كېچە نامىزى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى

كېچە نامىزى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى، كېچىدە نامازغا تۇرۇش ۋە شۇ قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئاسانلاشتۇرغۇچى سەۋەبلەر

ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن – كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)﴾(32/«سەجدە»: 16) دېگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تەھەججۇدنى قولدىن بەرمەڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەردىن بۇرۇنقى سالىھلەرنىڭ ئادىتى ئىدى، ھەقىقەتەن تەھەججۇد رەببىڭلارغا يېقىنلاشتۇرغۇچىدۇر، گۇناھتىن چەكلىگۈچىدۇر، يامان قىلمىشلارنى ئۆچۈرگۈچىدۇر»(1) دېگەن. كېچىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا ھەدىسلەر ھەقىقەتەن كۆپتۇر.

ھەسەن ئەلبەسرىي: «ئىبادەتلەر ئىچىدە كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە قىيامدا تۇرۇشتىنمۇ قىيىنراق بىر ئىبادەتنى كۆرمىدىم» دېگەن. ئۇنىڭغا:

ــ تەھەججۇد ئوقۇيدىغانلارنىڭ يۈزلىرى نېمانچە نۇرلۇقتۇر؟! ــ دېيىشكەندە، ئۇ:

ــ چۈنكى، ئۇلارنى كېچىلىك سىردىشى ئاللاھ نۇرلاندۇرغاندۇر، ــ دەپ جاۋاب بەردى.

كېچىدە قىيامدا تۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان سەۋەبلەر
بىلگىنكى، كېچىدە قىيامدا تۇرۇش تولىمۇ قىيىن، لېكىن بۇنى ئاسانلاشتۇرۇشنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن تولىمۇ يەڭگىل.

كېچىدە نامازغا تۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن سەۋەبلەر بار.

ئاشكارا سەۋەبلەر:

* كۆپ تاماق يېمەسلىك؛ بەزى ئالىملار: «ئى ئاللاھ رىزاسىنى ئىزدىگۈچىلەر جامائەسى! كۆپ تاماق يېمەڭلار، كۆپ تاماق يېسەڭلار كۆپ سۇ ئىچىسىلەر، كۆپ سۇ ئىچسەڭلار كۆپ ئۇخلايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن كۆپ زىيان تارتىسىلەر» دەيتتى.

* كۈندۈزدە جاپالىق ئىشلار بىلەن ئۆزىنى چارچاتماسلىق؛

* چۈشتە ئارام ئېلىش؛ چۈنكى، قەيلۇلە كېچىدە قىيامدا تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

* گۇناھ – مەئسىيەتتىن ساقلىنىش؛ سۇفيان سەۋرىي ئېيتۇر: «مەن قىلىپ سالغان بىر گۇناھىم سەۋەبلىك بەش ئاي قىيامدا تۇرۇشتىن مەھرۇم قالدىم».

يوشۇرۇن سەۋەبلەر:

* قەلبىنى مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشتىن يىراق، بىدئەتلەردىن خالىي قىلىش ۋە دۇنيانىڭ كېرەكسىز نەرسىلىرىدىن يۈز ئۆرگۈزۈش؛

* ئارزۇنى قىسقا قىلىش بىلەن داۋاملىق ئاللاھتىن قورقۇش؛

* كېچىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ پەزىلىتىنى بىلىش؛

* ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش كېچىدە قىيامدا تۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ سەۋەبلەردىندۇر. شۇنداقلا كېچىدە قىيامدا تۇرسا پەرۋەردىگارى بىلەن پاراڭلىشىدىغانلىقىغا، رەببىنىڭ دەل يېنىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرىدىغانلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئىمانى كىشىنىڭ ئۇزۇن كېچىلەر پەرۋەردىگارى بىلەن مۇلاقاتتا بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي ئېيتۇر: «كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگۈچىلەر تاماشا بىلەن ئۆتكۈزگۈچىلەردىنمۇ بەكرەك لەززەت ئالىدۇ، ئەگەر كېچە بولمىغان بولسا، مەن دۇنيا ھاياتىنى ئىستىمىگەن بولار ئىدىم».

«سەھىھۇ مۇسلىم»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن كېچىدە بىر سائەت بولۇپ، مۇسۇلمان بەندە ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىقنى سورىغان ھالەتتە شۇ سائەتكە مۇۋەپپەق بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا سورىغىنىنى بېرىدۇ. بۇ سائەت ھەممە كېچىدە باردۇر»(2).

كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئاۋاتلاشتۇرۇشنىڭ بىرنەچچە دەرىجىسى بار:

بىرىنچى دەرىجە: پۈتۈن كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئىھيا قىلىش. بەزى سەلەف سالىهلەردىن شۇنداق ئادەت رىۋايەت قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجە: كېچىنىڭ يېرىمىدا قىيامدا تۇرۇش، بۇمۇ بەزى سەلەفلەردىن ئۇدۇم. بۇنىڭدا كېچىنىڭ ئاۋۋالقى ئۈچتىن بىرى بىلەن ئاخىرقى ئالتىدىن بىرىدە ئۇخلاش ياخشى.

ئۈچىنچى دەرىجە: كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە قىيامدا تۇرۇش. بۇنىڭدا كېچىنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمىدا ۋە ئاخىرقى ئالتىدىن بىرىدە ئۇخلاش كېرەك. بۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامىدۇر. «سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئەڭ ياقتۇرىدىغان ناماز داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىدۇر، داۋۇد ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ يېرىمىدا ئۇخلايتتى، (ئاندىن) كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە قىيامدا تۇراتتى ۋە كېچىنىڭ (قالغان) ئالتىدىن بىرىدە ئۇخلايتتى»(3). كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئۇخلاش ياخشى. چۈنكى، بۇ ئۇيقۇ ئەتىگەنلىك مۈگىدەكنى يوقىتىدۇ ۋە يۈزدىكى سېرىقلىقنى ئازايتىدۇ.

تۆتىنچى دەرىجە: كېچىنىڭ ئالتىدىن بىرى ياكى بەشتىن بىرىدە قىيامدا تۇرۇش. بۇنىڭدا كېيىنكى يېرىم كېچە ئەۋزەل. كېچىنىڭ ئاخىرقى ئالتىدىن بىرىدە قىيامدا تۇرۇشنى ئەۋزەل سانايدىغانلارمۇ بار.

بەشىنچى دەرىجە: قىيامدا تۇرۇش ۋاقتىنى چىڭ مۇقىمدىۋالماسلىق. چۈنكى، ۋاقىتنى مۆلچەرلەپ قويۇپ، رىئايە قىلىش قىيىندۇر.

ۋاقىتنى مۇقىمىدىماي قىيامدا تۇرۇشنىڭ ئىككى تۈرلۈك يولى بار:

بىرى: كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۇيقۇ كەلگەنگە قەدەر ناماز ئوقۇش، ئاندىن ئۇخلاش، ئاندىن ئەگەر ئويغانسا يەنە ناماز ئوقۇش، ئاندىن ئۇيقۇ تۇتسا يەنە ئۇخلاش، بۇ چوڭ بىر مۇشەققەتنى كۆتۈرگەنلىك، شۇنداقلا سەلەف سالىهلەردىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئادىتى ئىدى.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئەگەر كېچىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى نامازخان ھالەتتە كۆرۈشنى خاھلىساق، ئۇ زاتنى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا كۆرەتتۇق. ئەگەر ئۇخلاۋاتقان ھالدا كۆرۈشنى خاھلىساق، ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرەتتۇق»(4) دېگەن.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىدە ئاللاھ خاھلىغىنىچە ناماز ئوقۇيتتى، ھەتتا كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمى كەلگەندە، ئەھلىنى ئويغىتاتتى ۋە: «ناماز ئوقۇڭلار! ناماز ئوقۇڭلار!» دەيتتى(5).

زەھھاك — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن —: «مەن شۇنداق كىشىلەرنى ئۇچراتتىمكى، ئۇلار كېچە قاراڭغۇلۇقىدا ئۇزۇن ئۇخلاشتىن ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلاتتى» دېگەن.

يەنە بىرى: كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۇخلاپ ئۇيقۇ نېسىۋېسىنى ئالغاندىن كېيىن ئويغىنىپ، كېچىنىڭ قالغان قىسمىدا قىيامدا تۇرۇش.

سۇفيان سەۋرىي: «بىرىنچى ئۇيقۇمنى ئۇخلاپ ئويغانسام، قايتا ئۇخلىمايمەن» دېگەن.

ئالتىنچى دەرىجە: تۆت رەكئەت ياكى ئىككى رەكئەت مىقدارىدا قىيامدا تۇرۇش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كېچىدە ناماز ئوقۇڭلار، تۆت رەكئەت بولسىمۇ، ئىككى رەكئەت بولسىمۇ ئوقۇڭلار…» دېگەن(6).

«سۈنەنى ئەبى داۋۇد»دىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى كېچىدە ئويغانسا ۋە ئايالىنى ئويغاتسا، ئاندىن ھەر ئىككىسى بىرلىكتە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا، ئىككىسى شۇ كېچىدە ﴿ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەن ئەرلەر ۋە ئاياللار﴾(33/«ئەھزاب»: 35) قاتارىدىن يېزىلىدۇ»(7) دېگەن.

تەلھە ئىبنى مۇسەررىف — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئەھلىنى كېچىدە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى ۋە: «ئىككى رەكئەت بولسىمۇ ناماز ئوقۇڭلار. چۈنكى، كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئوقۇغان ناماز گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ» دەيتتى.

يەتتىنچى دەرىجە: كېچىنى تەقسىملەش يوللىرى. ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگۈچى ئۆزىگە ئاسان يولنى تاللىسۇن! ئەگەر كىشى ئۈچۈن كېچىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قىيامدا تۇرۇش قىيىن كەلسە، كىشى شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدىكى ۋاقىتنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسۇن ۋە سەھەر زىكىرلىرىنى داۋاملاشتۇرسۇن. شۇندىلا، ئۇ ئاخشام ۋە سەھەردىن ئىبارەت ئىككى ۋاقىتتا قىيامدا تۇرغان بولىدۇ.

كېچىدە تاھارەت ئېلىش ئېغىر كەلگەن كىشى ھەققىدە
كېچىدە تاھارەت ئېلىش ۋە ناماز ئوقۇش ئېغىر كەلگەن كىشى قىبلىگە يۈزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلسۇن ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە دۇئا قىلسۇن. ئەگەر ئولتۇرالمىسا يېتىپ دۇئا قىلسۇن. كېچە زىكىرلىرىنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان، ئەمما قاتتىق ئۇيقۇ تۇتۇپ زىكىرلىرىنى ئوقۇيالمىغان كىشى ئۇنى ھەدىسكە بىنائەن(8) چاشگاھ نامىزىدىن كېيىن ئوقۇسۇن.

كېچىدە قىيامدا تۇرۇش ئادىتى بار كىشى ئادىتىنى تاشلىمىسۇن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا: «سەن پالانىغا ئوخشاش بولمىغىن، ئۇ كېچىدە قىيامدا تۇراتتى، كېيىن ئۇ ئادىتىنى تاشلىدى» دېگەن(9).

پەزىلەتلىك كېچىلەر ۋە كۈندۈزلەر
ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگۈچىلەر ئۈچۈن تولىمۇ غەنىيمەت، خۇددى قابىل سودىگەرنىڭ تازا تاپاۋەت قىلىدىغان پەسلىگە ئوخشايدىغان، پەزىلىتى تولىمۇ مول، ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش بەكمۇ ياخشى ئون بەش كېچە بار. بۇ كېچىلەرنىڭ ئالتىسى مۇبارەك رامازان ئېيىغا جەملەنگەن بولۇپ، ئۇلار: رامازاننىڭ 17 – كېچىسى ۋە ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى قەدر كېچىسى ئىزدىلىدىغان بەش تاق كېچىدۇر. قالغان توققۇز كېچە يىلنىڭ بېشىدىن مۇھەررەمنىڭ 1 – ۋە 10 – كېچىسى (ئاشۇراﺋ)؛ رەجەبنىڭ 1 – (رەغائىب)، 15 – ۋە 27 – كېچىسى (مىئراج)؛ شەئباننىڭ 15 – كېچىسى (بارات)؛ شەۋۋالنىڭ 1 – كېچىسى (روزا ھېيت)؛ زۇلھەججەنىڭ 9 – (ئەرەفات) ۋە 10 – (قۇربان ھېيت) كېچىسى قاتارلىقلار. بۇ كېچىلەرنىڭ بەزىسىدە ناماز ئوقۇش توغرۇلۇق ھەدىسلەر كەلگەن، لېكىن بۇ كېچىلەرگە خاس ناماز توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىس يوق.

پەزىلەتلىك كۈندۈزلەر: كېچىسىمۇ مۇبارەك بولغان ئاشۇراﺋ كۈنى؛ جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان كۈن مىئراج كۈنى؛ بەدر غازىتى زەپەر بىلەن تاماملانغان رامازاننىڭ 17 – كۈنى؛ بارات كۈنى؛ جۈمە، ئىككى ھېيت كۈنى؛ قۇرئاندا ﴿مەلۇم كۈنلەر﴾(22/«ھەج»: 28) دەپ تىلغا ئېلىنغان ئەرەفاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زۇلھەججەنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنى ھەمدە قۇرئاندا ﴿ساناقلىق كۈنلەر﴾(2/«بەقەرە»: 203) دەپ زىكىر قىلىنغان، تەشرىق كۈنلىرى — قۇربان ھېيتنىڭ 2 -، 3 – ۋە 4 – كۈنلىرى قاتارلىق جەمئىي 19 كۈندۇر.

ھەپتە ئىچىدە: دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى ۋە ئايدا بىر كېلىدىغان تولۇن ئايلىق كۈنلەر (ھىجرىي ئاينىڭ 13 -، 14 – ۋە 15 – كۈنلىرى) ئۇدۇل كەلگەن ھەپتە كۈنلىرى پەزىلەتلىك كۈنلەردۇر. بۇ كۈنلەرنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە «روزا» بابىدا بايان قىلىندى.

 

خوش، ۋىردلەر بابى مۇشۇ يەردە تاماملاندى ۋە ئىبادەتلەر قىسمى ئاخىرلاشتى.

تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد

 


1. تىرمىزىي (3549). ئالبانىي: («سەھىھۇ سۈنەنىتتىرمىزىي»، 2814) «ھەسەن» دېگەن.
2. مۇسلىم (757).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1131)؛ مۇسلىم (1159).
4. بۇخارىي (1141).
5. مالىك (259).
6. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (2945). ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئۇسسەغىر»، 3488) «مۇرسەل» دېگەن.
7. ئەبۇ داۋۇد (1451)؛ نەسائىي (1309). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 6030) «سەھىھ» دېگەن.
8. مۇسلىم (747): «كىمكى كېچىلىك ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئادا قىلالماي، ئۇنى ئەتىسى بامدات بىلەن پېشىننىڭ ئارىلىقىدا ئادا قىلىۋالسا، خۇددى ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلغاندەك بولىدۇ».
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1152)؛ مۇسلىم (1159).

Please follow and like us: