مۇھەددىسلەر سەردارى ئىمام بۇخارىي

مۇھەددىسلەر سەردارى ئىمام بۇخارىي

(ھ. 194 – 256 / م. 810 – 870)

 

«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى ئىلىمدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھنىڭ زىيادە قىلىپ بېرىشىنى سوراشقا رىغبەتلەندۈرمىگەن بولۇپ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىلىم ھەققىدە: ﴿«ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى كۆپەيتىپ بەرگىن» دېگىن﴾(20/«تاھا»: 114) دېگەن.

يەنە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇئمىنلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى دىندا ئالىم بولۇشقا قىزىقتۇرۇپ: ﴿مۇئمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى لايىق ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىقتى)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە (نېمىشقا ئىلىم ئۆگىنىشكە) چىقمىدى؟﴾(9/«تەۋبە»: 122) دېگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پاك سۈننىتىدە نۇرغۇن ھەدىسلىرى ئارقىلىق ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىغا كۆپ مۇكاپاتنى ۋەدە قىلىپ: «كىمكى ئىلىمنى كۆزلەپ بىر يولدا ماڭىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەت يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ»(1) دېگەن.

ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ كاتتىلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەجرىنىڭ زورلۇقىغا دالالەت قىلىدىغان بۇنىڭدىن باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەرمۇ بار.

شۈبھىسىزكى، دىن ۋە دۇنيا ياخشىلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىلىم ئىلىملەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. ھەدىس ئىلمى ئەنە شۇنداق ئىلىملەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا: ﴿قىيامەت كۈنىدە ھەممە ئادەمنى ئۇلارنىڭ ئىمامى(2) بىلەن چاقىرىمىز﴾(17/«ئىسراﺋ»: 71) دەيدۇ.

ھەدىس ئەھلى ئۈچۈن ئەنە شۇنىڭدىنمۇ شەرەپلىك بىر مەرتىۋە يوقتۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقا ئىمامى يوق.

بۇ ئۈممەت ئىچىدىن بىر تۈركۈم بۈيۈكلەر مۇشۇ ئىلىمنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلار سۆيۈملۈك جانابىي پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىنى قونۇپ قالغان چاڭ – توزانلاردىن تازىلاش ئۈچۈن، تۈنلىرىنى بىدار ئۆتكۈزگەن. ئۇلار بىرەر ھەدىسنى ئاڭلىسىلا، ئۇنىڭ سەھىھ ياكى زەئىفلىكىنى ۋە شۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىكى ئىللەتلەرنى بىلىۋالغۇدەك دەرىجىدە، بۇ ساھەدە پىشىپ كامالەتكە يەتكەن. نەتىجىدە، بۇ ساھەدە بارلىق ئىنسانلارنى بېسىپ چۈشۈپ تەڭداشسىز كىشىلەرگە ئايلانغان. شۇنداقلا بۇ ئىلىم ئۈچۈن ئىنچىكە قانۇنىيەتلەرنى ۋە قىممەتلىك كىتابلارنى تۈزگەن.

ھەدىس سەركىلىرى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ بىرى ئىمام بۇخارىي ئەنە شۇ بۈيۈكلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىندۇر. تۆۋەندە بىز ئىمام مۇسلىم «ھەدىس ئىللەتلىرى دوختۇرى» دەپ سۈپەتلىگەن بۇ چاقنىغان يۇلتۇزنىڭ تەرجىمىھالىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل بۇخارىي بولۇپ، ھ. 194 / م. 810 – يىلى بۇخارادا تۇغۇلغان(3).

ئىمام بۇخارىينىڭ ھەدىستىكى ماھارىتى كىچىكىدىنلا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھەدىسنى تېزلا يادلىۋالىدىغانلىقى، چۈشەنچىسىنىڭ كەڭرىلىكى، سەۋرچانلىقى، زېھنىنىڭ ساپلىقى ۋە ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆپ سەپەر قىلغانلىقى بىلەن تونۇلغان. بۇ توغرۇلۇق ئۇ ئۆزى مۇنداق دەيدۇ: «شام، مىسىر ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى جەزىرە ئىقلىمىغا ئىككى قېتىم، بەسرەگە تۆت قىتىم باردىم، ھىجازدا ئالتە يىل تۇردۇم. ھەدىسشۇناسلار بىلەن باغداد ۋە كۇفەگە قانچە قېتىم بىللە بارغانلىقىمنى ھېسابلاپ بولالمايمەن»(4).

ئۇ ھەدىسنىڭ ئۇسلۇبلىرى ۋە نەسلىرىنى بىلىۋالغانغا قەدەر، مەيلى ئۆزىنىڭ يۇرتىدىكى ھەدىس شەيخلىرى بولسۇن ياكى ئەتراپتىكى يۇرتلاردىكى شەيخلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كۆپ باراتتى ھەمدە راۋىيلارنىڭ تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان جايلىرى ۋە ۋاقىتلىرىنى ئارخىپلاشتۇراتتى. ئاخىرى ئۇ بۇنىڭدا ۋايىغا يېتىپ، ھەممە گۇڭگىلىقلار ئۇنىڭغا روشەن بولۇپ كەتكەن ئىدى. شەيخلىرى ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى. ئۇنىڭ شەيخى مۇھەممەد ئىبنى سالام ئەلكىندىي: «بۇ بالا قېشىمغا كىرسىلا گاڭگىراپ قالىمەن. كاللامدا ھەدىسلەر ئارىلىشىپ كېتىپ، ئەندىشە ئىچىدە قالىمەن» دېگەن(5).

بۇخارىي مەككە مۇكەررەمەگە ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بېرىپ، شۇ يەردىكى ھەدىس ئىماملىرىدىن ھەدىس ئاڭلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەدىس ئۆگىنىش ئۈچۈن مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلىدۇ.

بۇخارىي كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا يېزىقچىلىق ساھەسىگە كىرگەن بولۇپ، 18 يېشىدىكى تۇنجى ئەسىرى «قضايا الصحابة والتابعين (ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ پەتۋا – ھۆكۈملىرى»دىن باشقا «التاريخ الكبير (چوڭ ھەجىمدىكى تارىخ)»، «التاريخ الأوسط (ئوتتۇرا ھەجىمدىكى تارىخ)»، «التاريخ الصغير (ئىخچام تارىخ)»، «الأدب المفرد (ئەلئەدەبۇل مۇفرەد)»، «القراءة خلف الإمام (ئىمامنىڭ كەينىدە قۇرئان ئوقۇش)»، «بر الوالدين (ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش)»، «خلق أفعال العباد (بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى يارىتىش)»، «الضعفاء (زەئىف راۋىيلار)»، «الجامع الكبير (چوڭ ھەدىس توپلىمى)»، «المسند الكبير (ساھابەلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنىڭ توپلىمى)»، «التفسير الكبير (چوڭ تەفسىر كىتابى)»، «الأشربة (ئىچىملىكلەر)»، «الهِبة (ھىبە)»، «أسامي الصحابة (ساھابەلەر ئىسىملىكى)»، «الوحدان (بىرلا ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابەلەر)»، «المبسوط (ئەلمەبسۇت)»، «كتاب العلل (رىۋايەتتىكى مەخپىي ئەيبلەر)»، «الكنى (كۇنيەلەر)»، «الجامع الصحيح (سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى)» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇلار ئىچىدە «الجامع الصحيح (سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى)» ئەڭ پايدىلىق ۋە قىممەتلىك بولغىنىدۇر(6).

تۇنجى ئەسىرى ھەققىدە ئۇ ئۆزى مۇنداق دېگەن: «18 ياشقا كىرگەن چېغىمدا، ‹قضايا الصحابة والتابعين (ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ پەتۋا – ھۆكۈملىرى)›نى يازدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ‹التاريخ الكبير (چوڭ تارىخ)›نى مەدىنەدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئايدىڭ كېچىلەردە يازدىم»(7).

ئۇ نۇقسانسىز ھالدا ھەدىس توپلىغان ۋە رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭدىن تىرمىزىي، ئەبۇ ھاتەم، ئىبراھىم ئىبنى ئىسھاق ئەلھەربىي، ئىبنى ئەبۇددۇنيا، ئەھمەد ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەبى ئاسىم، مۇسلىم ئىبنى ھەججاج نىيسابورىي، مۇھەممەد ئىبنى نەسر مەرۋەزىي، جەزەرە، مۇتەييەن، ئىبنى خۇزەيمە، ئەبۇ قۇرەيش مۇھەممەد ئىبنى جۇمۇئە، ئىبنى سائىد، ئىبنى ئەبۇ داۋۇد، ئەلفەرەبرىي، ئەبۇ ھامىد ئىبنى شەرقىي، مەنسۇر ئىبنى مۇھەممەد ئەلبەزدەۋىي ۋە ئەلمەھامىلىي قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا شاگىرت بولغان ۋە ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان(8).

بۇخارىي (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!) مەيلى ھەدىسنىڭ سەنەدى ياكى مەتنى بولسۇن، ھەدىس يادلاشتا، ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى زەئىفلىكىنى ئايرىشتا ھېچكىم ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدىغان ۋە بەسلىشەلمەيدىغان ھالغا كەلگەن ئىدى. ئۇ كەسىپتە پىششىق ۋە ماھىر بولۇش بىلەن بىرگە، كۈچلۈك يادلاش قابىلىيىتىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ئىدى.

بىر قېتىم ئۇ سەمەرقەندكە بېرىپ، 400 نەپەر ھەدىس ئالىمى بىلەن بىر يەرگە يىغىلدى. ئۇلار ھەدىسنىڭ سەنەد ۋە مەتىنلىرىنى ئالماشتۇرىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن ئىمتىھان ئېلىۋىدى، ئۇ ھەربىر ھەدىسنى ئۆزىنىڭ سەنەدى بىلەن باغلىدى. ئۇلار مەتىن ۋە سەنەدتە ئۇنىڭدىن بىرەرمۇ سەۋەنلىكنى تاپالماي، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقان ئىدى. شۇنداقلا يەنە، ئۇنىڭ كىتابقا پەقەت بىر قاراپلا يادلىۋالىدىغانلىقىمۇ رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان.

ئۇنىڭ شەيخلەردىن ھەدىس ئاڭلاش ئۈچۈن بارغان ئىسلام يۇرتلىرى نۇرغۇن بولۇپ، مەككە، باغداد، بەسرە، كۇفە، شام، ئەسقەلان، ھۇمۇس، دەمەشق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يۇرتلارنىمۇ زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ ھەدىس ئاڭلىغان شەيخلىرى تۆۋەندىكىچە: ئەففان، مەككەدە مۇقرىي، بەسرەدە ئەبۇ ئاسىم بىلەن ئەنسارىي، كۇفەدە ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مۇسا، شامدا ئەبۇ مۇغىيرە ۋە ئەلفىريابىي، ئەسقەلاندا ئادەم، ھۇمۇستا ئەبۇ يەمان، دەمەشقتە ئەبۇ مۇسھىر قاتارلىقلار.

ئاللاھ ئىمام بۇخارىيغا رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان چوڭ ھەدىسشۇناسلار ۋە ئالىملار مەدھىيە ئوقۇغان ھەمدە ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى ئېتىراپ قىلىشىپ، ئۇنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ۋە ئىلمىي سالمىقىنى، بولۇپمۇ، ئىسنادلارنى بىلىش ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى كۆپ يادلاش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) ئۇ توغرۇلۇق: «خۇراساندىن ئۇنىڭدەك بىر كىشى چىقىپ باقمىغان» دېگەن. ئىبنى مەدىينىي: «بۇخارىي ئۆزىگە تەڭداش بىرەرىنى ئۇچرىتىپ باقمىغان» دېگەن. مەھمۇد ئىبنى نەزر ئىبنى سەھل شافىئىي ئېيتىدۇ: «مەن بەسرە، شام، ھىجاز، كۇفە قاتارلىق يەرلەرگە باردىم ۋە ئۇ يەرلەرنىڭ ئۆلىمالىرىنىمۇ كۆردۈم. مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل بۇخارىينىڭ گېپى چىقىپ قالسىلا، ئۇلار ئۇنى ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن كۆرىشىدىكەن». ئەھمەد ئىبنى ھەمدۇن ئەلقەسسار ئېيتىدۇ: «مەن مۇسلىم ئىبنى ھەججاجنىڭ بۇخارىينىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆيگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ: ‹ئەي ئۇستازلارنىڭ ئۇستازى، ھەدىسشۇناسلارنىڭ پېشۋاسى، ھەدىس ئىللەتلىرى دوختۇرى! مېنى ئىككى پۇتۇڭنى سۆيگىلى قويغىن› دېگەنلىكىنى كۆردۈم»(9).

تىرمىزىي: «مەن ئىراق ۋە خۇراساندا ھەدىسنىڭ ئىللەتلىرىنى، تارىخىنى ۋە ئىسنادلارنى بىلىشتە بۇخارىيدىنمۇ بىلىملىك بىرىنى كۆرمىدىم» دېگەن. ئىبنى خۇزەيمە: «مەن يەر يۈزىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل بۇخارىيدىنمۇ كۆپ بىلىدىغان ۋە كۆپ يادلىغان بىرىنى كۆرمىدىم» دېگەن(10).

شۇنچە ئۇلۇغ ئالىملار ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى باشقا كۆپلىگەن ياخشىلارغا ئوخشاشلا، ئۇمۇ يامان غەرەزلىك كىشىلەردىن قۇتۇلالمىغان. ئاللاھ بۇخارىيغا رەھمەت قىلسۇنكى، ئەمىرلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بالىلىرىغا تەلىم بېرىپ، دەرسلىرىنى تىڭشاپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلماي رەت قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ كۈلپەتلىرى باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ رەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىلىم ئۆگەنمەكچى بولغان كىشى ئىلىمنىڭ ئالدىغا ئۆزى كېلىشى كېرەك ئىدى. ئىلىم نەدە بولسا، ئىلىمنى ئىزدەپ شۇ يەرگە بارىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ «ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى، ئىلىم ئىزدىگۈچى» دەپ ئاتالغان. نەتىجىدە، بۇ ئىش ھېلىقى ئەمىرنىڭ كۆڭلىدە غۇم بولۇپ ساقلىنىپ قالغان ئىدى. ئەمىر تۇيۇقسىز مۇھەممەد ئىبنى يەھيا زۇھلىيدىن بۇخارىينىڭ «قۇرئاننىڭ ئىبارىسى يارىتىلغۇچىدۇر» دېگەنلىكى توغرىسىدا بىر مەكتۇبنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ – دە، شۇ باھانە بىلەن كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن ھەدىس ئاڭلاشتىن توسۇپ، ئۇنى تۇرۇۋاتقان يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇرتىدىن چىقىپ كېتىپ، سەمەرقەندتىن ئىككى فەرسەخ يىراقلىقتىكى خەرتەڭ دېيىلىدىغان بىر يۇرتقا بارىدۇ ۋە ئۇ يەردىكى ئۆزىنىڭ بىر قىسىم يېقىنلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق فىتنەلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، «(ئى ئاللاھ!) بىر قەۋمگە فىتنەنى ئىرادە قىلساڭ، مېنى فىتنەگە چۈشۈپ قالمىغان ھالىتىمدە ۋاپات تاپقۇزغىن» دېگەن ھەدىسكە(11) ئاساسەن، ئاللاھنىڭ ئۆزىنى فىتنەگە چۈشمىگەن ھالىتىدە ۋاپات تاپقۇزۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ.

ئاخىرقى كېسەل ھالىتىدە، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، روزى ھېيت كېچىسى خۇپتەن نامىزى ۋاقتىدا ۋاپات تاپقۇزىدۇ. ھ. 256 / م. 870 – يىلى ھېيت كۈنى پېشىندىن كېيىن ئۇنىڭغا ناماز ئوقۇلىدۇ. قازا قىلغاندا ئۇ 62 ياشتا ئىدى(12).

ئاللاھ بۇ ئۇلۇغ ئىمامغا رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىگە قەدەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى قوغدىدى، دۇنيانىڭ قىزىقتۇرۇشلىرى ۋە فىتنەلىرى ئارقىسىدىن يۈگۈرمەي، ئۆز بۇرچىنى ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئورۇنلاپ كەتتى. ئۇ بىر مۇسۇلمان قالدۇرالايدىغان ئەڭ بۈيۈك بىر سەدىقە جارىيەنى، بىر مۇئمىن قالدۇرالايدىغان ئەڭ ئۇلۇغ بىر مىراسنى قالدۇرۇپ كەتتى.

 

مەنبە: www.alukah.net

تەرجىمىدە: زۇلپىقار

———-
1. «تىرمىزىي»، (2646). ئەلبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. بۇ ئايەتتىكى «ئىمام» سۆزى: پەيغەمبەر، نازىل قىلىنغان كىتاب ۋە نامەئى ئەئمال دەپمۇ تەفسىر قىلىنغان.
3. أبو الفضل محمد بن طاهر المقدسي وأبو بكر محمد بن موسى الحازمي: «شروط الأئمة الستة»، دار الكتب العلمية، بيروت – لبنان، الطبعة الأولى، 1405 – 1984، 10 – بەت.
4. محمد محمد أبو زهو: «الحديث والمحدثون»، طبع الرئاسة العامة لإدارات البحوث، ط2، 1404 – 1984، 354 – بەت.
5. مجلة الأمة، عدد شوال 1402هـ، 50 – بەت.
6. محمد محمد أبو زهو: «الحديث والمحدثون»، 356 – بەت.
7. مجلة الأمة، عدد شوال 1402هـ، 50 – بەت.
8. محمد محمد أبو زهو: «الحديث والمحدثون»، 354 – بەت؛ منهج الإمام البخاري في تصحيح الأحاديث وتعليلها؛ إعداد أبو بكر كافي، دار ابن حزم، ط1، 1421 – 2000م، 455 – بەت
9. خەتىب باغدادىي: «تارىخۇ باغداد»، 15/124؛ ناسىرۇددىن دىمەشقىي: «تەۋزىھۇل مۇشتەبەھ»، 5/496؛ ئىبنى ئەساكىر: «تارىخۇ مەدىنەتى دىمەشق»، 52/68؛ نەۋەۋىي: «تەھزىبۇل ئەسمائى ۋەللۇغات»، 1/74.
10. محمد محمد أبو زهو: «الحديث والمحدثون»، 354 -، 355 – بەتلەر.
11. «مالىك»، 508.
12. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 11/33.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ