قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى

قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى  

قۇرئاننىڭ ئەڭ بۈيۈك پەزىلىتى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىدۇر. ھەقتائالا نۇرغۇن ئايەتلەردە «قۇرئان كەرىم»نى ماختىغان: ﴿بۇ بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر﴾(6/«ئەنئام»: 92). ﴿بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ﴾(17/«ئىسرائ‍»: 9). ﴿ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر﴾(41/«فۇسسىلەت»: 42).

ئىمام بۇخارىي ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىلەردۇر»(1) دېگەن.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ھەقىقەتەن كىشىلەر ئىچىدە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ يېقىن كىشىلىرى بار، — دېدى.

— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئۇلار كىملەر؟! — دېيىلگەنىدى، ئۇ زات:

— ئاللاھ تائالانىڭ يېقىن ۋە خاس كىشىلىرى دەل قۇرئان ئەھلىدۇر، — دېدى(2).

باشقا بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا قۇرئاننى چۈشەنگەن ۋە ئەمەل قىلغان قەلبنى ئازابلىمايدۇ»(3) دېگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى قارىيغا: ‹ئوقۇ، ئۆرلە، دۇنيادا تەرتىل قىلىپ ئوقۇغىنىڭدەك تەرتىل بىلەن ئوقۇ! سېنىڭ مەرتىۋەڭ سەن ئوقۇغان ئاخىرقى ئايەت بىلەن بەلگىلىنىدۇ› دېيىلىدۇ» دېگەن(4). بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇرئان يادلىغان كىشىنىڭ قەبرىسى يېرىلغاندا، قۇرئان ئۇنىڭغا سۇلغۇن چىراي بىر ئادەم سىياقىدا كۆرۈنىدۇ، ئاندىن:

— مېنى تونۇمسەن؟ — دەيدۇ، قارىي:

— سېنى تونۇمايمەن، — دەيدۇ.

— مەن سېنى قاتتىق ئىسسىقلاردا ئۇسساتقان، كېچىدە ئۇيقۇسىز قويغان ھەمراھىڭ قۇرئاندۇرمەن، ھەرقانداق سودىگەر ئۆز تىجارىتىدىن پايدىغا ئېرىشىشىنى كۈتىدۇ، مەن سېنى بۈگۈن بارلىق تىجارەتلەردىن ئېرىشىلگەن پايدىدىنمۇ ئەۋزەلرەك پايدىغا ئېرىشتۈرىمەن، — دەيدۇ.

ئاندىن ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا خاھلىغانچە ئىشلىتىدىغان كۈچ بېرىلىدۇ، سول قولىغا مەڭگۈلۈك بېرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بېشىغا كەمتەرلىك تاجى قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىغا دۇنيادا باھاسى بېكىتىلمىگۈدەك ئىككى تون كىيگۈزۈلىدۇ. ئۇ ئىككىسى:

— بۇ تون بىزگە نېمە سەۋەبتىن كىيگۈزۈلدى؟ — دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئىككىسىگە جاۋابەن:

— بالاڭلارغا قۇرئاننى يادلاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن كىيگۈزۈلدى، — دېيىلىدۇ. ئاندىن: ‹ئوقۇغىن، جەننەتنىڭ پەشتاقلىرى ۋە ھۇجرىلىرىغا ئۆرلىگىن!› دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇغان قۇرئانى تېز ياكى ئاستا بولسۇن قۇرئاننى ئوقۇغان مۇددىتىدە جەننەتنىڭ دەرىجىلىرىگە ئۆرلەيدۇ»(5).

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «قارىي قۇرئان باشقىلار ئۇخلاپ ياتقاندا كېچىسىنى (قەدىرلەشنى)، روزا تۇتمىغاندا كۈندۈزلىرىنى، باشقىلار سۆيۈنۈپ، يايراپ يۈرگەندە قايغۇرۇشنى، كىشىلەر كۈلۈپ يۈرگەندە يىغلاشنى، ئادەملەر قۇرۇق پاراڭغا چۆككەندە سۈكۈت قىلىشنى، خەق كىبىرلەنگەندە كەمتەر بولۇشنى بىلىشى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرۇشى لازىم. قوپال، غاپىل، ۋارقىرايدىغان ۋە ئاچچىقى يامان بولماسلىقى كېرەك»(6).

فۇزەيل ئىبنى ئىياز — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «قارىي ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرگۈچىدۇر. شۇڭا، ئۇ قۇرئان ھەققى – ھۆرمىتى ئۈچۈن ئويۇنچىلارنىڭ تاماشاسىغا، غاپىللارنىڭ غەپلىتىگە، بىكار تەلەپلەرنىڭ بىھۇدە پاراڭلىرىغا جور بولماسلىقى كېرەك»(7).

قارىي ھېچ كىشىگە ھاجەتمەن بولماسلىققا، بەلكى باشقىلار ئۇنىڭغا ھاجەتمەن بولۇشقا ئەڭ لايىقتۇر.

ئىمام ئەھمەد — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «مەن ئىززەت ئىگىسى پەرۋەردىگارىمنى چۈشۈمدە كۆردۈم، ئاندىن:

— ئى رەببىم! ساڭا يېقىنلىشىدىغانلار نېمە بىلەن بەك يېقىنلىشىدۇ؟ — دېگەنىدىم، رەببىم:

— ئى ئەھمەد! مېنىڭ كالامىمنى ئوقۇش بىلەن، — دېدى.

— رەببىم! چۈشىنىپ ئوقۇش بىلەنمۇ ياكى چۈشەنمەي ئوقۇش بىلەنمۇ؟

— چۈشىنىپ ئوقۇسۇن ياكى چۈشەنمەي ئوقۇسۇن (شۇنداقتۇر)»(8).

قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەبلىرى توغرىسىدا
قۇرئان ئوقۇغاندا تاھارەتلىك، ئەدەبلىك بولۇش، باداشقان قۇرۇپ، يۆلىنىپ، كېرىلىپ ۋە كۆرەڭلەپ ئەمەس، باشنى تۆۋەن تۇتۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇش كېرەك.

قۇرئاننى نامازدا قىيامدا تۇرۇپ ئوقۇش، بولۇپمۇ مەسجىدتە شۇنداق ئوقۇش ئەڭ ئەۋزەل قۇرئان ئوقۇش ھالىتىدۇر.

قۇرئاننى قانچىلىك ئوقۇش خۇسۇسىدا سەلەف سالىهلەرنىڭ ئادەتلىرى ھەرخىل ئىدى: بەزىلەر بىر كېچە – كۈندۈزدە بىر قېتىم خەتمە قۇرئان قىلسا، بەزىلەر بىر قېتىمدىن ئارتۇق خەتمە قىلاتتى؛ بەزىلەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم خەتمە قىلسا، بەزىلەر ھەپتىدە بىر قېتىم خەتمە قىلغان ۋە يەنە بەزىلەر تەپەككۇر بىلەن ئوقۇپ ياكى ئىلىم تارقىتىش، ئۆگىتىش ياكى قۇرئان ئوقۇشتىن باشقا ئىبادەت تۈرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ۋەياكى دۇنيالىق كەسىپ – تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاچ ئايدا بىر قېتىم خەتمە قۇرئان قىلىشار ئىدى.

قۇرئاننى مۇھىم ئىشلارغا پۇتلاشتۇرماي، بەدەنگە ئەزىيەت بەرمەي ۋە تەرتىل بىلەن (دانە – دانە ۋە چۈشىنىشلىك) خەتمە قىلىش ئەڭ ياخشىدۇر.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەن ئۈچۈن قۇرئاننىڭ تامامىنى تېز – تېز ئوقۇپ تۈگەتكىنىمدىن كۆرە ‹بەقەرە› ۋە ‹ئال ئىمران› سۈرىلىرىنى تەرتىل بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش بەكرەك سۆيۈملۈكتۇر» دېگەن(9).

كىم بولمىسۇن، قاچان پۇرسەت تاپالىسا شۇ ۋاقتىنى قۇرئان ئوقۇش بىلەن غەنىيمەت بىلسۇنكى، كۆپ – كۆپ ساۋابقا ئېرىشكەي! ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى بىر رەكئەت ۋىتىردا ئوقۇيتتى. ئىمام شافىئىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — رامازان ئېيىدا قۇرئاننى 60 قېتىم خەتمە قىلاتتى.

قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇش — بىز ئىشارەت قىلغاندەك — ئىمكان مىقدارىدا بولسا بولىدۇ.

بەزى ئالىملار كۈندۈزنىڭ ئاۋۋىلىنى ياكى ئاخىرىنى قۇرئان خەتمىسى ئارقىلىق قارشى ئېلىش ئۈچۈن قۇرئاننى كۈندۈزدە خەتمە قىلماقچى بولسا، بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن خەتمە قىلىشنى، كېچىدە خەتمە قىلماقچى بولسا، ناماز شامنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن خەتمە قىلىشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «كىمكى قۇرئان خەتمە قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىجابەت قىلىنىدىغان بىر دۇئاسى بولىدۇ»(10) دېگەن.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى خەتمە قىلغان چاغدا ئائىلىسىنى يىغىپ دۇئا قىلاتتى(11).

قۇرئان ئوقۇغاندا ئاۋازىنى چىرايلىقلاشتۇرۇش توغرىسىدا
قىرائەتنى گۈزەللەشتۈرۈش مۇستەھەبتۇر. ئەگەر قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ ئاۋازى گۈزەل بولمىسا، ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئاۋازىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

قۇرئاننى لەھن قىلىپ ئوقۇشنى(12) سەلەف سالىهلەر مەكرۇھ دەپ قارىغان.

قۇرئاننى مەخپىي ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. ھەدىستە: «قۇرئاننى مەخپىي ئوقۇشنىڭ ئاشكارا ئوقۇشقا بولغان ئارتۇقچىلىقى مەخپىي سەدىقىنىڭ ئاشكارا سەدىقىگە بولغان ئارتۇقچىلىقىغا ئوخشايدۇ» دەپ كەلگەن(13). لېكىن، مەخپىي ئوقۇغاندا ئۆزى ئاڭلىغۇدەك ئوقۇشى كېرەك.

سەھىھ / توغرا / ماقۇل بىر مەقسەت بىلەن قۇرئاننى ئۈنلۈك ئوقۇشقا بولىدۇ: تېخىمۇ ئاسان ۋە ياخشى يادلاش، نەپسىنى ھۇرۇنلۇق ۋە ئۇيقۇدىن تارتىش ياكى مۈگىدەك باسقانلارنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئاشكارا ئوقۇغان بولسا ھېچقىسى يوق.

نامازدا قىرائەت قىلىش ھۆكمى، پەرز نامازدا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەرنىڭ مىقدارى، قىرائەتنى ئاشكارا ۋە مەخپىي ئوقۇش ئورۇنلىرى فىقھ كىتابلىرىدا ھەممىگە مەشھۇردۇر.

ئىلكىدە قۇرئان بار كىشى قۇرئان تاشلاندۇق بولۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئاز بولسىمۇ قۇرئان ئوقۇشى كېرەك.

قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز كالامىنىڭ مەنىلىرىنى ياراتمىشلىرىنىڭ چۈشەنچىلىرىگە يەتكۈزۈشتىكى مەرھەمىتىنىڭ قانداقلىقىغا قارىشى، ئۆزى ئوقۇۋاتقان سۆزنىڭ بىرەر ئىنساننىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى بىلىشى، سۆزلىگۈچى بولغان ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بۈيۈكلۈكىنى زېھنەن بىلىشى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى تەپەككۇر قىلىشى كېرەك. قۇرئان ئوقۇشتىكى ئەسل مەقسەت ئويلىنىپ – پىكىر يۈرگۈزۈشتۇر.

ئەگەر ئويلىنىپ – پىكىر يۈرگۈزۈش پەقەت بىرەر ئايەتنى تەكرار – تەكرار ئوقۇش ئارقىلىقلا ھاسىل بولسا، ئۇ ئايەتنى تەكرار – تەكرار ئوقۇسۇن.

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ﴿ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر…﴾(4/«مائىدە»: 118) دېگەن ئايەتنى تەكرار – تەكرار ئوقۇپ بىر كېچە قىيامدا تۇرغان(14).

تەمىم ئەددارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ﴿يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!﴾(45/«جاسىيە»: 21) دېگەن ئايەتنى تەكرار – تەكرار ئوقۇپ بىر كېچە قىيامدا تۇرغان([15]). مۇشۇ ئايەتنى ھەم رەﺑﯩﻴﺌ ئىبنى خۇسەيممۇ — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — بىر كېچە تەكرار – تەكرار ئوقۇپ قىيامدا تۇرغان.

[قۇرئاننى چۈشىنىش] قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچى ھەربىر ئايەتتىن ئۇ ئايەتكە لايىق مەنىلەرنى ئىزدىشى ۋە ئۇ مەنىلەرنى چۈشىنىشى كېرەك، مەسىلەن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى﴾(6/«ئەنئام»: 1، …) دېگەن ئايىتىنى ئوقۇسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلسۇن ۋە ئۆزى كۆرگەن ھەربىر نەرسىدىكى قۇدرەتى ئىلاھىيغا قارىسۇن! ﴿بەچچىدانلارغا تۆكۈلگەن مەنىيدىن خەۋەر قىلىڭلارچۇ؟﴾(56/«ۋاقىئە»: 58) دېگەن ئايەتنى ئوقۇسا، ئاددىي كۆرۈنۈشلۈك مەنىيگە، يەنى ئۇنىڭ قانداق قىلىپ گۆش، سۆڭەك، تومۇر، پەي، باش، قول، پۇت كەبى ھەرخىل شەكىللەرگە ھەمدە قۇلاق، كۆز ھەتتا ئەقىلگە ئوخشاش نەرسىلەرگە ئايلىنىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزسۇن ۋە بۇ ئاجايىباتلار ھەققىدە ئويلانسۇن!

كاززاب (ئاللاھنى ئىنكار قىلغۇچى) لارنىڭ ھالى توغرۇلۇق ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلغىنىدا، بۇيرۇقلارغا بويسۇنۇشتىن غاپىل قالسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا قېلىش قورقۇنچىنى ھېس قىلسۇن!

تىلاۋەت قىلغۇچى قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللاردىن قېچىشى، ھەرپنى ھەققى بىلەن تىلاۋەت قىلالمىغانلىق، تاۋۇشلارنى دەل مەخرىجىدىن چىقارمىغانلىقتەك شەيتانىي ۋەسۋەسىلەرگە پىسەنت قىلماسلىقى كېرەك! بۇلاردىن قۇتۇلمىغۇچە، ئايەتلەرنى توغرا ئوقۇش ئۈچۈن قايتا – قايتا تەكرارلاۋېرىپ، دىققەت ۋە غەيرىتىنى قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ.

گۇناھ – مەئسىيەتتىن قاچماسلىق، تەكەببۇر ياكى ھەۋىسىگە يېڭىلغاق بولۇشمۇ تىلاۋەت قىلغۇچىنى قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىشتىن توسۇپ قويىدىغان ئامىللاردىندۇر. بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن قەلبنىڭ قارىيىشى ۋە داتلىشىشغا سەۋەب بولىدۇ. گۇناھ ئەينەك يۈزىدىكى داغقا ئوخشاش بولۇپ ھەقنىڭ تەجەللى قىلىشىنى توسىدۇ. دېمەك، قەلب بەئەينى ئەينەككە ئوخشايدۇ، شەھۋەتلەر داغقا ئوخشايدۇ. قۇرئاننىڭ مەنىلىرى خۇددى ئەينەكتە ئەكس ئېتىدىغان سۈرەتلەرگە ئوخشايدۇ ۋە قەلبتىن شەھۋەتلەرنى يىراق قىلىش بىلەن قەلبنى پاكلاش دەل ئەينەكنى پارلاتقانغا ئوخشايدۇ.

تىلاۋەت قىلغۇچى قۇرئاندىكى خىتاب ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

قۇرئاندىكى قىسسەلەرنىڭ قۇرۇق پاراڭ ئەمەس، بەلكى ئىبرەت مەقسىتىدە كەلتۈرۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. شۇندىلا كىشى قۇرئاننى خۇددى خوجايىنى ئۆز مەقسىتىنى يازغان نامەنى ئوقۇغان قۇل كەبى تىلاۋەت قىلالايدۇ. قۇرئاننى ئويلانسۇن ۋە قۇرئاننىڭ تەلىپى بويىچە ئەمەل قىلسۇن. ھەقىقەتەن قۇرئاننى قايتا – قايتا ئوقۇپ تۇرۇپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغۇچى بەئەينى پادىشاھنىڭ پۈتۈكىنى ئوقۇپلا قويۇپ، بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە مەملىكەتنى گۈللەندۈرۈشتىن باش تارتقان، ھەتتا شاھى بۇيرۇققا قارشى ئىش قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇ پۈتۈكنى ئوقۇماي تۇرۇپ بۇيرۇققا قارشى ئىش قىلغان بولسا، تاپا – تەنە ۋە كايىلىشتىن ئازراق بولسىمۇ يىراق بولغان بولاتتى.

قۇرئان ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ قولىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىشى، ئۆز – ئۆزىگە رازىمەنلىك ۋە ئۆزىنى ئاقلاش نەزەرى بىلەن قارىماسلىقى كېرەك، چۈنكى كىشى ئۆزىنى نۇقسانلىق سۈرىتى بىلەن كۆرسە، بۇ ئۇنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بۇخارىي (5027).
2. ئەھمەد (12264)؛ نەسائىي: «ئەسسۈنەنۇلكۇبرا»، (8031)؛ ئىبنى ماجە (215)؛ ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 215) «سەھىھ» دېگەن.
3. دەيلەمىي: «ئەلفىردەۋس بىمەئسۇرىل خىتاب»، (7798). ئۇقبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2865) «زەئىف» دېگەن. دارىمىي (3363). ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ھافىز ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 9/79): «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
4. ئەھمەد (6796)؛ تىرمىزىي (2914) «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
5. ئەھمەد (22950)؛ ئىبنى ئەبى شەيبە (30668)؛ بۇسايرىي: («ئىتھافۇل خىيەرە»، 5952) «ھەسەن» دېگەن.
6. ئەھمەد «ئەززۇھد»، (885)؛ ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 113 – بەت؛ نەۋەۋىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى»، 28 – بەت؛ بەيھەقىي («شۇئەبۇلئىمان»، 1807)، ئىسنادىدا نامەلۇم كىشى بار.
7. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 8/92.
8. ئەلخەللال: «ئەلمەجالىسۇل ئەشرە»، (44). سەنەدى زەئىفتۇر.
9. نەۋەۋىي («قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى»، 49 – بەت) ۋە غەززالىي («ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 1/429) بىردەك ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان يول بىلەن كەلتۈرگەن.
10. قاسىم ئىبنى سەللام: «فەزائىلۇل قۇرئان»، (87).
11. دارىمىي (3517)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (1907). قاسىم ئىبنى سەللام («فەزائىلۇل قۇرئان»، 87) ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.
12. ئايەتنىڭ مەنىسى، سۆزلەرنىڭ ھەرپلىرى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ۋە خاتالىققا مايىل دەرىجىدە ئوقۇش.
13. بۇ ھەدىس لەۋزى «تىرمىزىي»دا مۇنداق ھالەتتە كەلگەن: «قۇرئاننى ئۈنلۈك ئوقۇغان كىشى ئاشكارا سەدىقە قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ، پەس ئاۋازدا ئوقۇغان كىشى بولسا يوشۇرۇن سەدىقە قىلغان كىشىگە ئوخشاش». تىرمىزىي (2919)؛ ئەبۇ داۋۇد (1184). ئالبانىي: («ئەلمىشكات»، 2202) «سەھىھ» دېگەن.
14. ئىبنى ماجە (1350)؛ نەسائىي (966). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
15. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك («ئەززۇھد»، 94)؛ نەسائىي (11833). سەنەدى سەھىھ.

Please follow and like us: