كەسىپ - كار ۋە تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى

كەسىپ – كار ۋە تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى

كەسىپ – كار ۋە تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى، پەزىلىتى، توغرا تاپاۋەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئەھكاملار ھەققىدە

بىلگىنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىلاھىي ھېكمەت مەرھەمىتى بىلەن ئۇشبۇ دۇنيانى گاھ ئۆتكۈنچى ھاياتىنىڭ لازىمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەش، گاھ ئاخىرەت ھاياتىنىڭ تەقەززاسى ئۈچۈن تىرىشىش يۇرتى قىلدى. بىز بۇ يەردە تۈرلۈك تىجارەت ۋە ھۈنەر – سەنئەتلەرنىڭ ئەدەبلىرىنى، تاپاۋەتنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە يوللىرىنى بايان قىلىمىز ۋە چۈشەندۈرىمىز.

كەسىپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿كۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق﴾(78/«نەبەﺋ»: 11) دېيىش ئارقىلىق بەندىلىرىگە قىلغان ئىنئاملىرى قاتارىدا شۈكۈر ۋە مىننەتدارلىقنى ئەسلەتتى. ئۇ زات يەنە: ﴿شۈبھىسىزكى، سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن مۇشۇنداق نېئمەتلىرى بار تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر﴾(7/«ئەئراف»: 10) دېدى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى نېئمەت سۈپىتىدە سۇندى ھەمدە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاللاھ يەنە: ﴿پەرۋەردىگارىڭلاردىن رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 198) دېدى.

ھەدىسلەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھالال رىزىق تەلەپ قىلىش جىھادتۇر»(1)، «ئاللاھ تائالا ھۈنەرۋەن بەندىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن(2). ئىمام بۇخارىيلا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «ھېچكىم ئۆز قولىدا ئىشلەپ يېگەندىنمۇ ياخشىراق بىر يېگۈلۈك يېگەن ئەمەس. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆز قولى بىلەن تېپىپ يەيتتى» دېگەن (3).

يەنە بىر ھەدىستە: «زەكەرىيا (ئەلەيھىسسالام) ياغاچچى ئىدى» دېيىلگەن(4).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەلەيھىسسالام قوشچى (دېھقان)، نۇھ ئەلەيھىسسالام ياغاچچى، ئىدرىس ئەلەيھىسسالام تىككۈچى، ئىبراھىم ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملار تېرىقچى، سالىھ ئەلەيھىسسالام سودىگەر، داۋۇد ئەلەيھىسسالام ساۋۇت ياسايتتى (يەنى تۆمۈرچى) ۋە مۇسا، شۇئەيب ۋە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ پادىچى ئىدى ــ ئاللاھنىڭ سالامى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بولسۇن»(5).

بۇ ھەقتە كەلگەن مەشھۇر رىۋايەتلەر:

❊ لوقمان ھەكىم ئوغلىغا مۇنداق دېگەن: «ئەي ئوغلۇم! كەمبەغەللىكتىن ھالال كەسىپ بىلەن ساقلان، چۈنكى كەمبەغەل بولۇپ قالغان ئادەمگە ئۈچ ئىللەت يېتىدۇ: دىنى سۇسلىشىدۇ، ئەقلى ئاجىزلايدۇ ۋە ئادەمگەرچىلىكنى يوقىتىدۇ. بۇلاردىنمۇ ئېغىرراقى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىشىدۇر».

❊ ئىمام ئەھمەدتىن سورالدى:

— سىزچە ئۆيىدە ياكى مەسجىدتە ئولتۇرۇۋالغان (يەنى، رىزقىم ئۆزلۈكىدىن كېلىدۇ دەپ ئىشلىمەيدىغان) كىشى قانداق كىشى؟

ئىمام ئەھمەد جاۋاب بەردىكى:

— ئۇ ئىلىمسىز نادان كىشىدۇر، ئەجەبا ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹مېنىڭ رىزقىم نەيزەمنىڭ سايىسى ئاستىدا قىلىندى›(6)، ‹قۇش سەھەردە قورسىقى ئاچ ھالدا چىقىپ كېتىدۇ، كەچتە توق قايتىدۇ›(7) دېگەن ھەدىسلىرىنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسھابلىرى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا تىجارەت قىلاتتى، خورما باغلىرىدا ئىشلەيتتى، ئەنە شۇلار بىزنىڭ ئۈلگىمىزدۇر.

❊ ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ نەزەرىمىزدە، بىراۋ سەن ئۈچۈن ئىشلەپ چارچىسا – يۇ، سەن مەسجىدتە جامائەت بىلەن سەپ تۇتساڭ ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ، سەن ئاۋۋال ئىشلەپ ئىككى نانغا ئېرىشكىن، ئاندىن ئىبادەت قىلغىن».

سوئال: ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «مەن ھەم تىجارەت بىلەن، ھەم ئىبادەت بىلەن تەڭ مەشغۇل بولۇشقا تىرىشتىم، لېكىن ئىككىسى چىقىشالمىدى، شۇڭا ئىبادەتنى تاللىدىم» دېگەن سۆزىگە نېمە دەيسەن؟

جاۋاب: «تىجارەتتىن مەقسەت تىجارەتنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى خەققە موھتاج بولماسلىق، ئائىلىۋى ئېھتىياجنى قامداش ۋە دوستلارغا ياردەم بېرىشتۇر. ئەگەر مەقسەت مال – دۇنيا، بايلىق توپلاش، تەكەببۇرلۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار بولسا بۇنىسى ناتوغرا».

 

تاپاۋەتنىڭ توغرا بولۇشى ۋە تاپاۋەتنىڭ ئاپەتلىرىنى بىلىش
تاپاۋەت كۆزلەنگەن تىجارەت توختامى: ساغلام، ئادىل، ئېھسانچىل ۋە دىنىي سەزگۈرلۈك قاتارلىق تۆت سۈپەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولسۇن.

بىرىنچى سۈپەت: ساغلام بولۇش؛ ئەگەر توختام بىر ئېلىم – بېرىم سودا توختىمى بولسا، ئۈچ ئاساستىن تەشكىل تاپىدۇ:

1) توختاملاشقۇچى تەرەپلەر؛ 2) توختام تېمىسى؛ 3) لەۋز.

بىرىنچى ئاساس: ئەقلى جايىدا ئەمەس كىشى بىلەن سودا – سېتىق مۇئامىلىسى قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى، ساراڭ شەرىئەت ھۆكۈملىرى يۈكلەنگەن كىشى ئەمەس. شۇڭا، ئۇنىڭ سودىسى ئىناۋەتسىز؛ خوجايىنى تەرەپتىن ئىزىن بېرىلگەنلىكى نائېنىق قۇل بىلەن سودا مۇئامىلىسى قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭدەك كىچىك بالىغا دادىسى ياكى ۋەسىيسى (ۋەسىيەتنامىنى ئىجرا قىلغۇچى) رۇخسەت بەرمىگۈچە، كىچىك بالا بىلەن سودا – سېتىق مۇئامىلىسى قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، كىچىك بالا ھۆكۈمدە خوجايىننىڭ ئىزنىگە قاراشلىق قۇلغا ئوخشايدۇ. ئىمام شافىئىينىڭ قارىشىدا كىچىك بالىنىڭ قىلغان سودا توختامى ئىناۋەتسىز؛ بىزنىڭ قارىشىمىزدا قارىغۇ كىشىنىڭ مۇئامىلىسى كۈچكە ئىگە، ئالدى – بەردىسى ئىناۋەتلىك. ئىمام شافىئىينىڭ قارىشىدا ئىناۋەتسىز(8).

زالىملارنىڭ ۋە كۆپىنچە مېلى ھارام مال بولغان كىشىلەرنىڭ پەقەت ھالالدىن تاپقانلىقى بىلىنگەن نەرسىسىنىلا سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.

ئىككىنچى ئاساس: ھەققىدە توختام تۈزۈلگەن، يەنى توختام ئارقىلىق باشقا كىشىنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدىغان (سېتىلغان / سېتىۋېلىنغان) مال؛ ئىت سېتىش دۇرۇس ئەمەس، چۈنكى ئىت نىجىستۇر. قېچىر ۋە ئېشەكنى — نىجىس دەيلى ياكى پاك دەيلى — سېتىش دۇرۇس. ھاشارەتلەرنى سېتىش جائىز ئەمەس. شۇنداقلا ئۇد، قالۇن، نەي قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاب، لاي ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان سۈرەت / ھەيكەللەرنى سېتىش دۇرۇس ئەمەس. ماددىي ۋە شەرئىي جەھەتتىن تاپشۇرۇپ بېرىشكە كۈچى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى سېتىشمۇ نادۇرۇستۇر. مەسىلەن، ھاۋادىكى قۇش، قاچاق قۇل ۋە دېڭىزدىكى بېلىق دېگەندەكلەرنى بەندىنىڭ تاپشۇرشقا كۈچى يېتىشى ناتايىن.

گۆرۈ قويۇلغان نەرسىنىمۇ شەرئەن تاپشۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان نەرسە قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئانا – بالا قۇل بولسا، بىر – بىرىدىن ئايرىپ سېتىش دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى شەرئىي جەھەتتىن بۇلارنىڭ تاپشۇرۇلۇشى چەكلىنىدۇ.

ئۈچىنچى ئاساس: لەۋرز. يەنى ئىجاب ۋە قوبۇل(9) لەۋزلىرىدۇر. قوبۇل ئىجابتىن بۇرۇن دېيىلسە، (ھەنبەلىي فىقھىدا) بىر قاراشتا «سودا توغرا بولمايدۇ» دەپ قارالسا؛ يەنە بىر قاراشتا، قوبۇل لەۋزى «ساتتىم، سېتىۋالدىم» دېگەندەك ئۆتكەن زامان لەۋزى بىلەن بولسۇن، ياكى «ساتقىن، سېتىۋالغىن» دېگەندەك تەلەپ / بۇيرۇق لەۋزى بىلەن بولسۇن، باشتا دېيىلگەنلا بولسا «سودا توغرا بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى مۇئاتات(10) ھالەتتە سودا قىلىشقان بولسا، ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدا بۇ خىل سودا توغرىدۇر.

قازى ئەبۇ يەئلا — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «مۇئاتات سودىسى كىشىلەرنىڭ ئادىتىدە بولۇۋاتقان ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك نەرسىلەردە ئەمەس، پەقەت قىممەتسىز نەرسىلەردە قىلىنسا جائىز». مانا بۇ ئەڭ ياخشى قاراشتۇر. ئىختىلاپ ئېھتىمالىنى چىقىش قىلىپ، ئىجاب ۋە قوبۇل لەۋزىگە رىئايە قىلىش تەقۋالىقتۇر.

ئۆسۈمگە كەلسەك: ئاللاھ تائالا ئۆسۈم ھەققىدە ناھايىتى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان، شۇڭا بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئىككى تۈر ئۆسۈم / جازانە بار: بىرى، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز جازانىسى، يەنە بىرى، كېچىكىش جازانىسى. شۇڭا، مۇسۇلمان ئۆسۈمنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۆسۈم تۇغۇلىدىغان خەۋپلەرنى بىلىشى كېرەك. شۇنداقلا زاكالەت (السلم)، ئىجارە، مۇزارەبە(11) ۋە شېرىكچىلىكنىڭ شەرتلىرىنى بىلىشكىمۇ ئېھتىياجلىقتۇر. چۈنكى، تاپاۋەت يوللىرى مەزكۇر توختاملاردىن ئايرىلمايدۇ.

***

ئىككىنچى سۈپەت: تىجارەتتە ئادىل بولۇش ۋە زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىش؛ زۇلۇم «باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش» دېمەك بولۇپ، ئۇ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

1) زىيىنى ئومۇمىي بولىدىغان زۇلۇم. مەسىلەن، ئاشلىق ۋە ئوزۇق – تۈلۈك قىسچىلىقى كۆرۈلگەندە، يۇقىرى باھادا ھايىنىغا سېتىش ئۈچۈن يىغىپ ساقلاپ مونوپول قىلىۋېلىش چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئەل ئىچىدە ئوزۇق – تۈلۈك قىسچىلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبلىك قىممەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئالامىتى: مەھسۇلاتلارنى باھا ئۆرلەشكە باشلىغاندا كۆپلەپ سېتىۋېلىپ، باھانىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىنى كۈتۈش. لېكىن، بىر كىشى ئۆز ئېتىزىدىن مەھسۇلاتلىرىنى ئەكىرىپ ئۇنى ساقلىغان بولسا ياكى مەھسۇلاتنى جەمئىيەتتە قىسچىلىق تۇغدۇرمايدىغان، كەڭرىچىلىك، مولچىلىق زاماندا سېتىۋالغان بولسا مونوپولچىلىق ھېسابلانمايدۇ. قىسقىسى، خالايىقنىڭ ھايات ئاساسى بولمىش ئوزۇق – تۈلۈكنى يىغىپ ساقلاپ تىجارەت قىلىش مەكرۇھتۇر.

2) زىيىنى خاس بولىدىغان زۇلۇم. مەسىلەن، مېلىنى يوق سۈپەتلەر بىلەن ماختاش ياكى مېلىنىڭ بەزى ئەيىبلىرىنى يوشۇرۇش سېتىۋالغۇچىغا زىيانكەشلىكتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس»(12) دېگەن.

بىلگىنكى، سودا ۋە ھۈنەر – كەسىپتە ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلىش ھارامدۇر.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھتىن رەختنىڭ يىرتىقى ئاشكارا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، رەختنى ئىنچىكلەپ تورلاپ يامىۋېتىش توغرۇلۇق سورالغاندا، ئىمام بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «رەخت ساتقۇچىنىڭ ئۇ يەرنى يوشۇرۇپ سېتىشى دۇرۇس ئەمەس» دېگەنىدى.

سودىگەر تارازىدا كەم بەرمەسلىكى كېرەك. سودىگەر بەرگەندە ئارتۇقراق تارتىپ، ئالغاندا كەمرەك ئالمىغۇچە ھەقتىن تولۇق قۇتۇلالمايدۇ. يەم ساتقۇچى يەمگە تۇپراق ئارىلاشتۇرسا، ئاندىن تارتىپ بەرسە؛ شۇنىڭدەك قاسساپ سۆڭەكنى گۆشكە ھەددىدىن زىيادە ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە، تارازىدا كەم بەرگۈچى ھېسابلىنىدۇ.

يالغاندىن سېتىۋالغۇچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ مال باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىشتەك ساختا خېرىدارلىق قىلىش ۋە تەسرىيە(13) مەنئى قىلىنىدۇ.

***

ئۈچىنچى سۈپەت: تىجارەتتە ئېھسانچىل بولۇش؛ ﴿ئاللاھ ئادىل بولۇشقا ۋە ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇدى﴾(16/«نەھل»: 90)، تىجارەتتە كەڭ قورساق بولۇش ۋە ئادەتتە پايدا ئېلىنمايدىغان نەرسىگە پايدا قويۇپ، سېتىۋالغۇچىنى ئالدىماسلىق ئېھسان جۈملىسىدىندۇر.

ھەقىقەتەن پايدا رۇخسەت قىلىنغان نەرسە. چۈنكى، تىجارەتنىڭ مەقسىتىمۇ پايدا ئېلىشتۇر. لېكىن، چىقىمغا ئەڭ يېقىن ھالەتتە پايدا ئېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىر مالغا قاتتىق ئېھتىياجلىق ياكى بەك ئامراقلىقىدىن خېرىدار بولغۇچى نورمال نەرختىن يۇقىرى باھادا سېتىۋالماقچى بولسا، ساتقۇچىنىڭ ئارتۇق پايدىنى قوبۇل قىلماسلىقى ئېھسانچىللىقتىندۇر.

بەرگەن قەرزنى ياكى ساتقان مالنىڭ پۇلىنى ئالماقچى بولغاندا، بەزىدە كەڭ قورساقلىق قىلىش، بەزىدە بىر قىسمىنى كەچۈرۈۋېتىش، بەزىدە مۆھلەت بېرىش، بەزىدە سىلىق مۇئامىلىدە بولۇش ۋە بەزىدە ئالماقچى بولغان نەرسىنىڭ ياخشىسىنى ئېلىشتىن ۋاز كېچىش بىلەنمۇ ئېھسان قىلىنىدۇ.

سودىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغۇچىنىڭ سودىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بېرىشمۇ ئېھسان جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، پەقەت سودىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچىلا سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەدىسلەر تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىشلارنىڭ پەزىلەتلىك ئىش ئىكەنلىكىگە، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىغا بېرىلىدىغان ئەجىر ۋە ساۋابقا شاھىدلىق قىلىدۇ.

***

تۆتىنچى سۈپەت: سودىگەرنىڭ ئۆزى ۋە ئاخىرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەردە دىنىغا رىئايە قىلىشى. سودىگەرنىڭ تىرىكچىلىكى ئۇنى ئاخىرەتتىن مەشغۇل قىلماسلىقى، بەلكى ئۇ ئۆز دىنىغا كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. دىنغا كۆڭۈل بۆلۈش ئالتە نەرسىگە رىئايە قىلىش بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ:

1) تىجارەتتە ئېزگۈ نىيەتلىك بولۇش؛ سودىگەر تىجارەت قىلىش ئارقىلىق تىلەمچىلىك ۋە تەمەخورلۇقتىن قۇتۇلۇش ھەمدە خاتۇن – بالىلىرىغا يەتكۈدەك بىرنەرسە تېپىشنى نىيەت قىلسا، مۇجاھىدلار قاتارىدا بولىدۇ. سودىگەر مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇشنى نىيەت قىلسۇن.

2) ھۈنەر ياكى تىجارەتتە پەرز كۇپايىلەردىن بىرنى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلىش؛ چۈنكى، ھۈنەر – كەسىپ ياكى تىجارەت توختىغان ساھە زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ – دە، تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنى تارىيىدۇ. ئەمما، ھۈنەر – سەنئەتنىڭ مۇھىملىرىمۇ، كۆركەم ۋە پاراغەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىشتەك زۆرۈر بولمىغانلىرىمۇ بار. شۇڭا، مۇسۇلمانلارغا مۇھىم بولغان بىر ئىشنى قىلغان بولۇش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم ھۈنەرنى تاللاش كېرەككىم، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرى قامدالغاي. زەرگەرلىك، گەجخاچىلىق، نەققاشلىق ۋە شۇ قاتارى بېزەكچىلىك ھۈنەرلىرىدىن يىراق تۇرۇلغاي. چۈنكى، بۇ ئىشلار مەكرۇھتۇر(14).

بىر تىككۈچىنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن يىپەك كىيىم تىكىپ بېرىشى گۇناھتۇر. قاسساپلىقمۇ مەكرۇھتۇر، چۈنكى ئۇ قەلبنىڭ قېتىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. شۇنداقلا ھاجاماتچى (لوڭقا قويۇپ قان ئېلىش)، تېرە ئاشلىغۇچى ياكى تازىلىقچى بولۇش مەكرۇھتۇر. چۈنكى، ھەممىسىلا مەينەتچىلىك بىلەن ئۇچرىشىدۇ(15).

قۇرئان ئۆگەتكەنگە، پەرز كۇپايەلەر ۋە ئىبادەتلەرنى ئۆگەتكەنگە ھەق ئېلىش دۇرۇس ئەمەس(16).

3) دۇنيا بازارلىرى سودىگەرنى ئاخىرەت بازىرىدىن توسۇپ قويماسلىقى كېرەك؛ ئاخىرەت بازىرى دەل مەسجىدتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، سودىگەر كۈندۈزدە ئەتىگەن تەرەپتىن بازارغا كىرىپ بولغۇچە بولغان ۋاقتىنى ئاخىرەتكە ئاتىشى ۋە ۋىردلەرنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. سەلەفلەردىن سودىگەرچلىك قىلىدىغانلار كۈننىڭ ئەتىگەن ۋە كەچقۇرۇنىنى ئاخىرەت ئەمەللىرىگە، ئوتتۇرىسىنى تىجارەتكە ئاتايتتى. سودىگەر پېشىن ۋە ئەسىرنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلىسا، پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىكچىلىكىنى تاشلىشى كېرەك.

4) بازاردا دائىم ئاللاھنى زىكىر قىلىش، تەسبىھ ۋە تەھلىل بىلەن مەشغۇل بولۇش؛

5) بازارغا ۋە تىجارەتكە قاتتىق ھېرىسمەن بولماسلىق، بازارغا ئەڭ ئاۋۋال كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چىقىدىغان كىشى بولماسلىق كېرەك؛

6) ھارامدىن ساقلىنىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەسلىك، بەلكى شەك – شۈبھەلەردىنمۇ قېچىش ۋە باشقىلار بەرگەن پەتۋالارغا قاراپ قالماسلىق، قەلبىنى تىڭشاش، گەرچە جائىزلىقىغا پەتۋا بېرىلگەن بولسىمۇ، قەلبنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئىسلاھۇل مال»، (193)؛ قۇزائىي: «مۇسنەدۇششىھاب»، (80)؛ دەيلەمىي: «ئەلفىردەۋس بىمەئسۇرىل خىتاب»، (3919). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن، ئەبۇ نۇئەيم («ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 7/126) ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «ھالال پۇل تېپىش پەرزدىن كېيىنكى پەرزدۇر» دەپ رىۋايەت قىلغان. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 3619؛ «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 1301) «زەئىف» دېگەن.
2. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئىسلاھۇل مال»، (193)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (1181)؛ تەبەرانىي: «ﺋﻪﻟﻤﯘﺋﺠﻪﻣﯘﻝ ئەۋسەت»، (8934). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 1704؛ «سىلسىلەتۇلئەھادىيسىززەئىفە»، 1301) «زەئىف» دېگەن.
3. بۇخارىي (2072). مىقدام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان. داۋۇد ئەلەيھىسسالام كاتتا پادىشاھ تۇرۇقلۇق ساۋۇت ياساپ ساتاتتى. بۇ موھتاجلىقتىن ئەمەس، پەقەتلا ئۆز ئەمگىكىدىن يېيىشنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكتىن ئىدى.
4. مۇسلىم (2379). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
5. ھاكىم (4165). ئىبنى ھەجەر: («فەتھۇلبارىي»، 4/306) «سەنەدى بەكلا زەئىف» دېگەن.
6. ئەھمەد (5114)؛ بۇخارىي 2914 – ھەدىستىن بۇرۇن مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان؛ ئىراقىي ۋە ئالبانىيلار: «سەھىھ» دېگەن.
7. ئەھمەد (205)؛ تىرمىزىي (2344)؛ ئىبنى ماجە (4164). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

8. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قارىغۇ كىشىنىڭ تاۋارنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق قىلغان ئالدى – بەردىسى مۇئامىلىسى كۈچكە ئىگە. شافىئىي مەزھەب قارىشىدا «ئېلىم – سېتىم، رەنە ۋە ئىجارىگە ئوخشىغان كۆرۈش شەرت قىلىنىدىغان مۇئامىلىسى كۈچكە ئىگە ئەمەس، سەلەمگە ئوخشىغان تاۋارنى كۆرۈش شەرت قىلىنمايدىغان مۇئامىلىسى كۈچكە ئىگە، ئۆزى بىۋاسىتە قىلالمايدىغان مۇئامىلىلەردە باشقىلارنى ۋەكىل قىلىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 30/297، 298. — ت.
9. ئىجاب ۋە قوبۇل (الْإِيجَابُ وَالْقَبُولُ): ئىجاب ساتقۇچى ياكى توختاملاشقۇچىنىڭ سېتىش/ توختاملىشىشقا بولغان رازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان «ماڭا بۇ مېلىڭنى مۇنچىلىك پۇلغا ساتقىن» ياكى «سەن بىلەن مۇنداق توختاملىشىمەن» دېيىشتەك تەكلىپ لەۋزى ياكى ئىش – ھەرىكىتى. قوبۇل: سېتىۋالغۇچىنىڭ ياكى توختاملاشقۇچىنىڭ سېتىش/ توختاملىشىشقا بولغان رازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان «ئالدىم» ياكى «سەن بىلەن توختاملاشتىم» دېيىشتەك قوبۇل لەۋزى ياكى ئىش – ھەرىكىتى. بۇ ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بولۇپ، باشقا مەزھەبلەردە: دەسلەپ ياكى ئىككىنچى بولۇپ دېسۇن ساتقۇچىنىڭ ياكى مال ئىگىسىنىڭ سۆزى ئىجاب، سېتىۋالغۇچىنىڭ سۆزى قوبۇل بولىدۇ. — ت.
10. مۇئاتات (الْمُعَاطَاةُ): ساتقۇچى مالنى، سېتىۋالغۇچى پۇلىنى ئىجاب ۋە قوبۇلنى ئىپادىلەيدىغان لەۋزىسىز تاپشۇرۇش/ تاپشۇرۋېلىشتەك ئەمەلىي ئىش – ھەرىكەت. — ت.
11. مۇزارەبە / پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى (الْمُضَارَبَةُ): بۇ پۇلى بار كىشى بىلەن كۈچى بار كىشىنىڭ پايدىنى مەلۇم پىرسەنت بويىچە بۆلۈشۈش مەقسىتىدە، پۇل ئىگىسى چىقارغان پۇلنى كۈچ ئىگىسى چىقارغان كۈچ بىلەن ئايلاندۇرۇشقا كېلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. — ت.
12. مۇسلىم (102). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
13. قوي، كالا قاتارلىق سۈت بېرىدىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتىنى ساغماي ياكى بالىسىنى ئېمىتكۈزمەي، يېلىنى تولغان ھالدا ساتقىلى ئېلىپ چىقىش، بىلمىگەن كىشىدە «بۇ ھەرۋاقىت مۇشۇنداق سۈتلۈك ھايۋان ئوخشايدۇ» دەپ قېلىپ قىممەت سېتىۋېلىشى مۇمكىن، بۇ كۆز بويامچىلىق. — ت.
14. چەكتىن ئاشۇرۇپ بېزەش ۋە ھەشەمەتچىلىك كۆزدە تۇتۇلغان. بولمىسا بۇ ھۈنەرلەرنىڭ ھەممىسى ھالال. — ت.
15. بۇ بەزى ئالىملار قارىشى بولسىمۇ، بۇنىڭ ھېچبىر نەقلىي ۋە ئەقلىي دەلىلى يوق. كۆپچىلىك ئالىملار: «ھارام بولمىغان ھۈنەر – كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى مۇباھ» دەپ قارايدۇ. چۈنكى، مۇباھ ھۈنەر – كەسىپ ۋە ئىشلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتكە پايدىلىق بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىگە موھتاج بولغاچقا، ھەممىسى پەرز كۇپايەدۇر. — ت.
16. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە دەسلەپكى ھەنەفىي ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، ئۆلىمالار ئارىسىدا بۇ مەسىلىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد. ھەسەن بەسرىي، شەئبىي، ئىبنى سىرىن ۋە نەۋەۋىي قاتارلىقلار: «ھەق بېرىشنى شەرت قىلمىغان بولسا دۇرۇس» دەپ قارىغان. ئەتائ‍، مالىك، شافىئىي ۋە باشقىلار: «ئۆگىتىشكە توختاملىشىپ ھەق بېرىشكە ئېنىق شەرتلەشسە دۇرۇس» دەپ قارىغان. كېيىنكى ھەنەفىي ئالىملار: «قۇرئان ۋە شەرئىي ئىلىملەرنى ئۆگەتكەنگە ھەق ئېلىش جائىز» دەپ پەتۋا بەرگەن. «ئەلھىدايە»، 3/1281؛ ئىمام سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ ئەبۇللەيس سەمەرقەندىينىڭ «بوستان» ناملىق كىتابىدىن مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: «تەلىم – تەربىيە ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى، ھەق ئالماي ساۋاب ئۈچۈن ئۆگىتىش؛ ئىككىنچىسى، ھەق بېرىشكە دېيىشىپ ئۆگىتىش؛ ئۈچىنچىسى، ھەق بېرىشنى شەرت قىلماي، سوۋغات بەرسە قوبۇل قىلىش. بىرىنچى كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ. بۇ پەيغەمبەرلەر يولىدۇر. ئىككىنچىسىنىڭ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار، ‹دۇرۇس› دېگەن قاراش كۈچلۈك. ئۈچىنچىسىنىڭ دۇرۇسلۇقىغا ئىجماﺋ قىلىنغان. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرگە تەلىم بېرەتتى ۋە سوۋغات قوبۇل قىلاتتى». «ئەلئىتقان»، 1/ 323. — ت.