تىلنىڭ ئاپەتلىرى

تىلنىڭ ئاپەتلىرى

تىلنىڭ ئاپەتلىرى ھەم بەك كۆپ، ھەم تۈرلۈك – تۈمەندۇر. ئۇلار كۆڭۈلگە شېرىن نەرسىلەردۇر ۋە ئىنسان تەبىئىتى تەرىپىدىن ئىلھاملاندۇرۇلغۇچىدۇر. ئۇنىڭ خەتەرلىرىدىن پەقەت سۈكۈت قىلىش بىلەنلا قۇتۇلۇش مۇمكىن. شۇڭا، بىز ئاۋۋال سۈكۈت قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى، ئاندىن تىلنىڭ ئاپەتلىرىنى تەپسىلى بايان قىلىمىز، ئىنشائاللاھ.

بىلگىنكى، سۈكۈت قىلىش ئىرادىنى يىغىپ، پىكىرنى ساپ قىلىدۇ.

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىسى (ئاغزى) ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسى (ئەۋرىتى) نى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلسا، مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كېپىلمەن»(1).

يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر بەندىنىڭ ئىمانى ئۇنىڭ قەلبى توغرا بولمىغۇچە توغرا بولمايدۇ، ئۇنىڭ قەلبى تىلى توغرا بولمىغۇچە توغرا بولمايدۇ»(2).

مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

— بۇ تىلىڭنى يىغ! — دېگەنىدى، مەن:

— ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز قىلغان سۆزلىرىمىزگىمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلامدۇق؟ — دېدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاناڭ ھەسرىتىڭگە ئۆرتەنسۇن ئەي مۇئاز! كىشىلەرنىڭ يۈزىچىلاپ ۋە بۇرۇنلىرى يەر سىزىپ دوزاخقا تاشلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغىنى ئۇلارنىڭ تىللىرى بولماي نېمە؟! — دېدى»(3).

يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى تىلىنى (يامان سۆزلەردىن) توختاتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» دېگەن(4).

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇزۇن قاماپ قويۇشقا تىلىمدىنمۇ لايىقراق بىرنەرسە يوق».

ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاغزىڭ ئالدىدا ئىككى قۇلىقىڭغا ئادىل بول. چۈنكى، ‹ئازراق سۆزلەپ كۆپرەك ئاڭلا› دەپ ساڭا ئىككى قۇلاق، بىر ئېغىز بېرىلگەن» دېگەن.

مەخلەد ئىبنى ھۇسەين رەھىمەھۇللاھ: «50 يىلدىن بېرى ئاخىردا ئۆزرە ئېيتقۇدەك ھېچبىر سۆزنى سۆزلەپ باقمىدىم» دېگەن.

سۆزلەشنىڭ ئاپەتلىرى توغرىسىدا
بىرىنچى ئاپەت: بىھۇدە سۆزلەش.

بىلگىنكى، ۋاقتىنىڭ قەدر – قىممىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم بايلىقى ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى ئۇنى پەقەت پايدىلىق ئىشلارغىلا سەرپ قىلىدۇ. بۇ ئاڭ تىلنى بىھۇدە گەپ – سۆزلەردىن توختىتىدۇ. چۈنكى، ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى تاشلاپ، بىھۇدە گەپ – سۆز قىلغان كىشى گۆھەر ئېلىشقا قادىر تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سېغىز لاي ئالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ ئۆمۈرلۈك زىياندۇر.

بىر سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلاردىن قول ئۈزۈش ئىنساننىڭ ئېسىل مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىندۇر» دېگەن(5).

لوقمان ھەكىمگە: «سېنىڭ ئىلمىڭ قايسى سەۋىيەدە؟» دېيىلگەنىدى، لوقمان ھەكىم: «ئېھتىياجىم يوق نەرسىنى سورىمايمەن، بىھۇدە گەپ قىلمايمەن» دېدى.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، لوقمان ھەكىم داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى، شۇ چاغدا ھەزرىتى داۋۇد ساۋۇت توقۇۋاتاتتى. ھەزرىتى لوقمان كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە قاتتىق ھەيران بولدى. ئاندىن داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن سوراي دېدى – يۇ، ئۆزىگە بېرىلگەن ھېكمەت ئۇنداق قىلىشتىن توستى ۋە سوراشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ساۋۇتنى توقۇپ پۈتتۈرۈپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۇنى كىيدى – دە: «ئۇرۇشقا ساۋۇت نېمىدېگەن ياخشى – ھە!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن لوقمان ھەكىم: «سۈكۈت ساقلاش بىر ھېكمەتتۇر، لېكىن قىلالايدىغانلار بەك ئازدۇر» دېدى(6).

ئىككىنچى ئاپەت: باتىل ئىش ھەققىدە پاراڭلىشىش.

يەنى، ھاراق سورۇنلىرى ۋە پاسىقلارنىڭ مەجلىسلىرى كەبى گۇناھ – مەئسىيەتلەر بولىدىغان ئورۇنلار ھەققىدە پاراڭلىشىش.

باتىلنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن بەندە (ئويلىماستىن) بىر ئېغىز سۆزنى سۆزلەيدۇ ۋە شۇ سۆزى سەۋەبلىك مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارىسىدىكى مۇساپىدىنمۇ چوڭقۇرراق دوزاخقا غۇلاپ كېتىدۇ»(7)

بۇنىڭغا يېقىن بىر ئاپەت: جېدەللىشىش ۋە تالاش – تارتىش قىلىشتۇر. يەنى، قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى يۈزىگە سېلىش ۋە ئاغزىنى ئاچقۇزماسلىق ئۈچۈن مۇنازىرىلىشىش. بۇنىڭ سەۋەبى كىشىدىكى ئابرۇي ۋە چوڭچىلىق سەۋداسىدۇر.

كىشى مۇنكەر سۆزگە قارشى تۇرۇشى ۋە توغرىسىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئەگەر دىنغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا كىشىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنسا قىلىندى، قوبۇل قىلىنمىسا، تالاش – تارتىشتىن قېچىش كېرەك. دۇنيا ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا تالاش – تارتىش ۋە مۇنازىرە تېخىمۇ بىھۇدە. ئۇشبۇ ئاپەتنىڭ دورىسى ۋە داۋاسى ئۈستۈنلۈكىنى داملاتقۇزىدىغان كىبرىنى سۇندۇرۇپ تاشلاشتۇر.

بىلگىنكى، تالاش – تارتىشنىڭ ئەڭ قەبىھى ئاداۋەت ساقلاش / دۈشمەنلىشىشتۇر. چۈنكى، دۈشمەنلىشىش تالاش – تارتىشنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا ئەڭ يامان كۆرىدىغان كىشى ئەشەددى دۈشمەنلىك قىلىدىغان كىشىدۇر» دېگەن(8). بۇ دۈشمەنلىشىش ناھەق ياكى نادانلارچە دۈشمەنلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ھەق بولغان تەقدىردىمۇ مۇمكىنقەدەر دۈشمەنلىشىشتىن قېچىش كېرەك. چۈنكى، دۈشمەنلىشىش كىشى دىلىنىڭ ئادەۋەت بىلەن تولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ، غەزەپنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئىپپەت – نومۇسقا تىل تەگكۈزۈشكىچە ئېلىپ بارىدۇ.

ئۈچىنچى ئاپەت: سۆزلىگەندە ئاغزىنى، يۈزىنى ھەرخىل ئۇچلاپ، بۇراپ گەپدانلىق قىلىش ۋە دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلىش ئۈچۈن زورۇقۇش.

ئەبۇ سەئلەبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ۋە قىيامەت كۈنى مەندىن ئەڭ يىراق بولىدىغىنىڭلار ئەخلاقى ئەڭ يامىنىڭلار، گېپى تولا ۋە دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن گەپنى ئۇزارتىدىغىنىڭلاردۇر»(9).

خەتىبلەرنىڭ خۇتبىلىرى، مۇبالىغىسىز ۋە غەلىتە سۆزلەر قوشۇلمىغان ئۈگۈتلەر مەكرۇھ كۆرۈلىدىغان ئەدەبىياتۋازلىق ۋە ياسالما سۆزلەر جۈملىسىدىن ئەمەستۇر. چۈنكى، مەقسەت قەلبلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، تەشۋىق قىلىش، خۇش بېشارەت بېرىش ۋەھاكازالار.

تۆتىنچى ئاپەت: ھاياسىز پاراڭلار، تىل – ھاقارەت ۋە شۇنىڭدەك سۆزلەرنى قىلىش. بۇلارنىڭ ھەممىسى دىنىي جەھەتتىن ئەيىبلىنىدۇ ۋە چەكلىنىدۇ. بۇلارنىڭ مەنبەسى رەزىللىك ۋە ناچارلىقتۇر.

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەت گەپلەردىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى، ئاللاھ سەت گەپلەرنى ۋە ئاغزى بۇزۇق بولۇۋېلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېگەن(10).

يەنە بىر ھەدىستە: «ھەرقانداق مەينەت گەپ قىلغۇچىغا جەننەت ھارامدۇر» دېيىلگەن(11).

يەنە بىر ھەدىستە: «مۇئمىن دېگەن دىل ئازار گەپ قىلمايدۇ، ئىپپەت – نومۇسقا تىل تەگكۈزمەيدۇ، لەنەت ئېيتمايدۇ ۋە ئاغزى بېزەپ بولمايدۇ» دېيىلگەن(12).

بىلگىنكى، ھاياسىز پاراڭلار پەس تېمىلاردا ئوچۇق – ئاشكارە سۆزلەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پاراڭلاردا كۆپىنچە جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار گەپلەر بولىدۇ. شەكسىزكى، ئەدەب ۋە ھايا ئىگىلىرى بۇنداق گەپلەردىن ئۆزىنى تارتىدۇ ۋە ئۇنداق ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشتە يېپىپ گەپ قىلىدۇ. مەلۇم رەمىزلەر بىلەن ئىشارە قىلىدۇ، يېقىنراق ۋە ئالاقىدار سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ.

ناخشا ئېيتىشمۇ تىلنىڭ ئاپەتلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ توغرۇلۇق بايانلار باشقا ئورۇندا بايان قىلىندى.

بەشىنچى ئاپەت: چاقچاقچىلىق. ئازراق چاقچاق — راستچىللىق شەرتى بىلەن — جائىزدۇر. دەرۋەقە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ چاقچاق قىلاتتى، چاقچاق قىلغاندا پەقەت ھەقنى دەيتتى(13). ئۇ زات بىر كىشىگە چاقچاق قىلىپ: «ئى قوش قۇلاقلىق!» دېگەن(14). يەنە بىر كىشىگە: «بىز سېنى ھىڭگاننىڭ بالىسىغا مىندۈرۈپ قويىمىز» دەپ چاقچاق قىلغان(15). بىر كەمپىرگە: «قېرى مومايلار جەننەتكە كىرمەيدۇ»(16) دەپ چاقچاق قىلىپ، بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغان: ﴿شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ (خاتۇن) لارنى يېڭىدىن ياراتتۇق ۋە پاك قىزلار قىلدۇق﴾(56/«ۋاقىئە»: 35، 36). باشقا بىر ئايالغا: «ئىككى كۆزىدە ئاقلىق بار ئېرىڭىز» دېگەن(17).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاقچىقىدا ئۈچ نەرسە بىرلەشكەن ئىدى:

1. ھەقىقەتنى تىلغا ئېلىشى؛

2. ئاياللار، كىچىك بالىلار ۋە ئۆزىنىڭ تەربىيەگە موھتاج ئاجىز ئەرلەر بىلەن چاقچاقلىشىشى؛

3. كەمدىن كەم بولۇشى. شۇڭا، داۋاملىق چاقچاق قىلىدىغان كىشىلەر ھەزىلكەشلىكىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاقچاقلاشقانلىقىنى دەلىل كەلتۈرمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، كەم كۆرۈلگەن بىر ئىشنىڭ ھۆكمى دائىم بولىدىغان بىر ئىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ھەبەشلەرنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈۋېلىشى ئۈچۈن تۇرۇپ بەرگەنلىكى ۋە ئائىشەگە ھەبەشلەرنىڭ نەيزە ئويۇنىنى تاماشا قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى(18)دەلىل كەلتۈرۈپ، كېچە – كۈندۈز ھەبەشلەر بىلەن بىللە بولسا ۋە ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى تاماشا ئەيلىسە، خاتالاشقان بولىدۇ. چۈنكى، ھەقىقەتتە ئۇ — رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدا — ناھايىتى كەم كۆرۈلگەن بىر ئىشتۇر . دېمەك، چاقچاق قىلغاندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە داۋاملىق چاقچاق قىلىش چەكلىنىدۇ. چۈنكى، كۆپ چاقچاق قىلىش ئىنساننىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاقچاقلىرىدەك ئازغىنە چاقچاقلار بولسا خۇشاللىق پەيدا قىلىپ، كۆڭۈلنى ئازادە قىلىدۇ.

ئالتىنچى ئاپەت: مازاق ۋە مەسخىرە قىلىش.

مازاق قىلىش: قارشى تەرەپنى مەنسىتمەسلىك ۋە ھاقارەت قىلىش ھەمدە كەمچىلىك ۋە ئەيىبلىرىنى خەق كۈلگۈدەك دەرىجىدە پاش قىلىپ، دىققەت تارتىشتۇر. مازاق / ھەجۋى قىلىش بەزىدە ئاغزاكى ياكى ھەرىكەتلىك دورامچىلىق بىلەن، بەزىدە ئىما ۋە ئىشارەت بىلەن بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شەرئەن چەكلەنگەن. «قۇرئان كەرىم» ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە نەھىي قىلىنغاندۇر.

يەتتىنچى ئاپەت: سىرنى ئاشكارىلاش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، يالغان سۆزلەش ۋە يالغان قەسەم ئىچىش. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن چەكلەنگەن. لېكىن، بىر كىشىنىڭ ئۆز ئايالىغا قارىتا ۋە ئۇرۇشتا ئېيتىشقا رۇخسەت قىلىنغان يالغانلار مۇباھتۇر.

مۇباھ يالغاننىڭ قائىدە ۋە ئۆلچىمى مۇنداق: پەقەت يالغان ئېيتىش بىلەنلا ئېرىشكىلى بولىدىغان گۈزەل غايە ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان يالغان — مەقسەتتىكى ئىش قىلىش مۇباھ ئىش بولسا — مۇباھتۇر. ئەگەر مەقسەت قىلىنغان ئىش ۋاجىب ئىش بولسا، يالغان ئېيتىشمۇ ۋاجىب بولىدۇ. دېمەك، مۇمكىنقەدەر يالغان ئېيتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىككى بىسلىق سۆز قىلىشقا رۇخسەتتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن ئىككى بىسلىق گەپلەرنى قىلىشتا يالغانچىلىقتىن قاچقىلى بولىدۇ»(19) دېگەن.

ئىككى بىسلىق گەپلەرنى زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا قىلىشقا رۇخسەت. ئېھتىياج چۈشمىسىمۇ ئىككى بىسلىق گەپلەرنى قىلىش، يالغانچىلىققا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، مەكرۇھتۇر.

ئىككى بىسلىق گەپلەر ھەققىدە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەدىن مۇنداق ۋەقەلىك رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە بىر چۆرىسى بىلەن بىللە بولىدۇ. بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئايالى بىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايالى بىر پىچاقنى ئېلىپ ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ھالبۇكى ئېرى ئۇ چۆرە بىلەن ئىشىنى تۈگىتىپ قوپۇپ بولغان ئىدى. ئايالى ئۇنىڭغا:

— شۇ ئىشنى قىلدىڭمۇ؟ — دەيدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە:

— مەن ھېچنىمە قىلمىدىم، — دەيدۇ. ئايالى:

— يا ماڭا قۇرئان ئوقۇپ بېرىسەن ياكى بولمىسا بۇ پىچاق بىلەن قارنىڭنى يېرىۋېتىمەن! — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

پەيغەمبىرىمىز يولباشچىمىز ئېلىپ كەلدى قۇرئاننى،

ئەما ئىدۇق تاپتۇق يولنى، تاشلىدۇق زالالەتنى،

بىدارىدۇر ئول زاتى خۇلۇق، قىيامدىدۇر ئۈممەت ئۈچۈن،

غەپلەت ئىچرە ياشار مۇشرىك، بىلمەس بۇ ھەقىقەتنى.

ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەنىڭ ئايالى بۇنى ئاڭلاپ: «مەن كۆزۈمگە ئەمەس، ئاللاھ تائالاغا ئىشەندىم» دەيدۇ(20).

ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھنى باشقىلار ئىزدەپ كەلسە، چۆرىسىگە: «بېرىپ ئۇلارغا: ‹)نەخەئىينى( مەسجىدتىن ئىزدەپ بېقىڭلار› دەپ قويۇڭ» دەيتتى.

سەككىزىنچى ئاپەت: غەيۋەت قىلىش. ئۇلۇغ قۇرئانىمىزدا غەيۋەت قىلىشنى چەكلىگەن ۋە غەيۋەت قىلغۇچىنى ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېگۈچىگە ئوخشاتقان.

بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن قانلىرىڭلار، ماللىرىڭلار ۋە يۈز – ئابرۇيلىرىڭلار بىر – بىرىڭلارغا ھارامدۇر» دېگەن(21).

ئەبۇ بەرزە ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئاغزىدا مۇسۇلمان بولۇپ، ئىمان دىلىغا ئۆتمىگەنلەر! مۇسۇلمانلارغا ئازار بەرمەڭلار. ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئەيىبلىرىنى پايلاپ يۈرمەڭلار. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ يوشۇرۇن ئەيىبىنى ئىزدەپ يۈرىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدۇ. ئاللاھ بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەپ قالسىلا، ئۇنى چوقۇم رەسۋا قىلىۋېتىدۇ»(22) دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «غەيۋەت قىلىشتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، غەيۋەت زىنادىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر. كىشى بەزىدە زىنا قىلىدۇ، ھاراق ئىچىدۇ ئاندىن تەۋبە قىلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. (ئەمما) غەيۋىتى قىلىنغان كىشى كەچۈرمىگۈچە، غەيۋەت قىلغان كىشىنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ»(23).

ئەلى ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتۇر: «غەيۋەت قىلىشتىن ساقلان! چۈنكى، غەيۋەت قىلىش ئىت مىجەز كىشىلەرنىڭ قوشۇمچە يېمىكىدۇر».

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە ساھابەلەرنىڭ بۇ ھەقتە كەلگەن سۆزلىرى ناھايىتى كۆپ ۋە مەشھۇردۇر.

غەيۋەت قىلىش دېگىنىمىز: يېنىڭدا يوق قېرىندىشىڭنى ئۆزى ئاڭلىسا يامان كۆرىدىغان سۆزلەر بىلەن تىلغا ئېلىشىڭدۇر. قېرىندىشىڭ يامان كۆرىدىغان سۆز بولسا: خىرە كۆز، قارىغۇ، ئالىغاي، تاز، ئۇزۇنتۇرا، پاكىنەك دېگەندەك جىسمانىي ياكى زەنگىنىڭ بالىسى، ھىندۇنىڭ بالىسى، ئاتىسى پاسىق، تېگى پەس دېگەندەك نەسەبىي ۋەياكى بەدخۇي، بېخىل، چوڭچى ئادەم دېگەندەك مىزاجىي، ھەتتا تونىنىڭ پېشى ئۇزۇن، كىيىمىنىڭ يېڭى كەڭرى، يەكتىكى قاسماق دېگەندەك قىياپەتىي كەمچىلىك بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى غەيۋەتتۇر.

بۇنىڭ دەلىلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن غەيۋەت توغرۇلۇق سورالغاندا:

— قېرىندىشىڭ ھەققىدە ئۇ يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش غەيۋەتتۇر، — دەپ چۈشەندۈرگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— قېرىندىشىم ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىم راست بولسىچۇ؟ — دەپ سورالغاندا، جاۋاب بېرىپ:

— ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن. يالغان بولسا، ئۇنىڭغا قارا چاپلىغان بولىسەن، — دېگەن(24).

بىلگىنكى، ئەيىبلەش پۇرىقى بار ھەرقانداق سۆز غەيۋەتتۇر. بۇ ئاغزاكى بولسۇن ياكى كۆز ئىماسى، قول ئىشارىتى ۋە قەلەم كىنايەسى كەبى شەكىللەر بىلەن بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشتۇر. چۈنكى، قەلەممۇ ئىككى تىلنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

غەيۋەتنىڭ ئەڭ قەبىھ تۈرى بولسا: رىياخور زاھىدنىڭ قىلغان غەيۋىتىدۇر. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ قېشىدا بىر كىشى تىلغا ئېلىنسا، بۇ رىياخور زاھىدلار: «بىزنى سۇلتانلارغا ئۈلپەتچىلىك بىلەن سىنىمىغان ۋە دۇنيانىڭ پۈچەك نەرسىلىرىنى تەلەپ قىلىشتا ھاياسىزلىققا دۇچار قىلمىغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دەيدۇ ياكى: «ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ ھاياسىزلىقتىن پاناھ تىلەيمىز» ۋەياكى: «ئاللاھ تائالادىن سالامەتلىك سورايمىز» دەيدۇ. مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۇلار تىلغا ئېلىنغان كىشىنى ئەيىبلەش ۋە ئۆزلىرىنى ماختاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بەزىدە بىر رىياخور زاھىدنىڭ قېشىدا مەلۇم بىر كىشى تىلغا ئېلىنسا: «ئۇ بىچارە بەك چوڭ ئاپەت بىلەن سىنالدى، ئاللاھ بىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلسۇن» دەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ دۇئا قىلغانلىقىنى ئاشكارا قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى يوشۇرىدۇ.

بىلگىنكى، غەيۋەتكە قۇلاق سالغۇچى شۇ گۇناھقا شېرىكتۇر. غەيۋەتكە قۇلاق سېلىش گۇناھىدىن پەقەت غەيۋەت قىلغانلارنى تىلى بىلەن ئىنكار قىلىش بىلەنلا قۇتۇلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىگە زىيان يېتىشتىن قورقسا قەلبى بىلەن نەپرەتلىنىدۇ. ئەگەر كىشى غەيۋەت قىلىنغان سورۇندىن ئايرىلىش ياكى باشقا گەپلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى ئۈزۈۋېتىشكە قادىر بولسا شۇنداق قىلسۇن.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمنىڭ قېشىدا بىر مۇئمىن خارلانسا ۋە ئۇ كىشى شۇ مۇئمىنگە ياردەم بېرىشكە قادىر تۇرۇپ ياردەم بەرمىسە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇ كىشىنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا خار قىلىدۇ»(25). رەسۇلۇللاھ يەنە: «كىمكى بىر مۇئمىننى ئۇنى ئەيىبلىگۈچى مۇناپىقتىن قوغداپ قالسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ تېنىنى دوزاخ ئوتىدىن قوغداپ قالىدىغان بىر پەرىشتە ئەۋەتىدۇ» دېگەن(26).

ئەمر ئىبنى ئۇتبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزى ئازاد قىلغان بىر قۇلىنىڭ بىرەيلەن بىلەن بىرگە باشقا بىر كىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭغا: «ۋاي ساڭا! ئۆز نەپسىڭنى مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىشتىن يىراق تۇتقىنىڭدەك قۇلىقىڭنىمۇ بۇ سەت گەپلەرنى ئاڭلاشتىن يىراق تۇت. ھەقىقەتەن، غەيۋەتكە قۇلاق سالغۇچىمۇ، غەيۋەتخورنىڭ گۇناھىغا شېرىكتۇر. خەق ئۆز قاچىسىدىكى نەرسىلەرگە قاراپ ئەڭ ناچىرىنى سېنىڭ قاچاڭغا تۆكتى. ئەگەر بىر ئەخمەقنىڭ ۋالاقلاشلىرى قايتۇرۇپ ئېغىزىغا تىقىۋېتىلگەن بولسا ئىدى، شۇ ۋالاقتەككۈر — ئاخىرەتتە — بەدبەخت بولغاندا، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاغزىغا پۇرلاپ تىققۇچى بەختىيار بولغان بولاتتى».

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەقلىرى توغرىسىدا كۆپ ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنغاندۇر. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاللىبۇرۇن «سۆھبەت» بابىدا كەلتۈرۈلدى.

غەيۋەت قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان سەۋەبلەر ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ بايانى
غەيۋەتكە ئېلىپ بارغۇچى سەۋەبلەر كۆپتۇر.

1.     سەۋەب: ئاچچىقىنى بېسىقتۇرۇش ئارزۇسى؛ مەسىلەن، بىر كىشى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يەنە بىر كىشىدىن رەنجىگەن ۋاقىتدا قورسىقى كۆپكەنسېرى، قارشى تەرپكە بولغان ئاچچىقىنى غەيۋەت قىلىش ئارقىلىق بېسىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

2.     سەۋەب: دوست – يارەنلىرىگە ماسلىشىش، ھەمراھلىرىغا ياخشىچاق بولۇش ۋە ياردەملىشىشمۇ غەيۋەت قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ چۈنكى، دوست – يارەنلىرى باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلسا، ئۇلارغا رەددىيە بەرسە ياكى ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئۈزۈۋەتسە، دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى يامان كۆرۈپ قېلىشى، ھەتتا نەپرەتلىنىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ غەيۋەتلىرىگە ماسلىشىدۇ ۋە بۇنى ياخشى دوستلۇق دەپ قاراپ قالىدۇ.

3.     سەۋەب: باشقىلارنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ئابرۇيىنى كۆتۈرۈش ئىستىكى؛ مەسىلەن، كىشى «پالانى جاھىل ۋە چۈشەنچىسى يۈزەكى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغاندا، ئەسلى مەقسىتى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە قارشى تەرەپتىن بەكرەك ئالىم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشتۇر.

باشقىلارنىڭ بىر كىشىنى ماختىشى، ياخشى كۆرۈشى ۋە ئىززەتلىشىنى كۆرەلمەسلىكىمۇ ئۇشبۇ سەۋەبلەر قاتارىدىندۇر. ھەسەتخور باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق ئېزگۈ مۇئامىلىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن ماختالغۇچىنى ئەيىبلەپ غەيۋىتىنى قىلىدۇ.

4.     سەۋەب: ئويۇن ۋە تاماشا. غەيۋەتخور بىرۋانىڭ خەقنى كۈلدۈرىدىغان ھال – ئەھۋاللىرىنى ھېكايە قىلىپ ئاڭلىتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر مۇشۇ يول بىلەن پۇل تاپىدۇ.

غەيۋەتخورلۇقنىڭ شىپاسى

غەيۋەتخور بىلسۇنكى، قىلغان غەيۋىتى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ۋە يامان كۆرۈشىگە دۇچار قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى غەيۋىتى قىلىنغۇچىغا يېزىلىدۇ. ئەگەر ياخشلىقى بولمىسا، غەيۋىتى قىلىنغۇچىنىڭ يامانلىقلىرىنىڭ گۇناھى غەيۋەتخورنىڭ گەدىنىگە يېزىلىدۇ. مانا بۇلارنى چۈشەنگەن كىشى تىلىنى غەيۋەتتىن يىغىدۇ.

غەيۋەتخورلۇق ئىللىتىگە مۇپتىلا بولغۇچى ئەۋۋەلا ئۆز ئەيىبلىرىنى ئويلىشى، شۇ ئەيىبلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىشى ۋە ئۆزى ئەيىبلىك تۇرۇپ باشقىلارنى ئەيىبلەشتىن ھايا قىلىشى كېرەك.

بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن:

ئەيىبلىسەڭ ئۆزگىلەرنى ئۆزۈڭدە بار ئەيىب بىلەن،

ئۆزگىلەرنى قانداق قاتتىق ئەيىبلەر بىركۆزلۈك كىشى،

ئەيىبلىسەڭ كىشىلەرنى ئۇلاردا يوق ئەيىب بىلەن،

بۇ ئاللاھ ۋە خالايىقنىڭ نەزەرىدە گۇناھنىڭ چوڭى .

ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى ئەيىب – نۇقساندىن خالىي دەپ ئويلىسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولسۇن ۋە نەپسىنى غەيۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ قەبىھ ئەيىب بىلەن بۇلغىمىسۇن. ئۆزگىلەرنىڭ ئۆز غەيۋىتىنى قىلىشىغا رازى بولمىغىنىدەك، ئۆزىمۇ ئۆزگىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا رازى بولمىسۇن.

كىشى ئەۋۋەل غەيۋەت قىلىشقا تۈرتكە بولغان سەۋەبكە قارىسۇن، ئاندىن شۇ سەۋەبلەرنى يوقىتىشقا تىرىشسۇن. چۈنكى، بىر كېسەللىكنى داۋالاش شۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلغان سەۋەبنى يوقىتىش ئارقىلىق بولىدۇ. بىز غەيۋەتخورلۇق ئىللىتىنىڭ بەزى سەۋەبلىرىنى بايان قىلدۇق. مەسىلەن، غەزەپلىنىشنى ئالدىمىزدا «غەزەپ» بابىدا كېلىدىغان بايانلارغا ئەمەل قىلىش بىلەن داۋالىسا بولىدۇ. سەۋەب دوستلىرىغا ماسلىشىش بولسا بۇنىڭ داۋاسى، ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرۈپ تۇرۇپ، مەخلۇقاتنىڭ رىزاسىنى ئىستىگۈچىگە ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپلىنىدىغانلىقىنى بىلىش ۋە مەخلۇقاتنى رازى قىلىشنىڭ ئورنىغا ئاللاھنىڭ رىزاسىنى تاللاشتۇر. ئۇنداقتا كىشى — ئۆزىنىڭ يېنىدا باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان — دوستىلىرىغا كايشى كېرەك. باشقا غەيۋەت قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىمۇ بۇ تەرىقىدە داۋالىسا بولىدۇ.

بەزىدە غەيۋەت قەلب بىلەنمۇ قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ مۇسۇلمانلارغا قارىتا بەدگۇمان قىلىشتۇر.

گۇمان نەپس تايانغان ۋە قەلب مايىل بولغان نەرسىدۇر. سېنىڭ بىرەر مۇسۇلمان ھەققىدە، ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەر جەھەتتىن توغرا چۈشىنىشكە ئىمكان ۋە ئېھتىمال قالمىغۇدەك دەرىجىدە ئايدىڭلاشمىغۇچە، بەدگۇمان قىلىش ھەققىڭ يوق. لېكىن، ئادىل ۋە ئىنساپلىق بىر كىشى ساڭا ئۇنىڭ ناچارلىقىدىن خەۋەر بەرسە ۋە سېنىڭ قەلبىڭمۇ تەستىقلاشقا مايىل بولسا، سەن ئۆزرىلىك ھېسابلىنىسەن. چۈنكى، ئەگەر مۇشۇنداق بىر كىشىنى يالغانغا چىقارساڭ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ھەققىدە بەدگۇمان قىلغان بولىسەن. بىرىدىن ياخشى گۇمان قىلىپ، يەنە بىرىدىن يامان گۇمان قىلىش بىھاجەت. ئەكسىچە، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا دۈشمەنلىك ۋەيا ھەسەت بار ياكى يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىڭ كېرەك. ئەگەر بار بولسا، شۇ سەۋەبلىك بىر تۆھمەت بولۇشى مۇمكىن.

بىر مۇسۇلمان ھەققىدە كۆڭلۈڭگە يامان خىيال كىرسە، ئۇنىڭغا كۆپرەك كۆيۈنگىن ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلغىن. چۈنكى، بۇنداق قىلىش شەيتاننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەندىن قاچۇرىدۇ. شەيتان سېنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىڭغا كۆيۈنۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىڭدىن قورقۇپ، ساڭا يامان خىياللارنى تاشلىيالمايدۇ. بىر مۇسۇلماننىڭ راستلا خاتالاشقانلىقى جەزملەشسە، ئۇنىڭغا يوشۇرۇن نەسىھەت قىلغىن.

بىلگىنكى، ئەيىب ئىزدەش گۇمانخورلۇقنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر. چۈنكى، قەلب گۇمانغا قانائەت قىلمايدۇ، بەلكى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنىڭچۈن ئەيىب ئىزدەش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇ چەكلەنگەندۇر. ھالبۇكى، قۇسۇر ئىزدەش نىھايەتتە مۇسۇلماننىڭ سىرىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. كىشى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى بىلمىسىلا، قەلبى شۇ مۇسۇلمانغا نىسبەتەن غۇبارسىز تۇيغۇلاردا بولىدۇ.

غەيۋەت قىلىشقا ئىزىن بېرىلگەن ئۆزرىلەر ۋە غەيۋەت قىلىشنىڭ كەففارىتى
بىلگىنكى، باشقىلارنىڭ يامانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئىزىن بەرگۈچى نەرسە شەرئىي جەھەتتىن توغرا بولغان نىشاندۇر. بۇ نىشان ـ مەقسەتكە پەقەت قارشى تەرەپنىڭ يامانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن ئېرىشىش مۇمكىن. مانا مۇشۇنداق بىر مەقسەت غەيۋەت گۇناھىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا غەيۋەتكە رۇخسەت باردۇر:

1. ئۆزى ئۇچرىغان زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكنى بايان قىلىشتا؛ چۈنكى، زالىم زوراۋانلىق قىلسا، مەزلۇم زالىمدىن ھەققىنى تولۇق ئېلىپ بېرىدىغان كىشىگە زالىمنىڭ زۇلمىنى بايان قىلسا بولىدۇ.

2. مۇنكەرنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىش ۋە زالىمنى ياخشىلىق يولىغا قايتۇرۇشتا؛

3. پەتۋا سوراشتا؛ مەسىلەن، پەتۋا بەرگۈچىگە: «پالانى كىشى ماڭا زۇلۇم قىلدى ياكى ھەققىمنى ئېلىۋالدى، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سوراش ۋە ئىسمىنى ئاتاش مۇباھتۇر. لېكىن ئىما قىلىش ئەۋزەل. مەسىلەن، «دادىسى (ياكى قېرىندىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كىشىلەر) زۇلۇم قىلغان كىشى ھەققىدە سىز نېمە دەيسىز؟» دېگەندەك سوئاللارنى قويۇش.

ئىسمىنى ئاشكارا ئاتاشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: ئۇتبە قىزى ھىند رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئېرى ئەبۇ سۇفيان ھەققىدە: «ھەقىقەتەن ئەبۇ سۇفيان بېخىل ئادەم…» دېگەن(27) ۋاقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئەيىبلىمىگەنلىكىدۇر.

4. مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشتا؛ مەسىلەن، بىر بىدئەتچى ياكى پاسىقنىڭ يېنىغا پات – پات بېرىپ – كېلىدىغان بىر فەقىھنى كۆرگىنىڭدە، بىدئەت ياكى پاسىقلىقنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن قورقساڭ، فەقىھكە قارشى تەرەپنىڭ چىن ئەھۋالىنى بايان قىلساڭ بولىدۇ.

شۇنىڭدەك بىر قۇلنىڭ ئوغرى ياكى پاسىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى سېتىۋالغۇچىغا ئۇنى دەپ قويسا بولىدۇ.

شۇنداقلا نىكاھ ۋە ئامانەت قويۇش ئىشلىرىدا مەسلىھەت سېىلنغۇچى مەسلىھەت سالغۇچىغا سەمىمىي بولۇش مەقسىتىدە نىكاھلانماقچى بولغان كىشى ياكى ئامانەت قويۇلماقچى بولغان تەرەپ ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئىشلارنى ئېيتسا بولىدۇ. بۇنى بوھتان قىلىش مەقسىتىدە قىلماسلىقى كېرەك. مەسلىھەت سالغۇچى پەقەت ئوچۇق – ئاشكارا دېيىش بىلەنلا مەقسىتىدىن يانىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوچۇق – ئاشكارا چۈشەندۈرسە بولىدۇ.

5. «توكۇر، قارىغۇ» دېگەندەك لەقەملەر بىلەن تونۇلغان بىر كىشىنى شۇ لەقىمى بىلەن تىلغا ئالسا گۇناھ بولمايدۇ؛ ئەلبەتتە باشقا ئىسىم بىلەن تىلغا ئېلىش ئىمكان تاپسا، شۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىش ئەۋزەل.

6. ئوچۇق – ئاشكارا پاسىقلىق قىلىدىغان، خەقنىڭ مېلىنى تارتىۋالىدىغان ۋە بۇنىڭدىن ھېچ ھېيىقمايدىغان كىشىلەرنىڭ شۇ ھاللىرىنى بايان قىلىش گۇناھ ئەمەس. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ھايا تونىنى تاشلىۋەتسە، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش گۇناھ ئەمەس» دېگەن(28).

ھەسەن ئەلبەسرىيگە:

— گۇناھ – مەئسىيەتنى ئوچۇق – ئاشكارا قىلىدىغان گۇناھكار كىشىنى بار سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىشىم غەيۋەت بولامدۇ؟ — دېيىلگەنىدى، ھەسەن ئەلبەسرىي:

— ياق، چۈنكى ئۇنداق كىشىنىڭ ھۆرمىتى يوقتۇر، — دېدى.

غەيۋەت قىلىشنىڭ كەففارىتى

بىلگىنكى، غەيۋەت قىلغۇچى ئىككى خىل جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىدۇ:

بىرىنچىسى: ئاللاھنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، غەيۋەت قىلغۇچى ئاللاھ چەكلىگەن ئىشنى قىلغۇچىدۇر. بۇ جىنايەتنىڭ كەففارىتى: تەۋبە ئېيتىش ۋە پۇشايمان قىلىشتۇر.

ئىككىنچىسى: بىر بەندىنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى دەپسەندە قىلىش. ئەگەر قىلىنغان غەيۋەت غەيۋىتى قىلىنغۇچىغا يەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ رازىلىق سوراش، غەيۋىتىنى قىلىپ سالغانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىش كېرەك.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمدىكى بىراۋغا قارىتا تىل – ھاقارەت ياكى شۇنىڭدەك بىرەر زۇلۇم قىلغان ئەھۋال بولسا، ئۇنى بىرەر تىللا ياكى بىرەر تەڭگە پۇلىمۇ بولمايدىغان كۈنگە قالدۇرماي بۈگۈنلا قارشى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئېلىۋالسۇن، بولمىسا، ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلغان زۇلمىغا لايىق ئېلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، مەزلۇمنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ، ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ»(29) دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.

ئەگەر قىلىنغان غەيۋەت قارشى تەرەپكە يەتمىگەن بولسا، رازىلىق سوراشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتسۇن. چۈنكى، خەۋەرسىز كىشىنى خەۋەردار قىلىش قارشى تەرەپنىڭ ئىچىگە غۇم سېلىشى مۇمكىن.

بىر ھەدىستە: «سەن غەيۋىتىنى قىلغان كىشىگە تۆلىنىدىغان كەففارەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغان ئىستىغپارىڭدۇر» دېيىلگەن(30).

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: قېرىندىشىڭنىڭ گۆشىنى يېگەنلىكىڭنىڭ كەففارىتى ئۇنى مەدھىيەلىشىڭ، ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلىشىڭدۇر. ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگىمۇ ئوخشاش.

تىلنىڭ ئاپەتلىرىدىن توققۇزىنچى ئاپەت: سۇخەنچىلىك. بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سۇخەنچى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن(31).

بىلگىنكى، سۇخەنچىلىك ئادەتتە بىراۋنىڭ سۆزىنى (باشقا بىراۋغا) توشۇشقا قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: «سېنىڭ ھەققىڭىدە پالانى مۇنداق، مۇنداق دېدى» دېگەندەك. سۇخەنچىلىك بۇنىڭغىلا خاس ئەمەس. بەلكى، گەپ – سۆزلەر بولسۇن، ئىش – ھەرىكەتلەر بولسۇن ئاشكارىلاش يامان كۆرۈلىدىغان نەرسىنى ئاشكارىلاشمۇ سۇخەنچىلىكنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھەتتاكى بىر كىشىنى مېلىنى كۆمۈۋاتقان ھالەتتە كۆرسە، مېلىنى كۆمۈپ قويغانلىقىنى شۇ كىشى ئالدىدا تىلغا ئالسىمۇ سۇخەنچىلىك قىلغان بولىدۇ. ھەرقانداق كىشىگە گەپ توشۇلسا، مەسىلەن بىراۋغا «سېنىڭ ھەققىڭدە پالانى مۇنداق، مۇنداق دېدى، ياكى مۇنداق، مۇنداق قىلدى» دېگەندەك سۆزلەر يەتكۈزۈلسە، يەتكۈزۈلگەن كىشى ئالتە ئىشنى قىلىشى كېرەك.

ئا) سۇخەنچىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، سۇخەنچى گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدىغان پاسىقتۇر.

ئە) سۇخەنچىنى سۇخەنچىلىكتىن توسۇشى ۋە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشى كېرەك.

ب) سۇخەنچىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن يامان كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى، سۇخەنچى ئاللاھ نەزەرىدە يامان كۆرۈلگۈچىدۇر.

پ) قېشىدا يوق قېرىندىشىدىن گۇمان قىلماسلىقى كېرەك.

ت) توشۇپ كېلىنگەن سۆزلەر قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش ۋە تەكشۈرۈشكە ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك. ئاللاھ تائالا: ﴿بىر – بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار﴾(49/«ھۇجۇرات»: 12) دېگەن.

ج) سۇخەنچىنى چەكلىگەن ئىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەسلىكى ۋە ئۆزى سۇخەنچىلىك قىلماسلىقى كېرەك.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك بىر ئادەمگە:

— مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. سەن مېنىڭ ھەققىمدە مۇنداق، مۇنداق، دەپسەن، — دېدى. ئۇ ئادەم:

— مەن ئۇنداق قىلمىدىم، — دېدى. سۇلايمان:

— ماڭا بۇنى خەۋەر قىلغۇچى راستچىل كىشى ئىدى، — دېدى. ئۇ ئادەم:

— سۇخەنچى راستچىل بولمايدۇ، — دېدى. سۇلايمان ئۇ ئادەمگە:

— سالامەتلىك يار بولسۇن، كەتكىن! — دېدى».

يەھيا ئىبنى ئەبى كەسىر رەھىمەھۇللاھ: «سېھىرگەر بىر ئايدا بۇزالمايدىغان نەرسىنى سۇخەنچى بىر سائەت ئىچىدە بۇزۇۋېتىدۇ» دېگەن.

ھېكايە قىلىنىدۇكى: بىر كىشى بىر قۇل سېتىۋالماقچى بولۇپتۇ. قۇل ئۆزىنى سېتىۋالماقچى بولغان خوجايىنغا:

— مەن سۇخەنچىلىك ۋە يالغانچىلىق قىلىشتىن ئادا – جۇدا ئىكەنلىكىمنى ساڭا ئېلان قىلىمەن، — دەپتۇ. خوجايىن:

— ھەئە سەن ئىككىسىدىن ئادا – جۇداسەن، — دەپتۇ ۋە ئۇنى سېتىۋاپتۇ.

بىر كۈنى قۇل خوجايىنىغا:

— ئايالىڭىز زىنا قىلىدۇ، مۇنداق، مۇنداق ئىش قىلىدۇ ۋە سىزنى ئۆلتۈرمەكچى، — دەپتۇ. ئاندىن خوجايىننىڭ ئايالىغا:

— ئېرىڭىز سىزنىڭ ئۈستىڭىزگە توقال ئالماقچى، ئەگەر ئېرىڭىزنى سىزگە ئامراق قىلىپ بېرىشىمنى ۋە توقال ئالماسلىقىنى خاھلىسىڭىز قولىڭىزغا ئۇستىرا ئېلىڭ ۋە ئېرىڭىز ئۇخلاپ قالغاندا گېلىدىن بىر تال تۈك چۈشۈرۈپ ئېلىپ كېلىڭ، — دەپتۇ ۋە يەنە ئەر خوجايىنغا:

— ئايالىڭىز سىز ئۇخلاپ قالغاندا سىزنى ئۆلتۈرمەكچى، ــ دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېرى ئايالىنى ساقلاپ ئۇخلىغان بولۇۋاپتۇ. ئايالى ئۇنىڭ گېلىدىن بىر تال تۈك ئېلىش ئۈچۈن ئۇستىرانى ئېلىپ كەلگەندە، ئېرى ئايالىنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ ئايالىنى بوغۇزلىۋېتىپتۇ. ئاندىن ئايالنىڭ جەمەتى ئۇ ئادەمنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.

ئونىنچى ئاپەت: ئۆزئارا دۈشمەنلەشكۈچى ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدا بېرىپ – كېلىپ تۇرغۇچى ئىككى يۈزلىمە ئادەمنىڭ گېپى. ئىككى يۈزلىمىچى كىشى بىر تەرەپنىڭ گېپىنى يەنە بىر تەرەپكە توشۇيدۇ. ھەربىرىگە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان سۆزلەرنى سۆزلەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا ۋەدە بېرىدۇ، ياكى بىر تەرەپنىڭ يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ ماختاپ، نېرىقى كىشىنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇنى سۆكىدۇ. بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشىلەرنىڭ ئەڭ يامىنى بىر يۈز بىلەن ئۇلارغا، بىر يۈز بىلەن بۇلارغا كېلىدىغان ئىككى يۈزلىمىدۇر» دېگەن(32).

بىلگىنكى، بۇ زۆرۈرىيەت بولمىسىمۇ ئىككى ئوتتۇرىدا گەپ توشۇغان كىشى ھەققىدىدۇر. لېكىن، زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا ئەمىرلەرگە ئالدىدا مادارا (قوشۇلغاندەك كۆرۈنۈش) قىلىش جائىزدۇر. ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ھەقىقەتەن بىز بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم قىلىمىز، ھالبۇكى ئۇلارغا قەلبلىرىمىز لەنەت ئوقۇيدۇ» دېگەن. قاچانكى ئۇلار بىلەن ئوخشاش پىكىردە ئەمەسلىكىنى ئېيتالىغۇدەك كۈچكە ئېرىشكەندە، يەنە شۇنداق قىلىش نادۇرۇستۇر.

ئون بىرىنچى ئاپەت: ماختاش. ماختاشنىڭ ئاپەتلىرى كۆپ بولۇپ، ماختىغۇچىغا ۋە ماختالغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئاپەتلەر بار.

ماختىغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئاپەتلەرگە كەلسەك، ماختىغۇچى بەزىدە ماختالغۇچى ھەققىدە تەكشۈرەلمەيدىغان ۋە بىلىش ئىمكانى يوق گەپلەرنى قىلىپ سالىدۇ. مەسىلەن، ماختىغۇچى ماختالغۇچى ھەققىدە «ئۇ كىشى تەقۋا ۋە زاھىد» دەيدۇ. بەزىدە ماختاشنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ، يالغانچىلىق قىلىپ سالىدۇ، بەزىدە ئەيىبلىنىشكە لايىق كىشىنى ماختايدۇ.

بىر ھەدىستە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ پاسىق ماختالسا غەزەپ قىلىدۇ» دەپ رىۋايەت قىلىنغان(33).

ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ: «كىمكى زالىمنىڭ باقىمەندىلىكىگە دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىنىشىنى ياخشى كۆرگەن بولىدۇ» دېگەن.

ماختالغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئاپەتلەرگە كەلسەك، ماختىغۇچىنىڭ ماختىشى ماختالغۇچىدا تەكەببۇرلۇق ياكى ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئىككىسى ھالاك قىلغۇچى سۈپەتلەردۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنى ماختاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا: «ۋاي ساڭا! ھەمراھىڭنىڭ بوينىنى ئۈزۈۋەتتىڭ» دېگەن. بۇ مەشھۇر ھەدىستۇر(34).

بىز ھەسەن ئەلبەسرىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدۇق: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قولىدا قامچا، ئەتراپىدا خالايىق بىلەن ئولتۇراتتى. شۇ ئەسنادا جارۇد كەلدى. ئاندىن بىر كىشى:

— بۇ ئادەم رەبىيئە جەمەتىنىڭ رەھبىرىدۇر، — دېدى. بۇ سۆزنى ئۆمەر ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئاڭلىدى، جارۇدمۇ ئاڭلىدى. جارۇد ئۆمەرنىڭ قېشىغا يېقىن كەلگەندە، ئۆمەر ئۇنى قامچا بىلەن ئۇردى. جارۇد:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بىر ئىش بولدىمۇ؟ — دېگەنىدى، ئۆمەر:

— ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا نېمە بولماقچىدى! بايىقى گەپنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ — دېدى.

— ئاڭلىدىم. نېمە بولدى؟

— ئۇ گەپنىڭ زەررىسى سېنىڭ قەلبىڭگە ئارىلىشىپ قېلىشىدىن قورقتىم. شۇڭا، سېنى خارلاپ قويۇشنى خاھلىدىم».

چۈنكى، ئىنسان باشقىلار تەرەپتىن ماختالسا كۆڭلى مەمنۇن بولىدۇ. ئۆزىنى مەقسەتكە يەتكەن ئوخشايمەن، دەپ ئويلايدۇ ۋە ئەمەل قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەمراھىڭنىڭ بوينىنى ئۈزۈۋەتتىڭ» دېگەن.

ماختاشتا بۇ ئاپەتلەر يوق بولسا، بىراۋنى ماختىسا گۇناھ بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە باشقا ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنى ماختىغان.

ماختالغۇچىمۇ تەكەببۇرلۇق، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ۋە ئەمەل قىلىشتىن ئاجىز كېلىش قاتارلىق ئاپەتلەردىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. ماختالغۇچى بۇ ئاپەتلەردىن پەقەت ئۆزىنى تونۇغاندىلا ۋە ماختىغۇچىنىڭ ئەگەر شەخس ئۆزى بىلگەن كەمچىلىكلىرىنى بىلگەن بولسا، ئۇنى ماختىمايدىغانلىقىنى ئىدراك ئېتىش ئارقىلىقلا قۇتۇلالايدۇ.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سالىھلەردىن بىر كىشىنى باشقىلار ماختىغانىدى، سالىھ كىشى: «ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن بۇلار مېنى بىلمەيدۇ، سەن مېنى بىلىسەن» دېدى.

ئون ئىككىنچى ئاپەت: دىنىي تېمىلاردا، بولۇپمۇ ئاللاھ تىلغا ئېلىنغان گەپلەردە سۆزنىڭ مەزمۇن ۋە مەناسىدا يېڭىلىشىش / ئاشۇرۇۋېتىش. لەۋزىلەرنى توغرىلاشقا پەقەت ناتىق، ئالىملارنىڭلا كۈچى يېتىدۇ. ئىلىم ۋە پاساھەت ئۆگىنىشكە سەل قارىغان كىشىنىڭ سۆزلىرى خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. لېكىن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى جاھىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ.

بۇنىڭغا مىسالەن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھېچبىرىڭلار ‹ئاللاھ خاھلىدى، سەنمۇ خاھلىدىڭ› دېمىسۇن، لېكىن ‹ئاللاھ خاھلىدى، ئاندىن كېيىن سەنمۇ خاھلىدىڭ› دېسۇن»(35).

چۈنكى، «ئاللاھ خاھلىغان ۋە سېنىڭ خاھلىغىنىڭ بولىدۇ» دەپ ئاللاھنىڭ خاھلىشى بىلەن ئىنساننىڭ خاھلىشىنى كەسكىن باغلاپ كەلتۈرۈشتە ئىنساننى ئاللاھقا شېرىك ۋە باراۋەر قىلىش كېلىپ چىقىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر خەتىب: «كىمكى ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلسا ئازغۇندۇر» دېگەندە بۇ سۆزنى توغرا تاپماي: «‹كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا ئازغۇندۇر› دېگىن»(36) دېگەن سۆزىمۇ شۇنىڭغا يېقىندۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ھېچبىرىڭلار ‹مېنىم قۇلۇم›، ‹مېنىڭ چۆرەم› دېمىسۇن، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ قۇللىرىسىلەر، بارلىق ئاياللىرىڭلار ئاللاھنىڭ ئايال قۇللىرىدۇر. لېكىن، ‹مېنىڭ ئوغۇل خىزمەتچىم›، ‹قىز خىزمەتچىم› دېسۇن»(37).

نەخەئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى يەنە بىر كىشىنى ‹ھەي ئېشەك! ھەي چوشقا!› دېسە، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا: ‹سەن مېنى ئېشەك قىلىپ يارىتىلغان، دەپ ئويلىدىڭمۇ؟ چوشقا قىلىپ يارىتىلغان دەپ قالدىڭمۇ؟!› دېيىلىدۇ». بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلەشتىكى خاتالىقلارنىڭ سانىنى ئېلىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. كىمكى تىلنىڭ ئاپەتلىرىدىن بىز كەلتۈرگەن بايانلارنى ئويلانسا ۋە ئۆزىنىڭ تىلىنى قويۇۋەتسە ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ چاغدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى سۈكۈت قىلسا، نىجات تاپىدۇ»(38) دېگەن سۆزىنىڭ سىرىغا يېتىدۇ. چۈنكى، بۇ ئاپەتلەر خېيىم – خەتەرلەردۇر ۋە سۆزلىگۈچىنىڭ يولى ئۈستىدىدۇر. شۇڭا، سۈكۈت قىلغان كىشىلا ساق – سالامەت قالىدۇ.

ئون ئۈچىنچى ئاپەت: ئاۋام تەبىقىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى ۋە كالامى ھەققىدە سوئال سورىشى ۋە سۆزلەشلىرى.

بىلگىنكى، شەيتان ئاۋام خەلق تەبىقىسىدىكى كىشىگە: «سەن پەقەتلا ئىلىمىي تېمىلارغا كىرىشىش بىلەن ئالىملاردىن ۋە پەزىلەت ئەھلىدىن بولىسەن» دەپ خىيال تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىيالنى داۋاملىق ئۇنىڭغا چىرايلىق كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشى بىلمەستىن كۇفۇرغا ئېلىپ بارىدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر بىر – بىرىگە شۇنداق سوئاللارنى قويىشىدۇكى، ئاخىرى بېرىپ مۇنداقمۇ دەۋېتىشى مۇمكىن: ‹مەخلۇقاتنىغۇ ئاللاھ يارىتىپتۇ، ئۇنداقتا ئاللاھنى كىم ياراتتى؟›»(39).

ئاۋام خەلقنىڭ ئىلىمنىڭ سىرلىق / يېپىق تەرەپلىرىدىن سوئال قويۇشى ئەڭ چوڭ ئاپەتتۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ مەنىلىرى توغرۇلۇق ئىزدىنىشى ئۇلارنى ئىسلاھ قىلمايدۇ، بەلكى بۇزۇپ قويىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تەسلىم بولۇشتۇر. شۇڭا، ئاۋام كىشى ئۈچۈن ئەۋزەل بولغىنى قۇرئان ئېلىپ كەلگەن شەيئىلەرگە ئىمان ئېيتىشى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەنلەرگە ئىزدىنىپ يۈرمەي تەسلىم بولۇش ۋە ئىبادەتلەرگە بېرىلىشتۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىلىم سىرلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشى خۇددى يايلاقتىكى ھايۋانلارنىڭ مۈلۈكنىڭ سىرلىرىنى تەتقىق قىلغىنىغا ئوخشاشتۇر.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بۇخارىي (6474). سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
2. ئەھمەد (13071)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (8). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئىراقىي «زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 2554): «ھەسەن» دېگەن.
3. تىرمىزىي (2616)؛ ئىبنى ماجە (3973). ئالبانىي: («ئەلئىرۋاﺋ»، 413) «سەھىھ» دېگەن.
4. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەسسامت»، (21). ئىراقىي: («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ») «ھەسەن» دېگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
5. مالىك (1604)؛ تىرمىزىي (2317). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5911) «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
6. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (4671). بەيھەقىي ۋە ئىراقىيلار: «سەھىھ» دېگەن.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6477)؛ مۇسلىم (2988).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7188)؛ مۇسلىم (2668). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
9. ئەھمەد (17710)؛ تىرمىزىي (2018)، ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇشەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1535) «سەھىھ» دېگەن.
10. ئەھمەد (6487). ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 858)؛ «سەھىھ» دېگەن. ئاخىرىنى ئىمام مۇسلىم (2165) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان.
11. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەسسامت» (322). ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 2667) «زەئىف» دېگەن. توغرىسى، بۇ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ سۆزىدۇر.
12. ئەھمەد (3839)؛ تىرمىزىي (1977)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (10332)؛ بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (312). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5381) «سەھىھ» دېگەن. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
13. ئەھمەد (6930)؛ تىرمىزىي (1990). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1726) «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
14. ئەھمەد (12185)؛ تىرمىزىي (1992). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 7909) «سەھىھ» دېگەن.
15. ئەھمەد (13844)؛ ئەبۇ داۋۇد (5000). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇ سۈنەنىتتىرمىزىي»، 2076) «سەھىھ» دېگەن.
16. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت (5545)؛ تىرمىزىي (240)؛ بەيھەقىي: «ئەلبەئسۇ ۋەننۇشۇر (335). ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 375) «ھەسەن» دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
17. ھافىز ئىراقىي («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ»، 2921): «بۇ ھەدىسنى زۇبەير ئىبنى بەككار (‹ئەلفۇكاھەتۇ ۋەلمىزاھ›) بىلەن ئىبنى ئەبىددۇنيا رىۋايەت قىلغان» دېگەن.
18. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5236)؛ مۇسلىم (892). بۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
19. «بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى» دېگەن رىۋايەت زەئىفتۇر. «ئىمران ئىبنى ھۇساين، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ دېگەن سۆزى» دېگەن رىۋايەت سەھىھتۇر. «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (857، 884)؛ «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، (1094).
20. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەلئىيال»، (571). مەزكۇر قىسسە ۋەقەلىكى زەئىفتۇر. ئەمما، بېيىتلەر بۇخارىي (1155) دا كەلگەن.
21. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (67، 1739)؛ مۇسلىم (1679). ئىبنى ئابباس ۋە ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايىتى.
22. ئەھمەد (19801)؛ تىرمىزىي (2032): «ھەسەن» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد (4880). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى كۈچلۈك» دېگەن. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 420) «ھەسەن» دېگەن.
23. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەسسامت»، (164)؛ ئەبۇششەيخ: «ئەتتەۋبىخ»، (162). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 2204) «زەئىف» دېگەن. جابىر ۋە ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايىتى.
24. مۇسلىم (2589). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
25. ئەھمەد (16028). سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 5380) «زەئىف» دېگەن.
26. ئەھمەد (15627)؛ ئەبۇ داۋۇد (4883). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («ئەلمىشكات»، 4986) «زەئىف» دېگەن. مۇئاز ئىبنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
27. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5384، 7180)؛ مۇسلىم (1714). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
28. بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، (20704): «زەئىف» دېگەن.
29. بۇخارىي (2449).
30. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەسسامت»، (291). بەيھەقىي: («ئەددەئەۋاتۇل كەبىر»، 507) «زەئىف» دېگەن. ئىمام مۇناۋىي ۋە ئىراقىيلار: «زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: («زەئىيف ئەلجاﻣﯩﺌ»، 4190)؛ «سىلسىلەتۇل ئەھادىيس ئەززەئىيفە، 1519) «توقۇلما» دېگەن.
31. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6056)؛ مۇسلىم (105). ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
32. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7179)؛ مۇسلىم (2526).
33. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (4543). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 694) «زەئىف» دېگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
34. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2662)؛ مۇسلىم (3000). ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
35. ئەھمەد (27138)؛ ئەبۇ داۋۇد (4980). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 137) «سەھىھ» دېگەن.
36. مۇسلىم (870). ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
37. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2552)؛ مۇسلىم (2249). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
38. ئەھمەد (6481)؛ تىرمىزىي (2501). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي («سەھىھۇ سۈنەنىتتىرمىزىي»، 2031): «سەھىھ» دېگەن.
39. مۇسلىم (135). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.

Please follow and like us: