بىلگىنكى، تاھارەت – پاكىزلىنىشنىڭ مەرتىۋىسى تۆتتۇر:
1) تاشقى بەدەننى ماددىي، مەنىۋى كىرلەر ۋە ئارتۇقچە نەرسىلەردىن پاكىزلەش؛
2) ھەرقايسى ئەزالارنى گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن پاكىزلەش؛
3) قەلبنى ناچار خۇيلاردىن ۋە بىزار قىلغۇچى ئەيىبلەردىن پاكىزلەش؛
4) ئىچ دۇنيانى ئاللاھ تائالادىن باشقىسىدىن پاكىزلەش. مانا بۇ پاكىزلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدۇر. ئەقىل – پاراسىتى كۈچلۈك كىشىلا ئۇشبۇ دەرىجىگە يېتىدۇ. پاراسەتسىز كىشى تاھارەت مەرتىۋىلىرىدىن پەقەت بىرىنچى مەرتىۋىنىلا چۈشىنىدۇ. سەن ئۇنداق كىشىنى قىممەتلىك ۋاقتىنىڭ كۆپىنچىسىنى كامىل ئىستىنجائ ۋە كىيىملىرىنى پەۋقۇلئاددە پاكىزە يۇيۇش بىلەن زايە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇنداقلار ۋەسۋەسەگە گىرىپتار ۋە ئىلىمسىزلىكىدىن تەلەپ قىلىنغان تاھارەتنى پەقەت شۇنىڭدىنلا ئىبارەت دەپ قالىدۇ ۋە پۈتۈن ۋاقىتىنى قەلبىنى پاكلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن، تاشقى قىياپىتىگە بەك كۈچىمەيدىغان دەسلەپكى مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى بىلمەيدۇ. دەرۋەقە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر خرىستىئان ئايالنىڭ ساپال ھىجرىدا تاھارەت ئالغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ(1). ئىلگىرىكىلەر قوللىرىدىكى ياغ – ماي يۇقۇندىلىرىنى ئۇنچىۋالا سۈرتۈپ كەتمەيتتى، سېلىنچىسىز داق يەردە ناماز ئوقۇيتتى، يالاڭ ئاياغ ماڭاتتى ۋە تاش – چالمىلار بىلەن ئىستىنجائ قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى.
كېيىن ئىش ھاماقەتلىكنى پاكىزلىق دەۋالىدىغان بىر قەۋمنىڭ قولىغا چۈشتى. ئۇلارنى ئىچى كىبىر، تەمەننا، نادانلىق، رىيا ۋە مۇنافىقلىق كەبى رەزىللىك، ئىپلاسلىقلار بىلەن تولۇپ – تاشقانلىقىغا قارىماي، كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى تاشقى قىياپىتىنى زىننەتلەشكە سەرپ قىلغانلىقىنى كۆرىسەن. ئەگەر ئۇلار چالمىدا ئىستىنجائ قىلغان، يالاڭ ئاياغ يۈرگەن، داق يەردە ناماز ئوقۇغان ياكى بىر غېرىبنىڭ قاچىسىدا تاھارەت ئالغان بىر كىشىنى كۆرۈپ قالسا، ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيتتى، ھەتتا ئۇنداقلارنى «مەينەت»كە چىقىرىپ، ھەمداستىخان بولمايتتى.
قارىمامسەن، ئۇلار قانداقلارچە ئىمان جۈملىسىدىن بولمىش بەزازەنى(2) مەينەتلىك، پاكىزلىقنى گالۋاڭلىق، ياخشى ئىشنى يامان ئىشقا ئۆزگەرتىۋەتكەن! لېكىن، كىشى پاكىزلىق ئۈچۈن تېشىنى پاكلىسا، سۇ ئىشلىتىشتە ئىسراپچىلىق قىلمىسا ۋە دىندا سۇ ئىشلىتىشنىڭ چېكى يوقلا دېمىسە، ئۇنىڭ بۇ ئىشى مۇنكەر ئىش ئەمەس بەلكى گۈزەل ئىشتۇر. ماددىي ۋە مەنىۋى كىرلەرنى (ئەھكاملىرى بىلەن) بىلىشتە فىقھ كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن. چۈنكى، بۇ كىتابنىڭ مەقسىتى ئەدەبلەرنى بايان قىلىشتۇر.
بەدەندىكى ئارتۇق كىرلەر ئىككى تۈرلۈكتۇر:
بىرىنچى تۈر: بەدەن – باشقا يىغىلىپ قالىدىغان كىر – قاسماقلار. باش – كۆزنى يۇيۇش، چاچنى تاراش، تۈزەش ۋە مايلاش؛ بۇرۇن – قۇلاقلارنى تازىلاش؛ ئېغىزنى مىسۋاكلاش ۋە چايقاش؛ بۇس، تەر ۋە كوچا – كوينىڭ چاڭ – توزانلىرىدىن يىغىلىپ قالغان ھەرقايسى ئۈگىلەرنىڭ كىرلىرى ۋە جىمى بەدەننىڭ قاسماقلىرىنى يۇيۇپ پاكىزلەش مۇستەھەبتۇر.
ھاممامغا كىرىش ھېچ گۇناھ ئەمەس. چۈنكى، مۇنچىغا چۈشۈش بىلەن كىرلەر تولۇق تازىلىنىدۇ. رەسۇلى ئەكرەمنىڭ ساھابەلىرىدىنمۇ بىر تۈركۈملەر ھاممامغا كىرگەن ئىدى. لېكىن، ھاممامغا كىرگۈچى ئەۋرىتىنى ئوبدان يېپىشى ۋە ھېچكىمگە كۆرسەتمەسلىكى لازىم. ھاممامغا كىرگۈچى ھاممامنىڭ تەپتىدىن جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى ئەسلىگەي. دەرۋەقە، مۇئمىننىڭ پىكىرى ھەمىشە دۇنيا ئىشلىرىدا پەرۋاز قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ھاممامنىڭ تەپتىنى جەھەننەم ھارارىتىگە قىياس قىلىش ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ. مۇئمىنگە ھامان غالىپ كېلىدىغىنى يەنىلا ئاخىرەتنىڭ غېمىدۇر. دەرۋەقە قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ – دە. قارا، ئەگەر ھەشەمەتلىك بىر قورۇغا رەخت ساتقۇچى، ياغاچچى، بىناكار ۋە توقۇمىچى كىرەر بولسا، رەختچىنىڭ قورۇدىكى كۆرپە – تۆشەكنىڭ قىممىتىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، توقۇمىچىنىڭ رەخت – بۆزلەرنىڭ نەپىسلىكىگە، ياغاچچىنىڭ تورۇس – پېشايۋانغا ۋە بىناكارنىڭ تاملارغا قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. شۇنىڭدەك مۇئمىن ئەگەر قاراڭغۇلۇقنى كۆرسە قەبرنىڭ زۇلمىتىنى، قورقۇنچلۇق ئاۋاز ئاڭلىسا سۇرنىڭ چېلىنىشىنى، نېئمەتنى كۆرسە جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىنى ۋە ئازابنى كۆرسە جەھەننەم ئازابىنى ئەسلەيدۇ.
كۈن ئولتۇرۇشقا يېقىن ۋە نامازشام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدا مۇنچىغا كىرىش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ شەيتانلارنىڭ تارقىلىش ۋاقتىدۇر.
ئىككىنچى تۈر: پۇت – قولنىڭ تىرناقلىرى، بۇرۇت، قولتۇق ۋە ئەۋرەتلەرنىڭ تۈك – مويلىرى قاتارلىق پات – پات ئېلىنىدىغان، قىرقىپ، چۈشۈرۈلۈشى كېرەك بولغان كىرلەردۇر. (چاچ ۋە ساقالدىكى) ئاق تۈكلەرنى يۇلۇۋېتىش مەكرۇھ، بوياش مۇستەھەبتۇر.
تاھارەتنىڭ قالغان مەرتىۋىلىرى «ھالاكەتكە تاشلىغۇچى قىلمىشلار» بىلەن «ھالاكەتتىن قۇتقۇزىدىغان ئەمەللەر» بابىدا كەلگۈسى، ئىنشائاللاھ!
نامازنىڭ پەزىلەتلىرى
ناماز دىننىڭ تۈۋرۈكى، تائەت – ئىبادەتلەرنىڭ ئۇلۇغىدۇر. نامازنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا كۆپلىگەن مەشھۇر ھەدىسلەر بار.
نامازنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەدەبلىرىدىن بىرى، نامازدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن ئەيمىنىپ تۇرۇشتۇر.
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان پەرز نامازنى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنىڭ تەرتىپلىرى ۋە رۇكۇ – سەجدىلىرىنى جايىدا ئادا قىلسا، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزمىسىلا، نامىزى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كىچىك گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ. بۇ مېنىڭ زامانىمغىلا خاس ئەمەس، ھەر دەۋر مۇسۇلمانلىرىغا ئومۇمىيدۇر»(3) دېگەنلىكىنى ۋە: «كىمكى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، نامىزىدا كۆڭلىدە ھېچنەرسە خىيال قىلمىسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»(4) دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.
ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازغا تۇرغاندا خۇشۇﺋ قىلغانلىقتىن ياغاچقا ئوخشاش تۇراتتى، ئۇ سەجدە قىلسا قۇشلار ئۇنىڭ دۈمبىسىنى تام تۆپىسى ئوخشايدۇ، دەپ قېلىپ قونۇشاتتى. ئۇ بىر كۈنى ھەتىمدە(5) ناماز ئوقۇۋاتقاندا مانچاناق بىلەن ئېتىلغان بىر تاش كېلىپ، ئۇنىڭ كىيمىنىڭ بىر قىسمىنى يىرتىپ ئېلىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ نامىزىنى بۇزمىغان ئىدى(6).
مەيمۇن ئىبنى مىھران ئېيتىدۇ: «مەن مۇسلىم ئىبنى يەسارنىڭ نامازدا قىمىرلىغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم. بىر مەسجىدنىڭ بىر تەرىپى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بازاردىكىلەر ئالاقزادە بولۇپ كەتتى، ھالبۇكى ئۇ ئەسنادا مۇسلىم ئىبنى يەسار شۇ مەسجىدتە ناماز ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ پاتپاراقچىلىققا پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىغان ئىدى»(7).
زەينۇلئابىدىن ئەلى ئىبنى ھۇسەين — ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي — تاھارەت ئالغان چاغدا، رەڭگى سارغىيىپ كېتەتتى، ئۇنىڭغا:
— سەن تاھارەت ئالغاندا كۆرۈلىدىغان بۇ ھال نېمە؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ:
— مېنىڭ كىمنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى ئويلاۋاتقىنىمنى بىلەمسلەر؟! — دېدى(8).
بىلگىنكى، نامازنىڭ رۇكنلىرى، ۋاجىبلىرى ۋە سۈننەتلىرى باردۇر. نامازنىڭ روھى بولسا نىيەت، ئىخلاس، ئاللاھ تائالادىن ئەيمىنىش ۋە قەلب ھۇزۇرىدۇر. ناماز زىكىرلەر، مۇناجاتلار ۋە ئىش – ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھۇزۇرى قەلبسىز زىكىر ۋە مۇناجاتلاردىن مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ. چۈنكى، سۆز قەلبتىكى نەرسىلەرنى ئىپادىلىمىسە، ئۇ يالغاندۇر؛ شۇنىڭدەك ئىش – ھەرىكەتلەردىن بولغان مەقسەتمۇ ھاسىل بولمايدۇ، چۈنكى قىيامدا تۇرۇشتىن مەقسەت پەرمەنبەردارلىق، رۇكۇ ۋە سەجدىدىن مەقسەت ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش ۋە ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش بولغاچ، ھۇزۇرى قەلب بولمىسا ئوخشاشلا مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ. چۈنكى، ئىش – ھەرىكەت چىن مەقسەتتىن چەتنىگەن ھامان پۈچەك شەكىلدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر…﴾(22/«ھەج»: 37) دېگەن ئايەتىدىنمۇ مەلۇمكى، ئاللاھقا يېتىدىغان نەرسە قەلبكە ھۆكۈمران بولغان سۈپەت بولۇپ، قەلب ئۇشبۇ سۈپەت بىلەنلا تەلەپ قىلىنغان بۇيرۇقلارغا بويسۇنىدۇ. شۇڭا، نامازنى چوقۇم ھۇزۇرى قەلب بىلەن ئوقۇش لازىم. نامازنىڭ بېشىدىكى قەلب ھۇزۇرى نامازنىڭ قالغان قىسمىدىمۇ ھۆكمىنى داۋام قىلدۇرىدۇ. شۇڭا ئارىدا ئۇشتۇمتۇت باسقان غەپلەتنى ئاللاھ ئۆز ئىنايەتى بىلەن كەچۈرىدۇ.
نامازنىڭ جانلىقلىقىنى تاكامۇللاشتۇرغۇچى يوشۇرۇن مەنالار:
بىرىنچىسى: بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن قەلب ھۇزۇرى؛ بۇنىڭ مەنىسى «قەلبنى نامازغا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەردىن پارىغ قىلىش» دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭ يولى غەيرەت ۋە قەتئىي نىيەتكە كېلىشتۇر. چۈنكى، سەن بىر ئىشنى مۇھىم دەپ بىلگەن بولساڭ، قەلبىڭنىڭ ئۇ ئىش ئۈچۈن ھازىر بولۇشى زۆرۈردۇر. ئۇنداقتا، قەلبنى ھازىر قىلىشنىڭ چارىسى پۈتۈن غەيرەت ۋە تىرىشچانلىقنى پەقەت نامازغىلا قارىتىشتۇر. ئاخىرەتكە بولغان ئىماننىڭ ۋە دۇنيانى ئەرزىمەس كۆرۈشنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىغا قاراپ، غەيرەت ۋە تىرىشچانلىقمۇ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولىدۇ. قەلبىڭنىڭ نامازغا ھازىر بولمىغانلىقىنى ھېس قىلساڭ، بىلگىنكى، بۇ ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن ئېرۇر. ئۇ ھالدا ئىماننى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقىن.
ئىككىنچىسى: نامازنى ھەر كەلىمىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئوقۇش؛ بۇ قەلب ھۇزۇرىنىڭ ئارقىسىدىنلا كېلىدۇ. چۈنكى، بەزىدە قەلب ئېغىزدىن چىققان نەرسىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەستىن لەۋز بىلەنلا ھازىر بولىدۇ. ئۇ ھالدا زېھىننى نامازدىن بۇرىغۇچى تۇيغۇلاردىن تازىلاپ، بۇ تۇيغۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى كېسىپ تاشلاپ، ئېيتىلغان سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە تىرىشىش كېرەك. چۈنكى، نامازدىن بۇرىغۇچى تۇيغۇلارنىڭ سەۋەبلىرى كېسىلمىگۈچە ئىنسان زېھنى ئۇنى تاشلىمايدۇ.
زېھىننى بۇرىغۇچى سەۋەبلەر بەزىدە ئاشكارا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كۆز ۋە قۇلاقنى ئۆزىگە تارتقۇچى نەرسىلەردۇر؛ بەزىدە يوشۇرۇنمۇ بولىدۇ، يوشۇرۇن بولغىنى ناھايىتى قاتتىقتۇر. مەسىلەن، زېھنى دۇنيا ۋادىلىرىدا كەزگۈچى بىر كىشى تۇيغۇلىرىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ ۋە كۆزنى ئېتىۋېلىش ئۇنىڭغا ھېچ پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى، قەلبكە چۈشكەن نەرسىلەر ئۇنى مەشغۇل قىلىشقا يېتەرلىكتۇر.
ئەگەر زېھىننى بۇرىغۇچى نەرسىلەر ئاشكارا نەرسىلەر بولسا، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى: قۇلاق ۋە كۆزنى جەلپ قىلىدىغان نەرسىنى يوقىتىشتۇر. يەنى قىبلىگە يۈزلىنىش، سەجدىگاھقا قاراش، ناماز ئوقۇغاندا نەقىشلىك ئورۇنلاردىن ساقلىنىش ۋە زېھىننى بۇرايدىغان نەرسىلەرنى نېرى قىلىش. بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يوللۇق بىر قارا توندا ناماز ئوقۇپ، نامىزىدا ئۇ كىيىمنىڭ يوللىرىغا قاراپ قالدى. نامازنى ئوقۇپ بولغاندا: «بۇ توننى ئەبى جەھمىگە ئاپىرىپ بېرىپ، ئورنىغا ئۇنىڭ ئەنبىجانچە سىدام تونىدىن(9) بىرنى ئەكىلىپ بېرىڭلار، بۇ يوللۇق تون بايا نامازدا دىققىتىمنى چېچىۋەتتى» دېگەنىدى(10).
زېھىننى بۇرىغۇچى يوشۇرۇن نەرسىلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى: زېھىننى نامازدا ئوقۇغان ئايەت ۋە زىكىرلەرگە مەجبۇرىي مەركەزلەشتۈرۈش؛ زېھىننى شۇلار بىلەنلا مەشغۇل قىلىپ باشقا خىيالدىن چەكلەش؛ نامازنى باشلاشتىن بۇرۇن زېھىننى مەشغۇل قىلغۇچى ئىشلارنى ئادا قىلىپ تۈگىتىش ۋە قەلبىنى پارىغ قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق تەييارلىق قىلىش شۇنداقلا ئاخىرەتنى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇش تۇيغۇسىنى ۋە سەكرات قورقۇنچىنى قايتا – قايتا ئەسلەشتۇر. ئەگەر تۇيغۇلار بۇنىڭ بىلەنمۇ بېسىقمىسا، بىلگىنكى، ئۇ مۇھىم ۋە ئۆزى ئىشتىياق قىلغان نەرسىلەرنى ئويلىغان بولىدۇ. كىشى شۇ ئىشتىياق قىلغان نەرسىلەرنى تاشلىشى ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشى كېرەك.
شۇنى بىلگىنكى، كېسەل يېپىشقاندا ئۇنىڭغا پەقەت كۈچلۈك دورىلا تاقابىل تۇرالايدۇ. كېسەل كۈچەيسە، نامازخان بىلەن قېرىشىشقا باشلايدۇ، نامازخانمۇ ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىدۇ، شۇ قېرىشىش نەتىجىسىدە ناماز ئادا بولىدۇ. بۇ خۇددى پىكرىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ، كىشى شۇ نىيەتتە دەرەخ ئاستىدا ئولتۇرغاندا قۇشقاچلارنىڭ چۇڭۇلداشلىرى ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچىدۇ، ئۇ قولىغا بىر تال چىۋىق ئېلىپ قۇشقاچلارنى ئۇچۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭ پىكرى ئەمدى مۇقىملىشىپ، زېھنىنى تولۇق يىغقان چاغدا، قۇشقاچلار يەنە كېلىپ سايرىشىپ ئۇنىڭ زېھنىنى يەنە مەشغۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «بۇ ئاۋازلار ئۈزۈلمەيدۇ، ئەگەر ۋاراڭ – چۇرۇڭدىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولساڭ، دەرەخنى كېسپ تاشلا» دېيىلىدۇ. دېمەك، شەھۋەت دەرىخىمۇ بەئەينى مۇشۇنداق بولۇپ، ئېگىز ئۆسۈپ، شاخ – شۇمبىلار راسا بۈك – باراقسانلاشقاندا، خۇددى قۇشقاچلار دەرەخلەرگە، چىۋىنلەر نىجاسەتكە ئولاشقىنىدەك، پىكىرلەرمۇ شەھۋەت دەرىخىگە كېلىپ قونىدۇ (يەنى ئىنساننىڭ ئوي – خىيالىنى چۇلغىۋالىدۇ). چىقىپ كەتمەيدىغان بىر نەرسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىممەتلىك ئۆمۈر ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ پىكىرلەرنى جەلپ قىلغۇچى شەھۋەتنىڭ سەۋەبى دۇنيانى ياخشى كۆرۈشتۇر.
ئامىر ئىبنى ئابدۇقەيسكە — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — سوراشتىلەر:
— ناماز ئۈستىدە سېنىڭىمۇ خىيالىڭنى بىرەر دۇنيا ئىشى چىرمىۋالامدۇ؟ ئۇ:
— تەرەپ – تەرەپتىن كەلگەن نەيزىلەرنىڭ ماڭا تىقىلىشى مەن ئۈچۈن نامازدا دۇنيا ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشنى خىيال قىلىشتىن سۆيۈملۈكراقتۇر، — دەپ جاۋاب بەردى(11).
بىلگىنكى، دۇنيا سۆيگۈسىنى قەلبتىن توسۇش تەس، پۈتۈنلەي يۇلۇپ تاشلاش بەسى مۈشكۈلدۇر. شۇڭا، مۇمكىنقەدەرىنى يوقىتىشقا تىرىشىش كېرەك. ئۇتۇق ۋە ياردەم ئاللاھتىندۇر.
ئۈچىنچىسى: ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ئەيمىنىش.
بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇق ۋە بۈيۈكلۈكىنى بىلىش ھەمدە ئۆزىنىڭ خار – زەبۇن ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ھازىر بىر قۇل ئىكەنلىكىنى بىلىش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ.
بۇ ئىككى بىلىشتىن ئىتائەت ۋە ھۆرمەت (خۇشۇﺋ) كېلىپ چىقىدۇ.
نامازنىڭ جانلىقلىقىنى كامالەتكە يەتكۈزىدىغان نەرسىلەردىن يەنە بىرى ئۆتۈنچ / ئۈمىدتۇر. بۇ قورقۇشقا يانداش بىر تۇيغۇدۇر. نۇرغۇن ھۆكۈمدارلار باركى، كۈچ – قۇدرىتىدىن ھېيقىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ياخشىلىقمۇ كۈتۈپ بولمايدۇ.
ھالبۇكى، نامازخان سەھۋەنلىكى تۈپەيلى جازا ۋە ئازابتىن قورققىنىدەك، ئوقۇغان نامىزى بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلغۇچىدۇر.
نامازخان يەنە نامازنىڭ ھەربىر ئەمەلىدە ھۇزۇرى قەلب بىلەن تۇرۇشى كېرەك. يەنى ئەزاننى ئاڭلىسا، خۇددى مەھشەرگاھقا چاقىرىلغاندەك ئويلىغاي ۋە مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىشقا تەييارلانغاي. نىداغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ۋە قايسى بەدەن بىلەن ھازىر بولىدىغانلىقىغا قارىغاي. ئەۋرىتىنى ياپسا، مەقسەتنىڭ تاشقى بەدەننىڭ ئەيىبىنى مەخلۇقاتتىن يېپىش ئىكەنلىكىنى بىلگەي ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان يوشۇرۇن، ئىچكى ئەيىبلىرىنى ئەسلىگەي. ئۇ ئەيىبلەرنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ياپقۇچى يوقتۇر. پۇشايمان، ھايا ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ئۇ ئەيىبلەرنى يوققا چىقىرىدۇ.
كىشى قىبلەگە يۈزلەنگەندە، يۈزىنى باشقا تەرەپلەردىن ئاللاھنىڭ ئۆيى تەرەپكە بۇرىغان بولىدۇ. قەلبىنى ئاللاھ تائالاغا بۇراش بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمدۇر. خۇددى بەيتۇللاھ تەرەپكە يۈزنى باشقا تەرەپلەردىن قايتۇرۇش بىلەنلا يۈزلىنىلگەندەك، قەلبمۇ باشقا ھەرقانداق تاماندىن قايتۇرۇش بىلەنلا ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىدۇ.
ئەي نامازخان! تەكبىر ئېيتقىنىڭدا، قەلبىڭ تىلىڭنى يالغانچى قىلمىسۇن. چۈنكى، «ئاللاھۇ ئەكبەر» (ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ تۇرۇپ قەلبىڭدە ئاللاھتىنمۇ بۈيۈك بىر نەرسە بولسا، سەن يالغان ئېيتقان بولىسەن. شۇنىڭچۈن، ئۆز ھاۋايى – ھەۋىسىڭنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىن. بۇنىڭ ئاساسى ئۆز ھاۋايى – ھەۋەسلىرىڭنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە ماسلاشتۇرۇشۇڭدۇر!
بىلگىنكى، ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ، شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەش ئاللاھ تائالاغا بىر ئىلتىجادۇر. شۇڭا، چىن قەلبىڭ بىلەن ئىلتىجا قىلمىساڭ، ئېيتقان سۆزۈڭ بىھۇدەدۇر. تىلاۋەت ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگىن! ﴿ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا مەدھىيەلەر بولسۇن﴾ دېگەن ۋاقتىڭدا قەلبىڭ بىلەن چۈشەنگىن؛ ﴿ئاللاھ شەپقەتلىكتۇر ۋە مېھرىباندۇر﴾ دېگەن ۋاقتىڭدا ئاللاھنىڭ شەپقىتى زېھنىڭگە كەلگەي؛ ﴿ئاللاھ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر﴾ دېگەن ۋاقتىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقىنى يادىڭغا كەلتۈر. پۈتۈن تىلاۋەتلىرىڭدە بۇنىڭغا رىئايە قىلغىن!
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، زۇرارە ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازدا: ﴿سۇر چېلىنغان ۋاقىت — ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر﴾(74/«مۇددەسسىر»: 8) دېگەن ئايەتنى ئوقۇۋېتىپ، ئايەتنىڭ تەسىرىدىن يەرگە يىقىلىپ چۈشۈپ جان بەرگەن(12). بۇنىڭ سەۋەبى، شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئاشۇ سۇر چېلىنغاندىكى ھالەتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قاتتىق سۈر بېسىپ كەتكەنلىكىدىندۇر.
رۇكۇ ئەسناسىدا كەمتەرىن بول، سەجدە ئەسناسىدا نەقەدەر تۆۋەن ۋە ئاجىزلىقىڭنى ھېس قىلغىن! چۈنكى، سەن نەپسنى ئۆز ئورنىغا قويدۇڭ ۋە ئۆزۈڭ يارىتىلغان تۇپراققا سەجدە قىلىش بىلەن سايىنى ئەسىلگە قايتۇردۇڭ. زىكىرلەرنىڭ مەنىسىنى زەۋق بىلەن چۈشەن!
بىلگىنكى، نامازنى ئۇشبۇ يوشۇرۇن شەرتلەر بىلەن ئادا قىلىش قەلبنى كىر – داشقاللاردىن پاكلاشنىڭ، مەئبۇدنىڭ ھەقىقىي بۈيۈكلۈكى نامايان بولغۇسى نۇرلارغا ئېرىشىشنىڭ ۋە ئول زاتنىڭ سىرلىرىدىن ۋاقىپ بولۇشنىڭ بائىسىدۇر. بۇلارنى پەقەت ئىلىم ئىگىلىرىلا چۈشىنەلەيدۇ. ئەمما، نامازنى پەقەت شەكلەن ئادا قىلىپ، چىن مەناسىغا بىئېتىبار بولغان كىشى ئۇشبۇ سىرلارغا يېتەلمەيدۇ، ھەتتا ئىلاھىي سىرلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىدۇ.
جۈمە نامىزى ۋە جۈمە كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك ئەدەبلەر
بۇلار ئون بەش تۈرلۈكتۇر:
(1) پەيشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن ۋە جۈمە (گە ئۆتكەن) كېچىدىن باشلاپ تازىلىق قىلىش، كىيىم – كېچەكلەرنى يۇيۇش ۋە جۈمە كۈنىگە لايىق نەرسىلەرنى تەييارلاش بىلەن ھازىرلىنىش؛
2) جۈمە كۈنى غۇسۇل قىلىش؛ بۇ بارىدا «سەھىھەين» ۋە باشقا كىتابلاردا ھەدىسلەر(13) كەلگەن. جۈمە نامىزىغا بېرىشنىڭ ئالدىدا يۇيۇنۇش ئەۋزەلدۇر.
3) يۇيۇنۇش، ئېغىزنى مىسۋاكلاش، تىرناقلارنى ئېلىش ۋە ۋاقتى كەلگەن شەخسىي تازىلىقلارنى قىلىش بىلەن بىرگە خۇشپۇراق ئىشلىتىش ۋە ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ ياسىنىش؛
4) جۈمە نامىزىغا بالدۇر ۋە پىيادە بېرىش؛ مەسجىدكە ماڭغاندا جىم ۋە سالماق قەدەم بىلەن مېڭىش، مەسجىدتىن قايتىپ چىققۇچە ئىبادەت قىلىشنى نىيەت قىلىش كېرەك.
5) (مەسجىدكە بارغاندىن كېيىن) كىشىلەرنى ئاتلاپ ئۆتمەسلىك ۋە ئارىلىرىنى يىرماسلىق. سەپ ئارىلىقىدا بوشلۇق كۆرمىگۈچە ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىغا قىسىلىۋالماسلىق؛
6) ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەسلىك؛
7) بىرىنچى سەپنى كۆزلەش؛ لېكىن، ئالدى سەپتە يارىماس ئەھۋال ياكى سۆزلەرگە تانۇق بولۇش ئېھتىمالى بولسا، كېيىنكى سەپتە تۇرۇش ياخشى.
8) ئىمام خۇتبەگە چىققاندا، نەپلە ناماز ۋە زىكىر ئېيتىشتىن توختاش. ئەزان توۋلانسا مۇئەززىنگە ئەگىشىپ تەكرارلاش. خۇتبە باشلانسا جىم ئولتۇرۇش ۋە زەن قويۇپ ئاڭلاش؛
9) جۈمە نامىزىدىن كېيىن خاھلسا ئىككى رەكئەت، خاھلىسا تۆت ۋەياكى ئالتە رەكئەت ناماز ئوقۇش؛
10) مەسجىدتە ئەسىرگىچە ئولتۇرۇش؛ شامغىچە ئولتۇرۇش تېخىمۇ ئەۋزەل.
11) ھۇزۇرى قەلب ۋە داۋاملىق زىكىر ئېيتىش ئارقىلىق جۈمە كۈنىدىكى دۇئا مۇستەجاب سائەتنى ئىزدەش؛
بۇ سائەت ھەققىدە بەزى ئىختىلاپلار بار. ئىمام مۇسلىم ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بۇ ۋاقىتنىڭ «ئىمام مۇنبەردە ئولتۇرغاندىن باشلاپ ناماز ئادا قىلىنىپ بولغۇچىلىك ئارىلىقتىكى ۋاقىت» ئىكەنلىكى كەلگەن(14).
باشقا بىر ھەدىستە بۇ ۋاقىتنىڭ ئىمام خۇتبىدىن پارىغ بولغاندىن تارتىپ، ناماز ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان(15).
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، بۇ ۋاقىتنىڭ شام نامىزىدىن بۇرۇنقى بىر چاغ ئىكەنلىكى كەلگەن(16).
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بولسا: «ئۇ سائەتنى ئەسىر نامىزى بىلەن قۇياشنىڭ پېتىشى ئارىسىدىكى ۋاقىتتا ئىزدەڭلار» دېيىلگەن(17).
ئەبۇبەكرى ئەسرەم — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتۇر: «بۇ ھەدىسلەر ئىككى ھالەتتىن خالىي ئەمەستۇر: يا بۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن سەھىھراق ياكى بۇ سائەتمۇ خۇددى قەدر كېچىسى رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىگە يوشۇرۇنغاندەك ۋاقىتلار ئىچىگە يوشۇرۇنغاندۇر».
12) جۈمە كۈنىدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كۆپلەپ دۇرۇد ئوقۇش؛ چۈنكى، ئۇ زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى ماڭا جۈمە كۈنىدە 80 قېتىم دۇرۇد ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ 80 يىللىق گۇناھىنى كەچۈرىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ (18).
ئەگەر كىشى خاھلىسا، ئېيتقان دۇرۇدقا دۇئا قوشسۇن. مەسىلەن، مۇنداق دۇئا قىلسا بولىدۇ: «ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ‹ۋەسىيلە› ناملىق مەرتىۋىنى، پەزىلەتنى ۋە يۈكسەك دەرىجىنى ئاتا قىلغىن، ئۇنى سەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان مەدھىيەگە لايىق ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت قىلىش مەرتىۋىسىگە) يەتكۈزگىن!»(19) ئى ئاللاھ! پەيغەمبرىمىزنى بىز سەۋەبلىك لايىق بولغان نەرسە بىلەن تارتۇقلىغىن!
دۇرۇدقا ئىستىغپارنى قوشسۇن، چۈنكى بۇ كۈندە ئىستىغپار ئېيتىش مۇستەھەبتۇر.
13) «كەھف» سۈرىسىنى ئوقۇش؛ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتىدۇ:
ــ سىلەرگە بۈيۈكلۈكى ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىنى تولدۇرىدىغان بىر سۈرىنى خەۋەر قىلايمۇ؟ ئۇ سۈرىنى يازغۇچىغىمۇ شۇنىڭدەك ساۋاب بولىدۇ. كىمكى ئۇ سۈرىنى جۈمە كۈنىدە ئوقۇسا، شۇ جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە ئارىسىدىكى گۇناھلىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ ئۈچ كۈنلۈك گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. كىمكى يېتىشتىن بۇرۇن ئۇ سۈرىنىڭ ئاخىرىدىن بەش ئايەت ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كېچىنىڭ بىر قىسمىدا تىلىگىنىنى بېرىدۇ، ــ دېگەنىدى، ساھابەلەر:
ــ ماقۇل، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ــ دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ ئۇ «كەھف» سۈرىسىدۇر، ــ دېدى(20).
باشقا بىر ھەدىستە: «كىمكى ‹كەھف› سۈرىسىنى جۈمە كۈندۈزى ياكى (پەيشەنبىدىن) جۈمە(گە ئۆتكەن) كېچىسى ئوقۇسا پىتنىدىن ساقلىنىدۇ» دېگەن(21).
جۈمە كۈنى قۇرئاننى كۆپ ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. مۇمكىن بولسا، جۈمە كۈندۈزى ياكى جۈمە كېچىسى قۇرئاننى تامام قىلىش مۇستەھەبتۇر.
14) قولىدىن كېلىشىچە جۈمە كۈنى سەدىقە قىلىش؛ سەدىقە مەسجىدنىڭ سىرتىدا بېرىلسە ياخشى. جۈمە كۈنىدە تەسبىھ نامىزى(22) ئوقۇشمۇ مۇستەھەبتۇر.
15) جۈمە كۈنى ئۆزىنى ئاخىرەت ئەمەللىرىگە ئاتاش ۋە بارلىق دۇنيا مەشغۇلاتلىرىنى تەرك ئېتىش مۇستەھەبتۇر.
نەپلە نامازلار
بىلگىنكى، پەرز نامازلاردىن سىرت قوشۇمچە / نەپلە نامازلار ئۈچ تۈرلۈكتۇر:
سۈننەتلەر، مۇستەھەبلەر ۋە تەتاۋۋۇئلار (ئىختىيارىي ئەمەللەر).
سۈننەت نامازلار: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم داۋاملىق ئۆتىگەن نەپلە نامازلار بولۇپ، بۇلار پەرز نامازلاردىن سىرت داۋاملىق ئوقۇلىدىغان تەكىتلەنگەن سۈننەت نامازلار، ۋىتر ۋە چاشگاھ نامىزىغا ئوخشاش نامازلاردۇر.
مۇستەھەب نامازلار: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن پەزىلىتى بىلدۈرۈلگەن، لېكىن داۋاملىق ئۆتىگەنلىكى نەقىل قىلىنمىغان نامازلار بولۇپ، بۇلار ئۆيگە كىرگەندە ۋە ئۆيدىن چىققاندا ئوقۇلىدىغان نامازغا ئوخشاش نامازلاردۇر.
تەتاۋۋۇئلار: يۇقىرىقىلارنىڭ سىرتىدىكى نامازلار بولۇپ، ئۇلار ھېچقانداق رىۋايەتتە كەلمىگەن، لېكىن بىر بەندە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆتەيدىغان نامازلاردۇر.
بۇ ئۈچ تۈرلۈك ناماز «نەپلە نامازلار» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، «نەفل / نەپلە»: ئارتۇق، زىيادە دېگەنلىك بولۇپ، بۇ نەپلە نامازلار پەرز نامازلارغا قوشۇمچە، يەنى ئارتۇق نامازلاردۇر.
بىلگىنكى، بەدەن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىدىغان ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى نامازدۇر. نەپلە ئەمەللەرنىڭ قىسىملىرى ۋە پەزىلەتلىرى مەشھۇر بولۇپ، بۇلار فىقھىي ئەسەرلەر ۋە باشقا كىتابلاردا بايان قىلىنغاندۇر. بىز بۇ يەردە «تەسبىھ نامىزى»نىلا بايان قىلغايمىز. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نامازنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
ئىكرىمە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (تاغىسى) ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبكە مۇنداق دېدى:
«ئى تاغا! ئەگەر بەجا كەلتۈرسەڭ ئاللاھ تائالا سېنىڭ بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى، كونا ۋە يېڭى، سەھۋەن ۋە قەستەن، كىچىك ۋە چوڭ، مەخپىي ۋە ئاشكارا گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىدىغان بىر ئىشنى ساڭا ئۆگىتىپ قويۇشۇمنى خاھلامسەن؟ خاھلىساڭ، تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇغىن. ھەر رەكئەت نامازدا ‹فاتىھە›گە بىر سۈرە قوشۇپ ئوقۇغىن. بىرىنچى رەكئەتنىڭ قىرائىتىدىن كېيىن، ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ئون بەش قېتىم: ‹سۇبھانەللاھ›، ‹ئەلھەمدۇلىللاھ›، ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ› ۋە ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› (ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىب – نۇقساندىن پاكتۇر، پۈتۈن ھەمدۇسانلار ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر) دېگىن، ئاندىن رۇكۇغا بار، رۇكۇدا يەنە ئون قېتىم شۇنداق دېگىن، ئاندىن رۇكۇدىن تۇرۇپ، يەنە ئون قېتىم شۇنداق دېگىن. ئاندىن سەجدە قىل ۋە سەجدىدە يەنە ئون قېتىم دە. سەجدىدىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، يەنە ئون قېتىم دە. ئاندىن سەجدە قىلىپ، يەنە ئون قېتىم دە. سەجدىدىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قىيامغا تۇرۇشتىن بۇرۇن يەنە ئون قېتىم دېگىن. شۇنداق قىلىپ، بىر رەكئەتتە يەتمىش بەش قېتىم دېگىن. قالغان رەكئەتلەرنىمۇ مۇشۇنداق ئوقۇغىن. ئەگەر بۇ نامازنى ھەر كۈنى بىر قېتىم ئوقۇش ئىمكانىيىتىڭ بولسا ئوقۇغىن، ئۇنىڭغا ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا، ھەر جۈمە كۈنى بىر قېتىم ئوقۇغىن. ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا ئايدا بىر قېتىم ئوقۇغىن. ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا، يىلدا بىر قېتىم ئوقۇغىن. ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا پۈتۈن ئۆمرۈڭدە بىر قېتىم بولسىمۇ ئوقۇغىن!»(23)
ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلار
چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا تەسبىھ نامىزىغا ئوخشاش سەۋەبى يوق تەتاۋۋۇئ نامازلار ئوقۇلمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق نامازلار مەلۇم سەۋەبى بولمىغان ئاجىز ئەمەللەردىن بولۇپ، ناماز ئوقۇش تەكىت بىلەن چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا بۇنىڭدەك ئاساسى ئاجىز نامازلار كۈچلۈك چەكلىمە ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئەمما، ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى، كۈن / ئاي تۇتۇلۇش نامىزى ۋە سۇ تىلەش نامىزىغا ئوخشاش سەۋەبلىك نامازلارنى ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىق ھەققىدە ئىككى خىل رىۋايەت بار.
بىلگىنكى، قۇياش چىقىۋاتقان / تىكلەنگەن / پېتىۋاتقان ئۈچ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشنىڭ چەكلىنىشىنىڭ ئۈچ سەۋەبى باردۇر:
1) قۇياشقا ئىبادەت قىلغانلارغا ئوخشاپ قالماسلىق؛
2) شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىگە سەجدە قىلىشتىن ساقلىنىش؛
چۈنكى، شەيتاننىڭ مۈڭگۈزى قۇياش چىققاندا ئۇنىڭغا ئېسىلىشىپ چىقىدۇ، قۇياش كۆتۈرۈلگەندە ئاجرايدۇ. تىكلەنگەندە يەنە كېلىدۇ، كۈن قايرىلغاندا يەنە كېتىدۇ. كۈن پېتىشقا يېقىن شەيتان يەنە كېلىدۇ ۋە پاتقاندا كېتىدۇ.
3) شەكسىزكى، ئاخىرەت يولۇچىلىرى داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچىلاردۇر. ھالبۇكى، بىرخىل رېتىم بىزارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چەكلىمە ئالدىدا تېتىكلىك باشقىچە ئارتىدۇ. ھەقىقەتەن نەپس چەكلەنگەن نەرسىنى قىلىشقا ھېرىسمەندۇر. ئىنسان يۇقىرىقى ئۈچ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشتىن چەكلەنگەن، لېكىن ھەرخىل ھالەتلەردە ئىبادەت قىلسۇن ئۈچۈن بۇ ۋاقىتلاردا قىرائەت قىلىش ۋە تەسبىھ ئېيتىشقا ئوخشاش ئىبادەتلەر چەكلەنمىگەن. دەرۋەقە نامازدىمۇ قىيام، رۇكۇ، سەجدە ۋە تەشەھھۇد قاتارلىق تۈرلۈك ھالەتلەر باردۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. ئىمام شافىئىي («ئەلئۇم»، 1/8) «سەھىھ» سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
2. بەزازە (الْبَذَاذَةُ): «ئاددىي – ساددا كىيىنىش ۋە ھەشەمەتچىلىكتىن ساقلىنىش» دېمەكتۇر. ئەبۇ داۋۇد (4161) ۋە ئىبنى ماجە (4118) لەر ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بەزازە ئىماندىندۇر» دېگەن.
3. مۇسلىم (228).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (159)؛ مۇسلىم (226).
5. ھەتىم / ھىجر (الْحَطِيمُ / الْحِجْرُ): كەئبەنىڭ نورى ئاستىغا توغرا كېلىدىغان، ئىككى ئۇچى كەئبە تېمىغا تۇتاشمايدىغان قورۇق (پاكار تام) بىلەن چۆرىدەلگەن يېرىم چەمبەر شەكىللىك بوش يەرنىڭ نامى. بۇ يەر كەئبەنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، تاۋاپ قىلغاندا ئۇنىڭ سىرتىدىن ئايلىنىش كېرەك. «ئۇ يەردە گۇناھلار پاچاقلىنىپ كېتىدۇ» دەپ قارىلىپ شۇنداق ئاتالغان. بۇ يەر كەئبەنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىم تۇتۇلغانلىقتىن يەنە ھىجر (الْحِجْرُ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا / فۇئات گۈنەل: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 694 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 17/455 – 456، ئىستانبۇل، م. 2017. — ت.
6. ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (1102). بۇ ۋەقە ئۇمەۋىي خەلىفەسى يەزىد قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ھ. 64، 26 – مۇھەررەم ــ 1 – رەبىيۇلئاخىر (683 – يىلى 24.09 – 27.11) غىچە 64 كۈن داۋاملاشقان مەككە قورشاۋى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن. — ت.
7. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (1082).
8. ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (1978).
9. ئەنبىجانچە تون (أَنْبِجَانِيَّةُ): بۈگۈنكى سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، تەخمىنەن بۈگۈنكى «مۇنبىج» تەرەپلەردىن چىقىدىغان بىر تۈرلۈك ﺳﯩﺪﺍﻡ يۇڭ ئېگىن. بۇ رايوندا توقۇلغان ئېگىن – لىباسلار رەسۇلۇللاھ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىنەتتى. «‹ئەنبىجان› دېگەن جايدىن كەلتۈرۈلىدىغان يۇڭ تون» دېگەنلەرمۇ بار. قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 2/320. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/93.
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (373)؛ مۇسلىم (556). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
11. ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (1225).
12. ئىمام ئەھمەد: يۇقىرىقى مەنبە، (1369).
13. بۇخارىي (277) ۋە مۇسلىم (844) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىرىڭلار جۈمەگە بارماقچى بولسا يۇيۇنسۇن» دېگەن ۋە يەنە بۇخارىي (858) ۋە مۇسلىم (846) ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھنىڭ: «جۈمە كۈنى غۇسۇل قىلىش بالاغەتكە يەتكەنلىكى ئادەمگە ۋاجىبتۇر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ داۋۇد (341)، نەسائىي (1377) ۋە ئىبنى ماجە (1089) قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭغا ئوخشاشقان رىۋايەتلەرنى كەلتۈرگەن.
14. مۇسلىم (853)، دارەقۇتنىي قاتارلىقلار: «بۇ ھەدىس مەۋقۇف ۋە مەرفۇﺋ رىۋايەت قىلىنغان. مەۋقۇف رىۋايەت سەھىھرەك» دېگەن. ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىقلار: «مەرفۇﺋ ۋە سەھىھ» دېگەن.
15. تىرمىزىي (490). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
16. ئەبۇ داۋۇد (1048). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
17. تىرمىزىي (489). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
18. خەتىب ئەلبەغدادىي: «تارىخۇ بەغداد»، 13/489؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «ئەلئىلەلۇل مۇتەناھىيە»، (796). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «زەئىف» دېگەن. بۇنىڭ ئورنىدا باشقا سەھىھ ھەدىسلەر بار. مەسىلەن، ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتسە، ئورنىدىن تۇرۇپ: ‹ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىڭلار، بىرىنچى سۇر چېلىنىدىغان ۋاقىت يېقىنلاپ قالدى. ئۇنىڭغا ئىككىنچى سۇر ئەگىشىدۇ، ئۆلۈم دەھشەت بىلەن كېلىدۇ› دەيتتى. مەن:
— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن سىلىگە كۆپ دۇرۇد ئېيتاي دەيمەن، دۇئايىمنىڭ قانچىلىكىنى سىلىگە دۇرۇد ئېيتىشقا قاراتسام بولار؟ — دېگەنىدىم، ئاللاھنىڭ رەسۇلى:
— ئىختىيارىڭ، — دېدى. مەن:
— تۆتتىن بىرىنى قىلايمۇ؟ — دېسەم، ئاللاھنىڭ رەسۇلى:
— ئىختىيارىڭ، — دېدى. مەن:
— يېرىمىنى قىلايمۇ؟ — دېسەم، ئاللاھنىڭ رەسۇلى:
— ئىختىيارىڭ، — دېدى. مەن:
— ئۈچتىن ئىككىسىنى قىلايمۇ؟ — دېسەم، ئاللاھنىڭ رەسۇلى:
— ئىختىيارىڭ ئۆزۈڭدە، قانچە كۆپ قىلساڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن شۇنچە ياخشى، — دېدى. مەن:
— بارلىق دۇئالىرىمنى سىلىگە دۇرۇد ئوقۇشقا قاراتسامچۇ؟ — دېدىم، ئاللاھنىڭ رەسۇلى:
— ئۇ چاغدا غەم – قايغۇڭنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە كۇپايە قىلىدۇ، گۇناھلىرىڭ مەغپىرەت قىلىنىدۇ، — دېدى». تىرمىزىي (2457). «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
19. بۇخارىي (614).
20. ئىبنى مەردەۋىيە ۋە دەيلەمىي رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 2160 ۋە «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 2482) «بەك زەئىف» دېگەن.
21. ئىبنى مەردەۋىيە بىلەن زىياﺋ («ئەلمۇختارە» كىتابىدا) ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. ئابدۇلھەق «ئەھكام» دېگەن كىتابىدا: «سەنەدى مەلۇم ئەمەس» دېگەن. قاراڭ: «شەرھۇل ئىھياﺋ»، 3/292. لېكىن، بۇ مەزمۇندا باشقا سەھىھ ھەدىسلەر بار. مەسىلەن، مۇسلىم (809) دا ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى سۈرە ‹كەھف›نىڭ بېشىدىن ئون ئايەت يادلىسا، دەججالدىن ساقلىنىدۇ» دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىمكى سۈرە ‹كەھف›نىڭ ئاخىرىدىن ئون ئايەت يادلىسا، دەججالدىن ساقلىنىدۇ» دېيىلگەن. ھاكىم (3392) رىۋايەت قىلغان باشقا بىر سەھىھ ھەدىستە: «كىمكى سۈرە ‹كەھف›نى جۈمە كۈنىدە ئوقۇسا، ئۇنىڭغا ئىككى جۈمە ئارىلىقىدا نۇر يورۇتۇپ بېرىلىدۇ» دېيىلگەن.
22. تەسبىھ نامىزى (صَلاَةُ التَّسْبِيْحِ): 300 تەسبىھنى ئۆزئىچىگە ئالغان تۆت رەكئەتلىك نەفلە ناماز بولۇپ، ھەربىر رەكئەتتە قىرائەتتىن كېيىن 15 قېتىم، رۇكۇدا تەسبىھتىن كېيىن 10 قېتىم «سۇبھانەللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» ۋە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەسبىھ ئوقۇلىدۇ. بۇ ھەقتە ھەدىس بولسىمۇ، سەھىھلىكىدە قاراش ئوخشاش بولمىغاچقا، بەزىلەر «بۇنداق ناماز يوق» دەپ قارىغان. — ت.
23. ئەبۇ داۋۇد (1297)؛ تىرمىزىي (482)؛ ئىبنى ماجە (1386)؛ ھاكىم: (1/137) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ قوللىغان. يەنە بەزىلەر: «سەھىھ» دېسە، بەزىلەر: «توقۇلما» دەپ قارىغان.