قارىيلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى 2

قارىيلارنىڭ ئەدەب – ئەخلاقلىرى

بىز ئىلگىرىكى بابتا قارىيلارنىڭ بەزى ئەدەبلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتۇق.

قارىيلار ئېسىل ئەخلاقلىق، ئالىيجاناب، كەمتەر، سالماق، تەمكىن بولۇشى، قۇرئاننى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن «قۇرئان» چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشى، نامۇناسىپ ھۈنەر – كەسىپلەرگە يېقىن يولىماسلىقى، زالىم، تەكەببۇرلار ئالدىدا بېشىنى ئۈستۈن تۇتۇشى، سالىھلار، ياخشىلار ۋە مىسكىنلەر ئالدىدا كەمتەر بولۇشى، ئومۇمەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئېسىل بولۇشى لازىم. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى قارىيلار! بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، سىلەرگە ھەق يول ئايان بولدى، ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار، كىشىلەرگە يۈك بولۇپ قالماڭلار» دېگەن(1).

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «قارىيلار كېچىلەرنى ئۇخلاپ ئۆتكۈزگۈچىلەردىن تەھەججۇد نامازلىرى بىلەن، روزا تۇتمايدىغانلاردىن روزا تۇتۇشلىرى بىلەن، خۇشال يايراپ يۈرگۈچىلەردىن غەم – قايغۇلىرى بىلەن، كۈلۈپ يۈرگۈچىلەردىن يىغا – زارلىرى بىلەن، قۇرۇق پاراڭغا چۆككۈچىلەردىن سۈكۈت قىلىشلىرى بىلەن، تەكەببۇرلاردىن كەمتەرلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرۇشى لازىم»(2).

ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ: «سىلەردىن بۇرۇنقىلار (ساھابەلەرنى دېمەكچى) قۇرئاننى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن مەكتۇب دەپ قاراپ، كېچىلىرى ئۇنىڭ مەنالىرىنى تەپەككۇر قىلغان ھالدا تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيتتى، كۈندۈزلىرى كېچىدە ئوقۇغانلىرىغا ئەمەل قىلاتتى» دېگەن(3).

فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ: «قارىيلار خەلىفەلەر بولسۇن ياكى ئۇلاردىن تۆۋەن كىشىلەر بولسۇن، ھېچكىمگە ھاجەتمەن بولماسلىقى لازىم» دېگەن(4).

ئۇ يەنە: «قارىي ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرگۈچىدۇر، شۇڭا ئۇ قۇرئاننى ھۆرمەتلەش يۈزىدىن ئويۇنچىلارنىڭ ئويۇن – تاماشاسىغا، غاپىللارنىڭ غەپلىتىگە، قۇرۇق پاراڭچىلارنىڭ پاراڭلىرىغا جور بولماسلىقى كېرەك» دېگەن(5).

«قۇرئان»نى تىرىكچىلىكنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش ۋە «قۇرئان» ئۆگىتىشكە ھەق ئېلىشنىڭ ھۆكمى

قارىيلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى، «قۇرئان»نى دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشىدۇر. ئابدۇرراھمان ئىبنى شىبل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‹قۇرئان› ئوقۇڭلار، لېكىن ئۇنى جان بېقىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار. ‹قۇرئان›دىن يىراقلاشماڭلار، ‹قۇرئان›غا ئەمەل قىلىشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار» دېگەن(6).

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پات ئارىدا شۇنداق بىر قەۋملەر پەيدا بولىدۇكى، ئۇلار ‹قۇرئان›نى پەيسىز يا ئوقىدەك تۈپتۈز (ئۆلچەملىك) ئوقۇيدۇ، ئەجرىنى بولسا بۇ دۇنيادىلا نەق ئېلىپ ماڭىدۇ، ئاخىرەتكە نېسىۋە قالدۇرمايدۇ» دېگەن(7).

ئەبۇ داۋۇد (831) سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىنمۇ بۇ مەزمۇندا ھەدىس رىۋايەت قىلغان.يەنى، بۇ قارىيلار «قۇرئان» ئوقۇغانلىقىنىڭ ئەجرىنى «مال – دۇنيا»، «يۈز – ئابرۇي» دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن بۇ دۇنيادىلا نەق ئېلىپ ماڭىدۇ.

فۇزەيل ئىبنى ئەمر رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن ئىككى كىشى مەسجىدكە كىردى. ئىمام سالام بېرىپ نامازدىن پارىغ بولۇشىغا، بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ ‹قۇرئان›دىن بىرنەچچە ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەردىن بىرنەرسە تىلەشكە باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغان يەنە بىرى: ‹﴿إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّآ إِلَيۡهِ رَٰجِعُونَ / بىز ئەلبەتتە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز﴾(2/«بەقەرە»: 156)، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ”پات يېقىندا قۇرئاننى ۋاسىتە قىلىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان كىشىلەر پەيدا بولىدۇ. قۇرئاننى ۋاسىتە قىلىپ نەرسە تىلىگەن كىشىلەرگە بىرنەرسە بەرمەڭلار!“ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم› دېدى»(8).

بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ئۈزۈكتۇر. چۈنكى، فۇزەيل ئىبنى ئەمر ساھابەلەردىن ھەدىس ئاڭلىمىغان.

قۇرئان ئۆگىتىشكە ھەق ئېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد.

ئىمام ئەبۇ سۇلايمان خەتتابىي ئىمام زۇھرىي ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە(9) قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ: «‹قۇرئان› ئۆگىتىشكە ھەق ئېلىش دۇرۇس ئەمەس» دەپ قارايدىغانلىقىنى، ھەسەن بەسرىي، شەئبىي ۋە ئىبنى سىرىن قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ: «ھەق بېرىشنى شەرت قىلمىغان بولسا دۇرۇس» دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەتائ‍، مالىك، شافىئىي ۋە باشقا ئۆلىمالارنىڭ: «ئۆگىتىشكە توختاملىشىپ ھەق بېرىشكە ئېنىق شەرتلەشسە دۇرۇس» دەپ قارايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان ۋە: «‹قۇرئان› ئۆگىتىشكە ھەق ئېلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن» دېگەن(10).

«دۇرۇس ئەمەس» دېگەن قاراشتىكىلەر ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەققىدىكى مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىدۇ: ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەھلى سۇففە(11)دىن بىر كىشىگە قۇرئان ئۆگىتىپ قويغان ئىدى، ئۆگەنگۈچى ئۇنىڭغا بىر ئوقيا سوۋغا قىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئوقيانىڭ بوينۇڭغا تاقاق بولۇپ سېلىنىشىنى ياخشى كۆرسەڭ ئۇنى قوبۇل قىلغىن» دېدى. بۇ مەشھۇر ھەدىس(12) بولۇپ، ئىمام ئەبۇ داۋۇد (3416) ۋە ئىبنى ماجە (2157) رىۋايەت قىلغان. بۇ قاراشتىكىلەر يەنە سەلەف سالىھلارنىڭ كۆپ سۆزلىرىنى دەلىل قىلىشىدۇ.

«ھەق ئېلىش دۇرۇس» دەپ قارايدىغانلار بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىشقا قارىتا ئىككى خىل جاۋاب بەرگەن: بىرىنچىسى، بۇ ھەدىسىنىڭ سەنەدىدە مەسىلە بار. ئىككىنچىسى، ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزى خاھلاپ ھەقسىز ئۆگىتىپ قويغان بولغاچقا، بەدەل سۈپىتىدە بېرىلگەن نەرسىنى ئېلىشقا ھەقلىق ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەق ئېلىشى جائىز بولمىغان. ئۆگىتىشتىن بۇرۇن ھەق بېرىشكە پۈتۈشۈش بولسا، بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر(13).

«قۇرئان»نى قەرەللىك تاماملاپ تۇرۇش

قارىيلار «قۇرئان» تىلاۋىتىنى قولدىن بەرمەسلىكى ۋە «قۇرئان»نى كۆپ ئوقۇشى لازىم.

سەلەف سالىھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ «قۇرئان» تامام قىلىش ئادىتى بىر – بىرىدىن پەرقلىنەتتى. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، سەلەفلەرنىڭ بەزىلىرى «قۇرئان»نى ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم، بەزىلىرى ھەر ئايدا بىر قېتىم(14)، بەزىلىرى ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم(15)، بەزىلىرى ھەر سەككىز كۈندە بىر قېتىم(16)، يەنە نۇرغۇنلىرى ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىم(17)، بەزىلىرى ھەر ئالتە كۈندە بىر قېتىم(18)، بەزىلىرى ھەر بەش كۈندە بىر قېتىم (19)، بەزىلىرى ھەر تۆت كۈندە بىر قېتىم(20)، يەنە نۇرغۇنلىرى ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم(21)، يەنە بەزىلىرى ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم(22)، يەنە نۇرغۇنلىرى ھەر كۈنى بىر قېتىم تامام قىلاتتى(23). ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر كېچە – كۈندۈزدە ئىككى قېتىم تامام قىلىدىغانلىرىمۇ(24)، ئۈچ قېتىم تامام قىلىدىغانلىرىمۇ، كېچىسى تۆت، كۈندۈزى تۆت، جەمئىي سەككىز قېتىم تامام قىلىدىغانلىرىمۇ بولغان.

بىر كېچە – كۈندۈزدە بىر قېتىم تامام قىلىدىغانلار: ئوسمان ئىبنى ئەففان، تەمىم دارىي، سەئىد ئىبنى جۇبەير، مۇجاھىد ۋە ئىمام شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردۇر.

مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدىكى مىسىر قازىسى ۋە قىسسەخان سۇلەيم ئىبنى ئىتر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «قۇرئان»نى بىر كېچە – كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم تامام قىلىدىغانلار جۈملىسىدىندۇر. مەسىلەن، ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئۇنىڭ بىر كېچە – كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم تامام قىلىدىغانلىقىنى(25)، ئەبۇ ئۆمەر كىندىي «مىسىر قازىلىرى» ناملىق كىتابىدا ئۇنىڭ تۆت قېتىم تامام قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.

سالىھ ئىمام، شەيخ ئەبۇ ئابدۇرراھمان سۇلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن شەيخ ئەبۇ ئوسمان مەغرىبىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ‹ئىبنى كاتىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى كۈندۈزى تۆت قېتىم، كېچىسى تۆت قېتىم تامام قىلاتتى› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم» دېگەن(26). بۇ بولسا بىر كېچە – كۈندۈزدە «قۇرئان» تامام قىلىش ھەققىدە بىزگە يېتىپ كەلگەن ئەڭ يۇقىرى چەكتۇر.

كاتتا زات ئەھمەد دەۋرەقىي ئۆز سەنەدى بىلەن ئىبادەتكار تابىئىنلاردىن بىرى بولغان مەنسۇر ئىبنى زازان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئۇنىڭ «قۇرئان»نى پېشىن بىلەن دىگەر ئارىسىدا بىر قېتىم، شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم، رامازان ئېيىدا بولسا شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇقراق تامام قىلىدىغانلىقىنى(27)، ئۇلارنىڭ رامازان ئېيىدا خۇپتەن نامىزىنى كېچىنىڭ تۆتتىن بىرى ئۆتۈپ كەتكىچە كەينىگە سۈرىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان(28).

ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد مۇجاھىدنىڭ رامازان ئېيىدا شام بىلەن خۇپتەن ئارىلىقىدا «قۇرئان»نى بىر تاماملايدىغانلىقىنى سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان(29).

مەنسۇر: «ئەلى ئەزدىي رامازان ئېيىدا ھەر ئاخشام شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدا ‹قۇرئان›نى بىر تامام قىلاتتى» دېگەن(30) .

ئىبراھىم ئىبنى سەئد: «دادام بىر ئولتۇرۇشىدا ‹قۇرئان›نى بىر تامام قىلاتتى» دېگەن(31).

«قۇرئان»نى بىر رەكئەتتە تامام قىلىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: ئىلگىرىكىلەردىن ئوسمان ئىبنى ئەففان(32)، تەمىم دارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار(33). سەئىد ئىبنى جۇبەيرمۇ كەئبىنىڭ ئىچىدە «قۇرئان»نى بىر رەكئەتتە تامام قىلغان ئىدى(34).

ھەپتىدە بىر تامام قىلىدىغانلارمۇ كۆپ ئىدى. ساھابەلەردىن ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، زەيد ئىبنى سابىت، ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ، تابىئىنلاردىن ئابدۇرراھمان ئىبنى يەزىد، ئەلقەمە، ئىبراھىم قاتارلىقلارنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان(35).

بۇ مەسىلە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت بەلگىلىسە بولىدۇ. «قۇرئان» ئايەتلىرىنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئىنچىكە مەنا ۋە ئىلىملەرگە يېتەلەيدىغانلار ئوقۇغان «قۇرئانى»دىن مۇكەممەل چۈشىنىش ھاسىل قىلالايدىغان مۇددەتتە تاماملاش بىلەن كۇپايىلەنسە، «ئىلىم تارقىتىش» دېگەندەك دىننىڭ مۇھىم ئىشلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلار قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە تەسىر يەتمىگۈدەك ھالەتتە تامام قىلسا بولىدۇ. مەزكۇر كىشىلەر جۈملىسىدىن بولمىغانلار زېرىكىپ قېلىش ۋەياكى بەك تېز ئوقۇش دائىرىسىگە كىرىپ قالمىغان ئاساستا قولىدىن كېلىشىچە كۆپ تامام قىلسۇن.

سەلەفلەردىن بىر قىسىم كىشىلەر «قۇرئان»نى بىر كېچە – كۈندۈزدىلا تاماملاشنى يامان كۆرگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس بۇنىڭغا دەلىلدۇر. ئۇ دەيدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‹قۇرئان›نى ئۈچ كۈندىن ئاز ۋاقىتتا تامام قىلغان كىشى ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەيدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (1390)، تىرمىزىي (2949)، نەسائىي، ئىبنى ھىببان (758) ۋە ئەھمەد (6535) لەر رىۋايەت قىلغان. تىرمىزىي «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ھەپتىدە تامام قىلىدىغانلارنىڭ باشلاش ۋە تاماملاش ۋاقتى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جۈمە كېچىسى باشلاپ پەيشەنبە كېچىسى تامام قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان(36).

ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىي رەھىمەھۇللاھ «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» (1/276) دا دەيدۇكى: «كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلى ۋە ئاخىرىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، بىر قېتىم كېچىسى، يەنە بىر قېتىم كۈندۈزى تامام قىلىشى ئەڭ ياخشى، كۈندۈزلۈك خەتمىسىنى دۈشەنبە كۈنى بامداتنىڭ سۈننىتىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن، كېچىلىك خەتمىسىنى جۈمە كۈنى ناماز شامنىڭ سۈننىتىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن تامام قىلىشى ئەۋزەلدۇر».

ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، تابىئىن ئەمر ئىبنى مۇررە رەھىمەھۇللاھ: «ساھابەلەر ‹قۇرئان›نىڭ كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە تامام بولۇشىنى ياخشى كۆرەتتى» دېگەن(37).

كاتتا تابىئىن تەلھە ئىبنى مۇسەررىف رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «مالائىكىلەر كۈندۈزى ھەرقانداق ۋاقىتتا ‹قۇرئان›نى تامام قىلغان كىشىگە تاكى كەچ كىرگىچە، كېچىسى ھەرقانداق ۋاقىتتا ‹قۇرئان›نى تامام قىلغان كىشىگە تاكى تاڭ ئاتقۇچە رەھمەت تىلەيدۇ». مۇجاھىدتىنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش رىۋايەت قىلىنغان(38).

دارىمىي «مۇسنەد» (3526) تە سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «‹قۇرئان›نىڭ تامام بولۇشى كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىگە ئۇدۇل كەلسە، مالائىكىلەر تامام قىلغان كىشىگە تاڭ ئاتقۇچە رەھمەت تىلەيدۇ. كېچىنىڭ ئاخىرىغا ئۇدۇل كەلسە، كۈن پاتقۇچە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. دارىمىي: «سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.

تابىئىن ھەبىب ئىبنى ئەبى سابىت رەھىمەھۇللاھنىڭ «قۇرئان»نى رۇكۇنىڭ ئالدىدا تامام قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد: «ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن ئىدى» دەيدۇ.

بۇ بابتا چالا قالغان بەزى مەزمۇنلار ئاللاھ خاھلىسا، كېيىنكى بابتا بايان قىلىنىدۇ.

كېچىدە «قۇرئان» ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش

قارىيلار كېچىلەردە ۋە كېچە نامازلىرىدا «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ أُمَّةٞ قَآئِمَةٞ يَتۡلُونَ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ ءَانَآءَ ٱلَّيۡلِ وَهُمۡ يَسۡجُدُونَ ١١٣ يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَيَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَيُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡخَيۡرَٰتِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ ١١٤ / ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە كىشىلەر بار. ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ. ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 113، 114).

«سەھىھەين» («بۇخارىي»، 1122؛ «مۇسلىم»، 2487) دە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ناۋادا ئابدۇللاھ كېچىلىرى ناماز ئوقۇغان بولسا، نېمىدېگەن ياخشى ئادەم بولاتتى – ھە!» دېگەن.

«سەھىھەين» («بۇخارىي»، 1152؛ «مۇسلىم»، 1159) دىكى (ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن) بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئابدۇللاھ! سەن پالانى كىشىدەك بولۇپ قالما، ئۇ كېچىلىرى قىيامدا تۇراتتى، كېيىن تۇرمايدىغان بولۇپ قالدى» دېگەن.

تەبەرانىي (4290) ۋە باشقىلار سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كېچىدە قىيامدا تۇرۇش مۇئمىننىڭ شان – شەرىپىدۇر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.

بۇ مەزمۇندىكى ھەدىس ۋە سەلەفلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرى ناھايىتى كۆپ.

ئەبۇل ئەھۋەس جۇشەمىي رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «بەزىلەر كېچىسى (جەڭ مەيدانىدىن — ت) چېدىرىغا كېلىپ، چېدىردىكىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىسى غوڭۇلدىغاندەك غوڭۇلداپ ‹قۇرئان› ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: ‹باشقىلار قورقۇنچتا يۈرۈۋاتسا، بۇلار ئەجەب خاتىرجەم تۇرۇۋېتىپتىغۇ!› دەپ قالاتتى»(39).

ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ دېيىشىچە، «كېچىلىرى قوي ساغقانچىلىك (قىسقا) ۋاقىت بولسىمۇ ‹قۇرئان› ئوقۇڭلار» دېيىلگەن.

يەزىد رەقاشىي رەھىمەھۇللاھ: «ئەگەر مەن ئۇخلاپ ئويغىنىپ يەنە قايتا ئۇخلىماقچى بولسام، كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىگەي!» دېگەن(40).

مېنىڭچە، كېچە نامىزىنىڭ ۋە كېچىلىك تىلاۋەتنىڭ ئەۋزەل بولۇشى ئىسراﺋ ۋە مىئراج ۋەقەلىرىگە ئوخشاش بەزى خەيرلىك ئىشلارنىڭ كېچىلىرى ۋۇجۇدقا چىققانلىقى ۋە: «رەببىڭلار ھەر كېچىسى كېچىنىڭ بىر قىسمى ئۆتكەندىن كېيىن دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ: ‹دۇئا قىلغۇچى بارمۇ؟ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلاي!› دەيدۇ»(41) دېگەن ھەدىسنىڭ بولۇشى، كېچىلىك تىلاۋەت ۋە كېچە نامازلىرىدا قەلبنىڭ ئاللاھقا بەكرەك مەركەزلىشىدىغانلىقى، قەلبنى مەشغۇل قىلىدىغان، خۇشۇﺋ (ئاللاھتىن ئەيمىنىش) تىن توسىدىغان ئىشلاردىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىنى ئويلاشتىن، رىيا ۋە ئەمەل – ئىبادەتنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ئىشلاردىن تېخىمۇ يىراق بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەر كېچىسى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر ۋاقىت بار» دېگەن(42).

«بەھجەتۇل ئەسرار» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىفى سالمان ئەنماتىي رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن چۈشۈمدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆردۈم، ئۇ مۇنداق دەۋاتاتتى:

بەزىلەر تۇرمىـســـا كېچىســـى مەگـەر،      تۇتمىســا روزىنى ئارىلاپ كۈنـلەر،

كەتمەمـدۇ تەۋرەپ دەسسىگەن زېمىن،      بولغاچقا سەنلەر ئاسىـي بەندىـلەر.

شۇنى بىلىڭكى، كېچىلىك قىيام ۋە تىلاۋەتنىڭ پەزىلىتى «قۇرئان»نى ئاز ئوقۇش بىلەنمۇ، كۆپ ئوقۇش بىلەنمۇ ھاسىل بولىدۇ. قانچە كۆپ ئوقۇسا، پەزىلىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن، پۈتۈن كېچە داۋاملىق ناماز ئوقۇش مەكرۇھ ۋە تەن ساغلاملىققا زىيانلىقتۇر(43).

«قۇرئان»نى ئاز ئوقۇش بىلەنمۇ كېچىلىك قىيامدا تۇرۇشنىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر: ئۇ دەيدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كېچىدە قوپۇپ ئون ئايەت بىلەن بولسىمۇ تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغان كىشى غاپىللار قاتارىغا يېزىلمايدۇ. يۈز ئايەت بىلەن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغان كىشى ئىتائەتمەن بەندىلەر قاتارىغا، مىڭ ئايەت بىلەن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغان كىشى بولسا ھەددى – ھېسابسىز ئەجىرگە ئېرىشكۈچىلەر قاتارىغا يېزىلىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (1398)، ئىبنى خۇزەيمە (1144)، ئىبنى ھىببان (2572) لار رىۋايەت قىلغان.

سەئلەبىي ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «كېچىسى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغان كىشى كېچىنى قىيام بىلەن سەجدەدە ئۆتكۈزگەن بولىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ(44).

«قۇرئان»نى تەكرار قىلىپ تۇرۇش ۋە ئۇنتۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش

 سەھىھ ھەدىستە ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ ‹قۇرئان›نى تەكرار قىلىپ تۇرۇڭلار! مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۇ (قۇرئان) باغلاپ قويغان تۆگىدىنمۇ بەك قاچقاقتۇر (يەنى ئېسىدىن تېز كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ)» دېگەن(45).

يەنە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‹قۇرئان› يادلىغان كىشى پۇتى چۈشەپ قويۇلغان تۆگىنىڭ ئىگىسىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇ تۆگىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرسا، تۇتۇپ تۇرالايدۇ، تاشلىۋەتسە قېچىپ كېتىدۇ» دېگەن(46).

يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھ ئەنھۇدىن زەئىف سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈممىتىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا قويۇلدى، ھەتتا بىرەيلەن مەسجىدتىن ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋەتكەن بىرەر تال ئەخلەتنىمۇ كۆردۈم، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىمۇ ئالدىمغا قويۇلىۋىدى، بىرەر سۈرە ياكى بىرەر ئايەتنى يادلاشقا مۇۋەففەق قىلىنسا، ئۇنى ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ گۇناھىدىنمۇ چوڭ گۇناھنى كۆرمىدىم» دېگەن(47).

يەنە سەئىد ئىبنى ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ‹قۇرئان›نى يادلاپ كېيىن ئۇنتۇپ قالسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قول بارماقلىرى كېسىۋېتىلگەن ھالەتتە بارىدۇ» دېگەن(48).

كۈندىلىك تىلاۋەت ۋەزىپىسىنى ئۇخلاپ قېلىپ ئوقۇيالمىغان كىشىنىڭ ئەھۋالى

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ‹قۇرئان›دىن كېچىدە ئوقۇيدىغان ۋەزىپىسىنى ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ئۇخلاپ قېلىپ ئوقۇيالمىغان بولسا، ئۇنى بامدات نامىزى بىلەن پېشىن نامىزى ئارىلىقىدا ئوقۇۋالسا، خۇددى كېچىدە ئوقۇغاندەكلا ساۋاب يېزىلىدۇ» دېگەن(49).

سۇلايمان ئىبنى يەسار رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: ئەبۇ ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بىر كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلاپ قېلىپ كېچىدە ‹قۇرئان› ئوقۇيدىغان ۋەزىپەمنى ئوقۇيالمىدىم، تاڭ ئاتقاندا ئويغىنىپ ﴿إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّآ إِلَيۡهِ رَٰجِعُونَ / بىز ئەلبەتتە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز﴾(2/«بەقەرە»: 156)(50) دېدىم. مېنىڭ شۇ كېچىسى ئوقۇيدىغان ۋەزىپەم ‹بەقەرە› سۈرىسى ئىدى. شۇ كېچىسى بىر كالا مېنى ئۈسۈپ چۈش كۆرگەنىدىم»(51).

ئىبنى ئەبىددۇنيانىڭ قارىيلارنىڭ بىرىدىن رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇ بىر كېچىسى ئۇخلاپ قېلىپ، «قۇرئان»دىن ئوقۇيدىغان ۋەزىپىسىنى ئوقۇيالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چۈشىدە بىرسى ئۇنىڭغا مۇنداق دەۋاتقۇدەك:

ئەقلى ناكار، پۇت – قولى ساغلام،     تاڭ ئاتقـــــــۇچە ئۇخلامســــــەن، يىگىت؟!

ھۇجۇم قىلســـــا ئۆلۈم كېچىـــــــدە،      «خاتىرجەممەن» دەمسەن ھەي ئىسىت؟!(52)

 

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر  قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.


1. ئىبنى جەئد: «مۇسنەد»، (1921)؛ بەيھەقىي: «ئىمان شاخچىلىرى»، (1163).
2. ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 113 – بەت؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 8/305.
3. ئاجۇررىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – ئەخلاقلىرى»، 51 – بەت.
4. ئاجۇررىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – ئەخلاقلىرى»، 51 – بەت؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 8/92.
5. ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 8/92.
6. «ئەھمەد»، 3/438 ۋە ئەبۇ يەئلا قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان.
7. «ئەھمەد»، 3/357.
8. ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 209 – بەت. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
9. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىلگىرىكى ھەنەفىي ئالىملىرىنىڭ قارىشى. ئەمما، كېيىنكى ھەنەفىي ئالىملىرى: «قۇرئان ۋە شەرئىي ئىلىملەرنى ئۆگەتكەنلىككە ھەق ئېلىش دۇرۇس» دەپ پەتۋا بەرگەن. ئىمام مەرغىنانىي: «مۇشۇ قاراش بويىچە پەتۋا بېرىلىدۇ» دېگەن. قاراڭ: «ئەلھىدايە»، 3/1281.
10. خەتتابىي: «مەئالىمۇسسۇنەن»، 3/453.
11. ئەھلى سۇففە: ئۆزىگە تەۋە تۇرالغۇسى ياكى ئائىلىسى يوق، غېرىب – غۇرەبا، يوقسۇل مۇھاجىر ساھابەلەر ئۈچۈن مەسجىدى نەبەۋىينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى لەمپە (سۇففە) لىك قىلىپ سېلىنغان، بارا – بارا بىر مەدرەسە ھالىغا كەلگەن ئورۇندا ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە تۇرغان بىر توپ ساھابەلەرنى كۆرسىتىدۇ.
12. مەشھۇر ھەدىس : مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن، لېكىن راۋىيلار تەبىقىسىنىڭ ھەربىر تەبىقىسىدە ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچتىن راۋىي رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ.
13. ئىمام سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ («ئەلئىتقان»، 1/323) ئىمام ئەبۇ لەيسنىڭ «بوستان» ناملىق كىتابىدىن مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: تەلىم – تەربىيە ئۈچ تۈرلۈكتۇر: 1) ھەق ئالماي ساۋاب ئۈچۈن ئۆگىتىش؛ 2) ھەق بېرىشكە دېيىشىپ ئۆگىتىش؛ 3) ھەق بېرىشنى شەرت قىلماي، سوۋغات بەرسە قوبۇل قىلىش. بىرىنچى كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇ پەيغەمبەرلەر يولىدۇر. ئىككىنچىسىنىڭ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار، «دۇرۇس» دېگەن قاراش كۈچلۈك. ئۈچىنچىسىنىڭ دۇرۇسلۇقىغا ئىجماﺋ قىلىنغان. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرگە تەلىم بېرەتتى ۋە سوۋغات قوبۇل قىلاتتى.
14. ئۇلار ئىمام مۇسلىم (1159) قاتارلىقلار ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە تايانغان. ئۇ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ‹قۇرئاننى ئايدا بىر تامام قىلغىن!› دېدى، مەن: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! مەن بۇنىڭدىنمۇ كۆپ تامام قىلالايمەن› دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئۇنداقتا، ئون كۈندە بىر ئۆتكۈزگىن› دېدى، مەن: ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تامام قىلالايمەن› دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئۇنداقتا، يەتتە كۈندە بىر تامام قىلغىن، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتمىگىن. چۈنكى، سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئايالىڭنىڭمۇ ھەققى بار، مېھمانلىرىڭنىڭمۇ ھەققى بار، بەدىنىڭنىڭمۇ ھەققى بار› دېدى».
15. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/145): «ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ھەسەن بەسرىينىڭ ھەر ئون كېچىدە قۇرئاننى بىر تاماملايدىغانلىقىنى زەئىفراق سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان» دېگەن. ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم تاماملاش ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىدىمۇ كەلگەن.
16. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/145): «ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ‹قۇرئاننى سەككىز كۈندە بىر ئۆتكۈزۈڭلار!› دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان» دېگەن. بەيھەقىي («سۇنەنۇل كۇبرا»، 2/396) ۋە ئىبنى ئەساكىر («تارىخى ئىبنى ئەساكىر»، 11/75): ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇرئاننى سەككىز كۈندە بىر تاماملايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.
17. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/145): «ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، تەمىم دارىي، ئابدۇرراھمان ئىبنى يەزىد، ئەلقەمە ئىبنى قەيس، مەسرۇق ئىبنى ئەجدەﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ‹قۇرئان›نى يەتتە كۈندە بىر تامام قىلىدىغانلىقىنى سەھىھ سەنەدلەر بىلەن رىۋايەت قىلغان» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىدىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يەتتە كۈندە بىر تاماملاشقا بۇيرۇغانلىقى كەلگەن.
18. ئەبۇ ئۇبەيد («قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 178 – بەت) ئىبراھىم نەخەئىينىڭ: «ئەسۋەد ئىبنى يەزىد قۇرئاننى ھەر ئالتە كۈندە بىر تاماملايتتى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.
19. ئەبۇ ئۇبەيد («قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 178 – بەت) ئىبراھىم نەخەئىينىڭ: «ئەلقەمە قۇرئاننى ھەر بەش كۈندە بىر تامام قىلاتتى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/150): «ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئەلقەمەنىڭ ‹قۇرئان›نى بەش كۈندىن ئاز ۋاقىتتا تامام قىلىشنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان» دېگەن.
20. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/150): «ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ‹قۇرئان›نى ھەر تۆت كۈندە بىر تامام قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان» دېگەن.
21. ئۇلار سەئد ئىبنۇلمۇنزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسكە تايانغان. ئۇ دەيدۇكى: «مەن: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! قۇرئاننى ئۈچ كۈندە بىر ئۆتكۈزسەم بولامدۇ؟› دېدىم. ئۇ زات: ‹قادىر بولالىساڭ (قىل)› دېدى». سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر شۇنداق قىلغان ئىدى. قاراڭ: ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 179 – بەت؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/152.
22. دارىمىي («سۇنەن دارىمىي»، 3528) سەئىد ئىبنى جۇبەيرنىڭ، ئابدۇرراززاق («ئەلمۇسەننەف»، 2148) ئەسۋەدنىڭ «قۇرئان»نى ئىككى كۈندە بىر تامام قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/152): «ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد سەئد ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفتىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇرئاننى ھەر ئىككى كېچىدە بىر تامام قىلىدىغانلىقىنى، ۋاسىل ئىبنى سۇلايماننىڭ: ‹مەن ئەتائ‍ ئىبنى سائىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مەككەگە بارغۇچە ھەمراھ بولدۇم. ئۇ قۇرئاننى ھەر ئىككى كېچىدە بىر قېتىم تامام قىلاتتى› دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان» دېگەن.
23. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/153): «ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ‹قۇرئان›نى ھەر كېچىدە بىر قېتىم تامام قىلىدىغانلىقىنى سەئىد ئىبنى ئۆمەر ئىبنى سەئىدتىن، ئۆمەر ئىبنى ھۈسەيىننىڭ ‹قۇرئان›نى ھەر كېچىسى بىر قېتىم تامام قىلىدىغانلىقىنى ئىمام مالىكتىن رىۋايەت قىلغان» دېگەن.
24. ئىبنى ئەساكىر («تارىخى ئىبنى ئەساكىر»، 44/203) يەئقۇب ئىبنى يۈسۈف ئىبنى زىيادنىڭ، ئىمام زەھەبىي («سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 9/121) ئابدۇرراھمان ئىبنى قاسىمنىڭ بىر كۈندە ئىككى قېتىم «قۇرئان» تامام قىلدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
25. ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 182 – بەت. ئىمام زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 4/132.
26. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/157) ئىمام ئەبۇ ئابدۇرراھمان سۇلەمىينىڭ «سوفىيلارنىڭ تەرجىمىھاللىرى» ناملىق كىتابىدا بايان قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.
27. سەلەفلەرنىڭ «قۇرئان»نى ئىنتايىن ئاز ۋاقىتتا بىر تامام قىلغانلىقى ھەققىدىكى بۇنىڭغا ئوخشىغان رىۋايەتلەر خېلى كۆپ بولۇپ، بۇ رىۋايەتلەر سەھىھ بولغان تەقدىردە، بۇنى ۋاقتىغا بەرىكەت بېرىلگەنلىكتىن دەپ چۈشىنىش مۇمكىن. بولمىسا، «قۇرئان»نى نورمال ئوقۇپ بىر تامام قىلىشقا 15 سائەت، تېز ئوقۇپ تاماملاشقا 10 سائەت كېتىدۇ. رامازاندا «قۇرئان»نى كۆپ ئوقۇش يۈزىسىدىن بەزى سەلەفلەر كۈندە بىرقانچە قېتىم تېز ئوقۇپ تاماملىغان بولسا كېرەك. — ت.
28. ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 3/57؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/158.
29. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/159) ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدقا مەنسۇپ قىلغان.
30. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 2/232.
31. ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 3/170؛ «تارىخى ئىبنى ئەساكىر»، 20/214.
32. ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 181 – بەت؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 1/57؛ بەيھەقىي: «ئىمان شاخچىلىرى»، (1993)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 1/87؛ ئىبنى ئەساكىر: «تارىخى ئىبنى ئەساكىر»، 39/235.
33. ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 182 – بەت؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 2/386؛ بەيھەقىي: «سۈنەن»، 3/25؛ «ئىمان شاخچىلىرى»، (1994).
34. ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 182 – بەت؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 2/386.
35. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/146): «ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، تەمىيم دارىي، ئابدۇرراھمان ئىبنى يەزىد، ئەلقەمە ئىبنى قەيس، مەسرۇق ئىبنى ئەجدەﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ‹قۇرئان›نى يەتتە كۈندە بىر تامام قىلىدىغانلىقىنى سەھىھ سەنەدلەر بىلەن رىۋايەت قىلغان» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىدىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يەتتە كۈندە بىر تاماملاشقا بۇيرۇغانلىقى كەلگەن.
36. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/165): «ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ‹قۇرئان›نى جۈمە كېچىسى باشلاپ، جۈمە كېچىسى ‹بەقەرە›دىن ‹مائىدە›گىچە، شەنبە كېچىسى ‹ئەنئام›دىن ‹ھۇد›قىچە، يەكشەنبە كېچىسى ‹يۈسۈف›تىن ‹مەريەم›گىچە، دۈشەنبە كېچىسى ‹تاھا›دىن ‹قەسەس›گىچە، سەيشەنبە كېچىسى ‹ئەنكەبۇت›تىن ‹ساد›قىچە، چارشەنبە كېچىسى ‹زۇمەر›دىن ‹رەھمان›غىچە ئوقۇپ پەيشەنبە كېچىسى تامام قىلىدىغانلىقىنى زەئىفراق سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان» دېگەن.
37. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/167) ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدقا مەنسۇپ قىلغان.
38. ھافىز ئىبنى ھەجەر («نەتائىجۇل ئەفكار»، 3/168) ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدقا مەنسۇپ قىلغان.
39. ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (98)؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 8/219.
40. «تارىخى ئىبنى ئەساكىر»، 65/83؛ «تەھزىبۇل كەمال»، 32/69.
41. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1145)؛ «مۇسلىم»، (758).
42. «مۇسلىم»، (757)؛ «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، (2561).
43. ئىمام نەۋەۋىي («ئەلمەجمۇﺋ»، 4/49) دەيدۇكى: «تەھەججۇد نامىزى ئوقۇماقچى بولغان كىشى ئۆز ئەھۋالىنى دەڭسەپ كۆرۈپ، ئۆمۈر بويى داۋاملاشتۇرالىغۇدەك مىقداردا ئوقۇشقا ئادەتلىنىشى مۇستەھەبتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن بىكاردىنلا مىقدارىنى ئازايتىشى ياكى تەرك ئېتىشى مەكرۇھتۇر. بۇنىڭ دەلىللىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: «بۇخارىي» ۋە «مۇسلىم»دا رىۋايەت قىلىنغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىز ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكەن: «ئى ئابدۇللاھ! سەن پالانى كىشىدەك بولۇپ قالما، ئۇ كېچىلىرى قىيامدا تۇراتتى، كېيىن تۇرمايدىغان بولۇپ قالدى» دېگەن سۆزى ۋە: «سىلەر ئۆزۈڭلار كۆتۈرەلىگۈدەك ئەمەل قىلىڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر زېرىكىپ قالمىساڭلارلا، ئاللاھ زېرىكىپ قالمايدۇ»(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 43؛ «مۇسلىم»، 785) دېگەن ھەدىسى ئۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر».
44. «ئەلكەشفۇ ۋەلبەيان»، 8/225.
45. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5033)؛ «مۇسلىم»، (791).
46. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5031)؛ «مۇسلىم»، (789).
47. «ئەبۇ داۋۇد»، (461)؛ «تىرمىزىي»، (2916). تىرمىزىي دەيدۇكى: «بۇ غەرىب ھەدىس، بۇ ھەدىسنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ ھەدىس توغرىسىدا ئىمام بۇخارىي بىلەن مۇھاكىمە يۈرگۈزسەم، ئۇ بۇ ھەدىسنى تونۇمىدى ۋە ھەيران قالدى».
48. «ئەبۇ داۋۇد»، (1474)؛ «دارىمىي»، (3383). ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ («فەتھۇلبارىي»، 9/86) دەيدۇكى: «ئىمام قۇرتۇبىي مۇنداق دېگەن: ‹قۇرئاننى تولۇق ياكى بىر قىسمىنى يادلىغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسى يادلىمىغان كىشىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭغا سەل قاراپ قولدىن بېرىپ قويغان كىشى جازالىنىشقا تېگىشلىكتۇر. چۈنكى، قۇرئاننى تەكرارلاپ تۇرماسلىق ئىلگىرىكى ئىلىمسىزلىككە قايتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئىلىمدىن كېيىن ئىلىمسىزلىككە قايتىش قاتتىق ئەيىبتۇر›. بەزى ئۆلىمالار ‹ھەدىستە ئەيىبلەنگەن ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەمەل قىلماسلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ› دەپ قارايدۇ». ئىبنى ئابدۇلبەر («ئەلئىستىزكار»، 8/58): «‹قۇرئان›نى ئۇنتۇپ قېلىش دېگەنلىك ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ‹قۇرئان›نى ئېسىدە مەھكەم ساقلىغۇسى بار تۇرۇپ، ئېسىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، ‹قۇرئان›نىڭ ھالال – ھاراملىرىغا ئەمەل قىلغان بولسىلا، ‹قۇرئان›نى ئۇنتۇپ قالغان كىشىلەر قاتارىدىن بولمايدۇ» دەيدۇ.
49. «مۇسلىم»، (748).
50. بۇ بىرەر چوڭ مۇسىبەت كەلگەندە ئوقۇيدىغان ئايەت.
51. «تەھەججۇد ۋە كېچە نامىزى»، (270)؛ «تارىخى ئىبنى ئەساكىر»، 65/144. ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد رىۋايەتى.
52. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «چۈشلەر»، (229).

Please follow and like us: