ھالال رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى، ھارامنىڭ يامانلىقى ۋە ھالال بىلەن ھارامنىڭ دەرىجىلىرى

ھالال رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى، ھارامنىڭ يامانلىقى ۋە ھالال بىلەن ھارامنىڭ دەرىجىلىرى

ھالال ۋە ھارامنىڭ بايانى
بىلگىنكى، ھالال رىزىق تەلەپ قىلىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. نۇرغۇن جاھىللار «ھالال قالمىدى» دەپ بىلجىرلاشتى. ئۇلارچە: ھالال نەرسىلەردىن پەقەت پاكىز سۇ، ھۆل – قۇرۇق ئوت – چۆپلەرلا قالغان، باشقا نەرسىلەرنى بۇزۇق مۇئامىلىلەر بۇلغاپ بولغان ئىمىش. ئۇلار باشتا مۇشۇ چۈشەنچىگە كېلىۋېلىپ، قارىسا يېمەك – ئىچمەكسىز ھايات داۋاملاشمايدىغانلىقىنى بىلگەندە، شۈبھىلىك ۋە ھارام نەرسىلەردە بەك كەڭرى يول تۇتتى. مانا بۇ نادانلىق ۋە ئىلىمسىزلىكتۇر. دەرۋەقە، «سەھىھەين»دە نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق. بۇلارنىڭ ئارىسىدا گۇمانلىق نەرسىلەر بار» دېگەن(1).

بۇ نادانلارنىڭ دەۋالىرى ھەم خەلققە، ھەم دىنغا زىيانلىق بىدئەتلەر بولغاچ، ھالال، ھارام ۋە شۈبھىلىك نەرسىلەرنى ئېنىق ئايرىپ، بۇ بۇزۇق دەۋا ئۈستىدىكى پەردىلەرنى ئېچىپ تاشلاش زۆرۈر بولدى. بىز بۇلارنى بىرنەچچە قىسىمدا چۈشەندۈرىمىز:

بىرىنچى قىسىم: ھالال رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى، ھارامنىڭ يامانلىقى ۋە ھالال بىلەن ھارامنىڭ دەرىجىلىرى
ئاللاھ تائالا: ﴿ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 51) دېيىش ئارقىلىق ياخشى ئەمەل قىلىشتىن بۇرۇن ھالال نەرسىلەرنى يېيىشكە بۇيرۇدى. شۇنداقلا ھارامنىڭ يامانلىقىنى بايان قىلىپ: ﴿بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار…﴾ (2/«بەقەرە»: 188) دېدى. بۇ ھەقتە باشقا ئايەتلەرمۇ بار(2).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى خالايىق! ئاللاھ پاكتۇر، پاكتىن باشقىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە: ﴿ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 51) دەپ بۇيرۇغان نەرسىنى مۇئمىنلەرگىمۇ بۇيرۇپ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 172) دېگەن» دېدى، ئاندىن: «بىر كىشى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن (ھەق يولىدا) ئۇزۇن سەپەرگە چىقىدۇ، ۋە چاچلىرى چۇۋۇق، چاڭ – توزان باسقان ھالدا قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ: ‹ئى ئىگەم! ئى پەرۋەردىگارىم!› دەپ يالۋۇرىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېگىنى ھارام، ئىچكىنى ھارام، كىيگىنى ھارام، (قىسقىسى) پۈتكەن – تۇرغىنى ھارام تۇرسا، بۇنداق كىشىنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت بولغاي!»(3) دېدى. بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەرمۇ بار.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن دۇئالىرىنىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى سورىغانىدى، ئۇ زات: «تامىقىڭنى پاكلىغىنكى، دۇئايىڭ ئىجابەت بولغاي» دېدى(4).

سەلەفلەر تاپاۋىتىنىڭ ھالالدىن بولۇشىغا بەك دىققەت قىلاتتى ۋە تەكشۈرۈپ تۇراتتى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۈبھىلىك بىرنەرسىنى يەپ سېلىپ ئۇنى قۇسۇۋەتكەن.

ھالال ۋە ھارامنىڭ دەرىجىلىرى

بىلگىنكى، ھالالنىڭ ھەممىسى پاك، لېكىن بەزىسى بەزىسىدىن بەكرەك پاكتۇر. ھارامنىڭ ھەممىسى يامان، لېكىن ھارامنىڭمۇ بەزىسى بەزىسىدىن بەكرەك ياماندۇر. مەسىلەن: تېۋىپلەر ھەرقانداق تاتلىق نەرسىنى «تەبىئىتى ئىسسىق» دەۋېرىدۇ. ھالبۇكى، تېبابەتتە «ئىسسىق» تۆرت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.

ھارامغا كەلسەك: ناتوغرا سودا توختىمى بىلەن ئېلىۋېلىنغان مال ھارام. لېكىن، ئۇ مەجبۇرىي بۇلاپ ئېلىۋېلىنغان مالنىڭ دەرىجىسىدە ھارام ئەمەس، مەجبۇرىي بۇلاپ ئېلىۋېلىنغان مال بەكرەك ھارام. چۈنكى، جەبرەن بۇلاپ ئېلىۋېلىش باشقىلارغا ئەزىيەت بەرگەنلىك ۋە مالغا ئېرىشىشتە شەرىئەت يولىنى تەرك ئەتكەنلىكتۇر. لېكىن، ناتوغرا سودا توختامى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مېلىنى ئېلىۋېلىش پەقەت ئىبادەت يولىنى تەرك ئەتكەنلىكتۇر. شۇڭا، بۇلاڭچىلىق بىلەن ئېلىۋېلىنغان مالنىڭ ھاراملىق دەرىجىسى ناتوغرا سودا توختىمى بىلەن ئېلىۋېلىنغان ھارام مالدىن يۇقىرىراقتۇر.

شۇنىڭدەك نامراتتىن، سالىھ كىشىدىن ياكى يېتىمدىن زۇلۇم قىلىپ ئېلىۋېلىنغان مال كۈچلۈكتىن، بايدىن ياكى پاسىقتىن زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىنغان مالغا قارىغاندا بەكرەك ھارام.

تەقۋادارلىقنىڭ دەرىجىلىرى

تۆرت دەرىجە تەقۋادارلىق باردۇر:

1 – دەرىجە: پەتۋا بىلەن مۇقىمدالغان بارلىق ھاراملاردىن يۈز ئۆرۈش؛ بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرۈش ھاجەتسىز.

2 – دەرىجە: ساقلىنىش ۋاجىب بولمىغان ھەرقانداق شۈبھىدىن يىراق تۇرۇش مۇستەھەب؛ دەرۋەقە رەسۇلۇللاھ: «سېنى دەرگۇمان قىلغان ئىشنى قويۇپ، بىگۇمان ئىشنى قىلغىن»(5) دېگەن. بۇ ھەقتە «شۈبھىلەر» قىسمىدا تەپسىلىي توختىلىمىز.

3 – دەرىجە: ھارامغا چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپ بەزى ھالاللاردىن ۋاز كېچىش؛

4 – دەرىجە: ئاللاھ ئۈچۈن بولمىغان ھەرقانداق نەرسىدىن نېرى تۇرۇش. بۇ سىددىقلارنىڭ تەقۋاسىدۇر. بۇنىڭ مىسالى مۇنۇ رىۋايەتتە كەلگەن:

يەھيا ئىبنى يەھيا نىشاپۇرىي — ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنىڭغا بولسۇن — دورا ئىچتى، ئايالى ئۇنىڭغا:

— ھويلىدا ئازراق مېڭىپ بەرگەن بولسىڭىز دورا تېزرەك تەسىر قىلاتتى، — دېدى، ئۇ:

— مەن بۇنداق مېڭىش ھەققىدە (سۈننەت بارلىقىنى) بىلمەيدىكەنمەن، ھالبۇكى مەن ئوتتۇز يىلدىن بېرى نەپسىمدىن ھېساب ئېلىۋاتىمەن، — دېدى.

دېمەك، نىشاپۇرىي رەھىمەھۇللاھ ھەرقانداق بىر دىنىي مۇددىئاسىز ھويلىدا مېڭىپ يۈرۈشنى خاھلىمىدى. مانا بۇ تەقۋالىقنىڭ نازۇك تەرەپلىرىدىندۇر.

ئەمەلىيەتتە تەقۋادارلىقنىڭ تۆۋەن ۋە يۇقىرى چەكلىرى بار بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئېھتىيات دەرىجىلىرى بار. ئىنسان نەپسىگە قانچە قاتتىق مۇئامىلە قىلسا، يۈكى شۇنچە يەڭگىل بولىدۇ ۋە سىرات كۆۋرۈكىدىن شۇنچە تېز ئۆتىدۇ. كىشىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە ھارام قىلمىشلىرىغا يارىشا جەھەننەمدىكى دەرىجىسى ئۆزگەرگەندەك تەقۋالىق دەرىجىسىگە يارىشا جەننەتتىكى ماقامىمۇ ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا، خاھلىساڭ قاتتىق ئېھتىيات قىل، خاھلىساڭ سەل قارا. ئېھتىياتچانلىقىڭ ئۆز پايداڭغا، سەل قارىشىڭ زىيىنىڭغا.

ئىككىنچى قىسىم: شۈبھىلەرنىڭ مەرتىۋىسى ۋە شۈبھىلەرنى ھالال ۋە ھارامدىن پەرقلەندۈرۈش
نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىس(6) ھالال، ھارام ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى شۈبھىلىك ئىشلار قاتارلىق ئۈچ تۈرنى ئوچۇق بەلگىلىدى. بۇلادىن ئەڭ قىيىنى دەل كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەيدىغان ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شۈبھىلىك شەيئىلەردۇر. ئېنىق قىلىپ ئېيتساق:

مۇتلەق ھالال: ئۆزى ۋە مەنبەسى ھارام ياكى مەكرۇھتىن تامامەن خالىي نەرسىدۇر. مەسىلەن: ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ تەۋەلىكىگە چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئېلىۋېلىنغان يامغۇر سۈيى مۇتلەق ھالالدۇر؛

مۇتلەق ھارام: خۇددى ھاراق، سۈيدۈك قاتارلىق تەركىبىدە ھارام بار نەرسىلەر ياكى زۇلۇم ۋە جازانىگە ئوخشاش چەكلەنگەن بىر سەۋەب / ئۇسلۇب بىلەن ئېرىشىلگەن نەرسىلەردۇر.

مانا بۇلار — ھالاللىقى ۋە ھاراملىقى — ئوچۇق ئىككى تەرەپتۇر. ھۆكمى ئېنىق، ئەمما ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بار تۇرۇپمۇ بۇ ئېھتىماللىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە دالالەت قىلىدىغان ئوچۇق بىر سەۋەب تېپىلمىغان نەرسىلەرمۇ ئىككىسىدىن بىرىگە تەۋەدۇر. مەسىلەن: قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئوۋلىرى ھالالدۇر. لېكىن، بىر كىشى ئوۋلىغان بىر كېيىك ياكى بېلىقنى بۇرۇن باشقا بىر ئوۋچى ئوۋلاپ، ئۇنىڭ قولىدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن. ھاۋادىن ئېلىۋېلىنغان يامغۇر سۈيى ئۈچۈن بۇ خىل ئېھتىماللىق يوق. ئوۋچىلىقتا داۋاملىق بۇ ئېھتىماللىقنى ئويلاش ۋە شۇنىڭ ئۈچۈنلا ئوۋچىلىقتىن ۋاز كېچىش پەقەت ۋەسۋەسە سەۋەبلىك ئارتۇقچە سەزگۈرلىشىپ كېتىشتۇر. چۈنكى، ئۇ ئاساسسىز پەرەزدىنلا ئىبارەتتۇر. لېكىن، كېيىكنىڭ تېنىدە ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئوۋى ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىدىغان يارا چاغلىق بىر ئالامەت بار بولسا ھۆكۈم ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، كىشى بىر كېيىكنى تۇتقاندىن كېيىن تېنىدە بىرەر جاراھەت ئىزىنى تاپسا، بۇنىڭ باشقىلارنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى بار. دېمەك، مانا مۇشۇ نۇقتا تەقۋالىقنىڭ ئورنىدۇر.

شۈبھىنىڭ چېكى دېگىنىمىز ئوخشىمىغان ئىككى قانائەتنى تەقەززا قىلىدىغان ئىككى نەرسىدىن چىققان ئىككى قاراش (ھالال ياكى ھارام ئىكەنلىكىدە) قارىمۇقارشى كېلىپ قالغان نۇقتىدۇر.

شۈبھىنىڭ مەنبەلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئەڭ مۇھىملىرى مۇنۇ ئىككى مىسالدا:

بىرىنچى مىسال: ھالال ياكى ھارام قىلغۇچى ئامىل ھەققىدە شۈبھىگە چۈشۈش. بۇ تۆرت تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

1 – تۈر: ئەسلى ئېنىق ھالال، ئەمما دەمال شەك پەيدا بولۇش. بۇ تۈرلۈك شۈبھىدە ساقلىنىش ۋاجىب، تەۋەككۈل قىلىش ھارامدۇر. مەسىلەن: كىشى بىر ئوۋنى كۆرۈپ، ئۇنى يارىلاندۇرسا، ئاندىن ئۇ ھايۋان قېچىپ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، ئوۋچى ئۇنى ئۆلۈك ھالەتتە تاپسا، ئوۋچى ئۇنى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلدىمۇ ياكى ئوق يارىسى سەۋەبىدىن ئۆلدىمۇ بىلەلمىسە، بۇ ھايۋاننى يېيىش ھارام. چۈنكى، بۇنىڭدا ئەسىل قائىدە ھايۋاننىڭ ھارام بولىدىغانلىقىدۇر.

2 – تۈر: ھالال ئىكەنلىكى بىلىنگەن، ھارام بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىدىن شەك قىلىش. بۇ مەسىلىدە ئەسىل قائىدە بويىچە ئۇ نەرسە ھالال. مەسىلەن: بىر ئۇچارقانات ئۇچسا، ئاندىن بىر ئادەم: «ئەگەر بۇ قۇش قاغا بولۇپ قالسا، ئايالىم تالاق» دېگەن بولسا ۋە باشقا بىر ئادەم: «ئەگەر ئۇ ئۇچارلىق قارغا بولمىسا، ئايالىم تالاق» دېسە، ئاندىن بۇ ئۇچارقانات (قارغىمۇ، يا ئەمەسمۇ) ئوچۇق بولمىسا، بىزچە ئىككىلىسىگە «ھارام» دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ. لېكىن، ھەر ئىككىسىنىڭ ئايالىدىن يىراق تۇرۇشى ۋە ئاياللىرىنىڭ تالاق قىلىنىشى تەقۋالىقتۇر.

3 – تۈر: ئەسلىدە ھارام، لېكىن كۈچلۈك بولغان بىر گۇمان سەۋەبلىك ھالاللىقنى ۋاجىب قىلىدىغان بىر سەۋەب كېيىن ئوتتۇرىغا چىققاچ شەك – شۈبھە تۇغۇلۇش. بۇنىڭدا ھالاللىق ئېھتىمالى ئۈستۈندۇر. مەسىلەن، بىراۋ بىر ئوۋنى ئېتىپ تەگكۈزىدۇ – يۇ، ئۇنى تۇتۇۋالماي تۇرۇپ يوقىتىپ قويىدۇ. كېيىن ئۇ كىشى ئوۋنى ئۆلۈك ۋە ئۆزى ئاتقان ئوقتىن باشقا يارا ئىزى يوق ھالدا تاپىدۇ، كۈچلۈك قاراشتا ئۇ ھايۋان ھالال. چۈنكى، ئۇنىڭ باشقا ئامىل بىلەن ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقى دەلىلگە تايانمىسا، بۇ شۈبھە پەقەت ۋەسۋەسىدىن ئىبارەتتۇر. ئەمما ئوۋنىڭ ئۈستىدە باشقا سوقۇلۇش ياكى جاراھەت ئىزى بولسا بىرىنچى تۈرگە كىرىدۇ (يەنى ئۇ ھايۋاننى يېيىش ھارامدۇر).

4 – تۈر: ھالاللىقى باشتىن ئېنىق، لېكىن كېيىنچە شەرئىي جەھەتتە ئېتىبارلىق، كۈچلۈك بىر گۇمان بىلەن ھارامغا جورۇلۇپ قېلىش. مەسىلەن: گۇمان قوزغايدىغان مۇئەييەن بىر ئالامەتكە تايىنىپ تۇرۇپ ئىككى قاچىنىڭ بىرىنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىگە — ئىجتىھاد بىلەن — ھۆكۈم قىلىنىشى. بۇ ھۆكۈم ئۇ قاچىدىكى سۇدا تاھارەت ئېلىشنى ھارام قىلغاندەك، ئۇنىڭدىكى سۇنى ئىچىشنىمۇ ھارام قىلىدۇ.

ئىككىنچى مىسال: ھارامنىڭ ھالال بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشى ۋە ئۇنى ئېنىق ئايرىشتا ئاجىز كېلىش. بۇ بىرنەچچە تۈرلۈكتۇر:

1) ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىڭ بىسمىللاھ ئېيتىپ بوغۇزلانغان بىر ياكى ئون ۋەياكى مەلۇم ساندىكى ھايۋاننىڭ گۆشى بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشى؛ ئېمىلداش قىز قېرىنداشنىڭ يات ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشىمۇ شۇ قاتاردىن. بۇ خىل شۈبھىدىن يىراق تۇرۇش ۋاجىبتۇر (يەنى ئۇنداق گۆشمۇ يېيىلمەيدۇ، ئۇنداق قىزغىمۇ ئۆيلىنىلمەيدۇ).

2) سانى ئېنىق ھارامنىڭ سانى ئېنىقسىز ھالال بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشى؛ مەسىلەن، كىشىنىڭ بىر ياكى ئون ئېمىلداش قىز قېرىندىشى چوڭ بىر شەھەردىكى ئاياللارغا ئارىلىشىپ قالسا، بۇ شەھەردىكى ھېچقانداق ئايال بىلەن توي قىلماسلىق كېرەك ئەمەس، بەلكى ئۇ شەھەردىكى خاھلىغان ئايال بىلەن توي قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇنى ھارام قىلىش چوڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. شۇنىڭدەك دۇنيا مېلىغا ھارام ئارىلاشقانلىقىنى بىلگەن كىشى ئېلىم – سېتىم ياكى يەپ – ئىچىشتىن توختىشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش قولايسىزلىق ۋە قىيىنچىلىق كەلتۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابەلەر جەمئىيەتتە ئۆسۈمخور كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى(7)، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار تەڭگىلەرنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا بىر قالقان ئوغۇرلاندى(8)، شۇنداق تۇرۇقلۇق زامانىسىدا قالقان سېتىۋېلىش توختاپ قالمىدى. بۇنىڭدىن ساقلىنىش شەيتان ۋەسۋەسىسى سەۋەبلىك ساقلىنىش خالاس.

3) ساناقسىز ھارامنىڭ ساناقسىز ھالالغا ئارىلىشىپ قېلىشى. زامانىمىزدىكى ئەھۋال دەل مۇشۇنداق. بۇ ئارىلىشىپ قېلىش سەۋەبلىك مۇئەييەن بىرنەرسىنى ئېلىپ يېيىش ھارام ئەمەس، لېكىن مۇئەييەن بىر نەرسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىدىغان، مەسىلەن زالىم پادىشاھنىڭ قولىدىن ئېلىنغان نەرسە دېگەندەك، بىرەر ئالامەت تېپىلسا ئۇنى ئېلىش ھارامدۇر. ئەگەر بىرنەرسىدە ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدىغان ئالامەت بولمىسا، ئۇنى ئالماسلىق تەقۋادارلىق، ئېلىشمۇ ھارام ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇ زاتتىن كېيىنكى راشىد خەلىپىلەر زامانىدا ھاراق پۇللىرى، ئۆسۈم پۇللىرى ۋە خىيانەت قىلىنغان غەنىيمەتلەر باشقا ماللارغا ئارىلىشىپ قالاتتى؛ ساھابەلەر مەدىنەنىڭ بۇلاڭ – تالاڭ قىلىنىشى ۋە زالىملارنىڭ قىلىقلىرىغا تانۇق بولغانىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار سودا – سېتىقنى توسمىدى. ئەگەر توسۇلغاندا ئىدى، تىجارەتنىڭ بارچە ئىشىكلىرى ئېتىلگەن بولاتتى. چۈنكى، بەندىچىلىكتە گۇناھتىن خالىي بولالماسلىق، دىققەتسىزلىكلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ماللار ئەسلىدە ھالالدۇر. لېكىن، ئەسىل بىلەن كۈچلۈك گۇمان بىر – بىرىگە زىت كەلسە، كۈچلۈك گۇماندا توغرىلىق ئالامىتى بولمىسا، خۇددى كوچا – كوينىڭ لاي – پاتقىقى ۋە مۇشرىكلەرنىڭ قاچىلىرى توغرىسىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەسلگە ئاساسەن (ھالال) ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ناسارا ئايالنىڭ ساپال قاچىسىدىن سۇ ئېلىپ تاھارەت ئالغان. ھالبۇكى، ناسارالار شاراب ئىچەتتى، چوشقا گۆشى يەيتتى ۋە نىجاسەتتىن ساقلانمايتتى. شۇنداقلا ئەسھابمۇ ئاشلانغان تېرە ۋە بويالغان كىيىملەرنى كىيەتتى.

تېرە ئاشلىغۇچى ۋە بوياقچىلارنى كۆزەتكەن كىشى ئۇلارنىڭ ئادەتتە مەينەتچىلىكتىن قېچىپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. دېمەك، ساھابەلەر ئۈستىدە نىجاسەتنى ياكى نىجاسەت ئالامىتىنى ئېنىق كۆرمىگۈچە ئۇنداق نەرسىلەرنى كىيىۋەرگەن. مۇئەييەن ئەھۋال ۋە شارائىت ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۇششاق غەم ۋە پەرەزلەر بىلەن ئىشى بولمىغان.

سوئال: «ساھابەلەر تاھارەت ئىشىدا شۇنچە كەڭ يول تۇتقان تۇرۇپ، ھاراملىقى شۈبھەلىك نەرسىلەردىن ساقلىناتتى، بۇنىڭدىكى پەرق نېمە؟» دېيىلسە، بىز دەيمىزكى:

جاۋاب: «ئەگەر ‹تاھارەت ئىشىدا كەڭ يول تۇتاتتى› دېگىنىڭ ئۇلارنىڭ نىجاسەت بىلەن ناماز ئوقۇۋېرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولساڭ، بۇ باتىل، ناتوغرا سۆزدۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ساقلىنىش ۋاجىب بولغان بارلىق نىجاسەتلەردىن ساقلىنىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولساڭ، بۇ سۆزۈڭ ھەق، توغرىدۇر. شۈبھەلىك نەرسىلەردىن ساقلىنىدىغانلىقلىرىغا كەلسەك، بۇ كىشىنىڭ چاتاق بار نەرسىگە يۇقۇشۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۆز نەپسىنى چاتاق يوق نەرسىدىنمۇ تارتىشىدۇر. ئىنسان نەپسى مال – دۇنياغا مايىل ۋە ھېرىس كېلىدۇ، تاھارەتكە كەلگەندە بۇنىڭ ئەكسىچە. ئۇنداقتا قانداقمۇ بۇ ئىككىسىنى ئۆزئارا قىياس قىلىپ بولسۇن؟! دەرۋەقە ئەسھاب كىراملەر قەلبلىرىنى ئاللاھدىن مەشغۇل قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن يىراق تۇرغان. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر».

ئۈچىنچى قىسىم: ئىزدىنىش، سوراش، ھۇجۇم قىلىش، سەل قاراش ۋە بۇلارنىڭ مۇمكىنچىلىك ئورۇنلىرى
بىلگىنكى، ساڭا بىرەر تائام سۇنۇلسا ياكى بىرنەرسە ھەدىيە قىلىنسا ۋەياكى بىراۋدىن بىرنەرسە سېتىۋالماقچى بولساڭ، «بۇ مەن ھالاللىقىدىن ئەسلا خاتىرجەم نەرسە ئەمەس، شۇڭا ئۇنى تەكشۈرىمەن» دەپ يۈرمىگىن، شۇنداقلا تامامەن تەكشۈرمەيمۇ قويمىغىن. بەلكى سوراش بەزىدە ۋاجىب، بەزىدە ھارام، بەزىدە مۇستەھەب، بەزىدە بولسا مەكرۇھتۇر. بۇ ھەقتىكى ئەڭ ئۇيغۇن سۆز: سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىمالى بار يەرلەر شۈبھىلىك يەرلەردۇر، بۇ شۈبھە يا مال ئىگىسىگە مۇناسىۋەتلىك ياكى مالغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ.

مال ئىگىسىگە مۇناسىۋەتلىك شۈبھە: مەسىلەن، ئۇنىڭ بىلىنمىگەن بىر كىشى بولۇشى. يەنى، تاشقى تۇرۇق – قىياپىتىدىن نە زالىمنىڭ ئۆزى ياكى زالىمغا يانتاياق كىشىگە دالالەت قىلىدىغان، نە ئىلىم ئەھلى، زاھىد كۆرۈنۈشلۈك، ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەت يوق كىشى دېمەكتۇر. بۇنداق كىشىدىن سوراش بىھاجەت. چۈنكى، بىھۇدە سوراش مۇسۇلمانغا ئەزىيەت، ھەتتا بوھتانغا ئاپىرىدۇ. بۇنداق ئادەم «گۇمانلىق ئادەم»مۇ ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭدا گۇمان قوزغىغۇدەك ئەقەللىي بىرەر ئالامەت — زوراۋانلىق ياكى قاراقچىلىق بىلەن داڭق چىقارغان بىرەر تائىپە ياكى سەھرالىقلارچە تەبىئەت — يوق تۇرۇپ «گۇمانلىق» ئاتاپ بولمايدۇ. ئەھۋالى بىلىنمىگەن كىشى بىلەن سودا مۇئامىلىسى قىلىش جائىز، چۈنكى مالنىڭ ئۇنىڭ قولىدا بولغىنى مال ئىگىسىنىڭ شۇ كىشى ئىكەنلىكىگە — گەرچە ئاجىز بولسىمۇ — دالالەتتۇر. لېكىن بۇنداق كىشى بىلەن سودا قىلماسلىق تەقۋالىقتۇر.

مالغا مۇناسىۋەتلىك شۈبھە: ھارام بىلەن ھالالنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشى دېگەندەك. ئالايلۇق، بىر بازارغا زورلۇق – زۇمبۇلۇق بىلەن بۇلاپ ئېلىۋېلىنغان ئاشلىقلار دۆۋىلەنگەن بولسا ۋە ئۇنى بازار ئەھلى سېتىۋالغان بولسا، شۇ يۇرت بازىرىدىن نەرسە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ سېتىۋالغان نەرسىلىرى توغرۇلۇق — ھالال ماللاردىنمۇ ياكى ھارام ماللاردىنمۇ ئىكەنلىكىنى — سۈرۈشتە قىلىشى ۋاجىب ئەمەس. لېكىن، ھېلىقى ماللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى جەزملەشسە، ئۇ چاغدا سوراش ۋاجىب؛ ئەگەر كۆپىنچىسىى ھارام بولمىسا، تەكشۈرۈش تەقۋالىق، لېكىن ۋاجىب ئەمەس.

ھەم توغرا رەۋىشتە سودا – سېتىق مۇئامىلىسى قىلىدىغان، ھەم ئۆسۈم بىلەنمۇ مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىدەك ھالال مېلىغا ھارام ئارىلاشقان كىشى ھەققىدىكى قارىشىمىزمۇ مۇشۇنداق. يەنى بىر سودىگەرنىڭ مېلىنىڭ كۆپى ھارامدىن بولسا، ئۇنىڭ زىياپىتىگە قاتنىشىش ۋە ھەدىيە بەرگەن بولسا قوبۇل قىلىش ياخشى سۈرۈشتۈرۈپ، تەكشۈرگەندىن كېيىن جائىزدۇر. ئەگەر بېرىلگەن نەرسىنىڭ ھالال يولدىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولسا ئېلىش دۇرۇس، ئۇنداق بولمىسا ئالماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ مېلىدا ھارام ئازراق بولسا، ئۇنىڭدىن بىرنەرسە ئېلىش شۈبھىلىك، ئالماسلىق تەقۋالىقتۇر.

بىلگىنكى، سۈرۈشتۈرۈش شۈبھە سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. سۈرۈشتۈرۈلگۈچى كىشىنىڭ ئەيىبلىنىش زۆرۈرىيىتى يوق بىرى بولغىنىدەك، ئۇنىڭغا تۇتىشىدىغان شۈبھىنىڭ يوقىلىشى بىلەن سۈرۈشتۈرۈش توختىتىلىدۇ. ئەكسىچە ئەيىبلىنىدىغان بىرى بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭ چاقىرغان زىياپىتى ياكى بەرگەن سوۋغىتىدا بىرەر غەرەز سەزسەڭ، گەپ – سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كەتمە، باشقىلاردىنمۇ سۈرۈشتۈرۈپ كۆر. تاكى شەك – شۈبھە ئېنىق جايىنى تاپقاندا توختا.

تۆتىنچى قىسىم: ھالال ۋە ھارام مەسىلىلىرى ۋە تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ھارام ماللاردىن قانداق قۇتۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا
بىلگىنكى، ئىلكىدە ھالال ۋە ھارام ئارىلاشقان مېلى بار ھالدا تەۋبە قىلغان كىشى ھارام مالنى ھالال ماللىرىدىن ئايرىپ چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر مال تۈرلىرى بويىچە ئېنىق بولسا، ئۇنىڭ ئىشى ئاسان. ئەگەر ئارىلاش، ئېنىق ئايرىغىلى بولمايدىغان مال بولسا، خۇددى ئاشلىق، پۇل – پۈچەك ۋە ياغ دېگەندەك ئوخشىشى بار ماللاردىن بولۇپ، مىقدارى مەلۇم بولسا، ھارام مىقدارنى ئۇنىڭ ئىچىدىن ئايرىپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ھارامنىڭ مىقدارىدا شۈبھىلەنسە، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئىككى يولى بار:

بىرى: كۈچلۈك گۇمان بويىچە ئايرىش.

يەنە بىرى: ئەڭ يېقىنلاشقانلىقىغا قانائەت قىلغان مىقدارنى ئايرىش، بۇ تەقۋالىقتۇر.

ھارام مالنى ئايرىپ چىقارغاندىن كېيىن، ئۇ مالنىڭ مۇئەييەن بىر ئىگىسى بولسا، شۇ ئىگىسىگە ياكى ئۇنىڭ مىراسخورىغا بېرىش، ئەگەر ئۇ مالنىڭ ئارتۇقچىسى ۋە پايدا كىرىمى بار بولسا، ھەممسىنى يىغىپ تاپشۇرۇش ۋاجىبتۇر. ئەگەر مالنىڭ ئىگىسىنى تېپىپ چىقىشتىن ئۈمىد ئۈزۈلسە ياكى مال ئىگىسى ئۆلۈپ مىراسخورى قالغان ياكى قالمىغانلىقى بىلىنمىسە، ئۇ مال سەدىقە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ ئولجىدىن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يىغىلغان مالدىن ئېلىنغان بولسا، ئۇ كۆۋرۈك ياساش، مەسجىد سېلىش، مەككە يولىنى ياخشىلاش ۋە شۇ يولدىن ئۆتكەن مۇسۇلمانلارغا پايدا كەلتۈرۈدىغان خۇسۇسلاردا سەرپ قىلىنىدۇ.

ئۈلگە: ئەگەر بىر كىشىنىڭ قولىدا ھالال ۋە شۈبھىلىك مال بولسا، ھالال مالنى ئۆزىگە سەرپ قىلسۇن. كىشىنىڭ بۇ ھالال مالنى يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەكلىرىگە سەرپ قىلىشى ئۇنى لوڭقا قويۇپ قان ئالغۇچىنىڭ (ۋە باشقا ھۈنەرۋەنلەرنىڭ) ئىش ھەققىگە، تونۇر ئوتۇنى، چىراغ مېيى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارغا سەرپ قىلغىنىدىن «ياخشى» دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم لوڭقا قويۇپ قان ئالغۇچىنىڭ كىرىمى ھەققىدە: «ئۇنىڭغا تۆگەڭگە يەم ـ خەشەك ئالغىن!» دېگەن(9).

ئەگەر ئاتا – ئانىنىڭ ئىلكىدە ھارام يولدىن تاپقان مال بولسا، ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يېمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئۇ شۈبھىلىك مال بولسا، ئاتا – ئانىغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئاتا – ئانا بالىسىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن تاماق يېمەسلىكىنى قوبۇل قىلالمىسا، ئازراق يېسە بولىدۇ.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىشر ئەلھافىي ئانىسى بەرگەن بىر تال خورمىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يەيدۇ، ئاندىن ھۇجرىدىن چىقىپ ئۇنى قۇسۇۋېتىدۇ.

بەشىنچى قىسىم: پادىشاھلار بەرگەن ھەدىيەلەر، تارتۇقلار ۋە زالىم سۇلتانلار بىلەن قىلىنغان ئۈلپەتچىلىكتىن ھالال بولغانلىرىنىڭ بايانى
بىلگىنكى، پادىشاھتىن مال ئالغان كىشى ئۇ مالنىڭ پادىشاھقا قەيەردىن كەلگەنلىكىگە، ئۇ مالنى ئۆزىنىڭ قايسى سۈپىتىگە ئالغانلىقىغا، ئۇنىڭ مىقدارىغا، يەنى ئۆزىنىڭ ئۇ مىقدارغا لايىق ياكى ئەمەسلىكىگە قارىشى لازىم.

بىر قىسىم ئىلىم ئىگىلىرى بۇنىڭدىن ساقلاندى، بىر قىسىملار ئۇنى ئېلىپ سەدىقە قىلدى. بۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ قانداق كەلگەنلىكى ئايدىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باش ئېگىش، سوراش ۋە مۇنكەرگە سۈكۈت قىلىش بىلەنلا ئۇنىڭغا ئېرىشىلمەكتە.

سەلەفلەردىن بەزىلەر بولسا ئۇنداق مالنى ئېلىشقا لايىق تۇرۇپمۇ ئالمىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئالمىغان. بۇ ئەسلىدە ئورۇنلۇق باھانە ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆز ھەققىنى ئالغان بولۇپ، ئۇ ئالغان ئىش ھەققى پۈتۈن ھەق ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق مۈلكى ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا ھەققىنى ئالالمىغانلار زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار قاتارىدا بولىدۇ.

ئەمىرلەر، ۋالىيلەر ۋە زالىملار بىلەن ئولتۇرۇپ قوپۇشنىڭ ھالال ۋە ھارام تامانلىرى
بىلگىنكى، زالىم ئەمىر ۋە ۋالىيلەر بىلەن ئارىلىشىشىڭ مۇنۇ ئۈچ ئەھۋالدا بولۇر:

بىرىنچى ئەھۋال: سېنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىشىڭ، بۇ ئەڭ يامىنىدۇر.

دەرۋەقە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنۇر: «سۇلتانلارنىڭ ئىشىكلىرىگە بارغان كىشى پىتنىگە قالىدۇ»(10)، «بەندە (زالىم) سۇلتانغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالادىن يىراقلىشىتىن باشقىغا ئېرىشەلمەيدۇ»(11).

ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

ــ پىتنىگە چۈشۈپ قالىدىغان يەرلەردىن ساقلىنىڭلار! ــ دېگەنىدى.

ــ نېمىنى كۆزدە تۇتتىڭىزكىن؟ ــ دېيىشتى. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

ــ ئەمىر – ئۆمەرالارنىڭ بوسۇغىسىنى. ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا بارسا (خۇشامەتەن) يالغانلىرىنى تەستىقلاپ، ئۇلارنى ئۆزىدە يوق سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەپ قويىدىغانلار بار، ــ دېدى(12).

بىر ئەمىر زاھىد بىر كىشىگە:

ــ يېنمىزغا كەلمەمسەن؟ ــ دېگەنىدى، زاھىد جاۋاب بېرىپ:

ــ مېنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۇتقان چېغىڭدا پىتنىگە چۈشۈپ قېلىشىمدىن، مېنى ئۆزۈڭدىن يىراقلاشتۇرغىنىڭدا مەھرۇم قويۇشۇڭدىن قورقىمەن. مەن ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە سېنىڭ قولۇڭدا ئەمەس، مەنمۇ سەن قورقىدىغان نەرسىگە ئىگە ئەمەس. سېنىڭ يېنىڭغا سەن بىلەن كۇپايىلىنىپ، سەندىن باشقىسىغا ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان كىشىلەر كېلىدۇ، مېنى ساڭا موھتاج قىلمىغان رەببىم ماڭا يېتەرلىك، ــ دېدى.

بۇ رىۋايەتلەر سۇلتانلار بىلەن بېرىش – كېلىش قىلىشنىڭ مەكرۇھلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

سۇلتاننىڭ يېنىغا كىرگۈچى يا ئىش – ھەرىكىتى بىلەن ياكى سۆزى بىلەن ۋەياكى سۈكۈتى بىلەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا دۇچار ۋە مەجبۇر بولىدۇ.

سۇلتاننىڭ ھۇزۇرىغا كىرگۈچى ئىش – ھەرىكىتى بىلەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشىقا يېقىندۇر، چۈنكى سۇلتانلارنىڭ ھۇزۇرىغا كۆپىنچە زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىنغان جايلاردا كىرىلىدۇ. ئەگەر سۇلتاننى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىنمىغان بىر جايدا دەپ پەرەز قىلىنسىمۇ، كۆپىنچە ھاللاردا ھارام مالدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن سايىۋەن، چېدىر دېگەندەكلەرنىڭ دالدىسىدا ياكى سېلىنچىلار ئۈستىدە بولىدۇ. ئۇلاردىن پايدىلىنىش ھارامدۇر. ئەگەر ئۇلارمۇ ھالال بولغان تەقدىردىمۇ سۇلتانغا بېشى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ سالام قىلىش، ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇش، خىزمىتىنى قىلىش ۋە زۇلۇم ۋاسىتىسى بولمىش سەلتەنىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كىچىك تۇتۇش قاتارلىق شەرىئەتتە ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.

زالىم ئالدىدا كەمتەرلىك قىلىش گۇناھ. ھەتتا بىر باي ئالدىدا باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن ئەمەس پەقەت باي بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى كىچىك تۇتقان كىشىنىڭ دىنىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى كېتىدۇ. ئۇنداقتا زالىم ئالدىدا كەمتەرىن بولغان كىشىنىڭ ھالى نېچۈك بولۇر؟!

سۇلتاننىڭ قولىنى سۆيۈشمۇ مەئسىيەتتۇر. لېكىن، قورقۇپ (مەجبۇر) سۆيسە بولىدۇ، شۇنداقلا ئادىل خەلىفە ياكى قولىنى سۆيۈشكە لايىق ئالىم كىشى بولسا، قولىنى سۆيۈشكە بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا كىشىلەرگە پەقەت سالام قىلىشقىلا رۇخسەت.

ھۇزۇرغا كىرگۈچى سۆز – ئىشارىلىرى ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا يېقىندۇر. مەسىلەن، زالىمغا (ئېزگۈ) دۇئا قىلىش، ئۇنى مەدھىيەلەش، ئۇنىڭ باتىل سۆزلىرىنى ئاغزاكى ياكى باش لىڭشىتىش، كۈلۈمسىرەش بىلەن تەستىقلاش ۋەياكى زالىمغا بولغان مۇھەببىتىنى، دوستلۇقىنى، كۆرۈشكە خۇشتارلىقىنى ئىپادىلەش، ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سەلتەنەت تىلەش ۋەھاكازا. چۈنكى، زالىمنىڭ يېنىغا كىرگەن كىشى كۆپىنچە ئۇنىڭغا سالام بېرىش بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدۇ ۋە پاراڭ ئارىسىدا بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ قويىدۇ.

بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «زالىمغا باقىيلىق تىلەپ دۇئا قىلغان كىشى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىدۇر»(13).

زالىمغا «ئاللاھ سېنى ئىسلاھ قىلسۇن»، «ئاللاھ ساڭا تەۋپىق بەرسۇن» ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان دۇئالاردىن باشقىسى دۇرۇس ئەمەستۇر.

سۈكۈتى بىلەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا كەلسەك: سۇلتان ۋە ئەمىرلەرنىڭ سورۇنلىرىغا داخىل بولغۇچى شۇ سورۇندا يىپەك سېلىنچىلار، كۈمۈش قاچىلار، غالچا – غۇلاملارغا كىيدۈرۈلگەن يىپەكتىن تىكىلگەن ھارام كىيىملەر كەبى نەرسىلەرنى كۆرىدۇ – يۇ، سۈكۈت قىلىپ قالىدۇ. كىمكى بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ، سۈكۈت قىلىدىكەن، گۇناھتا ئۇلارغا ھەمشېرىكتۇر. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ بىھايا ھەزل -كۈلكە، يالغان – ياۋىداق لاپ، غەيبەت، تۆھمەت – ھاقارەت ۋە رەنجىتكۈچى گەپ – سۆزلىرىنى ئاڭلاپمۇ جىم تۇرۇشىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ھەقىقەتتە بۇلارنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇپ ۋە يامانلىقلاردىن توسۇش ۋەزىپىسى باردۇر.

ئەگەر دېسەڭكى: ئۇ ئۆزىگە زىيان يېتىشتىن قورققان، شۇڭا سۈكۈت قىلىشتا ئۆزرىلىكتۇر.

بىز دەيمىزكى: توغرا ئېيتىسەن. بىراق ئۇنىڭ مەجبۇر بولۇپ قالمىغۇچە ئۆزىنى مۇباھ بولمىغان ئىشنى قىلىشقا دۇچار قىلىشى ئورۇنسىز. چۈنكى، زالىمنىڭ يېنىغا كىرمىگەن بولسا ۋە بۇ ھاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇش ياكى يامانلىقتىن توسۇش مەجبۇرىيىتى بولمايتتى. بىر يەردە مۇنكەر بارلىقىنى / بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ۋە ئۇ يەرگە داخىل بولغان ۋاقىتتا ئۇ مۇنكەرنى توسۇشقا قادىر بولالمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان كىشىنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشى جائىز ئەمەس.

سۇلتانلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشنىڭ شەرتلىرى

سۇلتانلار ۋە ئەمىرلەر بىلەن ئولتۇرۇپ – قوپىدىغان كىشى يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان ئىشلاردىن تامامەن ساقلانسىمۇ — ساقلىنىشقۇ ناتايىن — ئۆز قەلبىگە كىرگۈسى يامان تۇيغۇ ۋە پىكىرلەردىن ساقلىنالمايدۇ. چۈنكى، كىشى سۇلتان ۋە ئەمىرلەرنىڭ پاراغەتلىك تۇرمۇشىنى كۆرگەندە، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە بەرگەن نېئمەتنى تۆۋەن كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن، شۇنداقلا زالىم سۇلتان ۋە ئەمىرلەرنىڭ يېنىغا كىرىشتە باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشى مۇمكىن، نەتىجىدە ئۇ زالىملارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى كۆپەيتكەن بولىدۇ.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئۇمەۋىي خەلىفەسى ئابدۇلمەلىكنىڭ (ھ. 26 – 86 / م. 646 – 705) ئوغۇللىرى ۋەلىد (ھ. 46 – 96 / م. 668 – 715) ۋە سۇلايمانغا (ھ. 54 – 99 / م. 674 – 717) بەيئەت قىلىشقا چاقىرىلغانىدى، ئۇ:

— كېچە بىلەن كۈندۈز ئالمىشىپلا تۇرىدىكەن، مەن ئۇ ئىككىسىگە بەيئەت قىلمايمەن، — دېدى. ئۇنىڭغا:

— (ھېچ بولمىسا) بېرىقى ئىشىكتىن كىرىپ، نېرىقى ئىشىكتىن چىقىپ كەتكىن، — دېيىلگەنىدى. ئۇ جاۋابەن:

— ياق! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھېچكىمنىڭ ماڭا ئەگىشىپ قېلىشىنى خاھلىمايمەن! ــ دېدى. شۇ ۋەجدىن ئۇنىڭغا يۈز دەررە ئۇرۇلۇپ، پوپلارنىڭكىدەك قارا يەكتەك كىيگۈزۈلگەن ئىدى(14).

يۇقىرىقى بايانلىرىمىزغا بىنائەن زالىم ئەمىرلەرنىڭ يېنىغا پەقەت ئىككى خىل ئۆزرە بىلەن كىرىش دۇرۇستۇر:

1) ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىشقا مەجبۇر بولۇش ۋە بارمىسا ئەزىيەتكە ئۇچراشتىن قورقۇش؛

2) بىر مۇسۇلماننى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كىرىش. دېمەك، يالغان ئېيتماسلىق، ئۆگمەسلىك ۋە قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن نەسىھەتنى قىلىش شەرتى بىلەن زالىمنىڭ يېنىغا كىرىشكە بولىدۇ. مانا بۇ زالىم سۇلتان ۋە ئەمىرلەرنىڭ يېنىغا كىرىشنىڭ ھۆكمىدۇر.

ئىككىنچى ئەھۋال: زالىم سۇلتاننىڭ زىيارەتكە كېلىشى. بۇ ئەھۋالدا سالامىغا جاۋاب بېرىش كېرەك. ئورنىدىن تۇرۇش ۋە ئىززەت – ئىكرام قىلىش پادىشاھنىڭ ئىززەت – ئىكرامىغا جاۋاب قايتۇرۇش بولۇپ، ھارام ئەمەس. چۈنكى، سۇلتان زۇلمى سەۋەبلىك ئەيىبلىنىشكە لايىق بولغاندەك، دىن ۋە ئىلىمنى ھۆرمەتلىگەنلىكى سەۋەبتىن ماختىلىشقا لايىقتۇر. ئەگەر سۇلتان يالغۇز زىيارەتكە كەلگەن بولسا، كىشى دىننى ئەزىز قىلىش مەقسىتىدە ئورنىدىن تۇرۇشنى خاھلىسا، ئورنىدىن تۇرسا بولىدۇ. ئەگەر سۇلتان بىر جامائە بىلەن كىرسە، «ھۆكۈمدارلارنىڭ رەئىييەت ئالدىدىكى يۈز – ئابرۇيىغا رىئايە قىلىش ئەۋزەل» دەپ قاراپ ئورنىدىن تۇرسا ھېچقىسى يوق. ئەگەر ئورنىدىن تۇرماسلىقى ئاۋام ئىچىدە پاساتچىلىق تۇغدۇرمايدىغانلىقىغا، سۇلتاننىڭ غەزىپىنى قوزغىمايدىغانلىقىغا ۋە بىرەر ئەزىيەت تارتمايدىغانلىقىغا ئىشەنسە، ئورنىدىن تۇرۇپ سۇلتاننى ئەزىزلەشكە تىرىشمىسمۇ بولىدۇ.

سۇلتان ۋە ئەمىرلەرگە نەسىھەت قىلىش ۋە بەزىبىر قىلىش ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان نەرسىلىرىنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ۋاجىبتۇر. ئەمما، (ھەممە بىلىدىغان) زۇلۇم قىلىش ۋە ھاراق ئىچىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنىڭ پايدىسى يوق. شۇ بىلەن بىرگە كىشى «ئەگەر قورقۇتۇش سۇلتاننىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىدۇ» دەپ قانائەت كەلتۈرسە، ئۇنى گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلىشتىن قورقۇتۇشى ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىشى كېرەك. زالىمنى ئۆز مەقسىتىگە گۇناھ – مەئسىيەتسىزمۇ يەتكۈزىدىغان شەرىئەتەن توغرا يولنى بىلىدىغان كىشى ئۇنىڭغا شۇ يولنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق زالىمنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن گۇناھلارغا بىپەرۋا، ئۆز بېشىمچە ئىش قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

ئۈچىنچى ئەھۋال: سۇلتان بىلەن ھۇزۇرغا چىققۇچىلارنى يۈزمۇيۈز كۆرۈشمەيدىغان شەكىلدە تۇتۇش. بۇ ئەڭ بىخەتەردۇر. زالىملارنى زۇلمى سەۋەبلىك يامان كۆرۈش، ئۇلارغا يولۇقۇشتىن قېچىش، ئۇلارنى ماختىماسلىق، ھال – ئەھۋالىنى سورىماسلىق، ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بارلارغىمۇ يېقىن يولىماسلىق ۋە ئۇلاردىن ئادا – جۇدا بولغانلىق سەۋەبىدىن قولىدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىرىغا پۇشايمان قىلماسلىق كېرەك. بىر كىشى مۇنداق دېگەنىكەن: پادىشاھلار بىلەن مېنىڭ ئارامدا پەقەت بىر كۈنلا پەرق بار. تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن كۈننىڭ ھەشەمەت – لەززىتىنى قايتا تاپالمايدۇ، ئەتىدىن ئۇلارمۇ، مەنمۇ قورقۇپ غەم يەيمىز. ئۇنداقتا ئارىمىزدا پەقەتلا بۈگۈننىڭ پەرقى بار. بۈگۈندىنمۇ نېمىنى كۈتكۈلۈك دەيسىز؟!

مىسال: سۇلتان ساڭا نامراتلارغا تارقىتىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن مال ئەۋەتسە، ئۇ مالنىڭ ئىگىسى ئېنىق بولسا، سېنىڭ ئۇ مالنى قوبۇل قىلىشىڭ ھالال بولمايدۇ. ئەگەر ئىگىسى ئېنىق بولمىسا — ئىلگىرى بايان قىلىنغاندەك — ئۇ مالنىڭ ھۆكمى سەدىقە قىلىۋېتىشتۇر. ئۇنى نامراتلارغا سەدىقە قىلىشنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئالساڭ بولىدۇ.

ئالىملار ئىچىدە بۇنداق مالنى ئېلىشتىن باش تارتقانلار بار. ئەگەر ماللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھارام مال بولسا، ئۇنداق زالىملار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھارامدۇر. زالىملار سالدۇرغان كۆۋرۈك، مەسجىد ۋە سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىگە قاراش كېرەك: ئەگەر ئۇلار سېلىنغاندا ئىشلىتىگەن نەرسىلەر ئېنىق بىر كىشىدىن يولسىزلارچە ئېلىنغان بولسا، زۆرۈرىيەت بولمىسا ئۇنداق كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش، ئۇنداق مەسجىدتە ناماز ئوقۇش ۋە ئۇنداق توسمىلاردىن سۇ ئىچىش دۇرۇس ئەمەس. ئەگەر ئىگىسى ئېنىق بولمىسا، پايدىلىنىش دۇرۇس. ئەمما، ساقلىنىش تەقۋالىقتۇر.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (52)؛ مۇسلىم (1599).
2. جازانە، قىمار، پارا، تىجارەت ماركىلىرى ۋە ئەسەر نەشر ھوقۇقىغا دەخل قىلىش… قاتارلىقلارمۇ ھاراملارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق ئايەتلەر بار: ﴿ئى مۆمىنلەر! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا – سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا﴾(4/«نىساﺋ»: 29)، ﴿ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار (90) شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟﴾(5/«مائىدە»: 90، 91). — ت.
3. مۇسلىم (1015).
4. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (6495). ئىراقىي، ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»، 18101) ۋە ئالبانىيلار: «زەئىف» دېگەن.
5. تىرمىزىي (2518)، ئەھمەد (1727)، سەنەدى سەھىھ. ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
6. «سەھىھەين»دىكى: «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق. بۇلارنىڭ ئارىسىدا گۇمانلىق نەرسىلەر بار» دېگەن ھەدىس. — ت.
7. مەسىلەن، سەھىھ بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ جازانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىناۋەتسىز» دېگەن. تىرمىزىي (3087).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6798)؛ مۇسلىم (1686).
9. ئەھمەد (14329)؛ تىرمىزىي (1277). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي: («سەھىھۇ سۈنەنىتتىرمىزىي»، 1027) «سەھىھ» دېگەن. مۇھەييىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاجاماتچى ساھابەگە ئىش ھەققى ئېلىشقا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى ئۆزى يېمەي، تۆگىسىگە ۋە مالىيىغا خەجلەشكە بۇيرۇغان. بۇ ئىش ھەققىنىڭ ئۆزىنىڭ ھارام ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ھارام بولسىدى، ئۇنى تۆگىسى ياكى مالىيىغا يېگۈزۈشىمۇ ھارام بولاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن لوڭقا قويۇپ قان ئالدۇرغانلىقى ۋە ئىش ھەققى بەرگەنلىكى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن. مۇبادا ئىش ھەققى ھارام بولسىدى، ئۇنى بەرمىگەن بولاتتى. شۇڭا، قان ئالغۇچىنىڭ ئىش ھەققىنى ناچار كىرىم دەپ سۈپەتلىگەن ھەدىسلەرنى تەنزىھىي مەكرۇھلۇقنى بىلدۈرىدۇ دەپ چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا دەلىللەر پەرقلىق، شۇنداقلا ئالىملارنىڭ قاراشلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغاچقا، مۇئەللىفمۇ بۇ خىل ئىش ھەققىنى شۈبھىلىك كىرىم دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.
10. تىرمىزىي (2257)؛ ئەبۇ داۋۇد (2859)؛ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مەرفۇئ‍ شەكىلدە ۋە مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: «چۆلدە ئولتۇرىدىغان ﻛﯩﺸﯩ(ﻨﯩﯔ خۇيى) قاتتىقلىشىدۇ. ئوۋنىڭ كەينىدىن يۈرگەن ئادەم ﻏﺎﭘﯩﻠﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. (پاسىق) ﺳﯘﻟﺘﺎﻧ(ﻼﺭﻧﯩﯔ ئىشىكىگە) بارغان كىشى پىتنىگە گىرىپتار بولىدۇ». ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
11. ئەبۇ داۋۇد (2860)؛ ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
12. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (8965).
13. بۇ ھەسەن بەسرىينىڭ سۆزىدۇر. ئىبنى ئەبىددۇنيا («ئەسسامت (الصمت)»، 230) سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان.
14. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 2/170.

Please follow and like us: