سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كىشىنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلەمدۇ؟ نامىزىغا قاتناشسا بولامدۇ؟ ئائىلىسىدىكىلەر قۇرئان ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شۇنداقلا باشقىلارنى ناھەق ئۆلتۈرۈش ئىسلام ھارام قىلغان ئېغىر جىنايەت ۋە چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا: ﴿ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار! ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 29) دېگەن. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئېيتقانكى: «بىر ئادەمدە يارا بولۇپ، ئۇ ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانىدى، ئاللاھ تائالا: ‹بەندەم ئۆلۈشكە ئالدىراپ كېتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدىم› دېدى»(1)؛ «ئۆزىنى بوغۇپ ئۆلۈۋالغۇچى دوزاختىمۇ ئۆزىنى ئۆزى بوغۇپ جازالىنىدۇ، ئۆزىگە تىغ تىقىپ ئۆلۈۋالغۇچى دوزاختىمۇ ئۆزىگە ئۆزى تىغ تىقىپ جازالىنىدۇ»(2)؛ «كىمكى ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ ئۆلۈۋالىدىكەن، ئۇ جەھەننەم ئوتىدادۇر، ئۇنىڭغا مەڭگۈ قالغۇچى، مەڭگۈ قالدۇرۇلغۇچى بولۇپ تائەبەدكىچە تاشلىنىدۇ، كىمكى زەھەر ئوتلاپ ئۆلۈۋالغان بولسا، زەھىرى قولىدا بولىدۇ، ئۇنى جەھەننەم ئوتىدا مەڭگۈ قالغۇچى، مەڭگۈ قالدۇرۇلغۇچى بولۇپ تائەبەدكىچە ئوتلايدۇ، كىمكى ئۆزىگە تىغ تىقىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىكەن، تىغى قولىدا بولىدۇ، ئۇ تىغ جەھەننەم ئوتىدا مەڭگۈ قالغۇچى، مەڭگۈ قالدۇرۇلغۇچى بولۇپ تائەبەدكىچە ئۇنىڭغا تىقىلىدۇ»(3).
ئىسلام دىنىمىز ئىنساننى ھاياتنىڭ تۈرلۈك ئېغىرچىلىقلىرىغا، كۈلپەتلىرىگە چىدامچان، ئاللاھنىڭ قازايى – قەدەرىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىدىغان كۈچ ۋە ئىرادە بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇئمىن ھەرقانچە ئېغىر بالايى – مۇسىبەتكە دۇچار بولسىمۇ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماي چىدايدۇ. دېمەك، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش دىيانەتنىڭ سۇسلۇقى ۋە ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بىر ھەدىس شەرىفتە كېلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆزىنى يا ئوقىنىڭ ئۇچى بىلەن ئۆلتۈرۈۋالغان بىر كىشىنىڭ جىنازىسى كەلتۈرۈلۈۋىدى، ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىدى(4). رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ قەبىھلىكىنى كۆرسىتىش ۋە كىشىلەرنى بۇ ئىشتىن نەپرەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرمەي، ئەسھاب كىرامنىڭ چۈشۈرۈشىگە يول قويغان. چۈنكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئېغىر گۇناھ بولسىمۇ، دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان كۇفۇر ئەمەس. «ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائە» ئېتىقادىدا مۇسۇلماننى شىرك ۋە كۇفۇردىن باشقا بىرەر گۇناھ سەۋەبلىك كافىر دېيىش يوق. شۇڭا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان مۇسۇلماننىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش يۇيۇپ – تاراپ، كېپەنلەپ نامىزىنى چۈشۈرۈش ۋە نامىزىغا قاتنىشىش تۆت مەزھەبنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن پەرز كىفايەدۇر(5). ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھلەرمۇ «ئۆزىنى قەستەن ئۆلتۈرۈۋالغۇچى چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچى پاسىق بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچمىغان، جەمئىيەتتە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بولغاچقا، يۇيۇپ – تارىلىپ نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ ۋە ئۆلۈشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلغان بولسا، تەۋبىسى قوبۇل قىلىنىدۇ» دەپ قارىغان ۋە بۇ ھەنەفىي مەزھەبتىكى ئەڭ توغرا قاراش ھېسابلىنىپ، پەتۋا مۇشۇ بويىچە بېرىلىدىغان بولغان. ئۆزىنى سەھۋەنلىكتىن ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشىمۇ ھەنەفىي مەزھەبتىكى ھەممە ئىماملارنىڭ بىردەك قارىشىدا يۇيۇپ – تارىلىپ نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ(6).
ئۇنداق بولىدىكەن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسى باشقىلاردىن ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇئا ياكى قۇرئان ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، دۇئا قىلىپ قويسا ياكى قۇرئان ئوقۇپ بەرسە بولىدۇ. باشقىلار ئۇ كىشى ئۈچۈن ھەج ياكى ئۆمرە قىلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.
لېكىن، بۇ قىلمىشنىڭ ئېغىرلىقىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرۇش ۋە تەنقىد قىلىش جەھەتتىن چوڭ ۋە مۆتىۋەر ئۆلىمالار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەي، بۇ ئىشنىڭ خاتالىقىنى بايان قىلسا، نامىزىنى ئادەتتىكى كىشىلەر چۈشۈرسە، جەمئىيەتكە تەسىرى ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرمەي، ئەسھابلىرىنى: ‹ھەمراھىڭلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈڭلار› دەپ بۇيرۇغىنىغا ئاساسەن، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشى جائىز بولىدۇ. ئەمما، ئۈلگە قىلىنىدىغان دىن ئۆلىمالىرى باشقىلارنى بۇ قىلمىشتىن توسۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىسە، بۇ ھەقتۇر» دېگەن(7).
ئىمام نەۋەۋىي بۇ مەسىلىدە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىنى ۋە چۈشەنچىسىنى بايان قىلىپ ئېيتىدۇكى: «ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام شافىئىي ۋە ئۆلىمالارنىڭ كۆپچىلىكى: ‹نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ› دېگەن. ئۇلار ئالاقىدار ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنى بۇ تۈرلۈك قىلمىشتىن توسۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەسھاب كىرام چۈشۈرگەن. بۇ بەئەينى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەسلەپكى چاغلاردا كىشىلەرنىڭ قەرز ئېلىشقا ۋە قەرزنى قايتۇرماي تۇرۇۋېلىش قىلمىشىغا سەل قارىماسلىقى ئۈچۈن، گەدىنىدە قەرزى بار مېيىتنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرمەي، ئەسھاب كىرامنى بۇيرۇپ: ‹ھەمراھىڭلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈڭلار› دېگىنىگە ئوخشاشتۇر»(8).
دېمەك، مۇسۇلمانلىق سۈپىتى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىدا بار بولغانلىقتىن، ئۇنى «كافىر» دېيىشكە بولمايدۇ. ئەمما، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلغان بولسا ياكى دىندىن تانغان ياكى ئىماندىن كۇفۇرغا چىقىرىۋېتىدىغان بىرەر سۆز، ئىش – ھەرىكەت قىلغان بولسا، ئۇ ئادەتتىكى كافىر بولماي، «مۇرتەد» بولۇپ كېتەتتى. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئىسپات كېرەك.
ئۇنداقتا يۇقىرىقى «ئۆلۈۋالغان كىشى جەھەننەم ئوتىدا مەڭگۈ قالغۇچى، مەڭگۈ قالدۇرۇلغۇچى» دېگەنگە ئوخشىغان ھەدىس شەرىفلەرنى قانداق چۈشىنىمىز؟
ئۇنى كۆپچىلىك ئالىملار: «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنداق ئېتىقادتا بولغان كىشى كافىر بولغانلىقتىن جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ ياكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، ئاللاھ تائالا: ﴿كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 93) دېگەن سۆزى كەبى بۇ ئېغىر جىنايەتتىن كىشىلەرنى يىراقلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى قەبىھ كۆرسىتىش كۆزلەنگەن، ھەقىقىي مەنىدە مەڭگۈ قالىدۇ دېمەكچى ئەمەس» دەپ چۈشەنگەن.
ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي يۇقىرىقى «كىمكى ئۆزىگە تىغ تىقىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىكەن، تىغى قولىدا بولىدۇ، ئۇ تىغ جەھەننەم ئوتىدا مەڭگۈ قالغۇچى، مەڭگۈ قالدۇرۇلغۇچى بولۇپ تائەبەدكىچە ئۇنىڭغا تىقىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئىككى جەھەتتىن تەئۋىل قىلغان: بىرى، بۇ قورقۇتۇش تەرىقىسىدە دېيىلگەن بولۇپ، بۇ بىر مۇددەت بولسىمۇ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىرى، بۇنىڭ قىلمىشىنىڭ جازاسى دوزاخقا كىرىش، لېكىن ئاخىرقى ھۆكۈم ئاللاھ تائالانىڭ خاھلىشىغا قاراشلىق، خاھلىسا، ئۆز پەزلى بىلەن ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ؛ خاھلىسا، ئۆز ئەدلى بىلەن دوزاخقا تاشلايدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 93) دېگەن سۆزىنىڭ تەفسىرىدە دېيىلگىنىگە ئوخشاش. يەنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جازا بېرىپ قالسا، جازاسى شۇنداق دېگەنلىكتۇر. لېكىن، ئۇ زات ئەپۇچان، كەرەملىك زاتتۇر. ئەپۇ قىلىپ مەرھەمەت قىلىدۇ. مۇئمىنلەردىن بىرەرسىنى دوزاخ ئوتىدا مەڭگۈ قالدۇرمايدۇ»(9).
ئەندەلۇسلۇق ئىمام ئەبۇلۋەلىد ئىبنى رۇشد ئەلقۇرتۇبىيمۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ھەدىستىكى دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇلۇش زاھىرى مەنىسىدە ئەمەس. ئۇنىڭ مەنىسى: ئۇ دوزاختا مەڭگۈ، تائەبەد قالدۇرۇلىدۇ، ئاندىن باشقا گۇناھكارلار قاتارىدا شاپائەت بىلەن ئۇنىڭدىن چىقىدۇ. چۈنكى، ئۆلتۈرۈش ئۇنىڭ ئىمانىنى يوققا چىقارمايدۇ، ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئاللاھ ھەرگىز ئەمەلىڭلارنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ﴾(47/«مۇھەممەد»: 35) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، بۇلار ئۈچۈن ئۇ چوقۇم مۇكاپاتلىنىشى كېرەك، مانا بۇ ئەھلىسۈننەت ۋە ئەھلىھەقنىڭ ئېتىقادىدۇر»(10).
ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ھالال سانىماستىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋلغۇچىنىڭ «كافىر دېيىلمەي»، «ئاسىي مۇئمىن» دەپ قارىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى شۇكى، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، تۇفەيل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ قەبىلىسىدىن بىر كىشى بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلدى. لېكىن، مەدىنەنىڭ ھاۋاسى ئۇلارغا ياقمىدى. تۇفەيلنىڭ ھەمراھى ئاغرىپ قېلىپ كۆپ ئازاب چەكتى ۋە بىر كۈنى يانىڭ ئوقىنى چىقىرىپ، بارماقلىرىنىڭ بوغۇملىرىنى كېسىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى قولىدىن توختىماي قان ئېقىپ، ئاخىرى ئۆلۈپ كەتتى. كېيىن، تۇفەيل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى چۈشىدە كۆردى. قارىغۇدەك بولسا، رەڭگىرويى جايىدا، ئەمما قولى يۆگەكلىك تۇرغۇدەك. تۇفەيل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭدىن:
— پەرۋەردىگارىڭ قانداق قىلدى (كەچۈردىمۇ)؟ — دەپ سورىسا، ئۇ:
— رەببىم مېنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈۋەتتى، — دېگۈدەك. تۇفەيل:
— قولۇڭ يۆگەكلىك تۇرىدىغۇ؟ — دەپ سورىسا، ئۇ:
— ماڭا: ‹ۋۇجۇدۇڭدىن ئۆزەڭ ئۆزگەرتىۋالغان يەرلەرنى بىز ئوڭشىمايمىز› دېيىلدى، — دېگۈدەك.
تۇفەيل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ چۈشىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سۆزلەپ بەرگەنىدى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى:
— ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ ئىككى قولىنىمۇ كەچۈرۈۋەتكىن! — دەپ دۇئا قىلدى»(11).
ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەدىس شەرىفنى شەرھلەپ ئېيتىدۇكى: «بۇ ھەدىستە ئەھلىسۈننەتنىڭ ‹ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ياكى ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر مەئسىيەت سادىر قىلىپ تەۋبە قىلماي ئۆلگەن كىشى كافىر بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ”دوزىخىي“ دەپ كېسىپ ئېيتىلمايدۇ، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ خاھلىغىنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ› دېگەن چوڭ قائىدەسىنىڭ توغرىلىقىغا دەلىل باردۇر. يۇقىرىدا بۇ قائىدە بايان قىلىنىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بۇ ھەدىس يەنە ئۇندىن ئىلگىرى بايان قىلىنغان، كۆرۈنۈشىدىن ‹ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغۇچى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ› دەپ چۈشىنىلىدىغان ھەدىسلەرنىمۇ يورۇتۇپ بېرىدۇ»(12).
«ئۇ ئاللاھنىڭ خاھلىغىنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ» دېگەن چوڭ قائىدەنىڭ توغرىلىقىنى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆزىگە شىرك كەلتۈرۈشنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خاھلىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 48) دېگەن سۆزىمۇ تەكىتلەيدۇ.
تىل نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ھەدىسلەردىكى «مەڭگۈ ۋە تائەبەد» دېگەن كەلىمەلەردىن ئۇنىڭ زاھىرى مەقسەت قىلىنماي، «ئۇزۇن مۇددەت» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى، سەھىھ ھەدىسلەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «كىمدەكىم قەلبىدﻩ ياخشىلىقتىن ئاﺭپا چاغلىق بولغاﻥ ھالەتتە ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ / ئاللاھتىن ئۆزگە ھەق ئىلاھ يوق› ﺩېگەنلا بولسا ﺩﻭﺯﺍختىن چىقىپ كېتىدﯗ؛ كىمكى قەلبىدﻩ ياخشىلىقتىن بۇغدﺍي چاغلىق بولغاﻥ ھالەتتە ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ / ئاللاھتىن ئۆزگە ھەق ئىلاھ يوق› ﺩېگەنلا بولسا ﺩﻭﺯﺍختىن چىقىپ كېتىدﯗ؛ كىمكى قەلبىدﻩ ياخشىلىقتىن زەررە چاغلىق بولغاﻥ ھالەتتە ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ / ئاللاھتىن ئۆزگە ھەق ئىلاھ يوق› ﺩېگەنلا بولسا ﺩﻭﺯﺍختىن چىقىپ كېتىدﯗ»(13). ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىيدىكى: «بەندەم ئۆلۈشكە ئالدىراپ كېتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدىم» دېگەن سۆزىنىمۇ «ۋاقىتلىق ھارام قىلىش» دەپ چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
مانا بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئايرىم – ئايرىم چۈشەنمەي، بىرىنى بىرىگە باغلاپ تۇرۇپ، بىر پۈتۈن تەسەۋۋۇر قىلىپ چۈشىنىشتىن ئىبارەت ئەھلىسۈننەتنىڭ پۇختا ۋە ساغلام مېتودىدۇر.
ئىمام ئەبۇ جەئفەر تاھاۋىي (ھ. 239 – 321 / م. 853 – 933) «ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرىنىڭ ئېتىقادى بويىچە ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىنىڭ بايانى»دا بۇنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىدىن چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلار دوزاختا بولىدىغان بولسىمۇ، مۇۋەھھىد (ئاللاھنى بىر دەپ تونۇغۇچى) ھالىتىدە ئۆلگەن بولسا، ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئاللاھنى تونۇغان ۋە ئاللاھقا ئىشەنگەن ھالدا بارغانىكەن، گەرچە تەۋبە قىلمىغان بولسىمۇ مەڭگۈ قالمايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ خاھلىشى ۋە ھېكمىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. خاھلىسا، ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە كىتابىدا دېگىنى بويىچە ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنى مەغپىرىتىگە ئېلىپ، ئەپۇ قىلىدۇ. خاھلىسا، ئۆز ئەدلى بىلەن ئۇلارنى دوزاختا ئازابلىغاندىن كېيىن، رەھمىتى ۋە ئەھلى تائەت شاپائەتچىلەرنىڭ شافائىتى بىلەن ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىپ جەننەتىگە ئەۋەتىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئول ئاللاھ تائالا ئۆزىنى تونۇغانلارغا ئىگە چىقىپ، ھەر ئىككى دۇنيادا ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ھىدايىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ۋە ئىگە بولۇشىدىن نېسىۋىگە ئېرىشەلمىگەن كۇفۇر ئەھلىگە ئوخشاش قىلمىغان. ئى ئىسلامنىڭ ۋە ئىسلام ئەھلىنىڭ ئىگىسى زات! تاكى سەن بىلەن ئۇچراشقۇچە بىزنى ئىسلامدا سەباتلىق بىلەن تۇرۇشقا نېسىپ قىلغىن!»(14).
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 10 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2023، 25 – سېنتەبىر
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1364)؛ مۇسلىم (113).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1365)؛ مۇسلىم (109).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5778)؛ مۇسلىم (109).
4. مۇسلىم (978).
5. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 6 – ج، 294 – بەت.
6. نەسەفىي/ زەيلەئىي: «تەبيىينۇل ھەقائىقى فى شەرھى كەنزىددەقائىق»، 3 – ج، 230 – بەت؛ زەبىيدىي: «ئەلجەۋھەرۇتۇننەييىرە شەرھۇ مۇختەسەرىلقۇدۇرىي»، 1 – ج، 439 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2 – ج، 212 -، 213 – بەت.
7. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 24 – ج، 290 – بەت.
8. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 3 – ج، 405 – بەت.
9. مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي: «ئەلكەسب»، 78 – بەت.
10. ئىبنى رۇشد: «ئەلبايان ۋەتتەھسىل»، 2 – ج، 239 – بەت.
11. مۇسلىم (116).
12. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 1 – ج، 230 – بەت.
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (44)؛ مۇسلىم (193).
14. تاھاۋىي: «ئەلئەقىدە ئەتتاھاۋىيە»، 22 -، 23 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

