(ھ. 792 – 863 / م. 1389 – 1459)
شەيخ ئاق شەمسىددىننىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى ھەمزە دەمەشقىي رۇمىي بولۇپ، دادىسى بىلەن رىمغا كۆچۈپ بارغان ھەمدە تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ، پۇختا ئىلىم ئىگىللىگەن ۋە ئوسمانىيلار دەۋرىدە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.
ئۇ فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدنىڭ مۇرەببىيسى ۋە مۇئەللىمى بولۇپ، نەسەبى خەلىپە ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتۇشىدۇ. ئۇ ھ. 792 / م. 1389 – يىلى دەمەشقتە تۇغۇلغان. «قۇرئان كەرىم»نى يەتتە يېشىدا يادلىغان. ئاماسيادا ئاندىن ھەلەبتە ئاندىن ئەنقەرەدە ئىلىم ئوقۇغان ۋە ھ. 863 / م. 1459 – يىلى ۋاپات بولغان.
شۇ زامانلاردا شەيخ ئاق شەمسىددىن ئەمىر مۇھەممەد فاتىھقا «قۇرئان كەرىم»، پەيغەمبەر سۈننىتى، فىقھ ۋە باشقا ئىسلامىي بىلىملەر ھەمدە ئەرەبچە، پارسچە ۋە تۈركچە تىللاردىن ئىبارەت ئاساسىي ئىلىملەرنى ئۆگەتكەن. شۇنداقلا پەننىي بىلىملەردىن ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تارىخ ۋە جەڭ بىلىملىرىنىمۇ ئۆگەتكەن. سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ھوقۇق تۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، ماگنېزيا(1)غا ۋالىي بولغان چاغدا، شەيخ ئاق شەمسىددىن ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان ئۆلىمالار قاتارىدا ئىدى.
شەيخ ئاق شەمسىددىن كىچىك ئەمىرنى ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىدە دېيىلگەن ئەمىرنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىگە قانائەتلەندۈرەلىگەن ئىدى: «كونستانتىنوپول چوقۇم فەتىھ قىلماي قالمايسىلەر. ئۇنى فەتىھ قىلغان ئەمىر نېمىدېگەن ياخشى ئەمىر – ھە! ئۇنىڭ قوشۇنى نېمىدېگەن ياخشى قوشۇن – ھە!»(2).
ئەمىر مۇھەممەد ئوسمانىيلار دۆلىتىگە سۇلتان بولغان چاغدا، ئۇنىڭ ئۇستازى دەرھال ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنى روياپقا چىقىرىشى ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە يوليورۇق بەردى. ھالبۇكى، مۇھەممەد تېخى يېشى كىچىك يىگىت (21 ياش) ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوسمانىيلار قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن كونستانتىنوپولنى قامال قىلدى ۋە 54 كۈن قاتتىق جەڭ بولدى. ۋىزانتىيەلىكلەر ۋاقىتلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىگە پاپا ئەۋەتكەن تۆت كېمىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ۋىزانتىيە خەلقى شادلانغان ۋە ئۇلارنىڭ روھى كۆتۈرۈلگەن بىر ھالەتتە، ئوسمانىيلار ئەمىرلىرى ۋە ۋەزىرلىرى يىغىلىپ سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا: «سىلى بىر شەيخنىڭ گېپىگە كىرىپ، بۇ قامالغا مۇشۇنداق زور ئەسكەر چىقاردىلا. ئەسكەرلەر ئۆلدى، نۇرغۇن ھازىرلىقلار بەربات بولدى. قەلئە ئىچىدىكى كاپىرلارغا ياۋروپا ئەللىرىدىن ياردەملەر كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ فەتىھدىن ھېچبىر ئۈمىد قالمىدى» دېدى. نەتىجىدە، سۇلتان مۇھەممەد ۋەزىرى ۋەلىييىددىن ئەھمەد پاشانى چېدىرىدا تۇرۇۋاتقان شەيخ ئاق شەمسىددىننىڭ قېشىغا ئۇنىڭدىن چارە سوراش ئۈچۈن ئەۋەتتى. شەيخ: «ئاللاھ چوقۇم بىزگە فەتىھنى نېسىپ قىلىدۇ» دەپ جاۋاب قايتۇردى. سۇلتان بۇ جاۋابقا قانائەت قىلماي، ۋەزىرىنى شەيختىن تېخىمۇ ئېنىقراق چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ يەنە بىر قېتىم ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شاگىرتى مۇھەممەد فاتىھقا مۇنداق دەپ خەت يازدى: «ئەزىز قىلغۇچى ۋە ياردەم بەرگۈچى ئاللاھتۇر… شۇ كېمە ئىشى بىزدە قەلبلەردە سولغۇنلۇق ۋە مالامەت، كاپىرلاردا بولسا خۇشاللىق ۋە كۆرەڭلەش پەيدا قىلدى. شۈبھىسىزكى، شۇنداق بىر ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بار: بەندە تەدبىر قىلىدۇ، ئاللاھ تەقدىر قىلىدۇ. ھۆكۈم ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. بىز ھەقىقەتەن ئاللاھقا سىغىندۇق، ‹قۇرئان كەرىم› تىلاۋەت قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن مېنى بىر مۈگدەك بېسىپ ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن بېشارەتلەر ئايان بولدى».
بۇ خىتاب ئەمىرلەرنىڭ ۋە ئەسكەرلەرنىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئوسمانىيلار ئۇرۇش مەجلىسى كونستانتىنوپولنى فەتىھ قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. ئاندىن سۇلتان مۇھەممەد شەيخ شەمسىددىننىڭ چېدىرىغا باردى ۋە ئۇنىڭ قولىغا سۆيۈپ: «ھەزرىتىم! ماڭا بىر دۇئا ئۆگىتىپ قويسىڭىز، ئاللاھنىڭ مېنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى ئۈچۈن شۇ دۇئانى قىلسام» دېدى. شۇنىڭ بىلەن شەيخ ئۇنىڭغا بىر دۇئانى ئۆگىتىپ قويدى. سۇلتان شەيخىنىڭ چېدىرىدىن چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغاشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.
سۇلتان ھۇجۇم جەريانىدا شەيخىنىڭ ئۆز يېنىدا بولۇشىنى ئىستىدى – دە، ئۇنى چاقىرتىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى. لېكىن، شەيخ ھېچكىمنىڭ چېدىرغا كىرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغانىدى. چېدىر مۇھاپىزەتچىلىرى سۇلتاننىڭ ئەلچىسىنى كىرىشتىن توستى. مۇھەممەد خان فاتىھ ئاچچىقلىنىپ، ئۇنى چاقىرىش ئۈچۈن شەيخنىڭ چېدىرىغا ئۆزى باردى. مۇھاپىزەتچىلەر شەيخنىڭ ئەمرىگە بىنائەن سۇلتاننىمۇ كىرگۈزمىدى. شۇنىڭ بىلەن فاتىھ خەنجىرىنى چىقىرىپ، چېدىرنىڭ دىۋارىنى بىر تەرىپىدىن ياردى ۋە ئىچىگە قارىدى. قارىغۇدەك بولسا، ئۇستازى ئاللاھقا ئۇزۇندىن ئۇزۇن سەجدە قىلىۋاتقان، سەللىسى بېشىدىن چۈشۈپ كېتىپ، ئاق چاچلىرى يەرگە ساڭگىلاپ تۇرغان، ئاپئاق ساقىلى چېچى بىلەن قوشۇلۇپ نۇر ئەكس ئېتىۋاتقان ئىدى. ئاندىن سۇلتان ئۇستازىنى سەجدىدىن تۇرغاندىن كېيىنكى ھالىتىنى كۆردى. ئۇستازىنىڭ مەڭزىلىرىدىن ياشلار تاراملايتتى. ئۇ ھەقىقەتەن ئۆز رەببىگە مۇناجات قىلىپ، رەببىنىڭ ياردەم چۈشۈرۈشىنى ۋە تېز غەلىبە ئاتا قىلىشىنى تىلەۋاتاتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ قوماندانلىق مەركىزىگە قايتىپ، قامال قىلىنغان سېپىللارغا نەزەر تاشلىدى. توساتتىن، ئوسمانىيلار ئەسكەرلىرى سېپىلدىن يوچۇقلارنى ئاچتى – دە، شۇ يوچۇقتىن كونىستانتىنوپۇلغا ئېتىلىپ ماڭدى.
سۇلتان بۇنىڭدىن خۇشال بولدى ۋە: «مېنىڭ خۇشاللىقىم شەھەرنىڭ فەتىھ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى زامانىمدا مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ بولغىنى ئۈچۈندۇر» دېدى.
ئىمام شەۋكانىي(3) «ئەلبەدرۇتتاﻟﯩﺌ / البدر الطالع» ناملىق كىتابىدا، شەيخ شەمسىددىننىڭ بەرىكىتى ۋە پەزلىنىڭ نامايان بولۇپ، ئۇنىڭ فاتىھ سۇلتانغا كونستانتىنوپولنىڭ ئۇنىڭ قولىدا فەتىھ بولىدىغان كۈننى بەلگىلەپ بەرگەنلىكىنى زىكىر قىلغان.
ئوسمانىيلار قوشۇنلىرى شەھەرگە قەھرىمانلارچە ئېتىلىپ كىرىۋاتقان چاغدا، شەيخ ئاللاھنىڭ ئۇرۇشتىكى بەلگىلىمىلىرىنى ۋە ئىسلام شەرىئىتىدىكى فەتىھ قىلىنغان خەلقلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن، فاتىھ سۇلتاننىڭ قېشىغا كەلدى.
سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ فەتىھ ئەسكەرلىرىنى ھەدىيە ۋە ئاتا – ئېھسانلار بىلەن تارتۇقلاپ، ئۇلارغا ئۈچ كۈن مول زىياپەت بەردى. ئۈچ كۈن جەريانىدا پائالىيەتلەر ۋە كۆڭۈل ئېچىشلار ئۇيۇشتۇرۇلدى. «قەۋمنىڭ باشلىقى ئۇلارنىڭ خىزمەتكارىدۇر» دېگەن سۆزگە ئاساسەن، سۇلتان ئۆزى ئەسكەرلىرىگە خىزمەت قىلدى. ئاندىن پەرھىزكار ئالىم شەيخ ئاق شەمسىددىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئى ئىسلام ئەسكەرلىرى! بىلىڭلار ۋە ئەسلەڭلاركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلەر توغرۇلۇق: ‹كونستانتىنوپول چوقۇم فەتىھ قىلىنىدۇ. ئۇنى فەتىھ قىلغان ئەمىر نېمىدېگەن ياخشى ئەمىر – ھە! ئۇنىڭ قوشۇنى نېمىدېگەن ياخشى قوشۇن – ھە!› دېگەن ئىدى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بىزگە تەۋپىق بېرىشىنى ۋە مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەيمىز. دىققەت! ئېرىشكەن غەنىيمەت ماللارنى ئىسراپ قىلماڭلار، بۇزۇپ چاچماڭلار، ئۇنى مۇشۇ شەھەر ئەھلى ئۈچۈن ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىڭلار، سۇلتانىڭلارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈڭلار». ئاندىن ئۇ فاتىھقا بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا: «ئى سۇلتانىم! ئەمدى سىز ئوسمان خانىدانىنىڭ كۆز قارىچۇقىغا ئايلاندىڭىز، داۋاملىق ئاللاھ يولىدا مۇجاھىد بولۇڭ» دېدى. ئاندىن جاراڭلىق ئاۋازدا ئاللاھقا تەكبىر ئېيتتى.
شەيخ ئاق شەمسىددىن كونستانتىنوپول فەتىھسىدىن كېيىن، كونستانتىنوپول سېپىللىرىغا يېقىن بىر يەردىن ئۇلۇغ ساھابە ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىينىڭ قەبرىسىنى تاپتى.
شەيخ ئاق شەمسىددىن ئاياسوفيا مەسجىدىدە تۇنجى جۈمە خۇتبىسى سۆزلىگەن كىشى بولغان ئىدى.
شەيخ ئاق شەمسىددىننىڭ سۇلتاننىڭ مەغرۇرلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشى
سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ ئۇستازى ئاق شەمسىددىننى قاتتىق ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۇستازىنىڭ چوڭ ئورنى بار ئىدى. فەتىھتىن كېيىن سۇلتان ئەتراپىدىكىلىرىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر مېنى خۇشال ھالەتتە كۆرۈۋاتىسىلەر. مېنىڭ خۇشاللىقىم بۇ قەلئەنىڭ فەتىھ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مېنىڭ دەۋرىمدە ئالىيجاناب بىر شەيخنىڭ بولغانلىقىدا گەۋدىلىنىدۇ. ئۇ شەيخ مېنىڭ تەربىيەچىم شەيخ ئاق شەمسىددىندۇر».
سۇلتان ۋەزىرى مەھمۇد پاشا بىلەن بولغان بىر سۆھبىتىدە ئۇستازىدىن ئەيمىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ شەيخ ئاق شەمسىددىنغا بولغان ھۆرمىتىم ئىختىيارسىز بىر ھۆرمەتتۇر. ئۇنىڭ يېنىدا بولغىنىمدا بىر خىل ھاياجان ۋە ئەيمىنىش ھېس قىلىمەن».
ئىمام شەۋكانىي «ئەلبەدرۇتتاﻟﯩﺌ / البدر الطالع»تا مۇنداق دېگەن: «بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سۇلتان ئاق شەمسىددىننىڭ چېدىرىغا كەلدى. ھالبۇكى، شەيخ يېنىچە يېتىۋاتاتتى. شەيخ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورنىدىنمۇ تۇرمىدى. سۇلتان ئۇنىڭ قولىغا سۆيدى ۋە ئۇنىڭغا:
_ يېنىڭىزغا بىر ھاجەت ئۈچۈن كەلدىم، _ دېدى.
_ نېمە ھاجەت؟ – دېدى ئۇ.
_ يېنىڭىزدا (تائەت – ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن) خىلۋەتكە كىرەي دەيمەن، – دېدى سۇلتان. شەيخ ئۇنىمىدى. سۇلتان تەلىپىدە چىڭ تۇرىۋالدى. _ ياق! _ دەيتتى شەيخ. نەتىجىدە، سۇلتان ئاچچىقلىنىپ:
_ قېشىڭىزغا تۈركلەردىن بىرەرى كەلسە، بىر گېپى بىلەنلا خىلۋەتكە كىرگۈزىسىز، ماڭا كەلگەندە ئۇنىمايسىز، _ دېدى. شەيخ جاۋابەن:
_سىز خىلۋەتكە كىرىپ كەتسىڭىز بىر لەززەتنى(4) ھېس قىلىسىز – دە، كۆزىڭىزدە سەلتەنەتنىڭ ئېتىبارى قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشلار قالايمىقانلىشىدۇ، نەتىجىدە، ئاللاھ بىزگە غەزەپ قىلىدۇ. خىلۋەتتىن مەقسەت ئادالەت ھاسىل قىلىشتۇر. سىز مۇنداق – مۇنداق ئىشلارنى قىلىڭ، _ دېدى ۋە ئۇنىڭغا بىرمۇنچە نەسىھەتلەرنى قىلدى. ئاندىن شەيخكە مىڭ دىنار بېرىلىۋىدى، قوبۇل قىلمىدى. سۇلتان مۇھەممەدخان ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن چىققاندىن كېيىن، يېنىدىكى بىرىگە:
_ شەيخ مەن ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرمىدىغۇ؟! _ دېۋىدى، ئۇ:
_ بەلكىم ئۇ ھەر بۈيۈك سۇلتانلارغا نېسىپ بولمىغان بۇ فەتىھ سەۋەبلىك سىلىنىڭ بىرئاز مەغرۇرلىنىپ قالغانلىقلىرىنى كۆرگەن بولسا، سىلىدىن شۇ مەغرۇرلۇقنى يوقىتىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك، _ دېدى.
مۇھەممەد فاتىھنى ئىمان، ئىسلام ۋە ئېھسان مەنىلىرى بىلەن تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلگەن بۇ ئۇلۇغ ئالىم مانا مۇشۇنداق ئىدى. بۇ شەيخ يالغۇز دىن بىلىملىرىدىلا پۇختا بولماستىن، بەلكى ئۆسۈملۈك، تېبابەت ۋە دورىگەرلىك جەھەتلەردىمۇ ئالىم ئىدى. ئۇ ئۆز زامانىسىدا دۇنياۋى ئىلىملىرى، ئۆسۈملۈك ئىلمى تەتقىقاتلىرى ۋە ئۆسۈملۈك بىلەن كېسەل داۋالاشلىرى بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئۇ «ھەر ئۆسۈملۈكنىڭ ئارقىسىدا بىر ئاق شەمسىددىن بار» دەيدىغان دەرىجىدە، مەسەلگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.
شەۋكانىي ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «ئۇ قەلب دوختۇرى بولۇش بىلەن بىرگە بەدەن دوختۇرى بولغانىدى. دەرەخلەر ئۇنى چاقىرىپ: مەن پالانى كېسەلگە شىپامەن، دەيدىغانلىقى كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ كەتكەن. ئاندىن ئۇنىڭ بەرىكىتى كەڭ يېيىلىپ، پەزلى ئاشكارا بولغان».
شەيخنىڭ قەلب كېسەللىكلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك بەدەن كېسەللىكلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى
شەيخ ئاق شەمسىددىن ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە بۇ خىل كېسەللىكلەر نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانىدى. ئۇ بۇ توغرۇلۇق «ماددەتۇل ھايات» نامىدا تۈركچە بىر كىتاب يازغان بولۇپ، كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «كېسەللىكلەر ئادەمدە ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئويلاش خاتادۇر. كېسەللىك بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۇقۇش ئارقىلىق يۆتكىلىدۇ. بۇ يۇقۇش ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە كىچىك ۋە ئىنچىكىدۇر. لېكىن، بۇ، جانلىق دانچىلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن پەيدا بولىدۇ»(5).
دېمەك، شەيخ ئاق شەمسىددىن م. 15 – ئەسىردە مىكروپنىڭ ئېنىقلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مىكروپقا ئېنىقلىما بەرگەن تۇنجى كىشى بولۇپ، مىكروسكوپ تېخى چىقمىغان ئىدى. شەيخنىڭ ھاياتىدىن تۆت ئەسىر كېيىن فرانسىيەلىك خىمىك ۋە بىئولوگ لويىس پاستۇر (Louis Pasteur) مەيدانغا كېلىپ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئوخشاش نەتىجىنى چىقارغان.
شەيخ ئاق شەمسىددىن يەنە راك كېسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە شۇ ھەقتە كىتاب يازغان. شەيخ تېبابەت ئىلمىدە ئوسمانىيلار تۈركچىسىدە «ماددەتۇل (ياكى مائىدەتۇل) ھايات» دەپ تونۇلغان «تېب رىسالەسى» ئىككى كىتاب يازغان، بىرى،. ئۇنىڭ ئەرەب تىلىدا يەتتە كىتابى بار بولۇپ، ئۇلار: «ھەللىلمۇشكىلات / حل المشكلات ياكى دەفئۇ مەتائىنۇلسسۇفىييە / دفع مطاعن الصوفية»، «تەلخىسۇل مەتائىن / تلخيص المتائن»، «نۇرانە رىسالە / الرسالة النورية»، «ماقالاتۇل ئەۋلىياﺋ / مقالات الأولياء»، «ئاللاھنىڭ زىكرى ھەققىدە رىسالە / رسالة في ذكر الله»، «ھاجى بايرام ۋەلى ھېكمەتلىرى شەرھى / رسالة في شرح أقوال حاجي بايرام ولي» قاتارلىقلار.
ۋاپاتى
شەيخ يۇرتىغا قايتىشقا ھاجىتى چۈشكەندىن كېيىن، سۇلتاننىڭ ئۇنىڭ ئىستانبۇلدا قېلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىغا قارىماستىن يۇرتى گۆينۈككە قايتتى ۋە ھ. 863 / م. 1459 – يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭغا ئاللاھدىن رەھمەت، مەغپىرەت ۋە رىزۋانلار بولسۇن!
ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىكى قانۇنىيىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. قانداق بىر خۇداگۇي قوماندان، قانداق بىر باتۇر فاتىھ چىقسۇن، ئۇنىڭ كەينىدە چوقۇم ئۇنىڭغا تەلىم – تەربىيە بەرگەن ۋە توغرىغا يېتەكلىگەن تۆھپىكار ئالىملار بولغان. بۇنىڭ مىساللىرى كۆپ. مەسىلەن، مۇرابىتۇنلار دۆلىتىنىڭ باشلىقى يەھيا ئىبنى ئىبراھىمنىڭ كەينىدە ئابدۇللاھ ياسىن، ئەييۇبىيلەر دۆلىتىنىڭ باشلىقى سالاھىددىننىڭ كەينىدە قازى پازىل بار ئىدى. مانا بۇ ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد فاتىھنىڭ كەينىدە بولسا ئاق شەمسىددىن بار ئىدى. ئاللاھ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلسۇن، ئۇلارنىڭ نامىنى سالىھلار قاتارىدا ئۈستۈن قىلسۇن!
مەنبە: شەرىف ئابدۇلئەزىز زۇھەيرنىڭ «أبطال سقطوا من الذاكرة» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي
1. ھازىر گرېتسىيەگە تەۋە جاي.
2. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 18977 – ھەدىس. ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 8300 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 1200 – ھەدىس؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت بىلەن ئالبانىي: «زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»دا: (4655 – ھەدىس) ««زەئىف» دېگەن.
3. ئىمام بەدرۇددىن ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەششەۋكانىي (الإمَامُ بَدْرُ الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بْنُ عَليّ بْنِ مُحَمَّدِ بْنِ عَبْدِ اللهِ الشَّوْكَانِيُّ، ھ. 1173 – 1260 / م. 1760 – 1834) – سانئادا قازى ۋە ھاكىم بولغان يەمەن ئەللامەلىرىدىن بىرى، كۆپ قىرلىق ئالىم، مەشھۇر مۇجتەھىد، «ئىرشادۇفۇھۇل» (ئۇسۇلى فىقھ)، «نەيلۇل ئەۋتار» (ھەدىس ئەھكاملىرى)، «فەتھۇل قەدىر» (تەفسىر)، «ئەسسەيلۇل جەررار»( فىقھ) ۋە «ئەلبەدرۇتتاﻟﯩﺌ» (تەرجىمىھال) قاتارلىق نۇرغۇن كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان.
4. تائەت – ئىبادەت، زىكىر – تەسبىھلەرنىڭ لەززىتىنى دېمەكچى.
5. شەۋكانىي: «ئەلبەدرۇتتاﻟﯩﺌ»، 2- توم، 166 – بەت.