دۇنيانى ئەيىبلەش توغرىسىدا
«قۇرئان كەرىم»دە دۇنيانى ئەيىبلىگەن، ئۇنىڭغا قىزىقماسلىققا تەرغىب قىلغان ۋە دۇنيا ھەققىدە مىساللارنى بايان قىلىپ كەلگەن ئايەتلەر كۆپتۇر. خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ شۇ سۆزلىرىدەك: ﴿ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن ـ كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (ئۆتكۈنچى) شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك)﴾(3/«ئال ئىمران»: 14). ﴿ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگىرىشى، نېئمەتلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى بولۇشى، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشى جەھەتتىن) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى – دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئورۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز﴾(10/«يۇنۇس»: 24). ﴿بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن، (كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلاتتىن، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا چوڭچىلىقتىن، پۇل – مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، (بەئەينى بىرەر قېتىم يېغىش بىلەن ئۆستۈرگەن) ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، (ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمەن بولۇشتۇر﴾(57/«ھەدىد»: 20). ﴿(يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىسىنى) ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. پەرەۋردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇ – نېئمەتلەر) تەقۋادارلارغا خاستۇر﴾(43/«زۇخرۇف»: 35). ﴿بىزنىڭ زىكرىمىزدىن (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئاندىن) باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن. ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ…﴾(53/«نەجم»: 29، 30).
ھەدىسلەرگە كەلسەك «سەھىھەين»دە مۇستەۋرىد ئىبنى شەدداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن بىرىڭلار ماۋۇ (كۆرسەتكۈچ) بارمىقىنى دېڭىزغا تىققانغىلا ئوخشايدۇ، بارمىقى نېمە بىلەن قايتىدۇ قاراپ باقسۇن»(1). يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دۇنيا كافىرنىڭ جەننىتى، مۇئمىننىڭ زىندانىدۇر»(2) دېگەن.
«ناۋادا دۇنيا ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە پاشىنىڭ قانىتىغا باراۋەر بولسا ئىدى، كافىرنى ئۇنىڭدىن بىر يۇتۇم سۇدا سۇغارمىغان بولاتتى»(3)
«دۇنيا مەلئۇندۇر، ئاللاھ ئۈچۈن بولغان نەرسىلەردىن باشقا ئىچىدىكىلەرمۇ مەلئۇندۇر»(4).
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى دۇنيانى ياخشى كۆرسە، ئاخىرىتىگە زىيان سالىدۇ، كىمكى ئاخىرىتىنى ياخشى كۆرسە دۇنيالىقىغا زىيان سالىدۇ. شۇڭا، باقىي قالىدىغاننى فانىيدىن ئەلا بىلىڭلار»(5) دېگەن.
ھەسەن ئەلبەسرىي ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزىگە دۇنيانى سۆكۈپ ئۇزۇن بىر پارچە خەت يازغان، ئۇ خەتتە: مەقسەتكە كەلسەك، دۇنيا ئەبەدىيلىك يۇرتى ئەمەس، بەلكى ئۆتەڭ يۇرتتۇر. ئادەم ئەلەيھىسسالام دۇنياغا جازالىنىش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن ئىدى. ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! دۇنيادىن ھەزەر قىلغىل! دۇنيادىن ئېلىنغۇسى ئوزۇق دەل ئۇنى تەرك ئېتىشتۇر. دۇنيانىڭ بايلىقى ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر. دۇنيانى ئەزىز بىلگەن كىشىنى دۇنيا خار قىلۇر. مال توپلىغان كىشىنى دۇنيا كەمبەغەل قىلۇر، دۇنيا مىسالى زەھەردۇر، بىلمىگەن كىشى ئۇنى يۇتۇر، بۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمى دېمەكتۇر. ئۇ ھالدا بۇ ئالدامچى، خىيانەتچى، گوللىغۇچى يۇرتتىن ئېھتىيات قىلغىل! دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسەڭ سېنىڭ ئەڭ ئېھتىيات قىلىدىغان نەرسەڭ بولسۇن! دۇنيا قۇۋانچى (خۇشاللىقى) قايغۇ بىلەن، سۈزۈكلۈكى دۇغ بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغاندۇر. مۇبادا ياراتقۇچى ئىگەم دۇنيادىن خەۋەر بەرمىگەن، دۇنيا بارىدا مىساللارنى بايان قىلمىغان بولسا ئىدى، دۇنيانىڭ ئۆزى ئۇخلىغۇچىنى ئويغاتقان، غاپىل كىشىنى ئاگاھلاندۇرغان بولاتتى. ۋەھالەنكى، ھەقتائالا دۇنيادىن ئاگاھلاندۇرغۇچى، نەسىھەت قىلغۇچى ئايەتلەر نازىل قىلغان تۇرسا، دۇنيا قانداقمۇ ئۇيقۇدىكى غاپىللارنى ئويغاتمىسۇن؟! دۇنيانىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر، شۇڭا رەب تائالا دۇنيانى ياراتقاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئېتىبار نەزەرىدە قاراپ باقمىغاندۇر.
دۇنيانىڭ جىمى ئاچقۇچلىرى ۋە خەزىنىلىرى نەبىي مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەڭلەنگەن ئىدى. ھالبۇكى، دۇنيا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بولغاندا ئىدى، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدىكى مەرتىۋىسى بىر پاشىنىڭ قانىتىچىلىك كەملەپ قالمايتتى. شۇنداق تۇرۇپمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتتى(6). چۈنكى، ئاللاھ ئەمرىگە قارشى چىقىشنى مەكرۇھ بىلدى، ياراتقۇچى يامان كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرۈشنى خاھلىمىدى ياكى پادىشاھى پەس قىلغان نەرسىنى ئۈستۈن قىلىشنى ئىستىمىدى. ئۇ شۇنداق بىر دۇنيادۇركى، ئاللاھ تائالا سىناق ئۈچۈن سالىھ قۇللىرىدىن ئاياپ، ئالداش ئۈچۈن دۈشمەنلىرىگە بولۇشىغا بەردى. دۇنيا بىلەن مەغرۇرلانغان ۋە دۇنياغا ئىگە بولغۇچى ئۆزىنى دۇنيا بىلەن ئىكرام قىلىنغان دەپ ئويلامدۇ؟! ئۇ كىشى مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاچلىقتىن قورسىقىغا تاشلارنى تاڭغان(7) چاغدا ئاللاھنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئۇنتۇمدۇ؟! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! بەندىلەردىن مال – دۇنيا ئۆزىگە ئېشىپ – تاشقۇچە بېرىلگەن بولسۇن – يۇ، بۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تۇزاق بولۇشىدىن قورقمىغان كىشى ئەقلى كەمتۈك، نەزىرى ئاجىز كىشىدۇر. بىر مال – دۇنيا بېرىلمىگەندە، بۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر سىناق ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن كىشىنىڭمۇ ئەقلى نۇقسان، نەزەر دائىرىسى تاردۇر، شۇنداقلا مال – دۇنيا بېرىلمىگەندە بۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر خەير ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن كىشىمۇ كەم ئەقىل ۋە قەلب كۆزى خىرە كىشىدۇر.
مالىك ئىبنى دىنار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سېھىرگەر دۇنيادىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، ئۇ ئالىملارنىڭ قەلبلىرىنىمۇ سېھىربەند قىلىۋېتەلەيدۇ».
دۇنيا ھەققىدە ئېيتىلغان ئوخشىتىشلاردىن بىرى، يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيدنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: «مەن دۇنيانى گويا ئۇخلاۋاتقان بىر كىشىگە ئوخشاتتىم. كىشى چۈشىدە ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنىمۇ، ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ كۆرىدۇ ۋە شۇ ھالىتىدە تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كېتىدۇ».
بۇ قاتارلىق سۆزلەردىن يەنە بىرى: «كىشىلەر ئۇيقۇدا، ئۆلگەندە ئويغىنىدۇ. يەنى ئۇلار ئۆلگەن ھامان ئويغىنىدۇ ۋە قوللىرىدا دۇنيادا تايانغان ۋە خۇشال بولغان ھېچنېمىسى بولمايدۇ».
رىۋايەتتە قىلىنۇركى، «ئىيسا ئەلەيھىسسالام دۇنيانى چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن بىر قېرى موماي سۈرىتىدە كۆردى، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھەرتۈرلۈك زىننەت بار ئىدى. ئىيسا ئەلەيھىسسالام دۇنياغا:
— قانچە قېتىم توي قىلدىڭىز؟ — دېگەنىدى، دۇنيا:
— ساناپ بولالمايمەن، — دېدى. ئىيسا ئەلەيھىسسالام:
— ھەممىسى سىزدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتتىمۇ ياكى ھەممىسى سىزنى تالاق قىلدىمۇ؟
— بەلكى مەن ھەممىسىنى ئۆلتۈردۈم.
— ھايات قالغان ئەرلىرىڭىزنىڭ شورى قۇرۇسۇن! ئۇلار قانداقمۇ كەتكەن ئەرلىرىڭىزدىن ئىبرەت ئالمىغاندۇ؟! سىز ئۇلارنى بىر – بىرلەپ ھالاك قىلىدىغان تۇرسىڭىز، ئۇلار قانداقمۇ سىزدىن ئېھتىيات قىلمىغاندۇ؟!»
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «دۇنيا قىيامەت كۈنى ئاق چاچلىق، كۆزى كۆك، توڭكاي چىش، بەتبەشىرە قېرى بىر كەمپىر سۈرىتىدە كەلتۈرۈلىدۇ ۋە خالايىق ئالدىغا چىقىرىلىپ، ئۇلارغا:
— بۇنى تونۇمسىلەر؟ — دېيىلىدۇ. ئۇلار:
— بۇنى تونۇشتىن ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمىز، — دەيدۇ. ئاندىن:
— بۇ دۇنيادۇركى، سىلەر شۇنى دەپ جېدەللەشكەن ئىدىڭلار، شۇنى دەپ سىلە – رەھىمنى ئۈزگەن ئىدىڭلار، شۇنى دەپ ھەسەت قىلىشقان، دۈشمەنلەشكەن ۋە ئالدانغان ئىدىڭلار، — دېيىلىدۇ ۋە دۇنيا دوزاخقا تاشلىنىدۇ. شۇ چاغدا دۇنيا:
— ئى پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىم ۋە دوستلىرىم قېنى؟ — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:
— ئى دۇنيانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە دوستلىرى، قېنى سىلەرمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇڭلار! — دەيدۇ».
ئەبۇلئەئلا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «چۈشۈمدە قېرى بىر ئايالنى كۆردۈم، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھەر تۈرلۈك زىننەت بار ئىدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ، ھەيرانلىقتا توختاپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. مەن:
— ۋاي بىچارە! سىز كىمسىز؟ — دېگەنىدىم، ئۇ:
— مېنى تونۇمامسەن؟ — دېدى.
— ياق!
— مەن دۇنيا.
— ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ سېنىڭ يامانلىقىڭدىن پاناھ سورايمەن.
— سەن مېنىڭ يامانلىقىمدىن ساقلىنىشنى ياخشى كۆرسەڭ، پۇل – مالنى يامان كۆرگىن».
ئاللاھ دوستلىرىدىن بىرى مۇنداق دېگەن: «مەن چۈشۈمدە دۇنيانى بەتبەشىرە، دۈمچەك ۋە قېرى بىر موماي ھالىتىدە كۆردۈم».
باشقا بىر مىسال: شۇنى بىلگىنكى، سەن ئۈچ تۈرلۈك ھالدا بولىسەن:
بىرى، سەن ھېچنېمە ئەمەس ھالىتىڭ، بۇ سەن يارىتىلىشتىن ئىلگىرىكى ھالەتتۇر.
يەنە بىرى، سەن ئۆلگەن سائەتتىن ئېتىبارەن مەڭگۈ – مەڭگۈگە قېلىش ھالىتىڭدۇر. ئۇندا، سېنىڭ روھىڭ تېنىڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مەۋجۇد ھالەتتە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇ يا جەننەتتە ۋەيا دوزاختا بولىدۇ. بۇ بولسا ئەبەدىلئەبەد قېلىشتۇر.
بۇ ئىككى ھالەت ئارىسىدا يەنە بىر ئوتتۇراھال بىر ھالەت باردۇركى، ئەنە شۇ سېنىڭ دۇنيادىكى كۈنلىرىڭدۇر. بۇنىڭ مىقدارىغا قارا ۋە ئۇنى يۇقىرىقى ئىككى ھالەتكە سېلىشتۇرۇپ كۆرگىن. شۇندىلا سەن دۇنيا ھاياتىڭنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندىنمۇ ئاز ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. دۇنياغا مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغان كىشى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ / يۆلەنمەيدۇ. دۇنيادىكى كۈنلىرى مۇسىبەت ۋە تارچىلىقتا ئۆتتىمۇ ياكى كەڭرىچىلىك ۋە باياشاتلىقتا ئۆتتىمۇ؟ پەرۋا قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەك ئۈستىگە كېسەك، قومۇش ئۈستىگە قومۇش قويغان ئەمەس ۋە: «مېنىڭ دۇنيا بىلەن نېمە ئىشىم؟ مېنىڭ ئەھۋالىم بىلەن دۇنيانىڭ ئەھۋالى خۇددى بىر تۈپ دەرەخ ئاستىغا كىرىپ سايىدىغاندىن كېيىن، دەرەخنى تاشلاپ يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغان يولۇچىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ، خالاس»(8) دېگەن.
ئىيسا ئەلەيھىسسالام: «دۇنيا بىر كۆۋرۈكتۇر. ئۇنىڭدىن ئۆتۈڭلار، لېكىن ئۇنى گۈللەندۈرمەڭلار» دېگەن. بۇ ناھايىتى روشەن بىر مىسالدۇر. چۈنكى، دۇنيا ئاخىرەتكە تۇتاشقان بىر كۆۋرۈكتۇر. بۇ كۆۋرۈكنىڭ بىرىنچى تۈۋرۈكى بۆشۈك بولسا، ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى تۈۋرۈكى قەبردۇر. كىشىلەرنىڭ بەزىسى كۆۋرۈكنىڭ يېرىمىغا كەلگۈچە، بەزىلىرى ئۈچتىن بىرىگىچە، بەزىلەر ئۈچتىن ئىككىسىگىچە ۋە بەزىلەر كۆۋرۈكنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە غاپىلدۇر. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھامان شۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە مەجبۇر. تېز – تېز ئۆتۈپ كېتىۋېتىپمۇ كۆۋرۈك ئۈستىگە ئۆي قۇرۇش، ياساش، بېزەش ۋە زىننەتلەش ئۇچىغا چىققان نادانلىق ۋە ئەخمەقلىقتۇر.
دەپتۇرلەركى: «دۇنيا تەلەپ قىلغۇچى بەئەينى دېڭىز سۈيىنى ئىچكۈچىگە ئوخشايدۇ. ئىچكەنسېرى ئۇسسۇزلۇقى ئاشىدۇ، — ئۇسسىغانسېرى ئىچىدۇ — ھەتتا ئىچكەن سۈيى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ».
سەلەفلەردىن بىرى دوستلىرىغا: «يۈرۈڭلار، مەن سىلەرگە دۇنيانى كۆرسىتىپ قوياي!» دەيتتى ۋە ئۇلارنى دۆۋىلەپ قويۇلغان گەندە يېنىغا ئېلىپ باراتتى ۋە: «ئەييۇھەنناس! خالايىقنىڭ مېۋە – چېۋە، توخۇ – توشقانلىرىغا، ھەسەل – قايماق ۋە سېرىق مايلىرىغا قاراڭلار! (نېمىگە ئايلانغان – ھە؟!)» دەيتتى.
باشقا بىر مىسال:
ھەسەن ئەلبەسرىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ماڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى يەتتى: «مېنىڭ، سىلەرنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئەھۋالى خۇددى چاڭ – توزانلىق بىر چۆلدە ماڭغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇكى، ئۇلار قانچىلىك يولنى بېسىپ بولغانلىقىنى ۋە يەنە قانچىلىك يول قالغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرغاندا ئوزۇق – تۈلۈكى تۈگەپ، مىنەرگە ئۇلىغى يوق ھالدا چۆلنىڭ ئوتتۇرىدا — چارىسىز — قېلىپ قالىدۇ. ھەم ئاچ – سۇسىز، ھەم مەركەب – ئۇلاغسىز. ئۇلار ھاياتتىن تامامەن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ تۇرغاندا، ئۇشتۇمتۇت بىر قۇر پۇزۇر كىيىم كىيگەن، بېشىدىن سۇ تامچىلاپ تۇرىدىغان بىر كىشى چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزىچە: ‹بۇ كىشى يېقىنلاردىكى بىر ۋاھەدىن كەلگەن ئوخشايدۇ، ۋاھە يىراق بولمىسا كېرەك› دېيىشىدۇ. ئۇ كىشى ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ:
— ھەي خالايىق! ھالىڭلار قانداق؟ — دەيدۇ. ئۇلار:
— ھالىمىز كۆرۈپ تۇرغىنىڭدەك، — دەيدۇ. ئۇ كىشى:
— ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرنى قانغۇچە تاتلىق سۇ ۋە ئاجايىب يېشىللىق باغلارغا باشلاپ بارسام نېمە قىلىسلەر؟ — دەيدۇ. ئۇلار:
— ساڭا ھېچ ئىشتا ئاسىيلىق قىلمايمىز — دەيدۇ. ئۇ:
— ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئەھدە بېرىڭلار! — دەيدۇ». پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتى: «ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئۇ كىشىگە ھېچ ئىشتا ئاسىيلىق قىلماسلىققا ئەھدىلەر بېرىدۇ. ئۇ كىشى ئۇلارنى سۇ ۋە يېشىللىق باغلار بار يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئۇ كىشى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ خاھلىغان مۇددەتكىچە تۇرىدۇ. ئاندىن:
— ئى خالايىق! قېنى تۇرۇڭلار، سەپەر قىلىمىز، — دەيدۇ. ئۇلار:
— قەيەرگە؟ — دەيدۇ. ئۇ كىشى:
—— سىلەرنىڭ بۇ سۈيۈڭلارغا ۋە باغلىرىڭلارغا ئوخشىمايدىغان سۇ ۋە باغلار بار يەرگە، — دەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى:
— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! بىز بۇنىڭدەك سۇ ۋە باغلاردىن تامامەن نائۈمىد بولۇپ تۇرغاندا بۇلارنى تاپتۇق، بىز بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تۇرمۇشنى قانداق قىلىمىز؟! — دەيدۇ. ئۇلاردىن ئاز بىر قىسمىلا:
— سىلەر بۇ كىشىگە ئاسىيلىق قىلماسلىققا ئاللاھ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئەھدە بەرگەن ئەمەسمىدىڭلار؟ بۇ كىشى سىلەرگە ئاۋۋالقى گېپىدە راست سۆزلىدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! بۇ سۆزىدىمۇ راستچىلدۇر، — دەيدۇ.
ئاندىن ئۇ كىشى ئۆزىگە ئەگەشكەن كىشىلەر بىلەن كېتىدۇ، قالغانلار شۇ يەردە قېلىپ قالىدۇ. ئاندىن دۈشمەن كېلىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆلىدۇ ۋە بىر قىسمى ئەسىرگە چۈشىدۇ»(9).
«سەھىھەين»دە ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ۋە ئاللاھ مېنى ئەۋەتكەن ھەقنىڭ مىسالى خۇددى شۇنداق بىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇكى، ئۇ ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دەيدۇ:
— ئى قەۋمىم! مەن ياۋ قوشۇنىنى ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆردۈم، مەن ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن! تېز قېچىڭلار!
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان كىشىلەردىن بىر تۈركۈمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ ۋە ئاۋۋال كېچە يولغا چىقىپ، ئاستا – ئاستا يىراقلىشىپ دۈشمەندىن قۇتۇلىدۇ. يەنە بىر تۈركۈملەر ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ئۆز يېرىدە تاڭ ئاتقۇزىدۇ ۋە ياۋ قوشۇنى ئەتىگەندە باستۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆز يۇرتىدا ھالاك قىلىدۇ ۋە قىرىپ تاشلايدۇ. مانا بۇ ماڭا ئىتائەت قىلغان ۋە مەن ئېلىپ كەلگەن ھەقكە ئەگەشكەنلەر بىلەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ۋە مەن ئېلىپ كەلگەن ھەقنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ مىسالىدۇر»(10).
دۇنيانىڭ ھەقىقىتى، دۇنيانىڭ ئەيىبلىنىدىغان ۋە ماختىلىدىغان تەرىپى
نۇرغۇن كىشىلەر دۇنيانى مۇتلەق قارىلايدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغان ۋە بۇلارنى ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان مەۋجۇداتقا ئىشارە دەپ چۈشىنىۋېلىشقان ۋە نەتىجىدە ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق / كېرەكلىك بولغان يېمەك – ئىچمەكلەرنىمۇ تەرك ئەتكەندۇر.
ئاللاھ تائالا ئىنساننى نەپسىگە مەنپەئەتلىك نەرسىگە ئىنتىلىدىغان تەبىئەتتە ياراتقان. بەزىلەر نەپسى بىرەر نەرسىگە ئىنتىلسە، ئۆزلىرىچە زاھىدلىقنىڭ پەيتى دەپ قارىغانلىقى ۋە نەپسنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ھەقلىرى بارلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئارزۇغا توسقۇنلۇق قىلىشتى. زاھىد بولۇۋالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ ھالدا بولۇپ، ئۇلار بۇنى ئىلىمنىڭ ئازلىقىدىن قىلدى.
بىز ھېچبىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەستىن، ھەقىقەتنى ئاشكارا قىلىپ، شۇنداق دەيمىزكى:
بىلگىن، دۇنيا ئىنسانلار كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان مەۋجۇد شەيئىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر ئىنساننىڭ ئۇنىڭدا نېسىۋىسى بار. بۇ مەۋجۇد شەيئىلەر بولسا زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىلەردۇر. يەنى، يەر يۈزى ئىنساننىڭ تۇرالغۇسىدۇر. يەر يۈزىدىكى كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك ۋە نىكاھلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا تەرەپكە يول ئالغۇچى «بەدەن ئۇلىغىنىڭ ھەلىپى»دۇر. خۇددى ھەج يولىدىكى تۆگە سەپەردە ئېھتىياجىنىڭ تەمىنلىنىشى بىلەنلا تىرىك قالالىغانغا ئوخشاش، بەدىنىمىزمۇ ئېھتىياجى قامدىلىشى بىلەنلا مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىيالايدۇ . دېمەك، بۇ ئېھتىياجلىرىنى بۇيرۇلغان يول بويىچە قامدىغۇچىلار ماختىلىدۇ، ئەكسىچە ئاچكۆزلۈك بىلەن چاڭگال – چاڭگاللاپ، ھاجىتىدىن ئارتۇق ئالغۇچى ئەيىبلىنىدۇ.
ئاچكۆز كىشىنىڭ دۇنيالىق نەرسىلەر ئېلىشىنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق، چۈنكى ئاچكۆزلۈك ئىنساننى پايدىدىن زىيانغا تاشلايدۇ ۋە ئاخىرەتنى ئويلاشتىن مەشغۇل قىلىدۇ. شۇ ۋەجدىن كۆزلەنگەن نەرسە قولدىن كېتىدۇ. ئۇنداق كىشى بەئەينى تۆگىسىگە ھەلەپ بېرىدىغان، سۇغۇرۇپ ۋە تۈرلۈك پۆپۈك – بېزەكلەرنى تاقاپ يۈرۈپ، ھەمراھلىرىنىڭ مېڭىپ بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ، چۆلدە ئۆزى ۋە تۆگىسى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئولجا بولغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.
دۇنيالىقتىن ھاجەت مىقدارىدا ئالماسلىقنىڭ (بۇ ھەقتە ئەستايىدىل بولماسلىقنىڭ) ھەقلىق بىر تەرىپى يوق. چۈنكى، ئۇلاغ / تۆگە ئۆزىگە يارام نەرسىلەرنى يېگەندىلا مېڭىشقا قادىر بولالايدۇ. شۇڭا، ساغلام يول ئوتتۇراھال يولدۇر. ئوتتۇراھال يول بولسا: كۆڭلى تارتىپ تۇرسىمۇ، دۇنيالىقتىن ئېھتىياجىغا تۇشلۇق مىقداردا ئېلىشتۇر. چۈنكى، نەپسكە ئارزۇ قىلغان نەرسىسىنى بېرىش ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغانلىق بولىدۇ.
سۇفيان سەۋرىي رەھىمەھۇللاھ كۆپ ۋاقىتلاردا ياخشى تاماقلارنى يەيتتى ۋە سەپەردە يېنىغا ھەسەل ھالۋىسى ئېلىۋالاتتى.
ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ بەزى ۋاقىتلاردا ياخشى تاماقلارنى يەيتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «تاپالىساق ئەركەكتەك يەيمىز، تاپالمىساق ئەركەكتەك سەبر قىلىمىز».
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىراملەرنىڭ ھاياتىغا قاراپ باقايلى! ئۇلار دۇنيادىن پايدىلىنىشتا ئاشۇرۇۋەتمىگەنىدى، نەپسىنىڭ ھەقلىرىگىمۇ سەل قارىمىغانىدى.
نەپس ئارزۇ قىلغان نەرسىگە ياخشى قاراپ بېقىش كېرەك. ئەگەر ئۇ نەپسنى قوغداش، داۋاملاشتۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشى ئىشلار ئۈچۈن جانلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولسا توسماسلىق كېرەك. ئەگەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەنپەئەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولماي، پەقەت شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا بولسا، ئەيىبلىنىدۇ. مانا بۇ زاھىدلىق قىلىدىغان پەيتتۇر.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. مۇسلىم (2858).
2. مۇسلىم (2956).
3. تىرمىزىي (2320). سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5292) «سەھىھ» دېگەن.
4. تىرمىزىي (2322). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 3414) «ھەسەن» دېگەن.
5. ئەھمەد (19712)؛ ھاكىم (7853). ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3247) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
6. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رەببىم ماڭا مەككىنىڭ بەتھا دېگەن سايلىقىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇپ بەرمەكچى بولغانىدى، مەن ئۈچ قېتىم: ‹ئى رەببىم! ئۇنداق قىلىپ بەرمىگىن. مەن بىر كۈن ئاچ، بىر كۈن توق ئۆتەي؛ قورسىقىم ئاچقاندا، ساڭا يېلىنىپ، سېنى زىكرى قىلاي؛ تويغاندا بولسا، ساڭا تەشەككۈر ۋە ھەمد ئېيتاي› دېدىم». تىرمىزىي: (3980) «ھەسەن» دېگەن.
7. زەبىيدىي («ئىتھافۇسسادە»، 8/101) دېگەنكى: بۇخارىي بۇ ھەدىستە (4101) جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇردى، ھالبۇكى قورسىقى تاش بىلەن تېڭىلغان ئىدى» دېگەن لەۋىز بىلەن؛ تىرمىزىي ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «قورساقلىرىمىزغا تېڭىۋالغان تاشلارنى كۆرسەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قورسىقىغا باغلىغان ئىككى پارچە تاشنى كۆرسەتتى» دەپ رىۋايەت قىلغان. تىرمىزىي: «غەرىب» دېگەن.
8. تىرمىزىي (2377). تىرمىزىي ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5668) «سەھىھ» دېگەن.
9. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (507). ھەسەن بەسرىيدىن مۇرسەلدۇر.
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7283)؛ مۇسلىم (2283).