زاكاتنىڭ سىرلىرى ۋە ئۇنىڭغا دائىر مەسىلىلەر

زاكاتنىڭ سىرلىرى ۋە ئۇنىڭغا دائىر مەسىلىلەر

زاكات ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا زاكاتنى ناماز بىلەن بىللە تىلغا ئېلىپ دېگەنكى: ﴿نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار… ﴾(2/«بەقەرە»: 43، 83، 110؛ 4/«نىساﺋ»: 77؛ 24/«نۇر»: 56؛ 73/«مۇززەممىل»: 20)

زاكاتنىڭ پەرز بولۇشى، سەۋەبلىرى، تۈرلىرى ۋە مەزمۇنى فىقھ كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىدە مەشھۇردۇر. بىز بۇ يەردە بەزى شەرت ۋە ئەدەبلەرنىلا بايان قىلىمىز:

زاكاتنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ۋە توغرىسى «بەلگىلەنگەن نەرسىنىڭ قىممىتىنى ئەمەس ئۆزىنى بېرىش» بولۇپ، «قىممىتىنى بەرسىمۇ بولىدۇ» دېگۈچىلەر پەقەت كەمبەغەلنىڭ ئىھتياجىنى قامداشنى كۆزدە تۇتقاندۇر. كەمبەغەلنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش زاكاتنىڭ پۈتۈن غايىسى ئەمەس، بەلكى قىسمەن غايىسىدۇر. چۈنكى، شەرئىي ۋاجىب ئۈچ قىسىمدىن ئىبارەت:

1) مەخسۇس ئىبادەت قىسمى بولۇپ، ھەجدە شەيتانغا تاش ئېتىش بۇنىڭ مىسالىدۇر. بۇنىڭدىكى شەرئىي مەقسەت بەندىنى ئۆز قۇللۇقىنى نامايەن قىلىشى ئۈچۈن شۇ ئەمەلنى قىلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق سىناشتۇر. ئەقىل ئۈچۈن بىر ئوچۇم تاشنىڭ ئۇ يەرگە ئېتىلىشى ھېچ مەنا ئىپادىلىمەيدۇ. ھالبۇكى، ئىنسان تەبىئىتى ئەقىلدىن ئۆتكەن نەرسىدە ئىككىلەنمەيدۇ ۋە ئۇنى قىلىشقا ئۈندەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئەقىلدىن ئۆتكەن نەرسىنى ئورۇنداش قۇلچىلىق ئىخلاسىنىڭ نامايەندىسى ئەمەستۇر. ئەسىل قۇللۇق ئەقىل تېگىگە يېتەلمىسىمۇ ئورۇنداشتۇر.

2) يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە، مەقسەت ئىبادەت ئەمەس، بەلكى مەقسەت قىزىقتۇرۇش ۋە رازىلىقتۇر. مەسىلەن، كىشىلەرنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىش، بۇلانغان ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى ئۆز ئىگىسگە قايتۇرۇش دېگەندەك. بۇ ئىشلاردا نىيەت ۋە ھەرىكەت مۇھىم ئەمەس، بەلكى ھەقدارغا ھەققى قانداقلا ھالەتتە يەتسە مەقسەت ھاسىل بولىدۇ ۋە شەرئىي ھۆكۈم ئادا تاپىدۇ. بۇ ئىككى قىسىم بىر – بىرىگە زىت ئەمەس.

3) شەرىئەت بۇيرۇغان، يۇقىرىقىلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولمىش ئەمەللەردۇر. يەنى بەندىنى شەيتانغا تاش ئېتىشقا بۇيرۇپ سىناش ۋە ھەقلەرنى ئىگىسگە قايتۇرۇشقا قىزىقتۇرۇشتەك ھەر ئىككى خاراكتېردىكى ئەمەللەرنىڭ مۇجەسسەمىدۇر. بۇلاردىن ئەڭ نازۇكىنى، يەنى ئىبادەت — قۇللۇق غايىسىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، ئەڭ مۇھىمىمۇ شۇ قۇللۇقتۇر. زاكات دەل قۇللۇقنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، گەرچە نامراتنىڭ نېسىۋىسى بىلەن موھتاجغا ھەمدەملىك مەقسەت قىلىنسىمۇ، نېگىزلىك مەقسەت شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىگە سۆزسىز بويسۇنۇشتۇر. بۇ نۇقتىدىن زاكات ناماز ۋە ھەج بىلەن بىر قاتاردىدۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

زاكاتنىڭ يوشۇرۇن ئەدەبلىرى ۋە ئىنچىكە تامانلىرى
بىلگىنكى، زاكات بېرىش ئارقىلىق ئاخىرەتنى كۆزلىگۈچىگە تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەر باردۇر:

بىرىنچى ۋەزىپە: چۈشىنىپ تۇرۇپ زاكات بېرىش؛ بۇنى ئۈچ نۇقتىدىن چۈشىنىش: ئاللاھنى سۆيىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى چىقىرىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق سىنىلىشى، ئىنساننى ھالاك قىلغۇچى بېخىللىق خۇيىدىن قۇتۇلۇش ۋە مال نېئمىتىگە شۈكۈر قىلىش.

ئىككىنچى ۋەزىپە: رىيا ۋە ئاڭلىتىشتىن يىراق بولۇشى ئۈچۈن زاكاتنى يوشۇرۇن چىقىرىش؛ زاكاتنى ئاشكارا بېرىش نامراتقا مالامەت كەلتۈرۈشى مۇمكىن. كىشى ئەگەر «زاكات بەرمەيدۇ» دېگەن تۆھمەتكە قېلىشتىن قورقسا، زاكاتنى جامائەت ئالدىدىمۇ ئاشكارا زاكات ئېلىۋېرىدىغان نامراتلارغا ئوچۇقچە بەرسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسىغا يوشۇرۇن بېرىدۇ.

ئۈچىنچى ۋەزىپە: زاكاتنى ﴿مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت بېرىش﴾(2/«بەقەرە»: 264) بىلەن بۇزۇۋەتمەسلىك؛ كىشى ئۆزىنى نامراتقا ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە مال بېرىپ ئېھسان قىلغۇچى دەپ قارىسا، مىننەت قىلىپ قېلىشى، ھەتتا نامراتقا ئەزىيەت بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر كىشى بەكرەك سىنچىلاپ قارىغىنىدا، نامراتنىڭ زاكات بەرگۈچىنى پاكلايدىغان ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، زاكات بەرگۈچى زاكىتىنى چىقىرىپ بېرىشىنىڭ مال نېئمىتىگە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى زېھنىگە كەلتۈرگەن ۋاقىتتا، نامرات بىلەن ئۆزى ئارىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت قالمايدۇ، نامراتنى نامراتلىقى سەۋەبلىك تۆۋەن كۆرمەيدۇ. چۈنكى، ئارتۇقچىلىقنىڭ ئۆلچىمى مال بولمىغىنىدەك، كەمچىلىكنىڭ ئۆلچىمىمۇ يوقسۇللۇق ئەمەستۇر.

تۆتىنچى ۋەزىپە: بەرگەن نەرسىسىنى كىچىك بىلىش؛ چۈنكى، قىلغان ئىشىنى چوڭ بىلىش ئۆزىگە تەمەننا قويۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. دەپتۇرلەركى، ياخشىلىق شۇ ئۈچ نەرسە بىلەن تاماملانغاي: قىلغان ئىشىنى كىچىك ساناش، قىلىشقا ئالدىراش ۋە يوشۇرۇن قىلىش.

بەشىنچى ۋەزىپە: مېلىنىڭ ئەڭ ھالال، ئەڭ ئېسىل ۋە ئۆزىگە ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنىنى تاللاپ بېرىش. ئەڭ ھالالى بېرىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا پاكتۇر، پەقەت پاكنىلا قوبۇل قىلىدۇ. ئەڭ ئېسىلى بېرىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر)نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھ (بۇنداق سەدىقەڭلەردىن) بىھاجەتتۇر، ھەمدگە لايىقتۇر﴾(2/«بەقەرە»: 267).

مالنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى بېرىشتە، ئىككى نەرسىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك:

1) ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى كۆزدە تۇتۇش ۋە ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش؛ چۈنكى، ئاللاھ تائالا تاللاپ ياخشىسىنى بېرىشكە ئەڭ لايىق زاتتۇر. ئەگەر بىر كىشى مېھمانلىرى ئالدىغا ناچار تاماقلارنى قويسا، ئەلبەتتە مېھماننىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكەن بولىدۇ.

2) ئۆزىنىڭ ھەققىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى، كىشىنىڭ بەرگەن ئۇ نەرسىسى تاڭلا قىيامەتتە ئۆز ئالدىغا قويۇلىدۇ. شۇڭا، ئۆز پايدىسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسنى تاللىشى كېرەك.

ئۆزىگە ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنىنى بېرىشكە كەلسەك، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 92).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مېلىدىن ئەڭ ياخشىسىنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن نەپىقە قىلاتتى(1). رىۋايەت قىلىنىشىچە: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئاغرىق ھالەتتە جۇھفە(2) دېگەن جايغا چۈشتى. ئاندىن: «كۆڭلۈم بېلىق تارتىۋاتىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن بېلىق ئىزدەپ، پەقەت بىر تاللا بېلىق تاپالىدى. ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئايالى ئۇنى ئېلىپ، پىشۇرۇپ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا قويدى. شۇ ئەسنادا بىر مىسكىن كېلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئۆمەر مىسكىنگە: «قېنى بېلىقتىن ئال» دېگەنىدى، رەپىقىسى:

— ئەزبىرايى، مەن ئۇنى بىزگە تەييارلىغانىدىم، ئۇنىڭغا بەرگۈدەك باشقا ئوزۇقىمىز بار ئىدىغۇ؟! — دېدى، ئىبنى ئۆمەر:

— ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ (بۇ) قۇلىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، — دېدى(3).

يەنە رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر تىلەمچى رەﺑﯩﺌ ئىبنى خۇسەيمنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا توختىدى، رەﺑﯩﺌ ئىبنى خۇسەيم:

— ئۇنىڭغا شېكەر يېگۈزۈڭلار، — دېگەنىدى، كىشىلەر:

— مەنپەئەتلىكرەك بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نان يېگۈزەيلى، — دېدى.

— ئىسىت سىلەرگە، ئۇنىڭغا شېكەر يېگۈزۈڭلار! مەن شېكەرنى ياخشى كۆرىمەن(4).

ئالتىنچى ۋەزىپە: زاكات بېرىش ئۈچۈن ساۋابىنى كۆپەيتىدىغان كىشىلەرنى ئىزدەش. ئۇلار تاللانغان سەككىز تۈرلۈك كىشى ئىچىدىكى خاس كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى:

1) تەقۋادارلار؛ يەنى زاكىتىنى مەخسۇس تەقۋادار كىشىلەرگە بېرىش. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھ يولىدىكى ھىممەت ۋە غەيرەتلىرىنى ئاشۇرىدۇ.

ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئابىد كىشىلەرنى تاللايتتى. ئۇلار سەجدىدە ۋاقىتتا ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئاقچىلار سېلىنغان ھەميان بىلەن كېلىپ، ئۇلار پۇل قويۇلغانلىقىنى سېزىدىغان، ئەمما كىمنىڭ قويغانلىقىنى سەزمەيدىغان شەكىلدە كەشلىرىنىڭ ئىچىگە قويۇپ قوياتتى. ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئۇلارغا بىرەركىم بىلەن ئەۋەتىپ بەرمەيدىغانلىقى سورالغاندا، ئۇ:

— ئۇلاردىن بىرەرسىنىڭ مەن بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى مەن ئەۋەتكەن ئەلچىگە يولۇققاندا يۈزىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىنى خاھلىمايمەن، — دېگەنىدى(5).

2) ئىلىم ئىگىلىرى؛ چۈنكى، ئالىمغا بېرىش ئىلىمنى ۋە دىننى كېڭەيتىشنى قوللاشتۇر. بۇ شەرىئەتنى كۈچلەندۈرگەنلىكتۇر.

3) نېئمەتنىڭ پەقەتلا ئاللاھتىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈچىلەر؛ ئۇلار سەۋەبلەرنى پەقەت تەشەككۈر مىقدارىدا ماختايدۇ. ئەمما، بىرنەرسە بېرىلسە ماختاش ئادىتى بار كىشى بىرنەرسە بەرمىگەندە سۆكىدۇ.

4) كەمبەغەللىكىنى ياپىدىغان، ھاجىتىنى يوشۇرىدىغان ۋە شىكايەت قىلمايدىغانلار؛ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 273) دېگەن. بۇنداق كىشىلەرنى قاتتىق ئىزدەپ ۋە جاي – جايلاردىكى كىشىلەردىن سوراپ سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىنلا ئاندىن تاپقىلى بولىدۇ.

5) بالىچاقىسى بار، كېسەل ياكى باشقا ۋەجدىن ئىشلىيەلمەيدىغان ۋەياكى قەرزدار كىشىلەر؛ ئۇلارغا سەدىقە بېرىش ئۇلارنى شۇ ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم قىلغانلىقتۇر.

6) ئۇرۇغ – تۇغقان ۋە يېقىن – يورۇقلار. ئۇلارغا قىلىنغىنى ھەم سەدىقە، ھەم ئېھسان، ھەم سىلە – رەھىمدۇر.

يۇقىرىقىلاردىن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ خىسلەتنى جەم قىلغان ھەرقانداق كىشىگە مەزكۇر سۈپەتلىرىگە قارىتا زاكات بېرىش ئەۋزەلدۇر.

زاكات ئالغۇچىنىڭ ۋەزىپىلىرى
زاكات ئالغۇچى زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشىنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك. زاكات ئالغۇچىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ۋەزىپىلىرى بار:

1) ۋەزىپە: ئاللاھ تائالانىڭ زاكات ئالغۇچىلار قاتارىغا ئۆزىنى تىزىشىنى زېھنىنى چۇلغىۋالغان تۈرلۈك پىكىر ۋە غەم – ئەندىشىلەردىن ئېرىغداپ، پۈتۈن زېھنىنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەشتىن ئىبارەت بىرلا پىكىرگە قارىتىشىنى پەرز قىلغانلىقىنى چۈشىنىشى؛

2) ۋەزىپە: زاكات بەرگۈچىگە رەھمەت ئېيتىش، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش ۋە ئۇنى ماختاش؛ لېكىن، بۇ پەقەتلا سەۋەبكە تەشەككۈر ئېيتىش مىقدارىدا بولسۇن (يەنى، زاكات بەرگۈچىنىڭ پەقەتلا بىر سەۋەب ۋە ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك)، چۈنكى ھەدىستە كەلگەندەك: «كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتمىغان كىشى ئاللاھقا شۈكۈر قىلمىغان بولىدۇ»(6).

بېرىلگەن نەرسىنى ئاز بولسىمۇ تۆۋەن كۆرمەسلىك، يىرىك سۆز قىلماسلىق ۋە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئەيبىنى يېپىش تەشەككۈرنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ. خۇددى بەرگۈچىنىڭ ۋەزىپىسى بەرگەن نەرسىسىنى كىچىك ساناش بولغىنىدەك، ئالغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئالغان نەرسىنى چوڭ بىلىشتۇر. ئىككىلىسى نېئمەتنى ئاللاھ تائالادىن دەپ بىلىشكە زىت ئەمەس. ئەمما، ۋاسىتىنى ۋاسىتە دەپ بىلمىگەن كىشى ناداندۇر، ۋاسىتىنى ئەسل دەپ بىلگۈچى ئىنكارچىدۇر.

3) ۋەزىپە: بېرىلگەن نەرسىگە ئوبدان قاراش، ئەگەر بېرىلگەن نەرسە ھالالدىن بولمىسا، ئۇنى ئەسلا ئالماسلىق؛ چۈنكى، باشقىلارنىڭ مېلىنى بېرىش زاكات چىقارغانلىق ئەمەس. ئەگەر زاكات ئالغۇچى قىيىنچىلىقتا بولمىسا، كەلگەن زاكات شۈبھىلىك بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك. كىرىمىنىڭ كۆپىنچىسى ھارامدىن تەشكىل تاپقان كىشى زاكات چىقارسا، مالنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىكى ئېنىق بولمىسا، بۇنىڭغا بېرىلىدىغان پەتۋا ئۇ مالنىڭ سەدىقە قىلىۋېتىلىشىدۇر. دېمەك، يوقسۇلنىڭ ئەھۋالى قىيىن، پاك مال ئېلىشتىنمۇ ئاجىز بولسا، ئۇنىڭ بۇ مالدىن ھاجەت مىقدارىدا ئېلىشى دۇرۇستۇر.

4) ۋەزىپە: ئالغان ئۈلۈشىدە شۈبھەدىن ساقلىنىش، ئۆزىگە مۇباھ مىقدارنى ئېلىش ۋە ئېھتىياج مىقدارىدىن كۆپ ئالماسلىق. يەنى ئەگەر قەزردار بولسا قەرزىنى تۆلىگۈدەك مىقداردىن ئارتۇق ئالمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ئۈچۈن ئۇرۇشقۇچى غازى بولسا پەقەت ھاجەت مىقدارىنى، كەمبەغەللىك سەۋەبلىك ئالماقچى بولسا، باي بولغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس، بەلكى ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەكنى ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالغۇچىنىڭ ئىجتىھادىغا تاپشۇرۇلىدۇ. شۈبھىلىك نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش تەقۋالىقتۇر.

ئالىملار قاي دەرىجە بايلىقنىڭ زاكات ئېلىشقا توسالغۇ ئىكەنلىكى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولدى. بۇ بارىدا توغرا بولغان قاراش كىشىنىڭ يەتكۈدەك داۋاملىق كىرىمى بولۇشىدۇر. يەنى كىشىنىڭ تىجارەت، ھۈنەر، ئۆي – مۈلۈك ئىجارىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردىن داۋاملىق كىرىم قىلالىشىدۇر. ئەگەر بىر كىشى زۆرۈر مىقدارنىڭ بىر قىسمىغا ئىگە بولسا، كەمىنى تولۇقلىغۇدەك مىقداردا زاكات ئالسا بولىدۇ. ئۇنچىلىكىمۇ بولمىسا، يەتكۈدەك مىقدارغىچە ئالسا بولىدۇ.

ئالغان زاكات مىقدارى ئۆزىگە بىر يىلغا يەتكۈدەك بولسا بولدى، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئالمىغاي. چۈنكى، بىر يىلدىن كېيىن يەنە بىر زاكات ۋاقتى كېلىدۇ. ئەگەر يىلدىن ئاشقۇچە ئېلىۋالسا، (باشقا) نامراتلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان بولىدۇ.

ئىختىيارىي سەدىقىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلەت ۋە ئەدەبلىرى
خوش، سەدىقىنىڭ پەزىلەتلىرىگە كەلسەك، بۇ پەزىلەتلەر مەشھۇر ۋە كۆپتۇر:

جۈملىدىن، ئىمام بۇخارىينىڭ — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قايسىڭلارغا مىراسخورىنىڭ مېلى ئۆز مېلىدىن سۆيۈملۈك؟ — دەپ سورىدى. ساھابەلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ھەرقاندىقىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ مېلى سۆيۈملۈك، ــ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ:

— ھەقىقەتەن كىشىنىڭ تىرىكلىكىدە خەير يولىدا سەرپ قىلىپ ئالدىن ماڭدۇرغىنى ئۆز مېلىدۇر، (تىرىكلىكىدە خەير يولىدا سەرپ قىلماي) ئارقىدا قالدۇرۇپ كەتكىنى مىراسخورىنىڭ مېلىدۇر، — دېگەن»(7).

«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھالال كەسىپ بىلەن تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا — ئەلبەتتە ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە پەقەت ھالاللا ئۆرلەيدۇ — ئاللاھ تائالا ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن شۇ خورما چاغلىق نەرسىنى خۇددى بىراۋ ئۆز تايچىقىنى ئوبدان بېقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىنى تاغدەك زورايتىپ بېرىدۇ»(8).

يەنە بىر ھەدىستە: «ھەقىقەتەن سەدىقە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى ئۆچۈرىدۇ ۋە يامان ئۆلۈمدىن ساقلايدۇ» دېيىلگەن(9) بولسا باشقا بىر ھەدىستە: «سەدىقە قىلىڭلار، ھەقىقەتەن سەدىقە سىلەرنى دوزاختىن خالاس قىلغۇچىدۇر» دېيىلگەن(10).

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشى ھېچقانداق بىر سەدىقىنى يەتمىش شەيتاننىڭ جاغىنى ئۆزىدىن ئاجراتماي تۇرۇپ بېرەلمەيدۇ»(11) دېگەن.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر راھىب ئاتمىش يىل بىر ھۇجرىدا ئىبادەت قىلدى، ئاندىن قولىدا بىر تال نان بىلەن پەسكە چۈشتى، دەل شۇ چاغدا ئالدىغا بىر ئايال چىقىپ بەدەنلىرىنى ئاچتى. راھىب ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىلدى ۋە ئۇلاپلا ئۆلۈم يېقىنلاشتى، دەل شۇ پەيتتە بىر تىلەمچى كەلدى ۋە راھىب ھېلىقى ناننى ئۇنىڭغا بېرىپ بولۇپ ئۆلدى. ئاندىن ئاتمىش يىللىق ئەمەل كەلتۈرۈلۈپ تارازىنىڭ بىر تەرىپىگە، گۇناھى كەلتۈرۈلۈپ يەنە بىر تەرىپىگە قويۇلغان ئىدى، گۇناھى ئاتمىش يىللىق ئەمىلىنى بېسىپ كەتتى. ئاخىرىدا نان كەلتۈرۈلۈپ ئەمىلىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان ئىدى، گۇناھىنى بېسىپ چۈشتى.

ئىمام مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەدىقە ئەسلا مالنى كېمەيتمەيدۇ»(12) دېگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇلار بىر قوي بوغۇزلىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇ قويدىن نېمە قېلىپ قالدى؟ — دەپ سورىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:

— پەقەت تاغاق سۆڭىكى ئەتراپى قالدى، — دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئەمىسە تاغاق سۆڭىكى ئەتراپىدىن باشقا ھەممىسى بىزگە قاپتۇ، — دېدى(13).

نەپلە سەدىقىنىڭ ئەدەبلىرىمۇ ئالدىدىراق بايان قىلىنغان زاكات بېرىشنىڭ ئەدەبلىرىگە ئوخشاشتۇر. نامرات كىشىنىڭ زاكات بىلەن نەپلە سەدىقىدىن قايسىبىرىنى ئېلىشىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە ئالىملار ھەرخىل كۆزقاراشتا بولدى. بىر قىسىم ئالىملار: «زاكات ئېلىشى ئەۋزەل» دېسە، يەنە بىر قىسىم ئالىملار: «نەپلە سەدىقە ئالسا ئەۋزەل» دەپ قارىدى.

ئەڭ ئەۋزەل سەدىقىگە كەلسەك، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— قايسى خىلدىكى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ چوڭدۇر؟ — دەپ سورالغانىدى، ئۇ زات:

— سەن كەمبەغەللىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ تۇرغان، باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ، پۇل – مالغا ھېرىسمەن ۋە تېنىڭ ساغلام ۋاقتىڭدا قىلغان سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ چوڭدۇر. سەدىقە بېرىشنى كېچىكتۈرمىگىن، كېچىكتۈرۈپ جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا: ‹پالانىغا مۇنچىلىك بېرىڭلار، پوكۇنىغا مۇنچىلىك بېرىڭلار› دېگىنىڭ بىلەن، بۇ چاغدا مال باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى»(14).

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 294/1.
2. ئەلجۇھفە / مەھيەئە (الْجُحْفَةُ / مَهْيَعَةُ): قەدىمدىن «مەھيەئە (مَهْيَعَةُ)» دەپمۇ ئاتىلاتتى. ھەج ياكى ئۆمرە مەقسىتى بىلەن مىسىر ياكى سۇرىيە تەرەپتىن كېلىپ مەدىنەگە كىرمەي ئۇدۇل مەككەگە كەلگۈچىلەر ئىھرام باغلايدىغان مىيقات نۇقتىسى بولۇپ، قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىن 9 كم يىراقتا، مەككە مۇكەررەمەنىڭ 187 كم شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز زامانىدا مەدىنەدە تارقالغان ۋابا كېسىلىنى جۇھفەگە يۆتكىۋېتىشنى تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر بۇ جايغا ئاياغ بېسىشتىن قاچقان ۋە جۇھفەنىڭ ئورنىغا (ئۇ جايغا ئۇدۇل كېلىدىغان 30 كم يىراقلىقتىكى) مەككەگە 204 كم يىراقلىقتىكى «رابىغ (رَابِغ)» دېگەن جايدىن ئىھرام باغلايدىغان بولغان. ياقۇت ئەلھەمەۋىينىڭ قەيت قىلىشىچە، جۇھفە م. 13 – ئەسىردە ئاللىبۇرۇن خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن، تا ھازىرغىچە خاراب ھالدىكى جۇھفەنىڭ كىرىشىدە ئەسرى سائادەتتىن قالغان «مەسجىدى ئەزۋەر / مَسْجِدُ عَزوَر»، چىقىشىدا «مەسجىدى ئەئىممە (مَسْجِدُ الأَئِمَّةِ)» ساقلىنىپ قالغان.— ت.
3. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 1/297.
4. ئەبۇ نۇئەيم: يۇقىرىقى مەنبە، 1/115.
5. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەلئىخۋان»، 210 – بەت.
6. ئەبۇ داۋۇد (4811)؛ تىرمىزىي (1954). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
7. بۇخارىي (6442).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1410)؛ مۇسلىم (1014).
9. تىرمىزىي (664). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1908) «سەھىھ» دېگەن.
10. تەبەرانىي: «ئەلئەۋسەت»، (8060). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 2439) «زەئىف» دېگەن.
11. ئەھمەد (22955)؛ ھاكىم (1521). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5814) «سەھىھ» دېگەن.
12. مۇسلىم (2588).
13. تىرمىزىي (2470). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2544) «سەھىھ» دېگەن.
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1419)؛ مۇسلىم (1032).

Please follow and like us: