«قۇرئان» ئوقۇغاندا مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىپ خۇشۇﺋ بىلەن ئوقۇش
«قۇرئان» ئوقۇغان كىشى خۇشۇﺋ (ئاللاھتىن ئەيمىنىش) ۋە تەپەككۇر بىلەن ئوقۇسۇن. «قۇرئان»نى خۇشۇﺋ ۋە تەپەككۇر بىلەن ئوقۇش كېرەكلىكىنىڭ دەلىللىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ دەلىللەر مەشھۇر بولغانلىقى ئۈچۈن سۆزلەپ يۈرۈش ھاجەتسىز. تەپەككۇر ۋە خۇشۇﺋ «قۇرئان» ئوقۇشنىڭ مەقسىتى ۋە «قۇرئان» ئوقۇغۇچىغا قويۇلغان تەلەپتۇر. قەلبلەر ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالىدۇ ۋە يورۇيدۇ. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ ٱلۡقُرۡءَانَ أَمۡ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقۡفَالُهَآ / ئۇلار قۇرئاننى تەپەككۇر قىلمامدۇ؟﴾(47/«مۇھەممەد»: 24)، ﴿كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ إِلَيۡكَ مُبَٰرَكٞ لِّيَدَّبَّرُوٓاْ ءَايَٰتِهِۦ وَلِيَتَذَكَّرَ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ / بۇ (يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز – نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر﴾(38/«ساد»: 29). بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر ۋە سەلەفلەرنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى كۆپ ۋە مەشھۇردۇر.
سەلەفلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر كېچىلەرنى بىر ئايەتنى تەپەككۇر قىلغان ھالدا تەكرار ئوقۇپ ئۆتكۈزەتتى. ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى «قۇرئان» ئوقۇسا ھوشىدىن كېتەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «قۇرئان» ئوقۇۋېتىپ ۋاپات بولغانلىرىمۇ بولغان.
بەھز ئىبنى ھەكىم دەيدۇكى: «كاتتا تابىئىن زۇرارە ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە بامدات نامىزىدا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇۋېتىپ: ﴿فَإِذَا نُقِرَ فِي ٱلنَّاقُورِ ٨ فَذَٰلِكَ يَوۡمَئِذٖ يَوۡمٌ عَسِيرٌ ٩ / سۇر چېلىنغان ۋاقىت — ئۇ قىيىن كۈندۇر﴾(74/«مۇددەسسىر»: 8، 9) دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، ۋاپات بولۇپ يىقىلىپ چۈشكەن. مەن ئۇنى كۆتۈرگەن كىشىلەر قاتارىدا بار ئىدىم(1).
ئەبۇلقاسىم جۈنەيد رەھىمەھۇللاھنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، شامنىڭ تۇتىياسى ھېسابلىنىدىغان ئەھمەد ئىبنى ئەبۇلھەۋارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىدا «قۇرئان» ئوقۇلسا ئىڭراپ ھوشىدىن كېتەتتى.
ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد: «قاسىم ئىبنى ئوسمان جۇۋئىي رەھىمەھۇللاھ ئەھمەد ئىبنى ئەبۇلھەۋارىينىڭ بۇ ئىشىنى ئەيىبلەيتتى» دېگەن. جۇۋئىي بولسا دەمەشىقنىڭ پەزىلەتلىك مۇھەددىسلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەھمەد ئىبنى ئەبۇلھەۋارىيدىن پەزىلەت جەھەتتە ئۈستۈن ئىدى.
ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد: «ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى ئەبۇلجەۋزا، قەيس ئىبنى ھەبتەر قاتارلىقلارمۇ توغرا كۆرمىگەن» دېگەن.
مېنىڭچە، توغرىسى، ياسالمىلىق قىلىپ شۇنداق قىلغان كىشىلەردىن باشقىلارنى ئەيىبلىمەسلىك لازىم. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.
مەرىپەت ۋە قابىلىيەت ساھىبى بولغان سەييىد ئىبراھىم خەۋۋاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «قەلبنىڭ داۋاسى بەشتۇر: بىرىنچىسى، مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىپ قۇرئان ئوقۇش؛ ئىككىنچىسى، قورساقنى بوش قويۇش (يەنى ئاچ تۇتۇش)؛ ئۈچىنچىسى، كېچىدە قىيامدا تۇرۇش؛ تۆتىنچىسى، سەھەرلەردە ئاللاھقا يالۋۇرۇش؛ بەشىنچىسى، سالىھلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش»(2).
مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن بىر ئايەتنى تەكرارلاشنىڭ مۇستەھەبلىكى
بىز ئىلگىرىكى پاراگرافتا «قۇرئان»نىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، تەپەككۇر قىلىدىغان ئورۇنلار ۋە سەلەفلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق.
بىز ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلىمىزكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كېچىسى ﴿إِن تُعَذِّبۡهُمۡ فَإِنَّهُمۡ عِبَادُكَۖ وَإِن تَغۡفِرۡ لَهُمۡ فَإِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ / ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر (ئۇلارنى خاھلىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن)، (ساڭا ھېچ ئەھەدى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)، ئەگەر ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەۋبە قىلغانلارغا) مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن﴾(5/«مائىدە»: 118) دېگەن ئايەتنى تاڭ ئاتقۇچە تەكرارلاپ چىققان ئىدى»(3).
تەمىم دارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ﴿أَمۡ حَسِبَ ٱلَّذِينَ ٱجۡتَرَحُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن نَّجۡعَلَهُمۡ كَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَوَآءٗ مَّحۡيَاهُمۡ وَمَمَاتُهُمۡۚ سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ / يامان ئىش قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) بىزنى ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلىدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟…﴾(45/«جاسىيە»: 21) دېگەن ئايەتنى تاڭ ئاتقۇچە تەكرارلىغان ئىدى.
ئەبباد ئىبنى ھەمزە رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرسەم: ﴿فَمَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡنَا وَوَقَىٰنَا عَذَابَ ٱلسَّمُومِ / ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى﴾(52/«تۇر»: 27) دېگەن ئايەتنى ئوقۇۋاتقان ئىكەن، ئايەتنى ئوقۇپ بولۇپ توختاپ، ئۇ ئايەتنى تەكرارلاشقا ۋە دۇئا قىلىشقا باشلىدى، مەن ساقلاپ بولالماي بازارغا بېرىپ ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلسەم، ئۇ يەنە شۇ ئايەتنى تەكرارلاۋاتقان ۋە دۇئا قىلىۋاتقان ئىكەن»(4). بۇ ۋەقەلىك ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان(5).
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ﴿رَّبِّ زِدۡنِي عِلۡمٗا / ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!﴾(20/«تاھا»: 114) دېگەن ئايەتنى قايتا – قايتا ئوقۇغان ئىدى.
سەئىد ئىبنى جۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ﴿وَٱتَّقُواْ يَوۡمٗا تُرۡجَعُونَ فِيهِ إِلَى ٱللَّهِۖ / ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدىغان كۈندىن قورقۇڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 281)، ﴿فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ ٧٠ إِذِ ٱلۡأَغۡلَٰلُ فِيٓ أَعۡنَٰقِهِمۡ وَٱلسَّلَٰسِلُ يُسۡحَبُونَ ٧١ / ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي ئىنكار قىلغانلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىدۇ، ئۇ چاغدا يەنى دوزاخقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ﴾(40/«غافىر»: 70، 71) ۋە ﴿مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ الْكَرِيمِ / سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟﴾(82/«ئىنفىتار»: 6) دېگەن ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇيتتى(6).
زەھھاك: ﴿لَهُم مِّن فَوۡقِهِمۡ ظُلَلٞ مِّنَ ٱلنَّارِ وَمِن تَحۡتِهِمۡ ظُلَلٞۚ / ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 16) دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلىپ تاڭ سەھەرگە قەدەر توختىماي تەكرارلايتتى.
«قۇرئان»نى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇش
ئىلگىرىكى ئىككى پاراگرافتا سەلەف سالىھلارنىڭ «قۇرئان» ئوقۇغاندا يىغلاشقا سەۋەب بولىدىغان بەزى ۋەقەلىكلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. قۇرئان ئوقۇغاندا يىغلاش ئارىف (ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇغۇچى) لارنىڭ سۈپىتى ۋە ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئاللاھ دەيدۇكى: ﴿وَيَخِرُّونَ لِلۡأَذۡقَانِ يَبۡكُونَ وَيَزِيدُهُمۡ خُشُوعٗا۩ / ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ (قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھقا) تېخىمۇ يېلىنىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 109).
بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىس ۋە سەلەف سالىھلارنىڭ ئىش – ئىزلىرى ناھايىتى كۆپ. بىز مىسال سۈپىتىدە ئاز بىر قىسمىغىلا ئىشارەت قىلىپ ئۆتىمىز.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‹قۇرئان›نى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇڭلار، ئەگەر يىغا كەلمىسە، زورمۇزور يىغلاڭلار» دېگەن(7).
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە بامدات نامىزى ئوقۇپ بەردى، نامازدا «يۈسۈف» سۈرىسىنى ئوقۇپ ياشلىرى ئوقۇرەك سۆڭىكىگە ئېقىپ چۈشكۈدەك دەرىجىدە يىغلاپ كەتتى(8).
يەنە بىر رىۋايەتتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خۇپتەن نامىزىدا شۇنداق قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ(9). بۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قايتا – قايتا شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يىغلىدى، ئۇنىڭ يىغىسىنى ھەتتا ئاخىرقى سەپتىكىلەرمۇ ئاڭلىدى» دېيىلگەن(10).
ئەبۇ رەجائ رەھىمەھۇللاھ: «مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يىغلىغىنىدىن كۆزلىرىنىڭ ئاستىدا قۇرۇپ كەتكەن بوغقۇچتەك ئىز قالغانلىقىنى كۆرگەنمەن» دېگەن(11).
يەنە ئەبۇ سالىھ رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «يەمەنلىك بىر توپ كىشىلەر ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ساھابەلەر ئۇلارغا ‹قۇرئان› ئۆگەتسە، ئۇلار يىغلاشقا باشلىۋىدى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹بىزمۇ شۇنداق يىغلايتتۇق› دېدى»(12).
ھىشام رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «مەن مۇھەممەد ئىبنى سىرىننىڭ نامازدا تۇرۇپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالاتتىم(13).
سەلەف سالىھلارنىڭ بۇ مەزمۇندىكى ئىش – ئىزلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز مۇشۇنچىلىك كۆرسىتىش ۋە ۋاقىپلاندۇرۇش بىلەن بولدى قىلىمىز.
ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىي دەيدۇكى: «‹قۇرئان› ئوقۇۋېتىپ ياكى ئاڭلاۋېتىپ يىغلاش مۇستەھەب، ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ يولى قۇرئاندىكى كۈچلۈك تەھدىت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى، ۋەدە – مەجبۇرىيەتلەرنى، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى كەمچىلىكلىرىنى ئويلاپ، قەلبتە غەم – قايغۇ پەيدا قىلىشتۇر. بۇلارنى ئويلاپمۇ ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرىدە پەيدا بولغاندەك غەم – قايغۇ ۋە يىغا پەيدا بولمىسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغانلىقىغا يىغلىسۇن. چۈنكى، بۇ (قايغۇرالماسلىق ۋە يىغلىيالماسلىق) ئەڭ چوڭ مۇسىبەتتۇر»(14).
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.
1. «ھاكىم»، 2/506؛ «تىرمىزىي»، (445)؛ بەيھەقىي: «ئىمان شاخچىلىرى»، (911).
2. ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 10/328؛ «قۇشەيرىي رىسالىسى»، 40 – بەت.
3. «نەسائىي»، (1010)؛ «ئىبنى ماجە»، (1350).
4. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 2/115.
5. ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 2/55؛ ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 145 – بەت.
6. ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 4/272؛ ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 148 – بەت.
7. «مۇسنەدۇل بەززار»، (1235)؛ «مۇسنەدۇششىھاب»، (1198)؛ دەۋرەقىي: «مۇسنەدۇ سەئىد»، (129).
8. «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 137 – بەت.
9. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 8/297؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ تارىخى»، 191 – بەت.
10. «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 137 – بەت؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 8/297.
11. ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (784)؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 8/296.
12. «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 135 – بەت؛ «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 33 – بەت.
13. «ئىمان شاخچىلىرى»، (2904)؛ «تارىخى ئىبنى ئەساكىر»، 35/209.
14. «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 1/277.

