ئىسلام باھادىرى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي

ئىسلام باھادىرى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي

(ھ. 360 – 421 / م. 971 – 1030)

 

ئۇ ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتلىرى دەسسىمىگەن تۇپراقلاردا ئاتلىرىنى چاپتۇرغان، ئىسلام يېتىپ بارمىغان ئەللەردە ئىسلام بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن بىر سۇلتان! ئۇ يەمىنۇددەۋلە، دىننىڭ ئامانەتدارى، ھەقنىڭ ياردەمچىسى، دىننىڭ يۆلەنچۈكى ۋە دۆلەتنىڭ باشپاناھى! ئۇ دەل ئەڭ چوڭ بۇتنى پاچاقلىغان، ھىندىستاننى بويسۇندۇرغان بۈيۈك مۇجاھىد سۇلتان سەبۇق تېكىن ئوغلى ئەبۇلقاسىم مەھمۇد غەزنەۋىيدۇر.

تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

سەبۇق تېكىن ئوغلى مەھمۇد ھ. 360 / م. 971، مۇھەررەم ئېيىدا(1) غەزنە(2) شەھرىدە تۇغۇلغان(3). ئۇ ناھايىتى باتۇر، قورقماس تەربىيەلەنگەن بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا ئىسلام دۈشمەنلىرى بولغان ھىندىلار ۋە بۇۋەيھىيلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. دادىسى سەبۇق تېكىن(4) بۇۋەيھىيلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان نىشاپۇر ئۇرۇشىدا ئۇنىڭ تۆھپىسى زور بولغانىدى، بۇ ئۇنىڭ قىران چاغلىرى ئىدى.

ئۇنىڭ دادىسى، ناسىرۇددىن سەبۇق تېكىن ھ. 366 / م. 977 – يىلى غەزنەگە ۋالىي بولغان(^5]). ئۇ ئالىي ھىممەتلىك، ئاجايىب قابىلىيەتلىك، ناھايىتى غايىلىك كىشى بولۇپ، ئادىل ۋە مەرھەمەتلىك، ئەھدىگە ۋاپادار، كۆپ جىھادلارنى قىلغان زات ئىدى. ئۇ كېيىن ئوڭۇشلۇق ھالدا قوشنا ئەللەرگە نوپۇزىنى كېڭەيتىپ، ھىندىستاندىكى ھەرقايسى كۈچلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان. شۇنداقلا كۆپلىگەن قورغان ۋە قەلئەلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئاخىرىدا ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىدا چوڭ بىر دۆلەت قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان. سەبۇق تېكىن ھ. 387 / م. 997 – يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغلى ئىسمائىل ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان ۋە كىشىلەر ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغان. ئىسمائىل تەدبىرسىز دەپ سۈپەتلىنىدىغان بولۇپ، ئاكىسى مەھمۇدنى دادىسىنىڭ مىراسىدىن مەھرۇم قىلىۋەتمەكچى بولغان. ئىسمائىل غەزنەگە ھۆكۈمران بولغاندىن كېيىن قوشۇنلار ئۇنى ئىقتىدارسىز كۆرۈپ، ئۇنى كونترول قىلىۋالغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇپ تۇرۇۋالغان. نەتىجىدە، ئۇ دادىسىنىڭ خەزىنىلىرىنى قۇرۇقداپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئەمىر مەھمۇد ئىسمائىلنىڭ ئورنىغا چىقىپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان ۋە غەزنەنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىنى سۇلتان دەپ جاكارلىغان.

دۆلەتكە سۇلتان بولۇشى

سەبۇق تېكىن ئوغلى مەھمۇد سۇلتانلىق ھوقۇقىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، سۈننەتنى ئۈستۈن قىلىپ، رافىزىيلار ۋە مۇئتەزىلەلەرنى چەكلەيدۇ. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يولىنى تۇتىدۇ. ئۇ ئالىم ۋە پېشقەدەملەرنى ئۆز يېنىغا تارتاتتى، ئىشلاردا ئۇلارغا مەسلىھەت سالاتتى. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «سەبۇق تېكىن ئوغلى مەھمۇدنىڭ پادىشاھلىقى ئۆز ئىرقىدىن بولغان پادىشاھلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى پادىشاھلىقلارنىڭ بىرى بولغانلىقتىن، ئىسلام ۋە سۈننەت ئۇنىڭ دەۋرىدە ناھايىتى ئەزىز ئىدى. ئۇ مۇشرىك ھىندىلارغا قارشى غازات قىلغان ئىدى. ئۇ ئادالەتنى شۇنداق قانات يايدۇرغانكى، ھېچكىم ئۇنىڭدەك قانات يايدۇرالمىغان. ئۇنىڭ مەزگىلىدە سۈننەت غالىب، بىدئەت خار ئىدى»(6).

سۇلتان مەھمۇد باغدادتىكى خەلىفە قادىر بىللاھ (م. 947 – 1031) نامىغا خۇتبە ئوقۇغان بولۇپ(7)، ئۇشبۇ ئابباسىيلار خەلىفەسى مەھمۇدنىڭ قول ئاستىدىكى خۇراسان، جىبال(8)، سىند(9

ھىندىستان ۋە تەبەرىستان ئەللىرىگە ئۇنىڭ سۇلتان بولۇشىنى ماقۇللىغانىدى. خەلىفە ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېسىل بىر شەرەپ تونى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئىلگىرى ھېچبىر خەلىفە ھېچبىر سۇلتانغا ئۇنداق توننى ئەۋەتىپ باقمىغان ئىدى. خەلىفە يەنە ئۇنىڭغا «يەمىنۇددەۋلە (دۆلەتنىڭ ئوڭ قول – قانىتى)، دىننىڭ ئامانەتدارى، ھەقنىڭ ياردەمچىسى، دىننىڭ يۆلەنچۈكى، دۆلەتنىڭ باشپاناھى» قاتارلىق ھۆرمەت ناملىرىنى بەرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي سۇلتان مەھمۇد ئۆزىگە «ھىندىستاننى بويسۇندۇرغۇچى ۋە ئەڭ چوڭ بۇتنى پاچاقلىغۇچى» دېگەن نامنى قوشقان.

سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي ناھايىتى كەسكىن ۋە ئادالەتپەرۋەر ئىدىكى، ھاراق ئىچىش بولسۇن، ياكى ساز چېلىش بولسۇن، ياكى مۇئتەزىلە ۋە شىئە ئىدىيەلىرىنى تارقىتىش بولسۇن، ئۇنىڭ دۆلىتىدە ھېچكىم ئاشكارا گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.

ئۇ ئالىملارنى قەدىرلەيتتى ۋە ھۆرمەتلەيتتى، ئالىملار ھەرقايسى جايلاردىن ئۇنى پاناھ تارتىپ كېلەتتى. پۇقرالارغا ئادىل ۋە مۇلايىم بولۇپ، كۆپ خەيرى – ئېھسان قىلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى نۇرغۇن جىھادلارنى قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىسلام ئۈچۈن قولغا كەلتۈرگەن فەتىھلىرى تارىخ سەھنىلىرىدە مەشھۇردۇر.

سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي ئەدەبىيات ۋە باشقا پەنلەرنى ناھايىتى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە نۇرغۇن ئالىملار ۋە شائىرلار يېتىشىپ چىققان ئىدى. ئۇلاردىن ئاسترونوم ۋە ئېنسكلوپېدىك ئالىم ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد بىرۇنىي (ھ. 362 – 440 / م. 973 – 1048)، شائىر ئەبۇلفەتھ ئەلى بۇستىي (ھ. 330 – 400 / م. 942 – 1010)، شائىر ئابدۇلئەزىز ئەسجەدىي مەرۋەزىي (ۋاپاتى ھ. 432 / م. 1040 – يىلدىن كېيىن)، مۇھەددىس ئىمام بەيھەقىي (ھ. 384 – 458 / م. 994 – 1066)، ئەبۇلقاسىم ئەلفىردەۋسىي (ھ. 329 – 411 / م. 940 – 1021)، شائىر ئەلى ئىبنى جۇلۇغ ئەلفەررۇخىي سىستانىي (ۋاپاتى ھ. 429 / م. 1037)، شائىر ئەھمەد ئىبنى قوس ئەددەمغانىي مۇنۇچەھرىي (ۋاپاتى ھ. 433 / م. 1041)، شائىر ھەسەن ئىبنى ئەھمەد ئەلئۇنسۇرىي (ۋاپاتى ھ. 431 / م. 1039)، شائىر مەجدۇددىن ئىسھاق كىسائىي (ھ. 341 – 392 / م. 952 – 1002)، شائىر مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد دەقىقىي (ۋاپاتى ھ. 369 / م. 979)، شائىر مەھمۇد ئىبنى ئەلى غەزائىرىي ئەررازىي (ۋاپاتى ھ. 426 / م. 1034) قاتارلىقلار باردۇر.

ئىچكى سەپنى مۇستەھكەملەش

سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي كەڭ كۆلەملىك جىھادىي ھەرىكىتى ۋە زور نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك فاتىھلاردىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. تارىخچىلار بۇ ھەقتە: «ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن فەتىھلىرى خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ فەتىھلىرىگە تەڭ كېلىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ ناھايىتى دانا جىھاد سىياسىتى قوللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ جىھاد سىياسىتى ھەممىدىن مۇھىم بولغان ھەربىي، سىياسىي ۋە ئەقىدىۋى جەھەتلەردە ئىچكى سەپنى مۇستەھكەملەشنى ئاساس قىلغان. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان:

1. مۇئتەزىلە، شىئە، جەھمىييە، قەرمەتىييە ۋە باتىنىييەلەرگە ئوخشاش ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىگە خىلاپ بارلىق ئازغۇن مەزھەبلەر ۋە ئەقىدىلەرنى يوقاتقان ھەم ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى رايونلارغا سەلەف سالىھلارنىڭ ئەقىدىسىنى تارقاتقان.

2. ئىسلام ئۈممىتىدىكى بارلىق بۆلگۈنچىلىك ۋە چۈشكۈنلىشىش ئامىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان، شىئە مەزھەبىگە مەنسۇپ بۇۋەيھىيلەر دۆلىتىنى يوقاتقان. چۈنكى، شۇ مەزگىللەردە ئەھۋال خەتەرلىك بولۇپ، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ پىكىر – ئىدىيەسى پارس ساسانىيلار دەۋرىگە قايتىپ قالغان ۋە «شاھىنشاھ»قا ئوخشاش مەجۇسىيلارنىڭ ناملىرىنى قوللىنىش ئەۋج ئالغانىدى. سۇلتان مەھمۇد ئەنە شۇ شىئە دۆلىتىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئىسلام ئۈچۈن ئەڭ كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن.

3. ھىندىستان رايونىدا جىھادىي ھەرىكەتلەر ۋە فەتىھلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئاجىزلاپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن سامانىيلار دۆلىتىنى يوقاتقان.

4. غۇر مەملىكىتىنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن. غۇر مەملىكىتى ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، كەڭ كەتكەن چۆللۈك رايونلاردۇر. سۇلتان مەھمۇد ئۇلارغا مۇئەللىم، دەۋەتچى ۋە قارىيلارنى ئەۋەتكەن، شۇنداقلا يەنە ھازىرقى پاكىستاننىڭ مۇلتان رايونىدىكى كىچىك «قەرمەتىيلەر دۆلىتى»نى يوقاتقان. ئۇ دۆلەتكە ئەبۇلفۇتۇھ داۋۇد ئىسىملىك بىر كىشى ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. سۇلتان مەھمۇد بۇ ئەلدىن باتىنىييە ۋە ئىسمائىلىيەگە ئوخشاش ئازغۇن ئەقىدىلەرنى، قايمۇققان پىرقىلەرنى يوقاتقان.

5. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي ئۆز دۆلىتىنىڭ باغدادتىكى ئابباسىيلار خەلىفەلىكىگە بۇيسۇنغانلىقى ۋە قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئابباسىيلار خەلىفەسى قادىر بىللاھ نامىغا خۇتبە ئوقۇتقان. شۇنداقلا فاتىمىيلار دۆلىتىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان قۇتراتقۇلۇقلىرى ۋە ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تۇرغان ۋە فاتىمىي (شىئە) دەۋەتىنى تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن فاتىمىيلارنىڭ دەۋەتچىسى تاھەرتىي(10)نى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قېچىرىنى قازى ئەبۇ مەنسۇر مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەزدىيگە سوۋغا قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ قېچىرغا دىنسىزلارنىڭ چوڭى مىنگەنىدى، ئەمدى ئۇنىڭغا دىندارلارنىڭ چوڭى مىنسۇن!».

بىر ئۆي خۇددى ئاۋۋال ئۇلىدىن پۈتۈپ چىققاندەك، سۇلتان مەھمۇد سەبۇق تېكىن دۆلەتنى مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز ھالەتتە ئىچىدىن تۈزەپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ ئۇلىنى ئىمان – ئەقىدە ۋە ھەربىي كۈچ بىلەن مۇستەھكەملىگەنىدى. ھىندىستاننى فەتىھ قىلىشقا بىر يۈرۈش كەڭ كۆلەملىك جىھادىي ھەرىكەتلەرگە تەييارلىنىش ئۈچۈن، مۇستەھكەم بىر سەپ تەشكىللىگەنىدى.

ھىندىستاندىكى فەتىھلىرى

ھىندىستاننى فەتىھ قىلىش ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ، تۆت ئەسىر بويى خەلىفەلەر ۋە سۇلتانلار چۈشەپ كېلىۋاتقان كاتتا بىر چۈش بولۇپ كەلگەنىدى. شۇ كەڭ زېمىننى فەتىھ قىلىش ئۈچۈن نەچچە قېتىملاپ قوشۇنلار ئەۋەتىلگەن ۋە نەچچە قېتىملاپ ھۇجۇملار قوزغالغانىدى. ئۈنۈملۈك بولغان ھۇجۇملارنىڭ بىرىنچىسى خەلىفە ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ دەۋرىدە قوماندان مۇھەممەد ئىبنى قاسىم سەقەفىينىڭ (ھ. 72 – 95 / م. 691 – 713) قوماندانلىقى ئاستىدا روياپقا چىققان. ئۇ ھىندىستاننىڭ شىمالىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ دەيبۇل شەھرىنى(11) فەتىھ قىلغان ۋە ئۇ شەھەرگە بىر مەسجىد سالغان. ئۇ يەردە 4000 كىشىلىك بىر مۇھاپىزەتچى قىسىم تۇرغۇزغان. شۇنىڭ بىلەن دەيبۇل ھىندىستاندىكى تۇنجى ئەرەب شەھرىگە ئايلانغان.

كېيىنچە، كەينى – كەينىدىن ھۇجۇملار قوزغالغان، بىراق ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى مەزگىلىدىكى دەسلەپكى ھۇجۇملاردەك كۈچلۈك بولمىغان. ئابباسىيلار دەۋرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىندىستاندىكى مەۋجۇدلۇقى بارا – بارا ئاجىزلىشىپ، بۇرۇن فەتىھ قىلغان يەرلىرىنى ساقلاپ تۇرۇپ قالغان، سىرتقا قارىتا ئازراق كېڭىيىپ كابۇل، كەشمىر ۋە مۇلتان ئارىسىغا جايلاشقان رايونلارنى تىزگىنلىگەن. بۇ ھالەت تاكى ئاللاھ تائالا پۈتۈن شىمالىي ھىندىستاننى فەتىھ قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىپ، پالۋانىمىز، مۇجاھىد سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ قولى ئارقىلىق كېيىنكى فاتىھلارنىڭ يولىنى ئاچقانغا قەدەر داۋام قىلغان. سەبۇق تېكىن ئوغلى مەھمۇد تەختكە چىقىپلا تۇنجى بولۇپ، شىمالىي قوشنىسى بولغان قاراخانىيلار دۆلىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگەن(12) ۋۋە شۇنىڭدىن كېيىنلا (ھ. 390 – 416 / م. 1000 – 1026) شىمالىي ھىندىستانغا 16 قېتىم ھەربىي يۈرۈش قىلغان. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي تۈركلەردىن بولۇپ، ھىندىستاننى فەتىھ قىلىشقا قاتناشقانلارنىڭمۇ كۆپىنچىسى تۈركلەر ئىدى. ھ. 409 (م. 1018) – يىلى سۇلتاننىڭ 12 – قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشىگە تۈركىستاندىن 20 مىڭچە كىشى پىدائىي بولۇپ قاتناشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ سانى تېخىمۇ ئاشقان(13).

نەتىجىدە، ھىندىستاننىڭ پادىشاھلىرىنى بىر – بىرلەپ يوقاتقان. ھ. 392 (م. 1001) – يىلى ھىند راجاسى جايبالغا قارشى ھۇجۇمغا سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي ئۆزى قوماندانلىق قىلغان. جايبال شۇ چاغدىكى ھىند راجالىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئىسلام دەۋىتىگە قارشى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىدى. ئۇ يەنە ھ. 398 (م. 1007) – يىلى غەزنەۋىيلەر دۆلىتى بىلەن مۇلتان ئارىسىغا جايلاشقان دۆلەتنىڭ پادىشاھى ئەندىبالغا قارشى ھۇجۇمغىمۇ قوماندانلىق قىلغان. ھ. 400 (م. 1009) – يىلى راجا ناكىركۇت بىلەن ئېلىشىپ ئۇنى جىزيە تۆلەشكە مەجبۇر قىلغان. ھ. 410 (م. 1019) – يىلى راجا ناندا بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلغان. ئەنە شۇ ئۇرۇش نەگاردەك بىر رايوندا ئىسلامنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھ. 409 (م. 1018) – يىلى غۇجارات راجاسى بەيدانى يوقاتقان.

بۇ فەتىھلەر بىرىنچىدىن، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى، ئاندىن قالسا سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي قوماندانلىق قىلغان ئاتلىق قوشۇننىڭ تۆھپىسى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان. بەزى ئەرەب تارىخچىلار ۋە شەرقشۇناسلارنىڭ رىۋايەتىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ سانى يۈز مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ھەممىسى ئەڭ يېڭى، ئەڭ ياخشى قوراللار بىلەن ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جەڭلىرىدە ئاساسلىق قورال ھېسابلىنىدىغان پىللار بىلەن قوراللانغان. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي پىلدىن ئىبارەت بۇ قورالغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرەتتى، ھەتتا گاھىدا بەزى ھىندىستان راجالىرى بىلەن پىللار بەدىلىگە سۈلھ تۈزەتتى.

ئەڭ چوڭ بۇت — سۇمنات

سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي ھىندىلارغا قارشى ئۇرۇشلاردا ئارقا – ئارقىدىن نۇسرەت قازىنىپ كەلدى. ئۇ ھەربىر بۇتنى چاقسا، ھىندىلار: بۇ بۇتلارغا ۋە شەھەرلەرگە ئىلاھ سۇمنات غەزەپ قىلغان ئوخشايدۇ، ئەگەر ئىلاھ ئۇلاردىن رازى بولغان بولسا، ئۇنىڭغا قەست قىلغانلارنى چوقۇم ھالاك قىلغان بولاتتى، دېيىشەتتى(14). شۇنىڭ بىلەن سۇلتان مەھمۇد ئەتراپىدىكىلەردىن سۇمناتنىڭ نېمىلىكىنى سورىۋىدى، ئۇلار: ھىندىلارنىڭ ئەڭ چوڭ بۇتى، دەپ جاۋاب بەردى. ھىندىلار ئاي تۇتۇلغان كېچىسى مۇشۇ بۇتنى تاۋاپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپى ئادەم دېڭىزى بولۇپ كېتەتتى. ھىندىلار ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن روھلىرى سۇمناتنىڭ قېشىغا توپلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆزى خاھلىغان ئادەمگە روھلارنى كۆچۈرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى ئۇلارنىڭ قارىشىدا، دېڭىزنىڭ سۇمناتقا ئىبادەت قىلغانلىقى ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا قىممەتلىك نەرسىلىرىنى تاشلايتتى، ئۇلارنىڭ يىغقان – تەرگەن مال – دۇنيالىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قېشىدا ئىدى، ئۇنىڭ يەنە ئون مىڭ پارچىدىن ئاشىدىغان ۋەقفە يەر – مۈلۈكلىرى بار ئىدى. بۇ بۇتنىڭ قېشىدا ھەركۈنى مىڭ كىشى ئىبادەت قىلاتتى، 300 كىشى مەخسۇس كەلگەن زىيارەتچىلەرنىڭ چاچ – ساقاللىرىنى چۈشۈرەتتى. 300 ئەر ۋە 500 ئايال كىشى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايتتى. نەتىجىدە، سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي بۇ بۇتنى چېقىۋېتىشنى ئىرادە قىلدى(15)، ئاندىن ئۆزى بىۋاسىتە قوشۇنلىرىنى باشلاپ سۇمناتنىڭ قېشىغا كەلدى.

سۇلتاننىڭ پۇل – مال ۋە سوۋغىلارنى رەت قىلىشى

ھىندىلار سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ بۇ چوڭ بۇتنى چاقماي قويۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل – مال بەرمەكچى بولىدۇ. بەزى ئەمىرلەر جىھادىي ھەرىكەتلەرگە خەجلەنگەن زور چىقىملارنىڭ ۋە كۆپ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، سۇلتان مەھمۇدقا پۇل – مالنى ئېلىپ مەزكۇر بۇتنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ قويۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ. سۇلتان: ئاللاھ تائالاغا ئىستىخارە سېلىپ باقاي، دەپ قايتىپ كېتىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دېگەن ئىش توغرۇلۇق كۆپ ئويلاندىم، قىيامەت كۈنى ‹بۇتنى چاققان مەھمۇد قېنى؟› دەپ چاقىرىلىشىم مەن ئۈچۈن ‹مال – دۇنياغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇتنى چاقماي قويغان مەھمۇد› دېيىلگەندىن كۆپ ياخشى دەپ قارىدىم»(16).

ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مانا بۇ ھەقىقىي مەردلىكتۇر. مانا بۇ ئاللاھقا قۇللۇق بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى نامايەندىسىدۇر. ئۇ ھەقىقەتەن بارلىق جىھادلىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن قىلغان ئىدى.

ھ. 416، زۇلقەئدە / م. 1026 – يىلى يانۋاردا، مۇسۇلمانلار قاتتىق جەڭ قىلىپ ھىندىلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ھىندىلار قوشۇنىدىن 50 مىڭى قەتل قىلىندى. مەھمۇد بۇتخانىغا كىرىپ ئەڭ چوڭ بۇتنى چاقتى ھەم بۇتنىڭ ئۈستىدىن ۋە ئىچىدىن ئۇرۇشقا خەجلىگەن پۇل – مالدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدىغان ئالتۇن، گۆھەر ۋە قىممەتلىك بويۇملارنى تاپتى. بۇتنىڭ يېنىدا بىر خەزىنە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن – كۈمۈشتىن ياسالغان نۇرغۇن بۇتلار بار ئىدى، بۇتلارنىڭ ئۈستىدە جاۋاھىراتلار ئېسىلغان ۋە ئالتۇندىن كەشتىلەنگەن، قىممىتى 20 مىليون دىناردىن ئاشىدىغان يوپۇقلار بار ئىدى(17).

سۇبھانەللاھ! پۇل – مال بەدىلىگە بۇتنى چاقماي قويۇپ قويماقچى بولغان قوشۇن ئەمىرلىرى بۇتنىڭ ئىچىدىكى مال – دۇنيالارنى كۆرگەندىن كېيىن ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇسانا ئېيتتى.

ۋاپاتى

سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ سەلتەنەتى ھارماي – تالماي داۋاملىق جىھاد بىلەن ئۆتكەنىدى. ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۇنىڭ قورسىقىغا بىر كېسەل تېگىپ، كۈنسېرى ئېغىرلاپ كەتتى. شۇنداق بولۇشىغا پەرۋا قىلماي، ئۇ ئۆزىگە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتاتتى. كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، كىشىلەرگە پەقەت بىرەر نەرسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ گەپ قىلالايتتى.

ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي! ئۇ ھ. 421، 23 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 1030، 30 – ئاپرېل پەيشەنبە(18) غەزنەدە ۋاپات تاپتى. ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ شۇ يەردە بار. ئۇ 35 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جىھاد بايرىقى ئىلگىرى ئىسلام يېتىپ بارمىغان ماكانلارغا يەتكەن، شۇنداقلا ئۇ ئەڭ چەت رايونلاردا ئىسلام ئەھكاملىرىنى يۈرگۈزگەن ئىدى.

غەزنەۋىيلەر بىلەن قاراخانىيلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەر

غەزنەۋىيلەر دۆلىتى بىلەن قاراخانىيلار دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئالاقىلەر بىر خىل ھالەتتە مۇقىم تۇرمىغان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توختام ۋە ئەھدىنامەلەرگە ئاساسەن بۇ ئالاقىگە گاھى تىنچلىق ۋە دوستانىلىق ھۆكۈم سۈرسە، گاھى جىددىيلىك ۋە ئىناقسىزلىك ھۆكۈم سۈرەتتى ھەم بۇ خىل ھالەت كۆپىنچە ھالدا ئىككى تەرەپ ئارا ھەربىي توقۇنۇشقا ئېلىپ باراتتى.

قاراخانىيلار غەزنەۋىيلەرگە قارشى قوزغىغان ئۇرۇشلار كۆپىنچە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بولماستىن، كۆپ ھاللاردا ئۇلارغا چوڭ زىيانلارنى كەلتۈرەتتى. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ۋىلايەتلەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ «شەرقنىڭ ھۆكۈمدارى» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىنى ۋە قاراخانىيلارنىڭ ئابباسىيلار خەلىفەسى بىلەن پەقەت ئۆزىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىقلا ئالاقە قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. مەزكۇر ۋىلايەتلەرنى سۇلتان مەھمۇد ئىگىلىگەن بولغاچقا، قاراخانىيلار تۈركلەر ئىچىدىكى كافىرلارغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ فەتىھلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يۈزلەنگەن ئىدى. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي قاراخانىيلار بىلەن بولغان ئالاقىلىرىدە مەيلى غەلىبە ھالىتىدە بولسۇن، مەيلى مەغلۇبىيەت ھالىتىدە بولسۇن، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن تەڭ ۋە باراۋەر دەپ قارايتتى. بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردىن چىقىپ تۇرىدۇ.

سامانىيلار خانلىقى قاراخانىيلارغا قارشى غەزنەۋىيلەردىن ياردەم سورىغاندا، غەزنەۋىيلەر ئۇلارغا ياردەم قىلغان. ھ. 387 (م. 997) – يىلى سامانىيلار خانى نۇھ ئىبنى مەنسۇر قاراخانىيلارنىڭ خاقانى ئىلىكخان نەسر ناسىرۇلھەقنىڭ خەتىرىنى توسۇش ئۈچۈن، غەزنەۋىيلەرنىڭ خانى سەبۇق تېكىننىڭ ئۆزىگە ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ خەت ئەۋەتكەن بولۇپ، سەبۇق تېكىن سامانىيلارنىڭ خانىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتكەن. بۇ قوشۇن نەسەف شەھرى بىلەن كىش شەھرى ئوتتۇرىسىدا بارگاھ قۇرغان ۋە سۇلتان مەھمۇدمۇ مۇشۇ قوشۇنغا قېتىلغان ئىدى. قاراخانىيلار خاقانى ئىلىكخان بولسا، ھەرجايلاردىن تۈرك خەلقلەرنى توپلىغانىدى. ئاندىن قاراخانيلار خاقانى ئەمىر سەبۇق تېكىندىن سۈلھ كېلىشىمى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەلچىلىرىنى ئەۋەتكەن. سەبۇق تېكىن قەتەۋان جاڭگىلىنىڭ ئىككى تەرەپ ئەللىرى ئارىسىدىكى چېگرا پاسىلى بولۇشى ۋە تەبەرىستان كۆلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەللەرنى ئۆزلىرى باشقۇرىدىغانلىقى بەدىلىگە سۈلھ تۈزۈشكە قوشۇلغان. شۇ ئارقىلىق قاراخانىيلار پۈتكۈل سىر دەرياسى ۋادىسىنى ساقلاپ قالغان ۋە بۇخارادا تۇرماي كاشىغەر شەھرىنى ئۆزلىرىنىڭ پايتەختى قىلغان ھەم ماۋارائۇننەھر ئەللىرى ئۇلارغا تەۋە بولغان.

ھ. 396 (م. 1005) – يىلى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي قاراخانىيلار خاقانىنىڭ بۇخارانى تىزگىنلەشتە قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ ۋە قاراخانىيلار خاقانىنىڭ قىزىغا خېرىدار بولۇش ئۈچۈن، ئۈنچە – مەرۋايىت، ئالتۇن، ياقۇت ۋە ئەتىرلەر بىلەن بىرگە، نىشاپۇر مۇفتىسى ھەدىسشۇناس ئىمام ئەبۇتتەييىب سەھل ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان سەئلۇكىي (ۋاپاتى ھ. 404 / م. 1014) باشچىلىقىدا بىر ئۆمەك ئەۋەتىدۇ. قاراخانىيلارنىڭ خاقانى ئىلىكخان ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ۋە قىزىنى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىيگە ياتلىق قىلىشقا قوشۇلىدۇ ھەمدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلۈپ، ئامۇ دەرياسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا پاسىلى بولۇشىغا كېلىشىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ دوستانە مۇناسىۋەتلەر بىرنەچچە يىل داۋاملىشىدۇ(19).

ھ. 408 / م. 1017 – يىلى قاراخانىيلار قىتان كافىرلىرىنىڭ خەتىرىگە ئۇچراپ، كافىرلار ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنغاندا(20) قاراخانىيلارنىڭ خاقانى ئەھمەد توغانخان I خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سۇلتان مەھمۇدتىن ياردەم سوراپ مەكتۇب ئەۋەتكەن. نەتىجىدە، سۇلتان مەھمۇد ئۇنىڭ تەلىپىگە ئاۋاز قوشۇپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا كافىرلارنىڭ توپلىرىنى بىرلىكتە مەغلۇپ قىلغان ۋە كافىرلارنى يانجىپ تاشلىغان(21).

 

مەنبە:

1. تامىر بەدر: «قادة لا تنسى (ئۇنتۇلماس قوماندانلار)».

2. دوكتور سۇئاد ھادىي ھەسەن ئىرھىم تائىي: «القراخانيون – دراسة في أصولهم التاريخية وعلاقتهم السياسية ودورهم في الحياة العلمية».

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

 

———————————
1. ھ. 371 / م. 981 – يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10 – كۈنى تۇغۇلغان دېگەن قاراشمۇ بار. قاراڭ: قازى مىنھاجۇسسىراج ئەلجۇزجانىي: «تەبەقات ناسىرىي»، 2/226.
2. غەزنە: ھازىر ئافغانىستانغا جايلاشقان بىر شەھەردۇر.
3. سەئالىبىي، «لەتائىفۇل مەئارىف»، قاھىرە 1960 – يىلى نەشرى. 207 – بەت. يەنە بىر رىۋايەتتە: بەلختە تۇغۇلغان [ۋېكېپىدىيا].
4. سەبۇق تېكىن: ئەبۇ مەنسۇر، ناسىرۇددىن ۋەددەۋلە، سەبۇق تېكىن ئىبنى جوق (قارابېگىم) ئىبنى قارا ئارسلان (942 – 997). غەزنەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ م. 977 – 997 – يىللار ھۆكۈمدارى. نەسەبى ئۈچۈن قاراڭ: قازى مىنھاجۇسسىراج ئەلجۇزجانىي: «تەبەقات ناسىرىي»، 2/226. گوستاف لوبۇن («ھىندىستان مەدەنىيىتى»، ئەرەبچە تەرجىمىسى، 217) سەبۇق تېكىننىڭ بۇتپەرەس تۈركلەرنىڭ ئاپاق قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. فاسىيلىي بارتولد («تركستان من الفتح العربي إلى الغزو المغولي»، 398 – بەت) مۇسۇلمان تۈرك ياكى سامانىيلار پىدائىيلىرىنىڭ قولىدا ئەسىرگە چۈشكەن دەپ يازىدۇ.
5. غەزنە ئۇ چاغلاردا خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھر ئەللىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان سامانىيلار دۆلىتىنىڭ بىر ۋىلايىتى ئىدى. سەبۇق تېكىن سامانىيلار تەرىپىدىن غەزنەگە ۋالىي بولغان ۋە كېيىن سامانىيلاردىن بۆلىنىپ چىققان.
6. ئىبنى تەيمىييە: «پەتۋالار توپلىمى»، 4/22.
7. يەنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا خەلىفە بولغان كىشىنىڭ خەلىفەلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ ۋە ئىتائەت بىلدۈرۈپ، جۈمە خۇتبىسىدە ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
8. جىبال: ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تارىخىي رايون. ئۇمەۋىيلەر ۋە ئابباسىيلار دەۋرلىرىدە ئەرەبلەر ئۇنى «بلد الجبال»، «بلد الجبل»، «إقليم الجبال» قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىغان.
9. ھازىر پاكىستاننىڭ بىر رايونى.
10. مىسىردىكى فاتىمىيلارنىڭ سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىينى ئىسمائىلىييە (شىئە) ئەقىدىسىگە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن دەۋەتچى ئۆلىماسى. ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ئابدۇلقاھىر ئەلبەغدادىي ئۇنى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئۆلىمالار يىغىلغان چوڭ مۇنازىرە سورۇنىدا مات قىلىۋەتكەن. نەتىجىدە ئۆلىمالار ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان ۋە سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي بىلەن خەلىفە قادىر بىللاھنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بۇست شەھرى ئەتراپىدا ھ. 400 – يىلىدىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن. قاراڭ: سەمئانىي، «ئەلئەنساب»، 1/444.
11. ھازىرقى پاكىستاندىكى كاراچى شەھرى. بۇ فەتىھنىڭ سەۋەبى، ھىندىستانلىق قاراقچىلار مۇسۇلمانلارنىڭ 18 كېمىسىنى ۋە ئۇنىڭدىكى كېمىچىلەرنى، تىجارەتچىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن – بالىلىرىنى كېمىدىكى مال – مۈلۈك بىلەن قوشۇپ بولاپ كېتىدۇ. ھىندىستاننىڭ شۇ جايدىكى ھاكىمى راجا داھىرمۇ «ئۇلارنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ قولامدىن كەلمەيدۇ» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇ ئاياللاردىن بىرى: «ۋاي ھەججاج! ۋاي ھەججاج! » دەپ نىدا قىلىدۇ. بۇ نىدا ئۇمەۋىيلەرنىڭ ئىراق ۋالىيسى ھەججاجغا يەتكۈزۈلگەندە ئۇ: «لەۋەي! لەۋەي!» دەيدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا، ئۇ يۇرتلارغا ئىسلامنى تارقىتىشقا قەسەم قىلىدۇ. ئۇ قۇتقۇزۇش پىلانى تۈزۈپ ياش قوماندان مۇھەممەد ئىبنى قاسىم سەقەفىينى لەشكەرگە قوماندان قىلىپ ئەۋەتىدۇ ۋە بۇ ياش قوماندان ھ. 92 – 96 / م. 710 – 714 يىللىرى ئارىلىقىدا كاراچىدىن باشلاپ بەنجاب ۋىلايەتلىرىگىچە بولغان ھازىرقى پاكىستان ئىقلىملىرىنى فەتىھ قىلىدۇ.
12. ئىبنۇلئەسىير، «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 9/187.
13. يۇقىرىقى مەنبە، 9/266.
14. يۇقىرىقى مەنبە، 7/685.
15. بەزى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ سومنات بۇتخانىسىغا قارشى يۈرۈش قىلىشى ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسى سەۋەبلىك بولۇپ، ھىندى راجالىرى ئۇ بۇتخانىنى غەزنەۋىيلەرگە قارشى پۇل يىغىپ قوشۇن تەييارلاشتا بازا سۈپىتىدە قوللانغان. بۇ سەۋەبتىن سۇلتان مەھمۇد ھىندىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق بازىسىنى پاچاقلاپ تاشلاشنى كۆزلىگەن. قاراڭ: ئەھمەد مەھمۇد ساداتىي: «مۇسۇلمانلارنىڭ ھىندى يېرىم ئارىلىدىكى تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى»، 1/96؛ دوكتور ئابدۇسساتتار ماتلاك دەرۋىش: «سۇلتان مەھۇد غەزنەۋىي، تەرجىمھالى ۋە ئۇنىڭ خۇراسان ۋە ھىندى يېرىم ئارىلىدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي رولى»، 187 – بەت.
16. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 12/28؛ فەرىدۇددىن ئەتتار: «مەنتىقۇتتەير» ئەرەبچە تەرجىمىسى، 350 – بەت.
17. ئىبنى خەلدۇن: «تارىخۇ ئىبنى خەلدۇن»، 4/492.
18. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 12/31. تارىخچىلاردىن رەبىئۇلئاخىرنىڭ 13 – كۈنى، دېگەنلەرمۇ، 7 – كۈنى دېگەنلەرمۇ بار.
19. ئىبنۇلئەسىير، «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 9/188.
20. تۇرغۇن ئالماس قاغان توغانخاننىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، قاراخانىيلارغا ھۇجۇم قىلغان قىتانلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنى سانىنىڭ 100 مىڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان «ئۇيغۇر يىلنامىسى»، 132 – بەت.
21. ئىبنى خەلدۇن: «تارىخۇ ئىبنى خەلدۇن»، 4/515؛ بارتولد، «تۈركىستان»، 42 – بەت. دوكتور سۇئاد ھادىي ھەسەن ئىرھىم تائىي، «القراخانيون – دراسة في أصولهم التاريخية وعلاقتهم السياسية ودورهم في الحياة العلمية»، م. 2016 – يىلى، 80 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ