بىپەرۋا قارىيلاردىن سادىر بولىدىغان بەزى سەھۋەنلىكلەردىن ساقلىنىش
ئەھمىيەت بېرىشكە، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بىرى، بەزى بىپەرۋا قارىيلار سەل قاراۋاتقان ئىشلاردىن ساقلىنىش «قۇرئان»نىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشتۇر. مىسال سۈپىتىدە بۇلاردىن بىرقانچىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:
بىرىنچى: «قۇرئان» ئوقۇۋېتىپ كۈلۈش، ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلىش ۋە زۆرۈرىيەتسىز گەپ قىلىشتىن ساقلىنىش؛
«قۇرئان» ئوقۇغۇچى ئاللاھنىڭ: ﴿وَإِذَا قُرِئَ ٱلۡقُرۡءَانُ فَٱسۡتَمِعُواْ لَهُۥ وَأَنصِتُواْ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ / ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ۋە جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار)﴾(7/«ئەئراف»: 204) دېگەن بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلسۇن ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى ئۆزىگە ئۈلگە قىلسۇن. «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ‹قۇرئان› ئوقۇلسا، ئۆزى ئوقۇماقچى بولسا سۈرىلەرنى ئوقۇپ تۈگەتمىگۈچە گەپ قىلمايتتى». بۇ ھەدىسنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئىمام بۇخارىي بۇ ھەدىسنى ئۆزىنىڭ «سەھىھۇلبۇخارىي» ناملىق كىتابىنىڭ «تەفسىر» بۆلۈمى (4527) دە رىۋايەت قىلىپ، ئاخىرىدا: «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قۇرئان ئوقۇشتىن پارىغ بولمىغۇچە گەپ قىلمايتتى» دېگەن.
ئىككىنچى: قول ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئويناشتىن ساقلىنىش؛ چۈنكى، ئۇ رەببى بىلەن سىردىشىۋاتقاندۇر، ئۇنداق بولغانىكەن، رەببىنىڭ ئالدىدا بىھۇدە ئىشلارنى قىلماسلىقى لازىم.
ئۈچىنچى: زېھنىنى چاچىدىغان نەرسىلەرگە قارىماسلىق. بولۇپمۇ نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىق. ئاللاھ تائالا: ﴿قُل لِّلۡمُؤۡمِنِينَ يَغُضُّواْ مِنۡ أَبۡصَٰرِهِمۡ / مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن﴾(24/«نۇر»: 30) دېگەن. ھەتتاكى شافىئىي ئۆلىمالىرى: «قىزى، ئانىسى دېگەندەك مەھرەملىرىگىمۇ شەھۋەت نەزەرى بىلەن قاراش ھارام» دېگەن.
ئەمما، «سودا – سېتىق، ئېلىم – بېرىم، داۋالاش، تەلىم – تەربىيە» دېگەندەك ئېھتىياجلىق ئىشلاردا قاراش جائىز. لېكىن، قاراش ئېھتىياجغا قاراپ بولۇشى، زۆرۈرىيەتسىز داۋاملىق قاراۋەرمەسلىك لازىم. شۇنىڭدەك مۇئەللىممۇ تالىبلىرىغا زۆرۈر بولسا قارىسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.
قىرائەت سورۇنىغا ھازىر بولغان كىشىلەر شۇنىڭغا ئوخشاش يامان ئىشلارنى كۆرسە قولىدىن كېلىشىچە توسۇشى، قولى بىلەن تۈزىتىشكە قادىر بولالىسا قولى بىلەن، قولى بىلەن تۈزىتىشكە قادىر بولالمىسا ئېغىزى بىلەن توسۇشى، ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا كۆڭلىدە بولسىمۇ قارشى تۇرۇشى لازىم.
«قۇرئان»نى ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا ئوقۇشنىڭ ھۆكمى
ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، نامازدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، «قۇرئان»نى ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا ئوقۇش جائىز بولمايدۇ(1). ئەگەر نامازدا باشقا تىلدا ئوقۇغان بولسا نامىزى ئادا بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ شافىئىيلارنىڭ ۋە ئىمام مالىك، ئەھمەد، داۋۇد، ئەبۇبەكرى ئىبنۇلمۇنزىر قاتارلىقلارنىڭ قارىشىدۇر(2).
ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ: «ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا ئوقۇش جائىز، ئۇنىڭ بىلەن نامىزىمۇ ئادا بولىدۇ» دەيدۇ. ئەبۇ يۈسۈف ۋە ئىمام مۇھەممەد رەھىمەھۇللاھلار: «باشقا تىلدا ئوقۇش ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلمەيدىغان كىشى ئۈچۈن دۇرۇس، ياخشى بىلىدىغان كىشى ئۈچۈن دۇرۇس ئەمەس» دەپ قارايدۇ(3).
مۇتەۋاتىر ۋە شاز (مەشھۇر بولمىغان) قىرائەتلەر بىلەن «قۇرئان» ئوقۇشنىڭ ھۆكمى
«قۇرئان»نى بىرلىككە كېلىنگەن يەتتە خىل قىرائەت بىلەن ئوقۇش دۇرۇس. يەتتە خىل قىرائەتتىن باشقا قىرائەتلەر ۋە يەتتە قارىي(4)دىن نەقىل قىلىنغان شاز رىۋايەتلەر بويىچە ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس. ئاللاھ خاھلىسا، يەتتىنچى بابتا قۇرئاننى شاز قىرائەتلەر بىلەن ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقان كىشىنى فەقىھلەرنىڭ تەۋبە قىلىشقا بۇيرۇشتا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىمىز.
بىزنىڭ شافىئىي ئۇستازلىرىمىز ۋە باشقا ئالىملار: «بىلىپ تۇرۇپ نامازنى شاز قىرائەت بىلەن ئوقۇغان بولسا، نامىزى ناماز بولمايدۇ، ئەگەر بىلمەي ئوقۇغان بولسا، نامىزى بۇزۇلمايدۇ، لېكىن قىرائىتى قىرائەت ھېسابلانمايدۇ» دەيدۇ.
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر («ئەتتەمھىد»، 4/278) شاز قىرائەت بىلەن «قۇرئان» ئوقۇشنىڭ ۋە شاز قىرائەت بىلەن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى نەقىل قىلغان.
ئۆلىمالار: «شاز قىرائەت ئىكەنلىكىنى ياكى شاز قىرائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بىلمەي ئوقۇپ سالغان كىشىگە بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكى تەلىم بېرىلىدۇ، ئەگەر قايتا ئوقۇغان بولسا ياكى بىلىپ تۇرۇپ ئوقۇغان بولسا، بۇنداق ئوقۇشتىن يانغانغا قەدەر قاتتىق جازالىنىدۇ ۋە ئۇنى توسۇشقا قادىر بولغان ھەرقانداق كىشىنىڭ توسۇشى، چەكلىشى ۋاجىب بولىدۇ» دەيدۇ.
بىر قىرائەتتىن يەنە بىر قىرائەتكە يۆتكىلىشنىڭ ھۆكمى
قارىي قىرائەتنى مەشھۇر بىر قىرائەت بىلەن باشلىغان بولسا، ئايەتلەر مەنا جەھەتتىن بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق بولغان تەقدىردە، باشلىغان قىرائەت بىلەن ئوقۇۋېرىشى لازىم. مەنا جەھەتتىن باغلىنىشلىق ئايەتلەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن يەتتە خىل قىرائەتتىن خاھلىغان بىرىگە يۆتكىلىپ ئوقۇسا مەيلى، ئەمما شۇ سورۇندا دەسلەپ باشلىغان قىرائەت بىلەن ئوقۇۋەرگىنى ياخشى.
«قۇرئان»نى سۈرىلەرنىڭ رەت تەرتىپى بويىچە ئوقۇش
ئۆلىمالار: «تاللانغان قاراش شۇكى، ‹قۇرئان›نى نامازدا بولسۇن ياكى نامازنىڭ سىرتىدا بولسۇن، سۈرىلەرنىڭ رەت تەرتىپى بويىچە ئاۋۋال ‹فاتىھە›، ئاندىن ‹بەقەرە›، ئاندىن ‹ئال ئىمران›… بويىچە ئوقۇش كېرەك» دەيدۇ. ھەتتا بەزى شافىئىي ئۆلىمالىرى: «ئەگەر بىرىنچى رەكئەتتە ﴿قُلۡ أَعُوذُ بِرَبِّ ٱلنَّاسِ﴾ نى ئوقۇغان بولسا، ئىككىنچى رەكئەتتە ‹فاتىھە›دىن كېيىن ‹بەقەرە›نى باشلايدۇ» دەيدۇ.
يەنە بەزى شافىئىي ئۆلىمالىرى: «بىر سۈرىنى ئوقۇپ تۈگەتسە، ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىدىغان سۈرىنى ئوقۇش مۇستەھەب» دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھازىرقىدەك تەرتىپتە رەتلىنىشىدە مەلۇم ھېكمەت بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، «جۈمە كۈنى بامدات نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئەتىدە ‹سەجدە›نى، ئىككىنچى رەكئەتىدە ‹ئىنسان›نى، ھېيت نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئەتىدە ‹قاف›نى، ئىككىنچى رەكئەتىدە ‹قەمەر›نى، بامداتنىڭ سۈننىتىنىڭ بىرىنچى رەكئەتىدە ‹كافىرۇن›نى، ئىككىنچى رەكئەتىدە ‹ئىخلاس›نى، ۋىترنىڭ بىرىنچى رەكئەتىدە ‹ئەئلا›نى، ئىككىنچى رەكئەتىدە ‹كافىرۇن›نى، ئۈچىنچى رەكئەتىدە ‹ئىخلاس›، ‹فەلەق› ۋە ‹ناس› سۈرىلىرىنى ئوقۇش» دېگەندەك ئايرىم دەلىل كەلگەنلىرىدىن باشقا سۈرىلەردە شۇ ھېكمەتكە رىئايە قىلىپ تەرتىپ بىلەن ئوقۇش لازىم. ناۋادا تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ بىرەر سۈرىنى ئوقۇپ بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان سۈرىنى ئوقۇماي باشقا سۈرە ئوقۇغان بولسا ياكى بىر سۈرىنى ئوقۇپ بولۇپ، رەت تەرتىپتە ئۇنىڭدىن بۇرۇن كېلىدىغان سۈرىلەرنى ئوقۇغان بولسا، بۇمۇ دۇرۇس. بۇ ھەقتىمۇ نۇرغۇن ھەدىسلەر كەلگەن.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بامدات نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئەتىدە «كەھف»نى، ئىككىنچى رەكئەتىدە «يۈسۈف»نى ئوقۇغان(5).
بىر بۆلۈك ئۆلىمالار: «‹قۇرئان كەرىم›نىڭ تەرتىپىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇش مەكرۇھتۇر» دەپ قارىغان. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى رەت تەرتىپكە خىلاپ ھالدا ئوقۇشنى مەكرۇھ دەپ قارايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. ئۇ يەنە سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ‹پالانى كىشى قۇرئاننى سۈرىنىڭ رەت تەرتىپىگە رىئايە قىلماي تەتۈر ئوقۇيدىكەن› دېيىلگەندە، ئۇ: ‹ئۇ قەلبى تەتۈر كىشى ئىكەن› دېگەن»(6) .
ئەمما، بىر سۈرىنى ئاخىرىدىن بېشىغا قاراپ ئوقۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئوقۇغاندا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ بەزى مۆجىزىلىك ئۇسلۇبلىرى ۋە ئايەتلەرنىڭ رەت تەرتىپىدىكى ھېكمەتلەر يوقاپ كېتىپ قالىدۇ. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد كاتتا تابىئىن ئىبراھىم نەخەئىي ۋە ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھلارنىڭ ئۇنداق ئوقۇشنى يامان كۆرىدىغانلىقى ۋە ئىمام مالىكنىڭ ئۇنداق ئوقۇشنى ئەيىبلەپ: «بۇ چوڭ خاتالىق» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.
كىچىك بالىلارغا «قۇرئان»نىڭ ئاخىرىدىكى سۈرىلەردىن بېشىغا قاراپ ئۆگىتىش ياخشى ئىش، ئۇ «قۇرئان»نى تەتۈر ئوقۇتۇش قاتارىغا كىرمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ باشقا – باشقا كۈنلەردە ئايرىم – ئايرىم ئوقۇلىدىغان قىرائەتلەردۇر. شۇنداقلا بۇ خىل ئۆگىتىش بالىلارنىڭ «قۇرئان»نى يادلىشىنى قولايلاشتۇرىدۇ(7). ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.
1. چۈنكى، «قۇرئان»نىڭ تەرجىمىسىگە تەرجىماننىڭ ۋە مۇفەسسىرلەرنىڭ قاراشلىرى سىڭىدىغان بولغاچقا، ئۇنى مۆجىزىلىك خۇسۇسىيىتى بولغان ئاللاھنىڭ ئەرەبچە كالامىنىڭ دەل ئۆزى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن: «گەرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇش ‹قۇرئان›نىڭ مەزمۇنىنى ئۆگىنىش، ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش جەھەتتىن ساۋابلىق ئىش ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇ ‹قۇرئان›نى تىلاۋەت قىلغاننىڭ ئورنىدا تۇرمايدۇ» دېمەكچى.
2. شافىئىي مەزھەبىنىڭ قاراشلىرىنى بىلىش ئۈچۈن «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/330؛ مالىكىي مەزھەبى ئۈچۈن «ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا»، 1/62؛ ھەنبەلىي مەزھەبى ئۈچۈن «مەتالىبۇ ئۇلىننۇھا»، 1/433 گە قارالسۇن.
3. ئىمام مەرغىنانىي («ئەلهىدايە»، 1/117) ئەبۇ ھەنىفە ۋە شاگىرتلىرى ئارىسىدىكى قاراش پەرقىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن: «ئۇلار ئارىسىدا ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا ئوقۇش بىلەن نامازنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىدا ئىختىلاپ يوق. ئىختىلاپ بولسا ‹ئەرەب تىلىدىن باشقا تىل بىلەن قىرائەت قىلسا، نامازدىكى پەرز قىرائەتكە ھېساب بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟› دېگەن مەسىلىدىدۇر. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئىككى شاگىرتىنىڭ پىكىرىگە قايتقانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ ۋە شۇ قاراشقا تايىنىلىدۇ» دەيدۇ. دېمەك، ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بويىچە، ئايەتلەرنى ئەرەبچە ئوقۇيالمايدىغان كىشى نامىزىدا ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇغان بولسا، نامىزى ئادا بولغان بولىدۇ.
4. يەتتە قارىي (الْقُرَّاءُ السَّبْعَةُ): قىرائەتنى ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن ئۆگەنگەن، تابىئىنلار دەۋرىدە ھىجاز، ئىراق ۋە شام دىيارلىرىدا قىرائەت ئىلمىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە نۇرغۇن تالىبلارنى يېتىشتۈرگەن، قىرائەتلىرىنى ئومۇم مۇسۇلمانلار بىردەك قوبۇل قىلغان يەتتە ئاتاقلىق ئالىمنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار: شاملىق ئەبۇ ئىمران ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر ئەليەھسۇبىي (ھ. 21 – 118 / م. 641 – 736)؛ مەككەلىك ئەبۇ مەئبەد ئابدۇللاھ ئىبنى كەسىر ئەددارىي (ھ. 45 – 120 / م. 665 – 738)؛ كۇفەلىك ئەبۇبەكرى ئاسىم ئىبنى ئەبىننەجۇد ئەلئەسەدىي (ھ. ؟ – 128 / م. ؟ – 745)؛ مەدىنەلىك ئەبۇ رۇۋەيم ناﻓﯩﺌ ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەللەيسىي (ھ. 70 – 169 / م. 689 – 785)؛ بەسرەلىك ئەبۇ ئەمر زەبان ئىبنى ئەلئەلاﺋ ئەلمازىنىي (ھ. 70 – 154 / م. 689 – 771)؛ كۇفەلىك ئەبۇ ئۇمارە ھەمزە ئىبنى ھەبىب (ھ. 80 – 156 / م. 699 – 772)؛ كۇفەلىك ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ھەمزە ئەلكىسائىي (ھ. 119 – 189 / م. 737 – 805) قاتارلىقلاردۇر. قاراڭ: زۇرقانىي: «مناهل العرفان في علوم القرآن (مەناھىلۇل ئىرفان فى ئۇلۇمىل قۇرئان)»، 1/456؛ «ئىيسا ئەلبابىي نەشرىياتى»، 3 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1362 / م. 1943؛ دوكتور ئەھمەد مۇختار ئۆمەر ۋە دوكتور ئابدۇلئال سالىم مەكرەم: «مُعْجَمُ القِراءاتِ القُرآنِيَّةِ (قۇرئانىي قىرائەتلەر قامۇسى)»، 1/78 – 81. «كۇۋەيت ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى»، 2 – باسمىسى، كۇۋەيت، ھ. 1408 / م. 1988. – ت.
5. «ئابدۇرراززاق»، (2710).
6. «ئابدۇرراززاق»، (7947)؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 7/206؛ بەيھەقىي: «ئىمان شاخچىلىرى»، (2111).
7. «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/189.

