ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبلىرى
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغان ئەدەب – ئەخلاقلىرى ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئەدەب – ئەخلاقىدۇر.
ئوقۇغۇچى ئىلىم ئۆگىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى — زۆرۈر بولغانلىرى باشقا گەپ، ئەلبەتتە — «قۇرئان»نى ئۆگىنىش، يادلاش ۋە مەنپەئەت ئېلىشقا لايىق بولسۇن ئۈچۈن قەلبىنى كىرلەردىن پاكلىشى لازىم.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯖﻼﺭ! بەدەندە ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻠﻪﻡ ﮔﯚﺵ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﮔﯚﺵ ﺗﯜﺯﻩﻟﺴﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯜﺯۈلىدۇ، ﺋﯘ ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﻟﺒﺘﯘﺭ» دېگەن(1).
تۆۋەندىكى سۆز ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان: «يەرنى تېرىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىغاندەك، قەلبنىمۇ ئىلىم ئۈچۈن ياخشى تەييارلاشقا توغرا كېلىدۇ».
ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مۇئەللىم ئۆزىدىن ياشتا كىچىك، نام – شۆھرەت، نەسەب، تەقۋالىق ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىدىن تۆۋەن بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئالدىدا كەمتەر بولۇشى لازىم. ئوقۇغۇچى يەنە ئۇستازغا كەمتەر بولغاندەك، ئىلىم ئېلىشتىمۇ كەمتەر بولۇشى لازىم. چۈنكى، ئىلىم كەمتەر كىشىگە يۇقىدۇ.
شائىر ئېيتۇركى:
ئىلىم ئاقماس چوڭچى يىگىتكە، سەل ئاقمىغاندەك ئېگىزلىككە.
ئوقۇغۇچى يەنە ئۇستازغا ئىتائەت قىلىشى، ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا مەسلىھەت سېلىشى، ئۇنىڭ گەپلىرىنى كۆيۈمچان، ماھىر تېۋىپنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان دانا بىماردىنمۇ بەكرەك ئاڭلىشى لازىم.
لاياقەتلىك مۇئەللىمدە ئوقۇش ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەش
ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلىققا سالاھىيىتى تولۇق توشىدىغان، تەقۋادارلىقى بىلەن تونۇلغان، ئالىملىقى ئېتىراپ قىلىنغان، گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن نېرى تۇرۇشى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۇستازلاردىن ئىلىم ئېلىشى كېرەك. چۈنكى، مۇھەممەد ئىبنى سىرىن، مالىك ئىبنى ئەنەس ۋە باشقا سەلەف ئالىملىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن): «بۇ ئىلىم — دىندۇر. دىنىڭلارنى كىمدىن ئېلىۋاتقانلىقىڭلارغا (ئوبدان) قاراڭلار» دېگەن(2).
ئوقۇغۇچى مۇئەللىمىگە ھۆرمەت كۆزى بىلەن قارىشى، ئۇنى ئوقۇتقۇچىلىققا تولۇق سالاھىيەتلىك، ئۆز تەبىقىسىدىكىلەردىن ئىلىم جەھەتتە ئارتۇق دەپ قارىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ ئىلمىدىن تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت ئالالايدۇ. ئىلگىرىكىلەردىن بەزىلەر مۇئەللىمىنىڭ يېنىغا بېرىشتىن بۇرۇن ئاز – تولا سەدىقە قىلاتتى ۋە: «ئى ئاللاھ! مۇئەللىمىمنىڭ ئەيىبلىرىنى مەندىن يوشۇرغىن، مەندىن ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ بەرىكىتىنى كەتكۈزۈۋەتمىگىن» دەيتتى. ئىمام شافىئىينىڭ شاگىرتى رەﺑﯩﺌ (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىگە رەھىم قىلسۇن): «ماڭا ئىمام شافىئىي قاراپ تۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ سۇ ئىچىشكىمۇ پېتىنالمايتتىم» دېگەن(3).
بىز ئەمىرۇلمۇئمىنىن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلدۇقكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئالىمنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىكى ھەققى شۇكى، ئومۇمغا ئورتاق سالام قىلساڭ، ئۇنىڭغا ئايرىم سالام قىلىشىڭ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشۇڭ، ئۇنىڭ ئالدىدا قول ئىشارىتى، كۆز ئىشارىتى قىلماسلىقىڭ، ئۇنىڭ سۆزىگە خىلاپ ھالدا: ‹پالانى ئالىم مۇنداق دەپتۇ، پوكۇنى ئالىم مۇنداق دەپتۇ› دېمەسلىكىڭ، ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلماسلىقىڭ، ئۇنىڭ سورۇنىدا باشقىلار بىلەن پىچىرلاشماسلىقىڭ، ئۇنىڭ كىيىمىنى تارتماسلىقىڭ، ئۇنىڭغا دەرس ئۆگىتىش خۇشياقمىغاندا چىڭ تۇرۇۋالماسلىقىڭ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن بىزار بولماسلىقىڭ لازىم»(4).
ئوقۇغۇچىلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆرسەتكەن يۇقىرىقى ئەدەبلەرنى ئۆزىدە ئۆزلەشتۈرۈشى، ئۇستازىنىڭ غەيۋىتى قىلىنسا قولىدىن كېلىشىچە رەددىيە بېرىشى، رەددىيە بېرىش قولىدىن كەلمىسە، ئۇنداق سورۇننى تەرك ئېتىشى لازىم.
ئىلىم سورۇنىغا كىرىشنىڭ ئەدەبلىرى
ئۇستازىنىڭ يېنىغا ئوقۇغۇچىلىق سۈپەتلىرىنى تولۇق ھازىرلىغان، ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، پاكىزلىققا رىئايە قىلغان، مىسۋاك ئىشلەتكەن، قەلبنى مەشغۇل قىلغۇچى ئىشلاردىن خالىي قىلىپ بولغان ھالدا كىرىشى، ئەگەر ئۇستازىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشكە رۇخسەت سوراش كېرەك بولغان تەقدىردە ھۇزۇرىغا رۇخسەتسىز كىرمەسلىكى، كىرگەن ۋاقىتتا سورۇن ئەھلىگە ئورتاق، ئۇستازىغا ئايرىم سالام قىلىشى، قايتقان ۋاقىتتىمۇ سورۇن ئەھلىگە ۋە ئۇستازىغا سالام بېرىپ قايتىشى لازىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كېيىنكى سالام مۇھىملىقتا ئاۋۋالقىسىدىن قېلىشمايدۇ» دېگەن(5).
كىشىلەرنىڭ گەدەنلىرىدىن ئاتلىماسلىقى، بەلكى سورۇننىڭ ئاخىرىدا ئولتۇرۇشى، ئەگەر ئۇستازى ئالدىغا ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلسا ياكى سورۇنداشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشىگە رازى ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئالدىغا ئۆتسە بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھېچكىمنى ئورنىدىن قوپۇرۇۋەتمەسلىكى، ئەگەر ئورۇن بوشىتىپ بەرسىمۇ، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ(6) قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئالدىغا ئۆتۈشى سورۇندىكىلەرگە پايدىلىق بولسا ياكى ئۇستازى بۇيرۇسا، بوشىتىپ بەرگەن ئورۇننى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. زۆرۈر بولمىسا (دەرس) ھەلقىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرماسلىقى، ئىككى دوستنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئولتۇرماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۇ ئىككىيلەن ئورۇن چىقىرىپ بەرسە، قىستىماي ئولتۇرۇشى لازىم.
ئوقۇغۇچىنىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان ئەدەبلىرى
ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلىرىغا ۋە ئۇستازىنىڭ دەرسىگە قاتناشقۇچىلارغا ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىم. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئۇستازىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭ دەرس سورۇنىنى قوغدىغانلىقتۇر. ئۇ يەنە ئۇستازىنىڭ ئالدىدا ئوقۇتقۇچىلارچە ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىدەك ئولتۇرۇشى، زۆرۈرىيەت بولمىسا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرمەسلىكى، ئورۇنسىز كۈلمەسلىكى، قۇرۇق پاراڭ قىلماسلىقى، ئۇياق – بۇياققا قارىماسلىقى، قولىنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئوينىماسلىقى، ئۇستازىغا قاراپ، سۆزىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇشى لازىم.
ئۇستازىنىڭ ئەڭ مۇناسىپ ۋاقتىنى تاللىشى ۋە ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ جاپالىرىغا سەۋر قىلىشى لازىم
«ئۇستازىنىڭ كۆڭلى ئارامىدا ئەمەس، ھېرىپ – چارچىغان، بىئارام بولغان، ئىچى پۇشۇپ قالغان، شۇنداقلا قاتتىق خۇشال بولغان، قورسىقى ئاچقان، ئۇسساپ قالغان، مۈگدەك باسقان، بىرەر نەرسىدىن ئەنسىرىگەن» دېگەندەك دەرس ئاڭلاش ئېغىر كېلىدىغان ياكى قەلب ھۇزۇرى بىلەن ئاڭلاشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئەھۋاللاردا دەرس تىڭشىتىشتىن ساقلىنىشى، ئۇستازىنىڭ تېتىك ۋاقىتلىرىنى غەنىيمەت بىلىشى، ئۇستازىنىڭ قوپاللىق ۋە ئەدەبسىزلىكلىرىنى كۆتۈرۈشى، بۇ ئىشلار ئۇنى ئۇستازىنىڭ پېشىنى تۇتۇشتىن ۋە ئۇنى قابىل ئۇستاز دەپ قاراشتىن توسۇپ قويماسلىقى، ئۇستازىنىڭ ناتوغرىدەك كۆرۈنگەن سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى توغرا چۈشىنىشكە تىرىشىشى كېرەك. بۇنى ئالىم بولۇش پېشانىسىگە پۈتۈلمىگەنلەرلا قىلالمايدۇ. يەنە ئۇستازى ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىپ سالغان ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچى ئاۋۋال كەچۈرۈم سورىشى، گۇناھ ۋە ئەيىبنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشى لازىم. شۇنداق قىلىش ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ئۇستازىنىڭ قەلبىدىكى ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىنى يوقىتىشتا بەكرەك ئۈنۈملۈكتۇر.
كىشىلەر: «ئىلىم ئېلىش يولىدا بەزىبىر خارلىق تارتىشلارغا سەۋر قىلالمىغان كىشى ئۆمۈر بويى جاھالەت زۇلمەتلىرىدە قالىدۇ، سەۋر قىلغان كىشى بولسا ئاقىۋەتتە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىززىتىگە ئېرىشىدۇ» دەپ ئېيتىشقان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان: «تالىب ۋاقتىمدا خار ئىدىم، ئالىم بولۇپ ئەزىز بولدۇم» دېگەن مەشھۇر سۆزمۇ بۇنىڭغا شاھىدتۇر(7).
ئىلىمگە قىزغىن بولۇش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم ئەدەبلىرىنىڭ بىرى، ئىلىم ئۆگىنىشكە قىزغىن بولۇشى، ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىكى ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە داۋاملىق ئىلىم ئۆگىنىشى، كۆپلەپ ئىلىم ئىگىلەشكە قادىر تۇرۇپ ئازغا قانائەت قىلماسلىقى، زېرىكىپ قالماسلىقى ۋە ئۆگەنگەنلىرىنىڭ زايە بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بەش بارمىقىنى ئېغىزىغا بىراقلا تىقماسلىقى (يەنى ئۆزىنى كۆتۈرەلمەيدىغان دەرىجىدە ئىلىمگە زورلىماسلىقى) لازىم. بۇ كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ، ئەلبەتتە.
ئەگەر دەرس ئالغىلى كېلىپ ئۇستازىنى تاپالمىسا، ئۇستازىنىڭ يامان كۆرۈشىدىن قورقمىسىلا، ئىشىك تۈۋىدە ساقلاپ تۇرۇشى، كۈندىلىك دەرس ۋەزىپىسىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى، ئەگەر ئۇستازى ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقىتتىلا قۇرئان ئۆگىتىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتتا قۇرئان ئۆگەتمىسە ۋە ئوقۇغۇچىسىنىڭ ساقلاپ تۇرۇشىنى ياقتۇرمىسا قايتىپ كېتىشى، ئەگەر ئۇستازى ئۇخلاۋاتقان ياكى مۇھىم ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بولسا، كىرىشكە ئىجازەت سورىماسلىقى، بەلكى ئويغانغۇچە ياكى بىكار بولغۇچە سەۋر قىلىشى ياكى قايتىپ كېتىشى لازىم، سەۋر قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋە باشقا ساھابەلەرمۇ شۇنداق قىلاتتى(8).
بوش ۋاقتى بار، روھلۇق، تېنى ساغلام، زېھنى ئۆتكۈر، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە كىرمىگەن، يۈز – ئابرۇيى ئۆسۈشتىن ۋە ئىلىم ئوقۇشقا يارىمايدىغان بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن تىرىشىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشى لازىم.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەنسەپكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىلىم ئۆگىنىڭلار» دېگەن(9). يەنى، سىلەر كىشىلەرگە باش بولۇشتىن بۇرۇنقى ئاددىي پۇقرا چېغىڭلاردا لاياقەتلىك ئالىم بولۇشقا تىرىشىڭلار، سىلەر كىشىلەرگە باش بولۇپ رەھبەر بولساڭلار، يۈز – ئابرۇيۇڭلارنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە قىلىدىغان ئىشلىرىڭلارنىڭ كۆپلۈكى ئىلىم ئۆگىنىشىڭلارغا توسالغۇ بولىدۇ. مانا بۇ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ: «كىشىلەرگە باش بولۇشتىن بۇرۇن ئالىم بول، باش بولساڭلا ئالىم بولۇش يولۇڭ تاقىلىدۇ»(10) دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر.
دەرسنى ئەتىگەن ئوقۇپ بېرىش ۋە ھەسەت قىلماسلىق، ئۆزىگە تەمەننا قويماسلىق
«قۇرئان» يادلاۋاتقان ئوقۇغۇچى كۈندىلىك يادلاۋاتقان دەرسىنى ئۇستازىغا ئەتىگەن ئوقۇپ بېرىشى لازىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئاللاھ! ئۈممىتىمنىڭ سەھەر باشلىغان ئىشلىرىغا بەرىكەت بەرگىن» دېگەن(11). شۇنىڭدەك يادقا ئالغانلىرىنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇشى، ئۆز نۆۋىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىكى لازىم. چۈنكى، دۇنيالىق ئىشلاردا ئۆز مەنپەئەتىدىن باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىش ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئىبادەتلەردە پۇرسەتنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەكرۇھتۇر. ئەگەر بەزى ۋاقىتلاردا ئۇستازى مەلۇم شەرئىي سەۋەبلەر تۈپەيلى نۆۋىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بۇيرۇسا، ئۇستازىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشى لازىم.
تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك زۆرۈر بولغان ئىشلارنىڭ بىرى شۇكى، ساۋاقداشلىرى بولسۇن ياكى باشقىلار بولسۇن، ھېچ كىشىگە ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن ئارتۇقچىلىقلارغا قاراپ ھەسەت قىلماسلىقى، ئۆگەنگەن ئىلىملىرىدىن مەغرۇرلانماسلىقى لازىم. بىز بۇلارنى «مۇئەللىمنىڭ ئەدەبلىرى» دېگەن بابتا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئۆزىدىكى مەغرۇرلۇقنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇلى ئېرىشكەن ئىلىملىرىگە ئۆز ئىقتىدارى ئارقىلىق ئېرىشمىگەنلىكى، بەلكى ئۇنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ پەزلى ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۆزى پەيدا قىلمىغان، بەلكى ئاللاھ ئامانەت قىلىپ بەرگەن نەرسىگە مەغرۇرلىنىشنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئۆز – ئۆزىگە ئەسلىتىپ تۇرۇشتۇر.
ھەسەتنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇلى بولسا كىشىدىكى ئارتۇقچىلىقنىڭ ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈشنىڭ، ئاللاھ ئىرادە قىلغان، ئاللاھ يامان كۆرمىگەن ئىشنى يامان كۆرۈشنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى بىلىشتۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (52)؛ «مۇسلىم»، (1599).
2. «مۇسلىم»، 1/14؛ خەتىب باغدادىي: «ئەلفەقىھ ۋەلمۇتەفەققىھ»، (845).
3. بەيھەقىي: «ئەلمەدخەل»، (684).
4. خەتىب باغدادىي: «ئەلفەقىھ ۋەلمۇتەفەققىھ»، (856)؛ «راۋىي ئەخلاقى توپلىمى»، (350).
5. «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، (495)؛ «تىرمىزىي»، (2706).
6. «تىرمىزىي»، (2750).
7. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئىلىم ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى توپلىمى»، (756).
8. «ھاكىم»، 1/106؛ «دارىمىي»، (590)؛ خەتىب باغدادىي: «راۋىي ئەخلاقى توپلىمى»، (219)؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئىلىم ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى توپلىمى»، (507). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا، ئەنسارلاردىن بىر كىشىگە: ‹يۈر! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنى ئىزدەيلى، ئۇلار ھازىر كۆپ› دېدىم. ئۇ: ‹ۋاي ساڭا ئىبنى ئابباس! كىشىلەر ئارىسىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ھەر كاتتا ساھابەلىرى تۇرسا، كىشىلەرنىڭ ماڭا ھاجىتى چۈشىدۇ، دەپ ئويلامسەن؟› دېدى ۋە ساھابەلەرنى ئىزدىمىدى. مەن بولسام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنى ئىزدەپ ھەدىس ئۆگىنىشكە باشلىدىم. بىرەر ساھابەنىڭ ھەدىس بىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىسام، ئۇنىڭ ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ، ئۇ چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقان بولسا، تونۇمنى بېشىمغا قويۇپ ياتاتتىم، شامالدىن يۈزۈم توپا بولۇپ كېتەتتى. بەزىدە ساھابە چىقىپ: ‹ئى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جىيەنى! نېمە سەۋەبتىن كەلدىلە؟ ئادەم ئەۋەتكەن بولسىلا يانلىرىغا باراتتىم ئەمەسمۇ؟!› دەيتتى، مەن: ‹مېنىڭ كېلىشىم بەكرەك لايىق› دەيتتىم ۋە ئۇنىڭدىن ھەدىس سورايتتىم. كۈنلەر ئۆتۈپ ھېلىقى ئەنسارىي كىشىلەرنىڭ مېنىڭ ئەتراپىمغا توپلىشىپ مەسىلە سوراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: ‹بۇ يىگىت مەندىن ئەقىللىق ئىكەن› دېگەن ئىدى».
9. «بۇخارىي»: «كىتابۇل ئىلىم»، «ئىلىم ۋە ھېكمەتنى ئارزۇ قىلىشنىڭ بابى»دا «مۇئەللەق» رىۋايەت قىلغان.
10. بەيھەقىي: «ئىمام شافىئىينىڭ پەزىلەتلىرى»، (2/140)؛ خەتىب باغدادىي: «ئەلفەقىھ ۋەلمۇتەفەققىھ»، (770).
11. «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، (4754)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (2606)؛ «تىرمىزىي»، (1212).

