ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ يَتۡلُونَ كِتَٰبَ ٱللَّهِ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَنفَقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ يَرۡجُونَ تِجَٰرَةٗ لَّن تَبُورَ ٢٩ لِيُوَفِّيَهُمۡ أُجُورَهُمۡ وَيَزِيدَهُم مِّن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ غَفُورٞ شَكُورٞ ٣٠ / شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، نامازنى ئادا قىلىدىغان ۋە بىز رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىنى زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر﴾(35/«فاتىر»: 29، 30).
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ‹قۇرئان› ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى ئۆگەتكەن كىشىلەردۇر» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي «قۇرئان»دىن قالسا ئەڭ سەھىھ كىتاب بولغان «سەھىھۇلبۇخارىي» (5027) دە رىۋايەت قىلغان.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‹قۇرئان›نى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇيدىغان كىشى پۈتۈكچى مالائىكىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. ‹قۇرئان›نى دۇدۇقلاپ، قىينىلىپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىشى بولسا قوش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي (4937) بىلەن ئىمام مۇسلىم (798) «سەھىھ»لىرىدە رىۋايەت قىلغان.
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‹قۇرئان› ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇئمىن تۇرۇنجغا(1) ئوخشايدۇ. ئۇ خۇشپۇراق ھەم تەملىك. ‹قۇرئان› ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇئمىن خورمىغا ئوخشايدۇ. ئۇ پۇراقسىز ئەمما تەملىكتۇر. ‹قۇرئان› ئوقۇيدىغان مۇناپىق رەيھانغا ئوخشايدۇ. ئۇ پۇراقلىق، لېكىن تەمى ئاچچىق بولىدۇ. ‹قۇرئان› ئوقۇمايدىغان مۇناپىق ئاچچىق تاۋۇزغا ئوخشايدۇ. ئۇ پۇراقسىز ھەم تەمى ئاچچىق بولىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي (5427) بىلەن ئىمام مۇسلىم (797) رىۋايەت قىلغان.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ بۇ كىتاب (يەنى ‹قۇرئان كەرىم›) ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى تۆۋەن قىلىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم (817) رىۋايەت قىلغان.
ئەبۇ ئۇمامە باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹قۇرئان ئوقۇڭلار! چۈنكى ئۇ قىيامەت كۈنى ئۆزىنى ئوقۇغانلارغا شاپائەتچى بولۇپ كېلىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم» دەيدۇ. بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم (804) رىۋايەت قىلغان.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇنداق ئىككى تۈرلۈك كىشىدەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، ئاللاھ ‹قۇرئان› ئاتا قىلسا، كېچىلىرى ۋە كۈندۈزلىرى ئۇنى ئوقۇپ قىيامدا تۇرغان كىشى. يەنە بىرى، ئاللاھ مال – دۇنيا ئاتا قىلسا، كېچە – كۈندۈز ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغان كىشىدۇر» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي (5025) بىلەن ئىمام مۇسلىم (815) رىۋايەت قىلغان.
بىز بۇ ھەدىسنى يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ رىۋايەت قىلغانمىز: «مۇنداق ئىككى تۈرلۈك كىشىدەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشقا بولىدۇ. بىرى، ئاللاھ مال – دۇنيا بېرىپ، ئۇنى ھەق يولدا ئىشلىتىشكە مۇۋەففەق قىلغان كىشى. يەنە بىرى، ئاللاھ ئىلىم – ھېكمەت ئاتا قىلغان ۋە شۇ ئىلىم بىلەن ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇنى ئۆگەتكەن كىشى». بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي (73) بىلەن ئىمام مۇسلىم (816) رىۋايەت قىلغان.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە ئېيتقانكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا بىر ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ. مەن ‹ئەلىف، لام، مىيم›نى بىر ھەرپ دەپ قارىمايمەن، بەلكى ‹ئەلىف› بىر ھەرپ، ‹لام› بىر ھەرپ، ‹مىيم› بىر ھەرپتۇر» دېگەن. بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي (2910) رىۋايەت قىلغان ۋە «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: «كىمكى ‹قۇرئان› ئوقۇش ۋە ماڭا زىكىر ئېيتىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، مەندىن بىرنەرسە تىلەشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان بولسا، تىلىگەنلەرگە بېرىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى ئۇنىڭغا بېرىمەن. ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ باشقا سۆزلەرگە بولغان ئارتۇقچىلىقى ئاللاھنىڭ ئۆز مەخلۇقاتلىرىغا بولغان ئارتۇقچىلىقىغا ئوخشايدۇ». بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي (2926) رىۋايەت قىلغان ۋە «ھەسەن ھەدىس» دېگەن.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ دېيىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىچىدە ‹قۇرئان›دىن ھېچنەرسە يوق كىشى خارابە ئۆيگە ئوخشايدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي (2913) رىۋايەت قىلغان ۋە «سەھىھ» دېگەن.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «قىيامەت كۈنى قارىيغا: ‹ئوقۇ، ئۆرلە، دۇنيادا تەرتىل بىلەن ئوقۇغىنىڭدەك تەرتىل بىلەن ئوقۇ! سېنىڭ مەرتىۋەڭ سەن ئوقۇغان ئاخىرقى ئايەت بىلەن بەلگىلىنىدۇ› دېيىلىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (1464)، نەسائىي (8002) ۋە تىرمىزىي (2914) لار رىۋايەت قىلغان. تىرمىزىي: «ھەسەن، سەھىھ ھەدىس» دېگەن.
مۇئاز ئىبنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‹قۇرئان› ئوقۇغان ۋە ئوقۇغىنىغا ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا قىيامەت كۈنى تاج كىيدۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ نۇرى قۇياش نۇرىدىنمۇ نۇرلۇقتۇر. ئاتا – ئانىسىغا شۇنداق بولغان يەردە ‹قۇرئان› ئوقۇغان ۋە ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىگە قانداق مۇكاپاتلار بولىدىغاندۇ؟!» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (1453) رىۋايەت قىلغان. سەنەدى «زەئىف».
دارىمىي (3363، 3322، 3323) «سەھىھ» سەنەدلىرى بىلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «‹قۇرئان› ئوقۇڭلار! ئاللاھ ‹قۇرئان› بار قەلبنى ئازابلىمايدۇ» ؛ «بۇ ‹قۇرئان› ئاللاھنىڭ زىياپىتىدۇر، ئۇنىڭغا داخىل بولغان كىشى ئەمىن بولىدۇ»؛ «‹قۇرئان›نى ياخشى كۆرگەن كىشى خۇش بېشارەت ئالسۇن» دېگەن.
ئابدۇلھەمىد ھىممانىي دەيدۇكى: «مەن سۇفيان سەۋرىيدىن:
ــ جىھاد قىلغان كىشىنى ياخشى كۆرەمسەن ياكى ‹قۇرئان› ئوقۇغان كىشىنىمۇ؟ ــ دەپ سورىسام، ئۇ:
ــ ‹قۇرئان› ئوقۇغان كىشىنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى ئۆگەتكەنلەردۇر› دېگەن، ــ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى»([2]).
«قۇرئان» تىلاۋەت قىلىشنىڭ باشقا زىكىرلەردىن ئەۋزەللىكى
بەدر غازىتىغا قاتناشقان ئەبۇ مەسئۇد ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەھىھ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئەڭ ياخشى ئوقۇيدىغانلار ئىمام بولسۇن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم (673) رىۋايەت قىلغان.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ياش بولسۇن ياكى ياشانغان بولسۇن، قارىيلار خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سورۇنىدا سۆھبەتداشلىرى ۋە مەسلىھەتچىلىرى ئىدى» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي «سەھىھ» (4642) ىدە رىۋايەت قىلغان.
كېيىنكى بابتا بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەر كېلىدۇ. بىلگىنكى، كۆپلىگەن نوپۇزلۇق ئالىملار «توغرا» دەپ تاللىغان قاراش شۇكى، «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش تەسبىھ («سۇبھانەللاھ» دېيىش)، تەھلىل («لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېيىش) قاتارلىق زىكىرلەردىن ئەۋزەلدۇر. بۇنىڭ دەلىللىرى ناھايىتى كۆپ(3).
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.
1. تۇرۇنج — سۇزاپ ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ ياكى چاتقال ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى. قىسقا تىكەنلىرى بولىدۇ، مېۋىسى سوقىچاق ۋە سېرىق، شۆپۈكى يىرىك ھەم قېلىن كېلىدۇ. قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 330 – بەت.— ت.
2. ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 7/65.
3. ئىمام نەۋەۋىي دەيدۇكى: «‹قۇرئان› ئوقۇش زىكىر – تەسبىھتىن ئەۋزەل، لېكىن زىكىر – تەسبىھلەرنى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە ئورۇنلاردا ئېيتىش ئەۋزەل. بۇ سەۋەبتىن رۇكۇ بىلەن سەجدەدە زىكىر – تەسبىھ ئېيتىشقا بۇيرۇلۇپ، ‹قۇرئان› ئوقۇش چەكلەنگەن». «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/48.