ئاچچىقلىنىش، ئاداۋەت تۇتۇش ۋە ھەسەت قىلىشنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى

ئاچچىقلىنىش، ئاداۋەت تۇتۇش ۋە ھەسەت قىلىشنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى

شۇنى ياخشى بىلگىنكى، ئاچچىقلىنىش / غەزەپ ئوت يالقۇنلىرىدىن بىر يالقۇندۇر. غەزەپ ئەسناسىدا ئىنساندىن چىقىپ لەنىتى شەيتانغا ئۇلىشىدىغان بىر تومۇر باردۇر. ئاللاھ تائالا شەيتاننىڭ ئاغزىدىن: ﴿مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ﴾(7/«ئەئراف»: 76) دېدى. چۈنكى، لاينىڭ تەبىئىتى سۈكۈنات بولسا، ئوتنىڭ تەبىئىتى ئۇچقۇنداش، كۆيۈش، ھەرىكەت قىلىش ۋە تەرتىپسىزلىكتۇر.

ئاداۋەت ۋە ھەسەت ئاچچىقلىنىش / غەزەپنىڭ نەتىجىلىرىدىندۇر.

ئاچچىقلىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ماڭا نەسىھەت قىلسىلا!» دېگەن كىشىگە: «ئاچچىقلانمىغىن» دېگەن سۆزى دەلىلدۇر. ئۇ كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قايتا – قايتا «ماڭا نەسىھەت قىلسىلا» دېگەندە، ئۇنىڭغا: «ئاچچىقلانمىغىن!» دەۋەرگەن(1).

باشقا بىر ھەدىستە، ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «مېنى ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن نېمە يىراق قىلىدۇ؟» دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاچچىقلانمىغىن!» دەپ جاۋاب بەردى (2).

بىرلىككە كېلىنگەن بىر ھەدىستە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «چېلىشتا يەڭگەن نوچى ئەمەس، ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋالغان ھەقىقىي نوچىدۇر»(3) دېگەن.

ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (يەنى ئىيسا) نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى﴾(3/«ئال ئىمران»: 39) دېگەن ئايىتىدىكى «سەييىد» كەلىمىسىنى: «ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان، ئاچچىقىغا يېڭىلمەيدىغان كىشى» دەپ تەپسىر قىلغان(4).

رىۋايەت قىلىنۇركى، «زۇلقەرنەيىن بىر پەرىشتىگە يولۇقتى ۋە ئۇنىڭغا:

— ماڭا شۇنداق بىر ئىلىم ئۆگەتكىنكى، ئىمانىم ۋە جەزمىيتىم ئارتقاي! — دېگەنىدى، پەرىشتە:

— ئاچچىقلانما! چۈنكى، شەيتاننىڭ ئادەم بالىسىغا كۈچى ئەڭ ئاسان يېتىدىغان ۋاقتى ئاچچىقلانغان ۋاقتىدۇر. شۇڭا ئاچچىقنى يۇتۇش بىلەن قايتۇر! سالماقلىق بىلەن بېسىقتۇر! ئالدىراقسانلىقتىن ساقلان! چۈنكى، سەن ئاچچىقلانغاندا نېسىۋەڭگە ئېرىشەلمەيسەن. يىراق – يېقىن ھەممە كىشىگە يۇمشاق، مېھرىبان بولغىن! زومىگەر، تەرسا بولما! — دېدى»(5).

يەنە رىۋايەت قىلىنۇركى: ئىبلىس — ئاللاھ ئۇنىڭغا لەنەت قىلسۇن — مۇسا ئەلەيھىسسالامغا كۆرۈنگەن ۋە: «ئى مۇسا! كەسكىنلىكتىن ساقلانغىن! چۈنكى، مەن كەسكىن ئادەمنى كىچىك بالا توپ ئوينىغاندەك ئوينايمەن. ئاياللار (پىتنىسى) دىن ساقلانغىن! چۈنكى، مېنىڭ قارىشىمدا ئەڭ پۇختا قۇرۇلغان تۇزاق ئايال كىشى بىلەن قۇرۇلغان تۇزاقتۇر. بېخللىقتىن ساقلانغىن! چۈنكى، مەن بېخىلنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرىتىنى بۇزىمەن» دېگەنىكەن(6).

ۋە يەنە: «ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، ئاچچىقلىنىش ئىماننى خۇددى ئاچچىق دورا ھەسەلنى بۇزغاندەك بۇزىدۇ. ئاچچىقلىنىش ئەقىلنىڭ دۈشمىنىدۇر» دېيىلگەن(7).

ئاچچىقلىنىشنىڭ ھەقىقىتى
غەزەپ ئىنتىقام خىرىسى بىلەن قەلبتىكى قاننىڭ قاينىشىدۇر. يەنى ئىنسان ئاچچىقلانغاندا غەزەپ ئوتى قوزغىلىپ، قەلبتىكى قان قاينايدۇ ۋە تومۇرلارغا تارقىلىپ، قازان قاينىغاندا سۇ كۆتۈرۈلگەندەك بەدەننىڭ يۇقىرى تەرىپىگە كۆتۈرلىدۇ. شۇ ۋەجدىن يۈز، كۆز ۋە تېرە قىزىرىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى خۇددى بىر ئەينەك شېشە ئىچىدىكى نەرسىنىڭ رەڭگىنى كۆرسەتكەندەك، غەزەپمۇ كەينىدىكى قان قىزىللىقىدىن ئىبارەت رېڭىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىنسان ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىگە ئاچچىقلانغاندا ۋە كۈچى يېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا قان كېڭىيىدۇ.

ئەگەر غەزەپنىڭ سەۋەبى ئۆزىدىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئاچچىقلىنىش بولسا ۋە كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، بۇ ھالدا قان تومۇر – تومۇرلاردىن يۈرەككە قاراپ چېكىنىدۇ. نەتىجىدە غەزەپ قايغۇغا ئايلىنىدۇ ھەمدە تېرە رەڭگى سارغىيىدۇ. ئەگەر تەڭتۇش كىشىگە غەزەپلەنگەن بولسا، قان كېڭىيىپ – تارىيىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈز قىزىرىدۇ، سارغىيىدۇ ۋە قالايمىقانلىشىدۇ. دېمەك، ئىنتىقام خىرىسى غەزەپ كۈچىنىڭ ئوزۇقىدۇر.

كىشىلەر غەزەپلىنىشتە: ئاشقۇن، سۇس ۋە مۆتىدىللىكتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ.

ھەددىدىن ئاشقان غەزەپ خوش كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى، ھەددىن ئارتۇق غەزەپ ئىنساننى ئەقلىنى باشقۇرۇش ۋە دىنىغا رىئايە قىلىشتىن چىقىرىۋېتىدۇ. نەتىجىدە بۇ ھالدىكى ئىنسان ھېچقانداق دەڭسەش، ئويلىنىش ۋە توغرىنى تاللاشقا قادىر بولالمايدۇ.

غەزەپلىنىشتە سۇسلۇقمۇ ھەم خوش كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى، غەزىپى سۇس كىشىدە ۋىجدان ۋە كۈنلەش يوقايدۇ. غەزىپىنى تامامەن يوقاتقان ئادەم نەپسىنى تەربىيەلەشتىنمۇ ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى، نەپس تەربىيەسى غەزەپ شەھۋەتنى بېسىپ چۈشكەندە تاماملىنىدۇ. كىشى، نەپسى بولمىغۇر ۋە پەس ھەۋەسلەرگە مايىل بولغاندا، نەپسىگە غەزەپلىنىدۇ. دېمەك، غەزەپنى يوقىتىپ قويۇش ئەيىبتۇر. شۇڭا، قاتتىق غەزەپ ۋە زىيادە سۇسلۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئۇچ ئارىسىدا ئوتتۇراھاللىقنى تېپىش كېرەك.

شۇنى ياخشى بىلگىنكى، غەزەپ ئوتى كۈچلىنىپ يالقۇنجىغاندا، غەزەپلەنگۈچىنى كور ۋە ھەرقانداق نەسىھەتنى ئاڭلاشتىن گاس قىلىپ قويىدۇ. چۈنكى، غەزەپ مېڭىگە كۆتۈرۈلۈپ، تەپەككۇر كانىنىڭ ئۈستىنى يېپىۋالىدۇ. بەزىدە سەزگۈ كانىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆزى قاراڭغۇلىشىپ، ھېچنەرسىنى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ. دۇنيا قاپقاراڭغۇ بولىدۇ، مېڭىسى خۇددى ئوت يېقىلغاندىن كېيىن، ئوتتىن چىققان تۈتۈن بىلەن ھاۋاسى قارىداپ، ئىچى قىزىپ، تۈتۈنگە توشۇپ كەتكەن بىر غارغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. غار ئىچىدە ئاجىز بىر چىراغ بولۇپ، چىراغ ئۆچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇش مۇمكىن بولماي قالىدۇ ۋە ھېچ سۆز قۇلاققا كىرمەيدۇ، ھېچ سىما كۆرۈنمەيدۇ. ئۇ كىشىنىڭ تۈتەۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرۈشكىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ. غەزەپ قەلب ۋە مېڭىگە مانا مۇشۇنداق قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. بەزىدە غەزەپ تېخىمۇ كۈچىيىپ ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.

غەزەپنىڭ سىرتقى ئالامەتلىرى: رەڭگى ئۆزگىرىش، پۇت – قوللىرى قاتتىق تىترەش، ئىش – ھەرىكەتنىڭ قالايمىقانلىشىشى، ئەدەب – ئەخلاقنى قايرىپ قويۇش، ساراڭلارچە قىلىق قىلىش قاتارلىقلاردۇر. ئەگەر غەزەپلەنگۈچى ئۆزىنىڭ دەرغەزەپ چاغدىكى قەبىھ ھالىتىنى كۆرسە ئىدى، ئەلبەتتە كۆڭلىدە شۇ ھالىتىدىن بىزار بولغان بولاتتى. ئىچكى دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ سەت بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇمدۇر.

غەزەپنى قوزغىغۇچى سەۋەبلەر ۋە ئۇنىڭ داۋاسى
ھەرقانداق كېسەلنى داۋالاشنىڭ شۇ كېسەللىكنىڭ مەنبەسىنى قۇرۇتۇش ۋە سەۋەبلىرىنى يوق قىلىش ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن.

غەزەپنىڭ سەۋەبلىرىدىن بەزىلەر مۇنداق: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، چاقچاق قىلىش، جېدەللىشىش، قارشىلىشىش، ئالدامچىلىق ۋە ئارتۇقچە مال – دۇنياغا قاتتىق ھېرىس بولۇش قاتارلىقلار. بۇلار شەرىئەتتە ئەيىبلىنىدىغان ناچار خۇلقلاردۇر. شۇڭا، بۇ خۇلقلاردىن ھەربىرىنى ئۇنىڭغا قارشى ئەخلاقلار بىلەن داۋالاش ۋە غەزەپنى قوزغىغۇچى ئامىللارنى بىلىپ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى كېسىپ تاشلاشقا تىرىشىش كېرەك.

غەزەپ قوزغالغاندا، تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ:

بىرىنچى: ئاچچىقىنى يۇتۇش، ئەپۇ قىلىش ۋە سەبر قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى تەپەككۇر قىلىش. مەسىلەن، تۆۋەندىكىدەك ھەدىسلەرنى ئەسلەش كېرەك. ئىمام بۇخارىي ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ: «بىر كىشى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كىرىشكە رۇخسەت سورىدى، ئۆمەر ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلدى. ئاندىن ئۇ كىشى ئۆمەرگە: ‹ئى خەتتابنىڭ ئوغلى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن بىزگە كۆپ مال بەرمەيسەن، ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلمايسەن› دېدى. ئۆمەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ، ئۇنى قاتتىق ئۇرماقچى بولدى. ئاندىن ھۇر ئىبنى قەيس: ‹ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ھەقىقەتەن ئۆز پەيغەمبىرىگە: ﴿ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن)﴾(7/«ئەئراف»: 199) دېگەن. ھەقىقەتەن بۇ كىشى نادانلاردىن ئىكەن› دېدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ھۇر ئىبنى قەيس ئۆمەرگە بۇ ئايەتنى ئوقۇپ بەرگەندە، ئۆمەر ئۇ ئايەتكە خىلاپلىق قىلمىدى. ئۆمەر ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ كىتابى ئوقۇلغاندا بەك سالماق تۇرىدىغان كىشى ئىدى» دېگەن(8).

ئىككىنچى: نەپسنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتۇش. ئاچچىقلانغان كىشى نەپسىگە: «مېنىڭ بۇ ئىنسانغا كۈچۈم يەتكەندىن بەكرەك ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا كۈچى يېتىدۇ. ئەگەر مەن بۇ كىشىگە غەزىپىمنى يۈرگۈزسەم، ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا قىيامەت كۈنى غەزىپىنى يۈرگۈزۈشىدىن خاتىرجەم بولالمايمەن، شۇڭا، مەن ئەپۇ قىلىشقا ئەڭ موھتاجمەن» دېيىشى لازىم.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەزى كىتابلىرى (ئىنجىل) دا: «ئى ئادەم بالىسى! غەزەپلەنگەندە مېنى ئەسىلىگىنكى، مەنمۇ غەزەپلەنگەندە سېنى ئەسلىگەيمەن ۋە ھالاك قىلىنغۇچىلار ئىچىدە سېنىمۇ ھالاك قىلمىغايمەن» دېگەن(9).

ئۈچىنچى: ئۆز نەپسىنى ئاداۋەتخورلۇق، قىساسكارلىق كۈلپىتىدىن ۋە دۈشمەننىڭ ئۆزىنىڭ شەنىنى تۆكۈشكە ۋە بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر بىلەن سۆيۈنۈشكە تەييار ئىكەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، ئىنسان مۇسىبەتلەردىن خالىي بولالمايدۇ. شۇڭا، نەپس ئاخىرەتتىن قورقمىسا، دۇنيادا بۇ ئىشلارغا دۇچار بولۇشىدىن قورقۇتۇش كېرەك. بۇنىڭ ئەكسى شەھۋەتنىڭ غەزەپنى بېسىپ چۈشۈشى بولۇپ، ساۋاب ئەمەس. چۈنكى بۇ، دۇنيالىق نېسىۋىلەرنى بەزىسىنى بەزىسىدىن ئارتۇق كۆرۈشتۇر. لېكىن، كىشىنىڭ ئېھتىيات قىلغان ئىشى ئاخىرەت ئەمىلىگە ياردەم بېرىدىغان بىر ئىشقا ئۆزگەرسە، بۇ ھالدا ئۇنىڭغا ساۋاب بولىدۇ.

تۆتىنچى: ئىلگىرى سۆزلەنگەندەك، ئۆزىنىڭ غەزەپلەنگەن چاغدىكى قەبىھ سۈرىتىنى يادىغا كەلتۈرۈش كېرەك. غەزەپلەنگۈچى غەزەپلەنگەندە، غالجىر ئىت ياكى ۋەھشىي بىر يىرتقۇچ ھايۋانغا ئوخشاپ قالىدۇ. شۇنداقلا يەنە نەپسىنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقلىرى ۋە ئالىملارنىڭ ئادەتلىرىگە ئەگىشىشكە مايىل قىلىشتىن قاچقان بولىدۇ.

بەشىنچى: ئىنتقام ئېلىشقا تۈرتكە بولغان سەۋەبنى ئويلاپ بېقىش كېرەك. مەسىلەن، شەيتان ئۇنىڭغا: «ئىنتىقام ئالماسلىق سېنىڭ ئاجىز، خار، تۆۋەن ۋە نەپسىڭنىڭ پەس ئىكەنلىكىگە دالالەتتۇر، ئىنتىقام ئالمىساڭ كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشىسەن» دەپ ۋەسۋەسە سېلىش سەۋەبىدىن غەزەپلەنگەن بولسا، نەپسىگە: «ئى نەپسىم! ھازىر بۇلارغا سەبر قىلالمىساڭ، بۇ كىشى قولۇڭدىن تۇتۇپ، سەندىن ئىنتىقام ئالىدىغان قىيامەت كۈنىدىكى خارلىق ۋە رەسۋالىققا قانداق سەبر قىلىسەن! كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈشتىن ئېھتىيات قىلىسەنۇ، ئاللاھ تائالا، پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ نەزەرىدىن قېلىشتىن ئېھتىيات قىلمامسەن؟!» دەپ شەيتان ۋەسۋەسىسىنى دەﻓﺌ قىلىشى كېرەك.

ئاچچىقنى يۇتۇشى كېرەك. چۈنكى، ئاچچىقنى يۇتۇش كىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدۇ. خەق ئىچىدە ھۆرمەتلىك بولمىسا نېمە بولماقچىدى؟! قىيامەت كۈنى: «﴿ئاللاھ تائالا چوقۇم ئەجرىنى بېرىدىغان كىشىلەر﴾(4/«نىساﺋ»: 100) ئورنىدىن تۇرسۇن» دەپ نىدا قىلىنسا، پەقەت ئەپۇ قىلغان كىشىلەرلا ئورنىدىن تۇرىدۇ(10). كىشى ئۈچۈن شۇ ئورنىدىن تۇرغانلار قاتارىدا ئورنىدىن تۇرۇش ئەڭ زۆرۈر ئەمەسمۇ؟! بۇنىڭغا ئوخشاش مەنىلەرنىڭ كىشى قەلبىدە بەرقارار بولمىقى بەك مۇھىمدۇر.

ئالتىنچى: غەزەپلىنىشنى ئۆز مەقسىتىگە مۇۋاپىق ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ مەقسىتىگە مۇۋاپىق ھالەتتە يۈز بەرگەن بىر ئىش دەپ بىلسۇن. بۇنى بىلگەن كىشى قانداقمۇ ئۆز مەقسىتىنى ئاللاھ تائالانىڭ مەقسىتىنىڭ ئالدىغا قويسۇن؟! بۇلارنىڭ ھەممىسى قەلبىي غەزەپلىنىشنى داۋالاش سەۋەبلىرىدۇر.

ئەمەل قىلىش ئارقىلىق غەزەپنى داۋالاشقا كەلسەك: غەزەپلەنگۈچى شۈك تۇرۇۋېلىشى(11)، ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلىشى(12) ۋە ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. مەسىلەن، ئەگەر ئۆرە تۇرغان ھالەتتە بولسا ئولتۇرۇۋالسۇن، ئولتۇرغان ھالەتتە بولسا يېتىۋالسۇن(13). ھەم بىز غەزەپلەنگەندە تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇلدۇق. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممسى ھەدىسلەردە كەلگەندۇر.

ئەبۇ ۋائىل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ غەزەپلەنگەندە تاھارەت ئېلىشنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇرۋە ئىبنى مۇھەممەدنىڭ قېشىدا ئىدۇق، ئۇنىڭغا بىر ئادەم ئېغىر گەپلەرنى قىلدى، ئۇرۋە ئىبنى مۇھەممەد قاتتىق غەزەپلەندى، ئاندىن ئورنىدىن تۇردى ۋە تاھارەت ئالدى. ئاندىن كېلىپ دېدىكى: ‹دادام ماڭا بوۋام ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ”غەزەپ شەيتاندىندۇر، شەيتان بولسا ئوتتىن يارىتىلغان. ئوت سۇ بىلەن ئۆچۈرۈلىدۇ، شۇڭا بىرىڭلار غەزەپلەنگەندە، تاھارەت ئالسۇن“ دېگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى›»(14).

غەزەپلەنگەندە ئولتۇرۇۋېلىش ۋە يېتىۋېلىشقا كەلسەك، ئىنسان غەزەپلەنگەندە ئولتۇرۇۋېلىش بىلەن يارىتىلغان تۇپراققا يېقىن بولۇشقا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ئەسلەپ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشقا بۇيرۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش بىلەن كەمتەر بولغىلى بولىدۇ. چۈنكى، غەزەپلىنىش كىبىردىن كېلىدۇ. بۇنىڭغا دەلىل، ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غەزەپلىنىش ھەققىدە: «كىمكى غەزەپلەنگەنلىكىنى ھېس قىلسا، مەڭزىنى زېمىنغا ياقسۇن»(15) دېگەن.

رىۋايەت قىلىنۇركى، «خەلىفە مەھدى بىر ئادەمگە غەزەپلىنىپ، ساۋىداش ئۈچۈن قامچا تەلەپ قىلدى، شۇ سورۇندىكى شەبىب دېگەن كىشى مەھدىينىڭ ئاچچىقىنى ۋە سورۇنداشلارنىڭ لام – جىمسىز باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: ‹ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ ئۈچۈن ئاللاھتىن بەكرەك غەزەپلەنمىگەيسىز!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلىفە: ‹ئۇنى قويۇۋېتىڭلار› دېدى».

ئاچچىقىنى يۇتۇش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلار ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلاردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 134) دەيدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ بايانى ماختاش تەرىقىسىدىدۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى (قارشى تەرەپكە) كۈچى يېتىپ تۇرۇپ ئاچچىقىغا ھاي بېرەلىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنى پۈتۈن خالايىق ئالدىدا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى خاھلىغان ھۆر پەرىنى تاللىۋېلىش ئىختىيارلىقىنى بېرىدۇ»(16).

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتىن قورققان كىشى ئاچچىقىنى تىزگىنلەيدۇ. ئاللاھتىن قورققان كىشى خاھلىغىنىنى قىلمايدۇ. ئەگەر قىيامەت كۈنى بولمىغان بولسا ئىدى، باشقىچە ئىشلارنى كۆرگەن بولاتتىڭلار»(17).

ھىلم (مۇلايىم، يۇمشاق، ئەپۇچان بولۇش) توغرىسىدا
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىلىم ئۆگىنىشكە تىرىشىش بىلەن؛ ھىلم مۇلايىم، بوينى يۇمشاق بولۇشقا تىرىشىش بىلەن قولغا كېلىدۇ»(18) دېگەن.

«ئىلىم ئۆگىنىڭلار، ئىلىم بىلەن بىرگە تەمكىنلىك ۋە سەبرچانلىقنىمۇ ئۆگىنىڭلار، ئوقۇغۇچىڭلارغا ۋە ئۇستازىڭلارغا قارىتا مۇلايىم، يۇمشاق بولۇڭلار. ئەسلا زومىگەر ئالىملاردىن بولماڭلاركى، نادانلىقىڭلار ھىلمىڭلارنى يېڭىۋالمىسۇن»(19).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەشەج ئەبدى قەيسكە مۇنداق دېگەن: «سەندە ئاللاھ ۋە رەسۇلى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى خىسلەت بار: ھىلىم ۋە تەئەننى (مۇلايىملىق، سەبرچانلىق)»(20).

بىر ئادەم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ئېغىر ھاقارەت قىلدى. ئۇ گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئىبنى ئابباس — نەقمەيداندىكى ئىكرىمەگە — مۇنداق دېدى: «ئى ئىكرىمە! قارىغىنچۇ، بۇ كىشىنىڭ بىرەر ھاجىتى بارمىكىن؟ بار بولسا ئۇنى ئادا قىلايلى». شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم بېشىنى تۆۋەنگە سېلىپ، قاتتىق خىجىل بولدى.

بىر كىشى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئاڭلىغۇدەك قىلىپ قاتتىق گەپلەرنى قىلدى، مۇئاۋىيەگە:

ــ ئۇنى جازالىمامسىز؟ ــ دېيىلگەنىدى، مۇئاۋىيە جاۋابەن مۇنداق دېدى:

ــ بىرەر پۇقرايىمنىڭ قىلمىشى سەۋەبلىك ھىلمىمنى زورۇقتۇرۇشتىن ھايا قىلىمەن.

مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تېرە بىساتلارنى تەقسىم قىلىپ، بىر قىسمىنى دىمەشىقلىك بىر شەيخكە ئەۋەتكەنىدى، ئەۋەتىلگەن پارچىدىن شەيخ رازى بولمىدى ۋە «مۇئاۋىيەنىڭ بېشىغا ئۇرىمەن» دەپ قەسەم قىلدى، ئاندىن مۇئاۋىيەنىڭ يېنىغا كېلىپ، قەسىمىنى بايان قىلغانىدى، مۇئاۋىيە ئۇنىڭغا: «ئەي شەيخ، نەزرىڭنى ئورۇنلىغىن، ئۆتۈنۈشۈم ماڭا ئۇرغاندا يۇمشاق قول بول» دېدى.

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر خىزمەتچىسى پۇتى سۇنۇق بىر قوي بىلەن ئەبۇ زەرنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى، ئەبۇ زەر ئۇنىڭغا:

— بۇ قوينىڭ پۇتىنى كىم سۇندۇردى؟ — دېگەنىدى، خىزمەتچى:

— سېنى ئاچچىقلانسۇن دەپ، ئاچچىقىڭدا مېنى ئۇرسۇن ۋە گۇناھكار بولسۇن دەپ، مەن ئەتەي سۇندۇردۇم ، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ زەر:

— سېنى مېنى غەزەپلەندۈرۈشكە قىزىقتۇرغان شەيتاننى مەن غەزەپلەندۈرىمەن، — دېدى ۋە ئۇنى ئازاد قىلىۋەتتى.

بىر ئادەم ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تىللىدى، ئۇ تىللاشتىن توختىغۇچە سۈكۈت قىلغان ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «دەيدىغان يەنە باشقا گەپلىرىڭ بولسا، يۇرتنىڭ ياشلىرى كەلمەستە دەۋال. چۈنكى، ياشلار ئۆز رەھبەرلىرىگە بۇنداق گەپلەرنى قىلغىنىڭنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭغا رازى بولمايدۇ» دېدى.

خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز قاراڭغۇ بىر كېچىدە مەسجىدكە كىردى، مەسجىدتە ئۇخلاۋاتقان بىر كىشىنىڭ يېندىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا پۇتلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم بېشىنى كۆتۈرۈپ:

— ساراڭمۇ سەن؟! — دېگەنىدى، ئۆمەر:

— ياق! — دېدى.

شۇ ئەسنادا ئۆمەرنىڭ قوغدىغۇچىسى ئۇ كىشىنى ئەدەبلىمەكچى بولغانىدى، ئۆمەر: «بەس! ئۇ مەندىن ‹ساراڭمۇ سەن؟› دەپ سورىغانىدى، مەن ‹ياق› دەپ جاۋاب بەردىم» دېدى.

بىر ئادەم ئەلى ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆرۈپلا تىللاشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن مالايلار ئۇنى ئەدەبلىمەكچى بولغانىدى، ئەلى: «توختاڭلار!» دېدى ۋە ئۇ ئادەمگە قاراپ: «سەن بىلمىگەن ئەيىبلىرىمىز تېخىمۇ كۆپتۇر، بىز ياردەم قىلغۇدەك بىرەر ھاجىتىڭ بارمۇ؟» دېگەنىدى، ئۇ ئادەم خىجىل بولدى، ئاندىن ئىمام ھۇسەين ئۇنىڭغا ئۇچىسىدىكى تۆت بۇرجەك يوللۇق قارا يېپىنچىسىنى تاشلاپ بەردى ۋە 1000 تەڭگە بېرىشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن كېيىنچە ئۇ ئادەم: «سېنىڭ پەيغەمبەر ئەۋلادى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دەيدىغان بولغان ئىدى.

بىر ئادەم ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھكە: «پالانى سېنى تىللىدى» دېگەنىدى، ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ: «شەيتان سەندىن باشقا ئەلچى تاپالماپتۇ – دە!» دېدى.

ئەپۇ قىلىش ۋە مۇلايىملىق ھەققىدە
شۇنى بىلگىنكى، ئەپۇ قىلىشنىڭ مەنىسى تامامەن ھەقلىق تۇرۇپ ھەققىڭنى ئالماسلىقىڭ ياكى بىراۋدىن ئېلىنىدىغان قىساستىن ۋەيا قەرزنىڭ بىر قىسمىدىن بولسىمۇ ۋاز كېچىشىڭ بولۇپ، ئۇ ھىلم ۋە ئاچچىقىنى يۇتۇشتىن باشقا سۈپەتتۇر. ئاللاھ تائالا دېگەنكى: ﴿ئۇلار (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 134) ۋە ﴿كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ) ئارىسىنى تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ﴾(42/«شۇرا»: 40).

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سەدىقە مالدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ تائالا بىر بەندىنى زىيادە ئەپۇچان قىلسا، ئۇ پەقەت زىيادە ئەزىز بولىدۇ. بىر كىشى ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىدۇ»(21).

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئۇقبە! ساڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئەھلىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ئەخلاقلىرىنى دەپ بەرمەيمۇ؟ سەندىن سىلە – رەھىمنى ئۈزگەنگە سىلە – رەھىم قىلىسەن، سېنى مەھرۇم قىلغانغا بېرىسەن، ساڭا زۇلۇم قىلغاننى ئەپۇ قىلىسەن»(22) دېگەن.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، قىيامەت كۈنى: «)ئاللاھ تائالا چوقۇم ئەجرىنى بېرىدىغان كىشىلەر)(4/«نىساﺋ»: 100) ئورنىدىن تۇرسۇن» دەپ نىدا قىلىنسا، پەقەت ئەپۇ قىلغان كىشىلەرلا ئورنىدىن تۇرىدۇ(23).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن ئاللاھ مۇلايىمدۇر، مۇلايىملىقنى ياخشى كۆرىدۇ، قوپاللىققا بەرمىگەننى مۇلايىملىققا بېرىدۇ»(24) دېگەن.

«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن ئاللاھ بارلىق ئىشلاردا مۇلايىم بولغاننى ياخشى كۆرىدۇ»(25) دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە: «مۇلايىملىقتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشى ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلىنىدۇ» دېيىلگەن(26).

ئاداۋەت تۇتۇش ۋە ھەسەت قىلىش توغرىسىدا
شۇنى بىلگىنكى، ئىنسان نەقمەيداندا ئىنتىقام ئېلىشتىن ئاجىز كېلىپ ئاچچىقنى يۇتقان بولسا، ئاچچىق ئىچىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساقلىنىپ، ئاخىرىدا ئاداۋەتكە ئايلىنىدۇ.

ئاداۋەتنىڭ ئالامىتى: بىر شەخسنى داۋاملىق يامان كۆرۈش، كۆرەر كۆزى بولماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشتۇر. ئاداۋەت غەزەپنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. ھەسەت بولسا ئاداۋەتنىڭ نەتىجىسىدۇر.

زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرگە ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ كېسىلى تېگىشكە باشلىدى، بۇلار: ھەسەت قىلىش ۋە ئاداۋەتلىشىشتۇر» دېگەن(27).

«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۆزئارا ئۆچەكەشمەڭلار، ئۆزئارا تاشلاشماڭلار، ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار، ئۆزئارا تەتۈر قاراشماڭلار، ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار! مۇسۇلمان ئۈچۈن قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال بولمايدۇ»(28).

باشقا بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن ھەسەت ياخشىلىقلارنى خۇددى ئوت ئوتۇننى يېگەندەك يەيدۇ»(29) دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹بۇ كەڭ يولدىن سىلەرگە بولغۇسى جەننەت ئەھلى بىر ئادەم چىقىپ كېلىدۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئادەم چىقىپ كەلدى. ئاندىن ئۇنىڭ قىلىدىغان ئەمىلى توغرۇلۇق سورالغاندا، ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: ‹مەن ھېچبىر مۇسۇلماننى ئالدىمايمەن ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن ياخشىلىققا ھەسەت قىلمايمەن›»(30).

يەنە شۇنداق رىۋايەت قىلدۇقكى، ئاللاھ تابارەك ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەسەت قىلغۇچى مېنىڭ نېئمىتىمنىڭ دۈشمىنىدۇر، ھۆكمىمگە ئاچچىقلانغان ۋە مېنىڭ بەندىلەر ئارىسىدىكى تەقسىماتىمغا رازى بولمىغان كىشىدۇر»(31).

ئىبنى سىرىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن ھېچبىر كىشىگە بىرەر دۇنيالىق ئىشتا ھەسەت قىلىپ باقمىدىم. چۈنكى، ئۇ كىشى بولغۇسى جەننەت ئەھلىدىن بولسا، بەرىبىر جەننەتكە قايتىدىغان تۇرسا، نېمىشقا بىرەر دۇنيا ئىشىدا ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغۇدەكمەن؟! ئەگەر ئۇ بولغۇسى دوزاخ ئەھلىدىن بولسا، بەرىبىر دوزاخقا قايتىدىغان تۇرسا، نېمىشقا بىرەر دۇنيالىق ئىشتا ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغۇدەكمەن؟!»

ئىبلىس نۇھ ئەلەيھىسسالامغا: «ھەسەت قىلىشتىن ساقلانغىن. چۈنكى، مېنى ھەسەت بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى» دېگەن.

شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان قېرىندىشىڭغا بىرەر نېئمەت بەرگەن بولسا، سەن ئۇ نېئمەتكە نىسبەتەن ئىككى خىل ھالەتتە بولىسەن:

بىرىنچى: شۇ نېئمەتنى يامان كۆرىسەن ۋە ئۇنىڭ يوقۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىسەن، مانا بۇ ھەسەتتۇر.

ئىككىنچى: ئۇ نېئمەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىدىن بىئارام بولماسلىقىڭ ۋە ئۇنىڭ يوقۇلۇشىنى ئىستەپ كەتمەسلىكىڭ. لېكىن، شۇنىڭ ئوخشىشىنىڭ ئۆزۈڭدىمۇ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىڭ. بۇ بولسا «غىبتا (ھەۋەس)» دەپ ئاتىلىدۇ.

مۇئەللىف — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتۇر: «شۇنى بىلگىنكى، مەن بۇ ھەقتە كۆڭۈلدىكىدەك گەپ قىلغان ھېچبىر كىشىنى كۆرمىدىم، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ ئېنىق بىرنەرسە دېيىشىم زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. مەن دەيمەنكى: ‹ئىنسان نەپسى ئۈستۈنلۈكنى ياخشى كۆرۈش تەبىئىتى ئۈزرە يارىتىلغاندۇر. شۇڭا، كىشىنىڭ نەپسى ئۆز جىنسىدىن بىرىنىڭ ئۆزىدىن ئۈستۈن بولۇشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بىراۋ ئۆزىدىن ئۈستۈن بولسا كىشىگە ھار كېلىدۇ، ئۇنى يامان كۆرىدۇ ۋە باراۋەر بولۇشى ئۈچۈن ئۇ ئۈستۈنلۈكنىڭ يوقۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ بولسا ئىنسان تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن بىر ئىشتۇر›»

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۈچ ئىشتىن ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ: گۇمانخورلۇق، شۇم پال ئېلىش ۋە ھەسەت قىلىش. سىلەرگە بۇلاردىن قۇتۇلۇش يولىنى سۆزلەپ بېرىمەن. ئەگەر گۇمان قىلساڭ، گۇمانىڭ بىلەن ئىش قىلما، شۇم پال ئالساڭمۇ ئىشىڭنى داۋام قىلغىن ۋە ھەسەت قىلساڭ زۇلۇم قىلمىغىن»(32).

ھەسەتنى داۋالاش بەزىدە ئاللاھنىڭ قازاسىغا رىزا بولۇش، بەزىدە دۇنياغا قىزىقماسلىق، بەزىدە دۇنيا غەملىرى ۋە ئاخىرەتتىكى ھېساب قاتارلىق نېئمەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرگە قاراپ ئۆز ھالى بىلەن تەسەللى تېپىش، ئەسلا كۆڭلىدىن كەچكەن خىياللىرى بىلەن ئەمەل قىلماسلىق ۋە سۆزلىمەسلىك بىلەن بولىدۇ. مۇشۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىگە ھەسەت زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

پەيغەمبەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ھەسەت قىلغۇچى / قىزغانغۇچى ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولماسلىقىنى ياكى ئالىمنىڭ ئىلمىگە ھەسەت قىلغۇچى ئۇنىڭ ئىلمىدىن مەھرۇم قېلىشىنى ياكى ئول نېئمەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغان يېرى يوق. ئەمما، كافىر ۋە يامان نەپسلەر بۇنداق تۇيغۇلاردا بولالايدۇ. كىشى ئۆزىنىڭ تەڭتۇشلىرىدىن ئېشىپ كېتىشنى ۋە ئۇلار بىلەلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلسا، گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى، كىشى دوستلىرىنىڭ مەۋجۇد نېئمەتلىرىدىن مەھرۇم قېلىشىنى تىلىگەن ئەمەس. بەلكى پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا نېسىۋىسىنىڭ زىيادە بولۇشى ئۈچۈن تەڭتۇشلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىشنى ئىستىگەندۇر. بۇ خۇددى خوجايىنىغا خىزمەت قىلىشتا مۇسابىقىلەشكەن ئىككى قۇلغا ئوخشايدۇ. ئۇلاردىن بىرى مۇسابىقىدە ئۇتۇۋالماقچى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿بۇ ھەقتە بەسلەشكۈچىلەر ئۆزئارا بەسلەشسۇنلەر﴾(83/«مۇتەففىفىن»: 26) دېگەن.

«سەھىھەين»دە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پەقەت ئىككى خىسلەتكىلا ھەسەت قىلىش جائىزدۇر: بىرى، ئاللاھ ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال – دۇنيا ئاتا قىلىپ، ئۇنى ھەق يولدا ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر قىلغان كىشىگە؛ يەنە بىرى، ئاللاھ ئىلىم ئاتا قىلغان، ئۇشبۇ ئىلىم بىلەن توغرا ھۆكۈم چىقارغان ۋە شۇ ئىلىمنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن كىشىگە»(33) دېگەن.

ھەسەت قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىر قىسىمى: ئاداۋەت، كىبىر، تەمەننا، باشلىقلىق سەۋداسى، ئىچى يامانلىق ۋە بېخىللىق قاتارلىقلار.

§      بۇلاردىن ئەڭ مۇھىمى ئاداۋەت ۋە ئۆچ كۆرۈشتۇر. چۈنكى، خاھلىغان بىر سەۋەب بىلەن بىر كىشى بىر كىشىگە ئەزىيەت بەرسە ۋە ئۇنى مۇرادىغا يېتىشتىن توسسا، ئۇ كىشىنى قەلبىدىن ئۆچ كۆرىدۇ ۋە كۆڭلىدە ئاداۋەت ئورۇنلىشىپ قالىدۇ. ئاداۋەت ساقلاش ئۆچ ئېلىش ۋە ئىنتىقام ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاداۋەت تۇتقۇچى دۈشمىنىگە نېمە مۇسىبەت يېتىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئۇنىڭغا يەتكەن بالا – مۇسىبەتنى ئاللاھ تائالا تەرەپتىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا، دەپ ئويلايدۇ. دۈشمىنىگە نېمە نېئمەت يەتسە، ئۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىك ئۇ كىشىنى چىرماپ، قەتئىي قويۇۋەتمەيدۇ. تەقۋا كىشىنىڭ غايىسى زۇلۇم قىلماسلىق ۋە زۇلۇم – سىتەمنى دىلىدىن يامان كۆرۈشتۇر. بىر كىشىگە ئۆچ بولۇپ قېلىپ، ئۆچ كۆرۈلگۈچىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسىنىڭ ئۇنىڭ نەزەرىدە باراۋەر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

§      كىبىرگە كەلسەك، كىشى تەڭتۇشلىرىدىن ياكى شۇنىڭغا يېقىنراق بىراۋ مال – دۇنيا ياكى ئەمەل – مەنسەپكە ئېرىشسە، بۇ سەۋەبلىك ئۆزىگە قارىتا چوڭچىلىق قىلىشى ۋە ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىغا تاقابىل تۇرالماسلىقىدىن قورقىدۇ؛ ھوقۇق ۋە مالغا ئېرىشكۈچى ئۆزىدىن تۆۋەن كىشى بولسا، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ياكى ئۆزىگە تەڭداش بولۇپ قېلىشىغا تاقەت قىلالمايدۇ. كافىرلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قىلغان ھەسىتى بۇنىڭغا يېقىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا (مەككە بىلەن تائىفتىن ئىبارەت) ئىككى شەھەردىن بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېيىشتى﴾ (43/«زۇخرۇف»: 31).

كافىرلار مۇئمىنلەر ھەققىدە: ﴿ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمىكەن؟﴾(6/«ئەنئام»: 53) دېگەن.

كافىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: ﴿ «سىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر…﴾(36/«ياسىن»: 15) دېگەن.

ئۇلار يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 34).

دېمەك، كافىرلار ئەجەبلەندى، ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر ئىنساننىڭ پەيغەمبەرلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەنلىكىگە چىدىيالمىدى ۋە ھەسەت قىلىشتى.

§      باشلىق بولۇشنى ۋە يۈز – ئابرۇينى ياخشى كۆرۈشكە كەلسەك، بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى خاھلىغان بىر ئىلىم ياكى ھۈنەردە تەڭداشسىز ۋە مىسلىسىز ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. خەقنىڭ ئۆزىنى ماختىشىغا تولىمۇ خۇشتار ۋە «مانا بۇ زات زاماننىڭ يېگانە ۋە ھۈنەردە تەڭداشسىز كىشىسى» دېگەندەك ماختاشلىرىدىن بەك خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان كۈنلەردە، دۇنيانىڭ نېرىقى ئۇچىدا ئۆزىگە ئوخشاش بىر كىشىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىسا بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ ۋە ئۇ كىشىنىڭ تېزراق ئۆلۈشىنى ياكى ئىلىم، باتۇرلۇق، ئىبادەت، ھۈنەر، بايلىق ۋەياكى باشقا بىرەر ساھەدە ئۆزىگە شېرىك كىشىنىڭ شۇ نېئمەتنى يوقىتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. مانا بۇ يېگانىلىك دەۋاسى بىلەن بىرگە رەھبەرلىك سەۋداسىدىن ئۆزگە نەرسە ئەمەستۇر.

يەھۇدىي ئالىملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تونۇپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان ۋە ئۆز رەھبەرلىك مەرتىۋىلىرىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن قورقۇپ، رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتىمىغان ئىدى.

§      ئىچى يامانلىق ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بېخىللىق قىلىشقا كەلسەك، سەن كىشىلەر ئىچىدە باشلىقلىققا ھېرىس بولمىغان ۋە كىبىرسىز كىشىنى كۆرىسەن. لېكىن، ئۇنىڭ قېشىدا ھەقتائالانىڭ بىر بەندىسىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نېئمەت قىلىپ بېرىلگەن ياخشى ھال – ئەھۋالى بايان قىلىنسا، بۇ ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدۇ. ئەكسىچە ئەگەر كىمنىڭدۇر ئىشلىرىنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىنى، نەس باسقانلىقىنى، غۇربەتچىلىكتە قالغانلىقىنى ئاڭلىسا خۇشال بولىدۇ. ئۇ دائىما باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەينىدە قېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە نېئمەت بەرسە خۇددى ئۇنىڭ مۈلكى ۋە خەزىنىسىدىن ئالىدىغاندەك بېخىللىق قىلىدۇ.

ئالىملاردىن بىرى مۇنداق دېگەن: ئىككى خىل پىخسىق باردۇر: ئۆز مېلىغا پىخسىقلىق قىلغان كىشىگە بېخىل (البخيل)؛ ئۆزگىنىڭ مېلىغا پىخسىقلىق قىلىدىغان كىشىگە شەھىھ (الشحيح) دېيىلىدۇ. ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ئۆزى بىلەن ھېچقانداق ئاداۋەت ياكى دوستلۇقى يوق بەندىلەردىن قىزغانچۇچى ئىككىنچى تۈردىندۇر. بۇنداق پىخسىقلىقنىڭ ئىچى يامانلىق ۋە ناچار تەبىئەتتىن ئۆزگە سەۋەبى يوقتۇر. بۇنى داۋالاش قىيىندۇر. چۈنكى، بۇنىڭ ئۆتكۈنچى بىر سەۋەبى يوق، سەۋەبى بولغان بولسا ئۇنى يوقىتىشقا تىرىشقان بولاتتى. پىخسىقلىقنىڭ سەۋەبى دەل تەبىئەتنىڭ ناچارلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى يوقىتىش تەستۇر. مانا بۇلار ھەسەتخورلۇقنىڭ سەۋەبلىرىدۇر.

 

تەڭتۇشلار ۋە قۇرداشلار ئارىسىدا ھەسەت قىلىشنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنىڭ بايانى
شۇنى بىلگىنكى، بىز بايان قىلىپ ئۆتكەن سەۋەبلەر كۆپ تېپىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەسەتمۇ كۆپ بولىدۇ. ھەسەت قىلىش كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تەڭتۇشلار، قۇرداشلار، قېرىنداشلار ۋە نەۋرە تۇغقانلار ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ. چۈنكى، كۆرەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى ئۆز ئىچىدە بىردەكلىك بولمىغان مەقسەتلەردە نىشاننىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشىدۇر. شۇ ۋەجدىن ئۆزئارا ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ئالىمنىڭ بىر ئابىدقا ئەمەس باشقا بىر ئالىمغا ھەسەت قىلغانلىقىنى، ئابىدنىڭمۇ ئالىمغا ئەمەس يەنە بىر ئابىدقا ھەسەت قىلغانلىقىنى، سودىگەر سودىگەرنى، موزدوز موزدوزنى كۆرەلمەيدۇ، ھەرگىزمۇ بىرەر سەۋەبسىز گەزمالچىغا ھەسەت قىلمايدۇ. چۈنكى ھەر تائىپىنىڭ مەقسىتى باشقا بىر تائىپىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.

شۇڭا، دۈشمەنلىكنىڭ نېگىزىدە مەنپەئەت توقۇنۇشى باردۇر. بىر – بىرىدىن يىراقتىكى ئىككى كىشى ئوخشاش مەنپەئەت ۋە مەقسەت ئۈزرە بىر يەرگە كېلەلمەيدۇ. ئوخشىمىغان ئىككى شەھەردە ياشىغۇچى ئوخشىمىغان ئىككى كىشى ئارىسىدا ھېچقانداق باغ / رىشتە بولمايدۇ. مەلۇم بىر ماقامغا ئېرىشىشكە قاتتىق ھەۋەسلىك ياكى پۈتۈن دۇنياغا داڭق سېلىشقا ھېرىسمەن كىشىلەرلا بولمايدىكەن، يىراقتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ھەسەت / كۆرەلمەسلىك بولمايدۇ. ھەددىدىن ئارتۇق ھەۋەسلىك ياكى ئارزۇمەند كىشى — دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر — ئۆزى ماختانغان بىر خىسلەتكە شېرىك ھەرقانداق كىشىگە ھەسەت قىلىدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسىل مەنبەسى دۇنيا سۆيگۈسىدۇر. مەنپەئەت توقۇنۇشقان ئىككى كىشى ئۈچۈن بۇ دۇنيا تار كېلىدۇ. لېكىن، ئاخىرەتتە بولسا ھېچقانداق تارلىق مەۋجۇد ئەمەس. ئاللاھ تائالانى، پەرىشتىلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى، ئاسمانلىرى ۋە زېمىنىنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى چىن مەنادا تونۇش ئىستىكىدىكى كىشىلەر بۇنى تونۇپ يەتكەندە، باشقىلارغا ھەسەت قىلمايدۇ، چۈنكى، ئىلىم – مەرىپەت ئارىفلارغا (ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچىلارغا) تار كەلمەيدۇ، ئەكسىچە بىر مەلۇماتنى مىڭلاپ ئالىم بىلسىمۇ، ئۇنى باشقىلارنىڭ بىلگىنىدىن خۇشال بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دىن ئالىملىرى ئارىسىدا ھەسەت قىلىشىش بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى تونۇش بولۇپ، بۇ تونۇش ھېچقانداق تارلىق مەۋجۇد بولمىغان كەڭ بىر دېڭىزدۇر. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى كاتتا ئورۇنغا ئېرىشىش بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى نەرسىلەردىمۇ تارچىلىق يوقتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى ئەڭ كاتتا نېئمەت ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىش شەرىپى بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىشتا نە بىرى بىرىنى توسۇپ قېلىش، نە تالىشىش بولمايدۇ. ھەقتائالاغا قارىغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى بەزىلىرىنى قىستاپ قويمايدۇ، بەلكى قارىغۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئۈلپەت تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ. لېكىن، دىن ئالىملىرى ئىلىم ئارقىلىق مال – دۇنيا ۋە يۈز – ئابرۇي تېپىشنى مەقسەت قىلسا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىدۇ.

ئىلىم بىلەن مال ئارىسىدا پەرق باردۇر. مال بىراۋنىڭ قولىدىن چىقمىغۇچە، يەنە بىرىنىڭ قولىغا چۈشمەيدۇ. ئىلىم بولسا ئالىمنىڭ قەلبىگە ئورناشقان بىر ئەڭگۈشتەر بولۇپ، باشقىلارغا ئۆگىتىشى بىلەن ئىلىم ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىپ كەتمەيمۇ ئۆگىتىلگەن ئادەمنىڭ قەلبىگە ئورنىشىۋېرىدۇ. ئىلىمنىڭ چېكى يوقتۇر. كىمكى ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، كاتتىلىقىنى ۋە پادىشاھلىقىنى تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلەندۈرسە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق نېئمەتلەردىن تېخىمۇ لەززەتلىك بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا چەكلىمە يوق ۋە رىقابەتمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، كىشىنىڭ قەلبىدە يارالمىشلاردىن ھېچكىمگە قارىتا ھەسەت بولمايدۇ. چۈنكى، ئۆزى بىلگەننى باشقىلارنىڭمۇ بىلىشى ئۇنىڭ لەززىتىنى زەررىچە كېمەيتىۋەتمەيدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن كېيىن، ھەسەت قىلىشنىڭ پەقەتلا نۇرغۇن كىشىنىڭ تەڭلا ھەممەيلەنگە يەتمەيدىغان چەكلىك بىر نىشانغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدىڭ.

دەرۋەقە كىشىلەرنى ئاسماننىڭ زىننەتلىرى بولمىش يۇلتۇزلارغا قاراشتا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشمايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. چۈنكى، ئاسمان بىپايان، جىمى كۆزلەر قارىسىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ. شۇڭا، ئەگەر سەن نەپسىڭگە كۆيۈنگۈچى بولساڭ، تالىشىش يوق، كۆڭۈلسىزلىكتىن خالىي نېئمەت ۋە لەززەتنى تەلەپ قىلغىن! بۇ نېئمەت ۋە لەززەت ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئاجايىپ ھۆكۈمدارلىقىنى تونۇشتىلا مەۋجۇدتۇر. بۇ نېئمەت ۋە لەززەت ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى ھەقىقىي تونۇشقا ئىشتىياق باغلىماي، ئىلىم – مەرىپەت ئارقىلىقلا ھاسىل بولمايدۇ. مۇبادا، ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇش لەززىتىنى ھېس قىلمىساڭ ۋە بۇ بارىدا قىزىقىشىڭ ئاجىز بولسا، سەن ھەقىقىي ئەركەك كىشى ئەمەسسەن، شەكسىزكى بۇ ھەقىقىي ئەركەكلەرنىڭ ئىشىدۇر. چۈنكى، قىزىقىش تەمىنى تېتىشتىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. تېتىپ باقمىغان كىشى بىلمەيدۇ. بىلمىگەن كىشى سېغىنمايدۇ، سېغىنمىغان كىشى تەلەپ قىلمايدۇ، تەلەپ قىلمىغان كىشى ئېرىشەلمەيدۇ، ئېرىشەلمىگەن كىشى مەھرۇم كىشىلەر قاتارىدا قېلىۋېرىدۇ.

ھەسەتنىڭ داۋاسى
شۇنى بىلگىنكى، ھەسەتخورلۇق بۈيۈك قەلب كېسەللىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، قەلب كېسەللىرى پەقەت ئىلىم ۋە ئەمەل بىلەنلا داۋالىنىلىدۇ. ھەسەت كېسىلىگە پايدا قىلىدىغان ئىلىم ھەسەتنىڭ سېنىڭ دىن ۋە دۇنيالىقىڭغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭدۇر. بىلگىنكى، ھەسىتىڭنىڭ ھەسەت قىلىنغۇچىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىقىغا ھېچقانداق زىيىنى يوق، بەلكى ئۇ بۇنىڭدىن پايدا ئالىدۇ. سەن ھەسەت قىلغانغا ئۇ ياقنىڭ نېئمىتى يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەگەر سەن ئاخىرەتكە ئىشەنمىگەن تەقدىردىمۇ — ئاقىل بولساڭ — ھەسەتتىن ساقلىنىشىڭ ئەقىل كارى بولاتتى. چۈنكى، ھەسەت قىلىشتا ھېچقانداق پايدا يوق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ قەلبكە ئەلەمدۇر. ئاخىرەتتە ھەسەتخورغا بولغۇسى ئازابنى بىلىپ تۇرۇپ، سەن قانداقمۇ ھەسەت قىلىسەن؟!

بىز يۇقىرىدا ئېيتقان: «ھەسەت ھەسەت قىلىنغۇچىغا دىنى ۋە دۇنيالىقىدا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى ھەسەت قىلىنغان كىشى ھەسەت قىلغۇچىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدا ئالىدۇ» دېگەن سۆزىمىزنىڭ بايانى شۇكى، ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە تەقدىر قىلغان بىر نېئمەت ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان مۇددەتكىچە ئۇ كىشىدە داۋام قىلىدۇ. ئۇ كىشىگە ئاخىرەتتە ھېچ زىيان بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشى ئۇ نېئمەت سەۋەبلىك گۇناھكار بولمايدۇ. بەلكى ئۇ نېئمەتتىن پايدىلىنىدۇ. سەن ھەسەتنى سۆز ۋە ئىش – ھەرىكىتىڭدە كۆرسەتسەڭ، ھەسەت قىلىنغۇچى كىشى سەن تەرەپتىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولىدۇ.

ھەسەت قىلىنغۇچىنىڭ دۇنيادا ئالىدىغان مەنپەئەتىگە كەلسەك، كىشىلەر ھەممىدىن بەك دۈشمىنىنى قايغۇ ئىچىدە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. سېنىڭ ھەسەت سەۋەبلىك تارتقان ئازابىڭدىنمۇ چوڭ ئەلەم ۋە ئىزتىراپ بولمايدۇ — بۇ ئەلبەتتە دۈشمىنىڭنى سۆيۈندۈرىدۇ —.

ئەگەر بىز بايان قىلىپ ئۆتكەن سۆزلەرنى ئوبدان ئويلانساڭ، ئۆز نەپسىڭنىڭ ئۆزۈڭگە دۈشمەن، دۈشمىنىڭگە دوست ئىكەنلىكىنى بايقايسەن! سېنىڭ ئەھۋالىڭ بەئەينى دۈشمىنىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ تاش ئاتقان، ئەمما تاش دۈشمىنىگە تەگمەي، يېنىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ كۆزىگە تېگىپ (بىر) كۆزىدىن ئايرىلغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ، تاشنى بىرىنچى قېتىمدىكىدىن قاتتىقراق ئاتىدۇ، تاش يەنە قايتىپ كېلىپ ئۆزىگە تېگىپ، يەنە بىر كۆزىدىنمۇ ئايرىپ قارىغۇ قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇ تېخىمۇ ئاچچىقلاپ ئۈچىنچى قېتىم تاش ئاتسا تاش يەنە يېنىپ كېلىپ بېشىنى يېرىۋېتىدۇ. دۈشمىنى بولسا ھېچنېمە بولماي، ساق پېتى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈۋاتقان بولىدۇ. مانا بۇ ئىلىم بۇيرۇغان دورىلاردۇر. كىشى بۇلارنى تەپەككۇر قىلسا، قەلبىدىكى ھەسەت ئوتى ئۆچىدۇ.

ھەسەتنى داۋالاشتىكى پايدىلىق ئەمەل: ھەسەت بۇيرىغان نەرسىنىڭ ئەكسىنى قىلىشقا ئۆزىنى مەجبۇرلاشتۇر. ھەسەت كىشىنى ھەسەت قىلىنغۇچىغا ئاداۋەت تۇتۇشقا ۋە ئەيىبلەشكە بۇيرۇسا، نەپسىنى قارشى تەرەپنى ماختاش ۋە مەدھىيەلەشكە؛ تەكەببۇرلۇق قىلىشقا بۇيرۇسا، كەمتەر بولۇشقا؛ ياخشىلىق قىلماسلىققا بۇيرۇسا، ئەتەي كۆپرەك ياخشىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىشى كېرەك. سەلەف سالىهلەردىن بەزىلەر بىرەر شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىسا، غەيۋەت قىلغۇچىغا ھەدىيە ئەۋەتەتتى. بۇ دورىلار ھەسەتكە بەك پايدىلىقتۇر، لېكىن بەسى ئاچچىقتۇر. «كۆزلىگەن نەرسىلىرىڭ بولمايلىۋەرسە، بولىدىغان نەرسىنى كۆزلە» دېگەن ھېكمەتنى بىلىش بۇ دورىلارنى ئىچىشنى ئاسانلاشتۇرۇشى مۇمكىن. مانا بۇ مۇتلەق داۋادۇر.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بۇخارىي (6116). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
2. ئەھمەد (6635). ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد»، 12985) «ئىبنى لەھىئە ئىسىملىك راۋىينىڭ رىۋايىتىدە سەل زەئىفلىك بار، باشقا راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6114)؛ مۇسلىم (2609).
4. «تەفسىرۇ ئىبنى ئەلمۇنزىر»، (422).
5. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەززۇھد»، (23).
6. ئەبۇششەيخ: «ئەتتەۋبىخۇ ۋەتتەنبىھۇ»، (75).
7. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (8294). ئىراقىي: «تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ»، (8) «سەنەدى زەئىف» دېگەن.
8. بۇخارىي (4642، 7286).
9. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 3/65. سەنەدى زەئىف.
10. خارائىتىي: «مەكارىمۇل ئەخلاق»، (354). ھەسەن بەسرىيدىن مۇرسەلدۇر.
11) ئەھمەد (2556). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1375) «سەھىھ» دېگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلار غەزەپلەنسە، شۈك تۇرۇۋالسۇن» دېگەن.
12. بىرلىككە كېلىنگەن (بۇخارىي 6115؛ مۇسلىم 2610) تە سۇلايمان ئىبنى سۇرەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا تۇراتتۇق، ئىككى كىشى بىر ـ بىرىنى تىللاشقا باشلىدى. بىرسىنىڭ چىرايى غەزەپتىن قىپقىزىل بولۇپ كەتكەنىدى. بۇنى كۆرگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مەن بىر كەلىمە بىلىمەن. ئەگەر ئۇ ئادەم: ”ئەئۇزۇبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە سىغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن)“ دېسە، ئاچچىقى دەرھال بېسىقىدۇ› دېدى».
13. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلار ئۆرە تۇرغان ھالەتتە غەزەپلەنسە، دەرھال ئولتۇرۇۋالسۇن. غەزىپى يانسا ياندى، يانمىسا يېتىۋالسۇن» دېگەن. ئەھمەد (21348). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك، سەھىھ ھەدىس توپلاملىرىدىكى راۋىيلاردۇر» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد (4782). ئالبانىي: («مىشكاتۇلمەسابىھ»، 5114) «سەھىھ» دېگەن.
14. ئەھمەد (17985). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد (4784). ئالبانىي: («مىشكاتۇلمەسابىھ»، 5113) «زەئىف» دېگەن.
15. ئەھمەد (11604)؛ تىرمىزىي (2350)؛ خەتىب ئەلباغدادىي: «ئەلفەقىھ ۋەلمۇتەفەققىھ»، (706). تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: («زەئىيفۇ سۈنەنىتتىرمىزىي»، 2191) «زەئىف» دېگەن.
16. ئەھمەد (15637). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد (4777). تىرمىزىي: (2021) «ھەسەن، غەرىب» دېگەن. ئىبنى ماجە (4186). ئالبانىي: («مىشكاتۇلمەسابىھ»، 5088) «ھەسەن» دېگەن.
17. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 8/58.
18. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (1763). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 2328) «سەھىھ» دېگەن.
19. بەيھەقىي: «ئەلمەدخەل ئىلەسسۈنەنىل كۇبرا»، (515). بەيھەقىي: «بۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى بولۇپ، سەھىھتۇر. ئەمما، باشقىلار ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى› دەپ رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سەنەدى زەئىفتۇر» دېگەن.
20. مۇسلىم (17). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
21. مۇسلىم (2588). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
22. ھاكىم (7285). تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (14158). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 6660) «زەئىف» دېگەن.
23. خارائىتىي: «مەكارىمۇل ئەخلاق»، (354). ھەسەن بەسرىيدىن مۇرسەلدۇر.
24. مۇسلىم (2593).
25. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6024)؛ مۇسلىم (2165).
26. مۇسلىم (2592).
27. ئەھمەد (1412). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ئۈزۈكلۈك سەۋەبىدىن زەئىف» دېگەن. تىرمىزىي (2510)؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «جامىئۇ بەيانىل ئىلىم»، (2122). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3/61) «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن.
28. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6064)؛ مۇسلىم (2563). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
29. ئەبۇ داۋۇد (4904)؛ ئىبنى ماجە (4210). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 2781) «زەئىف» دېگەن.
30. ئەھمەد (12720). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
31. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 3/265. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋرات تاختىلىرىنىڭ بىرىنچىسىدە شۇنداق يېزىلغان دېيىلگەن. ئەبۇ نۇئەيم: «غەرىب» دېگەن.
32. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (3227)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (1173)؛ ئىبنى ئەبى ئاسىم: «ئەلئاھاد ۋەلمەسانىي»، (1962). ھارىسە ئىبنى نۇئمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 10/213): «بۇ مۇرسەل ياكى مۇئزەل» دېگەن. ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»، 13047)، سۇيۇتىي («ئەلجامىئۇسسەغىر»، 3465، 3466) ۋە ئالبانىي («غايەتۇل مەرام»، 302) لەر: «زەئىف» دېگەن.
33. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7529)؛ مۇسلىم (815). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.

Please follow and like us: