ھەجنىڭ سىرلىرى، پەزىلەتلىرى، ئەدەبلىرى ۋە شۇ قاتارلىق مەسىلىلەر

ھەجنىڭ سىرلىرى، پەزىلەتلىرى، ئەدەبلىرى ۋە شۇ قاتارلىق مەسىلىلەر

ھەج قىلىشنى ئىرادە قىلغۇچى ئىشنى ئەۋۋەلا تەۋبە قىلىشتىن باشلىشى، بار بولسا زۇلۇم قىلىپ ئېلىۋالغان نەرسىلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشى، قەرزلىرىنى ئادا قىلىشى، ھەجدىن قايتىپ كەلگۈچە نەپىقىسى ئۆزىگە يۈكلەنگەن كىشىلەرنىڭ نەپىقىلىرىنى تەييارلىشى ۋە ئىلكىدىكى ئامانەتلەرنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇشى كېرەك.

بېخىللىق قىلماي، يېنىغا ھەجگە بېرىپ – قايتقۇچە ئۆزى كەڭرى يەپ – ئىچىشكە يەتكۈدەك ۋە يوقسۇللارغا غەمخورلۇق قىلالىغۇدەك ھالال پۇل – مال ئېلىۋېلىشى؛ مىسۋاك، تارغاق، ئەينەك ۋە سۈرمە قۇتىسىغا ئوخشاش لازىمەتلىكلەرنى يېنىغا سېلىۋېلىشى؛ ھەجگە ئاتلىنىشتىن ئالدىن سەدىقە قىلىشى، ئەگەر نەرسىلىرىنى ئارتقىلى بىرەر ئۇلاغ ئىجارىگە ئالغان بولسا، ئۇلاغقا ئارتىدىغان چوڭ – كىچىك، ئېغىر – يېنىك ھەممىنى ئۇلاغ ئىگىسىگە كۆرسىتىشى كېرەك.

بىر كىشى ئىبنى مۇبارەك — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — كە:

— بۇ بىر پارچە تېرىنى پالانىغا ئالغاچ بارسىڭىز! — دېگەندە، ئىبنى مۇبارەك:

— مەن ئۇلاغ ئىگىسىدىن رۇخسەت سوراپ باقاي، — دېگەنىدى.

يەنە ئۆزىگە ياردەم قىلىدىغان، ياخشىلىقسۆيەر، ئۇنتۇغاندا ئەسلىتىپ قويىدىغان، ئەسلىسە ياردەم بېرىدىغان، كۆڭۈل غەشلىكتە سەبرگە ئۈندەيدىغان ياخشى ھەمراھ تېپىش كېرەك.

سەپەردە ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار تۈپەيلى يۈز بەرگۈسى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشلىق تەيىنلەشكە توغرا كېلىدۇ. سەپەرداشلار ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل ۋە ھەمراھلىرىغا كۆيۈمچان كىشىنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلغاي. باشلىق بولغۇچى بولسا سەپەرداشلىرىغا يۇمشاق قول بولۇشى، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى ياقىلىشى ۋە ئۆزىنى ئۇلارغا قالقان قىلىشى كېرەك.

سەپەر جەريانىدا يەنە ياخشى سۆزلەرنى قىلىش، ئاش – تائام بېرىش ۋە گۈزەل ئەخلاقنى نامايان قىلىش كېرەك. سەپەر ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى ئاشكارىلايدۇ، كىشىنى ھەر تەرەپلىمە چارچىتىدىغان سەپەر جەريانىدا گۈزەل ئەخلاق كۆرسىتەلىگەن كىشى تۇرغۇن تۇرمۇشتىمۇ گۈزەل ئەخلاقلىقتۇر. دەپتۇرلەركى: «ئەگەر بىر كىشىنى تۇرغۇن تۇرمۇشتا مۇئامىلە قىلىپ باققانلارمۇ، سەپەرداشلىرىمۇ ماختىسا، ئۇ كىشىنىڭ ياخشى كىشى ئىكەنلىكىگە شەك قىلماڭلار».

يولۇچى سەپەرگە چىقمايدىغان دوست ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن خوشلاشقاي، ئۇلاردىن دۇئا تەلەپ قىلغاي ۋە سەپەرگە پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاتلانغاي؛ ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغاي، ئەھل – تەئەللۇقاتىنى ئاللاھ تائالاغا ئامانەت قويغاي؛ ئۆيدىن چىققاندا، ئۇلاغقا مىنگەندە ۋە ئۇلاغدىن چۈشكەندە ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە دۇئالارنى ئوقۇغاي. بۇ دۇئا ۋە زىكىرلەر ھەج پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان كىتابلاردا باردۇر؛ شۇنىڭدەك ئىھرام باغلاش، تاۋاپ قىلىش، سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش، ئەرەفات تېغىدا تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەج جەريانىدا ئوقۇلىدىغان زىكىر، دۇئا ۋە ئەدەبلەرنىڭ ھەممسىگە رىئايە قىلغاي. بۇلار فىقھ كىتابلىرىدا تولۇق تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇ كىتابلاردىن ئىزدەلگەي.

يوشۇرۇن ئەدەبلەرنىڭ بايانى ۋە ھەجنىڭ سىرلىرىغا ئىشارە
بىلگىنكى، تۈرلۈك پىكىر ۋە غەملەردىن پارىغ بولماي ۋە ئۆزىنى تامامەن ئاللاھقا ئاتىماي تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىپ بولمايدۇ. پوپلار ئاللاھ بىلەن ئۇنس – ئۈلپەت بولۇشنى كۆزلەپ تاغلاردا يالغۇز ئىستىقامەت قىلىشاتتى. ھەج بولسا بۇ ئۈممەتنىڭ — بىر مەنادا — روھانىيىتى قىلىندى.

ھەجدە قەلبنى مەشغۇل قىلىۋالىدىغان، تۇيغۇ ۋە دىققەتنى بۆلۈۋېتىدىغان تىجارىي پائالىيەتلەردىن قول ئۈزۈش، تاشقى كۆرۈنۈش ئاۋارە بولسىمۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا بېرىلىش، زىيادە ياسانماسلىق ھەجنىڭ ئەدەبلىرىدىندۇر.

يۈك ئارتىلغان تۆگىنىڭ ئۈستىدە چىڭ ئولتۇرالماسلىقتەك ئۆزرىسى بولمىسا، كاجۇۋالىق تۆگىگە مىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېگەر توقۇمى كونا بىر ئۇلاغقا مىنىپ ھەج قىلغان(1).

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، نەبى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھاجىلار بىلەن پەخىرلەنگەن ھالدا پەرىشتىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بەندىلىرىمگە قاراڭلار! ئۇلار چېچى چۇۋۇق، توپا – توزان ئىچىدە يىراق يوللارنى بېسىپ ماڭا كەلدى، سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلدىم!›»(2).

ئاللاھ تائالا ئۆز ئۆيىنى (بەيتۇللاھنى) شەرەپلىك ۋە ئەزىز قىلدى ۋە بەندىلەرنىڭ ئىنتىلىش مەنزىلى ئەيلىدى. ئۆز بۇيرۇقى ئۇلۇغلانسۇن ۋە ئۆيىنىڭ شانى يۈكسەلسۇن ئۈچۈن ئەتراپىنى ھەرەم (چەكلەنگەن رايون)، ئەرەفاتنى بولسا ئۇنىڭ سەيناسىدا بىر مەيدان قىلدى.

بىلگىنكى، ھەج ئەمەللىرىنىڭ ھەربىرىدە تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن بېشارەتلەر، ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن دەرسلەر باردۇر.

بۇلاردىن بىرى، ھەج جەريانىدىكى ئەمەللىرى بىلەن ئۆزىگە ئاخىرەت ئوزۇقى تەييارلىغانلىقىنى ئويلىشىدۇر. ئۇنداقتا كىشى بۇ ئەمەللەرنىڭ رىيا ۋە كۆز – كۆز قىلىش بىلەن نابۇت بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانسۇن. چۈنكى، بۇنداق ئەمەل بەئەينى سەپەرنىڭ دەسلىپىدىلا بۇزۇلۇپ، ئېھتىياج تۇغۇلغاندا ئىگىسىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغان خام يېمەكلىككە ئوخشاش ھەرگىز يار بولمايدۇ ۋە مەنپەئەت بەرمەيدۇ. يۇرتىدىن ئايرىلىپ چۆل – باياۋانغا كىرگەن ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ۋاقتىدا، ئۆلۈم بىلەن بىرگە دۇنيادىن قىيامەت مەيدانىغا ۋە بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى قورقۇنچلار ئالدىدا ئاشۇ ئوزۇق بىلەن بىر نىجاتلىق بارلىقىنى ئەسلىگەي!

يەنە بىر بېشارەت كىشىنىڭ ئىھرامغا كىرىش ۋاقتى ۋە كىيىملىرىنى سېلىشىدىن ئىبرەت ئېلىشىدۇر. ھاجى ئىھرامغا كىرگەندە بەئەينى ئۆز كېپىنىنى كىيگەن، دۇنيا ئەھلىنىڭ كىيىمىدىن پەرقلىق بىر كىيىمدە رەببىگە مۇلاقات بولىدۇ. تەلبىيە ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا ئىجابەت قىلىۋاتقانلىقىنى ياد ئەتسۇن. دەرۋەقە، ھەقتائالا: ﴿كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن﴾(22/«ھەج»: 27) دەپ بۇيرۇغان. كىشى بۇ ئىجابىتىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىشى، قوبۇل بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرىشى كېرەك. شۇنىڭدەك ھەرەمگە يېتىپ بارغاندا، ئازابتىن قۇتۇلۇشتىن ئۈمىدۋار بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالاغا يېقىن كىشىلەر قاتارىدىن بولالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىشى، لېكىن ئۈمىدۋارلىق ئۈستۈن بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ئاللاھنىڭ كەرەم ۋە مەرتلىكى ئومۇمىيدۇر، زىيارەت قىلغۇچىنىڭ ھەققى ئاللاھ تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ ئامانلىقى زايە بولمايدۇ.

يەنە بىرى: بەيتۇللاھنى كۆرگەندە ئۇنىڭ كاتتىلىقىنى قەلبەن ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ئۇشبۇ مەنزىلگە يەتكۈچىلەردىن قىلغان ئاللاھ تائالاغا تەشەككۈر ئېيتىشى، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشنىڭ ئۇلۇغ ۋە مۇھىم ئەمەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك؛ چۈنكى، تاۋاپ بىر مەنادا نامازدۇر. ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سىلىغان چاغدا ئىشىنىپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەي ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتا قاتتىق ئىرادىگە كەلگەي. كەئبىنىڭ يوپۇقلىرىغا ئېسىلغاندا ۋە مۇلتەزەم(3)گە يېقىنلاشقاندا گۇناھكار قۇلنىڭ ئۆز خوجىسىنى پاناھ تارتىشىنى ۋە ئاشىقنىڭ مەشۇقىگە يېقىنلىشىشىنى خىيالىغا كەلتۈرگەي!

بۇ ھەقتە بەزىلەر مۇنداق شېئىر ئوقۇغان ئىدى:

بىر ئەمىنلىك سايەسىدۇر ئۆيۈڭنىڭ يوپۇقلىرى،               ئاڭا مەھكەم ئېسىلدىم ساڭا سىغىنىپ يا رەببى،

گەر دەۋزەختىن قورققان ھالدا ئېسىلسام ئاڭا،                 يوق گۇمانىم، ئاندا دەۋزەخكە يولاتمايسەن مېنى،

پەرمان قىلدىڭ: «بەيتىمگە قىلىڭلار ھەج» دەپ،           لەببەي! مانا پاناھگاھ قىلدىممەن بەيتىڭنى.

سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلغاندا ئۆزىنى بەجايىكى مىزان تارازىسىنىڭ ئىككى ئۇچى ئارىسىدا بېرىپ – كېلىۋاتقاندەك ۋە مەھشەرگاھتا تارتىلىۋاتقاندەك ياكى خىزمەتتىكى ئىخلاسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، مەرھەمىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈمىدى بىلەن خاقاننىڭ ئوردىسىنىڭ ئالدىدا بېرىپ – كېلىۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلىشى كېرەك؛

ئەرەفاتتا تۇرغاندا ئۇندا كۆرگەن ئالاماننى، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاشلارنى مەھشەرگاھتا تۈرلۈك تىللاردا ۋە بارچە ئۈممەتنىڭ قايىم بولۇشى ۋە شاپائەت تەلەپ قىلىشلىرىغا قىياس قىلغىن!

جەمەرات(4)تا شەيتانغا تاش ئاتقىنىڭدا شۇ ئارقىلىق ئىلاھىي بۇيرۇقىغا بويسۇنغانلىقىڭنى، قۇللۇق ۋە ئىبادىتىڭنى ئىزھار قىلغانلىقىڭنى ۋە پۈتۈن نەپسانىي ھېس – تۇيغۇلىرىڭدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ، پەقەت ۋە پەقەت بىر ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغانلىقىڭنى ئويلىغىن!

مەدىنەگە كەلسەك، مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەنىڭ قارىسىنى كۆرسەڭ، بۇ شەھەرنىڭ ئاللاھ تائالا ئۆز رەسۇلىغا تاللاپ بەرگەن، ئۇنى ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە قەبرىسىنىڭ شۇ يەردە بولۇشىنى ئىرادە قىلغان شەھەر ئىكەنلىكىنى ئەسلە!

ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنەدە ئۇياق – بۇياقتا قەدەم باسقان يەرلىرىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈر!

ئۇ زاتنىڭ خۇشۇﺋ ۋە تەمكىنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىل!

ئەگەر ئۇ زاتنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلماق بولساڭ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كاتتىلىقىنى ۋە ھەيۋىتىنى قەلبەن ھېس قىل!

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك جامالىنى خىيالىڭدا جانلاندۇر!

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ بۈيۈكلۈكىنى ئەسلە!

ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالام بەرگىن!

رەسۇلۇللاھنىڭ خۇددى ھەدىستە كەلگەندەك، سېنىڭ ئۇ يەردىلىكىڭنى ۋە سالام بەرگەنلىكىڭىنى بىلىدىغانلىقىنى(5) بىل!!!

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد

 


1. ئىبنى ماجە (2890). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2617) «سەھىھ» دېگەن.
2. ئىبنى خۇزەيمە (2840). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1867، 1868) «سەھىھ» دېگەن.
3. مۇلتەزەم (الْمُلْتَزَمُ): ئەرەب تىلىدا: «چىڭ ئېسىلىپ، چاپلىشىپ دۇئا قىلىنىدىغان جاي» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەسجىدۇل ھەرەمدە: «ھەجەرۇل ئەسۋەد بىلەن كەئبەنىڭ ئىشىكىنىڭ ئارىلىقىدىكى تۆت گەز كېلىدىغان دۇئاگاھ»تۇر. «دۇئاگاھ (الْمُدعَى)»، «پاناھگاھ (الْمُتَعَوَّذُ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جايغا مەيدىسىنى، يۈزىنى، بىلەكلىرىنى ۋە ئالىقانلىرىنى يېيىپ چاپلاپ دۇئا قىلىش مۇستەھەبتۇر. — ت.
4. جەمرە (الْجَمْرَةُ): «چوغ پارچىسى، شېغىل تاش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئاتالغۇسى سۈپىتىدە ھاجىلار قۇربان ھېيت ۋە تەشرىق كۈنلىرىدە مىنادا ئاتقان كىچىك تاشلارنىڭ ھەربىرىنى ۋە ئۇ تاشلار ئېتىلىدىغان ئايرىم – ئايرىم ئۈچ يەرنى كۆرسىتىدۇ. ھېيتنىڭ 1 – كۈنى ئەقەبە جەمرىسىگىلا يەتتە تاش، ئۇندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندە ئۈچ جەمرەگە يەتتىدىن تاش ئاتىدۇ. — ت.
5. ئەبۇ داۋۇد (2041). ئەھمەد (2/547) دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ماڭا سالام يوللايدىكەن، مېنىڭ ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇشۇم ئۈچۈن ئاللاھ روھىمنى ماڭا قايتۇرىدۇ» دېگەن. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.

Please follow and like us: