«قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكى
«قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇش يادقا ئوقۇغاندىن ئەۋزەل. چۈنكى، «قۇرئان»غا قاراشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىبادەت. «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇغاندا، «قۇرئان» ئوقۇش ۋە «قۇرئان»غا قاراشتىن ئىبارەت ئىككى ئىبادەت بىرلەشكەن بولىدۇ. بۇ قازى ھۈسەيىن ۋە ئەبۇ ھامىد غەززالىي قاتارلىق شافىئىي ئۇستازلىرىمىزنىڭ ۋە كۆپلىگەن سەلەف ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدۇر.
ئىمام غەززالىي «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» ناملىق كىتابىدا كۆپلىگەن ساھابەلەرنىڭ «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇيدىغانلىقى، بىرەر كۈنىنىڭمۇ «قۇرئان»غا قارىماستىن ئۆتۈپ كېتىشىنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى نەقىل قىلغان(1).
ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد نۇرغۇنلىغان سەلەفلەرنىڭ «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇشنى ئەۋزەل دەپ قارايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. مەنمۇ بۇ ھەقتە باشقىچە قاراش بارلىقىنى بىلمەيمەن.
ناۋادا: «‹قۇرئان› ئوقۇش شەخسلەرگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ‹قۇرئان›غا قاراپ ئوقۇسىمۇ، يادقا ئوقۇسىمۇ خۇشۇﺋ ۋە تەپەككۇرى ئوخشاش بولغان كىشى ئۈچۈن قۇرئانغا قاراپ ئوقۇش ئەۋزەل. يادقا ئوقۇسا قاراپ ئوقۇغاندىن تېخىمۇ ياخشى تەپەككۇر قىلىپ خۇشۇﺋ بىلەن ئوقۇيالايدىغان كىشى ئۈچۈن يادقا ئوقۇش ئەۋزەل» دېيىلسە، بۇمۇ ياخشى قاراش بولاتتى. سەلەفلەرنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەركەتلىرىنىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە پەرقلەندۈرۈپ چۈشىنىش مۇۋاپىقتەك كۆرۈنىدۇ.
توپلىشىپ «قۇرئان» ئوقۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى، جامائەت ئىچىدىكى «قۇرئان» ئوقۇغۇچىلارنىڭ، تىڭشىغۇچىلارنىڭ، ئۇلارنى «قۇرئان» ئوقۇش ئۈچۈن توپلىغان، «قۇرئان» ئوقۇشقا قىزىقتۇرغان ۋە تەكلىپ قىلغان كىشىلەرنىڭ پەزىلىتى
شۇنى بىلىڭكى، توپلىشىپ جامائەت بولۇپ «قۇرئان» ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. ئوچۇق دەلىللەر، سەلەف ۋە خەلەفلەر (ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكىلەر) نىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى بۇنىڭغا شاھىدتۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەيدۇكى: «قانداق بىر قەۋم ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىپ (ياد ئېتىپ) ئولتۇرىدىكەن، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا جەم بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئورايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدۇ ۋە ئۆز ھۇزۇرىدىكى پەرىشتىلەرگە ئۇلاردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ»(2). بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر قەۋم ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن (مەسجىدلەردىن) بىرىگە يىغىلىپ، ‹قۇرئان› تىلاۋەت قىلىشسا ۋە (‹قۇرئان› ئۈستىدە توختىلىپ) ئۇنى ئۆزئارا ئۆگەنسە، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئورايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا جەم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدىكى پەرىشتىلەرگە ئۇلاردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم (2699) رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ داۋۇد (1455) مۇ بۇخارىي بىلەن مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
يەنە مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرى جەم بولغان بىر سورۇنغا كېلىپ:
— ئولتۇرۇپسىلەرغۇ؟ — دەپ سورىدى. ساھابەلەر:
— بىز ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغانلىقى ۋە بىزگە قىلغان ئىلتىپاتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ ۋە ھەمد ئېيتىپ ئولتۇرۇپتىمىز، — دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— جىبرىل كېلىپ ماڭا ئاللاھ تائالانىڭ سىلەر بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىرلىنىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزدى، — دېدى». بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم (2701)، تىرمىزىي (3379) ۋە نەسائىي رىۋايەت قىلغان. تىرمىزىي: «ھەسەن» دېگەن.
بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ. دارىمىي (3410) سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىرەر ئايەت ئاڭلىسا، ئۇ ئايەت ئۇ كىشى ئۈچۈن نۇر بولىدۇ» دېگەن.
ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر توپ كىشىلەرگە «قۇرئان»دىن دەرس بېرەتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭ ئوقۇيتتى.
ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد يەنە يىغىلىپ «قۇرئان» ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە سەلەف ۋە خەلەفلەرنىڭ پەزىلەتلىك كىشىلىرىدىن ۋە ئىلگىرىكى قازىلاردىن نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى كەلتۈرگەن.
ھەسسان ئىبنى ئەتىييە بىلەن ئىمام ئەۋزائىي ئىككىيلەن: «دەمەشىق مەسجىدىدە تۇنجى بولۇپ توپلىشىپ ‹قۇرئان› ئوقۇشنى پەيدا قىلغان كىشى ھىشام ئىبنى ئىسمائىلدۇر، ئۇ دەمەشىققە ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى» دېگەن(3).
ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد رىۋايەت قىلغان زەھھاك ئىبنى ئابدۇرراھماننىڭ يىغىلىپ «قۇرئان» ئوقۇشنى ئىنكار قىلىپ: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرى بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىنى ئاڭلاپمۇ، كۆرۈپمۇ باقمىغان»(4) دېگەنلىكى ۋە ئىبنى ۋەھبنىڭ: «مەن مالىكقا:
— تابىئىنلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ بىر سۈرىنى ئوقۇپ تاماملىغانلىقىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ — دېسەم، ئۇ ئۇنداق ئوقۇشنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنداق ئوقۇشنى ئەيىبلەپ:
— ئۇلار ئۇنداق قىلمايتتى، پەقەت بىرى يەنە بىرىگە ئوقۇپ بېرىپ تىڭشىتاتتى، — دېدى» دېگەنلىكىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ بۇ ئىنكارى سەلەف ۋە خەلەفلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا ۋە دەلىللەرنىڭ تەقەززاسىغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. بىز ئىلگىرى بايان قىلغان «يىغىلىپ ‹قۇرئان› ئوقۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى» كۈچلۈك قاراشتۇر. لېكىن، يىغىلىپ «قۇرئان» ئوقۇشنىڭ شەرتلىرى بار، بىز بۇ شەرتلەرنى ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتتۇق(5). شۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىش لازىم. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.
ئەمما، كىشىلەرنى «قۇرئان» ئوقۇش ئۈچۈن توپلىغانلارنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە نۇرغۇن ئايەت – ھەدىسلەر كەلگەن. مەسىلەن، ئاللاھ تائالا: ﴿وَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ / ئۆزئارا ياخشىلىق ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار﴾(5/«مائىدە»: 2) دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ياخشىلىققا باشلاپ قويغۇچىغا شۇ ياخشىلىقنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش ساۋاب بولىدۇ» دېگەن(6). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «ئاللاھنىڭ سەن ئارقىلىق بىرەر كىشىنى ھىدايەت قىلىشى سەن ئۈچۈن قىزىل تۆگىلەردىنمۇ ياخشىدۇر» دېگەن(7). شەكسىزكى، بۇنىڭغا كۈچ چىقارغان كىشىلەرنىڭ ئەجرى ھەقىقەتەن چوڭدۇر.
«قۇرئان»نى ئايلاندۇرۇپ ئوقۇش
«ئايلاندۇرۇپ ئوقۇش» دېگىنىمىز «بىر توپ كىشىلەرنىڭ يىغىلىپ بىر كىشى ‹قۇرئان›نىڭ ئوندىن بىرى ياكى بىر پارە دېگەندەك مەلۇم بۆلىكىنى ئوقۇپ توختىسا، يەنە بىر كىشىنىڭ توختىغان يەردىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇشى، كېيىنكىسىنىڭ يەنە ئالدىدىكى كىشى توختىغان يەردىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇشى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ دۇرۇس، ياخشى ئىشتۇر. ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە سورالغاندا، «مەيلى» دەپ جاۋاب بەرگەن.
«قۇرئان»نى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇش
بۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم تېمىدۇر.
مەلۇم بولغايكى، «قۇرئان»نى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى ھەققىدە «سەھىھۇلبۇخارىي» ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر كەلگەن. ئىچىدە، پەس ئاۋازدا ئوقۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى ھەققىدىمۇ نۇرغۇن دەلىللەر كەلگەن. بىز بۇ دەلىللەرنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئەسل مەنبەسىنى كۆرسەتكەن ئاساستا سۆزلەپ ئۆتىمىز.
ئىمام غەززالىي قاتارلىق ئۆلىمالار ئېيتىدۇكى: «بۇ ھەقتىكى خىلمۇخىل ھەدىس ۋە ساھابەلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى جەملەشنىڭ يولى شۇكى، پەس ئاۋازدا ئوقۇش رىيادىن يىراق، شۇنىڭ ئۈچۈن رىيادىن ئەنسىرىگەن كىشى پەس ئاۋازدا ئوقۇغىنى ياخشى، ئەگەر رىيادىن ئەنسىرىمىسە ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇشى ئەۋزەل. چۈنكى، ئۇنى باشقىلار ئاڭلاش ئارقىلىق ئەمەلمۇ كۆپرەك بولىدۇ، باشقىلارغىمۇ ھەم پايدىسى يېتىدۇ، ئۆتۈملۈك مەنپەئەت ئۆتۈمسىز مەنپەئەتتىن ئەۋزەلدۇر. ئۈنلۈك ئوقۇش ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىنى ئويغىتىدۇ، زېھنىنى ئوقۇغان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ. ‹قۇرئان›نى پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىڭشايدۇ، ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ، تېخىمۇ تېتىكلەشتۈرىدۇ. باشقا بىخۇد ۋە ئۇخلاۋاتقان كىشىلەرنى ئويغىتىدۇ ۋە روھلاندۇرىدۇ. مۇشۇ نىيەتلەردىن بىرەرسىنى كۆڭلىگە پۈكسە ئۈنلۈك ئوقۇش ئەۋزەل، ئەگەر ھەممىسىنى نىيەت قىلسا ھەسسىلەپ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ‹قۇرئان›غا قاراپ ئوقۇش ئەۋزەل دەيمىز»(8). مانا بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمىدۇر.
بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مەن بىر قىسمىغا ئىشارە قىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
سەھىھ ھەدىستە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ئاللاھ ھېچنەرسىگە قۇرئاننى يېقىملىق ئاۋاز بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇغان پەيغەمبەرگە قۇلاق سالغاندەك قۇلاق سېلىپ باقمىدى› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم». بۇنى ئىمام بۇخارىي (7544) ۋە مۇسلىم (792) لار رىۋايەت قىلغان.
«ئاللاھ قۇلاق سالدى» دېگەنلىك ئاللاھنىڭ رازى بولغانلىقى ۋە قوبۇل قىلغانلىقىغا ئىشارەتتۇر.
يەنە ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ساڭىمۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن چىرايلىق ئاۋازلاردىن بىر ئاۋاز بېرىلگەن ئىكەن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى بۇخارىي (5048) ۋە مۇسلىم (793) رىۋايەت قىلغان. مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ناۋادا تۈنۈگۈن كەچ سېنىڭ قىرائىتىڭنى ئاڭلاۋاتقان چېغىمدا مېنى كۆرگەن بولساڭ…» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم يەنە بۇرەيدە ئىبنى ھۇسەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ رىۋايەت قىلغان.
فەزالە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دېيىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ‹قۇرئان›نى چىرايلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇغان كىشىگە خوجايىن نەغمىچى دېدىكىگە قۇلاق سالغاندىنمۇ بەكرەك قۇلاق سالىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە (1340) رىۋايەت قىلغان.
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دېيىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن ئەشئەرىيلەرنىڭ كېچىدىكى ئاۋازىنى تونۇۋالالايمەن، گەرچە مەن ئۇلارنىڭ كۈندۈزى چۈشكەن ئورۇنلىرىنى كۆرمىسەممۇ، كېچىسى ‹قۇرئان› ئوقۇشلىرىدىن تۇرۇۋاتقان جايىنى بىلىۋالىمەن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى بۇخارىي (4232) ۋە مۇسلىم (2499) رىۋايەت قىلغان.
بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «‹قۇرئان›نى ئاۋازىڭلار بىلەن زىننەتلەڭلار» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (1468)، نەسائىي ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان.
ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدتە ‹قۇرئان› ئوقۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ جاراڭلىق ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ: ‹ئۇلارغا خۇشاللىق يار بولسۇن، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئىدى› دېگەن»(9).
«قۇرئان»نى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. بۇ ھەقتىكى ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇنى دەپ يۈرمىسەكمۇ ھەممە كىشىگە مەشھۇردۇر.
بۇلارنىڭ ھەممىسى رىيا ۋە مەغرۇرلۇق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ قېلىشتىن، رەزىللىكلەرگە چۈشۈپ قېلىشتىن خاتىرجەم بولالايدىغان، باشقىلارنىڭ نامىزىغا دەخلى قىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغان.
بۇ ھەقتە بىر قىسىم سەلەفلەرنىڭ بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىچىدە ئوقۇشنى تاللىغانلىقىمۇ نەقىل قىلىنغان. مىسالغا ئالساق، ئەئمەش دەيدۇكى: «ئىبراھىم (نەخەئىي) نىڭ يېنىغا كىرسەم، ئۇ قۇرئان ئوقۇۋاتقانىكەن. بىر كىشى كىرىشكە رۇخسەت سورىۋىدى، ئۇ قۇرئاننى يۆگەپ قويدى ۋە: ‹مېنى داۋاملىق قۇرئان ئوقۇيدىكەن دەپ ئويلاپ قالمىسۇن› دېدى»(10).
ئەبۇلئالىيە دەيدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرى بىلەن ئولتۇرغانىدىم، بىر كىشى:
— مەن بۈگۈن كېچە مۇنچىلىك ‹قۇرئان› ئوقۇدۇم، — دېگەن ئىدى، ئۇلار:
— بۇ سېنىڭ ئوقۇغان ‹قۇرئانىڭ›دىن ئالغان نېسىۋەڭدۇر، — دېدى».
ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ ھەدىسى ئۇلار ئۈچۈن دەلىل بولالايدۇ، ئۇ دەيدۇكى: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «‹قۇرئان›نى ئۈنلۈك ئوقۇغان كىشى ئاشكارا سەدىقە قىلغان كىشىگە، پەس ئاۋازدا ئوقۇغان كىشى بولسا يوشۇرۇن سەدىقە قىلغان كىشىگە ئوخشاش» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (1333)، نەسائىي (1663) ۋە تىرمىزىي (2919) رىۋايەت قىلغان، تىرمىزىي: «ھەسەن ھەدىس» دېگەن.
تىرمىزىي دەيدۇكى: «بۇ دېگەنلىك ‹قۇرئاننى پەس ئاۋازدا ئوقۇش ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇشتىن ئەۋزەل› دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، يوشۇرۇن سەدىقە ئاشكارا سەدىقىدىن ئەۋزەل»…«ئەھلى ئىلىملەر بۇنى كىشى مەخپىي ئەمەل قىلغاندا مەغرۇرلۇقتىن ئەمىن بولالايدۇ. چۈنكى ئەمەل – ئىبادەتنى مەخپىي قىلغان كىشىنىڭ مەغرۇرلۇققا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئاشكارا قىلغان كىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ دەپ چۈشەندۈرىدۇ».
مېنىڭچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ پاراگرافنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغان تەپسىلات بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. بىز بۇ پاراگرافنىڭ بېشىدا: «‹قۇرئان›نى ئۈنلۈك ئوقۇغانلىق سەۋەبلىك بەزى يامان ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرىسە، مەخپىي ئوقۇيدۇ، ئەگەر ئەنسىرىمىسە، ئۈنلۈك ئوقۇش مۇستەھەب» دېگەنىدۇق. ئەگەر توپلىشىپ جامائەت بىلەن «قۇرئان» ئوقۇغان بولسا، باشقىلارغىمۇ نەپ يېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۈنلۈك ئوقۇش تېخىمۇ مۇستەھەب بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىلگىرى بايان قىلغان دەلىللىرىمىز ھەم شاھىدتۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.
«قۇرئان»نى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى
ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن باشلاپ ئۇلاردىن كېيىنكى ھەرقايسى يۇرت ئۆلىمالىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچىلىرى «قۇرئان»نى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇشنىڭ مۇستەھەبلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن مەشھۇر، بۇنى ئايرىم نەقىل قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق.
بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرمۇ ھەممىگە مەلۇم. بىز ئالدىنقى پاراگرافتا: «‹قۇرئان›نى ئاۋازىڭلار بىلەن زىننەتلەڭلار»، «ساڭىمۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن چىرايلىق ئاۋازلاردىن بىر ئاۋاز بېرىلگەن ئىكەن» ۋە «ئاللاھ ‹قۇرئان›نى چىرايلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇغان كىشىگە خوجايىن نەغمىچى دېدىكىگە قۇلاق سالغاندىنمۇ بەكرەك قۇلاق سالىدۇ» دېگەن ھەدىسلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق.
بىز «‹قۇرئان›نى تەرتىل بىلەن ئوقۇش» دېگەن پاراگرافتا ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەففەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالدىرىماي، ئۈنلۈك قىرائەت قىلدى» دېگەن ھەدىسىنى ھەم سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق.
سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە ئەبۇ لۇبابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «‹قۇرئان›نى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇمىغان كىشى بىزدىن ئەمەس» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (1469، 1470) ئىككى «ھەسەن» سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان، سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سەنەدىدە ھەدىسنىڭ ھەسەنلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان دەرىجىدە ئازراق قاراش ئوخشاشماسلىقى بار.
بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇپتەن نامىزىدا ‹تىين› سۈرىسىنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان، مەن رەسۇلۇللاھتىنمۇ ئاۋازى چىرايلىق بىرەر كىشىنى كۆرۈپ باقمىدىم» دېگەن. بۇ ھەدىسنى بۇخارىي (769) ۋە مۇسلىم (177، 464) رىۋايەت قىلغان.
ئۆلىمالار: «ئوقۇش بەك سوزۇلۇپ قىرائەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمىسىلا، ‹قۇرئان›نى چىرايلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇش مۇستەھەب بولىدۇ؛ ئەگەر بەك سوزۇپ ھەرپ قوشۇپ قويسا ياكى ھەرپ چۈشۈرۈپ قويسا، ھارام بولىدۇ» دېگەن.
ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇش مەسىلىسىدە ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ بىر ئورۇندا: «مەكرۇھ»، يەنە بىر ئورۇندا: «مەكرۇھ ئەمەس» دېگەن.
شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش يوق، بەلكى بۇ مەسىلە ئىزاھلاشقا موھتاج. ئەگەر بەك سوزۇپ ئوقۇپ چەكتىن ئېشىپ كەتسە مەكرۇھ، ئۇنداق بولمىسا مەكرۇھ ئەمەس» دېگەن.
قازىكالان (باش قازى) ماۋەردىي ئۆزىنىڭ «ئەلھاۋىي» ناملىق كىتابى (21/213، 214) دا دەيدۇكى: «ناخشا ئاھاڭىدا قىرائەت قىلىش، ‹قۇرئان› كەلىمەلىرىگە خاھلىغان نەرسە (زىر – زەۋەر دېگەندەك) لەرنى كىرگۈزۈش ياكى چىقىرىۋېتىش، سوزۇپ ئوقۇلىدىغان جايلارنى سوزماسلىق ياكى سوزمايدىغان ئورۇنلارنى سوزۇش، بەزى كەلىمەلەر چىقماي قالىدىغان ياكى مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان دەرىجىدە بەك سوزۇپ ئوقۇشلار ئارقىلىق ‹قۇرئان› كەلىمەلىرىنى ئۆز قۇرۇلمىسىدىن چىقىرىۋېتىش قاتارلىقلار ھارام، بۇنداق ئوقۇغۇچى توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ، ئاڭلىغۇچىمۇ گۇناھكار بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ‹قۇرئان›نىڭ تۈز، داغدام يولىدىن چىقىپ ئەگرى – بۈگرى يوللارغا كىرىپ كەتكەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿قُرۡءَانًا عَرَبِيًّا غَيۡرَ ذِي عِوَجٖ / قۇرئان ئەرەبچىدۇر، ئەگرىلىكتىن خالىيدۇر﴾(39/«زۇمەر»: 28). ئەگەر ئاھاڭ ‹قۇرئان› كەلىمەلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتمىسە ۋە تەرتىل بىلەن دانىمۇدانە ئوقۇشقا دەخلى يەتكۈزمىسە مۇباھتۇر. چۈنكى، قارى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇش ئارقىلىق ‹قۇرئان›نى تېخىمۇ چىرايلىق ئوقۇغان بولىدۇ». مانا بۇ قازىكالاننىڭ سۆزى.
ھارام قىلىنغان ئاھاڭ بىلەن «قۇرئان» ئوقۇش بەزى نادان، جاھىل شۇنداقلا يىغىلىشلاردا ۋە ئۆلۈم پەتىلىرىدە «قۇرئان» ئوقۇيدىغان، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ئەخمەق كىشىلەر گىرىپتار بولۇۋاتقان چوڭ مۇسىبەتتۇر. بۇ ئوچۇق ھارام قىلىنغان بىدئەتتۇر. ئىمام ماۋەردىي دېگەندەك بۇنى ئاڭلىغۇچىمۇ، يوقىتىشقا ۋە توسۇشقا قادىر تۇرۇپ يوقاتمىغان ۋە توسمىغان كىشىمۇ گۇناھكار بولىدۇ. مەن بۇ بىدئەتنى يوقىتىشقا خېلى تىرىشىپ باقتىم. ئاللاھ بۇ بىدئەتنى يوقىتىش قولىدىن كېلىدىغان كىشىلەرنى بۇ بىدئەتنى يوقىتىشقا مۇۋەففەق قىلغاي ۋە ئۇ كىشىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.
ئىمام شافىئىي «مۇختەسەرۇل مۇزەنىي» دېگەن كىتاب (311 – بەت) تا: «قايسى شەكىلدە بولسۇن، ئاۋازنى گۈزەللەشتۈرسە بولىدۇ. مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىرائەت نورمال سۈرئەتتە، غەمكىن ئاۋازدا ئوقۇلغان قىرائەتتۇر» دەيدۇ.
بۇ يەردىكى «نورمال سۈرئەت» بەك سوزماستىن، تۈز ئوقۇشتۇر. «غەمكىن ئاۋازدا ئوقۇش» دېگەنلىك «تەسىرلىك ئوقۇش» دېگەنلىكتۇر. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئۆز سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلىشىچە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ﴿إِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ﴾نى مەرسىيە ئوقۇغاندەك غەمكىن ئاۋازدا ئوقۇغان(11).
«سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد» (1471) تا كېلىشىچە، «ئىبنى ئەبى مۇلەيكە رەھىمەھۇللاھقا:
— ئەگەر ئاۋازى چىرايلىق بولمىسا قانداق قىلىدۇ؟ — دېيىلگەن ئىدى، ئۇ:
— قولىدىن كېلىشىچە چىرايلىق ئوقۇشقا تىرىشىدۇ، — دەپ جاۋاب بەردى».
ئاۋازى چىرايلىق كىشىلەرنى قىرائەت قىلدۇرۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى
سەلەف سالىھلار ئاۋازى چىرايلىق قارىيلارغا «قۇرئان» ئوقۇتۇپ تىڭشايتتى. بۇ بىرلىككە كېلىنگەن مۇستەھەب ئىشتۇر. شۇنداقلا ئىبادەتگۇيلار ۋە ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ ئادىتىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سەھىھ ھالەتتە كەلگەن سۈننەتتۇر.
مەسىلەن، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ماڭا ‹قۇرئان› ئوقۇپ بەرگىن، — دېدى. مەن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ‹قۇرئان› سىلىگە چۈشكەن تۇرسا، يەنە سىلىگە ئوقۇپ بېرەمدىمەن؟! — دېدىم. رەسۇلۇللاھ:
— مەن ‹قۇرئان›نى باشقىلاردىن ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمەن، — دېدى. مەن ئۇ زاتقا ‹نىساﺋ› سۈرىسىنى ئوقۇپ بېرىپ: ﴿فَكَيۡفَ إِذَا جِئۡنَا مِن كُلِّ أُمَّةِۭ بِشَهِيدٖ وَجِئۡنَا بِكَ عَلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِ شَهِيدٗا / (ئى مۇھەممەد!) بىز ھەربىر ئۈممەتتىن بىر پەيغەمبەرنى گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن ۋە سېنىمۇ ئۈممىتىڭگە گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا، ئەھۋال قانداق بولار؟﴾(4/«نىساﺋ»: 41) دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، ئۇ زات:
— توختا! — دېدى. قارىسام، ئۇ زاتنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈۋېتىپتۇ». بۇ ھەدىسنى بۇخارىي (4582) ۋە مۇسلىم (800) رىۋايەت قىلغان.
ئىمام دارىمىي (3536) ۋە باشقىلار ئۆز سەنەدلىرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغانكى، ئۇ ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «بىزگە رەببىمىزنى ئەسلەتكىن» دېسە، ئەبۇ مۇسا ئۇنىڭغا قۇرئان ئوقۇپ بېرەتتى.
بۇ ھەقتىكى سەلەفلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرى ناھايىتى كۆپ ۋە مەشھۇردۇر. نۇرغۇن سالىھ كىشىلەر ئۆزلىرى «قۇرئان» ئوقۇتقان كىشىلەرنىڭ قىرائىتىدىن تەسىرلىنىپ قازا قىلغان. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
بەزى ئۆلىمالار ھەدىس ئۆگىنىش سورۇنىنىڭ ئاۋازى چىرايلىق قارىنىڭ مەلۇم مىقداردىكى قىرائىتى بىلەن باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشىنى مۇستەھەب دەپ قارىغان.
قارىي كىشى بۇنداق سورۇنلاردا سورۇنغا ماس، مۇۋاپىق قىرائەت قىلىشى، ئاللاھتىن قورقۇش، ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىش، دۇنياغا بېرىلمەسلىك، ئاخىرەتكە تەرغىب قىلىش، ئاخىرەتكە تەييار تۇرۇش ۋە ئېسىل ئەخلاققا ئۈندەش قاتارلىق ۋەز – نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى قىرائەت قىلىشى لازىم.
قىرائەتنى باشلىغان ۋە توختاتقاندا مەنىسىنى ئاساس قىلىش
«قۇرئان» ئوقۇغۇچى قىرائەتنى سۈرىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىغاندا ياكى سۈرە ئاخىرلاشماستىن توختاتقاندا، مەنا جەھەتتىن باغلىنىشلىق ئايەتلەرنىڭ بېشىدىن باشلىشى ھەم باغلىنىشلىق ئايەتلەر ئاخىرلاشقاندا ئاندىن توختىشى، بەت، پارىلارغا ئېسىلىۋالماسلىقى لازىم. چۈنكى، بەت، پارىلار مەنا جەھەتتىن باغلىنىشلىق ئايەتلەرنىڭ ئوتتۇرىدا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ﴿وَٱلۡمُحۡصَنَٰتُ مِنَ ٱلنِّسَآءِ﴾(4/«نىساﺋ»: 24، 5 – پارە)، ﴿وَمَآ أُبَرِّئُ نَفۡسِيٓۚ إِنَّ ٱلنَّفۡسَ لَأَمَّارَةُۢ بِٱلسُّوٓءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّيٓۚ إِنَّ رَبِّي غَفُورٞ رَّحِيمٞ﴾(12/«يۇسۇف»: 53، 13 – پارە)، ﴿فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوۡمِهِۦ﴾(27/«نەمل»: 56، 20 – پارە)، ﴿وَمَن يَقۡنُتۡ مِنكُنَّ لِلَّهِ وَرَسُولِهِ﴾(33/«ئەھزاب»: 31، 22 – پارە)، ﴿وَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَىٰ قَوۡمِهِۦ مِنۢ بَعۡدِهِۦ مِن جُندٖ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا كُنَّا مُنزِلِينَ﴾(36/«ياسىن»: 28، 23 – پارە)، ﴿إِلَيۡهِ يُرَدُّ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِۚ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 47، 25 – پارە)، ﴿وَبَدَا لَهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا عَمِلُواْ﴾(45/«جاسىيە»: 33، 26 – پارە)، ﴿قَالَ فَمَا خَطۡبُكُمۡ أَيُّهَا ٱلۡمُرۡسَلُونَ﴾(51/«زارىيات»: 31، 27 – پارە) دېگەن پارىلەر مەنا جەھەتتىن بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق ئايەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭدەك بەزى ھىزبلەر(12)مۇ مەنا جەھەتتىن بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق ئايەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، ﴿وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ فِيٓ أَيَّامٖ مَّعۡدُودَٰتٖۚ﴾(2/«بەقەرە»: 203)، ﴿قُلۡ أَؤُنَبِّئُكُم بِخَيۡرٖ مِّن ذَٰلِكُمۡۖ﴾(3/«ئال ئىمران»: 15)(13) دېگەن ھىزبلەرگە ئوخشاش.
قىرائەتنى بۇنداق ئورۇنلاردىن باشلىماسلىق ۋە بۇنداق ئورۇنلاردا توختاتماسلىق لازىم. چۈنكى، بۇلار ئىلگىرىكى ئايەتلەرگە باغلىنىشلىقتۇر. ئى قارىي! سىز بۇ ئەدەب – قائىدىلەرگە رىئايە قىلمايدىغان، ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر قىلمايدىغان قارىيلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئالدانماڭ. كاتتا زات فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھنىڭ ھاكىم ئەبۇ ئابدۇللاھ سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ سۆزىگە ئەمەل قىلىڭ: «ماڭغۇچىلارنىڭ ئازلىقىدىن ھىدايەت يولىدا يالغۇزلۇق ھېس قىلما، ھالاك بولغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئالدانما»(14).
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلىمالار: «قىسقا سۈرىدىن بىرنى پۈتۈن ئوقۇش ئۇزۇن سۈرىدىن شۇ قىسقا سۈرىچىلىك مىقداردا ئوقۇغاندىن ئەۋزەل» دەيدۇ. چۈنكى، ئايەتلەر ئارىسىدىكى مەنا جەھەتتىكى باغلىنىش بەزى كىشىلەرگە ئېنىق بولماي قېلىشى مۇمكىن.
ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، مەشھۇر تابىئىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ھۇزەيل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ساھابەلەر ئايەتنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇپ، يەنە بىر قىسمىنى ئوقۇماسلىقىنى يامان كۆرەتتى» دېگەن(15).
«قۇرئان» ئوقۇش مەكرۇھ بولىدىغان ئەھۋاللار
«قۇرئان» ئوقۇش، شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەڭ ياخشى ئىشتۇر. مەن بۇ ھالەتلەردىن ئېسىمگە كەلگەنلىرىنى دەلىللىرىنى بايان قىلماستىن قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتىمەن. چۈنكى، بۇنىڭ دەلىللىرى ناھايىتى مەشھۇردۇر.
ناماز ئىچىدە پەقەت قىيامدىلا «قۇرئان» ئوقۇشقا بولىدۇ. رۇكۇ، سەجدە، تەشەھھۇدلاردا «قۇرئان» ئوقۇش مەكرۇھتۇر(16).
ئۈنلۈك قىرائەت قىلىنىدىغان نامازلاردا ئىمامنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ «فاتىھە»دىن باشقا ئايەت ئوقۇشى مەكرۇھ بولىدۇ17).
ھاجەتكە ئولتۇرغاندا، مۈگدەك باسقاندا ياكى «قۇرئان» ئوقۇشقا ئېغىزى قولاشماي قالغاندا، «قۇرئان» ئوقۇش مەكرۇھتۇر. ئىمامنىڭ خۇتبىسىنى ئاڭلاۋاتقان كىشىنىڭ «قۇرئان» ئوقۇشىمۇ مەكرۇھتۇر، ئىمامنىڭ خۇتبىسىنى ئاڭلىيالمىسا مەكرۇھ ئەمەس، بەلكى مۇستەھەبتۇر. بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالار تاللىغان توغرا قاراشتۇر18). تاۋۇسنىڭ «مەكرۇھ» دەپ قارايدىغانلىقى19). ئىبراھىم نەخەئىينىڭ بولسا «مەكرۇھ ئەمەس» دەپ قارايدىغانلىقى(20) رىۋايەت قىلىنغان. ئۇ ئىككى زاتنىڭ سۆزىنى ئۇستازلىرىمىز بايان قىلغان شەكىلدە يۇقىرىقىدەك بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
تاۋاپ قىلىۋاتقاندا «قۇرئان» ئوقۇش مەكرۇھ ئەمەس. بۇ بىزنىڭ (يەنى شافىئىيلارنىڭ) ۋە كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر. ئىبنۇلمۇنزىر، ئەتاﺋ، مۇجاھىد، ئىبنى مۇبارەك، ئەبۇ سەۋر ۋە ھەنەفىي مەزھەبى قاتارلىقلارنىڭمۇ مۇشۇ قاراشتا ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان(21).
ھەسەن بەسرىي، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ۋە ئىمام مالىكلارنىڭ: «تاۋاپ قىلىۋاتقاندا ‹قۇرئان› ئوقۇش مەكرۇھ» دەيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان(22). توغرىسى ئاۋۋالقى قاراشتۇر.
مۇنچىدا، يولدا ۋە ئېغىزىدا مەينەت نەرسە بار تۇرۇپ «قۇرئان» ئوقۇش مەسىلىسىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق.
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.
1. «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 1/279. «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە نۇرغۇن ھەدىسلەر كەلگەن. ئىمام بەيھەقىي («ئىمان شاخچىلىرى»، (2025) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «‹قۇرئان›غا قارىماي ئوقۇغان كىشىگە مىڭ ھەسسە ساۋاب بولىدۇ، ‹قۇرئان›غا قاراپ ئوقۇغان كىشىگە بولسا يەنە بىر قاتلىنىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «قۇرئاننى ‹قۇرئان›غا قاراپ ئوقۇشنىڭ پەزىلىتىنىڭ قارىماي يادقا ئوقۇشتىن يۇقىرى بولۇشى پەرز نامازنىڭ پەزىلىتىنىڭ نەفلە نامازنىڭكىدىن يۇقىرى بولغىنىغا ئوخشايدۇ» دېگەن. ئەبۇ ئۇبەيدمۇ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «‹قۇرئان›غا قاراشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. قاراڭ: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 104 – بەت.
2. «مۇسلىم»، (2700)؛ «تىرمىزىي»، (3378).
3. «تارىخى ئىبنى ئەساكىر»، 2/282.
4. يۇقىرىقى كىتاب، 2/284.
5. يۇقىرىدا ئۆتكەن «بىپەرۋا قارىيلار سادىر قىلىدىغان بەزى سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنىش» دېگەن بابقا قاراڭ.
6. مەقدىسىي: «تاللانما ھەدىسلەر»، (219)؛ «تىرمىزىي»، (2670).
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2942)؛ «مۇسلىم»، (2406).
8. «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 1/279.
9. تەبەرانىي: «ئەلئەۋسەت»، (7304).
10. ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (212)؛ «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، (380).
11. ھافىز ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 9/70) ئەبۇ داۋۇدقا مەنسۇپ قىلغان ۋە «ھەسەن» دېگەن.
12. قۇرئان جەمئىي 60 ھىزبقا بۆلۈنىدۇ. يەنى، ھەربىر پارە ئىككى ھىزبقا، ھەربىر ھىزب تۆت رۇبئىغا بۆلۈنىدۇ. _ ت.
13. ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «يىگىرمە ئالتىنچى پارە ﴿وَاذْكُرُوا اللَّهَ فِي أَيَّامٍ مَعْدُودَاتٍ﴾ دېگەن ئايەتتىن باشلىنىدۇ» دېگەن بۇ قارىشى بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ قاراش «يىگىرمە ئالتىنچى پارە ‹ئەھقاف› سۈرىسىدىن يەنى ﴿حم. تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ﴾ دېگەن ئايەتتىن باشلىنىدۇ» دېگەن ئىمام ئەبۇ ئەمر ئەددانىي رەھىمەھۇللاھنىڭ ۋە كۈنىمىزدىكى كۆپ قىسىم «قۇرئان»لارنىڭ تەرتىپىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ قاراشلارنىڭ ئوخشاشماسلىقىنى ئىمام سەخاۋىي «جەمالۇلقۇررائى ۋەكەمالۇل ئىقرائى، (1/148)»دە بايان قىلغان.
14. بەيھەقىي: «ئەززۇھدۇل كەبىر»، (24).
15. «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 189 – بەت؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 7/200.
16. ئىمام مۇسلىم (480) ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس بۇنىڭغا دەلىلدۇر. ئۇ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رۇكۇ بىلەن سەجدەدە ‹قۇرئان› ئوقۇشۇمدىن توسقان».
17. يۇقىرىقى ھۆكۈم شافىئىي مەزھەب بويىچە بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەبتە ئىقتىداﺋ قىلغۇچى ئۈنلۈك ۋە ئۈنسىز بارلىق نامازلاردا «قۇرئان» ئوقۇمايدۇ. قاراڭ: بەدرۇددىن ئەينىي: «ئەلبىنايە»، 2/313، 314. — ت.
18. ئىمام مۇسلىم (487) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس بۇنىڭغا دەلىلدۇر. ئۇ دەيدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلار كېچىسى نامازغا تۇرغاندا، ئېغىزى قىرائەتكە كەلمەي نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالسا ياتسۇن» دېگەن.
19. «ئابدۇرراززاق»، (5378).
20. يۇقىرىقى كىتاب، (5374).
21. ئىمام شافىئىي («ئەلئۇم»، 115) ئەتاﺋ ئىبنى ئەبى رەباھتىن تاۋاپتا «قۇرئان» ئوقۇشنىڭ مەكرۇھ ئەمەسلىكىنى رىۋايەت قىلغان. ئوسمان ئىبنى ئەسۋەد: «مەن شافىئىي ئۇستازلىرىمىزنىڭ تاۋاپتا مۇجاھىدقا ‹قۇرئان› ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنمەن» دېگەن. بۇ ۋەقەلىكنى «ئىبنى ئەبى شەيبە»(4/480) رىۋايەت قىلغان.
22. ئىبنى ئەبى شەيبە (4/480) ھەسەن بەسرىي ۋە ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن تاۋاپتا ‹قۇرئان› ئوقۇشنىڭ مەكرۇھلۇقىنى رىۋايەت قىلغان. ئىبنى قاسىم («ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا»، 2/47): «ئىمام مالىك: ‹تاۋاپتا قۇرئان ئوقۇش سۈننەتكە ئۇيغۇن ئەمەس› دېگەن» دەيدۇ..