قارىيلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى 2

بارلىق ئىنسانلارنىڭ «قۇرئان»غا قارىتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەبلىرى

«سەھىھۇ مۇسلىم» (55) دا رىۋايەت قىلىنىشچە، تەمىم دارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— دىن سەمىمىيەتتۇر، — دېگەن ئىدى، بىز:

— كىمگە؟ — دەپ سورىدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ كىتابىغا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرىغا ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا، — دەپ جاۋاب بەردى».

ئۆلىمالار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن!) دەيدۇكى: «ئاللاھنىڭ كىتابىغا سەمىمىي بولۇش دېگەن ‹قۇرئان›نىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە، ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىگە، ھېچبىر مەخلۇقنىڭ سۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغانلىقىغا، بارلىق مەخلۇقاتلار ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە قادىر بولالمايدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش، ئۇنى ھۆرمەتلەش، لايىقىدا تىلاۋەت قىلىش، چىرايلىق ئوقۇش، ‹قۇرئان› تىلاۋەت قىلىنغاندا جىم تۇرۇش، ھەرپلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش، ‹قۇرئان›نى بۇرمىلىماقچى بولغانلارنىڭ بۇرمىلاشلىرىدىن، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ چېقىلىشىدىن قوغداش، ‹قۇرئان› ئېلىپ كەلگەن ئەھكاملارنى تەستىقلاش، ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىش، ‹قۇرئان› ئىلىملىرى ۋە مىساللىرىنى چۈشىنىش، ۋەز – نەسىھەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىش، ئاجايىباتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش، مۇھكەم (يەنى قاراتمىلىقى ئېنىق) ئايەتلىرىگە ئەمەل قىلىش، مۇتەشابىھ (يەنى قاراتمىلىقى نائېنىق) ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتىش، ئومۇمىي ۋە خۇسۇسىي ھۆكۈملىرىنى، ئەمەلدىن قالدۇرغان (يەنى ناسىخ) ۋە ئەمەلدىن قالغان (يەنى مەنسۇخ) ھۆكۈملىرىنى تەتقىق قىلىش، ‹قۇرئان› ئىلىملىرىنى تارقىتىش ۋە ‹قۇرئان› تەرەپكە چاقىرىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ».

«قۇرئان»نى ئۇلۇغلاش ۋاجىب

مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»نى ئۇلۇغلاشنىڭ، ئۇنى نۇقسانلاردىن خالىي دەپ ئېتىقاد قىلىشنىڭ ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ «ۋاجىب» ئىكەنلىكىگە، «قۇرئان»دىن مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن بىر ھەرپنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان ياكى بىلىپ تۇرۇپ مەشھۇر قارىيلاردىن ھېچبىرىدىن رىۋايەت قىلىنمىغان بىر ھەرپنى قوشۇپ قويغان كىشىنىڭ كافىر بولىدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن.

ئىمام، ھافىز قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «ئاللاھنىڭ كالامىنى ياكى قولىمىزدىكى ‹مۇسھەف شەرىف›نى، ياكى ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسىنى مەنسىتمىگەن، تىللىغان، ياكى ئۇنىڭ بىرەر ھەرپىنى ئىنكار قىلغان، ياكى ئۇنىڭدا ئوچۇق سۆزلەنگەن بىرەر ھۆكۈم ياكى خەۋەرنى ئىنكار قىلغان، ياكى قۇرئان ئىنكار قىلغاننى ئىنكار قىلمىغان، ياكى ئىنكار قىلمىغاننى ئىنكار قىلغان، ياكى ‹قۇرئان›دىكى بىرەر نەرسىگە شەك قىلغان كىشى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا بىردەك كافىردۇر. شۇنداقلا ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن تەۋرات، ئىنجىلغا ئوخشاش كىتابلارنى ئىنكار قىلغان ياكى تىللىغان، كۆزگە ئىلمىغان كىشىلەرمۇ كافىردۇر. يۇرت – يۇرتلاردا تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان، مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىرىدىكى كىتاب (يەنى قۇرئان) قا يېزىلغان، ‹فاتىھە›دىن باشلىنىپ، ‹ناس› سۈرىسى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان، ئىككى مۇقاۋا ئارىسىدا بولغان سۆزلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە چۈشۈرگەن ۋەھيىسى ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭدىن بىرەر ھەرپنى قەستەن كېمەيتىۋەتكەن ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ھەرپنى ئالماشتۇرۇۋەتكەن، قولىمىزدىكى مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن كىتاب ئۆز ئىچىگە ئالمىغان، مۇسۇلمانلار ‹قۇرئان› ئەمەسلىكىدە بىرلىككە كەلگەن بىرەر ھەرپنى قەستەن قوشۇپ قويغان كىشىنىڭمۇ كافىر بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.

ئەبۇ ئوسمان ئىبنى ھەدداد مۇنداق دەيدۇ: ‹ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق كىشىلەر قۇرئاندىن بىرەر ھەرپنى ئىنكار قىلسىمۇ، كافىر بولۇپ كېتىدىغانلىقتا بىرلىككە كەلگەن›.

باغداد فەقىھلىرى ئىبنى مۇجاھىد بىلەن بىللە باغداد قارىيلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مەشھۇر قارىي ئىبنى شەنەبۇزنى ‹قۇرئان›نى مۇسھەف (ئايەتلەر يېزىلغان كىتاب) تە بولمىغان يات قىرائەتلەر بىلەن ئوقۇغانلىقى ۋە ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن تەۋبە قىلدۇرۇشتا بىرلىككە كەلگەن ۋە ھ. 323 / م. 935 – يىلى ۋەزىر ئەبۇ ئەلى ئىبنى مۇقلەنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە تەۋبە قىلغانلىقى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان(1).

ئەبۇ مۇھەممەد ئىبنى ئەبى زەيد بىر كىشىنىڭ كىچىك بالىغا: ‹ئاللاھ مۇئەللىمىڭگە ۋە ئۇنىڭ ساڭا ئۆگەتكەنلىرىگە لەنەت قىلسۇن› دەپ ‹مەن ئۇنىڭ ئەدەبسىزلىكىنى دېمەكچى، قۇرئاننى دېمەكچى ئەمەس› دەپ تۇرۇۋالسا، ئۇنىڭ جازالىنىدىغانلىقى، ئەمما ‹قۇرئان›غا لەنەت قىلغان كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە پەتۋا بەرگەن». قازى ئىيازنىڭ سۆزى («ئەششىفاﺋ»، 873 – 876) مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

«قۇرئان»نى تەفسىر قىلىشنىڭ ھۆكمى

ئۆزىدە «قۇرئان كەرىم»نى تەفسىر قىلىش سالاهىيىتىنى ھازىرلىمىغان كىشىلەرنىڭ «قۇرئان»نى ئىلىمسىز ھالدا تەفسىر قىلىشى ۋە قۇرئان مەنالىرى ھەققىدە گەپ قىلىشى ھارامدۇر.

بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭ ھاراملىقىدا مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن.

ئەمما، ئالىملارنىڭ «قۇرئان»نى تەفسىر قىلىشى جائىز ۋە ياخشى ئىشتۇر. بۇ خۇسۇستىمۇ ھەم مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن.

تەفسىر قىلىش سالاهىيىتىنى ھازىرلىغان، «قۇرئان» مەنالىرىنى بىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بىلىملەرنى ئۆزىدە جەم قىلغان، «تەفسىر قىلماقچى بولغان ئايەتلىرىنىڭ مۇراد – مەقسەتلىرىنى بىلدىم» دەپ ئويلىغان كىشى ئايەتلەرنىڭ مەنالىرى، ئاشكارا – يوشۇرۇن، ئومۇمىي ۋە خۇسۇسىي ھۆكۈملىرى، جۈملىلەرنىڭ گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىلىرى قاتارلىق ئىجتىھاد بىلەن بىلگىلى بولىدىغان مەسىلىلەرنى تەفسىر قىلسا بولىدۇ. ئەمما، سۆزلۈكلەرنى شەرھلەش قاتارلىق پەقەت نەقىل ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدىغان، ئىجتىھاد ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدىغان مەسىلىلەردە شۇ پەنلەرنىڭ ئىشەنچلىك ئۆلىمالىرىدىن كەلگەن ئىشەنچلىك نەقىللەرگە تايانماستىن گەپ قىلىش جائىز بولمايدۇ. ئايەتلەرنى تەفسىر قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بىلىملەرنى ئۆزىدە ھازىرلىمىغانلىقى ئۈچۈن تەفسىر قىلىش سالاهىيىتىنى ھازىرلىمىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ كالامىنى تەفسىر قىلىشى ھارامدۇر. لېكىن، ئۇلار ئىشەنچلىك مۇفەسسىرلەرنىڭ تەفسىرلىرىنى نەقىل قىلسا بولىدۇ.

«قۇرئان كەرىم»نى سەھىھ دەلىللەرگە تايانماستىن، ئۆز كۆزقارىشى بويىچە تەفسىر قىلىدىغان كىشىلەر بىرنەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

بىرىنچى: ئايەتلەرنى ئۆز قارىشىنى توغرا چىقىرىشقا، كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىشقا دەلىل قىلىدىغانلار؛ بۇلار ئايەتلەرنىڭ ئۆز كۆزقارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالايدىغانلىقىغا جەزم قىلماي تۇرۇپ، پەقەت قارشى تەرەپنى يېڭىش ئۈچۈنلا دەلىل قىلىشىدۇ.

ئىككىنچى: باشقىلارنى ياخشى ئىشلارغا چاقىرىشنى مەقسەت قىلىدىغان، لېكىن ئايەتلەرنى دەۋاتقان سۆزىگە دەلىل بولالايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپ دەلىل قىلىدىغانلار؛

ئۈچىنچى: «قۇرئان» كەلىمەلىرىنى مۇتەخەسسىسلەر قارىشىدىكى مەنالىرىنى بىلمەستىن تەفسىرلەش. «قۇرئان» سۆزلۈكلىرىنىڭ مەنالىرىنى پەقەت تىلشۇناسلار ۋە تەفسىرشۇناسلاردىن ئاڭلاش ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ. سۆزلۈكلەرنىڭ مەنالىرى ۋە گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىلىرى، سۆزلۈكلەرنىڭ قالدۇرۇلغان، قىسقارتىلغان، كۆڭۈلگە پۈكۈلگەنلىرى، سۆزلۈكلەرنىڭ ئەسلى ۋە كۆچمە مەنالىرى، ئومۇمىي ۋە خۇسۇسىي مەنالىرى، ئابستراكت ۋە ئېنىق مەنا بىلدۈرىدىغان سۆزلۈكلەر، ئىلگىرى – كېيىن كەلتۈرۈلگەن سۆزلۈكلەر قاتارلىق كۆرۈنۈشىدىن باشقىچە مەنا بىلدۈرىدىغان مەسىلىلەردە ئەرەب تىلىنى بىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى ئەرەب تىلىنى بىلىش بىلەن بىرگە تەفسىرشۇناسلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنىمۇ بىلىش لازىم. چۈنكى، تەفسىرشۇناسلار بەزى سۆزلۈكلەرنىڭ ئاشكارا مەنىسى كۆزدە تۇتۇلمايدىغانلىقىغا ياكى ئايرىم مەنا بىلدۈرىدىغانلىقىغا، ياكى بەزى سۆزلۈكلەرنى قوشۇپ چۈشىنىش لازىملىقىدا بىرلىككە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا بەزى سۆزلۈكلەر كۆپ خىل مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلۈكلەر بولۇپ، مەلۇم ئورۇندا مەلۇم بىر خىل مەنىسى كۆزدە تۇتۇلۇشى، ھەممە ئورۇندا شۇ بىر خىل مەنا بويىچە تەفسىر قىلغاندا خاتالىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە تىلشۇناسلار ياكى مۇفەسسىرلەرگە مۇراجىئەت قىلماستىن تەفسىر قىلىش «قۇرئان»نى ئۆز كۆزقارىشى بويىچە تەفسىر قىلىشتۇر ۋە بۇنداق قىلىش ھارامدۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

«قۇرئان» ھەققىدە تالاش – تارتىش قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى

«قۇرئان» توغرىسىدا ناھەق تالاش – تارتىش قىلىش ھارامدۇر. بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى، مەلۇم بىر ئايەتنىڭ ئۆزىنىڭ قارىشىغا زىت كېلىدىغان مەزمۇننى كۆرسىتىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ قارىشىغا دەلىل بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ زەئىف ئىكەنلىكى كۆڭلىگە ئايان تۇرۇپ، ئايەتنى ئۆز قارىشىغا بۇراش ئۈچۈن مۇنازىرىلىشىش «قۇرئان» توغرىسىدا ناھەق تالاش – تارتىش قىلىش جۈملىسىدىندۇر. ئەمما، ئايەتنىڭ ئۆز قارىشىغا زىت كېلىدىغان مەزمۇننى كۆرسىتىدىغانلىقى كۆڭلىگە ئايان بولمىغان كىشىلەر ئۆزرىلىكتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «‹قۇرئان› توغرىسىدا تالاش – تارتىش قىلىش كافىرلىقتۇر» دېگەنلىكى سەھىھ يول بىلەن كەلگەندۇر(2).

خەتتابىي رەھىمەھۇللاھ («مەئالىمۇسسۇنەن»، 5/10) دەيدۇكى: «بەزىلەر: بۇ ھەدىستىكى ‹المِراء› سۆزى ‹شەك قىلىش› دېگەن بولىدۇ، دېسە، يەنە بەزىلەر: ‹قۇرئاندا شەك پەيدا قىلىدىغان رەۋىشتە تالاش – تارتىش قىلىش دېگەن بولىدۇ› دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: ‹ئازغۇن مەزھەبلەرنىڭ تەقدىر ئايەتلىرى ھەققىدە قىلغان تالاش – تارتىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ› دەپ قارايدۇ».

«قۇرئان»دىكى پەقەت ئاللاھنىڭ بايان قىلىپ بېرىشى بىلەنلا بىلگىلى بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە سوئال سوراشتىكى ئەدەبلەر

«‹قۇرئان›دىكى مەلۇم بىر ئايەتنىڭ مەلۇم بىر ئايەتتىن بۇرۇن كېلىشى ياكى مەلۇم بىر ئايەتنىڭ مەلۇم بىر ئورۇندا كېلىش سەۋەبى» دېگەندەك مەسىلىلەرنى سورىغاندا: «بۇنىڭ ھېكمىتى نېمە؟» دەپ سوراش لازىم.

«پالانى ئايەتنى ئۇنتۇپ قالدىم» دېيىشنىڭ مەكرۇھلۇقى

«پالانى ئايەتنى ئۇنتۇپ قالدىم» دېيىش مەكرۇھتۇر، بەلكى «ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم» ياكى «ئېسىمدىن چىقىپ كەتتى» دېيىش لازىم.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان سەھىھ بىر ھەدىس («مۇسلىم»، 790) تە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار: ‹پالانى، پالانى ئايەتنى ئۇنتۇپ قالدىم› دېمىسۇن، (ئۇ ئۇنتۇپ قالمىغان) بەلكى ئۇنتۇلدۇرۇلغاندۇر» دېگەن.

«سەھىھەين» («بۇخارىي»، 5039؛ «مۇسلىم»، 790) دىكى يەنە بىر رىۋايەتتە: «‹بىرىڭلارنىڭ پالانى، پالانى ئايەتنى ئۇنتۇپ قالدىم› دېيىشى نېمىدېگەن يامان! (ئۇ ئۇنتۇپ قالمىدى) ئەمەلىيەتتە، ئۇنتۇلدۇرۇلدى» دېيىلگەن.

«سەھىھەين» («بۇخارىي»، 5037؛ «مۇسلىم»، 788) دە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتقانكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنىڭ ‹قۇرئان› ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: ‹ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن! ئۇ ماڭا ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قالغان بىر ئايەتنى ئەسلىتىپ قويدى› دېدى». «سەھىھەين» («بۇخارىي»، 5038؛ «مۇسلىم»، 225) دىكى يەنە بىر رىۋايەتتە: «مەن ئۇنتۇلدۇرۇلغان بىر ئايەتنى» دېگەن.

ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدنىڭ كاتتا تابىئىن ئەبۇ ئابدۇرراھمان سۇلەمىيدىن رىۋايەت قىلغان: «‹پالانى ئايەتنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويدۇم› دېمە! بەلكى ‹پالانى ئايەتنى ئەسلىيەلمەي قالدىم› دېگىن» دېگەن رىۋايىتىگە كەلسەك، بۇ رىۋايەت سەھىھ ھەدىسكە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، سەھىھ ھەدىسكە ئاساسلىنىپ: «ئېسىمدىن چىقىرىپ قويدۇم» دېيىش «مەكرۇھ ئەمەس، دۇرۇس» دەيمىز(3).

سۈرىلەرنى ئىسىملار بىلەن ئاتاش

سۈرىلەرنى «بەقەرە سۈرىسى»، «ئال ئىمران سۈرىسى»، «نىسائ‍ سۈرىسى»، «مائىدە سۈرىسى» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتىساق بولىدۇ. بۇنداق ئاتاش مەكرۇھ ئەمەس. ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ بەزىلىرى: «‹كالا ۋەقەلىكى بايان قىلىنىدىغان سۈرە›، ‹ئىمران ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەقەلىكى بايان قىلىنىدىغان سۈرە›، ‹ئاياللارنىڭ ھۆكۈملىرى بايان قىلىنىدىغان سۈرە› دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتاش لازىم» دەپ قارىغان. توغرىسى ئاۋۋالقى قاراشتۇر.

«سەھىھەين» («بۇخارىي»، 4008؛ «مۇسلىم»، 809) دە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «بەقەرە سۈرىسى»، «كەھف سۈرىسى»… دېگەنلىكى كۆپ ئۇچرايدۇ. ساھابەلەردىن بۇنداق رىۋايەتلەرمۇ كۆپ كەلگەن. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بۇ ‹بەقەرە سۈرىسى› نازىل قىلىنغان زات تۇرغان جاي» دېگەن(4). «سەھىھەين» («بۇخارىي»، 4582؛ «مۇسلىم»، 800) دە يەنە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ‹نىساﺋ سۈرىسى›نى ئوقۇپ بەردىم» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

«السورة (سۈرە)» سۆزىنىڭ ئىككى خىل ئوقۇلۇش شەكلى بار: بىرى، ھەمزە بىلەن «السؤرة(سۈئرە)» دەپ ئوقۇش، يەنە بىرى، ھەمزىسىز ئوقۇش.

ھەمزىسىز ئوقۇش ئەۋزەل. قۇرئاندىمۇ ھەمزىسىز «السورة» دەپ كەلگەن.

بۇ ئىككى خىل ئوقۇش شەكلىنى ئىبنى قۇتەيبە «غەرىيبۇل ھەدىس» (1/241) تە تىلغا ئالغان.

قىرائەتنى قىرائەت ئىماملىرىغا مەنسۇپ قىلىشنىڭ ھۆكمى

قىرائەتلەرنى «بۇ ئەبۇ ئەمرنىڭ قىرائىتى»، «بۇ نافىئنىڭ قىرائىتى»، «بۇ ھەمزىنىڭ قىرائىتى» «بۇ كىسائىينىڭ قىرائىتى» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتاش مەكرۇھ ئەمەس. بۇ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكىلەر ئەمەل قىلىپ كەلگەن، ھېچكىم ئىنكار قىلمىغان، ئۆلىمالار تەرىپىدىن تاللانغان قاراشتۇر. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئىبراھىم نەخەئىي: «ئۇلار ‹پالانىنىڭ سۈننىتى›، ‹پالانىنىڭ قىرائىتى› دېيىشنى يامان كۆرەتتى» دېگەن. توغرىسى بىز ئىلگىرى بايان قىلغان قاراشتۇر»(5).

كافىرغا «قۇرئان» ئۆگىتىشنىڭ ھۆكمى

كافىرنىڭ «قۇرئان» ئاڭلىشى چەكلەنمەيدۇ. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿وَإِنۡ أَحَدٞ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ٱسۡتَجَارَكَ فَأَجِرۡهُ حَتَّىٰ يَسۡمَعَ كَلَٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ أَبۡلِغۡهُ مَأۡمَنَهُۥۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَعۡلَمُونَ / ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلىغانغا (يەنى پىكىر قىلىپ ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن. ئاندىن (ئۇ ئىمان ئېيتمىسا) ئۇنى (جېنى، مېلى) ئامان بولىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن﴾(9/«تەۋبە»: 6). ئەمما، ئۇلارنىڭ «قۇرئان»نى تۇتۇشى چەكلىنىدۇ(6).

ئۇلارغا «قۇرئان» ئۆگىتىش دۇرۇسمۇ؟ شافىئىي ئۇستازلىرىمىز دەيدۇكى: «مۇسۇلمان بولۇشىدىن ئۈمىد بولمىسا ئۆگىتىشكە بولمايدۇ. ئۈمىد بولسا، ئىككى خىل قاراش بار. بىرى، مۇسۇلمان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۆگىتىشكە بولىدۇ. بۇ سەھىھ، توغرا قاراشتۇر. ئىككىنچىسى، مۇسۇلمان بولۇشىدىن ئۈمىد بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ‹قۇرئان›نى سېتىپ بېرىش دۇرۇس بولمىغاندەك، ‹قۇرئان› ئۆگىتىشمۇ دۇرۇس بولمايدۇ». ئۇلارنىڭ «قۇرئان» ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەك توسامدۇق؟ بۇ مەسىلىدىمۇ ھەم ئىككى خىل قاراش بار(7).

دەمىدە قىلىش ئۈچۈن «قۇرئان» ئايەتلىرىنى يېزىشنىڭ ھۆكمى

ئۆلىمالار ئارىسىدا قاچىغا «قۇرئان» ئايەتلىرىنى يېزىپ، يۇيۇپ كېسەلگە سۈيىنى ئىچۈرۈشتە ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار مەۋجۇد.

ھەسەن بەسرىي، مۇجاھىد، ئەبۇ قىلابە، ئەۋزائىي قاتارلىقلار: «جائىز» دېسە، ئىبراھىم نەخەئىي: «مەكرۇھ» دەيدۇ(8).

شافىئىي ئۇستازلىرىمىزدىن قازى ھۈسەيىن ۋە بەغەۋىي قاتارلىقلار: «تاتلىق – تۇرۇم دېگەندەك يېمەكلىكلەرگە ‹قۇرئان› ئايەتلىرىنى يېزىپ يېسە مەيلى» دەيدۇ. قازى ھۈسەيىن: «ئايەت يېزىلغان ياغاچنى كۆيدۈرۈش مەكرۇھ» دېگەن.

تام ۋە كىيىم – كېچەكلەرگە ئايەتلەرنى نەقىش قىلىپ ئويۇشنىڭ ۋە ئايەتلەردىن تىلتۇمار پۈتۈشنىڭ ھۆكمى

بىزنىڭ (شافىئىي) مەزھەبتە ئايەتلەرنى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى تامغا نەقىش قىلىپ ئويۇش، كىيىم – كېچەكلەرگە كەشتە تىكىش مەكرۇھتۇر(9).

ئەتاﺋ: «مەسجىدنىڭ قىبلە تەرىپىگە ‹قۇرئان›نى يازسا بولىدۇ» دەيدۇ(10).

ئايەتلەردىن تىلتۇمار پۈتۈشنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، ئىمام مالىك: «قومۇش ياكى تېرىگە ‹قۇرئان› ئايەتلىرىنى يېزىپ تىكىپ تىلتۇمار پۈتسە بولىدۇ» دەيدۇ(11).

بەزى شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «تىلتۇمارغا باشقا نەرسىلەر بىلەن بىللە ‹قۇرئان› ئايەتلىرىنىمۇ يازسا ھارام ئەمەس، لېكىن تاھارەتسىز ھالدىمۇ كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنداق قىلمىغىنى ياخشى. ئايەتلەرنى يازغان بولسا ئىمام مالىك دېگەندەك تىكىپ ئاسراش ئارقىلىق ساقلاش لازىم» دەيدۇ. شەيخ ئەبۇ ئەمر ئىبنى سالاھ شۇنداق پەتۋا بەرگەن(12).

دەمىدە قىلىش ئۈچۈن ئايەت ئوقۇپ سۈفلەشنىڭ ھۆكمى

ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ساھابەلەردىن ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئىسمى ۋەھب ئىبنى ئابدۇللاھ، ئۇنداق ئەمەس دېگۈچىلەرمۇ بار) نىڭ ۋە تابىئىنلاردىن ھەسەن بەسرىي، ئىبراھىم نەخەئىي قاتارلىقلارنىڭ بۇنداق قىلىشنى مەكرۇھ دەپ قارايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان(13).

تاللانغان قاراش شۇكى، «قۇرئان» ئوقۇپ، ھۈرۈپ دەم سېلىش مەكرۇھ ئەمەس، بەلكى سۈننەت ۋە مۇستەھەبتۇر.

سەھىھ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچە ياتىدىغان چېغىدا ئالىقانلىرىنى جۈپلەپ تۇرۇپ ‹ئىخلاس›، ‹فەلەق›، ‹ناس› سۈرىلىرىنى ئوقۇپ، ‹سۈف› دەپ ھۈرۈپ ئىككى قولى بىلەن بېشى، يۈزى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلاپ بەدىنىنى قولى يەتكەن يەرگىچە ئۈچ قېتىم سىلايتتى». بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي (5017) بىلەن ئىمام مۇسلىم (2192) «سەھىھەين»دە رىۋايەت قىلغان.

«سەھىھەين»نىڭ بۇنىڭدىن باشقا بەزى رىۋايەتلىرى («بۇخارىي»، 5748) دە كېلىشىچە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاغرىپ قالسا مېنى بۇيرۇيتتى، مەن مەزكۇر سۈرىلەرنى ئوقۇپ ھۈرۈپ قوياتتىم» دېگەن. يەنە بەزى رىۋايەتلىرى («بۇخارىي»، 5735) دە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغان كېسىلىدە ‹فەلەق›، ‹ناس› سۈرىلىرىنى ئوقۇپ، ئۆزىگە ھۈرگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان چاغدا، مەن مەزكۇر سۈرىلەرنى ئوقۇپ، بەرىكەتلىك بولغاچقا ئۆز قولى بىلەن بەدىنىنى سىلىتىپ ھۈرۈپ قوياتتىم» دېگەن. يەنە بەزى رىۋايەتلىرى («مۇسلىم»، 2192) دە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاغرىپ قالسا، ‹فەلەق›، ‹ناس› سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئۆزىگە ھۈرەتتى» دېگەن.

لۇغەت ئالىملىرى: «النفث (‹سۈف› دېيىش) دېگەن تۈكۈرۈكسىز يېنىك پۈۋلەشتۇر» دېگەن.

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر  قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.


1. ئىبنۇلجەۋزىي: «ئەلمۇنتەزەم فى تارىخىل مۇلۇكى ۋەلئۇمەم»، 8/153؛ زەھەبىي: «مەئرىفەتۇل قۇررائىل كىبار»، 2/549 – 553.
2. «ئىبنى ھىببان»، (1464)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (4603)؛ «ھاكىم»، (2/223).
3. ھافىز ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 9/87) دا ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدقا مەنسۇپ قىلغان ۋە: «بۇ ئېسىل ئەخلاق، لېكىن ۋاجىب ئەمەس» دېگەن.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1747)؛ «مۇسلىم»، (1296).
5. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 7/191.
6. كافىرلار «قۇرئان»نى ھۆرمەتلىمەيدىغان، بەزىدە ھاقارەتلەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ «قۇرئان»نى تۇتۇشى چەكلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا «قۇرئان»نىڭ ئۆزىنى ئەمەس، تەرجىمىسىنى بەرسە بولىدۇ. — ت.
7. كافىرلارنىڭ «قۇرئان»نى ئاڭلىشى ۋە ئۆگىنىشى ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغاچقا، ئۇلارنى «قۇرئان»نى ئاڭلاش ۋە ئۆگىنىشتىن توسۇشقا بولمايدۇ. جانابىي ئاللاھ «فۇسسىلەت» سۈرىسى 26 – ئايەتتە: ﴿كافىرلار: «بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دەيدۇ﴾ دەپ بايان قىلغاندەك، «قۇرئان»نى ئاڭلاشنى ۋە ئۆگىنىشنى توسۇش كافىرلارنىڭ ئىشىدۇر. «مۇددەسسىر» سۈرىسى 49 – 51 – ئايەتلەردە يەنە ئاللاھ تائالا «قۇرئان»نى ئاڭلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان كافىرلارنى ئەيىبلىگەن: ﴿ئۇلار نېمىشقا ۋەز (يەنى قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر﴾. ئۇلار قۇرئاننى ئاڭلىسا ۋە ئۆگەنسە دىللىرى ئېرىمەي قالمايدۇ. نەتىجىدە ئۆگىنىشتە سەمىمىيىتى يوق بولغانلىرىنىڭمۇ دىللىرىدىكى ئاللاھنى تونۇش فىترىتىنىڭ ئۇلارنى ھىدايەتكە باشلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن شافىئىي مەزھەبتىكى بەزى ئالىملار ئۇلارغا «قۇرئان» ئۆگىتىشنى چەكلىمەيدۇ. ئىمام مالىك بىلەن شافىئىي مەزھەبتىكى بەزى ئالىملارنىڭ كافىرلارنىڭ «قۇرئان» ئاڭلىشىنى ۋە ئۆگىنىشىنى چەكلىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ قۇرئاننى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاڭلىشى ۋە ئۆگىنىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا، بۇنداق مەقسەتتە «قۇرئان» ئوقۇشنى ئۆگىنىدىغانلارغا ئۆگىتىشكە بولمايدۇ. — ت.
8. ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، (382)؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 5/434.
9. «ئەلمەجمۇئ‍»، 2/88.
10. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 1/498.
11. «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 1/304.
12. «ئىبنى سەلاھ پەتۋالىرى»، 1/251.
13. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 5/441.

Please follow and like us: