ئەلغەنىي جەللە جەلالۇھۇ

ئەلغەنىي جەللە جەلالۇھۇ

دوكتور شەرىف فەۋزىي سۇلتان

ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿ئۇلار (يەنى كافىرلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى، ئاللاھ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، بىھاجەتتۇر (يەنى بالا قىلىۋېلىش ئېھتىياج ئۈچۈن بولىدۇ، ئاللاھ بولسا ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر)، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى يالغاندىن ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟﴾(10/«يۇنۇس»: 68).

ئاللاھ تائالا يەنە دەيدۇكى: ﴿مۇسا (ئۆز قەۋمىگە): «ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى كىشىلەر كافىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر)، چۈنكى ئاللاھ ئەلبەتتە (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىلەشكە لايىقتۇر» دېدى﴾(14/«ئىبراھىم»: 8).

ئاللاھ تائالا يەنە دەيدۇكى: ﴿(نازىل بولغان) كىتابنى چوڭقۇر بىلىدىغان زات (يەنى ئاسەف ئىبن بۇرخىيا): «ئۇنى مەن ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى (ئۇ دۇئا قىلىۋېدى، تەخت دەرھال ئالدىدا ھازىر بولدى). سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ (ماڭا قىلغان) ئېھسانىدۇر، ئۇ شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇزكورلۇق قىلامدىم، بۇنىڭ بىلەن مېنى سىنىدى، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، (بىلىش كېرەككى) ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم (ئۇنىڭ شۈكۈر قىلىشىدىن بىھاجەتتۇر)، (ئاللاھنىڭ) كەرىمى كەڭدۇر» دېدى﴾(27/«نەمل»: 40).

ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿كىمكى جىھاد قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان جىھادى ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تامامى ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 6) دېگەن.

ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر﴾(35/«فاتىر»: 15) دېگەن.

بۇ ئىسىمنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى مەنىسى

ئەلغەنىي جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ ھەممىدىن بىھاجەت بولغان، ھەممە ئۇنىڭغا موھتاج بولىدىغان زاتتۇر.

يەنى مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئىنئامى ۋە ئېھسانىغا موھتاجدۇركى، ئۇ ئاللاھ ھېچكىمگە موھتاج بولمايدۇ. مانا بۇ ھېچكىم ئاللاھ تائالاغا شېرىك بولالمايدىغان مۇتلەق بايلىقتۇر (بىھاجەتلىكتۇر). ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق غەنىي (باي) نىڭ بايلىقى نىسبىيدۇر، مۇقەييەدتۇر (بىرنەرسىگە باغلانغاندۇر).

ئەلغەنىي جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ ھېكمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، بەندىلىرىدىن خاھلىغان كىشىنى باي قىلىدىغان زاتتۇر. بۇ ھەقتە ئۇلۇغ ئاللاھ: ﴿پەرۋەردىگارىڭ (خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر﴾(6/«ئەنئام»: 133) دېگەن.

ئەلغەنىي جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ ئەتائ‍ – ئېھسانى توختاپ قالمايدىغان، ياردەم – مەدىتى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ۋە خەزىنىلىرى ھەر ۋاقىت توشۇق، تۈگەپ كەتمەيدىغان زاتتۇر. بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ بايلىقى بىلەن بەندىنىڭ بايلىقى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئاشكارا بولىدۇ:

يەنى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بايلىقى بولسا زاتىي بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاجرىمايدۇ. ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ دېگەنكى: «ئۇ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆز زاتى بىلەن باي بولۇپ، ھەممە تەرەپتىن مۇتلەق، تولۇق بايلىق ئۇ زاتقا خاستۇر. (بۇنداق بولۇشى) ئۇ زاتنىڭ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە دۇنيا – ئاخىرەتنىڭ خەزىنىلىرى ئىلكىدە بولغان ۋە ھېچقاچان ناقىسلىق يېتىپ قالمايدىغان دەرىجىدە كامىل بولغانلىقى ۋە سۈپەتلىرىنىڭ كامىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر».

ئەمما، بەندە بولسا ئۇ ئۆز زاتى بىلەن پېقىردۇر، ئاللاھ باي قىلغان نەرسە بىلەن بايدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭ پېقىرلىقى مۇتلەقتۇر، چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتى روھىغا ئالاقىدار بولۇپ، روھىنى ئۇنىڭغا ھەممىدىن بىھاجەت ئاللاھ ئۇنىڭ ئىزنىسىز بەردى ۋە قايتۇرۇۋېلىنىدىغان ئارىيەت قىلدى. يەنە پات ئارىدا ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئىزنىسىز بىلمەي قالغان پەيتتە تارتىۋالىدۇ. ئەھۋال شۇنداق بولغانىكەن، ئۇ قانداقمۇ باي بولسۇن؟!

ئۇنداقتا بەندىنىڭ بايلىقى ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان مال – دۇنيانىڭ كۆپلۈكى بىلەن بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئۇنىڭدىن بەرگەن بايلىقىنى تارتىۋالسا، كەمبەغەل بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بەندە بايلىق تەلەپ قىلىدىغان نەرسىگە ۋە باي قىلغۇچىغا موھتاج بولىدۇ. ھەممىدىن بىھاجەت نامى ئۇلۇغ رەببىمىز خاھلىسا ئۇنىڭغا بېرىدۇ، خاھلىسا بەرمەيدۇ. خاھلىسا باي قىلىدۇ، خاھلىسا پېقىر قىلىدۇ.

 

ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن بىھاجەت (باي) ئىكەنلىكىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى

بىرىنچى: ھەقىقەتەن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئۇ زاتنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى ۋە ئۇ زاتنىڭ مەخلۇقاتىغا بولغان سېخىيلىقى داۋاملىق كېلىپ تۇرىدىغانلىقى

ئۇ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ قولى كېچە – كۈندۈز ياخشىلىققا توشۇق بولۇپ، ئەتائى – ئېھسانى توختاپ قالمايدۇ، ياردەم – مەدىتى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ قولى (ياخشىلىق ۋە خەير – ئېھسانغا) توشۇقتۇر. ئېھسان قىلىش ئۇنى كەملىتىپ قويمايدۇ. ئۇ كېچە – كۈندۈز (داۋاملىق) بېرىپ تۇرغۇچى زاتتۇر. سىلەر ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقاندىن تارتىپ ئېھسان قىلغان نەرسىلەرنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ ئۇ ئاللاھنىڭ قولىدىكى نەرسىنى قىلچىلىكمۇ كەملىتىپ قويمىدى. ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدىدۇر. ئۇنىڭ قولىدا تارازا بار بولۇپ، (خاھلىغان) كىشىنى تۆۋەن قىلىدۇ، (خاھلىغان) كىشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ»(1).

ئىككىنچى: شەكسىزكى، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى بىر تۆپىلىككە يىغىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە سورىغان نەرسىسىنى بەرسە، بۇ ئاللاھنىڭ مۈلكىدىن زەررىچىلىكمۇ نەرسىنى كەملىتىپ قويمايدىغانلىقى

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىززەت ئىگىسى رەببىمىزدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دېگەن: «ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى بىر تۈزلەڭلىككە يىغىلىپ مەندىن سورىسا، مەن ھەربىر ئىنسانغا مەندىن سورىغىنىنى بەرسەم، پەقەت دېڭىزغا چىلىنىپ ئېلىنغان يىڭنىگە يۇققان سۇ دېڭىز سۈيىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمىگەندەك، مېنىڭ سەلتەنىتىمدىكى نەرسىلەردىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ»(2).

ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاسىيلىقى زەرەر يەتكۈزەلمىگەندەك، ئول زاتقا ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىتائىتىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغانلىقى

يۇقىرىقى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى بەندىلىرىم! سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، ماڭا ھەرگىز زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پايدا يەتكۈزمەكچى بولساڭلارمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىنسانلار ۋە جىنلار ھەممىسى يىغىلىپ، بىر ئەڭ تەقۋادار كىشىنىڭ قەلبىگە ئوخشاش بولۇپ كەتسەڭلارمۇ، مېنىڭ سەلتەنىتىمدىكى قىلچىلىك نەرسىنىمۇ زىيادە قىلالمايسىلەر. ئەگەر سىلەردىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئەڭ پاسىق بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە ئوخشاش بولۇپ كەتسەڭلارمۇ، مېنىڭ سەلتەنىتىمدىكى ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيسىلەر»(3).

تۆتىنچى: ئاللاھ تائالا خوتۇن ئالغانمۇ ئەمەس، بالا تاپقانمۇ ئەمەس، ئۇ زاتنىڭ پادىشاھلىقىدا ھېچبىر شېرىكى يوقتۇر. خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغۇچىدۇر. بۇنداق بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنىڭ كامىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئۇ زات جىمى نۇقسانلاردىن پاكتۇر، ئۈستۈندۇر، نامى ئۇلۇغدۇر

بەشىنچى: ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنىڭ – زېمىننىڭ، ئۇلاردىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەممە نەرسىنىڭ مالىكى ئىكەنلىكى، ئۇ زاتنىڭ بۇلاردا ھېچبىر شېرىكى يوق ئىكەنلىكى

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، ھەمدۇساناغا لايىقتۇر﴾(22/«ھەج»: 64) دېگەن.

ئالتىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى موھتاج بولغان ھېچبىر نەرسىگە موھتاج ئەمەسلىكى

يەتتىنچى: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئۆزىگە دۇئا قىلىشقا بۇيرۇپ، ئۇلارغا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشقا ۋە ھەممە مۇراد – مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقى

سەككىزىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە كەڭرى رىزىق بەرگەنلىكى، ئۇلارغا تۈرلۈك ياخشىلىقلار ۋە بەرىكەتلەرنى ۋە ساناپ بولغۇسىز نېئمەتلەرنى چۈشۈرۈپ بەرگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇلارغا بايلىققا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەرنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى ۋە دوستلىرىنىڭ قەلبلىرىنىڭ يالغۇز ئۆزىگىلا تەلپۈنۈپ، باشقا بىرسىگە تەلپۈنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە دىنىي مەرىپەتلەر، رەببانىي ئىلىملەر ۋە ئىمانىي ھەقىقەتلەرنى تۆكۈپ بەرگەنلىكى

توققۇزىنچى: مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەربىر ھالەتتە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئاللاھ تائالادىن بىھاجەت بولالمايدىغانلىقى

دېمەك، ئۇلار ئاللاھقا مۇتلەق موھتاجدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر﴾(35/«فاتىر»: 15) دېگەن.

ئۇلار يارىتىلىشىدا، پەيدا بولۇشىدا ئاللاھقا موھتاجدۇر.

ئۇلار كۈچ – قۇۋۋەت تەييارلىشىدا ۋە ئۇ بولمىسا ھېچ ئىش قىلالمايدىغان پۇت – قوللىرىنى، ئەزالىرىنى باشقۇرۇشتا ئاللاھقا موھتاجدۇر.

ئۇلار ئوزۇق – تۈلۈكلىرىنى ۋە ئاشكارا – يوشۇرۇن نېئمەتلىرىنى ھاسىل قىلىشتا ئاللاھقا موھتاجدۇر.

ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئىنتىقام ۋە تۈرلۈك يامان كۆرۈلىدىغان ئىشلارنى يىراق قىلىشتا، شۇنداقلا يوللىرىدىن قىيىنچىلىق ۋە تۈرلۈك داۋانلارنى زائىل قىلىشتا ئاللاھقا موھتاجدۇر.

ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە تەربىيەلەشتە ئاللاھقا موھتاجدۇر.

ئۇلار بىلمىگەن نەرسىلىرىنى بىلىشتە ئاللاھقا موھتاجدۇر.

ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى ئەپۇ قىلىشى، مەغپىرەت قىلىشى ۋە سەتر قىلىشىدا ئول زاتقا موھتاجدۇر.

ئۇلار يەنە ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولۇشىدا ئاللاھقا موھتاجدۇر.

ئونىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ ھۆرمەت دىيارى بولغان جەننەتىگە داخىل بولغانلارغا كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان ۋە ئىنساننىڭ قەلبىگە كېچىپ باقمىغان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان تۈرلۈك – تۈمەن نازۇ – نېئمەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى ئاتا قىلغانلىقى

يۇقىرىقىلار ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بايلىقى (ھەممىدىن بىھاجەت ئىكەنلىكى) دىن دېڭىزدىن بىر تامچىدۇر.

ئاللاھقا «ئەلغەنىي» دېگەن ئىسمىغا قارىتا قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟

بىرىنچى: ئەلغەنىي جەللە جەلالۇھۇغا ئۆزىمىزنىڭ موھتاجلىقىنى ئاشكارىلىشىمىز كېرەك

چۈنكى، رەببىمىزنىڭ ياردىمى بولمىسا، قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچىلىكمۇ ئول رەببىمىزدىن بىھاجەت بولالمايمىز. دېمەك، بىزلەر تىنىقىمىز توختاپ قالغان مۇددەتكىچە، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە ھەربىر سىكۇنتتا ئاللاھقا موھتاجمىز. شۇڭا، كىمكى ئۇلۇغ ئاللاھقا موھتاجلىقىنى ئاشكارىلايدىكەن، ئاللاھ ئۇنى باي قىلىدۇ، كۆڭلى – كۆكسىنى توق قىلىدۇ ۋە پاناھلاندۇرىدۇ.

مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىككى قىز (شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قىزى) نىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، بىر دەرەخنىڭ سايىسىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ: ﴿پەرۋەردىگارىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا موھتاج﴾(28/«قەسەس»: 24) دېگەنىدى.

دېمەك، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھېچبىر كىشىگە موھتاج بولمىدى، ھېچبىر كىشىنىڭ تەرىپىگە پاناھلانمىدى ۋە ھېچبىر كىشىدىن ياردەم تەلەپ قىلمىدى. ھالبۇكى بۇ پەيغەمبەر يۇرتىدىن قوغلانغان، قورققان ھالەتتە چىققان ئىدى. لېكىن، ئۇ ئاللاھقا ئۆزىنىڭ موھتاجلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە رەببى بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە نەرسىدىن بىھاجەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى پاناھلاندۇردى، كۇپايە قىلدى، ھۆرمەتلىدى ۋە بىھاجەت قىلدى.

ئەگەر بەندە ئۆزىنىڭ ئاللاھقا موھتاجلىقىنى ھەقىقىي ئىپادىلىسە، كاتتا ئىككى مۇكاپاتقا نائىل بولىدۇ:

1. خالىس تەۋھىد ئەقىدىسىدە بولغان بولىدۇ. چۈنكى، تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتى قەلبنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسىدىن پارىغ بولۇشىدۇر.

2. مەخلۇقاتتىن بىھاجەت بولىدۇ. مانا بۇ ئاللاھقا موھتاج بولغانلىقنىڭ مەنىسى ۋە مېۋىسىدۇر.

بەندە ئاللاھقا توغرا يولغا ھىدايەت قىلىنىشىدا ھەممىدىن بەك موھتاج بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھقا موھتاج بولغان بەندە قىلىۋاتقان ئىبادەتلىرى ۋە مۇۋەپپەق قىلىنغان ھىدايەت (توغرا يول) نىڭ پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ تەۋپىقى بىلەنلا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مانا بۇ «لا حول ولا قوة الا بالله (ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ)»نىڭ مەنىسىدۇر، شۇنداقلا نامازلىرىمىزدا ئوقۇيدىغان ﴿ إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ * اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ ((رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن)﴾(1/«فاتىھە»: 5، 6) نىڭ مەنىسىدۇر.

يەنە شۇنداقلا جەننەت ئەھلىنىڭ: ﴿جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېئمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق﴾(7/«ئەئراف»: 43) دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بەندىگە تۆۋەندىكى ئىشلاردا ئاللاھ تائالاغا موھتاج بولۇشى ۋاجىب بولىدۇ:

1. ئاللاھنىڭ ئۆزىنى تائەت – ئىبادەتلەرگە مۇۋەپپەق قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىشىدا؛

2. ئاللاھنىڭ ئول ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىشىدە.

ئاندىن بەندە ئەمەلنى ئۆزىگە نىسبەت بەرمەسلىكى، بەلكى ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە تەۋپىقىگە نىسبەت بېرىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇنىڭدىن مەغرۇرلىنىش يوقايدۇ ۋە ئەجىر – ساۋاب مەڭگۈ قالىدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، ئاللاھقا ئەڭ مۇكەممەل قۇلچىلىق قىلغۇچى ئاللاھقا ئۆزىنىڭ موھتاجلىقى ۋە ھاجىتىنى ئەڭ كۆپ ئىپادە قىلغان بەندىدۇر. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇئالىرىنىڭ قاتارىدا: «أَصْلِحْ لِيْ شَأْنِيْ كُلَّهُ، وَلَا تَكِلْنِيْ إِلَى نَفْسِيْ طَرْفَةَ عَيْنٍ، وَلَا إِلَى أَحَدٍ مِنْ خَلْقِكَ (ئى ئاللاھ! مېنىڭ ھەممە ئىشىمنى ئىسلاھ قىلىپ بەرگىن. مېنى ئۆزۈمگە (ئاجىزلىقىمغا) ۋە مەخلۇقاتلىرىڭدىن بىرەرىگە كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچىلىكمۇ تاشلاپ قويمىغىن»(4) دېگەن دۇئا بار ئىدى.

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يَا مُقَلِّبَ الْقُلُوْبِ ثَبِّتْ قَلْبِيْ عَلَى دِيْنِكَ (ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! قەلبىمنى دىنىڭنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغىن)»(5) دەپ دۇئا قىلاتتى.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەلبىنىڭ نامى ئۇلۇغ رەھمان تائالانىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئاللاھتىن بىھاجەت بولۇپ ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئۇنى خاھلىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەنىدى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿سېنى بىز (ھەقتە تۇرۇشتا) مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا مايىل بولۇپ كەتكىلى ھەقىقەتەن تاس قالغان ئىدىڭ﴾(17/»ئىسرائ‍»: 74) دېگەن ئايىتىنى تىلاۋەت قىلىپ، ھىدايەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن بولىدىغانلىقىغا جەزم قىلغانىدى.

شۇڭا، بىز چوڭ – كىچىك ۋە ئاشكارا – يوشۇرۇن ھەممە ئىشلىرىمىزدا ئاللاھ تائالاغا موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئاشكارىلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك.

ئاللاھ تائالاغا بولغان موھتاجلىق پەقەت جىمى نۇقسانلاردىن پاك ياراتقۇچى ئول زاتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىش ۋە مەخلۇقنىڭ مەيلى كۈچ – قۇۋۋىتى، مەيلى يۈز – ئابرۇيى، مەيلى ئىلمى قانچىلىك بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، بەرىبىر ئۇنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئىككىنچى: بايلىقنىڭ شەرئىي سەۋەبلىرىنى تۇتۇشىمىز كېرەك

باي بولۇشنىڭ يوللىرى: باي بولۇشنى ئويلامسەن؟

باي بولۇش بەندە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى تۇتسا بولىدىغان دەرىجىدە ماختاشقا تېگىشلىك ئىشمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق، مال – دۇنيا، ئەگەر ئۇ سالىھلارنىڭ قوللىرىدا ھەرىكەتلەنسە، نېمىدېگەن گۈزەل! نېمىدېگەن شەرەپلىك! نېمىدېگەن ھۆرمەتلىك – ھە! ئەگەر نادانلارنىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ قالسا، نېمىدېگەن ھەقىر! شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا تەقۋادار، باي، نامسىز (ئاللاھنىڭ ئىبادىتى بىلەن بولۇپ، ئۈستۈنلۈك ۋە شان – شەرەپنى ئويلىمايدىغان) بەندىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن(6).

سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ۋارىسلىرىڭنى كىشىلەردىن تىلەيدىغان گاداي ھالدا قالدۇرغىنىڭدىن كۆرە، باي ھالدا قالدۇرغىنىڭ ياخشى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ خەير – ئېھسان قىلساڭ ساۋاب تاپىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سالغان لوقما ئۈچۈنمۇ ساۋاب تاپىسەن» دېگەن(7).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دېدىكى: «بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! قايسى خىلدىكى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ چوڭ بولىدۇ؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سەن كەمبەغەللىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ تۇرغان، باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ تۇرغان، پۇل – مالغا ھېرىسمەن بولۇپ تۇرغان ۋە ساغلام تۇرغان ۋاقتىڭدا قىلغان سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. سەدىقە بېرىشنى كېچىكتۈرمىگىن، كېچىكتۈرۈپ جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا ‹پالانىغا مۇنچىلىك بېرىڭلار، پوكۇنىغا مۇنچىلىك بېرىڭلار› دېگىنىڭ بىلەن، بۇ چاغدا مال باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى»(8).

باي بولۇشنىڭ يوللىرى

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەرقانداق نەرسە ئۈچۈن سەۋەب – قانۇنىيەت بېكىتتى. شۇنىڭدەك بايلىق ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان ھېسسىي، مەنىۋى، قەۋلىي ۋە فىئلىي سەۋەبلەرنى بېكىتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، باي بولماقچى بولغان ئادەم ئەلغەنىي جەللە جەلالۇھۇدىن ياردەم تەلەپ قىلسۇن ۋە بۇ سەۋەبلەرنى تۇتسۇن. ﴿(ئى مۇسا) ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن﴾(7/«ئەئراف»: 145).

1. ئاللاھقا ھەقىقىي ئىتائەت قىلىش

ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى قەۋملەر ھەققىدە: ﴿ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرى ئاستىدىن يەر ئىدى (يەنى ئۇلارغا ئاسمان – زېمىندىن كەڭ رىزىق بېرىلەتتى)، ئۇلاردىن بىر جامائە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقانلار) توغرا يولدىدۇر. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى نېمىدېگەن يامان ئىش قىلغۇچىلار!﴾(5/مائىدە: 66) دېگەن.

ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿ئەگەر ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (يەنى رىزقىنى كەڭ قىلىپ بېرەتتۇق)، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت – ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ﴾(72/جىن: 16، 17) دېگەن.

ئىمام مۇجاھىد بۇ ئايەتنى: «ئەگەر ئۇلار ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ماڭسا ئىدى، ئۇلارغا كۆپ مال – مۈلك بەرگەن بولاتتۇق» دەپ تەفسىر قىلغان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتتىكى ﴿ماءً غدقًا﴾نى: «پاراۋان تۇرمۇشتۇر» دېگەن.

ئى قېرىندىشىم! ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى ئۆزۈڭگە ۋە ئائىلەڭگە تەتبىقلىغىن، شۇندىلا ساڭا مول – مول رىزىق ئۆزلۈكسىز كېلىدۇ ۋە ئاللاھ بايلىقنى سېنىڭ قەلبىڭدە ۋە كۆز ئالدىڭدا قىلىپ بېرىدۇ.

ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: «ئى ئادەم بالىسى! ماڭا ئىبادەت قىلىشقا پارىغ بولغىن، شۇندىلا قەلبىڭنى بايلىققا توشقۇزىمەن ۋە پېقىرلىقىڭنى يوق قىلىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ، قەلبىڭنى (دۇنياغا) مەشغۇل قىلىپ قويىمەن ۋە مېلىڭدىن بەرىكەتنى يوق قىلىمەن»(9).

«ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا پارىغ بولۇش» دېگەننىڭ مەنىسى پۈتۈن ۋاقتىنى ئىبادەت بىلەنلا ئۆتكۈزۈش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى «ئىبادەتنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك» دېگەنلىكتۇر.

2. ئاخىرەتنىڭ غېمى بىلەنلا يۈرۈش

زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «كىمنىڭ ئەس – يادى مال – دۇنيا تېپىشتىلا بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىدۇ ۋە مەنىۋىيىتىنى تېخىمۇ كەمبەغەللەشتۈرۈۋېتىدۇ، ئۇ بەندە شۇنچە جاپا تارتسىمۇ، دۇنيادىن پەقەت تەقدىر قىلىنغان نەرسىگىلا ئېرىشىدۇ. كىمنىڭ ئەس – يادى ئاخىرەتتە بولسا، ئاللاھ ئۇنى قانائەتچان ۋە خاتىرجەم قىلىدۇ، ئۇ بەندە مال – دۇنياغا ئاسان ئېرىشىدۇ»(10).

3. ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇدىن قورقۇش

يەنى كىمكى ئاللاھتىن ئۇ زات بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇش بىلەن قورقسا ۋە شۇنداقلا ئاشكارا – يوشۇرۇن ھالەتتە ئۇ زاتتىن ھەقىقىي قورقسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ بەرىكەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿(پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلبەتتە، ئۇلارنى ئاسمان – زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق، لېكىن ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق﴾(7/«ئەئراف»: 96).

ئىمام رازىي ئېيتتىكى: «ئاسماننىڭ بەرىكەتلىرى يامغۇردۇر، زېمىننىڭ بەرىكەتلىرى تۈرلۈك – تۈرلۈك ئۆسۈملۈك، مېۋە – چېۋە، مال – چارۋىلارنىڭ بولغانلىقى ۋە تىنچلىق، خاتىرجەملىكنىڭ ھاسىل بولغانلىقىدۇر. چۈنكى، ئاسمان دادىنىڭ ئورنىدا دەپ قارىلىدۇ، زېمىن ئانىنىڭ ئورنىدا دەپ قارىلىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىككىسىدىن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر ۋە ياخشىلىقلار ھاسىل بولىدۇ»(11).

رىۋايەت قىلىنىشىچە: «ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەمراھلىرى بىلەن مەدىنەنىڭ بەزى تەرەپلىرىدە كېتىۋېتىپ، (غىزالىنىش ئۈچۈن) داستىخان ساپتۇ. تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدىن بىر پادىچى ئۆتۈپ قېلىپ، سالام قىپتۇ. ھەزرىتى ئىبنى ئۆمەر:

— كەلگىن! ئى پادىچى! كەلگىن! غىزاغا ئېغىز تەگكىن! — دېگەنىكەن، پادىچى:

— مەن روزىدار، — دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئۆمەر:

— مۇشۇنداق ئىسسىق كۈندە، بۇ تاغلاردا قوي بېقىۋېتىپمۇ روزا تۇتامسەن، — دەپتىكەن، پادىچى:

— مەن خالىي كۈنلىرىمگە ئالدىراۋاتىمەن، — دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭ تەقۋالىقىنى سىناپ بېقىشنى ئويلاپ:

— بىزگە قويلىرىڭدىن بىرنى سېتىپ بەرگىن، بىز ساڭا ئۇنىڭ پۇلىدىن بېرىمىز ۋە ئۇنىڭ گۆشىدىنمۇ بېرىمىز، — دەپتۇ. پادىچى:

ئۇ قويلار مېنىڭ ئەمەس، بەلكى خوجايىنىمنىڭ قويلىرى، — دەپتۇ. ئىبنى ئۆمەر:

— خوجايىنىڭ قويلىرىنى يوقتىپ قويسا نېمە قىلىشى مۇمكىن، ئۇنى بۆرە يەپ كەتتى دەمسەن؟ — دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسمانغا قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: ‹ئاللاھ نەدە› دېگەن ھالدا كەينىگە بۇرۇلۇپ قايتىپتۇ. ئىبنى ئۆمەرمۇ: ‹ئاللاھ نەدە؟ ئاللاھ نەدە؟› دەپ تەكرارلاشقا باشلاپتۇ. ئىبنى ئۆمەر مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پادىچىنىڭ خوجايىنىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن قويلارنى ۋە پادىچىنى سېتىۋاپتۇ. ئاندىن پادىچىنى ئازاد قىلىپ، قويلارنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىۋېتىپتۇ(12).

ئويلايلى: ئاللاھتىن قورقۇش قانداق قىلىپ، بايلىقنى قولغا كەلتۈردى؟ ئەلبەتتە ئاخىرەتنىڭ نېئمىتى تېخىمۇ چوڭدۇر.

4. ئىستىغپار ئېيتىش

قانداقسىگە ئۇنداق بولمىسۇن؟! چۈنكى ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرۇش ئارقىلىق قەلبلەر ياشنايدۇ، غەم – قايغۇلار كۆتۈرۈلىدۇ، گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدۇ ۋە ئارزۇ – تىلەكلەر ئەمەلگە ئاشىدۇ.

بىلمەمسەنكى، سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتىش ياخشىلارنىڭ جەننەتىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿كَانُوا قَلِيلًا مِنَ اللَّيْلِ مَا يَهْجَعُونَ * وَبِالْأَسْحَارِ هُمْ يَسْتَغْفِرُونَ (ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى. ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى)﴾(51/زارىيات: 17، 18).

بۇ ئايەتتىكى: « كَانُوا»دىن «ياخشىلىق قىلغۇچىلار» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ﴿كَانُوا قَلِيلًا مِنَ اللَّيْلِ مَا يَهْجَعُونَ﴾ يەنى كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇخلايدۇ، كۆپىنچىسىنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، زىكىر ئېيتىش، دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھقا يالۋۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

﴿وَبِالْأَسْحَارِ﴾ يەنى تاڭ ئېتىشتىن ئازراق ئىلگىرى. ﴿هُمْ يَسْتَغْفِرُونَ﴾ يەنى ئۇلار ئاللاھ تائالادىن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەيدۇ. ئۇلار سەھەر ۋاقتىغىچە ناماز ئوقۇپ، كېچە قىيامىنىڭ ئاخىرىسىدا گۇناھكار گۇناھى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەندەك، ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەپ (ئىستىغپار ئېيتىپ) ئولتۇرىدۇ. دېمەك، سەھەر ۋاقتىدا ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ ئالاھىدە پەزىلىتى باردۇر: ئاللاھ تائالا ئىمان ۋە تائەت ئەھلىنى سۈپەتلىگەندە: ﴿والمستغفرين بِالْأَسْحَارِ﴾ دېگەن(13).

ئى قېرىندىشىم! سەن تاتلىق ئۇيقۇڭنى ئېچىپ، يۇمشاق كۆرپەڭدىن قوپۇپ ئاللاھقا ھەقىقىي قۇلچىلىق قىلماي تۇرۇپ، قانداقمۇ ئاللاھنىڭ جەننەتىنى تاما قىلىسەن؟!

مالىك ئىبنى دىنار رەھىمەھۇللاھ دېگەنكى: «خاتالىقلارغا (پۇشايمان قىلىپ) يىغلاش، خۇددى شامال قۇرۇق يوپۇرماقنى چۈشۈرۈۋەتكەندەك، گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ»(14).

ئىنسان ئۈچۈن رەببىنىڭ ئالدىدا گۇناھلىرى كۈز پەسلىدىكى يوپۇرماقلارغا ئوخشاش تۆكۈلۈپ كەتكەن ھالەتتە تۇرغاندىنمۇ چوڭراق مۇۋەپپەقىيەت بارمۇ؟!

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىستىغپار ئېيتقان لەھزىلەرگە سەل قارىمايلى! ئاشۇ لەھزىلەردە قانچىلىغان ياخشىلىقلارنىڭ يېغىپ، قانچىلىغان بالا – قازالارنىڭ بىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمىز.

ئاللاھ تائالا سۈرە «نۇھ»تا: ﴿(ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ﴾(71/«نۇھ»: 10 – 12) دېگەن. يەنى ئىنسانلار، چارۋىلار، زىرائەتلەر ۋە مېۋە – چېۋىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ كاپالىتى بولغان يامغۇرنى ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنداقلا دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتى بولغان مال ۋە ئوغۇللارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ ۋە سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ.

دېمەك، ئەڭ گۈزەل ھايات — ھەقىقىي بايلىق ۋە دۇنيا – ئاخىرەتتە ئەزىز بولۇشتۇر.

ئى قېرىندىشىم! ئەمدى ئاللاھنىڭ سېنى باي قىلىشى ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئۆزۈڭگە ۋەزىپە قىلىپ، ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرۇشنىڭ ۋاقتى كەلمىدىمۇ؟!

شىپابەخش ئۆزۈڭدىدۇر ھېس قىلمايسەن،

كېسىلىڭمۇ ئۆزۈڭدىدۇر كۆرەلمەيسەن.

5. ھەممىدىن بىھاجەت، ھەممىنى ياراتقۇچى ئاللاھ تائالا بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، دائىما موھتاج مەخلۇقاتلاردىن بىھاجەت بولۇش

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى پاك بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئاللاھ ئۇنى پاك قىلىدۇ، كىمكى باي بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئاللاھ ئۇنى باي قىلىدۇ»(15) دېگەن.

بۇ نۇقتا سەۋەبلەرنىمۇ بەجا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە قەلبنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تايىنىشى ئارقىلىق ئول ئاللاھقا راستچىل تەۋەككۈل قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى قول – پۇت قاتارلىق ئەزالار سەۋەبلەرنى روياپقا چىقىرىدۇ، قەلبلەر بولسا سەۋەبلەرنى ياراتقۇچى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا راستچىل، ھەقىقىي باغلىنىدۇ: ﴿كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ﴾(65/«تالاق»: 2).

دېمەك، كىمكى ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھ بىلەنلا بىھاجەت بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئاللاھ ئۇنى باي قىلىدۇ. كىمكى ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرسا، ئاللاھ ئۇنى توغرا يولغا باشلاپ قويىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆپ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ.

6. ئاللاھنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولۇش

رازى بولۇش — ناھايىتى ئۇلۇغ قەلبىي ئىبادەت بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ قازايى – تەقدىرىگە تولۇق بويسۇنۇش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا كامىل تەسلىم بولۇشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. رازى بولۇش ئاچچىقلىنىشنىڭ ئەكسىدۇر. مۇئمىن «مۇئمىننىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن خەيرلىكتۇر» دەپ چىن ئىشەنگەن ھالدا ئاللاھ ئۇنىڭغا تاللاپ بەرگىنىگە رازى بولىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ، بېشىغا كەلگەنگە ھەرگىز ۋايسىمايدۇ ۋە ئاللاھ بەرمىگەن نەرسىگە قىزىقمايدۇ. دېمەك، رازى بولۇش سەبر قىلغۇچىلارنىڭ نېئمەتگاھى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ جەننەتى بولۇپ، مۇئمىن ئول جەننەتتە دۇنيانىڭ جاپا – مۇشەققەتلىرىدىن، تۈرلۈك غەم – ئەندىشە ۋە سىقىلىشلاردىن ئارام ئالىدۇ. ئاللاھنىڭ قازايى – قەدەرىگە ۋە تەقسىم قىلىپ بەرگىنىگە رازى بولۇش روھىيەتنىڭ بايلىقى ۋە كۆڭۈلنىڭ ئارامىدۇر. بۇنىڭ ئەكسىدە ئاللاھنىڭ تەقسىم قىلىپ بەرگىنىگە رازى بولمايدىغان ۋە ئاچچىقلىنىدىغان كىشىگە كەلسەك، ئۇ ھەردائىم روھىي سىقىلىش ۋە بىئارامچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بىزنىڭ مېۋىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن، «رازى بولۇش» ئەخلاقى بىلەن زىننەتلىنىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ: «ئاللاھ ساڭا تەقسىم قىلىپ بەرگەنگە رازى بولغىن، شۇندىلا ئەڭ باي ئىنسان بولىسەن» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە كېلىشىچە، «ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كىم مەندىن ئۇشبۇ كەلىمەلەرنى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلىدۇ ياكى ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان كىشىگە ئۆگىتىدۇ، — دېگەنىدى، مەن:

— مەن قىلىمەن، ئى رەسۇلۇللاھ! — دېدىم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ قولۇمنى تۇتۇپ، بەشنى ساناپ:

— ھارام ئىشلاردىن ساقلانغىن، شۇندىلا ئەڭ ئابىد ئىنسان بولىسەن. ئاللاھنىڭ ساڭا تەقسىم قىلىپ بەرگىنىگە رازى بولغىن، شۇندىلا ئەڭ باي ئىنسان بولىسەن. قوشناڭغا ياخشىلىق قىلغىن، مۇئمىن بولىسەن. ئۆزۈڭگە ياخشى كۆرگەننى باشقىلارغىمۇ ياخشى كۆرگىن، مۇسۇلمان بولىسەن. كۆپ كۈلمىگىن، چۈنكى كۆپ كۈلۈش قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ، — دېدى»(16).

7. كۆپ سەدىقە قىلىش

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى سەدىقە قىلىش ۋە سىلە – رەھىم قىلىش مەقسىتىدە ئۆز مېلىدىن موھتاج ۋە مىسكىنلەرگە نەپىقە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ مېلىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ بېرىدۇ. كىمكى مېلىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە، زۆرۈر ھاجىتى بولمىسىمۇ كىشىلەردىن سورايدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئازلىقنى زىيادە قىلىدۇ (يەنى مېلىدىن ياخشىلىق ۋە بەرىكەتنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ)(17).

ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا: «خەجلىگىن، شۇندىلا مەنمۇ ساڭا خەجلەيمەن»(18) دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى بىلال! خەجلىگىن، ئەرشنىڭ ئىگىسىنىڭ مېلىڭنى ئازلىتىپ قويىشىدىن قورقمىغىن»(19) دېگەن.

دېمەك، مۇئمىن دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئەتائ‍ – ئېھسان ۋە ھىبەلىرىگە پەقەت ئۆزىمۇ باشقىلارغا بېرىش ۋە ھىبە قىلىش ئارقىلىقلا ئېرىشەلەيدۇ.

8. پاك بولۇش مەقسىتىدە توى قىلىش

يەنى مۇسۇلمان ئۆزىنى پاك تۇتۇش، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاش ۋە نامەھرەمگە قارىماسلىق نىيىتى بىلەن توي قىلغان بولسا، شۇنداق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر﴾(24/«نۇر»: 32).

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «ئاللاھ تائالاغا نىكاھتىن ئىبارەت بۇيرۇغان ئەمرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، شۇندىلا ئاللاھ تائالا سىلەرگە ۋەدە قىلغان بايلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ». ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «نىكاھ قىلىش ئارقىلىق بايلىق تىلەڭلار» دېگەن.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم بېرىشى ھەقتۇر: ئادا قىلىشنى ئىرادە قىلىدىغان مۇكاتەب(20)، پاك بولۇشنى ئىرادە قىلىپ توي قىلماقچى بولغان كىشى ۋە ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلغۇچى» دېگەن(21).

9. ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە سىلە – رەھىم قىلىش

چۈنكى، سىلە – رەھىم قىلغۇچى ئاللاھ تەرەپكە ئۇلانغۇچىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «سىلە – رەھىم ئەرشكە ئېسىقلىق بولۇپ، ئۇ: ‹مېنى كىم ئۇلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مېنى ئۇلايدۇ. مېنى كىم ئۈزۈپ قويسا، ئاللاھ تائالا مېنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويىدۇ› دەيدۇ»(22).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «كىمكى رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشىنى، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ياقتۇرسا، سىلە – رەھىم قىلسۇن» دېگەن(23).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە دېگەنكى: «سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇش، خىيانەت قىلىش ۋە يالغان ئېيتىشتىنمۇ بەكرەك ئاللاھ تائالا ئۇنى قىلغۇچىغا ئاخىرەتتە ساقلاپ قويغان (ئازاب) بىلەن بىرگە دۇنيادا تېز جازا بېرىدىغان گۇناھ يوقتۇر. ھەقىقەتەن ناھايىتى تېز ساۋاب بېرىلىدىغان تائەت سىلە – رەھىم قىلىشتۇر، ھەتتاكى بىر ئائىلىدىكى كىشىلەر كۆپ گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلىشىدۇ، ئۇلار (شۇنداق بولسىمۇ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ) سىلە – رەھىم قىلىشسا، مال – دۇنياسى زىيادە بولۇپ، سانى كۆپىيىدۇ (نەسلى كۆپىيىدۇ)»(24).

10. داۋاملىق ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ھەج بىلەن ئۆمرەنى كەينى – كەينىدىن قىلىڭلار (يەنى ھەج قىلساڭلار ئۆمرە قىلىڭلار، ئۆمرە قىلساڭلار ھەج قىلىڭلار)، چۈنكى بۇ ئىككىسى (ئىككى ئىبادەت) خۇددى تۆمۈرچىنىڭ كۆرۈكى تۆمۈر، ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ كىرلىرىنى يوق قىلغاندەك، پېقىرلىق ۋە گۇناھلارنى يوق قىلىدۇ. قوبۇل قىلىنغان ھەجنىڭ ساۋابى پەقەتلا جەننەتتۇر»(25).

11. ئاسمان – زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئول ئاللاھقا يېلىنىش، دۇئا قىلىش

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «اللَّهُمَّ إنِّي أَسْأَلُكَ الهُدَى وَالتُّقَى، وَالْعَفَافَ وَالْغِنَى (ئى ئاللاھ! سەندىن ھىدايەتنى، تەقۋادارلىقنى، ئىپپەتلىك بولۇش (ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن يىراق بولۇش) نى ۋە بايلىق (مەخلۇقاتلاردىن بىھاجەت بولۇش) نى سورايمەن»(26).

بۇ ھەدىس شەرىفكە ئاساسەن، كىمەرسىكى ئۇنىڭغا بۇ تۆت خىسلەت ئاتا قىلىنغان بولسا، ئىككىلا دۇنيانىڭ بەخت – سائادىتىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئارزۇ – تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشقان ۋە جىمى قورقۇنچلاردىن نىجات تاپقان بولىدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «بىر مۇكاتەب ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— مەن ئازادلىقىم ئۈچۈن بەلگىلەنگەن پۇلنى تېپىشتىن ئاجىز كەلدىم، شۇڭا ماڭا ياردەم قىلسىلا، — دېگەندە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— مەن ساڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۆگىتىپ قويغان بىرنەچچە كەلىمەلەرنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟ تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ، ئاللاھ سېنى ئۇنىڭدىن خالاس قىلىدۇ. سەن: ‹اللَّهُمَّ اكْفِنِي بِحَلالِكَ عَنْ حرامك وأغنني بِفَضْلِك عَمَّن سواك (يەنى ئى ئاللاھ! ماڭا ھالال رىزىق ئاتا قىلىپ، مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن، پەزل – مەرھەمىتىڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭدىن باشقىلاردىن بىھاجەت قىلغىن)› دېگىن، — دېگەن»(27).

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالا: «ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم. سىلەرگىمۇ ئۆزئارا زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن زۇلۇم قىلىشماڭلار، ئى بەندىلىرىم! مەن ھىدايەت قىلغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچىسىلەر. مەندىن ھىدايەت تىلەڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن ئوزۇقلاندۇرغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ قالىسىلەر، مەندىن ئوزۇق تىلەڭلار، سىلەرگە تائام بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن كىيىم بەرگەن كىشىدىن باشقىڭلار يالىڭاچسىلەر، مەندىن كىيىم تىلەڭلار، مەن سىلەرگە كىيىم بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر كېچە – كۈندۈز خاتالىشىسىلەر، مەن ھەممە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمەن، مەندىن مەغپىرەت تىلەڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن» دېگەن(28).

دۇئا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئۇنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىقىمۇ؟! ياكى ئۇنى يارىتىپ، ئەزالىرىنى بېجىرىم، قامىتىنى تۈز قىلغان ئۇشبۇ زاتتىن غەپلەتتە قالغانلىقىمۇ؟! ياكى ئول ئاللاھقا يامان ئويدا بولغانلىقىمۇ؟! ياكى دۇنياغا بېرىلىپ، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلىكىمۇ؟!

ئاخىرقى سۆز

ئى قېرىندىشىم! بىلگىنكى، ھەقىقىي بايلىق روھىي بايلىقتۇر، يەنى بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن تەقسىماتىغا رازى بولۇپ، قانائەت قىلىشى ۋە شۈكۈر قىلىشىدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بايلىق ئەرەز (دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى) نىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئەمەستۇر، بەلكى (ھەقىقىي) بايلىق كۆڭۈلنىڭ بايلىقىدۇر» دېگەن(29).

ئەمر ئىبنى تەغلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﮕﻪ ﻣﺎﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻝ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﯟﯨﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﮪﻪﻣﺪﯗﺳﺎﻧﺎﻻﺭ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ‹ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ، ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ سۆﻳﯜﻣﻠﯜﻛﺘﯘﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪبرﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺑﯩﺘﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻥ ﻗﻪﻟﺐ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﻪﻣﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺗﻪﻏﻠﯩﺐ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ› ﺩﯦﺪﻯ. — بۇ سۆز نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئول ساھابەنى پاكلىغانلىقىدۇر — ئەمر ئىبنى تەغلىب ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا دېدىكى: ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ»(30).

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دېدىكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئى ئەبۇ زەر! مال – دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشىنى بايلىق، دەپ قارامسەن، — دېگەنىدى، مەن:

— شۇنداق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! — دېدىم. رەسۇلۇللاھ:

— مال – دۇنيانىڭ ئاز بولۇشىنى پېقىرلىق، دەپ قارامسەن، — دېگەنىدى، مەن:

— شۇنداق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! — دېدىم. رەسۇلۇللاھ:

— شەكسىزكى، (ھەقىقىي) بايلىق قەلبنىڭ بايلىقىدۇر، (ھەقىقىي) پېقىرلىق قەلبنىڭ پېقىرلىقىدۇر، — دېدى(31).

ئى ھەممىدىن بىھاجەت، ئۇلۇغ ئاللاھ! مېنى، ئاتا – ئانامنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى سەن تەرەپكە قايتىپ، سەن بىلەنلا بىھاجەت بولغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلغىن. ئامىن.

مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ الغني جل جلاله

https://www.alukah.net/sharia/0/133483/

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات

 


1. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (4684)؛ «مۇسلىم»، (993).
2. «مۇسلىم»، (2577).
3. «مۇسلىم»، (2577).
4. «ئەبۇ داۋۇد»، (5090). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
5. «تىرمىزىي»، (3522). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
6. «مۇسلىم»، (2965).
7. «بۇخارىي»، (5668).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1419)؛ «مۇسلىم»، (1032).
9. «تىرمىزىي»، (2466)؛ «ئىبنى ماجە»، (4107). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
10. ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، (950). «ئىسنادى ياخشى، راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن.
11. رازىي: «ئەتتەفسىرۇلكەبىر».
12. ئەھمەد: «ئەززۇھد»؛ ئىبنۇلقەييىم: «ئەددائ‍ ۋەددەۋائ‍».
13. زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلائ‍».
14. شەيخ سەئدىي: «تەفسىرۇسسەئدىي».
15. «بۇخارىي»، (1469).
16. «تىرمىزىي»، (2305). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
17. «ئەھمەد»، (9624). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
18. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (4684)؛ «مۇسلىم»، (993).
19. «ھىدايەتۇررۇۋاتى»، (1826). ئالبانىي: «ھەممە يوللىرى بىلەن سەھىھتۇر» دېگەن.
20. مۇكاتەب – مەلۇم مىقداردا پۇل تۆلەش بەدىلىگە ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن توختام تۈزۈشكەن قۇل. (ئەرەەبچە – ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت، مۇھەممەد سالىھ: 732 – بەت).
21. «ئەھمەد»، (7140)؛ «تىرمىزىي»، (1655). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
22. «مۇسلىم»، (2555).
23. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (2067)؛ «مۇسلىم»، (2557).
24. «ئەبۇ داۋۇد»، (4902)؛ «تىرمىزىي»، (2511)؛ «ئىبنى ماجە»، (4211). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
25. «تىرمىزىي»، (810)؛ «نەسائىي»، (2631). ئالبانىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
26. «مۇسلىم»، (2721).
27. «تىرمىزىي»، (3563). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
28. «مۇسلىم»، (2577).
29. «بۇخارىي»، (6446).
30. «بۇخارىي»، (923).
31. «سەھىھۇلمەۋارىد»، (2138). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: