سۇلتان مۇراد II

سۇلتان مۇراد II

(ھ. 806 – 855 / م. 1404 – 1451)

﴿ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن، دېگىن﴾.

_ (ئىسرا: 24)

«دادا! مەن سىزدىن سىز ماڭا تاشلاپ بەرگەن سەلتەنەت تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىڭىز ئۈچۈن تەختكە قايتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، مەن بۇ چوڭ مەنسەپنى تۇتۇشقا تېخى كىچىك. شۇڭا، سىز ھەقىقىي سۇلتان بولسىڭىز، كېلىڭ ۋە دۆلىتىڭىزنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىڭ. ئەگەر مەن سۇلتان بولسام، مەن ھەقىقەتەن سىزنىڭ سەلتەنەت ئىشلىرىنى مۇستەھكەملىشىڭىز ئۈچۈن، تەختكە قايتىپ كېلىشىڭىزگە ئەمر قىلىمەن».

_ سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ

بىر ئەرەب يىگىت مەندىن «مۇراد» دېگەن ئىسىم ئەرەبچە ئىسىممۇ ياكى ئەمەسمۇ دەپ سوراش ئۈچۈن يېنىمغا كەلگەن ۋاقىتتا قەلبىم شۇنداق ئازابلانغان ئىدى. چۈنكى، مېنىڭ مۇشۇ ئەلەملىك ھېس – تۇيغۇلىرىم بولسا، تۆۋەندىكى ئۈچ سەۋەبنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئىدى. ئۇ ئۈچ سەۋەبتىن بىرى، شەخسەن مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، قالغان ئىككىسى بولسا، پۈتۈن ئۈممەتنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەۋەب بولسا «مۇراد» دېگەن ئىسىمنىڭ ئۆزى مېنىڭ قەلبىمدە ناھايىتى بۈيۈك ئىسىم بولۇپ، بىز توققۇز قېرىنداشتىن مەندىن بىر ياش كىچىك ئىنىمغا قويۇلغان ئىسىم ئىدى. ئازابلىنىشىمنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى بۇ ئۈممەت ياشلىرىنىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تىلى ۋە قۇرئان تىلى بولغان ئەرەب تىلىغا قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىم. «مۇراد» دېگەن ئىسىم ئەرەبچىدە «ئىستەلگۈچى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ ئاساسلىق بىر بۆلۈكىنى تەشكىل قىلغان بىر قەبىلىنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇر. ئۇ كىشى بولسا مۇراد ئىبنى مالىك ئىبنى زەيد ئىبنى كەھلان ئىبنى سەبە ئىبنى يەشجۇب ئىبنى يەئرۇبدۇر. ئۇ ساپ ئەرەبلەرنىڭ يىلتىزىدۇر. ئازابلىنىشىمنىڭ ئۈچىنچى سەۋەبىگە كەلسەك، بۇ ئۈممەتنىڭ ياشلىرى ئازابىنى چېكىۋاتقان «يوقىتىش»نىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىم.

 «مۇراد» دېگەن ئىسىم بولسا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى يېتىشتۈرۈپ چىققان بىر بۈيۈك ئىسلام قەھرىمانىنىڭ ئىسمىدۇر. ئۇ قەھرىمان بولسا سۇلتان بايەزىد ئوغلى سۇلتان I. مۇھەممەدنىڭ ئوغلى سۇلتان مۇراد II دۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن!   

قەھرىمانىمىز مۇراد II ئوغلىنى دوختۇرخانىلاردا ئىسمىنىڭ قېشىغا ئىسمى يېزىلسۇن دەپ دوختۇر قىلمىدى، ئۆزىدىن كېيىن زاۋۇت ۋە كان – كارخانىلىرىنى باشقۇرسۇن دەپ سودا – تىجارەتمۇ ئۆگەتمىدى، ئۆزىدىن كېيىن مەشھۇر تاماقخانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېقىشىدىن خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن، ھاياتىنى ئوغلىغا تاماقلارنىڭ مەخپىي رېتسېپلىرىنى ئۆگىتىش بىلەنمۇ ئۆتكۈزمىدى، بەلكى بۇ بۈيۈك سۇلتان ناھايىتى ئۇلۇغ بىر قەھرىماننى تەربىيەلەپ چىقتى.

بىزدىن كىم ئۆزىنىڭ ئالتىنچى بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ؟ كىم بوۋىسىنىڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ؟ كىم دادىسىنىڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ؟ دۇنيادا ئىنساننىڭ ھاياتىنى مەڭگۈ قالدۇرىدىغان نەرسە پەقەت ئۇنىڭ قىلغان ئەمىلىدۇر، ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بولمىسا ئەۋلادلىرىنىڭ قىلغان ئەمىلىدۇر. نۇرغۇن كىشىلەر بۈيۈك ئادەملەرنىڭ بالىلىرى بۈيۈك بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق كىشىلەر خىيال دېڭىزىغا غەرق بولغان خىيالپەرەسلەردۇر. بۈيۈكلۈك دېگەن پەقەتلا ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە شەخس ئۆزىنى شۇ بۈيۈكلۈككە تەييارلاش بىلەن بولىدۇ. ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئىشلار ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن بولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر زېمىننىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىدە ئىسلامنى تارقاتقان ۋە نۇرغۇن شەھەرلەرنى فەتىھ قىلغان، شۇنداقلا ئىنژېنېرلىق، ئەدەبىيات، شېئىر ۋە نۇرغۇن تىللارنى پىششىق بىلگەن سۇلتان مۇھەممەد فاتىھنىڭ كىچىكىدە شۇنداق بىپەرۋا بالا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇنى ئۇنىڭ دادىسى سۇلتان مۇراد II ئۆز ھالىتىگە تاشلاپ قويدىمۇ؟

سۇلتان مۇراد ئۆزىنىڭ كىچىك ئوغلى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ياخشى ئۇستازلارنى تەكلىپ قىلىپ بەردى. لېكىن، بۇ كەپسىز مۇھەممەد ئۆزىنىڭ بەڭۋاشلىقىدا داۋاملىشىپ كېتىۋەردى ۋە ئويۇن – تاماشا ئۈچۈن دەرسلەردىن قېچىۋەردى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان مۇراد II «موللا گۇرانىي» دەپ ئاتىلىدىغان كاتتا شەيخنىڭ قېشىغا ئوغلىنى ئاپىرىپ بەردى ۋە ئۇ شەيخكە ئوغلى كەپسىزلىك قىلغان ۋاقىتتا ئۇرۇشى ئۈچۈن كالتەكتىن بىرنى بەردى. ئەمەلىيەتتە، سۇلتان  مۇراد II نىڭ تەربىيەسى غەلىبىلىك بولغان بولۇپ، مۇھەممەد موللا گۇرانىينىڭ قېشىدا ياخشى تەربىيەلەنگەن ئىدى. مەسىلەن، ئۇ شەيخنىڭ قېشىدا قۇرئان يادلىدى، شېئىر يېزىشنى ئۆگەندى ۋە نۇرغۇن تىللارنى پۇختا ئىگىلىدى، مۇھەممەد جەڭ ماھارەتلىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن جەڭلەرگە بىللە ئېلىۋالىدىغان دادىسىدىن قوماندانلىق ماھارەتلىرىنى ئۆگەندى. بىزنىڭ كۆپىنچە دادىلىرىمىز ئۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بالىلىرىدىن ئاددىي ئۆي ئىشلىرىدىنمۇ خاتىرجەم بولالمايدۇ. بىز سۇلتان  مۇراد II نىڭ ئوغلى مۇھەممەدنىڭ كىچىك بىر بالا تۇرۇپ، پۈتۈن ئىمپېرىيەگە قوماندانلىق قىلىشىدىن خاتىرجەم بولغانلىقىنى كۆرىمىز. سۇلتان مۇراد II ئۆزىنىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مەشىق قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئىبادەتكە تېخىمۇ ئوبدان ۋاقىت چىقىرىشى ۋە ئوغلىنى ئاشۇنداق باتۇر چەۋەنداز قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشى ئۈچۈن، تەختتىن چۈشۈپ بەرگەن. مۇھەممەد فاتىھنىڭ جىمى فەتىھلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھەقىقىي قەھرىمان ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ باتۇر سۇلتانى مۇراد ئىككىنچى ئىدى.

مەنبە: جىھاد تۇربانىنىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن يۈز شەخس)» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: ھەيدەر

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ