خىرىستىيان بولۇپ كەتكەنلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟

خىرىستىيان بولۇپ كەتكەنلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىز ياۋروپادا ياشايمىز، بىر ئۇيغۇر بۇرادىرىمىزنىڭ 2009 – يىلدىن بۇرۇن مۇسۇلمانلىقى، ئەمما ھازىر خىرىستىيان ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىرقانچە قېتىم سۆھبەتلىشىپ، ئىسلامغا دەۋەت قىلغان بولساقمۇ ئۆزىنىڭ تاللىغان يولىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزى ياخشى، ئاقكۆڭۈل كىشى بولغاچ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەنمۇ نورمال ئالاقىسى بار. ئەمدى بىز مۇشۇ خىل ھالەتتە ئۇ كىشى بىلەن قانداق مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتتە بولساق بولىدۇ؟ دەۋەتنىڭ كېيىنكى قەدىمىنى قانداق مېڭىشنى بىلەلمەي سىزگە ئۇچۇر قىلىشىم، يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئۈچۈن ۋە ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن ھىدايەت تىلەيمىز! دىنىمىزدا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن خىرىستىيان بولۇپ كەتكەن كىشى «مۇرتەد» دەپ ئاتىلىدۇ.

مۇرتەد (الْمُرْتَدُّ): ئەرەب تىلىدىكى: «يانماق، چېكىنمەك ۋە ئارقىغا قايتماق» دېگەن مەنىدىكى «رىددەت (الرِّدَّةُ)» كەلىمەسىدىن «ئارقىغا يانغۇچى» دېگەن مەنىدە تۈرلەنگەن ئاتالغۇ بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: ئەقلى – ھوشى جايىدا بالىغ بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرلانماستىن، نىيىتى ياكى ئېنىق سۆز ئىپادىسى، ياكى ئىش – ھەرىكىتى بىلەن ئىسلام دىنىدىن كۇفۇرغا قايتىشىدىن ئىبارەت. كۇفۇر سۆزى ياكى ئىش – ھەرىكىتى مەسخىرە قىلغان ئاساستا بولسۇن ياكى كاجلىق قىلىپ بولسۇن، ياكى ئېتىقاد قىلىپ بولسۇن ئوخشاش. مەسىلەن، ئاللاھنىڭ بارلىقىغا، بىرەر سۈپىتىگە ياكى بىرەر پەيغەمبەرگە، ياكى «قۇرئان»نىڭ بىرەر ئايەتىگە ۋە ياكى بىرەر كەلىمەسىگە تېنىش، ياكى ھاراملىقىغا ئىجماﺋ قىلىنغان زىناغا ئوخشاش بىرەر ھارامنى ھالال دېيىش ياكى پەرزلىكىگە ئىجماﺋ قىلىنغان بىرەر پەرزنى ئىنكار قىلىش، ياكى بۇتقا سەجدە قىلىش، ياكى «قۇرئان»نى ھاقارەتلەشتەك قىلمىشلار بىلەن «مۇرتەد» بولۇپ كېتىدۇ(1).

«مۇرتەد» ئىسلام دىنىنى تاشلاپ، مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقى، شۇنداقلا مەنسۇبىيىتىنى، تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ، كىملىكىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىسلامغا قارشى تەشۋىقات قىلىپ مىللەتنىڭ سېپىنى پارچىلاشقىمۇ ھەسسە قاتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى دىنىمىزدا ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىسلامدا «مۇرتەد»نىڭ ئۇنىڭ بىلەن مىراسلاشماسلىق، نىكاھلاشماسلىق، بوغۇزلىغان مېلىنىڭ گۆشىنى يېمەسلىك، ئۆلسە يۇيۇپ – تارىماسلىق، نامىزىنى چۈشۈرمەسلىك، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا دەپنە قىلماسلىق ۋە بۇرۇنقى ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشى قاتارلىق ئىنتايىن ئېغىر، ئاقىۋىتى يامان نەتىجىسى ۋە ئايرىم ئەھكاملىرى بار.

مۇرتەدلىك ئەسل كۇفۇرلۇقتىن ئېغىر بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان نەتىجىلەرمۇ شۇنداق ئېغىر. مەسىلەن، ھەنەفىي مەزھەبتە مۇسۇلماننىڭ ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي ياكى خىرىستىيان) ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشى مۇمكىن تۇرۇقلۇق، مۇسۇلمان ئايالى «مۇرتەد» بولۇپ كەتسە، نىكاھ ئاجراپ، تالاق قىلمىسىمۇ ئاجراپ كېتىدۇ. ھەتتا مۇسۇلمان ئەر «مۇرتەد» بولسا، ئۇنىڭ خىرىستىيان ئايالىمۇ نىكاھىدىن ئۈزۈل – كېسىل ئاجرايدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام سەرەخسىي: «مۇسۇلمان ئەر مۇرتەد بولسا ئۇنىڭ ئايالى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى ئەھلى كىتاب بولسۇن ئۇنىڭدىن ئۈزۈل – كېسىل ئاجرايدۇ» دەيدۇ. ئىمام نەسەفىي: «ئىماملىرىمىز بىردەك شۇنىڭغا ئىتتىپاقكى، مۇرتەدلىك نىكاھ رىشتىسىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. مۇرتەد بولۇش بىلەنلا ئەر – خوتۇن ئىككىسى (تالاق قىلماستىن) ئۈزۈل – كېسىل ئاجرايدۇ» دەيدۇ.(2).

باشقا مەزھەبلەردە تەۋبە قىلماستىن ئىددەت توشقان ھامان ئۈزۈل – كېسىل ئاجرايدۇ. ئىمام شافىئىي بۇ ھەقتە: «ئەر كىشى ئىسلامدىن مۇرتەد بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى بولسا ياكى ئايال مۇرتەد بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرى بولسا… تەۋبە قىلىش ۋە ئىسلامغا قايتىشتىن بۇرۇن ئايالنىڭ ئىددىتى توشمىغۇچە، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىدا ئاجراش بولمايدۇ. تەۋبە قىلماستىن ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇپ كەتسە، ئۇ ئايال ئېرىدىن ئۈزۈل – كېسىل ئاجراپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىشقا يول يوق. ئۈزۈل – كېسىل ئاجرىشىش تالاقسىزلا نىكاھى ئەمەلدىن قېلىش ئارقىلىق بولىدۇ» دەيدۇ(3).

يەنە بىر مىسال: ئەھلى كىتابنىڭ بوغۇزلىغىنىنى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە يېگىلى بولىدۇ. ئەمما، «مۇرتەد»نىڭكىنى مەيلى ئۇ خىرىستىيان بولۇپ كەتسىمۇ يېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قارىشىدا «مۇرتەد»نىڭ كېيىن يۆتكەلگەن خىرىستىيان ئېتىقادى ئىناۋەتسىز بولۇپ، ئۇنى «خىرىستىيان» دېمەي «مۇرتەد» دەپ ئاتايدۇ. ئىناۋەتكە ئالغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا مۇرتەدلىك سۈپەت قوشۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەنىلا ئەسلى خىرىستىياندەك بولالمايدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ خىرىستىيان بولۇشى ئۇنىڭدىكى مۇرتەدلىك سۈپەتنى يوقىتالمايدۇ. بۇنى نىكاھلىنىشقا تەتبىقلىساق، مۇسۇلمان ئەر خىرىستىيان ئايالنى نىكاھىغا ئالالايدۇ. ئەمما، «مۇرتەد» بولۇپ خىرىستىيانلاشقان ئايالنى يۇقىرىقى سەۋەبتىن نىكاھىغا ئالالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئايالغا «خىرىستىيان» دېيىلمەي، «مۇرتەد» دېيىلىدۇ(4).

ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ﴿كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، – قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا – كۇفۇر بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ﴾(16/«نەھل»: 106).

﴿ئۇلار (يەنى كۇففارلار) قولىدىن كەلسىلا سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كافىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 217).

﴿ئى مۇئمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۇئمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كافىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ﴾(5/«مائىدە»: 54).

ئۇلار تەۋبە قىلسا، تەۋبىسى قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ئىسلامغا قايتىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىد بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە (بۇزۇق ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ (مۇنداقلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر. شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر. شۈبھىسىزكى، كافىر بولۇپ (تەۋبە قىلماستىن) كۇفۇر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزىگە بىر كېلىدىغان ئالتۇن فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 86 — 91).

«مۇرتەد» نەسىھەت قىلىنغاندىن كېيىنمۇ مۇرتەدلىكىدە چىڭ تۇرغان ئەھۋالدا، ھەقتائالانىڭ ﴿ئى مۇئمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزەمسىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (ئۇ چاغدا مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار سىلەرنى يەڭسە سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، سىلەرنى تىللايدۇ، سىلەرنىڭ مۇرتەد بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئاراڭلارنى ئايرىۋېتىدۇ (يەنى سىلەر جەننەتتە بولساڭلار، ئۇلار كۇففارلارنىڭ قاتارىدا دوزاختا بولىدۇ)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىللە بولغان (مۇئمىنلەر) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن ئادا – جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدى ساقلىنىپ قالىدۇ» دېدى. پەقەت ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان «ئەلبەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەفئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەر ئېيتتى:) «پەرۋەردىگارىمىز ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر﴾(60/«مۇمتەھىنە»: 1 – 4)، دېگەندەك ئايەتلىرى ۋە «ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ياخشى كۆرۈش ﯞﻩ ئاللاھ ئۈچۈن ﻧﻪﭘﺮﻩتلىنىشمۇ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ»(5) دېگەندەك ھەدىس شەرىفلەر ئىسپاتلىغان ئادا – جۇدالىق پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىمان ۋە ئاللاھ يولىدا مۇھەببەت – نەپرەت مەيدانىنى ئېنىق قىلىش كېرەك بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولماسلىق، ئارىلاشماسلىق، مېھماندارچىلىق، توي – تۆكۈنلىرىگە بارماسلىق، چاقىرماسلىق، قۇدىلاشماسلىق ۋە سالام – سەھەت قىلماسلىق، ئومۇمەن، ئىجتىمائىي جەھەتتىن تاشلىۋېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر ئىشىنى تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ.

ئەمما، ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ، ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايدىغانلار بولسا، ئۇنى يوقلاپ، دەۋەت قىلىپ ئېتىقادىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان شۈبھىلەرنى يوقىتىشقا تىرىشىشى، ئۇنى پاكىتلار بىلەن قايىل قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلىشنى تەلەپ قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى تۇغقاندارچىلىق سىلە – رەھىم ئاساسىدا بېرىش – كېلىش قىلسا بولىدۇ. شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىم – سېتىم، تىجارەت مۇئامىلىسى قىلىشى چەكلەنمەيدۇ.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسلىتىپ قويۇش كېرەككى، مىللىتىمىزدىن بىرەرسى مەيلى قانداق سەۋەبلەر تۈپەيلى «مۇرتەد» بولۇپ كەتسە، ئەلبەتتە بۇنىڭدا ھەربىر ئىلىم ئەھلىنىڭ، ھەربىر ئىقتىساد ئەھلىنىڭ شۇنداقلا ھەربىر ئادەتتىكى شەخسنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 7 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2023، 22 – سېنتەبىر


1. قاراڭ: نەۋەۋىي: «مىنھاجۇتتالىبىن»، 427 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 22/180، كۇۋەيت ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى نەشرى. ھ. 1404 – 1427.
2. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت» 6/157؛ نەسەفىي/ زەيلەئىي: «تەبيىينۇل ھەقائىقى فى شەرھى كەنزىددەقائىق»، 9/491.
3. شافىئىي: «ئەلئۇم» 6/160.
4. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 19/465.
5. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، (18547). ئىسنادى: «ھەسەن».

Please follow and like us: