بېخىللىق، ھېرىسمەنلىك، تەمەخورلۇقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى قانائەتچان ۋە سېخىي بولۇش توغرىسىدا

بېخىللىق، ھېرىسمەنلىك، تەمەخورلۇقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى قانائەتچان ۋە سېخىي بولۇش توغرىسىدا

بېخىللىق، ھېرىسمەنلىك، تەمەخورلۇقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى، مالنىڭ ئەيىبلىنىدىغان ۋە ماختىلىدىغان تەرەپلىرى، قانائەتچان بولۇش، سېخىي بولۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۈپەتلەرنىڭ مەدھىيەلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا

شۇنى بىلگىنكى، مالنىڭ ئۆزى ئەيىبلەنمەيدۇ. بەلكى ئىنساندىكى سۈپەتلەر سەۋەبىدىن مالنى ئەيىبلەش يۈز بېرىدۇ. ئۇ سۈپەتلەر بولسا: ئىنساننىڭ مالغا قاتتىق ھېرىسمەن بولۇشى ياكى ئۇنى ئېلىش ھالال بولمايدىغان ئورۇندىن ئېلىشى، ياكى مالنىڭ زاكاتقا ئوخشاش ھەققىنى بەرمەسلىكى، ياكى مالنى ھالال بولمايدىغان يەرگە سەرپ قىلىشى ۋەياكى مال بىلەن پەخىر قىلىشى قاتارلىق سۈپەتلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار (سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار﴾(64/«تەغابۇن»: 15).

«سۇنەنۇتتىرمىزىي»دا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مال ۋە مەنسەپ سەۋداسىنىڭ بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىغا بەرگەن زىيىنى ئىككى ئاچ بۆرىنىڭ بىر قوتانغا كىرىپ، يېگىنىنى يەپ، قالغىنىنى ئۆلتۈرۈپ (مال ئىگىسىگە) سالغان زىيىنىدىن تېخىمۇ چوڭدۇر»(1).

سەلەف سالىهلەر مالنىڭ پىتنىسىدىن بەك قورقاتتى.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شەھەرلەرنىڭ فەتىھ بولغىنىنى كۆرسە يىغلاپ كېتەتتى ۋە: «ئاللاھ تائالا بۇ فەتىھلەرنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئەبۇبەكرى ئىككىسىگە بېرىشنى خاھلىماي، ئۆمەرگە بەرگۈسى كېلىپ نېسىب قىلغىنى يوق» دەيتتى.

يەھيا ئىبنى مۇئاز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «پۇل چايانغا ئوخشاشتۇر، شۇڭا سەن ئۇنىڭغا ئوبدان دېمىدە قىلالمىساڭ ئۇنى ئالمىغىن، چۈنكى ئۇ سېنى چېقىۋالسا زەھىرى سېنى ئۆلتۈرىدۇ». يەھياغا:

— ئۇنىڭغا دېمىدە قىلىش دېگەن نېمە؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ:

— مالنى ھالالدىن تېپىش ۋە ھالالغا سەرپ قىلىش، — دېدى».

ئۇ يەنە: «بەندە ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ مېلىغا كىشىلەر مىسلىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىككى مۇسىبەت كېلىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭغا:

— قايسى ئىككى مۇسىبەت؟ — دېدىلەر، ئۇ:

— ئۇ بارلىق مېلىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ۋە ئۇ ماللاردىن سوئال قىلىنىدۇ، — دېدى.

مالنى ماختاش توغرىسىدا
يۇقىرىدا مالنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيىبلەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدۇق. بەلكى، مال ماختىلىشى كېرەك. چۈنكى، مال دىن ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشىش سەۋەبىدۇر. ئاللاھ تائالا مالنى ياخشلىق دەپ ئاتىدى. مال بولسا ئىنساننىڭ تىرىكچىلىكىنىڭ ئاساسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان ماللىرىڭلارنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماڭلار!﴾(4/«نىساﺋ»: 5).

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «مال ئارقىلىق ئابرۇيىنى ساقلاشنى، سىلە – رەھىم قىلىشنى ۋە مالنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشنى ئويلىسىمۇ، ھالالدىن مال توپلاشنى كۆزلىمىگەن كىشىدە ياخشىلىق يوق».

ئەبۇ ئىسھاق سەبئىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «ئۇلار ‹مال – دۇنيانىڭ كەڭرىچىلىكى دىنغا ياردەم بېرىدۇ› دەپ قارايتتى».

سۇفيان سەۋرىي رەھىمەھۇللاھ: «مال بىزنىڭ بۇ زامانىمىزدا مۇئمىنلەرنىڭ قورالىغا ئوخشاشتۇر» دېگەن.

خۇلاسە كالام: مال زەھىرىمۇ ۋە زەھەر قايتۇرغۇچى دورىسىمۇ بار بولغان بىر يىلانغا ئوخشاشتۇركى، ئۇنىڭ زەھەر قايتۇرىدىغان دورىسى ئۇنىڭ پايدىلىرى، ئاپەتلىرى بولسا ئۇنىڭ زەھىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى مالنىڭ ئاپەتلىرى ۋە پايدىلىرىنى بىلسە، مالنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنالايدۇ ۋە مالنىڭ ياخشىلىقىدىن پايدىلىنالايدۇ.

مالنىڭ پايدىلىرى دۇنيالىق ۋە دىنىي دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

دۇنيالىق پايدىلار: ھەممە ئۇنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار مال تەلەپ قىلىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىدۇ.

مالنىڭ دىنىي پايدىلىرىنى ئۈچ تۈرگە ئىخچاملاشقا بولىدۇ:

بىرىنچى تۈر: مالنى ھەج ياكى جىھادقا ئوخشاش ئىبادەتلەرنى قىلىشتا ياكى تىرىكچىلىكنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىدىن بولغان يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە تۇرالغۇ جايغا ئوخشاش ئىبادەتلەرنى قىلىشتا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىگە نەپىقە قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ھاجەتلەر تولۇق بولمىسا، قەلب دىن ۋە ئىبادەتكە بېرىلەلمەيدۇ. ئىبادەت قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتىمۇ ئىبادەتتۇر. شۇڭا، دىنىغا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن دۇنيالىقتىن يېتەرلىك مىقداردا ئېلىش دىنىي مەنپەئەتلەر جۈملىسىدىندۇر. ھاجەت مىقدارىدىن زىيادە ئېلىش ۋە راھەت – پاراغەتتە ياشاش بۇنىڭ سىرتىدا. چۈنكى، ئۇ دۇنيانىڭ نېسىۋىلىرىدىندۇر.

ئىككىنچى تۈر: كىشىلەرگە سەرپ قىلىنىدىغان مال بولۇپ، ئۇ تۆت قىسىم بولىدۇ.

بىرىنچى قىسىم: سەدىقە قىلىش. سەدىقە قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى كۆپ ۋە مەشھۇردۇر.

ئىككىنچى قىسىم: ئادەمگەرچىلىك قىلىش. يەنى، مالنى بايلارغا ۋە ئۇلۇغلارغا زىياپەت، ھەدىيە ۋە ياردەم قىلىش قاتارلىقلاردا سەرپ قىلىش. بۇمۇ دىنىي مەنپەئەتلەر قاتارىدىندۇر. چۈنكى، مال ئارقىلىق بەندە دوست ۋە يېقىنلارغا ئېرىشىدۇ.

ئۈچىنچى قىسىم: شائىرلارنىڭ ھەجۋ قىلىشى، ئەخمەقلەرنىڭ ئەيىبلىشىنى دەﻓﺌ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ تىلىنى توختىتىش، يامانلىقىدىن ساقلىنىش قاتارلىقلار ئۈچۈن مال سەرپ قىلىپ، يۈز – ئابرۇيىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. بۇمۇ دىنىي مەنپەئەتلەردىن بىرىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر ئادەم بىرنەرسە بىلەن يۈز – ئابرۇيىنى قوغدىسا، ئۇ نەرسە سەدىقە ئورنىدا بولىدۇ»(2) دېگەن.

چۈنكى، مال غەيۋەت قىلغۇچىنى غەيۋەت قىلىش گۇناھىدىن توسىدۇ. شەرىئەت چېگراسىدىن ئۆتۈپ ئىنتىقام ئېلىشقا سەۋەب بولىدىغان دۈشمەنلىشىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.

تۆتىنچى قىسىم: باشقىلارنى خىزمەتكە سالغانلىقىغا ئىش ھەققى بېرىش. ئىنسان ئورۇنداشقا موھتاج بولىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپتۇر. ئەگەر ئۇ ئىشلارنى ئۆزى قىلىمەن دېسە ۋاقىتلىرى زايە بولىدۇ ۋە ئاخىرەت يولىغا ماڭغۇچىلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك ماقامى بولغان زىكىر ئېيتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئاخىرەت يولىدا مېڭىشى قىيىن بولىدۇ. مېلى يوق ئادەم ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىشقا مەجبۇردۇر. شۇڭا، باشقىلار قىلالايدىغان ۋە باشقىلارنىڭ قىلىشى بىلەن سېنىڭ مەقسىتىڭ ھاسىل بولۇشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق ئىش ئۈچۈن مەشغۇل بولۇشۇڭ زىياندۇر. چۈنكى، سەن باشقىلار قىلالمايدىغان ئىلىم، ئەمەل، زىكىر ۋە تەپەككۇر بىلەن مەشغۇل بولۇشقا ئۇ ئىشلارغا قارىغاندا بەكرەك موھتاجسەن.

ئۈچىنچى تۈر: ئىنسان مۇئەييەن بىرنەرسىگە سەرپ قىلمىغان، لېكىن مەسجىدلەرنى، كۆۋرۈكلەرنى، مەڭگۈلۈك ۋەقفلەرنى بىنا قىلىشقا ئوخشاش ئومۇمىي ياخشىلىققا ئېرىشتۈرىدىغان مال.

مانا بۇلار تىلەش خارلىقىدىن، نامراتلىق زەبۇنلىقىدىن قۇتۇلۇش، مەخلۇقاتلار ئارىسىدا ئەزىز بولۇش، كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە ھۆرمەتلىك ۋە قىممەتلىك بولۇش قاتارلىق نەق نېسىۋىلەردىن باشقا مالنىڭ بىر قىسىم دىنىي پايدىلىرىدۇر.

مالنىڭ يامانلىق ۋە ئاپەتلىرىگە كەلسەك، ئۇمۇ دۇنيالىق ۋە دىنىي ئاپەتلەر دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ:

مالنىڭ دىنىي ئاپەتلىرى ئۈچ قىسىمدۇر:

بىرىنچى: مال كۆپىنچە ھالدا گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى، ئۆزىدە گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشقا كۈچ – قۇۋۋەت سەزگەن كىشى ئۇنىڭغا مايىل بولىدۇ.

مال بولسا گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدىغان بىر تۈرلۈك كۈچتۇر. ئىنسان گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشتىن ئۈمىدسىزلەنگەندە، ئۇنىڭدىكى گۇناھ – مەئسىيەتكە بولغان مايىللىق قوزغالمايدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتنى ھەم تاپالمايدۇ. يەنى كۈچ – قۇۋۋەت ئىگىسى ئەگەر كۆڭلى تارتقان نەرسىنى قىلىۋەرسە ھالاك بولىدۇ. ئەگەر كۈچ – قۇۋۋىتى بار تۇرۇپ كۆڭلى تارتقان نەرسىنى قىلماي سەبر قىلسا، سەبر ئىمتىھانىغا ئۇچرايدۇ. كەڭرىچىلىكنىڭ پىتنىسى تارچىلىقنىڭ پىتنىسىدىن ياماندۇر.

ئىككىنچى: مال ئىنساننى مۇباھ نەرسىلەر بىلەن باياشات ياشاشقا ئېلىپ بارىدۇ، ھەتتا باياشات تۇرمۇش كىشىگە ئادەت ۋە ئۈلپەت بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باياشات ياشىمىسا سەبر قىلالمايدۇ، بەزىدە شۈبھىلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىقلا باياشات ياشاشقا قادىر بولىدۇ ۋە شۈبھە ئىشلارغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، ئاندىن بۇ خۇشامەت قىلىش ۋە ئىككى يۈزلىمىلىكتەك ئاپەتلەرگە تەرەققىي قىلىدۇ. چۈنكى، مېلى كۆپ بولغان كىشى كىشىلەرگە ئارىلىشىدۇ، كىشىلەرگە ئارىلاشقان كىشى ئىككى يۈزلىمىلىك، ئاداۋەت، ھەسەت ۋە غەيۋەت قىلىشلاردىن ساقلىنالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مالنى كۆپەيتىشكە ھاجىتى بولغانلىقتىن بولىدۇ.

ئۈچىنچى: ھېچقانداق كىشى ساقلىنالمايدىغان ئاپەت — مالنىڭ ئىنساننى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن مەشغۇل قىلىشىدۇر. بۇ بولسا ساقايتىش قىيىن بولغان بىر كېسەلدۇر. چۈنكى، ئىبادەتلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە كاتتىلىقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشتۇر. زىكىر قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش پارىغ بىر قەلبنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئېتىزلىقى بار كىشى دېھقانلارغا ئاداۋەت تۇتۇش، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ خىيانەت قىلىشىدىن كېچە – كۈندۈز دەرگۇمان بولىدۇ، قوشنىلىرى بىلەن چېگرا ۋە سۇ تالىشىش بىلەن بەند بولىدۇ. سۇلتاننىڭ ياردەمچىلىرى بولسا يەر بېجى، زېمىننى گۈللەندۈرۈشتە كەمچىلىك ئۆتكۈزگەنلەرگە تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدۇ.

تىجارەت قىلغان كىشى كېچە – كۈندۈز شېرىكىنىڭ خىيانىتى، خىزمىتىدىكى بىخەستەلىكى ۋە شېرىكنىڭ مالنى زايە قىلىۋېتىشى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدۇ.

باشقا مال تۈرلىرىمۇ مۇشۇنداق بولۇپ، ھەتتا مال توپلاپ يىغقان كىشى مالنى قانداق ساقلاش ۋە مالنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن قورقۇپ (ئالدىنى ئېلىش) ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدۇ.

بىر كىشىنىڭ كۈنلۈكىگە كۈنلۈك يەتكۈدەك ئوزۇقى بولسا، بۇ ئاپەتلەرنىڭ ھەممىسدىن سالامەت قالىدۇ.

بۇلار مال ئىگىلىرىنىڭ دۇنيادا تارتىدىغان ئەندىشە، غەم – قايغۇ ۋە چارچاشلاردىن باشقا ئاپەتلىرىدۇر. شۇنداق بولغان ئىكەن، مالنىڭ زەھىرىنى قايتۇرغۇچى ئۈنۈملۈك دورا بولسا ھاجەت مىقدارىدا ئوزۇق ئېلىش، ئارتۇقىنى ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىشتۇر. بۇنىڭدىن ئارتۇقى زەھەر ۋە ئاپەتتۇر.

ھېرىسمەنلىك ۋە تەمەخورلۇقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى، قانائەت قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ قوللىرىدىكى نەرسىلەردىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشنىڭ ماختىلىدىغانلىقى توغرىسىدا
شۇنى بىلگىنكى، نامراتلىق ماختالغۇچىدۇر. لېكىن، نامرات كىشى ئىنسانلاردىن تەمەسى ئۈزۈلگەن، ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى نەرسىلەرگە قارىمايدىغان ۋە قانداق يول بىلەن بولسۇن مالنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھېرىسمەن بولمايدىغان قانائەتچان بولۇشى كېرەك. بۇ پەقەت زۆرۈر بولغان يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەك بىلەن قانائەت قىلىش ئارقىلىق مۇمكىندۇر.

«سەھىھۇ مۇسلىم»دا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىمان ئېيتقان، يەتكۈدەك رىزىق بېرىلگەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەنلىرىگە قانائەت قىلغان كىشى مۇرادىغا يەتكەن كىشىدۇر»(3).

داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام دەيدۇ: «بىز تۇرمۇشنىڭ باياشىتى بولسۇن، قاتتىق – قۇرۇقى بولسۇن، ھەممىسىنى ياشاپ باقتۇق، ئاندىن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق».

بىر ھەدىستە، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ: «قانائەت قىلىش تۈگىمەس بايلىقتۇر»(4) دېگەن.

ئەبۇ ھازىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت بار بولۇپ، ئۇلار بىلەن كىشىنىڭ ئەقلى مۇكەممەل بولىدۇ: ئۇلار ئۆزىنى تونۇش، تىلىنى ساقلاش ۋە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە بەرگەن رىزىققا قانائەت قىلىشتۇر».

بەزى ھەكىملەر مۇنداق بىر جۈملىنى ئوقۇغان: «قانائەتكارلىقنى يېپىنچا قىلساڭ، ئەزىز بولىسەن».

ھېرىسمەنلىككە كەلسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋسەللەم ھېرىسمەنلىكتىن توسۇپ: «ئى خالايىق! رىزىقنى چىرايلىقچە تەلەپ قىلىڭلار، چۈنكى بەندە پېشانىسىگە پۈتۈلگەنگىلا ئېرىشىدۇ» دېگەن(5).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە تەمەخورلۇقتىن توسۇپ: «كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى نەرسىلەردىن ئۈمىدسىز بولۇشقا بەل باغلىغىن» دېگەن(6).

بەزىلەر: «ئەگەر تەمەخورلۇققا: ‹ئاتاڭ كىم؟› دېيىلسە، تەمەخورلۇق: ‹تەقدىر قىلىنغانغا شەك قىلىش› دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئەگەر ئۇنىڭغا: ‹نېمىگە ئېرىشىسەن؟› دېيىلسە، ‹خارلىققا› دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئۇنىڭغا: ‹مەقسىتىڭ نېمە؟› دېيىلسە، ‹مەھرۇم قېلىش› دەپ جاۋاب بېرەتتى» دېگەن.

دېيىلدىكى: «تەمەخورلۇق ئەمىرنىمۇ خار قىلۇر، بىراۋنىڭ قولىدىكى نەرسىدىن ئۈمىدۋار بولماسلىق نامراتنىمۇ ئەزىز قىلۇر».

ھېرىسمەنلىك ۋە تەمەخورلۇقنىڭ شىپاسى ھەمدە قانائەتچانلىق سۈپىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان دورا توغرىسىدا
شۇنى بىلگىنكى، بۇ دورا سەبر قىلىش، ئىلىم ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساستىن بىرىككەندۇر. بۇلارنىڭ يىغىندىسى بەش تۈرلۈكتۇر:

بىرىنچى: تىرىكچىلىك ۋە نەپىقە قىلىشتا ئوتتۇراھال بولۇش. قانائەتچان بولاي دېگۈچى ئىمكان بار ئۆزىدىن قانائەتچانلىقنى يوقىتىدىغان ئامىللاردىن قېچىشى ۋە نەپسىنى بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر نەرسىلەرگىلا يۈزلەندۈرۈشى كېرەك. ھەرقانداق تاماق، ئازغىنە تېتىتقۇ ۋە بىر قۇر ئۈستباشقا قانائەت قىلىشى ۋە ئۆزىنى بۇنىڭغا ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئەگەر بالىچاقىلىرى بولسا ئۇلارنىمۇ بىر – بىردىن بۇ مىقدارغا كۆندۈرۈشى كېرەك.

ئاللاھنىڭ رەسۇلى: «تېجەشلىك بولغان كىشى موھتاج بولۇپ قالمايدۇ»(7) دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە: «ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرمۇشنىڭ يېرىمىدۇر» دېگەن([8]).^

باشقا بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك ئىش ئازابتىن قۇتقۇزغۇچىدۇر: ئاشكارا ۋە مەخپىي ھالەتتە ئاللاھتىن قورقۇش، يوقسۇللۇقتا ھەم باياشاتلىقتا تېجەشلىك بولۇش، رازى ياكى نارازى بولغان ھەرقانداق چاغدا ئادىل بولۇش قاتارلىقلار»(9).

ئىككىنچى: كىشىدە يەتكۈدەك مىقداردا نەق نەرسە بولسا، كېلەچەك ئۈچۈن بىئارام بولماسلىقى كېرەك. ئارزۇ – ئىستەكنى چاغلىق قىلىش ۋە رىزقىنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش بۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. كىشى شەيتاننىڭ ئىنساننى نامراتلىقتىن قورقۇتىدىغانلىقىنى بىلسۇن(10).

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن جىبرىل ئەلەيھىسسالام يۈرىكىمگە بىر جان ئىگىسى رىزقىنى ۋە ياشاش مۇددىتىنى تولۇقلىماي تۇرۇپ ئۆلمەيدىغانلىقىنى سۈفلىدى. شۇڭا، ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار! ۋە رىزىقنى چىرايلىقچە تەلەپ قىلىڭلار! رىزىقنىڭ كېچىكىشى سىلەرنى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە قارشى مەئسىيەتلەرنى قىلىش بىلەن رىزىق تەلەپ قىلىشقا ئېلىپ بارمىسۇن، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى نېئمەتكە پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش بىلەنلا ئېرىشىلىدۇ»(11).

رىزىق كېلىشىنى كۈتۈۋاتقان بىر ئىشىك ئېتىلسە، قەلبى بىئارام بولماسلىقى كېرەك.

چۈنكى، ھەدىستە: «ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇئمىن بەندىسىگە ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىشنى خاھلايدۇ» دېيىلگەن(12).

ئاللاھ تائالا: ﴿كىمكى ئاللاھتىن قورقسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ﴾(65/«تالاق»: 2، 3) دېگەن.

ئۈچىنچى: قانائەتچان بولغاندا باشقىلاردىن بىھاجەت بولۇپ ئەزىز بولىدىغانلىقىنى، تەمەخورلۇق ۋە ھېرىسمەنلىكتە باشقىلار ئالدىدا خار بولىدىغانلىقىنى بىلىش. قانائەتچان كىشىگە ئاخىرەتتە ساۋاب ھاسىل بولۇش بىلەن بىرگە ئۇ شۈبھىلەردىن ۋە ئارتۇقچە نەرسىلەردىن خالىي بولىدۇ. كىمكى نەپسىنىڭ ئەزىزلىكىنى شەھۋىتىدىن ئارتۇق بىلمىسە، ئۇنداق كىشى ئەقلى ئاجىز، ئىمانى كەمچىل كىشىدۇر.

تۆتىنچى: كىشى يەھۇدىي، ناسارالارنىڭ ۋە كىشىلەر ئىچىدىكى پەس، ئەخمەقلەرنىڭ باياشات ياشىغانلىقى ھەققىدە كۆپ تەپەككۇر قىلىشى، ئاندىن پەيغەمبەرلەر، ئەۋلىيالار، سالىھلارنىڭ ئەھۋاللىرىغا قارىشى، ئۇلار ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىشى ۋە ئەھۋاللىرىنى بىلىشى، ئۆزىگە بېرىلگەن ئاز رىزىققا سەبر ۋە قانائەت قىلىش ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاش ياكى ئالەملەر ئىچىدىكى ئەڭ پەس كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاش ئارىسىدا ئەقلىنى ئۆز ئەركىگە قويۇشى كېرەك (يەنى تاللاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك). ئەگەر ئۇ يەپ – ئىچىش بىلەن باياشات ياشىماقچى بولسا، ھايۋان ئۇنىڭدىن كۆپ يەيدۇ. ئەگەر جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئارقىلىق ھۇزۇرلانماقچى بولسا، خوراز ئۇنىڭدىن كۆپ جۈپلىشىدۇ.

بەشىنچى: بىز مالنىڭ ئاپەتلىرىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، مال يىغىشتىكى خەتەرلەرنى چۈشىنش ۋە نامراتلىقنىڭ ساۋابىغا قاراش كېرەك. بۇ داۋاملىق دۇنيالىقتا ئۆزىدىن تۆۋەن، دىنىي جەھەتتە ئۆزىدىن يۇقىرى كىشىلەرگە قاراش بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ. شۇنىڭدەك مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(پۇل – مال ۋە يارىتىلىش جەھەتتە) ئۆزۈڭلاردىن تۆۋەن كىشىلەرگە قاراڭلار، سىلەردىن يۇقىرى كىشىلەرگە قارىماڭلار، شۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمىتىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكىڭلارغا پايدىلىق» دېگەن(13).

ئىشنىڭ ئاساسى بولسا: سەبر قىلىش ۋە ئارزۇ – ھەۋەسنى چاغلىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ دائىملىق نېئمەتكە ئېرىشىش ئالدىدا دۇنيادا ئازغىنە كۈنلەر سەبر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشتۇر. (بۇ ھالەتتە) ئۇ كىشى كېسىلىدىن شىپا تېپىشنى ئۈمىد قىلىپ، دورىنىڭ ئاچچىقلىقىغا سەبر قىلىدىغان بىمارغا ئوخشاش بولىدۇ.

سېخىيلىقنىڭ پەزىلىتى
تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مېلى يوق كىشىنىڭ قانائەتچان بولۇشى، مېلى بار كىشىنىڭ بولسا سېخىيلىق قىلىشى، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئارتۇق بىلىشى ۋە ياخشىلىق قىلىشى لازىمدۇر.

چۈنكى، سېخىيلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقىدۇر. ئۇ ھەم نىجاتلىق ئاساسلىرىدىن بىر ئاساستۇر. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتىشىچە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئىسلام بولسا ئۆزۈمگە رازى بولۇپ تاللىغان دىندۇر. ئىسلام دىنىنى سېخىيلىق ۋە گۈزەل ئەخلاق ئىسلاھ قىلىدۇ. شۇڭا، ئىسلام دىنىغا ھەمراھ بولىدىكەنسىلەر، ئۇنى سېخىيلىق ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئىكرام قىلىڭلار!›»(14). يەنە بىر ھەدىستە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سېخىي كىشىنىڭ گۇناھلىرىدىن يۈز ئۆرۈڭلار. چۈنكى، ئۇ پۇتلىشىپ كەتسىلا، ئاللاھ ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇۋالغۇچىدۇر» دېگەن(15).

بەزى ھەدىسلەردە: «جەننەت سېخىيلەرنىڭ يۇرتىدۇر»(16)، «ئاللاھنىڭ دوستى سېخىيلىق ئۈزرە يارىتىلىدۇ» دېيىلگەن(17).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمنىڭ ياخشىلىرى ئىبادەت ۋە روزا تۇتۇش بىلەنلا جەننەتكە كىرمىگەندۇر. بەلكى نەپسىنىڭ سېخىيلىقى، ئاداۋەت تۇتماسلىقى ۋە مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇشى سەۋەبلىك جەننەتكە كىرگەندۇر»(18).

يەنە بىر ھەدىستە: «دائىما ياخشىلىق قىلىڭلار، چۈنكى، ئۇ يامان ئۆلۈملەردىن ساقلاپ قالىدۇ» دېيىلگەن(19).

ئىبنى سەمماك رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «مېلى بىلەن قۇللارنى سېتىۋالىدىغان، ياخشىلىقى بىلەن ھۆرلەرنى سېتىۋالمايدىغان كىشىگە ئەجەبلىنىمەن؟!»

 

سېخىيلارنىڭ بەزى قىسسەلىرى
سەھىھ ھەدىسلەردە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياخشىلىق قىلىشتا مەيىن شامالدىنمۇ بەك سېخىي ئىدى»(20)؛ «پەيغەمبەرسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىرنەرسە سورالسا، ئۇنىڭغا: ‹ياق› دەپ باقمىغان ئىدى»(21).

بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تەلەپ قىلغانىدى، ئۇ زات ئۇنىڭغا بىر جىلغا توشقۇدەك قوينى بېرىۋەتتى. ئاندىن ئۇ كىشى قەۋمىگە كېلىپ: «ئى قەۋمىم! مۇسۇلمان بولۇڭلار! ھەقىقەتەن مۇھەممەد نامراتلىقتىن قورقمايدىغان كىشىنىڭ بەرگىنىدەك بېرىدىكەن» دېدى(22).

رىۋايەتتە دېيىلىدۇكى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدا 50 مىڭ تەڭگە ئېلىشى بار ئىدى. ئوسمان مەسجىدكە چىقتى. تەلھە ئۇنىڭغا:

– مېلىڭ تەييار بولدى، ئۇنى ئېلىۋالغىن! – دېگەنىدى، ئوسمان ئۇنىڭغا:

— ئى ئەبۇ مۇھەممەد! ئۇ مال سېنىڭ بولسۇن، سېنىڭ ئادەمگەرچىلىكىڭگە ياردەم قىلغىنىم بولسۇن، — دېدى.

بىر ئەئرابىي ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئاندىن ئۇنىڭدىن بىرنەرسە تىلىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇغقان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ تەلھە: «بۇ تۇغقانچلىق بىلەن سەندىن ئىلگىرى ھېچكىم مەندىن بىرنەرسە تىلەپ باقمىغان ئىدى» دېدى ۋە ئۇنىڭغا 300 مىڭ تەڭگە بەردى.

ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتۇر: «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كۆينىكىنى ياماپ كىيىدىغان تۇرۇقلۇق، 70 مىڭ تەڭگىنى نامراتلارغا تارقىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم».

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر كۈندە 800 مىڭ تەڭگىنى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىتىۋەتتى. كەچ بولغاندا، خىزمەتچى قىزغا: «ماڭا ئىپتارلىقىمنى ئېلىپ كېلىڭ» دېگەنىدى، ئۇ قىز نان بىلەن زەيتۇن يېغى ئېلىپ كەلدى. ئاندىن ئۇممۇ دۇررە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا:

— سىز بۈگۈن تەقسىم قىلغان پۇللاردىن بىر تەڭگىگە بىز ئىپتار قىلغۇدەك گۆش سېتىۋالالمىدىڭىزمۇ؟ — دېگەنىدى، ئائىشە ئۇنىڭغا:

— ئەگەر ئېسىمگە سالغان بولسىڭىز سېتىۋالاتتىم، — دېدى(23).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر خالىد ئىبنى ئۇقبەدىن بازاردىكى قورۇسىنى 90 مىڭ تەڭگەگە سېتىۋالدى، كەچ بولغاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر خالىدنىڭ ئۆي ئەھلىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئەھلىگە:

— بۇلار نېمىگە يىغلاۋاتىدۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— قورۇسىنىڭ سېتىۋېتىلگىنىگە يىغلاۋاتىدۇ، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر: «ھەي خىزمەتچى بالا! ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغىن! قورۇ ۋە مۈلكنىڭ ئۇلارنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغىن» دېدى.

*بىر كىشى ئابدۇللاھقا: «تېۋىپ مېنى كالا سۈتى ئىچىشكە بۇيرۇغانىدى، شۇڭا سۈتىنى ئىچىشىم ئۈچۈن بىر كالا ئەۋەتكەن بولسىڭىز!» دەپ ئادەم ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئۇنىڭغا 700 كالىنى پادىچىلىرى بىلەن ئەۋەتتى ۋە: «بۇ كالىلار يايلايدىغان كەنتمۇ سېنىڭ بولسۇن» دېدى.

*ئەلى ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇھەممەد ئىبنى ئۇسامە ئىبنى زەيدنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ بارغانىدى، مۇھەممەد ئىبنى زەيد يىغلاشقا باشلىدى. ئەلى ئىبنى ھۇسەين ئۇنىڭغا:

— نېمە بولدى؟ — دېگەنىدى، ئۇ:

— مەن باشقىلارغا قەرزدار ئىدىم، — دېدى.

— قانچىلىك؟

— 15 مىڭ تىللا ياكى ئون نەچچە مىڭ تىللا.

— ئۇنى مەن تۆلەيمەن.

بىر كىشى مەئىننىڭ يېنىغا كېلىپ بىرنەرسە تىلىگەنىدى، مەئىن: «ئى غۇلام! مېنىڭ پالانى چىشى تۆگەم ۋە مىڭ تىللانى ئېلىپ كەل!» دېدى ۋە تىلىگۈچىگە ئۇلارنى بەردى. ھالبۇكى، مەئىن ئۇ كىشىنى تونۇمايتتى.

بىزگە مەئىن ھەققىدە يەنە مۇنداق بىر رىۋايەت يەتتى: «بىر شائىر بىر مەزگىل مەئىن بىلەن ئۇچرىشىشنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بولالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شائىر مەئىننىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بىرىگە: ‹ئەمىر باغقا كىرگەندە، ماڭا بىلدۈرۈپ قويغىن› دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئەمىر باغقا كىرگەندە، خىزمەتچى ئۇنىڭغا مەئىننىڭ باغقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇپتۇ. ئاندىن شائىر: بىر ياغاچ ئۈستىگە بىر بېيىت يېزىپ، ئۇنى باغقا كىرىدىغان سۇغا تاشلىۋېتىپتۇ. مەئىن ياغاچنى كۆرۈپ، ئۇنى قولىغا ئاپتۇ ۋە ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغانلىقىنى ئوقۇپتۇ:

مەئىنگە ھاجىتىمنى ئېيتقايسىز، ئى مەئىننىڭ سېخىيلىقى!

مەئىنگە ھال ئېيتىشتا سىزدىن باشقا شاپائەتچىم يوق.

مەئىن: ‹بۇ بېيىتنىڭ ساھىبى كىم؟› دەپتۇ ۋە شائىرنى چاقىرتىپتۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: ‹قانداق دېگەنىدىڭ؟› دېگەنىكەن، ئۇ شائىر مەئىنگە بېيىتنى ئوقۇپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەئىن ئۇنىڭغا 10 مىڭ تەڭگىدىن سېلىنغان 10 ھەمياننى بېرىپتۇ. شائىر ئۇنى ئاپتۇ. ئەمىر بولسا ياغاچنى ئۆزىنىڭ بىساتىنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويۇپتۇ. ئىككىنچى كۈنى مەئىن ياغاچنى بىساتنىڭ ئاستىدىن چىقىرىپ، ئۇنىڭدىكى بېيىتنى ئوقۇپتۇ ۋە شائىرنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا يەنە 100 مىڭ تەڭگە بېرىپتۇ. شائىر بۇ پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، مەئىننىڭ قايتا ئادەم ئەۋەتىپ پۇلنى قايتۇرۋېلىشىدىن قورقۇپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى مەئىن بېيىتنى قايتا ئوقۇپتۇ ۋە شائىرنى چاقىرىتىپتۇ، لېكىن شائىر تېپىلماپتۇ. ئاندىن مەئىن: ‹مەن ئۇنىڭغا خەزىنەمدە تەڭگە – تىللا قالمىغۇچە مال بەرسەممۇ ھەقلىقتۇر› دەپتۇ».

*قەيس ئىبنى سەئد ئىبنى ئۇبادە كېسەل بولۇپ قالىدۇ، لېكىن دوستلىرى ئۇنى يوقلاشتا ھايال قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئۇلار سىزگە قەرزى بولغانلىقى ئۈچۈن، سىزنى يوقلاشتىن ھايا قىلىدىكەن» دەيدۇلەر. ئۇ: «دوستلارنىڭ زىيارەت قىلىشىدىن توسۇپ قويىدىغان مالنى ئاللاھ خار قىلىۋەتسۇن» دەيدۇ ۋە بىر جاكارچى ئەۋەتىپ: «قەيسكە قەرزى بار كىشىلەردىن قەيس رازى، قەرزىنى ئالمايدۇ» دەيدۇ. ئاندىن قەيسنى يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن كەچ بولغۇچە ئۇنىڭ قىزىتمىسىمۇ چۈشىدۇ.

*بىر ئادەم سەئىد ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ سورايدۇ. سەئىد ئۇنىڭغا 100 مىڭ تەڭگە بۇيرۇپ بېرىدۇ. ئۇ ئادەم يىغلاپ كېتىدۇ. سەئىد ئۇنىڭدىن: «نېمىگە يىغلىدىڭ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ساڭا ئوخشاش كىشىنى زېمىننىڭ يەيدىغانلىقىغا يىغلايمەن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەئىد ئۇنىڭغا يەنە 100 مىڭ تەڭگە بۇيرۇپ بېرىدۇ.

بېخىللىق ۋە ئۇنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بېخىللىق ۋە بەدئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى خىسلەت مۇئمىندە جەم بولمايدۇ» دېگەن(24).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «بىر بەندىنىڭ قەلبىدە بېخىللىق ۋە ئىمان مەڭگۈ جەم بولمايدۇ»(25).

ئىمام مۇسلىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دۇئا قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان: «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ قورقۇنچاقلىق ۋە بېخىللىقتىن پاناھ تىلەيمەن»(26).

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەلەمە جەمەتىگە:

— سىلەرنىڭ خوجاڭلار كىم؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— خوجىمىز جەددۇ ئىبنى قەيس، بىز ئۇنى بېخىل دەيمىز، — دېدى. ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

—بېخىللىقتىنمۇ يامان ئىللەت بارمۇ؟! خوجاڭلار بىشر ئىبنى بەراﺋ ئىبنى مەئرۇر بولسۇن، — دېدى(27). بۇ ‹ئەمر ئىبنى جەمۇھ› دېگەن رىۋايەتتىن سەھىھراقتۇر. بەزى راۋىيلەر ‹بەراﺋ ئىبنى مەئرۇر› دەپ خاتالاشقان. بەراﺋ ھىجرەتتىن بۇرۇن ۋاپات بولغاندۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ھالاكەتكە تاشلىغۇچى ئۈچ تۈرلۈك قىلمىش بار. بۇلار: ئىتائەت قىلىنىدىغان بېخىللىق(28)، ھاۋايى – ھەۋەسكە بېرىلىش ۋە ھەركىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاش قاتارلىقلار»(29).

خەتتابىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «الشح» يەنى قاتتىق بېخىللىق پىخسىقلىقتىن بەكرەك چەكلىنىدۇ.

سالمان ئەلفارىسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «سېخىي كىشى ئۆلۈپ كەتسە، زېمىن ۋە مۇئەككەل پەرىشتىلەر: ‹پەرۋەردىگارىمىز! بەندەڭنىڭ دۇنيادا قىلغان خاتالىقلىرىنى سېخىيلىقى يۈزىدىن ئەپۇ قىلغىن› دەيدۇ. بېخىل كىشى ئۆلۈپ كەتسە: ‹ئى ئاللاھ! بۇ بەندە دۇنيادا سەن ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى بەندىلىرىڭدىن ئايىغىنىدەك، ئۇنىڭدىن جەننىتىڭنى ئايىغىن› دەيدۇ(30).

ھەكىملەردىن بىرى: «كىمكى بېخىل بولسا، ئۇنىڭ مېلىنى دۈشمىنى مىراس ئالىدۇ» دېگەن.

بىر ئەئرابىي بىر ئادەم ھەققىدە: «ئۇ دۇنيانى چوڭ كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ نەزەرىمدە كىچىكتۇر» دېگەن.

بىر ئەئرابىي بىر قەۋمنى ئەيىبلەپ: «ئۇلار ياخشىلىق قىلىشتا روزا تۇتىدىغان، يامان ئىشلاردا ئېغىز ئاچىدىغان كىشىلەردۇر» دېگەنىكەن.

 

بېخىللارنىڭ بەزى قىسسەلىرى
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ھاجىب ئەرەب كاتتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بېخىل ئىدى. كېچىدە ئوتمۇ ياقمايتتى، سەۋەبى كۆزى كۆرىدىغان بىرەر ئادەمنىڭ ئوتنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ يورۇقىدىن پايدىلىنىۋېلىشىنى خاھلىمايتتى، كېچىدە ئوت يېقىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ ئوت ياققان بولسا، يورۇقلۇق تەلەپ قىلغان بىرەر ئادەمنى كۆرگەن زامات دەرھال ئوتنى ئۆچۈرۈۋېتەتتى».

دەرلەركى: «مەرۋان ئىبنى ئەبى ھەفسە ئەڭ بېخىل كىشىلەردىن ئىدى، ئۇ خەلىفە مەھدىينىڭ يېنىغا بارماقچى بولۇپ ئۆيىدىن چىقتى. ئايالى ئۇنىڭغا:

— ئەگەر قايتىپ كەلسەڭ، ماڭا نېمە ھەدىيە قىلىسەن؟ — دېگەنىدى، ئۇ:

— ئەگەر ماڭا 100 مىڭ تەڭگە بېرىلىپ قالسا، ساڭا بىر تەڭگە بېرىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا 60 مىڭ تەڭگە بېرىلگەن ئىدى، ئايالىغا 4 دانىق بەردى». (بىر دانىق بىر تەڭگىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە تەڭ).

مېلى كۆپ، باي ئەمما بېخىل بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ھەممە نەرسىگە بەك تەپسىلىي زەن سالاتتى. ئۇ ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەردىن سېتىۋالدى ۋە ھاممالنى چاقىرىپ:

— بۇ نەرسىلەرنى نەچچە پۇلغا توشۇپ بېرىسەن، — دېگەنىدى، ھاممال:

— بىر ھەببەگە (31)، — دېدى. ئۇ:

— ئەرزانراق توشۇپ بەرگىن، — دېگەنىدى، ھاممال:

— بىر ھەببە دېگەن بەكلا ئاز پۇل! نېمە دېيىشنى بىلەلمىدىم، — دېدى. ئۇ:

— بىر ھەببەگە بىر تال سەۋزە سېتىۋېلىپ تەڭ ئولتۇرۇپ يەيلى، شۇنىڭغا كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ بەرگىن، — دېدى.

باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ بايانى
شۇنى بىلگىنكى، سېخىيلىق ۋە بېخىللىقنىڭ بىرنەچچە دەرىجىلىرى باردۇر. سېخىيلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجسى ئۆزى موھتاج تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىشتۇر. باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىش دېگىنىمىز: ئۆزى موھتاج تۇرۇپ باشقىلارغا مال بېرىشتۇر. بېخىللىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ئۆزى موھتاج تۇرۇپ، ئۆزىگە مال سەرپ قىلىشتىنمۇ بېخىللىق قىلىشتۇر. كۆپلىگەن بېخىللار باركى، ئۇلار مالنى يېنىدا ساقلايدۇ، لېكىن كېسەل بولۇپ قالسا داۋالانمايدۇ. كۆڭلى بىرنەرسىنى تارتىدۇ، لېكىن بېخىللىقى كۆڭلى تارتقان نەرسىنى يېيىشتىن چەكلەيدۇ. موھتاج تۇرۇپ ئۆزىنىڭ نەپسىگە بېخىللىق قىلىدىغان كىشى بىلەن، ئۆزى موھتاج تۇرۇپ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىدىغان كىشى ئارىسىدا نېمىدېگەن زور پەرق بار – ھە! ئەخلاقلار ئاللاھنىڭ سوۋغىسى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ئۆزى خاھلىغان بەندىلەرگە بېرىدۇ.

ئۆزى موھتاج تۇرۇپ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىشتىنمۇ ئۈستۈن سېخىيلىق دەرىجىسى بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنىڭ ئۆزلىرى موھتاج تۇرۇپ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلگەنلىكىنى ماختىغان: ﴿ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾(59/«ھەشر»: 9).

بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ساھابە ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مېھمىنىغا ئۆزى ۋە كىچىك بالىلىرىنىڭ ئوزۇقىنى بېرىپ، ئۇ مېھماننىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلگەن مەشھۇر قىسسەدۇر(32).

يەرمۇك ئۇرۇشىدا ئىكرىمە ئىبنى ئەبى جەھل، سۇھەيل ئىبنى ئەمر، ھارىس ئىبنى ھىشام ۋە مۇغىرە جەمەتىدىن بىر قىسىم كىشىلەر شەھىد قىلىندى. ئۇلار يىقىلىپ چۈشكەندە سۇ كەلتۈرۈلگەنىدى، سۇنى بىر – بىرىگە ئۆتۈنۈشۈپ، ھەتتا ھېچقايسىسى سۇ ئىچمەي ئۆلۈپ كەتتى. باشتا ئىكرىمەگە سۇ كەلتۈرۈلدى، ئۇ سۇھەيل ئىبنى ئەمرگە قارىدى ۋە: «سۇنى ئاۋۋال ئۇ ئىچسۇن!» دېدى. سۇھەيل ئىبنى ئەمر بولسا ھارىسقا قاراپ: «سۇنى ئاۋۋال ئۇنىڭغا بەر!» دېدى. ھەممىسى سۇنى يەنە بىر قېرىندىشىغا ئۆتۈنۈپ، ئاخىرىدا ھېچقايسىسى سۇ ئىچەلمەي ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ يېنىدىن خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «سىلەرگە جېنىم پىدا بولسۇن!» دېدى(33).

*ساھابەلەردىن بىر كىشىگە بىر قوي كاللىسى ھەدىيە قىلىنغانىدى، ئۇ كۆڭلىدە: «بۇنىڭغا مېنىڭ قېرىندىشىم بەكرەك ئېھتىياجلىق» دەپ ئۇنى باشقا بىر كىشىگە ئەۋەتتى. ئۇ كىشى ئۇنى يەنە بىر كىشىگە ئەۋەتتى. ھەتتا ئۇ قوي كاللىسى يەتتە ئائىلىدىن ئۆتۈپ بىرىنچى كىشىگە قايتىپ كەلدى.

*ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر ئېتىزلىقىغا چىقتى ۋە بىر قەۋمنىڭ بىر خورمىزارلىقىغا چۈشتى، ئۇ خورمىزارلىقتا بىر قارا تەنلىك بالا ئىشلەۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا بالا ئۆزىنىڭ يېمىكىنى ئېلىپ كەلدى، ئاندىن باغقا بىر ئىت كىردى ۋە بالىغا يېقىن كەلدى. بالا ئۇنىڭغا بىر گىردە تاشلاپ بەردى، ئىت ئۇنى يەپ بولدى، بالا ئۇنىڭغا يەنە بىر گىردە تاشلاپ بەردى، ئىت ئۇنىمۇ يەپ بولدى، ئاندىن بالا ئۇنىڭغا ئۈچىنچى گىردىنىمۇ ئېتىپ بەردى، ئىت ئۇنىمۇ يەپ بولدى. بۇنىڭغا شاھىد بولغان ئابدۇللاھ بالىغا:

— ھەي بالا! سېنىڭ ھەر كۈنلۈك يېمىكىڭ قانچلىك؟ — دېگەنىدى، بالا:

— سەن بايا كۆرگەنچىلىك، — دېدى.

— ئۆزۈڭ موھتاج تۇرۇپ نېمىشقا ئىتنى ئەلا بىلدىڭ؟

— بۇ ئەتراپتا ئىت يوق. دېمەك، بۇ ئىت يىراق مۇساپىدىن ئاچ قورساق ھالدا كەلدى، شۇڭا ئۇنى قايتۇرۇۋېتىشتىن ھايا قىلدىم، — دېدى.

— ئەمدى سەن قانداق قىلىسەن؟

— بۈگۈن ئاچ قورساق ئۆتىمەن، — دېدى. ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر كۆڭلىدە: «سېخىيلىق قىلغىنىمغا مالامەتكە ئۇچرايتتىم، بۇ بالا مەندىنمۇ سېخىيراق ئىكەن» دېدى ۋە باغنى، باغدىكى ئەسۋابلارنى ۋە ئۇ قۇل بالىنى سېتىۋالدى، ھەمدە ئۇنى ئازاد قىلىپ، باغنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلدى.

*كەمبەغەللەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر بىر يەرگە توپلاندى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەممسىگە يەتمەيدىغان ئازراقلا نان بار ئىدى. ئاندىن ئۇلار نانلارنى پارچىلىدى، چىراغنى ئۆچۈردى ۋە ناننى يېيىشكە ئولتۇرۇشتى، لېكىن دەستۇرخان يىغىلغاندا، نانلار شۇ پېتىلا ئىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «ناننى ھەمراھلىرىم يېسۇن» دەپ ھېچبىرى ئۇنىڭدىن يېمىگەن ئىدى.

 

پەسل
سېخىيلىق ۋە بېخىللىقنىڭ چەك – چېگراسى ۋە ھەقىقىتى
كىشىلەر سېخىيلىق ۋە بېخىللىقنىڭ چەك – چىگراسى ھەققىدە سۆزلىدى. بىر قىسىم كىشىلەر بېخىللىقنىڭ چەك – چېگراسى: «بېرىش ۋاجىب بولغان ھەقنى بەرگىلى ئۇنىماسلىق» دەپ قارىدى ۋە «بېرىش ۋاجىب بولغان ھەقنى ئادا قىلغان كىشى بېخىل ھېسابلانمايدۇ» دېدى. بۇ چۈشەندۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى، بىر كىشى بالىچاقىلىرىغا ھاكىم (نەپىقە) بەلگىلەپ بەرگەن مىقداردا يېمەكلىك بەرسە، لېكىن ئارتۇقراق يېمەكلىك ياكى بىرنەچچە خورما بېرىشتىن قىسىنسا، ئۇنداق كىشىمۇ بېخىللار قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدا توغرا بولغان قاراش: شەرىئەتتە بېرىش ۋاجىب بولغان نەرسىنى بېرىش ۋە ئادەمگەرچىلىك يۈزىدىن بېرىش لازىم بولىدىغان نەرسىنى قەلبى رازى بولۇپ بېرىش ئارقىلىق بېخىللىقتىن پاك بولغىلى بولىدۇ.

شەرىئەتتە بېرىش ۋاجىب بولىدىغان نەرسىگە كەلسەك: زاكات ۋە بالىچاقىلارغا بېرىلىدىغان نەپىقىدۇر.

ئادەمگەرچىلىك يۈزىدىن بېرىلىدىغان نەرسىگە كەلسەك: قىسىنىش ۋە كىچىك نەرسىلەرنىڭ تەپسىلاتىغا پىسەنت قىلماسلىقتۇر. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش قەبىھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھالەت ھال – شارائىت ۋە شەخسلەرگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. بەزىدە نامراتنىڭ قىلىشى يامان سانالمايدىغان ئىشنى باينىڭ قىلىشى يامان سانىلىدۇ. كىشىنىڭ ياتلارغا قارىغاندا ئۆز ئەھلىدىن، يېقىنلىرىدىن ۋە قوشنىلىرىدىن ئايىشى يامان سانىلىدۇ. دېمەك، بېخىل كىشى شەرىئەت ھۆكمى ياكى ئادەمگەرچىلىك يۈزىدىن نامۇۋاپىق ئىشنى قىلغان كىشىدۇر.

بىر كىشى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ھەقنى ۋە ئادەمگەرچىلىك ھەققىنى بەرسە، بېخىللىقتىن پاك بولغان بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ بەرمىگەن كىشى سېخىيلىق سۈپىتى بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ.

بەزىلەر: «سېخىي كىشى مىننەت قىلماي بېرىدىغان كىشىدۇر» دېگەن ۋە يەنە بەزىلەر: «بېرىشتىن خۇشاللىق تاپىدىغان كىشى سېخىيدۇر» دېگەن.

بېخىللىقنىڭ شىپاسىغا كەلسەك، بىلگىنكى، مالنى ياخشى كۆرۈش بېخىللىقنىڭ سەۋەبىدۇر.

مالنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىككى سەۋەبى بولىدۇ:

بىرىنچى: «ئۇزۇن ياشايمەن» دەپ ئويلاش بىلەن بىرگە پەقەت مال بىلەنلا ئېرىشكىلى بولىدىغان شەھۋەتلەرنى ياخشى كۆرۈش. چۈنكى ئىنسان «بىرەر كۈندىن كېيىن ئۆلىمەن» دەپ قارىسا، بېخىللىق قىلماسلىقى مۇمكىن. «يېقىندا ئۆلىمەن» دەپ قارىسىمۇ بالىلىرى بار بولسا، بالىلىرىنى ئۇزۇن ياشايمەن دېگەن ئۈمىدنىڭ ئورنىدا قويۇپ، بالىلىرىنى ئويلاپ بېخىللىق قىلىدۇ.

ئىككىنچى: مالنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش. بەزى كىشىلەر باركى، قولىدا قالغان ئۆمرىگە يەتكۈدەك مال بولىدۇ. ئەگەر نورمالدا ئۇ شۇ مال بىلەن كۇپايىلەنسىمۇ، ئۇنىڭ نۇرغۇن مېلى ئاشىدۇ. بەزىدە بالىسى يوق قېرى كىشىنىڭ نەپسى چىقىرىش ۋاجىب بولغان مالنى چىقىرىشقا ۋە ئۆزىگە مەنپەئەت بېرىدىغان سەدىقىنى بېرىشكىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ. ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە، مالنى دۈشمەنلىرى ئالىدىغانلىقىنى ياكى كۆمۈپ قويغان مال بولسا، ئۇ مالنىڭ يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇپ يەنە مالنىڭ ھەققىنى بەرمەيدۇ. مالنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش كېسەللىكى بولسا داۋالىغىلى بولمايدىغان بىر كېسەلدۇر.

بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى بىر شەخسنى ياخشى كۆرسە، ئاندىن ئۇ شەخسنىڭ ئەلچىسى كەلسە، ئەلچىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى مەھبۇبىسى بولغان شەخسنى ئۇنۇتسا ۋە ئەلچى بىلەن بولۇپ كەتسە، بۇ ئۇچىغا چىققان گۇمراھلىقتۇر. چۈنكى، تىللالار ھاجەتلەرنى راۋا قىلىدىغان ئەلچىدۇر. تىللانىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرسە ۋە ئەسل ھاجەتلەرنى ئۇنۇتسا بۇ ئازغۇنلۇقتۇر.

شۇنى بىلگىنكى، ھەرقانداق كېسەللىك ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبكە قارشى دورا بىلەن داۋالىنىلىدۇ.

شەھۋەتپەرەسلىك قانائەتچانلىق ۋە سەبر قىلىش بىلەن؛ «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەنغۇ» دېيىش بولسا ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەش بىلەن داۋالىنىلىدۇ.

قەلبنىڭ بالىغا قارىشى بولسا «ئۇنى ياراتقان زات ئۇنىڭ بىلەن بىرگە رىزقىنىمۇ ياراتقاندۇر» دەپ ئېتىقاد قىلىش بىلەن داۋالىنىلىدۇ. مىراسقا ئېرىشكەن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا، ھېچنەرسىنى مىراس ئېلىپ باقمىغان كىشىنىڭ ئەھۋالى ياخشىراق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال ناھايىتى كۆپتۇر. شۇڭا، ئىنسان ئۆز بالىسىغا مال – دۇنيا قويۇپ كېتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا يامانلىقنى ئېلىپ بېرىشتىن ئېھتىيات قىلسۇن. ئەگەر بالىسى سالىھ بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ. ئەگەر پاسىق بولسا، بالىسىنىڭ گۇناھ قىلىشىغا ياردىمى بولىدىغان نەرسىلەرنى قويۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. بەلكى قۇلىقىغا بىز بايان قىلىپ ئۆتكەن بېخىللىقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى ۋە سېخىيلىقنىڭ ماختىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلارنى تەكرار – تەكرار قۇيۇشى كېرەك.

بىلگىنكى، دۇنيادا ياخشى كۆرگەن نەرسىلەر قانچە كۆپ بولسا، ئۇنى يوقىتىپ قويۇش سەۋەبلىك مۇسىبەتلەرمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. دېمەك، بىر كىشى مالنىڭ ئاپەتلىرىنى بىلسە، ئۇنىڭ بىلەن ئۈلپەتلەشمەيدۇ. كىمكى دۇنيالىقتىن پەقەت ھاجىتى مىقدارىدا ئالسا ۋە شۇنى ھاجىتى ئۈچۈن ساقلىسا، ئۇنداق كىشى بېخىل ھېسابلانمايدۇ.

توغرىسىنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. ئەھمەد (15822)؛ تىرمىزىي (2376). كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5620) «سەھىھ» دېگەن.
2. ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 2311) «سەھىھ» دېگەن، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 4254) «زەئىف» دېگەن.
3. مۇسلىم (1054).
4. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (6922). ئۇقەيلىي: («ئەززۇئەفاﺋ»، 871) «زەئىف» دېگەن.
5. ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك (2133). جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ھاكىم، زەھەبىي ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 2742) «سەھىھ» دېگەن.
6. ئەھمەد (23488)؛ ئىبنى ماجە (4171). ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 74) «سەھىھ» دېگەن.
7. ئەھمەد (4269)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (9972). ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 5100، 5101) «زەئىف» دېگەن.
8. قۇزائىي: «مۇسنەدۇششىھاب»، (32). ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 2506) «زەئىف» دېگەن.
9. بەززار (7293)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (5452)؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، (2 /160؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (745). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 453) «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن. مۇنزىرىي: («ئەتتەرغىب»، 654) «بۇ ھەدىس بىرقانچە ساھابەدىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، سەنەدلىرىنىڭ بىرىمۇ تەنقىدتىن خالىي بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جۇغلانمىسى ئىنشائاللاھ ھەسەن دەرىجىگە يېتىدۇ» دېگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
10. ئاللاھ تائالا: ﴿شەيتان سىلەرنى نامراتلىقتىن قورقۇتىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 268) دېگەن.
11. قۇزائىي: «مۇسنەدۇششىهاب»، (1068)؛ ھاكىم (2137)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (7594)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (9891). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 2085) «سەھىھ» دېگەن. ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
12. قۇزائىي: «مۇسنەدۇششىهاب»، (554). ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 28) «زەئىف» دېگەن. ئەمما، مەنىسى سەھىھتۇر.
13. مۇسلىم (2963). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. بۇخارىي (6490 – ھەدىسمۇ) مۇشۇ مەزمۇندىدۇر.
14. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (8920)؛ قۇزائىي: «مۇسنەدۇششىهاب»، (1337)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (10366). ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب»، 1598) «زەئىف» دېگەن.
15. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (5710)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (10371). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 2391) «زەئىف» دېگەن.
16. قۇزائىي: «مۇسنەدۇششىهاب»، (111). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 2668) «زەئىف» دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
17. دەيلەمىي: «ئەلفىردەۋس بىمەئسۇرىل خىتاب»، (6214). سەخاۋىي: («ئەلمەقاسىدۇلھەسەنە»، 952) «زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب»، 1560) «توقۇلما» دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
18. «شۇئەبۇلئىمان»، (10393). ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب 1730) «زەئىف» دېگەن.
19. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (7939)؛ «شۇئەبۇلئىمان»، (3168). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1908) «سەھىھ» دېگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قاتارلىق بىرقانچە ساھابەدىن رىۋايەت قىلىنغان.
20. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (6)؛ مۇسلىم (2308). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
21. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (6034)؛ مۇسلىم (2311). جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
22. مۇسلىم (2312). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
23. «مۇسنەدۇ ئىبنى راھۇۋەيھ»، 2/36.
24. تىرمىزىي (1962). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 2833) «زەئىف» دېگەن.
25. نەسائىي (2917، 2918). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 7616) «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
26. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6369، 6370، 6365)؛ مۇسلىم (2706).
27. بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (296). ھاكىم: (4965) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان.
28. بۇنى ئىمام راغىب: «بېخىللىقنىڭ ئىتائەت قىلىنىدىغىنىلا تىلغا ئېلىنىشى بېخىللىقنىڭ ئۆزى ئىنسان تەبىئىتىدە بار ۋە ئىنساننىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش بولمىغاچقا، ئۇ ئەيىبلىنىدىغان نەرسە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ بېخىللىق قىلغاندا ئاندىن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر» دەپ ئىزاھلىغان. دېمەك، بۇ يەردە چەكلەنگىنى بېخىللىقنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئىنسان تەبىئىتىدە بار بولغان بېخىللىققا ئىتائەت قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا بېخىللىققا ئىتائەت قىلمىغانلارنى مەدھىيەلىگەن ۋە ئۇلارنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ: ﴿ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾(59/«ھەشر»: 9) دېگەن.
29. بەززار (7293)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت (5452)؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 2/160؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (745). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 453) «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن. مۇنزىرىي: («ئەتتەرغىب»، 654) «بۇ ھەدىس بىرقانچە ساھابەدىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، سەنەدلىرىنىڭ بىرىمۇ تەنقىدتىن خالىي بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جۇغلانمىسى ئىنشائاللاھ ھەسەن دەرىجىگە يېتىدۇ» دېگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
30. خەتىب ئەلباغدادىي: «ئەلبۇخەلاﺋ»، 73 – بەت. سەنەدى ئىنتايىن زەئىف.
31. ھەببە (الْحَبَّةُ): «دان ۋە دانە» دېگەن مەنىدىكى قەدىمدە قوللىنىلغان ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، كېپەك ئالتۇن ياكى كۈمۈشنىڭ ئەڭ ئۇششاق بۆلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئېغىرلىقى 72 ياكى 100 ھەببە 1 تىللا (4.25 گىرام)غا تەڭ. — ت.
32. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3789)؛ مۇسلىم (2054). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
33. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىيئاب فىي مەئرىفەتىل ئەسھاب»، 1/333.

Please follow and like us: