ئىلىمنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلىمگە دائىر مەسىلىلەر

ئىلىمنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلىمگە دائىر مەسىلىلەر

[ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەزىلىتى] ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»﴾(39/«زۇمەر»: 9).

ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىرقانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر﴾(58/«مۇجادىلە»: 11) دەيدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئالىمنىڭ دەرىجىسى مۇئمىننىڭ دەرىجىسىدىن 700 دەرىجە يۇقىرىدۇر، ھەر دەرىجىنىڭ ئارىسى 500 يىللىق مۇساپىدۇر» دېگەن(1).

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ﴾(35/«فاتىر»: 28).

«سەھىھەين»دە، مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىندا ئالىم قىلىدۇ›(2) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم» دەيدۇ.

ﺋﻪﺑﯘ ﺋﯘﻣﺎﻣﻪ باھىلىي ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯨﻦ ئىككى تۈرلۈك ئادەم، يەنى ﺋﺎﺑﯩﺪ ۋە ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺳﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ: «ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﯩﺪﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﯨﻨﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎشتۇر» ﺩﻩﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ: «ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ – ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭ، يەر ئاستىدىكى ﭼﯜﻣﯜﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ(3).

ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەيدۇ: «ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﯩﺪﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ بەئەينى ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﻧﺌﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ – ﻛﯜﻣﯜﺵ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﯩﻐﺎﻥ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﻪ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻧﯧﺴﯩﯟﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ»(4).

سەفۋان ئىبنى ئەسسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر ئىلىم ئۆگەنگۈچىنىڭ (قېتىرقىنىپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان) ئىشىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئۇنىڭغا قاناتلىرىنى يېيىپ بېرىدۇ»(5) دېگەن.

خەتتابىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — «پەرىشتىلەر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىغا قاناتلىرىنى يېيىپ بېرىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئۈچ خىل قاراش بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:

1) (راستىنلا) پەرىشتىلەر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىغا قاناتلىرىنى يېيىپ بېرىدۇ؛

2) پەرىشتىلەر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنى ھۆرمەتلەپ، تۆۋەنچىلىك قىلىدۇ؛

3) پەرىشتىلەر ئىلىم مەجلىسلىرىگە چۈشىدۇ ۋە ئۇچۇپ كەتمەيدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىپ بىر يولغا چىقسا، ئاللاھ تائالا شۇ سەۋەبلىك ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتكە ئېلىپ بارغۇچى بىر يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ» دېگەن(6).

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى ئىسلامنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىلىم تەلەپ قىلغان ھالدا ئۆلسە، جەننەتتە ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىرلا دەرىجە (ئارىلىق) بولىدۇ»(7) دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئىلىمنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە نۇرغۇن ھەدىسلەر كەلگەن.

بەزى دانالار: «ۋادەرىخا! ئىلىمنى قولدىن بېرىپ قويغان كىشى نېمىگە ئېرىشتى، ئىلىمگە ئېرىشكەن كىشى نېمىنى قولدىن بەردى؟!» دېگەن.

[ئىلىم ئۆگىتىشنىڭ پەزىلىتى] ئىلىم ئۆگىتىشنىڭ پەزىلىتىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەردىن سەھل ئىبنى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئاللاھ تائالانىڭ سەن سەۋەبلىك بىر كىشىنى ھىدايەت قىلىشى سەن ئۈچۈن نۇرغۇن قىزىل تۆگىلىرىڭ بولغىنىدىن ياخشىدۇر» دېگەن(8).

يۇقىرىدا ئەبۇ ئۇمامە باھىلىيدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستىن باشقا يەنە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «كىشىلەرگە ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچىگە بارلىق جانلىقلار، ھەتتا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ مەغپىرەت تىلەيدۇ»(9) دېگەن.

سوئال: نېچۈن بېلىق جېنىدا ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچىگە مەغپىرەت تىلەيدۇ؟

جاۋاب: چۈنكى ئىلىمنىڭ پايدىسى بارلىق نەرسىلەرگە، ھەتتا بېلىق – بېلىجانلارغىچە ئومۇمىي بولىدۇ. ئالىم ئىلىم ئارقىلىق نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ھەممە نەرسىگە، ھەتتا بوغۇزلىنىدىغان ھايۋانلاردىن(10) بېلىقلارغىچە ياخشىلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئالىملارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات سۈپىتىدە بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئالىملارغا مەغپىرەت تىلەشكە ئىلھام قىلىدۇ.

«سەھىھەين»دە ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مېنى ۋەسىلە قىلىپ ئەۋەتكەن ھىدايەت ۋە شەرىئەت ئىلمى گوياكى زېمىنغا ياغقان مول يامغۇرغا ئوخشايدۇ. بەزى يەرلەر مۇنبەت بولۇپ، يامغۇرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك ئۆسۈملۈك ۋە ئوت – چۆپلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. بەزى يەرلەر گىياھ ئۈنمەس، سۇ سىڭمەس تېتىرلىق بولۇپ، سۇ يەر يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن بەندىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ. كىشىلەر ئۇ سۇدىن ئىچىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇلاغلىرىنى ۋە زىرائەتلىرىنى سۇغىرىدۇ. يەنە بىر قىسىم تۈزلەڭ، شور يەرلەر بولۇپ، ئۈستىدە سۇمۇ تۇرمايدۇ، گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ. يۇقىرىقىلار دەل ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى چۈشىنىپ، ئاللاھ تائالا مەن بىلەن ئەۋەتكەن تەلىماتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشى بىلەن ئەكسىچە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇ تەلىماتقا باقمىغان ۋە ئاللاھ تائالا مەن بىلەن ئەۋەتكەن ھىدايەتنى قوبۇل قىلمىغان ئادەمنىڭ مىسالىدۇر»(11).

ھەيھات، ئەي ئاللاھ رەھمەت قىلغۇر، قارىغىنا، ھەدىستىكى نېمىدېگەن يارقىن ئوخشىتىش – ھە؟! ئىدراك ئىگىلىرى بولمىش فەقىھلەر ھەقىقەتەن بەئەينى سۇ سىڭىشچان، ئوت – چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن زېمىنغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئىلىم ئىگىسى، چۈشەنگەن، يەكۈنگە باي ۋە باشقىلارغا ئۆگەتكۈچىلەردۇر. گەرچە فەقىھلەرچىلىك چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە فىقھ ئىلمىگە ۋاقىپ بولمىسىمۇ، ھەدىسلەرنى توغرا نەقىل قىلىپ بەرگۈچىلەر بەئەينى سۇ ساقلايدىغان تېتىرلىققا ئوخشايدۇ، ئۇلاردىن كىشىلەر مەنپەئەتلىنىدۇ. لېكىن، تەندۇرۇس تۇرۇپمۇ ئىلىم ئۆگەنمەيدىغان، يادقا ئالمايدىغانلارمۇ بار، ئۇلار نادان قارا خەلقتۇر.

ھەسەن بەسرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن —: «ئەگەر ئالىملار بولمىسا ئىدى، كىشىلەرنىڭ ھايۋاندىن پەرقى قالمايتتى» دېگەن.

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئىلىم ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئاللاھ ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىش ئاللاھتىن قورققانلىقتۇر؛ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئىبادەتتۇر؛ ئىلىمنى ئۆزئارا دەرس قىلىشىش تەسبىھتۇر؛ ئىلىم ھەققىدە ئىزدىنىش جىھادتۇر؛ بىلمەيدىغانلارغا ئىلىم ئۆگىتىش سەدىقە، ئىلىمگە لايىق كىشىگە ئىلىم بېرىش ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەلدۇر. ئىلىم يالغۇزلۇقتا ئۈلپەت، خالىي قالغاندا دوستتۇر»(12) دېگەن.

كەئب — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلىپ: ‹ئى مۇسا! ياخشلىقنى ئۆگەنگىن ۋە ئۇنى كىشىلەرگە ئۆگەتكىن. مەن ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچى ۋە ئۇنى ئۆگەنگۈچىنىڭ قەبرىسىنى يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن نۇرلاندۇرۇپ بېرىمەن› دېگەن».

ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدا
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر»(13) دېگەن.

مۇئەللىف ﺋﯩﺒﻨﯘلجەﯞﺯﯨﻲ ئېيتۇر: ئالىملار بۇ ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغان پەرز ئىلىمنىڭ زادى قايسى ئىلىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلاردا بولدى.

فەقىھلەر: «فىقھ ئىلمى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر، چۈنكى ھالال ۋە ھارام مۇشۇ ئىلىم بىلەن ئايدىڭلىشۇر» دېسە؛

مۇفەسسىرلەر ۋە مۇھەددىسلەر: «بۇ قۇرئان ۋە سۈننەت ئىلمىدۇر، چۈنكى بۇ ئىككى ئىلىم بارلىق ئىلىملەرنىڭ ئاچقۇچىدۇر» دېيىشتى؛

سوپىلار: «ئىخلاس ۋە نەپس ئاپەتلىرىنى بىلىش ئىلمى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر» دېسە؛

كالامچىلار: «بۇ ئىلمى كالامدۇر» دېدى.

بۇ ھەقتە يەنە كىشىنى قايىل قىلمايدىغان نۇرغۇن قاراشلار بار. بىزچە توغرىسى بۇ ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغان پەرز ئىلىم: بەندە بىلەن پەرۋەردىگارى ئارىسىدىكى مۇئامىلىگە دائىر ئىلمىدۇر.

بەندىگە يۈكلەنگەن مۇئامىلە ئۈچ قىسىمدۇر:

1) ئېتىقاد (ئىشىنىپ باغلىنىش)؛

2) ئەمەل (بۇيرۇلغاننى ئورۇنداش)؛

3) تەرك (چەكلەنگەن نەرسىلەرنى تاشلاش).

كىچىك بالا بالاغەتكە قەدەم قويغان ھامان ئالدى بىلەن كەلىمەئى شاھادەتنى ئېيتىش ۋە مەنىسىنى ئۆگىنىشى ۋاجىبتۇر. ئۇ كۆزىتىپ، دەلىللەر بىلەن قانائەت ھاسىل قىلماي تۇرۇپ — دوراپ — شاھادەت ئېيتقان بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ. چۈنكى، ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نادان ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامغا كىرىشىدە گەرچە دەلىللەرنى چىن مەنادا تونۇپ يەتمىگەن بولسىمۇ، ئېيتقان شاھادەتلىرىنى كۇپايە كۆرگەن ئىدى، چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا ئورۇندىلىشى زۆرۈر پەرز ئىدى. ئاندىن كېيىن، (ئاللاھنىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىنى) كۆرۈش ۋە (ئاللاھ تائالانى) دەلىللەر بىلەن تونۇش ۋاجىبتۇر.

ناماز ئۆتەش ۋاقتى كەلگەندە تاھارەت ئېلىش ۋە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىشى؛ رامازان ئېيىغىچە ياشىسا روزا تۇتۇشى؛ ئەگەر مېلى بولۇپ، بىر يىل يىللىغان بولسا زاكات ئىلمىنى ئۆگىنىشى؛ ئەگەر ھەج ۋاقتى كەلسە – يۇ، قۇربى يەتسە، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئۆگىنىشى ۋاجىبتۇر.

تەرك يەنى تاشلاش بولسا، ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، قارىغۇ كىشىنىڭ قاراش ھارام نەرسىلەرنى، تىلسىزنىڭ دېيىش ھارام سۆزلەرنى ئۆگىنىشى ۋاجىب ئەمەس. لېكىن، مۇبادا ئۇلار ياشاۋاتقان يۇرتتا ھاراق ئىچىش، ئەرلەر يىپەك كىيىم كىيىشتەك ئادەتلەر بولسا، بۇلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋاجىبتۇر.

ئېتىقاد ــ ئىشىنىشكە كەلسەك: كىشىنىڭ ئېسىگە كېلىش مۇمكىن خۇسۇسلارغا ماس ئېتىقادىي ئىشلارنى بىلىشى ۋاجىبتۇر. ئەگەر كىشىنىڭ قەلبىگە كەلىمەئى شاھادەتنىڭ مەزمۇنىغا دائىر شەك چۈشسە، ئۇنىڭ شۇ شەكلەرنى يوقىتىشقا ئالاقىدار ئىلىملەرنى ئۆگىنىشى؛ ئەگەر بىدئەت ئىشلار كۆپ بولىدىغان بىر رايوندا بولسا، ئۇنىڭغا ھەق تەلقىن قىلىنىشى ۋاجىبتۇر. مەسىلەن، جازانىخورلۇق تارقالغان بىر شەھەردە ياشايدىغان سودىگەرگە ئۆسۈمدىن ساقلىنىشنى ئۆگىنىش ۋاجىبتۇر.

يەنە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، جەننەت ۋە جەھەننەمگە ئىمان ئېيتىشنى ئۆگىنىش لازىم.

يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەرز ئەين دېگىنىمىز، ھەربىر كىشى ئۆگىنىشى ۋاجىب ئىلىمدۇر.

پەرز كۇپايە بولسا، دۇنيا ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىپ تۇرۇشىدا بىھاجەت بولغىلى بولمايدىغان بارلىق ئىلىملەردۇر. مەسىلەن، تېبابەت ئىلمى شۇلاردىندۇر. چۈنكى، بەدەن ساقلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈردۇر. مىراس، ۋەسىيەت ۋە باشقا تەقسىماتقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ھېساب ئىلمى ناھايىتى مۇھىمدۇر.

قايسىبىر يۇرتتا بۇ ئىلىملەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى بولمىسا، پۈتۈن ئاھالە گۇناھكار بولىدۇ. ئەگەر بىر كىشى بولسىمۇ بۇ ئىلىملەرنى ئۆگەنسە كۇپايىدۇر ۋە پەرزلىك قالغان كىشىلەردىن ساقىت بولىدۇ.

ئەلبەتتە «تېبابەت ۋە ھېساب ئىلىملىرىلا پەرز كۇپايەمىكىن» دەپ ھەيران بولماڭ. توغرىسى جىمى ئاساسلىق ھۈنەر – كەسىپلەر پەرز كۇپايە قاتارىدىندۇر. دېھقانچىلىق، توقۇمىچىلىق ۋە ھاجامات (لوڭقا قويۇپ قان ئېلىش) دېگەندەك. چۈنكى، بىر شەھەردە ھاجاماتچى پەقەتلا بولمىسا، شەھەر ئاھالىسىگە تېزلا ھالاكەت يېتىشى مۇمكىن. كېسەلنى بەرگەن زات دورىنىمۇ بەرگەن ۋە دورىنى قانداق ئىشلىتىشنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن.

ھېساب ۋە تېبابەت ئىلمىنى نازۇك تەرەپلىرىگىچە چوڭقۇرلاپ بىلىش ئەلبەتتە پەزىلەت. لېكىن، ھەردائىم ئۇ دەرىجىدە ھاجەت چۈشۈۋەرمەيدۇ.

بەزى ئىلىملەر مۇباھ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەزمۇندا بولمىغۇرلۇق يوق شېئىر ۋە تارىخ ئىلمىنى ئۆگىنىش شۇ قاتاردىندۇر. بەزى ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ئەيىبلىنىدۇ: «سېھىر، تىلسىم ۋە كۆز باغلاش» دېگەندەكلەر.

بارچە شەرئىي ئىلىملەر ماختىلىدۇ. ئۇلار: ئۇسۇل (ئاساس ئىلىم)، فۇرۇئ‍ (شاخچە ئىلىم)، مۇقەددىمات (باشلانغۇچ ئىلىم) ۋە مۇتەممىمات (تاماملىغۇچى ئىلىم) قاتارلىق قىسىملارغا بۆلىنىدۇ.

ئۇسۇل (شەرئىي دەلىللەر): ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى، ئۈممەتنىڭ ئىجمائسى ۋە ساھابەلەردىن كەلگەن بايانلار (ئاسار).

فۇرۇئ‍: يەنى ئەقىللەر ئاساس ئىلىملەردىن چۈشەنگەن مەنالاردۇر. ھەتتا ئەقىللەر بۇ مەنالارنى ھەم ئېغىزدىن چىققان لەۋزدىن چىقىرىدۇ، ھەم ئۇدۇل ئېيتىلمىغان يان مەنىلەردىن يەكۈنلىگەن بولىدۇ. مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «قازى ئاچچىقى يانماي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلمايدۇ»(14) دېگەن سۆزىدىن قازىنىڭ ئاچ قورساقمۇ ھۆكۈم قىلالمايدىغانلىقى مەنىسى چىقىدۇ.

مۇقەددىمات: نەھۋ (گرامماتىكا) ۋە لۇغەتكە ئوخشاش قورال سۈپىتىدىكى ئىلىملەر بولۇپ، ھەربىرى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ئۆگىنىشتە زۆرۈر ۋاسىتىدۇر.

مۇتەممىمات: قىرائەت ۋە ھەرپ مەخرەجلىرى (توغرا تەلەپپۇز) ئىلمى، ھەدىس رىجالى(15)، راۋىيلەرنىڭ ئادالىتى ۋە ئەھۋاللىرىغا دائىر ئىلىملەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شەرئىي ئىلىملەردۇر ۋە ھەممىسىلا ماختىلىدۇ.

پەسل
مۇئامىلە ئىلمى: قورقۇش، ئۈمىد، رازىلىق، راستچىللىق ۋە ئىخلاس قاتارلىق تۈرلۈك قەلب ئەھۋاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىمدۇر. بۇ ئىلىم سايىسىدە سۇفيان سەۋرىي، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ــ ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن ــ ۋە باشقا بۈيۈك ئالىملار يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشتى ۋە ئەمەلىي تەتبىقلاشلىرى بىلەن مەشھۇر بولدى.

«فۇقاھا ۋە ئەللامە» دەپ تەرىپلەنگەن كىشىلەر ئىلىمنىڭ ھەقىقەتلىرىگە يېتىش ۋە سىرلىرى بىلەن ئەمەل قىلىش ئۈچۈن روھىنى ئالماي پەقەتلا ئىلىمنىڭ زاھىرى بىلەنلا مەشغۇل بولۇشقاچ مەرتىبىلىرى ئۆز ماقاملىرىدىن چۈشۈپ كەتتى. بەزىدە شۇنداق فەقىھلەر ئۇچرايدۇكى، «زىھار(16)، ئەر – خوتۇن قەسەم ئىچىپ لەنەتلىشىش، بەسلىشىش ۋە مەرگەنلىك» دېگەندەك تېمىلاردا ئەھكام ئۆگىتىۋاتقان بولىدۇ ياكى نۇرغۇنلىغان شاخچە ئەمما كەمدىن كەم ئېھتىياج چۈشۈپ قالىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ – يۇ، ئەسل ۋەزىپىسى بولغان ئىخلاسنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە رىيادىن ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ئىشى يوق. ھالبۇكى، فەقىھ كىشى ئۈچۈن پەرز ئەين ئەمەل دەل كېيىنكىسىدۇر. چۈنكى، ئىخلاس ۋە رىياغا سەل قاراش ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئاۋۋالقىسى بولسا پەرز كۇپايەدۇر. ئەگەر ئۇنداقلاردىن نېمىشقا ئىخلاس ۋە رىيا ھەققىدە سۆزلىمەيدىغانلىقىنى سورىساڭ، جاۋاب بەرمەيدۇ. «قەسەم ئىچىپ لەنەتلىشىش، مەرگەنلىك» دېگەنلەرنىڭ ھۆكمىنى سورىساڭ، ئەلبەتتە پەرز كۇپايە ئىكەنلىكىنى تەن ئالغان بولاتتى. دېمىسىمۇ شۇنداق. ئەجەبا، ئۇ ھېساب ئىلمىنىڭمۇ پەرز كۇپايەلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟! ئۇنداقتا نېمىشقا ھېساب ھەققىدە سۆزلىمەيدۇ؟! ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا شۇ ئەمەلنى دەل نەپسى چىرايلىق كۆرسەتكەن. چۈنكى، نەپس ياخشى كۆرىدىغان رىياكارلىق ۋە داۋراڭ سېلىش ھېساب ئىلمى بىلەن ئەمەس، بەلكى سۆزمەنلىك، مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق نامايان بولىدۇ.

[ئىلىملەرنىڭ لەۋزىدىن ئۆزگەرتىلگەن نەرسىلەر]

بىلگىنكى، نۇرغۇن ھەق سۆزلەر يا ئۆزگەرتىۋېتىلدى ۋەيا بۇرمىلىۋېتىلدى، ئىلگىرى ئۆتكەن سالىهلەر چۈشەنگەن مەنىدىن باشقا مەنىگە ئۆتۈپ كەتتى.

ئۆزگىرىپ كەتكەن سۆزلەر بىرىنچىسى فىقھ (الفقه):

كۈنىمىزدە بۇ ئىبارە شاخچە مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىشكە خاسلىشىپ قالدى. ھالبۇكى، دەسلەپكى دەۋرلەردە ئاخىرەت يولىنى بىلىش، نەپس ئاپەتلىرىنىڭ نازۇك جەھەتلىرى ۋە (خالىسانە) ئەمەللەرگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان سەۋەبلەرنى بىلىش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەسلىكىنى ئوبدان تونۇش، ئاخىرەت نېئمىتىگە قاتتىق ئىنتىلىش ۋە ئاللاھ قورقۇنچىنىڭ قەلبكە ھۆكۈمران بولۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

ھەسەن بەسرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتۇر: «شەكسىزكى، فەقىھ دېگەن دۇنياغا قىزىقماي ئاخىرەتكە قىزىقىدىغان، دىنىدىن خەۋەردار، پەرۋەردىگارىغا داۋاملىق ئىبادەت قىلىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى تۆكۈشتىن ئۆزىنى تىزگىنلەيدىغان پەرھىزكار، مۇسۇلمانلارنىڭ ماللىرىغا چېقىلمايدىغان ۋە مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىدىغان كىشىدۇر»(17).

شۇڭا، ئىلگىرىكىلەر فىقھ ئاتالغۇسىنى كۆپرەك ئاخىرەت ئىلمىگە ئىشلىتەتتى. ھەرگىز نوقۇل پەتۋا بېرىشتىنلا ئىبارەت ئەمەس، بەلكى ئومۇمىيلىق ۋە مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭرىلىكى بىلەن پەتۋا ئىلمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

كېيىنكىلەرنىڭ بۇ ئىبارىنى پەقەتلا شاخچە مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىشكىلا خاسلاشتۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە كىشىلەر ئوچۇقچە پەتۋا ئىلمى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، ئاخىرەت ئىلمىگە قىزىقمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى.

ئىككىنچىسى ئىلىم (العلم): بۇ ئىبارە ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇ زاتنىڭ قۇدرەت ئالامەتلىرىنى، يەنى ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى ۋە بەندىلىرىگە قارىتا رەھمەتلىرىنى بىلىشكە قوللىنىلاتتى. كېيىنچە بۇ ئىبارىنىڭمۇ مەزمۇنى تارىيىپ كەتتى، ھەتتا كۆپىنچە فىقھىي مەسىلىلەردە مۇنازىرە قىلغۇچى ــ گەرچە ئۇ تەپسىر ۋە ھەدىسلەرنى بىلمىسىمۇ ــ ئىلىم ئىگىسى، دەپ ئاتالدى.

ئۈچىنچىسى تەۋھىد (التوحيد): بۇ ئىبارە بارلىق سەۋەب ۋە ۋاسىتىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغان دەرىجىدە ھەممە ئىشلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىنى تونۇشنى كۆرسىتەتتى. بۇ دەرىجىدىكى تونۇشنىڭ مېۋىسى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش ۋە ئاللاھ تائالادىن رازى بولۇشتۇر. ھالبۇكى، ھازىر ئەقىدە ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ھەققىدە گەپ يورغىلىتىش سەنئىتى تەۋھىد بولۇپ قالدى. بۇ سەلەف سالىھلەرنىڭ نەزەرىدە مۇنكەر ئىشلار قاتارىدىن ئىدى.

تۆرتىنچىسى ئەسلىتىش (التذكير) ۋە ئەسلەش (الذكر):

ئاللاھ ئېيتۇر: ﴿ئەسلەتكىن، چۈنكى ئەسلىتىش مۇئمىنلەرگە پايدا بېرىدۇ﴾(51/«زارىيات»: 55).

«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى:

— جەننەت باغچىلىرىدىن ئۆتسەڭلار خاھلىغانچە يەپ – ئىچىڭلار. شۇندا ساھابەلەر:

— جەننەت باغچىلىرى نېمىدۇر، ئى رەسۇلۇللاھ؟ — دېگەنىدى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى:

— زىكىر سورۇنلىرى، — دېدى»(18).

ھالبۇكى، كۈنىمىزدە زىكىر سورۇنلىرى مەدداھلار قىسسەخانلىق قىلىدىغان، شەرىئەتكە مۇخالىپ سۆزلەر ۋە باشقا ئاپەتلەر يامرىغان سورۇنلارغا ئايلىنىپ قالدى.

ئاۋۋالقىلارنىڭ قىسسەلىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچىلار بىلسۇنكى، ئۇ ھېكايات ۋە قىسسەلەرنىڭ كۆپىنچىسى توقۇلمىدۇر. مەسىلەن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشتان بېغىنى يەشكەنلىكى؛ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى قولىنى چىشلىگەن ھالەتتە كۆرگەنلىكى؛ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورىيانى جىھادقا چىقىشقا بۇيرۇپ، ئورىيانىڭ جىھادتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش قىسسەلەرنى ئاڭلاش زىيانلىقتۇر.

مۇتەسەۋۋىفلەرنىڭ ئۆز كۆڭۈللىرىدىكى ئىلاھىي سۆيگۈ سىرلىرىنى سۆزلەپ يۈرۈشىدەك باشقىلار چۈشەنمەيدىغان گەپ – سۆزلەر (الشطح) بىلەن شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىنى تولغاپ ئىزاھلاش (الطامة) قا كەلسەك، بۇ ئاۋام خەلققە قاتتىق سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ سۆزلەر سۆيگۈ – مۇھەببەت داستانى، ۋىسال شەربىتى ۋە پىراق ئەلەملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداق سورۇندىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تومپاي، ئىچى ھېرىسكە تولغان شەكىلۋاز كىشىلەردۇر. شۇڭا، ئۇ سۆزلەر ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن ھېرىس – شەھۋەتنىلا قوزغىتىدۇ – دە، نەپسى ئوت ئېلىپ قاتتىق چۇقان سالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پاساتچىلىق خالاس.

بەزىدە مۇتەسەۋۋىفلەرنىڭ بۇنداق ئاجايىب – غارايىب سۆزلىرى ئاللاھ تائالانى قاتتىق ياخشى كۆرۈش دەۋاسى بىلەن بېزەلگەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانمۇ بەسى چوڭدۇر. خېلى كۆپ دېھقان كىشىلەر مۇشۇ تۈرلۈك دەۋالار بىلەن دېھقانچىلىقلىرىنى تاشلاپ قەلەندەر بولۇپ كەتتى.

بەشىنچىسى ھېكمەت (الحكمة): يەنى ئىلىم ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش. ئىبنى قۇتەيبە — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتۇر: «بىر ئادەمدە ئىلىم بىلەن ھېكمەت تەڭ تېپىلمىغۇچە، ھەكىم ھېسابلانمايدۇ». ھالبۇكى، ھەكىم كەلىمىسى زامانىمىزدا تېۋىپ ۋە مۇنەججىملەرگە خاس ئىسىم بولۇپ قالدى.

[ماقۇل ئىلىملەردىن ماختىلىدىغان مىقدارنىڭ ئىزاھى] بىلىنگەيكى، ماختىلىدىغان ئىلىملەر ئىككى تۈرلۈكتۇر:

بىرىنچىسى: يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە ماختىلىدىغان ئىلىم. بۇ ئىلىم قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى ۋە ئەۋزەل. يەنى ئاللاھ تائالانى، ئۇ زاتنىڭ سۈپەتلىرىنى، ئىشلىرىنى ۋە تەرتىپ جەھەتتە ئاخىرەتنى دۇنيانىڭ ئالدىغا قويۇشىدىكى ھېكمەتنى بىلىش شۇ قاتاردىندۇر. بۇ ئەسلىدىلا بىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان، تولىمۇ شېرىن ئىلىم بولۇپ، ئۇ ئاخىرەتنىڭ بەخت – سائادىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ ئىلىم بەجايىكى چوڭقۇرلۇقتا تېگى يوق، ھەركىم پەقەت ئۆزىگە قولاي بولغان قىرغاق ۋە ياقىلىرىدىلا ئايلىنالايدىغان دېڭىزنىڭ ئۆزىدۇر.

ئىككىنچىسى: قىسمەن ماختىلىدىغان ئىلىملەر. ئۇلار يۇقىرىدا پەرز كۇپايە ئىلىملەر قاتارىدا بايان قىلىندى. ھەر ئىلىمنىڭ باشلانغۇچ، يېتەرلىك ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىرى بار.

شۇ ئىككى كىشىدىن بىرى بول: يا ئۆز – ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن مەشغۇل كىشى بول، ياكى ئۆزىدىن ئېشىنالىسا، باشقىلارغىمۇ ۋاقىت ئاجرىتىدىغان كىشى بول.

ئۆز نەپسىڭنى ئىسلاھ قىلماي تۇرۇپ باشقىلارنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىششتىن ساقلان. تېشىڭنى ئىسلاھ قىلىشتىن بۇرۇن ئىچىڭنى ئىسلاھ قىل: ھەۋەس، ھەسەت، رىيا ۋە كۆرەڭلىك كەبى يامان سۈپەتلەردىن پاكلانغىن. ئاللاھ خاھلىسا، بۇ توغرىدا «ھالاكەتكە تاشلىغۇچى قىلمىشلار» تېمىسىدا توختالغايمىز.

ئەگەر نەپسىڭنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋاقتىڭ يەتمىسە، پەرز كۇپايە ئىلىملەرنى قويۇپ تۇر. چۈنكى، پەرز كۇپايىلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلار يەتكۈچە بار. باشقىلارنى ئىسلاھ قىلىشقا بېرىلىپ ئۆزى ھالاك بولۇش ھاماقەتلىكتۇر. ئۇنداق كىشى بەئەينى ئۆز كىيىمىنىڭ ئىچىگە چايانلار كىرىپ كېتىۋاتسا، باشقىلارنىڭ چىۋىنىنى قورۇيدىغان ھاماقەتكىلا ئوخشايدۇ.

مۇبادا ئۆزۈڭنى ئىسلاھ قىلىش ۋە نەپسىڭنى پاكلاشتىن ئېشىنساڭ — بۇغۇ تولىمۇ تەس ئىش — ئاندىن پەرز كۇپايىلەر بىلەن مەشغۇل بولغىن. ئۇمۇ پەيدىنپەي ۋە ئاستا – ئاستا بولغاي.

ئەۋۋەلەن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ كىتابىنى ئۆگىنىش بىلەن باشلا، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ سۈننىتىنى ئۆگەنگىن. ئاندىن تەپسىر، ناسىخ (ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى) ۋە مەنسۇخ (ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان)، مۇھكەم (قاراتمىلىقى ئوچۇق) ۋە مۇتەشابىھ (تۇتۇق) ئايەتلەرنى ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا قۇرئانغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئۆگەنگىن.

ھەدىستىمۇ مۇشۇ يولنى تۇت. ئاندىن فىقھ ۋە شاخچە ئىلىملەرنى ئۆگەنگىن. ئاندىن كېيىن ئۆمرۈڭ يەتسە ۋە ۋاقىتىڭ يار بەرسە، باشقا ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە كىرىشسەڭ بولىدۇ.

«بىر پەننى ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر ئۆگىنىمەن» دەپ پۈتۈن ئۆمرۈڭنى ئۆتكۈزمىگىن. چۈنكى، ئىلىم كۆپ، ئۆمۈر قىسقا. يۇقىرىقى ئىلىملەر باشقا ئىلىملەرنى ئۆگىنىشتە گوياكى كېرەكلىك قورال – سايمانلارغا ئوخشايدۇ. باشقا بىر ئىلىمنى ئۆگىنىشتە موھتاج بولىدىغان ۋاسىتە ئىلىمنى ئۆگەنگەندە، ئەسل مەقسەتتىكى ئىلىمنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

ئىلمى ئۆزىگە مەنپەئەت بەرمىگەن ئالىم ھەققىدە
بىلگىنكى، باشقىلارنى يېڭىۋېلىش ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەر بەدئەخلاقلىقلارنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇنداق مۇنازىرىچى ئۆزىگە تەڭ تۇرالمىغانلارنى پەس كۆرگەچكە تەكەببۇرلۇقتىن ساقلىنالمايدۇ، شۇنىڭدەك نۇرغۇن كىشىلەر باركى، تەڭقۇرلىرىدىن ئۆزىنى يۇقىرى تۇتقاچقا چوڭچىلىق ۋە رىيادىن ساقلىنالمايدۇ. كۈنىمىزدىكى كۆپىنچە مۇنازىرىچىلەر ئۆزىنىڭ مۇنازىرىدە غالىب كەلگەنلىكىنى كىشىلەرگە مەقسەتلىك بىلدۈرۈپ، خالايىقنىڭ ئۆزىنى ماختاپ، ئاپىرىن ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆمۈرلىرىنى نادىر مەزمۇنلارنى يادلاش ۋە سۆزمەنلىككە ئوخشاش مۇنازىرىدە پايدىلىق، ئاخىرەتتە پايدىسىز ئىلىملەر بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. دەرھەقىقەت رەسۇلۇللاھ: «قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغان كىشى ئىلمى ئۆزىگە مەنپەئەت بەرمىگەن ئالىمدۇر»(19) دېگەن.

ئىلىم ئۆگەتكۈچى ۋە ئىلىم ئۆگەنگۈچىنىڭ ئەدەبلىرى
ئىلىم ئۆگىنىش قەلبنىڭ ئىبادىتى، شۇڭا ئىلىم ئۆگەنگۈچى ئاۋۋال نەپسىنى ناچار خۇي ۋە يىرگىنچ خاھىشلاردىن پارىغ قىلىشى ۋە ئىلىم ئۆگىنىشىگە توسقۇنچى ئامىللاردىنمۇ يىراق تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، پىكىر چېچىلسا، ھەقىقەتلەرنى تونۇپ يېتىش تەسلىشىدۇ.

سەلەف سالىهلەر ئىلىمنى ھەممە نەرسىدىن ئەۋزەل كۆرەتتى. رىۋايەت قىلۇرلەركى، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — 40 ياشتىن ئاشقاندا ئۆيلەنگەن؛ ئەبۇبەكرى ئەنبارىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — غا بىر دېدەك ھەدىيە قىلىندى، دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەندە، ئەبۇبەكرى ئەنبارىي بىر تېمىدا ئويلىنىۋاتاتتى، دېدەك نېرىراقتا كۈتۈپ تۇردى. ئەبۇبەكرى ئەنبارىي:

— بۇ دېدەكنى قۇل سودىگىرىگە ئېلىپ چىقىڭلار، — دېدى. دېدەك:

— مەن نېمىنى خاتا قىلغاندىمەن؟ — دېگەنىدى. ئەبۇبەكرى ئەنبارىي:

— يوقسۇ! مېنىڭ قەلبىم سىز بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالدى، مەن ھېچقانداق ئامىلنىڭ مېنى ئىلىمدىن توسۇشىغا يول قويالمايمەن، — دەپ جاۋاب بەردى.

خۇددى بىمار تېۋىپنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغاندەك، ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىمۇ ئۇستازىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماسلىقى، دائىما كەمتەر بولۇشى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۈزەڭگىسىنى تۇتۇپ بېرەتتى ۋە: «بىز ئالىملارغا مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلدۇق» دەيتتى(20).

ئىلىم ئۆگەنگۈچى قاچانكى، گەرچە ئۆزىدىن ئالىمراق بولمىغان بىر كىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئىلمىي پايدا كېلىدىغانلىقى ئېنىق تۇرۇپ چوڭچىلىق قىلسا، ئۇ ناداندۇر. چۈنكى، ھېكمەت مۇئمىننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇركى، ئۇنى قەيەردە تاپسا، شۇ يەردىن ئېلىۋالغۇلۇق. ئوقۇغۇچى ئۇستازىنىڭ قارىشىنى ئۆز قارىشىدىن ئۈستۈن تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى، ئۇستازنىڭ خاتا قارىشىمۇ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ توغرا قارىشىدىن پايدىلىقراقتۇر.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە ئوپچە سالام بەرگەندە، ئۇستازىڭغا ئالايىتەن سالام بېرىشىڭ ئۇنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىكى ھەققىدۇر. ئۇستازىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرغاندا قول ئىشارىتى قىلما، كۆزلىرىڭنى يۇمۇۋالما، كۆپ سوئال سورىما، ئۇ بىر مەسىلىگە جاۋاب بېرىۋاتقاندا گېپىگە لوقما سالما؛ ئۇستازىڭ چارچاپ قالسىمۇ دەرس سوراپ تۇرۇۋالما، دەرس بەرمىسە قايتا – قايتا دەرس بېرىشىنى تەلەپ قىلما؛ ئورنىدىن تۇرغاندا كىيىمىنى تۇتما، سىرىنى ئاشكارىلىما ۋە ئۇنىڭ قېشىدا ھېچكىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلما؛ ئۇستازىڭنىڭ قۇسۇرىنى ئىزدىمە، ئەگەر خاتالاشسا مەئزۇر كۆر؛ ئۇستازىڭغا: ‹پالانىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، پوكۇنى سىز دېگەننىڭ ئەكسىنى دېگەن› دېمە؛ ئۇنىڭ قېشىدا بىرەر ئالىمنى سۈپەتلىمە؛ ئۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت ھەمراھ بولساڭمۇ زېرىكمە، ئۇنىڭ خىزمىتىدىن بويۇن تولغىما ۋە ئۇنىڭ بىرەر ھاجىتى بولسا، باشقىلاردىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا تىرىش. ھەقىقەتەن، ئۇستازىڭ بەجايىكى سەن ‹مېۋىسى قاچان چۈشىدۇ› دەپ كۈتۈپ تۇرىدىغان خورما دەرىخىدۇر»(21).

ئىلىمگە قەدەم قويغۇچى دەسلەپكى مەزگىلدە كىشىلەرئارا ئىختىلاپلارغا قۇلاق سېلىشتىن ساقلانغاي. چۈنكى، زىيادە قىزىقىش ئۇنى گاڭگىرىتىپ، زېھنىنى چارچىتىپ قويىدۇ.

ئۆمۈر بارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە يەتكۈدەك ئۇزۇن ئەمەس. شۇڭا، ئىلىم ئۆگەنگۈچى بارلىق ئىلىملەردىن ئەڭ ياخشىسىنى ئېلىشى ۋە پۈتۈن ۋاقتىنى ئەڭ شەرەپلىك ئىلىم بولمىش ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىلىمگە سەرپ قىلىشى كېرەك. بۇ ئىلىم ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەقىن (قەتئىيلىك) ماقامىغا ئېرىشتۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇبەكرىگە گۇۋاھلىق بېرىپ: «ئەبۇبەكرى سىلەردىن نامىزى ۋە روزىسى كۆپلۈك بىلەن ئېشىپ كەتمىدى، بەلكى كۆكسىگە ئورناتقان نەرسە (ئىمان – ئىشەنچ) بىلەن ئېشىپ كەتتى» دېگەن(22). بۇلارنىڭ ھەممسى ئىلىم ئۆگەنگۈچىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

[ئۇستازنىڭ ۋەزىپىلىرى]

ئۇستازنىڭمۇ ھەم قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى بار:

شۇلاردىن بىرى: ئوقۇغۇچىلارغا شەپقەتلىك بولۇش، ئۇلارنى ئۆز بالىلىرى ئورنىدا كۆرۈش؛ ئۇستاز ئىلىم ئۆگەتكەنلىكىگە ھەق ئالمايدۇ، مۇكاپات ۋە تەشەككۈر كۈتمەيدۇ. بەلكى ئىلىمنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا ئۆگىتىدۇ، ئۆزىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېھسان قىلغۇچى دەپ قارىمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆزى تېرىغان ئىلىم بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئاللاھقا يېقىنلاشقانسېرى بۇنى ئۇلار ئۈچۈن بىر پەزىلەت دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇلار بەئەينى بىر تېرىقچىنىڭ ئېكىنزارىدا ئايلىنىپ يۈرگەن كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇستاز ھەققىنى ئاللاھ تائالادىنلا تىلىشى كېرەك. سەلەفلەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەدىيەسىنى زىنھار قوبۇل قىلمايتتى.

ۋەزىپىلەردىن يەنە بىرى: ئوقۇغۇچىغا نەسىھەت قىلىپ تۇرۇش ۋە ئەيىبلەپ تۇرۇپ ئەمەس، مۇمكىنقەدەر ئىما – ئىشارە ئارقىلىق يامان ئەخلاقلاردىن توسۇش؛ چۈنكى، تەنقىد ھۆرمەت پەردىسىنى يىرتىپ تاشلايدۇ.

ۋەزىپىلەردىن يەنە بىرى: ھەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىدراك ۋە ئەقىل سەۋىيەسىگە قاراش، ئوقۇغۇچىغا ئۇ چۈشىنەلمەيدىغان ۋە ئەقلى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى تاڭماسلىق. چۈنكى، بىر ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن كىشىلەرگە ئەقىللىرى مىقدارىدا خىتاب قىلىشقا بۇيرۇلدۇم» دېگەن(23).

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — كۆكسىنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ —: «بۇ يەردە ئىلىم بار، كاشكى بۇ ئىلىمنى كۆتۈرەلەيدىغانلارنى تاپالىسام!» دېگەن.

ئىمام شافىئىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن(24):

 چاھارپايلار ئاراسىغا چاچارمەنمۇ گۆھەرنى،       قوي باقارغا نەزمە قىلىپ يۈرەرمەنمۇ نەسىرنى،

نادانغا ئىلىم بەرسە كىشى زايە قىلمىش ئولۇر،       بەرمىسە گەر لايىقلارغا زۇلۇم ئەتمىش بولۇر.

 

ۋەزىپىلەردىن يەنە بىرى: ئىلمىگە ئەمەل قىلىش ۋە سۆز – ھەرىكىتى بىردەك بولۇش. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتابنى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر؟﴾(2/«بەقەرە»: 44) دەيدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن ئۈچۈن ئىككى ئادەم مۇسىبەتتۇر: بىرى، بىھايا ئالىم، يەنە بىرى، ئىبادەتگۇي جاھىل» دېگەن.

ئىلىمنىڭ ئاپەتلىرى، ناچار ئالىملار ۋە ئاخىرەتنى كۆزلەيدىغان ئالىملار
ناچار ئالىملار — دۇنيادا پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە يۈكسەك ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلىم ئالغان ئالىملاردۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىلىمنى دۇنيالىق مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆگەنسە، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ»(25) دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى ئىلمى بىلەن ئالىملارغا كىبىرلىنىش ياكى نادانلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش ۋەياكى كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن ئىلىم تەلەپ قىلسا، ئۇنداق كىشى دوزىخىيدۇر»(26) دېگەن. بۇ ھەقتە ھەدىسلەر كۆپتۇر.

سەلەفلەردىن بىرى: «سەكراتتىكى چاغدا قاتتىق نادامەت چېكىدىغان كىشى ئۆمرىنى غەپلەت ۋە سەل قاراش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئالىمدۇر» دېگەن.

بىلگىنكى، ئالىمغا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقلاردىن توسۇش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن. «ئالىم زاھىد بولۇپ، ھەممىنى تاشلىسۇن» دېمەيمىز، پەقەت كۈچىنىڭ يېتىشىچە دۇنياغا بېرىلمىسۇن. نېمىلا دېگەن بىلەن، ھەممە ئادەمنىڭ رىيازەتكە چىدىيالىشى ناتايىن. كىشىلەر ئوخشىمايدۇ.

رىۋايەت قىلۇرلەركى، سۇفيان سەۋرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — تاماقنى ئوبدان يەيتتى ۋە: «ئۇلاغقا ھەلەپ ياخشى بېرىلمىسە ئىشلىمەيدۇ» دەيتتى.

ئىمام ئەھمەد — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئىچىدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا بەكرەك سەبر قىلاتتى. دېمەك، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى خىلمۇخىلدۇر.

ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان ئالىملارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى: ئۇلار دۇنيانىڭ ئەرزىمەس، ئاخىرەتنىڭ بىباھا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ ئىككىسى دەرۋەقە ئىككى كۈندەشكە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئاخىرەتنى ئەۋزەل بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى گەپ – سۆزلىرىگە زىت كەلمەيدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك ئىلىمگە مايىلدۇر. شۇڭا، مەنپەئەتى زىيادە بولغان ئىلىمنى تاللاپ، مەنپەئەتى ئاز ئىلىمدىن يىراق تۇرىدۇ.

شەقىق ئەلبەلخىي ھاتىم ئەلئەسەمدىن — ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن — سورىدى:

— ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىز بىلەن بىرگىسەن، نېمىلەرنى ئۆگەندىڭ؟

ھاتىم جاۋابەن مۇنداق دېدى:

— سەككىز تۈرلۈك ئىلىم ئۆگەندىم:

1) مەخلۇقاتقا قارىدىم، ھەركىمنىڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىسى بار ئىكەن، كىشى قەبرىگە يەتكەندە، ياخشى كۆرگەن نەرسىسى ئۇنىڭدىن ئايرىلىدىكەن، شۇڭا مەن قەبرەمدە مەن بىلەن بىللە بولۇشى ئۈچۈن ياخشى ئەمەلنى ئۆزۈمگە يار قىلدىم.

2) مەن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەتتۇر﴾(79/«نازىئات»: 40، 41) دېگەن سۆزىگە قارىدىم ۋە نەپسىمنى خاھىشىمغا بېرىلىشتىن توسۇشقا كۈچىدىم، شۇندا نەپسىم ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتا مۇستەھكەم تۇردى.

3) كۆردۈمكى، ھەركىمنىڭ قېشىدا ئۆزى ساقلايدىغان قىممەتلىك نەرسىسى بار ئىكەن، مەن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەبر قىلغۇچىلارغا، ئەلبەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز﴾(16/«نەھل»: 96) دېگەن سۆزىگە قارىدىم ۋە قاچانكى قولۇمغا قىممەتلىك نەرسە چۈشۈپ قالسا، ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ماڭا ياخشىلىق ئەپكەلسۇن ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلدىم.

4) كۆردۈمكى، كىشىلەر مال – دۇنيا، كېلىپ چىقىش ۋە شەرەپكە ھېرىسمەنىكەن، ھالبۇكى بۇلار ئەرزىمەس نەرسىلەردۇر. مەن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾(49/«ھۇجۇرات»: 13) دېگەن سۆزىگە قارىدىم ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ھۆرمەتلىك بولۇش ئۈچۈن تەقۋادار بولۇشقا تىرىشتىم.

5) قارىسام، كىشىلەر ئۆزئارا ھەسەت ئىچرە ئىكەن، مەن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۆزلىرى ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق﴾(43/«زۇخرۇف»: 32) دېگەن سۆزىگە قارىدىم ۋە ھەسەت قىلىشنى تاشلىدىم.

6) قارىسام، كىشىلەر بىر – بىرىنى دۈشمەن تۇتۇشىدىكەن، مەن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار﴾(35/«فاتىر»: 6) دېگەن سۆزىگە قارىدىم ۋە كىشىلەرنى دۈشمەن تۇتۇشنى تاشلاپ، شەيتاننى دۈشمەن تۇتتۇم.

7) قارىسام، كىشىلەر رىزىق تەلەپ قىلىپ ئۆزىنى خار قىلىشىدىكەن، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿يەر يۈزىدىكى بارچە ھايۋانلارغا رىزىق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغاندۇر… ﴾(11/«ھۇد»: 6) دېگەن سۆزىگە قارىدىم ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىكى ھەقلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدۇم، ئۆزۈم ئۈچۈن بولغان نەرسىنى ئاللاھقا قويدۇم.

8) مەن كىشىلەرنى تىجارىتىگە، كەسىپ – كارىغا، تەن ساقلىقىغا تەۋەككۈل قىلغان ھالەتتە كۆردۈم، ئاندىن ئاللاھ تائالاغىلا تەۋەككۈل قىلدىم.

ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان ئالىملار: ئەمەلدارلار بىلەن ئارىلاشمايدۇ، ئۇلاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ.

ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— پىتنىگە چۈشۈپ قالىدىغان يەرلەردىن ساقلىنىڭلار! — دېگەنىدى.

— نېمىنى كۆزدە تۇتتىڭىزكىن؟ — دېيىشتى. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ئەمىر – ئۆمەرالارنىڭ بوسۇغىسىنى. ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا بارسا (خۇشامەتەن) يالغانلىرىنى تەستىقلاپ، ئۇلارنى ئۆزىدە يوق سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەپ قويىدىغانلار بار، — دېدى(27).

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن —: «ئەمىر – ئۆمەرالار بىلەن يېقىن بىرەر ئالىمنى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئۇنداق ئالىم ئوغرىدۇر» دېگەن.

بەزى سەلەفلەر: «ئەمىرلەر سېنىڭ دىنىڭدىن ئەۋزەلرەك نەرسىگە ئېرىشمىگۈچە، سەن ئۇلارنىڭ دۇنياسىدىن بىرەر نەرسىگە ئېرىشەلمەيسەن» دېگەن(28).

ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان ئالىملار: پەتۋا بېرىشكە ئالدىرىمايدۇ ۋە توغرىلىقىغا جەزم قىلمىغۇچە پەتۋا بەرمەيدۇ. سەلەف سالىهلەر بىر مەسىلىگە پەتۋا بېرىشنى بىر – بىرىگە ئىتتىرىشەتتى، ھەتتا ئۇ مەسىلە ھەققىدە پەتۋا بېرىش چۆرگىلەپ بىرىنچى كىشىگە قايتاتتى.

ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتۇر: «مەن مەسجىدى نەبەۋىيدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن 120 كىشىنى كۆرگەنمەن. ئۇلارنىڭ قايسىبىرىدىن ھەدىس ياكى پەتۋا توغرۇلۇق سورالسا، ئۇ چوقۇم قېرىندىشىنىڭ جاۋاب بېرىشىنى خاھلايتتى»(29).

مانا ئەمدى ئۆزىنى ئىلىملىك سانىغۇچى بىر تۈركۈم كىشىلەر بىرەر مەسىلە ئوتتۇرىغا تاشلانغان ھامان جاۋابلاش ئۈچۈن دەرھال سەكرەپ چۈشىدىغان بولۇپ كەتتى. «ئەگەر بۇ مەسىلىلەر ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا سۇنۇلسا ئىدى، (چوقۇم) بەدر ئۇرۇشىغا قاتناشقان ساھابەلەرنى يىغىپ، مەسلىھەتىنى ئالغان بولاتتى»(30).

ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان ئالىملار: كۆپىنچە «ئەمەللەرنى نېمىلەر بۇزىدۇ، نېمىلەر قەلبلەرنى بۇزىدۇ ۋە نېمىلەر ۋەسۋەسە قوزغايدۇ؟» دېگەن ھەقتە ئىزدىنىشىدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر كۆرۈنۈشتە بىر – بىرىگە يېقىن ۋە قولايدەك بولغىنى بىلەن، ساپ ئەمەل بەسى قىيىندۇر. دىننىڭ ئاساسى يامانلىقتىن ساقلىنىشتۇر، شۇڭا ساقلىنىدىغان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگۈچە، ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان ئالىملار: شەرئىي ئەمەللەرنىڭ سىرلىرى توغرۇلۇق ئىزدىنىش ۋە ئۇلاردىكى ھېكمەتلەرنى مۇلاھىزە قىلىش، ئەگەر ئەمەللەرنىڭ بەلگىلىنىش سىرلىرىنى بىلىشتىن ئاجىز كەلسە شەرىئەتكە تەسلىم بولۇش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ.

ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان ئالىملار: ساھابەلەرگە ۋە تابىئىنلەرنىڭ ياخشىلىرىغا ئەگىشىدۇ ۋە شۇنداقلا ھەرقانداق بىدئەتتىن ساقلىنىدۇ.

 

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. ئەبۇ تالىب ئەلمەككىي: «قۇتۇلقۇلۇب»، 1/241؛ غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 1/5.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (71)؛ مۇسلىم (1037).
3. تىرمىزىي (2685): «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
4. ئەبۇ داۋۇد (3641)؛ تىرمىزىي (2682). ئالبانىي: («سەھىھۇ سۈنەنى ئەبى داۋۇد»، 3096) «سەھىھ» دېگەن.
5. ئەھمەد (18011)؛ ئىبنى ماجە (226)؛ تىرمىزىي (3535). ئالبانىي: («سەھىھۇ سۈنەنىتتىرمىزىي»، 2801) «ھەسەن» دېگەن.
6. مۇسلىم (2699).
7. دارىمىي (354) ھەسەن بەسرىيدىن مۇرسەل كەلتۈرگەن. تەبەرانىي («ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 9450) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن بۇنىڭغا ئوخشاشراق مەرفۇﺋ بىر رىۋايەت كەلتۈرگەن. ئالبانىي: («مىشكاتۇلمەسابىھ»، 249) «زەئىف» دېگەن.
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2942)؛ مۇسلىم (2406).
9. دارىمىي (343)، سەنەدى ياخشى، مەۋقۇف.
10. مۇسلىم (1955). شەدداد ئىبنى ئەۋس رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ھەممە ئىشتا ياخشىلىققا ۋە گۈزەللىككە بۇيرۇغان. ئۇنداقتا ئۆلتۈرگەندە چىرايلىق ئۆلتۈرۈڭلار، بوغۇزلىغاندا چىرايلىق بوغۇزلاڭلار…» دېگەن.
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (79)؛ مۇسلىم (2282).
12. ئاجۇررىي: «ئەخلاقۇلئۇلەماﺋ»، (22)؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 1/239؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «جامىئۇ بەيانىل ئىلىم»، (202). ئىبنى تەيمىييە («مەجمۇئۇلفەتاۋا»، 4/109): «بۇ مەرفۇﺋ رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى قاتارىدا مەۋقۇف ساقلىنىپ كەلگەندۇر» دېگەن.
13. ئەلخەللال: «ئەلمۇنتەخەب مىنەلئىلەل»، (61، 62)؛ ئىبنى ماجە (224). بۇ ھەدىس زەئىف بولسىمۇ كۆپ يولدىن رىۋايەت قىلىنغاچقا، مەزمۇنى سەھىھتۇر. ئىمام مىززىي ۋە ئىمام سۇيۇتىي: («ئەددۇرەرۇل مۇنتەسەرە»، 24 – بەت) «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 3913، 3914) «سەھىھ» دېگەن.
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7158)؛ مۇسلىم (1717). ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
15. ھەدىس رىجالى ئىلمى (عِلمُ الرِّجَالِ): ھەدىس ئىلمىدە راۋىيلەر ۋە ئىشەنچلىكلىك دەرىجىلىرىنى بەلگىلەشتە پايدىلىنىلىدىغان يان ئىلىملەر ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بىر ئاتالغۇ. جەرھ ۋە تەئدىل ئىلمى (عِلمُ الجَرْحِ والتَعْدِيْلِ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. — ت.
16. زىھار (الظِّهَارُ): ئەرەبچە «دۈمبە ۋە ئۇچا» دېگەن مەنىدىكى «ئەززاھر / الظَّهْرُ» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن ئاتالغۇ بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: كىشىنىڭ ئايالىنى ياكى ئايالىنىڭ تېنىنىڭ مەلۇم بىر يېرىنى ئۆزى بىلەن مەڭگۈلۈك نىكاھ چۈشمەيدىغان ئانىسىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقىنىنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە ئوخشىتىپ، ئايالىنى ئۆزىگە ھارام ھېسابلاپ قەسەم ئىچىشى. جاھىلىيەتتە كىشىلەر ئاياللىرىدىن قاتتىق نارازى بولغاندا: «سىز ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىدەك (ھارام)» دېيىش ئارقىلىق ئۇ ئايالنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋېتىپ ھەم قويۇۋەتمەي، ئېسىپ قوياتتى. ئىسلامىيەت بۇنى ھارام قىلىپ، 58/«مۇجادىلە»: 2 – 4 – ئايەتلەردە بۇنى «يامان، ساختا سۆز» دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئاخىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇ سۆز تالاق ھېسابلانمايدىغان، لېكىن كەففارەت بەرمىگۈچە ئايالىغا يېقىن كېلەلمەيدىغان بولغان. — ت.
17. بىر قىسمىنى دارىمىي (294) رىۋايەت قىلغان. سەنەدى سەھىھ.
18. تىرمىزىي (3510)؛ ئەبۇ يەئلا (3432). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن؛ تەبەرانىي «ئەلكەبىر»، (11158) دە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. ئالبانىي: («سەھىھۇ سۈنەنىتتىرمىزىي»، 2787) «ھەسەن» دېگەن.
19. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇسسەغىر»، (507). ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 868) «بەك زەئىف» دېگەن.
20. تەبەرانىي: («ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، 4613(. سەنەدى «سەھىھ». ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»، 15851(.
21. قازى ئىياز: «ئەلئىلمائۇ»، 48 – بەت؛ خەتىب ئەلباغدادىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىرراۋىي»، 1/199.
22. ھەكىم تىرمىزىي بۇنى («ئەننەۋادىر»، 345 – بەت): «تابىئىنلەردىن بەكر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلمۇزەنىينىڭ سۆزى» دەپ رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى تەيمىييە («مىنھاجۇسسۈننە»، /6137): «ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەيياشنىڭ سۆزى» دەپ بايان قىلغان؛ ئىبنۇلجەزەرىي («غايەتۇننىھايە»، 1/327): «بۇنى ھەدىس ئىلمىنى بىلمەيدىغانلار رەسۇلۇللاھقا نىسبەت بېرىپ، ‹ھەدىس› دەپ نەقىل قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەيياشنىڭ سۆزىدۇر» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 962) «مەرفۇﺋ رىۋايەت قىلىنمىغان» دېگەن.
23. دەيلەمىي: «ئەلفىردەۋس»، (1611)؛ سەخاۋىي: («ئەلمەقاسىد»، 180) «سەنەدى بەك زەئىف» دېگەن. لېكىن، ئىمام بۇخارىي (127 – ھەدىستىن بۇرۇن) ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «كىشىلەرگە چۈشىنىشلىك سۆزلەڭلار، سىلەر ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يالغانغا چىقىرىلىشىنى ياقتۇرامسىلەر؟!» دېگەنلىكىنى، ئىمام مۇسلىم («ئەسسەھىھ» مۇقەددىمىسىدە) ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان گەپنى قىلما، ئۇنداق قىلساڭ، بەزىلەرنى پىتنىگە سېلىپ قويىسەن» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
24. «دىۋانۇششافىئىي»، 124 – بەت.
25. ئەھمەد (8438)؛ ئەبۇ داۋۇد (3664)؛ ئىبنى ماجە (252). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
26. تىرمىزىي (2654)؛ ئىبنى ماجە (253). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
27. ئابدۇرراززاق (20643).
28. بۇ تابىئىنلەردىن ئەلقەمە رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزىدۇر. قاراڭ: ئەبۇ مەسئۇد ئەلمەئافىي: «ئەززۇھد»، (45).
29. دارىمىي (135). ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
30. بۇ ئەبۇ ھەسىن ئەلئەسەدىينىڭ سۆزىدۇر، سەنەدى ھەسەن. ئىبنى بەتتا: «ئىبتالۇل ھىيەل»، 62 – بەت.

Please follow and like us: