قارىيلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى 2

مەلۇم ۋاقىت ۋە ئەھۋاللاردا ئوقۇش مۇستەھەب بولغان ئايەت ۋە سۈرىلەر

بۇ بابنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر ۋە سەلەفلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسىنى بايان قىلىپ بولۇش قىيىن. لېكىن، بۇ بابتىكى كۆپىنچە مەسىلىلەر ئاۋام – خاس ھەممىگە تونۇشلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپىنچە مەسىلىلەرگە دەلىللىرىنى بايان قىلماستىن قىسقا ئىبارىلەر بىلەن ئىشارە قىلىپ ئۆتىمىز.

شۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرى رامازان ئېيىدا، بولۇپمۇ رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە، ئاخىرقى ئون كۈننىڭ تاق كېچىلىرىدە، زۇلھەججەنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە، ئەرافات كۈنىدە، جۈمە كۈنىدە، بامداتتىن كېيىن ۋە كېچىلەردە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش سۈننەتتۇر. «ياسىن»، «ۋاقىئە» ۋە «مۈلك» سۈرىلىرىنى ئوقۇپ تۇرۇش لازىم.

ئىمام جۈمە نامىزى ۋە ئىككى ھېيت نامازلىرىدا ئوقۇيدىغان سۈرىلەر

جۈمە كۈنى بامدات نامىزىدا بىرىنچى رەكئەتتە «فاتىھە»دىن كېيىن «سەجدە» سۈرىسىنى تولۇق ئوقۇش، ئىككىنچى رەكئەتتە «ئىنسان» سۈرىسىنى تولۇق ئوقۇش سۈننەتتۇر. مەسجىد ئىماملىرىنىڭ كۆپىنچىسى قىلىپ كېلىۋاتقان ھەر ئىككى سۈرىدىن بىرنەچچە ئايەتنى سوزۇپ قىرائەت قىلىپ ئوقۇپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلىدىغان ئىشنى قىلماسلىقى، تەرتىل بىلەن دانىمۇدانە، ئوچۇق، نورمال سۈرئەتتە قىرائەت قىلىپ ھەر ئىككى سۈرىنى كامىل ئوقۇش لازىم.

جۈمە نامىزىدا بىرىنچى رەكئەتتە «جۇمۇئە» سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكئەتتە «مۇنافىقۇن» سۈرىسىنى تولۇق ئوقۇش سۈننەتتۇر. خاھلىسا بىرىنچى رەكئەتتە «ئەئلا» سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكئەتتە «غاشىيە» سۈرىسىنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ئىككىلىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سەھىھ يوللار بىلەن رىۋايەت قىلىنغان(1). بىز باشتا دەپ ئۆتكەندەك، بۇ سۈرىلەردىن بىرنەچچە ئايەتلەرنى ئوقۇپلا بولدى قىلماي، تولۇق ئوقۇشى لازىم.

ھېيت نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئەتىدە «قاف» سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكئەتىدە «قەلەم» سۈرىسىنى ئوقۇش ھەم سۈننەتتۇر. خاھلىسا «ئەئلا» سۈرىسى بىلەن «غاشىيە» سۈرىسىنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ئىككىلىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سەھىھ يوللار بىلەن رىۋايەت قىلىنغان(2). بۇ سۈرىلەردىن بىرنەچچە ئايەتنى ئوقۇپلا بولدى قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

بامدات بىلەن شامنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى، ئىستىخارە نامىزى ۋە ھېيت نامازلىرىدا ئوقۇلىدىغان سۈرىلەر

بامداتنىڭ سۈننىتىنىڭ بىرىنچى رەكئەتىدە «فاتىھە»دىن كېيىن «كافىرۇن» سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكئەتىدە «ئىخلاس» سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ. ئەگەر خاھلىسا بىرىنچى رەكئەتىدە ﴿قُولُوٓاْ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡنَا وَمَآ أُنزِلَ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِـۧمَ﴾(2/«بەقەرە»: 136) دېگەن ئايەتنى، ئىككىنچى رەكئەتىدە ﴿قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ تَعَالَوۡاْ إِلَىٰ كَلِمَةٖ سَوَآءِۭ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكُمۡ﴾(3/«ئال ئىمران»: 64) دېگەن ئايەتنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ئىككىلىسىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوقۇغانلىقى سەھىھ يوللار بىلەن رىۋايەت قىلىنغان(3).

نامازشامنىڭ سۈننىتى(4)، تاۋاپ نامىزى(5) ۋە ئىستىخارە نامازلىرىنىڭ(6)، بىرىنچى رەكئەتىدە «كافىرۇن» سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكئەتىدە «ئىخلاس» سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ.

ۋىتر نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئەتىدە «ئەئلا» سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكئەتىدە «كافىرۇن» سۈرىسىنى، ئۈچىنچى رەكئەتىدە «ئىخلاس»، «فەلەق» ۋە «ناس» سۈرىلىرىنى ئوقۇيدۇ.

جۈمە كۈنى ئوقۇش مۇستەھەب بولغان سۈرىلەر

جۈمە كۈنى «كەھف» سۈرىسىنى ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ «ئەلئۇم» (2/432) دا: «‹كەھف سۈرىسى›نى جۈمە كېچىسى ئوقۇش ھەم مۇستەھەبتۇر» دېگەن.

ئىمام ئەبۇ مۇھەممەد دارىمىي (2450) ئۆز سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ سۆزى بۇنىڭ دەلىلىدۇر: «كىمكى جۈمە كېچىسى ‹كەھف سۈرىسى›نى ئوقۇسا (قىيامەت كۈنى) ئۇنىڭ بىلەن بەيتۇللاھ ئارىسىدىكى ئارىلىق نۇر بىلەن يورۇتۇپ بېرىلىدۇ».

دارىمىي (3446) جۈمە كۈنى «ھۇد» سۈرىسىنى ئوقۇشنىڭ «مۇستەھەب»لىكى ھەققىدە بىر ھەدىس رىۋايەت قىلغان (كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : «جۈمە كۈنى ‹ھۇد› سۈرىسىنى ئوقۇڭلار» دېگەن).

كاتتا تابىئىن مەكھۇل رەھىمەھۇللاھتىن جۈمە كۈنى «ئال ئىمران» سۈرىسىنى ئوقۇشنىڭ «مۇستەھەب»لىكى رىۋايەت قىلىنغان(7).

«ئايەتۇلكۇرسىي»نى، «فەلەق» ۋە «ناس» سۈرىلىرىنى ئوقۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى

«ئايەتۇلكۇرسىي»نى ھەر كېچە ياتىدىغان چاغدا ۋە باشقا ۋاقىتلاردىمۇ كۆپ ئوقۇش، ھەر نامازنىڭ ئارقىسىدىن «فەلەق» ۋە «ناس» سۈرىلىرىنى ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. سەھىھ ھەدىستە ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ھەر نامازنىڭ كەينىدىن ‹فەلەق› ۋە ‹ناس› سۈرىلىرىنى ئوقۇشقا بۇيرۇغان». بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (1523)، تىرمىزىي (2903) ۋە نەسائىي رىۋايەت قىلغان. تىرمىزىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.

ئۇخلايدىغان چاغدا ئوقۇيدىغان ئايەت ۋە سۈرىلەر

ئۇخلايدىغان چاغدا «ئايەتۇل كۇرسىي»نى، «ئىخلاس»، «فەلەق»، «ناس» سۈرىلىرىنى، «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتىنى ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش لازىم. بۇ ھەقتە نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن.

«سەھىھەين» («بۇخارىي»، 5009؛ «مۇسلىم»، 807) دە ئەبۇ مەسئۇد بەدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى كېچىدە ‹بەقەرە› سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايەتىنى ئوقۇيدىكەن، ئۇ ئايەتلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن كۇپايىدۇر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

بىر قىسىم ئۆلىمالار: «ئۇ ئىككى ئايەت كېچە نامىزىغا كۇپايە» دېسە، يەنە بەزىلەر: «شۇ كېچە كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ساقلاشقا كۇپايە» دەيدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى «ئىخلاس»، «فەلەق»، «ناس» سۈرىلىرىنى ئوقۇيتتى(8). بىز بۇنى يۇقىرىدا «دەمىدە قىلىش ئۈچۈن ئايەت ئوقۇپ سۈفلەشنىڭ ھۆكمى» دېگەن تېمىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق.

ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئۆز سەنەدى بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «ئىسلامغا كىرگەن ھەرقانداق ئاقىلنى ‹ئايەتۇل كۇرسىي›نى ئوقۇماستىن ئۇخلايدۇ دەپ ئويلىمايمەن» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(9).

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن ھېچبىر ئاقىلنى ‹بەقەرە› سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ ئايەتىنى ئوقۇماستىن ئۇخلايدۇ دەپ ئويلاپ باقمىدىم» دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى بۇخارىي ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتى بويىچە سەھىھتۇر(10).

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ‹ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇماستىن ھېچبىر كېچىنى ئۆتكۈزمىگىن› دېگەن ئىدى. مەن ئۇلارنى ئوقۇماستىن ھېچبىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىدىم»(11).

ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھ: «ئۇلار (يەنى ساھابەلەر) ھەر كېچىسى ‹ئىخلاس›، ‹فەلەق›، ‹ناس› سۈرىلىرىنى ئۈچ قېتىم ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى» دەيدۇ. بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھتۇر. يەنە ئىبراھىم نەخەئىينىڭ: «ئۇلار ياتىدىغان چاغدا ‹فەلەق›، ‹ناس› سۈرىلىرىنى ئوقۇش ھەققىدە باشقىلارغا تەلىم بېرەتتى» دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ(12).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ‹زۇمەر› ۋە ‹بەنى ئىسرائىل› سۈرىلىرىنى ئوقۇماستىن ئۇخلىمايتتى» دەيدۇ. بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي (2920) رىۋايەت قىلغان ۋە: «ھەسەن ھەدىس» دېگەن.

ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان ئايەتلەر

ھەر كېچە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا «ئال ئىمران» سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ﴿إِنَّ فِي خَلۡقِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ لَأٓيَٰتٖ لِّأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ﴾ دېگەن ئايەتتىن باشلاپ سۈرىنىڭ ئاخىرغىچە ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. «سەھىھەين» («بۇخارىي»، 4569؛ «مۇسلىم»، 763) دە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئويغانغان ۋاقىتتا «ئال ئىمران» سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىنى ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

كېسەل كىشىنىڭ يېنىدا ئوقۇيدىغان ئايەت ۋە سۈرىلەر

كېسەلنىڭ يېنىدا «فاتىھە»نى ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىس («بۇخارىي»، 5736؛ «مۇسلىم»، 763) تىكى: «ئۇ (يەنى «فاتىھە») نىڭ شىپا ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟» دېگەن سۆزى بۇنىڭغا دەلىلدۇر.

كېسەلنىڭ يېنىدا يەنە «ئىخلاس»، «فەلەق»، «ناس» سۈرىلىرىنى ئىككى قولىغا ھۈرۈپ ئوقۇش ھەم مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. بىز بۇنى يۇقىرىدا «دەمىدە قىلىش ئۈچۈن ئايەت ئوقۇپ سۈفلەش»تە بايان قىلىپ ئۆتتۇق.

تەلھە ئىبنى مۇسەررىف رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «‹كېسەل كىشىنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇسا كېسىلى يەڭگىللەيدۇ› دەپ قارىلاتتى. مەن خەيسەمەنىڭ يېنىغا كىرىپ (ئۇ كېسەل ئىدى): ‹بۈگۈن كېسىلىڭ ياخشى بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ› دېسەم، ئۇ: ‹شۇنداق، چۈنكى مېنىڭ يېنىمدا قۇرئان ئوقۇلدى› دېدى»(13).

خەتىب باغدادىي رەھىمەھۇللاھ ئۆز سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مۇھەددىس رەمادىي رەھىمەھۇللاھ بىرەر كېسەلگە مۇپتىلا بولسا: ‹مۇھەددىسلەرنى چاقىرىپ كېلىڭلار› دەيتتى. ئۇلار كەلسە، ئۇلارغا: ‹ماڭا ھەدىس ئوقۇپ بېرىڭلار› دەيتتى»(14). بۇ كېسەلگە ھەدىس ئوقۇشنىڭ گېپى، كېسەلگە «قۇرئان» ئوقۇش تېخىمۇ ئەۋزەل.

مېيىتنىڭ يېنىدا ئوقۇلىدىغان سۈرىلەر

شافىئىي مەزھەبىدىكى ئۇستازلىرىمىز ۋە باشقا مەزھەبتىكى ئۆلىمالار: «مېيىتنىڭ يېنىدا ‹ياسىن›نى ئوقۇش مۇستەھەب» دېگەن. ئۇلار بۇ سۆزىگە مەئقىل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مېيىتلىرىڭلارغا ‹ياسىن›نى ئوقۇڭلار» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (3121) ۋە نەسائىي («كېچە ۋە كۈندۈز ئەمەللىرى»، 1082) رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىسنى يەنە ئىبنى ماجە (1448) مۇ زەئىف سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.

مۇجالىد شەئبىينىڭ: «ئەنسارلار مېيىتنىڭ يېنىدا ‹بەقەرە› سۈرىسىنى ئوقۇيتتى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. مۇجالىد ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا ئىشەنچسىز كىشىدۇر(15).

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر  قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.


1. «مۇسلىم»، (878، 879).
2. «مۇسلىم»، (891).
3. «مۇسلىم»، (726، 727، 100).
4. «ئەھمەد»، 2/24؛ «نەسائىي»، 2/170؛ «سۈنەن بەيھەقىي»، 3/43.
5. «مۇسلىم»، (1218)؛ «تىرمىزىي»، (869).
6. ھافىز ئىراقىي دەيدۇكى: «ئىستىخارە نامىزىدا مۇئەييەن سۈرە ئوقۇش ھەققىدە ھەدىس كىتابلىرىدا ھېچبىر رىۋايەت ئۇچراتمىدىم، لېكىن ئىمام نەۋەۋىي تىلغا ئالغان سۈرىلەر ئىستىخارە نامىزىغا مۇناسىپ سۈرىلەردۇر. ‹كافىرۇن› ۋە ‹ئىخلاس› سۈرىلىرى چىن ئىخلاسنى ئىپادىلەيدىغان سۈرىلەر بولغاچقا، چىن ئارزۇ، بارلىق ئىشلىرىنى ئاللاھقا ھەقىقىي تاپشۇرۇش، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىزھار قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان بۇ ئىستىخارە نامىزىدا ئوقۇش مۇناسىپتۇر. ئىمام نەۋەۋىيدىن بۇرۇن ئىمام غەززالىي (‹ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن›، 1/353) ئىستىخارە نامىزىدا بۇ سۈرىلەرنى ئوقۇشنى سۆزلەپ ئۆتكەن. ناۋادا ‹قەسەس› سۈرىسىنىڭ 68 – ئايىتى، ‹ئەھزاب› سۈرىسىنىڭ 36 – ئايىتىگە ئوخشاش تاللاش ھوقۇقىنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن ئايەتلەرنى ئوقۇسا ياخشى». ھافىز ئىبنى ھەجەر دەيدۇكى: «ئەڭ ياخشىسى بىرىنچى رەكئەتتە ‹كافىرۇن› سۈرىسىدىن بۇرۇن ‹قەسەس› سۈرىسىنىڭ ﴿وَرَبُّكَ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ وَيَخْتَارُ﴾ دېگەن ئايەتىدىن ﴿لَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ﴾ دېگەن يېرىگىچە، ئىككىنچى رەكئەتتە ‹ئىخلاس› سۈرىسىدىن بۇرۇن ‹ئەھزاب› سۈرىسىنىڭ ﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ﴾ دېگەن ئايەتىدىن ﴿فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا﴾ دېگەن يېرىگىچە ئوقۇشتۇر. گەرچە بۇ ھەدىسلەردە كەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئايەتلەرمۇ ‹كافىرۇن› ۋە ‹ئىخلاس› سۈرىلىرىگە ئوخشاشلا ئىستىخارە نامىزىدا ئوقۇشقا مۇناسىپتۇر». قاراڭ: «ئەلفۇتۇھاتۇرراببانىييە»، 3/354.
7. دارىمىي (3440) مەكھۇل رەھىمەھۇللاھتىن ئۇنىڭ: «كىمكى جۈمە كۈنى ‹ئال ئىمران› سۈرىسىنى ئوقۇسا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا كېچىگە قەدەر رەھمەت تىلەيدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5017)؛ «مۇسلىم»، (2192).
9. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 7/47؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/91) بۇنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدقا مەنسۇپ قىلغان ۋە: «ھەسەن» دېگەن.
10. «دارىمىي»، (3427)؛ «نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/90.
11. «ئەھمەد»، 4/158؛ «تارىخى ئىبنى ئەساكىر»، 9/101.
12. بۇ ئىككى رىۋايەتنى ھافىز ئىبنى ھەجەر «نەتائىجۇل ئەفكار»دا ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدقا مەنسۇپ قىلغان ۋە بۇ رىۋايەتلەرنىڭ رىۋايەت قىلغۇچىلىرىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن: «ھەر ئىككى رىۋايەت بارلىق رىۋايەتچىلىرى بىلەن بىرگە ھەسەن» دېگەن ۋە ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «بۇ رىۋايەتلەر مۇسلىمنىڭ شەرتى بويىچە سەھىھ» دەپلا بولدى قىلغانلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتقان.
13. «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 384 – بەت. «ئىمان شاخچىلىرى»، (2343).
14. «ئەھلى ھەدىسلەرنىڭ پەزىلىتى»، 86 – بەت.
15. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 2/123.

Please follow and like us: