قورساق شەھۋىتى ئەڭ چوڭ ھالاكەتلەردىن بىرىدۇر. ئادەم ئەلەيھىسسالام دەل مۇشۇ سەۋەبلىك جەننەتتىن چىقىرىلدى. جىنسىي شەھۋەت ۋە مال – دۇنياغا قىزىقىشمۇ قورساق شەھۋىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە كۆپ ئاپەتلەرمۇ كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەددىدىن ئارتۇق توقچىلىقتىن پەيدا بولىدۇ.
بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇئمىن بىر ئۈچەيگە، كافىر يەتتە ئۈچەيگە يەيدۇ» دېگەن(1).
يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئادەم بالىسى قورسىقىدىنمۇ يامان بىر قاچىنى توشقۇزمايدۇ، (ھالبۇكى) ئادەم بالىسىغا ھاياتىنى ساقلىيالىغۇدەك يەپ – ئىچىش يېتەرلىكتۇر. مەگەركى كىشىنىڭ ئاتۇقراق يېگۈسى بولسا، قورسىقىنى ئۈچكە بۆلسۇن: ئۈچتىن بىرى تاماق، ئۈچتىن بىرىگە ئىچىملىك، ئۈچتىن بىرى نەپەس ئېلىشى ئۈچۈن بولسۇن»(2) دېگەن.
ئۇقبە راسىبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەسەن بەسرىينىڭ يېنىغا كىرگەنىدىم. ئۇ نانۇشتە قىلىۋېتىپتىكەن. ئۇ ماڭا:
ــ قېنى كەل! ــ دېگەنىدى، مەن:
ــ مەن تاماق يېيەلمىگۈدەك دەرىجىدە تاماق يەپ بولۇپتىكەنمەن، ــ دېدىم. ئۇ:
ــ سۇبھاناللاھ! مۇسۇلمان تويۇپ كەتكۈدەكمۇ تاماق يەمدۇ؟! ــ دېدى.
زاھىدلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاز تاماق يېيىش ۋە ئاچلىققا سەبر قىلىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتتى. بىز ئۇلارنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئەيىبلىرىنى باشقا بىر كىتابتا بايان قىلدۇق. يەنە يېگۈسى بار تۇرۇپ، تاماقتىن قولىنى تارتىش تائام يېيشتىكى ئادىللىق دەرىجىسىدۇر. تائام يېيىشتىكى ئەڭ گۈزەل دەرىجە بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۇقىرىقى: «قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرى تاماق، ئۈچتىن بىرى ئىچىملىك، ئۈچتىن بىرى نەپەس ئېلىش ئۈچۈن بولسۇن» دېگەن سۆزىدە تەۋسىيە قىلغان دەرىجىدۇر.
غىزالىنىشتا ئادىللىققا رىئايە قىلىش تەننى ساغلام قىلىدۇ ۋە كېسەللىكنى يوق قىلىدۇ. يەپ – ئىچىشتىكى ئادىللىق دەرىجىسى بولسا ئىشتىھا تارتمىغۇچە تاماق يېمەسلىك، تائام يېگەندە ئىشتىھا قانماي تۇرۇپ قولنى تائامدىن تارتىشتۇر. داۋاملىق ئاز تاماق يېيىش كۈچ – قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر يېمەكلىكلىرىنى ئازايتىپ، پەرز ئەمەللەرنى قىلىشتا سەھۋەنلىك ئۆتكۈزدى. ئۇلار نادان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى پەزىلەت دەپ ئويلاپ قالدى. ئەمەلىيەت بولسا ئۇنداق ئەمەستۇر. ئاچلىقنى ماختىغانلار پەقەت بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن (يېمەك – ئىچمەكتە ئادىللىق دەرىجىسىگە رىئايە قىلىش) ھالغا ئىشارەت قىلغاندۇر.
قورساق شەھۋىتىنى بويسۇندۇرۇش غەيرىتى چېنىقىش يولى
داۋاملىق تويغۇچە يەپ ئادەتلەنگەن كىشى — بىز ئىشارە قىلغان — ئوتتۇراھاللىق دەرىجىسىگە يەتكۈچە تامىقىنى مەلۇم مۇددەتتە، ئاستا – ئاستا ئازايتىشى كېرەك. ئىشلارنىڭ ئەڭ خەيرلىكى ئوتتۇراھال بولغىنىدۇر. ئىبادەتتە قىينالمىغۇدەك دەرىجىدە غىزالىنىش ماقۇلدۇر. بۇ دەرىجىدە غىزالىنىش كۈچ – قۇۋۋەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا يېتەرلىكتۇر. بۇنىڭدا كىشى ئاچلىق ياكى زىيادە توقلۇق ھېس قىلمايدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا بەدەن ساغلام تۇرىدۇ، ئىرادە ئۇرغۇپ تۇرىدۇ ۋە پىكىر ساپ بولىدۇ. كۆپ تائام يېيىش كۆپ ئۇخلاش ۋە زېھىن ئېغىرلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سەۋەبى، كۆپ تائام يېسە، مېڭىدە ھور كۆپىيىپ، پىكىر قىلىش ۋە ئەسكە ئېلىش ئورنىنى ئېتىۋالىدۇ ۋە باشقا كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ.
شەھۋەتلەرنى كونترول قىلىشتا رىيا ئاپىتىنىڭ بايانى
شەھۋەتلىرىدىن بىرەر نەرسىنى تاشلىغان كىشى رىيا قىلىپ قېلىش ئاپىتىدىن ئېھتىيات قىلسۇن! بەزىلەر كۆڭلى تارتقان نەرسىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ياقتۇرمىسىمۇ ئۆيىگە ئېسىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ زاھىدلىقىنى ياپاتتى. بۇ بولسا بىر ئىشنىڭ دەل ئەكسىنى قىلىش بىلەن قىلىنغان زاھىدلىق ئىچىدىكى زاھىدلىقتۇر. بۇ ھەم سىددىقلارنىڭ ئەمىلىدۇر. چۈنكى، بۇنداق قىلالىغۇچى نەپسىگە سەبر قەدىھىنى ئىككى قېتىم ئوتلاتقان كىشىدۇر. ئىككىنچىسى تېخىمۇ ئاچچىقتۇر.
ئەۋرەت شەھۋىتى
بىلگىنكى، جىنسىي شەھۋەت ئىنسانغا ئىككى پايدا ئۈچۈن بېرىلگەندۇر.
بىرىنچىسى، ئىنسان نەسلىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن؛ ئىككىنچىسى، ئاخىرەت لەززىتىگە قىياس قىلالىغۇدەك بىر لەززەتنى تېتىيالىشى ئۈچۈن. چۈنكى، تۈرىنىڭ لەززىتى بىلىنمىگەن بىرنەرسىگە كۆپ قىزىقىش بولمايدۇ. لېكىن، جىنسىي شەھۋەت نورمال بولمىغاندا، كۆپ ئاپەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداق بولمىغاندا ئىدى، ئاياللار شەيتاننىڭ قاپقانلىرى بولمىغان بولاتتى.
بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەندىن كېيىن ئەرلەرگە ئاياللاردىنمۇ زىيانلىقراق بىر پىتنە قالدۇرمىدىم» دېگەن(3).
بىر سالىھ كىشى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىراۋ ماڭا دۆلەت خەزىنىسىنى ئامانەت قويسا، ئامانەتكە رىئايە قىلالىشىمغا ئىشەنچىم بار. ئەمما بىر سائەت خالىي قالالىغۇدەك ھالدا بىر قارا تەنلىك ئايال ماڭا ئامانەت قىلىنسا، بۇ ھەقتە نەپسىمگە ئىشەنچ قىلالمايمەن».
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەر كىشى يات ئايال بىلەن خالىي بىر يەردە بولمىسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتاندۇر» دېگەن(4).
بۇ شەھۋەتتە ھەددىدىن ئېشىش بەزىدە ئاداققى پەللىگە يېتىدۇ. ھەتتا ئەر كىشى ئاياللارغا بېرىلگەنلىكىدىن ئاخىرەتنى ئەسلەشتىن غاپىل قالىدۇ. بەزىدە كىشىنى پاھىش قىلىشقا سۆرىسە، بەزىدە ئىشق ئوتىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئەڭ مەينەت شەھۋەت ئاشىقلىقتۇر. ھەممىدىن بەك ئىشق شەھۋىتىگە چۈشۈشتىن ساقلىنىش ۋە ئار قىلىش كېرەك.
كۆپ كىشىلەردە «مال – دۇنيا، ئەمەل – ئابرۇي، شىشخال ياكى شاھمات ئويناش، تەمبۇر ئىشقى» دېگەندەك ئىشىقلار بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەر قەلبلەرنى ئىگەللەپ، قىلمىسا تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. دەرۋەقە دەسلەپكى باسقۇچلاردا بۇنداق ئىشقتىن ساقلىنىش ئاسان. كېيىنكى باسقۇچلارغا ئۆتكەندە بولسا، قاتتىق داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ئاشىقلىققا دورا كار قىلمايدۇ.
بۇ ھال خۇددى بىر ئىشىكتىن كىرمەكچى بولغان سەركەش ھايۋاننى دەرھال چۇلۋۇرىنى تارتىپ تىزگىنلىگەن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇ ھايۋاننى ئىشىكتىن كىرىشتىن بۇرۇن چۇلۋۇرىدىن تارتىپ توسۇش نېمىدېگەن ئاسان – ھە! ئىشق چوڭقۇر باغلىنىپ بولغاندىن كېيىن، داۋالىماقچى بولۇش بەئەينى ھايۋاننى ئىشىكتىن كىرگىلى، بوسۇغىدىن ئۆتكىلى قويۇپ، ئىچىگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ ئارقىسىغا سۆرەشكە ئوخشايدۇ. بۇ ئىككى ھالەت ئارىسىدىكى پەرق نېمىدېگەن چوڭ – ھە!
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5393)؛ مۇسلىم (2060، 2062).
2. ئەھمەد (17225)؛ تىرمىزىي (2380). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2265) «سەھىھ» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5096)؛ مۇسلىم (2740). ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
4. ئەھمەد (177). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («ئەلئىرۋاﺋ»، 1813) «سەھىھ» دېگەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.