسەسىنىمۇ شۇ يوسۇندا سالغان. ئۇنىڭ يەنە، بەسرە، قۇددۇس ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ قۇرۇلۇش ئىزنالىرى بار.
ئەڭ مۇھىم مېمارچىلىق باسقۇچلىرى
مېمار سىنان ئاغا مېمارچىلىق تەرەققىياتىدا ئۈچ خىل باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭ سالغان قۇرۇلۇشلىرىدىن بىردىن قۇرۇلۇشتا ئەكس ئېتىدۇ. ئۇ ئۆزى بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «بىرىنچىسى، شاگىرتلىق باسقۇچۇم. ئىككىنچىسى، خەلپەت مېمار بولغان باسقۇچۇم. ئۈچىنچىسى، ئۇستا بولغان باسقۇچۇم».
بىرىنچى قۇرۇلۇش بولسا، ئىستانبۇلدىكى شاھزادە جامەسى (ھ. 951 – 955 / م. 1544 – 1548) بولۇپ، مۇھەممەدىيە جامەسىنىڭ ئۇسۇلىدا سېلىنغان. ئىككىنچىسى يەنە ئىستانبۇلدىكى سۇلايمانىيە جامەسى (ھ. 957 – 964 / م. 1550 – 1557) بولۇپ، سىنان ئۇنىڭدا ئاياسوفيانىڭ ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلىپ، جامەنى مۇكەممەل ۋە پۇختا سالغان ئىدى. ئۈچىنچىسى بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ مۇكەممەل سەنئەت ئەسىرى بولغان ئەدىرنەدىكى سەلىمىيە جامەسىدۇر (ھ. 975 – 982 / م. 1568 – 1574). بۇ ئەسەرلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى تارىخنىڭ ئەڭ ئۇستا بىناكارلىرى قاتارىغا تىزغان ئىدى.
مېمار سىنان شاھزادە باشى جامەسى – مېنىڭ خاس لايىھەمنى قۇببىلىك بوشلۇقلارغا قوللىنىشتىكى تەجرىبەمنىڭ يەكۈنىدۇر. سەلىمىيە جامەسى – مېنىڭ قالتىس پىلانىم ئورنىدا، سۇلايمانىيە – گۈمبەز ۋە گۈمبەزلىك بوشلۇقلار قۇرۇلۇشىغا قارىتا كەسىپتە پىشقان باسقۇچۇم، دەپ كۆرسىتىدۇ.

شاھزادە مەسجىدى
مېمار سىنان قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ ئوغلى شاھزادە مۇھەممەدنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، سۇلتاننىڭ پەرمانى بىلەن ھ. 951 / م. 1544 – يىلى شاھزادە جامەسىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ جامەنىڭ ياسىلىشىغا تۆت يىل ۋاقىت كەتكەن.
جامەگە ئېھرام شەكىللىك بىر بىنا قوشۇلغان بولۇپ، ئۇ بىنا مەدرىسە، يوقسۇللار ئاش ئۆيى ۋە كارۋانساراي قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان. بىز ئۇنىڭدىن مېمار سىناننىڭ مەركىزىي گۈمبەزنى ۋە يېرىم گۈمبەزلەرنى ياساشتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى بايقىيالايمىز. ئۇ مەركىزىي گۈمبەز ئۈچۈن ۋە مەركىزىي گۈمبەزنىڭ چۆرىسىدىكى يېرىم تۆت گۈمبەز ئۈچۈن ئۈلگە ياراتقان ئىدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن گۈمبەزلەرنىڭ بىرىنچى قيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان. جامەنىڭ چوڭ گۈمبىزىنىڭ دىئامېتىرى 19 مېتىرغا، ئېگىزلىكى 37 مېتىرغا يەتكەن. قۇرۇلمىنىڭ سىرتتىن مۇزلىشىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، تاشقى تۆت گۈمبەزنىڭ تۈۋرۈكلىرىنىڭ ئۇچىنى مۇنار شەكىللىك دولقۇنسىمان گۈمبەزلەر بىلەن ئورىغان.
سۇلايمانىيە جامەسى
سۇلايمانىيە جامەسى مېمار سىناننىڭ قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە تاماملانغان ئەڭ مەشھۇر بىناكارلىق سەنئەتلىرىدىن بىرىدۇر. سىنان ئۇنىڭدا ئوسمانىيلارچە ۋە ئىسلامچە بىناكارلىق سەنئىتىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان يېڭىچە بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
مېمار سىنان سۇلايمانىيە جامەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرگىچە 60 ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، ئۇنى سېلىشقا (ھ. 957 – 964 / م. 1550 – 1557) يەتتە يىل كەتكەن. بۇ جامە ئۇنىڭ ئاياسوفيا چېركاۋىنىڭ لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ گۈمبىزىنىڭ يوغان بولۇشىنىڭ سىرىنى بىلگەندىن كېيىنكى، شۇنداقلا يەنە، ئۇنىڭ گۈمبىزىنىڭ يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغاندا يېرىلىپ كېتىشتىكى يوشۇرۇن ئاجىزلىقلىرىنى بايقاپ چىققاندىن كېيىنكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەجرىبىسىنىڭ مەھسۇلى ۋە نادىر ئەسىرى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇ مەسجىد ھازىر يۇقىرى تۆپىلىكتە ئالتۇن ئەسىرنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.

ئىمارەتخانە، شىپاخانا، تېببىي مەدرىسە، ھاممام، كىتابخانا، تۆت ئالىي مەدرىسە ۋە نۇرغۇن ساندىكى دۇكان قاتارلىقلار مەسجىد دائىرىسىگە قوشۇلغان. جامەنىڭ ئارقا تامانىدا ئايرىم – ئايرىم ئىككى مەقبەرە بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، سۇلتان سۇلايماننىڭ، يەنە بىرى، ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ قەبرىسىدۇر. شۇنداقلا يەنە، مېمار سىناننىڭ ئۆزى ياسىغان قەبرىسىمۇ شۇ جامەگە يېقىن يەرگە جايلاشقان.
مېمار سىنان جامەنى سېلىشتا ئېگىزلىكى 53 مېتىر، دىئامېتىرى 27.5 مېتىرلىق ئوتتۇرا گۈمبەز تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن. ئوتتۇرا گۈمبەزنىڭ ئىككى تەرىپىدە يېرىم گۈمبەز دەپ ئاتىلىدىغان بىر قاتار قوشۇمچە گۈمبەزلەر بار. گۈمبەزدىن تۆۋەنگە قاراپ ساڭگىلىغان چىراقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۆگە قۇشى تۇخۇملىرى مېمار سىناننىڭ تەڭداشسىز بىناكارلىق ماھارىتى ۋە دانالىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. شاملار يېقىلغاندىن كېيىن چىقىدىغان ئىسلارنىڭ ھەممىسى مېمار سىناننىڭ ئۇستىلىقى بىلەن جامەگە تارقايدىغان ئەمەس، بەلكى ھاۋا ئېقىمى ئارقىلىق جامەگە كىرىش ئېغىزىغا يېقىن يەردىكى بىر ئۆيگە توپلىنىدىغان شەكىلدە سىستېمىلاشتۇرۇلغان. جامەنىڭ ئىچ ھويلىسىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا بىردىن مۇنار بار بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى مۇنار كەينىدىكىسىگە نىسبەتەن سەل پاكار. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىككىدىن پەشتىقى بار. ئەمما، ئارقا ئىككى مۇنار خېلى ئېگىز بولۇپ، ھەرئىككىلىسىنىڭ ئۈچ پەشتىقى بار. جامەنىڭ تۆت مۇنارى قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ ئىستانبۇل فەتىھىدىن كېيىنكى ئوسمانىيلار سۇلتانلىرىنىڭ 4 – سۇلتانى ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. 10 پەشتاق بولسا سۇلتان سۇلايماننىڭ ئوسمانىيلار سۇلتانلىرىنىڭ 10 – سۇلتانى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ ئارقىلىق مېمار سىنان قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ ئەتۋارلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.
مەسجىدنىڭ گۈمبىزى ئاۋاز ياڭراتقۇ رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، تۆۋەن ئاۋاز دولقۇنلىرىنى سۈمۈرىۋالىدۇ. كىچىك گۈمبەزلەر بولسا، يۇقىرى ئاۋاز دولقۇنلىرىنى سۈمۈرىۋالىدۇ. يەنى، مىكروفۇن ئىجاد قىلىنىشتىن 300 يىل ئىلگىرى بۇ گۈمبەزلەر ياڭراتقۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، جامەنىڭ يورۇق دېرىزىلىرى رەڭلىك ئەينەكلەر بىلەن گۈزەللەشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ تۆت بۇلۇڭدىكى تۆت مۇنارى تۆپىلىكنى ئوراپ يارقىن مەنزىرە سۈپىتىدە شەھەرگە ھۆسىن قوشىدۇ.

ئەڭ كاتتا ئەسىرى _ سەلىمىيە جامەسى
قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىدا، مېمار سىنان ياسىغان ئەڭ كاتتا ئەسەر دەپ سانىلىدىغان سەلىمىيە جامەسىدە سىنان قۇرۇلۇش ۋە بىناكارلىق دۇنياسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىغا يەتكەن. مېمار سىنان ئۇنى قانۇنىي سۇلتان سۇلايمانغا ئىزباسار بولغان سۇلتان II سەلىمنىڭ پەرمانىغا بىنائەن ياساپ چىققان. مېمار سىنان جامەنى سېلىش ئۈچۈن ئەدىرنە شەھىرىنىڭ ھەممە ياقلىرىدىن كۆرگىلى بولىدىغان ئەڭ ئېگىز بىر تۆپىلىكىنى تاللىغان. قۇرۇلۇشنى ھ. 976 / م. 1568 – يىلى باشلاپ، ئالتە يىلدا پۈتتۈرگەن. ئۇ شۇ چاغدا 80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى.
مېمار سىنان بۇ جامەنى بۇنداق قالتىس پۈتتۈرۈپ چىقىشىدىكى ئامىللار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «باشقا مېمارلار: بىز مۇسۇلمانلاردىن ئۈستۈنمىز، چۈنكى ئىسلام دۇنياسى ئاياسوفيادەك كاتتا بىر گۈمبەزدىن يوقسۇل، بۇنداق يوغان بىر گۈمبەزنى ياساپ چىقىش ناھايىتى تەس ئىش، دېيىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى كەمىنە ئاجىز بەندىنىڭ قەلبىدە ئەلەملىك تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. شۇ جەھەتتىن مەن بۇ جامەنى ياساشتا ئالىي ھىممەت كۆرسەتتىم. ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن، ئاندىن قالسا سۇلتان سەلىمخاننىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن پۈتۈن كۈچۈمنى چىقاردىم ھەم بۇ جامەنىڭ گۈمبىزىنى ئاياسوفيانىڭ گۈمبىزىدىن ئالتە گەز ئېگىز ۋە تۆت گەز چوڭقۇرراق قىلدىم».

سىنان ئىلگىرى شاھزادە ۋە سۇلايمانىيە جامەلىرىدە قوللانغان يېرىم گۈمبەز تېخنىكىسىنى قوللانماي، بەلكى بۇ جامەنىڭ پۈتۈن يەرلىرىنى دىئامېتىرى 31.25 مېتىر كېلىدىغان بىرلا گۈمبەز بىلەن ئورىغان. جامەنىڭ تۆت مۇنارىنىڭ ھەربىرى 70 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ مۇنارلار ئىنچىكە بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز مۇنارلاردىندۇر. جامەنىڭ مۇنبىرى ۋە تاھارەتخانىسى مەرمەردىن ياسالغان بولۇپ، جامەنىڭ خۇشخەتلىرىنى خەتتات ھەسەن قاراھىسارىي (ئۆ. ھ. 1002 / م. 1594 – يىلدىن كېيىن) يازغان.
ۋاپاتى
مېمار سىنان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ، يۈز ياشقا يېقىنلاشقان ئىدى. ئۇ ئوسمانىيلار سۇلتانلىرىدىن بەشى بىلەن زامانداش بولغان. ئۇلار: II بايەزىد، I سەلىم، قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان، II سەلىم، III مۇراد قاتارلىقلاردۇر.
مېمار سىنان ئۇلۇغۋار خىزمەتلەرگە تولغان ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ھالدا، ھ. 996 / م. 1588 – يىلى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. ئاللاھ ئىگەم ئۇنىڭغا مول ئەجىرلىرى ۋە چەكسىز رەھمەتلىرىنى بېغىشلىغاي!
مەنبە: http://islamstory.com/ar
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي
1. مېمار سىناننىڭ ئاتا – بوۋىسىنىڭ ئىسمى ھەققىدە ئىختىلاپ بار بولۇپ، يەنە بەزى مەنبەلەردە ئابدۇلمەننان ئوغلى سىنان دەپ ئېلىنغان.
2. دەۋشىرمە تۈزۈمى (Devşirme): «ئوسمانىيلار دۆلىتىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سېلىش ئۈچۈن ئوسمانىيلار تەۋەلىكىدىكى خرىستىيان بالىلارنىڭ بىر قانۇن بويىچە توپلىنىشى»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «دەۋشىرمە» ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ، 9\254 – 257، ئىستانبۇل، م. 1994.
3. تۈركچە ئاتىلىشى تۇنا.
4. خاسەكى سۇلتان: ئوسمانىيلار سۇلتانلىرىدىن ئوغۇل پەرزەنت تۇغقان دېدەكلەرگە بېرىلگەن ئۇنۋان. قاراڭ: https://islamansiklopedisi.org.tr/haseki

