قارىيلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى 2

«قۇرئان» ئوقۇش ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىتلار، «قۇرئان» خەتمىسىنىڭ ئەدەبلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر

«قۇرئان» ئوقۇش ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىتلار

شۇنى بىلگىنكى، قىرائەتنىڭ ئەۋزىلى نامازلاردا ئوقۇلغان قىرائەتتۇر. ئىمام شافىئىي قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، نامازدا قىيامنى ئۇزۇن قىلىش سەجدەنى ئۇزۇن قىلغاندىن ئەۋزەل.

نامازنىڭ سىرتىدىكى قىرائەتنىڭ ئەۋزىلى كېچە قىرائىتىدۇر. كېچىنىڭ ئاخىرقى يېرىمى ئاۋۋالقى يېرىمىدىن ئەۋزەل، نامازشام بىلەن خۇپتەن ئارىلىقىدا «قۇرئان» ئوقۇش مۇستەھەبتۇر.

ئەمما، كۈندۈزى بامدات نامىزىدىن كېيىن «قۇرئان» ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. «قۇرئان» ئوقۇش تېگى – تەكتىدىن مەكرۇھ بولىدىغان ھېچبىر ۋاقىت يوق. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد مۇئان ئىبنى رىفائەدىن، ئۇ شەيخلىرىدىن رىۋايەت قىلغان: «ئۇلار دىگەردىن كېيىن ‹قۇرئان› ئوقۇشنى مەكرۇھ دەپ قارايتتى ۋە: ‹ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ دەرس ئوقۇيدىغان ۋاقتى› دەيتتى» دېگەن رىۋايەتكە كەلسەك، ئۇ ئاساسسىز، قوبۇل قىلىنمايدىغان رىۋايەتتۇر.

«قۇرئان» ئوقۇش ئۈچۈن كۈنلەر ئىچىدىن جۈمە، دۈشەنبە، پەيشەنبە، ئەرەفات كۈنلىرىنى، ئون كۈنلەر ئىچىدىن رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى، زۇلھەججەنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىنى، ئايلار ئىچىدىن رامازان ئېيىنى تاللاش ياخشىدۇر.

قىرائەتتە ئاخىرىنى تاپالماي توختاپ قالغان قارىي قانداق قىلىدۇ؟

قارىي ئاخىرىنى تاپالماي توختاپ قېلىپ، باشقىلاردىن سورىسا، سورالغان كىشى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئىبراھىم نەخەئىي، بەشىر ئىبنى ئەبى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ئەدەبلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم. ئۇلار: «بىرىڭلار قېرىندىشىدىن بىرەر ئايەتنى سورىماقچى بولسا: ‹ماۋۇ قانداق؟ ئاۋۇ قانداق؟› دېمەي، ئۇنىڭ ئالدىدىكىنى ئوقۇپ جىم تۇرسۇن، بولمىسا ئۇنى ئاداشتۇرۇپ قويىدۇ» دېگەن(1).

«قۇرئان» ئايەتلىرىنى دەلىل كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى

«قۇرئان» ئايەتلىرىنى بىرەر مەسىلىگە دەلىل قىلماقچى بولسا: «قال الله تعالى كذا (ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى)» دېسىمۇ، «الله تعالى يقول كذا (ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ)» دېسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ھېچقانداق بولمايدىغان يېرى يوق. بۇ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئالىملار ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان سەھىھ ۋە تاللانغان قاراشتۇر.

ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد مەشھۇر تابىئىن مۇتەررىف ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى شىخخىرنىڭ: «‹ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ› دېمەڭلار، بەلكى ‹ئاللاھ مۇنداق دېدى› دەڭلار» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

مۇتەررىف رەھىمەھۇللاھنىڭ: «ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ» دېيىشتىن توسۇشى ئايەت – ھەدىسلەرگە، ساھابەلەر ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا خىلاپتۇر. چۈنكى، ئاللاھ: ﴿وَٱللَّهُ يَقُولُ ٱلۡحَقَّ / ئاللاھ ھەق سۆزنى دەيدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 4) دېگەن.

«سەھىھۇ مۇسلىم» (2687) دا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «ئاللاھ تائالا: ﴿بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ﴾ دەيدۇ».

«سەھىھۇلبۇخارىي» (1461) دا ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا: ﴿لَن تَنَالُواْ ٱلۡبِرَّ حَتَّىٰ تُنفِقُواْ مِمَّا تُحِبُّونَۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيۡءٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٞ / ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغۇچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر﴾(3/«ئال ئىمران»: 92) دېگەن». مانا بۇ ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدىكى سۆزىدۇر.

يەنە «سەھىھۇ مۇسلىم» (177) دا مەسرۇق رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ئاللاھ تائالا: ﴿وَلَقَدۡ رَءَاهُ بِٱلۡأُفُقِ ٱلۡمُبِينِ / ئۇ جىبرىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى﴾(81/«تەكۋىر»: 23) دېمىدىمۇ؟» دېسەم، «ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿لَّا تُدۡرِكُهُ ٱلۡأَبۡصَٰرُ وَهُوَ يُدۡرِكُ ٱلۡأَبۡصَٰرَۖ وَهُوَ ٱللَّطِيفُ ٱلۡخَبِيرُ / كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾(6/«ئەنئام»: 103) دېگەنلىكىنى ئاڭلىمايۋاتامسەن؟ يەنە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَمَا كَانَ لِبَشَرٍ أَن يُكَلِّمَهُ ٱللَّهُ إِلَّا وَحۡيًا أَوۡ مِن وَرَآيِٕ حِجَابٍ / ئاللاھ ھەرقانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا سۆز قىلغان﴾(42/«شۇرا»: 51) دېگەنلىكىنى ئاڭلىمايۋاتامسەن؟!» دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەدىستە يەنە: «ئاللاھ تائالا: ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ بَلِّغۡ مَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَۖ / ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغاننىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن﴾(5/«مائىدە»: 67) دەيدۇ» دېگەن، يەنە ئاللاھ تائالا: ﴿قُل لَّا يَعۡلَمُ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ ٱلۡغَيۡبَ إِلَّا ٱللَّهُۚ وَمَا يَشۡعُرُونَ أَيَّانَ يُبۡعَثُونَ / ئاللاھتىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ﴾(27/«نەمل»: 65) دەيدۇ» دېگەن.

سەلەفلەرنىڭ ۋە كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلىرىنى ساناپ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

«قۇرئان» خەتمىسىنىڭ ئەدەبلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر

بۇ پاراگرافتا بىرنەچچە مەسىلىنى بايان قىلىمىز.

بىرىنچى مەسىلە: «قۇرئان» تاماملاشنىڭ ۋاقتى

بىز ئىلگىرى يالغۇز ھالدا «قۇرئان» ئوقۇغان كىشىنىڭ «قۇرئان»نى نامازدا تاماملىشىنىڭ، بولۇپمۇ بامداتنىڭ سۈننىتىدە ياكى نامازشامنىڭ سۈننىتىدە تاماملىشىنىڭ مۇستەھەبلىكىنى، بامداتنىڭ سۈننىتىدە تاماملاشنىڭ تېخىمۇ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى، بىر قېتىم كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە، يەنە بىر قېتىم كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە تاماملاشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى، ئەمما نامازنىڭ سىرتىدا تاماملىغان يالغۇز كىشىنىڭ ياكى جامائەت بولۇپ تامام قىلغانلارنىڭ كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە تاماملاشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى، بەزى ئۆلىمالارنىڭ كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە تاماملاشنى ئەۋزەل دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدۇق.

ئىككىنچى مەسىلە: «قۇرئان» تامام بولغان كۈن شەرىئەتتە روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەن كۈنگە ئۇدۇل كەلمىسىلا روزا تۇتۇش مۇستەھەب. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئۆزىنىڭ سەھىھ سەنەدى بىلەن تەلھە ئىبنى مۇسەررىف، ھەبىب ئىبنى ئەبى سابىت، مۇسەييەپ ئىبنى رافىئ قاتارلىق كۇفەلىك تابىئىنلارنىڭ «قۇرئان» تامام قىلىدىغان كۈنلىرى روزا تۇتىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان(2).

ئۈچىنچى مەسىلە: «قۇرئان» تامام بولغان سورۇنغا قاتنىشىش كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىنىدۇ. «سەھىھەين» («بۇخارىي»، 324)؛ «مۇسلىم»، 890) دە كېلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەيزدارلارنىمۇ ھېيت كۈنى چىقىپ، خەيرلىك ئىشلارغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئاسىغا داخىل بولۇشقا بۇيرۇغان.

دارىمىي (3515) ۋە ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئۆز سەنەدلىرى بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ «قۇرئان» ئوقۇۋاتقان كىشىنى كۆزىتىشكە ئادەم قويىدىغانلىقى، «قۇرئان» تامام بولماقچى ئىكەنلىكىنى ئىبنى ئابباسقا خەۋەر قىلسا، ئىبنى ئابباسنىڭ كېلىپ «قۇرئان» خەتمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.

ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئىككى سەھىھ سەنەد بىلەن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى، كاتتا تابىئىن قەتادەنىڭ: «ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ‹قۇرئان›نى تامام قىلسا، ئائىلىسىدىكىلەرنى يىغىپ دۇئا قىلاتتى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(3).

ئۇ يەنە سەھىھ سەنەدلەر بىلەن كاتتا تابىئىن ھەكەم ئىبنى ئۇتەيبەنىڭ: «ماڭا مۇجاھىد بىلەن ئەبدە ئىبنى ئەبى لۇبابە ئىككىيلەن ئادەم ئەۋەتىپ: ‹بىز ھازىر قۇرئاننى تامام قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز، قۇرئان تامام بولغاندا دۇئا ئىجابەت بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا ئادەم ئەۋەتتۇق› دېدى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(4).

بەزى سەھىھ رىۋايەتلەردە: «‹قۇرئان تامام بولغان يەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى چۈشىدۇ› دېيىلەتتى» دەپ كەلگەن(5).

ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئۆزىنىڭ سەھىھ سەنەدى بىلەن مۇجاھىدنىڭ: «ئۇلار (يەنى ساھابەلەر) ‹قۇرئان› تامام بولغاندا يىغىلاتتى ۋە: ‹قۇرئان تامام بولغاندا ئاللاھنىڭ رەھمىتى چۈشىدۇ› دەيتتى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(6).

تۆتىنچى مەسىلە: «قۇرئان» تامام بولغاندىن كېيىن دۇئا قىلىش كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىللىرىنى بىز ئىلگىرىكى مەسىلىدە بايان قىلىپ بولدۇق. يەنە دارىمىي (3524) ئۆز سەنەدى بىلەن ھۇمەيد ئەئرەجنىڭ: «كىمكى ‹قۇرئان› ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن دۇئا قىلسا، ئۇنىڭ دۇئاسىغا تۆت مىڭ پەرىشتە ‹ئامىن› دەيدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.

دۇئادا يېلىنىش، مۇھىم ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ دۇئا قىلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ۋە باشلىقلىرىنىڭ تۈزىلىشى ھەققىدە كۆپرەك دۇئا قىلىش لازىم. ھاكىم ئەبۇ ئابدۇللاھ نىسابۇرىي ئۆز سەنەدى بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «قۇرئان» تامام قىلغان چېغىدا مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللار، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىنە ئاياللار ھەققىدە كۆپ دۇئا قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان(7). ھاكىمدىن باشقىلارمۇ شۇنداقراق رىۋايەت قىلغان.

دۇئا قىلغۇچى تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنى مول دۇئالارنى تاللىشى لازىم:

«اَللَّهُمَّ أَصْلِحْ قُلُوْبَنَا وَأَزِلْ عُيُوْبَنَا وَتَوَّلَنَا بِالْحُسْنَى وَزَيِّنَّا بِالتَّقْوَى وَاجْمَعْ لَنَا خَيْرَ الآخِرَةِ وَالْأُوْلَى وَارْزُقْنَا طَاعَتَكَ مَا أَبْقَيْتَنَا / ئى ئاللاھ! قەلبلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن، ئەيىبلىرىمىزنى يوقاتقىن. بىزنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇۋەففەق قىلغىن. بىزلەرنى تەقۋادارلىق بىلەن بېزىگىن. بىزلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىنى تەڭ بەرگىن. بىزنى ھاياتلا قالدۇرساڭ، ساڭا تائەت – ئىبادەت قىلىشقا مۇۋەففەق قىلغىن».

«اَللَّهُمَّ يَسِّرْنَا لِلْيُسْرَى وَجَنِّبْنَا الْعُسْرَى وَأَعِذْنَا مِنْ شُرُوْرِ أَنْفُسِنَا وَسَيِّئَاتِ أَعْمَالِنَا وَأَعِذْنَا مِنْ عَذَابِ النَّارِ وَعَذَابِ الْقَبْرِ وَفِتْنَةِ الْمَحْيَا وَالْمَمَاتِ وَفِتْنَةِ الْمَسِيْحِ الدَّجَّالِ (ئى ئاللاھ! بىزنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغىن، يامان ئەمەللەردىن يىراق قىلغىن. نەپسلىرىمىزنىڭ يامانلىقلىرىدىن ۋە يامان ئەمەللىرىمىزنىڭ شۇملۇقلىرىدىن بىزگە پاناھ بەرگىن. بىزنى دوزاخ ئازابىدىن، قەبرە ئازابىدىن، ھايات – مامات فىتنەفىتنەلىرىدىن ۋە دەججالنىڭ فىتنەلىرىدىن ساقلاپ قالغىن)».

«اَللّهُمَّ إِنَّا نَسْأَلُكَ الْهُدَى وَالتَّقْوَى وَالْعَفَافَ وَالْغِنَى (ئى ئاللاھ! سەندىن ھىدايەت، تەقۋادارلىق، پاكلىق ۋە بىھاجەتلىك تىلەيمىز)».

«اَللّهُمَّ إِنَّا نَسْتَوْدِعُكَ أَدْيَانَنَا وَأَبْدَانَنَا وَخَوَاتِيْمَ أَعْمَالِنَا وَأَنْفُسَنَا وَأَهْلِيْنَا وَأَحْبَابَنَا وَسَائِرَ الْمُسْلِمِيْنَ وَجَمِيْعَ مَا أَنْعَمْتَ عَلَيْنَا وَعَلَيْهِمْ مِنْ أُمُوْرِ الآخِرَةِ وَالدُّنْيَا / ئى ئاللاھ! دىنىمىزنى، تېنىمىزنى، ئەمەللىرىمىزنىڭ تۈگەنچىسىنى، ئۆزىمىزنى، بالا – چاقىلىرىمىزنى، ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىمىزنى، بارلىق مۇسۇلمانلارنى، سەن بىزگە ۋە ئۇلارغا ئىنئام قىلغان دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېئمەتلىرىنى ساڭا ئامانەت قويىمىز».

«اللّهُمَّ إِنَّا نَسْأَلُكَ الْعَفْوَ وَالْعَافِيَةَ فِي الدِّيْنِ وَالدُّنْيَا وَالآخِرَةِ وَاجْمَعْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ أَحْبَابِنَا فِي دَارِ كَرَامَتِكَ بِفَضْلِكَ وَرَحْمَتِكَ / ئى ئاللاھ! سەندىن دىنىمغا ۋە دۇنيا – ئاخىرىتىمگە ئامان – ئېسەنلىك، ئەپۇ تىلەيمەن. پەزلىڭ ۋە رەھمىتىڭ بىلەن بىز ۋە دوست – يارەنلىرىمىزنى ئېسىل جەننەتلەردە جەم قىلىشىڭنى تىلەيمىز».

«اللَّهُمَّ أَصْلِحْ وُلَاةَ الْمُسْلِمِيْنَ وَوَفِّقْهُمْ لِلْعَدْلِ فِي رَعَايَاهُمْ وَالْاِحْسَانِ إِلَيْهِمْ وَالشَّفَقَةِ عَلَيْهِمْ وَالرِّفْقِ بِهِمْ وَالْإِعْتِنَاءِ بِمَصَالِحِهِمْ وَحَبِّبْهُمْ إِلَى الرَّعِيَّةِ وَحَبِّبِ الرَّعِيَّةَ إِلَيْهِمْ وَوَفِّقْهُمْ لِصِرَاطِكَ الْمُسْتَقِيْمِ وَالْعَمَلِ بِوَظَائِفِ دِيْنِكَ الْقَوِيْمِ / ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرىنى ئىسلاھ قىلغىن، ئۇلارنى پۇقرالىرىغا ئادىل بولۇشقا، پۇقرالىرىغا ياخشىلىق قىلىشقا، پۇقرالىرىغا كۆيۈنۈشكە، پۇقرالىرىغا مۇلايىم بولۇشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇۋەففەق قىلغىن. ئۇلارنى پۇقرالىرىغا، پۇقرالىرىنى ئۇلارغا ياخشى كۆرسەتكىن، ئۇلارنى توغرا يولغا ۋە توغرا دىنىڭنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشقا مۇۋەففەق قىلغىن».

«اللَّهُمَّ الْطُفْ بِعَبْدِكَ سُلْطَانِنَا وَوَفِّقْهُ لِمَصَالِحِ الدُّنْيَا وَالآخِرَةِ وَحَبِّبْهُ إِلَى الرَّعِيَّةِ وَحَبِّبِ الرَّعِيَّةَ إِلَيْهِ / ئى ئاللاھ! سېنىڭ قۇلۇڭ بولغان سۇلتانىمىزغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇۋەففەق قىلغىن، ئۇنى پۇقرالىرىغا، پۇقرالىرىنى ئۇنىڭغا ياخشى كۆرسەتكىن)».

سۇلتانلار ھەققىدە كەلگەن باشقا دۇئالارنىمۇ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە مۇنۇ دۇئانىمۇ قىلىدۇ:

«اللّهُمَّ ارْحَمْ نَفْسَهُ وَبِلَادَهُ وَصُنْ أَتْبَاعَهُ وَأَجْنَادَهُ وَانْصُرْهُ عَلَى أَعْدَاءِ الدّيْنِ وَسَائِرِ الْمُخَالِفِيْنَ وَوَفِّقْهُ لِإِزَالَةِ الْمُنْكَرَاتِ وَإِظْهَارِ الْمَحَاسِنِ وَأَنْوَاعِ الْخَيْرَاتِ وَزِدِ الْاِسْلَامَ بِسَبَبِهِ ظُهُوْرًا وَأَعِزَّهُ وَرَعِيَّتَهُ إِعْزَازًا بَاهِرًا / ئى ئاللاھ! ئۇنى ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرىنى قوغدىغىن، ئەگەشكۈچىلىرى ۋە قوشۇنلىرىنى ھىمايە قىلغىن، دىن دۈشمەنلىرى ۋە قارشى چىققۇچىلارغا قارشى ئۇنىڭغا ياردەم بەرگىن. ئۇنى يامان ئىشلارنى يوقىتىپ، ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلىشقا مۇۋەففەق قىلغىن. ئۇ ئارقىلىق ئىسلامنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىنى ئەزىز قىلغىن».

«اللَّهُمَّ أَصْلِحْ أَحْوَالَ الْمُسْلِمِيْنَ وَأَرْخِصْ أَسْعَارَهُمْ وَآمِنْهُمْ فِي أَوْطَانِهِمْ وَاقْضِ دُيُوْنَهُمْ وَعَافِ مَرْضَاهُمْ وَانْصُرْ جُيُوْشَهُمْ وَسَلِّمْ غُيَّابَهُمْ وَفُكَّ أَسْرَاهُمْ وَاشْفِ صُدُوْرَهُمْ وَأَذْهِبْ غَيْظَ قُلُوْبِهِمْ وَأَلِّفْ بَيْنَهُمْ وَاجْعَلْ فِي قُلُوبِهِمُ الإِيْمَانَ وَالْحِكْمَةَ وَثَبِّتْهُمْ عَلَى مِلَّةِ رَسُوْلِكَ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَأَوْزِعْهُمْ أَنْ يُوْفُوْا بِعَهْدِكَ الَّذِي عَاهَدْتَهُمْ عَلَيْهِ وَانْصُرْهُمْ عَلَى عَدُوِّكَ وَعَدُوِّهِمْ، إِلهَ الْحَقِّ، وَاجْعَلْنَا مِنْهُمْ / ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلغىن، مال باھاسىنى ئەرزان قىلغىن. ئۇلارنى ۋەتەنلىرىدە ئەمىن قىلغىن. ئۇلارنى قەرزلەردىن قۇتۇلدۇرغىن. ئۇلارنىڭ كېسەللىرىگە شىپا بەرگىن، قوشۇنلىرىغا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىرىنى سالامەت قىلغىن، ئەسىرلىرىنى قۇتقۇزغىن، دىللىرىغا شىپالىق بەرگىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى ئاچچىقنى يوق قىلىۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرگىن، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە ئىمان ۋە ھېكمەت ئورۇنلاشتۇرغىن، ئۇلارنى پەيغەمبىرىڭنىڭ يولىدا مۇستەھكەم قىلغىن، ئۇلارنى ساڭا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىشقا مۇۋەففەق قىلغىن، سېنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇلارغا ياردەم بەرگىن، بىزنى سەن ياردەم بەرگەن كىشىلەر قاتارىدىن قىلغىن».

«اللّهُمَّ اجْعَلْهُمْ آمِرِيْنَ بِالْمَعْرُوْفِ فَاعِلِيْنَ بِهِ نَاهِيْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ مُجْتَنِبِيْنَ لَهُ مُحَافِظِيْنَ عَلَى حُدُوْدِكَ قَائِمِيْنَ عَلىَ طَاعَتِكَ مُتَنَاصِفِيْنَ مُتَنَاصِحِيْنَ اللَّهُمَّ صُنْهُمْ فِي أَقْوَالِهِمْ وَأَفْعَالِهِمْ وَبَارِكْ لَهُمْ فِي جَمِيْعِ أَحْوَالِهِمْ / ئى ئاللاھ! ئۇلارنى ياخشى ئىشلارنى قىلغۇچى ۋە ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇغۇچى، يامان ئىشلاردىن يىراق بولغۇچى ۋە يامان ئىشلاردىن توسقۇچى، سېنىڭ بەلگىلىمىلىرىڭگە رىئايە قىلغۇچى، داۋاملىق ساڭا ئىتائەت قىلغۇچى، ھەققانىيەتچى، نەسىھەت قىلغۇچى ۋە نەسىھەت قوبۇل قىلغۇچى كىشىلەردىن قىلغىن. ئى ئاللاھ! ئۇلارنى سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەردە خاتالىقلاردىن ساقلاپ قالغىن، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا بەرىكەت بەرگىن».

دۇئا قىلغۇچى دۇئاسىنى «الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ حَمْدًا يُوَافِي نِعَمَهُ، وَيُكَافِئُ مَزِيدَهُ. اللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ، وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا صَلَّيْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ، وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ، إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ، وَبَارِكْ عَلَى مُحَمَّدٍ، وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ، وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ، فِي الْعَالَمِينَ إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ / بارلىق ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھقا ئۇنىڭ نېئمەتلىرىگە ۋە پەزلىگە لايىق ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئى ئاللاھ! ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت قىلغىنىڭدەك، مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلغىنىڭدەك، مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگىمۇ ئىككىلا دۇنيادا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن ماختاشقا لايىق بۈيۈك زاتتۇرسەن» بىلەن باشلايدۇ ھەم ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

بەشىنچى مەسىلە: «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئارقىدىنلا يەنە بىر تامام قىلىش ئۈچۈن يېڭىدىن باشلىشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى سەلەفلەر (ئىلگىرىكىلەر) شۇنداق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلاتتى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئەڭ ياخشى ئەمەل سەپەردىن كېلىپ يەنە سەپەر قىلىشتۇر، — دېگەندە، ساھابەلەر:

— بۇ نېمە گەپ؟ ئى رەسۇلۇللاھ! — دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ‹قۇرئان›نى تامام قىلىپ بولۇپ يەنە يېڭىدىن باشلاش، — دەپ جاۋاب بەردى»(8).

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر  قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.


1) «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (5988).
2) ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/170) تە ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدنىڭ سەنەدىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن: «بۇ سەنەد سەھىھلىك شەرتىگە چۈشىدۇ» دېگەن.
3) «دارىمىي»، (3517)؛ بەيھەقىي: «ئىمان شاخچىلىرى»، (1907).
4) «دارىمىي»، (3525)؛ بەيھەقىي: «ئىمان شاخچىلىرى»، (1909).
5) «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 7/169؛ «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 107 – بەت.
6) «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 7/169؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/177.
7) بەيھەقىي: «ئىمان شاخچىلىرى»، (2046).
8) ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد رىۋايەت قىلغان ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ھەدىسى زەئىف بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ تىرمىزىي (2948)، ھاكىم (1/568) قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان مۇنداق مەشھۇر بىر ھەدىسى بار. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى: «بىر كىشى: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەل قايسى؟› دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹الحالُّ المرتحل (چۈشكۈن قىلىپلا يەنە قوزغالغۇچى)› دەپ جاۋاب بەردى. ھېلىقى كىشى: ‹چۈشكۈن قىلىپلا يەنە قوزغالغۇچى دېگەن قانداق كىشى ئۇ؟› دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹قۇرئاننى بېشىدىن باشلاپ ئوقۇپ تۈگىتىپلا، يەنە باشتىن باشلايدىغان كىشى› دەپ جاۋاب بەردى». بۇ ھەدىسنى بەزى مۇھەددىسلەر: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: