بۇ تېما بىرنەچچە بابتا بايان قىلىنغۇسى.
بىلگىنكى، ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاق پەيغەمبەرلەر ۋە سىددىقلارنىڭ سۈپىتىدۇر. يامان خۇيلار بولسا ئۆز ئىگىسىنى شەيتاننىڭ يولىغا كىرگۈزىدىغان ئۆتكۈر زەھەر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قويغۇچى كېسەللىكتۇر. شۇڭا، ئىنسان ئۇلارنى بىلىشى ۋە تېگىشلىك داۋالاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. بىز بۇ كېسەللىكلەرگە ۋە بۇلارنى قانداق داۋالاشقا دائىر تەپسىلاتلارغا كىرمەي، بىر پۈتۈن ئىشارەت قىلىپ ئۆتىمىز. ئىنشائاللاھ تۆۋەندە ئېنىق بايان قىلغايمىز!
بىرىنچى باب
گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەردەم – پەزىلىتى ۋە يامان خۇينىڭ ئەيىبلىنىشى توغرىسىدا
بۇ ھەقتە سۆھبەت ئەدەبلىرى بابىدا بىرئاز توختالغان ئىدۇق.
بىلگىنكى، كىشىلەر گۈزەل ئەخلاقنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدە ئەمەس، ئۇنىڭ مېۋىلىرى ھەققىدە سۆز قىلىشتى. ئەمما، ئۇ مېۋىلەرنى تولۇق ئېيتىپ بولالمىدى، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ھەققىدە ئاللاھ ئىمكان بەرگەن دائىرىدە بىرنەرسىلەر دەپ بېقىشتى.
ئادەتتە گۈزەل ئەخلاقنىڭ گۈزەل يارىتىلىشقا يانداش كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بۇ ھەقتىكى بىر ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىشتۇر. ئەرەبلەر: «پالانچى خالقى ۋە خۇلقى گۈزەل كىشى (فُلاَنٌ حَسَنُ الخَلْـقِ والخُلُقِ)» دەپ قويىدۇ، بۇ دېگىنى «ئىچىمۇ، تېشىمۇ گۈزەل ئادەم» دېگەنلىكتۇر. «خالقى» دەپ تاشقى قىياپەت، «خۇلقى» دەپ ئىچكى دۇنيا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى، ئىنسان تەن ۋە روھتىن ئىبارەتتۇر.
تەن كۆز بىلەن كۆرۈلىدۇ ۋە ئاڭقىرىلىدۇ، روھ بولسا پاراسەت بىلەن تونۇۋېلىنىدۇ. ھەر ئىككىسىىنىڭ گۈزەل ياكى سەت كۆرۈنۈشى / شەكلى بولىدۇ. پاراسەت بىلەن تونۇۋېلىنغان روھ كۆز بىلەن كۆرۈلگەن تەندىن تېخىمۇ مۇھىم ۋە تېخىمۇ قىممەتلىكتۇر. شۇنىڭچۈن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا روھنى تېخىمۇ مۇھىم كۆرسەتتى ۋە ئۇنى ئۆزىگە ئىزافە قىلدى: ﴿ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن. ئۇنى مەن راۋۇرۇس ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنى تولۇق، مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار»﴾(38/«ساد»: 71، 72). ئۇشبۇ ئايەتى كەرىمدە ئاللاھ تائالا تەننى لايغا، روھنى ئۆزىگە نىسبەت قىلدى. دېمەك، ئەخلاق روھقا ئورناشقان بىر ئۇسلۇپ ۋە مەيدان بولۇپ، ئىش – ھەرىكەتلەر ئويلاپ ئولتۇرۇش بىھاجەت ھالدا روھتىن ئاسانلا چىقىدۇ. ئەگەر ئوتتۇرىغا چىققىنى گۈزەل ئىش – ھەرىكەت بولسا «گۈزەل ئەخلاق»، سەت قىلىقلار بولسا «يامان خۇي» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەخلاقنىڭ ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىش، قىلماسلىقىنىڭ بايانى
ھۇرۇنلۇققا يېڭىلىپ، رىيازەت / نەپس تەربىيەسى ئېغىر كەلگەن بەزىلەر خۇددى تاشقى قىياپەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغاندەك، ئەخلاقنىڭ ئۆزگىرىشىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ.
ئۇلارغا بېرىلگۈسى جاۋاب مۇنداق: ئەگەر ئەخلاق ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلمايدىغان بولسا ئىدى، ئۈگۈت ۋە تەۋسىيەلەر تامامەن بىمەنە بولغان بولاتتى. بىز ياۋايى بىر ئوۋ ھايۋىنىنىڭ كۆندۈرۈلۈشى، ئوۋ ئىتىنىڭ تۇتقان ئوۋنى يېمەسلىكنى ئۆگىنىشى، ئاتنىڭ چىرايلىق مېڭىش ۋە ئىگىسىگە ئىتائەتنى ئۆگەنگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قانداقمۇ ئەخلاقنىڭ ئۆزگىرىشنى ئىنكار قىلالايمىز؟! ئەلبەتتە، بەزى تەبىئەتلەر تۈزىلىشنى تېز قوبۇل قىلىدۇ، بەزىلىرىگە بولسا تەس كېلىدۇ.
تۇغما مىجەزنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كىشىنىڭ خىيالىغا كەلسەك، شۇنى بىلگىنكى، مەقسەت پۈتۈن سۈپەتلەرنى تۈپتىن يوقىتىش ئەمەس، بەلكى رىيازەتتىن / تەربىيەدىن مۇرات شەھۋەتنى ئاشقۇنلۇق بىلەن بوشاڭلىق ئارىسىدا ئوتتۇراھال سەۋىيەگە كەلتۈرۈشتۇر. شەھۋەتنى/ ئىستەكنى نەپستىن تۈپتىن يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس ھەم بۇ تۇيغۇ فىترەتكە زۆرۈر بىر پايدا ئۈچۈن يارىتىلغان تۇرسا، يوقىتىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟! مەسىلەن، تاماق ئىستىكى تامامەن يوقالسا ئىنسان ئۆلىدۇ، جىنىسىي شەھۋەت يوقالسا نەسىل قۇرۇيدۇ. غەزەپ بىر پۈتۈن يوقالسا، ئىنسان ئۆزىنى ھالاك قىلغۇچى ئامىللارنى يوقىتالمايدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەر كۇففارلارغا قارشى شىددەتلىكتۇر﴾(48/«فەتىھ»: 29) دېگەن. شىددەت پەقەت غەزەپتىن تۇغۇلىدۇ. ئەگەر غەزەپ يوقالسا، كۇففارغا قارشى جىھاد توختاپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار…﴾(3/«ئال ئىمران»: 134) دېدى، «ئاچچىقىنى يوق قىلىدىغانلار» دېمىدى.
شۇنىڭدەك تائام ئىستىكىدە نە ئاچپاقىلىق نە بەك ئاز يېيىش، بەلكى ئوتتۇراھاللىق تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار!﴾(7/«ئەئراف»: 31). لېكىن، مۇرشىد (يول كۆرسەتكۈچى) ئۇستاز مۇرىت – مۇخلىسىدا غەزەپ ۋە شەھۋەتكە مەيل كۆرسە، ئۇنى ئوتتۇراھاللىق قىلىش ئۈچۈن، غەزەپ ۋە شەھۋەتنى مۇتلەق ئەيىبلەشتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتسىمۇ گۈزەل ئىشتۇر.
رىيازەت / نەپس تەربىيەسىدىن مەقسەتنىڭ ئوتتۇراھاللىق ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان مىساللاردىن بىرى: سېخىيلىقنىڭ شەرئەن تەلەپ قىلىنىدىغان ئەخلاق بولۇشى بولۇپ، سېخىيلىق بېخىللىق بىلەن ئىسراپخورلۇق ئارىسىدىكى ئوتتۇرا يولدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق ماختىدى: ﴿ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ﴾(25/«فۇرقان»: 67).
پەسل: [گۈزەل ئەخلاققا ئۇلاشتۇرغۇچى سەۋەبلەر] گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەقىل قۇۋۋىتىنىڭ ئوتتۇراھاللىقى ھەمدە غەزەپ ۋە شەھۋەت كۈچىنىڭ ئوتتۇراھاللىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولدۇڭ.
بىلگىنكى، بۇ ئوتتۇراھاللىق (ئىتىدال) بەزىدە يارىلىشتىن ئىلاھىي سوۋغا سۈپىتىدە فىترەتنىڭ تاكامۇلى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. دەرۋەقە، نۇرغۇن كىچىك بالىلار راستچىل، سېخىي ۋە مۇلايىم يارىتىلغان. ئوتتۇراھاللىق بەزىدە يەنە تىرىشچانلىق بىلەن ھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭ يولى رىيازەت، يەنى تەلەپ قىلىنغان ئەخلاقنى يېتىلدۈرگۈچى ئەمەللەرنى نەپىسكە تېڭىشتۇر. شۇڭا، كىمكى سېخىيلىق ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈشنى ئىستىسە، بۇنىڭ ئۆز تەبىئىتىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن، خۇددى سېخىيلەر قولى ئوچۇقلۇق قىلغاندەك ئۆزىنى قولى ئوچۇقلۇققا زورلىشى كېرەك.
«كەمتەر بولاي» دېگەن كىشىمۇ ئۆزىنى كەمتەرلەرنىڭ ئىشىلىرىنى قىلىشقا زورلىشى كېرەك. دېمەك، بارچە گۈزەل ئەخلاقلاردا ئىش مۇشۇنداق. يەنى، بىر ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشتە ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشنىڭ رولى زور. جۈملىدىن، پۈتۈكچى / يازغۇچى بولۇشنى خاھلىغان كىشى يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا بېرىلىشى؛ فەقىھ ئالىم بولۇشنى نىيەت قىلغۇچى تاكى قەلبى فىقھ سۈپىتىگە مايىل بولغۇچە فۇقاھانىڭ پېئىل – ئەتىۋارىنى تەكرارلاۋېرىشى كېرەك. ئەلبەتتە، خۇددى ئىنسان بالىسىنىڭ ئىككى – ئۈچ كۈندىلا بوي تارتىپ (ئادەم بولۇشىنى) كۈتۈپ بولمىغاندەك، بۇنىڭدىمۇ ئىككى – ئۈچ كۈندىلا ئۈنۈم كۆرۈلۈشىنى كۈتمەسلىك كېرەك. ئۈنۈم ئىزچىللىق بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق چوڭ رول ئوينايدۇ.
شۇنىڭدەك ئىتائەت ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ئېزىنى كەمسىتمەسلىك كېرەك. ئىزچىل داۋاملا قىلىدىكەن تەسىرى بولىدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتلەرنىڭ ئېزىغىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك.
دەرۋەقە پەزىلەت سەۋەبلىرىگە چىڭ يېپىشىش روھقا تەسىر قىلىپ، مىزاجنى ئۆزگەرتكىنىدەك، ھۇرۇنلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ئادەتكە ئايلىنىپ قالسا، ھەرقانداق خەير ۋە ياخشىلىقتىن مەھرۇم قېلىش كېلىپ چىقىدۇ.
بەزىدە گۈزەل ئەخلاق ياخشىلارغا ھەمسۆھبەت بولۇش ئارقىلىق يېتىلىدۇ. چۈنكى، ئىنسان تەبىئىتى بەئەينى ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى ئوغرىلايدىغان ئوغرىدۇر.
پېقىرنىڭ قارىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بۇ ھەقىقەتنى كۈچلەندۈرىدۇ: «ئىنسان ئۆز دوستىنىڭ دىنى ئۈزرەدۇر، شۇڭا ھەرقاندىقىڭلار كىمنى دوست تۇتقانلىقىغا ئوبدان قارىسۇن»(1) .
ئىككىنچى باب
ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈش يولى
ئەخلاقتا ئوتتۇراھاللىقنىڭ قەلب ۋە روھتىكى ساقلىق، ئوتتۇراھاللىقتىن قىڭغىر كېتىشنىڭ بولسا بىر كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلدىڭ. ئەمدى بىلگىنكى، ئىنسان روھىنى داۋالاش بەئەينى بەدەننى داۋالاشقا ئوخشايدۇ. دەرۋەقە بەدەن ئەزەلدە مۇكەممەل يارىتىلمىغان، پەقەت تەربىيە ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن كامال تاپقاندەك، روھمۇ ناقىس يارىتىلغان، ئەمما تاكامۇللۇققا تەيياردۇر. روھ ئۆزىنى پاكلاش، ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئىلىم بىلەن ئۇزۇقلىنىش ئارقىلىق مۇكەممەللىشىدۇ.
بەدەن ساغلام چاغدا دوختۇر / تېۋىپنىڭ ۋەزىپىسى مەۋجۇد ساقلىقنى ساقلاش بولسا، كېسەل تەگكەن چاغدا چۈشىدىغان ۋەزىپە ئاشۇ ساقلىقنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇر. روھمۇ دەل شۇنداق: غۇبارسىز، پاك ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق ۋاقىتتا مەۋجۇد ھالەتنى قوغداش ۋە تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. ئەگەر كامالەتكە يەتمىگەن بولسا، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگۈچى سەۋەبلەرگە تىرىشىش كېرەك.
بەدەننىڭ كېسەل بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىللەت ئۇنىڭ دەل ئەكسى بىلەن داۋالىنىدۇ. مەسىلەن، بەدەن ئىسسىقلىق سەۋەبىدىن كېسەل بولغان بولسا سۆرۈن ۋە سوغۇق نەرسىلەرنى سەۋەب قىلىش بىلەن داۋالىنىلىدۇ / قىزىتما چۈشۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك قەلبنىڭ كېسەللىكى بولمىش ناچار خۇيلار ئۇنىڭ ئەكسى بىلەن داۋالىنىلىدۇ. مەسىلەن، نادانلىق كېسىلى ئىلىم بىلەن، بېخىللىق كېسىلى سېخىيلىق بىلەن، تەكەببۇرلۇق كېسىلى كەمتەرلىك بىلەن ۋە ئاچكۆزلۈك كېسىلى كۆڭلى تارتقان نەرسىدىن ئۆزىنى توختىتىش بىلەن داۋالىنىلىدۇ.
كېسەل بەدەننىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن دورىنىڭ ئاچچىقىغا چىداش ۋە كۆڭۈل تارتقان نەرسىلەرنى يېمەسلىككە قاتتىق سەبر كېرەك بولغىنىدەك، نەپسكە قارشى جىھادنىڭ قىينچىلىقىغا چىداش ۋە قەلب كېسەللىكىنى داۋالاشقىمۇ سەبرچانلىق لازىم. ھەتتا بۇنىسى بەكرەك سەبر تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، بەدەن ئۆلۈم بىلەن تەڭ كېسەللىكتىن قۇتۇلىدۇ، لېكىن قەلب كېسەللىكى دېگەن ئۆلگەندىن كېيىنمۇ مەڭگۈ داۋام قىلىدىغان ئازابتۇر.
مۇرىتلارنىڭ قەلبلىرىنى داۋالايدىغان مۇرشىد ئۇلارنىڭ خۇلق ۋە كېسەللىكلىرىنى بىلمەي تۇرۇپ، نوقۇل بىر رىيازەت / تەربىيە بىلەن كىرىشىۋالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ھەممە كېسەلنى داۋالاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، دىندىن بىخەۋەر كىشىنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا ئەۋۋەلا تاھارەتنى، ئاندىن ناماز ۋە ئىبادەتلەرنى ئۆگىتىش كېرەك. ئەگەر تەكەببۇر كىشى بولسا، كەمتەرلىك كېرەك بولغان ئىشلارغا جورۇش، ئاچچىقى يامان كىشى بولسا، مۇلايىم، سەبرچان بولۇشقا زورلاش كېرەك.
نەپسىنى تەربىيەلىگۈچى كىشى ئەڭ موھتاج نەرسە مۇستەھكەم ئىرادىدۇر. ئارىسالدىلىق پەيدا بولغان ھامان ئۇتۇق يىراقلىشىدۇ. نەپسىنى تەربىيەلىگۈچى ئۆز ئىرادىسىدە ئاجىزلىقىنى سەزگەن چاغدا سەبرچان بولۇشى كېرەك. ئىرادە ۋە قەتئىيىتى بوشاشقان ھامان ئىككىنچى بۇنداق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن نەپسىنى جازالىشى كېرەك. بىر كىشى نەپسىگە مۇنداق دېگەنىكەن: «ئەگەر بىھۇدە بىلجىرلىساڭ، سېنى يىل بويى روزا تۇتۇش بىلەن جازالايمەن».
ئۈچىنچى باب
قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتى، قەلبنىڭ ساقىيىشى،
ئىنساننىڭ ئۆز ئەيىبلىرىنى تونۇشىنىڭ يولى
بىلىۋالغىنكى، ھەربىر ئەزا ئۆزىگە خاس بىر ھەرىكەت بىلەن يارىتىلغاندۇر. بىر ئەزانىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئۇنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنى ئورۇنداشتىن ئاجىز كېلىشى ياكى ئۇ ھەرىكەتنىڭ بەزى ئىزتىراپلار بىلەن ئورۇندىلىشىدۇر. مەسىلەن، قول ياخشى تۇتالمىسا، كۆز خىرەلەشسە، قەلب ئۆز ئەمەللىرىنى قىلالمىسا كېسەل دېمەكتۇر. قەلبكە خاس ئەمەللەر بولسا: ئىلىم، ھېكمەت، ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇش، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ تائالاغىلا ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ھەرقانداق شەھۋەت – ئىشتىياقتىن ئۈستۈن كۆرۈشتۇر.
ئەگەر ئىنسان ھەممە نەرسىنى تونۇپ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىسا، ھېچنەرسىنى ھەقىقىي تونۇغان بولمايدۇ.
ھەقىقىي تونۇشنىڭ ئالامىتى سۆيگۈدۇر. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغان كىشى ئاللاھ تائالانى سۆيىدۇ. سۆيگۈنىڭ ئالامىتى باشقا سۆيۈملۈك نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۆز سۆيگىنىدىن ئۈستۈن كۆرمەسلىكتۇر. كىمنىڭ ئاللاھ تائالادىن بەكرەك مۇھەببەت قويغان نەرسىسى بار بولسا ئۇ دەل قەلبى كېسەل كىشىدۇر. دەرۋەقە نان يېمەي توپا يېگۈسى كەلگەن ئاشقازان — نان ئىشتىھاسى يوقالغانلىقى ئۈچۈن — كېسەل ئاشقازاندۇر.
قەلبنىڭ كېسىلى يوشۇرۇن كېسەللىك بولۇپ، ئىگىسى ئۇنى ئاسانلىقچە بىلەلمەيدۇ – دە، ئۇنىڭدىن غاپىل قالىدۇ. كىشى كېسەلنى بىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ داۋاسىنىڭ ئىزتىرابىغا سەبر قىلىشى قىيىندۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ دورىسى ھاۋايى – ھەۋەسكە قارشى ئىش قىلىشتۇر. سەبر قىلالىسىمۇ ئۇنى داۋالاشقا ئۇستا ئەمچى تاپالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ئەمچىلەر ئالىملاردۇر. ھالبۇكى، كېسەللىك ئۇلارغىمۇ يۇقۇپ بولغان. ئۆزى كېسەل ئەمچىنىڭ رېتسىپى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. نەتىجىدە كېسەللىك شىپاسى قىيىن ۋە قورقۇنچلۇق ھالغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىلىم ئاللىبۇرۇن يوقالغان، قەلبلەرنىڭ كېسەل بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنى داۋالاش تامامەن ئىنكار قىلىنغان ئەھۋالدىدۇر. ئەمدىلىكتە كىشىلەر كۆرۈنۈشتە ئىبادەت، ئەمەلىيەتتە ئادەت ئەمەللەرگە يۈزلىنىپ كېتىشتى، مانا بۇ كېسەللىكنىڭ ھەقىقىي ئالامىتىدۇر.
قەلبنىڭ داۋالاشقا جاۋاب بېرىپ ساقىيشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئالامىتى دەل كىشىنىڭ شۇ ئىللەتكە قارىتا مەيدانىدا ئىپادىلىنىدۇ: ئەگەر بېخىللىق كېسىلىنى داۋالاۋاتقان بولسا، مالنى ئايىماي سەرپ قىلىش شىپا تېپىۋاتقانلىقتىندۇر. لېكىن، ھەرگىز ئىسراپخورلۇق ۋە بۇزۇپ – چېچىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالماسلىق كېرەك. چۈنكى، ئىسراپخورلۇق دەرىجىسىگە بېرىپ قېلىش يەنە بىر كېسەللىككە مۇبتىلا بولغانلىقتۇر. دەرۋەقە سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن كىشى ھەددىدىن ئارتۇق ئىسسىقلىق قىلىۋەتسە، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ قالىدۇ – دە، يېڭى بىر كېسەل تېپىۋالغان بولىدۇ. ئوتتۇراھال بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
مۇبادا ئوتتۇراھاللىقنى بىلمەكچى بولساڭ، ئۆز نەپسىڭگە قارىغىن: ئەگەر سەن ئۈچۈن مال – دۇنيا تېپىش ۋە يىغىش ئۇنى تېگىشلىك كىشىلەرگە سەرپ قىلىشتىن تېخىمۇ سۆيۈملۈك ۋە تېخىمۇ ئاسان بىلىنسە، ئۇقۇۋال، سەن بېخىللىققا يېڭىلگەن كىشىسەن. ئۇ ھالدا سەن ئايىماي مال سەرپ قىلىش ئارقىلىق نەپسىڭنى داۋالىغىن؛ ئەگەر بېرىشكە تېگىشلىك كىشىگە كۆپ – كۆپ بېرىش سەن ئۈچۈن تېخىمۇ سۆيۈملۈك ۋە قولدا تۇتۇۋېلىشتىن تېخىمۇ يەڭگىل بىلىنسە، ئۇنداقتا سەن بۇزۇپ – چېچىش كېسىلىگە گىرىپتارسەن. بۇ ئەھۋالدا سەن تۇتۇپ تۇرۇشنىمۇ بىل. ھەمىشە نەپسىڭنى كۆزەت ۋە ئىش – ھەرىكىتىڭنىڭ مىجەزىڭگە ئاسان ياكى تەس كېلىشىگە قاراپ ئىش تۇت، تاكى قەلبىڭ مال – دۇنيا مۇھەببىتىدىن ئايرىلغاي ياكى نە بۇزۇپ – چېچىشقا، نە بېخىللىققا مايىل بولمىغاي! مال – دۇنيا سېنىڭ نەزىرىڭدە سۇغا ئوخشاش بولسۇنكى، ئۇنى يا بىر موھتاجنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن ساقلاپ قويغايسەن ياكى باشقا بىر موھتاجنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن سەرپ قىلغايسەن. مۇشۇ ھالدىكى ھەر قەلب: ﴿ئاللاھ ھۇزۇرىغا پاك قەلب بىلەن كەلگەن بولىدۇ﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 89).
نەپسنىڭ بەتئەخلاقلاردىن پارىغ بولۇشى ئۈچۈن بىرەر دۇنيالىق نەرسىگە ئالاقىسى بولماسلىقى لازىم. شۇ ئارقىلىق نەپس دۇنيادىن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، دۇنياغا ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىگە باقمىغان ھالدا دۇنيادىن سەپەر قىلىدۇ، شۇ چاغدا پەرۋەردىگارىغا ئارام تاپقان نەپس بولۇپ قايتىدۇ.
ھېچ شەك يوقكى، ھەقىقىي ئوتتۇراھاللىق بەك ئېنىق بولمىغانلىقى، بەلكى چاچتىنمۇ ئىنچىكە، قىلىچتىنمۇ ئىتتىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۇنيادا مۇشۇ توغرا يولدا قەددىنى رۇسلاپ ماڭغان كىشى ئاخىرەتتە پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتەلەيدۇ. توغرا يولدا مېڭىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن، بەندە ھەركۈنى نەچچە قېتىم: ﴿ئى ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن!﴾(1/«فاتىھە»: 6) دېيىشكە بۇيرۇلدى. ئىستىقامەت يولىدا مېڭىشقا قادىر بولالمىغان كىشى شۇ يولدا مېڭىشقا تىرىشسۇن! چۈنكى، نىجاتلىق ياخشى ئەمەللەردىن مەيدانغا كېلىدۇ. ياخشى ئەمەللەر گۈزەل ئەخلاقلاردىن ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا، ھەربىر بەندە ئۆز ئەخلاق ۋە سۈپەتلىرىنى تەكشۈرسۇن! يامان خۇيلىرىنى بىر – بىرلەپ تۈزەش بىلەن مەشغۇل بولسۇن ۋە كەسكىن ئىرادە بىلەن جاپاغا سەبر قىلسۇن! چۈنكى، ئۇ ئىش كىشىگە خۇددى بوۋاق دەسلەپتە سۈتتىن ئايرىلغۇسى كەلمىسىمۇ، كېيىن خوش يېقىپ قالغاندەك يېقىپ قالىدۇ. بوۋاق سۈتتىن ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ كۆكسى تەڭلەنسە ئەلبەتتە ئۇنى قايتا ئېمىشنى خاھلىمايدۇ. ئاخىرەت ھاياتىنىڭ مۇددىتىگە نىسبەتەن ئۆمرىنىڭ قىسقىلىقىنى بىلگەن كىشى مەڭگۈلۈك جەننەت نېئمىتى ئۈچۈن سەپەر مۇشەققەتلىرىنى كۆتۈرىدۇ. كېچىدە توختىماي يول يۈرگەنلەر تاڭ ئاتقاندا كېچىدە مېڭىۋالغانلىقىدىن سۆيۈنىدۇ.
ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى تونۇش يولىنىڭ بايانى
بىلگىنكى، بىر كىشىگە ئاللاھ تائالا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ئۆزىدىكى ئەيىبلەرنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. پىكىر قۇۋۋىتى مۇكەممەل كىشىگە ئۆز ئەيىبلىرى مەخپىي قالمايدۇ. ئەيىبلىرىنى بىلگەن كىشى ئۇنى داۋالىيالايدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەيىبلىرىنى بىلمەيدۇ. دىن قېرىندىشىنىڭ كۆزىدىكى چاپاقنى كۆرىدۇ – يۇ، ئۆز كۆزىدىكى كۆتەكنى كۆرمەيدۇ.
ئۆزىدىكى ئەيىبلەرنى بىلمەكچى بولغان كىشىگە تۆت يول بار:
بىرىنچى يول: نەپسنىڭ ئەيىبلىرىنى بىلىدىغان بىر ئۇستازنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋە ئۇ ئۇستازنىڭ ئۇنىڭغا نەپسنىڭ ئەيىبلىرى ۋە داۋالاش يوللىرىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىدۇر. بۇ زاماندا بۇنداق ئۇستازلار ئاز تېپىلىدۇ. بۇنداق ئۇستازغا يولۇققان كىشى ئۇستا ئەمچىگە يولۇققان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنداق ئۇستازنى تاشلىماسلىق لازىم.
ئىككىنچى يول: دىندار، نەزەر دائىرسى كەڭ، راستچىل بىر دوست ئىزدەش ۋە ئۇنى ئۆزىگە يامان خۇي ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇشى ئۈچۈن كۆزەتچى قىلىش.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيتتى: «بىزگە ئەيىبلىرىمىزنى ھەدىيە قىلغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن».
سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۆمەر ئۆزىدىكى ئەيىبلەرنى كۆرسىتىپ قويۇشىنى سورىغانىدى، سەلمان:
— سېنىڭ داستىخىنىڭدا نان تۆگۈرۈپ يەيدىغان ئىككى تۈرلۈك نېئمەت، كېچىدە كىيىدىغان بىر تون، كۈندۈزدە كىيىدىغان بىر جەمئىي ئىككى تونىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر:
— بۇنىڭدىن باشقا بىرنەرسە ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ — دېدى.
— ياق!
— بۇ ئىككىسىنى دېيىش بىلەن ۋەزىپەڭنى تولۇق ئادا قىلدىڭ.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇزەيفەدىن: «مەن مۇناپىقلار قاتارىغا ئۆتۈپ قالدىممۇ؟» دەپ سورايتتى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ھەرقانداق كىشىنىڭ سەگەكلىكتە مەرتىۋىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۆزىدىن ئەنسىرىشى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. لېكىن، بۇنداق سۈپەتتىكى دوستنىڭ ھازىرقى زاماندا تېپىلىشى قىيىن. چۈنكى، دوستلار ئىچىدە خۇشامەت قىلىشنى تاشلاپ، دوستىنىڭ ئەيىبىنى ئۆزىگە دەيدىغان ياكى ھەسەت قىلمايدىغان دوستلار بەكمۇ ئاز. شۇڭا، ھازىرقى زاماندىكى دوستلار ئەيىبىنى كۆرسىتىشتە ئۆزىگە ۋاجىب بولغان مىقداردىن ئاشۇرمايدۇ.
سەلەف سالىهلەر ئۆزىگە ئەيىبىنى كۆرسىتىپ قويغانلارنى ياخشى كۆرەتتى، بىز ھازىر ئەيىبلىرىمىزنى كۆرسىتىپ قويغان كىشىلەرنى كۆپىنچە ھالدا يامان كۆرۈپ قالىمىز. بۇ ئىماننىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. چۈنكى، يامان خۇيلار چايانلارغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بىر كىشى كىيىمىمىزنىڭ ئىچىدە چايان بارلىقىنى بىزگە كۆرسەتسە، ئۇنى رەھمەتكە كۆمۈۋېتىمىز ۋە چاياننى ئۆلتۈرۈشكە تىرىشىمىز. ھېچكىمگە مەخپىي بولمىغىنىدەك، يامان خۇينىڭ زىيانلىرى چاياننىڭ زىيىنىدىن چوڭدۇر.
ئۈچىنچى يول: ئۆز ئەيىبلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ تىلىدىن بىلىپ پايدىلىنىش. چۈنكى، دۈشمەنلىك يامان تەرەپلەرنى ئاشكارىلاشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئەيىبلەرنى يوشۇرىدىغان، خۇشامەتچى دوستتىن كۆرە، بەكرەك جېدەللىشىپ، ئەيىبلەرنى ئاچىدىغان دۈشمەن پايدىلىقتۇر.
تۆتىنچى يول: كىشىلەرگە ئارىلىشىش ۋە ئۇلار ئارىسىدا «يامان» كۆرۈلىدىغان ھەرقانداق يامان خۇيدىن ساقلىنىش.
پەسىل
قەلب كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنىڭ يولى: شەھۋەتلەرنى تاشلاش
بىز نەپس شەھۋەتلىرىنىڭ كىشى ئۆزلۈكىگە چوقۇم مۇئەييەن پايدىلار ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدۇق. چۈنكى، تاماق يېيىش ئىستىكى بولمىسا، ئوزۇقلىنىش بولمايدۇ؛ جىنسى ئىستەك بولمىسا، نەسىل ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. شەھۋەتلەردىن ئەيىبلىنىدىغىنى زىيادە شەھۋەتلەر ۋە شەھۋەتلەرنىڭ چەكتىن ئېشىشىدۇر. بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار بۇ شەھۋەت مىقدارىنى چۈشەنمىدى. شۇ سەۋەبتىن نەپسى خاھلىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەرك ئېتىشتى، بۇنداق قىلىش نەپسنىڭ ھەققىنى يەپ، نەپسكە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. چۈنكى، نەپسنىڭ ھەققى بار. بۇنىڭغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۈستىڭدە نەپسىڭنىڭمۇ ھەققى بار»(2) دېگەن سۆزى دەلىلدۇر. ھەتتا بەزىلەر: «ماڭا مۇنداق، مۇنداق يىل بولدى، مۇنداق نەرسىلەرنى كۆڭلۈم تارتىدۇ ، لېكىن ئۇنى يېمەيمەن» دەيدۇ. بۇنداق قىلىش بولسا ھالاللىقتىن قىڭغىر كەتكەنلىكتۇر ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە خىلاپتۇر. رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆڭلى تارتقان تاتلىق – تۇرۇم، بال ۋە باشقا نەرسىلەرنى يەپ – ئىچەتتى. ئىلمى ئاز، شۇ سەۋەپتىن كۆڭلى تارتقان نەرسىلەردىن ئۆزىنى مەھرۇم قويىدىغان زاھىدقا پىسەنت قىلىنماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئۇنداق زاھىد ئادالەتتىن يىراق، زۇلۇمغا يېقىنراقتۇر. كۆڭلى تارتقان نەرسىگە ئېرىشىش تەس بولسا ۋاز كەچكۈلۈك. مەسىلەن، كۆڭلى تارتقان نەرسىگە ناتوغرا يول ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولسا ياكى كۆڭلى تارتقان نەرسىلەرنى يەپ ئىرادىسى بوشاپ كېتىشىدىن، نەتىجىدە نەپسىنىڭ ئۇنى داۋاملىق يېيىشنى تەمە قىلىشىدىن ياكى زىيادە تويۇپ كېتىپ ئىبادەتكە ئېغىرلىق قىلىشتىن قورقسا، ئۇنداقتا كۆڭلى تارتقان نەرسىنى يەپ – ئىچىشتىن ساقلانغاي.
نەپسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم كۆڭۈل تارتقان نەرسىلەرنى بەزى ۋاقىتلاردا يېيىش كېسەلنى داۋالىغانغا ئوخشاش ئىش بولۇپ، بۇنداق قىلىش ماختىلىدۇكى، ھەرگىز ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. يول ماڭغاندا كۈچلۈك مېڭىش ئۈچۈن نەپسىگە كۆيۈنسە ھېچقىسى يوق.
گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بايانى
ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگۈچى زىنا ۋە باشقا گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى تەرك ئېتىپ، ئۆزىنى «مەن ئەخلاقىمنى تۈزەتتىم ۋە نەپسىمگە قارشى جىھاد قىلىشتىن بىھاجەت بولدۇم» دەپ گۇمان قىلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بولسا ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس. گۈزەل ئەخلاق بولسا مۇئمىنلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۇئمىنلەردۇر. ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل – مالدىن (خۇدا يولىدا) سەرپ قىلىدۇ، ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۇئمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغفىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېئمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ﴾(8/«ئەنفال»: 2، 3).
﴿(گۇناھلىرىدىن) تەۋبە قىلغۇچىلار، (ئىخلاس بىلەن) ئىبادەت قىلغۇچىلار، (ئاللاھقا) ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار (يەنى ئاللاھنىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، نەھيى قىلغان ئىشلىرىدىن يانغۇچىلار ھەم ئەھلى جەننەتتۇر)؛ مۇئمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن!﴾(9/«تەۋبە»: 112)
﴿مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. (شۇنداق مۇئمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر. ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر. ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر. (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ). بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. ئۇلار (يەنى مۇئمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە مۇئمىنلەر نازۇ – نېئمەتلىك جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر. ئۇلار (يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 1 – 11).
﴿مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ (ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (ياقتۇرمايدىغان) سۆز قىلسا، ئۇلار: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ (يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ). ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن (يەنى ناماز ئوقۇش بىلەن) ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەﻓﺌ قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن (سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭدىن) ئايرىلمايدۇ. جەھەننەم ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر». ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەئبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ. پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. كىمكى (گۇناھلىرىغا) تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمەلىنى تۈزەيدىكەن، ئۇ ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ). ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يامان سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز – نەسىھەت قىلىنسا، گاس، كور بولۇۋالمايدۇ (يەنى ئۇنى بېرىلىپ ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدۇ). ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەئۋەت قىلغۇچى) قىلغىن» دەيدۇ. ئەنە شۇلار سەبرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان) دۇئا ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل قارارگاھ! نېمىدېگەن گۈزەل جاي! ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، پەرۋەردىگارىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ، (ئى كافىرلار! پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدىڭلار، (ئاخىرەتتە) سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا دۇچار بولىسىلەر﴾(25/«فۇرقان»: 63 – 77).
كىمگىكى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش قىيىن كەلسە، ئۆزىنى بۇ ئايەتلەرگە سالسۇن! بۇ ئايەتلەردىكى ئالامەتلەرنىڭ بولۇشى گۈزەل ئەخلاق ئىگىسىلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ بولماسلىقى بەتئەخلاقلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. شۇنداق سۈپەتلەر بار بولۇپ، بەزىسى بولمىسا بەزى ئەخلاقنىڭ بولۇشىغا دالالەت قىلىدۇ. شۇڭا، كىشى ئۆزىدە بار ئەخلاقىنى ساقلاپ، يوق ئەخلاقلارنى ھاسىل قىلىشقا تىرىشسۇن!
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئمىننى كۆپ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىدى ۋە شۇ سۈپەتلەر بىلەن گۈزەل ئەخلاققا ئىشارەت قىلدى.
«سەھىھەين»دە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جېنىم قول ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بىر بەندە ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىغا ياخشى كۆرمىگۈچە مۇئمىن بولالمايدۇ»(3).
«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىكەن، مېھمىنىنى ئىكرام قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىكەن، قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمىسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىكەن، ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن»(4) دېگەن.
يەنە بىر ھەدىستە: «ئىمانى ئەڭ كامىل بولغان مۇئمىن ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان مۇئمىندۇر» دېگەن(5).
باشقىلارنىڭ ئەزىيىتىگە سەبر قىلىش گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ قاتارىدىندۇر. «سەھىھەين»دە رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر ئەئرابىي پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تونىنى تارتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۈرىسىگە ئىز چىقىرىۋەتتى، ئاندىن ئەئرابىي: ‹ئى مۇھەممەد! قولۇڭدىكى ئاللاھنىڭ مېلىدىن ماڭا بۇيرۇپ بەرگىن› دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ قاراپ كۈلدى، ئاندىن ئۇنىڭغا بىرنەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى(6).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قەۋمى ئەزىيەت بەرسە: «ئى ئاللاھ! قەۋمىمگە مەغپىرەت قىلغىن، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ» دەيتتى(7).
ئۇۋەيس ئەلقەرەنىي كىچىك بالىلار تاش ئاتسا: «قېرىنداشلىرىم! ئەگەر تاش ئاتمىساڭلار زادى بولمايدىغان بولسا، پۇتۇمغا كىچىك تاشلارنى ئېتىڭلار! بولمىسا، مېنى ناماز ئوقۇشتىن چەكلەپ قويىسىلەر» دەيتتى.
ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم سەھراغا چىقتى، ئۇنىڭغا يولۇققان بىر ئەسكەر: «ئاۋات يەر قەيەردە؟» دەپ سورىغانىدى، ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم قەبرىستان تەرەپكە ئىشارەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئەسكەر ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ يېرىۋەتتى، كېيىن ئەسكەرگە «سەن ئۇرغان كىشى ئبىراھىم ئىبنى ئەدھەم ئىدى» دېيىشكەنىدى، ئەسكەر ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەمنىڭ بېشىنى ۋە قولىنى سۆيۈشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم: «ئۇ مېنىڭ بېشىمغا ئۇرغاندا، ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭغا جەننەتنى بېرىشىنى سورىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ مېنى ئۇرغانلىقى سەۋەبلىك مەن ئەجىرگە ئېرىشىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، شۇڭا مېنىڭ ئۇنىڭدىن بولغان نېسىۋەمنىڭ ياخشىلىق، ئۇنىڭ مەندىن بولغان نېسىۋېسىنىڭ يامانلىق بولۇپ قېلىشىنى خاھلىمىدىم» دېدى.
بىر كىشى يولدا مېڭىۋاتسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىدىن كۈل تاشلانغانىدى، ھەمراھلىرى ئۇنىڭغا كايىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ: «ئوتقا لايىق كىشى كۈلگە سۈلھ قىلىنسا، غەزەپلەنمەسلىكى كېرەك» دېدى.
دېمەك، بۇ نەپسلەر تەربىيە قىلىش بىلەن بويسۇندۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن ئەخلاقلىرى تۈزەلگەن ۋە باتىنى ئالدامچىلىقتىن پاكلىنىپ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولغان نەپسلەردۇر. كىمكى ئاشۇ كىشىلەر تاپقان ئالامەتلەردىن بەزىسىنى ئۆزىدە تاپالمىسا، شۇ ئالامەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى داۋاملىق تەربىيەلىسۇن. چۈنكى، ئۇ كىشى تېخى بۇ ئالامەتلەرگە يەتمىدى.
پەسىل
كىچىك بالىلارنى دەسلەپكى ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تەربىيەلەش توغرىسىدا
بىلگىنكى، كىچىك بالا ئاتا – ئانىسىغا ئامانەتتۇر. ئۇنىڭ قەلبى بىغۇبار مەرۋايىتتۇر. غۇبارسىز مەرۋايىت ھەرقانداق نەقىشنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىچىك بالا ياخشلىق قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈلسە، ياخشىلىق ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى، ئەدەب ئۆگەتكۈچى ئۇستازى ساۋابقا شېرىك بولىدۇ. ئەگەر يامانلىققا ئادەتلەندۈرۈلسە، يامانلىق ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەلىيسى گۇناھكار بولىدۇ. شۇڭا، بالىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ئەدەب – قائىدە ئۆگىتىش، تەربىيەلەش، ئۇنىڭغا گۈزەل ئەخلاقلارنى سىڭدۈرۈش ۋە ئۇنى يامان ھەمراھلارغا ئارىلىشىپ قېلىشتىن ساقلاش كېرەك. ھەم بالىنى پاراۋان تۇرمۇشقا ئادەتلەندۈرمەسلىك، ئۇنىڭغا ھەشەمەت ۋە پاراغەتنىڭ مەنبەسىنى سۆيۈملۈك كۆرسەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا، چوڭ بولغاندا باياشات تۇرمۇش تەلەپ قىلىپ ئۆمرىنى زايە قىلىدۇ.
كىچىك بالىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ كۆزىتىش لازىم. بالىنى ئىنىكئانا ئېمىتمەكچى بولسا، دىندار، سالىھە، ھالالدىن يەيدىغان ئىنىكئانا ئېمىتىپ بېقىشى كېرەك. چۈنكى، ھارامدىن ھاسىل بولغان سۈتتە بەرىكەت بولمايدۇ. بالىدا ئاق – قارىنى پەرق ئېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە — ئۇ ئالامەتنىڭ بېشى ھايادۇر — بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتىدۇر ۋە بالا بالاغەت يېشىغا يەتكەندە، ئەقلى مۇكەممەل بولىدىغانلىقىغا بېشارەتتۇر. بۇ ھالەتتە ئۇنىڭغا ئەدەب – قائىدە ئۆگىتىشتە ئۇنىڭ ھايالىقلىقىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.
كىچىك بالا ئاسانلا ئۆگىنىۋالىدىغان تۇنجى سۈپەت يېمەك – ئىچمەكتە ئاچكۆزلۈك قىلىشتۇر. شۇڭا، بالىغا يېيىش – ئىچىش ئەدەبلىرىنى ئۆگىتىش لازىم. نان تۆگۈرۈپ يەيدىغان نەرسىگە ئادەتلىنىپ قېلىپ، شۇنى شەرت قىلىۋاالماسلىقى ئۈچۈن، ناننى قۇرۇق يېيىشىكە ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. كۆپ تاماق يېيىشنى بالىغا ھايۋانلارنىڭ كۆپ بوغۇز يەيدىغانلىقىغا ئوخشىتىپ قەبىھ كۆرسىتىش لازىم. رەڭگارەڭ ۋە يىپەك كىيىملەرنى ئەمەس، بەلكى ئاق كىيىملەرنى كىيىشنى سۆيۈملۈك كۆرسىتىش ۋە «رەڭگارەڭ ۋە يىپەك كىيىملەرنى كىيىش ئاياللارنىڭ ۋە ھەمجىنىس كىشىلەرنىڭ ئادىتى» دەپ ئۇنىڭ زېھنىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.
كىچىك بالىلارنى باياشات تۇرمۇشتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار بىلەن ئارىلىشىشتىن توسۇش، ئۇلارنى مەكتەپتە قۇرئان، ھەدىس ئۆگىنىش ۋە سالىھ كىشىلەرنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشىلارنىڭ ھاياتىنى ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل قىلىش كېرەك ۋە شۇنداقلا ئاشىق – مەشۇقلار سۆزلىنىدىغان شېئىرلارنى يادقا ئالدۇرماسلىق كېرەك.
كىچىك بالا گۈزەل خۇلق كۆرسەتسە ۋە مەدھىيەلىنىدىغان ئىشلارنى قىلسا، ئۇنى ئىززەتلەش، خۇشال بولىدىغان نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلاش ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ماختاپ قويۇش كېرەك. ئەگەر بەزى ۋاقىتلاردا گۈزەل ئەخلاققا قارشى ئىش قىلسا، ئۇنى كۆرمەسكە سېلىش ۋە ئۇنى يۈزىگە سالماسلىق، ئەگەر يامان ئەخلاقنى قايتا قىلسا يوشۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇنى كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇتۇش ۋە كۆپ ئەيىبلىمەسلىك كېرەك. چۈنكى، كۆپ ئەيىبلەش مالامەت ئاڭلاشنى يەڭگىل ئىش قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيىبلىگۈچى سۆزىنىڭ ھەيۋىتىنى ساقلىسۇن!
ئانا بالىنى دادىسى بىلەن قورقۇتسۇن. كۈندۈزدە ئۇخلاشتىن توسسۇن، چۈنكى كۈندۈزدە ئۇخلاش ھۇرۇنلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېچىدە ئۇخلاشتىن چەكلىمىسۇن. لېكىن، ئەزالىرى قېتىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۇمشاق كۆرپىدە ياتقۇزمىسۇن. كۆرپە – تۆشەك، كىيىم – كېچەك ۋە يېمەك – ئىچمەكتە يىرىكلىككە ئادەتلىنىشى، ھۇرۇن بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن چېنىقىش، ھەرىكەت قىلىش ۋە مېڭىشقا ئادەتلىنىشى كېرەك. ئاتا – ئانىسىنىڭ قول ئىلكىدىكى نەرسىلەر بىلەن ياكى يېمەك – ئىچمەك، ياكى كىيىم – كېچىكى بىلەن تەڭتۇشلىرىغا ماختىنىشتىن چەكلەنسۇن. بالىنى ئارىلاشقان كىشىلىرىنى ھۆرمەتلەش، كەمتەر بولۇشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. بالىنى ئۆزىگە ئوخشاش كىچىك بالىدىن بىرنەرسە ئېلىۋېلىشىدىن چەكلەش، «باشقىلاردىن بىرنەرسە ئېلىش دېگەن تۆۋەنلىك، بېرىش بولسا ئۈستۈنلۈك» دەپ ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ كۆزىگە ئالتۇن، كۈمۈش مۇھەببىتىنى قەبىھ كۆرسىتىش كېرەك.
ئولتۇرغان ئورنىغا تۈكۈرمەسلىك، مىشقىرماسلىق، باشقىلار بار يەردە ئەسنىمەسلىك، پۇتىنى پۇتىغا مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرماسلىق ۋە كۆپ گەپ قىلماسلىققا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. بالىنى باشقىلار سوئال سورىسا جاۋاب بېرىش، ئۆزىدىن چوڭلار سۆزلىسە ياخشى قۇلاق سېلىش، ئۆزىدىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئورنىدىن تۇرۇپ بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك.
مەينەت گەپ قىلىشتىن ۋە ئاغزى بۇزۇقلار بىلەن ئارىلىشىشتىن چەكلەش كېرەك. چۈنكى، كىچىك بالىلارنى قوغداشنىڭ ئاساسى ئۇلارنى يامان ھەمراھلارغا ئارىلىشىشىتىن ساقلاشتۇر.
بالا مەكتەپتىن چىققاندىن كېيىن، ئۆگىنىش ھارغىنلىقىدىن دەم ئېلىشى ئۈچۈن گۈزەل ئويۇنلارنى ئوينشىغا كەڭ شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. بىر ھېكمەتتە: «قەلبلەرنى دەم ئالدۇرغىن، شۇندىلا زىكىرنى ئەستە تۇتىدۇ» دېيىلگەن.
بالىغا ئاتا – ئانىسىغا، مۇئەللىمىگە ئىتائەت قىلىشنى ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىش كېرەك.
بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇش، تاھارەتسىز ناماز ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تاھارەت ئالماسلىققا رۇخسەت قىلماسلىق كېرەك.
يالغان ئېيتىش ۋە خىيانەت قىلىشتىن قورقۇتۇش، بالاغەت يېشىغا يېقىنلاشسا، بەزى ئىشلارنى ئۆزى قىلىشقا تاشلاپ قويۇش كېرەك.
بىلگىنكى، يېمەك – ئىچمەكلەر خۇددى دورا – دەرمانلارغا ئوخشاشتۇر. يېمەك يېيىشتىن مەقسەت بەدەننى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا كۈچلەندۈرۈشتۇر. دۇنيا پانىي، ئۆلۈم دۇنيا نېئمەتلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ، ئۆلۈم ئىنساننى ھەر لەھزە كۈتۈپ تۇرۇر. ئاخىرىتى ئۈچۈن ئوزۇق ئالغان كىشى ئەقىللىق كىشىدۇر، ئەگەر بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ياخشى بولسا، بۇلار بالىنىڭ قەلبىدە تاشقا نەقىش ئويغاندەك مۇستەھكەم ئورۇن ئالىدۇ.
سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ ئەتتۇستەرىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر:
«مەن ئۈچ ياش ۋاقتىمدا كېچىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئانا تەرەپ تاغام مۇھەممەد ئىبنى سەۋۋارنىڭ ناماز ئوقۇشىغا قارايتتىم، تاغام ماڭا بىر كۈنى:
— سېنى ياراتقان ئاللاھنى زىكىر قىلامسەن؟ — دېگەنىدى، مەن:
— قانداق زىكىر قىلىمەن؟ — دېدىم. ئۇ:
— ياتار چېغىڭدا تىلىڭنى ھەرىكەتلەندۈرمەي، قەلبىڭدە ئۈچ قېتىم: «ئاللاھ مەن بىلەن بىللە، ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ماڭا گۇۋاھ» دېگىن، — دېدى.
شۇنداق قىلىپ مەن بىرنەچچە كېچىلەر شۇنداق دېدىم، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردىم. ئۇ: ‹ئەمدى ھەر كېچىدە 11 قېتىم دېگىن!› دېدى. مەن ئۇ دېگەندەك قىلدىم ۋە بۇنىڭ ھالاۋىتىنى قەلبىمدە ھېس قىلدىم. بىر يىلدىن كېيىن ماڭا تاغام:
— مەن ساڭا ئۆگەتكەن كەلىمىلەرنى ئېسىڭدە تۇتقىن، قەبرەڭگە كىرىپ بولغۇچە شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن، — دېدى. مەن ئۇدا بىرنەچچە يىل تەكرارلىدىم ۋە ئىچ – ئىچىمدىن ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى ھېس قىلدىم. ئاندىن تاغام ماڭا:
— ئى سەھل! ئاللاھ ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان، ئاللاھ قاراپ تۇرغان ۋە گۇۋاھ بولغان بىر كىشى يەنە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلامدۇ؟ گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ساقلانغىن، — دېدى.
مەن مەكتەپكە باردىم ۋە ئالتە يەتتە ياش ۋاقتلىرىمدا قۇرئاننى يادقا ئالدىم. ئارپا نېنى بىلەن يىلنىڭ كۆپ كۈنلىرىدە روزا تۇتاتتىم. كېيىن ھەر كېچە قىيامدا تۇرىدىغان بولدۇم».
پەسىل
ئىرادىنىڭ شەرتلىرى ۋە نەپسكە قارشى جىھاد قىلىشنىڭ مۇقەددىمىلىرى ۋە رىيازەت يولىدا ئاستا – ئاستا ئىلگىرىلەش
بىلگىنكى، ئاخىرەتنى قەلبى بىلەن ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ ئۇ دۇنيانى كۆزلىشى ۋە بۇ دۇنيادىن قول ئۈزۈشى مۇقەررەردۇر. چۈنكى، بىراۋنىڭ ئىلكىدە مارجان بولۇپ، كېيىن قىممەتلىك مەرۋايىتنى كۆرسە، ئۇنىڭ مارجانغا قىزىقىشى قالمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا: «مارجاننى مەرۋايىتقا ساتقىن» دېيىلسە، دەرھال ماقۇل بولىدۇ.
بىلگىنكى، ئاللاھ تائالا ئۇ دۇنيانى كۆزلەشنى نېسىب قىلغان كىشى ئۈچۈن نەپسىنى تەربىيەلەشتە باشتا ئورۇندىمىسا بولمايدىغان شەرت، چىڭ ئېسلىپ ماڭىدىغان يولباشچى ۋە قوغدىنىدىغان قورغانلار بولۇشى لازىمدۇر.
ئورۇندىلىشى زۆرۈر شەرت بولسا: گۇناھ ئىشلارنى تاشلاش ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ئىگىسى ئارىسىدىكى پەردىنى كۆتۈرۈش.
يولباشچى بولسا: شەيتانلار ئازدۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەق يولنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ئۇستازدۇر.
قورغان بولسا: خىلۋەتتە قېلىشتۇر. كىشى يەنە ھاۋايى – ھەۋىسىگە قارشى ئىش قىلىشى، زىكىرنى كۆپ، ۋىردلەرنى ئوتتۇراھال قىلىشى كېرەك.
نەپسنى تەربىيەلەشنىڭ چېكى: قەلبىنى دائىم ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە ھېس قىلىش. بۇ ھال باشقىلاردىن خالىي قالغاندا مۇمكىن بولىدۇ. ئىنسان نەپسىگە قارشى ئۇزۇن مۇددەت جىھاد قىلغاندا، ئاندىن خىلۋەت ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئاللاھ رازىلىقىنى ئىرادە قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنى تەدرىجىي چېنىقتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش يولىدۇر. ھەربىر سۈپەتتە تەربىيەلىنىشنىڭ تەپسىلاتى يېقىندا كەلگۈسى، ئىنشائاللاھ.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. ئەبۇ داۋۇد (4833)؛ تىرمىزىي (2378). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 3545) «ھەسەن» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1968)؛ مۇسلىم (1159).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (13)؛ مۇسلىم (45).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6019، 6138، 6475)؛ مۇسلىم (47).
5. ئەبۇ داۋۇد (4682)؛ تىرمىزىي (1162). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە، 284) «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5809)؛ مۇسلىم (1057).
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3477)؛ مۇسلىم (1792).