قارىيلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى 2

«قۇرئان»نى تەرتىل قىلىپ ئوقۇشنىڭ، ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا تەسبىھ ئېيتىش، پاناھلىق تىلەش ۋە دۇئا قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكى

«قۇرئان»نى تەرتىل قىلىپ ئوقۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى

«قۇرئان» ئوقۇغۇچى «قۇرئان»نى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە – دانە، ئوچۇق) ئوقۇشى لازىم. ئۆلىمالار «قۇرئان»نى تەرتىل بىلەن ئوقۇشنىڭ مۇستەھەبلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿وَرَتِّلِ ٱلۡقُرۡءَانَ تَرۡتِيلًا / قۇرئاننى تەرتىل بىلەن ئوقۇغىن﴾(73/«مۇززەممىل»: 4).

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىرائىتى دانە – دانە، ئوچۇق قىرائەت ئىدى» دەپ سۈپەتلىگەنلىكى سەھىھ ھەدىستە كەلگەن(1).

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەففەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەككە فەتىھ قىلىنغان كۈنى تۆگىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ‹فەتىھ› سۈرىسىنى ئۈنلۈك قىرائەت قىلىپ ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن» دەيدۇ(2).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «‹قۇرئان›نى تەرتىلسىز تولۇق بىر تامام قىلغىنىمدىن بىر سۈرىنى تەرتىل بىلەن ئوقۇغىنىم ماڭا سۆيۈملۈكرەكتۇر» دېگەن(3).

مۇجاھىدتىن:

— بىرەيلەن نامازدا «بەقەرە» ۋە «ئال ئىمران» سۈرىلىرىنى ئوقۇدى، يەنە بىرى «بەقەرە» سۈرىسىنىلا ئوقۇدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇشقا كەتكەن ۋاقتى ئوخشاش، رۇكۇ – سەجدىلىرى ۋە ئولتۇرۇشلىرىمۇ ئوخشاش. بۇ ئىككىسىدىن قايسىسىنىڭ قىلغىنى ئەۋزەل؟ — دەپ سورالغاندا، ئۇ:

— «بەقەرە» سۈرىسىنىلا ئوقۇغاننىڭ ئەۋزەل، — دەپ جاۋاب بەرگەن(4).

«قۇرئان»نى ھەددىدىن زىيادە تېز ئوقۇشمۇ چەكلەنگەن.

سەھىھ خەۋەردە، «بىر كىشى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— مەن مۇفەسسەل بولغان سۈرىلەرنىڭ (‹ھۇجۇرات› سۈرىسىدىن باشلاپ ‹قۇرئان›نىڭ ئاخىرىغىچە) ھەممىسىنى بىر رەكئەتتە ئوقۇيمەن، — دېگەن ئىدى، ئىبنى مەسئۇد ئۇنىڭغا:

— شېئىر ئوقۇغاندەك ئوقۇيدىكەنسەن – دە، شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار قۇرئان ئوقۇيدۇ، لېكىن ‹قۇرئان› ئۇلارنىڭ بوغۇزلىرىدىن ئۆتمەيدۇ (يەنى دىللىرىغا تەسىر قىلمايدۇ)، ‹قۇرئان› قەلبكە تەسىر قىلسا ۋە دىلغا ئورنىسا ئاندىن مەنپەئەت قىلىدۇ، — دېدى»(5).

ئۆلىمالار: «مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىش ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ‹قۇرئان›نى تەرتىل بىلەن ئوقۇش مۇستەھەب، شۇنىڭ ئۈچۈن ‹قۇرئان›نىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان ئەجەملەرنىڭ (غەيرى ئەرەبلەرنىڭ) مۇ ‹قۇرئان›نى تەرتىل بىلەن ئوقۇشى مۇستەھەبتۇر، چۈنكى تەرتىل بىلەن ئوقۇش ‹قۇرئان›نى ئۇلۇغلىغانلىق ۋە ھۆرمەتلىگەنلىكتۇر، قەلبكە تېخىمۇ تەسىر قىلغۇچىدۇر» دېگەن.

مەزمۇنىغا قاراپ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا تەسبىھ ئېيتىش، پاناھلىق تىلەش ۋە دۇئا قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكى

«قۇرئان» ئوقۇغۇچى رەھمەت ئايەتىنى ئوقۇسا ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تىلىشى، ئازاب ئايەتلىرىنى ئوقۇسا: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ الْعَافِيَةَ / ئى ئاللاھ! ئامان – ئېسەنلىك تىلەيمەن» ياكى «أَسْأَلُكَ مِنْ كُلِّ مَكْرُوهٍ / جىمى يامانلىقلاردىن ئامان قىلىشىڭنى تىلەيمەن» دەپ يامانلىقلاردىن ياكى ئازابتىن پاناھ تىلىشى، ئاللاھنى پاكلاش ئايەتلىرىدىن ئۆتسە: «سُبْحَانَهُ وَتَعَالَى / ئاللاھ ئەيىب – نۇقسانلاردىن پاكتۇر ۋە بۈيۈكتۇر» دەپ ياكى «تَبَارَكَ وَتَعَالَى / ئاللاھ ئۇلۇغ ۋە بۈيۈكتۇر» دەپ، ياكى «جَلَّتْ عَظَمَةُ رَبِّنَا / پەرۋەردىگارىمىز بەك بۈيۈكتۇر» دەپ ئاللاھنى ئۇلۇغلىشى مۇستەھەبتۇر.

سەھىھ ھەدىستە كېلىشىچە، ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «مەن بىر كېچىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇدۇم. ئۇ زات ‹بەقەرە› سۈرىسىنى باشلىدى، ‹رەسۇلۇللاھ يۈز ئايەت ئوقۇپ رۇكۇ قىلىدۇ› دەپ ئويلىدىم، ئەمما رۇكۇ قىلمىدى. ‹بەقەرە›نى تۈگىتىپ بولغاندا، مەن ‹ئەمدى رۇكۇ قىلىدۇ› دەپ ئويلىسام، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ ‹نىساﺋ› نى ئوقۇپ تۈگەتتى، ئاندىن كېيىن ‹ئال ئىمران› نىمۇ ئوقۇپ تۈگەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايەتلەرنى ئالدىرىماي تەرتىل بىلەن ئوقۇيتتى. تەسبىھكە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۆتسە، تەسبىھ ئېيتاتتى؛ تىلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۆتسە، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تىلەيتتى؛ پاناھلىق تىلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۆتسە، پاناھ تىلەيتتى»(6). ئۇ ۋاقىتلاردا «نىساﺋ» سۈرىسى رەت تەرتىپتە «ئال ئىمران» سۈرىسىنىڭ ئالدىدا ئىدى.

شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «ئاللاهقا ئىلتىجا قىلىش، پاناھ تىلەش ۋە تەسبىھ ئېيتىشلار نامازنىڭ ئىچىدە بولسۇن ياكى سىرتىدا بولسۇن، ئىمام بولسۇن ياكى ئىقتىداﺋ قىلغۇچى بولسۇن، ياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى بولسۇن، ھەربىر ‹قۇرئان› ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇستەھەبتۇر، چۈنكى بۇلار دۇئادۇر. بارلىق كىشىلەرنىڭ ‹فاتىھە›دىن كېيىن ‹ئامىن› دېيىشى مۇستەھەب بولغاندەك، بۇ ئىشلارمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇستەھەبتۇر» دەيدۇ.

بىز سۆزلەپ ئۆتكەن: «‹قۇرئان› ئوقۇغاندا ئىلتىجا قىلىش، پاناھ تىلەش مۇستەھەب» دېگەن قاراش بولسا ئىمام شافىئىي ۋە كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر(7). ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ: «مۇستەھەب ئەمەس، بەلكى (نامازدا) مەكرۇھ» دەپ قارايدۇ(8). توغرىسى، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر، ئىلگىرى بايان قىلغان دەلىللىرىمىز بۇنىڭغا شاھىدتۇر.

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر  قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.


1. «ئەبۇ داۋۇد»، (1466)؛ «تىرمىزىي»، (2923). تىرمىزىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4281)؛ «مۇسلىم»، (794).
3. «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 157 – بەت؛ ئاجۇررىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەبلىرى»، 82 – بەت؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، (10383).
4. «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 158 – بەت؛ «ئابدۇرراززاق»، (4188)؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 2/403.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (775)؛ «مۇسلىم»، (822).
6. «مۇسلىم»، (772).
7. «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/75.
8. ھەنەفىي ئالىملىرىدىن ئىمام مەرغىنانىي: «ئىمام قورقۇتۇش ياكى قىزىقتۇرۇش ئايەتلىرىنى ئوقۇسا، جامائەت شۈك تۇرۇپ تىڭشايدۇ»دەيدۇ. ئىمام كامال ئىبنى ھۇمام ئېيتىدۇ: «چۈنكى، ئاللاھ ‹قۇرئان›نى تىڭشىغان كىشىگە رەھمەت قىلىشنى ۋەدە قىلدى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. ئاللاھ ‹قۇرئان كەرىم›دە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇلسا دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار﴾(7/«ئەئراف»: 204). قۇرئان ئوقۇلسا قۇلاق سالماي دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى جەزمەن ئىجابەت بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئىماممۇ پەرز نامازدا بولسۇن ياكى نەفلە نامازدا بولسۇن، قىرائەتتىن باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولسا بولمايدۇ. يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىمۇ پەرز نامازدا شۇنداق قىلىدۇ، ئەمما نەفلە نامازدا جەننەت تىلغا ئېلىنسا جەننەتنى تىلىسە، دوزاخ تىلغا ئېلىنسا دوزاختىن پاناھ تىلىسە بولىدۇ». قاراڭ: مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 1/145؛ ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 2/ 162.

Please follow and like us: