قارىيلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى 2

نامازدىكى قىرائەتكە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر

نامازدىكى قىرائەتكە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر

 مەن بۇ مەسىلىلەرنى ئىنتايىن قىسقا بايان قىلىپ ئۆتىمەن. چۈنكى، بۇ مەسىلىلەر فىقھ كىتابلىرىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

1. پەرز نامازلاردا قىرائەت قىلىشنىڭ «ۋاجىب»(1) ئىكەنلىكىدە بارلىق ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن. ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ۋە كۆپچىلىك ئۆلىمالار: «ھەر رەكئەتتە (يەنى پەرز نامازنىڭ — ت) ‹فاتىھە›نى ئوقۇش پەرز» دېسە(2)، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە بىر قىسىم ئۆلىمالار: ‹فاتىھە›نىڭ ئۆزىنى ئوقۇش پەرز ئەمەس» دەپ قارايدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە يەنە: «(تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ — ت) كېيىنكى ئىككى رەكئەتىدە قىرائەت قىلىش (يەنى ئايەت ئوقۇش — ت) ۋاجىب ئەمەس» دەپ قارايدۇ(3).

توغرىسى ئاۋۋالقى قاراشتۇر. بۇنىڭ دەلىللىرى ھەدىسلەردە ناھايىتى كۆپ. بىز سەھىھ ھەدىستە كەلگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «‹فاتىھە› ئوقۇلمىغان ناماز ئادا تاپقان بولمايدۇ»(4) دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلىش بىلەن بولدى قىلىمىز.

بارلىق ئۆلىمالار بامدات نامىزىنىڭ ئىككىلا رەكئەتىدە ۋە باشقا نامازلارنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكئەتىدە «فاتىھە»گە سۈرە قوشۇپ ئوقۇشنىڭ مۇستەھەبلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتتە سۈرە قوشۇپ ئوقۇشنىڭ «مۇستەھەب»لىكىدە بولسا، ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھتىن ئىككى خىل قاراش كەلگەن: يېڭى قارىشى: سۈرە قوشۇش مۇستەھەب. كونا قارىشى: مۇستەھەب ئەمەس(5).

شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «‹ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتىدە سۈرە قوشۇپ ئوقۇش مۇستەھەب› دەپ قارىغىنىمىزدا، بۇ رەكئەتلەردە ئاۋۋالقى ئىككى رەكئەتتىكىدىن قىسقىراق سۈرە ئوقۇشنىڭ مۇستەھەبلىكىدە ئىختىلاپ يوق، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتتىكى قىرائەتنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى تەڭ بولسا بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.

بىرىنچى رەكئەت ئىككىنچى رەكئەتتىن ئۇزۇنراق ئوقۇلامدۇ؟ بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش بار. كۆپچىلىك شافىئىي ئۇستازلىرىمىزنىڭ نەزەرىدە «ئۇزۇن ئوقۇلمايدۇ» دېگەن قاراش توغرىراق. مۇھەققىق ئالىملار نەزەرىدە، توغرىسى «ئۇزۇن ئوقۇلىدۇ» دېگەن قاراشتۇر. «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرىنچى رەكئەتتە ئىككىنچى رەكئەتتىكىدىن ئۇزۇنراق قىرائەت قىلاتتى» دېگەن سەھىھ ھەدىسكە(6) ئاساسەن مۇشۇ قاراش تاللىنىدۇ.

بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسى شۇكى، نامازغا سەل كېيىن قالغان كىشى بىرىنچى رەكئەتكە ئۈلگۈرۈۋالالايدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر(7).

ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «نامازغا كېچىكىپ ئۈلگۈرگەن كىشى ئىمام بىلەن بىرگە پېشىن ياكى باشقا نامازلارنىڭ كېيىنكى ئىككى رەكئەتىنى ئوقۇپ بولۇپ، قېپقالغان رەكئەتىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغاندا، ‹فاتىھە›گە سۈرە قوشۇپ ئوقۇشى مۇستەھەبتۇر»(8).

كۆپچىلىك شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «بۇ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتتە سۈرە قوشۇپ ئوقۇشنىڭ مۇستەھەبلىكىدىكى ئىككى خىل قارىشىغا ئاساسەن دېيىلگەن ھۆكۈم» دېسە، يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار: «‹بۇ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتتە سۈرە قوشۇش مۇستەھەب› دېگەن يېڭى قارىشىغا ئاساسەن دېيىلگەن، ‹سۈرە قوشۇش مۇستەھەب ئەمەس› دېگەن كونا قارىشىغا ئاساسەن نامازغا كېچىكىپ ئۈلگۈرگەن كىشى سۈرە قوشمايدۇ» دەيدۇ. توغرىسى، «نامىزى سۈرە قوشۇلماي ئوقۇلغان بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سۈرە قوشۇپ ئوقۇيدۇ» دېگەن بىرىنچى قاراشتۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. بۇلار ئىمام ۋە يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ «فاتىھە» ئوقۇش ۋە سۈرە قوشۇشتىكى ھۆكۈملىرىدۇر(9).

ئىمامغا ئىقتىداﺋ قىلغۇچىغا كەلسەك، ئەگەر ئۈنسىز قىرائەت قىلىنىدىغان ناماز بولسا «فاتىھە» ئوقۇشى ۋاجىب، سۈرە قوشۇشى بولسا مۇستەھەبتۇر. ئەگەر ئۈنلۈك قىرائەت قىلىنىدىغان ناماز بولۇپ ئىمامنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلىسا، سۈرە قوشۇپ ئوقۇشى مەكرۇھتۇر(10). «فاتىھە» ئوقۇشىنىڭ ۋاجىبلىقىدا ئىككى خىل كۆزقاراش بار: بىرى، ۋاجىب(11). بۇ ئەڭ توغرا قاراشتۇر. يەنە بىرى، ۋاجىب ئەمەس.

ئەگەر ئىمامنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلىمىسا، توغرا قاراش شۇكى، «فاتىھە» ئوقۇش ۋاجىب، سۈرە قوشۇش مۇستەھەب. بەزىلەر: «‹فاتىھە› ئوقۇش ۋاجىب ئەمەس» دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر: «‹فاتىھە›نى ئوقۇش ۋاجىب، سۈرە قوشۇپ ئوقۇش مۇستەھەب ئەمەس» دەپ قارايدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر(12).

جىنازا نامىزىنىڭ بىرىنچى تەكبىرىدىن كېيىن «فاتىھە» ئوقۇش ۋاجىب(13) .

نەفلە نامازدا «فاتىھە»نى ئوقۇش زۆرۈر، ھۆكمىدە شافىئىي ئۇستازلىرىمىز ئارىسىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى بار. قەففال: «ۋاجىب» دېسە، شاگىرتى قازى ھۈسەيىن: «شەرت» دەيدۇ. باشقىلار بولسا: «‹بِسْمِ اللَّـهِ› رۇكن (ئاساس)» دەيدۇ. بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر(14).

يۇقىرىقى ئورۇنلاردا «فاتىھە» ئوقۇيالمايدىغان كىشى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئايەتلەرنى ئوقۇيدۇ. ئۇنىمۇ ئوقۇيالمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ مىقدارىدا زىكىر، تەسبىھ ۋە تەھلىل ئېيتىدۇ. بۇنىمۇ ئېيتالمايدىغان بولسا، «فاتىھە» ئوقۇغانچىلىك مىقداردا جىم تۇرۇۋېتىپ ئاندىن رۇكۇغا بارىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر(15).

بىر رەكئەتتە بىرقانچە سۈرە ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

 بىر رەكئەتتە بىرقانچە سۈرە ئوقۇسا بولىۋېرىدۇ. «سەھىھەين»دە رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەملەپ ئوقۇيدىغان تەڭ ھەجىملىك سۈرىلەرنى بىلىمەن» دېدى ۋە قىسقا سۈرىلەردىن ھەربىر رەكئەتكە ئىككىدىن جەمئىي يىگىرمە سۈرىنى تىلغا ئالدى(16).

بىز ئىلگىرى سەلەفلەردىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ قۇرئاننى بىر رەكئەتتە تامام قىلغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق(17).

نامازدا ئۈنلۈك ۋە ئۈنسىز قىرائەت قىلىشنىڭ ھۆكمى

مۇسۇلمانلار بامدات، جۈمە، ئىككى ھېيت، تەراۋىھ، تەراۋىھتىن كېيىنكى ۋىتر قاتارلىق نامازلاردا ۋە شام، خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكئەتىدە ئۈنلۈك قىرائەت قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. بۇ نامازلاردا ئۈنلۈك قىرائەت قىلىش ئىمام ئۈچۈنمۇ ۋە يالغۇز ئوقۇشقا بولىدىغانلىرىدا يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇستەھەبتۇر. ئەمما، ئىقتىداﺋ قىلغۇچى ئۈنلۈك قىرائەت قىلمايدۇ. بۇ مەسىلىدە بارلىق مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن.

ئاي تۇتۇلغاندا ئوقۇلىدىغان نامازدا ئۈنلۈك قىرائەت قىلىش سۈننەت. سۇ تەلەپ قىلىش نامىزىدا ئۈنلۈك قىرائەت قىلسا بولىدۇ.

كۈن تۇتۇلۇش نامىزى، كۈندۈزى ئوقۇلىدىغان جىنازا نامىزى ۋە كۈچلۈك قاراشقا ئاساسلانغاندا، كېچىدە ئوقۇلىدىغان جىنازا نامىزى قاتارلىقلاردا ئۈنلۈك قىرائەت قىلىنمايدۇ.

بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىككى ھېيت نامىزى ۋە سۇ تەلەپ قىلىش نامىزىدىن باشقا كۈندۈزدە ئوقۇلىدىغان نەفلە نامازلاردىمۇ ئۈنلۈك قىرائەت قىلىنمايدۇ.

كېچىنىڭ نەفلە نامازلىرىدا ئۈنلۈك قىرائەت قىلىش ياكى قىلماسلىقتا شافىئىي ئۆلىمالىرى ئارىسىدا قاراش ئوخشاش ئەمەس:

1. ئۈنلۈك قىرائەت قىلمايدۇ؛ بۇ ئەڭ كۈچلۈك قاراشتۇر.

2. ئۈنلۈك قىرائەت قىلىدۇ؛

3. ئۈنلۈكمۇ ئەمەس، ئۈنسىزمۇ ئەمەس، نورمال ئاۋازدا قىرائەت قىلىدۇ(18). بۇ ئىمام بەغەۋىي توغرا تاپقان قاراشتۇر.

مۇبادا كېچە نامازلىرىدىن بىرەرسىنى ئوقۇيالماي قېلىپ كۈندۈزى ئۇنىڭ قازاسىنى قىلماقچى بولسا ياكى كۈندۈز نامازلىرىدىن بىرەرسىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ كېچىسى قازاسىنى قىلماقچى بولسا، ئۈنلۈك ۋە ئۈنسىز قىرائەت قىلىش مەسىلىسىدە قولدىن كەتكەن ۋاقىت ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ ياكى قازاسىنى قىلغان ۋاقىتمۇ؟

بۇ مەسىلىدە شافىئىي ئۇستازلىرىمىزنىڭ قارىشى ئىككى خىل. كۈچلۈك قاراش بولسا: «قازاسىنى قىلغان ۋاقىت ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ» دېگەن قاراشتۇر.

ناۋادا ئۈنسىز ئوقۇيدىغان يەردە ئۈنلۈك ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئوقۇغان بولسىمۇ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن، مەكرۇھ ئىش قىلغان بولىدۇ. بىراق، سەھۋ سەجدەسى كېرەك بولمايدۇ(19).

ئېنىق بولۇشى كېرەككى، «قىرائەت، تەكبىر، زىكىر – تەسبىھ قاتارلىقلارنى ئۈنسىز ئوقۇش» دېگەنلىك «ئۆزى ئاڭلىغۇدەك ئوقۇش» دېگەنلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، قۇلىقى ساغلام، توسالغۇ بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزى ئاڭلىغۇدەك تەلەپپۇز قىلىش زۆرۈر. ئەگەر ئۆزى ئاڭلىمىسا، قىرائىتىمۇ، زىكىر – تەسبىھلىرىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوقتۇر.

ئۈنلۈك قىرائەت قىلىنىدىغان نامازلاردا ئىمام يەڭگىل توختايدىغان ئورۇنلار

شافىئىي ئۇستازلىرىمىز دەيدۇكى، ئۈنلۈك قىرائەت قىلىنىدىغان نامازلاردا ئىمامنىڭ قىيامدا تۇرغاندا تۆت ئورۇندا يەڭگىل توختىشى مۇستەھەبتۇر:

1. «قىبلىگە يۈزلىنىش دۇئاسى»(20)نى ئوقۇۋېلىشى ۋە ئىقتىداﺋ قىلغۇچىلارنىڭ نامازغا كىرىش تەكبىرىنى ئېيتىۋېلىشى ئۈچۈن، نامازغا كىرىش تەكبىرىدىن كېيىن بىرئاز توختاش(21

2. كىشىلەرنىڭ «‹ئامىن›نى ‹فاتىھە›گە تەۋە ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، «فاتىھە» بىلەن «ئامىن»نىڭ ئارىسىدا يەڭگىل بىر توختاش؛

3. «ئامىن»دىن كېيىن جامائەت «فاتىھە»نى ئوقۇۋالغۇدەك ئۇزۇنراق بىر توختاش(22

4. «فاتىھە»دىن كېيىنكى سۈرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىر توختاپ، قىرائەت بىلەن رۇكۇغا بېرىش تەكبىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش.

«ئامىن»نىڭ مەنىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار

ھەربىر «قۇرئان» ئوقۇغۇچىنىڭ نامازدا بولسۇن ياكى نامازنىڭ سىرتىدا بولسۇن، «فاتىھە»نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن «ئامىن» دېيىشى مۇستەھەبتۇر. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ ۋە مەشھۇردۇر(23).

بىز ئىلگىرىكى پاراگرافتا «فاتىھە» بىلەن «ئامىن»نىڭ ئارىسىنى يەڭگىل بىر توختاش ئارقىلىق ئايرىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق.

«ئامىن»نىڭ مەنىسى «ئى ئاللاھ! ئىجابەت قىلغىن» دېگەنلىك بولىدۇ. بەزىلەر: «‹شۇنداق بولغاي› دېگەنلىك بولىدۇ» دېسە، بەزىلەر: «‹شۇنداق قىلغىن› دېگەنلىك بولىدۇ» دەيدۇ، يەنە بەزىلەر: «‹بۇنىڭغا سەندىن باشقىسى قادىر بولالمايدۇ› دېگەنلىك بولىدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «‹ئۈمىدلىرىمىزنى يوققا چىقارمىغايسەن› دېگەنلىك بولىدۇ» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: «‹بىزگە تىنچ – ئامانلىق ئاتا قىلغىن› دېگەنلىك بولىدۇ» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: «‹ئامىن› ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە باسىدىغان مۆھۈرى بولۇپ، ئاللاھ بۇ مۆھۈر بېسىلغان بەندىلىرىنى ئاپەتتىن ساقلاپ قالىدۇ» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: «‹ئامىن› شۇ كەلىمەنى دېگەنلەر ئېرىشىدىغان جەننەتتىكى بىر مەرتىۋە» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: «ئۇ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى» دەيدۇ. لېكىن، بۇ قاراشنى مۇھەققىقلار ۋە كۆپچىلىك ئۆلىمالار رەت قىلىدۇ.

يەنە بەزىلەر بولسا: «‹ئامىن› ئەرەبچىلەشتۈرۈلگەن ئىبرانىيچە سۆزدۇر» دەيدۇ.

ئەبۇبەكرى ۋەرراق: «‹ئامىن› دۇئانىڭ ۋە رەھمەت تىلەپ ئېرىشىشنىڭ ئېنېرگىيەسىدۇر» دەيدۇ.

«ئامىن» سۆزى بىرنەچچە خىل شەكىلدە ئوقۇلىدۇ. ئۆلىمالار تۆۋەندىكى تۆت خىل شەكىلنى بايان قىلغان:

1. «ئامىن»دىكى «ئەلىف»نى سوزۇپ، «مىيم»نى يېنىك ئوقۇش؛ بۇ ئەڭ توغرا ئوقۇش شەكلىدۇر.

2. «ئەلىف»نى سوزماستىن ئوقۇش؛ بۇ ئىككىسى مەشھۇر بولغان ئوقۇش شەكلىدۇر.

3. زەۋەرنى زىرغا مايىلراق قىلىپ سوزۇپ ئوقۇش؛ بۇنى ۋاھىدىي ھەمزە بىلەن كىسائىيدىن رىۋايەت قىلغان.

4. «ئەلىف»نى سوزۇپ، «مىيم»نى تەشدىدلىك قىلىپ «ئاممىن» دەپ ئوقۇش. بۇنى ۋاھىدىي ھەسەن (بەسرىي) بىلەن ھۈسەيىن ئىبنى فەزلدىن رىۋايەت قىلغان. ئۇ دەيدۇكى: بۇ رىۋايەتنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغاندا، ئىمام جەئفەر سادىقنىڭ: «‹ئاممىن› نىڭ مەنىسى: ‹ئۈمىدلىرىمىزنى ساڭا باغلىدۇق، سەن ئۇلۇغدۇرسەن، ئۈمىدلىرىمىزنى يوققا چىقارمىغىن› دېگەن بولىدۇ» دېگەن سۆزىگە بارىدۇ.

بۇ تۆتىنچىسى تولىمۇ غەيرىي بولۇپ، كۆپچىلىك تىلشۇناسلار: «بۇنداق ئوقۇش ئاۋام خەلقنىڭ خاتالىقلىرى جۈملىسىدىندۇر» دەپ قارايدۇ. بەزى شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «‹ئامىن› نى مۇشۇ تۆتىنچى خىل شەكىلدە دېسە، نامىزى بۇزۇلىدۇ» دەيدۇ(24).

تىلشۇناسلار: «ئەرەب تىلى قائىدىسى بويىچە ‹ئامىن› دەپ توختاش لازىم. چۈنكى، ‹ئامىن› دېگەن بۇ كەلىمە ئىملىق سۆزلەر ئورنىدىدۇر. ئەگەر توختىماي قوشۇپ ئوقۇسا، ئىككى ساكىن بىر ئورۇندا كېلىپ قالىدىغان بولغانلىقتىن، ‹أيْنَ›، ‹كَيْفَ› كەلىمەلىرىگە ئوخشاش ‹نۇن›نى زەۋەر ئوقۇيدۇ. ‹يا› ھەرپىدىن كېيىن زىر ئوقۇش تىلغا ئېغىر بولغاچقا زىر ئوقۇمايدۇ» دەيدۇ.

بۇلار «ئامىن» دېگەن سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ خۇلاسىسىدۇر. «تەھزىبۇلئەسمائى ۋەللۇغات (ئىسىم ۋە سۆزلۈكلەرنى تۈزىتىش)» ناملىق كىتابىم (3/12 – 14) دا بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن قاراشلارنى دەلىل – ئىسپاتلىرى بىلەن ئەكىلىپ تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتتۈم.

ئۆلىمالار: «نامازدا ئىمامنىڭمۇ، ئىقتىداﺋ قىلغۇچىنىڭمۇ ۋە يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچىنىڭمۇ ‹ئامىن› دېيىشى مۇستەھەب. ئىمام ۋە يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى ئۈنلۈك قىرائەت قىلىنىدىغان نامازلاردا ‹ئامىن›نى ئۈنلۈك دەيدۇ» دېگەن.

ئىقتىداﺋ قىلغۇچىنىڭ ئۈنلۈك دېيىشىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار:

1. ئۈنلۈك دەيدۇ؛ بۇ توغرا بولغان قاراشتۇر.

2. ئۈنلۈك دېمەيدۇ؛

3. جامائەت كۆپ بولسا، ئۈنلۈك دەيدۇ. ئۇنداق بولمىسا، ئۈنلۈك دېمەيدۇ.

ئىقتىداﺋ قىلغۇچى ئىمامدىن بۇرۇنمۇ ئەمەس، كېيىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئىمام بىلەن تەڭ «ئامىن» دەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىستىكى مۇنۇ سۆزىدۇر: «ئىمام ﴿وَلَا الضَّالِّينَ﴾ دېسە، ‹ئامىن› دەڭلار. بىر كىشىنىڭ ‹ئامىن› دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ‹ئامىن› دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ»(25).

ئەمما، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىستىكى: «ئىمام ‹ئامىن› دېسە، سىلەرمۇ ‹ئامىن› دەڭلار» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى بولسا «ئىمام ‹ئامىن› دېيىشكە تەمشەلگىنىدە» دېگەنلىك بولىدۇ(26).

شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «نامازدا ئىقتىداﺋ قىلغۇچىنىڭ ئىمام بىلەن تەڭ دېيىشى مۇستەھەب بولغان ‹ئامىن›دىن باشقا سۆز يوقتۇر. ‹ئامىن›دىن باشقا سۆزلەرنى ئىقتىداﺋ قىلغۇچى ئىمامدىن كېيىن دەيدۇ» دېگەن.

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر  قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.


1. شافىئىي مەزھەبتە «ۋاجىب» ئاتالغۇسى پەرزنىمۇ، ۋاجىبنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. — ت.
2. ئىمام مالىكنىڭ مەزھەبى ئۈچۈن «شەرھۇ مۇختەسەرى خەلىل»، 1/269؛ ئىمام شافىئىينىڭ مەزھەبى ئۈچۈن «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/306؛ ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھەبى ئۈچۈن «ئەلمۇغنىي»، 1/146 لەرگە قاراڭ.
3. ئىمام مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 1/173 – 175.
4. «سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە»، (490)؛ «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، (1789).
5. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمىنهاج»، 98 – بەت.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (759)؛ «مۇسلىم»، (451).
7. «ئەلۋەسىت»، 2/122؛ «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/341.
8. «ئەلئۇم»، 178 – بەت.
9. «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/342؛ «تۇھفەتۇل موھتاج»، 1/53.
10. ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ («تۇھفەتۇل موھتاج»، 2/54): «‹ھارام بولىدۇ› دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ‹بۇ باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈلگەن ئەھۋالدا› دېگەن قاراش تاللىنىدۇ» دېگەن.
11. شافىئىي مەزھەبتە «ۋاجىب» ئاتالغۇسى پەرزنىمۇ، ۋاجىبنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
12. «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/311؛ «تۇھفەتۇل موھتاج»، 2/54.
13. ھەنەفىي ۋە مالىكىي مەزھەبلىرىدە جىنازا نامىزىدا «فاتىھە» ئوقۇش ۋاجىب ئەمەس. ھەنەفىي مەزھەبىدە، دۇئا نىيىتىدە ئوقۇسا بولىدۇ. مالىكىي مەزھەبىدە، مەكرۇھ ياكى ئەمەسلىكىدە ئىختىلاپ بار. ئىككىلا مەزھەبتە، بىرىنچى تەكبىردىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىلىدۇ. ئىمام مالىك («مۇۋەتتا»، 19) نافىئنىڭ «ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جىنازا نامىزىدا قۇرئان ئوقۇمايتتى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. ئىمام مالىك («مەۋاھىبۇل جەلىل»، 2/215؛ «بەدائىئۇسسەناﺋﯩﺌ»، 1/314) دەيدۇكى: «جىنازا نامىزى دۇئادۇر. جىنازا نامىزىدا ‹فاتىھە› ئوقۇش بىزنىڭ شەھرىمىز (مەدىنە مۇنەۋۋەرە) دە يوق ئىدى». — ت.
14. «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/273.
15. «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/330؛ «تۇھفەتۇل موھتاج»، 2/45 – 49.
16. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4996)؛ «مۇسلىم»، (822). بۇ سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىرى «ئەبۇ داۋۇد» 1396 – ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان.
17. مۇشۇ كىتاب، ‹قۇرئان›نى قەرەللىك تاماملاپ تۇرۇش» بابىغا قاراڭ.
18. ئىمام ئەزرەئىي: «‹ئوتتۇراھال ئوقۇش›تىن يېنىدىكى كىشى ئاڭلىغۇدەكلا ئاۋازدا ئوقۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «ئىسراﺋ» سۈرىسى، 110 – ئايەتتىكى ﴿وَلَا تَجۡهَرۡ بِصَلَاتِكَ وَلَا تُخَافِتۡ بِهَا وَٱبۡتَغِ بَيۡنَ ذَٰلِكَ سَبِيلٗا / نامىزىڭدا قىرائەتنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ، پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن﴾ دېگەن كۆرسەتمىمۇ بۇنىڭغا ئىشارە قىلىدۇ» دەيدۇ. ئىمام نەۋەۋىي («پەتۋالار»، 46): «تەھەججۇد نامىزىدا ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىمۇ ئەمەس، پەسمۇ ئەمەس، ئوتتۇراھال ئاۋازدا قىرائەت قىلغان ياخشى. بۇ ئەڭ توغرا قاراشتۇر. يەنە بىر قاراشتا: ‹يۇقىرىقى شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئۈنلۈك ئوقۇش ئەۋزەل› دېيىلگەن» دېگەن ۋە كېچىدىكى نامازدا ئوتتۇراھال ئاۋازدا ئوقۇشنى تاللىغان.
19. يۇقىرىقى ھۆكۈم شافىئىي مەزھەب بويىچە بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەبتە ئىمامنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلارنى ئۈنلۈك، ئۈنسىز ئوقۇلىدىغان نامازلارنى ئۈنسىز ئوقۇشى ۋاجىب. ئەكسىچە ئوقۇغان ئەھۋالدا سەھۋەنلىك سەجدەسى قىلىشى لازىم بولىدۇ. قاراڭ: ئىمام مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 1/74. — ت.
20. شافىئىي مەزھەبتە «قىبلىگە يۈزلىنىش دۇئاسى (دعاء التوجه)» مۇنداق: «وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ حَنِيفًا وما أنا من الْمُشْرِكِينَ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ لَا شَرِيكَ له وَبِذَلِكَ أُمِرْتُ وأنا من الْمُسْلِمِينَ / مەن ھەقىقەتەن باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن. نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ شەرىكى يوقتۇر، مەن شۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجىسىمەن». قاراڭ: «مۇسلىم»، (771).
21. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تەكبىر ئېيتىپ بولۇپ يەڭگىل توختايتتى» دېگەن. قاراڭ: «بۇخارىي»، (744)؛ «مۇسلىم»، (598).
22. ئەبۇ داۋۇد (779)؛ تىرمىزىي (251) ۋە باشقىلارنىڭ سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى قېتىم — بىر قېتىم نامازغا كىرىش تەكبىرىنى ئېيتقاندا، يەنە بىر قېتىم «فاتىھە»نى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن — توختىغانلىقىنى ئېسىدە ساقلىۋالغان.
23. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەيدۇكى: «ئىمام: ﴿غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ﴾ دېسە، ‹ئامىن› دەڭلار. كىمنىڭ ‹ئامىن› دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ‹ئامىن› دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ». قاراڭ: «بۇخارىي»، (782)؛ «مۇسلىم»، (410).
24. شافىئىي ئۆلىمالىرىدىن ھافىز ئىبنى ھەجەر بىلەن قەليۇبىي قاتارلىقلار: «نامىزى بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا دۇئا مەنىسى بار» دەيدۇ.
25. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (782)؛ «مۇسلىم»، (410).
26. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (780)؛ «مۇسلىم»، (410).