قەلبنىڭ ئاجايىپ ھاللىرى

قەلبنىڭ ئاجايىپ ھاللىرى

بىلگىنكى، ئىنساندىكى ئەڭ شەرەپلىك ئەزا دەل قەلبىدۇر. چۈنكى، قەلب ئاللاھنى ھەقىقىي تونىغۇچى، ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەل قىلغۇچى، ئاللاھقا ئىنتىلىپ تىرىشقۇچى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋابلارنى ئىزدەپ يېقىنلاشقۇچىدۇر. باشقا ئەزالار قەلبكە بويسۇنغۇچى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىسىدۇر. خۇددى خوجايىنلار قۇللارنى خىزمەتكە سالغاندەك قەلبمۇ ئۇلارنى خىزمەتكە سالىدۇ.

قەلبىنى ھەقىقىي تونۇغان كىشى پەرۋەردىگارىنى تونۇيدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر قەلبىنى ۋە نەپسىنى ھەقىقىي تونۇمايدۇ. ﴿بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ)﴾(8/«ئەنفال»: 24). ئاللاھ تائالانىڭ كىشى بىلەن قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ سېلىشى قەلبنى ئاللاھ تائالانى تونۇشتىن ۋە ئاللاھ تائالانى كۆز ئالدىدا تۇتۇشتىن چەكلىشىدۇر. شۇڭا، قەلبنى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇش دىننىڭ ئۇلى ۋە ئاخىرەت يولۇچىلىرىنىڭ يولىنىڭ ئاساسىدۇر.

[شەيتاننىڭ قەلبكە ۋەسۋەسە بىلەن چاپلىشىۋېلىشى] بىلگىنكى، قەلب يارىتلىشىدىلا توغرا يولنى قوبۇل قىلىدىغان قىلىپ يارىتىلغان. ئۇ كېيىنچە ئىچىگە كىرىۋالغان شەھۋەت ۋە ھاۋايى – ھەۋەس سەۋەبلىك توغرا يولدىن قېيىپ كېتىدۇ ۋە بارغانسېرى يىراقلايدۇ. قەلبنى ئىگەللەش ئۈچۈن پەرىشتىلەر قوشۇنى بىلەن شەيتانلار قوشۇنى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھۇجۇم تاكى قەلب ئىشىكى ئىككى تەرەپتىن بىرىگە ئېچىلغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئاقىۋەت غالىب كەلگۈچى قەلبنى بويسۇندۇرۇپ، ئىچىگە ئورۇنلىشىدۇ. شەيتان قوشۇنى بولسا قەلبكە ئوغرىلىقچە كىرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿يوشۇرۇن ۋەسۋەسىچىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن (دېگىن!)﴾(114/«ناس»: 4) دەيدۇ. ئۇ ئاللاھ زىكىر قىلىنغاندا يوشۇرۇنىدۇ، غەپلەت باسقاندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شەيتانلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى قەلبتىن پەقەت ئاللاھنىڭ زىكرىلا قوغلايدۇ. چۈنكى، شەيتان ئاللاھ زىكىر قىلىنغان قەلبتىن بەدەر قاچىدۇ.

[شەيتاننىڭ قەيەرلەردىن قەلبكە كىرەلەيدىغانلىقىنىڭ بايانى] بىلگىنكى، قەلب گوياكى قورغانغا ئوخشايدۇ. شەيتان بولسا ئۇ قورغانغا كىرىشنى، ئۇنى بويسۇندۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئارزۇلايدىغان دۈشمەندۇر. قورغاننى قوغداش ئۇنىڭ قوۋۇقلىرىنى مەھكەم ساقلاش ۋە مۇداپىئە ئارقىلىقلا مۇمكىندۇر. قەلبىنى تونۇمىغان كىشى ئۇنىڭ قوۋۇقلىرىنى ساقلاپ، مۇداپىئە قىلالمايدۇ. شەيتاننىڭ كىرىش يوللىرىنى بىلگەندىلا ئۇنى دەﻓﺌ قىلغىلى بولىدۇ. شەيتان كىرىش ئېغىزلىرى بەندىنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ، بەسى كۆپتۇر. بۇ يەردە، بىز شۇلاردىن شەيتاننىڭ لەكمىڭ قوشۇنىغىمۇ تار كېلىپ قالمايدىغان چوڭ ئىشىكلەرگىلا ئىشارەت قىلىمىز.

❊           شەيتان ۋە ئەسكەرلىرى كىرىۋالالايدىغان چوڭ ئىشىكلەردىن بىرى ھەسەت ۋە ھېرىسمەنلىكتۇر؛ بەندە بىر نەرسىگە بەك ھېرىسمەن بولغان ۋاقتىدا بۇ ھېرىس ئۇنى قارىغۇ ۋە گاس قىلىپ قويىدۇ ۋە شەيتاننىڭ كىرىشى مۇمكىن يوچۇقلارنى ئاڭقىرغۇچى زېھىن – قۇۋۋەت نۇرىنى ئۆچۈرىدۇ. شۇنىڭدەك كىشى ھەسەتخور بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇ چاغدا شەيتان دەرھال پۇرسەت تېپىپ، ھەسەتىگە يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىشنى — مۇنكەر ياكى مەينەت ئىش بولغان تەقدىردىمۇ — ھەسەتخورغا چىرايلىق كۆرسىتىدۇ.

❊           غەزەپ، شەھۋەت ۋە جەھل ـ تەرسالىق؛ چۈنكى، غەزەپ ئەقىلنىڭ ئېزىتقۇسى بولۇپ، ئەقىل قوشۇنى ئاجىزلاشقان ھامان شەيتان ھۇجۇم قىلىپ، ئىنساننى ئوينىتىدۇ. رىۋايەت قىلىنۇركى، ئىبلىس مۇنداق دەيدۇ: «بىر بەندە جاھىل – تەرسا بولسا، بىز ئۇنى كىچىك بالا پىرقىرىغۇچ پىقىراتقاندەك پىر – پىر پىرقىرىتىۋېتىمىز».

❊           ئۆي، كىيىم – كېچەك ۋە سەرەمجانلارنى زىننەتلەشنى ياخشى كۆرۈش؛ چۈنكى، شەيتان ئىنساننى ئۆينى كۆركەم قىلىش، تام – تورۇسلىرىنى بېزەش، كىيىم – لىباسلارنى زىننەتلەش، ئۆي جاھازىلىرىنى جابدۇشقا داۋاملىق قىزىقتۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئىنسان كۆپىنچە ئۆمرىنى مۇشۇ ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

❊           زىيادە توق قورساقلىق؛ چۈنكى، توقلۇق شەھۋەتنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ئىنساننى ئاللاھقا تائەت – ئىبادەت قىلىشتىن مەشغۇل قىلىدۇ.

❊           تەمەخورلۇق؛ چۈنكى، بىراۋدىن بىرنەرسە تەمە قىلغان كىشى تەمە قىلىنغۇچىدا يوق سۈپەتلەر بىلەن ئۇنى ماختايدۇ، خۇشامەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى ياخشىلىققا بۇيرىيالمايدۇ، يامانلىقتىن توسالمايدۇ.

❊           ئالدىراقسانلىق، تەكشۈرۈپ باقماي ۋە ئويلانمايلا قارار قىلىش؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالدىراقسانلىق شەيتاندىن، تەمكىنلىك ئاللاھتىندۇر»(1) دېگەن.

❊           مال – دۇنيانى ياخشى كۆرۈش؛ مال – دۇنيا مۇھەببىتى قەلبتە ئورۇن ئالسا قەلبنى بۇزىدۇ ۋە ھالال بولمىغان يول بىلەن پۇل تېپىشقا ئېلىپ بارىدۇ. كىشىنى بېخىللىققا زورلاپ، يوقسۇللۇقتىن قورقۇتىدۇ. بېرىشكە تېگىشلىك ھەقلەرنىمۇ بەرگۈزمەيدۇ.

❊           مەزھەبلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئەمەل قىلىشقا ئەمەس، مەزھەب مۇتەئەسسىپلىكىگە ئېلىپ بېرىش؛

❊           كىشىلەرنى دىننىڭ ئەسلى ھەققىدە شەككە سېلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ زاتى، سۈپەتلىرى ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان خۇسۇسلاردا تەپەككۇر قىلىشقا زورلاش؛

❊           مۇسۇلمانلاردىن بەدگۇمان بولۇش. كىمكى بىر مۇسۇلمان ھەققىدە بەدگۇمانغا چۈشسە ئۇنى مەنسىتمەيدۇ ۋە ئۇ ھەقتە ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈيدۇ. بەدگۇمان پەقەتلا گۇمانخورنىڭ ناچارلىقىنىڭ سارقىندىسى ۋە يۇندىسىدۇر. چۈنكى، مۇئمىن مۇئمىن ئۈچۈن ھەق باھانە ئىزدەيدۇ، مۇناپىق بولسا مۇئمىندىن ئېۋەن قىدىرىدۇ.

بەگۇمانغا دۇچار بولماي دېگەن كىشى تۆھمەت ئېھتىمالى بار يەرلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

يۇقىرىقىلار شەيتان كىرىشى مۇمكىن بولغان بىر قىسىم ئىشىكلەردۇر. بۇ ئاپەتلەرنىڭ داۋاسى بولسا قەلبنى يامان سۈپەتلەردىن پاكلاش ئارقىلىق ئۇ ئىشىكلەرنى ئېتىپ تاشلاشتۇر. بۇ سۈپەتلەر ھەققىدە ئاللاھ خاھلىسا ئالدىمىزدا تەپسىلىي سۆزلىگەيمىز، ئىنشائاللاھ.

بۇ سۈپەتلەرنىڭ يىلتىزلىرى قەلبتىن قومۇرۇپ تاشلانسىمۇ، شەيتان قەلبكە سالىدىغان ۋەسۋەسىلەر ۋە بىمەھەل ئۆتۈشلەر باردۇر. لېكىن، ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش بۇ ۋەسۋەسە ۋە بىمەھەل ئۆتۈشلەرنى توسىدۇ. قەلب تەقۋالىق بىلەن گۈللەپ ياشنايدۇ.

شەيتان بەئەينى ساڭا يېقىنلاشقان ئاچ ئىتقا ئوخشايدۇ. ئەگەر سېنىڭ ئالدىڭدا گۆش ۋە نان بولمىسا، «چاق!» دېسەڭ ئىت نېرى كېتىدۇ. ئەگەر ئالدىڭدا گۆش ياكى نان بولسا ۋە ئىتمۇ ئاچ بولسا، «چاق!» دېگىنىڭگە نېرى كەتمەيدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك شەيتاننىڭ ئوزۇقى يوق قەلبتىن شەيتان پەقەت ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەنلا قوغلىنىدۇ.

ھاۋايى – ھەۋەس غالىب كەلگەن قەلبكە كەلسەك، زىكىرنىڭ تەسىرى ئۇنداق قەلبنىڭ گىرۋەكلىرىگە يامىشىپ تۇرىدۇكى، قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كىرەلمەيدۇ. نەتىجىدە قەلبنىڭ مەركىزى شەيتانغا ماكان بولىدۇ.

بۇنىڭ راستلىقىنى بىلمەكچى بولساڭ، نامازدىكى ھالىڭنى ئوبدان ئويلا ۋە قارا، نامازدا تۇرغىنىڭدا شەيتان قەلبىڭگە بازارنى، ھېساب – كىتابنى ۋە دۇنيا ئىشلىرىنى ئەسلىتىپ قانداق ۋەسۋەسە سالىدىكىن؟!

[قەلبتىن كەچكەن ئوي – خىيالنىڭ كەچۈرۈلىدىغانلىقى] بىلگىنكى، كۆڭۈلدىن كەچكەن خىيالغا گۇناھ بولمايدۇ. كۆڭلۈڭدىن كەچۈرگەن يامان ئىشلارمۇ شۇ قاتاردىندۇر. كىمكى كۆڭلىدە يامان ئىش قىلىشنى ئويلاپ، ئۇنى قىلىشتىن ئاللاھتىن قورقۇپ ۋاز كەچسە، ئۇنىڭغا بىر ياخشلىق / ساۋاب يېزىلىدۇ. ئەگەر بىر توسالغۇ سەۋەبلىك ۋاز كەچكەن بولسا ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالمىغان بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى، گۇناھتا چىڭ تۇرۇۋېلىشمۇ بىر گۇناھتۇر. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىككى مۇسۇلمان بىر – بىرىگە قىلىچ كۆتۈرسە، ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچى دوزاختا بولىدۇ» دېگەنىدى. شۇندا: «ئۆلتۈرۈلگۈچى نېمىشقا دوزاختا بولىدۇ؟» دەپ سورالغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «چۈنكى، ئۇمۇ رەقىبىنى ئۆلتۈرۈمەكچى بولغان» دېدى(2).

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق تۇرسا، ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋېلىش ۋە تىرىشىش قانداقمۇ جازالانمىسۇن؟! كىبىر، رىيا ۋە ھاكاۋۇرلۇق دېگەنلەر يوشۇرۇن ئىشلارغۇ؟! ئەگەر بىر كىشى كۆرپىسىدە يات بىر ئايالنى كۆرسە ۋە ئۇنى ئايالىم ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىپ جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، بۇ سەۋەبلىك گۇناھكار بولمايدۇ. ئەگەر ئۆز ئايالىنى كۆرۈپ، ئۇنى يات ئايال ئوخشايدۇ دەپ جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا، گۇناھكار بولىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى قەلبنىڭ كەسكىن قارار قىلىشغا باغلىقتۇر.

[قەلبنىڭ تېز ئۆزگىرىدىغانلىقى] ھەدىستە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيتتى: «اللَّهُمَّ مُقَلِّبَ الْقُلُوبِ ثَبِّتْ قُلُوبَنَا عَلَى دَيْنِكَ / ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى ئاللاھ! قەلبلىرىمىزنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن»(3).

«اللَّهُمَّ مُصَرِّفَ الْقُلُوبِ صَرِّفْ قُلُوبَنَا عَلَى طَاعَتِكَ / ئى قەلبلەرنى ئۆرۈگۈچى ئاللاھ! قەلبلىرىمىزنى سېنىڭ تائىتىڭگە ئۆرۈگىن»(4).

«قەلب بەئەينى قۇرۇق باياۋاندا شامال ئاستىن – ئۈستىن قىلىپ تۇرىدىغان بىر پەيگە ئوخشايدۇ»(5).

بىلگىنكى، قەلبلەر ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە ئارىسالدى بولۇشلىرى جەھەتتىن مۇنداق ئۈچ ھالدا بولىدۇ:

1. تەقۋالىق بىلەن ئاۋات قىلىنغان، رىيازەت بىلەن تاۋلانغان ۋە ناچار خۇيلاردىن ئېرىغدالغان قەلب. غەيب خەزىنىلىرىدىن سىرغىپ چىققان ئېزگۈ پىكىرلەر مانا مۇشۇنداق قەلبتە ئۆزىگە جاي تاپىدۇ. بۇ ئەسنادا ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆرۈنمەس ئەسكەرلىرى بىلەن ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇنى باشقا ياخشىلىقلار تامان يولغا سالىدۇ.

2. تاشلىۋېتىلگەن، ھاۋايى – ھەۋەسكە تولغان، ناچارلىقلار ئورناشقان، يامان خۇيلار بىلەن بۇلغانغان قەلب. بۇنداق قەلبنىڭ پايانى كەڭ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇندا شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۈچىيىدۇ، ئىماننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاجىزلىشىدۇ. بۇنداق قەلب ھاۋايى – ھەۋەس تۈتۈنلىرى بىلەن تولىدۇ ۋە نۇرى يوقىلىدۇ. بۇ قەلب بەئەينى ئىس – تۈتەك بىلەن توشۇپ كەتكەن كۆزگە ئوخشاش بولۇپ، ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدۇ. ھەرقانداق چەكلەش ۋە ۋەز – نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ.

3. ھاۋايى – ھەۋەس بىخ سۈرۈشكە باشلىغان قەلب بولۇپ، تۈرلۈك ھەۋەسلەر ئۇنى يامانلىققا چاقىرىدۇ، ئاندىن يېڭى كۆتۈرۈلگەن ئىمان بىخلىرى ئۇنى ياخشىلىققا چاقىرىدۇ. مەسىلەن: شەيتاننىڭ ئەقىلگە قاتتىق ھۇجۇم قىلىشى ۋە نەفسانىي ئارزۇلارغا دەۋەت قىلغۇچىنىڭ: «پالانچى ۋە پۇكۇنچىلارغا قارىمامسەن، ئۆز ھاۋايى – ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە قانداق كىرىپ كەتكەن؟!» دېگەندەك سۆزلىرى. ھەتتا ئۇ دەۋەتچى نەفسانىي ئارزۇلىرىغا دۈم چۈشكەن بەزىبىر ئالىملارنىمۇ مىسال كەلتۈرىدۇ. مۇشۇنداق تەلقىنلەر نەتىجىسىدە نەپس شەيتانغا مايىل بولىدۇ. بۇ ئەسنادا پەرىشتە شەيتانغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: «ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ پەقەتلا دۇنيا ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈرگەن كىشى ھالاك بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ نەپسلىرىدىن بىخەۋەر قالغانلىقىغا ئالدانمىغىن. ئېيتقىنا، ئەگەر خالايىق پىژغىرىم ئىسسىقتا تۇرسا – يۇ، سېنىڭ سالقىن ئۆيۈڭ بولسا، ئەجەبا سەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىسسىقتا تۇرامسەن ياكى ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك بولغاننى تاللامسەن؟ پىژغىرىم ئىسسىقتا تۇرۇشتا ئۇلارغا مۇخالىپەت قىلغان يەردە، دوزاخ ئوتىغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشتا ئۇلارغا مۇخالىپەت قىلمامسەن؟!» دەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن نەپس پەرىشتىنىڭ سۆزىگە مايىل بولىدۇ ۋە ئىككى قوشۇن ئارىسىدا ئارىسالدى بولىدۇ. بۇ ئارىسالدىچىلىق تاكى ئەڭ ياخشى يول قەلبنى ئىگىلىگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. چۈنكى، كىمكى ياخشىلىق ئۈچۈن يارىتىلغان بولسا، ئۇ ياخشىلىق يوللىرىغا مۇيەسسەر قىلىنىدۇ؛ كىمكى يامانلىق ئۈچۈن يارىتىلغان بولسا، ئۇ يامانلىق يولىغا مەھكۇم قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇ گويا ئاسمانغا چىقىۋاتقاندەك ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىۋېتىدۇ. (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ﴾(6/«ئەنئام» 125).

ئى ئاللاھ! بىزنى ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغىن!

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. ئەبۇ يەئلا (4256). ئالبانىي: («سىلسىلەتۇل ئەھادىيسىسسەھىھە»، 1795) «ھەسەن» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (31، 6875)؛ مۇسلىم (2888).
3. تىرمىزىي: (3522) «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇ سۈنەنىتتىرمىزىي»، 2792) «سەھىھ» دېگەن.
4. مۇسلىم (2654).
5. ئەھمەد (19677)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (737). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار («زىلالۇلجەننە»،227): «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: