(ھ. 425 – 465 / م. 1029 – 1072)
«ئىككى قوشۇن مالازگىرتتا ئۇچراشقاندا، سۇلتان ئالپ ئارسلان ئېتىدىن چۈشۈپ، ئاللاھقا سەجدە قىلدى ۋە يۈزىنى توپىغا سۈردى. ئاندىن ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن نۇسرەت تىلىدى».
— ھافىز ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»
ئىسلامدىن ئەندىشە قىلماڭ…
ئىسلامنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە بولغان ئىسلام تارىخىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن كىشى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تارىختا تالاي قېتىملاپ مۈشكۈل پەيتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بايقايدۇ، ھەتتا بەزىلەر بۇ ھالقىلىق پەيتتىن كېيىن ئەمدى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىن ئۈمىد يوق دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بولسا ئىسلام مەدەنىيىتى يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالدى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تارىخ سەھنىسىدە ئۇنتۇلۇپ پەقەت قۇرۇق نامىلا قالغان، مۇنقەرز بولغان ئىلگىرىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ساھىبلىرى بولمىش فىرئەۋن، گرېك ۋە رۇم خەلقلىرى قاتارىغا قوشۇلىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالدى، دەپ قارىغان. دەرۋەقە، بۇ ئۈممەت گاھىدا ئەنە شۇنداق ھەل قىلغۇچ تارىخىي پەيتلەرگىمۇ دۇچ كەلگەن بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئىسلام ئۈممىتىدىن سەكراتتىكىدەك خىرقىرىغان ئاۋازنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ۋە ئۈممەتنىڭ بوغۇملىرىنىڭ ئۇيۇشۇپ، ھەرىكەتتىن توختىغانلىقىنى ۋە ئىنسانىي ھاياتلىقنىڭ بارلىق كۆرۈنۈشلىرىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسلام ئەمدى تۈگەشتى دەپ ئويلاپ قالغان.
دەل شۇ ھالقىلىق پەيتتە…
ئىسلام ئۈممىتى قايتىدىن دەس تۇرۇپ ئۆزىدىكى چاڭ – توزانلارنى قاقىدۇ ۋە خۇددى ئاللاھ تائالا روھ بېغىشلاپ يېڭىدىن تىرىلدۈرگەندەك چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەتلىنىدۇ. پەقەت ئىلگىرىكى شان – شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تارىخچىلار داخىل ھەممىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغان ئاجايىب ھادىسىلەرنى يارىتىپ، ئىلگىرىكى بارلىق شان – شەرەپلىرىدىنمۇ كاتتا يېڭى شان – شەرەپلەر قۇچماق ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. ئەنە شۇ ئاجايىب ھادىسىلەر ئىنسانىيەت تارىخىدا تالاي قېتىم ئەينەن شەكىلدە تەكرارلانغان بولۇپ، بۇ مىسلىسىز ھادىسىلەر يەر يۈزىدىكى ئۈممەتلەردىن پەقەت «ئىسلام ئۈممىتى» ئىسىملىك ئۇلۇغ، زاۋال تاپماس بىرلا ئۈممەتكە خاس بولغان ئىنسانىي ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.
ئىسلامنىڭ بۈيۈك ئارسلانى — ئالپ ئارسلاننىڭ قىسسەسىدە بۇ ئاجايىب ئىسلامىي ھادىسە ئەكس ئەتكەن بولۇپ، قىسسەنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن، بۇ باتۇر تۈرك قوماندان دۇنياغا كېلىشتىن يۈز يىل ئىلگىرىكى تارىخقا مۇراجىئەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
سۆزلىمەكچى بولغان قىسسەمىز ھ. تۆتىنچى ئەسىر، م. 10 – ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىكى كاسپى (خەزەر) دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن باشلىنىدۇ. شۇ يەردە ئەبۇ شۇجاﺋ بۇۋەيھ ئىسىملىك بىر كەمبەغەل بېلىقچى ياشايتتى. بۇ بېلىقچى كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان، ئىران خەلقلىرىنىڭ بىرى بولغان دەيلەم خەلقىگە مەنسۇپ كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئەلى، ھەسەن ۋە ئەھمەد ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. كېيىن بۇ ئۈچ قېرىنداش ئەسكەرلىككە كىرىدۇ ۋە دەيلەم قوماندانلىرىنىڭ بىرى بولغان ماكان بىن كاكى (ۋاپاتى ھ. 329 / م. 940) ئىسىملىك چوڭ بىر قومانداننىڭ قوشۇنى ئىچىدە ئەسكەر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېرىنداش ئۆزلىرىنىڭ باتۇرلۇقىنى نامايان قىلىپ، قوشۇننىڭ بېشىدا بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. بىرنەچچە يىل ئۆتمەيلا، ئۇلار ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پۈتۈن پارس ئەللىرىنى ۋە باشقا كەڭ رايونلارنى ئىستېلا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ چوڭى ئەلى كەرەج ئەللىرى (ھازىرقى ئىراندا) نى ئىگىلەيدۇ. ئاندىن پارس ئەللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، ھ. 322 (م. 933) – يىلى شىراز شەھرىگە كىرىدۇ ۋە شىرازنى ئۆز دۆلىتىنىڭ پايتەختى قىلىدۇ. ئوتتۇرانچىسى ھەسەن بولسا پارس ئېلىنىڭ شىمالىنى بويسۇندۇرۇپ ئىسفاھان، ھەمەدان ۋە رەي قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆزىگە قوشۇپ، ھ. 331 (م. 942) – يىلى رەي شەھرىنى پايتەخت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كىچىكى ئەھمەد پارس ئېلىنىڭ جەنۇبىنى بويسۇندۇرۇپ، ھ. 326 (م. 937) – يىلى كىرمان، ئاندىن ئەھۋاز قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆزىگە قوشۇپ ئىراققا يېقىن يەرگە جايلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، دەيلەملىك ھېلىقى بېلىقچى بۇۋەيھنىڭ ئوغۇللىرى كەرەج ئەللىرىدىن ئەھۋازغىچە ۋە كاسپى دېڭىزىدىن ئەرەب دېڭىز قولتۇقىغىچە سوزۇلغان بىپايان ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
دەل شۇ ۋاقىتتا…
ئىسلام خەلىفەلىكىنىڭ پايتەختى باغداد قالايمىقانچىلىق ۋە فىتنەلەر بىلەن تولغان ئىدى. ئابباسىيلار خەلىفەسى خەلىفە دېگەن سىمۋوللۇق نامدىن باشقا ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇققا ئىگە ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە ھەقىقىي ھوقۇق ئەمىرلەر ۋە ھەربىي قوماندانلارنىڭ قولىدا ئىدى. ئىش چوڭىيىپ، ئۇلار ھەتتا ئابباسىيلار خەلىفەسى مۇتتەقىي بىللاھنى خەلىفەلىك تەختىدىن قالدۇرۇۋېتەلەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا ئەھمەد ئىبنى بۇۋەيھ ئابباسىيلار خەلىفەلىكى ئۇچرىغان بۇ داۋالغۇش ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ھ. 334 (م. 945) – يىلى قوشۇنىنى باشلاپ خەلىفەلىكنىڭ پايتەختى باغدادنى ئىگىلەيدۇ. نەتىجىدە، ئابباسىيلار خەلىفەسى مۇستەكفى بىللاھ ئەھمەد ئىبنى بۇۋەيھنى قارشى ئېلىپ، ئۇنى ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭغا «مۇئىززۇد دەۋلە (دۆلەتنى ئەزىز قىلغۇچى)»، چوڭ ئاكىسىغا «ئىمادۇد دەۋلە (دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى)»، ئوتتۇرانچىسى ھەسەنگە بولسا «رۇكنۇد دەۋلە (دۆلەتنىڭ يۆلەنچۈكى)» دېگەن نامنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىراق ۋە ئىسلام خەلىفەلىكىنىڭ پايتەختى باغداد بۇۋەيھىيلەر ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىدۇ. ئابباسىيلار خەلىفەسى ناھايىتى مۇھىم بىر ئىشقا سەل قاراپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ياردەم بەرگىلى كەلدى دەپ ئويلاپ قالغانىدى. بۇۋەيھىي ئەسلىدە ئون ئىككى ئىمام شىئەلىرىدىن ئىدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى، بولۇپمۇ، مۇسۇلمان ئەرەبلەرنى ئۆچ كۆرىدىغان ئاشقۇن رافىزىيلاردىن ئىدى. باغدادقا كىرگىنىگە بىر يىل ئۆتە – ئۆتمەيلا ئەھمەد ئىبنى بۇۋەيھ مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى قاراڭغۇ زىندانغا تاشلىدى، خەلىفە ئاخىرى زىنداندا ئۆلدى. ئۇلار خەلىفەلىك ھوقۇقىنى تۇتىدىغان ئادەمنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ دەۋرىدە قولىدىن ھېچئىش كەلمەيدىغان بىر تۈركۈم ئابباسىيلار خەلىفەلىرى چىققان ئىدى. ئاندىن بۇۋەيھىيلەر سۈننىي مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارىلاپ ناشايان ئىشلار ۋە قەبىھ جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى. ئىسلام خەلىفەلىكىنىڭ پايتەختىدە رافىزىيلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويدى. باغداد مەسجىدلىرىنىڭ ئىشىكلىرىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا قارىتىپ لەنەتلەرنى يېزىشتى. مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كېيىن ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارغا لەنەت ئېيتىشتى. نامى «مۇئىززۇد دەۋلە»گە ئايلانغان ئەھمەد ئىبنى بۇۋەيھ ئاشۇرا كۈنىنى كاچاتلاش ۋە ئۈن سېلىپ يىغلاش كۈنىگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ھەر يىلى شۇ كۈن بولغاندا كىشىلەرنى بازارنى تاقاشقا بۇيرۇپ، ئاشپەزلەرنى تاماق سېتىشتىن چەكلىدى، كوچىلارغا گۈمبەزلەرنى قۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە جەندىلەرنى ئاستى، چاچلىرى پاخپايغان ئاياللارنى كوچىلاردا ئۆزلىرىنى كاچاتلاشقا چىقاردى ۋە ھۈسەينگە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇشۇ بۇۋەيھىي ھۆكۈمدار تارىختا ئۈن سېلىپ يىغلاش ۋە كاچاتلاشنى تۇنجى قېتىم باغدادقا ئەكىرگەن كىشى ئىدى. بۇۋەيھىيلەرنىڭ دەۋرى ئىسلامنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە تەلىماتلىرىدىن يىراق، زۇلمەتلىك دەۋر ئىدى. بۇۋەيھىيلەر ئابباسىيلار خەلىفەلىكىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى مىسىر ۋە شىمالىي ئافرىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان فاتىمىيلار سۇلالىسىگە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى. چۈنكى، فاتىمىيلار ئىسمائىلىييە شىئەلىرىدىن ئىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ بەزى مۇشاۋىرلىرى بۇ پىلاننى يۈرگۈزمەسلىكنى، كۈچسىز ئابباسىيلار خەلىفەلىرىنىڭ تەختلىرىگە بۇلاردىن كۈچلۈكرەك باشقا خەلىفەلەرنى ئولتۇرغۇزمىسىلا بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئابباسىيلار پايتەختى باغداد بۇۋەيھىيلەر ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى ئاچارچىلىققا شاھىت بولغان. ئاچارچىلىق دەستىدىن مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، كىشىلەر ئۆلۈك ھايۋانلارنى، مۈشۈكلەرنى ۋە دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يېگەن. بۇ يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەتتا كىشىلەر مېيىتلىرىنى دەپنە قىلىشقىمۇ قادىر بولالمىغان.
بۇۋەيھىيلەر دەۋرىدە رۇم ئىمپېرىيەسى ئىسلام ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كۆپلىگەن شەھەر، قورغانلارنى بېسىۋالدى. رۇملار شىئەلەرنىڭ تىغ ئۇچىنى سۈننىي مۇسۇلمانلاردىن باشقىلارغا قاراتمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. تارىخ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، فاتىمىيلار، سەفەۋىيلەر، بۇۋەيھىيلەر ۋە يەنە باشقا شىئە دۆلەتلىرى بولسۇن، ئومۇمەن، شىئە ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئەھلىسەلىب ۋە موڭغۇللاردىن ئىبارەت ئىسلام دۈشمەنلىرى بىلەن ھەقىقىي كۈرەش قىلغان بىرەرمۇ تارىخى يوق. بەلكى ئۇلار پۈتۈن تارىخ بويى پەقەت سۈننىي مۇسۇلمانلار بىلەنلا ئۇرۇشقان ئىدى. شىئەلەر كۆپىنچە چاغلاردا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشاتتى. شۇ ۋەجدىن، شىئەلەرنىڭ تارىخىدا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان سەيفىددىن قوتۇز، سالاھىددىن ئەييۇبىي، سۇلايمان قانۇنىي، خەتتابىي، ئابدۇلقادىر جەزائىرىيلاردەك ئىسلام قەھرىمانلىرى تېپىلمايدۇ. قىسقىسى، شىئە تارىخى قانداقتۇر ھەقىقىي قەھرىماندىن خالىيدۇر. ھەتتا سۈننىي مۇسۇلمانلار ئىسلامدىكى ئۇلۇغ قەھرىمان ۋە ئىسلام – ئەرەب چەۋەندازلىرىنىڭ بىرى ھېسابلايدىغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەسى بولغان ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب شىئەلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئايالىنى باشقىلار ئۇرسىمۇ، بالىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ، ئۆيىگە ئوت قويۇپ ھەققىنى تارتىۋالسىمۇ ھېچنەرسە قىلماي قاراپ تۇرغان بىر كىشىدۇر(1).
بۇۋەيھىيلەر باغداد ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسمىغا 100 يىلدىن ئارتۇق (م. 936 – 1055) ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا باغداد قالايمىقانچىلىققا تولغان بىر شەھەرگە ئايلىنىپ قالغان. بۇۋەيھىيلەر سۈننىي ئالىملارنى ئۆلتۈرگەن ياكى چەت – ياقىلارغا پالىۋەتكەندىن كېيىن شىئەلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرى كەڭ تارقالغان. ھ. 351 – يىلى رۇملار ئىسلامنىڭ مۇھىم چېگرالىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەين زەربە (Anavarza)(2) گە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈردى ۋە تالان – تاراج قىلدى، شۇ يىلى يەنە ئىسلام مەركىزى بولغان ھەلەبنىمۇ بېسىۋالدى. ھ. 354 (م. 962) – يىلى مەسسىسە (Misis)(3) شەھرىنىمۇ بېسىۋالدى. مەسسىسە 276 يىل بۇرۇن ئۇمەۋىيلەر خەلىفەسى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننىڭ زامانىدا (م. 686) مۇسۇلمانلار فەتىھ قىلغان شەھەر ئىدى. شىئەلەر ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقىپ بىر يىل ئۆتمەيلا، مۇسۇلمان ئەللەرگە ئارقىمۇئارقىدىن مەغلۇبىيەتلەر كەلدى. ھالبۇكى، بۇ چاغدا بۇۋەيھىي شىئەلىرى ئىسلام دىيارىنىڭ شەرقىنى، فاتىمىي شىئەلىرى بولسا غەربىنى كونترول قىلىپ تۇرغانىدى.
ھ. بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، م. 11 – ئەسىردە ئىسلام خەلىفەلىكىنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى خەتەرلىك بىر ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى. بۇۋەيھىيلەر ئاجىزلاش ۋە پارچىلىنىش ھالىتىگە بېرىپ يېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈرك قوماندانلىرىنىڭ بىرى باساسىرىي (ئۆ ھ. 451 / م. 1059) سەۋەبلىك ئۆز نوپۇزىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ تۈرك قوماندانمۇ ئاشقۇن شىئەلەردىن بولۇپ ھاكىمىيەتنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇۋەيھىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنى تىزگىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن خاھلىغان ئادەمنى مەنسەپكە قويۇپ، خاھلىغان ئادەمنى مەنسەپتىن قالدۇرىدىغان كىشىگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مىسىردا ئۆزلىرىنى شىئە خەلىفەلىكى دەپ ئېلان قىلغان فاتىمىي شىئەلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى مۇستەنسىر بىللاھ (ھ. 427 – 487 / م. 1036 – 1094 فاتىمىيلار خەلىفەسى) بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ. ئاندىن ئىككىسى ئابباسىيلار دۆلىتىدىن ئىبارەت ئىسلام دۆلىتىنى يىلتىزىدىن يوقىتىپ، ئۇنى شىئە مەزھەبلىرىنىڭ ئەڭ خەتەرلىكلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئىسمائىلىييە مەزھەبىگە ئېتىقاد قىلىدىغان فاتىمىي شىئەلىرى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشقا كېلىشىدۇ. شىئە خەلىفەسى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان باساسىيرىنى پۇل – مال ۋە قورال – ياراقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىسمائىلىييە شىئەلىرى ئىسلامغا زىت ۋە بۇزۇق باتىنىييە ئەقىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلىتىنى مەغرىب (ماراكەش) تىن تارتىپ ئىراق چېگرالىرىغىچە كېڭەيتىش ئۈچۈن، شام ۋە ھىجاز ئەللىرىنى بويسۇندۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئىسلام خەلىفەلىكىنىڭ پايتەختى باغداد ئىسمائىلىييە شىئەلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇملار ساھابەلەرنىڭ دەۋرىدە قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن شىمال تەرەپتىن تەييارلىنىدۇ. چۈنكى، رۇملار شۇ تاپتا مۇسۇلمان ئەللىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ساھابەلەردەك باتۇر ۋە چەۋەنداز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ يەرمۇك ۋە ئەجنادىندا ئۆزلىرىنى مەغلۇپ قىلغان ئىلگىرىكى فاتىھلارنىڭ دىنىغا ئوخشىماي قالغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا، ئۇلارغا ئىسلامنى يىمىرىپ تاشلاشنىڭ پۇرسىتى كەلگەنىدى. نەتىجىدە، ئىسلام ئۈممىتى ھەر تەرەپتىن قورشاپ كەلگەن مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ تەھدىتى ئاستىدا، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى.
ئىسلامنىڭ ئەنە شۇ جىددىي پەيتلىرىدە…
ئابباسىيلار خەلىفەسى قائىم بىئەمرىللاھ (ھ. 422 – 467 / م. 1031 – 1075 ئابباسىيلار خەلىفەسى) ئەمدىلەتىن يېتىلگەن بىر ئىسلامىي كۈچتىن مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا بىر مەكتۇب يوللايدۇ. بۇ كۈچكە تەۋە جىددىي مۇداخىلە قىسمى ئاز كۈن ئىچىدىلا ئىسلامنىڭ پايتەختى باغدادتىن 113 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شىئە بۇۋەيھىيلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ. ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىدا پەيدا بولۇپ تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن بۇ كۈچنىڭ قانداق ھېكايىلىرى باردۇر؟
تارىخنىڭ گاھى چاغلىرىدا، زېمىن ئۈستىدىكى مەلۇم ماكانلاردا زۇلۇم ۋە ۋەيرانچىلىق تارقىلىپ، شۇ ماكانلاردا ياشىغانلارنىڭ بەزىسى بۇ زۇلۇم – ۋەيرانچىلىقتىن قۇتۇلۇش يولى قالمىدى، ئەمدى جەزمەن تۈگەشتۇق، دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن، خۇسۇسەن، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تارىخىدا تەكرارلانغان ئاجايىب بىر ئىش شۇكى، مەلۇم ماكاندا مۇستەبىت كۈچلەر ئىسلام ئۈممىتىنى ۋەيران قىلىۋاتقان دەل شۇ پەيتتە، ئاللاھ تائالا يەنە بىر ماكاندا ئاشۇ مۇستەبىت كۈچلەرنى پات پۇرسەتتە ۋەيران قىلىدىغان بۈيۈك بىر ئىسلامىي كۈچنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. ئەنە شۇ كۈچنى ئاللاھ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم قادىر بولالماس پىلانلار بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. كۆپىنچە ھالدا بۇ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ مەزگىلى ئۇزۇن، گاھىدا مەلۇم دەرىجىدە ئاستا بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەييارلاشتىن كېيىن شۇنداق بىر قەھرلىك ئىسلامىي كۈچ يېتىشىپ چىقىدۇكى، بۇ كۈچ ئۆزلىرىنى كەلگۈسىدە مەيدانغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان ھەرقانداق تەھدىتتىن خالاس بولدۇق دەپ چاغلىغان مۇستەبىتلەرنى يانجىپ تاشلايدۇ. باتۇر سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ مەيدانغا كېلىش قىسسەسى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى بولۇشى مۇمكىن.
بۇۋەيھىيلەر ئىسلام پايتەختى باغدادتا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان پەيتتە ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن، ئارال دېڭىزى بىلەن كاسپى دېڭىزى ئارىسىدىن، ھازىرقى قازاقىستان دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىن توقاق ئوغلى سەلجۇق ئىسىملىك بىر تۈرك چەۋەنداز مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ چەۋەنداز قىنىق قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، بۇ قەبىلە تۈرك مىللىتىنىڭ چوڭ بىر تارمىقىنى تەشكىل قىلغۇچى 23 ئوغۇز قەبىلىلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان يادرو قەبىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. سەلجۇقنىڭ مىيكائىل، ئىسرائىل، مۇسا ۋە يۇنۇس ئىسىملىك تۆت بالىسىنىڭ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، ئۇ تۈرك ھازار يەھۇدىيلىرى بىلەن ئالاقىداش بولغانلىقى ئۈچۈن دىن جەھەتتىن يەھۇدىي ئىدى. بەزى تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي ھاياتىنى شۇلارنىڭ يېنىدا باشلىغان. ياكى ئۇ شەرقىي نېستورىيان خىرىستىيانلىرىغا مەنسۇپ ئىدى.
تۈرك سەركەردە توقاق ئوغلى سەلجۇق يابغۇ دېيىلىدىغان بىر تۈرك پادىشاھنىڭ ئىلكىدە ھەربىي سەركەردە بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. سۇباشى ۋە قوشۇن سەركەردىسى ئۇنۋانلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، تۈرك پادىشاھقا ئۆزىنىڭ شىجائىتى ۋە ساداقىتىنى ئىزھار قىلىدۇ. لېكىن، سەلجۇقنىڭ خەلقچىللىقى ۋە چوڭ قەبىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭغا كۆپلەپ ئەگىشىپ ئۇنىڭ پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشى سەۋەبلىك، پادىشاھ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى ۋە كەمتەرلىكى بىلەن سەركەردىلىرى ئارىسىدا يۇلتۇزدەك پارلىغان بۇ قومانداندىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ ھەمدە سەركەردە سەلجۇقنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلايدۇ. سۇبھانەللاھ! سەلجۇق پادىشاھنىڭ پىلانىنى بىلىپ قالغاندىن كېيىن ئۆز قەبىلىسى بىلەن بىرگە ئاسىيانىڭ باشقا بىر يېرىگە — تۈركىستانغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ياخشى يېرى شۇكى، بۇ زېمىننىڭ تۈركىي خەلقلىرى كاتتا ئىسلامىي قوماندان قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغاي!) نىڭ دەۋرى (ھ. 88 / م. 707 – يىلى) دىن تارتىپ ئىسلامغا ئېتىقاد قىلاتتى. سەركەردە سەلجۇق مۇسۇلمانلار بىلەن يېقىندىن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى كۆرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىسلامنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىدۇ، شۇنداقلا ھ. 374 / م. 985 – يىلى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلىدۇ. سەلجۇق ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغاندىن كېيىن، بىپايان ئاسىيا زېمىنلىرىدىكى باشقا بۇتپەرەس تۈرك قېرىنداشلىرىغا ئىسلامنى يەتكۈزۈشنى قارار قىلىدۇ. لېكىن، بۇتپەرەس تۈرك پادىشاھلىرى ئىسلامنىڭ ئىنسانلار ئارا باراۋەرلىككە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بىچارە خەلقلەرگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىنىپىي ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئىسلامنىڭ ئۆز خەلقلىرىگە تارقىلىشىنى رەت قىلىدۇ. نەتىجىدە، بۇ بۇتپەرەس پادىشاھلار سەلجۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلىدۇ. تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ قارشىلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا ئىسلام دەۋىتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ مۇسۇلمان تۈرك سەركەردە ئۆزىنىڭ ئۇرۇقداش قوشۇنى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جەڭلەردە كەينى – كەينىدىن زەپەر قۇچىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تۈركلەر ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىپ يېتىپ، ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ – توپ بولۇپ كىرىدۇ ۋە سەلجۇق قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ. بىرنەچچە يىل ئۆتمەيلا، سەلجۇق كۈچلۈك تۈرك چەۋەندازلاردىن تەشكىل تاپقان زور بىر قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئاسىيا تۇپراقلىرىدا ئىسلامنى تارقىتىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مۇستەبىت پادىشاھلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ. نەتىجىدە، توقاق ئوغلى سەلجۇق ھ. 390 / م. 1000 – يىلى ئەتراپىدا يېڭى بىر تۈرك دۆلىتىگە ئۇل سالىدۇ. شۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل كېيىن توقاق ئوغلى سەلجۇقنىڭ بىر نەۋرىسى ئۇ دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي!
سەلجۇقنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن (تەخمىنەن م. 1009 – يىلى) ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ جىھاد يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. قەبىلىنىڭ رەھبەرلىكىگە ئىسرائىل ئىگە بولىدۇ. مىيكائىل بۇتپەرەس پادىشاھلارغا قارشى جىھادتا ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىسرائىلدىن كېيىن سەلجۇقنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىدىن ئىبارەت سەلجۇقىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى مىيكائىلنىڭ ئوغلى ۋە سەركەردە سەلجۇقنىڭ نەۋرىسى بولغان بىر ياشنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغا ئۇيۇشۇشنى قارار قىلىدۇ. بۇ ياش كىچىكىدە بوۋىسى سەلجۇققا ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ ۋە ئاللاھ يولىدىكى جىھادنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆگەنگەنىدى. بۇ ياشنىڭ ئىسمى تۇغرۇلبەگ بولۇپ، تارىختا «سەلجۇقىيلار دۆلىتى» نامى بىلەن تونۇلغان دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. بۇ سەلجۇقىي يىگىت ئۆز قەبىلىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قولغا ئېلىپلا بۇتپەرەس پادىشاھلارغا ۋە پارس ئېلىدىكى بۇۋەيھىي شىئەلىرى ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى زور جىھادىي سەپىرىنى باشلايدۇ. ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پارس ئېلىدىكى كەڭ رايونلارنى ئۆز دۆلىتىگە قوشۇش ئۈچۈن، دۆلىتىنىڭ چېگرالىرىنى كېڭەيتىپ جۇرجان(4)، تەبەرىستان(5) نىڭ باشقا تەرەپلىرى، خارەزم(6)، تەبەس(7)، رەي(8) قاتارلىق جايلارنى تىزگىنلەيدۇ، كېيىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ھەمەدان(9)، ئەزەربەيجان، دىھىستان(10) ھەمدە جىبال(11) نى فەتىھ قىلىدۇ. ئاندىن كېيىنچە، تۈركلەرنىڭ ۋەتىنىگە ئايلانغان ئاناتولىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى فەتىھ قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تۈرك سەلجۇقىي يىگىت ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئىراق چېگرالىرىغىچە سوزۇلغان كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ سۇلتانىغا ئايلىنىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا تۈرك شىئە سەركەردىسى باساسىرىي باغدادتىكى ھاكىمىيەتنى تىزگىنلىۋېلىپ، ئىراق ۋە ئىسلام پايتەختىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن فاتىمىيلار بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، ئابباسىيلار خەلىفەلىكى يىمىرىلىش ئالدىدا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلىفە قائىم بىئەمرىللاھ مۇسۇلمانلارنى ۋە ئىسلام خەلىفەلىكىنى قۇتقۇزىۋېلىشنى ئۆتۈنۈپ سەركەردە تۇغرۇلبەگكە خەت ئەۋەتىدۇ. شۇ چاغدا سەلجۇقنىڭ چوڭ نەۋرىسى، مۇجاھىد سەركەردە تۇغرۇلبەگ زەربىدار بىر قوشۇننى باشلاپ ئابباسىيلارنىڭ پايتەختى باغدادقا ئاتلىنىدۇ. غەلىبە – نۇسرەت ۋە فەتىھ ئېيى بولغان رامازاندا نەچچە ئون يىل مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرگەن، زىندانغا تاشلىغان ۋە ئازابلىغان بۇۋەيھىي شىئەلەرنىڭ مەينىتىدىن ئىراقنى ئازاد قىلىدۇ. ھ. 447 – يىلى رامازاننىڭ 25 – كۈنى، م. 1055 – يىلى 23 – دېكابىر تۈرك قەھرىمانى تۇغرۇلبەگ باغدادقا كىرىدۇ ۋە ئىسلام پايتەختى باغدادقا 113 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن بۇۋەيھىي شىئەلەرنىڭ زۇلمەتلىك دەۋرىگە خاتىمە بېرىدۇ. ئاندىن تۇغرۇلبەگ ئۆزىنى ئابباسىيلار خەلىفەلىكى دۆلىتىنىڭ ھىمايىچىسى ۋە پەيغەمبەر سۈننىتىنىڭ ياردەمچىسى دەپ جاكارلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سەلجۇقىيلار كىرگەندىن كېيىن باغدادتىن قېچىپ كەتكەن خائىن شىئە ۋەزىرى باساسىرىي قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن كاللىسى ئېلىنىدۇ. دېمەك، تۇغرۇلبەگ ئابباسىيلار خەلىفەلىكىنى يىمىرىلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ ۋە ئابباسىيلار خەلىفەسى قائىم بىئەمرىللاھنىڭ ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. نەتىجىدە، ئابباسىيلار خەلىفەسى ئۇنى سۇلتانلىققا تەيىنلەيدۇ ۋە «رۇكنۇددىن (دىننىڭ تۈۋرۈكى)» دېگەن نامنى بېرىدۇ، شۇنداقلا پۇلغا سۇلتان تۇغرۇلبەگنىڭ ئىسمىنىڭ ئويۇلۇشىغا، باغداد ۋە باشقا جايلارنىڭ مەسجىدلىرىدە ۋە خۇتبىدە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ زىكىر قىلىنىشىغا يارلىق چۈشۈرىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باتۇر مۇجاھىد تۇغرۇلبەگ بۇۋەيھىيلەر تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىنىغا ئۇزاق يىللار بولغان ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە پەيغەمبەر سۈننىتىنى ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تۇغرۇلبەگ يەنە باغداد مەسجىدلىرىنىڭ ئىشىكلىرى ئۈستىدىن شىئەلەر ساھابەلەرنى تىللاش ئۈچۈن ئويغان نەقىشلەرنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىراقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئادالەتنى ۋە توغرا ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى تارقىتىدۇ. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلار سۇلتان تۇغرۇلبەگنى تولىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. كىشىلەر ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ھەق دىنىغا توپ – توپ بولۇپ قايتىدۇ. سۇلتان تۇغرۇلبەگ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىسلام خەلىفەلىكىنىڭ ئىشلىرىنى سەككىز يىلغا يېقىن ئىدارە قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئابباسىيلار خەلىفەلىكىنىڭ ھەقىقىي ھاكىمى تۇغرۇلبەگ بولغانىدى. بۇ كاتتا تۈرك مۇجاھىد ھ. 455 – يىلى رامازاننىڭ 8 – كۈنى م. 1063 – يىلى 4 – سىنتەبىر، جۈمە كېچىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ 70 ياشتا ئىدى. ئۇ ئۆمرىنى ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە پەيغەمبەر سۈننىتىگە ياردەم بېرىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈزلەڭلىكلىرىدىن تارتىپ شام ئەللىرىگىچە سوزۇلغان، سەلجۇقىيلار دۆلىتى نامىدىكى بىپايان بىر دۆلەتنى قالدۇرغان ئىدى. زېمىننىڭ شەرقى ۋە غەربىدە مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلىدى، ئۇنىڭغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلدى. ئاتا – ئانىلار بەزىلەر بۇنىڭدىن ئازراق يىللار بۇرۇن ئۆچۈشكە ئاز قالدى دەپ قارىغان ئىسلام مەشئىلىنىڭ دۇنيا قاراڭغۇلۇقىنى قايتىدىن يورۇتۇشى ئۈچۈن، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ شان – شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بۇ بۈيۈك سەلجۇقىي قومانداننىڭ قىسسەسىنى بالىلىرىغا سۆزلەپ بەرمەكتە ئىدى.
تۇغرۇلبەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن باتۇر سەلجۇقىيلار بىردەك 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ياشنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى. بۇ ياش تۇغرۇلبەگنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ئىدى. بۇ ياشنىڭ ئىسمى توقاق ئوغلى سەلجۇق ئوغلى مىيكائىل ئوغلى داۋۇد چاغرىبەگ ئوغلى مۇھەممەد ئىدى. بۇ سەلجۇقىي ياش تۈركچە مەنىسى باتۇر ئارسلان دېگەن بىر نام بىلەن داڭق قازانغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ بۈيۈك ئىسلام قەھرىمانى، تارىختىكى مالازگىرت ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى، ئىسلامنىڭ باتۇر ئارسلانى ئالپ ئارسلاندۇر.
سىز مالازگىرت توغرۇلۇق نېمىلەرنى بىلىسىز؟
قوماندان ئالپ ئارسلان سەلجۇقىيلار سەلتەنىتىگە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن ماۋارائۇننەھر ئەللىرى(12) بىلەن بىرگە خۇراسان(13) ئەللىرىگىمۇ ۋالىي بولغان ئىدى. بەزىلەر 30 ياشلىق بۇ يىگىتنى سەلجۇقىيلار دۆلىتىدەك ئەتراپلىرى بىپايان، كەڭ بىر دۆلەتنى ھەرگىزمۇ تىزگىنلىيەلمەيدۇ دەپ قارىغانلىقتىن، ئالپ ئارسلان سەلجۇقىيلار ھاكىمىيىتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغىلا توپىلاڭ ۋە فىتنەلەر تارقالدى. لېكىن، ئالپ ئارسلان ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلىپىدىلا يولۇققان بارلىق ئىسيانچىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئالپ ئارسلان تاغىسى تۇغرۇلبەگكە ئوخشاش باتۇر ۋە ماھىر سەركەردە ئىدى. ئۇ يېڭى رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ ئۆز دۆلىتىگە قوشۇش ئارزۇسىدىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى ئەللەردە ھاكىمىيىتىنىڭ ئەركانلىرىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساس قىلغان دانا بىر سىياسەت قوللاندى. ھەرقانداق بىر تاشقى ئىشلارنى قىلىشتىن ئىلگىرى، يەتتە يىل بىپايان دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇردى. ئۇ ئەلنى تىنچىتىپ، ئۆزىگە تەۋە رايون ۋە شەھەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تىزگىنىگە تولۇق ئۆتكەنلىكىگە كۆڭلى تىنغاندىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسىنى سۈننىي ئابباسىيلار خەلىفەلىكى بايرىقى ئاستىغا بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن شىئە باتىنىييە پىرقىسىگە مەنسۇپ فاتىمىيلار دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھۇجۇم باشلىدى. ئالدى بىلەن شامنىڭ شىمالىغا ھۇجۇم قوزغىدى ۋە ھەلەبتىكى مىرداسىيە دۆلىتى (ھ. 414 – 472 / م. 1032 – 1079) نى مۇھاسىرىگە ئالدى. بۇ دۆلەتنى ھ. 414 / م. 1032 – يىلى شىئە مەزھەبىدىكى سالىھ ئىبنى مىرداس قۇرغان بولۇپ، ئالپ ئارسلان ئۇ دۆلەتنىڭ ئەمىرى رەشىدۇددەۋلە مەھمۇد ئىبنى نەسر ئىبنى سالىھ ئىبنى مىرداسنى فاتىمىي شىئە خەلىفەسى نامىغا خۇتبە ئوقۇش ئورنىغا ئابباسىيلار خەلىفەسى نامىغا خۇتبە ئوقۇشقا (ھ. 463 / م. 1070) مەجبۇر قىلدى (يەنى ئابباسىيلار خەلىفەلىكىگە تەۋە قىلدى). ئالپ ئارسلان يەنە دەمەشق، جۇبەيل(14)، تىبەرىييە، رەملە ۋە قۇدۇس(15) قاتارلىق جايلارنى ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئۇ يەرلەرنى بېسىپ كېلىۋاتقان فاتىمىي شىئەلىرىدىن تازىلىدى. فاتىمىي شىئەلىرىنىڭ سۇلتانى قۇدۇسقا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن جەرياندا، ھ. 399 / م. 1009 – يىلى خىرىستىيانلارنىڭ قۇدۇستىكى مۇقەددەس قىيامەت چېركاۋىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى. ۋەھالەنكى، خىرىستىيانلار ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ سۈننىي مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن ئىدى. قىيامەت چېركاۋىنىڭ ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان رۇم پاپالىرى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كېيىنچە، يۈز بەرگەن ئەھلىسەلىب ئۇرۇشلىرىغا چاقىرىق قىلغان ئىدى.
باتۇر تۈرك قوماندان ئالپ ئارسلاننىڭ دەۋرىدە ھىجازدىكى مۇقەددەس جايلار سۈننىي ئابباسىيلار دۆلىتى قوينىغا قايتىپ كەلدى. مەككە ۋە مەدىنەدە ئىلگىرى شىئە فاتمىيلار سۇلتانىغا خۇتبە ئوقۇلغان بولسا، ئەمدى ئابباسىيلار خەلىفەسى قائىم بىئەمرىللاھ ۋە سۇلتان ئالپ ئارسلان نامىغا خۇتبە ئوقۇلدى. ھەم مەككە ۋە مەدىنەدە «ھەييە ئەلەل ئەمەل» دەپ ئەزان توۋلاش تۈگىتىلدى.
ئالپ ئارسلان دۇنيانىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىشقا خۇشتار ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دەۋىتىنىڭ مەزلۇم خەلقلەرگە يېتىپ بېرىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان رۇم پادىشاھلىرىغا قارشى جەڭ قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا، بۇ بۈيۈك ئىسلام سەركەردىسى بىرقانچە جەڭلەردە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى قوشۇنلىرىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. ھ. 459 / م. 1067 – يىلى ئەرمەنىيە ۋە قەيسەرىيەنى ئىسلام دۆلىتىگە قوشتى. ئۇزۇن يىللار بويى مەغلۇبىيەت ۋە چېكىنىشكە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار رۇم ئەللىرىنى يېڭىدىن فەتىھ قىلىۋاتاتتى. شۇ چاغدا رۇملۇقلار ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 400 يىل بۇرۇن رۇم ئىمپېرىيەسىنى خارلىققا مۇپتىلا قىلغان ئىلگىرىكى ساھابەلەرنىڭ خىلىدىن بولغان بىر قومانداننىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ م. 395 – يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى نەچچە يۈز يىل داۋاملاشقان ئىمپېرىيەسىنىڭ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتى. ۋىزانتىيە (شەرقىي رۇم) ئايال ئىمپېراتورى ئىيۇدوكىيا ماكرىمبولىتىسسا (م. 1021 – 1096) مۇسۇلمانلارغا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن مەشھۇر بولغان ۋىزانتىيە قوماندانلىرى ئىچىدىكى چوڭ بىر ھەربىي قوماندانغا ياتلىق بولدى. بۇ ۋىزانتىيە قوماندانىنىڭ ئىسمى رومانۇس دىئوگېنېس Romanos IV Diogenes (م. 1030 – 1072) بولۇپ، رۇمغا ئېمپېراتور بولۇپ (م. 1068 – 1072) تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىسمى رومانۇس IV ىگە ئۆزگەرگەن. بۇ ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى كونىستانتىنوپول (ئىستانبۇل) دا ھوقۇقنى قولغا ئېلىپلا، م. 1069 – يىلى دەرھال ئالپ ئارسلان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزدى. ئالپ ئارسلان ئۆزىنىڭ سىياسىي تەجرىبىسى ئارقىلىق، بۇ كېلىشىم شىئەلەر بىلەن ئەھلىسەلىب ئارىسىدا كۈچنى پارچىلىۋەتكەننىڭ ئورنىغا، پۈتۈن كۈچنى ئىسلامنىڭ بېقىنىغا خەنجەر بولۇپ سانجىلىۋاتقان شىئە فاتىمىيلار دۆلىتىنى يوقىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ دەپ قارىغان ئىدى. م. 1071 – يىلى ئىمپېراتور رومانۇس IV كېلىشىمنى يېڭىلاشنى تەلەپ قىلىپ ئالپ ئارسلانغا ئەلچى ئەۋەتتى. ئالپ ئارسلان كېلىشىمنى يېڭىلاشقا قوشۇلدى. لېكىن، بۇ كېلىشىم ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى تۈزگەن خەتەرلىك پىلاننىڭ بىر قىسمى ئىدى. بۇ ئىمپېراتور ئەمەلىيەتتە، ئالپ ئارسلاننىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىماقچى ئىدى. ھالبۇكى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ۋىزانتىيەلىكلەر ئۆز تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ زور قوشۇننى تۈزۈش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىنىڭ تۈزگەن ئىستىراتېگىيىلىك پىلانى ناھايىتى خەتەرلىك بىر پىلان بولۇپ، ئىلگىرى رۇم ئىمپېراتورلىرىدىن ھېچكىم ئۇنداق بىر پىلاننى تۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى. بۇ پىلان بولسىمۇ ئىلگىرى تاتتۇرۇپ قويغان بىرەر شەھەرنى قايتۇرۇۋېلىش ياكى مۇسۇلمانلار قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيتتى. رومانۇس IV ىنىڭ تۈزگەن ئىستىراتېگىيىلىك پىلانى بولسا غايەت زور قوشۇنلىرى بىلەن ئىسلامنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش، ئىسلام خەلىفەلىكىنىڭ پايتەختى باغدادقىچە بېسىپ بېرىپ ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش ئىدى. خىيانەتكار ۋىزانتىيە ئېمپېراتور رومانۇس IV تېخى نەچچە كۈن بۇرۇنلا تۈزگەن كېلىشىمنى بۇزدى. ھەرخىل ئىرق، ھەر خىل مەزھەبلەرگە تەۋە، دۇنيانىڭ ھەر خىل جايلىرىدىن كەلگەن غايەت زور خىرىستىيان قوشۇنلىرى ئىتتىپاقىغا ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلدى. بۇ قوشۇنلارنىڭ تەركىبىدە: شەرقىي رۇملىقلار (ئۇلار كۆپ خەلقلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇھىمراقى يۇنان خەلقلىرى)، فرانكلار (ھازىرقى فرانسىيە ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا خەلقلىرى)، ئىنگلىزلار (بېرىتانىيە ئارىلىدىن)، رۇسلار (ياۋروپانىڭ شەرقىدىكى سلاۋىيان خەلقلىرى)، بوشناقلار (بوسنىيەلىكلەر بولۇپ، ئۇلار ئۇ چاغدا خىرىستىيان ئىدى)، گرۇزىن (ھازىرقى گرۇزىيەلىكلەر)، نورمانلار (ئىسكەندىناۋىيە خەلقلىرى بولۇپ شىۋىتسىيە، نورۋېگىيە ۋە دانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تۈركلەر (شەرقىي نېستورىي خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر قىسىم تۈرك قەبىلىلىرى)، ئۇنىڭدىن سىرت بۇلغار ياللانما قىسمى (ھازىرقى بۇلغارىيەدىن) ۋە ئەرمەن قىسىملىرى قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇ قىسىملارغا نۇرغۇن ۋارياغ قاراۋۇللىرى باشچىلىق قىلاتتى (بۇلار مەخسۇس رۇم ئىمپېراتورلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى قىلىدىغان سەرخىل كۈچلەر ئىدى). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قوشۇننىڭ ئالدىدا يوغان كرىستلارنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان نەچچە مىڭ پوپلار، ئۇلارنىڭ كەينىدە ياۋروپانىڭ ھەر جايلىرىدىن ئىسلامنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن كەلگەن نەچچە مىڭ كىشىلىك خىرىستىيان ياللانما ئەسكەرلەر بار ئىدى. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بۇ خىرىستىيان ئىتتىپاقى بىر – بىرىنى كافىرغا چىقىرىدىغان بىرنەچچە خىرىستىيان مەزھەبلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىدى. مەسىلەن، ۋىزانتىيە، رۇس ۋە شەرقىي ياۋروپانىڭ مەزھەبى پراۋۇسلاۋىيە ئىدى. فرانك ۋە ئوتتۇرا غەربىي ياۋروپانىڭ مەزھەبى كاتولىك ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ۋە خىرىستىيان تۈركمەنلەرنىڭ مەزھەبى شەرقىي نېستورىيان ئىدى. ۋىزانتىيەلىكلەر بۇ غايەت زور قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا شۇ ۋاقىتتا ھەربىيلىكتە كامالەتكە يەتكەن ئەڭ كاتتا قوماندانلارنى تاللىدى. ئوڭ قانات قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا قوماندان تېئودور ئالياتىس، سول قانات قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا قوماندان نىكفۇر برىينىيۇس، ئاخىرقى سەپ قوشۇنغا ئاندرونىيكوس دوكاس قوماندانلىققا تەيىنلەندى. ئوتتۇرا سەپ قوشۇن بولسا ئىمپېراتور رومانۇس IV ىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا بولدى.
بۇ ھاكاۋۇر ئىمپېراتورنىڭ غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىسى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ھەتتا ئۇ جەڭ باشلىنىشتىن بۇرۇنلا مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز ئەمىرلىرىگە بۆلۈپ بولغان ئىدى. بۇ قوشۇن ئۆزلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيگەنىدى.
بۈيۈك ئىسلام تارىخچىسى ئىبنۇلئەسىر بۇ قوشۇننى سۈپەتلەپ: «ئۇلار ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ناھايىتى ياسىداق ھالدا كەلگەن» دەيدۇ(16).
ئىبنۇلئەسىر بۇ قوشۇننىڭ سانىنى 200 مىڭ دەپ بايان قىلسا، باشقا ئىسلام تارىخچىلىرى بۇ زور ئەھلىسەلىب قوشۇنىنىڭ سانىنى 300 مىڭ ئەتراپىدا مۆلچەرلەيدۇ(17) ۋە تەركىۋىنىڭ تۈرلۈك ئىرقلاردىن تەشكىل قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئىمام ئىبنۇلجەۋزىي ۋە ئىمام ئىبنى كەسىرلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇنداق بايانلار بار:
«بۇ قوشۇن رۇملىقلار، گرۇزىيەلىكلەر، فرانكلار ۋە رۇسلاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 35 مىڭ ئېپىسكوپ، ئېپىسكوپلار بىلەن 200 مىڭ چەۋەنداز بىللە ئىدى. ئۇلاردىن باشقا يەنە 35 مىڭ فرانكمۇ بار ئىدى. تۈركلەرنىڭ بىر ئىرقى بولغان ئوغۇزلاردىن بولسا 15 مىڭ كىشى بار ئىدى. بۇلاردىن سىرت، 100 مىڭ ئويمىكار ۋە نەققاش قاتارلىق ھۆنەرۋەنلەر بار ئىدى. لازىمەتلىكلەر ۋە مىخلار بېسىلغان 400 ھارۋا، قورال – ياراغ، ئىگەر ۋە مەنچاناقلار بېسىلغان ئىككى مىڭ ھارۋا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 1200 كىشى ئىشلىتىدىغان شۇ دەۋردىكى ئەڭ چوڭ بىر مەنچاناقمۇ بار ئىدى. ئاللاھ رومانۇسقا لەنەت قىلسۇنكى، مەقسىتى ئىسلام ۋە ئىسلام ئەھلىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئىدى. ئۇ ھەتتا باغدادقىچە بولغان زېمىنلارنى قوشۇن قوماندانلىرىغا بۆلۈپ بولغان ئىدى»(18).
ئىسلام تەرەپتە بولسا…
سۇلتان ئالپ ئارسلان رۇملىقلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن رۇملۇقلارنىڭ يامانلىقىدىن خاتىرجەم بولدۇم دەپ قارىغانىدى. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىدەك زور بىر ئىمپېرىيەنىڭ ئىمپېراتورى بولغان كىشىنىڭ ئۆزىگە يالغان سۆزلىشىنى، ئۆزى تۈزگەن ئەھدىنامەگە خىيانەت قىلىشىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ رۇم ۋە فاتىمىي شىئەلىرى بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن، زور قوشۇنلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، يېنىدا پەقەتلا يېقىن تۈرك چەۋەندازلىرى قالغان ئىدى. قوماندان ئالپ ئارسلان رۇمنىڭ ئەھدىگە خىيانەت قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپلا چاقماق سوققاندەك بىھۇش بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېنىدا نەق بار 15 مىڭ ئەتراپىدىكى ناھايىتى ئاز ئەسكەرلەرنى تەييارلىدى. يەنى ھەربىر مۇسۇلمان ئەسكەر خىرىستىيان ئىتتىپاقداش قىسىملىرىدىن 13 دىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشى كېرەك ئىدى. ئالپ ئارسلان دەم ئېلىشتىكى ئەسكەرلەرنى مۇسۇلمان قوشۇننىڭ سەپلىرىگە چاقىرىشنى ئويلاپمۇ باقتى، لېكىن بۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى، ئۇنداق بولغاندا رۇملۇقلار ئاللىقاچان باغدادنى ۋەيران قىلىپ بولاتتى. شۇڭا، ئۇ «قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، تاجاۋۇزچىلارنى توسۇش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش»تىن ئىبارەت كەسكىن قارارغا كەلدى.
ۋىزانتىيەلىكلەر بۇ ئەسنادا ئىتتىپاقداش قوشۇنلار بىلەن ئىپمپېرىيەنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولدىكى توپلاشقان ئورۇندىن ئاتلىنىپ، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن تېزلىكتە ئاناتولىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى كېسىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇلار مېڭىپ، مالازگىرت دېيىلىدىغان كىچىك بىر شەھەرگە كېلىپ قالغانىدى. مالازگىرت ھازىرقى تۈركىيەنىڭ شەرقىگە، ۋان كۆلىنىڭ شىمالىغا، مۇراد دەرياسى بويىغا جايلاشقان كىچىك بىر شەھەردۇر. قوماندان ئالپ ئارسلاننىڭ بارگاھى شۇ شەھەرگە يېقىن ئىدى. ئەھلىسەلىب ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئون مىڭ كىشىلىك رۇس باتالىيونى ئۇشتۇمتۇت ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە، ئالپ ئارسلاننىڭ قوماندانلىقى بىلەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى بۇ قىسىمنى پۈتۈنلەي تارمار قىلدى ۋە ئۇنىڭ رۇس قوماندانىنى ئەسىرگە ئالدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ بۈيۈك زەپەر قابىل قوماندان ئالپ ئارسلاننىڭ غايەت زور دۈشمەن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۆزىنىڭ كىچىك قوشۇنى ئارقىلىق ئۇلار بىلەن سوقۇشۇش ئىستىكىنى قوزغىيالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالپ ئارسلان بىرنەچچە ئاي بۇرۇن تۈزگەن تىنچلىق كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىمپېراتور رومانۇسقا بىر ئەلچى ئەۋەتتى. بىراق، مەغرۇرلانغان ئىمپېراتور رومانۇس تۈزۈشكەن كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلدى ۋە ناھايىتى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن: «رەي شەھرىگە بارمىغۇچە سۈلھ يوق» دېدى. رەي شەھرى بولسا سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى.
ئالپ ئارسلانغا ئىمپېراتورنىڭ جاۋابى كەلگەندە…
ئىسلام كۈرەشچى قىسىملىرىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى ئالپ ئارسلان بارگاھىغا باردى – دە، دۇبۇلغا – ساۋۇتلىرىنى كىيدى ۋە قوشۇننى توپلىنىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قىلىچىنى شۇنداق ئېگىز كۆتۈردىكى، گويا قىلىچنىڭ ئۇچى بۇ ئىسلام قوماندانىنىڭ قولىدا كۆتۈرۈلگەن بىر پارچە چاقماق كەبى كۆكتە چاقناپ كەتكەن ئىدى. باتۇر ئالپ ئارسلان ئۆز ئەسكەرلىرىگە قاراپ خۇددى ئارسلاننىڭ ھۆركىرەشلىرىگە ئوخشاش ئاۋازى بىلەن: «ئالپلار! ئاللاھ چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك بىر ئىشنى ئىشقا ئاشۇرغانغا قەدەر مەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا بەل باغلىدىم. ئاراڭلاردىن كىمكى قايتىپ كېتىشنى خاھلىسا كېتىۋەرسۇن، بۈگۈن بۇ يەردە بۇيرۇيدىغان ياكى توسىدىغان ھېچبىر سۇلتان يوق!» دېدى.
ئۆزلىرىنىڭ جەسۇر قوماندانىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان 15 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئېغىزىدىن تەڭلا مۇنداق بىر سادا كۆككە كۆتۈرۈلدى: «ھەممىمىز سەن بىلەن بىرگە! ھەممىمىز سەن بىلەن بىرگە! ھەممىمىز سەن بىلەن بىرگە!»
شۇئاندا ئىسلامنىڭ بۇ ئۇلۇغ قوماندانى ئۆزىنىڭ باتۇر ئەسكەرلىرىگە قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىپتىخارلىق كۆز ياشلىرى تاراملاۋاتاتتى. ئۇستازى ۋە يېتەكچىسى ھەنەفىي فەقىھ ئەبۇ نەسر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئەلبۇخارىي ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ قارىدى – دە، قولىنى شاگىرتىنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ تۇرۇپ، ئىشەنچ بىلەن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:«ئوغلۇم! سەن ھەقىقەتەن شۇنداق بىر دىن ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىسەنكى، ئاللاھ تائالا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ۋە بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. مەن ئاللاھنىڭ بۇ شانلىق غەلبىگە سېنىڭ ئىسمىڭنى يازغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سەن ئۇلار بىلەن جۈمە كۈنى كۈن قايرىلغاندىن كېيىن خاتىبلار مۇنبەر ئۈستىدە بولىدىغان ۋاقىتتا ئۇچراشقىن. چۈنكى، شۇ ۋاقىتتا خاتىبلار مۇجاھىدلار ئۈچۈن ئاللاھتىن نۇسرەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. ئۇنداق دۇئا ئىجابەت بولۇشقا يېقىندۇر»(19).
ھەقىقەت ۋاقتى كەلدى…
ھ. 463، 27 – زۇلقەئدە / م. 1071، 26 – ئاۋغۇست جۈمە ئەتىگەندە سۇلتان ئالپ ئارسلان غۇسۇل تاھارەت ئالدى، ئاندىن خۇش پۇراق ئىشلەتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ لىباسىغا ئەجەبلىنىپ قارايتتى. ئاندىن كېيىن ئۇلارغا ئەبۇ نەسر بۇخارىي جۈمە نامىزى ئوقۇپ بەردى ۋە ئاللاھتىن مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت تىلىدى. سۇلتان بولسا ئامىن دەپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۇلتانىنىڭ يىغىسىغا قوشۇلۇپ تەڭ يىغلاپ ئامىن دەۋاتاتتى. نامازدىن كېيىن ئۈستىگە ئاق لىباس كىيگەن قوماندان ئالپ ئارسلان ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى:«ئالپلىرىم! مەن ھەقىقەتەن ساۋاب ئىزدەپ سەۋرچانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىمەن. سالامەت قالسام، بۇ ئاللاھنىڭ نېئمىتىدۇر. ئەگەر شەھىد بولسام، بۇ(20) مېنىڭ كېپىنىمدۇر!»(21).
ئەسكەرلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار قويۇلدى، ھۆڭرەپ يىغلىغانلىقتىن ئاۋازلىرى كۆككە يەتكەن ئىدى. بىر پەستىن كېيىن ئالپ ئارسلان ئۇلاردىن تىنچلىنىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق ۋەسىيەت قىلدى: «ئالپلار! ئەگەر مەن يىقىلار بولسام، شۇ يىقىلغان يەر مېنىڭ قەبرەم بولسۇن، مەندىن كېيىنمۇ يولۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، ئوغلۇم (مەلىكشاھ) نىڭ قوماندانلىقىدا داۋاملىق ئۇرۇش قىلىڭلار».
ئاندىن كېيىن سۇلتان ئالپ ئارسلان جەڭگە تەييارلاندى. ئۆزىنىڭ يا ۋە ئوقلىرىنى تاشلىۋېتىپ قولىغا پەقەت قىلىچنىلا ئالدى. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۈشمەن بىلەن يۈزمۇيۈز ئېلىشىشنى قارار قىلغانلىقىغا ئىشارە قىلماقتا ئىدى. قوماندانىنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈپ تۇرغان ئەسكەرلەرمۇ بىرلىكتە كامان ۋە ئوقلىرىنى تاشلىۋېتىپ قوللىرىغا پەقەت قىلىچلا ئالدى. ئاندىن ئالپ ئارسلان ئېتىغا مىندى – دە، ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئارقىغا چېكىنمەسلىكنى نىيەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۆز قولى بىلەن ئېتىنىڭ قۇيرۇقىنى چېگىپ قويدى. ئەسكەرلەر ئۆز قوماندانىنىڭ چىن ئىرادىسى ۋە قەتئىيلىكىنى كۆرۈپ ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىشتى ھەمدە شەھىدلىكنى ۋە جەننەتتە جەم بولۇشنى نىيەت قىلىپ بىر – بىرى بىلەن قۇچاقلاشتى.
ئىككى قوشۇن جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىشتىن بىرئاز ئىلگىرى ئەسكەرلەر توساتتىن ئالپ ئارسلاننىڭ ئېتىدىن چۈشۈپ يۈزىنى توپىغا مىلەپ تۇرۇپ، ئاللاھقا سەجدە قىلغان ھالدا، ئاللاھنىڭ ئىسلام دىنىغا نۇسرەت ئاتا قىلىشىنى تىلەپ يىغلاشلىرىغا شاھىت بولۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تېزلا ئېتىنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقتى – دە، سەپنىڭ ئالدىغا كېلىپ تاجاۋۇزچىلار ئىتتىپاقىنىڭ قارشىسىدا تۇردى. دۈشمەنلەر بولسا ئالدى سەپ قوشۇنغا نەچچە مىڭ پوپنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار يوغان كىرىستلارنى كۆتۈرۈۋالغان ۋە شۇ ۋاقىتتىكى يەر يۈزىدىكى ئەڭ چوڭ مەنچاناقنى سۆرىۋالغان ئىدى. تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى خۇددى سان – ساناقسىز چېكەتكىلەردەك مۇسۇلمانلار قوشۇنى تەرەپكە قاراپ ئاتلاندى. ۋەھالەنكى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئالپ ئارسلان قوماندانلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنى ئۈن – تىنسىز مىدىرلىماي تۇراتتى. بەھەيۋەت ۋە سۈرلۈك رۇم قوشۇنلىرى ئىسلام قوشۇنى تەرەپكە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكەتلەنمەي تۇرغانلىقىدىن ھەيران قالغان بىر مۇسۇلمان ئەسكەر سۇلتان ئالپ ئارسلانغا:
— ئەي سۇلتان! دۈشمەن قوشۇنى بىزگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ، — دەپ توۋلىدى. ۋەھالەنكى، بۇ قورقۇنچلۇق مەنزىرىدىن سۇلتاننىڭ چېكىسىدىن تەرلەر ئېقىپ تۇراتتى. شۇئان ئىسلامنىڭ باتۇر ئارسلانى ئالپ ئارسلان خۇددى ئولجىغا ئېتىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئارسلان كەبى ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويدى – دە، زور ئىشەنچ بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
— يوقسۇ! ئۇلارغا بىز يېقىنلاشتۇق، — دېدى.
دۈشمەنلەر ئىسلام قوشۇنى بىلەن تۇتۇشۇشقا ئاز قالغان شۇ دەقىقىدە، ئىسلام ئۇرۇشچى قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى ئالپ ئارسلان مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئوڭ قانات قوماندانىغا بۇرۇلۇپ قارىدى – دە، قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ توۋلىدى. ئوڭ قانات قوشۇننىڭ قوماندانى بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. بۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي بەلگىدەك قىلاتتى. ئاندىن قوماندان ئالپ ئارسلان مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ سول قانات قوماندانى تەرەپكە بۇرۇلۇپ قارىدى – دە، قولىنى كۆتۈرگەنچە «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ توۋلىدى. سول قانات قوشۇننىڭ قوماندانى بۇ مەخپىي بەلگىنى ئالغاندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئاندىن كېيىن ئىسلامنىڭ باتۇر ئارسلانى ئالپ ئارسلان ئېتىنى قوشۇننىڭ ئوتتۇرا سەپ تەرىپىگە بۇرىدى – دە، تولىمۇ سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخارلىق ئىلكىدە ئاللاھنىڭ مۇجاھىد ئەسكەرلىرىگە قارىدى. ئاندىن قولىنى ئېگىز كۆتۈردى – دە، شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرىگە ئوخشايدىغان يۇقىرى ئاۋازى بىلەن «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ توۋلاپ مالازگىرت ئاسمىنىنى لەرزىگە كەلتۈردى. ئۇ بۇ تەكبىرى بىلەن مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىستىقبال ئۇرۇشى، مەۋجۇدلۇق ئۇرۇشى ۋە ئىسلام ئۇرۇشى ھېسابلىنىدىغان ئۇنتۇلماس مالازگىرت ئۇرۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىماقتا ئىدى. قوماندان ئالپ ئارسلاننىڭ ئۈچىنچى تەكبىرىدىن كېيىنلا، ئەھلىسەلىب ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىغا چېكىنىۋاتقان ئوتتۇرا سەپ قوشۇنى بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچراشتى. دەل بۇ ۋاقىتتا ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئوڭ قانات ۋە سول قاناتلىرى چاقماق تېزلىكىدە، بەھەيۋەت ۋىزانتىيە قوشۇنلىرىنى ئىككى ياندىن قورشاۋغا ئالغان ئىدى. نەتىجىدە، رۇم ئەسكەرلىرى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بۇ تاكتىكىدىن زەربە يېدى. ئىسلام قوماندانى ئالپ ئارسلان تۈزگەن بۇ تاكتىكا بۇندىن بۇرۇنقى ئىنسانىيەت تارىخىدا پەقەت ئىككى قېتىملا قوللىنىلغان تاكتىكا ئىدى. بۇ تاكتىكا «قىسماق تاكتىكىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، باتۇر تۈرك قوماندانى ئالپ ئارسلان ئىنسانىيەت تارىخىدا بۇ خەتەرلىك تاكتىكىنى قوللانغان ئۈچىنچى شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قىسماق تاكتىكىسى بىز يۇقىرىدا قوماندان خالىد ئىبنى ۋەلىد توغرۇلۇق سۆزلىگىنىمىزدە ئىزاھلىغىنىمىزدەك، بىر ھەربىي رەڭۋازلىق بولۇپ، ھۇجۇمچى قوشۇن يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە مۇداپىئەچى قوشۇننىڭ ئوتتۇرا قىسمى رەتلىك ھالدا ئارقىغا چېكىنىپ بېرىدۇ – دە، مۇداپىئەچى قوشۇننىڭ ئىككى قانىتى ھۇجۇمچىلارنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئاندىن ھۇجۇمچىلار مۇداپىئەچى قوشۇننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، مۇداپىئەچى تەرەپ ھۇجۇمچى تەرەپنىڭ ئىككى قانىتىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 6 – ئەسىردە ئۆزىنىڭ «ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» ناملىق مەشھۇر كىتابىدا بۇ ھەربىي تاكتىكىنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئالغان چىنلىق ھەربىي قوماندان سۈنزى ئۆزىمۇ بۇ خەتەرلىك تاكتىكىنى قوللانماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. چۈنكى، مۇداپىئەچى قوشۇننىڭ ئىككى قانىتى ھۇجۇمچىلارنى قورشاپ بولۇشتىن بۇرۇن، ھۇجۇمچى قوشۇن مۇداپىئەچى قوشۇننىڭ ئوتتۇرا سېپىنى ۋەيران قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئىنسانىيەت تارىخىدا قىسماق تاكتىكىسىنى قوللىنىپ پەقەت ئالتە ھەربىي قوماندان ئۇتۇق قازىنالىغان. ئۇلارنىڭ ئۈچى مۇسۇلماندۇر. مۇسۇلمان ئەمەسلىرىگە كەلسەك، ئۇلار تارىخ تەرتىپى بويىچە: ھاننىبال كارتاجى (م. ب 297 – م. ب 183) مىلادىدىن بۇرۇنقى 216 – يىلى كانناي ئۇرۇشىدا، شىۋىتسىيە گېنېرالى كارل گۇستاف رېينخۇلد م. 1706 – يىلىدىكى فىراۋستاد ئۇرۇشىدا، ئامېرىكىلىق دانىيل مۇرگان م. 1781 – يىلىدىكى ئامېرىكا ئازادلىقى ئۇرۇشلىرى مەزگىلىدە جەنۇبىي كارولىنادا كوبانى ئۇرۇشىدا قوللانغان. بۇ تاكتىكىنى قوللىنىپ ئۇتۇق قازانغان ئۈچ مۇسۇلمان قومانداننىڭ بىرىنچىسى بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەسى، مۇسۇلمان ئەرەب قوماندانى خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، پارسلارغا قارشى ۋەلەجە ئۇرۇشى (ھ. 12 / م. 633) دا قوللانغان. قالغان ئىككىسى تۈرك قوماندانلار بولۇپ، بىرى، ئالپ ئارسلان مالازگىرت ئۇرۇشىدا قوللانغان. يەنە بىرى، سۇلايمان قانۇنىي مۇھاچ ئۇرۇشىدا قوللانغان. قوماندان ئالپ ئارسلان بۇ تاكتىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ھىلال تاكتىكىسى»غا ئايلاندۇرغان ئىدى.
ئۇنتۇلغۇسىز مالازگىرت ئۇرۇشى باشلىنىپ ئاز ۋاقىت ئۆتمەيلا، ئىسلامنىڭ باتۇر چەۋەندازلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئارسلانى ئالپ ئارسلاننىڭ قوماندانلىقى بىلەن دۈشمەن كۈچلەرنى گۇمران قىلدى. شۇ چاغقا قەدەر ياۋروپا تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقداش قوشۇننىڭ ئەسكەرلىرى جەسەتلەر، يارىدارلار ۋە قاچاقلار ئارىسىدا قالدى. ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئىككى قانىتى ئەھلىسەلىب قوشۇنىنى پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئالغاندىن كېيىن، ئالپ ئارسلان قىسماق تاكتىكىسى ئارقىلىق ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى قوشۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، ياۋروپا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ ئىمپېراتورىنى قولغا چۈشۈردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ تاكى شۇ كۈنگىچە ئىسلام – رۇم ئۇرۇشى تارىخىدا مۇسۇلمانلار تۇنجى قېتىم رۇم ئىمپېراتورىنى ئەسىرگە ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. مۇسۇلمان يىگىتلەردىن بىرى ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ زەبەردەست سۇلتانى ئالدىغا ھەيدەپ ئەكىلىپ يەرگە يىقىتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ سۇلتانى ئالپ ئارسلان تىنچلىق كېلىشىمىنى بۇزۇپ، ئىسلام دىنىنى گۇمران قىلماقچى بولغان بۇ خىيانەتكار ۋە ھاكاۋۇر ئىمپېراتورغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئۈچ قېتىم ئۇردى. ئاندىن بۇ خىرىستىيان خىيانەتكارنىڭ بېشىغا دەسسىدى. ئىسلامنىڭ باتۇر ئارسلانى ئۆز پۇتى بىلەن رۇم ئىمپېراتورى رومانۇس IV ىنىڭ بېشىغا دەسسىدى ۋە ئۇنى يەرنى سۆيۈشكە بۇيرۇدى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ بېشى بولسا ئالپ ئارسلاننىڭ ئايىغى ئاستىدا ئىدى. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورى مۇسۇلمانلارنىڭ سۇلتانى بۇيرۇغاندەك قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالپ ئارسلان رۇم ئىمپېراتورىنىڭ بېشىدىن پۇتىنى كۆتۈردى – دە، ئۇنىڭدىن سورىدى:
— مۇبادا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئەسىر بولۇپ قالغان بولسام قانداق قىلاتتىڭ؟
رومانۇس:
— ئەسكىلىكنىڭ ھەممىسىنى قىلغان بولاتتىم. سېنى يا ئۆلتۈرگەن بولاتتىم ياكى كونىستانتىنوپولنىڭ كوچىلىرىدا سازايى قىلاتتىم.
ئالپ ئارسلان:
— مېنى ساڭا قانداق قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟
رومانۇس:
— يا ئۆلتۈرىۋىتىسەن، ياكى شام دىيارى كوچىلىرىدا سازايى قىلىسەن. يەنە بىرى ناتايىن، ئۇ بولسىمۇ، مەن سېنىڭ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىدىكى پۇتۇڭ بولۇشقا ۋە رۇمدىكى نائىبىڭ بولۇشقا ئەھدە بەرسەم، سەن مېنى ئەپۇ قىلىپ تۆلەم ئالساڭ.
ئالپ ئارسلان:
— بوپتۇ، ئۈچىنچىسى بولسۇن! بىراق سەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى زىندانلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشىڭ ۋە ئون مىليون دىنار ئالتۇن تۆلەم بېرىشىڭ كېرەك ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئاخىرقى نەپەسلىرىڭگە قەدەر مۇسۇلمانلارغا چېقىلماسلىققا ئەھدە بېرىشىڭ كېرەك!
شۇ چاغدىلا رومانۇسنىڭ يۈزىگە قان يۈگۈردى – دە، ئالپ ئارسلاننىڭ مەرھەمىتىدىن خۇشال بولدى ۋە ئۆزى خىيانەت قىلىپ، بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغان بۇ مۇسۇلمان قومانداننىڭ ئەخلاقىدىن ئەجەبلەندى. رومانۇس سۇلتاننىڭ ئۆزىنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن قويغان شەرتلىرىنى ئىككىلەنمەستىن قوبۇل قىلدى – يۇ، ئارقىدىن ئۆزىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلغان ئۇ زور مەبلەغگە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى خەزىنىسىنىڭ چىقىش قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئالپ ئارسلان تۆلەمنىڭ مىقدارىنى بىر يېرىم مىليون دىنار ئالتۇنغا تۆۋەنلىتىپ بەردى ۋە ئۇنىڭدىن سىرت يىلدا 360 مىڭ دىنار ئالتۇن قىممىتىدىكى تۆلەمنى ئىسلام دۆلىتىگە تۆلەشنى ئېيتتى. رومانۇس سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىدىلا يەرنى سۆيدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ بىر قاچا سۇ ئەكىلىپ، ئىككى قولى بىلەن ئالپ ئارسلانغا تۇتتى. سۇلتان ئالپ ئارسلان مۇسۇلمانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتىن ساۋاق بېرىپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بولدى ۋە بىر ھەپتىگىچە دورا – دەرمەك ۋە يېمەك يەتكۈزۈپ بەردى. ئىسلامنىڭ باتۇر ئارسلانى ئالپ ئارسلان رۇم ئىمپېراتورىنىڭ ئۆزى بىلەن بىر داستىخاندا تائاملىنىشىغا رۇخسەت قىلدى. شۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قوماندان ئارىسىدا تىنچلىق ۋە ئاناتولىيەدىكى شەھەرلەرنى تەقسىملەشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم قانۇن – تەرتىپلەر بويىچە كېلىشىم تۈزۈلدى.
ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى ئەسىرگە چۈشۈپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئالپ ئارسلان ئۇنى قويۇپ بەردى ھەمدە ئۇنى ئون مىڭ دىنار بىلەن جابدۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن رۇم ئىمپېراتورىغا يارىشا كاتتا بىر كارۋان تەييارلىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەسىرگە چۈشكەن زور بىر تۈركۈم پوپلارنىمۇ قويۇپ بېرىپ، يولدا ئۇلارنى قوغداپ ماڭىدىغان بىر روتا ئىسلام قوشۇنىنى بىللە ئەۋەتتى. ئىسلام قوشۇنى رۇم زېمىنلىرىدا «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دەپ يېزىلغان چوڭ بىر بايراقنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ئىدى.
ئىمپېراتور رومانۇس ئۆز ئېلىگە كېلىپ تۇرۇشىغا ئۇنىڭ تراگېدىيىسىنىڭ ئاخىرى يېڭىدىن باشلاندى. رومانۇس ئۆزىنىڭ مالازگىرتتىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن رۇم گېنېراللىرىنىڭ ئۆزىگە قارشى ھەربىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغانلىقىنى بىلدى. ئۇلار رومانۇس بىلەن ئالپ ئارسلان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلمىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ مىيخائىل V ئىسىملىك يېڭى بىر ئىمپېراتورنى تەيىنلەشتى. نەتىجىدە، رومانۇس ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىر قوشۇن تەشكىللەپ ئېمپىرىيەنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلدى، بىراق مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىچىك ئاسىيادا شەھەردىن – شەھەرگە قېچىپ يۈرىدىغان قاچقۇنغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ مۇسۇلمانلارغا قانچىلىك يامانلىقلارنى قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىگە ئىلتىپات قىلغان بۈيۈك ئىسلام قوماندانى ئالپ ئارسلاننىڭ ئەخلاقىنى شۇ كەمگىچە ئۇنتۇمىغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ قۇربى يەتكۈچە ئالتۇن توپلاپ، قوماندان ئالپ ئارسلانغا بىر پارچە خەت بىلەن ئەۋەتتى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دېگەنىدى: «ئىمپېراتور رومانۇس IV ىدىن ئىمپېراتور كەبى سۇلتان ئالپ ئارسلانغا: … مەن ساڭا بىر يېرىم مىليون دىنار ئالتۇن ۋەدە قىلغان ئىدىم، لېكىن مەن مەنسەپتىن ئېلىنىشقا دۇچار بولۇپ، باشقىلارغا باش ئېگىش ئالدىدا تۇرماقتىمەن. شۇ ۋەجدىن ساڭا بولغان مەمنۇنىيىتىم سۈپىتىدە توپلىيالىغىنىمچە ئەۋەتتىم».
شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغانلار ئۇنىڭغا تەختتىن رەسمىي چۈشسە ئامانلىق بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ چېركاۋدا ئىستىقامەت قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ بەردى. رومانۇس تەكلىپنى قوبۇل قىلدى ۋە كونىستانتىنوپولدا ئۇشبۇ كېلىشىمگە ئىمزامۇ قويۇلدى. لېكىن، سۇبھانەللاھ! مەنسىپىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئېمپېراتور رومانۇس ئىلگىرى مۇسۇلمانلارغا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغاندەك، ئاللاھنىڭ ئۇنى ئەينەن شەكىلدە جازالاش ئىرادىسى بىلەن، رۇم گېنېراللىرىمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئامانلىق بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەسىرگە ئالدى. لېكىن، ئۇ ئىلگىرى مۇسۇلمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەندە ئۇلاردىن كۆرگەن ياخشى مۇئامىلىنى بۇ قېتىم كۆرەلمىدى. بەلكى خىرىستىيان ۇم گېنېراللىرى ئۇنى باغلاپ، ياۋۇزلارچە ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنى قۇيۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىمپېراتور رومانۇسنىڭ كۆز نۇرى مەڭگۈلۈك ئۆچتى. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ يىرىڭداپ كەتكەن كۆزلىرىنىڭ بىرەر داۋالاشنى قوبۇل قىلىشىغىمۇ يول قويماي، ئۇنى مارمارا دېڭىزى بويىدىكى چەت بىر ئارالغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىمپېراتور رومانۇس ئەنە شۇ ئارالدا كۆزلىرىدىن قان – يىرىڭلار ئاققان ھالدا تېڭىرقاپ يۈردى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قان – يىرىڭدىن سېسىپ، تېخى بىر يىل ئالدىدا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئىسلام دىنىنى يىلتىزىدىن يوقىتىشنى ئويلىغان مېڭىسىگە ياللۇغلار تارقالغاندىن كېيىن، م. 1072 – يىلى يازدا رومانۇس ئىسىملىك بۇ ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىنىڭ قىسسەسى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.
زېمىننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولسا ئىسلام يولۋىسى ئالپ ئارسلان ئىسلام قەھرىمانىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى، باتۇرلۇقى ۋە ئىسلام سۆيەرلىك قىسسەسىلىرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ داستان بولدى. ئۇنىڭ مالازگىرت ئىستىقبال ئۇرۇشىدىكى زەپەرلىرى تارىختا مۇسۇلمانلار قازانغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك زەپەرلەردىن ئىدى. مالازگىرت غەلىبىسى بىرقانچە نۇقتىدىن تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتكۈسى مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك غەلىبە ئىدى:
1. مالازگىرت ئۇرۇشى مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئاناتولىيەدە كەڭ تارقىلىش يولىنى ئاچتى ۋە كىچىك ئاسىيا ئاستا – ئاستا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن تۈركلەرنىڭ ۋەتىنىگە ئايلاندى. بۇ زېمىن ھازىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى نامى ئاستىدا، دۇنيادىكى تۈركلەرنىڭ بىرىنچى ۋەتىنىگە ئايلاندى.
2. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ غەلىبىسىدىن كېيىن بۇ رايوندىكى كىشىلىك تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەتنىڭ شەكلى ئۆزگەردى. ۋىزانتىيەنىڭ تەسىرى بۇ رايوندىن تەدرىجىي يوقالدى. ئىسلام دەۋىتى بۇ زېمىننىڭ ئاھالىلىرىگە ۋىزانتىيە قوشۇنلىرىنىڭ چەكلىمىسىسىز ئازادە ھالدا يەتكەندىن كېيىن، قويۇق ئىسلامىي تۈسكە كىردى. بۇ زېمىن تا بۈگۈنگىچە ئىسلام زېمىنى بولۇپ كەلمەكتە.
3. تارىخچىلار رۇملارنىڭ بۇ ئېغىر مەغلۇبىيىتىنى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك پاجىئەسى دەپ قارىغان. چۈنكى، مالازگىرت مۇسۇلمانلار (خۇسۇسەن، تۈرك مۇسۇلمانلار) بىلەن رۇم ئوتتۇرىسىدىكى بىرقانچە ئۇرۇشلارنىڭ مۇقەددىمەسى ئىدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلار فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدخاننىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا تۈرك ئوسمانىيلارنىڭ شەرقىي رۇمنىڭ پايتەختى كونىستانتىنوپولنى فەتىھ قىلىشى بىلەن ئاياغلاشتى.
4. قوماندان ئالپ ئارسلان مالازگىرتتىكى زەپىرى ئارقىلىق فاتىمىي شىئەلەر بىلەن خىرىستىيان رۇملىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي ئالاقىلەرنى ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى تەرەپ بىلەن ئايرىم شەكىلدە ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى.
5. مالازگىرت ئۇرۇشى كېيىنكى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەل قىلغۇچ بىر مەزگىلنىڭ مۇقەددىمەسى ئىدى. خىرىستىيان ئىتتىپاقى كۈچلىرىنىڭ بۇ ھالاكەتلىك مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، ياۋروپا مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغاشقا چاقىرىق قىلدى. بۇ ھۇجۇملار كېيىنچە، «ئەھلىسەلىب ئۇرۇشلىرى» دەپ ئاتالدى.
مالازگىرت ئىستىقبال ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىن دەل بىر يىل كېيىن، ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداش بۇرچىنى ئادا قىلغان، نامى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۈيۈكلىرى قاتارىدا نۇرلۇق ھەرپلەر بىلەن خاتىرىلەنگەن ئىسلام ئارسلانى ئالپ ئارسلان مۇسۇلمان شەرق ئەللىرىدە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىۋېتىپ، ھ. 465 / م. 1072 – يىلى 40 يېشىدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. سىز ھەرقېتىم كۆكتە ياڭرىغان يېقىملىق ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا شۇنى ئەسلەڭكى، مەن ۋە سىز ھېچبىر مۇشەققەت تارتمايلا ۋارىس بولغان بۇ دىن ئىسلام ئارسلانلىرى ئىچىدىكى توقاق ئوغلى سەلجۇق ئوغلى مىيكائىل ئوغلى داۋۇد چاغرىبەگ ئوغلى مۇھەممەد ئىسىملىك، تارىختا قوماندان ئالپ ئارسلان نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بىر باتۇر ئارسلاننىڭ قوغداپ قېلىشىدىن كېيىن بىزگە يېتىپ كەلگەن. ئاللاھ ئۇنىڭغا چەكسىز رەھمەتلىرىنى بېغىشلىغاي ۋە ئالىي فىردەۋسلىرىگە كىرگۈزگەي!
مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي
1. شىئەلەرنىڭ توقۇلما رىۋايەتلىرىدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق سۈپەتلىنىدۇ.
2. تۈركچە ئاتىلىشى ئاناۋارزا، تۈركىيەدىكى قەدىمىي شەھەر.
3. تۈركچە ئاتىلىشى مىسىس، تۈركىيەدىكى ئاداناغا يېقىن قەدىمىي شەھەر.
4. تۈركچە ئاتىلىشى گۈرگان Gürgan. بۈگۈنكى ئىراننىڭ گۈلشان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى.
5. تەبەرىستان: بۈگۈنكى ئىراننىڭ مازەندەران، گۈلشان ۋە گلان ۋىلايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي رايون. كاسپى (خەزەر) دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان. بۈگۈنكى تۈركمەنىستاننىڭ غەربىدىكى بالقان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى 10 – 14 – ئەسىرلىرى مۇھىم ئىقتىسادىي مەركەز بولغان بىر شەھەر.
6. خارەزم: بۈگۈنكى ئىران، تۈركمەنىستان، ئۆزبەكىستان ۋە تاجىكىستان چېگرىلىرى ئىچىدە يەر ئالغان تاراىخىي رايون.
7. تەبەس: بۈگۈنكى تېھراننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر شەھەر.
8. رەي: بۈگۈنكى تېھراننىڭ جەنۇبى شەرقىغا جايلاشقان بىر ناهىيە.
9. ھەمەدان: تېھراننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان تارىخىي بىر شەھەر. بۈگۈن ھەمەدان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى.
10. دىھىستان: بۈگۈنكى تۈركمەنىستاننىڭ غەربىدىكى بالقان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى 10 – 14 – ئەسىرلىرى مۇھىم ئىقتىسادىي مەركەز بولغان بىر شەھەر.
11. جىبال: ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تارىخىي رايون. ئۇمەۋىيلەر ۋە ئابباسىيلار دەۋرلىرىدە ئەرەبلەر ئۇنى «بلد الجبال»، «بلد الجبل»، «إقليم الجبال» قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىغان.
12. ماۋەرائۇننەھر ئەللىرى: ھازىرقى ئۆزبېكىستاننى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
13. خۇراسان: ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالى، تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبىي قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
14. لىۋاندىكى بىر شەھەر بولۇپ، باشقا تىللاردىكى ئىسمى بىبلوس.
15. پەلەستىندىكى قەدىمىي شەھەرلەر.
16. ئىبنۇلئەسىر: «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 4/297.
17. د. عبد العزيز بن إبراهيم العمري: «الفتوح الإسلامية عبر العصور»، مركز الدراسات والإعلام، 197 – بەت.
18. ئىبنۇلجەۋزىي: «ئەلمۇنتەزەم فى تارىخىل ئۇمەمى ۋەلمۇلۇك»، 8/261؛ ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 12/123.
19. ئىبنۇلئەسىر: «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 4/297.
20. ئۈستىدىكى كىيىۋالغان ئاق لىباسىنى دېمەكچى.
21. ئىبنۇلئەسىر: «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 4/298.