سۆھبەت، قېرىنداشلىق ۋە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشنىڭ ئەدەبلىرى

سۆھبەت، قېرىنداشلىق ۋە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشنىڭ ئەدەبلىرى

بىلگىنكى، دوستلۇق گۈزەل ئەخلاقنىڭ مېۋىسى، ياتلىشىش يامان خۇلقنىڭ كۈلپىتىدۇر. چۈنكى، گۈزەل ئەخلاق بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈش ۋە ماسلىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ، يامان خۇلق ئۆزئارا نەپرەت ۋە دۈشمەنلىكنى تۇغدۇرىدۇ. گۈزەل ئەخلاقنىڭ پەزىلىتى ھېچكىمگە مەخپىي ئەمەس. ھەدىسلەردە كۆپ دالالەت قىلىنغان.

ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى مۇئمىننىڭ تارازىسىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ بەكرەك ئېغىر باسىدىغان نەرسە يوق»(1) دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك ۋە ئورۇن جەھەتتە ماڭا ئەڭ يېقىن بولىدىغىنىڭلار گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغىنىڭلاردۇر. قىيامەت كۈنى مەندىن ئورۇن جەھەتتە ئەڭ يىراق بولىدىغىنىڭلار خۇلقى ئەڭ يامان بولغىنىڭلادۇر»(2). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «كىشىلەرنى ئەڭ كۆپ جەننەتكە كىرگۈزىدىغان نەرسە نېمە؟» دەپ سورالغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق» دەپ جاۋاب بەردى(3).

[ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرۈش] ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشكە كەلسەك، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا يەتتە تۈرلۈك كىشىگە ئۆزىنىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە بولمىغان كۈندە سايە بېرىدۇ» دەپ ئۇلار ئىچىدە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بىر – بىرىنى سۆيگەن، ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بىر يەرگە كەلگەن ۋە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئايرىلغان ئىككى كىشىنى تىلغا ئالدى(4). يەنە بىر ھەدىس قۇدسىيدا، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن ئۆزئارا ياخشى كۆرۈشكەن، مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن ئۆزئارا ئېلىپ – بېرىشكەن ۋە مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بىر – بىرىنى زىيارەت قىلىشقانلارنى مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈم ھەقتۇر»(5).

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىمان تۇتقۇلىرىنىڭ مۇستەھكەمراقى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن دوست تۇتۇش ۋە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن دۈشمەن تۇتۇشتۇر» دېگەن(6). بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر كۆپتۇر.

بىلگىنكى، ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن كىشى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن يامان كۆرەلەيدۇ. يەنى كىشى بىر كىشىنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەتمەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆرسە – يۇ، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىپ قالغان ھامان ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئۇنى يامان كۆرىدۇ. چۈنكى، كىشى بىر سەۋەبتىن باشقىلارنى ياخشى كۆرسە، دەل شۇ سەۋەبنىڭ ئەكسى ئۈچۈنمۇ ئۇلارنى يامان كۆرەلەيدۇ. بىر كىشىدە ياخشى ۋە يامان خىسلەتلەر تەڭ تېپىلسا، كىشى ئۇنى ياخشى خىسلىتى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، يامان خىسلىتى ئۈچۈن يامان كۆرىدۇ. شۇڭا، مۇسۇلماننى ئۇنىڭ دىنى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشۈڭ، گۇناھلىرى ئۈچۈن يامان كۆرۈشۈڭ كېرەك. شۇنىڭغا بىنائەن ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ياكى يىراق تەرەپلىرىڭنى دەڭسەپ تۇرۇپ ئوتتۇراھال مۇئامىلىدە بولىسەن.

تۇيماي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، شۇ ئىشىغا پۇشايمان قىلغان مۇسۇلماننىڭ قۇسۇرىنى كۆرمەسكە سېلىش ۋە ئۇنى يېپىش لازىم. ئەگەر ئۇ گۇناھىدا ئەزۋەيلىسە، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش، يىراقلىشىش ۋە قىلغان گۇناھىنىڭ ئېغىر – يەڭگىللىكىگە قاراپ، قاتتىق گەپ قىلىش بىلەن بىئاراملىقىنى ئوچۇق – ئاشكارا ئىپادىلەش كېرەك.

[ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرگەنلەرنىڭ مەرتىۋىلىرى ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا] بىلگىنكى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئۈچ قىسىمدۇر:

1) كافىرلار؛ ئەگەر ئۇ (مۇسۇلمانلار بىلەن) ئۇرۇشۇۋاتقان كافىر بولسا، ئۇ ئۆلۈمگە ياكى قۇل قىلىشقا لايىقتۇر. ئۇلارغا بۇ ئىككىسىدىنمۇ بەكرەك ئېغىر خارلىق يوق. ئەگەر ئۇ زىممىي (ئىسلام دۆلىتىدە مۇسۇلمانلارغا باج تاپشۇرۇپ، مۇسۇلمانلار ئامانلىقىدا ياشايدىغان كافىر) تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى ئىش قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا يۈز قارىماي، تەكەللۇپ قىلماي، يولنىڭ تار يېرىگە قىستاپ ئاپىرىپ، سالامنى باشتا قىلماي ۋە سالام قىلسا «ۋەئەلەيكە» دېيىش بىلەن جاۋاب بېرىپ كەمسىتىش(7) ئارقىلىق ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشتىن باشقا ئازار بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ.

تۈزۈكراقى ئۇنداق زىممىي بىلەن ئارىلاشماسلىق، تىجارىي مۇئامىلە قىلماسلىق ۋە بىرگە تاماق يېمەسلىك كېرەك. دوستلارغا قىلغاندەك، ئۇلار بىلەن ئېچىلىپ – يېيىلىپ ئولتۇرۇش ۋە يېقىن ئۆتۈش مەكرۇھتۇر.

2) بىدئەتچىلەر؛

ئەگەر كىشى بىدئەتكە چاقىرغۇچى كىشى بولسا ۋە ئۇ چاقىرغان بىدئەت كۇفۇرغا ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت بولسا، ئۇنىڭ ئەھۋالى زىممىينىڭكىدىن ياماندۇر. چۈنكى، بۇ ئادەمدىن جىزيە ئېلىنمايدۇ، ئامانلىق توختىمى بىلەن كەڭ قورساقلىقمۇ قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بىدئەتى كۇفۇرغا ئېلىپ بارمايدىغان بىدئەت بولسا، شەكسىزكى ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى ئەھۋالى كافىرنىڭكىدىن يەڭگىلراق، لېكىن ئۇنى رەت قىلىش كافىرنى رەت قىلىشتىن بەكرەك زۆرۈردۇر. چۈنكى، كافىرنىڭ يامانلىقى باشقىلارغا ئۆتمەيدۇ، ئۇنىڭ سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ھالبۇكى ئۆز بىدئەتىگە چاقىرىدىغان بىدئەتچى پەرقلىق. چۈنكى، ئۇ ئۆزى چاقىرىۋاتقان بىدئەتنى ھەق بىلىپ دەۋا قىلىدۇ – دە، ئىنسانلارنىڭ ئېزىشىغا سەۋەب بولىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ يامانلىقى ئۆزى بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئاشكارا يامان كۆرۈش، ئۇنىڭدىن ئالاقىنى ئۈزۈش، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇش، تۆۋەن كۆرۈش، بىدئەتىنى ئەيىبلەش ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن تەزدۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم ۋە كېرەكلىكتۇر.

ئەمما، بىدئەتىگە چاقىرمايدىغان / چاقىرالمايدىغان، بىراۋنىڭ ئەگىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش بىھاجەت بىدئەتچىگە كەلسەك، ئۇنىڭ ئىشى ئاسان. ئۇنىڭغا يۇمشاق نەسىھەت قىلىش كېرەك. چۈنكى، ئاۋام خەلقنىڭ قەلبى تېز ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر نەسىھەت كار قىلمىسا ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش ئارقىلىق بىدئەت ئەمىلىنى كۆزىگە سەت كۆرسەتكىلى بولسا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش تەكىتلەنگەن مۇستەھەبتۇر. ئۇنىڭ تەبىئىتىنىڭ قېتىپ، ئېتىقادى قەلبىگە مۇستەھكەم ئورۇنىشىپ كەتكەچكە نەسىھەت كار قىلمايدىغانلىقى بىلىنسە، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، بىدئەت تولۇق يامانلانمىسا، كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىدۇ ۋە زىيىنى ھەممىگە يېتىدۇ.

3) ئۆز ئەقىدىسى بىلەن ئەمەس، ئىش – ھەرىكىتى بىلەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغۇچىلار؛

ئەگەر بۇنداق كىشى زۇلۇم قىلىش، غەزەپلىنىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، غەيۋەتخورلۇق، چېقىمچلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن باشقىلارغا ئەزىيەت بەرسە، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، ئارىلاشماسلىق ۋە ئالاقىنى ئۈزۈش كېرەك. ئەر – ئاياللارنى بىر يەرگە يىغىپ سورۇن قۇرۇپ بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرگە مەي ئىچىش ئىمكانى يارىتىپ بەرگۈچىگە ئوخشاش پاساتچىلىققا چاقىرىدىغان كىشىنىڭ ھۆكمىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاسىي كىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش. بۇنداق كىشىنى پەس كۆرۈش، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ۋە ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كېرەك.

ھاراق ئىچىش، زىنا ياكى ئوغرىلىق قىلىش ۋەياكى ۋاجىب بىر ئىشنى تەرك ئېتىش بىلەن ئۆزىگە پاسىق (يەنى پاسىقىلىقى ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىدىغان) كىشىگە كەلسەك، ئۇنىڭ ئىشى يەڭگىلراقتۇر. لېكىن، ئۇ گۇناھ قىلىۋاتقان ھالىتىدە ئۇچراپ قالسا، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇنى شۇ گۇناھتىن توسۇش ۋاجىب. ئەگەر نەسىھەت ئۇنى گۇناھتىن قايتۇرىدىغان بولسا ۋە تېخىمۇ پايدىلىق بولسا، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىنىدۇ. نەسىھەت كار قىلمىسا قاتتىق مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

دوستلۇققا تاللىنىدىغان كىشىدە بولۇشى شەرت سۈپەتلەر
بىزگە رىۋايەت قىلىندىكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىنسان ئۆز دوستىنىڭ دىنىدىدۇر، شۇڭا كىشى دوستلاشقان كىشىسىگە قارىسۇن» دېگەن(8).

بىلگىنكى، ھەممىلا ئادەم دوستلۇققا ياراۋەرمەيدۇ. دوست بولۇنغۇسى كىشى دوستلۇقىغا قىزىقتۇرىدىغان سۈپەت ۋە خىسلەتلەر بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى لازىم. سۈپەت ۋە خىسلەتلەر دوست بولۇشتىن كۆزلەنگەن پايدىلارغا قاراپ شەرت قىلىنىدۇ. دوستلۇقتىن كۆزلەنگەن پايدىلار دېگىنىمىز يا دۇنيا ۋە ئابرۇي تېپىش ياكى كۆرۈشۈۋېلىش، پاراڭلىشىش بىلەن دىلى يايراشتەك دۇنيالىق مەنپەئەتلەردۇر، بىزنىڭ تېمىمىز بۇ ئەمەس. يا بولمىسا دىنىي پايدا كۆزلەنگەن بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ تۈرلۈك مەقسەتلەر جەملەنگەن بولىدۇ. جۈملىدىن: ئىلىم ۋە ئەمەلىدىن پايدىلىنىش، دوستىنىڭ مەرتىۋىسى ئارقىلىق ئىبادەت قىلىشتىن توسىدىغان ۋە قەلبنى بىئارام قىلىدىغان ئەزىيەتتىن ساقلىنىش، دوستى بېرىدىغان مال بىلەن كۇپايىلىنىپ ۋاقتىنى ئوزۇق تەلەپ قىلىش بىلەن زايە قىلماسلىق ۋە مۇھىم خۇسۇسلاردا ئۇنىڭدىن ياردەم ئېلىش قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بۇ دوستلۇق ئۆزى ئۈچۈن مۇسىبەتلەردە ياردەمچى ۋە ھەرخىل ئەھۋاللاردا كۈچ بولىدۇ. ئاخىرەتتە شاپائەت قىلىشمۇ شۇ پايدىلار قاتارىدىندۇر. دەرۋەقە بەزى سەلەفلەر مۇنداق دېگەن: «قېرىندىشىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، چۈنكى ھەربىر مۇئمىننىڭ شاپائەت قىلىشى ھەقتۇر». بۇ پايدىلارنىڭ ھەربىرى پەقەت شۇنىڭ بىلەنلا ھاسىل بولىدىغان شەرتلەرنى تەلەپ قىلىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا، دوستلۇققا تاللىغان كىشىڭدە شۇ بەش خىسلەت بولسۇن:

ئەقىللىق ۋە ئەخلاقى گۈزەل بولسۇن، پاسىق، بىدئەتچى ۋە دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىسۇن.

ئەقىل بىر بايلىقتۇر. ئەخمەق بىلەن يولداشلىقتا ياخشىلىق يوقتۇر. چۈنكى، ئەخمەق ساڭا «مەنپەئەت بېرىمەن» دەپ زىيان سالىدۇ. ئەقىللىق كىشى دېگىنىمىز ئىشلارنى ئۆز ھەقىقىتىدە ئۆزى چۈشىنىدىغان ياكى چۈشەندۈرۈلسە چۈشىنىدىغان كىشىدۇر.

گۈزەل ئەخلاق چوقۇم بولۇشى كېرەك. چۈنكى، نۇرغۇن ئاقىللار باركى، ئاچچىقى ياكى شەھۋىتىگە يېڭىلىپ ھاۋايى – ھەۋىسىگە بېرىلىدۇ. شۇڭا، ئەخلاقسىز كىشىنىڭ يولداشلىقىدا ياخشىلىق يوقتۇر.

پاسىق كىشى ئاللاھتىن قورقمايدۇ. ئاللاھتىن قورقمايدىغان كىشىگە ئىشىنىپ بولمايدۇ، سەۋەب بولغۇسى پالاكەتلەردىن ئەمىن بولغىلىمۇ بولمايدۇ.

بىدئەتچى بىلەن يولداشلىقتا ئۇنىڭ بىدئەتىنىڭ يۇقۇشىدىن قورقۇلىدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭگە راستچىل دوستلار تۇتقىن، شۇندىلا ئۇلارنىڭ ھىمايىسىدە ياشايسەن، چۈنكى راستچىل دوستلار كەڭرىچىلىكتە زىننەت، بالا – مۇسىبەتتە تەييارلىقتۇر. ئۆزىدىن نەپرەتلەندۈرىدىغان بىر ئىشنى قىلمىغۇچە، دوستۇڭنىڭ ئىشىنى ئەڭ گۈزەل ئورۇنغا قوي (ياخشى مەنادا ئويلا). دۈشمىنىڭدىن يىراق تۇرغىن! ئىشەنچىلىك بولمىسا، دوستۇڭ بولسىمۇ ئېھتىيات قىلغىن. ئاللاھتىن قورقمىسا ئىشەنچىلىك ھېسابلانمايدۇ. ھەرگىز پاسىققا يولداش بولما! ئۇنىڭ يولداشلىقىدا پىسقى – پۇجۇرلىرىنى ئۆگىنىسەن. ئۇنىڭغا سىرلىرىڭنى بىلدۈرمە، ئىشىڭدا ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشىلەرگە مەسلىھەت سالغىن»(9).

يەھيا ئىبنى مۇئاز — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «سەن ‹دۇئايىڭدا مېنى ياد ئەتكىن› دېيىشكە موھتاج بولىدىغان، سەن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ ياشايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆزرە ئېيتىشقا موھتاج بولىدىغان دوست نېمىدېگەن يامان دوست – ھە!»

ھەسەن ئەلبەسرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ يېنىغا بىر تۈركۈم كىشىلەر كىردى ۋە بەزىلىرى ئۆيدىكى مېۋە – چېۋىلەردىن يېيىشكە باشلىدى، ھەسەن ئەلبەسرىي: «ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مانا بۇ ھەقىقىي دوستلارنىڭ ئىشىدۇر» دېدى(10).

ئەبۇ جەئفەر — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئۆز ھەمراھلىرىغا:

— بىرەرسىڭلار قېرىندىشىنىڭ يېڭىغا (يانچۇقىغا) قولىنى تىقىپ خاھلىغان نەرسىنى ئالالامدۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇلار:

— ياق، — دېدى. ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر:

— ئۇنداقتا سىلەر دەۋا قىلغاندەك دوست ئەمەسكەنسىلەر، — دېدى.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، فەتىھ ئەلمۇسۇلىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئىيسا تەممار ئاتلىق بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە ئۇ يوق چاغدا كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىيسانىڭ دېدىكىگە: «ماڭا دوستۇمنىڭ ھەميانىنى ئېلىپ چىقىڭ» دېدى. دېدەك قىز ھەمياننى ئەچىقىپ بەرگەنىدى، فەتىھ موسۇلىي ئۇنىڭدىن ئىككى تەڭگە ئالدى. كېيىن ئىيسا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، دېدەك قىز ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى ئېيتىپ بەرگەنىدى، ئىيسا: «ئەگەر ئېيتقىنىڭ راست بولسا، سېنى ئازاد قىلدىم» دېدى ۋە ھەميانغا قارىغانىدى ھەقىقەتەن دېدەكنىڭ راست ئېيتقانلىقى ئايان بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز ئازاد بولدى.

بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۈستىدىكى ھەقلىرى
بىرىنچى ھەق: مۇسۇلمان قېرىندىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئېھتىياجلىرىنى راۋا قىلىش؛ بۇنىڭ ئۈچ دەرىجىسى بار:

ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى: مۇسۇلمان قېرىندىشى بىرنەرسە سورىسا، دەرھال كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئادا قىلىش. ئادا قىلغاندا خۇشاللىق بىلەن ۋە خۇشچىراي ئادا قىلىش.

ئوتتۇرا دەرىجىسى: قېرىندىشى سورىمىسىمۇ ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىش.

ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى: مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى ئۆز ھاجىتىنىڭ ئالدىغا قويۇش. بەزى سەلەفلەر ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشىنىڭ بالىچاقىلىرىنى 40 يىل يوقلىغان ۋە ھاجەتلىرىنى راۋا قىلغانىدى.

ئىككىنچى ھەق: مۆرىتى كەلسە سۈكۈت قىلىپ، مۆرىتى كەلسە سۆزلەش؛

سۈكۈت قىلىش: قېرىندىشى بار يەردە بولسۇن، يوق يەردە بولسۇن ئۇنىڭ ئەيىبلىرىنى تىلغا ئالماسلىق، قارشى گەپ قىلماسلىق، دەتالاش قىلماسلىق ۋە ئاشكارىلىنىشىنى خاھلىمايدىغان ئىشلار توغرۇلۇق سورىماسلىقتۇر. «ئەگەر دېگۈسى يوق بولسا تەڭلىك قىلماي» دېسە، ئۇچرىشىپ قالسا «قەيەرگە ماڭدىڭىز؟» دەپ سورىماسلىق، دوستلىرى ۋە ئائىلىسى ئالدىدا تەنقىدلىمەسلىك ھەمدە باشقىلارنىڭ قېرىندىشى ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزمەسلىك، ھەتتا تاشلىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قېرىندىشىنىڭ سىرىنى ساقلاش كېرەك.

ئۈچىنچى ھەق: قېرىندىشى يامان كۆرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى تىلغا ئالماسلىق؛ لېكىن، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش بارىدا سۆزلەش ۋاجىب بولۇپ قېلىپ، سۈكۈت قىلىشقا شەرئىي رۇخسەت تېپىلمىسا، سۆزلەش كېرەك. چۈنكى، بۇنى قېرىندىشىنىڭ يۈزىگە ئېيتىش بىر مەنادا ئۇنىڭغا قىلىنغان ياخشىلىقتۇر.

ئوبدان بىلىۋالغىنكى، ئەگەر سەن ھەرقانداق ئەيىب – نۇقساندىن پاك كىشىنى ئىزدىسەڭ، ھەرگىز تاپالمايسەن. نىشان ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىدىن كۆپ كىشىدۇر.

ئىبنى مۇبارەك — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن —: «مۇئمىن (قېرىندىشىغا) ئۆزرە ئىزدەيدۇ، مۇناپىق بولسا قۇسۇر ئىزدەيدۇ» دېگەن.

فۇزەيل ئىبنى ئىياز — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن —: «دوستلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىش ھەقىقىي يىگىتلىكتۇر» دېگەنىكەن.

مۇسۇلمان قېرىندىشىڭغا گۇمان بىلەن قارىما، ئۇنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى ئىمكانقەدەر ياخشىلىققا جورۇغىن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەرگىز يامان گۇمان قىلىپ قالماڭلار، چۈنكى يامان گۇمان سۆزنىڭ ئەڭ يالغىنىدۇر» دېگەن(11).

بىلگىنكى، گۇمانخورلۇق شەرىئەت چەكلىگەن ئىش — قۇسۇر ئىزدەشكە ئېلىپ بارىدۇ. ئەيىبنى يېپىش ۋە بىلمىگەن بولۇۋېلىش دىندار كىشىنىڭ خۇيىدۇر.

بىلگىنكى، كىشى ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمانى مۇكەممەل بولمايدۇ. مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ئۆزىگە راۋا كۆرمەيدىغان شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش قېرىنداشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر. شۈبھىسىزكى، سەن قېرىندىشىڭنىڭ ئەيىبىڭنى يېپىشىنى، خاتالىقلىرىڭنى سۆزلىمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىسەن، ئەگەر قېرىندىشىڭ ئارزۇيۇڭنىڭ ئەكسىنى قىلسا، ساڭا بەك قاتتىق ئەلەم بولىدۇ. شۇڭا، ئۆزۈڭ قېرىندىشىڭغا راۋا كۆرمىگەننى قېرىندىشىڭدىن قانداقمۇ ئارزۇ قىلالايسەن؟! ئۆزۈڭ كەڭ قورساقلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپ، باشقىلاردىن ئىنساپ تەلەپ قىلساڭ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىگە چۈشۈپ قالىسەن: ﴿ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ. كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ﴾(83/«مۇتەففىفىن»: 2، 3). ئەيىبلەرنى يېپىشتا يېتەرسىز كېلىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇلارنى ئېچىشقا قىزىقتۇرغۇچى ئامىل ئاداۋەت ۋە ھەسەتتۇر.

قېرىنداشلار ئارىسىدا ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىكنى قوزغايدىغان ئەڭ ئېغىر سەۋەب جېدەللىشىش ۋە تالاش – تارتىش قىلىشتۇر. ئارتۇقچىلىقى ۋە زىيادە زېرەكلىكى سەۋەبلىك باشقىلاردىن ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى كۆز – كۆز قىلىش ۋە رەددىيە بېرىلگۈچىنى تۆۋەن كۆرۈش تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولىدۇ. قېرىندىشى بىلەن تالاش – تارتىش قىلغان كىشى قېرىندىشىنى بىلىمسىزلىك ۋە ئەخمەقلىق ياكى غاپىل ۋە ئەقلى كوتىلىق بىلەن چۈشۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەن كۆرۈشتۇر. بۇ ئىشلار كۆڭۈلنى ئۆچمەنلىك بىلەن تولدۇرىدۇ ۋە دۈشمەنلىشىشكە سەۋەب بولىدۇ. بۇ ھەم قېرىنداشلىققا زىتتۇر.

تۆتىنچى ھەق: ئاغزاكى ھەق؛ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق قېرىندىشى يامان كۆرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى تىلغا ئالماسلىقنى تەقەززا قىلغاندەك، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەشنىمۇ تەقەززا قىلىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ كېرەكلىك. چۈنكى سۈكۈت بىلەن كۇپايىلەنگەن كىشى قەبرە ئەھلىگە ھەمراھ بولغانغا ئوخشايدۇ. دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقتىن مۇراد ئۇلاردىن قۇتۇلۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىن پايدىلىنىشتۇر. سۈكۈت قىلىشنىڭ مەنىسى ئەزىيەتتىن ساقلىنىشتۇر. ئۇنداقتا تىلى بىلەن بولسىمۇ قېرىندىشىغا دوستلۇق ئىزھار قىلىش، ھال – ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتنى سوراش، دەردىگە ھەمدەردلىك ۋە خۇشاللىقىغا ھەمخۇشاللىق ئىزھار قىلىش كېرەك.

تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىرىڭلار قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭغا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن» دېگەن(12).

شۇنداقلا قېرىندىشىنى ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسمى بىلەن چاقىرىشمۇ ئاغزاكى ھەقلەردىندۇر. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مۇنۇ ئۈچ خىسلەت قېرىندىشىڭ بىلەن بولغان دوستلۇقىڭلارنى ساپلاشتۇرىدۇ، ئۇلار: ① قېرىندىشىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئاۋۋال سالام بېرىشىڭ؛ ② ئولتۇرىدىغان ئورۇننى كەڭرى قىلىپ بېرىشىڭ؛ ③ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىشىڭدۇر»(13).

شۇنداقلا قېرىنداشلىق ھەقلىرىدىن يەنە: بىر كىشىنىڭ نەزىرىدە مۇسۇلمان قېرىندىشى ماختىلىشنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزى بىلىدىغان گۈزەل خۇلقلىرى بىلەن ئۇ قېرىندىشىنى ماختاش؛ شۇنىڭدەك قېرىندىشىنىڭ بالىۋاقىسىنى، پېئىل – ئەتىۋارىنى ھەمدە ئەخلاقى، ئەقلى، تۇرقى، نىشانى، قەلىمى، ئەسەرلىرى، قىسقىسى ئۇنى خۇشال قىلىدىغان بارلىق جەھەتلەرنى ئاشۇرۇۋەتمەي، يالغان قوشماي ماختاش؛ ھەتتا ئۇنى بىراۋ ماختىغان بولسا شۇنى، ئۆزىنىڭمۇ شۇ ماختاشتىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئىزھار قىلغان ھالدا قېرىندىشىغا يەتكۈزۈش. چۈنكى، بۇنى قېرىندىشىغا يەتكۈزمەسلىك ئىچى تارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

ئۇ ھەقلەردىن يەنە بىرى قېرىندىشىڭنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا رەھمەت ئېيتىشىڭدۇر. ئۇ يوق يەردە ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق مەقسەت قىلىنسا، ئۇنى قوغدىشىڭ كېرەك. چۈنكى، قېرىنداشلىقنىڭ ھەققى ھىمايە قىلىش ۋە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يەڭلەرنى تۈرۈشتۇر.

باشقا بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ئۇنى دۈشمىنىگە تاشلاپ قويمايدۇ» دېگەن(14).

بىر مۇسۇلماننىڭ باشقا بىر مۇسۇلمان قېرىندىشنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى قوغداشتا بىپەرۋالىق قىلىشى ئۇنى دۈشمىنىگە تاشلاپ قويغىندۇر. بۇ ھەقتە سەن ئۈچۈن ئىككى ئۆلچەم بار:

1) ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتىلغانلارنى ئويلاپ كۆرۈشۈڭ. يەنى، شۇ گەپلەر ئۇ قېرىندىشىڭ بار يەردە سېنىڭ ھەققىڭدە ئېيتىلغان بولسا ئۇنىڭ نېمە دېيىشىنى كۈتكەن بولاتتىڭ؟

2) قېرىندىشىڭنى خۇددى تامنىڭ كەينىدە سېنىڭ دەۋاتقانلىرىڭنى تىڭشاپ تۇرغاندەك پەرەز قىلىشىڭ! يەنى، سېنىڭ قەلبىڭدە قېرىندىشىڭ بار يەردە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قايسى تۇيغۇلار ھەرىكەتلەنگەن بولسا، شۇ تۇيغۇلار ئۇ يوق يەردىمۇ ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقتا سەمىمىي بولمىغان كىشى مۇناپىقتۇر.

ئۇ ھەقلەردىن يەنە بىرى ئىلىم ئۆگىتىش ۋە نەسىھەت قىلىشتۇر. چۈنكى، قېرىندىشىڭنىڭ ئىلىمگە بولغان ھاجىتى سېنىڭ مالغا بولغان ھاجىتىڭدىن ئاز ئەمەس. شۇڭا سەن ئىلىم جەھەتتە باي بولغان ھامان بۇ ئىلىمنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىشىڭ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق ھەرقانداق تېمىدا ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ تۇرغىن.

قېرىندىشىڭغا نەسىھەت قىلساڭ، مەخپىي قىلغىن. ئەيىبلەش بىلەن نەسىھەت ئارىسىدىكى پەرق بىرىنىڭ ئاشكارا، يەنە بىرىنىڭ مەخپىي قىلىنىشىدۇر. دەرۋەقە مادارا بىلەن خۇشامەت ئارىسىدىكى پەرق كۆرمەسكە سېلىشقا ئېلىپ بارغان سەۋەبكە باغلىقتۇر. يەنى ئەگەر سەن مەلۇم بىر ئىشقا دىنىڭنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن كۆز يۇمساڭ ۋە بۇنى قېرىندىشىڭنىڭ پايدىسىغا دەپ قارىساڭ، ماداراچى بولىسەن. ئەگەر نەپسىڭنى تويغۇزۇش، ھاۋايى – ھەۋەسلىرىڭنى قاندۇرۇش ۋە يۈز – ئابرۇيىڭنى / مەۋجۇد ئورنىڭنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆز يۇمغان بولساڭ، سەن بىر خۇشامەتگۇي بولىسەن.

خاتالىقلارنى كەچۈرۈۋېتىشمۇ بۇ ھەقلەر قاتارىدىندۇر. ئەگەر قېرىندىشىڭ دىنىي جەھەتتىن خاتالاشقان بولسا، ئۇنىڭغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سىلىق نەسىھەت قىلغىن. خاتالىقىدىن توسۇش ۋە ۋەز – نەسىھەتنى توختىتىپ قويمىغىن. ئەگەر قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقەنى ئۈزگىن(15).

بەشىنچى ھەق: قېرىندىشى ھايات ۋاقتىدىمۇ، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۆزى ئۈچۈن قانداق دۇئا قىلغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق دۇئا قىلىش؛

«سەھىھۇ مۇسلىم»دە ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆز دىن قېرىندىشىنىڭ غىيابىدا قىلغان دۇئاسى مۇستەجاب دۇئادۇر. ئۇنىڭ بېشى ئەتراپىدا دۇئاغا مۇئەككەل بىر پەرىشتە بار. مۇسۇلمان ئۆز دىن قېرىندىشىغا ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلسا، مۇئەككەل پەرىشتە: ‹ئامىن، ساڭىمۇ ئوخشىشى بولسۇن!› دەيدۇ»(16).

ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نۇرغۇن دوستلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاپ تۇرۇپ دۇئا قىلاتتى. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — سەھەر ۋاقتىدا ئالتە كىشىگە دۇئا قىلاتتى.

مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا كەلسەك، ئەمر ئىبنى ھۇرەيس(17) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بەندە ئۆلۈپ كەتكەن دىن قېرىندىشىغا دۇئا قىلسا، ئۇ دۇئانى بىر پەرىشتە ئۇنىڭ قەبرىسىگە ئېلىپ كېلىپ: ‹ئى قەبرىنىڭ غېرىب ئىگىسى! بۇ بولسا شەپقەتلىك بىر دوستتىن ساڭا ھەدىيەدۇر› دەيدۇ».

ئالتىنچى ھەق: ۋاپا ۋە ئىخلاس؛

ۋاپا: تا ئۆلگۈچە دىن قېرىندىشىنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈش، قېرىندىشى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ بالا – چاقا ۋە دوستلىرى بىلەن يېقىن ئۆتۈش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ياشانغان ئايالنى ئىززەتلەيتتى ۋە: «خەدىچە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) ھايات ۋاقتىدا ئۇ ئايال بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ كېتەتتى، گۈزەل ۋاپا ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەنىدى(18).

ئورۇن / مەرتىۋىسى ھەرقانچە يۇقىرىلاپ، ئىگىلىك / تەسىر دائىرىسى كېڭىيىپ ۋە يۈز – ئابرۇيى كۆتۈرۈلۈپ كەتسىمۇ، دوستىغا قارىتا ئىزچىل كەمتەر بولۇش ۋاپانىڭ جۈملىسىدىندۇر.

بىلگىنكى، دىنغا زىت ئىشلاردا قېرىندىشىنى قوللاش ئەسلا ۋاپانىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس. ئىمام شافىئىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلھەكەم بىلەن قېرىنداش ئىدى، ئۇنى ئۆزىگە يېقىن ئولتۇرغۇزاتتى ۋە ئۇنىڭغا مايىل ئىدى. ئىمام شافىئىيدا ئۆلۈم ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ئۇنىڭغا: «ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! سىز ۋاپات تاپقاندىن كېيىن، كىمنىڭ مەجلىسىگە بارايلى؟» دەپ سورالدى، شۇندا ئىمام شافىئىينىڭ يېنىدا ئولتۇرغان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلھەكەم ئىمام ئۆزىنى ئىشارەت قىلىپ قالارمىكىن دېگەن مەقسەتتە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى، لېكىن ئىمام شافىئىي جاۋاب بېرىپ: «ئەبۇ يەئقۇب بۇۋەيتىينىڭ يېنىغا بېرىڭلار» دېدى، بۇ گەپتىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلھەكەم بىئارام بولدى، چۈنكى ئۇ ئىمام شافىئىينىڭ مەزھىبىنى ياخشى ئۆگەنگەن كىشى ئىدى، لېكىن ئەبۇ يەئقۇب بۇۋەيتىي زاھىدلىق ۋە تەقۋادارلىققا يېقىن كىشى ئىدى، شۇڭا ئىمام شافىئىي مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولدى ۋە تەخسىكەشلىكتىن قاچتى. كېيىن مۇھەممەد ئىبنى ھەكەم ئىمام شافىئىينىڭ مەزھىبىدىن قايتىپ، مالىكىيلەردىن بولۇپ كەتكەن ئىدى.

كىشىلەرنىڭ دوستى ھەققىدىكى سۆز – چۆچەكلىرىگە قۇلاق سالماسلىق ۋە دوستىنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوست بولماسلىق ۋاپانىڭ جۈملىسىدىندۇر.

يەتتىنچى ھەق: قېرىندىشىغا ئېغىرچىلىق سالماسلىق / يەڭگىللەشتۈرۈش، (ياسالما تەكەللۇپ) ۋە مۇشەققەت سېلىشنى تاشلاش. يەنى، قېرىندىشىغا تەس كېلىدىغان ئىشنى يۈكلىمەسلىك، ھەتتا ئۆزىنىڭ مۇھىم قىيىنچىلىق ۋە ھاجەتلىرىنى يوشۇرۇش، ئۇنى بىئارام قىلماسلىق، ئۇنىڭ يۈز – ئابرۇيى ۋە مېلىدىن پايدىلانماسلىق، ئۇنى ئۆزىنى يوقلاپ تۇرۇشقا ۋە ھەقلىرىنى ئادا قىلىشقا، شۇنداقلا ئۆزىگە كەمتەر بولۇشقا قىستىماسلىق. ئەكسىچە مەقسەت دىن قېرىندىشىنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن بەرىكەتلىنىش، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ ئۈلپەتلىشىش، دىنىدا ياردەم سوراش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى كۆزلەش بولۇشى كېرەك. چىن مەنادا يەڭگىللەشتۈرۈش دېگەن ئۆزى بىمالال قىلالايدىغان نەرسىلەرنى قېرىندىشىنىڭمۇ خىجىل بولماي قىلالىشى ئۈچۈن، خىجالەت پەردىسىنى كۆتۈرۈش بىلەن بولىدۇ.

جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «دوستلىرىمدىن ماڭا ئەڭ مالال كېلىدىغىنى مەن ئۈچۈن جاپا – مۇشەققەت چەككەن ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۆزىدىن تارتىنىدىغان دوستلىرىمدۇر. قەلبىمگە ئەڭ يەڭگىل كېلىدىغىنى بولسا مەن بىرگە دەرقەمتە بولغاندا، ئۆزۈم يالغۇزدەك ھېس قىلىدىغان دوستلىرىمدۇر».

ھېكمەت ئەھلىدىن بىرى مۇنداق دېگەن: «كەمتەر كىشىنىڭ دوستلۇقى داۋاملىشىدۇ، ئۆزۈڭنى دوستلىرىڭدىن پەزىلەتلىك ئەمەس، بەلكى دوستلىرىڭنى ئۆزۈڭدىن پەزىلەتلىك كۆرۈش بۇ ئىشنى تاماملايدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار بىلەن بىللە بولغىنىڭدا ئۆزۈڭنى خىزمەتچىدەك كۆرگىن».

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. ئەبۇ داۋۇد (4799)؛ تىرمىزىي (2002)؛ ئالبانىي: («سەھىھۇ سۈنەنى ئەبى داۋۇد»، 4014) «سەھىھ» دېگەن.
2. ئەھمەد (17710)؛ تىرمىزىي (2018)، ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇشەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1535) «سەھىھ» دېگەن.
3. ئەھمەد (9694)؛ تىرمىزىي (2004)، ئالبانىي: («سەھىھۇ سۈنەنىتتىرمىزىي»، 1630) «ھەسەن» دېگەن.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (660)؛ مۇسلىم (1031).
5. ئەھمەد (22055)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (16579). ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 4321) «سەھىھ» دېگەن.
6. ئەھمەد (18547)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (10203). ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس ۋە بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن»، ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 2539) «سەھىھ» دېگەن.
7. بۇ بەزى مەزھەبلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، توغرىسى، كۆپلىگەن ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە بولمىغان كافىرلارغا سالام بەرسە ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالسا بولىدۇ. مەسىلەن: ﴿سىلەر بىلەن دىن سەۋەبىدىن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن ئاللاھ سىلەرنى توسمايدۇ، چۈنكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى سۆيىدۇ﴾(60/«مۇمتەھىنە»: 8).
8. ئەبۇ داۋۇد (4833)؛ تىرمىزىي (2378)؛ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 3545) «ھەسەن» دېگەن.
9. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (7992).
10. 24/«نۇر» سۈرىسى 61 – ئايەتكە ئىشارە.
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6064)؛ مۇسلىم (2563). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
12. ئەھمەد (17210)؛ تىرمىزىي (2395). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 279) «سەھىھ» دېگەن.
13. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (352)؛ بەيھەقىي: «ئەلئاداب»، (191).
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2442)؛ مۇسلىم (2580). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
15. بۇ بەزى ساھابەلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، يەنە بەزى ساھابەلەر: «ئۇنى تاشلىۋەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇ بىر خاتالىشىپ، بىر تۈزىلىپ قالىدۇ» دەپ قارىغان. قاراڭ: غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3/76.
16. مۇسلىم (2732).
17. باشقا مەنبەلەردە «ئەمر ئىبنى جەرىر» دېيىلگەن. قاراڭ: ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئەررۇھ»، 90 – بەت. سۇيۇتىي: «شەرھۇسسۇدۇر»، 297 – بەت.
18. تەبەرانىي («ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 18557) ۋە ھاكىم (40): «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. ئالبانىيمۇ: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 3113) «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: