زىكىرلەر، دۇئالار ۋە باشقا ئىبادەتلەر  

زىكىرلەر، دۇئالار ۋە باشقا ئىبادەتلەر  

بىلگىنكى، قۇرئان تىلاۋىتىدىن قالسا، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى زىكىر قىلىش ۋە خالىس دۇئالار بىلەن ھاجەتلەرنى تىلەشتىنمۇ ئەۋزەل تىل بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت يوقتۇر. زىكىرنىڭ پەزىلىتىگە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى دەلىلدۇر: ﴿مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن﴾(2/«بەقەرە»: 152)، ﴿ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 191) ۋە ﴿ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى﴾(33/«ئەھزاب»: 35).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە مۇنداق دەيدۇ: «بەندەم مېنى زىكىر قىلىپلا تۇرسا ۋە ئىككى لېۋى مېنىڭ ئىسىمىم بىلەن ھەرىكەتلىنىپلا تۇرسا، مەن بەندەم بىلەن بىللىمەن»(1).

[زىكىر مەجلىسلىرىنىڭ پەزىلىتى] ئىمام مۇسلىمنىڭ «سەھىھ»ىدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قايبىر جامائەت ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ (زىكىر قىلىپ) ئولتۇرىدىكەن، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئورايدۇ، ئۇلارغا سەكىينە / خاتىرجەملىك چۈشىدۇ ۋە ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدىكىلەر (پەرىشتىلەر) ئىچىدە ئۇلارنى تىلغا ئالىدۇ»(2). بۇ ھەقتە كىتابلاردا «ئەمەللەرنىڭ پەزىلەتلىرى» بابىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر كەلگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايبىر جامائەت بىر مەجلىستىن ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلماي تۇرۇپ تارقالسا، بەئەينى ئۆلۈك ئېشەكنىڭ ئۈستىدىن تارقالغاندەك بولىدۇ ۋە (بۇ مەجلىس قىيامەت كۈنى) ئۇلار ئۈچۈن نادامەت (بائىسى) بولىدۇ»(3) دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بىر جامائەت بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى ئەسلىمىسە / زىكىر قىلمىسا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا سالاۋات ئېيتمىسا، قىيامەت كۈنى ئۇ سورۇن ئۇلارغا ھەسرەت (مەنبەئى) بولىدۇ»(4).

دۇئانىڭ پەزىلىتى ھەققىدە: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە ئۈچۈن دۇئادىنمۇ ئېسىلراق بىرنەرسە يوقتۇر»(5)، «ئىبادەتنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى دۇئادۇر»(6) ۋە «ئاللاھتىن سورىمىغانغا ئاللاھ غەزەپ قىلىدۇ» دېگەن(7).

يەنە بىر ھەدىستە: «ئاللاھ تائالادىن پەزل – كەرەمىنى تىلەڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىدىن بىرنەرسە تىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېيىلگەن(8).

دۇئانىڭ ئەدەبلىرىدىن بىرى، يىل ئىچىدە ئەرەفات كۈنى، ئايلار ئىچىدە رامازان ئېيى، كۈنلەر ئىچىدە جۈمە كۈنى ۋە بىر كېچە – كۈندۈزنىڭ سۈبھى دەملىرى؛ ئەزان ۋە تەكبىر ئارىسى، نامازنىڭ كەينى، يامغۇر ياغقان، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان، قۇرئان تامام بولغان ۋاقىتلار؛ سەجدە ئەسناسى، ئىپتار ۋاقتى ۋە قەلبكە قورقۇنچ چۈشكەن دەملەرگە ئوخشاش شەرەپلىك ۋاقىتلاردا دۇئا قىلىش.

ئەمەلىيەتتە ئۇلۇغ ۋاقىتلار ئۇلۇغ ھاللار بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. مىسالچۈن، سۈبھى ۋاقتى قەلب ساپ ۋە ئارىغ ۋاقىتتۇر. سەجدە ھالى ئىتائەت ۋە تەسلىمىيەت ھالىدۇر.

دۇئانىڭ ئەدەبلىرىدىن يەنە: قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش، دۇئا قىلغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش، قولى بىلەن يۈزىنى سىلاش(9) ۋە دۇئادا ئاۋازىنى تۆۋەن قىلىش؛

دۇئانى ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالاۋات كەلتۈرۈش بىلەن باشلاش ۋە دۇئادا قاپىيەلىك دۇئا قىلىش ئۈچۈن زورۇقماسلىق؛

دۇئانىڭ يۇشۇرۇن ئەدەبى — ئىجابەت بولۇشىنىڭ ئاساسى — (چىن دىلدىن) تەۋبە قىلىش ۋە ھەق ئىگىلىرىگە ھەققىنى بېرىش.

زىكىرلەر، پەزىلەتلىرى ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ۋاقىتلارغا ئاساسەن بۆلۈنۈشى
بىلگىنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى تونۇغاندا، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە چىنپۈتكەن ۋە ئۆمۈرنىڭ قىسقىلىقى ئىدراك قىلىنغاندا، بۇ كوتا ئۆمۈردە سۆرەلمىلىك قىلىشنى تاشلاش ۋاجىبتۇر. نەپس بىر تېمىغا مەركەزلىشىپ قالسا ھامان چارچايدۇ ۋە زېرىكىدۇ. شۇڭا، ئۇنى تېمىدىن تېمىغا يۆتكەپ تۇرۇش نەپسنى راھەت تاپقۇزىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەتىگەن ـ ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭغا كۆپ تائەت – ئىبادەت قىلغىن). كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت﴾(76/«ئىنسان»: 25، 26). بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەتلەر كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تائالاغا يېتىشنىڭ يولى ۋاقىتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە شۇ ۋاقىتلارنى توختىماي ۋىرد(10) / تەسبىھ ئوقۇش بىلەن قەدىرلەشتۇر.

ھەقتائالا يەنە: ﴿ئويلىنىپ ئۈگۈت ئالماقچى بولغانلار ياكى (نېئمەتلەرگە) شۈكۈر قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەرگۈچى ئاللاھتۇر﴾(25/«فۇرقان»: 62) دېگەن. يەنى بىرىدە قولدىن كېتىپ قالغان ئىبادەتلەرنىڭ يەنە بىرىدە تولۇقلىنىۋېلىشى ئۈچۈن كېچە ۋە كۈندۈز ئالمىشىپ تۇرىدۇ.

كېچە ۋە كۈندۈز ۋىردلىرىنىڭ سانى ۋە رەت تەرتىبى
كۈندۈزنىڭ ۋىردلىرى يەتتە، كېچىنىڭ ۋىردلىرى بولسا ئالتىدۇر.

ھەربىر ۋىردنىڭ پەزىلىتى، ۋەزىپىسى ۋە ئالاقىدار مەزمۇنلىرىنى يادلىۋېلىش كېرەك:

كۈندۈزنىڭ بىرىنچى ۋىردى: سۈبھى سادىق يورۇغاندىن باشلاپ قۇياش چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى زىكىرلەر. بۇ ئۇلۇغ بىر ۋاقىت بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ۋاقىت بىلەن قەسەم قىلىپ: ﴿يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن﴾(81/«تەكۋىر»: 18) دېگەن.

شۇڭا، ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگۈچى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ: «الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَحْيَانَا بَعْدَ مَا أَمَاتَنَا وَإِلَيْهِ النُّشُورُ (جىمى ھەمدۇسانالار بىزنى بەجايىكى ۋاپات تاپقۇزغاندىن كېيىن تىرىلدۈرگەن ئاللاھقا بولسۇن، قايتىدىغان جاي ئول ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر)» دېسۇن. ئىمام بۇخارىي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق زىكىر ئېيتقانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ(11).

ئىمام مۇسلىم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەچ كىرسە: ‹أَمْسَيْنَا وَأَمْسَى الْمُلْكُ لِلَّهِ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ› قَالَ أُرَاهُ قَالَ فِيهِنَّ ‹لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ رَبِّ أَسْأَلُكَ خَيْرَ مَا فِي هَذِهِ اللَّيْلَةِ وَخَيْرَ مَا بَعْدَهَا وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا فِي هَذِهِ اللَّيْلَةِ وَشَرِّ مَا بَعْدَهَا رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ الْكَسَلِ وَسُوءِ الْكِبَرِ رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابٍ فِي النَّارِ وَعَذَابٍ فِي الْقَبْرِ (كەچ قىلدۇق، بارچە پادىشاھلىقمۇ ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ قىلدى. جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا بولسۇن، ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر، پۈتكۈل پادىشاھلىق ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەرنەرسىگە قادىردۇر. پەرۋەردىگارىم! سەندىن بۇ كېچىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كېچىلەردىكى ياخشىلىقلارنى سورايمەن. ساڭا سىغىنىپ بۇ كېچىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە بۇ كېچىدىن كېيىنكى كېچىنىڭ يامانلىقلىرىدىن پاناھ سورايمەن. پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ ھۇرۇنلۇقتىن، قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن، جەھەننەم ئازابىدىن، قەبر ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن). سەھەردە ‹كەچ قىلىدۇق› دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرۇپ: ‹أَصْبَحْنَا وَأَصْبَحَ الْمُلْكُ لِلَّهِ (بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، بارچە پادىشاھلىقمۇ ئاللاھقا مەنسۇپ بولغان ھالدا تاڭ ئاتقۇزدى، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا بولسۇن)…›» دەيتتى(12). بۇ زىكىرلەر بىر قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ.

ئۈچ قېتىم: «بِسْمِ اللَّهِ الَّذِي لَا يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ (ئىسمىنى تىلغا ئېلىش بىلەن ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى ھەرقانداق زىيانداشنىڭ زىيىنىدىن قوغدانغىلى بولىدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (قوغدىنىمەن)، ئۇ ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچىدۇر)»(13) ۋە ئۈچ قېتىم: «رَضِينَا بِاللَّهِ رَبًّا وَبِالْإِسْلَامِ دِينًا وَبِمُحَمَّدٍ رَسُولًا (ئاللاھ تائالانى پەرۋەردىگار، ئىسلامنى دىن ۋە مۇھەممەدنى پەيغەمبەر دەپ رازى بولدۇق)»(14) دەيتتى.

بامدات نامىزىدىن كېيىن يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، باشقا گەپ قىلماي ئون قېتىم: «لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ يُحْيِي وَيُمِيتُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِير (ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر، پۈتۈن پادىشاھلىق ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر، بارلىق ھەمدۇسانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۇ ھەممىگە قادىردۇر)»(15) دەيتتى.

يەنە ئىستىغپارنىڭ ئەڭ كاتتىسنى ئوقۇيتتى: «اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ خَلَقْتَنِي وَأَنَا عَبْدُكَ وَأَنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَيَّ وَأَبُوءُ لَكَ بِذَنْبِي فَاغْفِرْ لِي فَإِنَّهُ لَا يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا أَنْتَ (ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىمسەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، ساڭا ئىمان ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بەرگەن ۋەدەمدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بەرقارارمەن، ساڭا سىغىنىپ يامان قىلمىشلىرىمدىن پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا بەرگەن نېئمەتلىرىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھلىرىمنى ئىقرار قىلىمەن، گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلىرىمنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن)»(16).

يەنە: «أَصْبَحْنَا عَلَى فِطْرَةِ الإِسْلاَمِ، وَكَلِمَةِ الإِخْلاَصِ، وَعَلَى دِينِ نَبِيِّنَا مُحَمَّدٍ، وَعَلَى مِلَّةِ أَبِينَا إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا مُسْلِمًا، وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ (بىز ئىسلام تەبىئىتى بىلەن، ئىخلاس كەلىمىسى بىلەن ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دىنى بىلەن، ﴿ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان، مۇسۇلمان بولغان ۋە مۇشرىكلەردىن بولمىغان﴾(3/«ئال ئىمران»: 67) ئاتىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتى ئۈزرە تاڭ ئاتقۇزدۇق)»(17) دېگەن زىكىرنى ئوقۇيتتى.

شۇنداقلا مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «اللَّهُمَّ أَصْلِحْ لِي دِينِي الَّذِي هُوَ عِصْمَةُ أَمْرِي وَأَصْلِحْ لِي دُنْيَايَ الَّتِي فِيهَا مَعَاشِي وَأَصْلِحْ لِي آخِرَتِي الَّتِي فِيهَا مَعَادِي وَاجْعَلْ الْحَيَاةَ زِيَادَةً لِي فِي كُلِّ خَيْرٍ وَاجْعَلْ الْمَوْتَ رَاحَةً لِي مِنْ كُلِّ شَرٍّ (ئى ئاللاھ! پۈتۈن ئىشلىرىمنىڭ ھىماتچىسى بولمىش دىيانىتىمنى ئىسلاھ قىلغىن، ياشىشىم ئۈچۈن كېرەكلىك دۇنيالىقىمنى تۈزەتكىن، بارار جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشى قىلغىن، ھاياتىمدا ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا مۇۋەپپەق ئەيلىگىن، ئۆلۈم ئارقىلىق مېنى دۇنيانىڭ پۈتكۈل يامانلىقلىرىدىن خاتىرجەم قىلغىن)»(18).

يەنە ئەبۇ دەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دۇئاسى بىلەن دۇئا قىلىنىدۇ: «اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي لاَ إِلَهَ إِلا أَنْتَ عَلَيْكَ تَوَكَّلْتُ وَأَنْتَ رَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيمِ مَا شَاءَ اللَّهُ كَانَ وَمَا لَمْ يَشَأْ لَمْ يَكُنْ لاَ حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلا بِاللَّهِ أَعْلَمُ أَنَ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ وَأَنَ اللَّهَ قَدْ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيْءٍ عِلْمًا اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ نَفْسِي وَمِنْ شَرِّ كُلِّ دَابَّةٍ أَنْتَ آخِذٌ بِنَاصِيَتِهَا إِنَّ رَبِّي عَلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ (ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ پەرۋەردىگارىمسەن، ﴿سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 78)، ساڭا تەۋەككۈل قىلدىم، ﴿سەن بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىسەن﴾(9/«تەۋبە»: 129)، ئاللاھ خاھلىغان ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، خاھلىمىغان ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، ئالىي ۋە بۈيۈك ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ. بىلىمەنكى، ﴿ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر﴾(65/«تالاق»: 12). ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن، سېنىڭ ئىگىدارچىلىقىڭدىكى ھەربىر جاندارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ﴿شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم توغرا يولدىدۇر﴾(11/«ھۇد»: 56)»(19).

بۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۈچۈن يادلاش زۆرۈر دۇئالاردۇر.

كىشى بامدات نامىزىغا چىقىشتىن ئالدىن سۈننەتنى ئۆيىدە ئوقۇغاي، ئاندىن مەسجىدكە يول ئالغاي ۋە مۇنداق دېگەي: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِحَقِّ السَّائِلِينَ عَلَيْكَ وَأَسْأَلُكَ بِحَقِّ مَمْشَايَ هَذَا فَإِنِّي لَمْ أَخْرُجْ أَشَرًا وَلَا بَطَرًا وَلَا رِيَاءً وَلَا سُمْعَةً وَخَرَجْتُ اتِّقَاءَ سُخْطِكَ وَابْتِغَاءَ مَرْضَاتِكَ فَأَسْأَلُكَ أَنْ تُعِيذَنِي مِنْ النَّارِ وَأَنْ تَغْفِرَ لِي ذُنُوبِي إِنَّهُ لَا يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا أَنْتَ (ئى ئاللاھ! سەندىن تىلىگۈچىلەرنىڭ ھەققى ـ ھۆرمىتى سەندىن تىلەيمەن، مۇشۇ قەدەملىرىمنىڭ ھەققى ـ ھۆرمىتى سەندىن تىلەيمەن، مەن تەكەببۇرلۇق، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، رىيا ۋە شۆھرەت ئۈچۈن چىقمىدىم، سېنىڭ غەزىپىڭدىن ساقلىنىش ۋە سېنىڭ رازىلىقىڭنى تىلەپ چىقتىم، سەندىن مېنى دوزاختىن قۇتقۇزۇشىڭنى سورايمەن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن»(20).

مەسجىدكە كىرگەندە «سەھىھۇ مۇسلىم»دە رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىنغان شۇ دۇئا ئوقۇلىدۇ: «قايسىبىرىڭلار مەسجىدكە كىرسە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالام بەرسۇن، ئاندىن: ‹اللَّهُمَّ افْتَحْ لِي أَبْوَابَ رَحْمَتِكَ (ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئىشىكلىرىڭنى ئاچقىن)› دېسۇن، مەسجىدتىن چىققاندا: ‹اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ (ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭ پەزلىڭدىن سورايمەن)› دېسۇن»(21).

ئاندىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان زىكىر ۋە دۇئالار بىلەن دۇئا قىلغان ھالدا، جامائەتنى كۈتۈپ، بىرىنچى سەپنى كۆزلىگەي!

بامدات نامىزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، نامازگاھتا كۈن چىققۇچە ئولتۇرۇش مۇستەھەبتۇر.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا، ئاندىن كۈن چىققۇچە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىپ ئولتۇرسا ۋە كۈن چىققاندىن كېيىن، ئىككى رەكئەت (چاشگاھ) ناماز ئوقۇسا ئۇنىڭغا تولۇق، تولۇق، تولۇق ئۆمرە ۋە ھەج قىلغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ»(22).

بۇ ۋاقىتنىڭ ۋەزىپىسى تۆتتۇر: دۇئا قىلىش، زىكىر ئېيتىش، قۇرئان ئوقۇش ۋە تەپەككۇر قىلىش.

قىلالىغان ئىبادەتلەرنى قىلىش، كۈندىلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا توسقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە ياخشىلىقتىن بۇرىغۇچى ئامىللاردىن قانداق ساقلىنىش ھەققىدە ئويلىنىش ھەمدە شۈكۈرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش كېرەك!

كۈندۈزنىڭ ئىككىنچى ۋىردى: بۇ كۈن چىقىپ چاشگاھ ۋاقتىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىردتۇر. يەنى كۈندۈزدىن ئۈچ سائەتلىك بىر زامان بولۇپ، ئەگەر «كۈندۈز 12 سائەت» دەپ پەرەز قىلىنسا، بۇ ئۇنىڭ تۆتتىن بىر (¼) ىگە تەڭ تولىمۇ ئۇلۇغ بىر ۋاقىتتۇر. بۇ ئۇلۇغ ۋاقىتتا ئىككى ۋەزىپە بار: بىرى، چاشگاھ نامىزى؛ يەنە بىرى، كېسەل يوقلاش، جىنازىغا بېرىش، ئىلىم مەجلىسلىرىگە قاتنىشىش ياكى بىرەر مۇسۇلماننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش دېگەندەك كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىبادەتلىرىدۇر. ئەگەر بۇ ئىبادەتلەردىن بىرەرسىنى قىلالمىسا قۇرئان ئوقۇغاي ۋە زىكىر ئېيتقاي.

كۈندۈزنىڭ ئۈچىنچى ۋىردى: چاشگاھ ۋاقتىدىن باشلاپ، كۈن قايرىلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىرد بولۇپ، تۆت قىسىم ۋە بۇنىڭغا قوشۇپ يەنە ئىككى ۋەزىپە بار:

بىرى، كەسىپ – كار ۋە تىرىكچىلىك قىلىش، بازارغا بېرىش. يەنى ئەگەر سودىگەر بولسا، راستگۇيلۇق ۋە ئامانەتدارلىق بىلەن تىجارەت قىلىش؛ ئەگەر ھۈنەرۋەن بولسا، سەمىمىي ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ھۈنەر قىلىش؛ بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق ۋە ئازغا قانائەت قىلىش قاتارلىقلار.

يەنە بىرى، قەيلۇلە (يېنىك چۈشلۈك دەم ئېلىش). سوھۇرلۇق كۈندۈز روزىسىغا ياردەم بەرگىنىدەك، قەيلۇلە كېچە قىيامىغا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر كىشى پېشىن ۋاقتى كىرمەستە ئۇخلىغان بولسا، نامازغا تەييارلىق قىلغۇدەك ۋاقتى بولۇشى ئۈچۈن زاۋال ۋاقتىدىن بۇرۇن ئويغىنىشقا تىرىشسۇن!

بىلگىنكى، بىر كېچە – كۈندۈز 24 سائەت بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچتىن بىرىدە، يەنى سەككىز سائەت ئۇخلاش مۇۋاپىقتۇر. بۇنىڭدىن ئاز ئۇخلىغاندا بەدەن تەڭپۇڭسىزلىشىشى مۇمكىن. سەككىز سائەتتىن كۆپ ئۇخلىغان كىشىدە ھۇرۇنلۇق كۈچىيىدۇ. كېچىدە سەككىز سائەتتىن كۆپ ئۇخلىغان كىشى كۈندۈزدە ئۇخلىماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئۇنىڭدىن ئاز ئۇخلىغان بولسا كۈندۈزى كېچىدە كەم قالغان ئۇيقۇنى تولۇقلىۋالسا بولىدۇ.

كۈندۈزنىڭ تۆتىنچى ۋىردى: كۈن تىكلەشكەندىن باشلاپ پېشىننى ئوقۇپ بولغۇچىلىك ئارىلىقتىكى ۋىرد بولۇپ، بۇ كۈندۈز ۋىردىنىڭ ئەڭ قىسقىسى ۋە ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشى بۇ ئەسنادا ئەزان چىقسا، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى سۆزمۇسۆز تەكرارلايدۇ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ تۆت رەكئەت نامازنى ئۇزۇنراق ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ(23). ئاندىن پېشىننىڭ پەرز ۋە سۈننەتلىرىنى ئوقۇيدۇ، پېشىننىڭ سۈننىتىدىن كېيىن تۆت رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇيدۇ(24).

كۈندۈزنىڭ بەشىنچى ۋىردى: پېشىندىن كېيىن ئەسىر ۋاقتىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىردتۇر. بۇ ۋاقىتتا زىكىر ئېيتىش، ناماز ۋە باشقا تۈرلۈك ياخشى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش مۇستەھەبتۇر. بىر نامازنى ئوقۇپ بولۇپ كېيىنكى نامازنى كۈتۈش ئەڭ ئەۋزەل ئەمەللەر قاتارىدىندۇر.

كۈندۈزنىڭ ئالتىنچى ۋىردى: ئەسىرنىڭ ۋاقتى كىرىپ قۇياش سارغايغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىردتۇر. بۇ ۋاقىتتا ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقىدا ئوقۇلىدىغان تۆت رەكئەت نامازدىن باشقا ناماز يوق. بۇ تۆت رەكئەت نامازدىن كېيىن ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزى ئوقۇلىدۇ. ئاندىن بىرىنچى ۋىردتە تىلغا ئېلىنغان تۆت تۈر ئىبادەت: دۇئا، زىكىر، قۇرئان ۋە تەپەككۇر بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قۇرئاننى پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە چۈشىنىپ ئوقۇش ئەۋزەلدۇر.

كۈندۈزنىڭ يەتتىنچى ۋىردى: قۇياش سارغايغاندىن تارتىپ پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتىكى زىكىرلەر بولۇپ، بۇ شەرەپلىك ۋاقىتتۇر. ھەسەن ئەلبەسرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن —: «سەلەف سالىهلەر كېچىنىڭ ئەۋۋىلىنى كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدىن بەكرەك ئۇلۇغ ۋاقىت، دەپ قارايتتى» دېگەن. بۇ ۋاقىتتا تەسبىھ ئېيتىش، بولۇپمۇ ئىستىغپار ئېيتىش مۇستەھەبتۇر.

قۇياشنىڭ پېتىشى بىلەن كۈندۈزنىڭ ۋىردلىرى ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا، بەندە ئۆز ئەھۋالىنى مۇلاھىزە قىلىشى، ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىشى كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ يولىدا شۇ كۈنلۈك يولۇچىلىقىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئۆتۈپ كەتكەندۇر. بەندە بىلسۇنكى، ئۆمۈر بىرنەچچە كۈندىنلا ئىبارەت ۋە شۇ كۈنلەر بىر – بىرلەپ ئۆتۈپ، ھايات (تېزلا) ئۆز ئىنتىھاسىغا يېتىدۇ.

ھەسەن ئەلبەسرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن —: «ئى ئادەم بالىسى! ھاياتىڭ ساناقلىق كۈنلەردىن ئىبارەتتۇر! ئۆمرۈڭدىن بىر كۈن ئۆتسە، جىسمىڭدىن بىر مىقدار ئۆكسىيدۇ» دېگەن.

بەندە ئويلانسۇنكى، بۈگۈنى بىلەن تۈنۈگۈنى ئوخشاش ئۆتتىمۇ؟ ئەگەر كۈندۈزى مول ياخشىلىق بىلەن ئۆتكەن بولسا، بۇ بارىدا ئۆزىگە ئۇتۇق بەرگەن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا شۈكۈر قىلسۇن! ئەكسى ھالدا تەۋبە قىلسۇن ۋە كۈندۈز قولدىن بېرىپ قويغانلىرىنى كېچىدە تولۇقلاشقا تىرىشسۇن! چۈنكى، ھەقىقەتەن ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى دەﻓﺌ قىلىدۇ؛ بەندە تەن ساقلىقى ۋە كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىۋېلىش ئۈچۈن پۇرسەت مىقدارى ئۆمۈر بەرگەن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلسۇن! سەلەفلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر كۈنىنى سەدىقە بېرىش بىلەن ئۆتكۈزۈشىنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئىمكانقەدەر بارلىق ياخشىلىقلارنى قىلىشقا تىرىشاتتى.

كېچە ۋىردلىرىنىڭ بايانى
بىرىنچىسى: قۇياش پاتقاندىن باشلاپ خۇپتەن ۋاقتىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىرد. يەنى قۇياش پاتقاندا بەندە شام نامىزىنى ئوقۇيدۇ ۋە شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە: «﴿ئۇلارنىڭ بېقىنلىرى ئورۇن – كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)﴾(32/«سەجدە»: 16) دېگەن ئايەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرى ھەققىدە چۈشكەن بولۇپ، ئۇلار شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدا ناماز ئوقۇيتتى»(25).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ناماز شامدىن كېيىن ئالتە رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇسا ۋە ئوتتۇرىلىقىدا يامان سۆز سۆزلىمىسە، ئۇ كىشىگە 12 يىللىق ئىبادەتنىڭ ئەجرى يېزىلىدۇ» دېگەن(26).

ئىككىنچىسى: شەپەق قىزىللىقى غايىب بولۇپ، يەنى خۇپتەننىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىن ئۇيقۇ ۋاقتىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىرد بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا ئەزان بىلەن قامەت ئارىسىدا مۇمكىنقەدەر كۆپ ناماز ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. بۇ ئەسنادا «سەجدە» ۋە «مۈلك» سۈرىلىرى ئوقۇلىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇماي ئۇخلىمايتتى(27).

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ھەر كېچە سۈرە ‹ۋاقىئە›نى ئوقۇسا كەمبەغەللىك يۈزى كۆرمەيدۇ»(28) دېگەن.

ئۈچىنچىسى: كېچە قىيامدا تۇرۇشقا ئادەتلەنمىگەن بولسا، ئۇخلاشتىن ئالدىن ۋىتىر نامىزى ئوقۇش. ئەگەر كېچىدە قىيامدا تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولسا، ۋىتىر نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇشى ئەۋزەلدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىتىرنى كېچىنىڭ ھەر ۋاقتىدا، يەنى دەسلىپىدىمۇ، ئوتتۇرىسىدىمۇ، ئاخىرىسىدىمۇ ئوقۇغان، ھەتتا كېيىنكى كۈنلەردە سەھەر ۋاقتىدىلا ئوقۇغان» دېگەن(29). ۋىتىردىن كېيىن ئۈچ قېتىم: «سُبْحَانَ الْمَلِكِ الْقُدُّوسِ (بارلىق ئەيىب – نۇقسانلاردىن پاك، ھەقىقىي پادىشاھ بولغان ئاللاھ پاكتۇر)» دېيىلىدۇ(30).

تۆتىنچى ۋىرد: ئۇيقۇدۇر. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇخلاشمۇ بىر ۋىردتۇر. چۈنكى، ئەدەبىگە رىئايە قىلىپ ۋە كۆڭۈلگە ئېزگۈ نىيەتنى پۈكۈپ ئۇخلىغان ئۇيقۇدىنمۇ ئىبادەت ساۋابى كۈتۈلىدۇ. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن تۇرغان قىيامىمدىن ساۋاب كۈتكىنىمدەك، ئۇيقۇمدىنمۇ ساۋاب ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن(31).

ئۇيقۇنىڭ ئەدەبلىرىدىن بىرى: تاھارەت بىلەن ئۇخلاش؛ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇب(32) ھالدا ئۇخلىماقچى بولسا، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى»(33).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: «روھلار ھەقىقەتەن ئۇيقۇدىكى ھالىتىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئەرشنىڭ قېشىدا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. بۇ چاغدا تاھارەتلىك بولغان روھ ئەرشنىڭ قېشىغا سەجدە قىلىدۇ، تاھارەتسىز بولغان روھ ئەرشتىن يىراق ھالدا سەجدە قىلىدۇ»(34).

ئۇيقۇنىڭ ئەدەبلىرىدىن يەنە: ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا تەۋبە قىلىش؛ چۈنكى، تېشىنى پاكلىغان كىشى ئىچىنىمۇ پاكلىشى كېرەك، بەلكىم كىشى ئۇيقۇ ھالىدا ئۆلۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.

قەلبىدىن بىر مۇسۇلمانغا بولغان ئۆچمەنلىكنى يوقىتىش، مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلىشنى ئويلىماسلىق ۋە ئويغانغان چاغدا گۇناھ ئۆتكۈزمەسلىككە نىيەت قىلىش؛

ۋەسىيەت قىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلىرى بولسا، ئۇخلاشتىن ئالدىن ۋەسىيەتنى يېزىپ، قېشىدا قويۇپ ئۇخلاش؛ «سەھىھەين»دە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ۋەسىيەت قىلغۇدەك نەرسىسى بار تۇرۇپ، ئىككى كېچىنى ئۆتكۈزگەن بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى دەرھال ۋەسىيىتىنى يېزىپ يېنىدا ساقلاشتۇر»(35) دېگەن.

راھەت ۋە يۇمشاق كۆرپە – تۆشەكلەردە ياتماسلىق كېرەك. چۈنكى، بۇ ئۇيقۇنى ئاشۇرىدۇ. دەرۋەقە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىككى قات كۆرپە سېلىپ بېرىلگەندە، ئۇ زات: «بۇنداق تۆشەكتە يېتىش مېنى كېچە نامازىدىن توسۇپ قويدى» دېگەنىكەن(36).

ئېغىر ئۇيقۇ تۇتمىغۇچە ئۇخلىماسلىقمۇ ئۇيقۇنىڭ ئەدەبلىرىدىندۇر. چۈنكى، سەلەفلەر ئۇيقۇ باسمىغۇچە ئۇخلىمايتتى.

قىبلىگە يۈزلىنىپ يېتىش ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن دۇئالارنى ئوقۇپ، ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ئۇخلاش ئۇيقۇنىڭ ئەدەبلىرىدىندۇر. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردىن بىرىدە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىرىڭلار كۆرپىسىگە كەلسە، ئىزارىنىڭ(37) ئىچ تەرىپى بىلەن كۆرپىسىنى تۇتۇپ قېقىۋەتسۇن. چۈنكى، ئۆزى (تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن) كۆرپىسىگە نېمە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاندىن ياتقاندا: ‹بِاسْمِكَ رَبِّ وَضَعْتُ جَنْبِي وَبِكَ أَرْفَعُهُ إِنْ أَمْسَكْتَ نَفْسِي فَارْحَمْهَا وَإِنْ أَرْسَلْتَهَا فَاحْفَظْهَا بِمَا تَحْفَظُ بِهِ الصَّالِحِينَ (ئى پەرۋەردىگارا! سېنىڭ نامىڭ بىلەن ياتتىم، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا قوپالايمەن، ئەگەر جېنىمنى تۇتۇپ قالساڭ، ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغايسەن، ئەگەر ئۇنى قويۇۋەتسەڭ، ئۇنى سالىھ بەندىلىرىڭنى ساقلىغاندەك ساقلىغايسەن)› دېسۇن» دېگەن(38).

شۇنداقلا «سەھىھەين»دە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچە يېتىشتىن ئالدىن، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ: ﴿قُلۡ هُوَ ٱللَّهُ أَحَدٌ﴾، ﴿قُلۡ أَعُوذُ بِرَبِّ ٱلۡفَلَقِ﴾ ۋە ﴿قُلۡ أَعُوذُ بِرَبِّ ٱلنَّاسِ﴾ سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئىچىگە سۈفلەيتتى، ئاندىن ئالىقانلىرى بىلەن بېشى، يۈزى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلاپ سىلاپ، بەدىنىنى قولى يەتكەن يەرلىرىگىچە سىلايتتى. بۇنى ئۈچ قېتىم قىلاتتى»(39).

بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ياتار بولساڭ، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن، ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ ياتقىن، ئاندىن: ‹اللَّهُمَّ أَسْلَمْتُ وَجْهِي إِلَيْكَ وَفَوَّضْتُ أَمْرِي إِلَيْكَ وَأَلْجَأْتُ ظَهْرِي إِلَيْكَ رَغْبَةً وَرَهْبَةً إِلَيْكَ لاَ مَلْجَأَ ، وَلاَ مَنْجَا مِنْكَ إِلاَّ إِلَيْكَ اللَّهُمَّ آمَنْتُ بِكِتَابِكَ الَّذِي أَنْزَلْتَ وَبِنَبِيِّكَ الَّذِي أَرْسَلْتَ (ئى ئاللاھ! نەپسىمنى ساڭا بويسۇندۇردۇم، ساڭا يۈزلەندىم، ئىشىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىڭدىن قورقۇپ ساڭا يۆلەندىم، سېنىڭ ئازابىڭدىن پاناھلىنىدىغان جاي ۋە نىجاتلىق مەنزىلى پەقەت سەن تەرەپتىدۇر، چۈشۈرگەن كىتابىڭغا ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە ئىمان ئېيتتىم)› دېگىن، ئەگەر سەن شۇ كېچىدە ئۆلۈپ كەتسەڭ ئىسلام ئۈزرە ئۆلگەن بولىسەن، ئەگەر تاڭ ئاتقۇزساڭ ياخشىلىققا ئېرىشىسەن»(40).

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىككىسىگە: «ئىككىڭلار يېتىشقا تەمشىلگىنىڭلاردا، ئاللاھقا 33 قېتىم تەسبىھ ئېيتىڭلار، 33 قېتىم ھەمد ئېيتىڭلار ۋە 34 قېتىم تەكبىر ئېيتىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن بىر خىزمەتچىدىنمۇ ياخشىدۇر» دېگەن(41).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان رامازاندا زاكات ساقلاش ھەققىدىكى مەشھۇر ھەدىستە، شەيتان ئۇنىڭغا: «سەن يېتىشتىن بۇرۇن ئايەتۇلكۇرسىينى ئوقۇغىنكى، سېنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن دائىما بىر قوغدىغۇچىڭ بولىدۇ، ساڭا شەيتان يېقىنلىشالمايدۇ» دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇنى خەۋەر قىلغاندا، ئۇ زات: «بىلگىنكى، ئۇ بەك يالغانچى تۇرۇپمۇ ساڭا راست سۆزلەپتۇ، ئۇ شەيتاندۇر» دېدى(42).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرپىسىگە كەلگەندە مۇنداق دەيتتى: «الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِى أَطْعَمَنَا وَسَقَانَا وَكَفَانَا وَآوَانَا فَكَمْ مِمَّنْ لاَ كَافِىَ لَهُ وَلاَ مُئْوِىَ (بىزگە تائام بەرگەن، بىزنى سۇغارغان، بىزگە كۇپايە قىلغان ۋە ئورۇن بەرگەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. كۇپايە قىلغۇچىسى ۋە ئورۇن بەرگۈچىسى يوق كىشىلەرمۇ كۆپتۇر)»(43).

تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئويغانغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوقۇغان دۇئانى ئوقۇسۇن: «اللَّهُمَّ لَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ قَيِّمُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ ، وَمَنْ فِيهِنَّ وَلَكَ الْحَمْدُ لَكَ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ ، وَمَنْ فِيهِنَّ وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ الْحَقُّ وَوَعْدُكَ الْحَقُّ وَلِقَاؤُكَ حَقٌّ وَقَوْلُكَ حَقٌّ وَالْجَنَّةُ حَقٌّ وَالنَّارُ حَقٌّ وَالنَّبِيُّونَ حَقٌّ وَمُحَمَّدٌ صلى الله عليه وسلم حَقٌّ وَالسَّاعَةُ حَقٌّ اللَّهُمَّ لَكَ أَسْلَمْتُ وَبِكَ آمَنْتُ وَعَلَيْكَ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْكَ أَنَبْتُ وَبِكَ خَاصَمْتُ وَإِلَيْكَ حَاكَمْتُ فَاغْفِرْ لِي مَا قَدَّمْتُ وَمَا أَخَّرْتُ وَمَا أَسْرَرْتُ وَمَا أَعْلَنْتُ (ئى رەببىمىز ئاللاھ! ھەمدۇسانالار ساڭىلا خاستۇر. ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىلەرنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىسەن، ساڭا ھەمدۇسانالار بولسۇن، سەن ھەقسەن! سېنىڭ ۋەدەڭ ھەقتۇر، ساڭا ئۇچرىشىش ھەقتۇر، جەننەت ھەقتۇر، دوزاخ ھەقتۇر، پەيغەمبەرلەر ھەقتۇر، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەقتۇر، قىيامەت ھەقتۇر، ئى ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا تەۋەككۈل قىلدىم، سەن تەرەپكە تەۋبە قىلىپ قايتتىم، سەن ئۈچۈن جېدەللەشتىم، سېنىڭ ھۆكمىڭگە چاقىردىم، مېنىڭ ئىلگىرى ۋە كېيىن، مەخپىي ۋە ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن)». يەنە بىر رىۋايەتتە: «وَمَا أَنْتَ أَعْلَمُ بِهِ مِنِّى أَنْتَ الْمُقَدِّمُ وَأَنْتَ الْمُؤَخِّرُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ (سەن مەندىنمۇ بەكرەك بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، سەن ئىلگىرى قىلغۇچىسەن ۋە كېچىكتۈرگۈچىسەن، سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر» دەيتتى(44).

بەندە ئۇيقۇ ئالدىدىكى ئاخىرقى سۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرى بولۇشىغا تىرىشسۇن! ئويغانغان چاغدا ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن تىلى قىمىرلىسۇن! بۇلار بولسا ئىماننىڭ ئىككى ئالامىتىدۇر.

بەشىنچىسى: كېچىنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمى ئۆتۈپ كېچىنىڭ ئالتىدىن بىرى قالغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋىردتۇر. بۇ ئۇلۇغ ۋاقىتتۇر. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

ــ كېچە نامىزىنىڭ قايسىسى ئەۋزەل؟ ــ دەپ سورىغانىدىم، ئاللاھ رەسۇلى:

ــ يېرىم كېچىدە ئوقۇغان نامازدۇر، ئۇنى ئوقۇيدىغانلار ئاز، ــ دېدى»(45).

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «داۋۇد ئەلەيھىسسالام:

ــ پەرۋەردىگارىم! سەن ئۈچۈن قايسى سائەتتە قىيامدا تۇرىمەن؟ ــ دېگەنىدى، ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلىپ:

ــ ئى داۋۇد! كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى ئاخىرىدا قىيامدا تۇرما. بەلكى تەڭ كېچىدە قىيامدا تۇرغىن ۋە ئىككىمىز ئۆزئارا خالىي قالغان چاغ بولسۇنكى، ماڭا ھاجەتلىرىڭنى دېگىن، ــ دېدى».

تەھەججۇد نامىزىغا ئويغانغاندا، سۈرە «ئال ئىمران»نىڭ ئاخىرقى ئون ئايىتى ئوقۇلىدۇ. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بولۇپ، ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان(46).

كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كېچە قىيامىدا ئوقۇيدىغان دۇئالىرى بىلەن دۇئا قىلسۇن، ئاندىن كېچە نامىزىنى ئىككى رەكئەت يەڭگىل ناماز بىلەن باشلىسۇن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىرىڭلار كېچىدە ناماز ئوقۇغىلى ئورنىدىن تۇرسا، يەڭگىل ئىككى رەكئەت ناماز بىلەن باشلىسۇن»(47) دېگەن.

ئاندىن نامازلار ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. كۆپىنچە رىۋايەتلەردە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە ۋىتىر نامىزى بىلەن قوشقاندا، ئون ئۈچ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى، كېچە نامىزى كەمىدە يەتتە رەكئەتتۇر(48).

ئالتىنچىسى: كېچىنىڭ ئاخىرقى ئالتىدىن بىرىدىكى زىكىرلەردۇر. يەنى سۈبھى ۋاقتىدۇر. ھەقتائالا دەيدۇكى: ﴿ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى﴾(51/«زارىيات»: 18).

ھەدىستە: «كېچە ئاخىرىنىڭ قىرائىتىگە پەرىشتىلەر قاتنىشىدۇ» دېيىلگەن(49). تاۋۇس ئىبنى كەيسان — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — سۈبھى ۋاقتىدا بىر كىشىنى ئىزدەپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭغا:

— ئۇ ئۇخلاۋاتىدۇ، — دېيىلدى، شۇنىڭ بىلەن تاۋۇس — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن —:

— مەن سۈبھى ۋاقتىدا ئۇخلىغان بىرەركىمنى كۆرمىگەن ئىدىم، — دېدى.

ئاللاھ رىزاسىنى ئىرادە قىلغۇچى سۈبھى نامازىدىن كېيىن، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىن مەغپىرەت تىلىسۇن. رىۋايەت قىلىنۇركى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شۇنداق قىلاتتى.

ۋىردلەرنىڭ ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقى ھەققىدە
بىلگىنكى، ئاخىرەت يولۇچىسى شۇ ئالتە ھالنىڭ بىرىدىن خالىي بولمايدۇ: يا ئابىد، يا ئالىم، يا ئىلىم ئۆگەنگۈچى، يا باشقۇرغۇچى، يا كاسىپ ۋەيا ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە غەرق بولۇپ، پەقەتلا ئاللاھ بىلەن مەشغۇل بولغۇچى ئاللاھ ئاشىقى بولىدۇ.

1) ئابىد: ھەممىنى تاشلاپ، ئۆزىنى پەقەتلا ئىبادەتكە ئاتىغان كىشىدۇر. بۇنداق كىشى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋىردلەرگە ئەمەل قىلىدۇ. ئابىدلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەرخىل بولىدۇ. سەلەفلەردىن ئۆزىنى ئىبادەتكە ئاتىغانلارمۇ تۈرلۈك ھالدا ئىدىلەر: بەزىلەر كۆپ قۇرئان ئوقۇيتتى، كۈندە بىر قېتىم، ئىككى قېتىم ھەتتا ئۈچ قېتىم خەتمە قۇرئان قىلىدىغانلار بار ئىدى؛ بەزىلەر كۆپ تەسبىھ ئېيتاتتى؛ بەزىسى نامازنى كۆپ ئوقۇيتتى، بەزىسى بەيتۇللاھنى كۆپ تاۋاپ قىلاتتى.

سوئال: يۇقىرىقى ئىبادەتلەرنىڭ قايسىسىغا كۆپرەك ۋاقىت ئايرىغان ياخشى؟

جاۋاب: نامازدا تەپەككۇر بىلەن قۇرئان ئوقۇش يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، بۇمۇ داۋاملىق بولالماسلىقى مۇمكىن. شۇ ۋەجدىن ئەۋزەل ئىبادەت ھەركىمنىڭ شۇ دەمكى ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. ۋىردلەر ۋە ئىبادەتلەردىن مەقسەت قەلبنى پاكلاش ۋە تازىلاشتۇر. شۇڭا، ئاللاھ رىزاسىنى ئىزدىگۈچى قەلبىگە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان ئىبادەتكە قارىسۇن ۋە شۇ ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرسۇن. زېرىككۈدەك بولسا باشقا ئىبادەتكە يۆتكەلسۇن!

ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتۇر: «قىيامدا قەلبىڭنىڭ راھەتلەنگەنلىكىنى سەزسەڭ، رۇكۇ قىلما! رۇكۇدا قەلبىڭنىڭ راھەتلەنگەنلىكىنى سەزسەڭ، رۇكۇدىن بېشىڭنى كۆتۈرمە!»

2) ئالىم: پەتۋالىرى، دەرسلىرى، كىتابلىرى ياكى ئۈگۈت – نەسىھەتلىرى قاتارلىق ئىلمى بىلەن خالايىققا مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى كىشىدۇر. ئالىم كىشىنىڭ ۋىرد تەرتىبى ئابىدنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ئالىم دېگەن كىتاب كۆرۈشى، ئەسەر يېزىشى ۋە مۆرىتى كەلگەندە ئاڭلىتىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئىشلار ئالىمنىڭ پۈتۈن ۋاقتىنى ئېلىۋالسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرز ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىنلا بۇ ئىشلارنى قىلىش ئەڭ ئەۋزەلدۇر. لېكىن، بىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان ئەۋزەل ئىلىم ئاخىرەتكە قىزىقتۇرىدىغان ۋە ئاخىرەت يولىدا مېڭىشقا ياردىمى بولىدىغان ئىلىمدۇر.

ئالىم كىشنىڭ ۋاقتىنى بۆلۈۋالغىنى ياخشى. چۈنكى، نەپس پۈتۈن ۋاقىتنى ئىلىم بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تاقەت قىلالمايدۇ. شۇڭا، ئالىم سۈبھى سادىقتىن قۇياش چىقىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋىردلەرگە ئايرىشى كېرەك. ئاندىن قۇياش چىققاندىن تارتىپ، چاشگاھ ۋاقتىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئىلىم ئۆگىتىش ۋە باشقىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈشكە ئايرىشى كېرەك. ئەگەر قېشىدا تالىپلىرى بولمىسا، بۇ ۋاقىتنى ئىلمىي تەپەككۇرغا سەرپ قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، زىكىرنى تاماملىغان ۋە دۇنيا تەشۋىشلىرىگە چۈشمىگەن ساپ قەلب ھەل قىلىش قىيىن بولغان مەسىلىلەرنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. چاشگاھ قۇياشى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ ئەسىر ۋاقتىغىچە بولغان ئارىلىقنى كىتاب يېزىش ۋە كىتاب كۆرۈشكە ئايرىسا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەقەت تاماق يېيىش، تاھارەت ئېلىش، پەرز ناماز ئوقۇش ياكى چۈشلۈك ئارامغا ئوخشاش ئىشلار ئۈچۈنلا يېزىش ۋە ئوقۇشنى تاشلاپ قويسا بولىدۇ. ئەسىردىن قۇياش سارغايغۇچە بولغان ۋاقىتنى ئۆزى ساۋاق بەرگەن تەپسىر، ھەدىس ۋەياكى پايدىلىق ئىلىمنى تىڭشاش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. قۇياش سارغايغاندىن باشلاپ پېتىپ بولغۇچە بولغان ۋاقىتنى ئىستىغپار ۋە تەسبىھ ئېيتىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ ۋىردلىرى دەسلەپكىسى تىل ئەمىلى، ئىككىنچىسى تەپەككۇردىن ئىبارەت قەلب ئەمىلى، ئۈچىنچىسى كىتاب كۆرۈش ياكى تۈزۈشتىن ئىبارەت كۆز ۋە قول ئەمىلى، ئەسىردىن كېيىنكى تۆتىنچىسى بولسا كۆز ۋە قولىنى ئارام تاپقۇزىدىغان قۇلاق ئەمىلىنى ئورۇنداش بولغان بولىدۇ. چۈنكى، ئەسىردىن كېيىن كىتاب كۆرۈش ياكى ئەسەر تۈزۈش كۆزگە بەك زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن.

كېچىگە كەلسەك: كېچىنىڭ ۋاقىتلىرىنى بۆلۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئۆرنەك ئىمام شافىئىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — نىڭ بۆلۈشىدۇر. ئىمام شافىئىي كېچىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلگەن ئىدى: ئاۋۋالقى ئۈچتىن بىرىنى ئىلىمنى يېزىش، ئىككىنچى قىسىمنى ناماز ئوقۇش، ئۈچىنچى قىسىمىنى بولسا ئۇخلاشقا بۆلگەن ئىدى. ياز ۋاقتىدا ئالىم كۈندۈزدە كۆپرەك ئۇخلىمىسا، بۇ خىل بۆلۈشنى كۆتۈرەلمەسلىكى مۇمكىن.

3) ئىلىم ئۆگەنگۈچى: ئىلىم ئۆگىنىش زىكىر ۋە نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ئەۋزەلدۇر. ۋىرد تەرتىبىدە ئىلىم ئۆگەنگۈچىنىڭ ھۆكمى ئالىمنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش. لېكىن، ئالىم باشقىلارغا ئىلمى بىلەن مەنپەئەت بەرسە، تالىپ باشقىلارنىڭ ئىلمىدىن مەنپەئەت ئېلىش بىلەن؛ ئالىم كىتاب يازسا تالىپ شەرھلەش ۋە نۇسخىلاش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.

ئاۋامدىن بىر كىشىنىڭ ئىلىم، زىكىر ۋە ۋەز – نەسىھەت سورۇنلىرىغا داخىل بولۇشى ئۇنىڭ نەپلە ۋىردلەرنى ئورۇنداش بىلەن مەشغۇل بولغىنىدىن ئەۋزەلدۇر.

4) ۋالىي، قازى ياكى ئاقساقال قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشىلەر: بۇنداق كىشىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھەرخىل تەلەپ، ھاجەت ۋە ئېھتىياجلىرىنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىشى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ۋىردلەرنى ئورۇندىغىنىدىن ياخشى. چۈنكى، ئۇنىڭ قىلغىنى باشقىلارغا پايدىسى تېگىدىغان ئىبادەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ كىشىلەر كۈندۈزلىرى پەقەت پەرز ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىشى، قالغان ۋاقتىنى ئامما خىزمىتىگە ئايرىشى، كېچىنىڭ ۋىردى بىلەن قانائەت قىلىشى كېرەك.

5) كاسىپ: ئۇ ئۆزى ۋە بالىچاقىلىرى ئۈچۈن كەسىپ قىلىشقا موھتاجدۇر. ئۇ بارلىق ۋاقتىنى ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزسە بولمايدۇ، بەلكى زىكرىنى داۋاملاشتۇرغاچ كەسپىدە تىرىشچانلىق قىلىدۇ. ئۆزىنى قامدىغۇدەك بىرنەرسە تاپسا، قايتىپ ۋىردلەرگە بېرىلسە بولىدۇ.

6) ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە غەرق بولغۇچى: بۇنداق كىشىنىڭ پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى ۋىردى ئاللاھ تائالانى ھۇزۇرى قەلب بىلەن ئەسلەشتۇر. ھۇزۇرى قەلب ئۇنى ئۆزى خاھلىغان زىكىرلەرنى قىلىشقا يۆنەلدۈرىدۇ.

ۋىردلەرنى داۋاملاشتۇرۇش مۇھىمدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەل ئاز بولسىمۇ داۋاملىق قىلىنغان ئەمەلدۇر»(50) دېگەن. ئۇ زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەمنىڭ ئەمىلى داۋاملىشىدىغان ئەمەل ئىدى(51).

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.


1. ئەھمەد (10988)؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئىبنى ماجە (3792). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. مۇسلىم (2700)؛ تىرمىزىي (3378). تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
3. ئەھمەد (9040). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد (4855). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
4. ئەھمەد (9947)؛ ئىبنى ھىببان (591). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
5. تىرمىزىي (3370)؛ ئىبنى ماجە (3829). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
6. بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (713). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
7. ئەھمەد (9699)؛ تىرمىزىي (3373)؛ ئەبۇ يەئلا (6655). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
8. تىرمىزىي (3571). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 3278) «زەئىف» دېگەن.
9. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى دېگەندەك بىر ياكى ئىككى ئەمەس، يەتتە ساھابەدىن رىۋايەت قىلىنغان زەئىف ھەدىسلەردىن يەتتىسى، يەنە سەلەفلەرنىڭ ئەمەلىي ئىش – ئىزلىرى كەلگەن. نەتىجىدە، بۇلارنىڭ جۇغلانمىسى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئەمەل قىلىشقا يارايدىغان دەرىجىدە كۈچلىنىدۇ دەپ قارالغان. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 22/519.— ت.
10. ۋىرد (الْوِرْدُ): ئەرەبچە «سۇ بويىغا ياكى بىر جايغا كەلمەك، سۇ ئۈلۈشى» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: بەندە ئۆزىگە ھەر كۈنى ياكى كېچىسى، ياكى مەلۇم ۋاقىتلاردا ۋەزىپە قىلىۋالغان قۇرئان تىلاۋىتى، زىكىر ۋە نامازغا ئوخشىغان ئەمەلدۇر. بۇ ئەمەل شۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغان ياكى ئوقۇغۇچى ھەر كۈنى شۇ ئەمەلگە كېلىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. «كۈندىلىك تىلاۋەت ۋەزىپىسى» دېگەن مەنىدىكى ھىزب (الحِزْبُ) ئاتالغۇسىمۇ گاھىدا مۇشۇ مەنىدە قوللىنىلىدۇ. — ت.
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6312)؛ مۇسلىم (2711).
12. مۇسلىم (2723)؛ ئەبۇ داۋۇد (5071)؛ تىرمىزىي (3390).
13. ئەبۇ داۋۇد (5072)؛ تىرمىزىي (3385)؛ ئىبنى ماجە (3869). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
14. ئەبۇ داۋۇد (5074)؛ تىرمىزىي (3389)؛ ئىبنى ماجە (3870)؛ تەبەرانىي: («ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 17225)؛ ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2686) «ھەسەن» دېگەن.
15. تىرمىزىي (3470)؛ ئالبانىي: («تامامۇل مىننە»، 228 – 229 – بەتلەر) «سەھىھ» دېگەن.
16. بۇخارىي (6306)، شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
17. ئەھمەد (15397)؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
18. مۇسلىم (2720).
19. تەبەرانىي: «ئەددۇئا»، (343). ئىراقىي ۋە ئالبانىيلەر: «زەئىف» دېگەن.
20. ئەھمەد (11172)؛ ئىبنى ماجە (778)؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلەر: «زەئىف» دېگەن.
21. مۇسلىم (713).
22. تىرمىزىي (586)؛ ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 6346) «سەھىھ» دېگەن.
23. ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى رەكئەتتىن كېيىن ئارىلىقتا سالام بەرمەي ئوقۇلغان تۆت رەكئەت ناماز ئۈچۈن ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد (1270). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 585) «ھەسەن» دېگەن.
24. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىس (تىرمىزىي: 428) تە: «كىمكى پېشىندىن بۇرۇن تۆت رەكئەت، كەينىدىن تۆت رەكئەتنى قولدىن بەرمىسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا دوزاخنى ھارام قىلىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىستىكى پېشىندىن كېيىنكى تۆت رەكئەت پېشىننىڭ سۈننىتى بولۇپ، ئىككى رەكئەت تەكىتلەنگەن سۈننەت بولسا، تۆت رەكئەت ئوقۇشمۇ مۇستەھەبتۇر. — ت.
25. ئەبۇ داۋۇد (1326). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
26. تىرمىزىي (435)؛ ئىبنى ماجە (1374). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 5661) «بەك زەئىف» دېگەن.
27. ئەھمەد (14700)؛ تىرمىزىي (2892). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 4873) «سەھىھ» دېگەن.
28. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (2268). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 5773) «زەئىف» دېگەن.
29. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (996)؛ مۇسلىم (745).
30. نەسائىي (1699). ئالبانىي: («سەھىھۇ سۈنەنىننەسائىي»، 1604) «سەھىھ» دېگەن.
31. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4341)؛ مۇسلىم (1733).
32. جۇنۇب (الْجُنُبُ): ئەرەبچىدە «ساقلانغۇچى، يىراق تۇرغۇچى» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «(ئۇيقۇدا ياكى ئويغاق) ئېھتىلام بولغان ياكى جىما قىلغان كىشى»نى كۆرسىتىدۇ. جۇنۇب كىشى ناماز ئوقۇش، مەسجىدكە كىرىش ۋە قۇرئاننى تۇتۇشتەك ئىبادەتلەردىن چەكلەنگەن بولۇپ، غۇسۇل تاھارەت ۋاجىب بۇ ھالغا «جەنابەت (الْجَنَابَةُ)» دېيىلىدۇ. — ت.
33. مۇسلىم (305).
34. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (2527)؛ ھەكىم تىرمىزىي: «نەۋادىرۇل ئۇسۇل»، /3116. سەنەدى زەئىف.
35. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2738)؛ مۇسلىم (1627).
36. تىرمىزىي: «ئەششەمائىل»، 188 – بەت. ئەبۇششەيخ: «ئەخلاقۇننەبىي»، 137 – بەت. ئالبانىي: («ﺋﻪﺳﺴﯩﻠﺴﯩﻠﻪﺗﯘﺯﺯﻩﺋﯩﻔﻪ»، 4223) «زەئىف» دېگەن.
37. ئىزار: بەلنىڭ ئاستىنى پۇتقىچە تولۇق يۆگەيدىغان يوپكىدەك رەخت. كۈنىمىزدە يەمەن ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئەر ۋە ئاياللارغا ئورتاق كىيىم. — ت.
38. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6320)؛ مۇسلىم (2714).
39. بۇخارىي (5017).
40. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (247)؛ مۇسلىم (2710).
41. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3113)؛ مۇسلىم (2727).
42. بۇخارىي (5010).
43. مۇسلىم (2715).
44. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1120)؛ مۇسلىم (771).
45. ئەھمەد (21595). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (2828). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 1022) «زەئىف» دېگەن.
46. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (992)؛ مۇسلىم (763). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
47. مۇسلىم (768).
48. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1140)؛ مۇسلىم (738).
49. مۇسلىم (746).
50. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6464)؛ مۇسلىم (216).
51. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1987)؛ مۇسلىم (783).

Please follow and like us: