قارىيلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى 2

تىلاۋەت ئىشىدا چەكلىنىدىغان بىر قىسىم بىدئەتلەر ۋە دۇچ كېلىپ قالىدىغان بىر قىسىم ئالاھىدە مەسىلىلەر

تىلاۋەت ئىشىدا چەكلىنىدىغان بىر قىسىم بىدئەتلەر

بەزى بىلىمسىز ئىماملار رامازاننىڭ يەتتىنچى كېچىسى تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئاخىرقى رەكئەتىدە «ئەنئام» سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ ۋە شۇنداق قىلىشنى مۇستەھەب دەپ قارايدۇ. بۇ ئىش ئۇلارنى شەرىئەتتە بولمىغان مۇنداق بىرنەچچە ئىشنى تەڭ قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ:

1. شۇنداق قىلىشنى مۇستەھەب دەپ ئېتىقاد قىلىش؛

2. كۆپچىلىك كىشىلەرگە شۇنداق تۇيغۇ بېرىپ قويۇش؛

3. ئىككىنچى رەكئەتنى بىرىنچى رەكئەتتىن ئۇزۇن ئوقۇش؛ چۈنكى، سۈننەت ئەسلىدە بىرىنچى رەكئەتنى ئۇزۇن ئوقۇشتۇر.

4. جامائەتلەرگە نامازنى بەك ئۇزۇن ئوقۇپ بېرىش.

بەزى بىلىمسىز ئىماملارنىڭ جۈمە كۈنى بامدات نامىزىدا مەقسەتلىك ھالدا «سەجدە» سۈرىسىدىكىدىن باشقا سەجدە ئايەتلىرى بىلەن بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بېرىشىمۇ بىدئەتلەر جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، سۈننەت جۈمە كۈنى بامدات نامىزىدا بىرىنچى رەكئەتتە «سەجدە» سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكئەتتە «ئىنسان» سۈرىسىنى ئوقۇشتۇر(1).

دۇچ كېلىپ قالىدىغان بىر قىسىم ئالاھىدە مەسىلىلەر

1. «قۇرئان» ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا يەل قىستىسا، تولۇق چىقىرىۋېتىپ بولغانغا قەدەر قىرائەتنى توختىتىپ ئاندىن داۋاملاشتۇرۇش لازىم. بۇ گۈزەل ئەدەبتۇر. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ۋە باشقىلار ئەتائتىن شۇنداق رىۋايەت قىلغان(2).

2. قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا ئەسنەك تۇتسا، قىرائەتنى توختىتىپ ئەسنەپ بولغاندىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇش لازىم. مۇجاھىد شۇنداق دېگەن ئىدى(3). بۇمۇ ھەم گۈزەل ئەدەبتۇر. ئەبۇ سەئىد خۇدرىيدىن سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ. ئۇ دەيدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلارنى ئەسنەك تۇتسا قولى بىلەن ئېغىزىنى ئېتىۋالسۇن، بولمىسا، ئېغىزىغا شەيتان كىرىۋالىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم (2995) رىۋايەت قىلغان.

3. ﴿وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ عُزَيۡرٌ ٱبۡنُ ٱللَّهِ﴾(9/«تەۋبە»: 30)، ﴿وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ يَدُ ٱللَّهِ مَغۡلُولَةٌۚ﴾(5/«مائىدە»: 64)، ﴿وَقَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَلَدٗا﴾(19/«مەريەم»: 88) ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا، ئاۋازىنى پەسەيتىش لازىم. ئىبراھىم نەخەئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق قىلاتتى.

4. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد شەئىبىيدىن زەئىف سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىدۇكى: «شەئبىيدىن:

— ﴿إِنَّ ٱللَّهَ وَمَلَٰٓئِكَتَهُۥ يُصَلُّونَ عَلَى ٱلنَّبِيِّۚ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ صَلُّواْ عَلَيۡهِ وَسَلِّمُواْ تَسۡلِيمًا﴾(33/«ئەھزاب»: 56) دېگەن ئايەتنى ئوقۇسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد ئېيتامدۇ؟ — دەپ سورالغاندا، ئۇ:

— ھەئە، — دەپ جاۋاب بەرگەن»(4).

5. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىستە كەلگەندەك دېيىش مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەيدۇ: «كىمكى ‹تىين› سۈرىسىنى ئوقۇپ ﴿أَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِأَحۡكَمِ ٱلۡحَٰكِمِينَ / ئاللاھ ھاكىملارنىڭ ھاكىمى ئەمەسمۇ؟﴾(95/«تىن»: 8) دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، ‹بَلَى وَأَنَا عَلَى ذَلِكَ مِنَ الشَّاهِدِينَ (شۇنداق، مەن شۇنداق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن)› دېسۇن». بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (887) ۋە تىرمىزىي (3347) زەئىف سەنەد بىلەن بىر ئەئرابىي (يەنى سەھرالىق ئەرەب) دىن، ئەئرابىي ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان.

ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ۋە باشقىلار بۇ ھەدىستە ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىينىڭ رىۋايەتىگە قوشۇپ: «كىمكى ‹قىيامەت› سۈرىسىنى ئوقۇپ ﴿ أَلَيۡسَ ذَٰلِكَ بِقَٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يُحۡـِۧيَ ٱلۡمَوۡتَىٰ / ئۇ (يەنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان ئاللاھ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟﴾(75/«قىيامەت»: 40) دېگەن ئايەتىگە كەلگەندە: ‹بَلَى وَأَنَا عَلَى ذَلِكَ مِنَ الشَّاهِدِينَ (شۇنداق، مەن شۇنداق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن)› دېسۇن. ‹مۇرسەلات› سۈرىسىنى ئوقۇپ ﴿فَبِأَيِّ حَدِيثِۭ بَعۡدَهُۥ يُؤۡمِنُونَ / (ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمىسە) باشقا قانداق سۆزگە ئىشىنىدۇ؟﴾(77/«مۇرسەلات»: 50) دېگەن ئايەتكە كەلگەندە: ‹آمَنْتُ بِاللهِ (ئاللاھقا ئىمان ئېيتتىم)› دېسۇن» دەپ رىۋايەت قىلغان(5).

ئىبنى ئابباس، ئىبنى زۇبەير ۋە ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ﴿سَبِّحِ ٱسۡمَ رَبِّكَ ٱلۡأَعۡلَى / ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن ﴾(87/«ئەئلا»: 1) ئايەتىنى ئوقۇسا: «سُبْحَانَ رَبِّىَ الأَعْلَى / ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم ئەيىب – نۇقسانلاردىن پاكتۇر» دەيتتى(6).

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنى ئوقۇسا، ئۈچ قېتىم «سُبْحَانَ رَبِّىَ الأَعْلَى» دەيتتى(7).

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازدا «بەنى ئىسرائىل» سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتىنى ئوقۇپ بولۇپ: ﴿ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي لَمۡ يَتَّخِذۡ وَلَدٗا / جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان ئاللاھقا خاستۇر﴾(17/«ئىسراﺋ»: 111) دېگەن ئىدى(8).

شافىئىي ئۇستازلىرىمىز ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستىكى ئۈچ سۈرىنى نامازدا ئوقۇغان ۋاقىتتىمۇ شۇ سۆزلەرنى دېيىشنىڭ «مۇستەھەب»لىكىنى ئوچۇق بايان قىلغان. بىز بايان قىلغان باشقا سۆزلەرنى قىلىش، شۇنداقلا شۇنىڭغا ئوخشىغان مەزمۇندىكى باشقا ئايەتلەردىمۇ ئۆز لايىقىدا شۇنداق سۆز قىلىش «مۇستەھەب» بولىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

«قۇرئان» ئايەتلىرىنى ئادەتتىكى گەپ – سۆز قاتارىدا ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد بۇ مەسىلىدە قاراش ئوخشاشماسلىقى مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئىبراھىم نەخەئىينىڭ «قۇرئان» ئايەتلىرىنى ئادەتتىكى گەپ – سۆز قاتارىدا بىرەر ئىشقا قارىتىپ ئوقۇشنى مەكرۇھ دەپ قارايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان(9).

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەككەدە نامازشامدا «تىين» سۈرىسىنى ئوقۇۋېتىپ ﴿وَهَٰذَا ٱلۡبَلَدِ ٱلۡأَمِينِ / ۋە بۇ تىنچ شەھەر (مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى﴾(95/«تىن»: 3) دېگەن ئايەتكە كەلگەندە ئاۋازىنى كۆتۈردى(10).

ھۇكەيىم ئىبنى سەئىد دەيدۇكى: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بامدات نامىزى ئوقۇۋاتاتتى، ھۆكۈم چىقارغۇچىلار (يەنى ئەلى ۋە مۇئاۋىيەلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغۇچىلار) نىڭ بىرى كېلىپ: ﴿لَئِنۡ أَشۡرَكۡتَ لَيَحۡبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ / ئەگەر شېرىك كەلتۈرسەڭ ئەمەللىرىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلبەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن﴾(39/«زۇمەر»: 65) دېگەن ئىدى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازدا تۇرۇپ: ﴿فَٱصۡبِرۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۖ وَلَا يَسۡتَخِفَّنَّكَ ٱلَّذِينَ لَا يُوقِنُونَ / سەۋر قىل، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، (ئاخىرەتكە) ئىشەنمەيدىغانلار سېنى بىخۇد قىلىپ قويمىسۇن﴾(30/«رۇم»: 60) دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ جاۋاب قايتۇردى».شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «بىرەرسى ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ يېنىغا كىرىشكە رۇخسەت سورىسا، ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى: ﴿ٱدۡخُلُوهَا بِسَلَٰمٍ ءَامِنِينَ / ئۇنىڭغا ئامان ـ ئېسەن، تىنچ كىرىڭلار! ﴾(ھىجر: 46) دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ جاۋاب بەرگەن بولسا، ئەگەر شۇ ئايەت ئارقىلىق تىلاۋەتنى ياكى تىلاۋەت بىلەن بىرگە كىرىشكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى نىيەت قىلغان بولسا، نامىزى بۇزۇلمايدۇ. ئەگەر كىرىشكە رۇخسەت قىلغانلىقىنىلا بىلدۈرمەكچى بولسا ياكى ھېچنەرسىنى نىيەت قىلمىغان بولسا، نامىزى بۇزۇلىدۇ» دەيدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

قىرائەتنى ئۈزۈپ، توختاشقا بولىدىغان ئىشلار

مېڭىپ تۇرۇپ «قۇرئان» ئوقۇۋېتىپ بىرەر جامائەتنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن بولسا، قىرائەتنى توختىتىپ ئۇلارغا سالام بەرگەندىن كېيىن قايتىدىن باشلىشى «مۇستەھەب»تۇر. «أَعوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطانِ الرَّجيمِ»نى قايتىدىن ئوقۇپ باشلىسا تېخىمۇ ياخشىدۇر.

ئولتۇرۇپ «قۇرئان» ئوقۇۋاتقاندا يېنىدىن بىرى ئۆتكەن بولسا، ئىمام ئەبۇلھەسەن ۋاھىدىي: «قارىي كىشى تىلاۋەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا سالام قىلمىغان ياخشى، ئەگەر قارىيغا سالام قىلسا قارىي ئىشارەت بىلەن سالام قايتۇرسا بولىدۇ. ئەگەر سۆز ئارقىلىق قايتۇرماقچى بولسا، ئۇمۇ مەيلى، ئەمما سالامنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تىلاۋەتنى ‹أَعوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطانِ الرَّجيمِ›دىن باشلاپ ئوقۇيدۇ» دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ قارىشى زەئىف قاراشتۇر.

ئېنىقكى، سالامغا سۆز ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش ۋاجىبتۇر. شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «بىراۋ جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا كىرىپ سالام بەرسە، ‹خۇتىبىنى قۇلاق سېلىپ تىڭشاش سۈننەت› دېگەن قاراش بويىچە ئېيتساق، بىزدىكى ئىككى قاراشنىڭ كۈچلۈكرەكىگە ئاساسەن، سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش ‹ۋاجىب›» دەيدۇ. ئۇستازلىرىمىز جىم ئولتۇرۇشنىڭ «ۋاجىب»لىقىدا، گەپ قىلىشنىڭ «ھارام»لىقىدا ئىختىلاپ بولغان خۇتبە ھالىتىدە سالامغا جاۋاب قايتۇرۇشتا شۇنداق دېگەن تۇرسا، گەپ قىلىش بىردەك ھارام بولمىغان قىرائەت ھالىتىدە سالامغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئەلبەتتە «ۋاجىب» دەيدۇ، بولۇپمۇ سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش ئومۇمەن «ۋاجىب» ئىش. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر(11).

«قۇرئان» ئوقۇۋېتىپ چۈشكۈرسە، «الْحَمْدُ لِلَّـهِ (ئەلھەمدۇلىللاھ)» دېيىش مۇستەھەب. نامازدىمۇ ھەم شۇنداق. ناۋادا نامازنىڭ سىرتىدا «قۇرئان» ئوقۇۋاتقاندا، باشقىلار چۈشكۈرۈپ: «الْحَمْدُ لِلَّـهِ (ئەلھەمدۇلىللاھ)»، دېسە، «يَرْحَمُكَ الله (يەرھەمۇكەللاھ)» دېيىش مۇستەھەبتۇر. ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، قىرائەتنى توختىتىپ مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزان ۋە تەكبىر كەلىمەلىرىنى تەكرارلاپ بولغاندىن كېيىن قىرائەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ شافىئىي ئۇستازلىرىمىز ئارىسىدا بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلىدۇر.

«قۇرئان» ئوقۇۋاتقاندا گەپ سورالسا، ئىشارەت ئارقىلىق چۈشىنىشلىك جاۋاب بېرىش مۇمكىن بولسا، ئىشارەت ئارقىلىق جاۋاب بەرسىمۇ سورىغۇچىنىڭ كۆڭلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئارىسىدىكى ئۈلپەتچىلىككە تەسىر يەتمەيدىغانلىقىنى بىلسە، قىرائەتنى ئۈزمەستىن ئىشارەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىش ئەۋزەل. ئەمما، قىرائەتنى ئۈزۈپ سۆز ئارقىلىق جاۋاب بەرسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئۆلىمالارغا، پەزىلەتلىك، سالىھ كىشىلەرگە ئورنىدىن تۇرۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى

«قۇرئان» ئوقۇۋاتقاندا ئىلىملىك، سالىھ، يۈز – ئابرۇيلۇق، مويسىپىت، ئەمەل – مەنسىپى ياكى ئۇرۇق – تۇغقانچىلىقى سەۋەبىدىن ھۆرمىتىنى قىلىشقا لايىق پەزىلەتلىك كىشىلەر يېتىپ كەلسە، رىيا قىلىش ياكى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن ئەمەس، ھۆرمەتلەش، ئىززەتلەش يۈزىسىدىن ئورنىدىن تۇرۇشنىڭ ھېچ خاتاسى يوق، بەلكى ئورنىدىن تۇرۇش «مۇستەھەب»تۇر. ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن ئورنىدىن تۇرۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى، ئۇ زاتنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ زاتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ياكى سۈكۈت قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ساھابەلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى، تابىئىنلارنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئۆلىمالار ۋە سالىھلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.

مەن «باشقىلارغا ئورنىدىن تۇرۇش» تېمىسىدا مەخسۇس بىر رىسالە يازدىم. بۇ رىسالىدە ئورنىدىن تۇرۇشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىسلەرنىمۇ، چەكلەيدىغان ھەدىسلەرنىمۇ كەلتۈردۈم. ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ، زەئىفلىرىنى بايان قىلدىم. ئورنىدىن تۇرۇشنى ئەمەلىيەتتە چەكلىمەيدىغان، لېكىن چەكلىگەندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىغان ھەدىسلەرگە جاۋاب بېرىپ ئۆتتۈم. ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى، مەن بۇ تېمىلارنى مەزكۇر رىسالىدە ئېنىق بايان قىلدىم. كىمكى بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەردىن بىرەرسىدە ئىككىلىنىپ قالسا، مەزكۇر رىسالىگە مۇراجىئەت قىلسۇن! ئاللاھ خاھلىسا ئىككىلىنىشلەرنى يوقىتىدىغان دەلىل – ئىسپاتلارنى تاپالايدۇ(12).

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر  قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.


1. ئىمام بۇخارىي (891) بىلەن ئىمام مۇسلىم (880) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس بۇنىڭغا دەلىلدۇر. ئۇ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنى بامدات نامىزىدا ‹سەجدە› سۈرىسى بىلەن ‹ئىنسان› سۈرىسىنى ئوقۇيتتى».
2. فاكىھىي: «ئەخبارۇمەككە»، (2021)؛ ئاجۇررىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەبلىرى»، 75 – بەت.
3. «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 118 – بەت؛ ئاجۇررىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەبلىرى»، 75 – بەت.
4. ئىبنى ئەبى شەيبە ( 2/115) ئىبراھىم نەخەئىيدىنمۇ شۇنداقراق رىۋايەت قىلغان.
5. بۇ رىۋايەت «سۈنەن ئەبى داۋۇد»نىڭ قولىمىزدىكى نۇسخىلىرىدىمۇ مەۋجۇد، بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمام ئەھمەد (2/249)، «ئابدۇرراززاق»، (4052) لارمۇ رىۋايەت قىلغان.
6. «ئەبۇ داۋۇد»، (883)؛ «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 154 – بەت؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 2/391، 392.
7. ئىمام سۇيۇتىي («چېچىلغان ئۈنچە – مارجانلار»، 8/482) ئىبنى ئەبى شەيبەگە مەنسۇپ قىلغان.
8. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 1/403.
9. «سۈنەن بەيھەقىي»، 2/245؛ شافىئىي: «ئەلئۇم»، (3281).
10. ئىمام سۇيۇتىي («چېچىلغان ئۈنچە – مارجانلار»، 8/482) ئەبد ئىبنى ھۇمەيدكە مەنسۇپ قىلغان.
11. «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/441.
12. ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى پەزىلەتلىك، يۈز – ئابرۇيلۇق كىشىلەرگە ئورنىدىن تۇرۇش رۇخسەت» ناملىق رىسالىسىنىڭ 34 – 54 – بەتلىرىگە قارالسۇن.

Please follow and like us: