روزىنىڭ سىرلىرى، روزا تۇتۇشتىكى مۇھىم ئىشلار ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەر

روزىنىڭ سىرلىرى، روزا تۇتۇشتىكى مۇھىم ئىشلار ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەر

بىلگىنكى، روزىدا باشقا ئىبادەتلەردە بولمىغان بىر خۇسۇسىيەت باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ روزىنى ئۆزىگە مەخسۇس قىلىشىدۇر. ھەقتائالا ھەدىس قۇدسىيدە: «روزا پەقەت مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ ئەجرىنى مەن بېرىمەن»(1) دېگەن. شەرەپ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇ لەۋزى يېتەرلىكتۇر. خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن﴾(22/«ھەج»: 26) دېگەن ئايەتى كەرىمدە بەيتۇللاھنى ئۆزىگە خاسلاشتۇرۇپ شەرەپلەندۈرگىنىدەك.

روزا باشقا ئەمەللەردىن ئىككى سەۋەبتىن ئەۋزەلدۇر:

1) روزا يوشۇرۇن ۋە مەخپىي ئەمەلدۇر؛ روزىنى بىراۋ كۆرمەيدۇ ۋە رىيا ئارىلاشمايدۇ.

2) روزا ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى قاقشىتىدۇ. چۈنكى، دۈشمەننىڭ قورالى شەھۋەتلەردۇر، يەپ – ئىچىش شەھۋەتنى كۈچەيتىدۇ. شەھۋەت زېمىنى مۇنبەت بولىدىكەن، شەيتانلار كېلىپ يايلاپ تۇرىدۇ. شەھۋەتنى تاشلاش بىلەن شاياتۇننىڭ ساھەسى تارىيىدۇ. روزىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ناھايىتى نۇرغۇن ۋە مەشھۇر رىۋايەت، ئەخبارلار باردۇر.

روزىنىڭ سۈننەتلىرى
سوھۇرلۇق يېيىش، كېچىكتۈرۈپرەك ئېغىز ئېتىش، ئىفتارغا ئالدىراش ۋە خورما بىلەن ئېغىز ئېچىش سۈننەت، رامازان ئېيىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىپ سېخىي بولۇش، ياخشىلىق قىلىش ۋە كۆپ سەدىقە بېرىش؛ قۇرئاننى دەرس قىلىش، بولۇپمۇ ئاخىرقى ئون كۈندە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ۋە كۆپ ئىبادەت قىلىشقا تىرىشىش قاتارلىقلار مۇستەھەبتۇر. «سەھىھەين»دە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلدىكى: «رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تامبىلىنى چىڭ باغلايتتى، كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئىھيا قىلاتتى ۋە ئەھلىنى ئويغىتاتتى»(2). «تامبىلىنى چىڭ باغلايتتى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «شد المئزر» تەبىرىنى ئالىملار ئىككى مەنادا بايان قىلغان:

بىرىنچىسى: ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلماسلىق؛

ئىككىنچىسى: راۋۇرۇس پۇختا تەييارلىق قىلىش ۋە ئەمەل – ئىبادەتتە تىرىشىش.

دەپتۇرلەركى: ئاخىرقى ئون كۈنىدە كۆپ تىرىشىشىنىڭ ۋەجى قەدر كېچىسىنى ئىزدەشتۇر.

روزىنىڭ سىرلىرى ۋە ئەدەبلىرى
روزا ئۈچ دەرىجىدۇر: ئاۋامنىڭ روزىسى، ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ روزىسى ۋە ئالاھىدە كىشىلەر ئىچىدىكى ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ روزىسى.

ئاۋامنىڭ روزىسى: قورساق ۋە ئەۋرەتنىڭ شەھۋىتىنى ئادا قىلماسلىقتۇر.

ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ روزىسى: تىل، قول، پۇت، كۆز، قۇلاق ۋە باشقا ئەزالارنى گۇناھلاردىن ساقلاشتۇر.

ئالاھىدە كىشىلەر ئىچىدىكى ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ روزىسى: قەلبنى ناچار خاھىشلاردىن، ئاللاھ تائالادىن يىراقلاشتۇرىدىغان پىكىرلەردىن قوغداش ۋە زېھنىنى بىر ئاللاھ تائالادىن باشقىسىدىن ئۈزۈش. بۇ روزىنىڭ باشقا تەرەپلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئورنىدا سۆزلەنگۈسى.

كۆزنى ھارامغا قاراشتىن، تىلنى باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىدىغان ھارام ياكى مەكرۇھ گەپ ۋە بىھۇدە سۆزلەردىن ساقلاش، شۇنداقلا باشقا ئەزالارنىمۇ گۇناھتىن ساقلاش قاتارلىقلار ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ روزىسىنىڭ ئەدەبلىرىدۇر.

بۇخارىي رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا روزىدار تۇرۇپ يالغان گەپ ۋە ساختىپەزلىكنى تەرك ئەتمەيدىغان كىشىنىڭ يېمەك – ئىچمەكنى تەرك ئېتىشىگە موھتاج ئەمەس» دېگەن(3).

روزىنىڭ ئەدەبلىرى:
كېچىدە تاماقنى بولۇشىغا يەپ قورساقنى توشقۇزۇۋەتمەي، ئازراق يېيىش كېرەك. چۈنكى، «ئادەم بالىسى تولدۇرغان ئەڭ يامان قاچا قورسىقىدۇر»(4). كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە (يەنى ئىفتاردا) قورسىقى تويۇپ كەتكەن كىشى كېچىنىڭ قالغىنىدا ئۆزىدىن مەنپەئەت ئالالمايدۇ. شۇنىڭدەك سەھەردە قورسىقى تويۇپ كەتسە، پېشىن ۋاقتىغا يېقىنلاشقۇچە ئۆزىدىن مەنپەئەت ئالالمايدۇ. چۈنكى، كۆپ يېيىش ھۇرۇنلۇق ۋە بوشاڭلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا كۆپ يېگەندە روزا تۇتۇشتىكى مەقسەت بولمىش «ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن نەپسكە يۈگەن سېلىش» ھاسىل بولمايدۇ.

نەپلە روزا
بىلگىنكى، پەزىلەتلىك كۈنلەردە روزا تۇتۇش مۇستەھەبتۇر. بەزى پەزىلەتلىك كۈنلەر يىلدا بىر قېتىم كېلىدۇ. مەسىلەن، رامازاندىن كېيىنكى شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن، ئەرەفات كۈنى، ئاشۇراﺋ كۈنى، زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى توققۇز كۈنى ۋە مۇھەررەم كۈنى قاتارلىقلار.

بەزىسى ھەر ئايدا تەكرارلىنىدۇ. مەسىلەن، ھەر ئاينىڭ بېشى، ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرىدا روزا تۇتۇش دېگەندەك. كىمكى ئاينىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاخىرىدا روزا تۇتسا ياخشى قىلغان بولىدۇ. بولۇپمۇ ھەر ئاينىڭ ئۈچ تولۇن ئاي كۈنى (13، 14، 15 لىرى) روزا تۇتۇش بەك ئەۋزەلدۇر.

بەزىلىرى ھەر ھەپتە تەكرارلىنىدۇ: يەنى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى.

نەپلە روزىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىدۇر. «ئۇ زات بىر كۈن تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتمايتتى»(5). بۇ روزىغا ئۈچ مەنا جەملەنگەندۇر:

1) روزا تۇتمىغان كۈنى نەپسنىڭ نېسىۋىسى بېرىلىدۇ، روزىدار كۈنى تولۇق قۇللۇق بىلەن ئىبادەت قىلىنىدۇ. بۇنداق روزىدا نەپسكە قاياش ۋە قارشى تەرەپلەر جەملەنگەن بولىدۇ، مانا بۇ ئادىللىقتۇر.

2) ھەقىقەتەن يېيىش كۈنى شۈكۈر كۈنىدۇر، روزا كۈنى سەبر كۈنىدۇر. ئىماننىڭ ئىككى يېرىمى: شۈكۈر ۋە سەبردۇر.

3) بۇنداق روزا نەپسكە قارشى جىھادنىڭ ئەڭ قىيىنىدۇر. چۈنكى، نەپس بىر نەرسىنى ئەمدى ئۇنتاي دەپ تۇرغاندا، ئۇ ھالەتتىن باشقا ھالەتكە يۆتكىلىدۇ.

يىل بويى روزا تۇتۇشقا كەلسەك، ئىمام مۇسلىم ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— يىل بويى روزا تۇتقان كىشىنىڭ ھالى نېمىدۇر؟ — دەپ سورىغانىدى، ئۇ زات (جاۋابەن):

— روزا تۇتقانمۇ، تۇتمىغانمۇ ھېسابلانمايدۇ — ياكى — روزىمۇ تۇتمىغان، ئېغىزمۇ ئاچمىغان بولىدۇ، — دېدى»(6). بۇ ھەدىستە روزا تۇتۇش چەكلەنگەن كۈنلەردىمۇ ئارقىمۇئارقا روزا تۇتۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەمما، ئىككى ھېيت كۈنى ۋە تەشرىق كۈنلىرى (قۇربان ھېيتنىڭ 2 -، 3 -، 4 – كۈنلىرى) روزا تۇتماي، يىلنىڭ قالغان كۈنلىرىدە روزا تۇتسا بولىۋېرىدۇ. ھىشام ئىبنى ئۇرۋەدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاتىسى (ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلغاي) ئارقىمۇئارقا روزا تۇتاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ ئارقىمۇئارقا روزا تۇتاتتى(7).

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 40 يىلغىچە ئارقىمۇئارقا روزا تۇتقان ئىدى» دېگەن(8).

بىلگىنكى، ئاقىل كىشى روزىنىڭ غايىسىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇڭا، ئۇ نەپسىنى پەزىلەتلىك نەرسىلەرگە قارىتىپ، بىچارە ھالغا مۇپتىلا بولۇشتىن ساقلايدۇ.

مەسىلەن، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەپلە روزىنى ئاز تۇتاتتى ۋە: «مەن روزا تۇتسام نامازغا ماغدۇرۇم قالمايدىكەن، شۇڭا روزىنىڭ ئورنىغا نامازنى تاللىدىم» دەيتتى(9).

بەزىلەر روزا تۇتسا قۇرئان ئوقۇشقا ئاجىز كېلىدۇ. شۇڭا، قۇرئان ئوقۇشقا تاقىتى يەتكۈدەك دەرىجىدە نەپلە روزا تۇتىدۇ.

ھەركىم ئۆز ئەھۋالىنى ۋە ئۆزىگە نېمىنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆزى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1894)؛ مۇسلىم (1151(. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2024)؛ مۇسلىم (1174).
3. بۇخارىي (1903)؛ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
4. ئەھمەد (17225). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2265) «سەھىھ» دېگەن.
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1977)؛ مۇسلىم (1159). ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
6. مۇسلىم (1162).
7. فىريابىي: «ئەسسىيام»، (115). راۋىيلىرى ئىشەنچلىك.
8. فىريابىي: «ئەسسىيام»، (126). سەنەدى سەھىھ.
9. ئىمام تاھاۋىي: «شەرھۇ مۇشكىلىل ئاسار»، 7/14.

Please follow and like us: