«قۇرئان» ئوقۇماقچى بولغان كىشى ئېغىزىنى مىسۋاك ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن پاكىزلىشى لازىم.
مىسۋاكلاشتا ئەڭ ياخشىسى ئەراك(1) ياغىچىنى ئىشلىتىشتۇر. باشقا شاخلار بىلەن ۋە يىرىك رەخت، ئۇشنان دەرىخى (ﻛﯚﻳﯜﻙ ياۋا ئوتى) نىڭ شېخى دېگەندەك چىشنى پاكىزلىيالايدىغان نەرسىلەر بىلەن مىسۋاك قىلىشمۇ جائىزدۇر.
چىشنى پاكىزلاشتا يىرىك بارماقلارنى ئىشلەتسە سۈننەتنى ئادا قىلغان بولامدۇ؟
بۇ مەسىلىدە شافىئىي مەزھەبى ئۆلىمالىرى ئارىسىدا ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇد:
1. سۈننەتنى ئادا قىلغان بولمايدۇ. بۇ ئەڭ مەشھۇر قاراشتۇر.
2. ئادا قىلغان بولىدۇ.
3. باشقا نەرسە تاپالمىسا، ئادا قىلغان بولىدۇ. تاپالىسا، ئادا قىلغان بولمايدۇ(2).
مىسۋاكلىغاندا ئېغىزنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن باشلاپ توغرىسىغا مىسۋاكلايدۇ ۋە سۈننەتنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى نىيەت قىلىدۇ.
بەزى شافىئىي مەزھەبى ئۆلىمالىرى: «مىسۋاكلىغاندا: ‹اللهُمَّ بَارِكْ لِي فِيهِ ياَ أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ / ئى ئاللاھ! ماڭا ئۇنىڭدا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئى رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىملىكى!› دەيدۇ» دېگەن(3).
شافىئىي مەزھەبى ئۆلىمالىرىدىن ماۋەردىي: «چىشنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى تەرەپلىرىنى، چىشنىڭ ئۇچ تەرەپلىرىنى، ئېزىق چىشلارنىڭ ئۈستى تەرىپىنى تامىقىغىچە يەڭگىل مىسۋاكلاش مۇستەھەب» دېگەن(4).
ئۇلار يەنە: «مىسۋاكلىغاندا بەك قۇرۇقمۇ ئەمەس، بەك ھۆلمۇ ئەمەس، نورمال ياغاچ بىلەن مىسۋاكلاش؛ ئەگەر بەك قۇرۇق بولۇپ كەتسە، سۇ بىلەن يۇمشىتىش لازىم. باشقىلارنىڭ مىسۋىكىنى سوراپ ئىشلەتسە ھېچقىسى يوق» دەيدۇ.
ئەگەر ئېغىزى قان دېگەندەك نىجىس نەرسىلەر بىلەن بۇلغانغان بولسا، ئۇنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى قۇرئان ئوقۇش مەكرۇھتۇر. «ھارام» دېيىشكە بولامدۇ؟ شافىئىي ئۆلىمالىرىدىن رويانىي دادىسىدىن بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل ئېھتىماللىق قاراش (يەنى ھارام بولۇش ياكى بولماسلىق) بارلىقىنى رىۋايەت قىلغان(5).
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.
1. ئەرەبىستان ۋە بەزى ئىسسىق بەلۋاغلاردا بولىدىغان بىر خىل دەرەخ. ئانار دەرىخىگە ئوخشايدۇ. يىلتىزىدىن مىسۋاك ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. — ت.
2. ئىمام نەۋەۋىي («ئەلمىنھاج»، 74): «يىرىك بارماقلار بىلەن مىسۋاك قىلسىمۇ مەقسەت ھاسىل بولغانلىقى ئۈچۈن سۈننەتنى ئادا قىلغان بولىدۇ» دېگەن قاراشنى تاللىغان.
3. ئىمام نەۋەۋىي («ئەلمەجمۇﺋ»، 1/350): «بەزى شافىئىي ئۆلىمالىرى: ‹بۇ دۇئالارنىڭ ھەدىستىن ئاساسى بولمىسىمۇ، مەنىسى ياخشى دۇئا بولغانلىقى ئۈچۈن، قىلسا ھېچقىسى يوق› دەيدۇ» دېگەن.
4. «بەھرۇلمەزھەب»، 1/97.
5. ئىمام رويانىي («بەھرۇلمەزھەب»، 1/138) دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «ئېغىزى مەينەت بولسا، ئۇنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى قۇرئان ئوقۇشتا ئىككى خىل قاراش بار: بىرى، قولى مەينەت ھالدا قۇرئان تۇتۇش دۇرۇس بولمىغاندەك، ئېغىزى مەينەت ھالدا قۇرئان ئوقۇشمۇ ھارام بولىدۇ. يەنە بىرى، تاھارەتسىز قۇرئان ئوقۇش دۇرۇس بولغاندەك، مەكرۇھلۇق بىلەن دۇرۇس بولىدۇ». ئىمام نەۋەۋىي رويانىينىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن: «ھارام بولمايدۇ، بۇنى ئۆلىمالارنىڭ ‹جۇنۇب، ھەيزدار ۋە نىپاسداردىن باشقىلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشى ھارام بولمايدۇ› دېگەن سۆزىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ» دەيدۇ.

