تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئاساسچىسى ئەبۇلقاسىم زەھراۋىي

تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئاساسچىسى ئەبۇلقاسىم زەھراۋىي

(ھ. 324 – 403 / م. 936 – 1013)

 

شۈبھىسىزكى، ئۇ بارلىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنىڭ رەئىسىدۇر.

– پېتىر ئارگالاتا

 

ئىسلام ھەقىقەتەن ئىلىم دىنىدۇر

كۆپلىگەن غەرب تارىخچىلىرى ئەرەب – ئىسلام مەدەنىي مىراسلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق زىيان سېلىپ، نۇرغۇن ئىسلام ئالىملىرى تارىخىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان بولسىمۇ، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز مەدەنىي مىراسلىرى ۋە تارىخىغا سەل قارىشىنى بۈيۈك تارىخلارنىڭ يوقاپ كېتىشدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دەپ ئويلايمەن. بۇ مىسلىسىز تالانت ئىگىسىنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن، ھەربىرەيلەن مۇنداق بىر ئاددىي سوئالغا جاۋاب بېرىپ بېقىشى كېرەك: سىز ھاياتىڭىزدا بىر قېتىم بولسىمۇ بۈيۈك مۇسۇلمان ئالىم ئەبۇلقاسىم زەھراۋىينىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟

ھەممىمىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ ئۈممەت ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى تونۇمىغۇچە ھەرگىز باش كۆتۈرەلمەيدۇ. ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ تارىخى ئۇنتۇلۇش ئىچىدە قېلىۋېرىدىكەن، بالىلىرىمىز كىچىكىدىنلا خار – زەبۇنلۇق سۈتىنى ئەمگىنى ئەمگەندۇر. بالىلىرىمىز ئۆز ئۈممىتىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئۆگەنمىگىچە ئەسلا ياراملىق ئادەم بولالمايدۇ. مۇسۇلمان بالىلار ساختا قەھرىمان «شەپەرەڭ پالۋان»دەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي بۈيۈك قەھرىمان ھېسابلىىنىدىغان سەئد ئىبنى مۇئاز ھەققىدە ئاساسەن ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز؛ ياشلىرىمىز ئاكا – ئۇكا رايتلارنىڭ ھېكايىسىگە مەستخۇش بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئاكا – ئۇكا باربارۇسلار توغرىسىدا بىرەر نەرسە ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز؛ ئوقۇتۇش پىروگراممىلىرىمىز ئېدىسۇن بىلەن ئېينىشتېيىننى ئۇلۇغلاۋاتقان بىر پەيتتە، زەھراۋىيدەك ئىنسانىي بىلىملەر تارىخىدا تەڭدىشى ئاز كۆرۈلىدىغان ئاجايىب بىر مۇسۇلمان ئالىم توغرۇلۇق ھېچنەرسە سۆزلىمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.

شۇڭا، بىز بۇ كىتابتىكى ئازغىنە سەھىپىلەر ئارقىلىق بۇ ئۇلۇغ ئۈممەتنىڭ ئالىملىرىدىن يورۇق نەمۇنەلەرنى تاللاپ چىقىشقا تىرىشتۇق. ئىستىكىمىز ئۈممەتنىڭ ھەقىقىي تارىخىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ، ياشلارغا ئېسىل نەمۇنەلەرنى تەقدىم قىلىشتۇر، بۇ يازمىلىرىمىز ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆز ئۈممىتىنىڭ شان – شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئىسلام ياشلىرىنى ئالغا سىلجىتقۇچى بولغاي.

ئەگەر مەغلۇبىيەتچىلەردىن بىرى سىزنى بوشاشتۇرۇپ: «بىز ھەر تەرەپتىن چېكىنىپ، مەدەنىيەت شوتىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باسقۇچىدا سۆرۈلۈپ يۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا، يەنە نېمىشقا ئۆتمۈشكە يىغلاپ، ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ تارىخىنى ئەسلەپ يۈرىسىز؟» دەپ سورىسا، شۇ ھامان ئۇنىڭغا ئېيتىڭكى، «پەقەت سىزدەك ئىچ دۇنياسى يېڭىلگەن مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ سەۋەبىدىن بۇ ئۈممەتنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا چېكىنىش پەيدا بولغاندۇر». بىزنىڭ بۇ كىتابتىن كۆزلىگەن مەقسىتىمىزمۇ يىللاردىن بېرى بىزگە تېڭىلغان قاراڭغۇلۇققا بىر شام يېقىشتۇر، خالاس. ئىچ دۇنياسى مەغلۇپ بولغانلار قاراڭغۇلۇققا مىڭ قېتىم لەنەت ئېيتىشى مۇمكىن بولسىمۇ، بىر تال شام ياندۇرۇشتىن يىراقتۇر.

دەرۋەقە، مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئىنسانىيەت ئالىملىرى ئىچىدە ئىلىمگە ھەممىدىن بۇرۇن كۆز ئاچقان، ئۇلار باشقىلارغا تەقلىد قىلمىغان، بەلكى ئىجاد قىلغان. مۇسۇلمان ئالىملار ئىلگىرى تونۇلۇپ باقمىغان يېڭىلىقلارنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، قەھرىمانىمىز زەھراۋىي مانا بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر.

قەھرىمانىمىزنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇلقاسىم خەلەف ئىبنى ئابباس ئەززەھراۋىي بولۇپ، ئەندەلۇس قورتۇبەلىك. غەربتە Albucasis (ياكىZahravius ) دېگەن نام بىلەن تونۇلغان. بۇ چوڭ ئالىمنىڭ نەسەبى ئەنسارىيلارغا تۇتىشىدۇ. ئۇ شۇ چاغلاردا ئىلمىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتلاردا دۇنيانىڭ پايتەختى دەپ قارالغان قورتۇبە شەھرىدە ياشىغانىدى.

زەھراۋىي نەچچە ئەسىر بويىچە دۇنيادا ئۆتكەن تاشقى كېسەل دوختۇرلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپچىلىك كىشىلەر ئۇنى «يېڭى دەۋر ئوپېراتسىيە ئىلمىنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلەيدۇ(1). ئۇنىڭ «التصريف لمن عجز عن التأليف (تېبابەت ئىلىملىرىنى جەملىيەلمىگەنلەر ئۈچۈن تۈرلىرىنى بايان قىلىش)» دېگەن كىتابى تېبابەت تارىخىدا يېزىلغان ئەڭ كاتتا كىتابلاردىن بىرىدۇر. بۇ كىتاب نەچچە ئەسىرلەر مابەينىدە ياۋروپادىكى مېدىتسىنا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرىنچى ئۆگىنىش مەنبەسى دەپ قارالغان. زەھراۋىي 30 توملۇق ئۇشبۇ ئەسىرىنى تەخمىنەن ھ. 390 / م. 1000 – يىلى پۈتتۈرگەن(2). ئۇ ئۆز زامانىسىدا تونۇلغان مېدىتسىنا ۋە دورىگەرلىك ئىلىملىرىنى توپلىغان بولۇپ، كىتابىغا ئېغىز بوشلۇقى ئىلمى، تۇغۇت ئىلمى قاتارلىق تۈرلۈك تېببىي تېمىلارنى كىرگۈزگەن ۋە 50 يىلغا سوزۇلغان ئۇزۇن مەزگىللىك تېببىي تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كىتابتا تاشقى كېسەل ئىلمى، سۆڭەك ۋە دورىگەرلىككە مۇناسىۋەتلىك تېببىي مەزمۇنلار بولۇپ تەخمىنەن 325 خىل كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى ۋە داۋالاش رېتسېپلىرى بېرىلگەن. ئەندەلۇسلۇق چوڭ ئالىم ئىبنى ھەزم (ھ. 384 – 456 / م. 994 – 1064) بۇ كىتاب ھەققىدە: «ئەگەر بىز تېبابەتتە ئۇنىڭدىنمۇ ئاممىبابراق، مىزاج ھەققىدە ئۇنىڭدىنمۇ چۈشىنىشلىكرەك بىرەر كىتاب يېزىلىپ باقمىدى، دېسەك، ئەلبەتتە، راست ئېيتقان بولىمىز» دېگەنىدى(3).

بۇ كىتاب 12 – ئەسىردە گرۈمونانس گرارد Gerardus Cremonensis (1114 – 1187) تەرىپىدىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا بەش ئەسىر قوللىنىلغان ۋە ياۋروپا تېبابەت ئىلمىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى قاتارىدا ئېتىبارغا ئېلىنغان(4). دوختۇرلار، بولۇپمۇ، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى بۇ كىتابنى مەنبە سۈپىتىدە قوللانغان. مەزكۇر كىتاب م. 18 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغۇچە ئالقىشلىنىپ، قايتا – قايتا بېسىلغان(5).

بۇ كىتاب يەنە زەھراۋىي ئۆزى كەشپ قىلغان، تا بۈگۈنگىچە ئىشلىتىلىپ كەلگەن ئوپېراتسىيە سايمانلىرىنىڭ تەسۋىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ياۋروپا تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئۇل سېلىنىشىغا بۇ سايمانلارنىڭ ياردىمى بولغان. زەھراۋىي كىتابىدا ئۆزى ياساپ تەسۋىرىنى سىزغان ئوپېراتسىيە سايمانلىرىنى تونۇشتۇرغان ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى چۈشەندۈرگەن ھەمدە ئوپېراتسىيەگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئامىللار ۋە ئوپېراتسىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىدىكى زۆرۈر ئامىللارنى شەرھلىگەن. ئۇ «التصريف لمن عجز عن التأليف (تېبابەت ئىلىملىرىنى جەملىيەلمىگەنلەر ئۈچۈن تۈرلىرىنى بايان قىلىش)» دە تارغاق چىقىپ كېتىشنى داۋالاشتىكى كېيىنچە كوشىر(6) ئۇسۇلى kocher’s method دەپ ئاتالغان ئۇسۇلنى ۋە كېيىنچە ۋالچېر ھالىتى walcher position دەپ ئاتالغان تۇغدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. زەھراۋىينىڭ كىتابى ئېغىز بوشلۇقى داۋالاش سايمانلىرىنى، نائۇر (قان ئۇيۇماسلىق) ھېيموفولىيا Hemophilia كېسىلىنىڭ ئىرسىيەتلىك تەبىئىتىنى خاتىرىلىگەن تۇنجى كىتابتۇر(7). زەھراۋىي كىتابىدا يەنە فرانسىيەلىك جەرراھ ئامبروز پارە Ambroise Paré (1509 – 1590) دىن 600 يىلچە بۇرۇن قان توختىتىش ئۈچۈن قان تومۇرنى يىپەك يىپ بىلەن باغلاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان(8). ئوپېراتسىيەلەردە مۈشۈك ئۈچىيىدىن ياسالغان يىپلارنى ئىشلەتكەن، چۈنكى ئۇ ئېرىپ پارچىلىنىدىغان ۋە ئىنسان تېنى قوبۇل قىلىدىغان بىردىنبىر تەبىئىي ماددا ئىدى. زەھراۋىينىڭ تېخنىكىلىرى ھازىرقى زامان تېبابىتىدىمۇ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

بۈيۈك ئالىم ئەبۇلقاسىم زەھراۋىينىڭ كىتابىدىكى تېخىمۇ كۆزگە كۆرىنەرلىك نۇقتا شۇكى، ئۇ كىتابىدا تېبابەتنىڭ ماددىي تەرىپىگىلا كۆڭۈل بۆلمەستىن، بەلكى دوختۇر بىلەن بىمار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجابىي مۇناسىۋەتنىڭ زۆرۈرلۈكىگىمۇ ئىشارە قىلغان. ھازىرقى زامان تەجرىبىلىرىمۇ دوختۇر بىلەن بىمار ئوتتۇرسىدىكى ئاكتىپ مۇناسىۋەتنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. بۇنى مۇسۇلمان ئالىمىمىز بۇنىڭدىن مىڭ يىلچە بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان. زەھراۋىي يەنە ئوقۇغۇچىلىرىنى «بالىلىرىم» دەپ ئاتىغان، بۇ ئۇنىڭ ئالىيجانابلىقى، يۈكسەك ئەدەپ – ئەخلاقى ۋە كەمتەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

دورىگەرلىك ئىلمىگە كەلسەك، زەھراۋىي سۇيۇقلۇقنى پارغا ئايلاندۇرۇپ سوۋۇتۇش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق دورا تەييارلاشتا باشلامچى بولغانىدى. ئۇنىڭ Servitoris liber دېگەن نامدا لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابى مۇرەككەب دورا ئۆسۈملۈكلەردىن خام ئەشيا تەييارلاش ئۇسۇللىرىنى ئىنچىكە چۈشەندۈرگەنلىكتىن زور ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر(9). زەھراۋىي يەككە ۋە مۇرەككەب دورىلاردىن خەۋەردار ئىدى(10).

زەھراۋىي بالىياتقۇ سىرتىغا ئورۇنلىشىپ قالغان ھامىلىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن تۇنجى دوختۇر؛ قاناشقا مايىللىق كېسىلىنىڭ ئىرسىي تەبىئىتىنى بايقىغان تۇنجى دوختۇر؛ يەنە يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىشنى سۈپەتلىگەن تۇنجى دوختۇر بولۇش بىلەن بىرگە، شۇ پىكىرنىڭ ئىگىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىجادچىسىدۇر؛ بۇرۇنقى دوختۇرلار خەتەرلىكلىكىدىن پېتىنالمىغان كاناينى كېسىپ شىلانكا سېلىش ئوپېراتسىيىسى (tracheotomy) دەك قىيىن ئوپېراتسىيەلەرنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قىلغان؛ يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردا بولىدىغان تاشقى سۈيدۈك يولىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشىنى داۋالاش ئۈچۈن ناھايىتى ئىنچىكە بىر سايماننى كەشپ قىلىپ چىققان؛ شۇنىڭدەك، كۆكرەك بوشلۇقىدىن ۋە چوڭقۇر يارىلاردىن قاننى تولۇق چىقىرىپ تاشلاشتا ئۇتۇق قازانغان. زەھراۋىي يارىنى تىكىش ئۈچۈن مەخسۇس يىپلارنى ياسىغان ۋە ئۇنى ئۈچەي ئوپېراتسىيىسىدە ئىشلەتكەن تۇنجى دوختۇر؛ ئىككى يىڭنە ۋە پۇختا بىر يىپ بىلەن ئىچكى تىكىش ئېلىپ بارغان تۇنجى دوختۇر؛ ئادەتتىكى ھەسەل ئىچىملىكىنى تىندۇرۇشتا كۆمۈر ئىشلەتكەن تۇنجى دوختۇر؛ تارىختا دورا كاپسۇلى ياساش ئۈچۈن مەخسۇس قېلىپ ئىشلەتكەن تۇنجى دوختۇر؛ بوغۇم ياللۇغى ۋە بەل ئومۇرتقىسى شالاڭلىشىش ھەققىدە ئىزدەنگەن تۇنجى دوختۇر؛ قان توختىتىش ئۈچۈن پاختا ئىشلەتكەن تۇنجى دوختۇر؛ شۇنداقلا ھازىرغىچە دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان دورىلىق چاپلاقنى ياسىغان تۇنجى دوختۇردۇر.

ئەرەب تېبابىتى تارىخچىسى، ئىنگىلىز دوختۇر دونالد كامبېل Donald Campbell (1735 – 1808) زەھراۋىينىڭ ياۋروپاغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى مۇنداق دەپ سۈپەتلىگەن: «زەھراۋىينىڭ ئۇسۇللىرى گالىنۇس Claudius Galenus (129 – 216) نىڭ ئۇسۇللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى ۋە ياۋروپادا 500 يىل مۇھىم ئورۇن تۇتتى. شۇنىڭدەك، خىرىستىيان ياۋروپادا تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردىمى بولدى»(11). 14 – ئەسىردىكى فرانسىيەلىك تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى گۇيدۇ چۇلىياك Guy de Chauliac (1300 – 1368) زەھراۋىينىڭ «التصريف لمن عجز عن التأليف (تېبابەت ئىلىملىرىنى جەملىيەلمىگەنلەر ئۈچۈن تۈرلىرىنى بايان قىلىش)» دېگەن كىتابىدىن 200 قېتىمدىن ئارتۇق نەقىل ئالغان([12]). پېترو ئارگالاتا Pietro Argallata (ۋاپاتى م. 1423) زەھراۋىينى: ««شۈبھىسىزكى، ئۇ بارلىق تاشقى كېسەل دوختۇرلىرىنىڭ رەئىسىدۇر» دەپ تونۇشتۇرغان. زەھراۋىينىڭ تەسىرى ياۋروپانىڭ گۈللىنىش دەۋرىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، فرانسىيەلىك تاشقى كېسەل دوختۇرى جاك دىلچامپ Jaques Delechamps (1513 – 1588) ئۇنىڭ كىتابىدىن نەقىل ئالغان([13]). ئىسپانىيە زەھراۋىينىڭ قورتۇبەدىكى ئۆيى جايلاشقان كوچىغا ئۇنىڭ ئىسمىنى قويۇش بىلەن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىمەكتە.

بۇ بۈيۈك مۇسۇلمان ئالىم شۇنچە يۇقىرى تالانت ئىگىسى بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرىنىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال ئاللاھنىڭ تەۋپىقىغا يوشۇرۇنغانلىقىغا چىن پۈتەتتى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ پەرز ئەمەللىرىگە ئەھمىيەت بېرەتتى ۋە ئاللاھنىڭ تائىتىگە ھېرىس ئىدى. ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ شاگىرتى ئەلئەندەلۇسلۇق ئىمام ھۇمەيدىي (ھـ. 420 – 488 / م. 1029 – 1095) ئۆز كىتابى «جذوة المقتبس في ذكر علماء الأندلس (ئەندەلۇس ئالىملىرىنىڭ تارىخىدىن ئېلىنغان چوغلار)»دا ئۇنى: «ئۇ پەزىلەت، دىيانەت، ئىلىم ئەھلىدىن ئىدى» دەپ سۈپەتلىگەن.

بۇ گىگانت مۇسۇلمان ئالىمنىڭ بەزى ئۇتۇقلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، بىز ئۆز ھالىمىز توغرىسىدا بىر ئاز ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك. ئەجەبا، بىزنىڭ «ئوقۇ» دىن ئىبارەت مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۇنجى كەلگەن ئىلاھىي بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرىدىغان ۋاقتىمىز تېخى كەلمىدىمۇ؟!

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

————-
1. Ahmad, Z. (St Thomas‹ Hospital) (2007), «Al-Zahrawi – The Father of Surgery», ANZ Journal of Surgery, A83, 77 – بەت.
2. al-Zahrāwī, Abū al-Qāsim Khalaf ibn ʻAbbās; Studies, Gustave E. von Grunebaum Center for Near Eastern (1973). Albucasis on surgery and instruments. University of California Press.
3. «ئىبنى ھەزم رىسالىلىرى» 2/185.
4. D. Campbell, Arabian Medicine and Its Influence on the Middle Ages, .3 – بەت
5. قاراڭ: Albucasis (Doctor – the Father of Modern Surgery).
6. ئەمىل تيودور كوچېر Emil Theodor Kocher (1917 – 1841) شىۋىتسىيەلىك تېبابەت ئالىمى. 1909 ­يىلى قالقانسىمان بەزنى داۋالاش، فىزىئولوگىيە ۋە پانئولۇگىيە تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە تېبابەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
7. Patricia Skinner (2001), Unani-tibbi, Enciclopedia de Medicina Alternativa.
8. Shevel, E (2004 Apr). «Role of the extracranial arteries in migraine headache: a review». Cranio : the journal of craniomandibular practice. 22 (2): 132–6.
9. A Pharmaceutical View of Abulcasis Al-zahrawi in Moorish Spain. Brill Archive. 19 – بەت
10. ئىبنى ئەبى ئۇسەيبىئە: «ئۇيۇنۇل ئەنباﺋ في تاباقاتىل ئەتىبباﺋ»، 52 – بەت.
11. Campbell, Donald (2001). Arabian Medicine and Its Influence on the Middle Ages: Trubner’s Oriental Series. London: Routledge. 88 – بەت.
12. كىتابنىڭ ئىسمى: The Major Surgery. 1363 – يىلى يېزىلغان.
13. Hayes, John Richard. The Genius of Arab civilization: source of Renaissance . 200 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ