(ھ. 450 – 505 /م. 1058 – 1111)
ئىمام غەززالىي فىقھىي ئېنسىكلوپېدىكلىك، پەلسەپىۋى رەھبەرلىك ۋە تەسەۋۋۇفچە روھىي مايىللىقلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، پىكرىنىڭ دادىل، زېھنىنىڭ ئۆتكۈر بولۇشى بىلەن بىرگە، زېرەكلىكى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، دەلىل – پاكىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، ئەقىل ئىشلىتىشتە چېۋەرلىكى ۋە تەپەككۇرىنىڭ ئىتتىكلىكى بىلەن تونۇلغان. ئەنە شۇ سۈپەتلەر ئۇنى ھەرخىل ئىلىملەردە ۋە ئوخشىمىغان پەنلەردە بايراقدار بولۇشقا لايىق قىلغانىدى. غەززالىي فەقىھ ھەم پەيلاسوپ، سوپى ھەم ئۇسۇلىي([1]) بولۇپ، يۇقىرىقى ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىدە مول بىلىم، پىشقان ئەقىل، ئۆتكۈر پاراسەت ۋە سەگەك پىكىرلەردىن ئىبارەت مەھكەم رامكا ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. نەتىجىدە، ئۇ شۇلارنىڭ ھەممىسىدە يېتۈك شەخسكە ئايلىنىپ، كەم ئۇچرايدىغان مەشھۇر ئېنسىكلوپېدىك ئالىمنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھەتتا گوللاندىيەلىك شەرقشۇناس ت. ج. دې بور Tjitze Jacobs de Boer (1866 – 1942) ئۇنى «ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ ھەيران قالارلىق شەخس» دەپ قارىغان([2]).
ئەبۇ ھامىد غەززالىي بىر ئالىمدا بولۇشقا تېگىشلىك ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ۋە بىر شەخستە بولۇشقا تېگىشلىك سالاھىيەتلەرنىڭ بارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. بۇرۇنقىلار ۋە كېيىنكىلەر ئۇنىڭ ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىردە بولغان بولۇپ، ئۇنى تەنقىدلىگەنلەرمۇ، مەدھىيىلىگەنلەرمۇ بولغان. شۇنداقلا قوللىغانلارمۇ ۋە قارشى تۇرغانلارمۇ بولغان. ئۇ ئىسلامچىلارنىڭمۇ ھەم غەربلىكلەر ۋە شەرقشۇناسلارنىڭمۇ زور كۆڭۈل بۆلۈشىگە سازاۋەر بولغان. گاھىدا ھۆكۈملىرى توقۇنۇشلۇق بولغان بۇ مول تەتقىقاتلار ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىنى كۆپ جەھەتتىن بېيىتقانلىقىنى بايقايمىز.
نام – نەسەبى
تولۇق ئاتىلىشى يېتۈك ئىمام، ھۆججەتۇلئىسلام (ئىسلام ھۆججىتى)، زەينۇلئابىدىن (ئابىدلار زىننىتى)، زاماننىڭ مۆجىزىسى بۇ زاتنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەتتۇسىي ئەششافىئىي ئەلغەززالىي بولۇپ، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى زېرەكلىك ساھىبىدۇر، ئۇلۇغ ئىمامدۇر، فەقىھ ئالىمدۇر، پەيلاسوپ ۋە تەربىيەچى ئۇستازدۇر. ئەرەب – ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا پىكىر ئەربابلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تېگى پارسلاردىندۇر. ئىسلام ئەقىدىسىگە چوڭقۇر چۆككەنلىكى ۋە ئۇنى جان – جەھلى بىلەن قوغدىغانلىقى ئۈچۈن «ھۆججەتۇلئىسلام» دەپ تونۇلغان. تۇغۇلغان يېزىسى «غەزالە»گە تەۋە قىلىنىپ، غەزالى دەپ ئاتالغان. بەزىلەر ئۇنى دادىسىنىڭ تىرىكچىلىك كەسپى بولغان يىپ ئېگىرگۈچى (غەززال) لىككە تەۋە قىلىپ غەززالىي دەپ ئاتايدۇ([3]). ئەمەلىيەتتە، ھەر ئىككىلىسى توغرا.
ئۆسۈپ يېتىلىشى
ئىمام غەززالىي ھ. 450 /م. 1058 – يىلى ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان خۇراسان شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇس شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ يەر ھازىر «شەھەر» دەپ ئاتىلىدۇ. غەززالىي نامرات ئائىلىدە ئۆسكەن بولۇپ، دادىسى ئىلىمنى، ئالىملارنى ۋە تەسەۋۋۇفچىلارنى ياخشى كۆرىدىغان، ھۈنىرىدىن باشقا نەرسىسى يوق كەمبەغەل ۋە سالىھ كىشى ئىدى، ئىككى بالىسى مۇھەممەد ۋە ئەھمەدكە قاتتىق ئىلىم ئوقۇتۇش ئىستىكى بار ئىدى. ئۇنى ساقايماس بىر كېسەل چىرمىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئىككى بالىسىنى ئۆزىنىڭ بىر سوپى دوستىغا ۋەسىيەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىدە بار ئازغىنە پۇلنى بېرىدۇ ۋە ئىككىسىگە ئىلىم ئوقۇتۇشنى ۋە ياخشى تەربىيەلەشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ([4]). ھېلىقى كىشى دوستىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئورۇنلاشقا تىرىشىدۇ. ئاخىرىدا بالىلارغا ئاتىسى قالدۇرغان پۇللار تۈگەپ، ئۇنىڭغا بالىلارنى بېقىش چىقىمى ئېغىر كېلىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنى شۇ ۋاقىتتا كەڭ تارالغان ۋە ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرگە كېپىل بولىدىغان مەدرىسەلەرنىڭ بىرىگە كىرگۈزىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئىككىسى مەدرىسەدە ياشاپ، مەدرىسەدە ئىلىم ئوقۇيدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ كىشى غەززالىي ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «بىلىپ قېلىڭلاركى، مەن ئىككىڭلارغا تېگىشلىك ھەققىڭلارنى سەرپ قىلىپ بولدۇم. مەن بولسام، ھېچبىر پۇل – مېلى يوق كەمبەغەل ۋە يوقسۇل بىر ئادەممەن. سىلەردىن ياردىمىمنى ئايىماي كەلدىم. مېنىڭچە، سىلەر ئەڭ ياخشىسى ئىلىم ئوقۇغۇچى بولغاندىكىن بىرەر مەدرىسەگە بېرىپ پاناھلانساڭلار، قورسىقىڭلارنى ئوبدان باقالايتتىڭلار» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلغان. بۇ ئۇلارنىڭ سائادەتمەن بولۇشىغا ۋە دەرىجىلىرىنىڭ ئۈستۈن بولۇشىغا سەۋەب بولغانىدى. غەززالىي بۇ ئىشنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھتىن باشقىنى([5]) كۆزلەپ ئىلىم ئۆگىنىشنى باشلىۋىدۇق، ئىلىم يەنىلا ئاللاھتىن باشقىغا بولۇشقا ئۇنىمىدى»([6]).
ئۇنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشتىكى تىرىشچانلىقى
غەززالىي كىچىكىدە ئۆز شەھرى تۇستا ئۇستازى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئەتتۇسىي ئەررازەكانىي (ھ ؟ – ؟ /م. ؟ – ؟) دا ئازراق فىقھ ئوقۇدى، ئاندىن جۇرجانغا سەپەر قىلىپ، غازى ئىمام ئەبۇ نەسر ئىسمائىل ئىبنى مەسئەدە ئەلئىسمائىلىي ئەلجۇرجانىي (ھ 407 – 477 /م. 1016 – 1084) دىن ئىلىم ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن تۇسقا قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇردى. ئاندىن ھىجرىيە 473 – يىلى سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى ۋە باغدادتىن كېيىنكى ئىلىم شەھرى بولغان نىشاپۇرغا يۆتكەلدى ۋە نىزامىيە مەدرىسەسىگە ئوقۇشقا كىردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە «ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى» دەپ تونۇلغان تالانتلىق بۈيۈك ئالىم ئەبۇلمەئالى ئابدۇلمەلىك ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلجۇۋەينىي ئەننىشاپۇرىي (ھ. 419 – 478 / م. 1028 – 1085) دا ئىلمى ئۇسۇلۇل فىقھ ھەم ئىلمى كالام ۋە ئىلمى مەنتىق ئۆگەندى ۋە ئۇستازىنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتتى. ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئوقۇپ، مەزھەپتە، ئىختىلاپىي مەسىلىلەردە، مۇنازىرە ۋە ئۇسۇل پەنلىرىدە ئۈستۈنلۈك قازاندى. ھەممە ئۇنىڭ زەكىيلىكىگە، ئىنچىكە مەنىلەرگە شۇڭغۇشىغا ۋە مەلۇماتىنىڭ كەڭرىلىكىگە ھەيران قالدى. ئۇستازى جۇۋەينى ئۇنى تەرىپلەپ: «غەززالىي تولۇپ تاشقان بىر دېڭىزدۇر» دەيتتى([7]). ئۇ 400 نەپەر قۇرداشلىرىنى بېسىپ چۈشۈپ، ئۇستازىنىڭ ياردەمچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئورۇنباسارى بولدى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئۇسۇلۇل فىقھ ئىلمىدە «مەنخۇل» (تاسقالغان) دېگەن كىتابىنى يېزىپ، ئۇستازى ئەبۇلمەئالىيغا كۆرسەتكەندە، ئۇستازى: «مېنى تىرىك ھالىتىمدىلا كۆمدۈڭ، ھازىرچە سەۋر قىلىپ تۇرساڭ بولماسمىدى؟! سېنىڭ كىتابىڭ مېنىڭ كىتابىمنى يېپىپ قويدى» دېگەنىكەن([8]).
غەززالىينىڭ دەۋرى
غەززالىينىڭ دەۋرى (يەنى ھ. 5 -/م. 10 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى، ئابباسىيلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرى) پىكرىي جەھەتتىن، ئىسلامدا پەلسەپىۋى مېتودلارنىڭ گۈللىنىشى بىلەن ئالاھىدىلەنگەن. چۈنكى، بۇ پەلسەپىۋى مېتودلار فارابى ۋە ئىبنى سىنا رەھبەرلىك قىلغان مەششائىيە ئىسلام مەدرىسەسى([9]) نى تىزگىنلىگەنىدى. شۇنداقلا بۇ مەزگىلدە سوپى تەرىقىتىنىڭ بەلگىلىرىمۇ مۇكەممەللەشكەن ۋە ئىسلامدىكى روھىي ھاياتلىقنىڭ مەزمۇنلىرىمۇ چوڭقۇرلاشقان. سىياسىي جەھەتتىن، ئۇنىڭ دەۋرى (ئابباسىيلارنىڭ) سىياسىي، ھەربىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىش بىلەن پەرقلەنگەن. چۈنكى، ئۇ دەۋردە تۈرك ئىرقلىرى باغدادتىكى خەلىپىلىك ھاكىمىيىتنى ئىگىلىۋالغان. باغدادتىكى ئەمەلىي ھوقۇق ئىگىلىرى سەلجۇقىيلار بولغان. ئىسمائىلىيە ۋە باتىنىييە شىئەلىرى خىلاپەتكە تەھدىت سالغان. ئانتاكىيە ۋە بەيتۇلمۇقەددەس ئەھلىسەلىپلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. سەلجۇقىيلار سۈننىي مەزھەپ (ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە مەزھىبى) نى قوغداش ئۈچۈن نىزامىيە مەدرىسەلىرىنى قۇرغان بولسا، مىسىردا فاتىمىي ئۇبەيدىيلەر شىئە مەزھىبى دەۋىتىنى كۈچەيتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامدا مەزھەپ كۈرىشى ئەۋجىگە چىققانىدى.
ئۇنىڭ نىزامىيە مەدرىسەسىگە كىرىشى
ئىمام غەززالىي نىشاپۇردا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ، شۇ يەردە ئۆيلىنىدۇ ۋە بالىلىق بولىدۇ. ئۇستازى ئىمام جۇۋەينىي ھ. 478 / م. 1085 – يىلى ۋاپات تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 28 يېشىدا نىشاپۇردىن ئايرىلىپ، ئوردىغا بارىدۇ ۋە سەلجۇقىيلار ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك (ھ. 408 – 485 / م. 1018 – 1092) نى ئىزدەيدۇ. نىزامۇلمۈلكنىڭ سورۇنى ئەھلى ئىلىملەرنىڭ جەمگاھى ۋە پاناھگاھى ئىدى، شۇنداقلا ئۇ ئىلىمنى سۆيىدىغانلىقى ۋە ئالىملارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان ئىدى. غەززالىي ئوردىدا بىر بۆلۈك ئىماملار ۋە ئالىملار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، رەقىبلىرى ۋە بەسلەشكۈچىلىرىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئىلمى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، شۆھرىتى كەڭ يېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئابرويى ئۆسۈپ ۋە داڭقى تارىلىپ، ئىسمى جاھاننى بىر ئالىدۇ. نەتىجىدە، نىزامۇلمۈلك ئۇنى قەۋەتلەپ ئىززەت – ئىكراملار بىلەن قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇنى باغدادتىكى نىزامىيە مەدرىسەسىنىڭ مۇدەررىسلىكىگە تەيىنلەيدۇ. شۇ دەۋردە بۇ مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىش ئالىملار ئىنتىلىدىغان ۋە بەسلىشىدىغان ئەڭ چوڭ ئىستەك ئىدى. ئۇ ھ. 474 / م. 1091 – يىلى باغدادقا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېشى 34 تىن ھالقىمىغان ئىدى. بىر ئالىمنىڭ بۇنچىلىك ياشتا بۇ مەنسەپكە ئىگە بولۇشى ئاز ئۇچرايتتى. ئۇ نىشاپۇردىن چىقىشى بىلەن تەڭ شاگىرتلىق ھاياتى بىلەن پۈتۈنلەي خوشلىشىپ، كۈرەشچان ۋە قېزىشچان، پىشقان بىر ئالىم سۈپىتىدە ھەقىقىي ئىلمىي ھايات جەڭگاھىغا كىرگەنىدى. غەززالىي نىزامىيە مەدرىسەسىدە دەرس بېرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ گۈزەللىكى، كامالى ئارتۇقچىلىقى، تىلىنىڭ پاساھىتى، ئىنچىكە ئىلمىي مەسىلىلىرى، نازۇك ئىشارەتلىرى خالايىقنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدۇ. ئۇلار ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ([10]). ئۇنىڭ زاماندىشى ئابدۇلغافىر فارسىي (ھ. 451 – 529 / م. 1059 – 1135) مۇنداق دېگەن: «باغدادتا ئۇنىڭ ھەشەمىتى ۋە دەرىجىسى يۇقىرىلاپ، ھەتتا كاتتىلارنىڭ، ئەمىرلەرنىڭ ۋە خەلىپىلىك سارىيىنىڭ ھەشەمىتىنىمۇ بېسىپ چۈشكەنىدى». ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى تالىپلاردىن نۇرغۇنلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا ئوقۇيتتى. ئۇ «المنقذ من الضلال» دېگەن كىتابىدا ئۆزىنىڭ ۋە نىزامىيە مەدرىسەسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن باغدادتا ئۈچ يۈز ئوقۇغۇچىغا دەرس ئۆگىتىشكە مەسئۇلمەن». ئاندىن ئۇ ئىلمى ئۇسۇل، فىقھى، ئىلمى كالام ۋە ھېكمەت ھەققىدە كىتاب يېزىشنى باشلايدۇ. غەززالىي ھىممىتىنى مۇنازىرە قۇرۇشقا قارىتىپ، تىرىشچانلىقىنى ھەقىقەتنى ئىزدەشكە مەركەزلەشتۈرىدۇكى، ئۇنىڭ دەۋرىدە پىكرىي ھاياتلىقنى تىزگىنلىۋالغان تۆت پىرقە ئاشۇ ھەقىقەت ھەققىدە تالىشىۋاتاتتى. ئۇ پىرقىلەر: بىرىنچىسى، ئۆزلىرىنى پىكىر، مەنتىق ۋە پاكىت ئەھلى دەپ دەۋا قىلىدىغان پەيلاسوپلار؛ ئىككىنچىسى، ئۆزلىرىنى ئىجتىھاد ۋە نەزەر ئەھلى دەپ قارايدىغان كالامشۇناسلار؛ ئۈچىنچىسى، ئۆزلىرىنى مەسۇم ئىمامدىن تەلىم ئېلىشقا خاسلاشقۇچىلار ۋە تەلىمات ئەھلىلىرى دەپ داۋراڭ سالىدىغان باتىنىيلار؛ تۆتىنچىسى، ئۆزلىرىنى ئىلاھىي ھەزرەتنىڭ خاس كىشىلىرى، دىدارلىشىش ۋە كۆرۈشۈش ئەھلى دەيدىغان سوپىلار.
ئىمام غەززالىينىڭ پىكرىي بۇرۇلۇش باسقۇچى
غەززالىي تۆت يىل ئىلىم ئۆگىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ جەرياندا كاتتا شۆھرەت قازىنىدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ ۋە ئېھتىرامىغا سازاۋەر بولىدۇ. شۇنداقلا «ھۆججەتۇلئىسلام» نامىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ پەلسەپە تەتقىق قىلىشقا، بولۇپمۇ فارابىي ۋە ئىبنى سىنالارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا مەلۇماتىنىڭ كەڭرىلىكىنى كۆرسىتىدىغان كىتابى «مقاصد الفلاسفة» (پەيلاسۇپلارنىڭ مەقسەدلىرى) نى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ كىتابىدا ئۇ پەيلاسوپلارنىڭ لوگىكا، تەبىئەت ۋە مېتافىزىكىدىكى قاراشلىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ ۋە پەلسەپە بىلەن پەيلاسوپلار ئالدىدا تولۇق بىتەرەپلىكنى ساقلايدۇ. لېكىن، تېزلا قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، «تهافت الفلاسفة» (پەيلاسۇپلارنىڭ زىتلىقلىرى) دېگەن كىتابىنى يازىدۇ ۋە ئۇنىڭدا پەيلاسوپلارنىڭ ئازغۇنلۇقىنى بايان قىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ قىممىتى ۋە پاكىتلىرىدىن شەكلەندۈرىدۇ.
غەززالىي باغدادتا تۇرۇش ئارىلىقىدا ئېغىر كرىزىسلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنى ئۇ «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى) دېگەن كىتابىدا بايان قىلغان. بۇ كرىزىسلار كۆپلىگەن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي شۇنداقلا پىكرىي ۋە مەزھەپىي پارچىلىنىشلار ھەمدە ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ كىچىك دۆلەتلەرگە ۋە بىر – بىرىگە تىغ كۆتۈرىدىغان پادىشاھلىقلارغا بۆلۈنۈشى، مۇسۇلمان گۇرۇھلارنىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشۇشى قاتارلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىگە بېرىپ تاقىلاتتى.
غەززالىي ئاشۇ تۆت پىرقە ئارىسىدىن ھەقىقەتنى قىدىرىشقا تىرىشىپ، ئۇ پىرقىلەرنى ئىنتايىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىدۇ، ئاخىرى ئۇلارنى چۈشىنىدۇ ۋە يېقىندىن تونۇيىدۇ ھەم شۇ پىرقىلەرنىڭ ھەممە قاراشلىرىنى تولۇق ئىگىلەپ چىقىدۇ. ئۇ مەزكۇر قاراشلارنى بىر – بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك كىتابى «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى) دا تەپسىلىي شەكىلدە تىزىملايدۇ.
غەززالىي «المنقذ من الضلال» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈمگە سەپسالدىم. قارىسام، مەن ھەرتەرەپتىن ئارقانلار بىلەن باغلاقلىق ئىكەنمەن. قىلغان ئىشلىرىمغا سەپسالدىم، ھالبۇكى، ئىشلىرىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىتىش ئىدى. قارىسام، مەن ئاخىرەت يولىدا پايدىسىز ۋە ئەھمىيەتسىز ئىلىملەرگە يۈزلىنىۋاپتىمەن. ئاندىن مەن ئىلىم ئۆگىتىشتىكى نىيىتىم ھەققىدە ئويلاندىم. قارىسام، ئۇ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس ئەمەس ئىكەن. بەلكى، ئۇنىڭ تۈرتكىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى ئابروي ئىزدەش ۋە شۆھرەت قازىنىش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئۆرۈلەي دەپ قالغان بىر يارنىڭ لېۋىدە تۇرۇۋاتقانلىقىمغا ۋە ئوتقا يېقىنلاپ قالغانلىقىمغا چىنپۈتتۈم». شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۆدەكلىكىدىن تارتىپ ئۆزىدە بىخ سۈرگەن تەسەۋۋۇفقا يېڭىدىن يۈزلىنىشكە باشلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە ئوي – پىكىرلىرىدە سادىر بولغان دەرگۇمانلار ئۇنى مۇدەررىسلىكتىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە ئۈندىگەنىدى. نەتىجىدە، ئۇ ئورنىغا قېرىندىشى ئەھمەدنى قويۇپ قويۇپ، نىزامىيە مەدرىسەسىنى تەرك ئېتىدۇ.
غەززالىي باغدادتىن ئايرىلىشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدە بار مال – مۈلۈكتىن ئۆزىگە ۋە بالىلىرىغا يېتەرلىكنىلا ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنى كىشىلەرگە تارقىتىۋېتىدۇ. ئاندىن ھ. 488 / م. 1095 – يىلى زۇلقەئدە / نويابىر ئېيىدا باغدادتىن ئايرىلىپ، شامدا ئىككى يىلچە تۇرىدۇ([11]). ئۇ ۋاقتىنى دەمەشق مەسجىدىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزىدۇ. مەسجىدتە ئۇ تەنھالىق، خىلۋەت، روھىي چېنىقىش، نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىش، نەپسىنى پاكلاش، ئەخلاقىنى ساپلاشتۇرۇش، قەلبىنى ئاللاھ تائالانىڭ زىكرى ئۈچۈن سۈزۈلدۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئاندىن ئۇ دەمەشقتىن بەيتۇلمۇقەددەسكە يۆتكىلىدۇ. ئۇ ھەركۈنى سەخرە مەسجىدى([12]) گە كىرەتتى ۋە ئىشىكنى تاقاپ، تەنھالىقى ۋە پىنھانلىقىغا غەرق بولاتتى. شۇ يەردە ئۇ داڭلىق كىتابى «إحياء علوم الدين» (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش) نى يېزىشقا باشلايدۇ. ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇمەۋىي جامەسىنىڭ غەربىي مۇنارىدا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن، يەنە بىر قېتىم دەمەشقكە قايتىدۇ. شۇ ئارىدا ئۇنىڭدا ھەجگە بېرىش ئارزۇسى قوزغۇلۇپ، ھ. 489 / م. 1096 – يىلى پەرز ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ، ئاندىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەنى زىيارەت قىلىدۇ. غەززالىي ئۆزى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاندىن دەمەشقتىن بەيتۇلمۇقەددەسكە سەپەر قىلدىم. ھەركۈنى سەخرە (مەسجىدى) گە كىرەتتىم ۋە ئىشىكىنى تاقايتتىم. ئاندىن پەرز ھەج چاقىرىقى، شۇنداقلا مەككە، مەدىنە بەرىكەتلىرىدىن بەھرىلىنىش، خەلىل (ئىبراھىم)([13]) نى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنى زىيارەت قىلىش ئىستەكلىرى ۋۇجۇدۇمدا تىپىرلىدى. نەتىجىدە، ھىجازغا ئاتلاندىم»([14]).
ئىمام غەززالىي پەرز ھەجنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، مىسىرغا بارىدۇ ۋە بىر مەزگىل ئىسكەندەرىيەدە تۇرىدۇ. دېيىلىشىچە، «ئۇ ماراكەش ھۆكۈمدارى ئەمىر يۈسۈف ئىبنى تاشفىن (ھ. 400 – 500 / م. 1009 – 1106) بىلەن ئۇچرىشىش مەقسىتىدە، مىسىردىن ماراكەش دىيارىغا دېڭىز سەپىرى قىلماقچى بولۇپ تۇرغىنىدا، يۈسۈف ئىبنى تاشفىننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يېتىپ كەلگەن. نەتىجىدە، ئۇ ئىرادىسىنى ئۇياقتىن بۇرىغان». شۇنىڭدىن كېيىن غەززالىي يەنە قايتا دەمەشقكە قايتىدۇ ۋە ئۇ يەردە كىتابى «إحياء علوم الدين» (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش) نى پۈتتۈرۈشكە كىرىشىدۇ. كېيىنكى يىلى باغدادقا سەپەر قىلىدۇ، لېكىن باغدادتا ئىككىنچىلەپ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ خۇراسانغا بارىدۇ ۋە ئىزچىل پىنھانلىققا ھېرىس بولۇپ، ھاياتىنى زاھىتلىق ۋە تەپەككۇر بىلەن، قەلبىنى ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن سۈزۈلدۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئون يىلچە شۇ ھالەتتە داۋام قىلىدۇ. ئۇ پىنھانلىق، زىكىر، تەپەككۇر بىلەن ھاياتلىق سەۋەبلىرىنى، ھاياتلىقنىڭ داۋانلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىشنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغانىدى. شۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆزى ئىزدەۋاتقان ئاشۇ ھەقىقەتكە يېتەلىگەن ۋە شاگىرتلىرى ۋە مۇرتلىرىغا تەلقىن قىلىپ كەلگەن ئاشۇ جەزمىيەتنى، يەنى نۇرلىرى پەيغەمبەرلىك چىراغىدىن، خالىس ئىسلام جەۋھىرىدىن ئېلىنغان، ھەقىقىي زاھىدلارنىڭ جەزمىيىتىنى تاپالىغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يۇرتى تۇسقا قايتىدۇ. ئۇ، بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاندىن مېنى ھىممىتىم ۋە بالىلىرىمنىڭ چاقىرىقلىرى يۇرتقا قايتىشقا تارتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى يۇرتقا قەتئىي قايتماس بولغىنىمدىن كېيىن يەنە قايتتىم ۋە يۇرتۇمدىمۇ پىنھانلىق، زىكىر ئۈچۈن قەلبنى سۈزۈلدۈرۈش غەرىزىدە كىشىلەرگە ئارىلاشماستىن تەنھالىقنى تاللىدىم»([15]).
ھ. 499 / م. 1105 – يىلى سەلجۇقىيلار ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك ئوغلى فەخرۇلمۈلك ئۇنى خۇراسان ۋالىيسى سانجار ئارقىلىق نىشاپۇردىكى نىزامىيە مەدرىسەسىدە مۇدەررىسلىك قىلىشقا چاقىرتىدۇ. ۋەزىر ئىمام غەززالىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئورنى ۋە دەرىجىسىنى، كامالى پەزىلەتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن ئىدى. نەتىجىدە، ۋەزىر ئۇنى ئىستىدى ۋە ئۇنىڭ نىشاپۇرغا كېلىشى ئۈچۈن ئىستىكىدە ناھايىتى چىڭ تۇرۇۋالدى. ئاخىرى ئىمام غەززالىي ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ نىشاپۇرغا بارىدۇ ۋە ھ. 499 / م. 1105 – يىلى زۇلقەئدە/ ئىيۇل ئېيىدا نىزامىيە مەدرىسەسىدە دەرس ئۆتۈشكە باشلايدۇ. شۇ توغرىدا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھىجرىيە 499 – يىلى زۇلقەئدىدە ئاللاھ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىشىم ئۈچۈن، نىشاپۇرغا يۆتكىلىشكە مۇيەسسەر قىلدى. ھالبۇكى، بۇ تەنھا ياشاشنىڭ مۇددىتى 11 يىلغا (488 – 499) يەتكەنىدى». لېكىن، غەززالىي ئۇ يەردىمۇ ئۇزۇن تۇرالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ نىشاپۇرغا يېتىپ كەلگىنىدە، ۋەزىر فەخرۇلمۈلك ھ. 500 / م. 1106 – يىلى مۇھەررەم / سىنتەبىردە ھەششاشىيلار گۇرۇھىنىڭ قولىدا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋالىيلار ئۇنىڭغا نىزامىيە مەدرىسەسىدە دەرس ئۆتۈش مەسلىھەتىنى بەرگەندىن كېيىن، بىر مەھەل شۇنداق شۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن (يۇرتى) تۇسقا قايتىدۇ ۋە تۇس ئۇنىڭ سەپەرلىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولىدۇ. ئۇ يەردە غەززالىي ئۆيىدىن ئايرىلماي، تا ئەجەل كەلگەنگە قەدەر نەسىھەت، ئىبادەت ۋە مۇدەررىسلىككە بېرىلىدۇ. نىزامۇلمۈلك ئوغلى ئەھمەد (ۋاپاتى ھ. 544 / م. 1149) سەلجۇقىيلارغا ۋەزىر بولغاندا ئۇنى خەلىپە نامىدىن نىزامىييە مەدرىسىسىگە ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلىپ مەكتۇب يازغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ تەكلىپنى رەت قىلىدۇ.
ئىبنى خەللىكان مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ يۇرتىدىكى ئۆيىگە قايتىپ، سوپىلار ئۈچۈن بىر خانىقا، خانىقانىڭ بېقىنىغا ئىلىم ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن بىر مەدرىسە بەرپا قىلدى. ئۇ تاكى رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا كەتكۈچە، ۋاقىتلىرىنى قۇرئان خەتمە قىلىش، كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش، دەرس ئۆتۈش قاتارلىق ياخشى ئىشلارغا تەقسىملىگەنىدى»([16]).
بۇ مەزگىل (ھ. 503 / م. 1109 – يىلى( دە ئۇ ئۇسۇلۇل فىقھ ئىلمىدە مەشھۇر ئەسىرى «المستصفى» (سۈزمە) نى يازىدۇ.
ئىمام غەززالىينىڭ ۋاپاتى
ئىمام غەززالىي ھ. 505 / م. 1111 – يىلى جۇمادىيەلئاخىرنىڭ 14 – (19 – دېكابىر) دۈشەنبە كۈنى 55 يېشىدا ۋاپات تاپتى. ئۇ تەسەۋۋۇف، فىقھ ۋە پەلسەپىگە ئائىت كىتاب – رىسالىلىرى بولۇپ جەمئىي 457 پارچىغا يەتكەن زور بىر مەدەنىي مىراسنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇلاردىن خېلى جىقى ھېلىھەم قوليازما سۈپىتىدە تۇرماقتا ۋە بەزىلىرى يوقاپ كەتكەن.
ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قىلغان ئىشى ھەدىس ئۆگىنىش ۋە ھەدىس ئەھلى بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئىككى «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» – «سەھىھۇل بۇخارىي» ۋە سەھىھۇ مۇسلىم»نى مۇتالىئە قىلىش بولغانىدى([17]). ناۋادا ئۇ يەنە ئاز كۈن ياشىغان بولسا ئىدى، چوقۇم ھەدىس پېنىدە ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەتتى. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىمام غەززالىغا بەرگەن چوڭ بىر تەۋپىقىدۇركى، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ تۈگەنچىسىنىمۇ ھەدىس ۋە سۈننەت ئۈستىدە قىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى بۇ پەزىلەتكە ئۆز پەزلى – مەرھەمىتى بىلەن مۇۋەپپەق قىلغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن، ئۇنىڭ ھەدىس ئىلمىدە ئەسەر يېزىشىغا ئۆمرى يار بەرمىگەن. ئۇ ئۆزىدىن كېيىن پەقەت قىزلىرىنىلا قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى قامدىغۇدەك تىرىكچىلىكى ۋە مىراسى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا پۇل – مال تەڭلەنگەندە، ئۇنى قوبۇل قىلمىغان. گەپ – سۆزلىرىدە گىرامماتىكا جەھەتتىن خاتالىق كۆرۈلۈپ تۈزىتىش بېرىلسە، ئىنساپ بىلەن ئۆزىنىڭ گىرامماتىكا بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىنى، گىرامماتىكىدىن پەقەت گەپ – سۆزلىرىدە ئېھتىياجلىق بولىدىغان مىقدار بىلەن كۇپايىلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. شۇنداق تۇرۇپ، ئۇ خۇتبە يازاتتى، ئەدىب ۋە پاساھەتمەنلەرنىمۇ ئاجىز قالدۇرغۇدەك ئىبارىلەر بىلەن كىتابلارنى شەرھلەيتتى.
غەززالىينىڭ پىكرىي باسقۇچلىرى
غەززالىينىڭ پىكرىي باسقۇچلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ دەسلەپ بۇ مۇتەپەككۇر ۋە پەيلاسوپ قالدۇرغان كىتاب – ئەسەرلەرنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. غەززالىي ئۆزىنىڭ ھالىنى بايان قىلىش يۈزىسىدىن «المنقذ من الضلال» دېگەن كىتابىنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ پىسخىكا ھالىتىنى، شۇنداقلا شەك باسقۇچىدىن تەسەۋۋۇفتا بىر مەزھەپ كەبى سانىلىدىغان جەزمىيەت باسقۇچىغا يۆتكەلگەنگە قەدەر تارتقان دەردلىرىنى ئۇزۇندىن – ئۇزۇن ئاڭلاتقان. غەززالىي بۇ كىتابنى تەسەۋۋۇف يولىدا مېڭىپ، ئون يىل داۋاملاشقان تەنھالىقتىن كېيىن، ئەللىكتىن ھالقىغاندا تۈزگەن. دېمەك، ئۇ كىتاب ئۇنىڭ پىشقان يېشىنىڭ يەكۈنى بولۇپ، ئۇنى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە يازغان. شۇڭا، مەزكۇر كىتابنى ئەبۇ ھامىد غەززالىينىڭ ئاخىرى بېرىپ توختىغان پىكرىي ۋە دىنىي قانائەتلىرىنىڭ بەلگىسى، دەپ ساناش مۇمكىن.
1. شەك باسقۇچى
ئىمام غەززالىي ئېيتىدۇ: «قىران چاغلىرىمدىن تارتىپلا، ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتىشكە قىزىقىش مېنىڭ خۇيۇم ۋە ئادىتىم ئىدى. كۆردۈمكى، ناسارالارنىڭ بالىلىرى ناسارا بولۇپ يېتىلىدىكەن، يەھۇدىيلارنىڭ بالىلىرى يەھۇدىي بولۇپ يېتىلىدىكەن، مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرى مۇسۇلمان بولۇپ يېتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم تۇغما تەبىئەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە ھەرىكەتلەندى». غەززالىي تەقلىدچىلىكنى جەزمىي ئىشەنچكە ئېلىپ بارالمايدۇ، دەپ قارايتتى. شۇڭا، ئۇ ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ مەزھەپلىرىگە قارىمۇقارشى بىر يول تۇتتى. ئەقىلنىڭ دائىرىسىنىڭ تار ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغانلىقى ئۈچۈن، مەرىپەتنى ئەقىلگە مەركەزلەشتۈرۈش ئورنىغا مەرىپەتنى ئىمانغا مەركەزلەشتۈردى ۋە ئەقىلنىڭ ئىمان بىلەن پۇت تىرەپ تۇرمىسا، مەرىپەت قورالى بولۇشقا يارىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى ھەمدە ئىماننى چىقىش نۇقتىسى ۋە مەرىپەتنىڭ مىزانى قىلدى.
2. جەزمىيەت باسقۇچى
ئىمام غەززالىي جەزمىي ئىلىمنى «شەيئىلەرنى زەررىچە شەك قالمىغۇدەك دەرىجىدە توپتولۇق ئېچىپ بېرىدىغان ئىلىم» دەپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئىلىمنىڭ ئۇل – ئاساسلىرى ۋە شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇشبۇ سۈپەتكە ئىگە ئىلىمنى ئىزدەشكە كىرىشتى. لېكىن، ئۇنداق ئىلىمنى تاپالمىدى. چۈنكى، ئىلىم يا ماددىيەتكە ئالاقىدار بولاتتى، يا ئەقلىيەتكە ئالاقىدار بولاتتى. ھالبۇكى، ئۇنىڭدا ماددىيەتكىمۇ، ئەقلىيەتكىمۇ ئىشەنچ يوق بولۇپ، ئەقلى سېزىمىنى، سېزىمى ئەقلىنى ئىنكار قىلىۋاتاتتى. غەززالىينىڭ سەپسەتە مەزھىبىدە تۇرۇۋاتقاندىكى دەرگۇمانلىرى ئىككى ئايغا يېقىن داۋاملاشتى. ئاخىرىدا ئۇ، ئەقلىي ھەقىقەت ۋە ئاكسىيومالارنىڭ تەسىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىگە تاشلىغان نۇردىن ئىبارەت تاشقى ياردەم بىلەن ئىمانغا قايتتى. شۇ يەردە ئۇ ئەقىلنىڭ دىنىي ئەقىدىنىڭ مەنبەسى بولالمايدىغانلىقىنى، ئەقىلنىڭ دىننى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقى، بەلكى ئەقىلگە دىننىڭ توغرىلىقىنى دىن ئۆزى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.
3. جەزمىي ئىلىم باسقۇچى
ئىمام غەززالىي ئۆزىنى شەك قايناملىرىدىن قۇتقۇزغان جەزمىيەتنىڭ شەرتلىرىنى بېكىتكەندىن كېيىن، پىرقە ۋە مەزھەپلەرنى تەتقىق قىلىشقا يۆتكىلىپ، ئۇلارنى كالامشۇناسلار، باتىنىيلار، پەيلاسوپلار ۋە سوپىلار دەپ تۆت قىسىمغا يىغىنچاقلايدۇ ھەمدە ئاۋۋالقى ئۈچ پىرقىنى تەنقىدلەپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرى، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ پاكىتلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. ئاندىن ئەڭ ساغلام يول تەسەۋۋۇف يولى دەپ خۇلاسىلەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزىرىدە مۇتەسەۋۋىفلەر پەيغەمبەرلىك نۇرى بىلەن توغرا يول تاپىدىغانلار بولۇپ، كالامشۇناسلار تەقلىدچى، پەيلاسوپلار ئەقىل بىلەن كۇپايىلەنگۈچى، باتىنىيلار بولسا ئۆزلىرىنى مەسۇم ئىمامدىن تەلىم ئالىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغۇچى ئىدى.
ھىجرىيە بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئىسلاھاتچىسى
ئىمام غەززالىي كىچىك چېغىدىن تارتىپ ئۆزىنى ۋەزىپە ئىگىسى دەپ ھېس قىلاتتى، شۇنداقلا خىلمۇخىل دىنىي پىرقىلەر ۋە بىر – بىرىگە ئۆچمەن پىكرىي ئېقىملار ئارىسىدا بولۇۋاتقان توقۇنۇشلارنى كۆرگەن ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە بۇنداق توقۇنۇشلار كىشىلەرنىڭ زور كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تالاش – تارتىش قىلىشىغا ئېرىشەتتى. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى ۋە مۇنازىرىلىرىدە شۇ پىرقە – تائىپىلەرنى تەتقىق قىلىشىغا ۋە قارشى تۇرۇشىغا قىزىقتۇرغان نەرسە يۇقىرىقى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ تۇنجى مۇھىتى ۋە گۆدەكلىكىدىكى ئەسلىمىلەر سوپىلىقنىڭ ئۇنىڭ ئەقلى ۋە ئېڭىغا ئورناپ كېتىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ھەم سوپىلىق ئۇنى ھايات بويى تىزگىنلىۋالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۆز جەمئىيىتىنىڭ مەسىلىلىرىدىن ۋە ئۆز ئۈممىتىنىڭ مۈشكۈلاتلىرىدىن قاچمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرۈۋاتقان پىكرىي ئېقىملار، دىنىي مەزھەپلەر ۋە پەلسەپىۋى يۆنىلىشلەرنى كۆزىتىدۇ ۋە ئانالىز قىلىش، تەنقىدلەش بىلەن ئۇلارغا قارشى ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئىبادەتنىڭ ساپ، ئاڭنىڭ سۈزۈك، ئىماننىڭ چوڭقۇر، دۇنيا ئىشىدا زاھىد بولۇش … لاردەك تەسەۋۋۇف روھانىيىتى بىلەن دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىغا باراۋەر قاراشتىكى ئىلمىي ئەقلىيەتنى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى بىرلەشتۈرىدۇ.
ئىمام غەززالىي دىنغا ئەھمىيەت بېرىپ، ساغلام ئەقىدىنى ۋە توغرا ئىسلامنى قوغدايتتى. «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)، «فضائح الباطنية» (باتىنىيلار رەسۋاچىلىقلىرى)، «تهافت الفلاسفة» (پەيلاسۇپلارنىڭ زىتلىقلىرى) قاتارلىقلارغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە بۇ ئوچۇق كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ چوڭ ھەجىملىك ئەسىرى ۋە بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى «إحياء علوم الدين» (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش) ئارقىلىق ھىجرىيە بەشىنچى ئەسىرنىڭ دىن ئىسلاھاتچىسى بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك بىر غايىنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. بۇ تەرىپىنى ئۇنىڭ ئۇشبۇ قىممەتلىك گۆھىرى ۋە ۋە بۇ ساھەدە يېگانە كىتابىغا تاللىغان نامىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
مۇتەپەككۇر غەززالى
شۇنىسى ئايانكى، غەززالىينىڭ پىكىر – ئىدىيەسى تەپەككۇر بىلەن بىلىنىپ، ئىلمىي تەجرىبىلەر بىلەن تاۋلانغان خىلمۇخىل ئىلىملەردىن يۇغۇرۇلغانىدى. ئىمام غەززالىي ھەر نەرسىنى بىلىشكە مەھلىيا ئادەم بولغانلىقتىن، ئۆز دەۋرىنىڭ تىرىك ئېنسىكلوپېدىكى ئىدى. ئۇ «ھۆججەتۇلئىسلام» ۋە «بەشىنچى ئەسىر ئىسلاھاتچىسى» دېگەن ناملارغا نائىل بولغان ئىدى. ئىمام غەززالىينىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭ ئېنسىكلوپېدىك بىلىمىدىلا ئەمەس. چۈنكى، تارىختا نۇرغۇن ئېنسىكلوپېدىكلار ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭى ۋە قەلبىدىكى غەززالىينىڭ ئورنىغا ئىگە بولالمىغان ۋە ھۆججەتۇلئىسلام نامىغا ئېرىشەلمىگەن. ھەرقانداق ئىزدىنىپ كۆرگەن كىشىگە ئايان بولغىنىدەك، غەززالىي ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن بىرىدۇر ھەم ئۇلار ئىچىدە ئىجادچانلىققا ئەڭ يېقىنى بولۇشى مۇمكىن. ئاتاقلىق شەرقشۇناس ئىزاق يەھۇدا گولدزىھېر Ignác (Yitzhaq Yehuda) Goldziher (م. 1850 – 1921) نىڭ قارىشىچە، غەززالىي مۇتەپەككۇرلۇق قۇدرىتى بىلەن ئومۇمىي دىنىي ئاڭنى كەڭ يايالىغان بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق سوپىزم قاراشلىرىنى يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرگەن ۋە ئۇنى ئىسلامدىكى دىنىي ھاياتلىقتا ئۈنۈمدار ئامىللاردىن قىلغان. غەززالىي ھەققىدە دېيىلگەن كۆز قاراشلار ھەرخىل بولسىمۇ، ھەممەيلەن ئۇنىڭ بىلىم – مەرىپەت ئىشلىرىدىكى نوپۇزى ۋە تەسىرىگە قول قويغان.
پەيلاسوپ غەززالىي
ئىمام غەززالىي پەلسەپىنى ئاغدۇرۇش بىلەن پەيلاسوپ بولغان، لېكىن باشقىچە ئۆلچەم ۋە باشقىچە يول بىلەن بولغان. ئۇ باشقىلارغا ئەگەشكۈچى بولماستىن، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يېتىشكەن. گەرچە ئۆزىنى پەيلاسوپ دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، پەيلاسوپ ئىدى. ئۇنىڭدىن: «سەن پەيلاسوپمۇ؟» دەپ سورالسا، ئەلۋەتتە، ئۇنى ئىنكار قىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ پەيلاسوپ ئىكەنلىكى شەرق ۋە غەربتىكى كۆپلىگەن كىشى ئېتىراپ قىلغان مەسىلە. ھەتتا داڭلىق فىرانسۇز شەرقشۇناس پەيلاسوپ جوزىف ئارنېست رىنان Joseph Ernest Renan (م. 1823 – 1892) مۇنداق دېگەن: «ئىسلام پەلسەپىسى غەززالىيدەك ئىجادىي بىر پىكىرنى ئىشلەپچىقىرىپ باقمىدى». ئۇ يەنە، غەززالىيدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىسلامچى پەيلاسوپلار ئارىستوتېل Aristotle (م. ب. 384 – 322) پەلسەپىسىگە ياكى يېڭى ئەپلاتونىزىم Neoplatonism (م. ب. 250 – م. 550) پەلسەپىسىگە ئەگەشكۈچى ئىكەنلىكىنى، يالغۇز غەززالىيلا ئۇلارغا قارشى ئىنقىلاب قىلىپ، ئۆزىگە خاس يول تۇتقانلىقىنى بايان قىلغان([18]).
پەيلاسوپ غەززالىي جۈرئەت، شىجائەت ۋە زېرەكلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۆز دەۋرىدە ھۆكۈم سۈرگەن خىلمۇخىل پىكرىي ئېقىملارغا قارشى تۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسلامنى پاك ساقلاش نىشانى بىلەن ئاشقۇن پىرقىلەرنى مەركەزلىك تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ تەنقىدلىرى ئوبيېكتىپ بولۇش ۋە بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. غەززالىي پەيلاسوپلارغا رەددىيە بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەزى تەرەپلەردە ئىسلامغا مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەمدە كىشىلەرنى ئېنىقلىماستىن ۋە تەكشۈرۈپ كۆرمەستىنلا ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ يەنە، باتىنىييە مەزھىبىنىڭ سىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر – ئىدىيەلىرىنىڭ ماھىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ باتىللىقلىرى ۋە ئازغۇنلۇقلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنى رەسۋا قىلغان. شۇ چاغلاردا بۇ پىرقىنىڭ پىتنە – پاساتلىرى ئەۋج ئېلىپ، سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتىن ئۇلارنىڭ خەتىرى چوڭىيىپ كەتكەنىدى. غەززالىي ئۇلارغا رەددىيە بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خەتىرىنى ئاجىزلىتىش، دىنىي ۋە سىياسىي نوپۇزىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان.
ئىمام غەززالىي ئۆز پەلسەپىسىدە ئىلىمگە ئاشىقلىقىنى ۋە ھەقىقەت ئىزدەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. ئۇ گۇمان ۋە پەرەزدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي پىكىرنى مەنبە قىلغان ئەقلىي مېتودنى قوللانغان. غەززالىي ئۇنى بۇ سۆزىدە ئوچۇق ئىپادىلىگەن: «شەيئىلەر زەررىچە شەك قالمىغۇدەك دەرىجىدە توپتولۇق ئېچىپ بېرىلىدىغان ئىلىم جەزمىي ئىلىمدۇر. ئۇنداق ئىلىمدە خاتالىق ۋە ئوي – خىيال مۇمكىنچىلىكى بولمايدۇ»([19]).
ئۇ ئۆزىنىڭ گۇمان ئارقىلىق ھەقىقەت ئىزدەش تەجرىبىسى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «گۇمان قىلمىغان كىشى نەزەر سالمايدۇ، نەزەر سالمىغان كىشى كۆرمەيدۇ، كۆرمىگەن كىشى غەپلەت ۋە گۇمراھلىقتا قالىدۇ»([20]).
ئىمام غەززالىي توققۇز ئەسىر بۇرۇن قوللانغان بۇ مېتود فرانسىيە پەيلاسوپى دىكارت René Descartes (م. 1596 – 1650) ئوتتۇرىغا قويغان مېتودقا قاتتىق ئوخشايدۇ. بۇ ھال دىكارتنىڭ ئۇشبۇ بۈيۈك ئىسلام پەيلاسوپىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. گەرچە غەززالىينىڭ ئىلگىرىلىك ۋە مۇستەقىللىق ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، ئىككى پەيلاسوپ ئۆز ئەينى بىر بىلىش تەجرىبىسىنى باشتىن كەچۈرگەن. غەززالىي ئۆز كىتابى «المنقذ من الضلال»دا كەلتۈرگەن «گۇمان جەزمىيەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدۇر» دېگەن مەشھۇر ئىبارە دىكارتنىڭ ئۆز مەزھىبىنى قۇرۇشىغا ئاساس بولغان([21]). بۇنى تۇنىسلىق تارىخچى دوكتور ئوسمان ئەلكەئئاك (م. 1903 – 1976) ئىسپاتلاپ چىققان بولۇپ، ئۇ پارىژدىكى دىكارتنىڭ شەخسىي كىتابخانىسىدىن غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال» دېگەن كىتابىنىڭ لاتىنچە تەرجىمىسىنى تاپقان. ھالبۇكى، ئۇ كىتابنىڭ بىر بېتىدە غەززالىينىڭ «گۇمان جەزمىيەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدۇر» دېگەن مەشھۇر سۆزىنىڭ ئاستىغا بىر قىزىل سىزىق تارتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ چۆرىسىگە دىكارتنىڭ پوچېركىسى بىلەن «بىزنىڭ مېتودىمىزغا قوشۇلسۇن» دېگەن بىر ئىبارە يېزىلغان.
تەسەۋۋۇفچى غەززالىي
ئىمام غەززالىي تەسەۋۋۇفچىلار كۆپىيىپ كەتكەن بىر مۇھىتتا ياشىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىدە بولاتتى. شۇنىڭدەك، ئۇ ئۆز زامانىسىدا بار بولغان ئىلىم – مەرىپەتلەرنى ئۆگەنگەن بولۇپ، شۇلاردىن بىرى تەسەۋۋۇف ئىلمىدۇر. گۆدەكلىكىدىن تارتىپ ئىمام غەززالىينى قورشاپ تۇرغان ئاتموسفېرا تەسەۋۋۇف ھىدلىرى بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى، قېرىندىشى، تاغىسى، ۋەسىيسى ھەمدە ئۇستازى فارەمەدىي([22]) – ھەممىسى تەسەۋۋۇفچى ئىدى، ۋەزىر نىزامۇلمۈلكمۇ سوپىلارنى ياخشى كۆرەتتى. نەتىجىدە، ئۇنىڭدا تەسەۋۋۇفقا قىزىقىش ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىش پەيدا بولغان. بەلكىم غەززالىينىڭ دەسلەپكى ھاياتىدا ھاۋايى – ھەۋەس ياكى شۆھرەت، ياكى يۇقىرىغا ئۆرلەش ئىستەكلىرى ئۇنى سوپىلىق تەرەپكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشتىن توسۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇ ئۆز – ئۆزىدىن ھېساب ئالغان ۋە ئۆزىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، گۆدەكلىكىدىكى كونا ئىستەكلەر ئۇنىڭغا غالىب كەلگەن ۋە ئۇنى پۈتۈنلەي تەسەۋۋۇف سەيناسىغا ئىتتىرگەن.
ئىمام غەززالىي گۇمان مەزگىلىنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ھەقىقىي سوپى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ پۈتۈن تۇرمۇشىدا زاھىد بولىدۇ ۋە سوپىلىق تەرىقىتىدىكى بارلىق پىكىرلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، روھىي يۈكسىلىش ھالەتلىرىگە شۇڭغۇيدۇ.
شۇنىسى ئېنىقكى، غەززالىغا چۈشكەن ئەڭ كۆرۈنەرلىك تەنقىدلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ سوپىلىق يولىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەنلىكى، سوپىلاردىكى ئۆرپ – ئادەت ۋە ھەرخىل ئىشلارنى فىقھ ۋە ئۇسۇلۇل فىقھ لوگىكىسىغا تەڭلەپ باقماستىن قوبۇل قىلغانلىقىدۇر. ئۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇفقا فىقھ بىلەن ئەمەس زوقى بىلەن، ئەقلى بىلەن ئەمەس قەلبى بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇڭلاشقا، ئەبۇلفەرەج ئىبنۇل جەۋزىي (ھ. 510 – 597 / م. 1116 – 1201) ۋە باشقا تەنقىدچىلەر ئۇنىڭ سوپىزمنىڭ كۆپلىگەن شەرىئەتكە مۇخالىپ پىكىرلىرى ۋە قىلىقلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. شۇنداقتىمۇ، غەززالىنى ۋە ئۇنىڭ كىتابى «إحياء علوم الدين» (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش) نى تەكشۈرۈپ كۆرگەن ئىنساپلىق بىر ئادەم شۇنى ئىنكار قىلالمايدۇكى، ئۇ تەسەۋۋۇفنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە قوبۇل قىلمىغان، بەلكى ھەللاجىلاردەك «ئەھلى ھۇلۇل»([23])نىڭ تەسەۋۋۇفىنى كەسكىن رەت قىلىپ، پەقەت قۇرئان ۋە سۈننەتكە يېقىن مۆتىدىل تەسەۋۋۇفنى قوبۇل قىلغان ھەمدە تەسەۋۋۇف ئەھلى ئەگەشكەن ھەربىر پىكىر ۋە سۈلۈكنى ئىسلام ئاساسلىرىغا باغلاشقا، قۇرئان – ھەدىس ۋە ئەسەر([24])نى مەنبە قىلىشقا تىرىشقان.
تەسەۋۋۇف ئەھلى ئارىسىدا بىلىمسىزلىك تارىلىۋاتقان بىر پەيتتە، غەززالىي ئاخىرەت يولىدا ماڭىدىغان كىشى ئۈچۈن شەرئىي ئىلىمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن ھەم ئىسلامىي ئىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يازغان كىتابلىرىنىڭ تۇنجىسىنى «كىتابۇل ئىلىم» قىلغان ھەمدە «مىنھاجۇل ئابىدىن» (ئابىدلارنىڭ يولى) دېگەن كىتابى ئارقىلىق ئابىد كىشىنىڭ بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك بولغان تۇنجى داۋاننىڭ ئىلىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە سائادەتنىڭ پەقەت ئىلىم ۋە ئەمەل بىلەنلا قولغا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇفتىكى ئەڭ يارقىن ئۇتۇقلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ تەسەۋۋۇفنى نوقۇل زوق، خىيالچانلىق، تەھلىل ۋە كۆپتۈرمىچىلىكتىن ئەمەلىي ۋە ئەخلاقىي ئىلىمگە يۆتكىدى ۋە شۇ ئارقىلىق قەلب كېسەللىكلىرىنى داۋالىدى، قەلبلەرنى ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن پاكلىدى. غەززالىيدىن بۇرۇن تەسەۋۋۇفنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق ھالغا كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن كىشى غەززالىينىڭ تەسەۋۋۇتىكى ۋە تەسەۋۋۇف ئەھلى ئارىسىدىكى تۆھپىسىنى ۋە تەسىرىنى بىلمەي قالمايدۇ.
ئەسەرلىرى
مول بىلىم ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىلىم ئىگىسى بولغان ئىمام غەززالىي يېزىقچىلىقتىن ۋە كىتاب يېزىشتىن توختاپ باقمىغان. بولۇپمۇ، يۇرت كېزىش، زاھىتلىق ۋە ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئون يىل جەرياندا كۆپ يېزىقچىلىق قىلغان. راۋىلاردىن بىرى ئەگەر غەززالىينىڭ يازغان كىتابلىرى ئۇنىڭ ئۆمرىگە چېچىلسا، ئۇنىڭ ھەربىر كۈنىگە تۆت كۇرراسە([25]) توغرا كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ تۈزگەن كىتابلىرىنىڭ سانى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان بولۇپ، دوكتور ئابدۇررەھمان بەدەۋىي([26]) (م. 1917 – 2002) غەززالىي ھەققىدە يازغان كىتابى«غەززالىي ئەسەرلىرى»دە 69 دانە كىتابنىڭ كەسكىن ئۇنىڭغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. تەتقىقاتچىلاردىن دوكتور جەمىل سەلىبا([27]) (م. 1902 – 1976) بىلەن مۇھەممەد كامىل ئەيياد([28]) (م. 1901 – 1986) غەززالىينىڭ ئەسەرلىرىدىن بېسىلغىنى، قوليازمىسى ۋە يۈتكىنى بولۇپ جەمئىي 228 پارچە كىتاب ۋە رىسالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تىزىملىك تۈزگەن. ئۇنىڭ كىتابلىرى ئاساسەن تەسەۋۋۇف ۋە فىقھى، ئىلاھىيەت ۋە مەنتىق، پەلسەپە ۋە ئەخلاق تېمىلىرىنى چۆرىدىگەن. لېكىن، ئۇ كىتاب – رىسالىلىرىدە گاھىدا پىسخىكا، جەمئىيەت، تەربىيە، سىياسەت ۋە تەبىئەت پەنلىرىدەك باشقا كۆپلىگەن تېمىلارغىمۇ كىرگەن ۋە كەڭ توختالغان.
غەززالىينىڭ ئۇنىڭغا تەۋەلىكى كەسكىن بولغان كىتابلىرى يېزىلىش تارىخى بويىچە بىر نەچچە باسقۇچقا بۆلىنىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ:
ھ. 465 – 478 /م. 1073 – 1086 – يىلىغىچە، يەنى ئۇستازى ئەبۇلمەئالىي جۇۋەينى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى باسقۇچ. بۇ باسقۇچتا يازغان كىتابلىرى:
1. «التعليقة في فروع المذهب» (شافىئىي مەزھەب تارماق فىقھ مەسىلىلىرىگە ھاشىيە( بۇ، يولدا قاراقچىلار ئېلىۋېلىپ، كېيىن قايتۇرۇپ بەرگەن كىتابى.
2. المنخول في أصول الفقه. ئۇسۇلۇل فىقھ ئىلمىدە «مەنخۇل» (تاسقالغان) دېگەن كىتاب.
ئىككىنچى باسقۇچ:
ھ. 478 – 488 /م. 1086 – 1096 – يىلىغىچە بولغان باسقۇچ. بۇ باسقۇچتا يازغانلىرى تۆۋەندىكىلەر:
1. «البسيط في فروع المذهب». (شافىئىي مەزھەب تارماق فىقھ مەسىلىلىرىدە تەپسىلىي بايان( ئىبنى خەللىكان بۇ كىتابى توغرىسىدا: «ئىسلامدا ئونىڭغا ئوخشاش بىر كىتاب يېزىلمىغان» دېگەن.
2. «الوسيط» (ئالدىدىكى كىتابىدىن خۇلاسىدۇر).
3. «الوجيز».(ئالدىدىكى كىتابىنىڭ ئىخچاملانمىسى).
4. «خلاصة المختصر ونقاوة المعتصر». يەنە بىر ئاتىلىشى: «الخلاصة في الفقه الشافعي».(شافىئىي مەزھەب فىقھىدە خۇلاسە(
5. «المنتخل في علم الجدل» (بەس – مۇنازىرە ئىلمىدە تاللانما).
6. «مآخذ الخلاف» (قاراش ئوخشاش بولمىغان فىقھىي مەسىلىلەردىكى ھۆكۈم ئاساسلىرى).
7. «تحصين المآخذ» (قاراش ئوخشاش بولمىغان فىقھىي مەسىلىلەردىكى ھۆكۈم ئاساسلىرىنى مۇستەھكەملەش).
8. «المبادئ والغايات» (ئۇسۇلۇل فىقھ ئىلمىدە باشلىنىش نۇقتىلىرى ۋە كۆزلەنگەن مەنزىللەر).
9. «شفاء الغليل» (قىياس ۋە سەۋەبلەندۈرۈش ھەققىدە).
10. «فتوى لابن تاشفين» (غەززالىينىڭ ماراكەش مۇرابىتىنلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارى ئەمىر يۈسۈف ئىبنى تاشفىنگە ئەندەلۇستىكى بەگلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ۋاجىبلىقى ھەققىدە بەرگەن پەتۋاسى).
11. «الفتوى اليزيدية» (يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيەنى كاپىرغا چىقارغانلارنىڭ ھۆكمى ھەققىدە).
12. «مقاصد الفلاسفة» (پەيلاسۇپلارنىڭ مەقسەدلىرى) پەلسەپە پىرىنسىپلىرىنىڭ بايانى ھەققىدە بولۇپ، گېرىك پەلسەپىسى بىلەن ئىسلام پەلسەپىسىنى خۇلاسىلىگەن ئەڭ ياخشى كىتاب.
13. «تهافت الفلاسفة». (پەيلاسۇپلارنىڭ زىتلىقلىرى) ئۇنىڭدا پەيلاسوپلارنىڭ ئازغۇنلۇقىنى بايان قىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ قىممىتى ۋە پاكىتلىرىدىن شەكلەندۈرىدۇ.
14. «معيار العلم». (ئىلىم ئۆلچىمى) بۇ كىتابىنى ھ. 488 /م. 1096 – يىلى تاماملىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈرلۈك لوگىكىلىق قاراشلارنى بايان قىلىش بىلەن بىللە بەزى ئالتغۇلار ۋە ئىسلام ماقال – تەمسىللىرىنى ئىزاھلىغان. بۇ تھافت الفلاسفە دېگەن كىتابىدا كەلگەن ئىستىلاھلارنى ۋە پەيلاسوپلارنىڭ قاراشلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يېزىلغان.
15. «معيار العقول».
16. «محك النظر في المنطق». (پىكىر تەكشۈرگۈچى) بۇ كىتابىنى ھ. 488 /م. 1096 – يىلى تاماملىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ تۈرلۈك لوگىكىلىق قاراشلارنى بايان قىلغان. لېكىن بۇنىڭدا ئىستىلاھلارنى ئىسلام ئۇسۇلى فىقھ ئىستىلاھلىرىغا ئايلاندۇرغان.
17. «القسطاس المستقيم». (توغرا تارازا) غۈززالىي بۇ كىتابىدا لوگىكىنى قۇرئان مېتودىدىن ئېلىنغان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە قىياسنى قۇرئان ئايەتلىرىدىن چىقىرىپ بەرگەن. لوگىكىنى ئىسلام تاۋىقىدا ئېرىتىپ يېڭى ئىستىلاھلارنى سۇنغان.
18. «ميزان العقل».
19. «المستظهري» بۇ كىتابى «فضائح الباطنية» (باتىنىيلار رەسۋاچىلىقلىرى) دېگەن كىتابىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى. ئىمام غەززالىي بۇ كىتابىنى خەلىپە ئەلمۇستەزھىر بىللاھ نامىغا ئاتاپ يازغاچقا شۇنداق ئاتىغان.
20. «حجة الحق» (باتىنىيلارغا رەددىيە).
21. «قواصم الباطنية» (باتىنىيلارغا رەددىيە).
22. «الاقتصاد في الاعتقاد». بۇ ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىنى ئەشئەرىيلەر ئۇسۇلى بويىچە ئەقىل ۋە شەرىئەت كۆرسەتمىلىرى ئاساسىدا بايان قىلىدىغان ئەسەردۇر. بۇنى ئىمام غەززالىي نىزامىييە مەدرىسىسىدە ئوقۇتۇشتىن ۋاز كېچىشتىن سەل بۇرۇنلا يازغان. ئەلئەزھەر ئۇنۋېرسىتېتىدا ھازىرغىچە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلماقتا.
23. «الرسالة القدسية في العقائد». (ئەقىدىلەر ھەققىدە قۇدسىي رىسالە) بۇ كىتابى «‹إحياء علوم الدين» (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش) نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئىمام غەززالىي زامانىدىلا ئايرىم كىتاب قىلىنغان.
24. «المعارف العقلية والأسرار الإلهية». (ئەقلىي مەرىپەتلەر ۋە ئىلاھىي سىرلار) ئىمام غەززالىي بۇ كىتابىدا لوگىكا، كالام، سۆزلەش، يېزىقچىلىق، ناتىقلىق قاتارلىق تېمىلاردا توختالغان.
ئۈچىنچى باسقۇچ:
ھىجرىيە 488 – 499 /م. 1096 – 1106 – يىلىغىچە. بۇ باسقۇچتا كۆپ كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى «إحياء علوم الدين» (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش) دۇر.
تۆتىنچى باسقۇچ:
ھىجرىيە 499 – يىلىدىن 503 – يىلىغىچە. بۇ باسقۇچتىكى ئەڭ مۇھىم كىتابلىرى:
1. «المنقذ من الضلال». (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى). ئىمام غەززالىي بۇ كىتابىنى ھ. 500 /م. 1106 – يىلى تاماملىغان بولۇپ، بۇ كىتابى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى پىكرىي ۋە رەھىي يۆنىلىشنى، قانداق قىلىپ شەك باسقۇچىدىن ئاخىرقى تاللىشى بولغان جەزمىيەت نۇرىغا ئېرىشىش جەريانىنى بايان قىلغان.
2. «المستصفى في علم الأصول». (ئۇسۇلى فىقھىدا سۈزمە) بۇنى ھ. 503 / م. 1109 – يىلى يازغان.
ئاخىرقى ئۆمرىدە يەنى ھىجرىيە 503 – يىلىدىن 505 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا يازغان كىتابلىرى:
1. «منهاج العابدين» (زاھىدلىق، ئەخلاق ۋە ئىبادەت ھەققىدە).
2. «إلجام العوام عن علم الكلام». (ئاۋامنى كلام ئىلمىدىن تىزگىنلەش). بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىتابى بولۇپ، ھىجرىيە 505 /م. 1111 – يىلى ۋاپاتىدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن تاماملىغان. بۇ كىتابىدا ئاۋامنى كلام ئىلمى بىلەن شۇغۇللانماسلىققا چاقىرىپ، سەلەف – سالىھلارنىڭ مەزھىبىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەزھەپلەرنى بىدئەتچىگە چىقارغان.
كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار غەززالىينىڭ كىملىكىنى، تۇتقان يولىنى ۋە پىكىر يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم كىتابلىرى ئۈچ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار:
1. «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى). ئۇنىڭ بۇ كىتابى ئۇنىڭ پىكىر تەرەققىياتى، ئوقۇ – ئوقۇتۇشتىن گۇمانىزمغا ئاندىن جەزمىيەتكە يۆتكىلىشى، تەسەۋۋۇف ۋە ئىلمى كالامغا، پەلسەپە ۋە پەيلاسوپلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى بىلىشتە زۆرۈر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابتا غەززالىي تەقلىدچىلىكنى رەت قىلىپ، ئەقلىي تەپەككۇر يەنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يولىنى ئەلا بىلگەن بولۇپ، مەزكۇر كىتابتا ئۇنىڭ مېتودىنىڭ قائىدىلىرى ۋە جەزمىيەت ئىزدەشتىكى ئەقلىي لىنىيىسى ئايدىڭلىشىدۇ.
2. «تهافت الفلاسفة» (پەيلاسۇپلارنىڭ زىتلىقلىرى). بۇ كىتاب قاتتىق جۈرئەت بىلەن يېزىلغان بولۇپ، غەززالىينىڭ ئۇنىڭدىكى نىشانى پەيلاسوپلارنى ئەقىلسىزگە چىقىرىش ئەمەس، بەلكى پەيلاسوپلارنىڭ ئۆز قاراشلىرىدا تايانغان ناتوغرا ئەقلىي مېتودلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىدى. غەززالىي بۇ كىتابىدا، ئەقىل ۋەھىينى ئۆزىگە يېتەكچى، رەھنەما قىلمىسا تەبىئەت ئارقىسىدىكى (غەيبىي) ھەقىقەتكە يېتىشتىن تامامەن ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
3. «إحياء علوم الدين» (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش). بۇ ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم كىتابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھەرخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بۇ كىتابى ئىسلام ئەخلاقىغا ئائىت كىتابلار ئىچىدە تا بۈگۈنگىچە دۇنياغا ئەڭ كەڭرى تارالغان كىتاب ھېسابلىنىدۇ. ئەبۇلفەرەج ئىبنۇل جەۋزىي (ھ. 510 – 597 / م. 1116 – 1201) نىڭ رىۋايىتىگە ئاساسلانغاندا، غەززالىي كىتابىنى خىلۋەتتىكى چېغىدا يازغان. ئۇ، شەيتاننىڭ كىشىلەرنى تىزگىنلەپ، ئازدۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، دىننىڭ ئۆلىمالار نەزىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ پەتۋاسىغا، تۆرە تالىشىش ۋە ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەلبلەردە ئىخلاسنى ئورنىتىش ئۈچۈن، ھەر ئىشتا ئىخلاسنى ئاساس ۋە شوئار قىلىشتىن ئىبارەت سەلەف – سالىھلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ كىتابىنى يېزىپ چىققان. جەمئىيەتنى توغرا ئىسلام ئەقىدىسىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن، بىر ئىدېئولوگىيە چەمبىرى ياساشقا تىرىشقان. دىن ۋە ئەقىدە مەسىلىلىرى بىلەن بىرگە، پىسخىكا، جەمئىيەت، ئەخلاق، سىياسەت ۋە تەربىيە تېمىلىرىدىمۇ توختالغان. ھەمدە يەنە، ئاياللار ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى بايان قىلغان.
مەنبە:www.islamstory.com
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي
ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
—————————————————-
([1]) ئۇسۇلۇل فىقھ ئىلمىغا چوڭقۇرلاپ چۆككەن كىشى شۇنداق سۈپەتلىنىدۇ.
([2]) «ئىسلامىيەتتىكى پەلسەپە تارىخى»، 1901 – يىلى گوللاندىيەلىك شەرقشۇناس ت. ج. دې بور تەرىپىدىن ئىسلام پەلسەپەسى ھەققىدە ئەڭ تولۇق يېزىلغان ئەسەر (Geschichte der Philosophie im Islam) نىڭ گىرمانچىدىن ئەرەبچە تەرجىمىسى. 290 – بەت.
([3]) «سير أعلام النبلاء»، 19 – توم، 343 – بەت.
([4]) «طبقات الشافعية الكبرى»، السبكي، 6 – توم، 193 – بەت.
([5]) يەنى پاناھلىق جاي ۋە تاماق بار ئىكەن دەپ مەدرىسەگە كىرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىدۇ.
([6]) «طبقات الشافعية الكبرى»، السبكي، 6 – توم، 194 – بەت.
([7]) «طبقات الشافعية الكبرى»، السبكي، 6 – توم، 196 – بەت.
([8]) «سير أعلام النبلاء»، 19 – توم، 335 – بەت.
([9]) مەششائىييە ئىسلام مەدرەسەسى (Islamic peripatetic school): «پىيادە يۈرۈپ ھېكمەت ئۆگىتىشنى كۆرسىتىدىغان ‹مەششائىييە ‹Peripatetic school ئاتالغۇسى ئەپلاتون Plato (م. ب. 427 – 347) ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئارىستوتېل Aristotle (م. ب. 384 – 322) قۇرغان ئەقلىي يەكۈنلەرنى ئاساس قىلغان پەلسەپەۋىي مەدرەسە»نىڭ نامى بولۇپ، بۇ مەدرەسەنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئىزاھلاش ۋە پەلسەپەۋى ئاساسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نەتىجىسىدە تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى ئەبۇ يۈسۈف ئەلكىندىي (ھ. 185 – 252 / م. 801 – 867)، «ئىككىنچى مۇئەللىم» دەپ ئاتالغان ئەبۇ نەسر ئەلفارابىي (ھ. 260 – 339 / م. 874 – 950)، «شەيخ رەئىس» دەپ ئاتالغان ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا (ھ. 370 – 428 / م. 980 – 1036) قاتارلىق ئىسلام ئالىملىرى مەششائىييە ئىسلام مەدرەسەسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلار تالانتلىق مۇسۇلمان ئالىملار بولغاچقا، پەلسەپەۋى يەكۈنلەر بىلەن ئىسلام شەرىئىتى ئوتتۇرىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، پەلسەپەگە بەكرەك ئېغىپ كەتكەن ۋە ئۆزلىرى «مۇتلەق توغرا» دەپ قوبۇل قىلغان ئەقلىي يەكۈنلەر بىلەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقان، لېكىن ئەقلىي يەكۈنلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشىنى، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى رەت قىلىپ، ئۇنى بىردىنبىر توغرا ۋە ھەق دەپ قارىۋالغان. نەتىجىدە ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئەقلىي يەكۈنلىرىگە بويسۇندۇرۇپ تەئۋىل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى مۇسۇلمان مۇتەكەللىملەرنىڭ تەنقىدىگە ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىنچە ئەندەلۇسلۇق ئاتاقلىق پەيلاسوپلاردىن ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى باجە (ھ. 487 – 533 / م. 1080 – 1138)، ئەبۇلۋەلىد مۇھەممەد ئىبنى رۇشد (ھ. 520 – 595 / م. 1126 – 1198) لار ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپەسىگە ئۆتكۈر نەزەر سېلىپ ئۇنى شەرھلىگەن ۋە چۈشىنىش قىيىن بولغان جايلارنى يېشىپ بەرگەن. بۇنىڭدىن مىلادىيە 15 -، 16 – ئەسىرلەردىكى ياۋروپالىق پەيلاسوپلار پايدىلانغان. قاراڭ: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1297 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
([10]) «طبقات الشافعية الكبرى»، السبكي، 6 – توم، 197 – بەت.
([11]) «طبقات الشافعية الكبرى»، السبكي، 6 – توم، 197 – بەت. «البداية والنهاية»، ابن كثير، 12 – توم، 149 – بەت.
([12]) ئەقسا مەسجىدىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان بۆلۈكى.
([13]) بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ 35 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى ئەلخەلىل شەھرىگە جايلاشقان ھەزرىتى ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ قەبرىسى كۆزدە تۇتۇلغان.
([14]) «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى) 49 – بەت.
([15]) «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى) 49 – بەت.
([16]) «وفيات الأعيان»، ابن خلكان، 4 – توم، 218 – بەت.
([17]) «طبقات الشافعية الكبرى»، السبكي، 6 – توم، 210 – بەت.
([18]) «دراسات في تاريخ الفلسفة العربية الإسلامية ورجالها»، عبده الشمالي، 553 – بەت.
([19]) «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى) 6 – بەت.
([20]) «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى) 7 – بەت.
([21]) ئىمام غەززالىي بىلەن دىيكارتقا مەنسۇپ قىلىنغان شەك مېتودى ھەققىدە توختىلىدىغان بولساق، دېيكارتنىڭ بۇ مېتودتا غەززالىي بىلەن ئوخشاپ قېلىشى ھەققىدە ئىككى خىل پەرەز بار. بىرى، ئۇدۇل كېلىپ قېلىش. يەنى ھەر بىر ئالىمنىڭ ياشىغان مۇھىت شارائىتى ئۇنى مۇشۇ مېتودغا ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان. بۇ ھەقتە گېرمانىيەدە پېروفېسسور راينھارد لاۋت Reeinhard Lauth دېيكارتنىڭ غەززالىي بىلەن بولغان پىكرىي مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىر تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلغان. بۇ تەتقىقاتنى گېرمانىيىلىك شەرقشۇناس ئانتون ئاشبىتالىر A. Spitaler كۆرۈپ چىققان ۋە ئۇ دىيكارتنىڭ غەززالىينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى رەت قىلغان ۋە بۇنى دىيكارتنىڭ غەززالىينى ھېچ تونۇمىسىمۇ ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاش پىكىرگە كېلىپ قېلىشى دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئىككىنچى پەرەز: دىيكارتنىڭ غەززالىينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بولۇپمۇ «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى) دېگەن ئەسىرىنىڭ دىيكارتقا تەسىر قىلغانلىقى ۋە پەلسەپىدىكى ئىجادىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى بىر مەنبەسى ئىكەنلىكى.
بۇ پەرەزنى تۆۋەندىكىلەر كۈچلەندۈرىدۇ: گېرمانىيىلىك يازغۇچى كىرىستوف فون ۋولزوگىن Christoph Von Wolzogen «غەززالىي دىيكارتتىن بۇرۇن دىكارتچىمىدى؟» دېگەن ماقالىسىدا دىكارتنىڭ شەك مېتودىنىڭ ئىسلام پەلسەپىسىدىن كەلگەنلىكىنى، غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى) دېگەن كىتابى بىلەن دىيكارتنىڭ «مىتافىزىيكىي تەئەممۇلاتلار» دېگەن كىتابى گۋاھ بولغىنىدەك، ئىككى مېتودنىڭ بىر – بىرىگە چىپىسلىشىدىغانلىقىنى ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىدا كۈچلۈك باغلىنىش بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
گېرمانىيە جوتىنجىن ئۇنۋېرسىتېتىدا ئىشلەيسدىغان ئابدۇسسەمەد ئەششازىلىي غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى) دېگەن كىتابنىڭ گېرمانچە تەرجىمىسىنىڭ كىرىش سۆزىدە دىكارتنىڭ شەرقشناس دوستلىرىدىن جاكوب جولىيوس Jacob Golius (1596 – 1667) ۋە لىفىنوس ۋارنىر Levinius Varner قاتارلىقلارنىڭ قولىدا «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)نىڭ ئەرەبچە قوليازما نۇسخىسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان.
ئوسمان كەئئاكنىڭ مىسىرلىق دوستى ئاتاقلىق تەتقىقاتچى دوكتور مۇھەممەد ئابدۇلھادىي ئەبۇ رىيدە ئۇنىڭدىن ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇججەتۇل ئىسلام ئەبۇ ھامىد غەززالىينىڭ غەرب پىكرىگە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا ياردەم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئوسمان كەئئاك فىرانسىيە دۆلەت كۈتۈبخانىسىدا ئىشلەيدىغان بولغاچقا، ئۇ دىكارتنىڭ خاس كۈتۈبخانىسىغا كىرەلىگەن ۋە ئۇنىڭدىكى كىتابلارنى مۇتالىئە قىلىشقا باشلىغان. ئۇ توساتتىن دىيكارتنىڭ كىتابلىرى ئارىسىدا «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)نىڭ لاتىنچە تەرجىمىسىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ غەززالىينىڭ پىكىرلىرىنىڭ بىرقانچىسى ئاستىغا سىزىلىپ دىكارتنىڭ پوچىركىسى بىلەن «بۇ بىزنىڭ مېتودىمىزغا ئېلىنىدۇ» دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ ئېنىقلا پىكىر ئوغرىلاش بولۇپ، بۇ ۋەقەلىكنى دوكتور ئوسمان كەئئاك «ئىسلام پىكرى 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى» دا يەتمىشىنچى يىللاردا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەيران قالارلىقى قىرىقتىن ئارتۇق ئەسەر قالدۇرغان ۋە يەتتە خىل تىل بىلىدىغان دوكتور ئوسمان كەئئاك شۇ كۈننىڭ ئەتىسى ھ. 1396 / م. 1976 – يىلى 19 – رەجەب 19 – (15 – ئىيۇن) كۈنى ياتىقىدا ئۆلۈك تېپىلىدۇ. ئۇ سۈيقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدىمۇ ياكى ئۆلۈپ قالدىمۇ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.
ئوسمان كەئئاكنىڭ بايان قىلىشىچە «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)نىڭ «گۇمان جەزمىيەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدۇر» دېگەن مەشھۇر ئىبارىسى ئاستىغا دىيكارت قىزىل قەلەمدە «بۇ بىزنىڭ مېتودىمىزغا ئېلىنىدۇ» دەپ يازغان.
سوربون ئۇنۋېرسىتىدىن پەلسەپە پەنلىرىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ۋە ئەلئەزھەر ئېنىۋېرسىتېتى ئۇسۇلىددىن فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە ئەۋقاپ مىنىستىرى بولغان دوكتور مەھمۇد ھەمدىي زەقزۇق (ھ. 1352 – 1441 /م. 1933 – 2020) «المنھج الفلسفي بين الغزالي وديكارت» (غەززالىي بىلەن دىكارت ئوتتۇرىدىكى پەلسەپەۋى مېتود) دېگەن ئەسىرىدە، يەنە دوكتور نەجىب مۇھەممەد ئەلبەھبىيتىي (ھ. 1326 – 1412 /م. 1908 – 1992) «المدخل إلى دراسة التاريخ والأدب العربيين» (ئەرەب تارىخى ۋە ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا كىرىش) ناملىق ئەسىرىدە دىيكارتنىڭ ئەبۇ ھامىد غەززالىيدىن، بولۇپمۇ «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى) دېگەن كىتابىدىن پىكىر ئوغرىلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
([22]) مەۋلانا ئەبۇ ئەلى ئەلفەزل ئىبنى مۇھەممەد ئەلفارمەزىي ئەلخۇراسانىي (أَبُو عَلِيٍّ الفَضْلُ بنُ مُحَمَّدٍ الفَارمَذِيُّ الخُرَاسَانِيُّ): (ھ. 407 – 477 / م. 1017 – 1084) «رۇكنۇلئىسلام»، «ئەلمۇرشىد»، «قۇتۇبۇززامان» ۋە «شەيخۇل مەشايىخ» دېگەندەك ناملارنى ئالغان، ۋەزىر نىزامۇلمۇلكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كاتتا مۇتەسەۋۋىف، زاھىد، ۋائىز. «نەقشەبەندىييە تەرىقىتىنىڭ ئەلەۋىي سىلسىلەسىدە ئەبۇلقاسىم ئەلجۇرجانىينىڭ، بەكرىي سىلسىلەسىدە ئەبۇلھەسەن ئەلخەرەقانىينىڭ خەلىفەسى» دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى سىلسىلە ئۇنىڭدا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى يۈسۈف ئەلھەمەدانىيدا تۇتۇشۇپ، نەقشەبەندىييە تەرىقىتىنىڭ 8 – ئالتۇن ھالقىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
([23]) «ئەھلى ھۇلۇل»: تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ بىر خىل ئېقىمى بولۇپ، ئاللاھقا يېقىنلىشىپ ۋايىغا يەتكەن ئىنسان ئاللاھ بىلەن بىرلىشىپ بىر گەۋدە بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ.
([24]) ئەسەر – ھەدىس ئىلمىدا، ساھابىگە، ياكى تابىئىنغا نىسبەت بېرىلگەن سۆز ۋە ئەمەللەر.
([25]) بىر كۇرراسە دېگىنىمىز كىچىك بىر پارچە كىتابنى ياكى كىتابنىڭ 40 بەت ئەتراپىدىكى بىر بۆلۈكىنى كۆرسىتىدۇ.
([26]) يىگىرمىنچى ئەسىردىكى داڭلىق ئەرەب پەيلاسوپلىرىنىڭ بىرى. يازغان، تەرجىمە قىلغان ۋە نەشىرگە تەييارلىغان ئەسەرلىرى 150 پارچىدىن ئاشىدۇ. «غەززالىي ئەسەرلىرى» نامىدا ئەسەر يازغان.
([27]) سۈرىيەلىك يازغۇچى ۋە پەيلاسۇپ. سوربوندىن «ئىبنى سىنا نەزىرىدىكى مىتافىزىكا ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق تېمىسى بىلەن دوكتورلۇق ئالغان. پەلسەپىگە ئائىت ئەسەرلەرنى يازغان، تەرجىمە قىلغان ۋە نەشىرگە تەييارلىغان. غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى) نىمۇ نەشىرگە تەييارلىغان.
([28]) لىۋىيەلىك ئەدىب. جەمىل سالىبا بىلەن بىرلىكتە «ئىبنى خەلدۇن تاللانمىلىرى»، «ھەي بىن يەقزان» ۋە غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال» (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى) نى نەشىرگە تەييارلىغان.